« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: [ئەركىن سىدىق]شىركەتنى ئوڭۇشلۇق ماڭدۇرۇش IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 777 قېتىم كۆرۈلدى
زۇليار0997
دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


UID نۇمۇرى : 239
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 38
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە38دانە
شۆھرەت: 86 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 1752 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 161 نۇمۇر
قوللاش: 100 نومۇر
ئالقىش: 186 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 [ئەركىن سىدىق]شىركەتنى ئوڭۇشلۇق ماڭدۇرۇش

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئۇيغۇرجان تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-05-23)
شىركەتنى ئوڭۇشلۇق ماڭدۇرۇش ئىقتىدارى II`Fp: f  
j~BQe,TPM  
gFs>cB  
FuD+@}~&  
BQ..\G,O5  
ئەركىن سىدىق [y$;=IZ-  
t\ OE*6u  
.=9oOn1E#  
<[Jt)*  
;x  
2008-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى
/aq?Ss  
Q[XN>  
( Zo4;z  
T0j}s1*:*  
مەن ئەسلىدە كېيىنكى يازمام ئۈچۈن باشقا بىر مەزمۇننى ئويلاشقان ئىدىم. لېكىن، «شىركەت قۇرۇشقا قانداق ئىقتىدار كېرەك؟» دېگەن يازمام تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بەزى تورداشلار ھازىر ئۇيغۇر كارخانىچىلىقى ساھەسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئېغىر مەسىلىنىڭ بىرسى، قانداق قىلىپ قۇرۇلۇپ بولغان شىركەتنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئەسلىدىكى پىلانىمنى ئۆزگەرتىپ، ئالدى بىلەن مۇشۇ مەزمۇن ئۈستىدە توختىلىشنى قارار قىلدىم. مەن باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆز ئالدىمىزغا شىركەت قۇرۇشقا 4 قېتىم ئۇرۇنۇپ باقتىم. لېكىن ئۇ شىركەتلەرنىڭ ھېچ قايسىسى ئەسلىدىكى پىلان بويىچە رەسمىي قۇرۇلۇپ باقمىدى. شۇڭلاشقا مېنىڭ تۆۋەندە يازىدىغىنىم بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەرگە ھازىرچە «موللامنىڭ قىلغىنىنى قىلما، دېگىنىنى قىل» دېگەندەك بىر نەرسە بولۇپ تۇيۇلۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس. بىز ھېلىقى شىركەتلەرنى خۇسۇسى كاپىتالىستلاردىن مەبلەغ پۇلى ئېلىپ قۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئۇ شىركەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق قۇرۇلماسلىقى مەبلەغ پۇلى ھەل بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، مەن بۇ قېتىم تونۇشتۇرماقچى بولغان بىلىملەرنىڭ ئاساسىي قىسمى ئامېرىكىدىكى بىر مۇتەخەسسىسنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىدۇر. بۇ مۇتەخەسسىس خانىمنىڭ ئىسمى «Deborah Cole Micek» بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ كەسپىي كىنىشكىسىغا ئېرىشكەن «كەسپىي كىشىلىك ھەرىكەت ئانالىزچىسى» ۋە «ئىگىلىك ئىستراتېگىيىچىسى» ئىكەن. بۇ خانىم ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق قىمار شەھىرى لاس ۋىگاس قا جايلاشقان «RPM مۇۋەپپەقىيەت گۇرۇپپىسى» دېگەن شىركەتنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرسى بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۇنيادىكى نۇرغۇن شىركەت ئىگىلىرى ۋە زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن شەخسلەر ئۈچۈن ئىشلەپ كەلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ تور بەت ئادرېسى: 89Fgc  
http://www. rpmsuccess. com/ -bJO\Txs  
مەن بۇ يەردە مۇنداق بىر ئىش توغرىسىدا ئالدىن ئىزاھات بېرىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. مەن بۇ قېتىمقى مەزمۇن توغرىسىدا تاپقان ئىنگلىزچە ماتېرىياللار مەزمۇن جەھەتتە بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، مەن ئەسلىدىكى مەنىسىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئۇلارنى ئۇيغۇرچىدا ئاددىيلاشتۇرۇپ يېزىشقا خېلى تىرىشتىم. شۇنداقتىمۇ بۇ يازمىنىڭ بەزى يەرلىرى يەنىلا دېگەندەك راۋان بولمىغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن. شۇڭا ئوقۇرمەنلەردىن ئۇنداق يەرلىرىنى تۈزىتىپ ئوقۇپ كېتىشىنى سورايمەن. dim0Sc#2  
D9&~+*p  
شىركەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان كىشىلىك سۈپەتلەر *pLV%hC  
' EFD  
زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن كارخانىچىلارنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان بىر قىسىم كىشىلىك سۈپەتلەر بار. Deborah خانىم دۇنيادىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان شىركەت ئىگىلىرى بىلەن ئىگىلىك لېدىرلىرىنىڭ ھاياتى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان پەرقى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، تۆۋەندە چۈشەندۈرۈلىدىغان كىشىلىك سۈپەتلەرنى يەكۈنلەپ چىقىپتۇ. ئۇ خانىم ئۆز تەتقىقاتى ئاساسىدا مۇنداق خۇلاسىگە كېلىپتۇ: ئىگىلىك لېدىرلىرى ئاشۇنداق بولۇپ تۇغۇلغان ئەمەس. ئۇلار تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئاشۇنداق بولۇپ تەربىيىلىنىپ يېتىشىپ چىققان. تۆۋەندىكىسى Deborah خانىم يەكۈنلەپ چىقارغان 10 كىشىلىك سۈپەتلەردىن ئىبارەت: C(A&DJo  
(M-=g.%3T  
?4^"?f ;  
(1) ئارزۇ بىلەن ئىرادە، ۋە قاتتىق تىرىشىش روھى («ambition and drive») pn#_gDs[  
 
JM=Z4Ji'[d  
Y>--*1L1  
بۇنى Deborah خانىم ئىنگلىزچىدا «ambition and drive» دەپ ئالغان بولۇپ، ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە ئىنتېرنېت لۇغىتىدە «ambition» دېگەن سۆزنى «ئارزۇ» دەپ ئېلىپتۇ. لېكىن مېنىڭچە ئۇ سۆزنى «ئارزۇ» دېسە بەك ئاددىي بولۇپ قالىدۇ. «ambition» دېگەن سۆزنىڭ ئىنگلىزچە لۇغەتتىكى ئىزاھاتى مۇنداق ئىكەن: «ھوقۇق، شان-شەرەپ، نام ياكى بايلىققا ئوخشاش مەلۇم بىر ئالاھىدە نەتىجە ياكى ئورۇنغا ئېرىشىشكە بولغان سەمىمىي ئارزۇ، ھەمدە ئاشۇ ئارزۇغا يېتىش يولىدا قاتتىق ئىشلەش ئىرادىسى». شۇڭلاشقا مەن بۇ سۆزنى يۇقىرىدا «ئارزۇ بىلەن ئىرادە» دەپ ئالدىم. ئەڭ ياخشىسى سىز بۇ سۆزنىڭ ئىنگلىزچە لۇغەتتىكى ئىزاھاتىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇۋېلىڭ. ئىنگلىزچە لۇغەتتە «drive» دېگەن سۆزنىڭ بۇ يەردىكى مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان مەنىسى مۇنداق ئىكەن: «مەلۇم بىر نىشانغا يېتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن قاتتىق تىرىشىش، پۈتۈن ۋۇجۇدى ۋە قاتتىق ئىرادە بىلەن ئىشلەش». شۇڭا مەن ئۇنى يۇقىرىدا «قاتتىق تىرىشىش روھى» دەپلا ئالدىم. بۇ كىشىلىك سۈپەت سىزنى ھەر خىل توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، قىلىش مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنگەن ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا زۆرۈر بولغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. تەۋرەنمەس ئىرادە سىز ھەممە ئۈمىدلەردىن ئايرىلىپ قالغان ناچار ۋاقىتلاردىمۇ سىزنى يەنىلا ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىتىدۇ. سىزنى ئۆز ھاياتىڭىز ۋە شىركىتىڭىزنىڭ نىشانى، ۋەزىپىسى ۋە مەركىزىي قىممىتىدە ئىزچىل تۈردە چىڭ تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. سىزنى ھەر بىر ئەھۋال ئۈستىدە ئوبيېكتىپ ھالدا ھۆكۈم چىقىرىش ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەمدە سىزنى ھەر دائىم توغرا يۆنىلىشكە باشلايدۇ. aTIF?:pD4u  
_yXG<>XZt  
q,kxZ/vs  
(2) تۈزۈملەشكەن خىزمەت ئىستىلى ۋە سۈپەتكە بولغان يۇقىرى ئۆلچەم !QSe@(#LS  
DQfZ8~1  
^+}^CG}  
xX#p%zng  
بۇ كىشىلىك سۈپەتنىڭ ئالدىنقى يېرىمىنى Deborah خانىم ئىنگلىزچىدا «disciplined work ethic» دەپ ئالغان. ئىنگلىزچىدىكى «discipline» دېگەن سۆز غەرب ئەللىرىدە ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ مەن ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە ئىپادىلەشتە ئەڭ قىينىلىۋاتقان سۆزلەرنىڭمۇ بىرسى. ئۇنىڭ پېئىل بولۇپ ئىشلىتىلگەندىكى ئىنگلىزچە لۇغەتتىكى مەنىسى «چېنىقتۇرۇش ۋە كونترول قىلىش ئارقىلىق مەلۇم بىر تەرتىپ ۋە بوي سۇنۇش ھالىتىدە ئەكېلىش» ئىكەن. يۇقىرىدا بۇ سۆز سۈپەت شەكلىدە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، مەن باشقا مۇۋاپىق سۆز تاپالماي ئۇنى «تۈزۈملەشكەن» دەپ ئالدىم. 7YWn\e"  
-#maeN;_u  
بۇ سۈپەت ھەر بىر كىشىگە خاس بولغان سەمىمىيلىك، پۈتۈنلۈك («integrity») ۋە كىشىلەرگە كۆڭۈل بولۇش قاتارلىق سۈپەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر سىز ھەر قانداق ئىش قىلغاندا ئۆزىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئۇنىڭ سۈپىتىگە بېغىشلىسىڭىز، ماھىيەتتە ئۆز مەھسۇلاتىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ سۈپەت جەھەتتە باشقىلارنى بېسىپ چۈشىدىغان ئېسىللىق تامغىسىنى باسقان بولىسىز. ئۆز مەھسۇلاتىڭىزنى يۇقىرى سۈپەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش جەريانىدا ئىش ئۈنۈمىڭىزنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز سىز توغرا ئىش قىلىۋاتقان، ھەمدە ئۆز كۈچىڭىزنى توغرا يۆنىلىشكە مەركەزلەشتۈرۈۋاتقان بولىسىز. سىز ئۆزىڭىزنىڭ %80 تىن ئارتۇق ۋاقتىنى «ئىگىلىكنى باشقۇرۇش» قا ئىشلىتىشىڭىز، ھەرگىزمۇ ئىگىلىك سىزنى باشقۇرىدىغان ھالەتكە كىرىپ قالماسلىقىڭىز كېرەك. 8$@I^66(r  
|vP?Fuv  
9t>tdm/'  
(3) جۈرئەت ۋە ئەمەلىي ئىشنى مەركەز قىلىش خىسلىتى («Courage and action-orientation») 83i' S^%  
/{j>\#"  
NqYqHyCxO=  
.V+y8G/X}  
سىز يېتەرلىك دەرىجىدە ئۈمىدۋار بولۇپ، باشقىلار سىناپ بېقىشنى خالىمىغان تەۋەككۈلچىلىكىنى قىلىپ باقماقچى بولغاندا، ئۆزىڭىزنى ناھايىتى چوڭ پايدىغا توغرىلىغان بولىسىز. سىز چوقۇم ئەھۋالنىڭ ھەممە تەرىپىنى ئوبدان دەڭسەپ كۆرۈپ، تەربىيە ۋە بىلىم ئاساسىغا قۇرۇلغان تەۋەككۈلچىلىكىنى قىلىپ بېقىڭ. بۇ تەۋەككۈلچىلىك ناھايىتى مۇھىم. بۇنىڭغا يۇقىرى دەرىجىلىك جۈرئەت كېتىدۇ. ئۇنداق بولمىغان بولسا ئۇنى ھەممە ئادەم قىلغان بولاتتى. جۈرئەت بىر خىل ھېسسىيات ئەمەس. ئۇ بىر قارار. گەرچە ئالدىنقى قېتىم سىز بىر يېڭى ئىشنى سىناپ بېقىپ مەغلۇپ بولغان بولسىڭىزمۇ، ھەقىقىي جاسارەت سىزنى داۋاملىق ئالغا ئىنتىلدۈرىدۇ. ئەگەر مەغلۇپ بولۇشتىن قورقمىسىڭىز، سىز توختىماي تەۋەككۈلچىلىك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولۇپ، سىز قىلغان تەۋەككۈلچىلىكنىڭ بىرسى سىزنى زور ئۇتۇققا ئېرىشتۈرىدۇ. lu`WEV W  
})M.}G|}  
51 HnlHX  
(4) ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ («Self confidence») :\hH-@[W)  
#A*rxzqM  
+q{ h~fp]c  
cdtvp} l  
بۇ سۈپەت بەزىدە سىزنىڭ ئىگىلىكىڭىز ۋە تۇرمۇشىڭىزنىڭ ھەممە جەھەتلىرىدىكى «توغرا پوزىتسىيە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ ھالقىلىق كىشىلىك سۈپەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىزدە مۇشۇ سۈپەت بولغاندىلا، سىز ئۆزىڭىز كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىپ، ھەر بىر كۈندىكى ھەر بىر مىنۇتتا ئۆز نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا چىڭ تۇرالايسىز. ھەقىقىي ئىجابىي پوزىتسىيەلىك ۋە ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىدىغان كىشىلەر ناھايىتى مەسئۇلىيەتچان كېلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ھەرگىزمۇ جاۋابكارلىقنى باشقىلارغا ئىتتەرمەيدۇ. ئىجابىي پوزىتسىيەلىك كىشىلەر ئۆزى قىلىدىغان ھەر بىر ئىشتا تەشەببۇسكار بولىدۇ (Kowey ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى ئىچىدىكى 1-ئادەتكە قاراڭ). ئۇلار سەۋەبنى جەمئىيەت ئىقتىسادىغا، تەلەيسىزلىككە، ناچار مۇناسىۋەتكە، ھاۋا كىلىماتىغا، بىتەلەي ئەھۋاللارغا، بازار ئەھۋالىغا ياكى ئۆز خىزمەتچىلىرىگە دۆڭگىمەيدۇ. تەشەببۇسكار كىشىلەر ئۆز زېھنىنى قانداق قىلىپ باشقىلارنى ئۆزگەرتىشكە مەركەزلەشتۈرمەي، ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە قارىتىدۇ. تۇرمۇش ۋە ئىگىلىككە قارىتا ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتىدىغان كىشىلەر ھەر بىر ياخشى ۋە يامان سەرگۈزەشتلىرىدىن تەجرىبە-ساۋاق ئالىدۇ. كەلگۈسىدە ناچار نەتىجە چىقىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئامالىنى تېپىپ چىقالايدۇ. 8h%Y3t0  
'I?  
4wiPYr  
(5)خىزمەتچى لېدىرلىق («Servant leadership») J|k+*zF6`  
<%Z0{9K  
=kQ4w-&N\L  
!8SQ4l;  
بۇ سۆز ئۆزىنى بىر ئادەتتىكى خىزمەتچى بىلەن ئوخشاش تۇتىدىغان، قول ئاستىدىكى كىشىلەر بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان باشلىقلارغا قارىتىلغان. بۇ سىزنىڭ باشقىلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقى ۋە تەشۋىقاتنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقى بىلەن كارىڭىز بولماي، ئۆزىڭىزنىڭ ئىگىلىك پىلانى بويىچە ئۆز ئالدىڭىزغا قارار چىقىرىش، ھەمدە ئۆز ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنى ئۆزىڭىز بەلگىلىگەن يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ مېڭىش قابىلىيىتىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ناھايىتى ياخشى قارار چىقىرالايدىغان كىشىلەر قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى ئالدىن كۆرەلەيدىغان بولىدۇ (Kowey ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان 7 ئادەت ئىچىدىكى 2-ئادەتكە قاراڭ). ھەمدە ئاخىرقى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن ۋاقىتتىكى ھاياجانلىقنىمۇ كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلەيدۇ. خىزمەتچى لېدىرلار ئۆز قوشۇنى قەيەردە بولسا ئۆزىمۇ يەردە بولۇپ، خىزمەتچىلىرىگە خۇددى ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىنى كۆز ئالدىغا ئەكىلەلەيدىغان بولۇشنى، ھەمدە ئاخىرقى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەندىكى خۇشاللىق ۋە ھاياجانلىقتىن ھۇزۇرلىنىشنى ئۆگىتىدۇ. T364{saP  
