« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: توتېمنىڭ ئۇنتۇلۇشى ۋە زامانىۋى كەمتۈكلۈك IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 1422 قېتىم كۆرۈلدى
شەرىقلىق
ئالپ تېكىن
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 7865
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1016
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1016دانە
شۆھرەت: 3196 كىشىلىك
پۇل : 2360 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1502 نۇمۇر
قوللاش: 1198 نومۇر
ئالقىش: 2721 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :1988(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 توتېمنىڭ ئۇنتۇلۇشى ۋە زامانىۋى كەمتۈكلۈك

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما باغۋەن تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-07-30)
[/rm]            توتېمنىڭ ئۇنتۇلۇشى ۋە زامانىۋى كەمتۈكلۈك u]lrqz  
k9@qy*t  
qX1Q@bE  
بىز سىقىلغان بوشلۇق ئىچىدە ياشىماقتىمىز . بۇ بوشلۇقتىن ھامان ئىپتىدائىي ئورمانلاردىكى غۇۋا بارابان ساداسى ياڭراپ تۇرىدۇ .  l46}Fuk>3(  
                             م   .  ك  ھلبۇرىيىت -5(r)bPDz  
GmNFr!pT  
  +1,2%?9B3  
                                                  <T%pI  
       تارىخ غايەت زور مەنىۋى ئېتىقاد ۋە ئىشەنچىلەرنىڭ سىرلىق قەسىرلىرىنى ئۆزىنىڭ توختاۋىسىز قەدەملىرى بىلەن چەكسىز يىراقلاردا قالدۇردى . ئات تۇياقلىرىنىڭ دۈپۈلدەشلىرى ، ئىلاھىيلاشتۇرۇلغان كۆك بۆرىنىڭ زۇلمەت باسقان  ئۇزۇن تۈنلەردە چوغدەك كۆزلىرىدىن ئوت چاقنىتىپ ھوۋلاشلىرى ، شامان (قام) پىرلىرىنىڭ كۆك تەڭرى شەرىپىگە ئەسىبىيلىك بىلەن قەسىدە ئوقۇپ ، يامان روھلارنى يىراققا قوغلاشلىرى  . .  .  ئىنسانىيەت خاتىرسىدىن ئاستا- ئاستا كۆتۈرلۈپ كەتتى . رەڭگارەڭ ئەپسانە - رىۋايەتلەرنىڭ سېھىرلىك جۇلاسى ، ئەقىل تەڭرىسى ئىنسانلار ھېسسىياتىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغان ئاشۇ بىر كېچىدىلا ئىز - تىزسىز غايىپ بولدى . شۇنداق ، كۈنسېرى يوقۇرى پەللگە قاراپ ئۆرلەۋاتقان ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى ئۆزىنىڭ يالتىراق بېزەكلىرى ۋە ئېلىكتىرلىق جۇلالىرى بىلەن ساپ ئەنئەنىۋى ئادەتلەرنى ، مۇقەددەس ئۇدۇملارنى كۆمۈپ تاشلىدى .  ئېلىكتىرون دەۋرىنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ماددى يالتىراقلىرى ، ئىنسان روھىنىڭ ساپ ۋە ساددا خاسىيەتلىرىنى ئۆتمۈشنىڭ قەبرىگاھىغا دەپنە قىلىۋەتتى . 8INg]  
   دەرۋەقە ، بىز تولىمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى يوقۇتۇپ قويدۇق .  (o9  
ئانىلار _ بىزنىڭ ئانىلىرىمىز كۆك بۆرىنىڭ يۇمران تېرىسىگە ئۆرۇنۇپ ئەمەس ، بەكلى زامانىۋى مېدىتسىنانىڭ ئالقىنىدا ، خېمىيىۋى دورا ھىدى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرغان ئاق رەڭلىك تۇغۇتخانىلاردا بوشىنىدىغان بولدى .
  EfRO"[Z1  
91TkXLX  
     X ;4}n  
بوۋاقلار _ ئوغۇزخان نەسلىدىن بولغان بىزنىڭ بوۋاقلىرىمىز بۆرە ئوشۇقىدىن پۈتۈلگەن ئالتۇن رەڭ تۇمارنى ئاسمايدىغان ، مۇقەددەس قىيىن ياغىچىدىن ياسالغان بۈشۈكلەردە تەۋرەنمەيدىغان ، مۇڭلۇق ئەللەي ناخشىلىرىنى ئاڭلىمايدىغان بولدى .  بەلكى ،  ماشىنىلاشقان دۇنيانىڭ سۈنئىي تالالىرىدا زاكىلىنىپ يۈكسەك دەرىجىدە ئىجدىمائىيلاشقان مۇھىتتا ماددى ئىختىرالارغا پۇتلىشىپ چوڭ بولىدىغان بولدى .  زامانىۋى مەدەنيەتنىڭ مۇرەسسەسىز پوزىتسىيىسى ھازىرقى زامان كىشىلەرنى كۈنسېرى ماددى  مەئىشەتنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرۇپ ، روھىنى قۇرۇغداپ ، ئېچىرقىغان ۋۇجۇدىنى چەكسىز ۋەھىمە ۋە كىرزىس ئېڭى بىلەن سۇغۇردى . مىلىيونلىغان ماددى بايلىقلارنى ئاپىرىدە قىلىپ ،  ئىنسان جىسمىنى تويۇندۇرغان مەدەنيەت ئويلىمىغان يەردىن روھىيەتنى دىۋانە قىلىپ قويدى . b@q-fC}@{  
ماددى بارلىق بىلەن روھى كەمبەغەللىك ، ئەقلىي كامىللىق بىلەن ھېسسىي ئىنتىزارلىق ، ئىجتىمائىي رىياللىق بىلەن مەنىۋى ئىشەنچ ئوتتۇرسىدىكى كۈنساناپ چوڭىيىۋاتقان ھاڭ ، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ توسۇۋالغىلى بولمايدىغان يوچۇقلىرىنى ئېچىپ تاشلىدى . 
N9ts` `  
trpbf*Ggz  
    شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى ، ئادەم بىلەن ماددى دۇنيا ئوتتۇرسىدىكى ياتلىشىش _ ھازىرقى زامان مەدەنىيەتنىڭ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئاجىزلىقى ، تېخىمۇ توغرىسى ، بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئازابى .  مەدەنىيەت ئازاپقا ھامىلدار بولغاندا ، مۇقەررەر يوسۇندا ئۆزىگە نۇر بەخىش ئەتكۈچى ئىنىك ئانا ئىزدەيدۇ .  چۈنكى مەدەنىيەت تاراملىغان ئاپئاق نۇر ئىچىدە يۇيۇنۇپ ، ئۆزىدىكى كۆرۈنمەن جاراھەتلىرىنى داۋالىشى كېرەك .  نىھايەت ، ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ ئاتىنىزىمنى قورغان قىلىپ ، ئەقىلىلىككە زىيادە بېرىلىپ ، لوگىكا ئەسەبىيلىك پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ ، ئېلاھنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنىشى تۈپ مەنىسىدىن ئېيتقاندا ، ماددى بايلىقنىڭ كارامىتى ئارقىلىق ئەقىلگە تەسەللىي بېرىپ ، روھىنىڭ قانىتى ، ئېتىقادنىڭ جۇلاسى بولغان ھېسسىيات ئازابىنى ئىز - تېزسىز كۈمۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس .  ئەقىلگە سەجدە قىلىپ ، ھېسياتقا چەك قويۇش ئەمىلىي تەجرىبىگە تايىنىپ ، ئېتقاد ۋە ئىشەنچلەردىن گۇمانسىراش ، ئەجابا ئىنساننىڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق ئۆزىنى بېزەش يولىدىكى مەجبۇرىي ئىنكارچىلىقى ئەمەسمۇ !؟ . . . B~)3u1?  
بىر ھەقىيقەت ، بۇ تولىمۇ ئازاپلىق قىسمەت ، بۇنداق ئەسەبىي تەۋەككۈلچىلىك شەك - شۈبھىيسىزكى ،  مەدەنىيەت تونىغا ئورالغان ئىنسان ۋۇجۇدىنى قۇرۇغداپ ، كۆزنى قارىغۇ قىلىپ قويىدۇ . pqj:5  
O69h5i7iS  
  سەنئەت ، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى قۇياشى بولۇشقا ھەقلىق .  ئۇ ئاخىرقى ھېسابتا مەدەنىيەتنىڭ سەجدىسىنى قوبۇل قىلىدۇ . تارانلىغان ئاپئاق نۇر ئارقىلىق مەدەنىيەتنىڭ كۆزىگە شولا ، ئازابىغا مەلھەم بەخىش ئەتتى . سەنئەت ئۆزىنىڭ يۈكسەك پەللىسىدە تۇرۇپ ، ئۆتمۇشنىڭ قەبرىگاھىغا دەپنە قىلىۋېتىلگەن مۇڭلۇق تارىخنىڭ سىرلىق كىپەنلىكلىرىگە بەدئىي رەڭ بەردى . e/h_ :;99  
بۇ ئۆتمۇشكە ھېسسىي مەزمۇن قوشۇشقا دادىللىق بىلەن جۈرئەت قىلىپ ، قانچىلىغان بەدئىي ئىختىرارلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلالىدىكى ، مۇتلەق ئىنكارچىلىقنى ئۆزىگە ھەرگىزمۇ راۋا كۆرمىدى .  چۈنكى سەنئەت مەدەنىيەتكە قارىغاندا ھەر ھالدا سوغۇققان ۋە تەمكىن ئىدى . مەدەنىيەت ھەر قەدىمىدە، ئۆزىنىڭ مەنبەسىنى ، ئۆزىنىڭ يىلتىزىنى ئۈزۈل -كېسىل  يېڭى ھاۋا بىلەن سۇغۇرۇشقا ، قايتا - قايتا ئىسلاھ قىلىشقا كۆنۈكۈپ كەتتى . لېكىن ، سەنئەت ئۆزىنى داۋاملىق يېڭىلاپ ، بېيىتىپ بېرىشقا ئۇرۇندى . ئەمما ئۇرغۇپ چىققان يىلتىزىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويمىدى .  ئەگەر سەنئەت ئۆزىنىڭ ئەبەدىيلىك بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئۆتمۈشكە سادا ، تارىخقا ھەمراھ بولمىغان بولسا ، يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ ماكان ۋە زامانىغا بولغان يۈكسە دەرىجىدىكى ئىپادە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىغان بولسا ، ئىنسانىيەتكە بالىلىق دەۋرىنىڭ سەبىي - ساپالىقىنى ، ۋاراۋرلىق دەۋرىنىڭ جاسارىتىنى، قەھرىمانلىق دەۋرىنىڭ شانۇ شەۋكىتىنى ۋە مەدەنىيەت دەۋرىنىڭ نازاكىتىنى بىلىش ئەبەدىي نىسىپ بولمىغان بولاتتى .
yJ,Nycf  
80h*B M_  
                        CE-~Skw0  
                  « كۆكتىن تامدۇق ، يەردىن ئۈندۇق . . .  » QGjVwQB/  
بۇ ئورخون مەڭگۈ تاشلىرىدىن جاراڭلىغان ئىپتىدائىي سادا . ئېتىقاد !  بىز بۇ مىسرالارنى تاش پۈتۈكلەرنىڭ قىرىندىلىرىنى تولىمۇ كېچىكىپ كۆردۇق . سەنئەت ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچ - قۇۋىتى ئارقىلىق ئاتامىرا ، قۇمتۇرا ، بېزەكلىك قاتارلىق ئۆڭكۈر ۋە مىڭئۆيلەردىكى ئالەمشۇمۇل بەدئىي كۆرۈنۈشلەرنى ساقلاپ قالغانغا ئوخشاش ، ئورخون دەرياسى بويىدىكى تاش ئابىدىلەرگە پۈتۈلگەن ساددا ئېتىقادنىڭ ئىزنالىرىنىمۇ ساقلاپ قالالىدى . مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ، كەينى - كەينىدىن بايقالغان قىيا تاش رەسىملىرى ، زامانىۋى مەدەنىيەتتىن تون كىيىپ روھىنى ئىزدەۋاتقان ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە مىسلىسىز زور تەسەللىي ئېلىپ كەلدى . كۈنسېرى دۇنياۋى ئاڭنى تەكىتلەۋاتقان ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى ، مەلۇم نۇقتىدا روھىي تىرىلىشنى ، ئەسلىنى ۋە يىلتىزىنى ئىزدەشنى يېڭى كۈنتەرتىپىگە قويدى . قىيا تاش ۋە ئۆڭكۈر پۈتۈلىرىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان ئويما خاتىرلىرى ، ئىنسانىيەتنىڭ ياددا خىرە - شىرە قېپقالغان ئەسلىمىرىگەن جان كىرگۈزۈپ ، ئۇنى كۆرۈنمەس يىپ بىلەن ئىپتىدائىي تەپەككۈر دەۋرىگە باغلىدى . &v @cJohI  
شۇنىسى ئېنىقكى ، توتېم _ ئىنساننىڭ ئۆز -ئۆزىنى ئىزدەش يولىدىكى تۇنجى كەڭ - كۆلەملىك تەسەۋۋۇرى ۋە ساددا ئېتىقادى . بۇ بارلىق دىنلاردىن بۇرۇن پەيدا بولغان بىرخىل ئىپتىدائىي دىن . 3u5 a[0  
توتېمىزىم دىن ئىبارەت بۇ تۇنجى ئېتىقادنى ئېتىراپ قىلماي تۇرۇپ ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىدائىي مەدەنىيىتىگە ، سەنئىيتىگە ۋە بالىلىق ئىشەنچ _ ئېتىقادىغا جاۋاپ ئىزدەش تولىمۇ ئارتۇقچە ئىش . 0\haz]QX  
ئىپتىدائىي ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ يەر ئانا بىلەن كۆك (ئاسمان) ئاتادىن روھقا ئېرىشكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن . خەيرىيەت ، قايسى بىر دىندا يەرنىڭ مۇقەددەسلىكى بىلەن ئاسماننىڭ سىرلىقلىقى ھەققىدىكى تەلىماتلار يوق ؟  قايسى بىر مەدەنىيەت ۋە سەنئەتكە زۇمرەت ئاسمان بىلەن قوڭۇر يەرنىڭ سىماسى يوق !؟ . . .      شۇنداق ، يەر ئۇلۇغ ، كۆك (ئاسمان ) سىرلىق .  ئالەم بىنا بولغاندىن بۇيان ، يەرنى سېلىنچا ، ئاسماننى يېپىنچا قىلىپ كەلگەن ئىنسانلار توپى ئىزچىل ھالدا شۇنداق بىر ھەقىيقەتنى ئىزدەپ كەلدى: ئەگەردە يەر بىلەن ئاسمان ، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز مەڭگۈلۈك سۆيۈشمەيدىغان بولسا ؛ پەن بىلەن روھ ئۆز ئارا گىرەلىشىپ بىر گەۋدە بولمايدىغان بولسا ، دۇنيانىڭ تىنىقى ئۈزۈلۈپ قالمامدۇ ؟ جىبران خېلىل جىبران  توغرا ئېيتقان :«زىمىن نەپەسلەنسە بىزمۇ ياشايمىز ، زىمىن نەپەستىن توختىسا بىزمۇ ھالاك بولىمىز » .  4MANDq{  
   3><.3M8  
   توتېمدىن ئىبارەت بۇ تۇنجى ئېتىقادقا ، شەك -شۈبھىيسىزكى ، ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ ئەجداد ۋە يىلتىز چۈشەنچىلىرى بىلەن ساددا ئىستېتىك ئېڭى ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن .  ئۇلار توتېم ئوبىكتىدا گەۋدىلەنگەن يۈكسەكلىك ، سىرلىقلىق ۋە تەبىئەتتىن تاشقىرى كۈچ ئارقىلىق ئۆزىدىكى ئادەم ماھىيەتلىك كۈچىنى نامايەن قىلغان . سېگموند فرېئودروھىي ئانالىز نۇقتىسىدا تۇرۇپ :«توتېم قارىشىدا گەۋدىلەنگەن توتېم ھايۋان دەل ئاتا ئورۇندىكى ئوبرازدىن ئىبارەت » دەپ كۆرسىتىدۇ . ئاتاقلىق دىنشۇناس ماركىس موللېرمۇ :« ھەربىر مىللەت ، ھەربىر ئۇرۇق ، ھەربىر جەمەت قاچانلا بولمىسۇن چوقۇم ئۆز ئەجدادىغا ھاجىتى چۈشىدۇ » دەيدۇ .  دەرۋەقە ، يىلتىز - مەنبە ئادەم ئۈچۈن مىسلىسىز زور تەسەللىي بولالايدۇ ، شۇنداقلا ھەر ماكان ھەر زامان ئىنسانغا غورۇر ۋە غەيرەت شىجائەت بەخىش ئىتەلەيدۇ . شۇڭا ، ئەجدادتىن ئىبارەت بۇ يىلتىز بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەۋلاتلارمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتى كۈچكە ئىگە بولالىغان . توتېم - ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ ئۆز يىلتىزىنى ئىزدەش يولىدىكى تۇنجى دادىل قەدىمى بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ توتېم ھايۋانغا بولغان ھېسياتى ، دەل كىچىك بالىلارنىڭ ئۆز ئاتىسىغا بولغان ھۆرمىتى ۋە « ھەيۋەتلىك قىياپىتى» دىن پەخىرلەنگەن چاغدىكى ھېسياتىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ . بىر جۈپ ئاتا - ئانا بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ئۆزىگە قانچىلىك دەرىجىدە باغلاپ ، ئۇلارنىڭ قەلبىگە قانچىلىك دەرىجىدە قېرىنداشلىق ئۇرقىنى تېرىيالايدىغان بولسا ، توتېم ئوبىكتى ھېسابلانغان ئىلاھىي كۈچمۇ شۇ مىللەت ۋە ئىجتىمائىي كوللىكتىپنى شۇنچىلىك دەرىجىدە بىر بىرىگە ئېمىلداش قىلىپ تۇرىدۇ .
  /_LuhP7*  
zo\H7\  
مەۋجۇدىيەتچىلىك پەللىسىنىڭ ئاتىسى سارترې  : « نەچچەمىڭ يىللار ئىلگىرى ،  بىرىنچى قېتىملىق ئىجدىمائىي بۆلۈنۈش دەل توتېم ئارقىلىق خارەكتېرلەنگەن ئۇرۇقلاردىن ئىبارەت .  بۇ ئۇرۇق ئىچىدە بىز  بىر ئانىدىن تۇغۇلغان قېرىنداشلارمىز . بۇ ئانا شۇنداق ئۇلۇغۋار ئايالكى ، ئۇنىڭ ھامىيلە ئۆستۈرەلەيدىغان بالاياتقۇسى ، ئاق سۈت بېرەلەيدىغان قوش ئەمچىكى ۋە بالا ھاپاش قىلالايدىغان دۇمبىسى بار .  ئۇ ئۇلۇغۋار ئانا دەل توتېمدىن ئىبارەت » دەپ كۆرسىتىدۇ .  تۆۋىنى شەخىستىن تارتىپ ، يوقىرىسى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكىچە ھەممىسىدە مۇئەييەن ئىشەنچ ۋە ئېتىقاد مەۋجۇت . بۇ خىل ئېتىقاد مەيلى قايسى خىل دىن شەكىلدە ئىپادىلىنىشى قەتئىي نەزەر شەخىس ، ئائىلە ، ئۇرۇق ، قەبىلە ، مىللەت ، ئىرق ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەت توپىدا ئوخشاش . سەنئەت ئىنسانىيەت ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنى قانچىلىك دەرىجىدە ئورتاقلىقلا ۋە دۇنياۋىيلىققا يىتەكلەپ ماڭسا ، يەنە شۇنچىلىك مىللىيلىككە  ۋە خاسلىققا يۈزلەشتۈرۈش مەسئۇلىتىنىمۇ ئۈستىگە ئالغان . زامانىۋى سەنئەتنىڭ ئاخىرقى ھېسابىدا ئەپسانىلەرنى تىرىلدۇرىشى ، كۈنسېرى يارىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ خاتىرسىگە ئۇنتۇلغان ئۇدۇملارنى سېلىپ ، ئۇلاردا قايتىدىن غورۇر ۋە ئېتىقاد پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت .  بىز بۇ نۇقتىدا ئايتماتوفنىڭ ئازابىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك . *X i_O.  
چۈنكى بىز ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ كۆزنى قاماشتۇردىغان ياتىراقلىرى ئىچىدە ئەس خاتىرىمىزنى يوقۇتۇپ ، «ماڭقۇرتلۇق تىراگىدىيىسى» نى قايتا تەكرارلىشىنى ھەرگىز ، ھەرگىزمۇ خالىمايمىز !
z8Igt"1  
Fz:b"O|W  
                      n'*@~xc?  
\7dP9uadh  
  ھازىرقى زامان ئارخىلوگىيىسىنىڭ يېڭى مۇۋاپىقىيەتلىرى بىلەن ئەدەبىيات - سەنئەتتىكى «يىلتىزنى ئىزدەش» قىزغىنلىقى بىزنى ئويلاپ باقمقغان نەتىجىلەر بىلەن تەمىن ئەتتى . ئەگەردە سەنئەت ھازىرقى زامان كىشىلىرىنى روھىي جەھەتتىن قايتا ئويغاتمىغان بولسا ، ئانا سۈتىمىز بىلەن كىرگەن ئېتىقادىمىز مەڭگۈلۈك ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بولاتتى . R 
  بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىدىغىنى شۇكى ، سابىق سوۋىت ئىتىپاقى ئارخىلوگلىرى مۇڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى بىر بۇتخانا خارابىيسىنى قازغاندا ، بىر ئانا بۆرىنى تۆت تۈرۈك بالا ئېمىپ تۇرغان كۆرنۈش چۈشۈرۈلگەن بىر كەمەر تاپقان . 1957-يىلى مۇڭغۇلىيە ئارخىلوگلىرى ئورخۇن دەريا ۋادىسىدىن مىلادىيە 570-يىلى تۈرۈك خاقانى مويۇنچۇر ئورناتقان مەڭگۈ تاشنى تاپقان ، بۇ ئابىدىگە بىر كۆك ئانا بۆرىنى ئېمىپ تۇرغان بىر ئوغۇل بالىنىڭ سۈرىتى ئويۇلغان .  ئۇنىڭدىن باشقا  ئالتاي ۋە تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدىن كەينى - كەينىدىن بايقىلىۋاتقان ، بۆرە ئوبرازى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن قىيا تاش رەسىملىرى نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ ؟ U1 i||C  
   دەرۋەقە ، ئارخىلوگىيىلىك تېپىندىلارنىڭ پولاتتەك پاكىتلىرى بۆرە ئانا ئوبرازىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا يۈكسەكلىككە ئىگە قىلدى  شۇنداقلا بۆرە  ئانا ھەققىدىكى ئەپسانە - رىۋايەتلەرنىڭ سېھرىي كۈچىنى يوقىرى پەللىگە كۆتۈردى . يىراق قەدىمكى زاماندا يۈز بەرگەن غايەت زور بىر قېتىملىق قوۋۇملار ئارا قىرغىنچىلىقتا ، بىردىن بىر ساق قالغان پۇتى كېسىلگەن ئوغۇل بالىنى دۈمبىسىگە يۈدۈپ ئىدىقۇت تېغىغا قېچىپ كەلگەن ۋە بالا بىلەن جۈپلىشىپ يېڭى ئەۋلاتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بۆرە ئانا ئەپسانىسى بىزنى قانچىلىك ھاياجانغا سالسا ؛ ھون تەڭرىقۇتنىڭ  گۈزەل قىزىنىڭ تەڭرى ئەۋەتكەن ئەركەك بۆرە بىلەن نىكاھلىنىشى بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزنى مىسلىسىز سېھىرلىك تارىخقا باشلاپ كىرىدۇ .  .   . I_d.r$ww  
     >//B?x4oJ  
    مۇشۇ ئەسىرگىچە ئىپتىدائىي تۇرمۇش ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن ئىندىئانلارنىڭ ئېتىقاد ئادەتلىرى ۋە ئەپسانە - رىۋايەتلىرى بىزنى تولىمۇ ھەيران قالدۇردۇ . مورگاننىڭ مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا ، ئىندىئان قەبىلىلىرىنىڭ كۆپچىلىكىدە مەلۇم بىر ئۇرۇق چوقۇم بۆرە ئۇرۇقى دەپ ئاتىلىدىكەن . ئىپتىدائىي سەنئەت ھېسابلانغان توتېم تۆۋرۈكلىرىدە بۆرە رەسىملىرى ئوبرازلىق سۈرئەتلەنگەن . Go``7"  
كالىفورنىيە دالىلىرىدا ياشايدىغان ئىندىئان قەبىلىلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بۆرە ئىلاھىي ھەققىدىكى ئەپسانىلەر بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تېخىمۇ جەلىپ قىلىدۇ ! .  .  .  \65f)bZ$Y  
  ئىندىئانلار ئېتىقاتىدىكى بۆرە ئەپسانىسى بىزدە ئىندىئانلارنىڭ مەنبەسى ھەققىدىكى يېڭى گۇمانى قوزغىدى .
BfB3D#d  
                  H2NO-Sb  
2rj_>/607Y  
b&w*_>u  
&^&/S} 6Hz  
E?r:Wq5x  
بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ توتېم ئېتىقادى تامامەن يىمىرلىپ ، تولىمۇ ئۇزاق زامانلار ئۆتكەندىن كېيىن ، ئاندىن يىلتىزىمىزنى ئۇنتىغانلىقىمىزنى ، ئانا تەبىئەتتىن ياتلاشقانلىقىمىزنى تەبئىي ۋە ئىپتىدائىي ماھىيىمىزنىڭ سۇسلاشقانلىقىنى ھېس قىلدۇق . نىھايەت ، رىملىقلاردىكى ئانا بۆرىگە بولغان مۇھەببەت بىلەن بىزدىكى مۇھەببەت ئوتتۇرسىدا قانچىلىك زور ئارلىق بولغىدى ؟ gzLP[WZ2  
JMxY s._  
(O&63 ^  
V+LGi=f:  
u4@K  
شۇنداق ، بىزدە رىملىقلارنىڭكىدەك شەھەر گىربى يوق . كوپىنھاگىن شەھىردىكى دولقۇنلار يالاپ تۇرغان ساھىلدا ، بىپايان دېڭىزغا قاراپ خىيال سۈرۈپ ئوتۇرغان بېلىق تەنلىك ، ئادەم يۈزلۈك گۈزەل دېڭىز قىزىنىڭ ھەيكىلى تېخىمۇ يوق !  بىز ھەتتا تۇغۇلغۇنىمىزدا ئانىمىز يۇمران تېنىمىزغا سېغىز توپا چېچىپ مۇقەددەس بۆشۈككە سالغان چاغدا ، بوينىمىزغا ئېسىپ قويغان بۆرە  ئوشۇقىدىن پۈتۇلگەن تۇمارنى ئاچچىق بىلەن ئېلىپ تاشلىدۇقكى ، ئۇنىڭ ئورنىغا پارقىراپ تۇرغان مارجان -مىدالىيونلارنى ۋە كىپىنەك شەكىللىك ياۋروپاچە بانتىكلارنى تاقىۋېلىشتۇق ! .  .   . RF7,u  
T?/.9aI8g  
  تارىخنىڭ ئۇچقۇر قەدىمى قەدىمكى گۈزەل ئەپسانىلەرنى غايىۋى چۈشكە ئايلاندۇرسا ، ئىپدىدائىي ساپ ئېتىقادلارنى بىمەنە فانتازىيلەرگە ئايلاندۇرۋەتتى . بىز ئېلىكتىرون يالتىراقلىرىدىن تون كىيىپ ، ۋۇجۇدىمىزنى مەدەنىيەت بىلەن بېزىگەندىن كېيىن ، ئۆتمۈشنىڭ «تېتىقسىزلىق» لىرى ئۈستىدىن قاقاقلاپ كۈلدۇق .  ئالام كېمىسى ياساپ ئۆزىمىزچە « ئىلاھىيەت ماكانى» بولغان ساماۋىي ئەرىشنىڭ سىرلىق ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرغان بولدۇق ؛   خىمىيىۋى مەسھۇلاتلارنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسىدە ، گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرغان قوڭۇر تۇپراق ھىدىنى ئۇنتۇدۇق .  لېكىن بۇنىڭ بەدىلىگە نىمىگە ئېرىشتۇق ؟ خۇددى تەبىئەت ئۈستىدىن قىلغان غەلبىمىز ئاخىرقى ھېسابتا بىزنى ئارتۇقى بىلەن جازالىغىنىغا ئوخشاش ماددى مۇھتاجلىققا قۇل بولۇپ ، ئېتىقادىنى ، ھېسياتىنى ۋە غورورىنى يوقاتقان زامانىۋى كۆرەڭلىكىمىزمۇ بىزنى مىسلىسىز ئۇلۇغۋار خىسلەتلەردىن مەھرۇم قىلدى . d3BKTB^k A  
ئەجدادىمىز كۆك بۆرىنىڭ كۆزلىرىدىن چاقنىغان شولىدىن غورور ۋە شىجائەت ئېلىپ تەبىيەتتىن تاشقىرى بىر مەنىۋى كۈچكە تولغان ساپ ئېتىقادى نەتىجىسىدە روھىي پارلاقلىققا ئېرىشكەن بولسا ، بىز بۆرىنى كۆرمەي تۇرۇپلا ئۇنىڭ سۈر - ھەيۋىتىدىن ھوشىمىزنى يوقۇتۇپ ، قارا تەرگە چۆمۈلىدىغان بولۇپ قالدۇق !  ئەجابا ، بۇ ھازىرقى زامان مەدەنىيىنىتىنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئاجىزلىقى ۋە يوچۇقى ئەمەسمۇ ؟    GjvOuLt&  
`Of Th~  
%UCsc_>  
_%VBBXe[  
ئىنسانىيەتنىڭ قەھرىمانلىق دەۋرى كەلمەسكە كەتتى . ئۇلارنىڭ تەبىئەت قوينىدىن ئىجدىمائىيلاشقان مۇھىتقا يۈزلىنىشى ، ئەقىل ئارقىلىق ھېسياتنى چەكلىشى ، شۇنداقلا تەجرىبە ئارقىلىق ئېتىقادنى ئىنكار قىلىشى جاسارەتنى مىسلىسىز دەرىجىدە سۇسلاشتۇرۋەتتى .  ھەربىر قرتىملىق پەلسەپىي روھنىڭ يوقىرى  پەللىگە كۆتۇرلىشى  ، ئىنساندىكى تەبىئىي ھېسياتنى ۋە شېئىرى تۇيغۇنى ئاجىزلاشتۇردى . شۇڭا ، ئىپتىدائىي ساپ ئېتىقاد _ توتېمغا تېۋىنىش ھادىسىنىڭ بايقىلىشى ، ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋى كامالىتى ئۈچۈن ئازاپ ئىچىدە يول ئىزدە ۋاتقان شەخىسلەرگە يېڭى يىپ ئۇچى تەغدىن ئەتتى .
   ,(s1tjd  
pa}Ju>;A  
توتېم _ ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ تارىختىن ئاۋۋالقى روھىنىڭ كامالىتى بىلەن ھاياتلىق قىممىتى ھەققىدىكى ساددا تەپەكۈرنىڭ سەمەرىسى .  ئۇلار ئۈچۈن ھەر بىر توتېم ئوبىكتىغا تېۋىنغان كىشىلەر بىر - بىرىگە مۇستەھكەم قېرىنداشلىق رىشتىسى بىلەن باغلانغان . :j  
ئالتۇن رەڭلىك بۆرە بېشى چۈشۈرۈلگەن كۆك بايراقنىڭ ئاق چېدىر ئۈستىدە لەرزان لەپىلدىشى ، كۆ نۇر ئىچىدە پەيدا بولغان كۆك تۈكلۈك ئەركەك بۆرىنىڭ ئوغۇزخانغا يول باشلاپ غەلبىگە ئېرىشتۈرىشى ، بۆرە يۈرىكىگە سېزىك بولغان ئانىنىڭ بۆرە تېرىسى ئۈستىدە تولغىقى تۇتۇپ قەھرىمان ماناسنى تۇغۇشى ، ئۇسۇن خانىنىڭ كۈبېيسى ئادەمسىز چۆلدە چىشى بۆرىنى ئېمىپ چوڭ بولۇشى ، ئاتا بوۋىمىزنىڭ بۆرە ئوشۇقىدىن تۇمار ئېسىلغان ياغاچ بۆشۈكلەردە يېتىپ ، بىزدە مۇقەددەس ئودۇم ۋ ساپ ئېتىقادلارنى قالدۇرغانلىقى ھەرگىزمۇ ئاساسىي بولمىغان ئەپسانىۋىي تارىخ ئەمەس ، بەلكى ئەجداد ئارقىلىق ئەۋلاتلارنى مەڭگۈ ئۈزۈلمەس مەنبەگە ئىگە قىلىش يولىدىكى دادىل ئىزدىنىش . E(+m3EBh  
ئەڭ دەسلەپكى توتېم ئوبىكتىنىڭ ھايۋان بولىشى ، ئەجدادلارنىڭ ئۆز قىممىتىگە بولغان گۇمانىۋى پوزىتسىيىسى ئەمەس ، چۈنكى توتېم قىلىنغان ھايۋان تەڭرى بىلەن ئەجدادنىڭ بىرلىكىنى نامايەت قىلىپ ،  ئادەم ماھىيەتلىك كۈچنى ئۆزىدە گەۋدىلەندۈرەلىدى . توتېم ھەيۋان بىلەن ئادەمنىڭ بىر  گەۋدە قىلىنىپ تەسەۋۋۇر قىلىنىشى ، ئىپتىدائىي ئىنسانلار ئېڭىنى كۈچەتتى . ycLpI  
F0E$j?}  
« ئۆتمۈشى غۇۋا مىللەتنىڭ كەلگۈسىمۇ غۇۋا بولىدۇ .» دەرۋەقە ، ۋامبېرىنىڭ بۇ سۆزىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكىمۇ تەتبىقلاشقا بولىدىغۇ !؟ بىز ئۈچۈن ئەمدى قايتىدىن بۆرە ئەپسانىسىنى توقۇش ھاجەتسىز ، كېيىم -كېچەكلىرىمىزنى يىرتىۋېتىپ ، قىپيالىڭاچ ھالەتتە ئىپتىدائىي ئورمانلارغا قايتىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق .  چۈنكى بىز ئانىلارنىڭ بالاياتقۇسىدا تۆرىلىۋاتقان ھامىلە چېغىمىزدىلا EhK8~>c  
ئۆزىمىزنى كۆرۈنمەس پەردە بىلەن نىقابلىۋالغان .  ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا تۇنجى قېتىم ئەنجۈر يوپۇرمىقى بىلەن ئۇياتلىق يېرىنى توسىۋالغان كۈندىن باشلاپ ، بىزدە ئەخلاق ، پەرھىز ۋە گۇناھ پەرەنجىلىرى پەيدا بولغان .  ھالبۇكى ، ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ  ئاشۇ پەرەنجىلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ ، بىزنىڭ ئەسلى تەبىئىتىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالالىشى مۈمكىنمۇ ؟ ئادەم قېرىغاندا تەبئىي ھالدا كىچىك بالىغا ئوخشاپ قالىدۇ ، لېكىن ھەقىقىي بالىلىققا قايتىش مۈمكىن ئەمەس . خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاشلا رۇسسۇ ۋە دېدىرولار تەشەببۇس قىلغان « تەبىئەتكە قايتىش » ، « ئىپتىدائىيلىققا قايتىش» شوئارىمۇ شەك - شۈبھىيسىزكى بىر مەيدان چۈش،  خالاس ! [$$0MZ~  
  ئەلۋەتتە ، يىراقتىكى مەنزىرلەرنىڭ مەھلىيالىق تۈسى قويۇق بولىدۇ .  ئۇنتۇلغان نەرسىلەر ئەسكە چۈشكەندە روھىيەتتە زىلزىلگە پەيدا قىلىدۇ .  سەنئەت ئېزىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىپادە مەسئۇلىيىتى بىلەن ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ  روھىي موھتاجلىققا بەدئىي ئوزۇق ، مەدەنىيەت كېسىلىگە شىپالىق  دورا ئىزدىدى . سەنئەتنىڭ پارلىغان نۇرى ئارقىلىق مەنىۋىي دۇنيانى سۇغۇرشى ، بەدئىي رەڭ ئارقىلىق كىرزىس ئېڭىنى تازلىشى ھەرگىزمۇ زىيادە ئۇرۇنۇش ئەمەس ، بەلكى ئېلىكتېر ئىختىرالىرىنى پەرەنجە قىلىپ يۈكسەك دەرىجىدە ئىجدىمائىيلاشقان دەۋىرنىڭ كۈچلۈك ئىلتىجاسى . -c y8t$T  
بىزنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ بالىلىق دەۋرىنى قايتا ئەسلىشىمىز زامانىۋى ئاڭنى ئەپسانىۋى تەپەككۈر دەۋرىگە باغلىشىمىز ، شۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈركى ،  ئۇ بىزگە يىراق ئۇچۇقتىكى غايەت زور نۇر چەمبىرىكى ئىچىدە ھۇۋلاپ تۇرغان كۆك بۆرىنىڭ كۆزىدىكى ئۆتكۈر شولىسىنى كۆرسىتىپ بەردى . qLUT61R  
شۇنداق ، بۇ شولا _ روھىي تىرىلىش يەنى ماددىي بايلىق چۈشەپ قويغان ئىنسان روھىنىڭ سەنئەت نۇرى ئارقىلىق ئويغۇنىشى ، سەگىشى ، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرى تىرىلىشى ئىدى ! ycy7_B],  
تىرىلىش _ سەنئەتنىڭ ئىنسانغا بەخىش ئەتكەن غەرەزسىز ئېھسانى .  ئۇ ئىنسانىيەتكە روھىي پارلاقنىڭ يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ، مېخانىكىلاشقان ئىنسان خاتىرسىگە ئىز - تېزسىز ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ساپ ئېتىقادلارنى ، ساددا گۈزەللىك تۇيغۇسىنى ۋە مۇقەددەس ئۇدۇملارنى ئەسلەتتى . G YT;rh$7  
سە.ئەت يەنە ئۆزىنىڭ ئىللىق نۇرى ئارقىلىق ، ئانا تەبىئەتتىن ئايرىلغىلى ئۇزاق بولغان ئىنسانغا ،  ئېلىكتېر جۇلالىرى پارلاپ تۇرغان زامانىۋى چۈمپەرلەر ئىچىدە ، ھامان ئانىدىن تۇغما تەبئىي يالىڭاچ ھالىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ، ۋۇجۇدىمىزنى ئىللىتىۋاتقان سىرلىق سۇيۇقلۇقنىڭ پولات سىملاردىكى ئېلىكتېر ئېقىمى ئەمەس ، بەلكى كۆكۈش تومۇرلاردىكى كۈۋەجەۋاتقان ئىسسىق قان ئىكەنلىكىنى ئەسلەتتى . 31\2@f  
K-mp5V  
0FYsani  
               1xyox}%Ek  
@Z (QN+  
R~6}!  
سەنئەت يۈكسەكلىكى « ئەسلىگە قايتىش » ۋە « يىلتىز ئىزدەش» قىزغىنلىقى بىزدە ئىپتىدائىي ئورمانلاردىكى بارابان ساداسىنىڭ ناھايىتى غۇۋا ، ئەمما مەڭگۈلۈ سېھرىي كۈچكە ئىگە ئاۋازىنى قايتا ئاڭلاش ئىمكانىيىتى بەردى .  شۇڭا ، بىزنىڭ ئىزدەيدىغىنىمىز ، نۇقۇل مەنىدىكى «قەدىمگە سېغىنىش » ئەمەس . شۇنىسى ئېنىقكى ، بىز ئۆتمۈشىمىزگەقايتمايمىز  ، بىراق ئۆتمۈشىمىزنى ۋە ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرغان روھىي جەۋلەرلىرىنىمۇ ئۇنتۇمايمىز . بىزنىڭ سەنئەت  ئارقىلىق چەكسىز يىراقتا قېپقالغان  ساددا ئېتىقادلارنى ئەسلەپ ئۆتۈشىمىز ، ھەر دەقىقە ياتلىشىش خەۋىپىگە دۇچ كېلىۋاتقان  ئىنسان تەبىئيتىنى  تازلاش ۋە مەنىۋىي ئازابىغا مەلھەم بېرىشتىن ئىبارەت .
3,>D{O`  
r9og^W"dg  
-&}Fe,=q  
ئۆتمۈش _بىر كۆلەڭگە ، بۈگۈن رېياللىق ، كەلگۈسى _ بىر مەۋھۈم تەسەۋۋر . L$Ko5o  
بىز ئۆتمۈشنى دەسسەپ تۇرۇپ ، بۈگۈننى قۇرغانلىقىمىزنى ، بۈگۈننىڭ نەتىجىسىدە كەلگۈسىنى پەرەز قىلغانلىقىمىزنى ئەجىبا ئىنكار قىلىمىزمۇ ؟ .  .  .    بىر تۈپ دەرەخ ئۈچۈن ئۇنىڭ توپا ئاستىدىكى يىلتىزى قانچىلىك مۇھىم بولسا ، بىز ئۈچۈن بىزنىڭ ئەسلىمىز ، نەسلىمىز ، ئېتىقادىمىز ۋە ئۈمۈدىمىز كۆمۈلگەن يىراق ئۆتمۈش شۇنچىلىك مۇھىمدۇر .  ئېنگېلىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن « پەخىرلەنگۈدەك ئەجدادى ، ئۈمۈد كۈتكىدەك ئەۋلادى يوق خېچىر » بولۇپ قېلىش نەقەدەر بىچارىلىك _ ھە ! Fd:pbaz:u  
ئەگەر بۆرە ئانا توغرىسىدىكى ئەپسانە ئىز _ تېزسىز ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بولسا ، بىزگە قانچىلىك زور يوقىتىش بولغان بولاتتى .  .  .  نىھايەت ، كۆك بۆرىنىڭ كۆزلىرىدىن چاقنىغان نۇرلۇق شولىلار زۇلمەت كېچىلەرنى قانچىلىك يورۇتسا ، بىزنىڭ يىلتىزىمىز كۆمۈلگەن ئۆتمۈشنى ۋە ئۈمۈدىمىز يۈكلەنگەن كەلگۈسىنىمۇ شۇنچىلىك نۇرلاندۇرغۇسى .
7M-}[Y  
vXiz4hi0/  
              )fu+t"  
8-Z{}7^3  
« ئوغۇزنامە» داستانى ۋە «ئەرگىنەقۇن» داستانىدىكى مۇقەددەس كۆك بۆرىنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى يېڭىدىن قۇرۇلغان چاغدا چىقارغان كۆك بۆرە رەسىملىك 5 لىرالىق قەغەز پۇل . ;x+Dq1Fx  
[gg+7i")  
SJ>.y:TLk  
$TY4U  
t;DW6Pw  
x|c 
qC>uqe "  
S\9)J,pW  
    بۆرە سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن مايكا . 2G3_L*r  
ia.mY  
JP!m$g]V\P  
   KDmA?7V  
                                          بۆرە چىشى ,",`%}@]  
%P>$6'W  
x(O0Zkm+  
    aO}2Cq2r  
1' x75Q9I  
_D>!  
مەنبە :  ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى دېگەن كىتابتىن ئېلىندى . Ek' P#VJ  
   
[ بۇ يازما شەرىقلىق تەرپىدىن 2008-08-05 14:11 دە قاي ]
باشقۇرغۇچى ئىدىرىسجان تېمىنى تەستىقلىدى .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • سەلكىن دوللىرى:+40(ئىلى.بۆرىسى) ياخشى تىما
  • ئۆتمۇشى غۇۋا مىللەتنىڭ كەلگۈسىمۇ غۇۋا بولىدۇ .
    | ۋاقتى : 2008-07-30 01:13 [باش يازما]
    يولۋاسچاق
    تۇتۋالدىغان بولسام ، خەپ .....
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 1360
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2461
    ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2461دانە
    شۆھرەت: 226 كىشىلىك
    پۇل : 856148 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2715 نۇمۇر
    قوللاش: 2555 نومۇر
    ئالقىش: 2943 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :314(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى يوللاپسىز ، يەنە بىر نادىر تىما ,< o$74  
    مەندە بۆرە تىرنىقىدىن بىرسى بارتى ، ئاچقۇچ ئاسقۇچقا بەكىتىپ قويدۇم w[]WJ&47  
    قاچان قەيەردە كۆرگەن بوغىيتىم مەن
    Gulyar tori
    ئويغۇر ، ئويغۇردەك ياشىغىن مەغرۇر
    ھەممىدە بولمايدۇ ۋىجدان ۋە غۇرۇر                       
    يېلىنىپ-يالۋۇرۇپ ياشىما ھەرگىز
    دىنىڭ ئىسلامدۇر ، مىللىتىڭ ئويغۇر
    | ۋاقتى : 2008-07-30 01:38 1 -قەۋەت
    باغۋەن
    سالام رومانتىكا
    ئالاھىدە باشقۇرغۇچى سەھىپە باشقۇرغۇچى مۇنبەر باشقۇرغۇچى ئىجاتچان ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 49
    نادىر تېما : 36
    يازما سانى : 4040
    ئۇنۋان:18 دەرىجە ھازىرغىچە4040دانە
    شۆھرەت: 12200 كىشىلىك
    پۇل : 14505 سوم
    تۆھپە: 2686 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 6761 نۇمۇر
    قوللاش: 6017 نومۇر
    ئالقىش: 6415 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :1353(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    قېنى كۆك بۆرە كۆك بۆرە دېگەن ناخشىنى ئاڭلاپ ئوقۇسا بولىدىكەن ماۋۇ تېمىنى ،،تېما ئىگىسىگە رەھمەت،
    ئەلىمىساقتىن كەلدىم، ئەبەدىيلىككە كېتىمەن .
    | ۋاقتى : 2008-07-30 01:40 2 -قەۋەت
    زۇلپۇقار
    مۇنبەر شاھى
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 16014
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1852
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1852دانە
    شۆھرەت: 2048 كىشىلىك
    پۇل : 12091 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2094 نۇمۇر
    قوللاش: 1969 نومۇر
    ئالقىش: 2372 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :883(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئالىپتىكىن  باش سۆرىتىنى ئالماشتۇرۋېلىپ  ئۈزىنىڭ ئەسلى باش سۈرىتىنى  گاڭگاۋ قىلۋاپتۇ  ئاۋۇ يەردە  ھى ھى ھى ; \BaYn  
    ياخشى تىمىكەن
                                  دىققەت قىل ئەي يىگىت بەزى ئىشلارغا،
                                  بەرمىگىن كۆڭلىڭنى قەلەم - قاشلارغا.
                                  ئازاپتىن ئەلەمدىن ئاخىرى بىر كۈن،
                                  تولىدۇ كۆزلۈرۈڭ ئىسسىق ياشلارغا.
    | ۋاقتى : 2008-07-30 01:42 3 -قەۋەت
    جـانان
    ئالىي ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2120
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 4573
    ئۇنۋان:19 دەرىجە ھازىرغىچە4573دانە
    شۆھرەت: 15 كىشىلىك
    پۇل : 14145 سوم
    تۆھپە: 100 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4582 نۇمۇر
    قوللاش: 2575 نومۇر
    ئالقىش: 4263 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :112(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    كۆك بۆرە، كەچ بولغاندا ياىشى تىمنى بىرنى ئوقۋالدىم . تىما يولۇغۇچغا رەھمەت.
    bugra
    بۇ دۇنيادا باشقىلار ئۈچۈن غەم يىگىنىڭ ، كىيىنكى دۇنيادا ئۆزەڭ ئۈچۈن نان يىگىنىڭ .
    | ۋاقتى : 2008-07-30 01:56 4 -قەۋەت
    001زېرو
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13866
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 160
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە160دانە
    شۆھرەت: 162 كىشىلىك
    پۇل : 1135 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 197 نۇمۇر
    قوللاش: 177 نومۇر
    ئالقىش: 247 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :277(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇزاق زامانلاردىن كېيىن يىلتىزىمىزنى ئۇنۇتقانلىقىمىزنى ھېسقىلدۇق  ئاجايىپ توغىرا ئېيتىلغان سۆزجۇمۇ بۇ  رەخمەت رەسىملىرىنى چۈشۈرۋالدىم  ھەقىقەتەن ياخشى تېمىكەن 
    izdax.com
    شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇ .....
    | ۋاقتى : 2008-07-30 01:56 5 -قەۋەت
    ئالىپتىكىن
    كۆكيال
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3545
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 2829
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2829دانە
    شۆھرەت: 2047 كىشىلىك
    پۇل : 95876 سوم
    تۆھپە: 279 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3041 نۇمۇر
    قوللاش: 2958 نومۇر
    ئالقىش: 3452 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :143(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مىنىڭمۇ  بۈرە  بار  سۈرەت  قايسىنى  ئالماشتۇراي  بەرىبىر 
    qarluq
    بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت
    ئاھ جان ئاتىلار جەڭلەردە شېھىد
    كەچۈرۈڭ ! تورىمىزنىڭ مەزمۇنلىرىنى خالىغانچە كۆچۈرمەڭ!
    | ۋاقتى : 2008-07-30 02:37 6 -قەۋەت
    شەرىقلىق
    ئالپ تېكىن
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 7865
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1016
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1016دانە
    شۆھرەت: 3196 كىشىلىك
    پۇل : 2360 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1502 نۇمۇر
    قوللاش: 1198 نومۇر
    ئالقىش: 2721 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :1988(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاۋۇ مايكىلىرىم پەيزىمىكەن ؟ 
    qarluq
    ئۆتمۇشى غۇۋا مىللەتنىڭ كەلگۈسىمۇ غۇۋا بولىدۇ .
    | ۋاقتى : 2008-07-30 03:09 7 -قەۋەت
    ئۇچقۇنى
    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 13352
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 3737
    ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3737دانە
    شۆھرەت: 4494 كىشىلىك
    پۇل : 91 سوم
    تۆھپە: 400 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4467 نۇمۇر
    قوللاش: 3995 نومۇر
    ئالقىش: 5032 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    توردىكى ۋاقتى :808(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    نادىر تىما!!!!!!!!!!!
    qarluq
    | ۋاقتى : 2008-07-30 10:40 8 -قەۋەت
    خيال0997
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 14497
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2672
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2672دانە
    شۆھرەت: 2707 كىشىلىك
    پۇل : 13463 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2796 نۇمۇر
    قوللاش: 2730 نومۇر
    ئالقىش: 2964 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :983(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    پەيزىكەن
    qarluq
    تەدبىرىڭ قانداق بولسا،تەقدىرىڭ شۇنداق بۇلىدۇ..
    | ۋاقتى : 2008-07-30 10:41 9 -قەۋەت
    ئىلى.بۆرىسى
    تارخ: ئۇ كىنو ئەمەس...........
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 150
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2648
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2648دانە
    شۆھرەت: 2404 كىشىلىك
    پۇل : 9186 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2755 نۇمۇر
    قوللاش: 2699 نومۇر
    ئالقىش: 1909 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى :764(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەندە بۆرە ئۇشۇقى بار چىشىمۇ باتتى ئىنىمغا بەردىم .................. كىشى ئەسلىنىمۇ ، نەسلىنىمۇ ئۇنتۇماسلىقى كىرەك ............. رەخمەت نادىر تىمىڭىزغا ..............
    qarluq
    دوپسىنى ئال يۇۋاش نىم دىسە ، بىشىنىلا ئېلىپ كەپتىمەن .
    ئەززەلدىنلا سۇنۇق دىللارغا يەنە ،ئازاپ سېلىپ كەپتىمەن .
                          << ئۇيغۇرۇم ئۆم بول >>

    TextAdMarket.com
    | ۋاقتى : 2008-07-30 13:09 10 -قەۋەت
    فەرۇق520
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 17696
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 88
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە88دانە
    شۆھرەت: 88 كىشىلىك
    پۇل : 865 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 140 نۇمۇر
    قوللاش: 114 نومۇر
    ئالقىش: 205 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :124(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-23
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەسىم :
    ياخشىي يۇلاپىسز سىزگە رەخمەت.......
    qarluq
    HaP②00⑧。*-*YaRaX*-*,MIDi*--*DaI-Ma*--**--*HaP《,爱亲,》LaO**--**YoK**--**J-u-M-a
    | ۋاقتى : 2008-07-30 23:53 11 -قەۋەت
    ئارمان2
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8500
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 132
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە132دانە
    شۆھرەت: 197 كىشىلىك
    پۇل : 2168 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 232 نۇمۇر
    قوللاش: 182 نومۇر
    ئالقىش: 350 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :169(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى تىمىكەن ، رەخمەت سىزگە
    qarluq
    ئىز بار ، ئىز باسىدىغان ئادەم يوق ، ئەجداتلارنىڭ ماڭغان ئىزى چۆلدەرەپ ئۈچەي دىگەن ھالەتكە كىلىپ قالدى ! بىز نىمە ئىش قىلىۋاتىمىز ؟ كەلگۈلسى ئەۋلاتلارنىڭ ئاقىۋىتىگە بىز جاۋابكار ! چۈنكى بىز ئەجداتلار بىزگە يەتكۈزۈپ بەرگەن يارقىن ئىزلارنى داۋملاشتۇرالمىدۇق ، ياخشى ۋارسىلىق قىلالمىدۇق ، راۋاجلاندۇرالمىدۇق ، بىز بۇ يارقىن ئىزلارنى كەلگۇسى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزەلمىدۇق !
    | ۋاقتى : 2008-07-31 08:30 12 -قەۋەت
    سۇۋادان
    سۇۋادان تېرەككە مەدىيە...
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 12603
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1275
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1275دانە
    شۆھرەت: 1216 كىشىلىك
    پۇل : 30 سوم
    تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1323 نۇمۇر
    قوللاش: 1327 نومۇر
    ئالقىش: 1428 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    توردىكى ۋاقتى :765(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇيغۇرلارمۇ شاخلارنىڭ خېلى قاۋۇلىدىنكەن .............تېما ئىگىسىگە رەخمەت.........
    qarluq
    ياشىغان ئىكەنسەن ئوۋ پەيىتلىرىدىكى بۆرىدەك ھۇۋلاشقا ، ئەتىياز پەسلىدىكى قۇرۇت - قۇڭغۇزلاردەك ئۆمىلەشكە ، ھۈپپىدە گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن باغۇ- بوستانلاردىكى بۇلبۇلدەك سايراشقا مەجبۇر بولىسەن. قىسقىلا ھاياتىڭدا مەمنۇن بولۇپ كۈلىدىغان ياكى پۇشايمان قىلىپ ئاھ ئۇرىدىغان ۋەياكى قايغۇ-ھەسرەت ئىسكەنجىسىدە ئامبۇر بىلەن قىسقاندەك ئېچىشقان يۈرەكنى تاتىلاپ زار -زار يىغلايدىغان كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىسەن . بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەسلىمە سۈپىتىدە ساڭا مەڭگۈ ھەمراھ بولىدۇ.بىر قىسىملىرى بولسا زاۋالدا كۆرگەن چۈشتەك ئاستا -ئاستا ئۇنتۇلۇپ كىتىدۇ................
    | ۋاقتى : 2008-08-03 12:04 13 -قەۋەت
    ئاققۇ001
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18364
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 77
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە77دانە
    شۆھرەت: 78 كىشىلىك
    پۇل : 475 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 75 نۇمۇر
    قوللاش: 75 نومۇر
    ئالقىش: 75 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :7(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-23
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى يىزىپسىز؟
    qarluq
    ياخشى كۇنلەر تىخى ئۇزۇن
    | ۋاقتى : 2008-08-13 17:00 14 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    سەلكىن مۇنبىرى » گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردىن تەرمىلەر
    

    سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

         سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

    سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
    مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-8553838، 13609981040