بۇ بەتتىكى تېما: ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىمىزغا خىتاب !(قىزلار چوقۇم كۆرۈڭ!  ) IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 349 قېتىم كۆرۈلدى
سالماق
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 11052
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 517
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە517دانە
شۆھرەت: 7 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 34229 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 7 نۇمۇر
قوللاش: 25 نومۇر
ئالقىش: 795 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىمىزغا خىتاب !(قىزلار چوقۇم كۆرۈڭ!  )

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما سۈبھىدىكى ياپراق تەرپىدىن چوققىلاندى(2008-05-09)
                     
ئۇيغۇر قىز-خانىملىرىغا خىتاب 
kM@ WlQ  
9v!`,;}:X  
2"pwS3  
vcW1~^>  
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان سىڭلىم! سىز ئىسلام تەلىماتلىرىنى ئۆزىڭىزگە يېتەكچى قىلىپ، شەرىئەت بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلماي تۇرۇپ، نىشان قىلغان كامالىتىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيسىز ۋە ئالىي ئورنىڭىز ۋە يۇقىرى مەرتىۋىڭىزنى ساقلاپ قالالمايسىز. ئىسلام دىنى بولسا سىزنىڭ قەلبىڭىزگە ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتكە تولغان مۇھەبەتنى ئورنۇتۇشقا، بارلىق رەزىللىكلەردىن ساقلاسقا ھەقىقىي تۇردە كاپالەتلىك قىلالايدۇ. !R B 
"ZYt}wT  
قەدىرلىك سىڭلىم !  دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئالقىشقا ئېرىشەي دىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلىدىكى پاكلىقىڭىزنى ساقلاپ قىلىڭ. ئائىلىڭىزنى ياخشى باشقۇرۇشقا بەكرەك كۆڭۈل بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزىڭىزدە ئۈلگىلىك ئانا بولۇشقا مۇناسىپ سۈپەتلەرنى يېتىلدۇرۇشكە تىرىشىڭ، شۇندىلا چوقۇم پەخىرلىك ئانا بولۇپ ئۆز بەختىڭىزنى تاپىسىز. باشقىلار تەرىپىدىن قەدىرلىنەي دېسىڭىز، پۇتۇن بەدىنىڭىزنى ئىسلام كۆرسەتمىسى بويىچە يۆگەشكە سەل قارىماڭ. ئىپپىتىڭىزنى چىڭ تۇتۇڭ، شۇ ئارقىلىق بۇ دۇنيادا يۇزىڭىز يورۇق بولىدۇ ۋە تۇرمۇش يولدىشىڭىزنىڭ يۈزىگىمۇ تەبەسسۇم بىلەن قارىيالايسىز. جەمئىيىتىمىزدىكى بەزى بىر يىرگىنىشلىك ئەخلاقسىزلىقلارغا ئاۋاز قوشماڭ . بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:« ئىي ئاياللار! سىلەر ئۆز ئائىلەڭلەرنى ئاۋات قىلىڭلار. ئىپتىدائىي نادانلىق دەۋرىدىكىدەك ئۆزۇڭلارنى بازارغا سىلىپ يۇرۇپ يىرگىنىشلىك ئۆتمۈشنى تەكرارلىماڭلار» يەنە بىر ئايەتتە: « ئى پەيغەمبەر!  ئاياللىرىڭغا ، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۇركەنچە بىلەن بەدىنىنى ئۆرىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ ھۈر ئاياللار ئېكەنلىكى ئەڭ ئوڭاي تونىلىدۇ-دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ بەندىلەرگە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» ئەھزاب سۈرىسى 59- ئايەت. f?KO%OP I  
(v5B#[TZ  
بىر پۇتۇن ئىسلاھات ئۈچۈن كەلگەن ئىسلام دىنى پاك ۋە ساغلام، ھەقىقىي ئىنسانى پەزىلەتكە تولغان گۈزەل جەمئىيەتنىڭ بارلىققا كىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ھايۋانىي شەھۋانىيلىققا تولغان بۇزۇق، ئىنسانىي ئەخلاقتىن چەتنىگەن جەمئىيەتكە قارشى تۇرىدۇ ۋە ئىنكار قىلىدۇ. ئەگەر ئاياللارنىڭ ئەخلاقى بۇزۇلسا ئۇلاردىكى پاكلىق ۋە ئاياللارغا خاس نازاكەت دەپسەندە قىلىنغان بولۇپ، شۇ جەمئىيەتتىكى ئەرلەرنىڭ بۇزۇلىشى ئەخلاقتىن چەتنىشى دىنىي ۋە مىللىي غۈرۈرنىڭ يوقىلىشىدىكى ئاساسىي ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. ئاياللار پاك ۋە ئىپپەتلىك، ھايالىق، ئىتىقاتلىق، غۈرۈرلۇق، ھەقىقەتپەرۋەر، مىللى ئۆرپ-ئادەتنى ھۆرمەتلەيدىغان بولسا، پەرزەنتلىرىمىزمۇ يۇقىرىدىكى ئۆلچەم بىلەن تەربىيلىنىدۇ ۋە كىلىچەك جەمئىيىتىمىزدە ياراملىق يېتىشكەن ئوغلانلارنىڭ بارلىققا كىلىشىدە گەپ يوق؛ چۈنكى، جەمئىيىمىزدىكى قىز-خانىملار مىللەتنىڭ ئانىسى ۋە تەربىيچىسى. تەربىيچى يېتەرلىك ئەخلاققا ئىگە بولسا تەربىيلەنگۈچى ئەلبەتتە بۈيۈك پەزىلەت ئىگىسى بولۇپ چىققۇسى. ئىسلام دىنى ئاياللارغا ئالاھىدە ئىتىبار بېرىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ھۆزۇرلىنىدىغان ماددىي نەرسىلەرگە ئوخشاپ قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، گۈزەللىككە بېرىلىشنى باھانە قىلىپ، پۇت-قوللىرىنى، مەيدىلىرىنى، چاچلىرىنى، ئومۇمەن قايسى بىر يەرلىرىنى ئوچۇق قويۇشقا قەتئىي يول قويمايدۇ. مانا بۈگۈن بىزنىڭ بەزى قىز خانىملىرىمىز ئاللاھ بىلەن قارشىلىشىپ گۈزەل نازۇك