VR!}ALjQ قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەك بىلەن شىنجاڭنىڭ ئارىلىقى ناھايىتى يېقىن،ئۈرۈمچىدىن ئايرۇپىلان بىلەن تەڭرىتاغنى بويلاپ ماڭسىڭىز بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتا قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتىكى ماناس خەلقئارا ئايرۇدۇرۇمىغا يېتىپ بارالايسىز. بىشكەك خەلقئارا ئايرۇدۇرمىدا ئامىرىكا ئايرۇپىلانلىرى ۋە ئامىرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھەربى گازارمىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.مانا بۇ 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن ئامىرىكا بۇ يەردە قۇرغان گەنشى ھاۋا ئارمىيە بازىسى.
~ QLyR^ قىرغىزىستان روسىيىنىڭ ئارقا ھويلىسى، ئەگەر 11-سىنتەبىر ۋەقەسى بولمىغان بولسا ئامىرىكىنىڭ بۇ يەردە ھەربى بازا قۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
BJa\B 2)U ئامىرىكىنىڭ بۇ يەردە ھەربى بازا قۇرۇشى بىر چاممىدا ئىككى پاختەك سوققاندەك
ئىش:1،بۇ ئارقىلىق روسىيىنىڭ جەنۇبىغا يىقىنلاشتى.2،جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايۇنىغا بىۋاستە تەھدىد سالدى.ئامىرىكىنىڭ ھەربى بازىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ئۈچۈن قىرغىزىستاندىن ئايرۇدۇرۇم ئەتراپىدىكى 300گىكتار يەرنى تەلەپ قىلغانلىقى خەۋىرى يېقىندا تارالدى.ئۆزبىكىستان فەرغانە ئاگىنىتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،ئامىرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبى ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى جورچ كىلورنىڭ بۇيىل 6-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 22-كۈنىچىگىچە قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولىشىدىكى مەقسىتى دەل ئامىرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىشكەك قاناس ئايرۇدۇرۇمىدا تۇرۇش كۆلىمىنى كىڭەيتىش ئۈستىدە كىڭىشىش ئىكەن. قىرغىزىستانلىق بىر ئەرباپ مۇنداق دىدى:ئەگەر قىرغىزىستان ئامىرىكىنىڭ تەلىۋىگە قوشۇلسا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسى ئومۇمى بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى زىيانغا ئۇچرايدۇ.
SpNC=Ag4 گەرچە جورچ كىلور ئامىرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىشكەكتە تۇرۇشلۇق ئامىرىكا ئارمىيىسىنى كىڭەيتىش مەقسىتى يوق دىگەن بولسىمۇ ئەمما ئامىرىكىنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىۋانوۋىچ يېقىندا ئامىرىكا پەقەت ئىجارە ئالغان يەردە يەنە بىر ئايرۇپىلان توختۇتۇش سۇپىسى قۇرماقچى دىدى.
2AcR.=A"
J ھەربى بازىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئامىرىكىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستىراتىگىيىلىك نىشانى.ھازىر قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادى ۋەزىيىتى كەسكىن، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ئامىرىكىنىڭ تەلىۋىگە قوشۇلامدۇ يوق؟ بۇنىڭغا ۋاقىت جاۋاپ بەرگۈسى.
yFF~ws5E dS*zO!O C;),p)d#K مەنبە:
http://news.qq.com/a/20080805/003073.htm