MwmynN|Y  
?I>>S(]  
(6)تەپەككۇرغا باي كۆڭۈل («A creative mind») |d0T w6?  
#\d3}_5T\  
D:u/,5_YX  
P$F!HQ  
ئەگەر سىز بىر يۇقىرى دەرىجىلىك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشكە بەل باغلىغان بولسىڭىز، ساغلام ھالەتتە تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتىڭىز ناھايىتى ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. زۆرۈر بولغاندا ئۆزگىرەلەيدىغان قابىلىيەت بىلەن ماسلىشىشچانلىقمۇ مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىلەردۇر. شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى دەسلەپتە باشلىغاندىن تارتىپلا بىر مۇنتىزىم قۇرۇلما ۋە سىستېمىنى ئورنىتىشىڭىز كېرەك. شۇنداق قىلسىڭىز شىركەتنىڭ ئىشلىرى ئۆزلۈكىدىن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ يۈرۈشۈپ ماڭىدۇ، ھەمدە سىز نوقۇل ئۆزگىرىش ئۈچۈنلا بىر نەرسىنى ئۆزگەرتىپ ئولتۇرمايسىز. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىگىلىك پىلانىنى قارارلىق ھالدا قايتا تەكشۈرۈپ ۋە باھالاپ، ئۇنىڭدىكى سىز دەسلەپتە تۇرغۇزغان شىركەت پىلانى ۋە نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئېھتىياجى بىلەن ماسلاشمايدىغان قىسمىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىسىز. مانا بۇ ئورۇنلۇق ۋە ئۈنۈملۈك ئۆزگەرتىشنىڭ ئىپادىسىدۇر. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، سىزدە چوقۇم بىر ئىگىلىك پىلانى بولۇشى، سىزنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ئىگىلىك پىلانىدا بەلگىلەنگەن ئىشلار بولۇشى كېرەك. \ ze376!$  
:.PW%'P  
(7) ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى، تالانتى ۋە ئىش بېجىرىش ئادىتىنى مۇكەممەل چۈشىنىش NIvo@%=Ee  
jrDr#[  
_VGrwR  
I^FQ0d  
سىز ئۆزىڭىزنى باشقا ھەر قانداق ئادەمدىن ياخشىراق چۈشەنگەندە، ئۆزىڭىز پېتىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان ئەھۋاللارنى ياخشىراق كونترول قىلالايسىز. سىز باشقىلارنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە قارىغاندا ياخشىراق چۈشەنسىڭىز، ئۇلار بىلەن بىرگە ئىش قىلغاندا توغرا ئۇسۇلنى تاللىيالايسىز. بۇنىڭ سىزگە زور پايدىسى بار. چۈنكى سىز ھازىر مول بىلىمگە ئىگە بولۇپ، بارلىق ئىگىلىك مۇناسىۋەتلىرىنى قانداق قىلىپ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشنى بىلىسىز. ئەگەر باشقا بىرسى سىزنى ئۆزىڭىزدىن ياخشىراق چۈشەنسە، سىز داۋاملىق بىر قالايمىقان ئەھۋالنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالىسىز. UFV#ZJ  
G[%vVtX|  
V2L6[v2  
(8)باشقىلارنى چۈشىنىش ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىش يولىدىكى سەمىمىي ئىستەك o1a\uF?  
'RB5LG*J  
^9  [<^Y  
g_Q-_x8  
بۇ كىشىلىك سۈپەت باشقىلارنى چۈشىنىش ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىش يولىدىكى سەمىمىي ئىستەك، ھەمدە باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئۆزىنىڭكىدىن ئۈستۈن قويىدىغان روھنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىز يېتەرلىك ساندىكى كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ياردەم قىلالايدىغان بىر يولنى تاپقاندا، سىزمۇ شۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆزىڭىز ئىستىگەن نەرسىگە ئېرىشەلەيسىز. ئەگەر سىز باشقىلار ئېھتىياجلىق نەرسىنى ئۇلارغا بىر كۆڭۈللۈك ئۇسۇل بىلەن تەمىن ئەتسىڭىز، ئۆزىڭىزنى بەزى رىقابەتچىلەردىن ساقلاپ قالالايسىز. ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدىكى ئىجابىي مۇناسىۋەت سىزنىڭ شىركىتىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تېزلىتىدۇ. ھازىرقى دەۋردە يۇمشاق ئىقتىدارلار (يەنى كىشىلەر بىلەن ئۈنۈملۈك مۇناسىۋەت قىلىش ئىقتىدارى) تېخنىكىلىق ئىقتىدارلارغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم. شىركەت ئىگىلىرى ئۈچۈن بۇ تېخىمۇ شۇنداق. " A}|o~M&  
AWKNz r  
c< 9X4,o  
(9)داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىش («كىچىك ئىت up a notch!») ?G@.L)  
Ycb>iuhVa  
1gJ\e8)  
$>.E:  
مۇمكىنچىلىكى بار ھەممە ئىشلارغا نىسبەتەن ئۆزىدە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنى ساقلاش. ئۆزى ئۈچۈن بىر ئېگىز تىرىشىش نىشانى تىكلەپ، قىلغىلى بولىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى ئۆزىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى توختىماي كېڭەيتىپ تۇرۇش. ئۆزى ئۈچۈن قارارلىق ھالدا نىشان تىكلەپ، ئۇلارنى قارارلىق ھالدا قايتا تەكشۈرۈپ ۋە باھالاپ تۇرىدىغان كىشىلەر قازىنىدىغان ئۇتۇق باشقا 92 پىرسەنت كىشىلەر ئېرىشىدىغان نەتىجىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ. ئىشنى زور نەتىجە بىلەن قىلىدىغان كىشىلەر بىر نىشاننى تۇرغۇزۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى قايتا-قايتا ئازراقتىن ئېگىزلىتىپ تۇرىدۇ. بۇنداق كىشىلەر مەغلۇبىيەتتىن قورقمايدۇ. چۈنكى ئادەتتىكى ئادەملەر ئۈچۈن مەغلۇبىيەت ھېسابلىنىدىغان ئىشلار يۇقىرى نەتىجىلىك كىشىلەر ئۈچۈن بىر ئۆگىنىش جەريانى ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرى نەتىجىلىك كىشىلەر ئەڭ ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغان - بولمايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەسلىكىگە قارىماي، ئۆزلىرى ئۈچۈن چوڭ نىشانلارنى تىكلەۋېرىدۇ. 0/5_  
$]Dr?$  
4N2 r%)A  
(10) قايتۇرۇش («Giving back») 04'us8{yV\  
=*46kt'  
4'*gsGk  
eNn^ `  
ئۆز كىرىمىنىڭ 10 پىرسەنتىنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ۋە ئۆز جەمئىيىتىگە بېرىدىغان شىركەتلەر شىركەت تىجارىتىدە كەڭ - كۆلەملىك ياخشى دۇئا ۋە تىلەكلەرگە ئېرىشىپ تۇرىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ، ئوخشاش مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئىككى شىركەت بار بولۇپ، بىرسى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا داۋاملىق پۇل-مال ئىئانە قىلىپ تۇرسا، يەنە بىرسى بولسا ئۇنداق قىلمىسا، ھەمدە سىز ئاشۇ خەير-ساخاۋەتنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن بىرسى بولسىڭىز، سىز قايسى شىركەتنىڭ مېلىنى كۆپرەك ئالىسىز؟ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-تونۇشلىرىڭىزغا قايسى شىركەتنىڭ مېلىنى بەكرەك تەۋسىيە قىلىسىز؟ بۇ كۆپ قېتىملاپ ئىسپاتلانغان بىر ئاساسىي ئىقتىسادىي قانۇنىيەتتۇر. خەير-ساخاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان شىركەتلەر بازار تەشۋىقاتىغا ئۇنچىۋالا كۈچەپ كەتمەيدۇ. داۋاملىق خېرىدار قوغلىشىپمۇ يۈرمەيدۇ. خېرىدارلارنى ئۆزلۈكىدىن جەلپ قىلىپ تۇرىدۇ. hju7iVf  
ikCWN  
ئەگەر سىز بىر شىركەتنىڭ ئىگىسى بولسىڭىز، يۇقىرىدىكى 10 كىشىلىك سۈپەتنى بىر ۋاراق قەغەزگە يېزىپ، ئۇنى سىز داۋاملىق كۆرۈپ تۇرىدىغان بىر يەرگە چاپلاپ قويۇڭ. ru$jeCz  
UI~d>VxI  
zX 4j/g~  
YKhd7uw  
ah&1[Nm#>  
2. داڭلىق ئەربابلارنىڭ دېگەنلىرى ]_}%\fB~  
Xv B3!  
I5*82C  
$}Pm:w`3  
مەن ئىنگلىزچە تور بەتلىرىنى ئىزدەپ، ئۆزى شىركەت قۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆز تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ ئېيتقان سۆز - ئۈزۈندىلىرىنى تاپتىم. ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، تۆۋەندە مەن ئۇلارنى تەرجىمە قىلىپ يېزىپ چىقىمەن. ھەر بىر كىشىنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىغا ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى بىلەن شىركىتىنىڭ ئىسمىنى ئىنگلىزچىلا يېزىپ قويىمەن. ئاشۇ شىركەت توغرىسىدا تەپسىلىيرەك ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولغان تورداشلار شىركەتنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمىنى Google كىرگۈزۈپ ئىزدىسىلا، ئاشۇ شىركەتنىڭ تور بېتىنى تاپالايدۇ. 3z~(!&%C2  
5U,$YE>$  
(1) بىر توسالغۇغا ئۇچرىغاندا، ئۇنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇڭ. سىزنىڭ ئاشۇنداق تاللاش يولىڭىز بار. سىز توسالغۇنى يېڭىپ، مۇۋەپپەقىيەتچى بولالايسىز. ياكى توسالغۇنىڭ ئۆزىڭىزنى يېڭىشىگە يول قويۇپ، مەغلۇبىيەتچىمۇ بولالايسىز. تاللاش يولى پەقەت ئۆزىڭىزگىلا مەنسۇپ. ھەرگىز قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدىن ۋاز كەچمەڭ. مەغلۇبىيەت توسۇپ تۇرغان ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر مۇساپىنى مېڭىۋېتىڭ. مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ ئارام ئالغاندىن، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش يولىدا چارچىغان جىق ياخشى. Mary Kay Ash، « Mary Kay Cosmetics». K56!G>_  
UM~{hFe#  
(2) بىر ئىگىلىك ئەھلى بىر ئىشنى قانداق قىلىشنى تېزلا ئۆگىنىۋالالايدىغان ئىشەنچ ساقلاپ، ئۆز قابىلىيىتى يول قويغان دائىرىنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارنىمۇ قىلىشقا يۈزلەنگەن بولىدۇ. Roy Ash، «Litton Industries». oz3NF2  
nnHpg}7b  
(3) ئىگىلىك پۇرسەتلىرى ئاپتۇۋۇزغا ئوخشايدۇ. بىرسى كەتسە يەنە بىرسى كېلىپ تۇرىدۇ. Richard Branson، «Virgin Enterprises». 41o/n"$5  
3d}>{)/^  
(4) ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئەڭ ھالقىلىق خۇرۇچى سۆڭگەچنى كۆتۈرۈپ، بىرەر ئىشنى باشلاش. ئۇ ئاشۇنداق ئاددىي. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىدىيىسى بار، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىلا ئۆز ئىدىيىسى ئۈستىدە دەرھال ئىش باشلايدۇ. ئەتە ئەمەس، كېلەر ھەپتە ئەمەس، بۈگۈن ئىش باشلايدۇ. ھەقىقىي ئىگىلىك ئەھلى بىر ئەمىلى ئىش قىلغۇچى بولۇپ، چۈش كۆرگۈچى ئەمەس. Nolan Bushnell، « Atai and Chuck E. Cheese’s». nGI=9t  
d>+U\S0?  
(5) يېڭىلىق يارىتىش كارخانىچىلار ئۈچۈن بىر ئالاھىدە قورال بولۇپ، ئۇلار ئاشۇ قورالنى ئىشلىتىپ بىر ئۆزگىرىشتىن باشقا بىر ئىگىلىك ياكى باشقا بىر مۇلازىمەت ئۈچۈن يارىتىلغان پۇرسەت سۈپىتىدە پايدىلىنىدۇ. كارخانىچىلار مەقسەتلىك ھالدا يېڭىلىق يارىتىش مەنبەلىرىنى، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھەمدە ئاشۇ ئۆزگىرىشلەر ئىشارەت قىلغان ئوڭۇشلۇق ھالدا يېڭىلىق يارىتىش پۇرسەتلىرىنى ئىزدىشى كېرەك. شۇنداقلا ئۇلار قانداق قىلىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا يېڭىلىق يارىتىشنى چۈشىنىشى ھەمدە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك. Peter F. Drucker، «The Father of Modern Management». O|D)sAJ#  
V(j"/O  
(6) مەن باشقىلار ئۈچۈن نېمە تۆھپىسى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان كەشپىياتتىن بىرىنىمۇ مۇكەممەل پۈتتۈرۈپ باقمىدىم. مەن ئالدى بىلەن دۇنيا نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقىپ، شۇ ئېھتىياجلىق نەرسىنى كەشىپ قىلىمەن. Tomas Edison. pX*2;k`I  
X^<'m0  
(7) مۇھىم نەرسە تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ بېقىشتىن قورقماسلىق. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت سىناپ باقماسلىقتىن ئىبارەتتۇر. سىز ئۆزىڭىز قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئىشنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇنى ئەڭ ياخشى قىلىدىغانلاردىن بىرسى بولۇڭ. Debbi Fields، « Mrs. Fields Cookies ». Ah;nX%mD  
w0,/Q[3P  
(8) بىز ياش ئىدۇق، ئەمما بىزدە ياخشى مەسلىھەت، ياخشى ئىدىيە ۋە نۇرغۇن قىزىقىشلار بار ئىدى. Bil Gates، «Microsoft Corporation». J#Gz61lnbr  
ahn+8 jy  
(9) بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىمىزنىڭ ھەقىقىي ئاساسى بىزنىڭ ئەڭ دەسلەپتىن باشلاپلا باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كەلگەنلىگىمىزدۇر. Bil Gates. SJ 8Qz[  
Z_siT5G  
(10) كارخانىچىلار تەۋەككۈلچىلىك قىلغۇچىلار، پۇلى بىلەن ئابرۇيىنى ئۈستەلگە تاشلاپ قويۇپ، مەلۇم بىر ئىدىيە ياكى ئىگىلىكنى قوغلىشىپ «دەتتىكام» دېگۈچىلەردۇر. ئۇلار ئۆزلىرى باشلىغان بىر قاراملىقنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ياكى مەغلۇبىيىتىگە ئۆز رازىلىقى بىلەن مەسئۇل بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە جەھەتتىكى جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. Victor Kiam، «Remington electric shavers». *:WC@+/)  
:Q^$dI;{  
(11) خىزمەت ئورۇنلىرىدا مەۋجۇت بولغان «ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش» روھىي كەيپىياتى سىزنى شۇنچىلىك سەۋىيىگىلا يەتكۈزىدۇ. كارخانىچىلارنىڭ «ئۆزىنىڭ كۆڭۈل تۇيغۇسى بويىچە ئىش قىلىش» روھىي كەيپىياتى بولسا سىزنى ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان ھەر قانداق پەللىگە يەتكۈزىدۇ. ئالدىنقىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا كېيىنكىسى كۆپ خۇشاللىنارلىق ئىش، سىز ئۇنداق دەپ ئويلىمامسىز؟ Bil Rancic. B+uh{jDG  
zHZw.B>az  
(12) مەن ئۆزۈمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت توغرىسىدىكى چۈشەنچەم كونا ئىدىيىلەرنى بۇزىدىغان ئىدىيە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ كەلدىم: مەن ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت پۇل، ئورۇن ياكى نام-ئابرۇي توغرىسىدا ئەمەس. ئۇ ماڭا خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان، ئۆزۈمنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ھەمدە مەندە دۇنياغا تۆھپە قوشقانلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغان بىر خىل ياشاش يولىدىن ئىبارەت. Anita Roddick، «The Body Shop». a UT  
F jq`fU  
(13) مېنىڭ سەرگۈزەشتلىرىم ماڭا بىر قانچە ئىشلارنى ئۆگەتتى. بىرسى قەغەز ئۈستىدىكى نەرسىلەرنىڭ قانچىلىك ياخشى بولۇپ ئاڭلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭغا قۇلاق سالماي، ئۆزىنىڭ كۆڭۈل تۇيغۇسىغا قۇلاق سېلىش. ئىككىنچىسى، سىز ئۆزىڭىز بىلگەن يولدا چىڭ تۇرسىڭىز ياخشىراق نەتىجىگە ئېرىشىسىز. ئۈچىنچىسى بولسا، بەزىدە سىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مەبلەغ سالىدىغان ئىش زادىلا مەبلەغ سالماسلىقتۇر. Donald Trump، ئامېرىكىلىق مىليارد دوللارلىق چوڭ باي. OlEpf  
|0H[.J{  
(14) مېنىڭ ئوغلۇم ھازىر بىر «كارخانىچى». مانا بۇ سىز خىزمەتسىز قالغاندا كىشىلەر سىزگە بېرىدىغان نامدۇر. Ted Turner، تېلېۋىزور كارخانىچىسى. oYv5DE?  
VKiU4M  
(15) مەن ئۆز ئېھتىياجىمنى ئۆزۈم قاندۇرۇشقا ۋە ئۆزۈم ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىشقا مەجبۇرى بولدۇم. لېكىن شۇنداق قىلالىدىم. پۇرسەتنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ساقلاپ ئولتۇرماڭ. ئورنىڭىزدىن دەس تۇرۇپ، ئۇ پۇرسەتنى ئۆزىڭىز يارىتىڭ. Madam C. J. Walker، ئامېرىكىدا مىليونېر بولغان تۇنجى قارا تەنلىك ئايال. x(93AD 
clh">;I8  
?]q\;a  
8OxB=*g  
6c`|aL  
3. ئىش ئۈنۈمى يۇقىرىلىقتىن ئۇلۇغلۇققىچە ,}eYi'7C  
V&q(^YT"  
J kNd0  
 
«ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى» دېگەن كىتابنى يازغان Koweyئەپەندى 2004-يىلى يەنە بىر كىتاب يازغان بولۇپ، بۇ كىتابنىڭ ئىسمى «8-ئادەت: ئىش ئۈنۈمى يۇقىرىلىقتىن ئۇلۇغلۇققىچە» ئىكەن. مەن بۇ يەردە ئاشۇ 8-ئادەتنى قىسقىچىلا تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. كارخانىچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز ئائىلىسى، ئۆز جەمئىيىتى ۋە ئۆز مىللىتى ئۈچۈن چوڭراق تۆھپە قوشۇشنى ئارزۇ قىلغۇچىلاردۇر. شۇڭا مەن بۇ يەردە تونۇشتۇرىدىغان ئۇقۇملار ئۇلار ئۈچۈن ھەمدە باشقا بارلىق ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى پايدىلىق، دەپ ئويلايمەن. مەن ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ بىرسىدە بەزى تورداشلارنىڭ «ئۇلۇغ» دېگەن سۆز پەقەت ئاللاغىلا ئىشلىتىلىدىغان سۆز بولۇپ، ئىنسانغا ئىشلەتسە مۇۋاپىق بولمايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. غەرب ئەللىرىدە بۇ سۆز ئىنسانغىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، تورداشلارغا تونۇشلۇق بولغان، ئامېرىكىدىكى دۇنياغا داڭلىق بوكسچى مۇھەممەد ئەلى 10 نەچچە ياشلىق ۋاقتىدا مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن ئەڭ ئۇلۇغ» (ئىنگلىزچە «I am the greatest»). مېنىڭ ھازىر تونۇشتۇرۇۋاتقىنىم غەربلىكلەر ئوتتۇرىغا قويغان ئۇقۇم بولغاچقا، بۇ يەردە ئۇ سۆزنى ئەسلى ئىشلىتىلىشى بويىچە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن. 4Jctkap~X  
6!eqTj5Ph(  
سەككىزىنچى ئادەت مۇنداق بايان قىلىنغان: «ئۆز ئاۋازىنى تېپىش، ھەمدە باشقىلارنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئاۋازلىرىنى تېپىشقا ئىلھاملاندۇرۇش». xIz9be/H  
YHNzI  
بۇ يەردىكى «ئاۋاز» ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئىنسان روھىيىتىنىڭ ئاۋازى بولۇپ، ئۈمىد بىلەن ئەقىلگە تولغان، روھىي جەھەتتىن تەز ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، ھەمدە يوشۇرۇن كۈچىنىڭ چېكى بولمىغان بىر خىل ئاۋازدۇر. k ER]umvK  
Y@x#r  
ھەر بىر ئادەمگە خاس بولغان بۇ ئاۋاز مۇنداق 4 نەرسىدىن تەركىب تاپقان: تالانت، يۈكسەك دەرىجىدىكى قىزىقىش («پاسون»)، ئاڭ ۋە ئېھتىياج. تالانت سىزنىڭ تەبىئىي ئارتۇقچىلىقىڭىز ۋە قۇدرىتىڭىزدۇر. يۈكسەك دەرىجىدىكى قىزىقىش سىزنى تەبىئىي ھالدا روھلاندۇرىدىغان، كۈچلەندۈرىدىغان، ئىلھاملاندۇرىدىغان ۋە ھەرىكەتلەندۈرىدىغان نەرسىلەردۇر. ئېھتىياج ئۆز ئېھتىياجىڭىزنى شۇنداقلا تاشقى دۇنيانىڭ ئېھتىياجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاڭ دېگىنىمىز سىزنىڭ ئىچكى دۇنيايىڭىزدىكى بىر تۇراقلىق، تۆۋەن ئاۋاز بولۇپ، ئۇ سىزگە نىمىنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ھەمدە سىزنى ئاشۇ توغرا ئىشنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئەگەر سىز ئۆز تالانتىڭىزدىن پايدىلىنىپ قىلىدىغان، ئۆز قىزىقىشىڭىزنى قوزغايدىغان، دۇنيانىڭ كۈچلۈك ئېھتىياجى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن، ئۆز ئېڭىڭىز سىزنى ئاشۇ ئېھتىياجنى قاندۇرۇشقا ئۈندىگەن بىر ئىش بىلەن شۇغۇللانسىڭىز، سىزنىڭ ئاۋازىڭىز، سىزنىڭ چاقىرغىڭىز ۋە سىزنىڭ قەلبىڭىز ئاشۇ ئىشنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. "@orxG  
MJ3uO  
Kowey ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئەگەر سىز خاتىرە قالدۇرۇلغان تارىخنىڭ بېشىدىن تارتىپ ھازىرغىچە يېزىلغان غەرب ۋە شەرقنىڭ پەلسەپىسى بىلەن دىنىنى تەتقىق قىلسىڭىز، ھەر بىر مۇكەممەل ئادەم مۇنداق 4 ئۆلچەملىك بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز: ماددىي ۋە ئىقتىسادىي ئۆلچەم، مەنىۋى ئۆلچەم، ئىجتىمائىي ۋە ھېسسىياتى ئۆلچەم ۋە روھىي ئۆلچەم. كىشىلەر ئىنسان ھاياتىنىڭ ئۆلچەملىرىنى ھەر خىل ئاتالغۇلار بىلەن تەسۋىرلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىنچاقلىسا يۇقىرىقى 4 ئۆلچەم كېلىپ چىقىدۇ. بۇ 4 ئۆلچەمنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى روھ، كۆڭۈل، بەدەن ۋە يۈرەكتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ مەركىزى «روھ» تىن ئىبارەت. بەزىلەر بۇ 4 ئۆلچەمنى «ئىنسانلارنىڭ 4 ئەقلى» دەپمۇ ئاتايدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجىمۇ مۇشۇ 4 ئۆلچەم بويىچە بارلىققا كەلگەن. يەنى، ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: بىر ئابىدە (مىراس، ئىز، تۆھپە) قالدۇرۇش (روھ) ئېھتىياجى، ئۆگىنىش (كۆڭۈل) ئېھتىياجى، ياشاش (بەدەن) ئېھتىياجى، ۋە كۆيۈنۈش (يۈرەك) ئېھتىياجى. !Xg==1|m*  
X mI,&o?Q  
شىركەت قۇرۇشتىكى ئەڭ ھالقىلىق نەرسىنىڭ بىرسى باشقىلارنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى توغرا چۈشىنىش ۋە بايقاش بولغانلىقى ئۈچۈن، يۇقىرىقى 4 خىل ئېھتىياجنى توغرا چۈشىنىش ھەر بىر كارخانىچىلار ئۈچۈن ناھايىتى زۆرۈردۇر. -HjkmJq_p  
}9zi.,(  
قىسقىچە بايان قىلغاندا، بۇ 8-ئادەت بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان 7 ئادەتنىڭ داۋامى بولماستىن، ئۇ ئىش ئۈنۈمى يۇقىرىلىق دەرىجىسىدىن ئۇلۇغلۇق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان بىر ئادەم بېسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان بىر مۇساپىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭ مەزمۇنى بولسا مۇنداق: سىز بەدەن، كۆڭۈل، يۈرەك ۋە روھىي جەھەتتىكى 4 خىل ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرسىڭىز، ئۆز ئەتراپىڭىزدىكى ئېھتىياجلارنى بايقاشقا باشلايسىز. شۇنىڭ بىلەن كىتابقا يېزىلغان نەرسىلەر ۋە باشقىلار سىزگە دېگەن نەرسىلەرگە ئانچە قۇلاق سالمايدىغان بولىسىز. ئۇنىڭدىن كېيىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى سىزنى رىغبەتلەندۈرىدىغان بىر ئاۋازنى ئاڭلاشقا باشلايسىز. ئەڭ ئاخىرىدا سىز كىچىك ئىشلارنىمۇ ئۇلۇغلۇق بىلەن، يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن قىلىدىغان بىر خىل جاسارەتنى تاپىسىز. + /Y0oCp  
h-Wq TE  
B MMn0z  
GKWwRz{L;=  
vUO*k2n[  
4. ئاخىرقى سۆز  '(iYk9  
o#j676U1s  
.Y# 4Fa~L|  
XveO_N.  
Victor Hugo مۇنداق دەيدۇ: «پەيتى يېتىپ كەلگەن بىر ئىدىيىدەك كۈچلۈك نەرسە ھېچ يەردە يوق». مەن ئالدىنقى يازمىلىرىمدا ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىشتىن ئۇچنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۇ ئىشلارنىڭ پەيتى ھازىر بولۇپ، ئۇنى ئۈنۈملۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇسۇلى، پۈتۈن مىللەت مىقياسىدا سەپەرۋەرلىك قىلىش، تەشۋىق قىلىش ۋە تەربىيە ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت ئىدى. لېكىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ئۇنداق قىلىش ئىمكانىيىتى يوق. ئەمما، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇنداق بىر يول بار: كۆزلىگەن چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۆزىڭىز قىلالايدىغان كىچىك ئىشلاردىن باشلاش. ھەر بىر شەخسنىڭ قىلالايدىغان ئىشى ناھايىتى كۆپ. بۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئىرادىسىگە باغلىق. يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك، ئىرادە دېگىنىمىز بىر خىل ھېسسىيات ئەمەس، بۇ بىر قارار. قۇرئاننىڭ 13-سۈرە رېىد 11-ئايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ». بۇ ئۇيغۇرچە قۇرئاندىكى سۆزنىڭ ئەينەن ئېلىنىشى بولۇپ، ئىنگلىزچە ماتېرىياللاردا بۇ سۆز سەل ئوخشىمايدىغان شەكىلدە ئېلىنغان: «بىر جەمئىيەت ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ باقمىغىچە ئاللا ئۇ جەمئىيەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتمەيدۇ». بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ يارىتىلغىنىمىزغا ئاللادىن رازى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا رەھمەت ئېيتىمىز. مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرىمىز ئۆز ئۆمرىمىزنى بىر پاك ئۇيغۇر بولۇپ ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىمىز. شۇنداق قىلالىغىنىمىزدىن پەخىرلىنىمىز. شۇنداق قىلالىغىنىمىزدىن غورۇرلىنىمىز. ئۇنداقتا بىز بۇ يەردە ئۆزىمىزدىن مۇنداق بىر سوئالنى سوراپ بېقىشىمىز كېرەك: «بىر ئايرىم مىللەت بولۇپ ياشاشتىكى ئەڭ مۇھىم مەقسەت نېمە؟» مېنىڭ بۇ سوئالغا جاۋابەن دۇنيادىكى پەيلاسوپلار نېمە دېگەنلىكىنى بىلگۈم كېلىپ، ئىنتېرنېتنى ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئىزدەپ باقتىم. لېكىن ئۇنداق سوئالغا جاۋاب بولىدىغان بىرەر مەزمۇننى تاپالمىدىم. ئۆزۈمنىڭ بۇ سوئالغا بېرىدىغان جاۋابىم مۇنداق: «بىر مىللەت بولۇپ ياشاشتىكى ئەڭ مۇھىم مەقسەت، كۈچنى يىغىپ، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش.» بۇ جەھەتتە مەن يەھۇدىيلارغا ناھايىتى قايىل. ئۇلار ئوبدان ئويلىنىپ يۈرۈپ، ئۆزلىرىنى 2000 يىل ساقلاپ قالدى. ئۇلار سوتسىيالىزمنى ئىجات قىلدى. كوممۇنىزمنى ئىجات قىلدى. كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىجات قىلدى. ھەمدە ئۇلارنى دۇنياغا تارقاتتى. شۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنى باستۇرۇشىنى بىر خىل خاتا ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ قويۇپ، ئۆزلىرىمۇ باشقىلار بىلەن ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدىغان بىر شارائىتنى ياراتتى. شۇنداق قىلىپ يورۇپ، ئۆزىنىڭ بىر ناھايىتى كىچىك مىللەتلىكىگە قارىماي، ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك بىر دۆلەتكە ئايلاندى. مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار ھازىر دۇنيانى سوراۋاتىدۇ. بىز بىر قانچە ئەسىرنىڭ مابەينىدە ئوبدان ئويلىيالمىدۇق. يۇقىرىقى مەقسەتنى ئوبدان ئىشقا ئاشۇرالمىدۇق. يۈز يىلنىڭ مابەينىدىمۇ دېگەندەك ياخشى قىلالمىدۇق. ھازىر قانداقراق قىلىۋاتىمىز؟ مەن ھەر قېتىم ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى تەقدىرىنى ئويلىغىنىمدا، ئۆزۈمدىن «ئەگەر بىزنىڭ ئورنىمىزدا يەھۇدىيلار بولۇپ قالغان بولسا، ئۇلار قانداق قىلغان بولاتتى؟» دەپ سورايمەن. نىسپىيلىك نۇقتىنەزىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، 60-يىللاردا ئۇيغۇرلارغا نۇرغۇن ھوقۇق بېرىلگەن ئىدى. چوڭ ھوقۇقلارمۇ كۆپلەپ بېرىلگەن ئىدى. لېكىن، بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ئۆز خىزمىتىدە تىل جەھەتتىن ئازراق قىينالغانلىقى ئۈچۈن، ياكى خەنزۇچە مەكتەپلەرنىڭ سەۋىيىسى يۇقىرى، دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، بالىلىرىنى خەنزۇچە مەكتەپكە بېرىشكە باشلىدى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىشى مانا شۇ چاغدا باشلانغان ئىدى. ئۇنى ئۇيغۇرلار ئۆزى باشلىغان ئىدى. ئەگەر بىزنىڭ ئورنىمىزدا يەھۇدىيلار بولغان بولسا، ئۇلار بالىلىرىنى خەنزۇچە مەكتەپكە بەرمەي، ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ھوقۇق ۋە ئۆز دىيارىدىكى ماددىي بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەتكە يېڭى قارار - بەلگىلىمىلەر ماقۇللىنىپ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولاتتى. ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە خەنزۇ تىلىنى 1-چەت ئەل تىلى سۈپىتىدە ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىپ، تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ بولغۇچە بالىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى خىزمەت ئېھتىياجىدىن چىقالايدىغان بىر يەرگە ئاپارغان بولاتتى (دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر بالىلارغا ئىنگلىز تىلىنى چەت ئەل تىلى سۈپىتىدە ئوقۇتۇپ، تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ بولغۇچە ئاشۇ تىلدا ئۇلارنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىپ بولىدۇ. ئۇنى ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايتتى.). شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوقۇتۇشنى ئەينەن ساقلاپ قالغان، ھەمدە تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇرغان بولاتتى. بالىلارمۇ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر بولۇپ چوڭ بولغان بولاتتى. ئانا تىلىغا پۇختا چوڭ بولۇپ، باشقا نۇرغۇن ئىشلاردا ئۆزىدىكى تالانت، ئىقتىدار، تەپەككۇر ۋە يوشۇرۇن كۈچلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرالىغان بولاتتى. بىز ئۇنداق قىلمىدۇق. ئۇنىڭ ئورنىغا پۈتۈنلەي تەتۈرىسىچە ئىش قىلدۇق. يىراقنى ئويلىمىدۇق ھەم كۆرەلمىدۇق. مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتىنىلا ئويلىدۇق. بىزدە تۈركۈم ئېڭى كەم بولدى. بىزدە مىللىي روھ تۆۋەن بولدى. تەدرىجىي ھالدا ئىشلىتەلمىگەن ھوقۇقلىرىمىزنى پاتتۇرۇپ قويدۇق. ئەگەر بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ياخشى قىلالمىساق، ئۆزىمىزدىن پەخىرلەنگىنىمىز، ئۆزىمىزدىن غورۇرلانغىنىمىزنىڭ ئانچە ئەھمىيىتى قالمايدۇ. بىر مىللەتكە ئەزا بولۇشنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدە ھوقۇقلىرى بار. شۇنداقلا نۇرغۇن مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتلىرىمۇ بار. ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار «مىللەتپەرۋەر» دېگەن شەرەپكە سازاۋەر بولالمايدۇ. ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىش بولسا، «مىللىي مۇناپىقلىق» نىڭ ئېنىقلىمىسىدۇر. بىز ئەمدى ئويلىنىشىمىز كېرەك. مىللەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرى، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقبالى توغرىسىدا ئويلىنىشىمىز كېرەك. «كومپاس» نى كۆپرەك ئويلىشىمىز كېرەك. مەن ئىشىنىمەنكى، ئىش قىلغاندا ياپونلۇقلاردەك قىلىش، ئىش ئويلىغاندا يەھۇدىيلاردەك ئويلاشنى ئۆزىمىزگە ئادەت قىلالىساق، بىز ئۇيغۇرلار ئۆز تەقدىرىمىزدە چوقۇم چوڭ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالايمىز. e-W/EA//  
)~/7-c/o   
مېنىڭ «شىركەت قۇرۇشقا قانداق ئىقتىدار كېرەك؟ » دېگەن يازمام بىلىك تور بېتىگە چىققاندىن كېيىن، « Uginix» ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىز «مەن شىركەت قۇرۇپ باققان» دېگەن تەمىدىكى بىر يازمىسىنى بىلىككە چىقاردى. ئۇنىڭ تور بەت ئادرېسى: i$9z-_:6e  
http://bbs. bilik. cn/viewthread. php?tid=17799 +sjwZ?;  
بۇ يازمىدا ئۇيغۇر دىيارىدا شىركەت قۇرۇش ئۈچۈن باسىدىغان قەدەم-باسقۇچلار ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلىنىپتۇ. مەن ئۇنى ئوقۇپ، «ئۆگىنىش» ئەپەندىدىن ناھايىتى مىننەتدار بولدۇم. «كۆزلىگەن چوڭ-چوڭ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى، ئۆزى قىلالايدىغان كىچىك ئىشلاردىن باشلاش كېرەك» دېگەن مانا شۇ. ھازىر ئۇيغۇرلار ئىچىدە مۇشۇنداق بىر يولنى تاللىغانلار ناھايىتى كۆپ. بۇ يەردە مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىردىن-بىر تىزىپ چىقالمايمەن. لېكىن، مىللەتنىڭ تەقدىرىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش بۇ قوشۇننىڭ كۈندىن-كۈنگە زورىيىپ مېڭىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مەن ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزغا، «مىللىتىم ماڭا نېمە قىلىپ بەردى؟» دەپ سوراشتىن ئاۋۋال، «مەن مىللىتىمگە نېمە قىلىپ بەردىم؟» دەپ سوراشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھەمدە ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنى تېپىپ چىقىپ، شۇ ئارقىلىق يۇقىرىقى قوشۇننىڭ بىر ئەزاسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. }3W+Cj=  
8|Kx>s @  
=E_h0FrO  
مەن 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى بىزنىڭ ئىدارىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر ئىلمىي دوكلاتقا قاتناشتىم. بۇ دوكلاتنىڭ تېمىسى: «The power of our choices and our words» بولۇپ، ئۇيغۇرچە مەنىسى «بىز تاللىغان يول ۋە بىز تاللىغان سۆزنىڭ كۈچ-قۇدرىتى» دېگەنگە توغرا كېلىدۇ. بۇ دوكلاتنى بەرگەن كىشى بىر دۇنياغا داڭلىق ئايال زاتنىڭ ھېكمەتلىك سۆزىنى نەقىل قىلغان ئىدى، مەن ئۇ سۆزلەرنى ئىنتېرنېتتىن تېپىپ، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ باقتىم. مەن بۇ يازمامنى ئاشۇ خانىمنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن (مەن بۇنى بۇرۇن بىر قېرىندىشىمىزنىڭ يازمىسىغا بىلدۈرگەن ئىنكاس شەكلىدە بىلىككە چىقارغان ئىدىم. ئۇنى ئۆز يازمىلىرىمنىڭ ئىچىدە ساقلاپ قويۇش مەقسىتىدە بۇ يەرگە كىرگۈزۈپ قويدۇم). بۇ ئايال زاتنىڭ ئىسمى «تەرسا» بولۇپ، دۇنيا خەلقى ئۇنى ھۆرمەتلەپ «تەرسا ئانا» دەپ ئاتايدۇ. ئۇ خانىم 1910-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، 1997-يىلى ۋاپات بولغان. 1979-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 4)q1=rv O  
UPd?2c ;a  
Yp|6;M6H>  
تەرسا خانىمنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى: شۇنداقتىمۇ قىلىۋەر =:&$AsZ6'x  
eN"O^a[d  
كىشىلەر ئادەتتە ئورۇنسىز ۋە سەۋەبسىز ئىش كۆرىدىغان، ۋە ئۆزىنى مەركەز قىلىدىغان كېلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنى ئەپۇ قىلىۋەر. Tah=*<',  
ئەگەر سەن ئاق-كۆڭۈل بولساڭ، كىشىلەر ساڭا "شەخسىيەتچى"، "غەيرىي مەقسەتلىك" دېگەن بوھتاننى چاپلايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلارغا ئاق-كۆڭۈللۈك قىلىۋەر. ;?m@O#  
ئەگەر سەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولساڭ، سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن بەزى ساختا دوستلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىسەن، ھەمدە بەزى ھەقىقىي دۈشمەنلەرنى تىكلەيسەن. شۇنداقتىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇۋەر. :\7)dAf"  
ئەگەر سەن راستچىل ۋە سەمىمىي بولساڭ، كىشىلەر سېنى ئالدىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ راستچىل ۋە سەمىمىي بولۇۋەر. o%SPUb6GjK  
ئەگەر سەن نۇرغۇن يىللارنى سەرپ قىلىپ بىر نەرسە ياسىساڭ، باشقىلار ئۇنى بىر كېچىدىلا ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ ئۇنى ياساۋەر. * f@^OZ  
ئەگەر سەن خاتىرجەملىك ۋە بەختلىككە ئېرىشسەڭ، بەزىلەر ھەسەتخورلۇق قىلىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بەختلىك بولۇۋەر. ;N" DB  
سەن بۈگۈن قىلغان ياخشىلىق كۆپىنچە ۋاقىتتا كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ياخشىلىق قىلىۋەر. o,ZwDx;]  
ئۆزۈڭنىڭ بارلىقىنى باشقىلارغا ئاتا قىلساڭمۇ، باشقىلار سەندىن مەڭگۈ رازى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۆزۈڭنىڭ بارلىقىنى باشقىلارغا ئاتا قىلىۋەر. >@HR  
ئاخىرقى ھېسابتا، بۇ ئىش سەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىش ئەمەس. سەن بىلەن خۇدانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىش. /UJS FP~k  
gNI 3WH  
ئەسكەرتىش: مەن ئۆز يازمىلىرىمغا كىرگۈزگەن تور بەت ئادرېسلىرى مېنىڭ يازمامنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى(ULY) دىن ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى (UEL) غا ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئۆزگىرىپ كېتىپ، ئىشلىمەس بولۇپ قالىدىكەن. شۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا، سىز مەرىپەت تور بېتى www.meripet.com نىڭ ئەڭ ئاستىدىكى «ئەركىن سىدىق يازمىلىرى» دېگەن سەھىپىگە كىرىپ، مېنىڭ يازمىلىرىمنىڭ ULY نۇسخىسىنى ئاچسىڭىز، ئۇنىڭدىكى تور بەت ئۇلانمىلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا ئىشلەيدۇ. ئۇ يەردە مېنىڭ ھەممە يازمىلىرىمنىڭ UEL نۇسخىلىرىغىمۇ ئۇلانما قويۇقلۇق بولۇپ، باشقا يازمىلىرىمنىمۇ شۇ يەردىن تاپالايسىز. %Ra6x]o8  
r NG|9+  
داڭلىق ئەربابلارنىڭ ئىگىلىك توغرىسىدا دېگەنلىرى: +%&&_=Q  
http://www.prayerfoundation.org/mother_teresa_do_it_anyway.htm G@ Dw{`  
tRO 21|c  
B'>xwD  
'I7m.a T  
مۇھەممەد ئەلىنىڭ سۆز-ئۈزۈندىلىرى: &* tA' vq  
http://www.brainyquote.com/quotes/authors/m/muhammad_ali.html FT]iQaLo  
?HL"zdk  
MvNEa\+P  
yT{^i[_F>  
xV^=1V  
P@7cTh  
تەرسا خانىم:  http://www.prayerfoundation.org/mother_teresa_do_it_anyway.htm =s'G!UR_  
kRk5-iax  
4iMyNsZYp  
مەنبەسى : بىلىك كۇلۇبى S]/-UGF  
Fq3G#W  
تەھرىرلىگۈچى: ياۋۇز (ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتى)  http://www. orkhun. com
[ بۇ يازما زۇليار0997 تەرپىدىن 2008-05-24 16:36 دە ق ]
باشقۇرغۇچى گۈلسىما تېمىنى تەستىقلىدى .
باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ، سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق،
مەن مىسالى يالاڭئاياق تىكەن دەسسەپ ماڭارىمەن.
| ۋاقتى : 2008-05-23 20:52 [باش يازما]
ئۇچقۇنى
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 13352
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 803
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە803دانە
شۆھرەت: 808 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 4763 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 862 نۇمۇر
قوللاش: 828 نومۇر
ئالقىش: 950 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :147(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەممە ئىش جۈرئەت قىلىشقا باغلىق.
salkin-bbs
سۆيگۈ قانچىكى يوشۇرۇن بولغانسىرى شۇنچە ئازاپلىق،
ئازاپلىق بـولـغـانسىرى شۇنـچـە شىرىن تۇيـۇلىـدۇ.
| ۋاقتى : 2008-05-23 21:36 1 -قەۋەت
robotfan
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 5083
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 79
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە79دانە
شۆھرەت: 75 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 1502 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 85 نۇمۇر
قوللاش: 82 نومۇر
ئالقىش: 85 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :106(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-29
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

