« 21-ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ياشىيالامدۇ ؟!»ناملىق ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن..
MN~9g. زۆرۈرىيەت تۈپەيلى ئاپتور تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلىنىپ يوللاندى B.:=A> `] *8.^.fA چىڭغىز ئايتماتوفقا ئوچۇق خەت |Dyg1s& T?pEtVE تۈرك يازغۇچىسى چىڭغىز تۆرە قۇلىۋىچ azb( xh ?2L'k ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم چىڭغىز تۆرەقۇلۇۋىچ :
vvp8:?U! ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى بۇ ئانا ماكانىدا ياشاۋاتقاندىن بۇيان « ماناس »، « ئوغۇزخان » ، « ئالپامىش »، « گۆر ئوغلى »، « دەدە قۇرقۇت » ( قۇرقۇت ئاتا ) دەك ئېپوس – داستانلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ تۆنۈگۈنىنى، بۈگۈنى ھەم كەلگۈسىنى باغلاپ كەلدى. پايانسىز قىپچاق دالىلىرى، جۇڭغار ۋە پەرغانە ئويمانلىقلىرى، تەكلىماكان قىرغاقلىرى، ئالتاي ۋە تەڭرى تېغى ئېتەكلىرىدە ئوغۇزخان، چىن تۆمۈرباتۇر، گۆر ئوغلىنىڭ قەيسەر، باتۇر، ھەققانىي ئوبرازلىرى بىلەن، ئەركىنلىك، ھۆرلۈك، ئېتىقاد يولىدا شېھىت بولۇپ ئۆز مازارلىرى بىلەن ئانا تۇپراقنى قۇچاقلاپ ياتقان شىريۈرەك ئوغلانلارنىڭ مۇقەددەس، سىرلىق روھلىرى مۇشۇ زېمىندىكى خەلقلەرنىڭ كۈنسېرى خوراۋاتقان روھىي ئېنېرگىيەسىنى تولوقلاپ، ھاياتقا، كەلگۈسىگە سوقۇۋاتقان قەلبىنى ئۆزلىرىگە بولغان سېغىنىش ھېسىياتى بىلەن ئىللىتقان ئىدى.ئۇلار قان – ياشلىق تارىخىدا ئادالەتسىز تەغدىردىن، ئېغىر كۈنلىرىدىن قۇتۇلىشنى، يورۇق تاڭلارنىڭ ئېتىشىنى ئەنە شۇنداق باھادىرلارنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە باغلاپ، بەخت – سائادەتنىڭ ئەۋلىيا – ئەنبىيالارنىڭ دۇئاسىنىڭ بەرىكاتىدىن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى مەزمۇن قىلغان روھىي مۇستەقىلسىزلىكنى ۋە چوقۇنۇش ئوبىكتى بوپقالغان شەخسلەرنى ئۆز تەقدىرىگە ھامىي قىلىۋالغان ئېتىقاد مۇشىرىكلىكىنى ئۆز دەردلىرىگە دەۋا، سۇنغان روھىغا تەسەللى قىلىپ كەلدى .
TI_cvU5i /,?/< ئورخۇن دالىسى 1DybqBsZ^ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئۆز تارىخىدا ئۆزىنىڭ مىللىي قەھرىمانلىرى بىلەن باتۇرلۇشۇپ، ئۇلارنىڭ « ئەۋلىيالىق خىسلەت » ـ سۈپەتلىرى بىلەن ئۇلارغا ئەگىشىپ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆل كۈرەش ساھىبلىرى بىلەن شۇ دەرىجىدە چەمبەرچەس باغلىدىكى، ئۇلارنىڭ ئەقلى ئاۋامنىڭ ئەقلى، خاتالىقى ئاۋامنىڭ خاتالىقى، ھالاكىتى بولسا پۈتكۈل مىللەتنىڭ ھالاكىتى بولدى. ئۇلارنىڭ كاللىسى مويتوڭزىدا چېپىلغان كۈنى، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئۈمۈد- ئارمانلىرى، روھىي تۈۋرۈكلىرى غۇلىغان كۈن بولدى. ئېنىقكى، روھىغا قۇل مىجەزلىك سىڭىپ كەتكەن بۇ خەلق، باتۇرلۇق، ھەقىقەت، ئۇلۇغلۇقنىڭ سىمۋولى بولغان قەھرىمانلارغا چوقۇنۇشنى بىلدىيۇ، باتۇرلۇق، ھەققانىيەتنىڭ ئۆزىگە ئىخلاس قىلىشنى بىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن « بىرنى چاناش ئارقىلىق مىڭغا ئىبرەت » قىلىدىغان تىراگىدىيىلىك ئاقىۋەت ئۇلارنىڭ ھەر قېتىملىق كۈرىشىگە رېژسسورلۇق قىلىپ كەلدى . دېمەك، ھەقىقەتنىڭ مۇستەقىللىق،ئۇلۇغلىقتىن ئىبارەت ئەقىدىلىرى ئەسلى ئادەملەرنىڭ ئۆزىدە، كۈرەشلىرىدە، ياشاۋاتقان زېمىنىدە بولسىمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارغا نىسبەتەن ئاسماندىن ياكى بىرەر مۆجىزىكار شەخسنىڭ دۇنياغا كېلىشىدىن ۋەياكى ئۆزگىلەرنىڭ مەرھەمىتىدىن كېلىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى . ۋىكتور ھىيوگو شەخسكە چوقۇنۇش بىلەن ئۆز – ئۆزىگە
ئىشىنىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى « بىرسى يەنە بىرسىنى ھالاك قىلىدۇ » دېگىنىدەك، خەلقلەرنىڭ مەلۇم شەخسكە، غايىۋىي ئوبرازلارغا چوقۇنىشى ( ماھىيەتتە شۇلاردىكى سۈپەتلەرنى ئۇلۇغلاپ، ئۆزلىرىدىن يەتكىلى بولمايدىغان نەرسىدەك يىراقلىتىۋېتىشى ) ئاخىرقى ھېسابتا مىللەتتە، كونكرېتلاشتۇرغاندا مىللەت تەركىبىدىكى ھەر – بىر شەخستە ئۆز – ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسىنى، رېئاللىقتىكى ئۇچۇرغان مەسىللەرگە بولغان مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئۆلتۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىگە كەلگەن بالايى – ئاپەت، دىشۋارچىلىقلارنى بىر بولسا كەلگىندى « سەئىدزادە» ـ سوپى – ئىشان « پىر» لار ۋە « سەللە يوغان ئىمان يوق » ساختا ئۆلىمالارنىڭ ئەقىدەتۇل ئىسلامدا قەتئىي دەلىلى بولمىغان « قازايۇ قەدىر تەقدىردىن » دېگەندەك دۇنيا قاراش جەھەتتىكى پاسسىپ چۈشەندۈرۈشلىرىگە يۈكلەپ قويىدىغان، سەل كۆزى ئېچىلغانلار بولسا ئومۇمەن تاشقى سەۋەپلەردىن ئىزدەيدىغان تەپەككۇر نامىراتلىقىدىن ئۆتۈپ كېتەلمىدى .
(AAV/0OE jD1? ALo ئوغۇزخان 8p%k5^wg! JUj 0 قەھرىمان ماناس– ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيە » لەرنىڭ بىرى بولغان ئورخون
ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھالاك بولۇش سەۋەبىنى تەبىئىي ئاپەتلەر، تاشقى دۈشمەننىڭ ھۇجىمى دېگەندەك بىر قاتار سەۋەپلەردىن دەپ قاراپ، خانلىقتىكى ئەنئەنىدىن – ئەسلى ئېتىقادتىن يادلاشقان « روھىي – پىسخىكىلىق جەھەتتىكى زور ئۆزگۈرۈشلەر سەۋەبىدىن » لىكىدىن كۆرمىدۇق .
r'KpXh
Tq ئۆتكەن ئەسىرلەردىكى خەلقىمىز بېشىدىن كەچۈرگەن جاھالەتلىك يىللارنى جۇڭغارلارنىڭ تاجاۋۇزى، مانجۇلارنىڭ زۇلۇم ـ زۇمبۇلۇقلىرى ۋە خوجا – ئىشانلارنىڭ ساتقىن – مۇناپىقلىقىدىن ئىزدەشتۇقكى، شۇ دەۋر خەلقلىرىمىزدىكى ئۆز ئېتىقاد - ئەقىدىسىگە بولغان ساۋاتسىزلىقىدىن – ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى، ئىخلاسىنى دەپسەندە قىلغان جاھالەت پىرلىرى ـ سوفىزىم ھامىيلىرىنىڭ تەركىيدۇنيالىق تەشەببۇسلىرىغا نادانلارچە ئەسىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ زىكرى – سامالىرى بىلەن ئۆز ئىبادەتلىرى ئوتتۇرسىدىكى تۈپلۈك زىتلىقنى بايقىۋالالمىغان ئەقلىي كورلىقىدىن، ئۆزىدىكى مىللىي غورۇر ۋە مىللىي ئۇيۇشۇش كۈچىنى يوقىتىپ قويغانلىقىدىن ئىزدەشمىدۇق .
1I\W__[: [#]ec+&i قۇل خوجائەخمەت يەسەۋى مەقبەرىسى |T>M 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تەقدىرىمىزدە يۈز بەرگەن تراگېدىك كومىدىيەلەرنى ھىيلىگەر ياڭ زېڭشىن، جاللات شېڭ شىسەي ۋە سىتالىننىڭ ( تەقدىرىمىزنىڭ ئارغامچىسىنى قولىغا ئېلىۋالغانلىقىدىن ) دەپ قۇتۇلدۇقكى، ئەنە شۇ جاللاتلارنىڭ كەتمىنى بىلىپ – بىل
مەي چاپقانلىقىمىزدىن، ئەرك ئۈچۈن تۆكۈلگەن دەريا – دەريا قانلارنى مەنسەپ ئۈچۈن ساتقانلىقىمىزدىن كۆرمىدۇق .