جىسىملىرىنى كۆز-كۆز قىلغاندەك، چاچلىرى ئوچۇق، بەدەنلىرى يېرىم يالىڭاچ ھالدا  ئاممىۋىي سورۇنلار، بازارلار ۋە كوچىلاردا ھايا قىلماستىن گېدىيىپ يۇرۇشىۋاتقىنى قەدەمدە بىر كۈزگە چىلىقماي قالمايدۇ. بەلكى ئۇلارنىڭ كىيىۋالغان كىيىملىرىنىڭ تارلىقى ۋە نىپىزلىكىدىن جىسىملىرىنىڭ ھەممە يىرىنى تولۇق كورسىتىپ سۈپەتلەپ بېرىدۇ. بۇنداق دېگەنلىك ئاياللار ياسانمىسۇن، چىرايلىق بېزىلىپ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلمىسۇن دېگەنلىك ئەمەس. بىز دەيمىزكى، ئاياللار بىلەن دۇنيا گۈزەلدۇر، ئاياللار ياسانسۇن،چىرايلىق ھايات كەچۇرسۇن، خۇشپۇراق ئەتىرلەرنى ئىشلەتسۇن، زېننەتلەنسۇن،گۈزەللىككە ئىنتىلسۇن ئەمما بىز مۇسۇلمان ئىكەنمىز دىنىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىگە ھۈرمەت ۋە ئېھتىرام قىلغان ئاساستا گۈزەللىككە ئىنتىلىشىمىز كېرەك. ئاياللار زىننەتلەنسۇن ئەمما گۈزەللىكىنى، يات ئەرلەرگە كۆرسىتىش نېيىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى تۇرمۇش ھەمراھى بولغان، ئومۇرلىك جورىسى، باللىرىنىڭ ئاتىسىغا قانچىلىك ياسانسۇن، قايسى خىل گېرىملارنى قىلسۇن بۇنىڭغا ھىچ قانداق پىكىر قىلىنمايدۇ. بەلكى يولدىشىنى دەپ بىزەلگەنلىكى چىرايلىق كىيىنگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ ئەجىر بېرىدۇ. قىنى بىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىمىزدا بۇگۇنكى ھەددىدىن ئاشقان مەدىنىيەتلىشىش مودا بولغان بىر جەمئىيەتتە، ئاللاھ رىزالىقىنى كوزلەپ، يولدىشىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىش نېيىتى بىلەن ياسىنىدىغان ۋە زىننەتلىنىدىغان قىز- خانىملار بارمۇ؟؟؟ بۇ يەردە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنۇ ھەدىسىنى زىكىر قىلىپ ئوتسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ: « ئەگەر ئىنساننى ئاللاھ ئۆزىدىن غەيرىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان بولسا ئىدى، ئاياللارنى ئۆز ئەرلىرىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان بولاتتىم» . x(/\J:6q  
(&g xHcg  
سەھىھ مۇسلىمدا ئەبۇ ھۇرەيرىدىن رېۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دەيدۇ: « مېنىڭ  ئۈممىتىمدىن ئىككى تۈلۈك كىشى دوزاخ ئەھلىدىندۇر. مەن ئۇلارنى تىخى كورمۇدۇم. ئۇلارنىڭ بىرى ئىستىبدات ھاكىمىيەتتىكى كىشىلەرنى ھەقسىز ئازار قىلىدىغان ۋە خارلايدىغان ئەر زالىملاردۇر. يەنە بىرى بولسا، ئاياللاردىن بولۇپ، چاچلىرىنى ھەر-خىل ياساپ توگىنىڭ لوكىسىغا ئوخشاش قىلىپ، تار-نېپىز قىسقا كىيىملەرنى كىيىپ يىرىم - يالىڭاچ بەدەنلىرىنى كىشىلەرگە كۆرسۈتۈپ  كىشىلەرنى ئۆزىگە مايىل قىلىدىغان ۋە ئۆزىمۇ باشقا ئەرلەرگە مايىل بولىدىغان ئاياللاردۇر، ئۇلار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. جەننەتنىڭ خۇش پۇرىقى شۇنچە يىراق يەردىنمۇ يېتىپ كىلىدىغان تۇرۇقلۇق، جەننەتنىڭ ھېدىنىمۇ ھېچ قاچان ئالالمايدۇ » . !yLT +^  
Ou8T-T6^  
ھۆرمەتلىك قىز-خانىملار! ئۆرىنىش، ھىجاب قىلىش سەل قارايدىغان ئاددى مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىبادەتتۇر. پەرز ئىبادەتلەردىن قانداق سورالساق ھىجابتىنمۇ شۇنداق سورىلىمىز. شارائىتقا قاراپ ۋە ياكى مەدىنىلىشىش دىگەن شەيتانىي شۇئارغا ئەگىشىپ خوشياقسا  ئۆرىنىپ بولمىسا ئىچىلىپ يۇرۇشكە بولمايدۇ.  ھىجاب قىلىغان ۋە قىلىشنى ئويلاۋاتقان قىز-خانىملارغا شۇنى ئېيتىمىزكى؛ سىڭلىم ئىككىلەنمەستىن ئورۇنۇڭ،ئاللاھ سىزنىڭ ياردەمچىڭىز بولغۇسى! جەمئىيەتتىكى بەزى بىر دىلى قارا ئىنسانلارنىڭ ئەيىپلىشىگە ھىچقاچان قۇلاق سالماڭ. ئاللاھنىڭ قىيامە كۈنىدىكى ئەيىپلىشىدىن قورقۇڭ.ئاللاھ سىزگە چوقۇم دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چىقىش يولى بەگۇسى.ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن! R/"TFB<  
iqw1b>TZn  
ھۆرمەتلىك سىڭلىم! سىز ئىسلام دىنى نەزىرىدە گۆھەرگە ئوخشايسىز. گۆھەرنى ئىنساننىڭ قانداق ئاسرىغىنى ۋە قىممەتلىك دەپ قارىغىنىغا ئوخشاش، ئىسلام دىنى سىزنى ئاسرايدۇ ۋە ئەڭ قىممەتلىك ئورۇنغا قويۇش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۇرۇشىڭىزگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدۇ. ئۆزىڭىزنى ئاياش، غۇرۇرىڭىزنى قوغداش، ئىتىقادىڭىز بىلەن ياشاش ئارقىلىق جەننەت ئەھلىدىن بولىشىڭىز ۋەياكى جەمئىيەتتىكى بەزى بىر رەزىل ئىنسانلارنىڭ ئويۇنچىقى بولۇپ ھەۋايى-ھەۋەسنىڭ قۇلى بولۇپ ياشاش ئارقىلىق دوزاخ ئەھلىدىن بولىشىڭىز سىزگە باغلىق. مېنىڭچە ئەلبەتتە دوزاختىن يەر تۈتۈشنى خالىمايسىزغۇ دەيمەن؟! ئۇنداق بولغان ئىكەن ھىلىھەم كىچىكمەيسىز. ئاللاھنى تونۇپ توغرا رەۋىشتە ئىبادەت قىلىپ ، ئىپپەتلىك ۋە ھايالىق بولۇشنى ئۆزىڭىزگە لازىم تۈتۈپ ئۈلگۈلۈك ئانىلاردىن بولۇپ كىلىچەك جەمئىيىتىمىزنىڭ پارلاق نۇر چىچىشىغا بىر كىشىلىك ئىيمانىي، ئىنسانىي ۋە مىللىي توھپىڭىزنى قوشۇشىڭىز سىزنىڭ ھەقىقەتكە قايتقانلىقىڭىزنىڭ بۈيۈك نامايەندىسى. 0zN<$!wo]  
L <`M Q\  
ئى ئىسلامدىن ئىبارەت بۈيۈك نېمەتكە ئىگە بولغۈچى، ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ قۇللىقىدىن ھۆرلۈككە ئىنتىلگۈچى سىڭلىم! سىز پاك، ئەركىن ۋە قىممەتلىك ئانىسىز،مىللەتنىڭ ئىستىقبالى سىزنىڭ قولىڭىزدا، سىز ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يوليورۇقلىرىغا مەھكەم ئېسىلىپ ئېتىقادىڭىز، مىللىي غۈرۈرىڭىز بىلەن ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ ھەقىقەتنى ياقىلاپ ئالغا ئىلگىرلەڭ.ئاللاھ سىزنىڭ ياردەمچىڭىز بولغۈسى! P^tV: |  
Ch62p!8  
ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار، ئاكا-ئۇكىلار، ئاچا- سىڭىللار ئويلىنىپ باقايلى! كىشىلىك جەمئىيەتتە ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن ئەركىن ئازادە ئالاقە قىلىشىپ، ئارلىشىش نەتىجىسىدە ئاياللار ئەرلەرگە ئۆزلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ يۇرۇپ بەزى بىر ئىنسانى ئەخلاقتىن چەتنىگەن، ئىتىقاتى سۈس، مەيدانسىز، مىللىتىنى سويمەيدىغان ئويۇن-تاماششانىڭ قۇلى،ھايۋان كەبىي  ئىنسانلارنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ، ئىناق ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىپ، بالىلىرىنى ئاتا تەربىيەسىدىن مەھرۇم، ئۆزلىرىنى تۇل ئاياللارغا ئايلاندۇرۇۋاتسا، سەبىي مەسۇم قىزلىرىمىز تەربىيەسىز ھالدا ئۆزىنى بىلمەي يامان يولغا ئەگىشىپ كېچە-كېچىلەپ ئويلىرىگە كەلمەي ئەخلاقسىز كىشىلەر بىلەن لەۋ يالىشىپ يۈرۈپ ئىستىقبالىنى يوقاتقاندىن كېيىن چىقىش يولى تاپالماي ئىچىملىك ۋە چېكىملىكنىڭ ئەسىرىگە ئايلانغاندىن كېيىن، ئائىلىسىنى ۋە يۈرتىنى تاشلاپ ياقا يۈرتلارغا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ رېستۇرانلاردا،ئاتالمىش مېھمانخانىلاردا، تانسىخانا، كاپىيخانىلاردا، مىللەتنىڭ نام- ئابرۇيىنى سىتىپ، بىز ئۇيغۇر مىللىتى ئۇسۇل ۋە مۇزىكىدىن باشقىنى بىلمەيدىغاندەك، بىراۋلارنىڭ ھېلىگەرلىك بىلەن، ئۇيغۇرلار ناخشا مۇزىكا بىلەن دۇنياغا كەلگەن، ناخشا مۇزىكا بىلەن دۇنيادىن كېتىدۇ دىسە، ھە بىز شۇنداق ئوخشايمىز،بەختىمىز شۇنىڭدا ئوخشايدۇ دەپ قۇرۇق ماختاشلارغا مەست بولۇپ بۇگۇنگە قەدەر ھۈشۈمىزنى تاپالماي يۇرۇۋاتىمىز. ئابرۇي پەرەسلەر تۇپەيلىدىن ئوغۇل-قىزلىرىمىز كۆزلىگەن نىشان، ئىناق خاتىرجەم ئائىلىگە ئېرىشەلمەي تۇرمۇشتىن راھەتسىز ھاياتتىن كۆڭلى سۈنۈپ، ئۈمىدسىز سەرسانلارغا ئايلىنىپ، ئۆزلىرىنى نابۇت قىلىپ ساقايماس ئەيدىز، راك كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇۋاتسا، قىسقىسى؛ قاخشاتقۇچ ئىجتىمائىي كېسەل مىللىتىمىز ئاياللىرىغا ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئىستىقبالىغا ئىپلاس چاڭگىلىنى سىلىۋاتسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنتايىن قىيىن. ئاللاھ بىزنى مۇشۇنداق تۇرمۇش شەكلىدە ياشاشنى تەلەپ قىلامدۇ؟! ئاللاھ بىزگە پەيغەمبەر ئارقىلىق ياشاش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بەرمىگەنمۇ؟! ئەجەبا دۇنيادا ھېچقانداق نەرسىنىڭ ھېسابى يوقمۇ؟! بىزنى يوق يەردىن ياراتقان ئاللاھ بىزنىڭ ھەربىر ئىش-ھەرىكىتىمىزدىن ھېساب ئالالماسمۇ؟! 4:r+Y4  
+50nB\G2z  
قىيامەت كۈنى ئاللاھ: دۇنيادا بارلىق نەرسىلەرنى ساڭا ۋە سېنىڭ پايدىلىنىشىڭغا بويسۇندۇرۇپ سېنى ئەقىللىق، ھەقىقەتنى چۈشۈنەلەيدىغان قىلغاندىن سىرت، ساڭا ياشاش يولىنى كۆرسىتىپ بەردىم. دۇنيادا قانچىلىك بەختلىك ياشىدىڭ؟ ماڭا قانچىلىك ئىبادەت قىلدىڭ؟ مىللىتىڭ ۋە كىلىچەك ئەۋلاتلار ئۈچۈن قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلدىڭ؟ھاياتلىقتا ئۆز بەختىڭنى تېپىشقا تىرىشتىڭمۇ، يوق؟ ھەقىيقى ئىنساندەك ياشاشقا بەل باغلاپ شۇ شارائىتنى قولغا كەلتۇرۇشكە تىرىشتىڭمۇ، يوق؟ دەپ سورىسا نېمە دەپ جاۋاپ بېرەرمىز؟! sgx*Ory  
IACB^4  
بەزى بىر جەمئىيەتلەر ئاياللارغا سەل قاراپ ئەركىنلىك شۇئارى ئاستىدا ئۇلارنى قەدىرلىمىگەنلىكى سەۋەبى بىلەن رەزىل ئەخلاق ۋە ئىنسانىيلىكتىن ھالقىپ ھايا ۋە ئىپپەتتىن يىراقلاشقانلىقىنى سەزگەندىن كېيىن ئاياللارنى ئائىلىرىگە قايتۇرۇپ كىلىشكە قايتىلاپ مۇراجىئەت قىلىشتى، ئەمما ئۇ ۋاقىتتا خىلىلام كىچىككەن ئىدى. بىزمۇ ئۇلاردىن ئىبرەت ئىلىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ بەخت سائادىتى ۋە پارلاق ئىستىقبالىمىزنى ئىسلام دىنىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىدىن ئىزدىشىمىز لازىم. GB-E i  
-=4't1|@  
ئازراق كۈنلەش ھېسسىياتى ۋە ئەرلىك غۈرۈرىي بار ئادەم ئۆز ئايالىنىڭ رەزىل كۆزلەرنىڭ يايلىقى، خائىن مۇناپىقلارنىڭ قۇربانى، ھايۋان كەبى يارىماس قارا كۆڭۈل ئەبلەخلەرنىڭ تەييار داستىخىنى، مەززىلىك تامىقىغا ئايلىنىپ قېلىشنى خالىمايدۇ  ئەلۋەتتە...! 2T`h00  
u8` SSOU&T  
ھازىرقى ۋەزىيەت شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، قىز-خانىملارنىڭ ئائىلىسىدىن چىقىپ كېتىشى، تۈيۈق يوللارغا كىرىپ قىلىشى چىرىكلىك ۋە ۋەيرانلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبارەتتۇر.شۇنداقلا بەزى بىر ئۇيغۇر قىز-ئوغۇللىرى ئارىسىدا بۇزۇقچىلىق، پەسكەشلىك ئېزىتقۇلىرىنىڭ تارقالغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى دىنى مېھرى-مۇھەببەت ۋاستلىرىنىڭ ئۈزۈلۈشى، مەنىۋىي ئىستىقبالىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. A:c0(A:  
S(hJQzs]  
ئى مېھرىبان سۆيۇملۈك ئانا، سىز مىللەتنىڭ ئانىسى! مىللەتنىڭ كېلەچىكى سىزنىڭ قولىڭىزدا! سىز پەرزەنتلىرىڭىزنى ئىمان ئېتىقاد، مىللى كۆز قاراش، ئانا ۋەتەن روھى قاتارلىقلار بىلەن يۇغۇرۇلغان ئاجايىپ بىر سىھىر كۈچ بىلەن تولغان ئەزىمەتلەرنى تەربىيەلەپ چىقالايسىز. سىز ئۆز پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ باشقىلار ئالدىدا بويۇن قىسىپ خارلىنىپ قىلىشىنى خالىمايسىز. دۇنيادا ھېچقانداق ئانا ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئويدىن چىقىپ كېتىپ سەرگاندان بولۇشىنى، ئىستىقبالىنى يوقۇتۇپ، ھاياتتا نامسىز ياشىشىنى خالىمايدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇنداقتا سىز نېمە ئۈچۈن پەرزەنتلىرىڭىزغا ھەر ئىشتا ئۈلگە بولۇپ ئەخلاقلىق، ئەدەپلىك، ئۆزىنى، ئاتا-ئانىسىنى ، ياراتقۈچى ئاللاھنى رازى قىلالايدىغان ئىستىقبالى پارلاق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقمايسىز؟ يۈرۈش-تۇرۇش، كىيىنىش قاتارلىقلاردا نېمە ئۈچۈن توغرا يېتەكچى بولمايسىز؟ ! ئەمدىلىكتە،زور ئۈمىد بىلەن پەرۋىش قىلغان ئاشۇ جىگەر پارىڭىز ئىچىپ-چېكىپ ھەر-خىل قىلمىشلار بىلەن سىزنى مەڭگۈلۈك دەرت ئەلەمگە قويىۋاتىدۇ. ئەمدى پۇشايمان قىلغان ۋاختىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ تەربىيە بېرىشتا كىچىككەنلىكىڭىزنى بىلىپ يەتكەن بولىسىز، ئەمما ئۇ ۋاقىتتا پۇشايماننى ئالغىلى قاچا يوق.بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ نېمە سەۋەپلىك بۇ بەختسىزلىك كىلىپ چىقتى؟ بۇنى سىز ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن يەنە بىر قىتىم ئويلىنىپ كۆرۇڭ. يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ كىلىپ چىقىشىدىكى سەۋەپ، ئائىلىدە دىنى تەربىيەنىڭ يوقلىقى، ئەخلاقى تەربىيەنىڭ ئاجىزلىقى، مىللى ئورپ-ئادەتكە ھۆرمەت قىلمىغانلىقى، مىللى كەمسىتىشنى قوبۇل قىلغانلىقى، دادىنىڭ ئوغۇلغا  ئانىنىڭ قىزغا ياخشى ئىشلاردا ئۈلگە بولمىغانلىقى قاتارلىقلار ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرىدۇر . ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرى، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپنىڭ نۇرى ئاستىدا، ئىسلام تەلىماتلىرىنى ۋە ئەدەپ- ئەخلاقلىرىنى ئۆگىنىشى ئىنتايىن زۆرۈر ۋە مۇھىم. n.4tpf#  
)``o{ z   
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋارىسلىرى ۋە ئىسلام دىنىنى يېتەكچى قىلغان ئۆلىمالار ۋە دىنى زىيالىلاردىن ھازىرقى پەيتنىڭ ئۆزىدە، ئاياللارنى توغرا يولغا يېتەكلەش، ئىمانغا چاقىرىش،ئۇلارنى ئەخلاقلىق، بىلىملىك قىلىپ تەربىيەلەش، مىللىتىمىزنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئاللاھ بۇيرىغان مەجبۇرىيەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ۋە شۇنداقلا جەمئىيتىمىزدە ئەۋج ئىلىۋاتقان ناشايان ئىشلار، ئەخلاقسىزلىق ۋە رەزىللىككە ئىلىپ بارىدىغان ئىشلارغا ئاللاھ رىزاسىنى كۆزدە تۈتۈپ ئومۇميۈزلىك قارشى تۇرۇش ۋە غەيرەت قىلىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ. ئەرلەر ۋە ئاتىلارنىڭ ئاياللارنى خاتا يوللاردىن توسۇپ توغرا يولغا يېتەكلەش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى قۇرئان كەرىمدە مۇنداق بايان قىلىدۇ:« ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن (يەنى ئەرلەرنى كۈچ-قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر.(يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۆكلەنگەنلىكتىندۇر) . ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر. ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردا ئاللاھنىڭ پاناھىدا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر،سىلەر سەركەشلىك قىلىشلىرىدىن قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار،( بۇ ئۈنۈم بەرمىسە) بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار،(بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە) ئۇلارنى ئەدەپلەش مەقسىتىدە ئاستىراق ئۇرۇڭلار.ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار.ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەردىن ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر.(ئاللاھ ئاياللارغا زۇلۇم قىلغاننى جازالايدۇ) نىسا سۈرىسى 34-ئايەت. BU-+hVLY]P  
YloPEf[  
ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: « ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە خىش-ئەقرىبالىرىڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان، قاتتىق قول پەتىشتىلەر مۇئەككىل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار! ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرىقىدىن چىقمايدۇ،نېمىگە بۇيرۇسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ». تەھرىم سۈرىسى 66-ئايەت. x@]xO7T6  
zn?xs   
بىز غالىپ ئاللاھنىڭ ئازاپلىشىدىن ۋە بىرەر بالا قازا ئەۋەتىشىدىن، ئاخىرەت دۇنياسىدا ئۆز رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلىپ مەڭگۈلۈك ئازاپقا قالدۇرۇپ قويىشدىن قورقايلى! ئۆزلىرىمىزنى، ئەھلى ئاياللىرىمىزنى، پەرزەنتلىرىمىزنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرايلى ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى يادلاندۇرايلى! بىز قىز- ئاياللىرىمىزنى ياخشى تەربىيەلەپ ئۇلارنىڭ ئېتىقاد ۋە ئىمانىنى كۈچەيتىشكە يىقىندىن ياردەمچە بولۇپ، ئىسلام ئەخلاق پىرىنسىپلىرىنى كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئۆزلەشتۇرۇپ ئىلىپ مېڭىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بىرىشىمىزنىڭ ئۆزى دىنى ۋە مىللى مەجبۇرىيىتىمىزدۇر. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل، قىز-خانىملار! ئۆتمۈشتىن ئېبرەت ئېلىڭلار! جەمئىيىتىمىزدىكى ۋە ئەخلاقىمىزدىكى چىركچىلىك ۋە بۇزۇقچىلىق قىز-خانىملارنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقى تەربىيەسىگە سەل قارىغانلىقىمىزنىڭ تارىخى مەھسۇلىدۇر.خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقىنىدەك:« مەندىن كېيىن ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە كەلتۈرگەن شەرمەندىچىلىكى ھەرقانداق گۈمراھلىقنى بېسىپ چۈشىدۇ». يۇقىرىقى ھەدىسنى ئۇسامە ئىبنى زەيد رېۋايەت قىلغان. \{?3C"  
Qur?\ZlBh  
جانابى پەيغەمبىرىمىز نېمە دىگەن توغرا ئېيتقان- ھە! لەنىتى شەيتاننىڭ ئازدۇرۇپ كىتىشىدىن ئاللاھغا سېغىنىپ پاناھ تىلەيلى.ئاللاھ ھەممىمىزنى قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ نۇرى ئاستىدا ھايات كەچۇرىشىمىزگە مۇۋەپپەق قىلغاي! جۇملىدىن قىز-خانىملىرىمىزغا ،ئىمان، ئېپپەت-ھايا، ئەخلاق پەزىلەت ئاتا قىلىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىسلام نۇرى بىلەن يورۇتىشىنى تىلەيمەن. ئوغۇل-يېگىتلىرىمىزگە ئىنساپ-ئىمان، غەيرەت-شۇجائەت، غۇرۇر-ۋىجدان، ئەخلاق - پەزىلەت، دىنىنى قوغدايدىغان، مىللىتىگە كۆيۈمچان، ئانا ۋەتىنىنى گۈللەندۈرىدىغان گۈزەل روھ ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن.
~4mk>aM  
+x9 7^B1m  
ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولغا يىتەكلىسۇن !
باشقۇرغۇچى چۆلگۈلى تېمىنى تەستىقلىدى .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+100(يولۋاسچاق)
  • سەلكىن دوللىرى:+100(پەخىركام) na dir
  • شۆھرەت:+1000(گۈل-چۈشى) apirin
  • salkin-bbs
    سىناقتۇر پۇت-قۇلۇمغا ئۈشكەل سالساڭ،    سەنلەرنىڭ ئازاۋىڭ دەۋزەخكە يەتمەس،    چۈشسەممۇ قۇلۇڭغا ناۋادا بىر كۈن،
    قامچىلار ئوينۇتۇپ، ھەيۋىلەر قىلساڭ،    قاراڭغۇ زىندانىڭ ۋەيلۇنغا يەتمەس،            ئارمان يوق قەلبىمدە ئىمانىم پۈتۈن،
    www.islamhouse.com
    ئىگىلمەس ۋۇجۇدۇم زالىم ئالدىدا،      ھەر قانچە قىينىساڭ سەن ئىنسان مەخلۇق،      ئاتىسەن،چاپىسەن دەۋزەخكە يەتمەس،
    تۈمۈرلەر قىززىتىپ بەدەنگە ياقساڭ.      مەخلۇقنىڭ ئازاۋى خالىققا يەتمەس.              كەلمەكتە ساڭىمۇ زۇلمەتلىك بىر كۈن
    | ۋاقتى : 2008-05-09 01:24 [باش يازما]
    گۈل-چۈشى
    خۇشپۇراق گۈل
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 9572
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1930
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1930دانە
    شۆھرەت: 2787 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 26593 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3089 نۇمۇر
    قوللاش: 2490 نومۇر
    ئالقىش: 4464 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئۇيغۇر
    توردىكى ۋاقتى :107(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىمىزغا خىتاب !(قىزلار چوقۇم كۆرۈڭ! )

    دېگەنلىرىڭىزگە تۇلۇق ئەمەل قىلىشقا تىرىشىمەن ، ئەمما بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت شۇ كىيم- كىچەك جەھەتتىلا بىزگە تەلەپ يۇقىرى ، بۇ جەھەتتە بىزئامالسىز ، ئەمما كۆپلا ياخشى ،، خىزمەت فورمىمىز بەك ياخشى ،،، قالغانلىرىنى قىلىشقا تىرىشىمەن ھەم تىرىشۋاتىمەن ،،، ئىككى قېتىم ئۇقۇپ چىقتىم ماۋۇ تېمىنى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى يېزىپسىز ،، بىر ئەمەس نەچچە قېتىم كۈندە كۆرۈپ تۇرۇشقا ئەرزىگۈدەل تېما بوپتۇ ،، ئاپىرىن سىزگە ،، ئاللا ئەجرىڭىزنى بېرىدۇ،، بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغايسەن ،، ئالەمدىكى بارلىق ھەمدۇ-سانا بىر ساڭىلا خاستۇر،،،، رەھمەت سىزگە ئاللار رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ،،
     كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قەدىرلەش ، ئۇلۇغلاش تۇيغۇسى بولىدۇ . بىراق ، كىمنى ، نېمىنى قەدىرلەشكە ھېچكىم چەك قويالمايدۇ . ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمىگەن كىشى ئاخىرى ۋىجدان ، ئەقىدە ، ئادەمگە خاس سەزگۈرلۈكتىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قالىدۇ .
    | ۋاقتى : 2008-05-09 02:39 1 -قەۋەت
    گىلادىئاتور
    ئاخىرقى تاللىشىم E
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 4895
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 794
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە794دانە
    شۆھرەت: 1361 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 3598 سوم
    تۆھپە: 45 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1031 نۇمۇر
    قوللاش: 812 نومۇر
    ئالقىش: 1172 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :134(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىمىزغا خىتاب !(قىزلار چوقۇم كۆرۈڭ! )