بولسا ئېنىق ئۇلىنىش ئادېرىسىنى قالدۇرسىڭىز تېخىمۇ ئوبدان بولاتتى. d6)ka(r  
http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=18165
salkin-bbs
ئىزدىنەيلى
| ۋاقتى : 2008-05-23 21:50 2 -قەۋەت
mutallip99
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 6867
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 58
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە58دانە
شۆھرەت: 63 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 634 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 98 نۇمۇر
قوللاش: 78 نومۇر
ئالقىش: 148 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :63(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

يەنە بىر نادىر تېما چىقتى كۆرىدىغان
salkin-bbs
| ۋاقتى : 2008-05-23 22:43 3 -قەۋەت
sardar8877
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 8670
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 70
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە70دانە
شۆھرەت: 70 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 453 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 70 نۇمۇر
قوللاش: 70 نومۇر
ئالقىش: 70 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :34(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

يۇللانمىڭىزغا  كوپ رەخمەت.
bugra
| ۋاقتى : 2008-05-23 23:56 4 -قەۋەت
ئـۇيغۇر
ئالىي ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

كىرورەن بانكىسى VIP ئالتۇن كارتىسى
UID نۇمۇرى : 2416
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 383
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە383دانە
شۆھرەت: 268 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 2836 سوم
تۆھپە: 30 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
قوللاش: 217 نومۇر
ئالقىش: 311 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :37(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن ئىز قالدۇرۇپ قويۇپ كىيىن كۆرىمەن . تاپالماي قالماي كىيىن...!
ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﭘﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،  ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎد سىزﻟﯩﻘﻰ ، ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﯩﻚ ، ﺟﺎﭘﺎ-ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺕ ، ﻛﯜﭼﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ  .  .  .  .  .  .    ~~~!!!
| ۋاقتى : 2008-05-24 00:00 5 -قەۋەت
يـاۋۇز
دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


