« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن » روماندىن ئالغان تەسىراتىم... IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 1680 قېتىم كۆرۈلدى
چىن-دوسىت
دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


UID نۇمۇرى : 13157
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە26دانە
شۆھرەت: 26 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 155 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 118 نۇمۇر
قوللاش: 28 نومۇر
ئالقىش: 35 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-21
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن » روماندىن ئالغان تەسىراتىم...

 «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن » رومانىدىن ئالغان تەسىراتىم
 


             «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن » رومانى دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە يازغۇچى چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ  ئەسىرى بولۇپ ئۇنىڭ يەنە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن  «قىيامەت»،«چىڭگىزخاننىڭ ئاق بۇلىتى»،«ئاق پاراخۇت»،«قىيادىكى ئوۋچىنىڭ ئاھۇ زارى»...قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

چىڭگىز ئايتماتوف





       ئەسەردە ئوبرازلىق تەپەككۇر بېلەن فانتازىيە ، رىۋايەت بېلەن رېئاللىق ئۆز ئارا گېرەلىشىپ كىشىنى ئاجايىپ دۇنياغا باشلايدىغان بولۇپ  . ئەسەردېكى پېرسۇناجلار يېدىكەي ، قازانقاپ ، ئەبۇتالىپ قۇتتىبايېف قاتارلىقلار بولۇپ ئەسەر قازانقاپنىڭ ئۆلىمى بېلەن باشلىنىپ دەپىنە قىلىنغۇچە بولغان بىر كۇن ئىچىدىكى ئشلارنى تۇتقا قېلىپ ، ئاپتۇر سىزنى بىردە يىراق ئۆتمۇشدىكى رىۋايەت دۇنياسىغا باشلىسا ، بىردە كۆز ئالدىڭىزدىكى دۇنيانى سۆرەتلەيدۇ . بىردە سىزنى سارى ئۈزەك دالاسىدا سەيلە قىلدۇرسا بىردە «چىڭگىزخاننىڭ ئاق بۇلىتى»«ئورمانتۆش» پىلانىتىدا سەيلە قىلدۇرىدۇ . ئاجايىپ گۈزەل رىۋايەتلەر سىزنىڭ روھى دۇنيايىڭىزغا بوسۇپ كىرىدۇ . . .
       ئەسەردىكى نايمان ئانا ھەققىدىكى رىۋايەت ، ئاساسلىق پېرسۇناجلاردىن يېدىكەي ، قازانقاپ ، ئابۇتالىپ ، زەرىپە قاتارلىقلار  كاللامدا ئەگىپ يۈرىدۇ . . . 

       «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن » رومانىدا ھەقىقەتەن فانتازىيە يېپىنچا قىلىنىپ ، تارىخى رىۋايەت سۈپىتىدە نايمان ئانا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ماڭقۇرۇت يولئامان پاجىئەسى ، ھازىرقى زامان ۋەقەلىرى سۈپىتىدە ئەبۇتالىپ قۇتتىبايىف پاجىئەسى ، كەلگۈسى زامان ۋەقەلىرى سۈپىتىدە سوۋېت – ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ پاجىئەسى تەسۋىرلىنىدۇ . شۇنىڭ بېلەن بىللە ، بۇ ئۈچ پاجىئەگە يانداشتۇرۇپ ، ئىنسانپەرۋەرلىك ، ئىنسانى ئەدەپ – ئەخلاق مەسىللىرى چوڭقۇر يورۇتۇپ بېرىلىدۇ . يازغۇچىنىڭ كۈزىتىش دائىرسى پايانسىز سارى ئۈزەك چولىگە جايلاشقان يەتتە – سەككىز ئائىلىلىك كىچىك بىر تومۈريول بېكىتىدىكى ناھايىتى ئاددى تۇرمۇشتىن تاكى سامان يولى پىلانىتىسى سېستىمىسىدىكى «ئورمانتۆش» پىلانىتىسىدىكى غايىۋى ، مەدەنى جەمىيەتنىڭ يۈكسەك مەدەنى تۇرمۇشىغىچە بولغان كەڭلىككە يېتىپ بارىدۇ، بۇ ئۈچ پاجىئە روماننىڭ يادروسى بولۇپ ، ھەممىدىن مۇھىمى نايمان ئانا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ماڭقۇرۇت يولئامان پاجىئەسىدۇر .

          1 . نايمان ئانا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ماڭقۇرۇت يولئامان پاجىئەسى : قەدىمقى زاماندا جۇرجان (رۇرەن) تاجاۋۇزچىلىرى باياشات ، كاتتا يايلاق بولغان سارى ئۆزەكنى بېسىۋالغاندىن كېيىن  ئەسىرلەرنى ئىنسانىيەت قىلىپىدىن چىققان ئىنتايىن ۋەھشىيانە ئۇسۇللار بېلەن قىينىغان ، بىر قىسمىنى قۇل قىلىپ باشقىلارغا ساتسا ، بىر قىسىم ياش، قاۋۇل ئەسىرلەرنىڭ چېچېنى ئۇستۇرا بېلەن پاك – پاكىز قىرىپ چۈشۈرۈپ ، يېڭى سويۇلغان ، ھورى چىقىپ مىلىچلاپ تۇرغان توگىنىڭ تازا قېلىن بويۇن تېرىسىنى -«شىرى» نى بېشىغا كەپلەپ كىيدۇرۇپ ، پۇت قولىنى باغلاپ ، بېشىنى يەرگە تەگمەيدىغان قىلىپ قوۋۇق سېلىپ ، جان تالىشىپ قىينالغاندا ، توۋلىغان ئۈنىمۇ ئاڭلانمىسۇن دەپ خىلۋەت بىر يەرگە ئەكىلىپ تاشلىغان ، مۇشۇ تەرىقىدە تۆت – بەش كۈن سۇمۇ ، ئاشمۇ بەرمەي ئاپتاپقا قاقلىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تولىسى ئازاپقا چىدىماي ئۆلۈپ كېتىدىكەن ، بەش ئالتىسىدىن ئاران بىر – ئىككىسىلا تىرىك قالىدىكەن . ئاچلىقتىن ، ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلسىغۇ بىر نۆرى ، ھەممىدىن يامىنى ، تۆەىنىڭ تېرىسى ئىسسقتا قۇرۇپ ، باشنى ئامبۇردا قىسقاندەك قىسىپ ، مېڭىنى سىقىپ چىقارغاندەك ئازاپلايدىكەن ، ئۇنى ئاز دېگەندەك ، ئىككى كۈندىن كېيىن تىكەندەك قارا چاچلار ئۆسۈپ شىرىگە يېتىدىكەندە ، ئۇنى تېشىپ چىقالماي ئارقىغا يېنىپ يۇمشاق باشنىڭ ئىچىگە قاراپ سانجىلىپ ئۆسىدىكەن . بۇنىڭ قىينىشى شىرىنىڭ قورۇلۇپ ئامبۇردەك قىسقىنىدىنمۇ بەتتەر بولىدىكەن . بەشىنچى كۈنى جورجانلار كېلىپ ، ئۆلمىگەنلەرنىڭ پۇت – قولىنى يېشىپ ، سۇ ۋە ئاش بېرىپ ھالىغا كەلتۈرىدىكەن ، بىراق ئەمدى ئۇ ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىگى، ئەل – يۇرتنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ، ئىسمىنىڭ نىمە ئىكەنلىكى ، ئاتا – ئانىسى كىم ، قەيەردە ئىكەنلىكى ، ئۆزىنىڭ قانداق چوڭ بولغانلىقى پۈتۈنلەي ئېسىدە قالمىغان ، قىسقىسى ئۆزىنىڭ ئادەم ئىكەنلىكى ئىسىدە قالمىغان بىر مەخلۇق بولۇپ قالىدىكەنكى ، خۇددى ئىتقا ئوخشاش ، ئۆزىنىڭ «شىرى» كىيدۈرگەن خوجايىنىنىڭلا گېپىنى ئاڭلاپ ، باشقىلار بېلەن زادىلا ئالاقە قىلمايدىكەن ، ئۇنىڭ قۇرساق تۇيغۇزۇشتىن بۆلەك ئوي – خىيالى بولمايدىكەن ، خوجايىننىڭ ھەر قانداق بۇيرۇقىنى قارغۇلارچە ، سەمىمى – ساداقەتلىك بىلەن دېگىنىدەك بەجا كەلتۇرىدىكەن . مانا بۇنداقلار ماڭقۇرۇت دەپ ئاتىلىدىكەن . مۇشۇنداق ماڭقۇرۇت قېلىۋېتىلگەن بىر يىگىتنىڭ ئانىسى ئوغلىنى قۇتۇلدۇرىمەن دەپ سارى ئۆزەك دالاسىدا زار – زار يىغلاپ ئاخىر ئىزدەپ تېپىپ : «مەن سېنىڭ ئاناڭغۇ ، تونىمىدىڭمۇ ، مەن سېنىڭ ئاناڭ بولىمەن ، ئاتاڭنىڭ ئىسمى دۆنەنباي» دەپ يۈرەكنى تىترىتىدىغان سۆزلەرنى ئېيتىپ ، ئوغلىنىڭ ئەقىل ھۇشىنى ئويغىتىپ ئۆزىنى ۋە ئېلىنى يادىغا كەلتۈرىدىغان ھالەتكە كەلتۈرمەكچى بولىدۇ .، لېكىن ئۇنىڭ ئوغلى ھىچ نەرسە بېلەن ئىشى يوق قاراپلا تۇرىدۇ ، ئانىسىنى تونىمايدۇ ، ئەكسىچە يېڭى خوجايىننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۆزىنىڭ ئانىسىنى ئوقيا بېلەن خۇددى قۇشقاچنى ئاتقاندەك ئېتىپ تاشلايدۇ .مېھرىبان ئانا ئۆلىدۇ ، لېكىن ئۇنىڭ ئاق ياغلىقى بىر قۇش بولۇپ كۆتۈرۈلۈپ : «ئويلاپ كۆرگىن ، سەن كىمسەن ؟ ئېتىڭ نىمە ؟ سېنىڭ ئاتاڭ دۆنەنباي ! دۆنەنباي ! دۆنەنباي ! » دەپ پىغان بىلەن توۋلاپ ، سايراپ ئۇچۇپ كېتىدۇ . نايمان ئانىنىڭ زامانداشلىرى ئۇرۇق – ئەۋلادىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭمۇ ئۇرۇق – ئەۋلادىنىڭ ئۆزىنى ۋە ئۆز تارىخنى ، ئاتا بوۋىلىرىنى ئۇنتۇپ قالماي ئەسلەپ تۇرىشى ئۈچۈن ، ئاشۇ نايمان ئانا دەپىنە قىلىنغان يەرنى «ئانا بېيىت» - «ئانا قەبرىستانلىقى » دەپ ئاتايدۇ .

         2. ئابۇتالىپ قۇتتىبايېۋ پاجىئەسى : ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى باشلىنىش بېلەنلا ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە ئاتلانغان ئابۇتالىپ قۇتتىبايېۋ قاتتىق جەڭ ئۈستىدە يارىدار بولۇپ بەخىتكە قارشى نېمىسلارغا  ئەسىرگە چۈشۈپ قالىدۇ . لېكىن ۋەتەنپەرۋەر جەڭچى ئابۇتالىپ بىر ئامال قىلىپ نېمىس فاشىستلىرىنىڭ قاراۋۇلىنى ئۆلتۈۋېتىپ قېچىپ قۇتۇلىدۇ-دە ، ئۆزلىكىدىن سابىق يوگۇسلاۋېيە پارتىزانلىرىغا قوشۇلۇپ ، يەنە فاشىسىتلىرىغا قارشى نۇرغۇن جەڭلەردە ئاجايىپ زور قەھرىمانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ . ئۇرۇش قەلىبىسىدىن كېيىن ئابۇتالىپ ۋەتەنگە قايتىپ  ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىش ۋە داۋاملىق جەڭ قىلىش مەسلىسىنى ئېنىق تاپشۇرىدۇ .سابىق يوگۇسلاۋىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھەربى دائىرلىرىمۇ ئابۇتالىپنىڭ قەھرىمانلىقىنى ناھايىتى ياخشى باھالاپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ .بۇ ، ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا كۆپ تەكشۇرۇشلەر ئارقىلىق ئاللىقاچان ھەل بولۇپ كەتكەن مەسىلە بولسىمۇ ، لېكىن 1948-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بېلەن سابىق يوگۇسلاۋېيە ئوتتۇرسىدا سىياسى ئىختىلاپ تۇغۇلغاندا ، خەلىقنىڭ بەخىتسىزلىگى ئۈستىگە بەخىت ئىزلەيدىغان ، خەلىقنىڭ يەلكىسىگە دەسسەپ تۇرۇپ شان – شەرەپكە ئىگە بولىدىغان ، مۇستەقىل پىكىر قىلماي خوجايىنىنىڭلا يوليورىقىنى ئىجرا قىلىدىغان «يېڭى ماڭقۇرۇت» لارنىڭ چىقىمچىلىقى ئارقىسىدا ، ۋەتەنپەرۋەر ، قەھرىمان يىگىت ئابۇتالىپ بىردىنلا يەنە «خائىن» ، «ئىشپىيون» دەپ قارىلىنىپ تۇتقۇن قىلىنىدۇ ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلۈپ كېتىدۇ . ئايالى ۋە بالىلىرىمۇ پەقەت ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بەخىتسىزلىككە ئۇچراپ قاتتىق خارلىققا قالىدۇ .


