بۇ مەمتىلى < تەۋپىق > نىڭ قىزنىڭ بايانى u[&]nM[x @DVZ*ODx ﺩﺍﺩﺍم مەمتىلى < تەۋپىق > نىﺋﻪﺳﻠﻪﻳﻤﻪن
^a>^G= dX 5` (ئەدىبە مەمتىلى)
6~&K%utmF g*Qi_# b ~V?4VZbf S&^w:#E ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 63 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺭﻩﺯﯨﻞ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﯞﻩﮬﺸﯩﻠﻪﺭﭼﻪ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ 62 - ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻧﺎﻡ - ﺷﻪﺭﯨﭙﻰ ﺯﯨﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ . ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﺍﺩﺍﻣﺪﯨﻦ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻟﯩﻨﯩﻤﻪﻥ . M"W{@
ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﯩﺶ - ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻟﯘﭖ - ﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭﻟﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﺵ، ﺩﻩﯞﺭ ﺑﯚﻟﮕﯜﭺ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﺶ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﯘﺵ << ﮬﯜﺳﻪﻳﻨﯩﻴﻪ >> ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﯧﺴﯩﻴﺎﺕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . $W!E[#H
ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺳﻪﻛﺮﻩﺵ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﯞﻩ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﭘﺎﻣﯩﺮ ﺋﯩﺘﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ، ﻛﻮﺋﯧﻨﻠﯘﻥ ﺑﺎﻏﺮﻯ ، ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺩﺍﻟﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻘﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﺪﻯ . ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﯩﭗ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ - ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﭽﯩﻠﯩﻖ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﻳﺌﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭗ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ << ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ >> ﺗﯜﺯﯛﭖ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﭙﻼﺱ ﯞﺍﺳﺘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﻛﯚﭼﻪﺗﻠﯩﺮﻧﻰ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﺗﯘﯞﯦﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﯘﺭﯗﻧﺪﻯ . ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺗﻪﮬﺪﯨﺖ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﭘﻮﭘﻮﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﺎﻟﺪﻯ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﯩﻴﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﭽﻪ ﯞﺍﺯﻛﻪﭼﻤﯩﺪﻯ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻗﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺗﯜﺭﻣﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻣﺎﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻩﮬﺸﯩﻴﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻤﯘ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻤﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺳﯚﻳﻪﺭ ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ، ﻣﻪﺳﻠﻪﻛﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻗﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﯩﻴﻠﻪ - ﻧﻪﻳﺮﻩﯕﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﻯ . 56C6mA
1930 - ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ،ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﯩﺴﻠﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ ، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ، ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﺟﻪﯕﭽﯩﺴﻰ ، ﺋﯚﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﯞﻩ ﻛﻮﻣﭙﻮﺯﯨﺘﻮﺭ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺟﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻧﻪﺳﺒﻪﺗﻪﻥ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﻩﭖ ﺟﻪﺯﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﺎﻻﻳﻤﻪﻥ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻐﯘﭼﻰ ، ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺷﺎﮬﯩﺘﻼﺭ ﺑﯘﻧﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ . ﻣﻪﻥ ﺩﯦﻤﯩﺴﻪﻣﻤﯘ ﺑﯘ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﺯ ﻳﯘﻣﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . : |UuoHP
ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻝ ﺩﻩﭖ ﺗﺎﻟﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﻣﻪﻥ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻜﻪﻧﻤﻪﻥ . ﺋﺎﻧﺎﻡ ﻣﻪﻟﯩﻜﯩﺰﺍﺕ ﺧﯧﻨﯩﻢ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻳﺎﺭﺑﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﮔﯘﻧﺪﯨﺨﺎﻧﺎ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﯧﺸﺎﻧﻪﻣﮕﻪ ﺳﯚﻳﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ << ﺑﺎﻻﻡ ﺩﺍﺩﺍﯕﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺴﻪﻥ ، ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺩﺍﺩﺍﯕﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺴﻪﻥ >> ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﯚﻛﺴﯜﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .1937 - ﺗﯩﻠﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ، ﺋﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺭﺑﺎﻍ ﮔﯘﻧﺪﯨﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ . ﺗﻪﻟﻪﺗﻰ ﻗﺎﺗﯩﻠﺪﻩﻙ ﺑﻪﺗﺒﻪﺷﯩﺮﻩ ﮔﯘﻧﺪﯨﭙﺎﻱ ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﻛﯚﻛﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، << ﺳﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﮬﯩﺴﻴﺎﻧﻜﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ ، ﻣﺎﯓ ﺋﯚﻳﯜﯕﮕﻪ ﻛﻪﺕ >> ﺩﻩﭖ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺑﯘ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﺳﯩﺰ ﺋﻪﻟﻪﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻳﯘﺗﯘﭖ ، ﺋﯘ ﺋﯩﭙﻼﺱ ﮔﯘﻧﺪﯨﭙﺎﻳﻐﺎ ﭘﺎﺭﻩ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻣﯩﯔ ﺗﻪﺳﻠﯩﻜﺘﻪ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ ﺋﻪﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭘﺘﯘ . ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﻩﺭ ﺳﺎﺋﻪﺗﭽﻪ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ، ﮔﯘﻧﺪﯨﭙﺎﻱ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﻛﯚﯕﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﺎﻧﺎﻣﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ .ﻛﯚﯕﻠﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﻗﺎﻥ ، ﻳﯧﯖﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﻮﻝ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﭼﯩﮕﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺑﯘ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﮬﻮﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﯜﭘﺘﯘ . ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻪ - ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﻼ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺑﯩﺘﺎﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ ، ﺷﯘ ﻳﺎﺗﻘﺎﻧﭽﻪ 3 ﻳﯩﻞ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ . xNHMo:QF
ﻣﻪﻥ 8 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﭼﯩﻘﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻛﯚﯕﻠﻪﻛﻨﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ . ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ << ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻛﯚﯕﻠﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﻥ ﺩﺍﺩﺍﯕﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﺎﻧﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﯘ ﺋﺎﺷﯘ ﮔﯘﻧﺪﯨﺨﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﮕﯘﻧﺎﮬ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭘﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﻨﻰ ، ﺋﯘ ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻗﻘﺎﻥ ﻗﺎﻥ >> ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﮬﯚﺭﻛﯩﺮﻩﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﮬﻪﺩﯨﺴﻰ ﺑﯘﺧﻪﻟﯩﭽﻪ ﺧﯧﻨﯩﻢ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ << ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﯦﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ >> ﺩﻩﭖ ﻛﯚﯕﻠﻪﻛﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﻣﻪﻥ 13 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺵ ﺋﺎﻧﺎﻡ - ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﭘﺎﺭﻩﻡ ﻛﯚﺯ ﻳﯘﻣﺪﻯ . ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺰ ﻗﺎﺭﺍ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﻣﻪﻥ ( ﺋﻪﺩﯨﺒﻪ ) ﮬﺎﻣﻤﺎﻡ ﺑﯘﺧﯩﻠﯩﭽﻪﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺋﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﮬﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ ، ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﻣﯧﮭﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﺳﯩﻴﻠﯩﺪﻯ ، ﺗﺎﻏﺎﻡ ﺋﻮﺑﯘﻟﮭﻪﺳﻪﻥ ( ﮬﺎﻣﻤﺎﻣﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﻰ ) ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﭘﯘﺕ - ﻗﻮﻟﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﺋﯩﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﯓ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﯩﺒﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﻳﺎﺵ ﻳﯘﻣﺮﺍﻥ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﺎﺗﺘﻰ . << ﺷﯘﯕﻘﺎﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺷﯘﯕﻘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ >> ﺩﻩﭖ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺑﻪﺧﺶ ﺋﻪﺗﺘﻰ . ,-xxZZ
ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﮬﻪﻟﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺗﯘﭘﻪﻳﻠﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ، ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎﻡ ﻏﯘﺭﯗﺭﯗﻡ ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯜﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻣﯘﺩﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻗﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﻛﯜﻧﯩﻤﻪﻥ . nrqu"wL:K
17 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﮬﺎﻣﻤﺎﻡ ﯞﻩ ﺗﺎﻏﺎﻣﻼﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﯚﺕ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ . 1969 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ ﺑﺎﺳﺘﻰ: ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻢ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﭼﯚﭼﯜﺭﯨﺪﻩﻙ ﺗﯚﺕ ﺑﺎﻻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺋﺎﭼﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ << ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ >> ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﮔﯧﺰﻩﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ، ﺑﻮﺯﯗﻕ ﺋﯘﻧﺴﯘﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺗﯚﮬﻤﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ . ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﺗﺎﻳﯩﻘﻰ ﻳﯧﮕﻪﻥ ﭼﯧﻐﯩﻤﺪﺍ ﺋﯜﻧﺴﯩﺰ ﻳﺎﺵ ﺗﯚﻛﯜﭖ ، ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻢ . ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﮬﺎﻣﻤﺎﻡ ﺑﯘﺧﯩﻠﯩﭽﻪ ﯞﻩ ﺗﺎﻏﺎﻡ ﺋﻮﺑﯘﻟﮭﻪﺳﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﺎﺷﭙﺎﻧﺎﮬ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﭘﻪﻟﻪﻛﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﺩﯗﻕ . ﺗﺎﻏﺎﻡ ﺋﻮﺑﯘﻟﮭﻪﺳﻪﻥ: << ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ، ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭘﭽﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ، ﭘﺎﺩﺍﻛﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ >> ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺑﻪﺭﺩﻯ . +D2]D X
1976- ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯩﭽﯩك ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻣﻪﮬﺒﯘﺑﻪ ﺧﯧﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ . ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﺭﻕ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﯩﻢ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﭽﻰ ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ( ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﺘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﯘﻝ ، ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﻏﻮﺟﻰ ﮬﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻏﻪﻣﺨﯘﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻢ . ﺋﯘﻻﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﺗﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺪ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﻪﺕ - ﻣﻪﻛﺘﯘﭖ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﻣﺎﯕﺎ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻗﻮﺭﻭ ﺟﺎﻱ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻗﯧﭙﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ . ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﭖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷﺘﯘﻡ . ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻣﻪﮬﺒﯘﺑﻪ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ . ﺋﯘ ﮬﻪﺭﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﻗﯩﺰﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﯘ ﺳﻪﺑﯩﻲ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺩﻩﺭﯨﺲ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﯩﻤﺪﻩ ، ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺳﯩﻤﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻪﻥ . (5Rg(nRic
ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﯞﻩ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻤﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﺎ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﮬﺎﯞﺍﻟﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ . ﺋﯘ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﯚﻳﯜﭖ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪﺗﯩﻤﻪﻥ . 51=1kF<o
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻛﺎﺭﺍﻛﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﻛﺎ - ﺋﯘﻛﺎ ﻣﻮﺳﺎﺑﺎﻳﻮﭘﻼﺭ ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ، ﺗﻪﺟﻪﻟﻠﻰ ، ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮬﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﻰ ، ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﺪﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﻧﮕﺎﺭﺗﻼﺭﻧﻰ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . (s_i>Qn}l
QEhZ}C2D
1999 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ .ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ 7VS2Y;|~A
/KM
A_x
ﻣﻪﻧﺰﯨﻞ: ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺷﯩﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ، 2000 -ﻳﯩﻠﻰ 7 -ﺋﺎﻱ 1 -ﻧﻪﺷﺮﻯ O+U]hd
O#?$4kGl
/=#= E-
تۆۋەندىكىسى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ يېقىندا چۈشكەن سۇرىتى: 'QZUSz0
^W)5mAXj0
سول تەرەپتىكىسى ئەدىبە مەمتىلى( مەمتىلى ئەپەندىنىڭ قىزى،71 ياش، ) =F$OC3f(
$S0&p`
ئوڭ تەرەپتىكىسى مەھبۇبە مەمتىلى(مەمتىلى ئەپەندىنىڭ نەۋرىسى،30 ياش، ) gv?(f~E 66r|jN fw N%zH'z [ بۇ يازما ماينۇرەم تەرپىدىن 2008-05-18 18:11 دە قاي ]