Ledj9);m ھۆرمەتلىك ئايتماتوف، يوقىرقىدەك بىر قاتار تارىخىي سەۋەبلەر بىزدە ياشاش جەريانىدىكى كۈرەشلىرىمىزدە بىر مەغلۇبىيەتچى ئاتىلىپ قېلىشتىن، تەۋەككۈلچىلىك ھېسابىغا بىر بەختسىز بوپقېلىشتىن تەلۋىلەرچە قورقۇش پىسخىكىسى شەكىللەندى. ئۆزىمىزنىڭ ئىنسانىي قىممىتى، ياشاش مەقسىتى ئۇنتىلدى. ماھىيەتتە ئۆزىمىز تەرىپىدىن بۇرمىلاندى.
dT@Ri@~ بۇ خىل روھىي زەئىپلىكنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئۆز كەلگۈسى ۋە مۇستەھكەم ئېتىقادى ئۈچۈن يا ئۆلۈم، ياكۆرۈمدىن بىرنى تاللىيالايدىغان كىشى قەلبىنى تىتىرەتكۈدەك غالىبلارچە كەسكىنلىكنى، مۇرەسسەچى قەلىبلەرنى قەتئىيلىككە ئۈندەيدىغان ئاچچىق ئازابلارغا خۇشتارلىقنى ئارزۇ قىلىش تۈگۈل، چۈشۈنۈش غەرىزىمۇ بولمىدى.
ts /?
Z يولداش چىڭغىز تۆرەقۇلۇۋىچ، ئەينى يىللاردا دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە بىباھا دۇردانىلەرنى قوشقان، ئات تۇياقلىرى بىلەن « تەڭرىنىڭ قامچىسى » سۈپىتىدە غەرىب، شەرىقنى تىتىرەتكەن قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ بۈگۈنكى ھالى __ شان – شەرەپ، غالىپلىقنى بۈگۈنىدىن، بارىدىغان مەنزىلىدىن، كەلگۈسىدىن ئىزدەشنىڭ ۋە ئۇرۇنۇشنىڭ ئورنىغا ياشاپ ئۆتكەن تارىخىدىن، بىر چاغلاردىكى بوۋىسىدىن، ئۇزۇن ئەسىرلەرنىڭ قېلىن چاڭ – توزانلىرىغا كۆمۈلۈپ قالغان ئەجدادىنىڭ ( ئۇلارغا زەررىسىمۇ نېسىپ بولمىغان ) شانلىق ھاياتىدىن ئىزدەش بولدى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ جەڭگىۋار، نۇرلۇق سىمالىرىنى، ئۆلۈم ئالدىدىكى ئوتلۇق مىسىرالىرىنى، مۇراسىم زاللىرى، مېھمانخانا ئۆيلەرنىڭ تۆرىگە ئېسىپ قويۇپ، تاڭلىيىنى چاكىلدىتىپ ئولتۇرىدىغان بىچارىلىك بولدى خالاس .
b.x_6'e~_ u>t0>vE ئەجداد قەبرىسى ئالدىدا ئۆكۈنۈش #`BC:wYb ئەپسۇس، ھۆرمەتلىك ئايتماتوف، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلىرىمىز دۇنيادا غەرەزسىز ئېھساننىڭ بولمايدىغانلىقى، « بىر بالاسى بولمىسا قۇيرۇقياغنىڭ تاش ئۈستىدە تۇرمايدىغانلىقى » دەك تارىخىي پاكىتلارغا « غىق » كېكەرگەن ئەجدادلارنىڭ ئۇنتۇغاق ئەۋلادىمىز .تېخىچە ئېسىمىزدىن چىقمىدى ،روسلارنىڭ بارلىق ئېزىلگۈچىلەرنى ئازات قىلىش دەيدىغان يالغان ۋەدىلىرىنىڭ قۇربانلىغى بولغان پاجىئەلىك نەچچە ئون يىل بىزگە ئاتالمىش نەزىريە،ئىتتىپاقلارنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر ساختا نىقاپ ئىكەنلىگىنى ،پەقەت مەنپەئەت توقۇنىشىنىڭلا مەڭگۈلۈك ھەقىقى نەزىريە ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
BII,s xz ئۆز تەقدىرىنى سىرتقى مۇھىت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن قىلىنغان ياردەملەر بىلەن باغلىۋېلىش شۈبھىسىزكى، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچتىن، ئوڭۇشسىز شارائىتتىكى روھىي ئۈستۈنلۈكلەردىن يىراقلاشتۇرىدۇ. قانداقلىكى شەكىلدىكى خەيرىخاھلىق بولسۇن قاششاق – نامرات كىشىنىڭ ئىقتىسادىي ئېڭىنى ئويغىتىش تۈگۈل، غەپلەت ئۇيقىسىنى سوزۇۋېتىدۇ . كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، دۇنيادا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر داۋاملىق بېرىۋاتىدۇ، ئېلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە بىچارە مىللەتلەر بولسا توختىماي ئېلىۋاتىدۇ .
8B{p
O نېتزىي مۇنداق دەيدۇ : « سىلەر كورلارنىڭ ھاسا تايىقىنى تارتىۋېلىڭلار، شۇندىلا ئۇلارغا ساغلام پۇت كۆكلەپ چىقىدۇ ». مانا بۇ ـ ئۇزۇن يىللار نامىراتلىق، قاششاقلىق، قۇللۇقنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتقانلىقتىن روھىي قۇللۇققا گىرىپتار بولۇپ، ھايات سەپىرىدىن ئۈمۈد ۋە پۇرسەتنى ئەمەس، جەبىر ـ جاپانىلا كۆرىۋاتقان مەھكۇم ـ تەمەخور ئەللەرنىڭ تۇتقۇسى ھاياتلىق پروگراممىسى .
DZ
khpSyh, xG2xxXdv_ تۈرك ۋادىلىرىدىكى مەڭگۈ تاشلار 2SC1OI_E+ دېمەك، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارغا نىسبەتەن ئەڭ ئىشەنچلىك قۇتقۇزغۇچى ـ باشقا بىراۋ ئەمەس، دەل ئۆزى. دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر مۇھەممەد ئەلەيھىس
سالام مۇندىن ئاز كەم 14 ئەسىر مۇقەددەم : « ئۆز – ئۆزىنى تونىغان رەببىنى تونۇيدۇ » دېگەن . شۇنداقلا ئۇنىڭدىن تۆت ئەسىر كېيىن ياشىغان ئىبنى سىنامۇ ئۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ : « بارلىق بىلىشنىڭ مەركىزى ئۆز – ئۆزىنى ئىدارە قىلىش يەنى ئۆزىنى كامىل ئىنسان قىلىشتا » دەيدۇ. 15 – ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن نەۋائىي ھەزرەتمۇ : « ئۆز ۋۇجۇدىڭنى تەپەككۇر ئەيلەگىل، ھەرنە ئىستەرسەن ئۆزۈڭدىن ئىستەگىل » دەپ ئۆز – ئۆزىنى چۈشىنىش، ئۆز قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى تەكىتلەيدۇ .
/t/i +~: بىزدە دۇنيا قاراشلىرىمىزنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىتنىڭ ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭلاشقامىكىن بىزدە ئىجتىمائىي توپتىكى ھەر بىر شەخسنىڭ قىممىتى ۋە رولى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىدى. ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر شەخسنىڭ ئەتراپقا، مۇھىتقا بولغان ئىجابىي تەسىرىنىڭ تەلىم – تەربىيىدىن كۆپ يوقۇرى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىش بىزگە نېسىپ بولمىدى . غەرىبلىكلەردەك « شەخسنىڭ قەدىر – قىممىتى، ئەقلىي يۈكسەكلىكى، كەسكىن ئەمىلىيەتچانلىقىنى ئۆز ئۇرۇنىشلىرىنىڭ مىزانى » ۋە ھايات پائالىيەتلىرىنىڭ يادىروسى قىلىدىغان ھەقىقىي رىقابەت ئېڭىغا ئىگە « مەن دېگەن مەن » دېيەلەيدىغان ئۈستۈن خارەكتىر خاسلىقى بىزنىڭ پىسخىكىمىزغا ئۆزلەشمىدى .تارىختىكى ئەڭ مەغرۇر مىللەتنىڭ پۇشتى بولساقمۇ ،ئۇزۇن يىللار قاششاقلىق ۋە نامراتلىق بىزنى تەپسە-تەۋرىمەس قۇل ۋە پىتنىخور مىجەزگە ئىگە قىلىغان ئىدى.
%D(cN#t ]\\*=e1 خوش ئۇنداقتا « مەركىزىي ئاسىيالىقلار 21 – ئەسىردە ياشىيالامدۇق ؟ »
),H2
z> بىز بۇ سۇئالنى دۇنياۋى تەشكىلاتلاردىن، ھاكىمىيەت بېشىدىكى يوقۇرى دەرىجىلىك گېراژدانلاردىن، مەۋجۈت قانۇن – نىزامدىن سوراشنىڭ ئورنىغا، يوتىسىدىن كېسىۋېلىنغان بىر پارچە گۆشنى كۆتۈرۋېلىپ ئاسماندىكى « ھۇما قۇش » نى « گەھ – گەھ » دەپ چاقىرىۋاتقان ئومومىي ئوتتۇرا ئاسىيالىقلاردىن ـ مۇتەخەسىس ـ ئالىمدىن، دېھقان – پادىچىغىچە، مەسچىت مۇنبەرلىرىدە تەبلىخ قىلىۋاتقان خاتىپلاردىن ئىشچى، ناۋايغىچە، پەيلاسوپلاردىن مىليونېرلارغىچە، قىسقىسى، يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان ھەر بىر ئوتتۇرا ئاسىيالىقتىن سورىشىمىز، ھاتتاكى خۇداغا قانداق ئۇسۇل بىلەن جان تەسلىم قىلىشنى بىلەلمەيۋاتقان سەكراتتىكى قېرى چالدىن تارتىپ ئانىنىڭ قۇچىقىدىن ئايرىلىپ ئەمدىلا تەمتىلەشنى ئۆگىنىۋاتقان گۆدەككىچە سورىشىمىز كېرەك. چۈنكى بىز سۆھبەتدىشىڭىز ئوسمانئاخۇن ئىبىراھىموف ئېيتقاندەك، ئەجداد، ئېتىقاد، مەدەنىيەت، زېمىن ئورتاقلىقىغا ئىگە كىشىلەرمىز . يوقۇرقى سۇئالغا ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن : « ھەي . . . قانداق بوپكېتەركىن » دېگەندەك زەئىپ، قۇللارچە جاۋابنىڭ ئورنىغا: « بىز چوقۇم ياشىشىمىز كېرەك ! » دەيدىغان مەردانە – مۇرەسسەسىز خىتابنى ئېلىشىمىز لازىم . مانا بۇ بىزنىڭ كەلگۈسى ئەسىرلەردىكى تەرەققىياتىمىز، ھاياتىمىزنىڭ ھەقىقىي كاپالىتى.بىز ئەۋلاتلارنىڭ ئەجداتلىرىمىزنىڭ قان-ياشلىق تارىخىدىن چىقارغان يەكۈنى
~{0q, يولداش چىڭغىزتۆرە قۇلۇۋىچ، مەلۇم بىر ئېتىقاد، ئىدىيە ئورتاقلىقى بولمىسا، بىر رايوندىكى بىر خەلقنى ھايات ۋاستىلىرى بولغان ماددىي شەرتلەر ھېسابىغا تەقدىرداشلىق تۇيغۇسىغا كەلتۈرۈشنىڭ بەسىي مۈشكۈللۈكى ماڭا قارىغاندا سىزدەك دۇنياۋى شۆھرەتلىك يازغۇچىغا خۇددى كۈندەك روشەن ھەقىقەت . يەنە شۇنداقلا ئېتىقادنىڭ « زورلاپ ئېلىپ بېرىدىغان خوتۇن ئەمەس » لىكىمۇ سىزنىڭ بىلىش دائىرىڭىزدىن مۇستەسنا ئەمەس . ماركىسىزىمدىن ئىبارەت ئېتىقاد نەزەرىيىسى ئۆز زامانىسىدا ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيە ــ سابىق سوۋېت ئىتىپاقىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئىدى .ئەپسۇسكى، ھۆرمەتلىك ئايتماتوف، « دۇنيادىكى تۇنجى پۇرۇلتارلار دۆلىتى » 74 ياشقا كىرگەندە پارچىلاندى. موسكۋادىن تاكى بېرلىن تېمىغىچە بولغان ماركىسىزىم لېنىيىسى بەربات بولدى. بەربات بولىۋاتىدۇ.پۈتكۈل دۇنيادىكى 1 مىليارد 300 مىليون كوممۇنىزىم جەڭچىسىنىڭ مۇقەددەس جايى ـ لوندون ھايگىت قەبرىستانلىقىدا پرولتارىيات ئىلىمىنىڭ ئاساسچىسى يولداش « ماركىسنىڭ قەبرىسىگە گۈل قويۇپ زىيارەت قىلىدىغانلاردىن پەقەت ماركىسنىڭ ئەۋرىسى ئانتونىي ماركىسلا قالدى ».
/huRZ3u< مانا بۇ ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارغا زورلاپ ئېلىپ بەرگەن «خوتۇن»نىڭ ئاخىرىدىكى تەغدىرى .ئەسلىدىكى ئېتىقاد قۇرۇلمىسى بىلەن تۈپتىن سىغىشالمايدىغان بۇ دۇنيا قاراش ،بىزنى نەچچە ئون يىل مەجبۇرى مۇخلىس قىلغان بولسىمۇ بىراق ئوتتۇرا ئاسىيادا يەرلىشىش نىشانىغا يېتەلمىدى.ئەمدىچۇ ؟!.....
,a'(}z ھۆرمەتلىك ئايتماتوف، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئونۋېرسال بىرلىكى ئۈچۈن تۈزىلىۋاتقان توختام، شەرتنامە ، ئىتىپاقلارنىڭ ئەمىلىي كۈچىنىڭ بولماسلىقى، رايونلار ئارا ھەمكارلىقنى تار مەنىدىكى خۇسۇسىي مەنپەئەتپەرەس ھاكىمىيەتنىڭ چەكلەپ قويىۋاتقانلىقى، كۆز ئالدىمىزدىكى ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ شىددەت بىلەن بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقى ـ بۇ رايون خەلقلىرىنىڭ ماركىسىزىمدىن كېيىنكى ئېتىقاد، ئىدىيىسىدىكى تەۋرىنىشنىڭ يەنى ئېتىقاد كىرزىسىنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ روشەن ئىنكاسى .
0|MLRgBg خوش، بۇ رايون كىشىلىرىنى قېنى قايسى مۇقەددەس ئىدىيە شەرتسىز ئورتاقلاشتۇرالايدۇ ؟ ھەر خىل مەنپەئەت توقۇنۇشلىرىدىن ھالقىغان ھەقىقىي ئىتىپاقلىق ۋە قېرىنداشلىق تۇيغۇسىنى كىم يەتكۈزەلەيدۇ ؟
\S^@ceE` n1.U!b*8k o_s[t!/<> Ruzl1t\ بۇ سوئاللارغا بىزنىڭ خەلقىمىز ناھايىتى توغرا جاۋاپ بەرگەن بولاتتى .بىراق جەمىيەتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى كاتتىلارنىڭ قانداقلا بولمىسۇن بىر نەزىريەسى ئېلان قىلىنىشى كېرەك.ئەمما بىز ئۇزۇن مەزگىل خاتا نەزىريەنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلىنىپ ياشاپ باققان خەلق،ئەمدى يەنە خاتالىشىشتىن ئەۋلاتلىرىمىزنى خۇدا ساقلىسۇن.
<*/OEWG ھۆرمەتلىك ئايتماتوف، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 –يىللىرىدا سىز « قىيامەت » رومانىڭىزنى ئېلان قىلىپ، « ئالىمىي تەپەككۇر » ڭىز بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىنى يېشىپ، ئەدەبىيات سېپىدە غۇلغۇلا قوزغاپ دۇنيانى تەۋرەتتىڭىز. بولۇپمۇ رومانىڭىزدىكى « خىرىستىئان مۇخلىسى ئابدىينىڭ باغرى تاش كىشىلەرگە دەھشەدلىك قىرغىننى توختىتىش تەكلىپىنى قويغانلىقى ۋە شۇ كىشىلەر تەرىپىدىن كېرست شەكىلدىكى دەرەخكە ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى » نى تەسۋىرلەپ، ئاز كەم ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى ئىنسانلارنىڭ ۋەھشىيلىكىدىن كرېستقا مىخلاپ ئۆلتۈرۈلگەن ئېيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن تەقدىرداش « ھازىرقى زاماندىكى ئېيسا ئوبرازىنى يارىتىپ، مېھرىبانلىقنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشىدىكى بىردىنبىر چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى » ڭىز ۋە « ئادەملەرنىڭ ئەزەلدىن قېلىپلاشتۇرغان دۇنيا ھەققىدىكى ئوي – پىكرىگە قارشى تۇرۇپ، دۆلەت، مىللەت، سىنىپ، سىياسەت، ئىقتىسات ۋە مەدەنىيەتتىن ھالقىپ، ھەممە ئالىمىي كەڭلىكتىن دۇنياغا يېڭىۋاشتىن باھا بېرىش » نى تەشەببۇس قىلدىڭىز .
X`Cs!PH يولداش ئايتماتوف، ئېسىڭىزدىمىكىن، 16- ئەسىردىن تارتىپ 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر رۇسلار قازان، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا « رۇسلاشتۇرۇش »، « خرىستىئانلاشتۇرۇش » دەك ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزدى ۋە بۇ جەرياندا « مۇسۇلمانلارنى ئۆز جەمئىيىتىگە قوشۇۋېلىش » ئۈچۈن « مەسچىت ۋە مەدرىسلەرنى تاقاپ، ۋەخپىلەرنى بىكار قىلىپ، چېركوۋلارنى كۆپلەم بىنا قىلدى ». ئۇلار بۇ زېمىندىكى خەلقلەرنى « يا خرىستىئان دىنىغا بەيئەت قىلىشقا ياكى ئۆز ئىمتىيازلىرىدىن ۋاز كېچىشكە زورلىدى . خرىستىئان دىنىغا كىرمىگەن خەلقنى ئۆز يۇرتلىرىدىن مەجبۇرىي ھەيدەپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ مۇنبەت تېرىلغۇ يەرلىرىنى رۇس كۆچمەنلىرىگە بۆلۈپ بەردى » يەرلىك خەلق رۇسلارنىڭ بۇ خىل ئاسسىمىلاتسىيە سىياسەتلىرىگە قارشى ئەسىرلەر بويى قانلىق كۈرەشلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى . نەچچە يۈز مىڭ خەلق ئۆز ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قان – ياشلىق كەچۈرمىشلەرنى باشتىن كەچۈردى .
'LqpgP]sR يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەندەك روسلارنىڭ ئېزىلگۈچى مىللەتلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش
Rbr^W5f دىگەن نەزىريەسىنىڭ بىزدىكى باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش راۋاجىنىمۇ بايان قىلدۇق.
RxuP2 ھۆرمەتلىك ئايتماتوف، يېقىنقى يىللارغا قەدەر داۋاملاشقان بۇ ئېچىنىشلىق تارىخ بۈگۈننىڭ ئەينىكى بولالارمۇ ؟ ياكى ئۆز راۋاجىنى ئىزدەرمۇ ؟ سىزنىڭ « ئالىمىي تەپەككۇر » ڭىزگە ئىلھام بەخىش ئەتكەن ھادىسلەردە ھەزرىتى ئېيسانىڭ « ئىنجىل » دىكى : « دۈشمىنىڭلارنى سۆيۈڭلار، بەختسىزلەرگە بەخت تىلەڭلار 6: 28 »، « سىلەرگە دۈشمەنلىك قىلغانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار 6: 29 »، « بىرسى سىلەرنىڭ ئوڭ مەڭزىڭلارغا ئۇرغان بولسا سول مەڭزىڭلەرنىمۇ ئۇر دەپ تۇتۇپ بېرىڭلار. بىرسى سىلەرنىڭ چاپىنىڭلارنى ئېپكەتسە، كۆڭلىكىڭلارنىمۇ يېشىپ بېرىڭلار 6: 30 » دېگەندەك ئالىي ئىنسانپەرۋەرلىك ئالغا سۈرۈلگەن . بۇ تەلىماتلارغا نىسبەتەن بۈگۈنكى خرىستىئانلار : « بۇ پىرىنسىپلار ئۆلچەملىك پىرىنسىپلار بولسىمۇ، بىراق بۇ بىز ياشاۋاتقان يەر شارىدىكى ئاھالىلارنى يېتەكلەشكە ماس كەلمەيدۇ. بىز بۇ پىرىنسىپلارنى ئىجرا قىلالمايمىز، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىجرا قىلىشىنىمۇ ئۈمۈد قىلمايمىز، ئەۋلادلىرىمىزنىمۇ ئۇنى ئىجرا قىلىشقا ئۈندىمەيمىز» دەپ قارايدۇ . مانا بۇ « ئىنجىل » تۇتۇپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالىدىغان پرېزىدېنىتتىن تارتىپ ئۆز گۇناھسىزلىقىنى « ئىنجىل » تۇتۇپ ئىسپاتلايدىغان جىنايەتچىگە قەدەر بولغان خرىستىئان دۇنياسىنىڭ مۇھەببەت – نەپرەت قىممىتىنى يوقاتقان بەزى « ئىنجىل » سۈرىلىرىگە بەرگەن رېئال باھاسى .رىئاللىقىمىزدىن ھالقىغان بىر قىسىم ئېتىقاد كەلگۈندىلىرىنى قارغۇلارچە چوڭ بىلىشنىڭ دەردىنى بىز ئوتتۇرا ئاسىيالىقلاردەك تارتقان خەلقلەر جىق ئەمەستۇ...
Xm~'@t?eP يولداش ئايتماتوف، سوتسىئولوگىيە ( جەمئىيەتشۇناسلىق ) ۋە سېلىشتۇرما مەزمۇن قىلىنغان ئىلىملەر، شۇنداقلا دۇنيا ئىدېئولوگىيە تارىخىدىكى سەھىپىلەردىن بىر مىللەت ئۆز تارىخىي تەرەققىياتى جەريانىدا ئىدېئولوگىيىدىن ئىبارات بۇ ئۈستىقۇرۇلمىنىڭ تەسىرىدىن مۇستەسنا بولالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز . بولۇپمۇ سەنئەت ۋە باشقا يېڭىلىق ۋە قانداقتۇر بىر ئىزىملار ھېسابىغا بىر مىللەت ئىدېئولوگىيىسىگە يېنىكلىك قىلىشنىڭ ھەقىقەتەن خەتەرلىك ئەھۋاللىقىنى ھەر بىر ئەقلى روشەن، تەپەككۇرى تازا يازغۇچىلىرىمىزنىڭ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز .
"'(|we-K `_}NOE ھۆرمەتلىك ئايتماتوف، نىمە ئۈچۈن بۇددا دىنى ياپونىيە، جۇڭگو ۋە چاۋشەندە ئوخشاش بىر دىن بولسىمۇ، ھالبۇكى، ئۈچ دۆلەتتىكى نەتىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ ؟ نىمە ئۈچۈن ئەينى دەۋرلەردە دۇنيا بويىچە ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئەرەب – ئىسلام مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيىنى شەكىللەندۈرگەن ئىسلام دىنى يېقىنقى ئەسىرلەرگە كەلگەندە قۇمدەك چېچىلغان، ئىلىم ۋە مەدەنىيەتتە ھېسابسىز چېكىنگەن مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەپچى بوپقالىدۇ ؟ شامان دىنى 8 – ئەسىر ئاسىيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيىلەردىن ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇدرەت تېپىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان بولسا، نىمە ئۈچۈن يادلاشقان ئىدېئولوگىيە بۇ ئىمپېرىيىنىڭ ھالاكىتىگە مەركەزلىك رول ئويناپ قالىدۇ ؟ نىمە ئۈچۈن خرىستىئان دىنى مىلادى 2– ئەسىردە رۇم ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرۇلىشىغا شەرت – شارائىت ھازىرلىغان بولسا، ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپانى كېنەز بالاسىغا مۇپتىلا قىلىدۇ ؟ ۋە يەنە 14-، 15- ئەسىرلەرگە كەلگەندە پاكلاشتۇرىلغان خرىستىئان دىنى ياۋروپا ئەدەبىيات – سەنئەت ئۇيغىنىش دەۋرىگە ئاساس سالىدۇ ؟ مانا بۇ بىر قاتار سۇئاللار ۋە بۇ ھەقتىكى جاۋاب بايانلار بىر مىللەت، بىر رايون خەلقلىرىنىڭ تەلىم – تەربىيە ساھەسىدىكى مەشھۇر ئەربابلىرىنىڭ خەۋەردەر بولىشىغا تېگىشلىك بىلىملەردۇر .
SJ mW}KE ھۆرمەتلىك ئايتماتوف، ئېنگلىس : « ئىقتىسادتىكى قالاق دۆلەت پەلسەپە جەھەتتە بىرىنچى ئىسكىرىپكىنى چېلىشى مۇمكىن » دېگەن . ھالبۇكى، بىزگە تارىختىن جۇغلانغان قىممەتلىك كۈلپەتلەردىن كەلگەن ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ، غىجىكىنى تارتىشمۇ نېسىپ بولماپتۇ .
N0w>#,zI2 ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئىدېئولوگىيە تارىخدا ئەڭ كۆپ يېڭىلاشلارنى باشتىن كەچۈرگەن مىللەتلەردۇر . يەھۇدىيلار بۈگۈنگە قەدەر 3200 يىل ئىلگىركى مۇسا پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ « تەۋرات »ىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. خرىستىئان دۇنياسىمۇ ئىككى مىڭ يىل ئىلگىركى مەنىۋىي داھىيسى ئېيسانى ۋە مۇقەددەس كالامى « ئىنجىل » نى بازارغا سېلىۋاتىدۇ. بىز مىلادىدىن تارتىپ ھېسابلىغاندىمۇ شامان دىنى، زوروئاستىر ( ئاتەشپەرەسلىك ) دىنى، مانى ۋە بۇددا دىنى، خرىستىئان دىنى، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئېتىقاد يېڭىلاپ بۈگۈنگە يېتىپ كەلدۇق .
\2L\:J? يوقۇرقى سېلىشتۇرمىلاردىن بىز خرىستىئان ئەللىرىنىڭ ئېتىقادتىكى ئىزچىللىقى بىلەن بىزنىڭ ئېتىقادتىكى ھەر تەرەپلىكىمىزنىڭ غەرب ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۈگۈنكى دۇنياۋى ئىمتىيازىنىڭ شەكىللىنىشىدە مەلۇم تەرەپلەردىن رول ئوينىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي ئامالىمىز يوق .
x>B |QW3 ئۇنداقتا « مەركىزىي ئاسىيانىڭ بىرلىكى ھەققىدىكى ئىدىيە » قەيەردە ؟ بىز ئۇنى نەدىن تاپىمىز؟
x+h~"[D.n ئەلۋەتتە، بۇ ئىدىيىنى ئەتراپىمىزدا كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان بىز ئۈچۈن ناتونۇش بولغانيېڭى ئىدىيەلەردىن ئىزدەش مەنتىقىسىزلىق. چوقۇمكى، ئۇ ئىدىيە مۇشۇ زېمىندا. بىزنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق يىللار داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن تەپەككۇر قۇرۇلمىسىدا. ئۇ قانداق شەكىل، قانداق پاسسىپ ئورۇندا بولىشىدىن قەتئىينەزەر، بىزدىكى ساقلىنىپ قالغان ئاخىرقى ئىككى ئورتاقلىق. بۇ ئىككى ئورتاقلىق قانداقلا قىيىنچىلىق ۋە قاششاق ھالەتتە بولىشىدىن قەتئى نەزەر بىز ئۇنى تېپىشىمىز كېرەك،
b]u/p'ta ھۆرمەتلىك چىڭغىز تۆرە قۇلۋىچ سىزنىڭ ئوسماناخۇن ئىبراھىموف بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆبىتىڭىزگە ئازراق قىستۇرما قىلىپ قويغۇم كەلدى.بۇ پەقەت مېنىڭ سىزلەردەك تۈرك دۇنياسىنىڭ تونۇلىشى ئۈچۈن ئەجىر-مېھنەت قىلىۋاتقان مۇنەۋۋەر ئوغلانلارغا بولغان يېقىنچىلىقىم خالاس.مۈمكىن بولسا ھاياتى دۇنيادا سىز بىلەن كۆرۈشۇپ ئىززەت-ھۆرمۈتىمىزنى بىلدۈرۈشنى اللە نېسىپ قىلار.تېنىڭىزگە سالامەتلىك،تۇرمۇشىڭىزغا ياخشى مەنالار تىللەپ .
"cB,6P:7\ ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن؛قومۇل شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت OF@u0vH|
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان.
^.BD[Siw X%jy
diFa=qtU
$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$ I[ {{8)
(5Wlw$7M
كىتاپخانىمىز توۋەندىكى تۈرلەر بويىچە تىجارەت قىلىدۇ . xTgf/Al=
1-. باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغىچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ،خەنزۇچە ،ئېنگىلىزچە ، ئىمتىھان بېرىش تەكرار ماتىرياللىرىنى توپ ساتىدۇ . <B|xz
2- . ھەرخىل ئەدەبىي كىتاپلارنى 20%دىن 50 % گىچە بولغان ئېتىۋار باھادا پارچە ۋە توپ تارقىتىدۇ . ~CY%2
3-. ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە ، ئېنگىلىزچە ، قىشلىق ،يازلىق تەتىللىك تاپشۇرۇقلارنى توپ ساتىدۇ . iCe%Zf`Fm
تەييارلىق، باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالى مەكتەپلەرنىڭ ھەر خىل تىلدىكى دەرسلىك ماتىرياللىرىنى توپ تارقىتىدۇ . 9D1T4rp}U
4-.ھەر خىل تىلدىكى كۇرىسلارنى دەرسلىك ماتىرياللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ PRVKNTi^
5-. «قەھرىمان» « 英 雄 » ماركىلىق قەلەمنى مەخسۇس تارقىتىدۇ ، ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلار بۇيۇملىرىنى ۋاكالەتەن ساتىدۇ . [bBnP-6
Rev=og
ھۆرمەت بىلەن : ئۆتۈكەن (كىتاب)مەدەنىيەت ،تەنتەربىيە بۇيۇملىرى مال سەپلەش مەركىزى . XvYJ(nq.S
تور ئادىرسى : www.otuken.cn rbK1@q
ئورۇن ئادىرسى : ئۈرۈمچى شەھرى غالىبىيەت يولى 193- قورا . mB#My-jA/
تېلىفۇن : 0991-8556070 $5;Rl8E&9
فاكىس : 0991-6284377 v;pFO%N
QQ: 240186636 ، otuken@qq .com [ بۇ يازما www.otuken.cn تەرپىدىن 2008-05-19 02:32 د ]