UID نۇمۇرى : 13263
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە9دانە
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 130 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
قوللاش: 6 نومۇر
ئالقىش: 6 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

كۆچۈرۈپ كەلگىنىڭىزغۇ ئوبدان بوپتۇ، لېكىن ئاۋۇ ئۇلانمىلارنىمۇ توغرىلاپ قويغان بولسىڭىز، گۈل ئۈستىگە گۈل كەلگەندەك ئىش بولاتتى.
kino
| ۋاقتى : 2008-05-24 02:55 6 -قەۋەت
سىرلىق-بالا
گالاسىكار قەلئەسى!
رەسىم يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 730
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2181
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2181دانە
شۆھرەت: 2121 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 11137 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2215 نۇمۇر
قوللاش: 2145 نومۇر
ئالقىش: 1997 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى :215(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-24
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

  مەنمۇ ئورۇن ئىلىپ قوياي. wQ1qYmh  
 
kino
نادان ئۆلۇپ ناھايەت يەتتىسى ئۆتتى،
كۇندۇزدىكى چۇشىتەكىلا ئۇنتۇلۇپ كەتتى.
ئالىم ئۆلۇپ نەچىچىلەپ ئەسىرلەر ئۆتتى،
بارغانسېرى شۆرىتى پەلەككە يەتتى.
| ۋاقتى : 2008-05-24 09:21 7 -قەۋەت
يەزر
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 657
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 629
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە629دانە
شۆھرەت: 607 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 11606 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 631 نۇمۇر
قوللاش: 608 نومۇر
ئالقىش: 560 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى :54(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەركىن سىدىقنىڭ ماقالىلىرى سەلكىندە ئازراق كەمچىل ئىدى..... f-*0)@C  
NILZDW.V  
بۇ تېمىنى يوللاپ ئوبدان قىپسىز.. -fr9I#6  
] 0>9a x  
رەھمەت.
kino
  ★ يەزر=ئۇيۇشۇش=ئۇيغۇر!!!
  ★ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق!
  ★يەر شارى بىلەن تەڭ  ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇر سەلكىندە قانچىلىك؟
      ئالتە شەھەردە قانچىلىك؟ دۇنيادا قانچىلىك؟
| ۋاقتى : 2008-05-24 15:23 8 -قەۋەت
كۇچارقىزى-0997
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 12766
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 144
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە144دانە
شۆھرەت: 144 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 940 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 163 نۇمۇر
قوللاش: 153 نومۇر
ئالقىش: 188 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :34(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-25
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

چىدام-غەيرەت كەم بولسىمۇ بولمايدىغۇ دەيمەن
kino
| ۋاقتى : 2008-05-24 15:30 9 -قەۋەت
xahzada7
دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


UID نۇمۇرى : 14095
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە5دانە
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 125 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
قوللاش: 5 نومۇر
ئالقىش: 5 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەي جېنىم ئەركىنكا  
ئەمما مەندە شىركەت باشقۇرغۇدەك قابىليەت (پۇل تاپقۇدەك پىلان ،يول  )بار،ئەمما مەبلەغ دىگەن نەرسە يوق .
kino
http://www.xjmgt.com
| ۋاقتى : 2008-05-24 16:11 10 -قەۋەت
كارامەت
دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


UID نۇمۇرى : 7785
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
شۆھرەت: 1 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 53 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
قوللاش: 3 نومۇر
ئالقىش: 3 كىشلىك
دوستلۇق توپى: كورلا
توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-26
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەركىن ئاكىمىز مۇۋاپىقىيەتشۇناسلىق ھەققىدە كىتاب يازسا بولاتتى.چەتئەللىكلەرنىڭ مۇۋاپىقىيەت دەستۇرى بىزگەماس كەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىمەن.
kino
ﻧﺎﺋﯜﻣﯜﺕ -ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ...........
ﻧﯩﺸﺎﻧﺴﯩﺰ -ﮬﺎﻳﯟﺍﻥ ....
،ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯜﮔﻪﺷﺘﯜﺭﯞﯦﻠﯩﺶ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﺎﻕ،ﺩﯙﺕ،ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﻮﭘﯘﺳﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ
| ۋاقتى : 2008-05-25 21:51 11 -قەۋەت
سۈبھىدىكى ياپراق
ئىجاتچان ئەزا ئالىي ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 948
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 937
ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە937دانە
شۆھرەت: 1010 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 24032235 سوم
تۆھپە: 107 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1068 نۇمۇر
قوللاش: 952 نومۇر
ئالقىش: 1126 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى :223(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇنى قىپ-بۇنى قىپ شىركەتتىنلا بىرنى قۇرۋىتىدىغان بولدىڭىز ھە؟ SNyoV  
    مىنى كاتىپلىققا تەكلىپ قىلىڭ ھە قۇرۇپ قالسىڭىز،  ياخشى ئىشلەپ بىرىمەن.
kino
  http://blog.salkin.cn/blog.php?uid=14
| ۋاقتى : 2008-05-27 16:53 12 -قەۋەت
baturman
دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


UID نۇمۇرى : 14281
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
شۆھرەت: 1 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 105 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
قوللاش: 1 نومۇر
ئالقىش: 1 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەمگىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت
kino
| ۋاقتى : 2008-05-27 21:10 13 -قەۋەت
مەرىت
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 5364
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 456
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە456دانە
شۆھرەت: 517 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 3766 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 510 نۇمۇر
قوللاش: 480 نومۇر
ئالقىش: 585 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :81(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەي مەندىمۇ شۇ دوللاركام دە
ئۇيغۇر ئىلى ئۈچۈن كۆرەش !!!
| ۋاقتى : 2008-05-27 22:02 14 -قەۋەت
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سەلكىن تورى » ئۇيغۇر شەخسلىرى


سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

     سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-8553838، 13609981040

Time now is:05-29 10:15, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation