(سۇمەييەنىڭ داۋالىنىشتىن بۇرۇنقى ھالىتى )
(نارىسىدە بوۋاقنىڭ داۋالىنىش جەريانىدا ياخشىلىنىش بولغاندىن كېيىنكى ھالىتى )
زەمزەم كەبى تامچەڭلەر بارمۇ ؟
چىرا ناھىيىلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىدە ئىشلەپ ئىش ئورنىدىن قالغان باھارگۈل كىرەم ئەمدىلا بىر ياش ئۈچ ئايلىق بولغان قىزى سۇمەييەنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كەلدى.تۇغۇلۇشىدىلا <<مېڭە تەرەققىياتى ئاستا>>دەپ دىئاگنوز قۇيۇلغان بۇ قىزنىڭ ھازىرغىچە ئاڭلاش ، سېزىش ، كۆرۈش ئىقتىدارى نورمال بولمىغاندىن سىرت ، ئۈچ ئايلىق بوۋاقچىلىق كېلەتتى.
باھارگۈل كىرەم قىزىنى كۆتۈرۈپ نەچچە دوختۇر خانىغا باردى ، باھار گۈلىنىڭ ئاتا-ئانىسى ، ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئۆيىدە بارىنى چىقاردى.
ئەمما بۇ پۇللارمۇ سۇمەييىنىڭ داۋالىنىشىغا يەتمىدى. دوختۇرخاننىڭ دېيىشىچە ، مېڭە پالەچ كېسىلىنى داۋالاشقا نۇرغۇن ئىقتىساد كېتىدىكەن، بەش يىلغىچە توختاتماي داۋالىسا ئاندىن نورمال ھالەتكە كېلدىكەن.
بۇمۇ بىزنىڭ ئوماق پەرزەنىتلىرىمىزگە ئوخشاش ، تاتلىق خۇلۇققا ،شادىمانلىققا ،باھار گۈللىرىنىڭ نازلىنىشىدەك سۈزۈك كىلەچەككە ئىنتىلىدۇ ، ئۇنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقىنىمۇ ، سىزگە ، ماڭا ئوخشاش ئىنساننىڭ قېنى . ئۇنىڭ يۈرىكى تىپىچەكلەۋاتقىنى تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز ئوتلۇق ھاياجان ، كۆرەك قەپىزىنى يېرىپ چىققۇدەك گۈزەل تىلەك ....
بىراق ..... بۇنىڭ شادلىقلىرى ، نازلىنىشلىرى ، ھاياجانلىرى ، ئۆزى دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدىكى بىر قېتىملىق جەڭدە ئاللا قاياقلارغىدۇر يوقالغان . ئۇنى تېپىش تولىمۇ مۈشكۈل .... تولىمۇ مۈشكۈل ...
ئۇ نەدە .... ئۇنى قانداق تېپىش كېرەك ؟ خېنىم قىزىم ، قوزام ، سېنى بۇ دۇنيادىكى بارىلىق سەبىلەرگە ئوخشاش بەخىتتىن بەھرىمان قىلىش مىنىڭ بىر ئۆمۈرلىك مەسئۇلىيىتىم ، چۈنكى سەن مېنى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ، ئەڭ شەرەپلىك ، نام - ئانىلىق شەرىپىگە نائىل قىلدىڭ دەپ روھلىنىپ قالاتتى باھارگۈل . سەن مېنىڭ يۈرۈگۈمنىڭ قانلىرىدا سەن .... قىزىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقان ھالىغا ، ئەسلىگە كېلىۋاتقان سەزگۈلىرىگە ، تاتلىق-تاتلىق كۈلكىلىرىگە قاراپ .بىراق..... ئۇ تۇغۇشىدىكى قورقۇنۇشلۇق كۆرۈنۈشلەر كۆز ئالدىدىن ئۆتسىلا ، گويا بالىسىنى بىرسى ئېلىپ قاچىدىغاندەك قىلىپ ، باغرىغا چىڭ باساتتى .
-- گەرچە بالا تۇغۇلۇش جەريانىدىكى ئوڭۇشسۇلۇققاتا مېڭىسى زەخمىلەنگەن بولسىمۇ ، لېكىن تۈجۈبىلەپ داۋالاتساقلا ، تولۇق ياخشى بولۇپ كېتىدۇ . مەسلە سىزنىڭ ھەم ئىش ئورنىڭىز يوق ، مۇقىم كىرىمىڭىز ..... ئېغىر داۋالاش چىقىمىنى قانداق كۆتۈرەلەيسىز ؟ دەيتى سۈمەييەنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىدىكى مەخسۇس دوختۇرى ھەر قېتىملىق داۋالاشتىن كىيىن ،
-شۇنداقلىقىغۇ ..........شۇنداق ،لېكىن ، مەن بۇ قىيىنچىلىقلارنى دەپ ئۆزۈمنىڭ ئانىلىق مەسئۇلىيتىمدىن ۋاز كەچسەم بولمايدۇ ، مەن تىرىشىمەن ، مەن يالغۇز ئەمەس....مېنىڭ قېرىنداشلىرىم .... دوسىتلۇرۇم بار ... ئاق كۆڭۈل ئىنسان پەرۋەر كىشىلەرنىڭ، قىزىمنىڭ كىسەل كارۋىتىدا يېتىۋىرىشىگە ، سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل ، مەن يالغۇز ئەمەس .... قىزىم مىھرى مۇھەببەتكە كۆيۈنۈشكە مۇھتاج .... ماڭا ھەم نەپەسلەر مېنى .....مېنى ........ يالغۇز قويمايدۇ ........ باھارگۈل قىزىنىڭ ئوماق يۈزىگە يۈزىنى يېقىشى بىلەن ، ئۇنىڭ كۆزىدىن ئۇنىڭ كۆزىدىن تامچىغان ئىككى تامچە ياش ، قىزىنىڭ زىناقلىرى ئارىسىغا سىڭىپ كەتتى،
ئادېرسى :ئۆرۈمچى شەھەرلىك(بەيمىن) باللار دوختۇرخانىسى 3-قەۋەت مەشىق ئۆيى
ئالاقىلىشىش تېلېفۇنى: 8310746 0991
ئالاقىلاشقۇچى:باھارگۈل كىرەم 巴哈尔古丽.克热木
جۇڭگۇ پوچتا كارتىسى :
6221،8888،1000،3515،298
巴哈尔古丽.克热木
جۇڭگۇ يىزا ئىگىلىك بانكىسى
622848,0890,1163,72412
巴哈尔古丽.克热木 خۇشخۇي تەۋىسىيەسى : ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! قېرىنداشلىرىم ، بۇ نارسىدىنىڭ جەمىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا ، ھەممەيلەن ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى ![ 此贴被زىبائاي在2008-09-29 12:07重新编辑 ]