ئەتىرگۈل بىلەن قارا بۆرە مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە،قارا بۆرە ئەتىرگۈلنىڭ ئۆزىنى پاك ساقلىيالايدىغان-ساقلىيالمايدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن،ئەتىرگۈلدىن سوراپتۇ:
_ ئەگەر سىز يېرىم كېچىدە ئۆزىڭىز يالغۇز كوچىدا كېتىۋاتقاندا،تۇيۇقسىز بىر ئەر ئالدىڭىزدىن چىقىپ سىزنى سۆيۈۋالماقچى بولسا،قانداق قىلىسىز؟
_ مەن قارشىلىق قىلىمەن،ئۇ ئەرنىڭ كاچىتىغا كېلىشتۈرۈپ سالىمەن،-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەتىرگۈل.
قارا بۆرە يەنە:
_ ئەگەر يەنە بىر مەست ئەر كېلىپ سىزنى قۇچاقلىماقچى بولسا،سىز قانداق قىلىسىز؟
_ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قارشىلىق قىلىمەن،ئۇنى مەقسىتىگە يەتكۈز
مەيمەن،-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەتىرگۈل.
قارا بۆرە بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ خوشال ھالدا باش لىڭشىتىپتۇ ۋە داۋاملىق سوراپتۇ:
_ ئەگەر يەنە بىر كېلىشكەن
يىگىت كېلىپ سىزگە ھېلىقىدەك تەلەپنى قويسا،ئۇ چاغدا قانداق قىلىسىز؟
ئەتىرگۈل:
_ ماڭا قاراڭ،قىزلارنىڭ قارشىلىقىنىڭمۇ چېكى بولىدۇ!.......
********************************************************************************
_ دوختۇر،ئوغلۇم سكارلاتىنا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قاپتۇ!
_ ھە،مەن بېرىپ كۆرۈپ،ئۇنى باشقىلاردىن ئايرىم تۇرىدىغان قىلىپ قويۇپ كەلدىم.
_ يامان يېرى،ئۇ خىزمەتكار قىزنى سۆيۈپ ساپتىكەن.....
_ ئۇنداقتا،خىزمەتكار قىزنىمۇ ئايرىۋېتىش كېرەك.
_ چاتاق يېرى،خىزمەتكار قىزنى مەنمۇ سۆيۈپ ساپتىمەن......
_ئۇنداقتا چاتاق ئىكەن،سىزنىمۇ ئايرىۋېتىش كېرەك.
_ بىراق،ئۇنىڭدىن كېيىن خوتۇنۇمنى سۆيگەن يېرىممۇ بار.......
_ نېمە؟ئۇنداقتا ماڭىمۇ يۇقۇپتۇ-دە!.......
*******************************************************************************
ناھايىتى سېمىز بۇ دۇنيا دوختۇردىن ئۆزىگە راھەتلەندۈرۈپ ئۇخلىتىدىغان بىر دورا يېزىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ.
_ مەن ئۇخلىغاندا،ئاغزىم پەقەت يېپىلمايدۇ،شۇڭا بەك بىئارام بولىمەن،-دەپتۇ.
دوختۇر تەپسىلىي تەكشۈرگەندىن كېيىن دىئاگنوزنى ئېنىق ئېيتىپتۇ:
_ كەچۈرىسىز،سىزنىڭ بۇ كېسىلىڭىزگە ھېچقانداق داۋا يوق.سىز بەك سەمىرىپ كەتكەچكە تېرىڭىز يېتىشمەي قاپتۇ،شۇڭا كۆزىڭىزنى يۇمسىڭىزلا،ئاغزىڭىز ئېچىلىپ قالىدۇ.....
[ بۇ يازما ئادىـلـە تەرپىدىن 2008-05-19 23:59 دە قاي ]