ھازىرقى ئىراق زادى قانداق؟ بۇنى پەقەت ئىراققا بارغان ياكى ئىراقلىقلار بىلەن ئۇچراشقان ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا بىلىدۇ، لىكىن كۆپ ساندىكى كىشىلەردە بۇنداق شارائىت يوق،ئۇلار پەقەت ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىقلا ئىراقنى تونۇيدۇ، ئەمما بۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى خەۋەرنىڭ
ئىشەنچىلىك دەرىجىسى قانچىلىك؟ ئەلۋەتتە بەزى دۆلەتلەردە ئاخبارات ۋاستىلىرى پۈتۈنلەي ھۆكۈمەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار مەلۇم سىياسى مەقسەت بىلەن ۋەقەلەرنى خەۋەر قىلىپ، ئۆز مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ. ئىراق ۋەزىيىتى بۇنىڭ ئەڭ روشەن مىسالى. ئۇنداقتا ھەقىقى ئىراق ۋەزىيىتى قانداق؟ تۆۋەندە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىراققا بارغان ھەمدە ئىراقلىقلار بىلەن كەڭ تۈردە ئۇچراشقان مارشال ياڭ ۋىيلىنىڭ ماقالىسى ئارقىلىق ھەقىقى ئىراق بىلەن قايتا تونۇشايلى:
tW9Y
~ g5S^l مەن ئالدىنقى قىتىم <ئىراقلىقلار بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىش> دىگەن تىمىدا بىر ماقالە يازغان ئىدىم.ئەينى چاغدا ۋاقىت قىس بولغانلىقى ئۈچۈن ئىراقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى سىستىمىلىق ئىگەللىيەل
مەي، پەقەت مەلۇم تەرەپتىن زىيارەت ئىلىپ بارغان ئىدىم. كىيىن مەن مەكتىۋىمىزدىكى ۋە باشقا مەكتەپلەردىكى ئىراقلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن كەڭ تۈردە ئۇچرىشىش ئارقىلىق ئىراق ئۇرۇشى بولغىنىغا 4يىل بولغان پەيتتە بۇ ماقالىنى يازدىم.
?-YUeXZr@ بۇ مەزگىلدە مەن ئاساسلىقى شىئە مەزھىپىدىن بولغان ئەلى، سۈنئى مەزھىپىدىن بولغان غەنى، كۇرىدىلاردىن بولغان ئىمىن.ناجىپ ۋە باشقا دوستلار بولۇپ ئىراقلىق 12كىشى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇم. تۆۋەندە بۇ 3 تەرەپكە ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي:
CXnQy*H شىئە مەزھىپىدىن بولغان ئەلى ئىراقنىڭ بەسرە شەھىرىدىن كەلگەن، ئاتىسى يەرلىكتىكى مۇسۇلمانلار نىڭ ئاقساقالى، ئۇ ئىلىتىرۇن كەسپىدە ئوقۇيدۇ. ئۇ جۇڭگودا ھازىر ماگىستىىرلىقتا ئوقۇماقتا.
Ca0=O~ 1 سۈنئى مەزھىپىدىن بولغان غەنى باغداددىن كەلگەن، ئاتىسى باغداد پوچتا ئىدارىسىنىڭ پوچتالىيۇنى. ئۇ كومپىيۇتىر تىخنىكىسى كەسپىدە ئوقۇيدۇ، جۇڭگودا باكلاۋۇرلۇقتا ئوقۇماقتا.
Z[Vq\n كۇرىدلاردىن بولغان ئىمىن.ناجىپ مۇسۇلدىن كەلگەن، ئاتىسى مۇسۇل ئايرۇدۇرۇمىنىڭ ماشىنا شوپۇرى.ئۇ ئىنىرگىيە ۋە ئىلىكتىر كۈچى كەسپىدە ئوقۇيدۇ، جۇڭگودا ماگىستىرلىقتا ئوقۇماقتا.
u"R{'Nr Ny^SJZg مەن ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا ئۇلار ماڭا دىگەن مۇنداق ئىككى ئىش ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى:1،ئۇلار بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئىراقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ قانچىلىك ناچار ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان ھەمدە كوچىدا ئىراقلىقلارنى زىيارەت قىلغانلىقىنى كۆرگەن، ئەمما كۈلكىلىك يىرى شۇكى زىيارەتنى قۇبۇل قىلغۇچى ئىراقلىقلارنىڭ قىلغان سۆز بىلەن رىياسەتچىنىڭ دىگەن گىپى پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان، بۇ ئىراقلىقلار مەن ئالدىراش، زىيارەتنى قۇبۇل قىلغۇدەك ۋاقتىم يوق دىسە رىياسەتچى تەپ تارتماي بۇ ئىراقلىق مەن چەتئەل ئارمىيىسىنىڭ ئىراقنى ئىشغال قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلەيمەن، بارلىق چەتئەل ئارمىيىسى ئىراقتىن يوقۇلىشى كىرەك، دىدى دىگەندەك گەپلەرنى قىلغان. بۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇنداق كۈچلۈك مەقسىەت يوشۇرۇنغان يالغان خەۋەر بىرىشىدە قانداق غەرەز بار؟ 2،كەڭ ئىراق يىزىلىرى ۋە شەھەر بازارلىرى ئەمىلىيەتتە يەنىلا تىنچ، قالايمىقانچىلىق بار جاي باغداد ۋە بەسرە دىگەندەك چوڭ شەھەر.
PE= :I,k كۇرىدلاردىن بولغان ئىمىن ناجىپ ئىراقنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى:مۇسۇل رايۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئىراقنىڭ شىمالى بولۇپمۇ تۈركىيىگە يىقىن رايۇنلار ناھايىتى تىنچ.ئامىرىكا ئارمىيىسى 4يىل بۇرۇن بۇر يەرگە بارغاندىن بىرى بۇ يەردە ئەمىلىيەتتە ھىچقانداق ھەربى ھەركەت قوللانغىنى يوق.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىراقتىكى كۇرىدلار بىلەن تۈركىيىدىكى كۇرىدلار يەنە ئوخشىمايدۇ،ئۇلارنىڭ مۇستەقىل كۇرىد دۆلىتى قۇرۇش جەھەتتە ئانچە كۈچلۈك تەلىۋى يوق.تۈركىيىدىكى كۇرىدلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى پەقەت ھەققانىيەت ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە قوللايدۇ، ئومۇمى جەھەتتىن قارىغاندا كۇرىدلار رايۇنى ئىراقتىكى ئەڭ تىنچ رايۇن ھىساپلىنىدۇ.
,&'] % سۈنئى مەزھىپىدىن بولغان غەنى سۈنئى مەزھىپى رايۇنىنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى:باغداد،تىكرىتدىن تاكى سۈرىيە ۋە ئىئوردانىيىنىڭ چىگرىسىگىچە بولغان رايۇن يەنى باغداددىن تىكرىتكىچە بولغان رايۇن ۋە باغدادنىڭ ئەتراپىدىكى رايۇنلارنىڭ ۋەزىيىتى سەل قالايمىقان،ئىراقتا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغانلارنىڭ 75پىرسەنتىدىن كۆپرەكى ئەمىلىيەتتە چەتئەل تىرورچىلىرى. سادام تەختتىن چۈشكەندىن كىيىن ئىراقتىكى چەتئەللىكلەر بارغانسىرى كۆپەيدى.ئۇنىڭ ئاتىسى شۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار ئاقساقالى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىيتىشىچە سۈرىيە ۋە ئىراندىن كىرگەن كىشىلەر ئەڭ كۆپ ئىكەن، بۇ تىرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرىمۇ ئاساسەن سۈرىيىلىك ۋە ئىرانلىق ئىكەن يەنە بىر قىسىم سەئۇدى ئەرەبىستانىلىق،ئاففانىستانلىق،قىرغىزىستانلىق، ئىئىوردانىيىلىك ۋە پەلەستىنلىك بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ قۇرالى ئاساسەن سۈرىيە ۋە ئىراندىن كىلىدىكەن، ئەمما ئۇلار ئىراق خەلقىگە ھەرگىز ۋەكىللىك قىلالمايدىكەن.
]WX){nHl] ئۇنداقتا شىئە مەزھىپى كونتىروللىقىدىكى رايۇننىڭ ئەھۋالى قانداق؟ شىئە مەزھىپىدىن بولغان ئەلى مۇنداق دىدى: بەسرە رايۇنىنى مەركەز قىلغان ئىراقنىڭ جەنۇبى رايۇنىدىكى ئاساسلىق مەسىلە شىئە مەزھىپى رايۇنى بىلەن سۈنئى مەزھىپى رايۇنى چىگرىلىنىدىغان جاي ھەمدە شىئە مەزھىپى كونتىروللىقىدىكى رايۇنلاردا قاماپ قويۇلغان ئىراقلىق ۋە چەتئەل تىرورچىلىرى تۇرۇشلۇق تۈرمىنىڭ ئەتراپىدا مەسىلە بىر قەدەر كۆپ،باشقا رايۇنلاردا ئىغىر مەسىلە يوق ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزھەپلەر توقۇنىشىمۇ دىگەندەك ئىغىر ئەمەس.ئوموملاشتۇرۇپ ئىيتقاندا ئىراقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئىيتىلغاندەك ئۇنداق ناچار ئەمەس، ئالدىنقى بىر مەزگىلدە شىئە مەزھىپىنىڭ مۇقەددەس يىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىنى پۈتۈنلەي چەتئەل تىرورچىلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئىراق ۋە خەلقئارا جەمىيەتنىڭ تىرورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى دىققەت ئىتىبارىنى يۆتكەش ئۈچۈن ئىراقتىكى مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىش.
4/U=0T ھازىرقى ئىراقنىڭ ھەقىقى ۋەزىيىتى مۇنداق: ئىراق خەلقى سادامنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاغدۇرۇپ تاشلانغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ، ئەمما سادام ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كىيىن كىلىپ چىققان ھوقۇق بوشلۇقى ۋە جەمىيەت تەرتىبىدىن نارازى،بۇ ئىراقتا ھەرخىل مەزھەپلەرنىڭ بولىشىدىكى بىۋاستە سەۋەپ.ئىراقلىقلار ئىراقنىڭ دىموكراتىك مۇساپىسى ۋە ئۆزلىرى ئىگە بولغان دىموكراتىك ھوقۇقتىن ئاساسەن رازى. ئىراق مەسىلىسىنىڭ 70پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى چەتئەل تىرورچىلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان،ئىراق ئىچكى ئۇرۇش گىرداۋىدا تۇرماقتا دىگەن گەپ پۈتۈنلەي خاتا.
(kg}+`R#; مەن بىلەن پاراڭلاشقان بۇ ئىراقلىقلار ماڭا مۇنداق دىدى:مەلۇم دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارالىق سىياسى كۆرىشىنىڭ ئىھتىياجى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى سىياسى ئىھتىياج ئۈچۈن ئىراقنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ، ئىراقنى خارابىلاشتۇرماقتا، ئىراقنى خۇنۇكلەشتۈرۈش ئىراق خەلقىنىڭ شۇ دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.
6%N8w'Hx BF#
ئىككىنجى قىسمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ !
./read.php?tid-32957.html[ بۇ يازما ئۈمىد. تەرپىدىن 2008-07-30 14:23 دە قايتا ]