مەن بەك قىززىققاق بولغاچقىمۇ كومپىيۇتېر دېگەن ئۇقۇمنى تۇنجى قېتىم ئوقۇتقۇچىمىزدىن ئاڭلىغىنىمدىلا قىزىقىپ قالغان ئىدىم. 1996 - يىلى كومپىيۇتېر دەرسلىكى تەسىس قىلىنىپ ھەپتىدە ئىككى سائەت كومپىيۇتېردىن دەرس بېرەتتى. بەك بەك بەك قىزىقاتتىم. شۇڭلاشقىمۇ نەتىجەم باشقىلارنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى ئىدى. دائىم تېلېۋىزورلاردىن كومپىيۇتېرچىلارنىڭ سالاپەتلىك، مەدەنىي يۈرۈش - تۇرۇشىنى كۆرۈپ كۆڭلۈمدە«كەلگۈسىدە مەنمۇ ئاشۇلاردەك بولىمەن» دەپ ئويلايتتىم. دەسلەپتى تورغا چىققاندا باشقىلارغا ئوخشاش مەنمۇ تورخانىدىن چىقاتتىم. ئۇچاغلاردا ناخشا ئاڭلاپ، كىنو كۆرۈپ، ئويۇن ئويناپ دېگەندەك . . . بىر چاغلاردا چ چ غا قىزىقىپتىمەن ئۇندىن كېيىن مۇنبەرنى يەنى سەلكىن مۇنبىرىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇزۇن مۇددەت مېھمان بولۇپ 4 - مۇنبەردە ئاندىن تىزىملىتىپ رەسمىي ئەزا بوپتىمەن. توردىن مۇنداقچە ئېيتقاندا مۇنبەردىن خېلى جىق بىلىم ئىگەللەپتىمەن، جەمئىيەتكە بولغان تونۇشۇممۇ چوڭقۇرلىشىپ، مۇنبەرگىمۇ بىلىپ - بىلمەي مېھرىم باغلىنىپ قاپتۇ. مۇنبەرگە كىرىش ئۈچۈن تورغا چىقاتتىم، تورغا چىقسام باشقا ئىشلارنىمۇ قىلىپ، ھەرخىل نەرسىلەرنى لايىھىلەپ . . . ئىشقىلىپ كۆڭلۈم خالىغان ئىشنى قىلاتتىم. مەن ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن. زىيان تارتتىم دېسەم ئىقتىسادتا زىيان تارتقاندىمەن لېكىن مەن رازى! توردا پۇلغا سېتىۋالىمەن دەپمۇ سېتىۋالغىلى بولمايدىغان نۇرغۇنلىغان بىلىم بار! كومپىيۇتېرچى بولۇش ئارزۇيۇممۇ ئەمەلگە ئاشتى. ھازىر يەيدىغان نېنىم مۇشۇ كومپىيۇتېردىن كېلىدۇ. قىلىدىغان ئىشىم تورغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ مېنى تەقدىرىمنى، تۇرمۇشۇمنى كومپىيۇتېر ئۆزگەرتتى، دەپ قارايمەن. كومپىيۇتېر ھەم تور بولمىغان بولسا ھازىرمۇ يەنە شۇ دىبادا ناخشا ئوقۇپ يۈرەتتىمكەن.
Q)X!TGQ سەلكىننىڭ مۇشۇنداق يەرلىرى مېنى بىر كۈن كىرمىسەم چىدىيالمايدىغان قىلىپ قويدى. . .
u2^R1Ap- ھازىر تورغا چىقسام بىرىنچى بولۇپ سەلكىن مۇنبىرى يوقلىۋېتىمەن. ئاندىن ئانچە - مۇنچە خەۋەر كۆرۈپ، ئۆزۈمگە لازىملىق دېتاللارنى چۈشۈرۈپ . . .
^${~nW: قىسقىسى ئۆزۈمگە لازىملىق نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى توردىن تاپىمەن. . .
[ بۇ يازما ئۈزۈمچى تەرپىدىن 2008-05-13 01:42 دە قايت ]