سەلكىن ئالاھىدە تەۋسىيىسى

7 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىكى ئۈرۈمچىدىكى سەلكىنداشلار ئۇچۇرشىشىنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە كۆڭۈللۈك بولغانلىقىدىن ھەممىمىز سەلكىن مۇنبىرى ئارقىلىق خەۋەر تاپتۇق . شۇ كۈندىكى ئۇچىرشىشقا قاتناشقان ۋەتەن ، پارول ، ئالىپتىكىن ، قاتىل 47 ، قورغان 213 ، چىمچىلاق ، نۇرلان 805 ، يولۋاسچاق ، قارا ئەتتىرگۈل ، يۇلغۇنئوغلى ، سۈبىھىدىكى ياپراق ، يۇلتۇز 0991 ، زۇلىرە ، پارتىيە ، ئىستىخفار ، ھەسرىتى ، نەۋقىران قاتارلىق دوسلارنىڭ ئۇنتۇلماس ساخاۋىتىدىن ئىنتايىن تەسىرلەنگەن دادا سەلكىن شىركىتىگە كېلىپ بارلىق سەلكىنداشلارغا بولغان چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈردى ھەم ئۆز مىننەتدارلىقىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بولالماي يىغلاپ تۇرۇپ قايتا - قيتا چوڭقۇر رەھمەتلەرنى بىلدۈردى .
سۈبىھىنۇرنىڭ دادىسى سالامجان ئاكا ئۆزىنىڭ تور ساھەسىدە ئانچە كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيدىغانلىقى ، شۇڭا بىزگە ،ئاشۇ ساۋەتلىك كىشىلەرگە بولغان چوڭقۇر رەھمىتىنى ئۆزىگە ۋاكالىتەن بىلدۈرۈپ قويىشىمىزنى قايتا - قايتا تاپىلىدى .
بىز سەلكىن خىزمەتچىلىرى سالامجان ئاكا بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا سۈبىھىنىۇرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بولدۇق . < جىددىي خاراكتېرلىك لىمفا ھۈجەيرىسى ئاق قان كېسىلى > گە گىرىپتار بولغان سۈبىھىنۇرنىڭ بىر قورساق قېرىندىشى تۇغۇلىشىغا بىر ئايمۇ ۋاقىت قالماپتۇ . دوختۇرلار تەيۋەن ۋە كورىيەدە قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئۇسۇل : << بىمارغا يېڭى تۇغۇلغان ئۆز قېرىندىشىنىڭ كىندىك قېنىنى سېلىش >> ئارقىلىق < ئاق قان كېسىلى > نى داۋالاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ داۋالىماقچى بولغان . بۇ خىل كېسەل بىلەن ساقىيالمىغان كىشىلەر نۇرغۇن بولسىمۇ ، ئەمما ، ئاللانىڭ شاپائىتى بىلەن سۈبىھىنۇرنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولىشى بىلەنلا سۈبىھىنۇرنىڭ ئاپىسى ھامىلىدار بولۇپ قالغان . دېمەك ، ئەگەر شارائىت يار بەرسىلا سۈبىھىنۇرنى بۇ كېسەلدىن قۇتقۇزۇۋالغىلى بولىدىكەن . بۇخىل داۋالاشتا بەزى يىلىك كۆچۈرۈش ئوپېرتسىيىسىگە ئوخشاش نەچچە يىلدىن كېيىن يەكلەش ئالامىتى كۆرۈلمەيدىكەن . سۈبىھىنۇرنىڭ ئاپىسىنىڭ كۆزى يورۇشقا بىر ئايمۇ ۋاقىت قالمىدى . ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن شاڭخەيگە بېرىپ بولىشى كېرەك . ئەمما ، پۈتكۈل داۋالىنىش جەريانىغا 360000 ( ئۈچ يۈز ئاتمىش مىڭ ) يۈەن كېتىدىكەن . ھازىر ساخاۋەتلىك كىشىلەردىن يىغىلغان پۇل 8000 (سەككىز مىڭ ) يۈەن ئۇلار قىزىنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن بارلىق بىساتى ۋە بىردىنبىر مۈلۈكى بولغان ئۆيىنىمۇ سېتىپ ئىشلىتىپ بولغان . ۋاقىتنىڭ شۇنداق قىستاپ كېلىشى، داۋالىنىشقا كېتىدىغان پۇلنىڭ ناھايتى كۆپ ئىكەنلىكى بۇ ياش ئاتا - ئانىنى تولىمۇ گاڭگىرىتىپ قويغان . بۇ ياش ئاتا قىزىنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر بۆرىكىنى ساتماقچى بولدى . ئەمما ، بۇنىڭ بىلەنمۇ بۇ پۇلنى ھەرگىز تولدۇرغىلى بولمايدۇ ، ئۇلارنىڭ ئەمدى چىقارغۇدەك ھىچقانداق بىساتى قالمىدى .
ئۇلار ھازىر تولىمۇ جىدىيلەشمەكتە . چۈنكى ۋاقىت شۇنچە قىستاپ قالدى . دوختۇرلار يەنە سۈبىھىنۇرنىڭ ئاپىسىنىڭ قىزىغا قاراش جەريانىدا ئىش - ھەرىكىتىنىڭ ئىنتايىن كۆپ بولىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن بالىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ . دېگەن .
بۇنداق ئىشلارنى ئاڭلىغىنىمىزدا ھەمىمىز ئەلۋەتتە ئۇلۇغ ئاللادىن شۇ ئاجىزلارغا شىپالىق بېرىشىنى ، يار يۆلەكتە بولىشىنى ، ئاللانىڭ قۇدرىتى بىلەن مۆجۈزە يۈز بېرىشىنى تىلەيمىز . يەنە نۇرغۇن ياخشى ھەم چىرايلىق ئىبارىلەر بىلەن ئۇلارغا ئامانلىق تىلەيمىز :
قارىغاندا ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ بۇ نارىسىدىگە بولغان شاپائىتىنى ، ساخاۋىتىنى ، ئىئانىسىنى . . . ئاللىقاچان بىرىنچى بولۇپ ئاتا قىلىپ بوپتۇ . چۈنكى ، بىرى < جىددىي خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى > گە گىرىپتار بولۇشىغا ئۈلگۈرۈپ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قېلىشى - مانا بۇ مۆجۈزە . بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق شاپائەت ، ساخاۋەت ۋە ئىئانە بولماس ! مانا بۇ ئاللانىڭ ئاشۇ نارىسىدىگە قىلغان ھىممىتى . چۈنكى بۇ كېسەلنى پەقەت ئۆز قېرىندىشىنىڭ كىندىك قېنى ئارقىلىقلا داۋالىغىلى بولىدىغان تۇرسا ، دېمەك ، ئاللا ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك ھەم ساخاۋەتلىك قولىنى ئاللىقاچان سۇنۇب بولدى ، ئۇلۇغ بىر قۇدرەتنى كۆرسىتىپ بولدى يەنە شۇنداق بىر مۆجۈزىنى يارىتىپ بولدى ، ئۇلۇغ بىر قۇدىرىتىنى كۆرسىتىپ قالغىنىنى ئۆز مۆمىنلىرىگە تاپشۇرغانلىقى ھەمىمىزگە ئايان بولدى :
بىز سۈبىھىنۇرنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ۋاكالىتەن بارلىق ساخاۋەتلىك كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ چوڭقۇر مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈمىز ، بارلىق ياخشى تىلەكلەر سىلەرگە مەڭگۈ يار بولغاي !
شۇنىڭ بىلەن بىللە بىز يەنە، بارلىق تورداشلارغا ۋە پۈتلۈك جەمئىيەتكە شۇنداق مۇراجەت قىلىمىزكى ! ئەمدىلا يەتتە ياشقا كىرگەن بۇ سەبىنىڭ ۋاقىتسىز توزۇپ كېتىشىگە ھەرگىز قاراپ تۇرمايلى ! ھەممىمىز بىر غەيرەتكە كېلىپ ئەمەلىي ياردىمىمىز بىلەن بۇ سەبىنى ، شۇم ئەجەلنىڭ قولىدىن تارتىۋالايلى . ئاز - كۆپ دېمەي ھەممىمىز بىر چىقىرىشىپ باقايلى . << تاما - تاما كۆل بولار >> دېگەن گەپ بارغۇ ؟! 360 مىڭ يۈەن گەرچە ئاز پۇل بولمىسىمۇ ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 200000000000 ( ئىككى يۈز مىليارد ) يۈەن زىيانغا ئۇچىغان سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى خەلىققىمۇ ھەممە بىردەك ئىتىپاقلىشىپ ئىئانە توپلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغاقەدەم بېسىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىلدىغۇ ؟ يەنە بىر قېتىم شۇنداق غەيرەت قىلىپ باقايلى .
بىز يەنە بۇ مۇراجەتنامىنى خەنزۇتىلى ، ئىنگلىزتىلى ، ئەرەبتىلى قاتارلىق بىر قانچە خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىپ شۇ تىلدىكى تور بەتلەرگە يوللىماقچى ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۈبەيدىكى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارمۇ سالامجان ئاكىغا تېلېفون قىلىپ سۈبىھىنۇرنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرۋېتىپتۇ ، ۋە قولىدىن كېلىشىچە سۈبىھىنۇرنىڭ ھازىرقى خىمىيىلىك داۋالىنىشىغا ياردەم قولىنى سۇنىۋېتىپتۇ . ئۇلار شۇنچە يىراق يەرلەردە تۇرۇپ شۇنچە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يەردە بىزمۇ ئەلۋەتتە قاراپ تۇرمايمىز !
قېنى ئەزىز قېرىنداشلار ھەمىمىز بىر غەيرەت قىلىپ باقايلى ! دوختۇرخانىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلىرى
سودا - سانائەت بانكىسى : 6222023002004928506 苏比努尔.沙拉木
يېزا - ئىگىلىك بانكىسى : 6228483690179573717 沙拉木.加帕尔
جوڭگۇ بانكىسى : 4563518300025256175 沙拉木.加帕尔
سالامجان
تېلېفۇن:15981748355 (ئۈرۈمچى )
تېلېفۇن:-8112556-0995 (تۇرپان)
ھۆرمەتلىك تۇرداش ئەگەر مۇمكىن بولسا بۇ تىمىنى باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ كۆچۈرۈپ قويۇڭ .
[ بۇ يازما زىبائاي تەرپىدىن 2008-08-23 11:38 دە قايت ]