           3- سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى – ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى پاجىئەسى : سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى – ئامېرىكا دۆلەتلىرى ئالەم سىرىنى ئېچىش مەقسىدىدە ، ئالەم ئوربىتىسىدىكى ئۆزلىرىنىڭ بىرلەشمە ئالەم ئىستانسىدا تۇرۇپ ئىشلەشكە تەڭ ھوقوقلۇق ئىككى نەپەر ئۇچقۇچىنى چىقىرىدۇ . بۇ ئىككى ئۇچقۇچى چەكسىز ئالەمدىكى ئىستانسىدا ، ئۇشتۇمتۇت يات پىلانىتتىن بېرىلگەن سىگنالنى قوبۇل قىلىدۇ . ئەسلىدە سامان يولى پىلانىتى سېستىمىسىدا «ئورمانتۆش» دېگەن بىر پىلانىتا بولۇپ ، ئۇ پىلانىتتىكىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىلغار پەن تېخنىكا كۈچىگە تايىنىپ ئالەمدىكى باشقا پىلانىتلاردىمۇ ھاياتلىقنىڭ بار يوقلىقىنى ئىزدەيدۇ-دە ، يەر شارىدىكى ئىنسانلار تەرىپىدىن ئالەم ئوربىتىسىدا بىر ئىستانسا قۇرۇلغانلىقىنى بىلىپ قېلىپ ، بۇ ئىستانسىدىكەر بېلەن ئالاقىشىش مەقسىدىدە شۇلارنىڭ چاستوتىسىغا توغىرلاپ سىگنال بەرگەندى . بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان بۇ ئىككى پىلانىتنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىر – بىرىنىڭ سىگنالىنى قوبول قىلىپ ئالاقە ئورنىتىدۇ . «ئورمانتۆش» لۈكلەرنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن ، سابىق سوۋېت – ئامېرىكا ئۇچقۇچىلىرى ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن چەكسىز خوشاللىققا تولۇپ ، نىمە بولسا بولسۇن دەپ ئاشۇ يات پىلانىتىغا ساياھەتكە بېرىش قارارىغا كېلىدۇ-دە ، يات پىلانىتىدىكى ئەھۋالنى تەپسىلى ئۇققاندىن كېيىن ، ئاندىن بىراقلا يەر سارىغا مەلۇمات بەرمەيمىزمۇ دەپ ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ھۆكىمىتىدىن يوليورۇق سورىماي ، رۇخسەت ئالمايلا ، ئۆز ئىستانسىدا بۇ ئەھۋالدىن تەپسىلى خاتىرە قالدۇرۇپ قويۇپ ،«ئورمانتۆش» لەرنىڭ تېزلىكى نور تېزلىكىدىنمۇ تېز ، ئىنتايىن زامانىۋى بولغان «ئالەم كېمىسى» گە چىقىپ «ئورمانتۆش» كە كېتىدۇ . سابىق سوۋېت – ئامىرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ نەزىرىدە «ئورمانتۆش جەمىيىتى» ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتە يەر شارىدىكىگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە مەدەنىيەتلىك ، ئەخلاق مىزانى يەر شارىدىكىدىن نەچچە ھەسسە يوقۇرى بىر جەمىيەت ئىدى . يەنە كېلىپ تەپەككۈرى ناھايىتى يوقۇرى سەۋىيەگە يەتكەن ، ئۇرۇش ، ھاكىمىيەت ، پۇل دېگەننى بىلمەيدىغان ، يامان نىيەت ، بوزەك قىلىش دېگەننى بىلمەيدىغان «ئورمانتۆش» لۈكلەر يەر شارىدىكى ئىنسانلار  بېلەن باردى كەلدى – قىلىشنى ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ، ھەمكارلىشىشنى قىزغىن خالايدېكەن . لېكىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى – ئامېرىكا ھۆكىمەتلىرى ئۆز دولىتىنىڭلا مەنپەئەتىنى ،  «ئورمانتۆش» لۈكلەرنىڭ بېسىپ كىرىپ ئۆزلىرىنى يەپ كەتمەسلىگىنى نەزەردە تۇتۇپ ، ئاشۇ يۈكسەك مەدەنىيەتلىك «ئورمانتۆش» پىلانىتىسى جەمىيىتىتىنىڭ يېڭى ئەخلاقى بىزگە يېتىپ كەلسە ، ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ پىكىر – تونىشىنى ئۆزگەرتىپ ، ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانى ، مەدەنىيەت ۋارىسلىقى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ دەپ قاراپ ، ئالەمدە بىزنىڭ يەر شارىمىزدىن نەچچە ھەسسە مەدەنىيەتلىك ئىنسانلار توپى جايلاشقان بىر پىلانىتا بارلىقىنى يەر شارىدىكى ئىنسانلارغا بىلدۈرمەسلىك قارارىغا كېلىدۇ ۋە ئالەم ئىستتانسىنىڭ ئوربىتىسىنى ئۆزگرتىۋېتىپ ، ھېلىقى ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ قايتىپ كېلىش يولىنى بىر يوللا بوغۇپ ، ئۇلارنى ئىككىنچى قايتىپ كېلەلمەيدىغان قىلىۋېتىش بىلەنلا قالماستىن ، يەنە «ئورمانتۆش» پىلانىتىسىدىكىلەرنىڭمۇ يەر شارىغا كىرىپ كېلىشىدىن قورقۇپ ، مۇداپىئە يۈزسىدىن يەر شارىنىڭ ئەتراپىغا ھالقا شەكلىدە زىچ راكىتا ئورۇنلاشتۇرىۋېتىدۇ ...
....
روماندا بۇ ئۈچ  پاجىئە ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن . قارىماققا ئۇلار بىر- بىرىگە مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرىنسىمۇ يەنىلا بىرلا مەركىزى ئىديەنى ئىلگىرى سۈرۈشكە خىزمەت قىلغان . ئۆز نەپسىنى دەپ ھەرقانداق يامان ئىشلارنى قىلىشتىن يانمايدىغان« يېڭى ماڭقۇرۇت»لار قاتتىق قامچىلانغان . يېدىكەي ، قازانقاپقا ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ ئەجدات ۋە ئەۋلادى ئالدىدا ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلغان ئالىجاناپ كىشىلەر مەدھىلەنگەن . كىرىش سۆزنىڭ ئاخىرىدا تەرجىمانلار مۇنداق دەپ يازىدۇ :
«ئالەم چەكسىز ،ھاياتلىق ئۈزۈلمەيدۇ ؛ تارىخ ئۈزۈلمەيدۇ ؛ بىزنىڭ ئالىجاناپ ئىشلىرىمىزنى نەۋرە – چەۋرىلىرىمىز ، ئۇرۇق – ئەۋلادىمىز توختىماي داۋاملاشتۇرۇپ بارىدۇ ، جەمىيەت ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ بارىدۇ ، ئاخىر يۈكسەك مەدەنىيەت دەرىجىسىگە يېتىدۇ . بىراق ، ئادەمنىڭ ئۆمرى چەكلىك ، ئۇ چەكلىك ئۆمرىدە ياشىشى كېرەك ، ئۆزىنىڭ ياشاش شەرت - شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ بېرىشى كېرەك . ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مۇھەببەت ھەممىدىن ئۇلۇغ ، ھەممىدىن يۈكسەك ، خۇددى ئاپتۇر ئۆزى ئىيتقاندەك ، ئىلىم – پەن تەرەققى قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە ، ئادەمدىكى سەمىمىلىك ياشاشنىڭ ئەڭ ئالى مەقسىدىگە ئايلىنىدۇ .»
ئەسەرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئەسەر تىلى ئىنتايىن يېنىك بولۇپ كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئۇزۇن قوشما جۈملىلەر ئۇچرىمايدۇ . ئاجايىپ روھى ھالەت تەسۋىرلىرى كىشىنى چوڭقۇر تەپەككۈر دۇنياسىغا باشلايدۇ . . .
دوسلارنىڭ روماننى ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن

ئەسكەرتىش:
تىمىنىڭ مەزمۇنىنى تىخىمۇ بىيىتىش ئۇچۇن چىڭغىز ئايىتماتوف ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان مەزمۇنلارنى تور دۇنياسىدىن تىپىپ ئىنكاس شەكلىدە بۇ تىمىنىڭ داۋامىغا يوللاپ قويدۇم. توۋەندىكى ئىنكاسلاردىكى مەزمۇنلار ئۆزۇمنىڭ يازمىسى ئەمەس .شۇ مۇناسىۋەت بىلەن توۋەندىكى ئىنكاسلىرىم  تورغا يوللىغان ئەسلىدىكى يوللانما ئىگىسىگە ئالاھىدە تەشەككۇررۇمنى بىلدۇرمەن.

باشقا تورداشلارنىڭمۇ بۇ تىمىغا مۇناسىۋەتلىك قىممەتلىك ماتىرياللىرى ياكى پىكىرى بولسا ئايىماي بۇ تىمىنىڭ داۋامىغا يوللاپ تىمىنىڭ مەزمۇنىنى تىخمۇ رەڭدار تىخىمۇ مەزمۇنلۇق قىلشىقا كۇچ چىقىرشىنى ئۇمۇت قىلمەن
.
[ بۇ يازما چىن-دوسىت تەرپىدىن 2008-05-21 00:56 دە قا ]
باشقۇرغۇچى قەلىپداش تېمىنى تەستىقلىدى .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+88(قەلىپداش) تەربىيىۋى ئە ..
  • | ۋاقتى : 2008-05-20 05:09 [باش يازما]
    ئاناقۇشئۇۋىسى
    sumrug ana uwisida
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالىي ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 10208
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1125
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1125دانە
    شۆھرەت: 2797 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 6645 سوم
    تۆھپە: 121 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1271 نۇمۇر
    قوللاش: 1138 نومۇر
    ئالقىش: 1221 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئۇيغۇر
    توردىكى ۋاقتى :1136(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئون نەچچە يىل ئىلگىرى ئوقۇغان بۇ روماننىڭ مىنىڭدە قالدۇرغان تەسىرىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ چىقىشىمغا پۇرسەت بولدى بۇ تىما!!! بۇ يازمىنى  ئوقۇپ،«چۆگلىتىپ قويىۋەتكەندەك »بولۇپ قالغان ئەشۇ مەزگىللىرىمدىكى ھىسلىرىم مىنى يەنە كۆڭۈلسىز قىلىپ قويدى.......بولۇپمۇ «نايمان ئانا ۋە ماڭقۇرۇت بالا پاجىئەسى»نى ئوقۇغان چېغىمدىكى  تۇيغۇلىرىم ۋە بوغولۇشلىرىم يەنە بىر قېتىم يۈرۈكۈمنى مۇجىدى....بەلكىم ئەلگىركىدىنمۇ بەك ئاچچىق ھەم كۈچلۈك بولغان بۇ بوغۇش رىياللىقىمدىكى ئەشۇ پاجىئە بىلەن ئوخشاش قىسمەتلەرنىڭ بۈگۈنكى «ئانا»لارنىڭ بېشىدا ئەگىپ قېلىشىدىن ۋايىم يىگۈدەك چوڭ بولغاندىمەن...ۋە ياكى...............ئۇفففففففففففففففففف،بولدىلا.............
    salkin-bbs
    ئويلايدىغىنىم -------ھەر-بىر نەپەس ئۈچۈن سوراق بىرىمىز!!
    | ۋاقتى : 2008-05-20 06:59 1 -قەۋەت
    چىن-دوسىت
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


    UID نۇمۇرى : 13157
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 26
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە26دانە
    شۆھرەت: 26 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 155 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 118 نۇمۇر
    قوللاش: 28 نومۇر
    ئالقىش: 35 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاپتۇرنىڭ باشقا كىتاپلىرى



    salkin-bbs
    | ۋاقتى : 2008-05-20 07:01 2 -قەۋەت
    چىن-دوسىت
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


    UID نۇمۇرى : 13157
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 26
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە26دانە
    شۆھرەت: 26 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 155 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 118 نۇمۇر
    قوللاش: 28 نومۇر
    ئالقىش: 35 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    چىڭغىز تۆرە قۇلۇۋىچ ئايتماتوۋ(-1928) ئەسلىدە سوۋىت ئىتىپاقى دەۋرىدىكى قىرغىز يازغۇچى،  ئۇ قىرغىزىستان ۋە روسىيە قوش دۆلەت تەۋەلىكىدە بولۇپ 1990-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە رۇسىيەنىڭ لىكسومبورگدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن كېيىن، 1993-يىلىدىن باشلاپ قىرغىزىستاننىڭ ياۋروپا ئىتىپاقى ۋە شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، شۇنداقلا بېلگىيە، گوللاندىيە ۋە لېكسىمبورگدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان، ككپ قېتىم قىرغىزىستان خەلقىنىڭ پىرىزېنت بولۇش تەكلىپىنى رەت قىلغان. 2005 -يىلىدىن كېيىن  شىۋىتسارىيەدە ئارام ئېلىۋاتىدۇ.
        چىڭغىز ئايتىماتوۋ سوۋېتنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرى باش كۆتەرگەن ئەڭ داڭلىق يازغۇچى بولۇپ  ، ئەسەرلىرىنى قىرغىزچە ۋە رۇسچە  يازىدۇ. ئايتماتوۋ يېزىدا تۇغۇلغان ، ئەۋلاتمۇ ئەۋلات نامراتچىلىقتا ئۆتكەن ، ئۇنىڭ ئاتىسى ياشلىق چاغلىرىدا كوممۇنىست بولغان ، رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن ، 1939-يىلى بەختكە قارشى سىتالىننىڭ تازىلاش ھەركىتىگە ئۇچراپ ئۇۋالچىلىقتا قازا قىلغان .
        چىڭغىز ئايتىماتوۋ يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىىن، ئاۋۋال چارۋىچىلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ تەجرىبە پونكىتىدا ئىشلىگەن.  1956-يىلى پوۋىستى«جەمىلە» بىلەن داڭق چىقارغان ، ئارقىدىن «قىرغىز ئەدىبىياتى» ژورنىلىغا يۆتكىلىپ كىرگەن ، كېيىن ئالاھىدە ئەۋەتىلىدىغان مۇخبىرلىقنى ئۆتىگەن . 1966- يىلى «ئەلۋىدا،گۇلسارە» رومانىنى ئېلان قىلغان ، بۇ رومان ئۇنىڭ ئىجادىيەتتە ئىزدىنىشتىن پىشىپ يېتىلىشكە قاراپ ماڭغانلىغىنى نامايەن قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا قىرغىزلارنىڭ  تاغلىق كەنتلىرىدىكى ھازىرقى زامان تۇرمۇشى تېخىمۇ روشەن ئىپادىلەنگەن ، تېما دائىرىسى كەڭ ، رىئاللىقتىكى زىددىيەتلەر چوڭقۇر ئېچىپ بېرىلگەن .
        ئايتماتوۋ -70 يىللاردىن تارتىپ، يېڭى بەدىئى ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىشقا كىرىشىىپ ، رىيالىزىمدىن رىئال تەسۋىر بىلەن قىياسەنلىكتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلنى بىرلەشتۈرۈشكە قاراپ تەرەققى قىلغان. مۇشۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ بۇنداق خاھىشىنى ھەممىدىن بەك ئەكس ئەتتۈرگەن ۋەكىللىك ئەسىرى1970-يىلى ئېلان قىلىنغان «ئاق پاراخوت» ئايتماتوۋنىڭ ئىجادىيەت نەزىرى كەڭ ماتىريال مەنبەسى تولا ئۇسسۇل ۋاستىلىرى كوپ خىل  ئوخشىشىپ قېلىش ئەھۋالى بەك ئاز، بولۇپمۇ روشەن مىللى ئالاھىدىلىگى بىلەن ماختاشقا سازاۋەر بولغان . 1977-يىلى يەنە بىر داڭلىق ئەسىرى «ئالا ئىت قىياسى» نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن چىڭغىز ئايتىماتوۋ دۇنياغا تونۇلۇشقا باشلىغان. ئۇنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىدىن «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن»( كېيىن يېزىلغان چىڭگىزخاننىڭ ئاقبۇلۇتىمۇ ئەمەلىيەتتە «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈننىڭ بىر بابىدىن ئىبارەت)، «قىيامەت»، «كاساندىرانىڭ تامغىسى» قاتارلىقلار دۇنيادىكى 100خىلدىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ ئاجايىپ شۆھرەت قازانغان ۋە ياۋروپالىقلار ئەڭ پىششىق بىلىدىغان ئاسىيا يازغۇچىسى بولۇپ قالغان.
      ئايتىماتوۋ 1966-يىلىدىن كېيىن تاكى سوۋېت پارچىلانغىچە بولغان ئارىلىقتا ئالى سوۋېتنىڭ ۋەكىلى، 1976-يىلىدىن كېيىن سوۋېت ئىتىپاقى يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ سېكىرتارى، قىرغىزىستان سوۋېتىنىڭ ھەيئىتى ۋە قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى بولغان. 1990-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى پىرىزدېنت كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى بولغان.    ئۇنىڭ پوۋىستلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى كىنو-تېلىۋىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلەنگەن . مۇتلەق كۆپ ئەسىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان .
    salkin-bbs
    | ۋاقتى : 2008-05-20 07:28 3 -قەۋەت
    چىن-دوسىت
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


    UID نۇمۇرى : 13157
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 26
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە26دانە
    شۆھرەت: 26 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 155 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 118 نۇمۇر
    قوللاش: 28 نومۇر
    ئالقىش: 35 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مېنىڭ مومام ۋە تۇنجى قەلەم ھەققىم

    چىڭغىز ئايتماتوۋ (قىرغىزىستان)
                تەرجىمان : تارىم دادخاھ

    مومام دائىم مېنى تاغقا ئېلىپ كېتەتتى، ياز كېلىشى بىلەنلا بىللە يايلاققا كېتەتتۇق.مومام جەلبكارلىقى كۈچلۈك ھەم تولىمۇ ئەقىللىق بولۇپ، كەنتتىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئايال ئىدى.مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ بىر ئەپسانە-رىۋايەت ۋە خەلق ناخشىلىرى خەزىنىسى ئىدى!ئۇنىڭ راست-يالغىنىنى بىلىپ بولمايدىغان نۇرغۇن ئاجايىب-غارايىب قىسمەت-سەرگۈزەشتىلىرى بارئىدى.مەن ئەينى يىللىرى چارۋىچىلارنىڭ يايلاققا كۆچكەن چاغدىكى مەنزىرىلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنىدىم. يايلاققا كۆچۈش چارۋىلارنى ھەيدەپ بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكىلىش بولۇپلا قالماستىن بەلكى قاينام-تاشقىنلىق چارۋىچىلار تۇرمۇشى بىلەن كاتتا ھەم سۈرلۈك دىنىي مۇراسىمنىڭ زىچ سىڭىشىپ كەتكەن كۆرۈنۈشى ئىدى.مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ شەكلى ئۆزگىچە يەرمەنكە بولۇپ، يەرمەنكىدە ئەڭ ياخشى بويۇنتۇرۇق، ئەڭ ياخشى زىبۇزىننەت ۋە بېزەك بۇيۇملىرى، ئەڭ ياخشى ئات، تۆگىلەرنىڭ لوكىسىغا ئارتىپ قويۇلغان لىڭگىرچاق ھەمدە گىلەم ۋە ئات يېپىنچىسى بىلەن ئوراپ قويۇلغان كۈدە-كۆرپىلەر كۆرگەزمە قىلىناتتى. ھامان ئەڭ گۈزەل قىزدىن بىرى ئالاماننىڭ كۆزئالدىدا پەيدا بولاتتى، ھېسسىياتقا باي كۈيچى يىگىتلەر زوق-شوقى بىلەن ناخشىغا چۈشەتتى، ئارىلاپ-ئارىلاپ مۇڭ-پىغان بىلەن يۇغۇرۇلغان جۇدالىق كۈيلىرى( ناۋادا بىراۋلىرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇغقانلىرىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ۋىدالىشىۋاتقان بولسا) ۋە ھەسرەت-نادامەتلەر بىلەن ئېيتىلغان تەسىرلىك سەپەر ناخشىلىرى ئاڭلىنىپ قالاتتى. چارۋىچىلارنىڭ ئەمدىلا كۆچۈشكە باشلىغىنىدىن تارتىپ سەپەر جەريانى ۋە كۆچۈش ئاخىرلىشىپ بۇ مەنزىرە تاماملانغىچە بولغان پۈتكۈل جەريانلارنى كۆرگەن ئىدىم .

    قارىغاندا مومام ماڭا بۇلارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق مېنىڭ ئاناتىلغا بولغان مۇھەببەت رىشتىمنى چىڭىتىشقا نىيەت قىلغان بولسا كېرەك. ئاھ ئانا تىل! ئانا تىلنى كۈيلەيدىغان، ئانا تىلغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىدىغان سۆزلەر ھەقىقەتەن ناھايىتى كۆپ! ئەمما ئانا تىلنىڭ سېھىرلىك خاسىيىتىنى ئىزاھلاپ بولغىلى بولاتتىمۇ؟ پەقەت بالا چاغدا بىلىپ ئىگىلىگەن ۋە چۈشەنگەن ئانا تىللا ئىنساننىڭ قەلب تۆرىنى خەلقنىڭ تىرىكچىلىك ۋە ئىجاد تەجرىبىسىدىن تۇغۇلغان شېئىرىي تۇيغۇلار بىلەن تولدۇرالايدۇ ھەم پەقەت ئاشۇ ئانا تىللا كىشىنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىقىنى ئەبەدىل ئەبەد خوراتمايدۇ ھەمدە ئاتا-بوۋىلار تىلىنىڭ رەڭگارەڭ ھېكمەت دۇردانىلىرى بىلەن ئىنسان قەلبىنىڭ خەزىنىسىنى تولدۇرۇپ، ئىنساننى ئۇزلۇق(گۈزەللىك)ئالىمىنىڭ سېھىرلىك پاراغىتىدىن ھوزۇرلاندۇرالايدۇ.بالىلىق چاغلار نوقۇل مەنادىكى گۈزەل چاغلارلا ئەمەس، بالىلىق چاغلار بىر ئىنساننىڭ كېلەچەكتىكى ئۆزىگە خاس مىجەز-خۇلقىنى يېتىلدۈرۈشىنىڭ يادروسى. ئاشۇ بالىلىق دەۋردە يېتىلگەن ئانا تىلغا بولغان ھەقىقىي تونۇش دەل ئاشۇ دەۋردە ئادەمگە ئەتراپىدىكى كىشىلەر، ئەتراپىدىكى تەبىئەت ئالىمىنى يېڭىدىن بىلدۈرىدۇ، بۇ مۇئەييەن مەدەنىيەت ئامىلى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ.

    ھېچ بولمىغاندا ئۆزۈمنىڭ كىشىلىك تەجرىبەمگە ئاساسەن شۇنداق دەيمەنكى، ئادەم بالىلىق چاغلىرىدا ئادەتتە ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ئىككى خىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ تىلنى ستىخىيلىك رەۋىشتە پۇختا ئىگىلەپ ئالالايدۇ----- ناۋادا بۇ تىللاربالىلىقتىن باشلاپ ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن بولسىلا.ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا رۇس تىلىمۇ مېنىڭ ئانا تىلىم، بۇ تىلنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن تەسىرى ماڭا جان بىلەن مۇجەسسەملەنگەن ئانا تىلىم قىرغىز تىلىدىن قېلىشمايدۇ !

    بەش ياشلار چېغىمدا مەن تۇنجى قېتىم تەرجىمانلىق قىلىپ بىر پارچە پىششىق گۆش بىلەن تارتتۇقلاندىم،مانا شۇ بىر پارچە پىششىق گۆش مېنىڭ تۇنجى« قەلەم ھەققىم» بولۇپ قالدى.بۇ يايلاقتا بولغان ۋەقە ئىدى، ئۇ كۈنلەردە مەن ئادەتتىكىدەك مومام بىلەن بىللە تۇراتتىم. بۇ ئەمدىلا كولخوز قۇرۇلغان ۋە كولخوزنىڭ دەسلەپكى مېۋىلىرى مۇستەھكەملىنىۋاتقان يىللار ئىدى.
    كولخوز يېقىندىلا سېتىۋالغان بىر ئات ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ قالدى. ئات كۈپكۈندۈزدىلا ئۆلدى،
    ئۆلۈدىغان چاغدا قورسىقى تۇلۇمدەك كۆپۈپ، نەپسى سىقىلىپ خارتىلداپ قالغان ئىدى. يىلقىچى تەمتىرىگىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلمەيلا قالدى، چۈنكى بۇ يىراقتىكى روسىيەنىڭ دون ۋادىسىدىن كەلتۈرۈلگەن ناھايىتى قىممەت باھالىق نەسىللىك ئات ئىدى.شۇھامان چەۋەنداز يىگىتلەردىن بىرى كولخوزغا ئەھۋال مەلۇم قىلىشقا ئەۋەتىلدى ھەم داۋاملىق رايونغا مەلۇمات بېرىلدى.ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندە بىر ئورۇس تاغقا كېلىپ بىزنى ئىزدەپ تېپىپتۇ، ساغۇچ ساقاللىق، كۆك كۆز بۇ ئورۇس ناھايىتى گروي بولۇپ، ئۇچىسىغا قارا خۇرۇم پالتو كىيىۋالغان، ئۆشنىسىگە يوغان بىر سومكىمۇ ئارتىۋالغانىدى. ھېلىھەم شۇنداق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، ئۇ بىرەر ئېغىزمۇ قىرغىزچە بىلمەيتتى،بۇ يەردە پەقەت مەنلا ئۇنىڭ بىلەن ئورۇسچە سۆزلىشەلەيتتىم. شۇ چاغدا ئاتنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ چىقىش زۆرۈر بولۇپ، ئۆلۈش ئىسپاتنامىسى يېزىش ھەممىدىن مۇھىم ئىدى. يىلقىچى قىلچە ئىككىلەنمەيلا مېنى تەرجىمە قىلىپ قىلىپ بېرىشكە تاللىدى.شۇ چاغدا مەن بالىلارنىڭ ئارىسىدا ھېلىقى ئورۇسقا قىزىقسىنىپ قاراپ تۇراتتىم.
      ------ كېلە،----- دېدى يىلقىچى مېنى بالىلارنىڭ ئارىسىدىن تارتىپ چىقىرىپ،----- بۇ ئادەم بىزنىڭ گېپىمىزنى بىلمەيدىكەن، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى بىزگە ئۆرۈپ بەر، ئاندىن بىزنىڭ گېپىمىزنى ئۇنىڭغا ئۆرۈپ بەرگىن!
        مەن شۇچاغدا ھەم خىجىل بولدۇم ھەم قورقۇپ كەتتىم. يىلقىچى دىققەتسىزلىكتە تۇرغان چاغدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ بوشاندىم-دە مومامنىڭ چېدىرىغا قېچىپ كىرىۋالدىم.بىرتوپ ئاغىنىلىرىم چوقان كۆتۈرگىنىچە ئارقىمدىن ئەگىشىپ چېدىرىمىزغا كىرىپ كېلىشتى. بىردەمدىن كېيىن ھېلىقى يىلقىچى چېدىرىمىزغا كىرىپ مەندىن قاچماسلىقىڭ كېرەگىدى، دەپ ئاغرىندى.مومام ئەزەلدىن ناھايىتى خۇشخۇي ئايال بولسىمۇ ئەمما شۇتاپتا قاپىقىنى تۈرۈپ:
    ----- نېمىشقا يىلقىچىغا ياردەملىشىپ كەلگەن ئورۇس بىلەن سۆزلەشمەيسەن؟ بىلىشىڭ كېرەككى ساڭا يېلىنىۋاتقىنى چوپچوڭ بىر ئادەم، ياكى سەن ئورۇسچىنى بىلمەيتتىڭمۇ؟---- دېدى.
        مەن ئۈندىمىدىم، دوستلىرىم چېدىرنىڭ سىرتىدىن مارىشىپ ئىشنىڭ قانداق بولۇدىغانلىقىغا قىزىقىپ تۇرۇشاتتى.
      ----- ساڭا نېمە بولدى؟ ئورۇسچە سۆزلەشتىن ئۇيىلامسەن ياكى ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا سۆزلەشتىن ئۇيىلامسەن؟ ھەممە خەقنىڭ تىلىنى ئاللاھتائاللاھ ياراتقان، نېمىدىن قورقاتتىڭ، يۈر، بارغىن!---- مومام قولۇمدىن يېتىلىگىنىچە چېدىردىن چىقتى، دوستلىرىم يەنە كەينىمگە كىرىۋېلىشتى.

    مېھمان كۈتۈلىدىغان چېدىردىن مېززىلىك قوي گۆشىنىڭ ھىدى كېلىۋاتاتتى، چېدىر چوڭلار بىلەن لىققىدە توشۇپ كېتىپتۇ، ئۇلار قېمىز ئىچىشكەچ گۆش يەۋاتقان ئىكەن. كولخوزدىن كەلگەن ھېلىقى چارۋا دوختۇرى ئورۇس ئاپئاق ساقاللىق بوۋايلار بىلەن بىللە ئىدى. ھېلىقى ئورۇس مېنى چاقىرىپ چېدىرغا ئېلىپ كىردى ۋە:

    --- كېلە بالام، مانا بۇياققا كەل، ئېتىڭ نېمە؟----- دېدى مېھرىبانلىق بىلەن كۈلۈپ. مەن خىجىل بولۇپ پەس ئاۋازدا بىرنەچچە ئېغىز جاۋاب بەردىم.

    --- ئۇلاردىن سوراپ باققىنە ئوغلۇم، ئۇ ئات قانداق ئۆلدى؟ ---- دېدى ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن بېشىمنى سىيلاپ ۋە يېنىدىن بىر ۋاراق قەغەز چىقىرىپ بىر نېمىلەرنى يازغىلى تۇردى.

    كىشىلەر بىردىنلا جىمىپ مېنىڭ ئېغىز ئېچىشىمنى كۈتۈپ تۇرۇشماقتا ئىدى، مەن بولسام جىمىپلا كەتكەنىدىم، بىرەر ئېغىز گەپمۇ قىلالمايتتىم. سەل نېرىدا مومام تەڭقىسلىقتا قالغاندەك ئولتۇراتتى. شۇ چاغدا بىر بوۋاي مېنى دەسسىدە كۆتۈرۈپ تىزىغا ئولتۇرغۇزۇپ مەھكەم قۇچاقلىۋالدى، ئۇ بىزنىڭ تۇغقىنىمىز ئىدى، ئۇ زور ئىشەنچ بىلەن قۇلىقىمغا پىچىرلاپ دېگۈدەك:

    --- بۇ ئادەم سېنىڭ داداڭنى تونۇيدۇ، يەنە مۇشۇنداق ئولتۇرۇۋەرسەڭ ئۇ داداڭغا بىزنىڭ يامان گېپىمىزنى قىلىپ بېرىدۇ، يەنە تېخى داداڭغا سېنى قىرغىزلارنىڭ ئارىسىدا بەك يامان ئۆگىنىپ قاپتۇ،دەپ تىللاپ بېرىدۇ!------ دېدى ۋە ئارقىدىنلا يەنە ---- دېگىن، ئۇ ھازىرلا ئېغىز ئاچسا ئۇنىڭغا بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ ئوغا ساز(زەھەرلىك سازلىق)دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقىن...------ دەپ قوشۇپ قويدى.

    --- تاغا،----- دېدىم مەن بار غەيرىتىمنى يىغىپ ئۇ ئورۇسقا ئورۇس تىلىدا،---- بىزنىڭ بۇيەر ئوغا ساس(يەر نامى)، دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ زەھەرلىك ئوت-چۆپ ئۆسۈدىغان ساسلىق، دېگەن گەپ...---- مەن شۇتاپتا مومامنىڭ، ھېلىقى ئورۇسنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ناھايىتى خۇش بولۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئاستا-ئاستا دادىللىشىپ قالدىم. شۇ چاغدىكى تەرجىمانلىقىمنى، سۆزمۇسۆز، جۈملىمۇجۈملە تەرجىمە قىلالىغىنىمنى ئۆمۈر بويى ئۇنتالمايمەن. نەسىللىك ئات ئەسلىدە زەھەرلىك چۆپ يەۋېلىپ ئۆلگەن ئىكەن.ھېلىقى ئورۇس باشقا ئاتلار نېمىشقا ئاشۇ زەھەرلىك چۆپنى يېمەيدۇ ۋە پەقەت نەسىللىك ئاتلا زەھەرلىك چۆپ يەيدۇ؟ دەپ سورىدى، يىلقىچى بۇ يەردىكى ئاتلار ئۇ زەھەرلىك چۆپلەرنى يېمەيدۇ،چۈنكى بۇ يەرنىڭ ئاتلىرى ئاشۇ چۆپلەرنىڭ زەھەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، دەپ چۈشەندۈردى. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەن ئارقىلىق بولۇنۇۋاتقان بۇ سۆھبەتلەرنى بىرمۇبىر قالدۇرماي تەرجىمە قىلدىم.

    ھېلىقى ئورۇس مېنى ماختاپلا كەتتى، مېنى قۇچىقىغا ئېلىۋالغان ئاپئاق ساقاللىق بوۋاي مېنى يوغان بىر پارچە گۆش بىلەن تارتتۇقلىدى،گۆش ھەم قىززىق ھەم مېززىلىك ئىدى، مەن قىن قىنىمغا پاتماي سەكرەپ-ئويناقشىپ دېگۈدەك چېدىردىن چىققىنىمدا ئاغىنىلىرىم دەرھال كېلىپ مېنى ئارىغا ئېلىۋېلىشتى.

    --- قالتىس بولدى!----- دەپ ماختاشتى ئۇلار مېنى،---- سەن ئورۇسچە سۆزلىگەندە دەريادىكى بېلىقلاردەك ئەركىن-ئازادە بولۇپ كەتتىڭ، بىردەممۇ توختاپ قالمىدىڭ!----- دېيىشتى ئۇلار. ئەمەلىيەتتە مەن خېلىلا دۇدۇقلاپ تەرجىمە قىلغان ئىدىم، ئەمما ئاغىنىلىرىم مېنى ماختاپ ئۇچۇرغىلى تۇردى.گۆشنى ئاغىنىلىرىم بىلەن بۆلۈشۈپ يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار بىلەن چېپىشىپ ئوينىغىلى كېتىشتۇق.

    مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىمدا بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشۇم ئەرزىمدۇ؟ مېنىڭچە ئەرزىيدۇ.ئەدەبىي ئىجادىيەت ئادەمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى خاتىرىسىدە قالغان ئىشلاردىن، ئاشۇ ئىشلار يۈزبەرگەن چاغلاردىن باشلىنىشى كېرەك.بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئۈچ ياش چاغلىرىدىكى ئىشلارنى ئەسلىيەلەيدۇ، ھالبۇكى يەنە بەزىبىرلىرى پەقەت ئۆزىنىڭ ئون ياشلار چېغىدىكى سەرگۈزەشتىلىرىنىلا ئەسلىيەلەيدۇ.شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىجادىيەتتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئالايلۇق، مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىمدىكى بۇ سەرگۈزەشتىلىرىم مانا مۇشۇنداق بولغان.مومام مەندىن تولىمۇ رازى بولغان ھەم كېيىنكى چاغلاردا تونۇش-بىلىشلىرىگە دائىم بۇ كەچمىشلەرنى سۆزلەپ مۇشۇ ئىشتىن تولىمۇ پەخىرلىنىپ يۈردى.

    مومام بالىلىق چاغلىرىمنى ناھايىتى بەختلىك كۈنلەرگە ئېرىشتۈرگەن، ئۇ ماڭا نۇرغۇن ئەپسانە-چۆچەكلەرنى ۋە خەلق كۈيلىرىنى ئېيتىپ بەرگەن، مېنى نۇرغۇن داستانچى ۋە خەلق ناخشىچىلىرى يىغىلىشقان سورۇنلارغا ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنى ماڭا كۆرسەتكەن. مومام نەگىلا بارسا مېنى يېتىلىۋالاتتى، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ، ئۆلۈم-يېتىم، ھېيت-بايرام سورۇنلىرىغا ئېلىپ باراتتى، مېھماندارچىلىققا بارغاندىمۇ دائىم مېنى يېنىدىن ئايرىمايتتى. ئۇ يەنە ماڭا دائىم چۈشىنى، چۈشىدە كۆرگەن ئىشلارنى سۆزلەپ بېرەتتى، مومام كۆرگەن بۇ چۈشلەر تولىمۇ قىزىقارلىق ئىدى، ئۇ ئەمدىلا ئۇخلاپ تۇرۇشىغا مەن ئۇنى ئويغىتىپ كۆرگەن چۈشىنى سۆزلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالاتتىم. بەزى كىچىك، قىسقا چۈشلەرگە رازى بولمايتتىم، بۇنداق چاغلاردا دەرھال خولۇم-خوشنىلارنىڭكىگە كىرىپ خولۇم-خوشنىلاردىن بىرەرسى كۆرگەن چۈشلەرنى«ئۆتنە»ئېلىپ كىرەتتى. كېيىنچە بىلدىمكى، بۇلار مومام مەخسۇس مەن ئۈچۈن توقۇپ چىققان چۈشلەر ئىكەن!
    bugra
    | ۋاقتى : 2008-05-20 07:29 4 -قەۋەت
    چىن-دوسىت
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


    UID نۇمۇرى : 13157
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 26
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە26دانە
    شۆھرەت: 26 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 155 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 118 نۇمۇر
    قوللاش: 28 نومۇر
    ئالقىش: 35 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    چىڭغىز تۆرەقۇل ئوغلى ئايتماتوفنىڭ
    قىسقىچە ئۆمۈر بايانى

    قىرغىزچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: نازىمى


    مەشھۇر قىرغىز يازغۇچىسى چىڭغىز ئايتماتوف 1928-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى قىرغىزىستاننىڭ تالاس ۋىلايىتى قارابۇرا (بۇ ناھىيە نامى سوۋېت دەۋرىدە «كىروف» دەپ ئاتالغان _ نازىمى) ناھىيىسىنىڭ شېكەر يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئاتىسى تۆرەقۇل ئايتماتوف تونۇلغان پارتىيە خىزنەتچىسى ئىدى، 1938-يىلى «خەلق دۈشمىنى» قاتارىدا ئېتىۋېتىلگەن.

    ئايتماتوف 1953-يىلى فرۇنزې (ھازىرقى بىشكەك _ نازىمى) شەھىرىدىكى سكريابىن نامىدىكى يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، مال دوختۇرلۇق تېخنىكى كەسپىگە ئىگە بولغان.

    1958-يىلى موسكۋادىكى ئەدەبىيات ئىنىستۇتىنى پۈتتۈرگەن.

    1942 _ 1944-يىللىرى قارابۇرا ناھىيىسى شېكەر يېزىلىق كېڭەش (ھۆكۈمەت)نىڭ كاتىپى بولغان.

    1944 _ 1946-يىللىرى قارابۇرا ناھىيىسىدە باج خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن.

    1948 _ 1953-يىللىرى جامبۇل شەھىرى (قازاقىستانغا تەۋە _ نازىمى) دە مال دوختۇرلۇق تېخنىكومىدا ئوقۇغان.

    1948 _ 1953-يىللىرى بىرلا ۋاقىتتا قىرغىزىستاننىڭ سكريابىن نامىدىكى يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىنىڭ ستودېنتى بولغان.

    1953 _ 1956-يىللىرى قىرغىزىستان چارۋۇچىلىق تەتقىقات يۇرتىنىڭ مال دوختۇرلۇق بويىچە ئالىي تېخنىكى بولۇپ ئىشلىگەن.

    1956 _ 1958-يىللىرى موسكۋادا ئالىي ئەدەبىي كۇرستا بىلىم ئالغان.

    1958 _ 1960-يىللىرى (رۇس تىلىدا چىقىدىغان ژۇرنال _ نازىمى)«ئەدەبىي قىرغىزىستان» ("Литературный Кыргызстан") ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى.

    1960 _ 1965-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى «ھەقىقەت» ("Правда") گېزىتىنىڭ مۇخبېرى.

    1965 _ 1986-يىلىرى قىرغىزىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى.

    1986 _ 1990-يىللىرى «چەت ئەل ئەدەبىياتى» ("Иностранная литература" سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە كەڭ تارقىتىلىدىغان رۇسچە ژۇرنال _ نازىمى) ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى.

    1990-يىلى مارتتىن ئۆكتەبرگىچە سوۋېت ئىتتىپاقى رەئىس جۇمھۇرى (زۇڭتۇڭى) نىڭ مەسلىھەتچىسى.

    س س س ر (سوۋېت ئىتتىپاقى) ئالىي كېڭىشىنىڭ 7-نۆۋەتلىكتىن 11-نۆۋەتلىككىچە دېپۇتاتى (ۋەكىلى). 1989 _ 1991-يىللىرى س س س ر خەلق ۋەكىلى.

    1990 _ 1993-يىللىرى س س س ر نىڭ، ر ف (روسسىيە فېدىراتسىيىسى) نىڭ بېلگىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى.




    1993-يىلدىن بۇيان قىرغىزىستاننىڭ بېلگىيە، گوللاندىيە، فرانسىيە، ليۇكسېمبۇرگلارداتۇرۇشلۇق (پەۋقۇللاددە ۋە تولۇق ھوقۇقلۇق) ئەلچىسى. قىرغىزىستاننىڭ ناتو _ ن ئا ت ئو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھتى تەشكىلاتى) دىكى ھەمدە يۇنېسكو (ب د ت نىڭ مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى) دىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى. قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشى (پارلامېنتى) نىڭ 1995 _ 2000-يىللىرىدىكى دېپۇتاتى (پارلامېنت ئەزاسى). ئىككى قېتىم «لېنىن ئوردېنى»، «ئۆكتەبر ئىنقىلابى ئوردېنى»، قىرغىزىستان جۇمھۇريىتىنىڭ بىرىنجى دەرىجىلىك «ماناس ئوردېنى» ۋە يەنە باشقا ئوردېن، مېداللار بىلەن تارتۇقلانغان. يازغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن «لېنىن مۇكاپاتى»، سوۋېت ئىتتىپاقى «دۆلەت مۇكاپاتى» (بۇ مۇكاپات بىر مەزگىل «ستالىن مۇكاپاتى» دەپ ئاتالغان _ نازىمى) قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.

    چىڭغىز تۆرەقۇل ئوغلى ئايتماتوف يەنە قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى. ئايتماتوف ئەسەرلىرى دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. 1993-يىلى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ئايتماتوف ئاكادېمىيىسى قۇرۇلغان. تۆت پەرزەنتى بار: ئۈچ ئوغۇل بىر قىز.
    ~~~~~~~~~~~~~~~
    | ۋاقتى : 2008-05-20 07:39 5 -قەۋەت
    چىن-دوسىت
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


    UID نۇمۇرى : 13157
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 26
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە26دانە
    شۆھرەت: 26 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 155 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 118 نۇمۇر
    قوللاش: 28 نومۇر
    ئالقىش: 35 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    چىڭگىز ئايتماتوفقا ئوچۇق خەت!!!


    ـ شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى 2000 – يىل 6- سانىغا بېسىلغان « مەكىزىي ئاسىيالىقلار 21- ئاسىردە ياشىيالامدۇق؟ » ناملىق سۆھبەت خاتىرىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن


    يولداش چىڭغىز تۆرەقۇلۇۋىچ :
    ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى بۇ ئانا ماكانىدا ياشاۋاتقاندىن بۇيان « ماناس »، « ئوغۇزخان » ، « ئالپامىش »، « گۆر ئوغلى »، « دەدە قۇرقۇت » ( قۇرقۇت ئاتا ) دەك ئېپوس – داستانلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ تۆنۈگۈنىنى، بۈگۈنى ھەم كەلگۈسىنى باغلاپكەلدى.  پايانسىز قىپچاق دالىلىرى، جۇڭغار ۋە پەرغانە ئويمانلىقلىرى، تەكلىماكان قىرغاقلىرى، ئالتاي ۋە تەڭرى تېغى ئېتەكلىرىدە ئوغۇزخان، چىن تۆمۈرباتۇر، گۆر ئوغلىنىڭ قەيسەر، باتۇر، ھەققانىي ئوبرازلىرى بىلەن، ئەركىنلىك، ھۆرلۈك، ئېتىقاد يولىدا شېھىت بولۇپ ئۆز مازارلىرى بىلەن ئانا تۇپراقنى قۇچاقلاپ ياتقان شىريۈرەك ئوغلانلارنىڭ مۇقەددەس، سىرلىق روھلىرى مۇشۇ زېمىندىكى خەلقلەرنىڭ كۈنسېرى خوراۋاتقان روھىي ئېنېرگىيەسىنى تولوقلاپ، ھاياتقا، كەلگۈسىگە سوقۇۋاتقان قەلبىنى ئۆزلىرىگە بولغان سېغىنىش ھېسىياتى بىلەن ئىللىتىپ كەلدى .ئۇلار قان – ياشلىق تارىخىدا ئادالەتسىز تەقدىردىن، ئېغىر كۈنلىرىدىن قۇتۇلىشنى، يورۇق تاڭلارنىڭ ئېتىشىنى ئەنە شۇنداق باھادىرلارنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە باغلاپ، بەخت – سائادەتنىڭ ئەۋلىيا – ئەنبىيالارنىڭ دۇئاسىنىڭ بەرىكاتىدىن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى مەزمۇن قىلغان روھىي مۇستەقىلسىزلىكنى ۋە چوقۇنۇش ئوبىكتى بوپقالغان شەخسلەرنى ئۆز تەقدىرىگە ھامىي قىلىۋالغان ئېتىقاد مۇشىرىكلىكىنى ئۆز دەردلىرىگە دەۋا، سۇنغان روھىغا تەسەللى قىلىپ كەلدى .
    ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئۆز تارىخىدا ئۆزىنىڭ مىللىي قەھرىمانلىرى بىلەن باتۇرلۇشۇپ، ئۇلارنىڭ « ئەۋلىيالىق خىسلەت » ـ سۈپەتلىرى بىلەن ئۇلارغا ئەگىشىپ، ئۆز تەقدىرىنى ئول كۈرەش ساھىبلىرى بىلەن شۇ دەرىجىدە چەمبەرچەس باغلىدىكى، ئۇلارنىڭ ئەقلى ئاۋامنىڭ ئەقلى، خاتالىقى ئاۋامنىڭ خاتالىقى، ھالاكىتى بولسا پۈتكۈل مىللەتنىڭ ھالاكىتى بولدى.  ئۇلارنىڭ كاللىسى مويتوڭزىدا چېپىلغان كۈنى، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئۈمۈد- ئارمانلىرى، روھىي تۈۋرۈكلىرى غۇلىغان كۈن بولدى. ئېنىقكى، روھىغا قۇل مىجەزلىك سىڭىپ كەتكەن بۇ خەلق، باتۇرلۇق، ھەقىقەت، ئۇلۇغلۇقنىڭ سىمۋولى بولغان قەھرىمانلارغا چوقۇنۇشنى بىلدىيۇ، باتۇرلۇق، ھەققانىيەتنىڭ ئۆزىگە ئىخلاس قىلىشنى بىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن « بىرنى چاناش ئارقىلىق مىڭغا ئىبرەت » قىلىدىغان تىراگىدىيىلىك ئاقىۋەت ئۇلارنىڭ ھەر قېتىملىق كۈرىشىگە رېژسسورلۇق قىلىپ كەلدى . دېمەك، ھەقىقەتنىڭ مۇستەقىللىق،ئۇلۇغلىقتىن ئىبارات ئەقەدىلىرى ئەسلى ئادەملەرنىڭ ئۆزىدە، كۈرەشلىرىدە، ياشاۋاتقان زېمىنىدە بولسىمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارغا نىسبەتەن ئاسماندىن ياكى بىرەر مۆجىزىكار شەخسنىڭ دۇنياغا كېلىشىدىن ۋەياكى ئۆزگىلەرنىڭ مەرھەمىتىدىن كېلىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى . ۋىكتور ھىيوگو شەخسكە چوقۇنۇش بىلەن ئۆز – ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى « بىرسى يەنە بىرسىنى ھالاك قىلىدۇ » دېگىنىدەك، خەلقلەرنىڭ مەلۇم شەخسكە، غايىۋىي ئوبرازلارغا چوقۇنىشى ( ماھىيەتتە شۇلاردىكى سۈپەتلەرنى ئۇلۇغلاپ، ئۆزلىرىدىن يەتكىلى بولمايدىغان نەرسىدەك يىراقلىتىۋېتىشى ) ئاخىرقى ھېسابتا مىللەتتە، كونكرېتلاشتۇرغاندا مىللەت تەركىبىدىكى ھەر – بىر شەخستە ئۆز – ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسىنى، رېئاللىقتىكى ئۇچۇرغان مەسىللەرگە بولغان مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئۆلتۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىگە كەلگەن بالايى – ئاپەت، دىشۋارچىلىقلارنى بىر بولسا كەلگىندى « سەئىدزادە» ـ سوپى – ئىشان « پىر» لار ۋە « سەللە يوغان ئىمان يوق » ساختا ئۆلىمالارنىڭ ئەقىدەتۇل ئىسلامدا قەتئىي دەلەلى بولمىغان « قازايۇ قەدىر تەقدىردىن » دېگەندەك دۇنيا قاراش جەھەتتىكى پاسسىپ چۈشەندۈرۈشلىرىگە يۈكلەپ قويىدىغان، سەل كۆزى ئېچىلغانلار بولسا ئومۇمەن تاشقى سەۋەپلەردىن ئىزدەيدىغان تەپەككۇر نامىراتلىقىدىن ئۆتۈپ كېتەلمىدى .
    « 8 – ئەسىر ئاسىيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيە » لەرنىڭ بىرى بولغان ئورخون ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھالاك بولۇش سەۋەبىنى تەبىئىي ئاپەتلەر، تاشقى دۈشمەننىڭ ھۇجىمى دېگەندەك بىر قاتار سەۋەپلەردىن دەپ قاراپ، خانلىقتىكى ئەنئەنىدىن – ئەسلى ئېتىقادتىن يادلاشقان « روھىي – پىسخىكىلىق جەھەتتىكى زور ئۆزگۈرۈشلەر سەۋەبىدىن » لىكىدىن كۆرمىدۇق .
    ئۆتكەن ئەسىرلەردىكى خەلقىمىز بېشىدىن كەچۈرگەن جاھالەتلىك يىللارنى جۇڭغارلارنىڭ تاجاۋۇزى، مانجۇلارنىڭ زۇلۇم ـ زۇمبۇلۇقلىرى ۋە خوجا – ئىشانلارنىڭ ساتقىن – مۇناپىقلىقىدىن ئىزدەشتۇقكى، شۇ دەۋر خەلقلىرىمىزدىكى ئۆز ئېتىقاد  - ئەقىدىسىگە بولغان ساۋاتسىزلىقىدىن – ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى، ئىخلاسىنى دەپسەندە قىلغان جاھالەت پىرلىرى ـ سوپىزىم ھامىيلىرىنىڭ تەركىيدۇنيالىق تەشەببۇسلىرىغا نادانلارچە ئەسىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ زىكرى – سامالىرى بىلەن ئۆز ئىبادەتلىرى ئوتتۇرسىدىكى تۈپلۈك زىتلىقنى بايقىۋالالمىغان ئەقلىي كورلىقىدىن، ئۆزىدىكى مىللىي غورۇر ۋە مىللىي ئۇيۇشۇش كۈچىنى يوقىتىپ قويغانلىقىدىن ئىزدەشمىدۇق .
    20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تەقدىرىمىزدە يۈز بەرگەن تراگېدىك كومىدىيەلەرنى ھىيلىگەر ياڭ زېڭشىن، جاللات شېڭ شىسەي ۋە سىتالىننىڭ ( تەقدىرىمىزنىڭ ئارغامچىسىنى قولىغا ئېلىۋالغانلىقىدىن ) دەپ قۇتۇلدۇقكى، ئەنە شۇ جاللاتلارنىڭ كەتمىنى بىلىپ – بىلمەي چاپقانلىقىمىزدىن، ئەرك ئۈچۈن تۆكۈلگەن دەريا – دەريا قانلارنى مەنسەپ ئۈچۈن ساتقانلىقىمىزدىن كۆرمىدۇق .
    يولداش ئايتماتوف، يوقىرقىدەك بىر قاتار تارىخىي سەۋەبلەر بىزدە ياشاش جەريانىدىكى كۈرەشلىرىمىزدە بىر مەغلۇبىيەتچى ئاتىلىپ قېلىشتىن، تەۋەككۈلچىلىك ھېسابىغا بىر بەختسىز بوپقېلىشتىن تەلۋىلەرچە قورقۇش پىسخىكىسى شەكىللەندى.  ئۆزىمىزنىڭ ئىنسانىي قىممىتى، ياشاش مەقسىتى ئۇنتىلدى.  ماھىيەتتە ئۆزىمىز تەرىپىدىن بۇرمىلاندى.
    بۇ خىل روھىي زەئىپلىكنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئۆز كەلگۈسى ۋە مۇستەھكەم ئېتىقادى ئۈچۈن يا ئۆلۈم، ياكۆرۈمدىن بىرنى تاللىيالايدىغان كىشى قەلبىنى تىتىرەتكۈدەك غالىبلارچە كەسكىنلىكنى، مۇرەسسەچى قەلىبلەرنى قەتئىيلىككە ئۈندەيدىغان ئاچچىق ئازابلارغا خۇشتارلىقنى ئارزۇ قىلىش تۈگۈل، چۈشۈنۈش غەرىزىمۇ بولمىدى .
    يولداش چىڭغىز تۆرەقۇلۇۋىچ، ئەينى يىللاردا دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە بىباھا دۇردانىلەرنى قوشقان، ئات تۇياقلىرى بىلەن « تەڭرىنىڭ قامچىسى » سۈپىتىدە غەرىب، شەرىقنى تىتىرەتكەن قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ بۈگۈنكى ھالى __ شان – شەرەپ، غالىپلىقنى بۈگۈنىدىن، بارىدىغان مەنزىلىدىن، كەلگۈسىدىن ئىزدەشنىڭ ۋە ئۇرۇنۇشنىڭ ئورنىغا ياشاپ ئۆتكەن تارىخىدىن، بىر چاغلاردىكى بوۋىسىدىن، ئۇزۇن ئەسىرلەرنىڭ قېلىن چاڭ – توزانلىرىغا كۆمۈلۈپ قالغان ئەجدادىنىڭ ( ئۇلارغا زەررىسىمۇ نېسىپ بولمىغان ) شانلىق ھاياتىدىن ئىزدەش بولدى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ جەڭگىۋار، نۇرلۇق سىمالىرىنى، ئۆلۈم ئالدىدىكى ئوتلۇق مىسىرالىرىنى، مۇراسىم زاللىرى، مېھمانخانا ئۆيلەرنىڭ تۆرىگە ئېسىپ قويۇپ، تاڭلىيىنى چاكىلدىتىپ ئولتۇرىدىغان بىچارىلىك بولدى، خالاس .
    ئەپسۇس، يولداش ئايتماتوف، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلىرىمىز دۇنيادا غەرەزسىز ئېھساننىڭ بولمايدىغانلىقى، « بىر بالاسى بولمىسا قۇيرۇقياغنىڭ تاش ئۈستىدە تۇرمايدىغانلىقى » دەك تارىخىي پاكىتلارغا « غىق » كېكەرگەن ئەجدادلارنىڭ ئۇنتۇغاق ئەۋلادى بولۇپ تۇرۇقلۇق بۈگۈنكى كۈندىمۇ ب د ت نىڭ غەمگۇزارلىقىغا، توختام، شەرتناما، ئىتتىپاقلارنىڭ ئەمىلىي كۈچىگە ئىشىنىدىغان، تەقدىرنى بىر – ئىككى پرېزدېنتنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكىگە تاپشۇرىدىغان « ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق » لۇق قىسمەتنى ئەجداد تەپەككۇرىدىكى يېڭى تەكرارلىق سۈپىتىدە قايتىلاۋاتىدۇ .
    ئۆز تەقدىرىنى سىرتقى مۇھىت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن قىلىنغان ياردەملەر  بىلەن باغلىۋېلىش شۈبھىسىزكى، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچتىن، ئوڭۇشسىز شارائىتتىكى روھىي ئۈستۈنلۈكلەردىن يىراقلاشتۇرىدۇ.  قانداقلىكى شەكىلدىكى خەيرخاھلىق بولسۇن قاششاق – نامرات كىشىنىڭ ئىقتىسادىي ئېڭىنى ئويغىتىش تۈگۈل، غەپلەت ئۇيقىسىنى سوزۇۋېتىدۇ . كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، دۇنيادا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر داۋاملىق بېرىۋاتىدۇ، ئېلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە بىچارە مىللەتلەر بولسا توختىماي ئېلىۋاتىدۇ .
    نېتزىي مۇنداق دەيدۇ : « سىلەر كورلارنىڭ ھاسا تايىقىنى تارتىۋېلىڭلار، شۇندىلا ئۇلارغا ساغلام پۇت كۆكلەپ چىقىدۇ ». مانا بۇ ـ ئۇزۇن يىللار نامىراتلىق، قاششاقلىق، قۇللۇقنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتقانلىقتىن روھىي قۇللۇققا گىرىپتار بولۇپ، ھايات سەپىرىدىن ئۈمۈد ۋە پۇرسەتنى ئەمەس، جەبىر ـ جاپانىلا كۆرىۋاتقان مەھكۇم ـ تەمەخور ئەللەرنىڭ تۇتقۇسى ھاياتلىق پروگراممىسى .
    دېمەك، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارغا نىسبەتەن ئەڭ ئىشەنچلىك قۇتقۇزغۇچى ـ باشقا بىراۋ ئەمەس، دەل ئۆزى.  دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇندىن ئاز كەم 14 ئەسىر مۇقەددەم : « ئۆز – ئۆزىنى تونىغان رەببىنى تونۇيدۇ » دېگەن . شۇنداقلا ئۇنىڭدىن تۆت ئەسىر كېيىن ياشىغان ئىبنى سىنامۇ ئۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ : « بارلىق بىلىشنىڭ مەركىزى ئۆز – ئۆزىنى ئىدارە قىلىش يەنى ئۆزىنى كامىل ئىنسان قىلىشتا » دەيدۇ. 15 – ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن نەۋائىي ھەزرەتمۇ : « ئۆز ۋۇجۇدىڭنى تەپەككۇر ئەيلەگىل، ھەرنە ئىستەرسەن ئۆزۈڭدىن ئىستەگىل » دەپ ئۆز – ئۆزىنى چۈشىنىش، ئۆز قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى تەكىتلەيدۇ .
    بىزدە دۇنيا قاراشلىرىمىزنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىتنىڭ ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭلاشقامىكىن بىزدە ئىجتىمائىي توپتىكى ھەر بىر شەخسنىڭ قىممىتى ۋە رولى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىدى. ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر شەخسنىڭ ئەتراپقا، مۇھىتقا بولغان ئىجابىي تەسىرىنىڭ تەلىم – تەربىيىدىن كۆپ يوقۇرى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىش بىزگە نېسىپ بولمىدى . غەرىبلىكلەردەك « شەخسنىڭ قەدىر – قىممىتى، ئەقلىي يۈكسەكلىكى، كەسكىن ئەمىلىيەتچانلىقىنى ئۆز ئۇرۇنىشلىرىنىڭ مىزانى » ۋە ھايات پائالىيەتلىرىنىڭ يادىروسى قىلىدىغان ھەقىقىي رىقابەت ئېڭىغا ئىگە « مەن دېگەن مەن » دېيەلەيدىغان ئۈستۈن خارەكتىر خاسلىقى بىزنىڭ پىسخىكىمىزغا ئۆزلەشمىدى .
    « مەركىزىي ئاسىيالىقلار 21 – ئەسىردە ياشىيالامدۇق ؟ »
    بىز بۇ سۇئالنى دۇنياۋى تەشكىلاتلاردىن، ھاكىمىيەت بېشىدىكى يوقۇرى دەرىجىلىك گېراژدانلاردىن، مەۋجۈت قانۇن – نىزامدىن سوراشنىڭ ئورنىغا، يوتىسىدىن كېسىۋېلىنغان بىر پارچە گۆشنى كۆتۈرۋېلىپ ئاسماندىكى « ھۇما قۇش » نى « گەھ – گەھ » دەپ چاقىرىۋاتقان ئومومىي ئوتتۇرا ئاسىيالىقلاردىن ـ مۇتەخەسىس ـ ئالىمدىن، دېھقان – پادىچىغىچە، مەسچىت مۇنبەرلىرىدە تەبلىخ قىلىۋاتقان خاتىپلاردىن ئىشچى، ناۋايغىچە، پەيلاسوپلاردىن مىليونېرلارغىچە، قىسقىسى، يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان ھەر بىر ئوتتۇرا ئاسىيالىقتىن سورىشىمىز، ھاتتاكى خۇداغا قانداق ئۇسۇل بىلەن جان تەسلىم قىلىشنى بىلمەيۋاتقان سەكراتتىكى قېرى چالدىن تارتىپ ئانىنىڭ قۇچىقىدىن ئايرىلىپ ئەمدىلا تەمتىلەشنى ئۆگىنىۋاتقان گۆدەككىچە سورىشىمىز كېرەك. چۈنكى بىز سۆھبەتدىشىڭىز ئوسمانئاخۇن ئىبىراھىموف ئېيتقاندەك، ئەجداد، ئېتىقاد، مەدەنىيەت، زېمىن ئورتاقلىقىغا ئىگە كىشىلەرمىز . يوقۇرقى سۇئالغا ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن : « ھەي . . . قانداق بوپكېتەركىن » دېگەندەك زەئىپ، قۇللارچە جاۋابنىڭ ئورنىغا: « بىز چوقۇم ياشىشىمىز كېرەك ! » دەيدىغان مەردانە – مۇرەسسەسىز خىتابنى ئېلىشىمىز لازىم . مانا بۇ بىزنىڭ كەلگۈسى ئەسىرلەردىكى  تەرەققىياتىمىز، ھاياتىمىزنىڭ ھەقىقىي كاپالىتى .
    يولداش چىڭغىزتۆرە قۇلۇۋىچ، مەلۇم بىر ئېتىقاد، ئىدىيە ئورتاقلىقى بولمىسا، بىر رايوندىكى بىر خەلقنى ھايات  ۋاستىلىرى بولغان ماددىي شەرتلەر ھېسابىغا تەقدىرداشلىق تۇيغۇسىغا كەلتۈرۈشنىڭ بەسىي مۈشكۈللۈكى ماڭا قارىغاندا سىزدەك دۇنياۋى شۆھرەتلىك يازغۇچىغا خۇددى كۈندەك روشەن ھەقىقەت . يەنە شۇنداقلا ئېتىقادنىڭ « زورلاپ ئېلىپ بېرىدىغان خوتۇن ئەمەس » لىكىمۇ سىزنىڭ بىلىش دائىرىڭىزدىن مۇستەسنا ئەمەس . ماركىسىزىمدىن ئىبارەت ئېتىقاد نەزەرىيىسى ئۆز زامانىسىدا ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيە ــ سابىق سوۋېت ئىتىپاقىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بولسا، بىزنىڭ ۋەتەندىمۇ 56 مىللەتنى ئىتىپاقلاشتۇرۇپ بۈيۈك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى روياپقا چىقاردى .
    ئەپسۇسكى، يولداش ئايتماتوف، « دۇنيادىكى تۇنجى پۇرۇلتارلار دۆلىتى » 74 ياشقا كىرگەندە پارچىلاندى. موسكۋادىن تاكى بېرلىن تېمىغىچە بولغان ماركىسىزىم لېنىيىسى بەربات بولدى. پۈتكۈل دۇنيادىكى 1 مىليارد 300 مىليون كوممۇنىزىم جەڭچىسىنىڭ مۇقەددەس جايى ـ لوندون ھايگىت قەبرىستانلىقىدا پرولتارىيات ئىلىمىنىڭ ئاساسچىسى يولداش « ماركىسنىڭ قەبرىسىگە گۈل قويۇپ زىيارەت قىلىدىغانلاردىن پەقەت ماركىسنىڭ ئەۋرىسى ئانتونىي ماركىسلا قالدى ». ماركىسىزىم پەقەت ۋە پەقەتلا بىزنىڭ ۋەتەندىلا ئۆزىنىڭ ساپلىقى، پاك – غۇبارسىزلىقى بىلەن ئىشچى – دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، پۈتكۈل دۇنياغا ماركىسىزىمدا ئىزچىل ھالدا چىڭ تۇرالايدىغان دۆلەت ھەم مىللەتلەرنىڭمۇ بارلىقىنى نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ .
    يولداش ئايتماتوف، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئونۋېرسال بىرلىكى ئۈچۈن تۈزىلىۋاتقان توختام، شەرتنامە ، ئىتىپاقلارنىڭ ئەمىلىي كۈچىنىڭ بولماسلىقى، رايونلار ئارا ھەمكارلىقنى تار مەنىدىكى خۇسۇسىي مەنپەئەتپەرەس ھاكىمىيەتنىڭ چەكلەپ قويىۋاتقانلىقى، كۆز ئالدىمىزدىكى ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ شىددەت بىلەن بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقى ـ بۇ رايون خەلقلىرىنىڭ ماركىسىزىمدىن كېيىنكى ئېتىقاد، ئىدىيىسىدىكى تەۋرىنىشنىڭ يەنى ئېتىقاد كىرزىسىنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ روشەن ئىنكاسى .
    خوش، بۇ رايون كىشىلىرىنى قېنى قايسى مۇقەددەس ئىدىيە شەرتسىز ئورتاقلاشتۇرالايدۇ ؟ ھەر خىل مەنپەئەت توقۇنۇشلىرىدىن ھالقىغان ھەقىقىي ئىتىپاقلىق ۋە قېرىنداشلىق تۇيغۇسىنى كىم يەتكۈزەلەيدۇ ؟
    يولداش ئايتماتوف، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 –يىللىرىدا سىز « قىيامەت » رومانىڭىزنى ئېلان قىلىپ، « ئالىمىي تەپەككۇر » ڭىز بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىنى يېشىپ، ئەدەبىيات سېپىدە غۇلغۇلا قوزغاپ دۇنيانى تەۋرەتتىڭىز. بولۇپمۇ رومانىڭىزدىكى « خىرىستىئان مۇخلىسى ئابدىينىڭ باغرى تاش كىشىلەرگە دەھشەدلىك قىرغىننى توختىتىش تەكلىپىنى قويغانلىقى ۋە شۇ كىشىلەر تەرىپىدىن كېرست شەكىلدىكى دەرەخكە ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى » نى تەسۋىرلەپ، ئاز كەم ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى ئىنسانلارنىڭ ۋەھشىيلىكىدىن كرېستقا مىخلاپ ئۆلتۈرۈلگەن ئېيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن تەقدىرداش « ھازىرقى زاماندىكى ئېيسا ئوبرازىنى يارىتىپ، مېھرىبانلىقنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشىدىكى بىردىنبىر چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى » ڭىز ۋە « ئادەملەرنىڭ ئەزەلدىن قېلىپلاشتۇرغان دۇنيا ھەققىدىكى ئوي – پىكرىگە قارشى تۇرۇپ، دۆلەت، مىللەت، سىنىپ، سىياسەت، ئىقتىسات ۋە مەدەنىيەتتىن ھالقىپ، ھەممە ئالىمىي كەڭلىكتىن دۇنياغا يېڭىۋاشتىن باھا بېرىش » نى تەشەببۇس قىلدىڭىز .
    يولداش ئايتماتوف، ئېسىڭىزدىمىكىن، 16- ئەسىردىن تارتىپ 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر رۇسلار قازان، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا « رۇسلاشتۇرۇش »، « خرىستىئانلاشتۇرۇش » دەك ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزدى ۋە بۇ جەرياندا « مۇسۇلمانلارنى ئۆز جەمئىيىتىگە قوشۇۋېلىش » ئۈچۈن « مەسچىت ۋە مەدرىسلەرنى تاقاپ، ۋەخپىلەرنى بىكار قىلىپ، چېركوۋلارنى كۆپلەم بىنا قىلدى ». ئۇلار بۇ زېمىندىكى خەلقلەرنى « يا خرىستىئان دىنىغا بەيئەت قىلىشقا ياكى ئۆز ئىمتىيازلىرىدىن ۋاز كېچىشكە زورلىدى . خرىستىئان دىنىغا كىرمىگەن خەلقنى ئۆز يۇرتلىرىدىن مەجبۇرىي ھەيدەپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ مۇنبەت تېرىلغۇ يەرلىرىنى رۇس كۆچمەنلىرىگە بۆلۈپ بەردى » يەرلىك خەلق رۇسلارنىڭ بۇ خىل ئاسسىمىلاتسىيە سىياسەتلىرىگە قارشى ئەسىرلەر بويى قانلىق كۈرەشلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى . نەچچە يۈز مىڭ خەلق ئۆز ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قان – ياشلىق كەچۈرمىشلەرنى باشتىن كەچۈردى .
    يولداش ئايتماتوف، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر داۋاملاشقان بۇ ئېچىنىشلىق تارىخ بۈگۈننىڭ ئەينىكى بولالارمۇ ؟ ياكى ئۆز راۋاجىنى ئىزدەرمۇ ؟ سىزنىڭ « ئالىمىي تەپەككۇر » ڭىزگە ئىلھام بەخىش ئەتكەن ھادىسلەردە  ھەزرىتى ئېيسانىڭ « ئىنجىل » دىكى : « دۈشمىنىڭلارنى سۆيۈڭلار، بەختسىزلەرگە بەخت تىلەڭلار 6: 28 »، « سىلەرگە دۈشمەنلىك قىلغانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار 6: 29 »، « بىرسى سىلەرنىڭ ئوڭ مەڭزىڭلارغا ئۇرغان بولسا سول مەڭزىڭلەرنىمۇ ئۇر دەپ تۇتۇپ بېرىڭلار. بىرسى سىلەرنىڭ چاپىنىڭلارنى ئېپكەتسە، كۆڭلىكىڭلارنىمۇ يېشىپ بېرىڭلار 6: 30 » دېگەندەك ئالىي ئىنسانپەرۋەرلىك ئالغا سۈرۈلگەن . بۇ تەلىماتلارغا نىسبەتەن بۈگۈنكى خرىستىئانلار : « بۇ پىرىنسىپلار ئۆلچەملىك پىرىنسىپلار بولسىمۇ، بىراق بۇ بىز ياشاۋاتقان يەر شارىدىكى ئاھالىلارنى يېتەكلەشكە ماس كەلمەيدۇ. بىز بۇ پىرىنسىپلارنى ئىجرا قىلالمايمىز، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىجرا قىلىشىنىمۇ ئۈمۈد قىلمايمىز، ئەۋلادلىرىمىزنىمۇ ئۇنى ئىجرا قىلىشقا ئۈندىمەيمىز» دەپ قارايدۇ .  مانا بۇ « ئىنجىل » تۇتۇپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالىدىغان پرېزىدېنىتتىن تارتىپ ئۆز گۇناھسىزلىقىنى « ئىنجىل » تۇتۇپ ئىسپاتلايدىغان جىنايەتچىگە قەدەر بولغان خرىستىئان دۇنياسىنىڭ مۇھەببەت – نەپرەت قىممىتىنى يوقاتقان بەزى « ئىنجىل » سۈرىلىرىگە بەرگەن رېئال باھاسى .
    يولداش ئايتماتوف، سوتسىئولوگىيە ( جەمئىيەتشۇناسلىق ) ۋە سېلىشتۇرما مەزمۇن قىلىنغان ئىلىملەر، شۇنداقلا دۇنيا ئىدېئولوگىيە تارىخىدىكى سەھىپىلەردىن بىر مىللەت ئۆز تارىخىي تەرەققىياتى جەريانىدا ئىدېئولوگىيىدىن ئىبارات بۇ ئۈستىقۇرۇلمىنىڭ تەسىرىدىن مۇستەسنا بولالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز . بولۇپمۇ سەنئەت ۋە باشقا يېڭىلىق ۋە قانداقتۇر  بىر ئىزىملار ھېسابىغا بىر مىللەت ئىدېئولوگىيىسىگە يېنىكلىك قىلىشنىڭ ھەقىقەتەن خەتەرلىك ئەھۋاللىقىنى ھەر بىر ئەقلى روشەن، تەپەككۇرى تازا يازغۇچىلىرىمىزنىڭ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز .
    يولداۈ ئايتماتوف، نىمە ئۈچۈن بۇددا دىنى ياپونىيە، جۇڭگو ۋە چاۋشەندە ئوخشاش بىر دىن بولسىمۇ، ھالبۇكى، ئۈچ دۆلەتتىكى نەتىيجىسى ئوخشاش بولمايدۇ ؟ نىمە ئۈچۈن ئەينى دەۋرلەردە دۇنيا بويىچە ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئەرەب – ئىسلام مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيىنى شەكىللەندۈرگەن ئىسلام دىنى يېقىنقى ئەسىرلەرگە كەلگەندە قۇمدەك چېچىلغان، ئىلىم ۋە مەدەنىيەتتە ھېسابسىز چېكىنگەن مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەپچى بوپقالىدۇ ؟ مانى دىنى 8 – ئەسىر ئاسىيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيىلەردىن ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇدرەت تېپىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان بولسا، نىمە ئۈچۈن يادلاشقان ئىدېئولوگىيە بۇ ئىمپېرىيىنىڭ ھالاكىتىگە مەركەزلىك رول ئويناپ قالىدۇ ؟ نىمە ئۈچۈن خرىستىئان دىنى مىلادى 2– ئەسىردە رۇم ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرۇلىشىغا شەرت – شارائىت ھازىرلىغان بولسا، ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپانى كېنەز بالاسىغا مۇپتىلا قىلىدۇ ؟ ۋە يەنە 14-، 15- ئەسىرلەرگە كەلگەندە پاكلاشتۇرىلغان خرىستىئان دىنى ياۋروپا ئەدەبىيات – سەنئەت ئۇيغىنىش دەۋرىگە ئاساس سالىدۇ ؟ مانا بۇ بىر قاتار سۇئاللار ۋە بۇ ھەقتىكى جاۋاب بايانلار بىر مىللەت، بىر رايون خەلقلىرىنىڭ تەلىم – تەربىيە ساھەسىدىكى مەشھۇر ئەربابلىرىنىڭ خەۋەردەر بولىشىغا تېگىشلىك بىلىملەردۇر .
    يولداش ئايتماتوف، ئېنگلىس : « ئىقتىسادتىكى قالاق دۆلەت پەلسەپە جەھەتتە بىرىنچى ئىسكىرىپكىنى چېلىشى مۇمكىن » دېگەن . ھالبۇكى، بىزگە تارىختىن جۇغلانغان ئەقەللىي تەپەككۇرنىڭ غىجىكىنى تارتىشمۇ مۇمكىن بولماپتۇ .
    ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئىدېئولوگىيە تارىخدا ئەڭ كۆپ يېڭىلاشلارنى باشتىن كەچۈرگەن مىللەتلەردۇر . يەھۇدىيلار بۈگۈنگە قەدەر 3200 يىل ئىلگىركى مۇسا پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ « تەۋرات »ىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. خرىستىئان دۇنياسىمۇ ئىككى مىڭ يىل ئىلگىركى مەنىۋىي داھىيسى ئېيسانى ۋە مۇقەددەس كالامى « ئىنجىل » نى بازارغا سېلىۋاتىدۇ. بىز مىلادىدىن تارتىپ ھېسابلىغاندىمۇ شامان دىنى، زوروئاستىر ( ئاتەشپەرەسلىك ) دىنى، مانى ۋە بۇددا دىنى، خرىستىئان دىنى، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئېتىقاد يېڭىلاپ بۈگۈنگە يېتىپ كەلدۇق .
    يوقۇرقى سېلىشتۇرمىلاردىن بىز خرىستىئان ئەللىرىنىڭ ئېتىقادتىكى ئىزچىللىقى بىلەن بىزنىڭ ئېتىقادتىكى ھەر تەرەپلىكىمىزنىڭ غەرب ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۈگۈنكى دۇنياۋى ئىمتىيازىنىڭ شەكىللىنىشىدە مەلۇم تەرەپلەردىن رول ئوينىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي ئامالىمىز يوق .
    ئۇنداقتا « مەركىزىي ئاسىيانىڭ بىرلىكى ھەققىدىكى ئىدىيە » قەيەردە ؟ بىز ئۇنى نەدىن تاپىمىز ؟
    ئەلۋەتتە، بۇ ئىدىيىنى ياۋروپادىن، ئامېرىكا قىتئەسىدىن ياكى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدە كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان چېركوۋ مۇنارلىرىدىن ئىزدەش مەنتىقىسىزلىق. چوقۇمكى، ئۇ ئىدىيە مۇشۇ زېمىندا. بىزنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق يىللار داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن تەپەككۇر قۇرۇلمىسىدا. ئۇ قانداق شەكىل، قانداق پاسسىپ ئورۇندا بولىشىدىن قەتئىينەزەر، بىزدىكى ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر ئەڭ ئاخىرقى ئورتاقلىق.  گەپ بىزنىڭ شۇنى تېپىشىمىزدا .

    كامالىي ئېھتىرام بىلەن :
    قۇمۇل شەھەرئىچى يېزا جىگدەقۇدۇق كەنتىدىكى دېھقان  ئابدۇرېھىم ئابلەت .
    kino
    | ۋاقتى : 2008-05-20 07:47 6 -قەۋەت
    ئوتيۈرەك1
    broken  heart
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 388
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1538
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1538دانە
    شۆھرەت: 1071 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 845 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1417 نۇمۇر
    قوللاش: 1514 نومۇر
    ئالقىش: 1360 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :162(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-20
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ  ئادەممۇ  خىلى  ئۆتكۇر  يازغۇچى ، مەن ئۇنىڭ  ئەسەرلىرىنى  كۆپ  ئوقۇغان
    kino
    ئابدۇۋايىتجان ئابدۇللا،لوتپۇللا  مۇتەللىپنىڭ  ئەسەرلىرىگە،ئابدۇرھىم ئۆتكۇرنىڭ  يازمىلىرىغا  ھەۋەس  قىلىمەن، ئۆلسەم- ئۆلمەنكى ۋىجدانغا  خىلاپ  ئىش  قىلمايمەن ،بىرسىنى  سۆيسەم  بىرسىگە  ئاشىق  بولسام ،چوقۇم  ئۇنىڭ  مۇھەببىتىگە ئىرشىمەن
    | ۋاقتى : 2008-05-20 08:54 7 -قەۋەت
    رىشتە
    خىياللىرىم مىسالى بىر قۇش.....
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 750
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 644
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە644دانە
    شۆھرەت: 644 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 4702 سوم
    تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 739 نۇمۇر
    قوللاش: 677 نومۇر
    ئالقىش: 675 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :379(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-20
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن بەلگە سېلىپ قويۇپ كېيىن كۆرىۋالاي .
    kino
    | ۋاقتى : 2008-05-20 08:58 8 -قەۋەت
    ماينۇرەم
    ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 12503
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 70
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە70دانە
    شۆھرەت: 64 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 55 سوم
    تۆھپە: 5 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 150 نۇمۇر
    قوللاش: 110 نومۇر
    ئالقىش: 175 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :19(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-20
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ  كشى ھەققەتەن  ياخشى  ئەسەر  يازدۇ.  مەن  ئەسەرلىرنى  ئوقۇغان.
    kino
    قىز  بالىنىڭ  ھەممە  بايلىقى _ ئۇنىڭ  نۇمىسى . بۇ  بايلىق  ھەرقانداق  بايلىقتىنمۇ    قىممەتلىك .
    | ۋاقتى : 2008-05-20 09:39 9 -قەۋەت
    زارىنا
    FIONA
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 575
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1183
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1183دانە
    شۆھرەت: 1991 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 1940 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 834 نۇمۇر
    قوللاش: 797 نومۇر
    ئالقىش: 684 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :111(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-20
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەھمەت
    خەتكۈچ بوپ تۇرسۇن، ساقلىۋېلىپ ئاندىن ئۇقۇي~
    kino
    نادان دوستۇڭ بىلەن ئۆتكۈچە،ئاقىل دۈشمىنىڭ بىلەن ئۆت!
    | ۋاقتى : 2008-05-20 09:47 10 -قەۋەت
    بىرزات
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


    UID نۇمۇرى : 13826
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 79
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە79دانە
    شۆھرەت: 660 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 715 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 133 نۇمۇر
    قوللاش: 104 نومۇر
    ئالقىش: 168 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :20(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-20
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    شاخانۇف بىلەن قىلىشقان سۆھبەتلەر بار بىر كىتاب بولىدىغان ، ئىسمىنى ھەجەپ ئىسىمگە ئالالمىدىم
    kino
    80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت چاي، دورا-دەرمەك، ھەسەل دۇكىنى
    قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىت نور بېشى تەرەپ يان دەرۋازا ئۇدۇلىدا
    چ چ : 123994119 تېلفۇن: 0998-6462787 ----13565662787  تور مەھەللەم : http://birzat123.ilghar.net
    | ۋاقتى : 2008-05-20 10:41 11 -قەۋەت
    ئـابـىـدە
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 12740
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 155
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە155دانە
    شۆھرەت: 155 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 898 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 159 نۇمۇر
    قوللاش: 157 نومۇر
    ئالقىش: 164 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :54(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-20
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن بۇئادەمنىڭ ئەسەرلىرىنى ئانچە كۆپ ئوقۇمىغان ،پەقەت مەكتەپتىكى دەرىسلىكلىرىم بىلەنلام چەكلىنىپ قاپتىمەن،رەھمەت سىزگە بۇلارنى ساقلىۋالدىم ئالدىرىماي ئوقۇپ چىقىمەن، يەنە بولسا يوللاپ تۇرارسىز.............................................،
    kino
    | ۋاقتى : 2008-05-20 10:52 12 -قەۋەت
    ئۇچقۇنى
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13352
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 337
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە337دانە
    شۆھرەت: 339 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 2055 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 363 نۇمۇر
    قوللاش: 348 نومۇر
    ئالقىش: 402 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :80(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-20
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    كۆپ جاپا تارتىپسىز، رەھمەت سىزگە، ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىنمۇ نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىدىغان بىرەرسى چىقمامدىغاندۇ؟
    kino
    سۆيگۈ قانچىكى يوشۇرۇن بولغانسىرى شۇنچە ئازاپلىق،
    ئازاپلىق بـولـغـانسىرى شۇنـچـە شىرىن تۇيـۇلىـدۇ.
    | ۋاقتى : 2008-05-20 10:58 13 -قەۋەت
    ئوقيا
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


    UID نۇمۇرى : 5509
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 33
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە33دانە
    شۆھرەت: 29 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 1287 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 41 نۇمۇر
    قوللاش: 37 نومۇر
    ئالقىش: 44 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :33(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-20
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەنمۇ ئوقۇماپتىكەنمەن
    بىلىم كۈچ دىمەكتۇر
    | ۋاقتى : 2008-05-20 12:59 14 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    سەلكىن تورى » ئوبزور- ماقالىلەر

    سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

         سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

    سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
    مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-8553838، 13609981040

    Time now is:05-21 08:07, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation