سەلكىنداشتىكىلەرنى يەنە بىزار قىلدىممۇ-قانداق؟
سىتار دورا دۇكىنىدىن ئەمدىلا دورا سېتىۋېلىپ چىقىشىغا،مال ساتقۇچى ئارقىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپتۇ.
مال ساتقۇچى:
-- كەچۈرۈڭ،قۇۋۋەت دورىسى ئالىمەن دېسىڭىز،مەن سىزگە زەھەرلىك دورا بېرىپتىمەن.
سىتار:
-- قاراڭ سىزنى،تاس قاپتۇ چوڭ چاتاق چىققىلى!
مال ساتقۇچى:
-- شۇنداق ئەمەسمۇ،خوجايىن بىلىپ قالسا مېنى تىللايتتى.چۈكى،زەھەرلىك دورا قۇۋۋەت دورىسىدىن بىر ھەسسە قىممەت!...
*******************************************************************************
بىر كۈنى گىلادىئاتور بېلەت سېتىۋېلىپ،كىنوخانىغا كىرىپ كېتىپتۇ.ھايال ئۆت
مەيلا قايتىپ چىقىپ،يەنە بېلەت سېتىۋېلىپ كىرىپ كېتىپتۇ.ئارىلىقتا يەنە ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن،گىلادىئاتور يەنە قايتىپ چىقىپ،بېلەتتىن يەنە بىرنى سېتىۋاپتۇ.ھەيران بولغان بېلەتچى قىز گىلادىئاتوردىن:
-- سىز بېلەت ئېلىپ بولغانىدىڭىز،يەنە نېمىشقا قايتا-قايتا بېلەت سېتىۋالىسىز؟-دەپ سوراپتۇ.
گىلادىئاتور ئاچچىقلانغان ھالدا:
-- ھەربىر كىرگىنىمدە بىر ئادەم بېلىتىمنى ئېلىۋېلىپ يىرتىۋەتتى،-دەپتۇ.
*******************************************************************************
ياۋا بۆرە0997 ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ يۈرگەن مەزگىللىرىدە،مۇزات.ئوغلى بىلەن كۆچمەن ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن.بىر كۈنى ياۋا بۆرە0997 :
-- ئىككىڭلار بۈگۈن قانداق ياخشى
ئىش قىلدىڭلار؟
مۇزات.ئوغلى بىلەن كۆچمەن :
-- بىر موماينى يولدىن ئۆتكۈزۈپ قويدۇق!..........
ياۋا بۆرە0997 :
-- ياخشى قىپسىلەر،ئەمما موماينى بىرسىڭلار ئۆتكۈزۈپ قويساڭلار بولاتتىغۇ؟
مۇزات.ئوغلى بىلەن كۆچمەن :
-- موماينىڭ يولدىن ئۆتكۈسى يوقكەن ئەمەسمۇ؟...........
*****************************************************************************
كۆلتىكىن 2-نومۇر تەتىل مەزگىلىدە،تاغىسىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىغا بېرىپ ياردەملىشىپتۇ.بىر كۈنى تاغىسى ئۇنىڭدىن كالا سېغىشنى بىلىدىغان ياكى بىلمەيدىغانلىقىنى سورىغان ئىكەن، كۆلتىكىن 2-نومۇر ماختانغان ھالدا:
-- تاغا،بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟مەن دېگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى،بىلمەيدىغان ئىشىم يوق،-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
تاغىسى ئۇنىڭغا بىر ئورۇندۇقنى بېرىپ،كالىنى سېغىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ.ئارىدىن خېلى ۋاقىتلار ئۆتكەندىن كېيىن، كۆلتىكىن 2-نومۇر قايتىپ كەپتۇ.تاغىسى ئۇنىڭدىن:
-- بەكلا ھايال بولۇپ كەتتىڭغۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
كۆلتىكىن 2-نومۇر قولىدىكى قۇرۇق چېلەكنى كەينىگە يوشۇرۇپ تۇرۇپ:
-- كالا ساغماق ئاسان ئىكەن،ئەمما كالىنى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇش بەكلا تەسكەن ئەمەسمۇ،-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
*****************************************************************************
شەيدا خېنىم تۇنجى قېتىم سۇ ئۈزۈش دەرسىگە قاتنىشىپتۇ.بىر سائەت بولا-بولماي ترېنېرغا:
-- بۈگۈن مۇشۇنچىلىك مەشق قىلغان بولساق،-دەپتۇ.
ترېنېر ھەيران بولغان ھالدا:
-- نېمىشقا؟-دەپ سوراپتۇ.
شەيدا خېنىم بىئارام بولغان ھالدا:
پەقەت سۇ ئىچكۈچىلىكىم قالمىدى،-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
*****************************************************************************
رەنا:
-- سىز ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر جازانىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
ئابىدە:
-- بىلمەيدىكەنمەن..........
رەنا:
-- ئۇلارغا ئەڭ چىرايلىق
كىيىمنى كىيگۈزۈپ، ئاندىن ئەينەك يوق بىر ئۆيگە قاماپ قويۇش.
****************************************************************************
يەنە يازامدىن بولدىمۇ؟...................................