    خاتا كىرىپ قاپتىمەن  ھى ھى  كەچۈرۈڭلار ھە...
    salkin-bbs
    بىلسەڭ توپىمۇ ئالتۇن.......
    | ۋاقتى : 2008-05-09 09:13 2 -قەۋەت
    كۆچمەن
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11841
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 333
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە333دانە
    شۆھرەت: 438 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 19368 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 406 نۇمۇر
    قوللاش: 365 نومۇر
    ئالقىش: 510 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :111(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىمىزغا خىتاب !(قىزلار چوقۇم كۆرۈڭ! )

    ناھايتى ئەھمىيەتلىك تىمىكەن    بىراق بۇنداق تىمىلارغا ئادەم ئازكىرىدىكەن      [zdX>R  
    نەدىكى    قىزلارنىڭ ئىسمىنى قويسا يۈگۈرەپ كىرىدىكەن دىسە 1b}{Jw  
    سىزنى ئازبولسىمۇ گۈلچۈشىدەك ئازراق مۇكاپاتلاپ قويامەن دىسەم بۇكاپاتلاشنى بىلەلمىدىم
    salkin-bbs
    | ۋاقتى : 2008-05-09 11:54 3 -قەۋەت
    ئايپەرى127
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


    UID نۇمۇرى : 13429
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 25
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە25دانە
    شۆھرەت: 25 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 260 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 29 نۇمۇر
    قوللاش: 27 نومۇر
    ئالقىش: 34 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :9(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىمىزغا خىتاب !(قىزلار چوقۇم كۆرۈڭ! )

    بەك ياخشى يىزىپسىز ، مەن بۇ مۇنبەرگە تۇنجى ئەزا بولۇپلا كۆرگەن تىمام مۇشۇ بوپتۇ، ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ، بىز قىزلار ھەر قايسى ئىشتا ئۆزمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئاتا-ئانىمىز ئالدىدا ياخشى بىر قىز بالىلىق مەسئۇلىيىتىنى ، مىللەت ئالدىدا ياخشى بىر ئانىلىق مەسئۇليىتىنى ئادا قىلشىمىز كىرەك.
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • سەلكىن دوللىرى:+10(سالماق)
  • bugra
    ھەر ۋاقىت خۇشال يۈرۈڭ !!!
    | ۋاقتى : 2008-05-09 12:31 4 -قەۋەت
    قۇندۇز
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10487
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 486
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە486دانە
    شۆھرەت: 495 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 2645 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 540 نۇمۇر
    قوللاش: 509 نومۇر
    ئالقىش: 572 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :303(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىمىزغا خىتاب !(قىزلار چوقۇم كۆرۈڭ! )

    رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسالام :« ھېساب ئېلىنىشتىن ئاۋۋال ئۆزۈڭلاردىن ھېساب ئېلىڭلار ،ئۆلچىنىشتىن ئاۋۋال ئەمەللىرىڭلارنى دەڭسەپ كۆرۈڭلار »دىگەن .(جامىئۇت تىرمىزىيدىن ) IAa(Y-OVl_  
    شۇنداق ! بىز قىزلار كەلگۇسىدە ئانا بولىمىز ، ،،پەرزەنىتلىرىمىزنى تەربىيلەپ قاتار غا قوشمىز ، ، ، مۇشۇنداق ئۆز - ئۆزىمىزنى بىلمەي مۇشۇ تەرەققىيات بۇيىچە مېڭىپ كەتسەك كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزدىن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ئۆزىمىزدىن  ئۆزىمىز سوراپ باقايلى . . . . بۇقىلغىنىمىز توغرىمۇ ؟؟؟؟؟؟ 'QOO}@*H~  
    « دۇنيا  ۋە  ئاخىرەتتە  شەرەپ  ئىزلىگۈچى ، دۇنيالىقنى  ئاخىرەتتىن  تۆۋەن  كۆرۈشى  كىرەك» `. . . . . . . . o^^E&'  
    «دۇنيانىڭ شان -شۆھىرىتنى پۇل مال بىلەن سېتىۋالغىلى بولىدۇ ،لىكىن ئاخىرەتنىڭ شەرىپىنى پەقەت ياخشى ئەمەل بىلەنلا قولغا كەلتۇرگىلى بولىدۇ ». .  . . . . .
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • سەلكىن دوللىرى:+10(سالماق) قايىل قىلارل ..
  • ئاللاھ گۈۋاھ!!!!!!!!!
    | ۋاقتى : 2008-05-09 16:31 5 -قەۋەت
    رەنا
      پاكلىق غۇنچىسى
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2120
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2947
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2947دانە
    شۆھرەت: 2795 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 10132 سوم
    تۆھپە: 30 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3041 نۇمۇر
    قوللاش: 2965 نومۇر
    ئالقىش: 2620 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :233(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىمىزغا خىتاب !(قىزلار چوقۇم كۆرۈڭ! )

    مەن ماۋۇ تىمنى ئىلگىرلىتەي دىسەم بولمىيدى.
    kino
    ساڭا ھەر قانچە قىيىنچىلىق كەلسمۇ ، ئۆز ئۇزۇڭگە بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كىتدۇ دەپ تەسەللى بەر.
    سەن ھەر ۋاقىت جاھاننىڭ ئىشلىردىن خەۋەردار بولۇپ تۇر ، لىكىن سەن ئۇنۇڭغا ئانچە ئىشنىپمۇ كەتمە.
    | ۋاقتى : 2008-05-09 18:49 6 -قەۋەت
    سۈبھىدىكى ياپراق
    كۈلۈپ ياشا
    ئىجاتچان ئەزا ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 948
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 867
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە867دانە
    شۆھرەت: 979 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 24030395 سوم
    تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 945 نۇمۇر
    قوللاش: 857 نومۇر
    ئالقىش: 969 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :209(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىمىزغا خىتاب !(قىزلار چوقۇم كۆرۈڭ! )

    بىز قىزلار ئۈچۈن ئويلانغىدەك بىر تىمىكەن.  ئەجىرىڭىز يەردە قالمىغاي
    kino
      يىگانە يۈرىيمەن سىردىشىم خىيال،
    دەت تۆكمەي قەغەزگە بولمىدى ئامال.
    قەغەز قەلەمدىن يوق ئۆزگە سىرداش،
      چۈنكى بۇ كاللامدا مىڭ تۈرلۈك خىيال.
    | ۋاقتى : 2008-05-09 19:13 7 -قەۋەت
    ئەسىرا
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 11968
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 194
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە194دانە
    شۆھرەت: 194 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 1220 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 218 نۇمۇر
    قوللاش: 206 نومۇر
    ئالقىش: 248 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :61(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىمىزغا خىتاب !(قىزلار چوقۇم كۆرۈڭ! )

    ھەقىقەتەن ياخشى  تېمىكەن... )E9> S  
    ھارمىغايسىز....
    kino
    ئۈلۈمدىن قۇرقمايتىمم....بىراق بۇ كېسەلدىن قورقۇۋاتىمەن........
    | ۋاقتى : 2008-05-09 19:49 8 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    سەلكىن تورى » تورداشلار ئىجادى ئەسەرلىرى

    سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

         سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

    سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
    مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-5625600، 13609981040

    Time now is:05-09 23:58, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation