ئوباما نەدە مۇسۇلمان بولىدۇ ؟
V^Jc1`S{m< بۇنى ئامرىكىدا ئوقۇۋاتقان بىر قىرىندىشىمىز يىزىپتىكەن چاپلاپ قويدۇم .
*-*VN oqY#p;nSo شۇنداق قىلىپ ئامرىكىدا بىر مەزگىل 30 دىن ئارتۇق ئادەم پرېزىدىنت بۇلىمەن دەپ يۈرۈپ سايلامنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئاساسەن ئاخىرلىىشپ 3-4 ئادەملا قېلىپ قالدى. شۇنداق بۇ دەسلەپكى سايلام دىموكراتلار پارتيسىنىڭ سايلىمى بۇلۇپ قالدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىچىدە بىر بىرى بىلەن تەڭ كىلىپ قالىدىغان كۈچلۈك نامزات يوقكەن. ئاساسەن جون مەككيىنغا مۇقىملىشىپ بۇلدى. لېكىن دىموكراتلار پارتىيسىدە ئوباما بىلەن ھىلارى تەڭلا كۈچلۈق ئىكەن. شۇڭا مۇلاھىزە، خەۋەرمۇ 70% ئاساسەن مۇشۇ ئىككىسىگە مەزكەزلىشىۋاتىدۇ. ئامرىكىنىڭ كىلەر قېتىملىق پرېزىدىنتى مۇشۇ ئۈچ ئادەمدىن بىرى بۇلىدىغانلىغى ئىنىق بۇلۇپ قالدى.
:=P CqTK سايلام جەريانىدا يەنە ئىككى پارتىينىڭ نىمە ئۈچۈن دىموكرات ۋە جۇمھۇرىيەت دەپ ئاتالغانلىغىنى ئىنىق كۈرگىلى بۇلىدىكەن. ئىككى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى ۋە قىلماقچى بۇلغانلىرىمۇ بەك بىر بىرىدىن پەرىقلىنىدىكەن. ھازىرقى دۈلەت ئىچىدىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا مەسىلىلەر دىموكراتلارغا پايدىلىق.
fd@Nj, مۇنازىرە ئىنتايىن دوستانە ۋە يۇقىرى سەۋىيەدە ئېلىپ بېرىلدى. جەمئى 90 مىنوت داۋاملاشتى. مۇنازىرە جەريانىدا ھازىر ئامرىكىدىكى نوقتىلىق مەسىلىلەر بۇلۇپ تۇرۇۋاتقان داۋالىنىش ئىسلاھاتى، قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسى، ئىراق ئۇرۇشى، ئىراننىڭ تەھدىتى، ئىقتىسادنىڭ چىكىنىشى، ئۈي-مۈلۈك سېتىۋىلىشتا يىقىندا قىلىپ چىققان قىيىنچىلىق، ھوللۇۋىدتىن چىقىۋاتقان جىنسى ۋە زۇراۋانلىق ئىدىيەلىرى، ئامرىكىنىڭ بۇندىن كىيىن ماڭىدىغان يولى قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتى. مۇنازىرە دىسە باشتىلا ئاخىرى كىم يىڭەر ياكى كىم ئۈستۈن كىلەر دەپ خىيالدا بۇلغان. ئەمىلىيەتتە بۇنداق مۇنازىرىدە ھەر ئىككى تەرەپ ئىنتايىن تەجرىبىلىك ۋە ياخشى تەييارلىق بىلەن كەلگەچكە يىڭىش يىڭىلىش بۇلمايدىكەن. پەقەت ھەر ئىككى تەرەپ ئۈز مەيدانىنى، مەسىلىلەرگە بۇلغان پۇزىتسىينى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تەپسىلى ئىزاھلاپ بىلەت تاشلىغۇچىلارغا پايدىلىنىشقا بىرىدىكەن. ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ بەزى مەسىلىلەردە كۈز قارىشى ئوخشايدىكەن، ھەل قىلىش ئۇسۇلىدە پەرىقلەر بار ئىكەن. مەيلى بۇ ئىككىسنىڭ قايسىلا سايلانسۇن ئامرىكىدا يىڭى بىر تارىخ يارىتىلىدۇ. ھىلارى تۇنجى ئايال پرېزىدىنىت بۇلىدۇ، ئوباما تۇنجى قارا تەنلىك پرېزىدىنت بۇلىدۇ. ھەر ئىككىلىسنىڭ سايلام شۇئارى" ئامرىكدا چوڭ ئۈزگەرتىش ئېلىپ بېرىش" . دىمىسىمۇ ئامرىكىدا بىر قېتىم ئۈزگەرتىش ئېلىپ بارىدىغان يەرگە يەتتى. تىمىلارنىڭ ئىچىدە مەن ئۈزەمگە مۇناسىۋەتلىك بۇلغان داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، كۈچمەنلەر مەسىلىسى دىگەنلەرگە بىر قەدەر قىززىقتىم ھەم ھىلارىنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى بىر قەدەر ياقتۇردۇم. ئامرىكىدا 50 مىليۇن ئادەمنىڭ داۋالنىش سوغۇرتىسى يوق، يەنە نەچچە مىليۇن ئادەمنىڭ سۇغۇرتىسى بۇلسىمۇ لېكىن بەزى مۇھىم تۈرلەر قىممەت بۇلغانلىقتىن قاتناشمىغان. ھىلارىنىڭ تەشەببۇسى نەچچە مىليارد دۈلەتلىك سۇغۇرتا ياردەم فۇندى ئاجرىتىپ يىللىق كىرىمى مەلۇم ئۈلچەمدىن تۈۋەن بۇلغان نامراتلارغا سۇغۇرتىنى دۈلەت ئېلىپ بىرىش ياكى ياردەم قىلىش. ئۇبامانىڭ تەشەببۇسى سۇغۇرتىنىڭ باھاسىنى قانۇن چىقىرىپ مەجبۇرى چۈشۈرۈپ ھەممە ئادەم سېتىۋالالايدىغان قىلىش؛ ئىقتىساد جەھەتتە ھىلارىنىڭ تەشەببۇسى بەش يىلغىچە ئۈسۈم نىسبىتىنى توڭلىتىپ ئىقتىسادنى تەرتىپكە سېلىش. كۈچمەنلەر سىياسىتى جەھەتتە ھىلارىنىڭ تەشەببۇسى قانۇنسىز چىگرىدىن كىرگەنلەرنى تىزىملاپ ئاۋال ئۇلارغا چىگرىدىن قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئۈچۈن گۇناھ يېزىش، ئۈزىنىڭ دۈلىتىدە ۋە ئامرىكىدا جىنايەت قىلغانمۇ يوق تەكشۈرۈش، ئاندىن باشقا مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى يۈرگۈزۈش، ئۇلارنى ھەل قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇلارغا ماشىنا ھەيدەش كىنىشكىسى بىرىش دىگەنلەرنى ئويلاشماسلىق،بىر قىسمىنى كەلگەن يىرىگەقايتۇرۇش، قانۇنسىز ئىشلەش جەريانىدا تۈلىمىگەن باجلىرىنى تىزىملاپ كىيىن تۈلەش ئۈچۈن قەرىزگە يېزىش، قانۇنسىز كىرىۋالغانلارنى ئىشلەتكەن خۇجاينلارنى تەكشۈرۈپ ، مەسلىسىنى يەنە مۇددەت ئىچىدە ھەل قىلمىسا ئۇلارنىڭ تىجارىتىنى تاقاش. ئوبامانىڭ تەشەببۇسى ئاۋال ئۇلارغا ماشىنا ھەيدەش كىنىشكىسى بىرىش ۋە تەربىيلەش، چۇنكى ئۇلار قانۇنسىز بۇلغاچقا ماشىنا ھەيدەشتە سىستىمىلىق تەربىيە كۈرمىگەن، تولا ھادىسە چىقىرىدۇ، چىگرىدىن چىقىرۋېتىلىشتىن قۇرقۇپ ھادىسە يۈز بەرسە قېچىپ كىتىدۇ. ئۇلار ئەڭ جاپالىق يەرلەردە ئىشلەيدۇ، قانۇنسىز بۇلغاچقا ئىشلەتكۈچىلەر خالىغانچە بۇزەك قىلىدۇ، تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. ئىراق ئۇرۇشى جەھەتتە، ھەر ئىككەيلەننىڭ ئىراقنىڭ بۇندىن كىينكى ئىشلىرىنى ئىقراقلىقلارغا تاشلاپ بىرىپ ئامرىكىلىقلار يېنىپ چىقىش. ئوباما ئۈزى ئاقسارايغا كىرگەندىن تارتىپ 16 ئاي ئىچىدە ئىراقتىن پۈتۈن قوشۇننى تارتىپ چىقىرىش. ھىلارى ئىنىق ۋاقىت جەدۋىلى بەرمىدى، لېكىن ئاۋال ئىراق تەرەپ بىلەن دىيىشىپ مەلۇم تەييارلىقلارنى قىلىۋالغاندىن كىيىن ياندۇرۇپ چىقىش، تىز بۇلغاندا ئىككى ئاي، بەلىكم بىر يىل كىتىشى مۇمكىن دىدى. ئىران مەسىلىسى جەھەتتە، ھىلارى : ئامرىكا ئاكتىپ ھالەتتە ئىران بىلەن سۈزلىشىش، چۈشىنىش ھاسىل قىلىش؛ ئوباما: چۈشىنىش ھاسىل قىلغانلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا چوڭ پايدىسى يوق، بىزنى ئىرانلىقلار، ئەھمەد نىجاد ئىنتايىن ياخشى چۈشىنىدۇ، بىزمۇ ئۇلارنى ياخشى چۈشىنىمىز، لېكىن بىر ئوقۇم ئىنىق، ئىران بىلەن ئۇرۇشتىن ساقلىنىش.
}ttztn6$n مۇنازىرە داۋامىدا ھەر ئىككەيلەن بوش ھۈكۈمىتىنى كۆپ تەنقىد قىلدى. بۇ يەردە ئوبامانىڭ بىر جۈملە گىپى بەك پەيزى چىقتى، " ئىراقتا يىلىغا نەچچە مىليارد پۇلنى خەجلەۋاتىمىز، ئىراق ئۇرۇشى ئاخىرلاشقىلى نەۋاخ، جون مەككىين قايسى كۈنى ئىراقتا ئامرىكا ئارمىيسى 100 يىل تۇرۇشى مۇمكىن دەپتۇ، سەۋەبى ئىراندىن مۇداپئەلىنىش ئىكەن. بىز ئىراندىن مۇداپىئەلىنىمىز دەپ ئىراقتا نەچچە مىليار پۇلنى خەجلەيدىكەنمىز، ئىقتىسادىمىزغا ھىچقانداق پايدىسى يوق، بىز ئىراقتا نەچچە مىليارد پۇلنى بىكارغا كۈيدۈرىۋاتقاندا جۇڭگۇ ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، يەنە بىز ئىراندىن مۇداپئەلىنىمىز دەپ مىليارد پۇلنى ئۇ يەردە خەجلەپ ئامرىكا ئىقتىسادى ئالدىغا ماڭمىسا جۇڭگۇ بىزگە يىتىشىپ بۇلىدۇ، بىزگە ھەقىقى تەھدىت ھىس قىلدۇرالدىغىنى ئىران ئەمەس، ئامرىكا ئۈزىنى بىخەتەر ھىس قىلىمەن دىسە ئىقتىسادى جەھەتتە دۇنيادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى قولدىن بەرمەسلىكى كىرەك" ، ) ئىنىق قانداق يۇسۇندا دىگىنى ئىسىمدە يوق، مەن ئۈزلەشتۈرۈپ يېزىپ قويدۇم(
!w"s?3V )fHp#UH@ ئىشقىلىپ بۇ ئوباما دىگەن گوي بەك يامانكەن، ئادەم بۇنداق مۇنازىرىنى كۈرسە بۇ ئادەملەرنىڭ تالانتىغا قايىل بۇلۇپ قالىدىكەن، شۇڭىمۇ ئۈزى قارا تۇرۇپ ئامرىكىنىڭ ئاساسى ئېقىمىغا كىرىپ مۇشۇنداق يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بۇلالىپتۇ. ئۇ نۇتۇق داۋامىدا قارا تەنلىك، ئىرقى مەسىلە دىگەننى تىلغا ئالمىدى. لېكىن ئامرىكىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ 85% شۇنىڭغا تاشلاۋاتىدۇ، ھەم بۇ بىر خىل ئەكىس تەسىر بىرىۋاتىدۇ، ئادەملەرگە قارا تەنلىكلەر بۇنى بىر ئىرقى سايلام دەپ قارىغاندەك ھىس قىلدۇرۇپ ئامرىكىدىكى ئاق تەنلىق مىللەتچىلەرنىڭ ئاچچىقىنى كەلدۈرۈپ قويدى، چۇنكى باشقا نامزاتلارنىڭ تەشەببۇش قىلغان سىياسەتلىرىمۇ قارا تەنلىكلەرگە پايدىلىق يەرلىرى بار ئىكەن. لېكىن ئۇلار قارا قويۇق ئوباماغىلا تاشلاپتۇ.
~L1h &f( aM_I[6CTj ئۇبامانىڭ تولۇق ئىسمى باراك ھۈسەيىن ئۇباما. يەنى دادىسنىڭ ئىسمى ھۈسەيىن، ئىسىمدىنلا كۈرىۋالغىلى بۇلىدۇ، بۇ بىر مۇسۇلماننىڭ ئىسمى. ئوبامانىڭ ئاپىسى ھاۋايدا ئوقۇۋاتقاندا كىنىيەدىن كەلگەن بىر قارا تەنلىك مۇسۇلمان بىلەن تۇنۇشۇپ شۇنىڭ بىلەن توي قىپتىكەن، ئوباما شۇنىڭدىن تۇغۇلۇپتىكەن، ئىككى يىلدىن كىيىن ئۇلار ئاجرىشىپ كىتىپتۇ، كىيىن ئاپىسى مالايسىيادىن كەلگەن يەنە بىر مۇسۇلمان بىلەن توي قىلىپ ئۇبامانى ئېلىپ جاكارتاغا بېرىپ ئۆي تۇتۇپتۇ. ئۇ يەردە دەسلەپتە ئىسلام مەكتىۋىگە كىرىپتۇ، كىيىن خىرىستىيان مەكتىۋىگە كىرىپتۇ، 8 ياشلارغا كەلگەندە ئامرىكىغا يېنىپ كىلىپ باشقا توققانلرىنىڭ تەربىيسىدە چوڭۇپتۇ. گەرچە مۇسۇلماندىن تۇغۇلغان بۇلسىمۇ لېكىن ئەقلىنى تاپقاندىن تارتىپ كاتولىك تەربىيسىدە چىركاۋغا بېرىپ چوڭ بۇلۇپتۇ. بەزى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە ئۇباما مۇسۇلمان، ئامرىكىدىن تۇنجى مۇسۇلمان پىرىزىدىنت چىققىلى ئاز قالدى دەپ يازغاننى كۈردۇم. ئۇبامانىڭ بىر مەزگىل مۇسۇلمان تەربىيسىدە چوڭ بۇلغانلىغى راست ئىكەن. لېكىن ئاساسەن خىرىستىيان تەربىيسىدە چوڭ بۇلۇپتۇ. ئامرىكىدىمۇ بىر مەزگىل ئوبامانى مۇسۇلمانكەن، مالايسىيادا داڭلىق رادىكال تالىپلارنى تەربىيلەيدىغان مەكتەپكە بارغانكەن دەپ گەپلەر بۇلدى، لېكىن ھازىرغىچە بىرمۇ مۇسۇلمان تەشكىلاتى ئۇباما بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىغىنى، ئۇنىڭ مەسچىتكە كىرگەنلىگىنى، ناماز ئوقۇغانلىغىنى دەپ باقمىدى، بىرمۇ ئادەم كۈردۈم دەپ باقمىدى، لېكىن ئۇ دائىم بارىدىغان چىركاۋدىكىلەر ئۇباما دائىم كىلىدۇ دەپ گۇۋاھلىق بەردى. كىيىن ئۈزىمۇ مۇخبىرلارغا مەن خىرىستىيان تەربىيسىدە چوڭ بۇلدۇم، مۇسۇلمان تەربىيسىدە بۇلۇپ باقمىدىم دەپتۇ. ئۇ بۇرۇن سىياسىغا كىرىشتىن ئىلگىرى تەرجىمھال، ئويلىنىش خاراكتىرلىق ئىككى كىتاپ يېزىپتىكەن، ھەم ھەر ئىككىلا كىتاۋى ئەڭ بازارلىق كىتاپلار بۇلۇپتىكەن، شۇ ئىككى كىتاپتىنلا مىليۇندىن جىق پۇل تېپىپتىكەن، شۇ كىتاپتا ئۈزىنىڭ بۇرۇنقى ئائىلە،مائارىپ تەربىيسىنى تەپسىلى سۈزلەپتىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ مۇسۇلمانمۇ ئەمەسمۇ دىگەن مەسىلە ئامرىكىدا مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە بىرەر قىتىممۇ مۇزاكىرە قىلىنىپ باقمىدى، لېكىن ۋەتەندىكى ۋە ئەرەپلەردىكى تور بەتلەردە قىززىق تىما بۇلۇپ سۈزلىنىپ كىتىپتۇ.
1glywow muPl#ggYx http://www.uighur.cn/blog/more.asp?name=Jeck&id=13695