بۇ بەتتىكى تېما: ئانا IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 25 قېتىم كۆرۈلدى
شابۇرۇت
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 9937
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 320
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە320دانە
شۆھرەت: 321 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 2930 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 483 نۇمۇر
قوللاش: 400 نومۇر
ئالقىش: 692 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ئانا

ئاھ، سۆيۇملۇك ئانا! . . . ئاھ، سۆيۇملۇك ئانا ماكان ! . . .
سېنىڭ باغرىڭ نېمانچە كەڭ ! . . . مېھرىڭ نېمىدېگەن ئىللىق ! . . . ئەلۋەتتە تاغ سۇلىرىڭ تاشتىن تاشقا ئۇرۇلۇپ كۇمۇش رەڭ ئۇنچە_ مارجانلارنى چاچرىتىپ، ئاق لىباسلىق پەرىزاتتەك شوخ ئۇسسۇل ئويناپ، يىلانباغرى كەتكەن دەريا_ ئۆستەڭلەردە چىرايلىق دولقۇن ۋە ئۆركەشلىرىنى كىملەرگىدۇر كۆز_ كۆز قىلغاندەك بەزىدە كۆزدىن غايىپ بولۇپ، بەزىدە كۆزنى قىسىپ قويۇپ، سىرلىق شىۋىرلاشلىرىڭنى ئۆزەڭگە ھەمراھ قىلىپ يىراق_ يىراقلارغا كېتىپ قالىسەن ! . . .
ئالتۇن گىرۋەكلىرىڭدىكى يۇمران قىياق ۋە نازۇك ئۇچقۇلاقلار ، سېرىق سەبدە، رايھان كەبى دىماغنى يېرىپ تۇردىغان خۇش پۇراق گۇل _ چېچەكلىرىڭ، مېھرىگىياھ، دورا_ دەرمەكلىرىڭ ئىنسان  ساغلاملىقىنىڭ كاپالىتى ئەمەسمۇ ! . . .
بىباھا مەدەن كانلىرىڭ، سان _ ساناقسىز ئالتۇن تالىرىڭ نۇغا نۇر قۇشۇلغاندەك تېخىمۇ جۇلالىنىپ تۇرمامدۇ؟ ! . . .
كۆككە تاقىشىپ تۇرغان تەڭرىتاغلىرىنىڭ تىك چوقىللىرىدا  قىش_ ياز مەخمەلدەك ياپيېشىل تۇرغان قارغايزارلىقلىرىڭ مەردانە ئۆتكەن باتۇر ئەجدادلىرىمىزنىڭ سىمايىسى ئەمەسمۇ؟ ! . . .
ئەنە، يۇسۇپ خاس ھاجىپ ئاپئاق پەي قەلەملىرى بىلەن << قۇتادغۇبىلىك >> نىڭ گۆھەر تىزىلغان مىرالىرىنى مەرىپەت نۇرىدا ئالتۇن ھەل بىلەن بېزەپ جاھان سەھنىسىنىڭ مېھرابىغا قويغىنىدا، نى_ نى پازىل، دانىشمەن شاھلارنىڭ ئەقلى لال بولۇپ قالمىدىمۇ ؟ ! . . .
بوۋام مەھمۇد قەشقەرى گۇل_ گۇلىستان چىمەنزارلىقلاردىن، بېھىش لەززىتى بېرىدىغان ئۇزۇم، ئەنجۇر، ئالما، ئانار، پىستە، بادام، ئالۇچا، گىلاس مېۋىزارلىقلىرىدىن بەھرە _ ھۇزۇر ئېلىپ ،
تاغ _ داۋان، دەشىت_ چۆللەرنى نەچچە ئون يىل كېزىپ، بۇ زېمىنغا ھۇنەر_ سانائىتىنى، تەۋەرۇك پاسىلىنى، قەبىلە ئەۋزەللىكلىرىنى ، ئاۋام خەلىقنىڭ سۆيۇملۇك پەرزەنتلىرىنى، قەھرىمان ئوغلانلىرىنى، ناخشا _ قوشاقلىرىنى، ئۇيغۇر قىز _ يىگىتلەرنىڭ كۆڭۇلنى مەھلىيا قىلىدىغان قىزىق _ قىزىق
سۆيگۇ بېيىتلىرىنى  ئالتۇن يىپقا تىزىپ، ئاسمان يۇلتۇزلىرىغا ئوخشاش چىرايلىق بىزەپ، شاھانە ئەسىرى << تۇركى تىللار دىۋانى >> غا ئۆچمەس ھەل بىلەن پۇتۇپ مەرىپەت مەشئىلىنى
ياقمىدىمۇ ؟ ! . . .
ئىلى _ تارىم دەريالىرى، ئورخۇن _ سېلېنگا دەريا بويلىرى، مەڭگۇتاشلىرى، ئودۇن، ئوردۇكەنىت، كۇسەن مىڭئۆيلىرى، كەڭسۇ، ئىدىقۇت قوچۇ ئۇيغۇر خارابىلىرى، بېزەكلىك، يارغۇل يالدامىلىرى، مىڭئۆي تام رەسىملىرى، چېن سۆيگىنىڭ شاھىتى سۇپىتىدە بائەگىمدىكى << تاھىر _ زوھرە >> قەبرىلىرى شاھ تاجىسىدەك جىلۋىلىنىپ ، ساڭا تالىق بولۇپ تۇرمامدۇ ؟ ! . . .
<< قۇم دېڭىزى >> ، << ھالاكەت دېڭىزى >> دەپ ئاتىلىپ كەلگەن تەكلىماكان ئۆز باغرىڭدا سوزۇلۇپ ئۇيقۇدا يېتىپتىغۇ ؟ ! . . .
مورگان << تەكلىماكاننىڭ سېرى ئېچىلسا، دۇنيا مەدەنىيتىنىڭ سىرى ئېچىلىدۇ . . . >> دېگەن ئەمەسمىدى ؟ ! . . .
<< ھالاكەت دېڭىزى >> دەپ ئاتىلىپ كەلگەن تەكلىماكاننىڭ ھەر بىر دۆۋە قۇم بارخانلىرىنىڭ تېگىدىن قاينام بۇلاقتەك چىقىۋاتقان زەمزەمگە بەرگۇسىز نېپىت بايلىقى << بەخىت _ سائادەت دېڭىزى >>  غا ئايلىنىۋاتمامدۇ ؟ ! . . . بىھى پۇرىقى كەبى ماي پۇراقلىرى قەلبلەرنى  مەھلىيا قىلىپ ساراسىمىگە سېلىېۋاتمامدۇ ؟ ! . . .
<< كىرورەن گۇزىلى >> ئۆزىنىڭ ئوماققىنا بوۋىقىنى قوينىغا دېلىپ، بۇغداي باشاقلىرىنى چېكىسگە گۇلدەك قىىپ، قۇم بارخانلىرىنى بۆشۇك قىلىپ ئەللەي ناخشىسىنى ئېيتىپ دەم ئېلىۋاتمامدۇ ؟ ! . . .
بۇ چەكسىز قۇم زەررىچىللىرىنىڭ ئەمدىلىكتە ئەڭ قىممەتلىك، ساپلىقى يۇقىرى كېپەك ئالتۇنغا ئۆزگۇرۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئاسماننىڭ كۆزلىرى چاقناپ كېتىۋاتمامدۇ ؟ ! . . .

                ھە راسىت، قۇم چېچەكلىدى !

                                قۇم بارخىنى ئاچتى چېچەك، گۇل _ گۇل بولۇپ
                          ئەمدى بىر _ بىرلەپ ئېچىلغاي كۆمۇكلۇك سېھرىي قۇلۇپ
        بۇ ئانا ماكان نەقەدەر گۇزەل _ ھە
ئانىنىڭ ۋەسىيەتلىرىنى كۆڭلىگە پۇكۇپ، ھالال مېھنەت تەر ئۇنچىللىرىنى ئۆز خەلىقىگە بېىشلاۋاتقان پاك ۋىجدانلىق قەلپ ئىگىسىنىڭ بۇنىڭدىن پەخىرلەنمەي ياشىشى مۇمكىنمۇ ؟ ! . . .
كىچىكىمدە << قۇم دېڭىزى >> ، << ھالاكەت دېڭىزى >> دېسە، يۇرىكىم ئەزمىدە بولۇپ، ئىچ_ ئىچىمدىن قان يىلايتتىم ! . . .
ئەمدىچۇ، مەن چوڭ بولۇپ ئەقلىمگە كەلگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. ئانام بەكلا  ئەقىللىق ئىكەن، دەيدىغان بولدۇم  ! . . .
چۇنكى، ئانام نوھ كېنىسىدىن چىققاندا ئەڭ گۇزەل جاي بولغان مۇشۇ قۇملۇقنى، ياق ، مۇشۇ بوستانلىقنى ماكان ئەيلىگەن ئىكەن، ئانام نېمىدېگەن ئەقىللىق ! بۇ ئانا ماكان نېمىدېگەن گۇزەل ! . . .
ئانا ، سەن ھەقىقەتەنمۇ بەك ئەقىللىق ھەم قەيسەر ئىكەنسەن ! . . . سېنىڭ ماكانلاشقان يېرىڭ نېمىدېگەن خاسىيەتلىك ! . . .
مەن مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋىتىپ ، مېنىڭ ئانامدەك ئەقىللىق، ئۇلۇغ ئانا بولمىشا كېرەك ، دەپ كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش ئالدىم ! . . .
      ئاپتۇرى : ئىبراھىم ئەلى ( ھەكىم ئەلى )
باشقۇرغۇچى matimatika تېمىنى تەستىقلىدى .
salkin-bbs
مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ تېمىنى ئىزدەش :ئۇيغۇر مەي يىگىت ناخشا
مەن ئۆلگەندەئىسىڭدە بولسۇن،بايرىقىڭنى چۇشۇرمە يىرىم.   جەسىدىمنى تاپساڭ كۆمۇپ قوي،    تاپالمىساڭ ئۆكۇنمە جىنىم.مەن بىلىمەن،دىمەيدۇ ھېچكىم،ئۆلۇمنى ئىغىريوقىتىش.مەن ئەمەسمۇ ناتۇنۇش ئادەم،ماڭىلا خاس ئۇنسىز يوقىلىش.    ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم
| ۋاقتى : 2008-05-08 23:02 [باش يازما]
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەلكىن تورى » نەسىرلەر

سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

     سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-5625600، 13609981040

Time now is:05-09 23:55, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation