« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ بەتتىكى تېما: تەڭرى قامچىسى - ئاتتېللا ( تولۇق نۇسخىسى ) IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 765 قېتىم كۆرۈلدى
باغۋەن
سالام رومانتىكا
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى سەھىپە باشقۇرغۇچى مۇنبەر قىززىقچىسى يازما يوللاش ئۇستىسى ئالىي ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى مۇنبەر باشقۇرغۇچى ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 49
نادىر تېما : 29
يازما سانى : 3282
ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3282دانە
شۆھرەت: 5731 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 723493 سوم
تۆھپە: 475 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 4400 نۇمۇر
قوللاش: 3725 نومۇر
ئالقىش: 4529 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى :243(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 تەڭرى قامچىسى - ئاتتېللا ( تولۇق نۇسخىسى )

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما دوستۇم تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-05-08)
 ھەقىقەتەن ئوقۇشقا ئەرزىگۈدەك كىتاب -[68oIg$#  
_R.m>">-  
3fp4@   
تەڭرى قامچىسى- ئاتتىلا 0m=K!9_;  
 DaL^d  
8f:c8Jlv  
(يۈسۈپچان ياسىن) V/4\d N  
PY|,FQ*ka  
c?Q qHf.  
jBC~^kEW  
yCzSYjXVTZ  
كىرىش سۆز
gv!L?Ww{  
> y&! P  
{2M 
v}!r,k%8%  
ھۇنلار بۇنىڭدىن تۆت-بەش مىڭ يىللار ئىلگىرى ئېلىمىزنىڭ شىمالى تەرەپلىرىدە ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار مەملىكىتىمىزنىڭ كەڭ زىمىنىنى ئېچىش ۋە پارلاق مەدەنيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە ناھايتى زور رول ئوينىغاندى. 30iUf@\  
ئېلىمىز مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ھۇنلار مىلادىيىدىن بىر قانچە مىڭ يىللار بۇرۇنلا ئوتتۇرا ئاسىيادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 4- ئەسىردىن باشلاپ، ھۇنلار ناھايتى قۇدىرەتلىك بىر سىياسى كۈچ سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرگە كەلگەندە، ھۇنلاردا باتۇر تەڭرىقۇت (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 209-174-يىللاردا تەخىتتە ئولتۇرغان) ئىسىملىك بىر مەشھۇر داھى ئوتتۇرغا چىقتى. باتۇر تەڭرىقۇت قەدىمكى زامان دۇنيا تارىخىدىكى قۇدىرەتلىك دۆلەت-ئاسىيا ھۇن ئېمپىرىيىسىنى قۇردى، بەزى تارىخشۇناسلار باتۇر تەڭرىقۇتنى ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى «ئوغۇزخان» بىلەن بىر كىشى دەپ قارايدۇ. =LbpJF o9  
باتۇر تەڭرىقۇتتىن 600 يىل كېيىن، ياۋروپادا ئوتتۇرغا چىققان ئاتتىلا ئۇلۇغ بوۋىسى باتۇرنىڭ روھى ۋە ئىش-ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. ئاتتېلا ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى دانىشمەنلىكى، ھەربى ئىشلار جەھەتتىكى يۈكسەك تالانتى ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىكى ماھىرلىقى بىلەن ياۋروپا ھۇن ئېمپىرىيىسىنى ئەينى دەۋىر ياۋروپا دۇنياسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇردى. ياۋروپا ھۇن ئېمپىرىيىسى ئاتتىلا دەۋرىدە مىسلىسىز دەرىجىدە قۇدىرەت تېپىپ، ياۋروپا خىرىستىئان دۇنياسىنى قاتتىق چۆچۈتكەن دەھشەتلىك بىر سىياسى كۈچكە ئايلاندى. ھەتتا، نامى مەشھۇر رىم ئېمپىرىيىسىمۇ ھۇنلارغا داۋاملىق تۈردە باج تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاران ساقلاپ قالغان. مانا مۇشۇنداق قۇدىرەتلىك بىر سىياسى كۈچنى بارلىققا كەلتۈرگەن كىشى ئاتتىلا بولغاچقا، تارىختا ياۋروپا ھۇنلىرى «ئاتتىلا ھۇنلىرى»، ياۋروپا ھۇن ئېمپىرىيىسى بولسا، «ئاتتىلا ئىمپىرىيسى» دەپ ئاتالغان. ئاتتىلا ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنى غەربتە ئاتلانتىك ئوكياندىن، شەرقتە ئىران، ھەتتا ئالتايغىچە،شىمالدا بالتىق دېڭىزىدىن جەنۇبتا دوناي دەرياسىغىچە سۇزۇلغان. ئاتتىلانىڭ ياۋروپا خىرىستىئان دۇنياسىدا پەيدا قىلغان كۈچلۈك تەسىرى تا بۈگۈنگە قەدەر ياۋروپا مىللەتلىرى تەرىپىدىن ياد ئېتىلىپ كەلمەكتە. مىسال قىلىپ ئېيتىدىغان بولساق، 1900-يىلى گېرمانىيە ئارمىيسى يىراق شەرققە يۈرۈش قىلغاندا، گېرمانىيە پادىشاھى ۋىلگېلىم ئۇلارغا مۇنداق نۇتۇق سۆزلىگەن: «بۇنىڭدىن مىڭ نەچچە يۈز يىل بۇرۇن، ئاتتىلانىڭ قوماندانلىقىدىكى ھۇنلارنىڭ ياۋروپادا ئېلىپ بارغان ھەيۋەتلىك ھەربىي يۈرۈشلىرى ۋە مۇقەددەس غەلبىلىرى، بۈگۈنگە قەدەر ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ ئەپسانە-رىۋايەتلىرىدە، شېئىر-قوشاق، داستانلىرىدا تەرىپلىنىپ ۋە مەدھىيلىنىپ كەلمەكتە. خۇددى شۇنىڭدەك، نېمىس مىللىتىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمۇ سىلەر ئارقىلىق بىز ئىگىلىگەن دۆلەتتە داستانغا ئايلىنىپ، نەچچە مىڭ يىللارغىچە تارقىلىپ يۈرسۇن».①مانا بۇ ھۇنلارنىڭ، شۇنداقلا ئاتتىلانىڭ ياۋروپادىكى تەسىرىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. jl o2%  
.*l-2,u&  
ــــــــــــ ';0|8 i 1  
①«جۇڭگو بۈيۈك ئىنىسىكلوپېدىيسى»، خەنزۇچە دۇنيا تارىخى قىسىمى، 2-توم، 1010 qqrzN  
zNBca[]q;$  
يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئاتتىلا ھەقىقەتەن ياۋروپا دۇنياسىدا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغاچقا، ئۇنىڭ نامى، بۈگۈنگە قەدەر ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ يازما ۋە ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئاساسىي تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. ئاتتىلاغا بېغىشلانغان نۇرغۇن شېئىر، داستان، سەھنە ئەسەرلىرى، رومان، پوۋسىت ۋە ھېكايىلەر يېزىلدى. }gU]fEW  
ئىتالىيە ئەدەبىيات تارىخىدا روكودېگلى ئارمىنىس(1583-يىلى)ۋە ئاسكانىئو لوناتى(16-ئەسىردە) نىڭ ئاتتىلانىڭ ھاياتى تەسۋىرلىنىدىغان داستانلىرى ئەينى ۋاقىتتا قايتا-قايتا نەشىر قىلىنغان. بېلمونت كاگنولىنىڭمۇ (1625-1628-يىللار) ئاتتىلا توغرۇلۇق بىر قانچە شېئىرلىرى بار. ماتئو نورىس «ئاتتىلا» (1672-يىلى) ناملىق بىر ئوپىرا يازغان. سەھنە ئەسەرلىرى ئىچىدە گېئوسىت ۋېردىنىڭ «ئاتتىلا» ناملىق ئوپىراسى ئەڭ مەشھۇر ئىدى. بۇ ئەسەر 1846-يىلى، ۋېنىتسىيە سەھنىلىرىدە ئوينالغان. E15|:CK  
ئىسپانىيە ئەدەبىيات تارىخىدا كىرىستوبال دى ۋىرۇئېسنىڭ «ئەقىلدىن ئازغان ئاتتىلا» (1609-يىلى)، لۇئىس دى گۇۋارانىڭ «تەڭرى قامچىسى-ئاتتىلا» ناملىق تىراگىدىيلىرى بار. "]L%%4bKr(  
فىرانسىيلىك يازغۇچىلاردىن پىئېر كورنىلنىڭ «ئاتتىلا» ناملىق بىر تىراگىدىيسى بار. ھېنرى بورنېر «ئاتتىلانىڭ تويى» (1880-يىلى) ناملىق درامىنى يازغان. x*!Kv&T9L  
ئىنگىلىزلاردىن ج. جورج ساين رانسفوردنىڭ «ئاتتىلا ۋە ھۇنلار» ناملىق رومانى 1837-يىلى ئېلان قىلىنغان. -l)0IB.z  
نېمىسلاردىن ئەڭ بۇرۇن زاكخارىئاس ۋېرنېر 1808-يىلى «ھۇن پادىشاھى ئاتتىلا» ناملىق رومانتىك تىراگىدىيسىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ھېنرىخ روستى (1853-يىلى)، جون مىخائىل سولتى(1865-يىلى)، ئالبېرت رومانن(1872-يىلى)، ئوتتو كونسېنت(1881-يىلى) ۋە ھېنرىخ ك.س.فون زىمېرمانن(1883-يىلى) قاتارلىقلارنىڭ دراممىلىرى كەينى-كەينىدىن مەيدانغا كەلگەن. بۇنىڭدىن باشقا يوسېف مارنىل(1847-يىلى) ۋە فىلىپ دان(1884-يىلى) قاتارلىقلارنىڭ ئاتتىلا ھەققىدىكى رومانلىرىمۇ خېلى شۆھرەت قازانغان. Us%PU7  
ھۇنلار (ۋىنگىرلار) ئاتتىلا ھۇنلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغاچقا، ھۇنگىرلارنىڭ ئەدەبىياتىدا ئاتتىلاغا بېغىشلانغان ئەسەرلەر ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. مەشھۇر يازغۇچىلاردىن ئارانىي، گاردونىي، بانفىي، ۋالكاي ئاندراس ۋە گوسار ۋارىي ماتياس قاتارلىقلارنىڭ داستانلىرى ئىنتايىن مەشھۇر. 17- ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر داستانچى مىكلوس يازغان «ئاتتىلا» ناملىق ئېپىگراما ناھايتى شۆھرەت قازانغان. سەھنە ئەسەرلىرىدىن بېسېنىي گېئورگىنىڭ «بۇدانىڭ تراگېدىيسى» (1773-يىلى) ۋە «ئاتتىلا ۋە بۇدانىڭ تراگېدىيسى»(1787-يىلى)، ۋاژداپېتىرنىڭ «بۇدانىڭ ئۆلۈمى» كارولىينىڭ «ئاتتىلانىڭ ئۆلۈمى»(1890-يىلى) دوپسالاژۇسنىڭ «ئاتتىلا ۋە ئىلدىكو» ۋە خارسانىي كالماننىڭ «ئىلەك» (1924-يىلى) ناملىق تىراگېدىيىلىرى، ماركۇس لاسزلونىڭ «ئاتتىلا» (1912-يىلى) ۋە كونت بانفى مىكلوسنىڭ «ئۇلۇغ بەگ» (1912-يىلى) ناملىق درامىلىرى زور شۆھرەتكە ئىگە. بۇلارنىڭ ئىچىدە دوپسا، ماركوس ۋە خارسانىي قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى سەھنىلەشتۈرۈلگەن. ژ ئارانىينىڭ «بۇدانىڭ ئۆلۈمى» (1864-يىلى) ناملىق داستانى، تومپا مىخائىلنىڭ «ھۇن پادىشاھى ئاتتىلا ھەققىدە» (1867-يىلى)، فۇلوپ ئاروننىڭ «ئاتتىلا»(1909-يىلى) ۋە «ئاتتىلانىڭ ئوغۇللىرى»(ئۈچ توم، 1885-1908-يىللار)، «پادىشاھ ئاتتىلا ھەققىدە داستان» (1909-يىلى) قاتارلىق ھېكايىلىرى زور تەسىر قوزغىغان. ئاتتىلا توغرىسىدا يېزىلغان رومانلاردىن مەشھۇرلىرى بالفىي ئالبېرت يازغان «تەڭرى قىلىچى ئاتتىلا» (1859-يىلىدىن باشلاپ بەش قېتىم نەشىر قىلىنغان)، ئۇلۇغ تارىخى رومان يازغۇچىسى گاردونىي گىزا يازغان «كۆرۈلمىگەن ئىنسان» (1914-يىلى) ۋە پىكار گىيۇلانىڭ «ئاتتىلا» قاتارلىق رومانلىرىدىن ئىبارەت. r5-h#Ac  
تۈرك ئەدەبىياتىدا ئاتتىلاغا بېغىشلانغان ئەسەرلەرمۇ خېلى كۆپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە تەسىر قوزغىغانلىرى پەيامى سافانىڭ «ئاتتىلا» (1931-يىلى) ۋە ئاپتۇللاخ زىيا قازان ئوغلۇنىڭ «ئاتلىخان»(1942-يىلى) قاتارلىق رومانلىرى، ئەنۋەر بېخنان شاپوليونىڭ «ئاتتىلا» ناملىق ھېكايىسى، سەھنە ئەسەرلىرىدىن س.بەخزاتنىڭ «ئاتتىلانىڭ تويى» (1934-يىلى)، بەخچەت كەمال چاغلارنىڭ «ئاتتىلا»(1935-يىلى)، م.كەمال ئەرگىنەقۇتنىڭ «ئاتتىلا» (1935-يىلى) ۋە ناجى تانسەلنىڭ «ئاتتىلا» قاتارلىق درامىلىرى بار. _tD$F85~  
ئاتتىلانىڭ پەۋقۇلئادە ھاياتى يەنە رەسساملارنىڭمۇ كۈچلۈك ئىلھامىنى قوزغىغان. مەسلەن، ئىتالىيىلىك داڭلىق رەسسام رافىللو سانتى (1520-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) پاپا جۇلئۇس ∏نىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ۋاتىكاندىكى ھىلودوروس ساريىغا بېغىشلاپ «س.لېئو بىلەن ئاتتىلانىڭ ئۇچرشىشى»ناملىق داڭلىق تام رەسىمىنى سىزغان . w3dqPP-#  
نېمىسلاردىن پېتىر كورنېلئوس (1867-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)،جولىئوس سىكنور فون كارولسىفلد (1872-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) قاتارلىقلارنىڭ ئاتتىلاغا بېغىشلاپ سىزغان بىردىن رەسىمى بار. نېمىس رەسسامى ۋىلھىم فون كالباك (1878-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)نىڭ «ھۇن ئۇرۇشى» (كاتو ـ لونيا ئۇرۇشى) ناملىق تام رەسىمى ناھايتى داڭلىق ئاسما رەسىم ھېسابلىنىدۇ. ھۇنگر رەسساملىرىدىن چەممور (1899- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)نىڭ بۇداپېشتتىكى ۋېگادو سەنئەت سارىيىغا سىزغان «ئاتتىلانىڭ زىياپىتى» ناملىق تام رەسىمى ۋە فاكزكا فېرېنك (1925-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)نىڭ «ئاتتىلارنىڭ توي كېچىسى»ناملىق تام رەسىمىمۇ زور شۆھرەت قازانغانىدى. \~c5&_]+9  
ھازىر ھۇنگرىيىنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا ئاتتىلانىڭ ئاتلىق ھەيكىلى تۇرغۇزۇلدى . c"A<^$eEA$  
يېقىندىن بېرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئاتتىلا ھەققىدە بىر قانچە فىلىم ئىشلەندى. 2IVRT"M2}I  
ئاتتىلا ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئېمپىراتور ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ھۇنلار ئاتتىلا دەۋىرىدە ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېتىپ، دۇنيا تارىخىدا مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ئىزلارنى قالدۇرغاندى. بۇ كىتابتا، ئەنە شۇ دۇنياغا مەشھۇر ئاتتىلانىڭ بىر پۈتۈن ھاياتى، ياۋروپا ھۇن ئېمپىرىيسىنى كۈچەيتىش يولىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلىرى، قوشنا ئەللەر بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى ۋە ئۇنىڭ ياۋروپا خىرىستىئان دۇنياسىدىكى تەسىرى ھەمدە ياۋروپادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدا، ئاتتىلا توغرۇلۇق بارلىققا كەلگەن تۈرلۈك رىۋايەتلەر، شۇنداقلا ئاتتىلا ھۇنلىرىنىڭ ياۋروپا مەدەنيىتىگە قوشقان تۆھپىسى قاتارلىقلار بايان قىلىنىدۇ. !X %nb\  
lGAL:5  
داۋامى يوللىنىۋاتىدۇ . . . . WBTt-#c  
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+333(چۆلگۈلى)
  • salkin-bbs
    ئىت ھۈرەر ، كارۋان يۈرەر
    | ۋاقتى : 2008-05-08 20:34 [باش يازما]
    باغۋەن
    سالام رومانتىكا
    ئالاھىدە باشقۇرغۇچى سەھىپە باشقۇرغۇچى مۇنبەر قىززىقچىسى يازما يوللاش ئۇستىسى ئالىي ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى مۇنبەر باشقۇرغۇچى ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 49
    نادىر تېما : 29
    يازما سانى : 3282
    ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3282دانە
    شۆھرەت: 5731 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 723493 سوم
    تۆھپە: 475 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4400 نۇمۇر
    قوللاش: 3725 نومۇر
    ئالقىش: 4529 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :243(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاخىرى مۇشۇ شۇ ، داۋاملىق ئوقۇڭلار. 8He}7f9  
    1?HS8e#[  
    \)(s3wqs  
    ;+2rW$|F  
    بىرىنچى باب Xgwj-0)GR  
    oYGPz7$@  
    x78 4)#jV2  
    b%T(ZA  
    ^~ vf`\  
    ياۋروپا ھۇن ئېمپىرىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى
    XG'iv$.  
    #l{D&gK!  
    _Pk{&i5M  
    .^F+ G%k  
    0:_]IL  
    dkl 
    1. ھۇنلارنىڭ ئىرقىي تىپى lJ26Y aa  
    Z\cM]2U  
    v tmEQVY 
    1/BjjVcMWK  
    J<2 []F>  
    ~A*+`RJ3(  
    FH}@AjO5  
    1 DX8PkO  
    ھۇنلارنىڭ ئەسىلى مەنبەسى بولغان تۈرك ئېتنىك تۈركۈمىنىڭ مىللەت سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تۇپرىقىدا كۆرۈلىشى تارىخنىڭ ناھايتى قاراڭغۇ چاغلىرىغا يېتىپ بارىدۇ. تۈرك ئېتىنىك تۈركۈمى ئاپىرىدە بولغان قەدىم جاي توغرسىدا، 19-ئەسىردىن بېرى غەرب ئالىملىرى ئوتتۇرسىدا تۈرلۈك قاراشلار ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپ كەلدى. س.كىلاپروت، ھاممېر، ۋ.سىموت، ۋىيدىمان، ئا.گاستېرىن، ھ.ۋامبىرىي، ن.ئارستوف ۋە ئى.ن.ھوممېر قاتارلىق شەرقشۇناس تۈركولوگلار خەنزۇچە مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئالتاينى تۈرك ئېتنىك تۈركۈمىنىڭ ئانا يۇرتى، دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن، غەرب ئالىملىرى ئارىسدا تۈركى تىللىق مىللەتلەرنى ۋە ئۇلار بىلەن تارىختا يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان مۇڭغۇل-مانجۇ ئېتىنىك توپلىرىنى «ئالتاي مىللەتلىرى»، ئۇلارنىڭ تىلىنى «ئالتاي تىللىرى» دەپ ئاتايدىغان خاس ئاتالغۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ئالىملارنىڭ يازما مەنبەلەر ئاساسىدا ئوتتۇرغا قويغان ھۆكۈمى، كېيىن ئارخېئولوگىيلىك تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە تولۇق ئىسپاتلاندى. رۇس ئارخېئولوگلىرىدىن س.ۋ.كىسېليېۋ ۋە س.س.چىرنىكولارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېلىپ بارغان ئارخېئولوگىيلىك تەكشۈرۈش ھەركىتى نەتىجىسىدە مەلۇم بولدىكى، «براكسىفال(يۇملاق باش) جەڭگىۋار ئاق ئىرق» كىشىلىرى تاش دەۋىرىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىن بېرى ئالتاي-سايان تاغلىرىنىڭ غەرىبى شىمال تەرەپلىرىنىڭ ئاساسلىق خەلقى ئىدى.①بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئافاناسيېۋا مەدەنيىتى (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 2500-1700-يىللار)؛ بولۇپمۇ ئاندىرنوۋا مەدەنيىتى (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 1700-1200-يىللار)نىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە، ئەتراپتىكى دولىكوسفال موڭغۇلوئىدلاردىن، ھەتتا، دولىكوسفال «ئاق دېڭىز تىپى»دىكى ئىنسانلاردىن پەرقلىق بولغان، تۈرك نەسلىنىڭ پىروتو تىپى ھېسابلانغان «بىراكسىفال جەڭگىۋار ئاق ئىرىق» تۈرك نەسلىنىڭ ئاق تەنلىك كىشلەرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئىرىق ئىچىدە «ياۋروپىد» دەپ ئاتالغان گۇرۇپپىنىڭ «تۇران» تىپىدىكى بىراكسىفال تۈركلەرنىڭ دولىكو سىفال موڭغۇلوئىدلاردىن ۋە باشقا ئىرقلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئانتوروپولوگىيلىك بەلگىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. مەلۇم بولغىنىدەك، «تەۋرات»تا نەقىل كەلتۈرۈلگەن قەدىمكى ئەنئەنىلەردىمۇ تۈرك نەسلىنىڭ ئاق ئىرقتىن ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن②. تۇران تىپىگە ئۆرنەك بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا، ماۋرەئۈننەھىر ۋە يېقىن شەرق تۈركلىرى ئاق تەنلىك، تۈز يۈزلۈك(يۇمىلاققا مايىل)، قوي كۆزلۈك، قوش قاپاقلىق، قاڭشارلىق، قاۋۇل، ساقال-بۇرۇتلۇق، گۈزەل ئىسكەتلىك، ساغلام بەدەنلىك ئەر-ئاياللىرى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىر مەنبەلىرىدە گۈزەلىككە سىموۋول قىلىنغان، ھەتتا ئىران ئەدەبىياتىدا «تۈرك» دىگەن سۆز بەزىدە «گۈزەل» مەنىسىدە ئىشىلتىلگەن. Of#&fl1^  
    /"6{ftEM  
    ـــــــــــــــــ # ! 
    4'yv}+X  
    ① ب. ئۆگەل: «تۈرك مەدەنيەت تارىخى»، تۈركچە، 3-بەت I!O9~ -]8  
    ②ئىبىراھىم كافەس ئوغلو: «تارىختا تۈرك نامى»، «رەشىد راخمەتنى ئارات ئۈچۈن تەقدىم» تۈركچە، 1966-يىلى، 308-بەت H9S98f6%/)  
    cshi!0  
    ئارخېئولوگلار ئالتاينىڭ مالتا دىگەن يېرىدىن پالىئولىد دەۋىرى (كونا تاش قورال دەۋىرى)گە ئائىت لايدىن ياسالغان ئۆيلەرنىڭ خارابىسىنى تاپتى. بۇ قەدىمدە ئالتايدا ياشايدىغان ئىنسانلارنىڭ كىشنىنىڭ خېلىلا دېققىتىنى قوزغىغىدەك دەرىجىدە ئولتۇراق تۇرمۇشلۇق ھايات كەچۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ①. ;~W7>`n  
    «بىراكسىفال جەڭگىۋار ئاق ئىرق» كىشىلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن تەڭرىتېغى ئەتىراپلىرىغا يېيىلىپ ماكانلاشسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۈگۈنكى قازاقىستانغا قاراپ كېڭەيگەنلىكى مەلۇم بولماقتا②. Wj:D?5e  
    سىبىرىيە ۋە بايقالدىن تېپىلغان نىئولىد(يېڭى تاش قورال) دەۋىرى ۋە مەدەن دەۋىرىگە ئائىت باش سۆڭەكلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار بۇ يەردە موڭغۇلوئىد ئىنسانلارنىڭ ياشىمىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. جەنۇبى سىبىرىيىدە موڭغۇلوئىد ئىنسانلار ناھايتى كېيىنكى چاغلاردا ئوتتۇرغا چىققان. ئۇلار يىنسەي دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدە پەيدا بولۇپ، قىدىرقان تاغلىرى تەرەپكە قاراپ كېڭەيگەندى. موڭغۇلوئىد ئىنسان تۈركۈمى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3000-يىللاردا، بىراكسىفال- ئاق تەنلىك كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە جەنۇبى سېبىرىيىدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2000-يىللاردا بىراكسىفاللارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىرق ساپلىقىنى قوغدىغانلىقى ئانتروپولوگىيلىك تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولماقتا. يەنە بۇ مەزگىلدە جەنۇبى سىبىرىيەدىكى موڭغۇلوئىد ئىنسان تۈركۈمىنىڭ ئالتايدىن كەلگەن كىشلەر تەرىپىدىن قوغلانغانلىقى مەلۇم. بۇ مەزگىلدە، بىراكسىفال ئىككىنچى بىر ئېتىنىك توپ ئامۇ ۋە سىر دەرياسى ئارلىقىدىكى جايلاردا ياشايتتى. ئۇلار پامىر ۋە ئافغانىستاندا ياشايدىغان ئىنسانلاردىن پەرقلەنسىمۇ، لېكىن ئالتاي ۋە قازاقىستاندىكى بىراكسىفال ئىنسانلار بىلەن زور دەرىجىدە ئوخشاشلىققا ئىگە ئىدى③. @dYS;=  
    ـــــــــــــــــــــ Ruo`,%b  
    ① كىسىليېۋ: « سوۋېت ئارخېئولوگىيسىنىڭ 25 يىلى»، تۈركچە. q}`.ZOO]  
    ② ③ب. ئۆگەل: «تۈرك مەدەنيەت تارىخى»، تۈركچە، 4-بەت،5-،8- بەتلەر.  L~"?L  
    W;J?u  
    ھۇنلارنىڭ ئىرقى تىپى توغرسىدا نۇرغۇن ئالىملار ھەر خىل كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويدى. بەزىلەر ئۇلارنى مانا شۇ تۇران-تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ مىللەت دەپ قارىسا، يەنە بەزى ئالىملار ئۇلارنى موڭغۇل ئىرقىغا مەنسۇپ دەپ قاراپ كەلدى. يېقىنقى بىر قانچە ئون يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيلىك ماتېرىياللارنىڭ ئىسپاتلىشىغا ئاساسلانغاندا، ھۇنلارنىڭ تۇران-تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپلىقىنىڭ مۇمكىنچىلىكى زور بولماقتا①. -=/8?a+  
    )i)mr:F{  
    بۇ توغرىسىدا داڭلىق ھۇنشۇناس لىن گەن ئۆزىنىڭ «ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق كۆرسەتكەن: «ئارخېئولوگىيلىك تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى نۇيان تېغىدىن تېپىلغان 25-نۇمۇرلۇق ھۇن قەبىرىستانلىقىدىن ھۇنلارغا مەنسۇپ بىر پارچە كەچتە سۈرەت تېپىلغان. سۈرەتتىكى ئادەم چېچى قويۇق، ئارقىسىغا قىلىپ تارالغان، پىشانىسى كەڭ، كۆزلىرى يوغان، قويۇق بۇرۇتلۇق، چىرايى كېلىشكەن، سۈرلۈك قىياپەتتە بولۇپ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈندۇ. موڭغۇل ئارخېئولوگى س.دورجى بۇ كەشتىدىكى سۈرەت قەبىرە ئىگىسىنىڭ بولۇپ، بۇ ھۇن كىشىسى ئىدى، دەپ قارايدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ كىشىنىڭ رەسىمدە كۆز گەرچە قارا رەڭدە ئىشلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆز قارچۇغى كۆك رەڭدە ئىشلەنگەن. مانا بۇ ھۇنلارنىڭ تۇران-تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا كۈچلۈك ماددى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى».② ] L4.!4  
    ـــــــــــــــــــــ U]0<.NB+  
    ① ②لىن گەن: «ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى»، خەنزۇچە، 3 -، 150-بەتلەر. (\ MJsV  
    ②لىن گەن: « ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى»، خەنزۇچە،150-بەت. >fb|6^ 
    pVp4~QH  
    «تۈركى خەلقلەرنىڭ قىياپەت ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى كۆك كۆز، ساقال-بۇرۇتلۇق بولۇشتىن ئىبارەت بولغاچقا، ھۇن قەبىرىسىدىن چىققان ھۇن ئادىمىنىڭ كەشتە سۈرىتى دەل كۆك كۆز، ساقال-بۇرۇتلۇق قىياپەتتە ئىشلەنگەن. يەنە بۇ كەشتە سۈرەتتىكى كىشى چىرايى كېلىشكەن، سۈرلۈك، ناھايتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشتە بولۇپ، بۇ < خەننامە > 68-جىلىد «جىن مىتىنىڭ تەرجىمھالى»دىكى: < جىن مىتىنىڭ بويىنىڭ ئىگىزلىكى سەككىز چى، ئىككى سۇڭ بولۇپ، قەددى-قامىتى كېلىشكەن، ھەيۋەتلىك ئىدى > دىگەن بايانلار بىلەن تامامەن بىردەك. جىن مىتى ھۇنلاردىن بولۇپ، يەنە بىر ئىسىمى ۋىنشۇ ئىدى. ئۇ ئەسلىدە ھۇن شىتۇق خاننىڭ ۋەلىئەھدى ئىدى①. 2ow+L0(  
    ~N V"6pEo  
    «جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئارخېئولوگىيە ئىنىستىتۇتى فېڭشى قېدرىپ تەكشۈرۈش ئەتىرىتى 1955-1957-يىللاردا، شەنشى ئۆلكىسى چاڭئەن ناھىيىسىنىڭ فېڭشى دېگەن يېرىدىن ئىككى قەبىرە قازغان. بۇ ھۇنلارنىڭ قەبىرىسى بولۇپ، ئۆلگۈچى ئېھتىمال ھۇنلارنىڭ ئەلچىسى ياكى ئەلچىلەرنىڭ ھەمراھى بولسا كېرەك. چۈنكى، قەبرىدىن چىققان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھۇنلارنىڭ نەرسە كېرەكلىرى ئىدى. قەبردىن تېپىلغان ھەمدەپنە بۇيۇملار ئىچىدىكى ئۇزۇن تۆت چاسا شەكىللىك مىس تاختاي ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. تاختاينىڭ ئوتتۇرسىغا قاڭشارلىق، ئۇزۇن چاچلىق، ئىشتىنىنىڭ ئايىغىنى تۈرۈۋالغان ئىككى كىشىنىڭ بىر-بىرىنىڭ بەل ۋە پاقالچاقلىرىدىن تۇتۇپ چېلىشىۋاتقان قىياپىتى چۈشۈرۈلگەن. قاڭشارلىق بولۇش تۈركلەرنىڭ قىياپەت ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ئىدى. بۇ ئىككى پارچە مىس تاختاينىڭ ئوتتۇرسىغا چۈشۈرۈلگەن ھۇنلارنىڭ قاڭشارلىق قىياپەتتە تەسۋىرلىنىشى، ھۇنلارنىڭ تۇران-تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا ماددى پاكىتنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ»②. e#d:02D[&  
    ــــــــــــــ opz6 -=  
    ① ②لىن گەن: «ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى»، خەنزۇچە، 150-، 151-بەتلەر ]~lhC Ub  
    =*&iKqYA,  
    }gLddE>#  
    ئالتاينىڭ ئانا يۇرت مەسىلىسى يازما مەنبەلەر ئاساسىدىكى تەتقىقاتلاردا ۋە ئارخېئولوگىيلىك قېزىشلاردا تېپىلغان قېزىلمىلاردىن ئىسپاتلانغىنىدەك، بۇ نۇقتا يەنە تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىقاد چۈشەنچىلىرىدىمۇ ئىسپاتلانماقتا. نۇرغۇن مەدەنيەت بەلگىلىرىنى ئۆز قوينىدا ساقلىغان تەبئىي قورغانلارنىڭ ئالتايدا كۆپلەپ تېپىلىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ فولكلور تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق،ئۇلار ئۆز ئېتىقادى بويىچە، ئالتاي تېغىنى ناھايتى ئۇلۇغ بىلىپ، ئۇنى قوغدىغۇچى روھ، ھەتتا ئۆزلىرىگە تۆرەلگەن ئانا دەپ تونۇيتتى. ئالتاي تېغىنى، ھەتتا ۋەتەننىڭ سىموۋولى قىلىشقاندى. شۇڭا، شامانىزىم ئېتىقاتىدىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئالتاي تېغىغا چوقۇنۇپ مۇناجاتلار ئوقۇيتتى. شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلدىغانلار ئۆز ئىبادىتىنى ئېگىز تاغلارغا چىقىپ قىلغان. ئالتاي تاغلىرى ئۇلۇغ تاغ روھلىرىنىڭ توپلانغان يېرى سۈپىتىدە كۆرسىتىلمەكتە. شۇڭلاشقا، ئالتاي شامانىزمدا يەر روھلىرى «يەر-سۇ» ياكى «ئالتاي» دەپ ئاتىلاتتى①. ئالتاي يەنە شامانىزمنىڭ بۆشۈكى بولغاچقا، ئالتاي مەدەنىيتى «شامان مەدەنىيىتى» دەپمۇ ئاتىلدۇ. .SDRIP\  
    {= U?q3qJ9  
    «ئالتاي» دېگەن نامنىڭ ئېتمولوگىيسىنىڭ «ئالتۇن» سۆزىگە باغلىنىدىغانلىقى مەلۇم. مەدەنچىلىك ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەدەنيەت بەلگىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تارىخى نىئولىد دەۋرنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىغا يېتىپ بارىدۇ، شۇنداقلا ئالتۇن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بورۇن تونىغان ۋە ئېرىتكەن مەدەنلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت مەركەزلىرى ئىچىدە مەدەن جەھەتتىن ئەڭ باي ۋە مەدەن ئېرىتىش تېخنىكىسى ئەڭ تەرەققىي قىلغان يەر ئالتاي ۋە بايقال كۆلى ئەتىراپلىرى ئىدى①. ئالتاينىڭ قەدىمكى ۋەسىقىلەردە «ئالتۇن تاغ» دەپ ئاتالغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتتىن قارىغاندا، ئالتايدا ئالتۇن قېزش ۋە ئالتۇن ئېرىتىش تېخنىكىسىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.«ئالتۇن تاغ» دىگەن ئىسىممۇ بۇ يەردە ئالتۇن كۆپ چىققانلىقىغا قاراپ قۇيۇلغان. ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نامىلق مەشھۇر ئەسىرىدىكى بىر رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە: «بىر كېچىسى زۇلقەرنەيننىڭ ئالدىن يۈرەر قوشۇنى تۈرك خاقانىنىڭ قۇشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندۇ. بىر تۈرۈك ئەسكىرى زۇلقەرنەيىننىڭ ئەسكەرلىرىدىن بىرىنى بىر قىلىچ بىلەنلا كىندىكىگىچە ئىككىگە بۆلىۋەتكەن. ئۆلتۈرۈلگەن ئەسكەر تىللا سېلىنغان ھەمىياننى بېلىگە ئېسىۋالغان بولۇپ، ئۇمۇ كېسىلىپ، تىللالار قانغا مىلىنىپ يەرگە تۆكۈلگەن. ئەتىسى تۈرك ئەسكەرلىرى قانغا مىلەنگەن تىللالارنى كۆرۈپ، بىر-بىرىدىن بۇ نېمە؟ دەپ سوراشقاندا، ئۇلار«ئالتۇن قان» دېيىشكەن. شۇڭا، مۇشۇ يەردىكى چوڭ بىر تاغ مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن بولغان بۇ تاغنىڭ ئەتىراپىلىرىدا كۆچمەن تۈرك خەلقلىرى ياشايتتى②. بۇ رىۋايەتتە تىلغا ئېلىنغان تاغنى ئالتاي تېغى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. چۈنكى، «تۈركى تىللار دىۋانى»دا سۆزلەنگەن ئۇيغۇر ئېلى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا قارىتىلغان. ئالتاي ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ شىمالى چېگىرىسىنى تەشكىل قىلغان. #CIRT')y  
    ـــــــــــــــــــ N|'%-7HSC  
    ①كاموران گۆرۈن: «تۈركلەر ۋە تۈرك دۆلەتلىرى تارىخى»، تۈركچە، 24-بەت nwvxV+]  
    ②«تۈركى تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، ئۇيغۇرچە، 1-توم، 123-124-بەتلەر k%{+D{iA.=  
    TK I f~W  
    «بۇ تاغنىڭ ئەتراپلىرىدا كۆچمەن تۈرك خەلقلىرى ياشايتى» دېيىلىشىمۇ، تۈركى تىللىق خەلقلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارىخىي پائالىيىتى بىلەن بىردەك. بۇ يەردە ئالىم ئالتاي تېغىنىڭ نامى، جۇغراپىيلىك جايلىشىشى، مەدەن بايلىقى ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشىنى رىۋايەت شەكىلى بىلەن ئىپادە قىلىپ بەرگەن. ئالتاي تېغى «ئورخۇن-يىنسەي مەڭگۈ تاشلىرى»دا: «ئالتۇن يىش» (ئورمانلىق بىلەن قاپلانغان ئالتۇنتاغ مەنىسىدە) دەپ يېزىلغان. خەنزۇچە كىلاسسىك ئەسەرلەردە مۇشۇ سۆزنىڭ مەنا ۋە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە «金山»، «金微山»، «按台山»، «阿勒台山» دەپ يېزىلغان. «ئالتاي» دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ۋ.ۋ.بارتولد «ئىسلام ئىنىسىكلۇپىدىيسى»، (تۈركچە، 1-توم، 337-بەت)گە يازغان «ئالتاي» ماددىسىدا: «ھازىرقى نامنىڭ ئەسلى ئالتۇن مەنىسىنى ئىپادە قىلىدىغان سۆز بولسا،بۇنىڭغا مۇقابىل پەقەت موڭغۇلچىدىكى< ئالتان > ياكى < ئالتا > سۆزى نەزەر-ئېتىبارىغا ئېلىندۇ. چۈنكى، ئالتاي سۆزى موغۇللار دەۋرىدە ئوتتۇرغا چىققاندەك قىلىدۇ. بۈگۈنكى تۈركى تىللىق خەلقلەر ئالتاي سۆزىنىڭ بۇ مەنىسىدىن خەۋەردار ئەمەس. ھەقىقەتەن، بىر ھېكايىدە خەلق ئېتمولوگىيىسى بۇ سۆزنى «ئالتە ئاي» دىگەن شەكىلدە ئىككى سۆزگە ئايرىپ چۈشەندۈرىدۇ. ئالتاي <ئېگىز تاغ > مەنىسىدە جىنىس ئىسىم سۈپىتىدىمۇ قوللىنىلدۇ» دەپ يازغان. بارتولد ئالتاي دېگەن نامنىڭ ئېتمولوگىيىسىنى تۈركى تىلىدىن ئىزدىگەن. ھەممىگە مەلۇمكى، ئالتايدا قارا قارىغاي بىلەن قاپلانغان قىيالىق تاغلار ۋە قۇيۇق ئورمانلىقلار بار. قەدىمكى ئالتايلىقلار قارا قارىغايلار بىلەن قاپلانغان قىيالىق تاغنى «تايگا» دەپ ئاتىسا، قويۇق ئورمانلىقنى «يىش» دەپ ئاتىغان. رادلوف بۇ خىل تىل پاكىتلىرىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئالتاي دىگەن نام ئالتۇن ۋە تايگا دېگەن سۆزلەردىكى «ئال» ۋە «تاي» دېگەن ئىككى سۆزنىڭ قۇشۇلۇشىدىن ياسالغان دەپ قارايدۇ. بۇ خىل چۈشەندۈرۈش ئالتاينىڭ «ئورخۇن-يىنسەي مەڭگۈ تاشلىرى»دىكى «ئالتىن يىش» دېگەن شەكىلگىمۇ ماس كېلىدۇ①.غەرب مەنبەلىرىدىمۇ، ئالتايدا ئالتۇننىڭ كۆپ چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا بەزى خاتىرىلەرنى ئۇچىراتقىلى بولىدۇ. a~%pwl[Db  
    يۇقىردا بايان قىلىنغان يازما ۋە ئارخېئولوگىيلىك پاكىتلارغا ئاساسەن، ھۇنلارنى تۇران-تۈرك ئىرقىغا تەۋە مىللەت دەپ قاراشقا ھەمدە ئالتاينى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ھاياتلىق بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدىن بىرى دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ. 1F.|bb?  
    ـــــــــــــــــــــ {e H{VBLw  
    ①«تۈرك دۇنياسى تارىخى ژۇرنىلى»، تۈركچە، 1988-يىل، 1-سان، 24-بەت > ^|xa>*  
    [ بۇ يازما باغۋەن تەرپىدىن 2008-05-08 21:06 دە قايتا ]
    ئىت ھۈرەر ، كارۋان يۈرەر
    | ۋاقتى : 2008-05-08 20:36 1 -قەۋەت
    گۈل-چۈشى
    خۇشپۇراق گۈل
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 9572
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1930
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1930دانە
    شۆھرەت: 2787 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 26593 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3089 نۇمۇر
    قوللاش: 2490 نومۇر
    ئالقىش: 4464 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئۇيغۇر
    توردىكى ۋاقتى :107(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    2. ھونلارنىڭ ياۋروپاغا كۆچۈشى pp,A`\  
    b,,2,T@  
    i@D*pi>'  
    ئالتايدا ياشايدىغان بىراكسىفال ئاق تەنلىك كىشىلەرنىڭ قايسى دەۋردىن باشلاپ، ئەتىراپقا قاراپ كېڭىيىشكە باشلىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. ئالىملار ئەڭ قەدىمكى مەدەنيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولغان بىراكسفال سۇمېرلارنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 5000-يىللاردا ئالتاي دالاسىدىن يولغا چىقىپ، غەربى ئاسىياغا كۆچۈپ بارغان، ئۇلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى تۈرك نەسىللىك ئىدى، دەپ قارايدۇ②. بۇ خىل يەكۈن تىل ۋە ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلار ئاساسىدا بەلگىلىك دەرىجىدە ئىسپاتلاندى. 8n&J  
    ــــــــــــــــــ \WZ~nw&  
    ②ۋ.كوپپىرىس: «دەسلەپكى تۈركلىك ۋە ھىندى-گىرمانلار»، تۈركچە، 49-بەت. |sp2Kw%  
    <*nLh`  
    ھۇنلارنىڭ ئالتايدىن سىرتقا قاراپ كېڭىيىش تارىخىمۇ مەنبەلەردە ئېنىق ئەمەس. ئېلىمىز مەنبەلىرىدە، ھۇنلارنىڭ مىلادىيىدىن بىر قانچە مىڭ يىللار بورۇن بۈگۈنكى ئىچكى-تاشقى موڭغۇلىيە تەۋەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى خاتىرلەنگەن. مانا بۇ جايلار قەدىمكى غەرب جۇغراپىيە ئالىملىرىدىن ئورىئوس ۋە پىتولومىيىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى قىستۇرما خەرىتىدە «ھۇنلار يېرى» دەپ كۆرسىتىلگەن. بەزى ھىندى مەنبەلىرىدە، ھۇنلارنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 250-يىللاردا كەشمىر ئەتىراپىلىرىدا كۆرۈلگەنلىكى خاتىرلەنگەن①.زوروئاستېر دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى «ئاۋبىستا»دا ھۇنلار «ھىيۇن» (hiyun) ۋە «ھىيائونا» (hyaona) دەپ يېزىلغان. 0|w\sp{  
    ھۇن دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مەنىسى توغرىسىدا، ھەر قايسى دۆلەت ئالىملىرى ئوتتۇرسىدا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت. خەنزۇ ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر ئالىملىرى، ھۇن دېگەن نام ئورخۇن دەرياسىنىڭ نامىدىكى «خۇن» سۆزىدىن كېلىپ چىققان، دەپ قارايدۇ. [;W_ gA!ub  
    ھۇنگىر ئالىمى گ.نېمېز ھۇن دېگەن نام تۈركىي تىلىدىكى «ئىنسان، خەلق» دېگەن مەنىدىكى «گۈن» (كۈن) دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان، دەيدۇ. _&'{Vb  
    نېمىس ئالىملىرىدىن ئالزىم ھۇن دېگەن نامنى تۈركىي تىلىدىكى «كۈچ-قۇۋۋەت» دېگەن مەنىدىكى «قۇن» سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلىپ چۈشەندۈرسە، ئۆمەليان پېرىتساك ھۇن سۆزى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1000-يىللارنىڭ باشلىرىدا «kwan»، «gun»، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىرلەردە «kun» «khun» دەپ تەلەپپۇز قىلىناتتى، دەيدۇ. U=(&1Nz@  
    ــــــــــــــــــ OF=Aw'E%  
    ①ر.شافىر: «دەسلەپكى ھۇنلار»،« b h j a u مەجمۇئەسى»، تۈركچە، 38-بەت w2,d+{  
    iO<) o,9G  
    ئورخۇن سېلىنگا دەرياسى بويلىرى بىلەن تۈركى تىللىق مىللەتلەر مۇقەددەس بىلىدىغان ئۆتۈكەن ۋادىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا خۇاڭخې ۋە ئوردۇسقىچە كېڭەيگەن ھۇنلار، مىلادىدىن بۇرۇنقى نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سۇلالىلەر بىلەن تۈرلۈك مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن. بۇ خىل مۇناسىۋەت بەزىدە نورمال دوستلۇق خاراكتېرىدە داۋاملاشسا، بەزىدە ئۆز-ئارا ئۇرۇش قىلىش خاراكتېرىدە داۋاملاشقان. شۇ سەۋەبلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىدىكى كۈلپەت- ئەلەسلەرگە ئېچىنغان خەنزۇ شائىرلار: «قالدۇق ئۆي-ماكانسىز ھۇنلارنىڭ بالاسىدىن، ھەر كۈنى ھوشىيار تۇرمىساڭ يېڭىلىسەن ھۇنلاردىن»①. دەپ نەزمە پۈتۈشكەن. مانا بۇ پاكىتلار ئەينى دەۋردە ھۇنلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۈچۈن ئېغىر تەھدىتكە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھۇنلارنىڭ تېخىمۇ قۇدىرەتلىك بىر سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرا ۋە شەرقى ئاسىيا تارىخ سەھنىسىدە ئۆزىنى كۆرسىتىشى، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردىن باشلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە جۇ سۇلالىسى زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، ئۇنىڭغا قاراشلىق ھەر قايسى بەگلىكلەر ئوتتۇرسىدا ئۈستۈنلۈك، زوراۋانلىق تالىشىش ئۇرۇشى ئەۋج ئالغانىدى. چىن بەگلىكىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرگەن باشقا بەگلىكلەر، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 318-يىلى ھۇنلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ھۇنلارنىڭ ئەسكىرىي كۈچى ئارقىلىق چىن بەگلىكىگە تاقابىل تۇرماقچى بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ھۇنلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى كۆپىيىشكە باشلىغان. كېيىن چىن بەگلىكىنىڭ بېگى چىن شىخۇاڭ ھۇنلارنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇش ئۈچۈن، بەزىبىر تەدبىرلەرنىمۇ قوللانغان. ئالدى بىلەن ئۇ ئىلگىرى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ياساتقان سېپىللىرىنى ئاساس قىلىپ ئۇنى غەربكە سۈرۈپ ھۇنلار ھۇجۇم قىلىپ كىرىدىغان جايلاردا سېپىل سوقتۇرغان. شۇنداق قىلىپ ھۇنلارغا قارىشى مۇداپىئە سېستىمىسى سۈپىتىدە مەشھۇر سەددىچىن سېپىلىنى (چىن تېمى دېگەن مەنىدە) بارلىققا كەلگەن. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھۇنلارغا قارىشى مانا مۇشۇنداق كۈچلۈك تۈردىكى مۇداپىئە سېستىمىسى بارلىققا كەلگەن ۋاقىتتا، ئوتتۇرا ۋە شەرقى ئاسىيا تارىخىدا ئىككى مۇھىم ۋەقە يۈز بەردى. ئۇنىڭ بىرى، باتۇرنىڭ ھۇن ئېمپىراتورى بولۇشى، يەنە بىرى خەن سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىدى. ?{7*.gKzH  
    QyfZ&Y~W  
    ــــــــــــــــــــ -?J Je  
    ①بەنگۇ: «خەننامە»، «ھۇنلار ھەققىدە قىسە»، ئۇيغۇرچە، 681-بەت ?-Dm f-O>  
    LZ7z4Xl!*  
    ھۇن مەركىزىدىكى مەلىكىنىڭ ھىمايىسىدىن پايدىلانغان خەن سۇلالىسى دىپلوماتلىرى ۋە ئەلچىلىرى ھۇن ئېمپىرىيىسى زىمىندا ئەركىن-ئازادە ئايلىنىپ يۈرەتتى.ئۇلار ھۇنلار ۋە ھۇنلارغا تەۋە مىللەتلەر ئوتتۇرسىدا ھۇنلارغا قارىشى سۆز-چۆچەك تارقىتىپ، ئاستا-ئاستا ھۇن ئېمپىرىيىسىنى يوقىتىشقا ئۇرىناتتى. بۇنىڭدىن باشقا تىجارەت مېلى سۈپىتىدە ئېلىپ كىرىلىپ، ھۇن ھۆكۈمرانلار تەبىقىلىرى ئارىسىدا يۇقىرى ئېتىبارغا ئېرىشكەن يېپەك رەخىت، ھۇنلارنىڭ مەنمەنچىلىك تۇيغۇسىنى قوزغاپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ بوشاڭ-ھۇرۇنلۇقىنىمۇ كۈچەيتىۋەتكەندى. كۆك تەڭرىقۇت دەۋرىدە ئانچە كۆپ ھىس قىلىنمىغان بۇ خىل يامان ھادېسە، ئۇنىڭ ئوغىلى كۈن-چىن دەۋرىدە (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 161-126-يىللار) چوڭ كۆڭۈلسىزلىكنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە ئۆزىنى كۆرسەتتى. يەنە كېلىپ، باتۇر تەڭرىقۇت ۋە كۆك تەڭرىقۇتقا سېلىشتۇرغاندا، كۈن-چىن تەڭرىقۇت ئىقتىدار جەھەتتىن ئاجىزراق بولغاچقا، ھۇنلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدە بەزى مەسىللەرنىڭ كۆرۈلۈشى تەبئىي ئەھۋال ئىدى①. $e2\t  
    ۋۇدى خەن سۇلالىسىدە تەخىتكە چىققان مەزگىلدە (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 141-89-يىللار)، خەن سۇلالىسى تەسىر دائىرىسنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، نەزىرنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىلىنمىگەن رايونلارغا ۋە مىللەتلەرگە يۆتكىدى. ST> 5   
    خەن سۇلالىسى ئۆزىنىڭ ئىچكى ۋەزىيتىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن، تاشقى مەسىلىنى قولغا ئېلىپ، ھەممىدىن ئاۋال ھۇنلارنىڭ تەھدىتىنى يوقىتىشقا قەدەم قويدى. ۋۇدى ئالدى بىلەن نۇرغۇن كىشىلىك قوشۇن تەشكىللەپ، تەدبىر-چارىلەرنى تۈزۈپ، تەشۋىقاتنى كۈچەيتتى.ئۇنىڭ مەقسەت-غايىلىرىدىن بىرى، خەن سۇلالىسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ كىرىم مەنبەسى بولغان يىپەك رەخىتكە غەرب تەرەپتىكى رايونلاردا يېڭى بازار ئېچىپ، ئىچكى ئاسىيانى كېسىپ ئۆتۈپ، ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىغا قەدەر سوزۇلۇپ بارىدىغان يېپەك يولىنىڭ كونتىروللۇق ھوقۇقىنى قولغا ئېلىش ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا ۋە غەربى ئاسىيادىكى يات مىللەتلەرنىڭ توسالغۇسىنى يوقىتىشقا توغرا كېلەتتى. 3 @ysn 0:  
    ـــــــــــــــــــــ 'CuVLMA  
    ①لىن گەن: «ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى»، خەنزۇچە، 13-بەت >$.-OlzF7  
    c9"uD$/L  
    مەلۇم بولغىنىدەك، تەخمىنەن مىلادىيە 1000-يىللارنىڭ ئاخىرىغا قەدەر داۋاملاشقان، ھۇن-خەن ئۇرۇشى، تۈرك-تاڭ ئۇرۇشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىدىن بىرى، مۇشۇ كارۋان يولىنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەسىلىسىنى تالىشىشى ئىدى. ۋۇدىنىڭ يىپەك يولى ئۈستىدىكى مىللەتلەر ۋە مەملىكەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ۋە ئۇلار بىلەن ھۇنلارغا قارىشى ئىتتىپاق تۈزۈش مەقسىتىدە غەربكە ئەۋەتكەن ئەلچىسى جاڭ چىيەن، يېرىم يولدا ھۇنلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئون يىل نازارەت ئاستىدا تۇتۇلغان. شۇنداق بولغىنىغا قارىماي، جاڭ چىيەننىڭ بۇ تەرەپلەردە تۇرغان ۋاقىتتا ئېرىشكەن مەلۇماتلىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ يۇقىرىغا سۇنغان تەكلىپلىرى ۋۇدىنى چەكسىز شاتلاندۇرغان. بۇ دوكلات كېيىنكى چاغلاردىكى سۇلالىلەرنىڭ غەربىي يۇرت سىياسىتى ئۈچۈن كۆرسەتمىگە ئايلانغان①. l!1653m  
    ۋۇدى دەۋرىدە خەن سۇلالىسى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئۇتۇققا ئېرىشتى. ئۇ بولسىمۇ خەن سۇلالىسى ئۆز قوشۇنىنى ھۇن ئۇسلۇبىدا تەشكىللەپ، ھۇن قوراللىرى بىلەن قوراللاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 318-يىلىدىكى ئىتتىپاق تۈزۈش كېلىشىمىگە قاتنىشىپ، ھۇنلارنىڭ ھەربىي ياردىمىگە ئېرىشكەن جاۋ بەگلىكى دەۋرىدە باشلىنىپ، كېيىن شىمالىىي جۇڭگودىكى فېئودال بەگلىكلەرنى يوقىتىپ،چىن سۇلالىسىنى بەرپا قىلغان چىن شىخۇاڭ دەۋرىدە تىز سۈرئەتتە داۋاملاشتۇرۇلغان بۇ ھەربىي ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى، خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ۋۇدى دەۋرىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ قوماندانلىرىدىن ۋېي چىڭ بىلەن خۇ چۈبىڭ تەرىپىدىن زور ئۇتۇققا ئېرىشتۈرۈلدى. V&sAJ"Do  
    ــــــــــــــــــــــ Upw)g  
    ①ل.لىگەتى: «بىلىنمىگەن ئىچكى ئاسىيا»، تۈركچە، 51-58-بەتلەر. wndIlg  
    !4GnWn  
    ئۇلارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 127-يىلى ۋە 115-يىلاردا ئوردۇستا ھۇنلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىشى، ھۇنلارنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت رايونىنىڭ غوبى (گۇبى)دىن شىمالغا، ئورخۇن دەرياسى بويلىرىغا سۈرلۈشكە سەۋەب بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھۇنلار بۇرۇنقى قۇدرەتلىك ھالىتىگە قايتىپ كېلەلمىدى. خەن سۇلالىسى ئوردىسىنى قاپلىغان «ھۇن قوشۇنى يېڭىلمەستۇر» دېگەن قاراشمۇ ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇشقا باشلىدى. qDlp eT+  
    ھۇنلارغا قۇلقۇ تەڭرىقۇت بولغاندىن باشلاپ، (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 101-96-يىللار) 40 يىل داۋامىدا غەربىي جەنۇب تەرەپتىكى مۇنبەت ۋە باي تۇپراقلار (جۇڭغارىيە، تەڭرىتېغى ئېتەكلىرى، تۇرپان، كۇچار، قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق جايلار) خەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەچكە ھۇنلارنىڭ دۆلەت مالىيەسى ئازلاپ كەتتى. يەنە كېلىپ شۇ ۋاقىتقا قەدەر خەن سۇلالىسى تەرىپىدىن ھەدىيە ۋە خىراج سۈپىتىدە يوللىنىپ تۇرغان مالىيە كۈچلىرىمۇ ئۈزۈپ تاشلاندى. خەن سۇلالىسى تەشۋىقاتىنىڭ ئۆزىنى كۆرىسىتىشى نەتىجىسىدە، ئىچكى زىددىيەتمۇ بارغانسىرى كۈچىيىپ، ئۇرۇش پارتىلاش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى، ئىقتىسادى جەھەتتىكى قىسلىق ۋە ھەربىي كۈچ جەھەتتىكى ئاجىزلىق تۈپەيلى، قوغشار تەڭرىقۇت ماددى ياردەمگە ئېرىشىش مەقسىتىدە خەن سۇلالىسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا ئۆتتى①. بۇ ۋەقە تۈپەيلى ھۇنلارنىڭ ۋەزىيتى مۇرەككەپلىشىپلا قالماي، بەلكى يەنە ھۇنلار شىمالىي ۋە جەنۇبىي ھۇنلار دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. 6_DO2o/y  
    ـــــــــــــــــــــــ _ $Y91"6  
    ①لىن گەن: «ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى»، خەنزۇچە، 67-بەت ]=QVbH KDw  
    F?rR##4u,  
    قوغشار تەڭرىقۇت ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىدە، ئۆز ئىنىسى سول قول بىلگە خان چىچى تەڭرىقۇت تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، مىلادىيدىن بۇرۇنقى52-يىلى خەن سۇلالىسىگە بېقىندى. خەن سۇلالىسى پادىشاھى ئۇنىڭغا جاۋجۈن مەلىكىنى ياتلىق قىلىپ، ئۇنىڭ ھۇن ئېمپىرىيىسىدىكى ئەڭ چوڭ ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم قىلدى. خەن سۇلالىسى بۇ يول ئارقىلىق ھۇنلارنى ئۆزىنىڭ قولى بىلەن يوقاتماقچى بولدى. چىچى تەڭرىقۇت خەن سۇلالىسىنىڭ قوغشار تەڭرىقۇتنى قوللىغانلىقىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەلچىسىنى ئۆلتۈرۋەتتى.لېكىن، خەن سۇلالىسى بىلەن قوغىشار تەڭرىقۇتنىڭ بىرلەشمە كۈچى ئالدىدا نسبەتەن ئاجىزراق ئورۇندا تۇرغان چىچى تەڭرىقۇت، شىمالىي ھۇنلارنى باشلاپ يەتتە سۇدىكى تالاسقا كۆچۈپ كەلدى. ئۇ، سەمەرقەند خانلىقى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ،ئوتتۇرا ئاسىيادا قايتىدىن ئۆزىنىڭ سىياسىي قۇدرىتىنى تىكلىدى. چىچى تەڭرىقۇت مىلادىيدىن بۇرۇنقى 43-يىلى، تالاس دەرياسى بويىدا ئەتىراپى سېپىل بىلەن قورشالغان پايتەخىتنى سالدۇردى. ئەمما، چىچى تەڭرىقۇتنىڭ بۇ يەردىكى ھۆكۈمرانلىقىمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 36-يىلى خەن سۇلالىسى قوماندانى چېن تاڭ 70مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلىپ، سەمەرقەندتە چىچى تەڭرىقۇت بىلەن قاتتىق سوقۇشتى. ئۇرۇشتا چىچى تەڭرىقۇت، شاھزادىلەر، خانىشلار ۋە دۆلەت ئەمەلدارلىرى بولۇپ، 1518 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. شۇنىڭ بىلەن، چىچى تەڭرىقۇتنىڭ تالاس دەرياسى بويىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشتى. =wd{@P+h  
    قوغشار تەڭرىقۇت ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ خەن سۇلالىسى يۈرگۈزگەن ھۆكۈمرانلىقى 70 يىل داۋاملاشتى. غۇتۇئارشى تاۋغانوتى تەڭرىقۇت دەۋرىگە كەلگەندە، (مىلادىيە 18-46-يىللار)، ھۇنلار خەن سۇلالىسىگە بولغان بېقىندىلىقنى بىكار قىلىپ، شەرقتە مانجۇرىيدىن، غەربتە قەشقەرگىچە بولغان جايلارنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈردى. غۇتۇئارشى تاۋغانوتى تەڭرىقۇت ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدا يەنە نىزا كۆتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قۇرغاقچىلىق ۋە چېكەتكە ئاپىتى يۈز بېرىپ، سانسىزلىغان چارۋا-ماللار ئۆلۈپ كەتتى. مانا شۇنداق ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبىدىن، مىلادى 48-يىلى، ھۇنلار قايتىدىن شىمالىي ۋە جەنۇبىي ھۇنلار دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى①. ,-R p_YB  
    ھۇنلار ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن، جەنۇبى ھۇنلار ئورخۇن دەرياسى بويلىرىدىن ئايرىلىپ، بۈگۈنكى ئىچكى موڭغۇلىيىدىكى شۇفاڭ، يۈنجۇڭ ۋە ۋۇيەن قاتارلىق رايونلارغا كۆچۈپ كېلىپ، خەن سۇلالىسى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، شىمالىي ھۇنلارغا قارىشى كۈچكە ئايلاندى. بۇ مەزگىلدە ھۇنلارغا قاراشلىق موڭغۇل-تۇڭگۇس قوۋملىرىدىن سىيانپىي (سىبىر) ۋە ئوغانلارمۇ خەن سۇلالىسىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئىسيان كۆتۈرۈپ، شىمالىي ھۇنلارغا قارىشى ھۇجۇمغا ئۆتتى. جەنۇبىي ھۇنلارمۇ خەن سۇلالىسىگە ياردەملىشىپ، شىمالىي ھۇنلارغا قارىشى ھۇجۇمغا ئاتلاندى. مىلادىيە 89-يىلى، شىمالىي ھۇنلار ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇب بولدى. شۇنىڭ بىلەن شىمالىي ھۇنلارنىڭ زور كۆپچىلىكى غەربكە قاراپ كۆچتى. بىر قىسىمى ئورخۇن دەرياسى بويىدا تۇرۇپ قالدى②.ئۇلار كېيىن سىيانپىيلارغا قوشۇلۇپ كەتتى. غەربكە قاراپ كۆچكەن شىمالىي ھۇنلار چىچى تەڭرىقۇت دەۋرىدە، يەتتە سۇ رايونىغا كېلىپ ماكانلىشىپ قالغان ھۇنلارغا قوشۇلۇپ، ھازىرقى قازاقىستان تەۋەسىدە غەربىي ھۇن ئېمپىرىيىسىنى تەشكىل قىلدى. بۇ دۆلەتنىڭ بايرىقى بولسا، ئاچ سېرىق رەڭلىك تۆت چاسا يىپەك بايراق ئىدى. مانا شۇ شىمالىي ھۇنلار مىلادىيە 2-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياۋروپادا كۆرۈلۈشكە باشلىدى. لېكىن، ھۇنلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ياۋروپاغا كۆچۈشى مىلادىيە 4-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يۈز بەردى. مانا بۇ ھۇنلار تارىختا ياۋروپا ھۇنلىرى، دەپ ئاتىلدۇ. gFkV34l  
    ـــــــــــــــــــــــ A =1Arge}  
    ①«ئىسلام ئىنسىكلوپىدىيسى»، تۈركچە، 12-توم. 2-جىلىد، 152-بەت. BWMSn6\R  
    ②لىن گەن: «ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى»، خەنزۇچە، 107-108-بەتلەر. F^{lX2  
    [Zbm&3%  
    جەنۇبقا كۆچكەن جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بولسا گاھىدا خەن سۇلالسىگە قارام بولۇپ، گاھىدا مۇستەقىل ھالدا داۋاملىشىپ، مىلادىيە 188-يىلىغا كەلگەندە خەن سۇلالىسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 209-يىلى قۇرۇلغان ھۇن ئېمپىرىيىسى يۇقىرقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاغدۇرۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ تامامەن يوقالغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئەمەس ئىدى. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە خەن سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ، ھۇنلار يەنىلا مۇھىم بىر كۈچ سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىپ كەلدى. مىلادىيە 4-5-ئەسىرلەردە مانا شۇ ھۇنلار ئېلىمىز تارىخىدا كېيىنكى خەن (مىلادىيە 304-329-يىللار)، ئالدىنقى جاۋ (مىلادىيە 328-352-يىللار)، كېيىنكى شىيا (مىلادىيە 407-431-يىللار)، شىمالىي لىياڭ (مىلادىيە 401-439-يىللار) قاتارلىق پادىشاھلىقلارنى قۇردى. شىمالىي لىياڭ سۇلالىسى مىلادىيە 439-يىلى تابغاچلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ دۆلەتنى قۇرغان ھۇنلار ھازىرقى شەرقىي شىنجاڭغا كۆچۈپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇ دۆلەت تارىختا «لوپنۇر خانلىقى» (مىلادىيە 442-460-يىللار) دەپ ئاتالدى. بۇ ھۇنلار كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ناھايتى مۇھىم رول ئوينىغان تۈركلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم ئېتنىك مەنبەگە ئايلىنىپ قالدى. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھۇنلار بولسا كېيىن خەنزۇلارغا قوشۇلۇپ كەتتى. u& d C  
    بۇ يەردە ئىككى مەسىلنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. بىرى، غەربنىڭ قەدىمكى جۇغراپىيە ۋە تارىخى ئەسەرلەردە قارا دېڭىزنىڭ شەرقىدىن تارتىپ، تاكى جۇڭگونىڭ شىمالىغىچە بولغان جايلار «سىكتىيە» دەپ ئاتالغان بولسا، بۇ جايدا ياشىغان ھەر قايسى كۆچمەن ۋە ئولتۇراق مىللەتلەر قايسى تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇلار بىردەك ھالدا «سىكتىلەر» (سېكىفلەر دەپمۇ ئاتىلدۇ) دەپ ئاتالغاندى. شەرقتىن كۆچۈپ كەلگەن ھۇنلارمۇ قەدىمكى غەرب ئاپتورلىرى تەرىپىدىن مۇشۇنداق نامدا ئاتىلىشتىن خالىي بولالمىدى. شەرقىي رىم ئاپتورلىرى ھۇنلارنى ھېرودوت تىلغا ئالغان قەدىمكى شەرق مىللەتلىرى بىلەن بىر دەپ قارىغان. تودۇرېتۇس ۋە پىرىسكوس قاتارلىقلار ھۇنلارنى «سىكىت» دەپ يازغان. زوسموس بولسا ھۇنلارنى «كىرال سىكىتلىرى» دەپ يازغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ھۇنلارنى ئاتاشتا ھېرودوت تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن سىگۇنناي دېگەن نامنىمۇ ئىشلەتكەندى. پىروكوپئوس ھۇنلارنى «كىممىروي» ۋە «ماسساگىت» دەپ ئاتىغاندى. يەنە بىر مەسىلە شۇكى، ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا غەرب دۇنياسىدا 18-ئەسىردىلا تەتقىقاتلار باشلانغان. لېكىن، غەرب ئىلىم ساھەسىدە ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ ئاسىيادىن كۆچكەن ھۇنلار ئىكەنلىكى ئالىملار تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنغانغا قەدەر بولغان ئارلىقتا، ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە تۈرلۈك كۆز قاراشلار ئوتتۇرغا قۇيۇلغان. ئېلىپ ئېيتساق ژ.دېگۇيگەنىس، ژ.كىلاپروت، ك.پ نئومانن، ئا.تىرىي، ۋ.ۋ رادلوف، پ. پېلىئوت، ھى.شىراتورى، ئو.فىرانكى، ر.گىروسېت قاتارلىقلار ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا فىن، فىن-ئۇغۇر، ئۇيغۇر، موڭغۇل، تۈرك- موڭغۇل ئارلاشمىسى، تۈرك-موڭغۇل-مانجۇ ئارلاشمىسى دەپ قارىغان. ۋېنلىن،ئىلىۋايسىكى، زىبىلىن، قاتارلىقلار ھۇنلارنى سىلاۋيان مىللىتىگە باغلىغان.موللېنخوف، ئا.فىخ، ر.مۇخ، ژ.خۇپىن قاتارلىقلار ھۇنلارنى گېرمان مىللىتىدىن كېلىپ چىققان، دەپ قارىغان بولسا، ل.زىلىچ، قاتارلىقلار ھۇنلارنى كاۋكاز قوۋمىگە باغلىغان. ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا بۇنداق كۆپ خىل تالاش-تارتىشنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىدىكى سەۋەب، ياۋروپا ھۇن ئېمپىرىيىسىنى نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر تەشكىل قىلغاندى. ئېمپىرىيە ئىچىدە ھاكىميەت يۈرگۈزگۈچى مىللەت ھۇنلار بولسىمۇ، لېكىن ئېمپىرىيە ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنى تەشكىل قىلغان كۈچلەر ئىچىدە ھەر ۋاقىت گوتلار، گىپىدلەر، ۋانداللار، سىكلوۋىنلار، ئانتىلار، چەرەمىشلەر ۋە موردېۋىنلەر قاتارلىق سىلاۋيان، گېرمان، ۋە فىن-ئۇغۇر خەلقلىرىنىڭ بولۇشى، يەنە شۇنداقلا ئالانلار ۋە سارماتلار قاتارلىق ئىران نەسىللىك خەلقنىڭ بولۇشى، يۇقىرقىدەك كۆپ خىل تالاش-تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.
    d'S-YN_*  
    `FV&'imy  
    hjp3rNI  
    a# U4{DYEU  
    m6f)|T&  
    f% _4,y  
    +w^;/|QT  
    .] CkH9  
    #os 
    ياخشى تېمىغا تۇتۇش قىپسىز رەھمەت سىزگە ، باغۋەن ھاجىم،،،، بۇنى ئۇقۇغاچ تۆۋەندىكى ھون ئىمپىراتۇرى ئاتىللا دېگەن فىلىمنى كۆرۈپ قۇيۇڭلار ،،،، Q)$Y o$TW  
    E85.8[  
    =`p6/  
    : qBqa6NX  
    eiM@s@YB  
    [ بۇ يازما باغۋەن تەرپىدىن 2008-05-08 21:01 دە قايتا ]
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+20(نەسرۇللا)
  • salkin-bbs
     كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قەدىرلەش ، ئۇلۇغلاش تۇيغۇسى بولىدۇ . بىراق ، كىمنى ، نېمىنى قەدىرلەشكە ھېچكىم چەك قويالمايدۇ . ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمىگەن كىشى ئاخىرى ۋىجدان ، ئەقىدە ، ئادەمگە خاس سەزگۈرلۈكتىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قالىدۇ .
    | ۋاقتى : 2008-05-08 20:37 2 -قەۋەت
    پـەرۇخ
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9646
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 564
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە564دانە
    شۆھرەت: 577 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 3250 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 617 نۇمۇر
    قوللاش: 589 نومۇر
    ئالقىش: 687 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :186(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    "bY#tcr*  
    tu^4cg50`{  
    r}M , N.7  
    3.ياۋروپا ھۇن ئېمپىرىيسىنىڭ قۇرۇلۇشى aYJ~P> 
    IV{g)+Ri'  
    Tot^S9s9]  
    مىلادىيە 350-يىلى ھۇنلار ھازىرقى قازاقىستان دالىسىدىن ھەيۋەت بىلەن كاسپى دېڭىزىنىڭ شىمالىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. بۇ مەزگىلدە كاسپى دېڭىزىنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا ئالان①دۆلىتى بار ئىدى. لاتىن تارىخچىسى ماركىللىننوسنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ھۇنلار مىلادىيە 355-يىلى ئالانلارنىڭ دۆلىتىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇلارنى غەربكە كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان. مىلادىيە 360-370-يىللار ئارىسىدا ھۇنلار ئاناتولىيىدىكى ئۇفراغا قەدەر يۈرۈش قىلىپ بارغان. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ھۇنلار كاسپى دېڭىزىنىڭ شىمالىدىن غەربكە قاراپ يۈرۈش قىلغان. ھۇنلارنىڭ بۇ قېتىمقى يۈرۈش قىلىشى ناھايتى ھەيۋەتلىك ۋە قورقۇنچلۇق بولغاچقا، بۇ ھەرىكەت شۇ جايلاردىكى مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان②. بەزى مەنبەلەردە ھۇنلار ياۋروپاغا قاراپ كۆچكەندە، ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر بۇغىنىڭ يول باشلاپ ماڭغانلىقى سۆزلىنىدۇ③. يەنە بەزى رىۋايەتلەردە ھۇنلار مائۇتىس دەرياسىدىن بىر بۇغىنىڭ ياردىمىدە كېسىپ ئۆتكەنلىكى سۆزلىنىدۇ④. ylbA<26hc"  
    مىلادىيە 374-يىلى كۈچلۈك ئاتلىق قوشۇنغا ئىگە ھۇنلار قارا دېڭىزنىڭ شىمالىغا بېسىپ كەلگەن.لاتىن تارىخچىسى جوردانىسنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ چاغدىكى ھۇنلارنىڭ داھىيسى بالامبەر (بەزىلەر بالامىر دەپمۇ يازىدۇ. بالامبەر باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ 15-نەۋرىسى، چىچى تەڭرىقۇتنىڭ 9- نەۋرىسى ئىدى)دېگەن كىشى ئىدى. Ji\eou}6  
    ـــــــــــــــــــــــــــ (sUC@(pgX  
    ①«ئالان» سانسىكرىتچە سۆز بولۇپ، «يىراق دالدا ياشىغۇچىلار»دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. !:hU32F7  
    «تۈرك ئىنىسىكلوپىدىيسى»، تۈركچە، 1-توم، 420-بەت. hNata2  
    ②«دۇنيانىڭ ئومۇمىي تارىخى»، خەنزۇچە، 2-توم، 2-قىسىم،1117-بەت. M^^A;gd  
    ③ئايدىن تانەرى: «تۈرك دۆلەت ئەنئەنىسى»، تۈركچە، 23-بەت. DO{:FW{0N  
    ④«تۈرك ئىنىسىكلوپىدىيسى»، تۈركچە، 19-توم، 384-بەت. U-g'*oQ  
    k's Ks  
    تارىخ سەھنىسىگە مىلادىيە 372-يىلى چىققان بالامبەر ھاكىميەت ئىدارە قىلىش جەھەتتە يېتىشكەن سىياسىئون، ھەربىي تاكتىكا سەنئىتى جەھەتتە جەسۇر ۋە ماھىر قوماندان ئىدى. بالامبەر ئالدى بىلەن بۇ ئەتىراپتىكى سارمات ۋە سىكىت قوۋمىلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇلاردىن ئۆزىنىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى تولۇقلىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، بالامبەر شەرقىي گوتلار ئۈستىگە يۈرۈش قىلغان. بۇ چاغدا قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى جايلار گېرمان نەسىللىك گوتلارنىڭ ئىشغالىيتى ئاستدا بولۇپ، دون-دىنپىر دەرياسى ئارلىقىدىكى جايلاردا شەرقى گوتلار (ئوستگوتلار)، ئۇنىڭ غەربىدىكى جايلاردا بولسا غەربىي گوتلار (ۋېستىگوتلار) ياشايتى. غەربىي گوتلارنىڭ غەربىدىكى ترانسىلۋانىيە ۋە گالچىيىيىدە گىپىدلار، بۈگۈنكى ھۇنگرىيىدە ۋانداللار ياشايتتى. بۇ تۆت گېرمان قوۋمىدىن باشقا، يەنە بۇ ئەتراپتا ئىران ۋە سىلاۋيان خەلقلىرىمۇ بار ئىدى. mD(T&> 3  
    بالامبەر شەرقىي گوتلارنى مەغلۇب قىلىشتا بىر تەرەپتىن تۇيۇقسىز ھەم شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى قوللانغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھۇنلارنىڭ دەھشەتلىك ھەيۋىسىنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنى روھى جەھەتتىنمۇ ئاجىزلاشتۇرغان. شەرقىي گوتلارنىڭ پادىشاھى ئەرمانارىك ھۇنلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇب بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان. ئەرمانارىكنىڭ تەخىتكە ۋارىسلىق قىلىدىغان ئوغلى بولمىغاچقا، گوتلار خانلىقىنىڭ باشقا بىر جەمەتىدىن بولغان ۋىتخىمىرنى ئۆزىگە خان قىلىپ تىكلىگەن. ۋىتخىمىر تەخىتكە چىققاندىن كېيىن شەرقىي گوتلارنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، قوشنا مىللەتلەر ئۈستىگە يۈرۈش قىلماقچى بولغان. شەرقىي گوتلارنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىنى خالىمىغان تاكتىكىلىق بالامبەر شەرقىي گوتلارنىڭ ئارىسىغا ئىتتىپاقسىزلىق ئۇرۇقىنى چېچىپ، ۋىتخىمىرگە قارىشى كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. شۇ ئارقىلىق ۋىتخىمىرنىڭ ئۆز مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پۇرسەت بەرمىگەن. مىلادىيە 375-يىلى ۋىتخىمىر نامەلۇم بىر كىشى تەرىپىدىن ئېتىلغان ئوقتا ئۆلگەن. شۇنىڭ بىلەن، ۋىتخىمىرنىڭ قىسقىغىنە ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان. ۋىتخىمىرنىڭ تەرەپدارلىرى ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن، ھۇنلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش نىيىتىدىن ۋاز كېچىپ، دىنىستىر دەرياسىنىڭ غەربىدىكى غەربىي گوتلار ئىچىگە قېچىپ بارغان. شەرقىي گوتلارنىڭ كۆپچىلىكى بولسا، ئەسلى جايلىرىدا قېلىپ، ھۇنلارغا بويسۇنغان①. ھۇنلار شەرقىي گوتلارنى تارمار قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارغا ھۇنىمۇد دېگەن كىشىنى خان قىلىپ سايلىغان. شۇنىڭ بىلەن، جەنۇبىي روسىيە دالىسى ھۇنلارنىڭ ئىلكىگە ئۆتكەن. ھۇنلار بۇ جاينى بازا قىلىپ تۇرۇپ ئەتراپقا قاراپ كېڭەيگەن. &RqRdv  
    شەرقىي گوتلارنىڭ ھۇنلار تەرپىدىن تارمار قىلىنغانلىق خەۋىرى غەربىي گوتلار ئىچىگە يېتىپ بېرىشى بىلەنلا، ئۇلار قورقۇپ قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن. ھۇنلارنىڭ ئەمدى ھۇجۇم نىشانىنى ئۆزلىرىگە قاراتقانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتكەن غەربىي گوتلار، دىنىستىر دەرياسىنىڭ غەربىي تەرپىگە مۇستەھكەم قورغانلارنى سېلىپ، مۇداپىئەنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ھۇنلارنىڭ دەريادىن ئۆتىشىنى توسىماقچى بولغان. غەربىي گوتلارنىڭ پۇختا تەييارلىقىنى كۆرگەن بالامبەر ئايلانما ئۇرۇش قىلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، غەربىي گوتلار مۇداپىئەسىز قالدۇرغان دىنىستىر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىن ئايدىڭ كېچىدە كېسىپ ئۆتۈپ، غەربىي گوتلارنىڭ ئۈستىگە يان تەرەپتىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىغان. ئۇرۇشتا غەربىي گوتلار قاتتىق مەغلۇپ بولغان. پادىشاھ ئاتخانارىك مەغلۇپ بولغان غەربىي گوتلارنى باشلاپ، رىم ئېمپىرىيىسىگە قاراپ قاچقان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ھۇنلار ناھايتى كۆپ ئولجىغا ئېرىشكەن. غەربىي گوتلار مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، دىنىستىر دەرياسى بىلەن ئىسپانىيە ئارلىقىدىكى جايلاردا ياشايدىغان ھەر قايسى مىللەتلەر ھۇنلارنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ، ئارقا-ئارقىدىن رىم ئېمپىرىيىسىگە قېچىپ كىرگەن. مانا بۇ تارىختا ناھايتى زور سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغان مىللەتلەر چوڭ كۆچۈش ھەرىكىتى ئىدى①. شۇنداق قىلىپ گوتلار پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بالامبەر مىلادىيە 375-يىلى زىمىنى ئىتىل (ۋولگا) دەرياسىدىن، دوناي دەرياسىغىچە سۇزۇلغان ياۋروپا ھۇن ئېمپىرىيىسىنى قۇرغان. بۇ ئېمپىرىيىنىڭ پايتەختى دوناي دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىن بويىدا ئىدى. بۇ جاي ھەر قايسى تەرەپلەرگە باردىغان يوللارنى ۋە ھۇنلارغا تەۋە مىللەتلەرنى كونتىرول قىلىپ تۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە جاي ھېسابلىناتتى. $8'(N (  
    ــــــــــــــــــــــ rABbmY>  
    ①«دۇنيانىڭ ئومۇمىي تارىخى»، خەنزۇچە 3-توم، 1-قىسىم، 75-76-بەتلەر.
    q}bSV~  
       W4r^qFf  
    J36+  
    aZrtJWk  
    7sK3< u  
    t'-k tA  
    كىچىچە  ئۇخلىماي قىلدىغانغا  ئىش  چىقتى مانا  رەھمەت باغۋەن P sE6<}z  
    [ بۇ يازما باغۋەن تەرپىدىن 2008-05-08 21:12 دە قايتا ]
    salkin-bbs
    جاھانغا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەندە،
    قەلبىمنى باستى ھەم قايغۇلۇق سۈكۈت.
    ئولتۇردۇم مۇڭلىنىپ كۆزلىرىمدە ياش،
    ئەسلىدىم ئۆتكەننى ئۆكسۈپ، ئۆكۈنۈپ
    | ۋاقتى : 2008-05-08 20:44 3 -قەۋەت
    دوستۇم
    سەلكىن ئەركىسى
    تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى ئۆمۈرلۈك شەرەپ مۇنبەر باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : مۇنبەر باشلىقى


    UID نۇمۇرى : 4079
    نادىر تېما : 24
    يازما سانى : 3973
    ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3973دانە
    شۆھرەت: 8134 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 5417 سوم
    تۆھپە: 40 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4297 نۇمۇر
    قوللاش: 3373 نومۇر
    ئالقىش: 3947 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى :887(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىر ھەرىپ كەم قالسا ئۇنىمايمەن! ;2G- .aI  
    بۇنداق تارىخى شەخسلەرنى تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
    bugra
      قەلبىمدە تەنھالىق بار، ئۇنىڭغا اﷲنىڭ ئۈنسى- ئۈلپىتىلا بەرھەم بېرەلەيدۇ.
      قەلبىمدە جاراھەت بار، ئۇنى اﷲنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىشتىن باشقا نەرسە ساقايتالمايدۇ.
      قەلبىمدە قورقۇنچ ۋە ئەنسىزلىك بار، ئۇنى اﷲ تەرەپكە قايتىشتىن باشقا نەرسە كەتكۈزىۋېتەلمەيدۇ.
    | ۋاقتى : 2008-05-08 20:45 4 -قەۋەت
    بىر زات ئەڭ ئۇلۇغ
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 2446
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1951
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1951دانە
    شۆھرەت: 1073 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 2011392 سوم
    تۆھپە: 5 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2022 نۇمۇر
    قوللاش: 1892 نومۇر
    ئالقىش: 1411 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى :374(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    4. شەرقىي ۋە غەربىي سەپتىكى يۈرۈش Sy#>o5D\  
    (Xd"k/5U  
    مىلادىيە 375-يىلى بالامبەر ياۋروپا ھۇن ئېمپىرىيىسىنى قۇرغاندىن كېيىن، ئۇ ھۇنلارغا بېقىنغان گوتلار، ئالانلار ۋە تەيفاللاردىن ياردەمچى قىسىم تەشكىل قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ھۇنلارنىڭ ئەسكىرىي كۈچى تېخىمۇ زورىيىپ، ياۋروپادىكى ھەيۋىسى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بارغان ۋە ياۋروپا ئۈچۈن قورقۇنچىلىق كۈچكە ئايلانغان. lSOw sg  
    مىلادىيە 378-يىلى ھۇن قوشۇنى دوناي دەرياسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، رىم ئېمپىرىيسىنىڭ ھىچقانداق قارشىلىقىغا ئۇچىرىماستىن (ئەمەليەتتە رىم ئېمپىرىيىسىنىڭ ھۇنلارغا قارىشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان)، ھۇنگىرىيە تۈزلەڭلىكىگىچە ئىلگىرلەپ بارغان. ئەمما، ھۇنلارنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە ھىچقانداق بىر ئىشغالىيەت مەقسىتى يوق ئىدى. ئۇلار پەقەت يېڭى زىمىن ۋە ئۇ يەردە ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىشنى مەقسەت قىلغانىدى. شۇڭا، ئۇلار بۇ قېتىمقى يۈرۈشنى تىزلا ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتقان. ئەسلىدە ھۇنلار ئۆزى ئىگىلىمەكچى بولغان جايلارنى ئالدىن كۆزىتىپ تەتقىق قىلاتتى. بۇ خىل ماھىيەتتىكى يۈرۈشلەرنىڭ بەزىلىرى، ھەتتا بىر قانچە يىل داۋاملىشاتتى. بۇ ھۇنلارنىڭ ھەربىي ئىشلار سەنئىتىدىكى بىر تاكتىكا ئىدى. E2l"$  
    ھۇنلاردىن قاتتىق چۆچۈگەن ماركومانلار ۋە كوئادلار (ئۇلار ئاۋىستىرىيىدە ياشايتتى) مىلادىيە 381-يىلى رىم ئېمپىرىيىسىگە قېچىپ بېرىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا، سارماتلار ۋە گوتلارمۇ چېگىرىدىن ئۆتۈپ رىم ئېمپىرىيىسىگە قېچىپ كىرگەن. بۇ ۋاقىتتا بەزى گېرمان ۋە ئىران نەسىللىك خەلقلەرمۇ غەربىي ھۇنگىرىيىدىن يولغا چىقىپ، ئالىپ تاغلىرىدىن ئۆتۈپ ئىتالىيىگە تەھدىد سالغان. ھۇنلارمۇ مىلادىيە 381-يىلىدىن باشلاپ، رىم ئېمپىرىيىسىنىڭ چېگىرا بويلىرىدىكى ئۆلكىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان. ?q1yOG-S  
    ھۇنلار ئەينى ۋاقىتتا كۈچلۈك دۆلەت ھېسابلانغان رىم ئېمپىرىيىسىگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك تىگىش قىلمىغان، ئەمما رىم ئېمپىرىيىسىگە قارىتا ناھايتى ئەتراپلىق تەييارلىق كۆرگەن. مىلادىيە 391-يىلى ھۇنلار تىسسا دەرياسى بويىدىكى سارماتلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. شۇ يىلى يەنە چېخىيە تەۋەسىدىكى مىللەتلەر بىلەنمۇ ئىتتىپاق تۈزۈپ، رىم ئېمپىرىيسىگە قارشى كۈچلەرنى ئۇلغايتقان. \+xY)]vS2  
    مىلادىيە 395-يىلى رىم ئېمپىراتورى تىئودو سىئوس ئالەمدىن ئۆتىشى بىلەن تەڭلا ئىچكى نىزا يۈز بېرىپ، بىر پۈتۈن رىم ئېمپىرىيىسى شەرقىي ۋە غەربىي رىم ئېمپىرىيسى دەپ، ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. شەرقىي رىم ئېمپىرىيىسى كونىستانتېنىپول (ئىستانبول)نى پايتەخىت قىلغان. غەربىي رىم ئېمپىرىيىسى يەنىلا رىم شەھىرىنى پايتەخىت قىلغان. بىر پۈتۈن رىم ئېمپىرىيىسىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىشى، ئۇنىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلىتىۋەتكەنىدى. بۇ ئەھۋال ھۇنلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان. شۇڭا، ھۇنلار مىلادىيە395-يىلى ئىككى سەپ بويىچە رىم ئېمپىرىيىسگە يۈرۈش قىلغان. شەرقىي سەپتىكى يۈرۈشكە باسىق بىلەن قۇرسىق قوماندانلىق قىلغان. بۇ سەپتىكى ھۇن قوشۇنلىرى قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىن ئاتلىنىپ، داريال دەرياسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، فىرات دەرياسىنى بويلاپ، ئالدىغا ئۇچىرىغان ھەر قانداق قارىشى كۈچنى تارمار قىلىپ، ئاناتولىيىدىكى ئەرزىروم، مالاتىيا، ئادانا، ئوفرا، ئانتاكيا، ئەنقەرە ۋە قەيسەرى ئەتراپلىرىغىچە يۈرۈش قىلىپ بارغان. ئۇنىڭدىن كېيىن سۈرىيىدىكى سۇر ۋە قۇددۇس شېرىپ شەھەرلىرىگىمۇ ئىلگىرلەپ بېرىپ، ئەزەربەيجان ئارقىلىق قايتقان. بۇ قېتىمقى يۈرۈشتە ھۇنلار نۇرغۇن ئولجىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە 18مىڭ ئادەمنى ئەسىر ئېلىپ يانغان. قايتىش جەريانىدا ھۇنلار ئىرانغىمۇ تىگىش قىلغاندا، كۈتۈلمىگەن يەردە ھۇنلار مەغلۇبىيەتكە ئۇچىراپ، ئولجا ۋە ئەسىرلەرنى ئىرانلىقلارغا تارتقۇزۇپ قويغان①.  
    A n/| 2+  
    ______________ s:;HOC9@Ln  
    ①«تۈرك ئىنسىكلوپىدىيسى»، تۈركچە، 5-توم، 347-بەت. ]3c^ 3;|^  
    }7<ec6_  
    شەرقىي سەپتىكى يۈرۈش ناھايتى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغاچقا، شەرقىي رىم ئېمپىرىيىسى بىلەن ئىران ساسانىيلار سۇلالىسى بۇنىڭدىن ئىنتايىن چۆچىگەنىدى. شۇڭا، ئەينى ۋاقىتتا ھۇنلارنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى توغرىسىدا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى ئەپسانە-رىۋايەتلەر تارقالغان. تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىلدىكى ئەپسانە-رىۋايەتلەردىن ھەر كۈنى بىرى پەيدا بولۇپ تۇرغان. بۇ قېتىمقى يۈرۈش ھۇنلارنىڭ ئاناتولىيىگە قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق سەپىرى ئىدى. مىلادىيە 398-يىلى ھۇنلار ئاناتولىيىگە ئۈچىنچى قېتىم يۈرۈش قىلغان. بۇ قېتىممۇ شەرقىي رىمنىڭ ياش ئېمپىراتورى ئاركادى ھۇنلارغا قارىتا ھىچقانداق بىر جىددىي چارە-تەدبىر يۈرگۈزەلمىگەن. ھۇنلار بۇ يۈرۈشتە نۇرغۇن ئولجىنى غەنىيمەت ئالغان. = W0RDY*  
    غەربىي سەپتە بولسا ھۇن قوشۇنى تىراكياغىچە يۈرۈش قىلىپ بارغان. لېكىن، بۇ سەپتىكى يۈرۈشكە قاتناشقان ھۇن قوشۇنى سان جەھەتتىن ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى.بۇنىڭ ۋاقتى مىلادىيە 400-يىلى ئىدى. بۇ چاغدا بالامبەر ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئورنىغا ئوغلى (بەزى مەنبەلەردە نەۋرىسى دېيىلدۇ) يىلدىز (ئۇلدىز-يۇلتۇز) ھۇن تەختىگە چىققان ۋاقىت ئىدى. يىلدىز قوماندانلىق قىلغان غەربىي سەپتىكى بۇ ھۇن قوشۇنىنىڭ دوناي دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدە پەيدا بولىشى، شەرقىي ياۋروپادا مىللەتلەرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ كۆچۈش دولقۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ قېتىمقى يۈرۈشتە ھۇنلاردىن قورقۇپ قاچقان ۋانداللار بىلەن غەربىي گوتلار يەنە بىر قېتىم غەربىي رىم ئېمپىرىيىسىگە قېچىپ كىرگەن. ئەمما، ئالارىك غەربىي گوتلارغا رەھبەرلىك قىلىپ مىلادىيە 401-يىلى رىم شەھىرىگە بېسىپ كىرىپ، بۇ شەھەرنى ئۈچ كېچە-كۈندۈز بۇلاپ-تالىغان. گوتلارنىڭ بۇ تەھدىتى ئاتاقلىق رىم قوماندانى سىلىكخۇ تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. ئەگەر، سىلىكخۇ بۇ بۇلاڭچىلىقنى باستۇرالمىغان بولسا، رىم شەھىرىدىن ھىچقانداق بىر ئەسەر قالمىغان بولاتتى. 1B7)PX  
    غەربىي گوتلارنىڭ تەھدىتى ئەمدىلا ئاياغلىشىپ تۇرىشىغا، غەربىي رىم ئېمپىرىيىسى يەنە بىر چوڭ تەھدىتكە دۇچ كەلگەن. بۇ بولسا راداگاسنىڭ ھۇنلاردىن قورقۇپ قاچقان سوئىپ، كوئاد، بۇرگۇند، ساكسۇن، ئالمان (نېمىس) قاتارلىق قوۋمىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، رىم شەھىرىگە دەھشەتلىك ھالدا بېسىپ كېلىشى ئىدى. راداگاس رىم شەھىرىنى يەر يۈزىدىن يوق قىلۋىتىشنى ئېلان قىلغان. غەربىي رىمنىڭ ئاتاقلىق قوماندانى سىلىكخۇ پاۋىيا ئۇرۇشىدا راداگاس بىلەن قاتتىق تۇتۇشقان بولسىمۇ، ئۇنى توسۇپ قالالمىغانىدى. غەربىي رىم ئېمپىرىيىسى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرى يېقىنلىشىپ قالغان بۇنداق خەتەرلىك پەيتتە، ھۇنلارغا باش ئۇرۇپ ئۇلاردىن ياردەم سوراشتىن باشقا ھىچقانداق بىر چىقىش يولى تاپالمىغان. يىلدىز قوماندانلىقىدىكى ھۇن ۋە غەربىي رىمنىڭ بىرلەشمە قوشۇنى مىلادىيە 406-يىلى 8-ئايدا، فىلورسادا راداگاسنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرگەن شۇنداق قىلىپ يىلدىز غەربىي رىم ئېمپىرىيىسىنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇپ قالغان①. -W6 I%,eH  
    GC m:v>v  
    9lE| Bzj  
    _____________ c.N6P;}(M  
    ①سىزاكىس: «ھۇنلار»، تۈركچە، 127-بەت \oXnj-M?  
    t7e!l7nf  
    بۇ يەردە شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەككى، ھۇنلارغا بولۇپمۇ، ھۇنلارنىڭ مەشھۇر داھىيسى-ئاتتىلاغا نىسبەتەن دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىدە قەلەم تەۋرەتكەن غەرب ئاپتۇرلىرى، رىم شەھىرىنى بۇلاپ-تالىغان ئالارىك ئۈچۈن بولسۇن ياكى رىم شەھىرىنى يەر يۈزىدىن يوق قىلۋەتمەكچى بولغان راداگاس ئۈچۈن بولسۇن، ئۇلارغا سەلبى پوزىتسىيە قوللانمىغان. بولۇپمۇ غەرب ئاپتۇرلىرى رىم شەھىرىنى ھۇنلارنىڭ قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىنى يۇشۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن، تۈرلۈك سۆز ئويۇنلىرىنى ئىشىلتىشتىن باش تارتمىغان. ax/q6PDy~  
    ھۇنلارنىڭ غەربىي رىمغا ياردەم بېرىشى، ھۇن ئېمپىراتورى يىلدىزنىڭ مىلادىيە 400-يىلى ئوتتۇرغا قويغان ھۇن ئېمپىرىيىسىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە بەلگىلەنگەن بىر تۈرلۈك ماددا ئىدى. يىلدىزنىڭ تاشقى سىياسىتى شەرقىي رىمغا داۋاملىق بېسىم ئىشىلتىش، بۇنىڭ ئەكسىچە غەربىي رىم بىلەن نورمال مۇناسىۋەتنى ساقلاش ئىدى. چۈنكى غەربىي رىم ئېمپىرىيىسى ئىچىگە بېسىپ كىرىپ، ۋەيرانچىلىق پەيدا قىلغان مىللەتلەر ئەينى ۋاقىتتا يەنە ھۇنلارنىڭمۇ دۈشمىنى بولغاچقا، غەربىي رىم بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ۋاقتى كەلگەندە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش يىلدىزنىڭ تاشقى سىياسىتىگە كىرگۈزۈلگەنىدى. يىلدىزنىڭ بۇ سىياسىتى تاكى ئاتتىلا دەۋرىگىچە داۋاملاشقان.
    ~t&:"/h#U  
    Ilu7;j;b0F  
    r |^z0  
    ooep84?~  
    ^|DB5E]z]  
    N,e N7_Q  
    r<S#sM  
    UVrB09@g  
    &{Jlf3Z  
    «باغۋەن»كا،ماۋۇ رەسىمنى چىقارسام خاپا بولمايدىغانسىز؟
    [ بۇ يازما باغۋەن تەرپىدىن 2008-05-08 21:16 دە قايتا ]
    | ۋاقتى : 2008-05-08 20:47 5 -قەۋەت
    ئەنسەر48
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 12625
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 330
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە330دانە
    شۆھرەت: 290 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 2933 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 291 نۇمۇر
    قوللاش: 279 نومۇر
    ئالقىش: 371 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :66(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-08
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    !Ufo79n  
    vGa X   
    5. شەرقىي رىمنىڭ ھۇنلارغا قارام بولۇشى
    #YcYm eV+9  
    I};73<$N&v  
    يىلدىز مىلادىيە 409-يىلى دوناي دەرياسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، بۇ دەريانىڭ جەنۇبىدىكى Wib=H?EG  
    شەرقىي رىمنىڭ بەزى ئىستىراتېگىيلىك جايلىرىنى ئىشغال قىلىپ، شەرقىي رىم ھۆكۈمىتىگە ھۇنلارنىڭ ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ قويغان. گرېك مەنبەلىرىگە قارىغاندا، يىلدىز شەرقى رىمنىڭ تىنىچلىق ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ۋەكىلگە: «مەن كۈن پېتىشقىچە بولغان جايلارنى ئىگىلەيمەن» دەپ ھەيۋە قىلغانىدى. يىلدىز مىلادىيە 410-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. يىلدىزنىڭ دەۋرىدە ھۇن ئېمپىرىيىسىنىڭ زىمىنى شەرقتە بالقاش كۆلىگە قەدەر سوزۇلغانىدى①. hv#{ptO/%  
    *zr,imrx  
    يىلدىز ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا قاراتون تەخىتكە چىققان. قاراتون توغرىسىدا مەنبەلەردە كۆپ مەلۇمات قالدۇرۇلمىغان. پەقەت بىزگە مىلادىيە 412-يىلى شەرقىي رىم ئەلچىسى ئولۇمپىئودوروسنىڭ قاراتوننىڭ ئوردىسىغا بارغانلىقى ھەققىدىكى مەنبەلەر مەلۇم. قاراتوننىڭ ئايبارىس، مۇنجۇق، رۇگا ۋە ئوكتار ئىسىملىك تۆت ئوغلى بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇنجۇق بالدۇرلا ئۆلۈپ كەتكەن. V{`w`7b6  
    مىلادىيە 422-يىلى قاراتون ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئورنىغا چوڭ ئوغلى رۇگا ئېمپىراتور بولغان. رۇگا ئىنىسى ئايبارىسنى «سول قول بىلگە خان» ۋە ئوكتارنى «ئوڭ قول بىلگە خان» ئەمىلىگە قويۇپ، ئۇلارنى ھۇن ئېمپىرىيىسىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي قىسىمىغا خان قىلىپ سايلىغان. vQ^Z}^ gb  
    رۇگا تەخىتكە چىققاندىن كېيىن، شەرقىي رىم ھۇن ئېمپىرىيىسىگە مەخسۇس تەيىنلەنگەن جاسۇسلارنى ۋە تەشۋىقاتچىلارنى ئەۋەتىپ، ھۇن قوشۇنىنى ئىسىيان كۆتۈرۈشكە ۋە ھۇنلارغا تەۋە مىللەتلەرنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ھۇن ئېمپىرىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىشقا كۈچكۈرتكەن. شەرقىي رىم بۇ ئارقىلىق ھۇنلارنى ئىچكى قىىسىمدىن غۇلىتىپ تاشلىماقچى بولغان. شەرقىي رىمنىڭ بۇ سۇيقەستىنى سېزىپ قېلىپ، قاتتىق غەزەپلەنگەن رۇگا مىلادىيە 422-يىلى ھۇن قوشۇنىنى باشلاپ شەرقىي رىمنىڭ بالقاندىكى ئۆلكىلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ جايلارنى بېسىۋالغان. شەرقىي رىم ھۇنلارغا تەڭ كېلەلمەي تىنىچلىق ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان. رۇگامۇ شەرقىي رىمنىڭ تەلپىگە قوشۇلغان. نەتىجىدە، شەرقىي رىم ھۇنلارنىڭ تەلپىنى شەرتسىز قوبۇل قىلىپ، ھەر يىلى ھۇنلارغا باج سۈپىتىدە 350 لىرا ئالتۇن تاپشۇرۇشقا قوشۇلغان②. gu @`l+  
    G>.z_w^~  
    ھۇنلاردىن قاتتىق دەككىسىنى يەپ ناھايتى كۆپ باج تاپشۇرۇشقا مەسئۇل بولغان شەرقىي رىم ئېمپىرىيسى، مىلادىيە 423-يىلى غەربىي رىم ئېمپىرىيىسىنى ئۆزىگە قوشۇۋېىلىش ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتكەن. غەربىي رىم ئېمپىرىيسى بۇ قېتىم يەنە ھۇنلاردىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولغان. رۇگانىڭ 60 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ياردەمگە كەلگەنلىكىنى كۆرگەن شەرقىي رىم قوشۇنى، ئۇرۇشقا كىرمەستىنلا ئالدىراپ-تېنەپ چېكىنىپ كەتكەن. گەرچە، بۇ قېتىم زور ئۇرۇش پارتىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن رۇگا شەرقىي رىمدىن بۇ قېتىمقى يۈرۈشنىڭ ھەربىي چىقىملىرىنى تولۇق تۆلىتىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن ھۇنلار غەربىي رىمنى يەنە بىر قېتىم ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇپ قالغان. شەرقىي رىم بولسا ھۇنلارغا قارام دۆلەتكە ئايلانغان. T)d,6*,  
    شەرقىي رىم تارىخچىسى پىرىسكوسنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، شەرقىي رىم ئېمپىراتورى تىئودوروس ھۇنلار بىلەن يامانلىشىپ قېلىشتىن قورقۇپ، يىللىق باجنى ۋاقتى-ۋاقتىدا، بەلگىلەنگەن مىقداردا تاپشۇرۇپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ھۇنلارغا تەۋە مىللەتلەرنى ئاستىرىتتىن كۈچكۈرتۈش ھەرىكىتىنى زادىلا توختاتمىغان. شۇڭا رۇگا تىئودوروسنىڭ بۇ يامان نىيىتىنى بەربات قىلىش ئۈچۈن، شەرقىي رىمنىڭ ھۇن ئېمپرىيىسى تەۋەسىدىكى مىللەتلەردىن مۇئاشلىق ئەسكەر قۇبۇل قىلىشنى ۋە شەرقىي رىم سودىگەرلىرىنىڭ ھۇن تۇپرىقىدا ئەركىن سودا قىلىشنى چەكلىگەن. رۇگا يەنە تىئودوروس نى شەرقىي رىمغا قېچىپ بارغان ھۇن دۆلەت ئەمەلدارلىرىدىن ئاتاقام بىلەن مامانىڭ ئوغۇللىرىنى ۋە باشقا ھۇن قاچاقلىرىنى دەرھال ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە زورلىغان. ئىلاجسىز ئەھۋلدا قالغان تىئودوروس ھۇنلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن، مىلادىيە 434-يىلى بىر ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ھۇن ئېمپىرىيىسىگە ئەۋەتكەن. ئەلچىلەر ئۆمىكى يېتىپ كەلگەن چاغدا، رۇگا ئالەمدىن ئۆتۈپ ئورنىغا مۇنجۇقنىڭ ئوغلى ئاتتىلا ھۇن تەختىگە چىققانىدى. شەرقىي رىم رۇگادىن ئىبارەت بۇ كۈچلۈك رەقىبىدىن قۇتۇلغىنىغا ناھايتى خوش بولغان. شۇ ۋاقىتتىكى خىرىستىئان دىنىي ئېپىسكوپى پىروكۇلۇس چېركاۋدا «تەڭرى تەقۋادار تىئودوروسنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلىپ، شەرقىي رىم ئۈستىدىكى تەھدىتنى يوقاتتى»،③دەپ ۋەز ئېيتقان. لېكىن، بۇ چاغدا تىئودوروس يېڭىدىن تەخىتكە چىققان ئاتتىلانىڭ، شەرقىي رىم ئۈچۈن رۇگادىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلىق كۈچ ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. 7cU)g4s6  
    ____________ LaS?vMF  
    ① ۋاكزى: «ئاتىللا ۋە ھۇنلار»، تۈركچە، 82-بەت P[&77T  
    ②سىزاكىس: «ھۇنلار»، تۈركچە، 165-بەت ZNd%^5w  
    ③ ئالزىم: «ئاتتىلا»، تۈركچە، 133-بەت.
       s6<-H9^c  
    *~ vZ~5{  
    DlF<RR~  
    9eXX.~%'M  
    "i-L ff  
    ;(V\H-|  
    6(,y5]FG  
    *ehs3'rYg  
    پايدىلىنىش قىممىتى با تىمىكەن ...............تازا  جاپا تارتىپسىز  رەھمەت w4u) zk  
    [ بۇ يازما باغۋەن تەرپىدىن 2008-05-08 21:27 دە قايتا ]
    kino
    سەلكىن تورىنى قوللايمەن.
    | ۋاقتى : 2008-05-08 20:48 6 -قەۋەت
    گۈل-چۈشى
    خۇشپۇراق گۈل
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 9572
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1930
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1930دانە
    شۆھرەت: 2787 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 26593 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3089 نۇمۇر
    قوللاش: 2490 نومۇر
    ئالقىش: 4464 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئۇيغۇر
    توردىكى ۋاقتى :107(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىككىنچى باب u{r-EBq  
    \ ~8Z^  
    lL(izmM  
    ئاتتىلا دەۋرىدىكى ھۇن ئېمپىرىيىسى \d5&+^#  
    +\}Z)  
    &HFt),7  
    1. «ئاتتىلا» دېگەن ئىسىمنىڭ مەنبەسى ۋە مەنىسى Ok?"{r  
    H~KHDc#;y  
    H>m5+A:A  
    «تەڭرى قامچىسى» دېگەن نام بىلەن دۇنياغا مەشھۇر ئاتتىلانىڭ ئىسمى، شەرقىي رىم مەنبەلىرىدە «ئاتتىلاس»، «ئاتىلاس»، «ئاتىللاس»، « ئاتتېلاس»، لاتىنچە مەنبەلەردە «ئاتتىلا»، «ئاتتيلا»، «ئاتتلا»، سىلاۋيان مەنبەلىرىدە «ئاتېلا»، «ئاتىلا»، يىراق قەدىمكى گېرمانچە مەنبەلەردە «ئەرزىلو»، ئوتتۇرا قەدىمكى گىرمانچە مەنبەلەردە «ئەتزەل». كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىر گېرمانچە مەنبەلەردە «ئەتتەل»، «ھەتتەل»، «ئەتخەلە»، ئېنگىلىزچە مەنبەلەردە «ئائەتلا»، شىمالى گېرمانچە مەنبەلەردە «ئاتلى»، ھۇنگرىيە مەنبەلىرىدە «ئەتخەلە»، «ئەتەلە»، «ئاتخىلا»، «ئاتتىلا» ۋە «ئاتىلا» دېگەن شەكىللەردە يېزىلغان①. Zb 8PG|#ho  
    «ئاتتىلا» دېگەن ئىسىمنىڭ مەنبەسى ۋە مەنىسى توغرىسىدا ھۇنگر تۈركولوگى گ.نېمېزنىڭ «ئاتتىلا ۋە ھۇنلار» دېگەن ئەسىرىدە ئوتتۇرغا قويغان «ئاتتىلا» دېگەن ئىسىم گوتچە «دادا» دېگەن مەنىدىكى «ئاتتا» (بۇ سۆز ئەسىلدە تۈركى تىللىق مىللەتلەردىن گوتلارغا ئۆتكەن سۆز ئىدى) سۆزى بىلەن يەنە گوتچە ئەكىلەتمە سۆزى بولغان «ئىلا» قۇشۇمچىسىنىڭ قۇشۇلۇشىدىن ياسالغان بولۇپ، مەنىسى «كىچىك دادا» دېگەنلىك بولىدۇ، دېگەن قارىشى ھازىر ئىلىم ساھەسىدە ئانچە نەزەر ئېتىبارىغا ئېلىنمايدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا «ئاتتىلا» دېگەن ئىسىمنىڭ ئىتىل دەرياسىنىڭ نامىدىن كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى قاراش بارغانسىرى ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشمەكتە. g|JB1P  
    ۋولگا دەرياسىنىڭ تۈركچە نامى «ئىتىل» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ نام ھەر قايسى تۈركىي تىل شىۋىلىرىدە يەنە «ئاتال»، «ئەتىل»، «ئادەل»، «ئەدىل» ۋە «ئىدىل» دەپمۇ ئاتىلاتتى. شەرقىي رىم مەنبەلىرىدە بولسا «ئاتىلا» ۋە «ئاتىل» دەپ يېزىلغان. «ئىتىل» سۆزىنىڭ مەنىسى «چوڭ دەريا»، «ئېقىن»، «سۇ» دېگەنلىك بولاتتى. ۋولگا سۆزى بولسا فىن-ئۇغۇر تىلىدىن كەلگەن. مەھمۇد قەشقىرى «تۈركى تىللار دىۋانى»دا ئىتىل دەرياسىنى «ئەدىل» دەپ ئاتاپ، ئۇنى قىپچاق دالىسىدىكى بىر دەريانىڭ نامى، دەپ كۆرسەتكەن ھەم بۇ دەرياغا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى شېئىرنى قۇشۇمچە قىلغان: 9c>do  
    #$t=),  
    ئىتىل «ئەدىل» سۈيى ئېقىپ تۇرار، +Pwr+;`5[  
    قىيا تۈۋىگە سوقۇپ تۇرار. u'i~BZt`  
    بېلىق-پاقا تولۇپ تۇرار، eM/vhfpV  
    كۆلچەك ئىچى تېشىپ تۇرار①. }3/u< ]  
    mu "JQ}  
    «ئاتتىلا» دېگەن ئىسىمنى تۇنجى قېتىم پىرىسكوس «ئاتتىلاس» دەپ تىلغا ئالغان. گېرىك تىلدا «ئاس» سۆزى قوشۇمچە ھېسابلىناتتى. گېرىكلار تۈركىي تىلدا «ئا» ۋە «ئە» تاۋۇشلىرى ئۈچۈن «oc» بەلگىسىنى قوللانغان. شۇڭا، پىرىسكوس «ئاتتىلاس» دەپ تىلغا ئالغان ئىسىمنى «ئاتتىل» ياكى «ئەتتىل» دەپ ئوقۇشقا ھەم بۇ ئىسىمنىڭ دەل ۋولگا دەرياسىنىڭ تۈركچە ئىسىمىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى چۈشنىشكە بولىدۇ. /Y*UDxL8  
    ئاتتىلا ئىتىل دەرياسى بويىدا تۇغۇلغاچقا، ئۇنىڭغا بۇ دەريانىڭ ئىسمى قۇيۇلغان. بۇ خىل ئادەت تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىدا كۆپ ئۇچىرايدۇ①. دېمەك، ئاتتىلاغا «چوڭ دەريا»، «ئېقىن»، «سۇ» دېگەن مەنىلەردىكى ئاتىل دېگەن ئىسىم قۇيۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىسىم «ئاتتىلا» دېگەن شەكىلدە ئومۇملىشىپ كەتكەن. Gz2Gi[AY  
    ____________ n]bGdzY$i  
    ①«تۈرك ئىنسىكلوپىدىيسى»، تۈركچە، 20-توم، 33-بەت. qPLWe +  
    ①«تۈرك ئىنسىكلوپىدىيسى»، تۈركچە، 20-توم، 33-بەت. ^nY#( #5  
    ① كامۇران گۆرۈن: " تۈركلەر ۋە تۈرك دۆلەتلىرى تارىخى" ، تۈركچە. 149- بەش.
    4BB]q{n  
    Sp/s  
    }7 =!Z=zu  
    n7$rn=^o+  
    Lv9/2 =i,w  
    ,/8pMbx  
    geM=1Tgi<  
    چىمەلتەك مېنىڭ ئىنكاسىمنى كۆزدە تۇتقان بولسىڭىز ئۆچۈرۋەتسەم بۇلىدۇ ، چۈنكى بۇ فىلىممۇ ھەقىقەتەن كۆرۈپ قۇيۇشقا ئەرزىيدۇ ،،،، ئۇقۇپ بۇلۇپ كۆرۈپ قويسا باغلاپ ئۆز ئارا يامىنى يوقتۇ،،، باغۋەن ھاجىم ئاخىرغىچە تۇتۇش قىلىدىغانلاردىن توختاتمايدۇ،،،،،
    [ بۇ يازما باغۋەن تەرپىدىن 2008-05-08 21:29 دە قايتا ]
    kino
     كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قەدىرلەش ، ئۇلۇغلاش تۇيغۇسى بولىدۇ . بىراق ، كىمنى ، نېمىنى قەدىرلەشكە ھېچكىم چەك قويالمايدۇ . ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمىگەن كىشى ئاخىرى ۋىجدان ، ئەقىدە ، ئادەمگە خاس سەزگۈرلۈكتىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قالىدۇ .
    | ۋاقتى : 2008-05-08 20:48 7 -قەۋەت
    شابۇرۇت
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9937
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 320
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە320دانە
    شۆھرەت: 321 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 2930 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 483 نۇمۇر
    قوللاش: 400 نومۇر
    ئالقىش: 692 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :58(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    D)@-%+1$Dc  
    c1\i?zqP  
    CM'^>X)Z  
    2. ئاتتىلا ۋە بىلەدا 2#:~-?  
    K3pM6 a  
    /]q["O`  
    4Pvf3hE  
    ئاتتىلا مىلادىيە 400-يىلى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى مۇنجۇق بالدۇرلا ئالەمدىن ئۆتكەچكە، ئاتتىلا تاغىسى رۇگانىڭ يېنىدا چوڭ بولغان. ئاتتىلا كىچىكىدىنلا ناھايتى ئەقىلىق، ھوشيار ھەم جاسارەتلىك بولغاچقا، رۇگا ئاتتىلانى ئۆزى بىلەن نۇرغۇن ئۇرۇشلارغا قاتناشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ھەربىي ماھارەت ئۆگەتكەن ھەمدە ئۇنىڭغا ھۇنلارنىڭ ئچكى تاشقى سىياسەتلىرىنى پىششىق تونۇتقانىدى. ئاتتىلا ياش ۋاقتىدا بىر مەزگىل رىم ئېمپىرىيىسىدە گۆرەدە تۇرغان. ئاتتىلا گۆرەدە تۇرغان مەزگىلدە، رىم ئېمپىرىيىسىنىڭ بارلىق ئاجىزلىق ۋە زىددىيەتلىرىنى تولۇق تونۇپ يەتكەن. كېيىن ئاتتىلا شەرقىي رىمگە قوللانغان سىياسىتىدە ئۆز ۋاقتىدا ئېرىشكەن تەجىرىبىلىرىگە ئاساسلانغان. دېمەك، ئاتتىلا تەخىتكە چىققان مەزگىلدە ئۇ سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتە كۈچلۈك تالانىت ئىگىسىگە ئايلىنىپ بولغاندى. t=gg*  
    مىلادىيە 434-يىلى رۇگا ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئاتتىلا بىلەن ئۇنىڭ ئاكىسى بىلەدا «بۇدا» بىرلىكتە ھۇن ئېمپىرىيسىنىڭ تەختىگە چىققان. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئاتتىلانىڭ باشقۇرۇشىدىكى جايلار ھۇن ئېمپىرىيىسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى جايلار، بىلەدانىڭ باشقۇرۇشىدىكى جايلار ھۇن ئىمپىريىسىنىڭ غەربىي قىسىمدىكى جايلار ئىدى . wD# k {q  
    بىلەدا ئۇيۇن تاماشىغا ئامراق، دۆلەت ئىشى بلەن ئانچە كارى يوق ئىدى . شۇڭا، دۆلەتنىڭ چوڭ-چوڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلىرنى ئاتتىلا ئۆزى باشقۇرغان. شۇنداقتىمۇ، ئاتتىلا يەنىلا ئاكىسىنىڭ نامىدا بولسىمۇ خان دەپ ئاتىلىشنى خالىمىغان. ئاخىرى بىلەدا مىلادىيە 445ـ يىلى ئاتتىلا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن .قەدىمكى مەنبەلەردە بۇ ھەقتە بەزى مەلۇماتلار قالدۇرۇلغان. مەسىلەن جوردانىس: «ئاتتىلا ئاكىسى بىلەدا بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ پىلانىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋە ئۆزىنىڭ ھۇقۇقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بىلەدانى ئۆلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئاتتىلا ھۇن ئىمپىېريىسىنىڭ پۈتۈن ھۇقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن» دەيدۇ. ماركىللىننوسمۇ بۇ ھەقتە: «ھۇنلارنىڭ خانى بىلەدانى ئاتتىلا ھىلە بىلەن يوق قىلدى» دەپ يازغان. لېكىن، مىلادىيە 448-يىلى ئاتتىلانىڭ قېشىغا كەلگەن شەرقىي رىم ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاللىرىدىن بىرى بولغان تارىخچى پىرىسكوس، بىلادانىڭ ئىسمىنى بىر قانچە يەردە تىلغا ئالغان ھەمدە ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن بىلەدانىڭ بىر خانىشنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغان بولسىمۇ، لېكىن بىلەدا پاجئەسى توغرىسىدا بىر نېمە دېمىگەن. بەزى مەنبەلەرگە قارىغاندا، بىلەدا ھايات ۋاقتىدا ئاتتىلانىڭ ياردەمچىسى سۈپىتىدە ھۇنلارنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئارلاشقانلىقى مەلۇم. ھەتتا، مىلادىيە 441-يىلى بىلەدا ئۆز نامىدا كۈمۈش تەڭگە پۇل قۇيدۇرغانىدى. بۇ پۇلنىڭ ئالدى تەرپىدە بۇدا(بىلەدا) دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن. ئارقا تەرپىگە «بۇدا، 441-يىل» دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن. تارىخى مەنبەلەرگە قارىغاندا، بىلەدا ئۇيۇن-تاماشىغا ئامراق كىشى بولۇپ، ھەر ۋاقىت خوشال-خۇرام، كۈلكە-چاقچاق ئىچىدە ئۆتۈشنى خالايتتى. شۇڭا، ھاكىميەت ئىشلىرىنى ئېغىر يۈك دەپ بىلەتتى. ئاتتىلانىڭ بىلەدانى ھاكىميەت ئىشلىرىغا ئانچە كۆپ ئارلاشتۇرماسلىقى، مۇشۇ سەۋەپتىن بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە پىرىسكوس مۇنداق دەپ مەلۇمات بەرگەن: «ھۇنلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ئەسىرلەر ئىچىدە زەركۇن ئىسىملىك بىر ئەرەب قىزىقچىسى بار ئىدى. ئۇ ئاتتىلانىڭ سارىيىغا ئېلىپ كېلىنگەندە، ئاتتىلا ئۇنى زادىلا ياقتۇرمىغان. بىلەدا بولسا ئۇنىڭ ئەرەبچە، گوتچە، لاتىنچە ۋە ھىندىچە سۆزلەر بىلەن ئارىلاشقان قىزىقارلىق سۆزىلىرىنى ناھايتى ياقتۇرۇپ قالغان. شۇڭا، ئۇنى يېنىدا ئېلىپ قالغان. بىر كۈنى بۇ ئەرەپ قىزىقچىسى قېچىپ كەتكەن. بىلەدانىڭ ئادەملىرى ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ، بىلەداغا تاپشۇرغان. بىلەدا ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن قاچقانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ ئۆزنىڭ توي قىلىش نىيتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان. بۇنى ئاڭلاپ بىلەدا قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتكەن ھەمدە دەرھال چوڭ خانىشنىڭ كېنىزىكىدىن بىرنى تاللاپ چىقىپ، زەركۇننى ئۆيلەپ قويغان. بىلەدا ئۆلگەندىن كېيىن، ئاتتىلا ئۇنى غەربىي رىم ئېمپىرىيسىنىڭ قوماندانى ئائىتوسقا بېرىۋەتكەن». مانا بۇنىڭدىن مەلۇمكى، بىلەدا بىلەن ئاتتىلانىڭ خاراكتېرى، قىزىقىشى ۋە سىياسىي-ھەربىي ئىشلارغا بولغان قارىشى تۈپتىن ئوخشىمايتتى. <$3 xg_6  
    بىلەدا ياۋروپا مىللەتلىرىنڭ رىۋايەتلىرىدە ئاتتىلادەك كەڭ ئورۇن ئالالمىغان. نېمىسلارنىڭ «نىبۇڭلار ھەققىدە قوشاق» ناملىق ئىپوسىدا بىلەدانىڭ ئىسىمى «بىلۆدەل» دېگەن ئىسىم بىلەن تىلغا ئېلىندۇ. بۇ ئىپوستا ئېيتىلىشچە، كىريمخىلد ئەتزەل بىلەن توي قىلىشقا قۇشۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۇلۇندىكى سارىيىغا سالامغا بېرىش ئۈچۈن، ئەتزەل تەرەپتىن 24 نەپەر ۋەكىل ئەۋەتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىلۆدەلمۇ بار ئىدى. توي مەرىكىسى دەسلەپ ۋىنادا، كېيىن، ئەتزەلنىڭ پايتەختى ئەتزەلبورگدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. كريمخىلىد ئۆزنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ئېرى سيگفىردنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن، نىبۇلۇڭلار (بۇرگۇندلار)نى ئۆزى بىلەن بىرلىكتە ئەتزەلنىڭ سارىيىغا كېلىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. خانىشنىڭ بۇ پىلانىدىن قىلچە خەۋەرسىز ئەتزەل ئۇلارنى قىزغىن كۈتىۋالىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە سيگفىردنىڭ قاتىلى خاگىن دېگەن كىشىمۇ بار ئىدى. كريمخىلىد ئۆزىنىڭ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىلۆدەنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھۇنلار بىلەن نىبۇلۇڭلار ئوتتۇرسىدا ئورۇش پارتىلايدۇ. بۇ ئۇرۇشتا تۇنجى بولۇپ، بىلۆدە جېنىدىن ئايرىلدۇ①. to9Dqg<t  
    *6=] `VY  
    بىلەدا ھەققىدە ھۇنگىرلار ئارىسىدىمۇ بەزى رىۋايەتلەر تارقالغان. ئەرد رىۋايىتى ياكى باشقا رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشچە، قادار قەبىلىسىدىن كېلىپ چىققان بۇدا بەندەگۆزنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتەلە(ئاتتىلا) ۋە كەۋە (رۇۋا) دەيدىغان ئىككى ئىنىسى بولغان.بۇدا ھۇنلاارنىڭ يەتتە چوڭ قوماندانلىرنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى. رىملىقلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان جەسۇمائۇر (ئاۋىستىرىيىدىكى زىسەلمائۇر)ئۇرۇشىدا ھۇن قۇماندانلىرى ئۆلتۈرۈلدى. پەقەت بۇدا ھايات قالىدۇ. بۇدا بىلەن ئەتەلە ھۇن ئىمپېرىيىسىنى ئىككىگە بۆلۈپ باشقۇردۇ. تىسسا دەرياسىغىچە بولغان شەرقىي قىسىمدىكى جايلار بۇداغا، تىسسا دەرياسىنىڭ غەربى قىسىمدىكى جايلار بولسا، ئەتەلەگە قارايدۇ. ئەتەلە بىر قېتىم غەرب مىللەتلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان چاغدا، بۇدا ئەتەلەگە بەرگەن ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ پايتەختى سىچامبىرا (ئوكۋېنكوم ـ بوداپشېتتىكى بۇدا شەھىرى)غا كۆچىدۇ ھەمدە بۇ جاينى ئۆزىنىڭ ئىسمى بلەن باغلاپ «بۇداۋارا»(بۇدا قەلئەسى) دەپ ئاتايدۇ. بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان ئەتەلە دەرھال ئۇرۇشنى توختىتىپ دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ بۇدانى ئۆلتۈرۈپ، جەسىتىنى دوناي دەرياسىغا تاشىلىۋېتىدۇ. ئارقىدىن بۇداۋارانى «ئەتەلە ۋارا» (ئاتتىلا قەلئەسى) دەپ ئاتاشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. نېمىسلار بۇ بۇيرۇققا ئەمەل قىلىپ،«ئەتزەلبورگ» دەپ ئاتايدۇ. لېكىن، بۇ بۇيرۇققا بويسۇنمىغان ھۇنگرلار بۇ شەھەرنى يەنىلا «بۇداۋارا»دەپ ئاتاۋېرىدۇ. @)]8P~(R=  
    ھۇنگر رىۋايەتلىردە يەنە بىلەدانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ھەققىدە باشقا سەۋەپلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىمۇ سۆزلىندۇ. بىر رىۋايەتتە مۇنداق ئېيتىلىدۇ: ئەتەلەنىڭ كۈندىن ـ كۈنىگە يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان نام-ئابرويى ۋە كۈچ قۇدىرىتى بۇدادا قاتتىق ئۆچىمەنلىك پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇدا ئىنىسى ئەتەلە بىر قېتىم دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان چاغدا، ئەتەلەنىڭ سارىيىدىن ئۇنىڭغا دۇنيانى ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى ئاتا قىلغان سېھىرلىك قېلىچىنى ئوغرلاپ قاچىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئەتەلە ئۇرۇشنى توختىتىپ، مەمىلىكىتىگە قايتىپ، بۇدانىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلىدۇ. بۇدا قۇلىغا سېھىرلىك قېلىچنى ئېلىپ، ئەتەلەگە قارشى ئۇرۇشقا كىرىدۇ. لېكىن، بۇدانىڭ قولىدا بۇ قېلىچ ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى يوقىتىپ، ئادەتتكى قېلىچقا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇرۇشتا ئەتەلە بۇدانى ئۆلتۈرۈپ، تەڭرى تەرىپىدىن ئۆزىگە بېرىلگەن بۇ مۇقەددەس قېلىچنى قايتۇرۋالىدۇ② .PT# 60h  
    بىلەدانىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى رىۋايەتلەردە بىلەدا ۋە ئاتتىلانىڭ پايتەختىنىڭ بۈگۈنكى ھۇنگىريىنڭ پايتەختى بۇداپېشت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى سۆزلەنگەن. مەلۇمكى، بۇداپېشت شەھىرى بۇدا ۋە پېشت شەھىرىدىن ئىبارەت ئىككى شەھەردىن تەشكىل تاپقان. پېشت شەھىرى مىلادىيە 13ـ ئەسىردىن كېيىن بىنا قىلىنغان. بۇدا شەھىرى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بۇلۇپ، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 2ـ ئەسىردىن باشلاپ ئوكۋېنكوم(سىچامبىرا)دەپ ئاتالغان. ئاتتىلا دەۋرىدە بىلەدا ئوكۋېنكومنى پايتەخىت قىلغان. ھۇنلار بىلەدا (بۇ شەرقىي رىم مەنبەلىرىدىكى ئاتىلىشى)نى بۇدا دەپ ئاتايتى. شۇڭا بۇ شەھەر «بۇدا قەلئەسى » دەپ ئاتالغان. ھۇنگىر تارىخچىسى ئانونىموس ئاتتىلانىڭ ئوكۋېنكومنى ئۆزگەرتىپ پايتەخىت قىلغانلىقىنى، ھۇنگىرلارنىڭ بۇ يەرنى بۇدانىڭ نامىغا باغلاپ، «بۇدا قەلئەسى»③ دەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. دېمەك، يۇقىرىدىكى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا ئاتتىلا ھازىرقى بۇداپېشتنى پايتەخىت قىلغان. ;G@H303  
    X$qZ  
    شەرقى رىم تارىخچىسى پىرسكوسنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئاتتىلانىڭ پايتەختى چوڭ بىر يېزىغا جايلاشقان بۇلۇپ، ئاتتىلانىڭ ئوردىسى ئېگىز بىر دۆڭلۈك ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئۇنىڭ كەينىگە ئاتتىلانىڭ يېقىن ئادىمى ئۇنىگۇس (تۈرۈكچە ئون ئىككى دېگەنلىك بۇلىدۇ) نىڭ سارىيى جايلاشقان. ئاتتىلانىڭ پايتەختىدە چوڭ-كىچىك سارايلار، خەلىقنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى، ھەربىي بازىلار، قورال-ياراق ۋە يېمەك-ئىچمەك ساقلايدىغان ئامبارلارنىڭ ھەممىسى ياغاچتىن سېلىنغان. ئاتتلانىڭ پايتەختىدىكى بىردىن-بىر تاش قۇرۇلۇش بولسا، ئۇنگۇسنىڭ مۇنچىخانىسى ئىدى. ھۇنلار بۇ قۇرۇلۇشنى سېلىشتا ئەسىر ئالغان ياكى تەكلىپ بويىچە ئېلىپ كەلگەن رىم ئۇستىكارلىرىنى ئىشلەتكەن. ئاتتىلانىڭ ئوردىسىدىكى تامنىڭ ھەممە يېرىگە قاپارتما نەقىشلەر ئويۇلغان، يەرگە گىلەم سېلىنغان. ئوردا ئىچىنىڭ بېزىلىشى گېرىك-رىم ئۇسلۇبىدا ئىدى.④ Wt0O%@&  
    _____________ ?%C`nUK%  
    ①«تۈرك ئىنسىكلوپىدىيسى»، تۈركچە، 7-توم، 115-116-بەتلەر. )CW:On2I  
    ② «تۈرۈك ئىنسىكلوپېدىيىسى»،تۈرۈكچە،7توم 116ـ بەت. DE?0(4$@  
    ③«تۈرۈك ئىنسىكلوپېدىيىسى»،تۈرۈكچە، 8-توم، 288ـ بەت. *|o((l  
    ④«ئوتتۇرا ئاسىيا ئاتلىقلار مەدەنىيىتى»، خەنزۇچە، 82-بەت
    nLbFg#o  
    ss;^{ 71  
            zH]<H  
    y ]{WL*@Z  
    G7' }*  
    mlorKDZ  
    oJJ*0kNT  
    tta&HPo  
    \"=>BD5<  
    { &hXH  
    e@qH`D 4  
    6stR]8  
    RO1;j'ZX  
    =!4Y_  
    راسلا ئادەمنى باشقا دۇنياغا باشلىۋىتىدىكەن رەھمەت سىزگە داۋاملىق يوللاپتۇر شىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمىز. ,}3:8M  
    جاپا چەكتىڭىز ھارمىغايسىز . N/sX je  
    [ بۇ يازما باغۋەن تەرپىدىن 2008-05-08 21:31 دە قايتا ]
    kino
    مەن ئۆلگەندەئىسىڭدە بولسۇن،بايرىقىڭنى چۇشۇرمە يىرىم.   جەسىدىمنى تاپساڭ كۆمۇپ قوي،    تاپالمىساڭ ئۆكۇنمە جىنىم.مەن بىلىمەن،دىمەيدۇ ھېچكىم،ئۆلۇمنى ئىغىريوقىتىش.مەن ئەمەسمۇ ناتۇنۇش ئادەم،ماڭىلا خاس ئۇنسىز يوقىلىش.    ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم
    | ۋاقتى : 2008-05-08 20:54 8 -قەۋەت
    چىمەلتەك
    قارا كۆلەڭگە⒈⑧
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3646
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 994
    ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە994دانە
    شۆھرەت: 39 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 1054 سوم
    تۆھپە: 20 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1244 نۇمۇر
    قوللاش: 1093 نومۇر
    ئالقىش: 1104 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى :136(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-08
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

     B OrV  
    H%V!dvyG  
    3. ئاتتىلا ۋە شەرقىي رىم ئېمپىرىيىسى
    I7,%aE{hyr  
    n<kXkny  
    d][t!sG8<  
    ~qNB eMJS  
    مىلادىيە 434-يىلى شەرقىي رىمنىڭ ئەلچىلىرى ھۇن ئېمپىرىيىسىنىڭ پايتەختىگە يېتىپ كەلگەن چاغدا، رۇگا ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئورنىغا ئاتتىلا تەخىتكە چىققان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي رىمنىڭ ئەلچىلىرى ئاتتىلا بىلەن كۆرۈشكەن. ئاتتىلا شەرقىي رىمنىڭ ئەلچىلىرىنى مارگۇس شەھىرىدە (ھازىرقى يۇگۇسلاۋىيەدە) ئاتنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ قارشى ئالغان ھەم ئۇلار بىلەن ئات ئۈستىدە تۇرۇپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى تىنىچلىق سۆھبىتىدە ئاتتىلا رىم ئەلچىلىرىگە تاغىسى رۇگادىنمۇ بەكرەك قاتتىق پوزىتسىيىدە بولۇپ، تېخىمۇ ئېغىر شەرتلەرنى ئوتتۇرغا قويغان. شەرقىي رىم ئەلچىلىرى ئۇنىڭ شەرتلىرىنى شەرتسىز قوبۇل قىلشقا مەجبۇر بولغان. بۇ قېتىمقى كېلىشىم تارىختا «مارگۇس كېلىشىمى» دەپ ئاتالغان. بۇ كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: QDU)YDB>6  
    1. شەرقىي رىم ئېمپىرىيىسى ھەر يىلى ھۇنلارغا تاپشۇردىغان باجنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇپ 700 لىرا ئالتۇنغا كۆپەيتىش. 1F4Py:  
    2. ھۇن قاچاقلىرىنى شەرقىي رىم ئېمپىرىيىسىگە كىرگۈزمەسلىك، ھازىرغا قەدەر قېچىپ بارغانلارنى قايتۇرۇپ بېرىش. "qg(JGbOK,  
    3. ھۇنلار تۇتۇپ تۇرۋاتقان مەزگىلدە، قېچىپ كەتكەن شەرقىي رىم ئەسىرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش ياكى ھەر بىرى ئۈچۈن سەككىز لىرا ئالتۇن تاپشۇرۇش. +uY>F   
    4. شەرقىي رىم ئېمپىرىيسى ھۇنلارغا قارايدىغان مىللەتلەر بىلەن ھەر قانداق شەكىلدە ئىتىتىپاق تۈزمەسلىك. 8F/MKuUA  
    5. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى سودا-سېتىق ئىشلىرنى S_ K>  
    چىگىرا رايۇندىكى بەلگىلەنگەن رايۇندا ئېلىپ بېرىش①. Nh;{p  
    L3~XCS@u  
    ئاتتىلارنىڭ شەرتىنى رەت قىلالمىغان تىئودورۇس ھۇن قاچاقلىرىنى دەرھال ئاتتىلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئاتتىلا ھۇن قاچاقلىرىنى شەرقىي رىم تەۋەسىدىكى، فارسوس (بۈگۈنكى بۇلغاريىدىكى خىرسوۋا) تا دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرگەن. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ھۇنلارنىڭ ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە شەرقىي ۋە غەرىبي رىم ئېمپىريىسىى دائىرسىدە ۋە باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا ئاتتىلانىڭ نامى تىلغا ئېلىنسلا، كىشلەر چۆچۈپ تىتىرەپ كېتىدىغان ھالەت كۆرۈلگەن. 5o} 5b+%@  
    مىلادىيە 434-يىلى ئىمزالانغان مارگۇس كېلىشىمىدىن كېيىن، ئاتتىلا ئېمپىريىسىدكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، مەركىزىي ھاكىميەتنى كۈچەيتىپ، مەركىزىي ھاكىميەتنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئۆزى مەخسۇس ئاتلىق ھالدا ئېمىپىرىيىنىڭ شەرقىي قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرگەن. بۇ جەرياندا ئاتتىلا مىلادىيە 435-يىلى ئىتىل (ۋولگا) دەرياسى بويىدىكى ساراغۇرلارنىڭ قوزغىلىڭىنى بېسىقتۇرغان. مىلادىيە 436-يىلى ئوكتارنىڭ قوماندانلىقىدا رىيىن دەرياسىنىڭ بويىدا بۇرگۇندلارنىڭ ھۇجۇمىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ خانى گۇندىكارنى ئۆلتۈرگەن. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا گۇندىكار بىلەن بىرگە ئۆلگەن بورگوندىلارنىڭ سانى 20 مىڭغا يەتكەن.②مۇشۇ مەزگىلدە ھۇنلارغا بويسۇنغان مىللەتنىڭ سانى 45 كە يەتكەن. قەدىمكى غەرپ تارىخچىلىرنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، مۇشۇ مەزگىللەردە ھۇن ئىمپىريىسىنىڭ غەربى قىسىم مەركىزى بولغان دۇناي دەرياسى بويىدا ۋە شەرقىي قىسىم مەركىزى بولغان دىنپىر دەرياسى بويىدا تۆۋەندىكىدەك مىللەتلەر جايلارشقان. $K,P-e$  
    kD&<>@c  
    1. گېرمانلار: (شەرىقتىن غەربكە) شەرقى گوتلار، گىپىدىلەر، تۈركىڭلەر،سۇئبلەر، ماركومانلار، كۇئادىلار، ھبروللار، رۇگىلەر، ۋە سىكىرلەر. 6"|Fi  
    2. سىلاۋىيانلار: (ئوتتۇرا ۋە غەربىي روسىيەدە) ۋېنېدلار، ئانتلار ۋە سكلاۋىنلەر. Jk>yA/|D9P  
    3. پارىسلار-ئىرانلىقلار: (كاۋكازدىن دونايغا قەدەر تارقاق ھالدا تارقالغان) ئالانلار، سارماتلار، باشتانارلار، نىيۇرلار ۋە روشۇلانلار. L (_<egp  
    4. فىن-ئۇغۇرلار: (ئورالدىن-بالتىق دېڭىزىغا قەدەر) چەرەمىشلەر، موردېۋىنلەر، مەريالار، ۋېشلەر، چۇدلار، ئىستىلەر ۋە ۋىدىۋارىلەر. iJat  
    5.تۈركىي تىللىق مىللەتلەر: (ئىتىل دەرياسىنىڭ شەرقىي ۋە قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى تۈزلەڭلىكلەردە) ھۇنلار، بىتتۇرلار، بۇئىسكلەر، بىتتىغۇرلار، قۇتۇرغۇرلار، ئالتىغۇرلار، ساراغۇرلار، ئوغۇزلار، سابارلار، (سابىرلار)، ئاكاتىرلار (ئاق ھازارلار) ۋە باشقىلار. ئاتتىلا مىلادىيە 434-440-يىللاردا شەرقىي رىمگە ھېچقانداق بىر تىگىش قىلمىدى. چۈنكى، ئۇ بۇ مەزگىلدە دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرى بىلەن بەنىت بولغاندى. مىلادىيە 440-يىلىدىن كېيىن، ئاتتىلا نىشانىنى شەرقىي رىمگە قاراتتى. ئاتتىلانىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەبى بولسا، شەرقىي رىم ئېمپىراتورى تىئودورۇس كېيىنكى چاغلاردا مارگۇس كېلىشىمىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا، ھۇن ئېمپرىيىسىدىن قېچىپ بارغان قاچاقلارنى قايتۇرۇپ بەرمىگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى يۇقىرى ۋەزىپىلەرگە قويغان. ئىككى دۆلەتنىڭ چىگىراسىدىكى ئورتاق بازاردا رىم سودىگەرلىرى ھۇن سودىگەرلىرىنى ئالداپ نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشىۋالغان، يەنە بىر تەرەپتىن مارگۇس ئېپىسكوپى ھۇنلارنىڭ بىر قەبرىستانلىقىنى ئېچىپ بولىغان. بۇ قەبرىستانلىق ھۇنلارنىڭ ئولۇغ كىشىلىرى دەپنە قىلىنغان ھەم قىممەتلىك مەدەنلەردىن ياسالغان قورال-ياراقلار ۋە زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى قۇشۇپ كۆمۈلگەن قەبرىستانلىق ئىدى. بۇ ۋەقە ھۇنلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان. چۈنكى، قەبرىستانلىقنى ئېچىپ ئۇنى بولاپ-تالاش ھۇنلارنىڭ روھى دۇنياسىغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھاقارەت ۋە تاجاۋۇزچىلىق ھېسابلىناتتى. شۇڭا، ئاتتىلا شەرقىي رىمنىڭ قاتتىق ئەدىبىنى بېرىش ئۈچۈن، مىلادىيە 441-يىلى بىلگىراد شەھىرىدىن ئاتلىنىپ، رىمنىڭ سوفىيا قاتارلىق شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇدۇل پايتەخىت كونسىتانتىنىپولغا قاراپ يۈرۈش قىلغان. شەرقىي رىم يوقىلىش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەن ھالقىلىق پەيىتتە، غەربىي رىم ئېمپىرىيىسى ئوتتۇرغا چۈشۈپ، ئاتتىلاغا يالۋۇرۇپ، ئۇنى توختىتىۋالغان. غەربىي رىم ئېمپىرىيىسىنىڭ مەشھۇر قوماندانى ئائىتوس تىئودوروسنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن، شەرتنامىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلدىغانلىقىغا كاپالەت بېرىپ، ئۆز ئوغلىنى ھۇنلارغا گۆرەگە قويغان③. @&}ILTQF:w  
    -?/S?  
    ئاتتىلا بۇ قېتىمقى يۈرشىدە شەرقىي رىمنىڭ دوناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى شەھەرلىرىنى ئۆزىگە قۇشىۋالغان ھەم بۇ جايلاردىكى ھۇنلارغا قارشى ئىستېھكاملارنىڭ ھەممىسىنى پاچاقلاپ تاشلىغان. مىلادىيە 442-يىلى ئاتتىلا گىلىپولى يېرىم ئارىلدا شەرقىي رىم قۇشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. تىئودۇرۇس بۇ قېتىم يەنىلاھۇنلار بىلەن تىنىچىلىق كېلىشىمى ئورنىتىشتىن باشقا چىقىش يولى تاپالمىغان. شۇنىڭ بىلەن، تىئودۇرۇس مىلادىيە 443-يىلى ئاتتىلا بىلەن كېلىشىم تۈزگەن. كېلىشمىدە ئاتتىلا شەرقىي رىم ئۆتەيدىغان مەجبۇريەتلەرنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتكەن. كېلىشمىنىڭ مەزمونى مۇنداق ئىدى: = Ksn4#  
    1. شەرقي رىم ھۇنلارغ تاپشۇرمىغان باجنىڭ ھېسابىغا 6000 لىرا ئالتۇن تاپشۇرۇش. 3chT:<  
    2. يىللىق باجنى 2100 لىرا ئالتۇنغا ئۆستۈرۈش. Lgft_]  
    3. ھۇنلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇشىدىن قېچىپ كەتكەن شەرقىي رىم ئەسكەرلىرنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن 12 لىرا ئالتۇن تاپشۇرۇش. YGE.   
    4. ھۇن قاچاقلىرنى شەرىقي رىم تەۋەسىگە كىرگۈزمەسلىك ①«ھۇن تارىخىغا دائىرماقالىلەرتوپلىمى»خەنزۇچە، 137-بەت. J8FDDzxNQ  
    *TLsmGGQf  
    تىئودۇرۇس بۇ شەرتلەرنىمۇ ئۈن-تىنسىز ھالدا قۇبۇل قىلغان. چۈنكى، ئۇنىڭدا ئاتتىلاغا قارشى چىققۇدەك كۈچ-قۇدىرەت يوق ئىدى. لېكىن، بۇ كېلىشىم ھۇنلار ئۈچۈن يەنىلا ۋاقىتلىق ئىدى. چۈنكى باشتا ئېيتىپ ئۆتكىمىمىزدەك، ھۇنلارنىڭ تاشقى سىياسىتىدە شەرقىي رىمگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىپ ۋە زەئىپلەشتۈرۈپ، ئاخىرى يوقىتىش بەلگىلەندى. شۇڭىلاشقا، ھۇنلار بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىچە بولغان ئارلىقتا شەرقىي رىمدىن كۆپىرەك نەپ شىلىۋېلىپ، ئۇنى ھالسىرتىپ، ئاخىرى ھەربىي كۈچ ئىشلەتمەيلا يوقىتىشنى كۆڭىلىگە پۈكۈپ قويغانىدى. Cu *TIv)  
    شەرقىي رىم بۇنچىلىك ئېغىر باجنى تاپشۇرۇشتا زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مىلادىيە 447-يىلى شەرقىي رىم تەۋەسىدە قاتتىق يەر تەۋرەپ، ئېغىر ۋەيرانچىلىقلار كېلىپ چىقان. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئىلگىرى-كېيىن بۇلۇپ تۆت ئاي داۋاملاشقان. شۇڭا، مىلادىيە 447-يىلى تىئودۇرۇس ھۇنلارغا تاپشۇردىغان ئالتۇننى تاپشۇرالماي قالىغان. بۇنى باھانە قىلغان ئاتتىلا شۇ j%3VBe&4V  
    يىلى بالقانغا ئىككىنچى قېتىم يۈرۈش قىلغان. بۇ قېتىم ئاتتىلا شەرقىي رىمنىڭ 70 دىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك شەھەرلەرنى ئىگىلەپ، ئارقىدىن كونسىتانتىنىپولنى قاتمۇقات مۇھاسىرگە ئالغان. مۇشۇ چاغدا ئاتتىلا مۇھاسىرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شەھەر ئىچىگە بېسىپ كىرىدىغانلا بولسا، شەرقىي رىم شۇ ھامان شەرتسىز تەسلىم بولغان بولاتتى. لېكىن، ئاتتىلا ئۇنداق قىلمىدى. ئۇ يەنە تىئودۇرۇس نىڭ كېلىشىم تۈزۈپ تىنىچلىق ئورنىتىش تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، شەرقىي رىمگە يەنە بىر قېتىم ھاياتلىق پۇرسىتى بەردى. تىئودۇرۇس ئاتتىلانىڭ دېگىنى بويىچە، دوناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىن بەش كۈنلۈك مۇساپىدە كېلىدىغان كەڭرى بىر جاينى ھۇنلارغا بۆلۈپ بەردى. ھۇنلارنىڭ ھەربىي چىقىمى ئۈچۈن 600 لىرا ئالتۇن تۆلىدى ھەمدە يىللىق باجنى 2100 لىرا ئالتۇندىن ئۈچ ھەسسە كۆپەيتىشكە قوشۇلدى①. 0}1x p*V  
    ئىبراھىم كافەس ئوغلو: «12-ئەسىرگە قەدەر ئىستانبۇلنىڭ تۈركلەر تەرپىدىن مۇھاسىرە قىلىنىشى»، «ئىستامبۇل ئىنىستېتوتى ژۇرنىلى»، تۈركچە، 1957-يىلى 3-سان1-، 6-بەتلەر Bzvv!l|Qs  
    R\&Uk0^p  
    شەرقىي رىم ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر كېلىدىغىنى ھۇنلارغا يىللىق باجنى تاپشۇرۇش بولدى. بۇنچىلىك كۆپ ئالتۇننىڭ چىقىم قىلىنىشى دۆلەت مالىيىسىنى قۇرۇقداپ قوياتتى. ئېمپېراتور تىئودۇرۇس بېشى قېتىپ، قانداق قىلىشنى بىلمەي تۇرغان بىر پەيىتتە، باش ساراي خادىمى كىرساپخىئوس ئاتتىلادىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىىسىنى ئويلاپ تاپقان. يەنى ئۇ ئاتتىلانى ئۆلتۈرۈش چارىسىنى ئوتتۇرغا قويغان. كىرساپخىئوس ئاتتىلانىڭ ئەلچىسى ئەدەقۇنغا پارە بېرىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ بۇ ئىشقا ياردەم قىلىشنى ئۆتۈنگەن. ئەدەقۇن ئۇنىڭغا يالغاندىن سېتىلغان. بۇ سۇيقەستنى ئورۇنداش ئۈچۈن، كىرساپخىئوس ئاتتىلاغا تۇنۇشلۇق بولغان ماكسىمىنوسنىڭ باشچىلىقىدا، تارخچى پىرسكوسمۇ قاتناشقان بىر ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ئاتتىلانىڭ ئەلچىلىرى بىلەن بىرگە 448-يىلى ھۇنلانىڭ پايتەختىگە ئەۋەتكەن. ئاتتىلانى ئۆلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى بىگىلا ئىسىملىك بىر ئۈستىگە ئالغان. بۇنى پەقەت تەرجىمان ۋىگىلاس بىلەتتى. قالغانلارنىڭ بۇ ئىشتىن زادى خەۋىرى يوق ئىدى. ئەلچىلەر يېتىپ كېلىشى بىلەنلا ئەدەقۇن سۇيقەست پىلانىنى ئاتتىلاغا مەلۇم قىلغان. قاتتىق غەزەپلەنگەن ئاتتىلا بىگىلانى ھۇن ئەدىليە ھەيئىتىنىڭ ئالدىدا سوراققا تارتىپ، جىنايىتىنى ئىقىرار قىلدۇرغان. ئاتتىلا شۇ مەيداندا ئۇزۇن بىر نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىن: «ئەگەر كەچۈرمەيدىغان بولسام سىلەرنى ھۇنلانىڭ ئادىتى (قانۇنى) بويىچە دالىغا ئېگىز موما ياغىچى تىكىپ، موما ياغاچنىڭ ئۇچىغا يالىڭاچ باغلاپ قۇيۇپ، ياۋايى يىرتقۇچ قۇشلارغا يەم قىلىپ بېرىپ جازالايتىم.» دەپ ئەلچىلەرگە ھۇنلارنىڭ قانۇنىنى تۇنۇتۇپ، ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلغان. mE)iy(i4qp  
    شەرقىي رىمنىڭ سۇيقەسىت پىلانى بەربات بولغاندىن كېيىن، ئاتتىلا دەرھال ئۆزىنىڭ ئىككى ئەلچىسى ئارقىلىق تىئودۇرۇس گە ناھايتى ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن تولغان بىر مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئۇنڭدىن كىرساپخىئوسنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ كاللىسىنى ھۇنلارنىڭ پايتەختىگە ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. قورقۇپ كەتكەن تىئودۇرۇس مىلادىيە 449-يىلى كىرساپخىئوسنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ كاللىسىنى ئاتتىلاغا ئەۋەتىپ بەرگەن. شۇنداق قىلىپ، كىرساپخىئوسنىڭ ئاتتىلانى ئۆلتۈرۈش سۇيقەستى، ئەكسىنچە ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرلۈشىدەك ئېچىنىشلىق پاجئە بىلەن ئاخىرلاشقان. ibAL+*N7  
    بىر ئۆمۈر ھۇنلار ئۈچۈن ئېغىر مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆتەپ خورلۇق ئىچىدە ياشىغان تىئودۇرۇس مىلادىيە 450-يىلى ھەسرەت بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. تىئودۇرۇس مىلادىيە 422-يىلى تۆت ياش ۋاقتىدا شەرقىي رىم ئېمپىرىيىسىنىڭ تەختىگە چىققان. ئۇدا ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە شەرقىي رىم ئېمپىرىيىسى ھۇنلارغا قارام بولۇپ قېلىپ، نۇمۇسلۇق كۈنلەرگە دۇچار بولغانىدى. بولۇپمۇ ئاتتىلا ھۇن ئېمپىراتورى بولغاندىن كېيىن شەرقىي رىم ئېمپىرىيىسى ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە ئاھانەتلىك كۈنلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. ئۆزىنىڭ نۇرغۇن زىمىنىنى ھۇنلارغا تارتقۇزۇپ قويغان ھەتتا، تارىخ سەھنىسىدىن غۇلاپ چۈشۈشكە تاس قالغان. پەقەت نۇرغۇن بەدەل تۆلەش ھېسابىغا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغان. OoaIR)2  
    تىئودۇرۇس ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا ماركىنوس تەخىتكە چىققان. ئاتتىلا بۇ يېڭى ئېمپىراتورنى تىنىچلىق كېلىشىمى بويىچە تېگىشلىك باجنى تاپشۇرۇشقا قىستىغان. ماركىنوس باج تاپشۇرۇش ئورنىغا قولىغا قورال ئېلىپ، ھۇنلار بىلەن ئۇرۇش قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماركىنوسنىڭ بۇ قىلمىشىدىن غەزەبلەنگەن ئاتتىلا شەرقىي رىمنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىشنى قارار قىلىپ، شەرقىي رىم ئۈستىگە جىددى يۈرۈش قىلۋاتقان چاغدا، ئۇ ماركىنوسنى چوڭ سۆزلەتكەن كۈچنىڭ غەربىي رىم ئېمپىرىيىسى ئىكەنلىكىنى سېزىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن، ئاتتىلا شەرقىي رىم بىلەن غەربىي رىم ئېمپىرىيىسىنىڭ ھەربىي كېلىشىم تۈزىۋېلىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن، نىشانىنى بىردىنلا غەربىي رىم ئېمپىرىيىسىگە يۆتكىگەن. شەرقىي رىم بىلەن كېيىن ھېسابلاشماقچى بولغان④. dyfQS  FG  
    ___________________ I2= wTl ,  
    ①ئالزىم:«ئاتتىلا»،تۈرۈكچە، 134-بەت wQ|dl#N#  
    ②س.ئاققايا: «قەدىمكى نېمىس داستانلىرىدا ئاتتىلا»، «dfctd مەجمۇئەسى»، تۈركچە، 1944-يىلى 2-سان،561-بەت "(o>aLgi  
    ③ئالزىم: «ئاتتىلا»، تۈركچە، 168-بەت 7!Lw7' }  
    -1 xIeEO  
    ④«تۈرك ئىنسىكلوپىدىيسى»،تۈركچە، 4-توم، 193-بەت m 
    0OKU'HHmc  
    |jm(@p%D  
    ;z TUG_f*B  
    .UTn+dT'  
    v*l^sN(cv  
    ;w|9Qtq/y  
    ئۇف.................. ھېرىپ قالدىم جۇمۇڭلار................. ماۋۇ ياقتىن ............. دەپ بولغۇچە ئاۋۇ ياقتىن ئىنكاس دىگەنننى يېزىپ.............. رەسىم دىگەننى يوللاپ .................... mc]Iw9&S  
    ^2/N*m1  
    شۇنداق ھەممىڭلارنىڭ ئىنكاسىڭلارنى كۆزدە تۇتقانتىم.............. ئەسەر تولۇق يېزىلىپ بولغاندا كۆمىۋەتسەڭلارمۇ باغۋەن رازى بولماسمىتى........... [qM #l!(  
    ^ 
      ئاۋۇ كېنۇنى مەن ئۆزەم قىمىرماي كۆرۋاتقان ئىدىم............ شۇنداق ياخشىكەن..... ئەگەر شارائىت يار بەرسە............شۇبۇ تېمىغا مۇشۇ كېنۇنى يانداشما قىلساق تازا بولغۇدەككەن......... بولمىسا............... ئۆتىنەي ........... باغۋەنكام تېمىسىنى يوللىۋالغۇچە ئىنكاس يازماي تۇرساڭلار بولامدۇ....ئۆتىنەي.............
    [ بۇ يازما باغۋەن تەرپىدىن 2008-05-08 21:33 دە قايتا ]
    kino
    .....
      بۈگۈن سەندىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قېلىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم، ياق كۆڭلۈم تۇيغان ئىدى. ئەتتىگەندىلا تولىمۇ خەلىتە بىر چۈش كۆرگەن ئىدىم. سەن بىلەن ياتاق بېناسى ئالدىدا زار-زار يىغلاپ ئايرىلىپ كېتىپتىمەن. شۇنچە يالۋۇرساممۇ پەرۋا قىلمىدىڭ. مانا بۈگۈن سەندىن ھەقىقەتەنمۇ ئايرىلىپ قېلىشىمغا ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ. چۈنكى بۈگۈن سېنى قوغدىيالمىدىم...تولىمۇ ئازاپلانماقتىمەن، ئەگەردە ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرغۇلى بولسىكەن.. سېنى جېنىم چىقىپ كەتسىمۇ قوغدىغان بولاتتىم.. مەن نېمىدىگەن نان قېپى ھە..!! ئۆزەم چىن كۆڭلۈمدىن سۆيگەن ئادەمنىمۇ شۇنچىكى ئىشتا قوغدىيالمىدىم.. ئۆزەمدىن مەڭگۈ نەپرەتلىنىمەن.. مەڭگۈ.... كەچۈرگىن....دىيەلمەيمەن، ھەم سېنىڭ مېنى كەچۈرۋىتىشىڭنىمۇ خالىمايمەن..... پەقەت سېنى ئەڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىمغىچە سۆيىمەن.....  2008.5.4
    | ۋاقتى : 2008-05-08 20:56 9 -قەۋەت
    باغۋەن
    سالام رومانتىكا
    ئالاھىدە باشقۇرغۇچى سەھىپە باشقۇرغۇچى مۇنبەر قىززىقچىسى يازما يوللاش ئۇستىسى ئالىي ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى مۇنبەر باشقۇرغۇچى ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 49
    نادىر تېما : 29
    يازما سانى : 3282
    ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3282دانە
    شۆھرەت: 5731 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 723493 سوم
    تۆھپە: 475 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4400 نۇمۇر
    قوللاش: 3725 نومۇر
    ئالقىش: 4529 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :243(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    cDL % u*G  
    PA9GTvW'  
    oT%m|=b\K  
    4. ئاتتىلا ۋە غەربىي رىم ئېمپىرىيسى PT5B] 3  
    dXSXN  
    باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، غەربىي رىم ئېمپىرىيىسى ھۇنلارنىڭ ئىتتىپاقچىسى ئىدى. لېكىن، ئاتتىلا دەۋرىگە كەلگەندە بۇ خىل ئىتتىپاق نامدا بار، ئەمەلدە يوق ھالغا چۈشۈپ قالغان. شۇ دەۋرىدىكى ياۋروپا دۇنياسىدا ئاتتىلا «تەڭرى قامچىسى»، ئۇ گۇناھقا تولغان خىرىستىئان دۇنياسىنى جازالاش ئۈچۈن، تەڭرى تەرپىدىن يەر يۈزىگە ئەۋەتىلگەن، ئاتتىلانىڭ قولىدىكى قىلىچ ئۇرۇش تەڭرىسى ئارس(«يۇنان ئەپسانىلىرى ۋە رىۋايەتلىرى»دىكى جەڭ تەڭرىسى-م.) قىلىچى بولۇپ، تەڭرى ئۇنى ئاتتىلانىڭ دۇنيانى بويسۇندۇرۇشى ئۈچۈن ئۇنڭغا بەرگەن، دېگەنگە ئوخشاش رىۋايەتلەر كەڭ تارقالغانىدى. ھەتتا، بۇ رىۋايەتلەرگە ئاتتىلانىڭ ئۆزىمۇ ئىشەنگەن. شۇڭا، پۈتۈن دۇنيانى ئۆز قولىغا كىرگۈزۈشنى ئويلايدىغان ئاتتىلا ئۆزىنىڭ يېنىدا غەربىي رىم ئېمپىرىيىسىدەك چوڭ بىر دۆلەتنىڭ بولىشىنى ئەسلا خالىمايتتى. ئۇ،بۇ دۆلەتنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇش كېرەك،دەپ قارايتتى. ئاتتىلا بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مىلادىيە 439-يىلىدىن باشلاپ غەربىي رىم ئېمپىرىيىسىگە قاراتقان تاشقىي سىياسىتىنى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭغا بېرىدىغان ياردەمنىمۇ كېمەيتكەن. ئاتتىلا يەنە مىلادىيە 443-يىلى گاللىيە (ھازىرقى پولشا، فىرانسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىر قىسىمى)دىن، تاكى ئىسپانىيىگىچە بولغان جايلاردا ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ غەربى رىم ئىمپېريىسىگە قارشى قوزغىلىڭىنى قوللاپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبىرنى پاناھىغا ئالغان. ئاتتىلا شەرقىي رىمگە قانداق ئېغىر شەرتلەرنى قويغان بولسا، غەربىي رىمگىمۇ شۇ خىلدىكى شەرتلەرنى تاڭغان. مەسىلەن، سىلۋانۇس ئىسىملىك بىر رىملىق ئالتۇن- كۆمۈش سودىگىرى ھۇنلار ئىشغال قىلغان سىرىئوم شەھىرىنىڭ ئېپىسكوپى ئارقىلىق ئاتتىلانىڭ كاتىپى كونستانتىنوستىن دىنىي مۇراسىملاردا ئىشىلتىدىغان ئالتۇن قاچا-قۇچىلارنى ئارىيەتكە ئالغان. كېيىن، قايتۇرۇش ۋاقتى توشقاندا، ئۇ بۇ ئالتۇن قاچا-قۇچىلارنى ئىتالىيلىك بىر سودىگەرگە سېتىۋەتكەن. ئاتتىلا سىلۋانوسنى ئوغرىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزدى، دەپ قاراپ، غەربىي رىم ئېمپىرىيىسىدىن ئۇنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى، بولمىسا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئاتتىلا يەن بىر تەرەپتىن ھۇنارىيا مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشىنى ئوتتۇرغا قويغان. غەربىي رىمنىڭ ھۇنارىيا ئىسىملىك بىر مەلىكىسى بار بولۇپ، ئۇ ئېمپىراتور ۋالىنتىنوس نىڭ سىڭلىسى ئىدى. كېيىن ھۇنارىيانىڭ باللىرى بىلەن ۋالىنتىنوس نىڭ ئوتتۇرسىدا تەخىت تالىشىش داۋاسىنىڭ پەيدا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر ھۇنارىيانىڭ توي قىلىشىنى چەكلىگەن. ھۇنارىيا ئاتتىلا يېڭىدىن تەخىتكە چىققان چاغدا، ئاتتىلانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىر توي ئۈزۈكى ئەۋەتىپ ئۆزنىڭ ئاتتىلا بىلەن توي قىلىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما، ئاتتىلا مەلىكە ھۇنارىيانىڭ بۇ تەلىپىگە جاۋاپ بەرمىگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش ئاستا-ئاستا بېسىقىپ قالغان. كېيىن ھۇنارىيانىڭ سارايدىكى بىر ئەمەلدار بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى سېزىلىپ قېلىپ، ئانىسى پىلاكىرىيا ھۇنارىيانى ئاۋال شەرقىي رىم ئوردىسىدا، كېيىن غەربىي رىمنىڭ ئوردىسدا نەزەربەند قىلغان. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئاتتىلا، ھۇنارىيانى ئۆزىنىڭ ئالماقچى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بولغۇسى بۇ خانىشنىڭ ئازاد قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، غەربىي رىمگە ئەلچى ئەۋەتكەن. ئاتتىلا ئەلچىلەر ئارقىلىق ھۇنارىيانىڭ مىراسى سۈپىتىدە غەربىي رىم ئېمپىرىيىسى زىمىنىنىڭ يېرىمىنى ئۆزىگە بۆلۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. غەربىي رىم ئېمپىرىيىسى ئاتتىلانىڭ بۇ تەلپىنى رەت قىلىپ، ھۇنارىيانى باشقا بىرىگە ياتلىق قىلىۋەتكەن①. ئاتتىلانىڭ مانا مۇشۇنداق ئېغىر شەرتلەرنى ئوتتۇرغا قويۇش ئارقىلىق، غەربىي رىمگە قارىتا قوراللىق ھەرىكەت قوزغاشقا باھانە ئىزدەۋاتقانلىقى غەربىي رىم ئوردىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە مەلۇم ئىدى. mXR^E1=SS  
    ھۇنلار غەربىي رىم ئېمپىرىيىسىنى بىر قانچە قېتىم خەتەرلىك كۈندىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان بولغاچقا، بۇنىڭ بەدىلگە غەربىي رىم ئېمپرىيىسى ھۇنلارغا يىللىق باج تاپشۇراتتى. ئاتتىلا بىلەن دەۋرداش بولغان غەربىي رىم قوماندانى ئائىتوس ھەر ۋاقىت بۇنداق ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشنى ئويلايتتى. ئۇ ھامان بىر كۈنى ئاتتىلانىڭ ھۇجۇم قىلىپ كىردىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا، ئۇ غەربلىكلەر تەرپىدىن ئاتالمىش ۋار-ۋار②دەپ ئاتالغان مىللەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، ئۇلاردىن تەشكىل قىلغان مۇئاشلىق ئەسكەرلەر ئارقىلق، ھۇن ئۇسلۇبىدا ئاتلىق قۇشۇن تەربىيلىگەن ھەمدە ھۇن ئىمپىېرىيىسى تەۋەسىدىكى بەزى مىللەتلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئۇلارنى ئاتتىلاغا قارشى ئېسىيان كۆتۈرۈشكەن كۈچكۈرتكەن. دېمەك، ھۇنلار بىلەن غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى بىر- بىرگە قوراللىق ھەرىكەت قوللىنىشقا خېلىدىن بېرى تەيارلىق قىلىشقانىدى. kWzBUPTV  
    Yp+u^sE  
    مۇشۇ چاغدا غەربىي رىم قۇشۇنىنىڭ تەركىبىمۇ مۇرەككەپ ئىدى. غەربىي رىم قۇشۇنى ئىچىدىكى غەربىي گوتلار يالغۇز ئۆز ئالدىغا ھۇنلار بلەن تىركىشەلىگۈدەك كۈچكە ئىگە ئىدى. ئاتتىلا غەربىي گوت قۇشۇنىنى پاچاقلاپ تاشلىغاندىلا، غەربىي رىم قۇشۇنىنى ئاسانلا بىر تەرەپ قىلغىلى بولدىغانلىقىنى ئوبدان چۈشىنەتتى. شۇڭا ئۇ ئالدى بىلەن رىم قۇشۇنى بىلەن غەربىي گوتلار ئارىسىدىكى كۈچلۈك زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، رىملىقلار بىلەن غەربىي گوتلانى بىر-بىردىن ئايرىپ تاشلىماقچى بولغان. ئۇ پىلانىنى سەزدۈرۈپ قويماسىلىقى ئۈچۈن، غەربىي رىم ئىمپېراتورى ۋالىنتىنوسقا غەربىي گوتلار ئۈستىگە يۈرۈش قىلدىغانلىقىنى، غەربىي گوتلارغا بولسا گاللىيەدىكى رىم بۇيۇنتۇرۇقىنى پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈن يۈرۈش قىلدىغانلىقىنى ئېيتقان. 2hRfdVBR  
    ھەقىقەتەن ئاتتىلا مىلادىيە 451-يىلى 1-ئايدا، 200 مىڭ كىشلىك قۇشۇن بىلەن غەربكە يۈرۈش قلغان. يۈرۈش جەريانىدا ئۇ دوناي دەرياسى بويىدىكى غەربىي رىم شەھەرلىرى ۋە ئىستېھكاملىرىنى ۋەيران قىلىپ ئۆتكەن ھەم بۇ ئەتىراپتا ياشايدىغان ھەر قايسى گېرمان قوۋملىرىدىن ئەسكەر ئېلىپ،قۇشۇنىنىڭ سانىنى 500 مىڭغا يەتكۈزگەن③ئاتتىلا مۇشۇ قېتىمقى يۈرۈشكە ئاتلىندىغان چاغدا ناھايتى تەنتەنىلىك نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: «بىز يات مىللەتلەر ئۈستىگە ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتىمىز. مىللىتىمىزنىڭ ھەيۋەتلىك نامى ئۇلارنى قۇرقۇتۇپ تىتىرتىدۇ. ئېھتىمال بىز ئۆلۈپ كېتىشىمىزمۇ مۇمكىن. لېكىن، ئاسمان-زېمىننى زىل-زىلگە كەلتۈرگەن ئىشىمىز مەڭگۈ ياشنايدۇ. بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىدۇ.» c1DqFQ  
    0nO#\W  
    شۇ يىلى 3-ئايدا ئاتتىلا رەھبەرلىكىدە ھۇن قۇشۇنى رىيىن دەرياسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، فىرانسىيىدىكى مىتزى ۋە رىيمسى قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلغان. ئارقىدىن پارىژنىڭ يېنىدىكى ئورلېئان شەھىرگە قىستاپ كەلگەن. ئاتتىلا مۇشۇ جايدا غەربىي گوتلارنى مەغلۇب قلىپ، ئاندىن غەربىي رىم قۇشۇنىنى يوقاتماقچى. لېكن، ئائىتوس قوماندانلىقىدىكى 600 مىڭ كىشلىك غەربىي رىم قۇشۇنى ئاتتىلانىڭ كەينىدىن بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەن، ئاتتىلار دەرھال كاتالونىيە تۈزلەڭلىكى (گوت –ئالان تۈزلەڭلىكى)گە چېكىنىپ، ئەسكەرلەرنى سەپكە ئۇرۇنلاشتۇرغان. غەربىي گوتلار دەسلەپتە ئۆزىنىڭ بىتەرەپ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. كېيىن ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، غەربىي رىم تەرەپتە تۇرغان. F%uV0Rru8  
    كاتالونىيە تۈزلەڭلىكى (فىرانسىيە)دە ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز قۇشۇنىنى شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ ئۈچ سەپ بويىچە ئۇرۇنلارشتۇرغان. Y&gQYq6G-  
    ئائىتوسنىڭ باش قوماندانلىقىدىكى غەربىي رىمنىڭ ئەسىلى قۇشۇنى فىرانىك پادىشاھى مىروۋىخ قۇماندانلىقىدىكى قۇشۇنى بىلەن شىمالىي سەپ بۇلۇپ ئۇيۇشقان. شىمالىي سەپنىڭ يېنىدا مۇداپىئەلىنىشكە ئەپىلىك بىر ئىگىزلىك بار ئىدى. ئوتتۇرا سەپنى سانگىيان قوماندانلىقىدىكى ئالان قۇشۇنى تەشكىل قىلغان. جەنۇبىي سەپكە تىئودورۇك قۇماندانلىقىدىكى غەربىي گوت قۇشۇنى قۇيۇلغان. 'Fl&[s?F  
    ئاتتىلانىڭ قۇشۇنى تەرەپتە بولسا، غەربىي رىم ئۇرۇش سېپىنىڭ ئەڭ ئاجىز نوقتىسى بولغان ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئالان قۇشۇنىغا، ئاتتىلا ئۆزى بىۋاستە قۇماندانلىق قىلغان ھۇن ئاتلىق قىسىمى ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان. شىمالىي سەپكە ھېرۇللار، كۇئادلار قاتارلىق گىرمان قۇۋىملىردىن تەشكىل قىلغان قىسىم قۇيۇلغان. جەنۇبىي سەپتە غەربىي گوتلارغا ئۇدۇلمۇئۇدۇل قىلىپ، ۋالامىر رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي گوت قۇشۇنى قۇيۇلغان. مانا بۇ دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئۇرۇشلارنىڭ بىرى ھېسابلانغان ــ كاتالونيا ئۇرۇشىنىڭ ئىستىراتىگىيلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىدى④. sfJ0F^{?  
    }5&@N/|V  
    كاتالونىيە ئۇرۇشى مىلادىيە 451-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى يۈز بەرگەن. ئۇرۇش ساق بىر سوتكا داۋاملاشقان. ئۇرۇش باشلىنىشى بىلەنلا ئاتتىلا جەنۇبىي ۋە شىمالىي سەپنى مۇداپىئەگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى غەربىي رىمنىڭ ئاجىز نوقتىسى بولغان ئوتتۇرا سەپكە- ئالانلار ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇب قىلغان. غەربىي رىمنىڭ جەنۇبىي سەپ قۇشۇنىمۇ قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچىراپ، قۇماندان تىئودورۇك ئۆلگەن. كەچ كىرگەن چاغدا غەربىي رىمنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي سەپتىكى قوشۇنى چېكىنىپ كەتكەن. بۇ چاغدا باش قوماندان ئائىتوسمۇ ھۇنلارنىڭ مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قېلىپ، ناھايتى تەسلىكتە قۇتۇلۇپ چىققان. ئائىتوس ھۇنلارنىڭ مۇھاسىرىسىدىن قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن، ئەتىسى ئەتىگەندە غەربىي رىم قوشۇنىنى باشلاپ چېكىنىپ كەتكەن. غەربىي رىم قوشۇنىنىڭ چېكىنگەنلىكىنى كۆرگەن ئاتتىلامۇ قىسىملىرىنى باشلاپ، 20 كۈن ئىچىدە ئۆز پايتەختىگە قايتىپ كەلگەن. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش شۇنداق دەھشەتلىك بولغانكى، سىنا دەرياسىنىڭ سۈيى ئادەمنڭ مەيدىسىگە كەلگۈدەك چوڭقۇرلۇقتا قانغا تولۇپ ئاققان. ئۇرۇشتا ھەر ئىككى تەرەپتىن 300 مىڭ ئادەم ئۆلگەن. بەزى رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئۇرۇشتا ئۆلگەن ئەسكەرلەرنىڭ روھى ئۈچ كېچە-كۈندۈز ئۇرۇشقانمىش⑤. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا غەلبە ئاتتىلاغا مەنسۇپ بولغان. مىلادىيە 5-ئەسىردە ياشىغان پىروستىرپىرونىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئائىتوس ئېمپىراتور ۋالېنتىنوسقا ئۆزىنىڭ ھۇنلارغا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنىڭ بەدىلگە ئىتالىيدىن ۋاز كېچىپ، ئۇنى ھۇنلارغا بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ۋالېنتىنوس بۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ، ئۇنى مەجبۇرىي ئۇرۇشقا سالغان. ئائىتوس ئۇرۇشتا ئىنتايىن باتۇرلۇق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا كۈچلۈك ھۇنلارغا تەڭ كېلەلمگەن. rzh ,VPI  
    Nl~]]$/  
    كاتالونىيا ئۇرىشىدا ئائىتوس مەغلۇپ بۇلۇپ چېكىنگەن. ئاتتىلامۇ ئۇرۇشتا نۇرغۇن قۇشۇنىدىن ئايرىلىپ قالغاچقا، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىماي غەربىي رىم بىلەن قايتا بىر قېتىم ھېسابىلىشىشنى ئويلاپ، ئۆز پايتەختىگە قايتقان. (;8;\a<  
    مىلادىيە 452-يىلى ئاتتىلا100مىڭ كىشلىك قۇشۇن بىلەن ئىككىنچى قېتىم غەربىي رىم ئۈستىگە يۈرۈش قىلغان. ئاتتىلا بۇ قېتىمقى يۈرۈشىدە ئالدىغا ئۇچىرغان تۇنجى شەھەرئاچىئويلانى قاتتىق ۋەيران قىلپ، ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلۋەتكەن. ئارقىدىن ئىتالىيىدىكى مىلان ۋە پاۋىيان قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىگەلەپ، ئۇدۇل رىم شەھىرگە قىستىپ بارغان. قاتتىق قورقۇپ كەتكەن رىم ئىمپېرىيىسى، ئەينى ۋاقىتىكى خىرىستىئان دىنىي دۇنياسىنىڭ مەنىۋىي داھىيسى پاپا لېئو 1 باشچىلىقدا، ئۈچ كىشلىك بىر ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ئاتتىلانىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن. پاپا لېئو1 غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى ۋە پۈتكۈل خرىستىئان دىنىي دۇنياسى نامىدىن ئاتتىلا بىلەن سۈلھى تۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ۋە ھەرقانداق شەرتىنى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بۈلدۈرگەن. بۇ چاغدا ئاتتىلانىڭ يېقىن كىشلىرمۇ رىمنىڭ قەدىمى مەدىنىيەت مەركىزى ئىكەنلىكىنى، ئاتتىلانىڭ مەدەنىيىتىنى ھىمايە قىلغۇچى كىشى بولغاچقا، بۇ شەھەرنى ۋەيران قىلماي بۇ شەھەرنى ساقلىپ قېلىشنى تەۋسىيە قىلغان. ئاتىلامۇ بۇ پىكىرنى توغىرا تاپقان. شۇڭا ئاتتىلا غەربىي رىمنىڭ تەسىلىم بولغانلىقىنى پاپا لىئو 1 گە ئېتىراپ قىلدۇرۇش شەرتى بىلەن، ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزگەن. كېلىشىم بويىچە، غەربىي رىم ھەر يىلى ھۇنلارغا تاپشۇردىغان 700 لىرا ئالتۇننى، 2100 لىرا ئالتۇنغا كۆپەيتكەن.شۇنداق قلىپ، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىمۇ ھۇنلارغا قارام بۇلۇش ھالىتى بىلەن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغان. h%WT/ d  
    eIv'r*mWT(  
    _______________ aU,K  
    ① «تۈرك ئىنسىكلوپىدىيسى»،تۈركچە،19-توم، 343-بەت. uh639rt  
    ② ۋار-ۋار ئەسىلدە «بار –بار» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان. يۇنانچە «بارا- باروي» لاتىنچە «بارا-بارى» دېگەن ناملار«چۈشەنگىلى بولمايدىغان تىلدا سۆزلىشىدىغانلار» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. سانسكرىتچە «بار-باراخ» سۆزى بولسا «تۆتۆت» (كېكەچ) دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئونىگناتنىڭ چۈشەندۈرۈشچە، «بارا-باراس» دېگەن سۆزى بولسا «ئارىئانلاردىن بولمىغان قوۋملەر» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئونىگىناتىنڭ چۈشەندۈرۈشچە، «بارا-بارا» دېگەن نام ئاككات تىلدا «بۆرە» بۇلۇپ بۇ لۇۋى قەبىلىلىرىنىڭ نامى سۈپىتىدە يۇنان تىلغا، ئۇنىڭدىن لاتىن تىلى ۋە باشقا تىلارغا ئۆتكەن. dy}n`g,Dw  
    ③ «تۈرك ئىنسىكلوپىدىيسى»،تۈرۈكچە،4-توم،193-بەت. Kd lO:  
    ④«تۈرك ئىنسىكلوپىدىيسى»، تۈرۈكچە،9- توم،496-بەت. u*-pvzH  
    ⑤«تۈرك ئىنسىكلوپىدىيسى»،تۈرۈكچە، 9- توم، 496-بەت.
    ZWjQgVc+]  
    u# H5ae@[  
    .'r,Puc"h  
    - t|h& {  
    AwV{$DVkM  
    &i )NFc]H  
      ھەي چىمەلتەك ،  قانداق ئەھۋالىڭلا،. تۈز كۈڭۈللىكىڭىلىدىن ئاسانلا باشقىلارنى رەنجىتىسلە ،، lFUC![q=  
    مەن ئاخىرىنى ئىنكاسىڭلارغا قىستۇرۇپ قوياي، ھەممىڭلىنىڭ  ،،، 196*f/D!2J  
    يانا رەنجىپ كەتمەڭلا TaO:lzX  
    [ بۇ يازما باغۋەن تەرپىدىن 2008-05-08 21:35 دە قايتا ]
    kino
    ئىت ھۈرەر ، كارۋان يۈرەر
    | ۋاقتى : 2008-05-08 20:56 10 -قەۋەت
    ماينۇر512
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


    UID نۇمۇرى : 13083
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 11
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە11دانە
    شۆھرەت: 11 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 155 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 11 نۇمۇر
    قوللاش: 11 نومۇر
    ئالقىش: 11 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :4(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    4RSjU[C4  
    S1(4/c XU  
    6X0auXgqs  
    J[!PE2X#  
    5.ئاتتىلانىڭ ئۆلۈمى dg6k_W7WW  
    nH7m-:t)L  
            ئاتتىلا مىلادىيە 453-يىلى ئىراندىكى ساسانىيلار سۇلالىسى ئۈستىگە يۈرۈش قلىماقچى بولغان. ئاتتىلا ئىرانغا يۇرۇش قىلىشتىن بۇرۇن غەربىي رىمنىڭ بىر مەلىكىسىگە ئۆيلەنگەن. پىرىسكوس ۋە جوردانىسنىڭ مەلۇماتىغا قارغاندا، ئاتتىلا توي كېچىسى بۇرنى قاناپ ئالەمدىن ئۆتكەن①. ئاتتىلادىن يۈز يىلى كېيىن ياشىغان جوردانىسنىڭ خاتىرلىشچە، ئاتتىلا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ھۇنلار كاتتا مۇراسىم ئۆتكۇزگەن. بۇ ھەقتە جوردانىس مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئاتتىلانىڭ جىنازىسى خان سارىيىنىڭ ئالدىدىكى يىپەك چىدىر ئىچىگە قويۇلغاندى. ماتەم مۇراسىمى ھۇنلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ باتۇ يىگىتلەرنىڭ قېلىچۋازلىق قلىشى بىلەن باشلاندى. ھۇن شائىرلىرنىڭ ئاتتىلاغا ئاتاپ قايغۇلۇق مەرسىيەلەرنى ئوقۇدى.»جوردانىس ھۇن شائىرلىرىنڭ مەرسىيەلىرىنى مۇنداق بايان قىلغاندى:«ھۇنلانىڭ ئەڭ بۈيۈك خانى، مۇنجۇقنىڭ ئوغلى، ئەڭ جەسۇر مىللەتنىڭ ھۆكۇمدارى ئاتتىلا ئۆزىدىن بۇرۇم ھېچكىمدە كۆرۈلۇپ باقىمىغان كۈچ- قۇدىرەتكە ئىگە ئىدى. ئۇ ئۆز ئالدىغا پۇتۇن سىكتىيە ۋە گىرمان دۆلىتىنى بويسۇندۇردى. بىر قانچە يۇز شەھەرنى ئىگەلىدى. ھەر ئىككى تىم ئىمپېرىيسىنى قاتتىق قورقىتىپ، ئۆزىگە باج تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدى. مانا بۇ غەلبىلەرنىڭ ھەمىسى بەخىت- تەلەينىڭ ئالاھىدە ئىلتىپاتى ئىدى. ئاتتىلا دۈشمەنىڭ زەربىسى ياكى ئۆز ئادەملىرنىڭ ساتقىنلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى توي كېچىسىدە گىگانت مىللەتنىڭ ئىچىدە ئاغىرىق ئازابىغا گىرىپتار بولماسىتىن ئالەمدىن ئۆتتى. ھەممە ئادەم قايغۇغا چومگەن بۇ ئۈلۈمنى كىممۇ ئۈلۈم ھېسابلىسۇن.② j2 3u  
    ئاتتىلانىڭ ماتەم مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىدى ئالتىۇن، كۆمۇش ۋە تۆمۇردىن ئۈچ قات قىلىپ ياسالغان ساندۇقنىڭ ئىچىگە سېلىنغان. ھۇنلار بىردەريانىڭ (قايسى دەريا ئىكەنلىكى نامەلۇم) سۈيىنى ۋاقتىنچە باشقا يۆنىلىشىگە ئاققۇزۇپ، ئۇنىڭ ئاستىنى چوڭقۇر كولاپ، ئۇ يەرگە ئاتتىلانىڭ جەسىدى سېلىنغان ساندۇقنى كۆمگەن. ئاتتىلا كۆمۈلگەن جاينى مەڭگۈ مەخپىي قىلىش ئۈچۈن، ئاتتىلانى يەركىكىنى كولىغان كىشلەر ئوقيا بىلەن ئېتىپ ئولتۈرلۈپ، ئاتىلانىڭ يېنىغان كۆمۇۋېتىلىگەن. ئۇنىڭدن كېيىن ھۇنلار دەريانى ئەسىلى قېنى بويىچە ئاققۇزغان. ③ XND^   
    كېيىنىكى كىشلەر ئاتتىلا كۆمۇلگەن جاينى ھۇنگىريە، رۇمىنيە، ئاۋستىريە، پولشا، ئىتالىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىزدىدى. بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۇشكە توغىرا كېلىدۇكى، مىلادىيە 1799-يىلى رومىنىيىنىڭ بانا رايۇنىدىن ئېقىپ ئۆتۇدىغان تىمىس دەريانىڭ ئارانكو دەرياسىغا قۇشۇلدىغان يېرىدىكى نود سەنتىمىكلوس دېگە جايدىن قەدىمكى بىر دەپنە بۇيۇملىرى تېپىلغان. بۇ دەپنە بۇيۇملىرى ئالتۇن- كۆمۇشتىن ياسالغان قاچا-قۇچىلاردىن ئىبارەت بۇلۇپ، بۇ نەرسىلەر تۆمۈر ساندۇقنىڭ ئىچىدىن تېپىلغان. ئالتۇق قاچا- قۇچۇلارنىڭ ئۈستىگە «ئۇرخۇن-يېنسەي يېزىقى»دا خەت ئۇيۇلغان بۇلۇپ، بۇ دەپنە بۇيۇمىلىرىنى رىملىق ئىككى سودىگەر ھۇنگىريەگە ئېلىپ كەلگەندى. ھازىر بۇ بۇيۇيۇملار ۋىنا موزىېيىدا ساقلانماقتا. ھۇنگىرلار ھازىرغا قەدەر بۇ بۇيۇملارنى ئاتتىلا بىلەن بىرگە كۆمۇلگەن دەپنە بۇيىمىلىرى، بۇ نەرسە تېپىلغان جاينى ئاتتىلانىڭ مازىرى، دەپ قاراپ كەلمەكتە.④ لېكىن يەنى بەزى ئالىملار بۇ دەپنە بۇيۇملىرىنى پەچىنەكلەرگە مال قىلىدۇ. iO_o0azK`  
    W_6:B\WC  
    _______________ }JhVIC4|)  
    Rry 6\ (  
    ① «تۈرك ئىنسىكلوپىدىيسى»،تۈرۈكچە،20-توم،72- بەت. %JN|hYO m  
    ②«تۈرك ئىنسىكلوپىدىيسى »،تۈرۈكچە،4-توم،194-بەت. I&tpEl  
    ③«تۈرك ئىنسىكلوپىدىيسى» ، تۈركچە 4- توم، 203- بەت. D-_VGf-|&  
    ④«تۈرك ئىنسىكلوپىدىيسى»، تۈركچە 25- توم، 73- بەت. t8)q4fX  
    4fP7'n4&[  
    +!dX5]lFPZ  
    [dasmX6b/  
    $}V#((%  
    ;#S( 6  
    pT_yP;G  
    بەك  ياخشى  تىمىكەن  .«ئاتتىلا»دىكەن  ئادەمنىڭ  كىملىكىنى  بىلۋالدىم  .رەىمەت  سىزگە. }Qg2a{&Jr  
    [ بۇ يازما باغۋەن تەرپىدىن 2008-05-08 21:37 دە قايتا ]
    kino
    | ۋاقتى : 2008-05-08 21:18 11 -قەۋەت
    يولۋاسچاق
    مەرتلەر ئۈچۈن ياشايمەن
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 1360
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1596
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1596دانە
    شۆھرەت: 64 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 103503 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1673 نۇمۇر
    قوللاش: 1607 نومۇر
    ئالقىش: 1715 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :137(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    .;yW?G)g  
    EiIBXqxFHS  
    "^`{[T  
    lF 'Dvf8  
    4H/rMp  
    b;AHiucfr0  
    6.ئاتتىلا قانداق كىشى؟
    0Q >Bp&E  
    WQ 9SrT  
    ياۋرۇپا ھۇن ئىمپىرىيسىنى بالەمبەر قورغان، يىلدىز ۋە رۇگا ھۇن ئىمپېرىيسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئاساس سالغان. ئاتتىلا ئۇنى مىسىلىسىز دەرىجىدە قۇدىرەت تاپقۇزغان. شۇڭا، ياۋرۇپا ھۇنلىرى «ئاتتىلا ھۇنلىرى» دەپ ئاتالسا، ياۋرۇپا ھۇن ئىپېرىيسى«ئاتتىلا ئىمپېرىيسى دەپ ئاتىغان. ئاتتىلا دەۋىردە بۇ ئىمپېرىيىىنىڭ زېمىنى شىمالدا بالىتىق دېڭىزدىن، جەنۇپتا دۇناي دەرياسىغىچە، غەرىپتە ئاتلارنتىك ئوكياندن، شەرىقتە بالقىش كۆلى ھەتتا، ئالتاي تاغلىرغىچە سۇرۇلغان بۇلۇپ. ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا قىتەسىگە كەڭەيگەن ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيىگە ئايلاندى. Q8W r^  
    قەدىمكى بىر خىرىستىئان دىنى ھۆججىتىدە ئاتتىلانىڭ دۆلەت بايرىقىنىڭ ئوتۇرسىغا بېشىدا تاجىسى بار بۈركۈتنىڭ سۈرۈتى چۈشۈرۈلگەن،ئاق رەڭلىك توت چاسا يىپەك بايراق ئىكەنلىكى خاتىرلەنگەن.① ay\yyb=z  
    ھۇن ئىمپىېرىيىسى تۇركى تىلىق مىللەتنىڭ ياۋرۇپادا قۇرغان تۇنجى ئىمپېرىيسى بۇلۇپ ھېسابىلىندۇ. بۇ مەزگىلدە ھۇنلار ئۆزىنىڭ ئىلغار مەدەيىيىتى ۋە مۇكەمەل ھەربىي تەشكىلى تۇزۇمىنى ياۋرۇپاغا تۇنۇتتى ۋ تارقاتتى. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن رىملىقلا ئۆز قۇشۇنىنى ھۇن ئۇسۇلى بۇيۇچە يەنى «ئونلۇق سىستېىمىسى» بۇيىچە تەشكىلاتلاندۇرىدىغان بولدى ھەمدە ئوقيا رىم ئەسكەرلىرىنىڭ ئاساسلىق قۇرالىغا ئايلاندى.رىملىقلار كۆڭلەك كىيىشنى شۇنىڭدىن باشلاپ ھۇنلاردىن ئۆگەندى. بۇ ھەقتە ف.گىرىناد:«ئاسىيانىڭ ئۈستۈنلىكى ۋە چۈشكۈلىكى»دېگەن ئەسىرنىڭ 12-بېتىدە:«شۇ زامانغىچە، ياۋرۇپالىقلارغا مامەلۇم بولغان كۆڭلەك، ئات جابدۇقلىرى، ھۇنلارنىڭ ئاتنى ئىگەرلەش ئۇسۇلى،ھەربىي ۋە ئاتلىق قۇشۇنغا دائىر نۇرغۇنلىغان مەلۇماتلار، كۆپلىگەن جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇلار ھۇنلاردىن قۇبۇل قىلىنغاندى»، دەپ كۆرسەتكەن. eXHtl9  
    Py-eSyj  
    ھۇنلار ئاسىيادا قاتىق قۇرغاقچىلىق، سىياسى ۋە ھەربىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىراپ، چىقىش يولى ئىزدىگەن تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ياۋرۇپاغا كۆچۈپ بېرىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن 900 يىلى داۋامىدا ئاۋارلار، ئوغۇرلار (ئۇيغۇرلار) ھازارلار، سابىرلار، پەچىنەكلەر، ئوغۇزلار ۋە قۇمان- قىپچاق قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر ياۋرۇپاغا كۆچۈپ بېرىپ، ئۇ يەردە دۆلەت قۇرۇپ، ئۆزلىرنىڭ مەدەنىيىتىنى تارقىتىپ، ياۋرۇپانىڭ سىياسى ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان. V4qT >  
    ھۇنلارنىڭ ياۋرۇپادا پەيدا بۇلۇشى، ياۋرۇپادا ياشايدىغان نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك ئۆزگەرتىۋەتكەن. بالەمبەر ۋە يىلدىزنىڭ ئېلىپ بارغان ھەربىي يۇرۇشلىرى، ياۋرۇپادا مىللەتنىڭ ئىككى قېتىملىق چوڭ كۆچۈشىنى پەيدا قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ياۋرۇپا مىللەتلىرنىڭ ئۆز- ئارا قۇشۇلۇشى تېزلىشپ، ھازىرقى نۇرغۇن مىللەتنىڭ ئېتنىك ئاساسى شەكىلەنگەن. Y3au|I|*  
    ئاتتىلا ئەينى ۋاقىتتاشەرقىي ۋە غەربىي رىم ئىمپىېرىيسىگە كەينى-كەينىدىن ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ سىياسى ۋەھەربىي جەھەتە قاتتىق ھالسىرتىۋەتتى. ئۇلارنى يۇقىرى نىسبەتە باج تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلىپ، مالىيە جەھەتە ئېغىر كىرزىسقا دۇچار قىلىدى. رىم ئىمپېرىيسى ئۆزىنىڭ مالىيە چىقىمنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنى قارام خەلقلىرى ئۈستىدىكى ھۆكىمرانلىقىنى كۈچەيتىۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن رىم ئىمپېرىيسگە قارشى ھەر قايسى جايلاردا كەينى-كەينىدىن قوزغىلاڭ پاتىلىدى. ئاتتىلا بۇ قوزغىلاڭنى قولىدى. ئاتتىلارنىڭ ھەربىي ھۇجۇمى ئاستىدا ھالسىرغان غەربىي رىم ئىمپېرىيسى قارام خەلق ۋە قۇللا قوازغىلىڭنىڭ ئوت يالقۇنى ئىچىدە، مىلادىيە 476-يىلى ھالەك بولدى. شۇنىڭ بىلەن، ياۋرۇپادا قۇللۇق تۈزۈم يىمىرلىپ، فېئوداللىق تۈزۈم تىكلىنىشكە باشلىدى. مانا مۇشۇنداق ئىككى خىلئىجىمائىي پورماتسىيىنىڭ ئۇرۇن ئالمىششدا ئاتتىلار ۋە ھۇنلارنىڭ سىياسى، ھەربىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتكى ئوينىغان رولى ناھايتى زور بولدى. gZo46#m  
    ئاتتىلا 53 يىل ئۆمۈر كۆرگەن. جوردانىسنىڭ مەلۇماتىغا قارغاندا، ئاتتىلا ئوتۇرا بويلۇق، بۇغداي ئۈڭلۈك، گۈرەنلىك،كۈچ-قۇۋىتى ئۇرغۇپ تۇردىغان، توختىماستىن ئەتىراپقا نەزەر تاشلاپ تۇردىغان، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق كىشى ئىدى. ئاتىتلا ئېرىشمەكچى بولغان ھەرقانداق نەرسىنى ئەقىل- پاراسەتكە تايىنىپ قولغا كەلتۈرەتى. تارىخچىلار ئاتتىلانى چىڭگىزخاندىن بۇرۇن ئۆتكەن ئەڭ چوڭ دۇنياۋى ھاكىميەت چۈشەنچىسىگە ئىگە ئۇلۇغ ئىمپېراتۇر، تەشكىلاتچى ۋە ھەربىي قۇماندان،دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئاتتىلانىڭ نامى توغىرسىدا ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى ئەلەردە بارلىققا كەلگەن رىۋايەتلەر ئېغىزدىن-ئېغىزغا كوچۈپ مانا ھازىرغىچە تارقىلپ كەلمەكتە. ئاتتىلانىڭ ھاياتى، يازغۇچىلار،رەساملار، ھەيكەلتىراشلار، مۇزىكانىتلار ۋە سىنارستلارنىڭ ئىجادىيىتىگە تېما بۇلۇپ كەلدى. $Pgg  
    ئاتتىلانىڭ بىۋاستە زىيارەت قىلىغان شەرقى رىم تارىخچىسى پىرىسكوسنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا بېرىشچە، ياۋرۇپا ھۇنلىرى ئاتتىلانى كىشلىكتىن ئۈستۈن ئىقتىدارغا ئىگە دەپ قارايتى. شۇڭا، ئاتتىلانىڭ ئالدىدا ھەرقانداق كىشى قورقوپ تىترەپ تۇراتى. ھەتا ئاتتىلانىڭ چوڭ ئوغىلى ئىلەكمۇ ئۇنىڭ كۆزىگە قاراشقىمۇ جۇرەت قىلالمايتتى. ئاتتلانىڭ ئوردىسىدىكى بويسۇندۇرۇلغان مىللەتلەرنىڭ خانلىرى ۋە قوماندانلىرمۇ ئاتتىلانىڭ بۇيرۇقىنى ئۈن-تىن تىتىرەپ تۇرۇپ بەجا كەلتۈرەتى. لېكىن،بۇنداق قورقۇش،بىركىشىنىڭ زالىم ۋە مۇستەبىت ھۆكۇمدارغا بولغان قورقۇشى بولماستىن، بەلكى كىشلىكتىن ئۈستۈن ئىقتىدارغا ئىگە دەپ قارالغان بىر كۈچكە بولغان ھۆزمەت تۇيغۇسى ئىدى. بۇ توغۇرلۇق پىرىسكوسنىڭ بىر مەلۇماتىنى كۆرۇپ ئۆتۇشىمىزگە ئەرزىيدۇ.مىلادىيە 448-يىلى ئاتتىلانىڭ ئوردىسغا بارغان شەرقىي رىم ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە ئىككى ھۇن ئەلچىسىمۇ بار ئىدى. p<#XnXdc  
    ئەلچىلەرگە بۈگۈنكى سوگىيە شەھىرىدە كاتا زىياپەت بېرىلگەن زىياپەت سورۇندا شەرقىي رىملىقلارتىئودورۇسⅡنى، ھۇنلار ئاتتىلانى ماختىغان، شەرقىي رىملىقلاردىن بىر ئىنسانى تەڭى ربىلەن تەڭلەشتۇرۇشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىن ئېيتقان چاغدا،ئىككى ھۇن ئەلچىسى قاتتىق غەزەپلەنگەن. چۈنكى ئۇلار ئاتتىلانى ھەقىقى تەڭىر دېگەن. پىرسكوس تىلغا ئالغان يەنە بىر مەلۇماتا ئېيتىشچە، ھۇنلار ئاگاچىرى قەبىلىسىنى مەغلۇپ قىلىش ۋەزىپىسىنى شۇ قەبىلىدىن چىققان بىر قۇماندانغا تاپشۇرغان. ئاتتىلا ئۇنىڭ كۆرسەتكەن تۆھپىسى ئۈچۈن مۇكاپاتلىماقچى بۇلۇپ، ئوردىسىغا چاقىرتقاندا، ئۇ كەلمەي مۇنداق بىر خەتنى ئەۋەتكەن :«ئىنسان ئۈچۈن تەڭىر ھۇزۇرغا بېرىش ناھايتى مۇشكۈك ئىشتۇر، مەن كۆزۇمنى چوڭىراق ئېچىپ كۇنگە قارىيالمايمەن، بۇ ھالىم بىلەن ئەڭ چوڭ تەڭىرگە قانداق قارىيالايمەن». ھۇنلار ۋە باشقا تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت چۈشەنچىسى بويىچە، ئېمپېراتۇر ياكى قاغان تەڭىرنىڭ يەر يۈزىدىكى ۋەكىلى، تەخىت ئۇنىڭغا تەڭىر تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان، دەپ قارىلىپ، مىللەتنىڭ ئائاتىسى ھېسابلىناتتى. شۇڭىلاشقا تۈركى تىللىق مىلەتلەرنىڭ ئېمپىرتورلىر ياكى قاغانلىر ئۆزلىرنى ئىلاھىيلەشتۈرۈپ «تەڭىر خان »دەپ ئاتايتى. ھۇنلارنىڭ ئاتتىلانى ئىلاھىيلەشۈرۈپ، تەڭىر دەرىجىسىگە كۆتۈرشى، بەلكىم مۇشۇ خىل ھاكىميەت چۈشەنچىسىنىڭ تەسىر بولسا كېرەك. `*zYN y!N5  
    ئاتتىلار بويسۇندۇرغۇچى سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىگە چىقان بولسىمۇ،لېكىن ئۇ ئىدارە قلىش جەھەتتە ئادىل ۋە ئادالەتنى يەقلىغۇچى كىشى ئىدى.شۇڭا ھۇنلار ئەمەس بەلكى بويسۇندۇرۇلغان قوۋملەرمۇ ئۇنىڭغا سادىقلىق خىزمەت قىلغان. جوردانىس ئاتتىلائۆزىگە يېلىنغانلارغا ناھايتى شەپقەت كۆرسىتەتتى، ئۆزىگە بويسۇنغانلارغا ناھايتى سىلىق مۇئامىلە قىلاتتى، دەيدۇ. ئاتتىلانىڭ يۈرگۈزگەن قانۇن-تۇزىمى ئادىل بۇلۇپ، جەمىيەت ھۆرلۇكە تولغاندى. بىر رىملىقنىڭ شەرقىي رىمدا كىشلەرنىڭ نازارەت ئاستىدا تۇردىغانلىقى، ھۇن ئىمپېرىيسىدە بولسا كىشلەرنىڭ ئىنتايىن ئەركىن، ھۆر ياشايدىغانلىقى ئۆزىنىڭمۇ شۇ كىشلەردىن بىر ئىكەنلىكىنى توغىرسىدا ئېيتقان سۆزى پىرىسكوسنىڭ ئەسىردە خاتىرلەنگەن. ئاتتلانىڭ ئۆزىگە قارشى پىلانىغا سۇيقەست ئاشكارلانغاندا، گۇناھسىز ماكسىموس بىلە گۇناھكار بىگىلاسنى ئايرىپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلغانلىقى، ئاتتىلانىڭ يۈرگۈزگەن قانۇن- تۇزىمىنىڭ نەقەدەر ئادىل ئىكەنلىكىگە مىسال بولىدۇ.ئاتتىلانىڭ ئۆزىنىڭ ھايات-ماماتىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك سۇيقەستنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ھەق بىلەن ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ بىرتەرەپ قىلىشى ،شۇ دەۋىردە ناھايىتى ئاز كۆرىلىدىغان ئىش. W pr2 a  
    ئاتتىلا دۇنياغا چاكسىز ئىپتىخار ۋە ئىشەنچ بىلەن نەزەر سالاتى. جوردانىسنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاند ، ئاتتىلا ئۇرۇش قىلىشقا ئامىراق. پىلان تۈزۈشكە ماھىر بولغاچقا، پۇتۇن دۇنياغا ھۆكۇمىدار بۇلۇشنى ئۆزىنىڭ پىشانىسىگە پۇتۇلگەن تەقدىر، دەپ بىلەتى. OSV+6*+  
    ئاتتىلا ھەر ۋاقىت مىللەتنىڭ يېتەكچىسى بولغان كىشىنىڭ مىللەتنى مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش قوغداش، مىللەتنى كۈچەيتىش ۋە تەرەقى قىلىدۇرۇش، تەخىتنى مۇستەھكەن ساقلاش مەجبۇريىتى بار، دەپ قارايتى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق باش قاتۇراتتى. ئېلىپ ئېيتساق، ئاتتىلا تىئودۇرۇسⅡ گە يازغان بىر مەكتۇبىدا :«تىئودورۇسⅡ ئەسىلى ئۇلۇغ كىشىنىڭ ئوغلى، ئاتتىلامۇ ھەم شۇنداق. ئاتتىلار داىسىنىڭ ئېسىل نەسەبىنى ساقىلاپ ئۇنى قۇغدىدى. تىئودۇرۇسⅡبولسا، ئاتتىلاغا باج تاپشۇردىغان قۈل سۈپىتىدە دادىسىدىن قالغان ئېسىل نەرسىلەرنى يوقاتتى» دەپ يازغانلىقى ئۇنىڭ تارىخى مەجبۇريەت تۇيغۇسىنىڭ ناھايتىمۇ يۈكسەكىلىكىنى چۈشەندۈردۇ. R0 =!G:%9G  
    ئاتتىلار دۆلەتلەرئوتۇرسىىكى دىپلۇماتىيە قائىدە-يۇسۇنلىرغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرەتتى. ئۇ قوشنا دۆلەتنىڭ ئورنىغا ھۇرمەت قىلىشنىمۇ ھەم ئۇلارغا قاتتىق پوزىتسىيە قوللىنىشنىمۇ ئوبدان بىلەتتى. ئاتتىلا ئۆزىنىڭ ئالدىغا كەلگەن چەت ئەل ئەلچىسىنىڭ ئالىي نەسەبلىك بۇلۇشىنى ھەم كونسولدا تۇرغان بۇلۇشىنى تەلەپ قىلاتى. شۇنداقلا ئۇ ئەلچىلەرنى ئالىي ئېھتىرام بىلەن قارشى ئېلىپ، ئۇلار بىلەن سەمىمى سوھبەتلشەتتى. ئاتتىلا بەزىدە ھەتا، چەت ئەل ئەلچىلىرىنى كۇتىۋېلىش ئۈچۈن چېگىراغىچە باراتتى. ئاتتىلا قوشنا دۆلەتكە ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، تىنچ ئۇسۇلنى بىكار قىلىپ، قۇرال كۈچىنى ئىشقا سالاتتى. qhFDKew]-  
    ئاتتىلا بۈيۈك ئىستېلاتچى ھېسابلىندۇ. ئۇ ئۆز ھاياتىدا نۇرغۇن ھەربىي يۈرۈشلەرنى قىلىپ، نەچە يۈز شەھەرنى ئىگىلەپ، نەچە شەھەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزى ئىشغال قىلغان جايلاردىكى مەدەنىيەت نەمۇنىلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى قوغداشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. پىرىسكونىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئاتتىلا ناھايتى بىلىملىك كىشى ئىدى. شۇڭا، ئۇ بىلىملىك كىشلەرنى ناھايتتى ھۆرمەت قىلاتتى. مەيلى ئۇلار قايسى مىلەتتىن بولىشىدىن قەتتى نەزەر، ئۆز يېنىغا يىغاتتى. مەسىلەن، ئۇنىڭ يېنىدا رىملىق ئونىگوس، ئورسىتى، گېرمانىتىلىك ئىرئىد قاتارلىق ۋەزىر، قوماندان ۋە كاتىپلار بار ئىدى. ئۇلار ئاتتىلاغا جانپىدالىق بىلەن خىزمەت قىلاتى. ئاتتىلا مىلادىيە 452-يىلى رىم شەھىرگە قىستاپ كەلگەندە، ئۇنىڭ يېنىدىكى كىشلەر رىم شەھىرنى قەدىمى مەدەنىيەت مەركىزى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇنى ۋەيران قىلىماي ساقلاپ قېلىشنى تەۋسىيە قىلغاندا، ئاتتىلامۇ بۇ پىكىرنى قۇبۇل قىلغان . =Eq3t-  
    ئاتتىلا ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋرۇپا دۇنياسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ باي ھۇن ئىمپېرىيسىنى بۈيۈك ئېمپىراتورى بولسىمۇ، لېكىن تۇرمۇشتا ناھايتى ئادى- ساددا ئىدى. ھەشەمەتخورلۇقنى قىلچە ياقتۇرمايتى.ئۇنىڭ ئوردىسىمۇ باشقا پادىشاھلارنىڭكىدەك ھەشەمەتلىك ئەمەس ئىدى. ئاتتىلانىڭ زىياپەت سۇرۇندا باشقىلارنىڭ ئالدىغا ئالتۇن ۋە كۆمۈش تاۋاقتا ئەڭ ئېسىل يېمەكلىكلەرنى كەلتۇرەتى، ئۆزى بولسا ياغاچ تاۋاقتا گۆش بىلەن غىزالىناتتى. ئۇنڭ كىيگەن كىيمىنىڭ ئاددىي بولۇشىغا قارماي پاكىزلىق جەھەتە ھەرقانداق كىشىنىڭ دېققىتىنى قوزغايتى. ئۇنىڭ قۇرال- يىراق ۋە ئات جابدۇقلىرى ھۇنلارنىڭ باشقا دۆلەت ئەمەلدارلىرنىڭكىدەك ئالتۇن-كۆمۇش بىلەن زىنەتتلەنمىگەندى. مانا مۇشۇنداق ئادىي- سادىلىق ئۇلۇغ ئىمپېراتور ئاتتىلرنىڭ ئەڭ ئېسىل خارەكتېرى ھېسانلىناتتى. ئاتتىلا ئەيىش- ئىشرەتلىك تۇرمۇشنى زادىلا ياقتۇرمايتتى، ھەتتا ئەڭ ئاددى زىياپەت سۇرۇنلىردىمۇ ئۇنىڭ كۈكۈمسىرگەن سىياقىنى ئۇچىراتقىلى بولمايتتى. ئاتتىلا ھۇن شائىرلىرى ئېيتقان ھۇنلارنىڭ قەھىرمانلىق داستانلىرىنى مەغرۇر قىياپەتە ئۇلتۇرۇپ، مەمنۇنىيە بىلەن ئاڭلاشنى بەكمۇ ياخشى كۆەتتى. 0T Zf1zhM  
    بۇ ھەقتە پىرسكوس مۇنداق دەپ يازغان :«كەچ بولغاندا مەشەللەر يېقىلدى. ئىككى ھۇن شائىرى ئىچكىرى كىرىپ ئاتتىلانى ئۇدۇلدا تۇردى. ئۇلار ئۆزلىرى تەيارلىغان داستانلىرى بىىلەن ئاتتىلانىڭ جەڭگىۋارلىقى ۋە زەپەرلىرىنى كۈيلىدى. زىياپەتكە قاتناشقۇچىلار ئۇلارغا قاراپ تۇراتتى، ئۇلارنڭ بەزىلىرى داستاندىن ھۇزۇرلىناتتى، بەزىلىرى ئۇرۇشنى ئەسىلەپ خىيالغا چۆمگەنىدى.» ئاتتىلانىڭ ئەڭ چوڭ كۆڭۈل ئېچىش پالىيىتى ئوۋ ئوۋلاش بولۇپ، بۇ ئاتتىلا ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر قېتىملىق ھەربىي مانىۋېر ھېسانىلىناتتى. m6[ym4dY  
    ياۋرۇپا ھۇنلىرى ئارسىدا شامانىزمنىڭ بەزى تەسىرلىرمۇ ساقىلىنىپ قالغاندى. شۇڭا، ئاتتىلانىڭ يېنىدا داۋاملىق ھالدا نۇرغۇنلىغان باخشى ۋە پالچىلاربىللە بولاتتى. ئاتتىلا ئۇلارغا پال ئاچقۇزۇپ كۆرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۇرۇش توغىرسىدا قارار چىقىراتتى. ئاتتىلا ھەر قېتىم ئۇرۇشقا ئاتلىنىشتىن بۇرۇن قوي سۆڭىكىنى كۆيدۈرۈپ پال سالدۇراتى②. بىرقېتىم ئاتتىلا پال ئاچۇرزۇپ كۆرسە، پالچىلار ئاتتىلاغا ئۇنىڭ نەسلىنىڭ ئۆزگىردىغانلىقى، ئىرنەكنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ ھۇن ئىمپېرىيسىنىڭ قايتا گۈلۈندغانلىلقى توغىرسىدا بىشارەت بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئاتتىلا چوڭ ئوغىلى ئىلەكنى تەخىت ۋارىسىلىقىدىن قالدۇرۇپ، كىچىك ئوغىلى ئىرنەكنى تەخىت ۋارىسلىقىغا كۆرسەتكەن. نەتىجىدە ئۆزىنىڭ كەلگۈسى خانلىق ئورنىدىن مەھرۇم بولغان ئىلەك ئاتتىلا ئۆلگەندىن كېيىن، ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسىمدا تەخىت تالىشىش ماجىراسىنى پەيدا قىلغا بۇنىڭدىن پايدىلانغان قارام دولەتلەر ھۇن ئىمپېرىيسىگە قارشى ئىسىيان كۆتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن، ياۋرۇپانى بىر مەزگىل قاتتىق چۆچۈتكەن ھۇن ئىمپېرىيسى ئاتتىلار ئالەمدىن ئۆتۈپ ئانچە ئۇزۇنغا بارمايلا تارىخ سەھنىسىدىن غۇلاپ چۈشكەن . En["RM ei  
    f)Y^@;0f[z  
    ______________ h>SI74Hx$  
    ① «ئىسلام ئىنسىكلوپېدىيسى»،تۇرۇكچە،2- توم، 405-بەت. ~hgLMB~  
    ②ب.ئۆگەل:«بۈيۈك ھۇن ئىمپېرىيسى تارىخى»تۈرۈكچە، 1-توم، 344-بەت.
    HG f-z,?c  
    | =VlhN&  
    9nNmf s  
    NeY!cp`Z  
    K\=VV<V4  
    Q)s  
    r  
    I\ie7@OT9  
    ToY[y"j  
    qvBJ@q'>  
    |Fn=dcRj0I  
    %Za1HPE<b  
    ياخشى تىمىكەن، مەن ساقلىۋالاي
    [ بۇ يازما باغۋەن تەرپىدىن 2008-05-08 21:40 دە قايتا ]
    kino
                       
           ئۆزۈڭنى بىل
    | ۋاقتى : 2008-05-08 21:21 12 -قەۋەت
    باغۋەن
    سالام رومانتىكا
    ئالاھىدە باشقۇرغۇچى سەھىپە باشقۇرغۇچى مۇنبەر قىززىقچىسى يازما يوللاش ئۇستىسى ئالىي ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى مۇنبەر باشقۇرغۇچى ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 49
    نادىر تېما : 29
    يازما سانى : 3282
    ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3282دانە
    شۆھرەت: 5731 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 723493 سوم
    تۆھپە: 475 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4400 نۇمۇر
    قوللاش: 3725 نومۇر
    ئالقىش: 4529 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :243(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

      NzC|$7#  
    D.D~ IOS  
    (8`X01|  
    ug9QuiI+q  
    ئۈچۈنچى باب X VDI3C=  
    KG]B #< y  
    Mq3}ty(K  
    ,B~,R<[l  
                ياۋروپا رىۋايەتلىرىدىكى ئاتتىلا rT%Fv=  
    bJCK(%is  
        ياۋروپادا ھۇن ئىمپېراتورى ئاتتىلا توغرسىدا شۇ دەۋىردىن باشلاپ نۇرغۇن رىۋايەتلەر توقۇلغان بولۇپ، بۇ رىۋايەتلەر ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىلىپ، تا ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن. بۇ رىۋايەتلەردە ئاتتىلانىڭ ھايات- پائالىيىتى ھەر خىل شەكىلەردە بايان قىلىندۇ. ئاتتىلارغا ئاتاپ توقۇلغان رىۋايەتلەرنىڭ بەزىلىرگە ئاتتىلا ۋە ھۇنلارمۇ ئىشەنگەن. تۆۋەندە بىز بۇ رىۋايەتلەرنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز. W1tle  
    -%lqo}],E  
    9nnIDG  
                    1.ھۇنلاردىكى«تەڭرى قىلىچى»رىۋايىتى U\6kGI%  
    /Q3i=%  
          ھۇن رىۋايەتلىرىدە بايان قىلىنىشچە، ياۋروپا مىللەتلىرى ئاتتىلانى «تەڭرى قامچىسى» دەپ ئاتايتتى. ئاتتىلا گۇناھقا تولغان خىرىستىئان دۇنياسىنى جازالاش ئۈچۈن، تەڭرى تەرپىدىن ئەۋەتىلگەن. تەڭرى ئاتا قىلغان بۇ ۋەزىپىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدىكى ئۇرۇش تەڭرىسى ئارېس بەرگەن «تەڭرى قېلىچى»نى ئاتتىلا ھەر قانداق ۋاقىتتا يېنىدىن ئايرىمايتتى. ئاتتىلا ئالەمدىن ئۆتۈپ 100 يىلدىن كېيىن يېزىلغان «گوت تارىخى» دېگەن ئەسەردە، «تەڭرى قېلچى» رىۋايىتى خاتىرلەنگەن. بۇ رىۋايەت يەنە 19-ئەسىردە ياشىغان ھۇنگىرىيىلىك ژ.ئارانىينىڭ «بۇدانىڭ ئۆلۈمى» دېگەن 12 قىسىملىق ئىپوسىغا كىرگۈزۈلگەن. Sy+K:yn?.  
        بۇ رىۋايەتتە بايان قىلىنىشچە، ھۇنلارنىڭ ياشانغان ھەم ئىقتىدارسىز خانى بۇدا ئەقىل-پاراسەتلىك ھەم كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇردىغان ئىنىسى ئاتتىلا بىلەن بىرلىكتە ھاكىميەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، ئۇنى ئۆز يېنىدا دۆلەت ئىشلىرىغا ئارلاشتۇرۇپ، ھۇن قوشۇنىنىڭ قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىدۇ. ئۇزۇنغا بارماي بۇدا ئۆزىنىڭ بۇ ئىشىدىن پۇشايمان قىلىپ، ئاتتىلانى يوقاتماقچى بولىدۇ. مۇشۇ كۈنلەردە ئاتتىلا بىر چۈش كۆرىدۇ. چۈشىدە ھۇنلارنىڭ تەڭرىسى ھادۇر بىر قېلىچنى ئېلىپ كېلىپ ئاتتىلانىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ. ئاتتىلا كۆرگەن چۈشىنى باش قامغا سۆزلەپ بېرىدۇ. باش قام ئاتتىلاغا: بۇ دۇنيا ھاكىميىتىنى ئىگىلەيدىغان «تەڭرى قېلىچى»نىڭ پات ئارىدا سىزنىڭ قولىڭىزغا چۈشىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ تەبىر بېرىدۇ. بىر كۈنى بىر ھۇن پادىچى بالا پادا بېقىۋاتقان چاغدا، بىر موزاينىڭ ئاقساۋاتقانلىقىنى ھەم پۇتىدىن قان ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. پادىچى بالا قان تامچىغان ئىزنى بويلاپ مېڭىپ، بىر يەرگە بارغاندا، يەرگە كۆمۈلگەن بىر قېلىچنىڭ ئۇچىنى ئۇچرىتىدۇ. پادىچى بالا قېلىچنى يەردىن سۇغۇرۇۋالماقچى بولۇپ، قولىنى ئۇزىتىشىغا قېلىچنىڭ ئۇچىدىن ئوت يانىدۇ. ئوت بىردەمدىن كېيىن ئۆچىدۇ. پادىچى بالا قېلىچنى يەردىن سۇغۇرۇۋېلىپ ئۇنى ئاتتىلاغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئاتتىلا بۇ قېلىچتا ئىلاھى بىر بەلگىنىڭ بارلىقىنى سېزىپ، تەڭرى دۇنيا ھاكىميىتىنى ماڭا تاپشۇرۇپتۇ، دەپ چۈشىندۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئاتتىلانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە نۇپۇزى يۇقىرى ئۆرلەپ، داڭقى ئەتراپقا تارقىلدۇ. ئاتتىلانىڭ بۇنداق شۆھرەت قازىنىشىغا قاتتىق ھەسەت قىلغان ئاكىسى بۇدا «تەڭرى قېلىچى»نى ئاتتىلادىن تارتىۋالماقچى بولىدۇ. ئاتتىلا بىر قېتىم خىرىستىئانلار بىلەن ئۇرۇش قىلۋاتقان چاغدا، بۇدا ئاتتىلانىڭ سارىيدىن «تەڭرى قېلىچى»نى ئوغرىلاپ قاچىدۇ، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئاتتىلا دەرھال ئۇرۇشنى توختىتىپ، مەملىكىتىگە قايتىپ، بۇدانىڭ سارىيىغا ئاتلىنىدۇ. بۇدا «تەڭرى قېلىچى»نى ئېسىپ ئاتتىلاغا قارىشى ئۇرۇشقا كىرىدۇ. ئەپسۇس، بۇدانىڭ قولىدا بۇ قېلىچ ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى يوقىتىپ، ئادەتتىكى بىر قېلىچقا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇدانىڭ قولىدىن «تەڭرى قېلىچى»نى قايتۇرۋالغان ئاتتىلا ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، جەسىتىنى دوناي دەرياسىغا تاشلىۋېتىدۇ. ھۇنلاردىكى بۇ قانلىق پاجەنى كۆرگەن ھۇن تەڭرىسى ھادۇر ھۇن مىللىتىگە ئېچىنىپ «ھۇن مىللىتى يوقىلىشى كېرەك» دەپ ئاھ ئۇرىدۇ. $, JB{;Xg  
        ئاتتىلاغا دائىر خاتىرە بۇيۇملار ساقلانغان ھۇنگىر سارىيىدا ئاتتىلانىڭ دۇنياۋىي ھاكىميەتنى قۇرغان «تەڭرى قېلىچى» دەيدىغان بىر قېلىچ ساقلانغان. مىلادىيە 1071-يىلى يېزىلغان بىر يىلنامىدە، باۋارىيە پادىشاھى ھېنرىⅣ نىڭ يېقىن ئادەملىرىدىن بىرىنىڭ ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، ئۆز قېلىچىغا سانجىلىپ ئۆلگەنلىكى يېزىلغان. بۇ يىلنامىنى يازغان ئاپتور بۇ قېلىچنىڭ ئاتتىلانىڭ گاللىينى ئىشغال قىلغان چاغدا ئىشلەتكەن قىلىچى ئىكەنلىكىنى قۇشۇمچە قىلىپ قويغان. كېيىن بۇ قېلىچنىڭ قولغا چۈشۈشى ھەققىدىكى رىۋايەتنى تارىخچى جوردانىسنىڭ مەلۇماتىغا ئوخشىتىپ يازغان يەنە بىر تارىخچى بولسا، بۇنى «ئارېسنىڭ قىلىچى» دەپ ئاتاپ، بۇ قىلىچنىڭ تەڭرى قىلىچى سۈپىتىدە بىلىندىغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالغان①. @RA# h.)  
        بۇ يەردە شۇنىمۇ ئىزاھلاپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، بەزى ئالىملار ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىدىكى ئوغۇزخان ئوبرازىدا ئاتتىلانىڭمۇ تارىخىي پائالىيىتى ئەكىس ئەتكەن، دەپ قارايدۇ. بۇ توغرىسىدا داڭلىق باشقىرت ئالىمى ئوردىناريۇس، پروفېسور ئا.زەكى ۋەلىدى تۇغان ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش» دېگەن كىتاپنىڭ 174-بېتىدە: «ئوغۇز داستانىدا ‹ئوغۇز ئاكا› ياكى ‹ئوغۇزخان› دېگەن ئىسىم بىلەن ھۇن ھۆكۈمدارلىرىدىن مەتە (باتۇر)نىڭ شەرقتە، يەنە بىر ئۇلۇغ يابغۇ (چىچى تەڭرىقۇت)نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا، ئاتتىلانىڭ غەربتە ئېلىپ بارغان فۇتۇھاتلىرىغا دائىر خاتىرىلەر تىلغا ئېلىنغان» دەپ كۆرسىتىدۇ. 0gI hOkli  
        2. شەرقىي رىم رىۋايەتلىرىدىكى ئاتتىلا >:A%1YY  
    !%>fQaEq  
        ئاتتىلانىڭ سەلتەنەتلىك ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىداشلىرىغا ئاجايىپ بىر مۆجىزە بولۇپ تۇيۇلدىغان بولسا، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتىشىمۇ دەۋرىداشلىرى ئۈچۈن يەنە شۇنداق ئاجايىپ بىر سىرلىق ۋەقە بولۇپ تۇيۇلۇپ، ئۇلارنى تولىمۇ ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان. پىرىسكوسنىڭ ھېكايىسىدىن پايدىلانغان جوردانىس ۋە تىئوپخانىسنىڭ بايانىغا قارىغاندا، ئاتتىلا توي كېچىسى بۇرۇن قاناش كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئاتتىلا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، شەرقىي رىمدا ئاتتىلانى ياكى ئائىتوس پار بېرىپ سېتىۋالغان خاس مۇھاپىزەتچىلەردىن بىرىنىڭ قەستلىگەنلىكىنى ياكى ئاتتىلا بىلەن بىر ھۇجىرىغا كىرگەن مەلىكىنىڭ زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرگەنلىكىگە دائىر رىۋايەتلەر تارقالغان. يەنە بىر شەرقىي رىم مەنبەسىگە ئاساسلانغان مىلادىيە 10-ئەسىرگە ئائىت «ئېلىن خىرونىگى» دېگەن روسچە يىلنامىدە، ئاتتىلانىڭ بۇرنىنىڭ قانىشى بىر ئاز رومانتىك تۈس ئالغان ھالدا بايان قىلىنغان. بۇنىڭدا ئېيتىلىشچە، رىم شەھرىنى مۇھاسىرگە ئالغان ئاتتىلا، قەلئە يېنىدا تۇرغان غەربىي رىم ئېمپىراتورىنىڭ گۈزەل مەلىكىسىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالىدۇ. ئاتتىلا بۇ گۈزەل مەلىكىگە ئۆيلىنىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ، غەربىي رىم ئېمپىراتورىغا بېسىم ئىشىلتىدۇ. غەربىي رىمنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنىڭ قايتا-قايتا ئۆتىنىشى بىلەن بۇ مەلىكە    ئاتتىلانىڭ قېشىغا بارىدۇ. قىز ئاتتىلانىڭ يېنىغا كېلىشى بىلەنلا ئاتتىلانىڭ بۇرنىدىن بۇلدۇقلاپ قان ئېقىپ جان ئۈزىدۇ.  Z,vz_Mn  
        بۇ رىۋايەتتىن بىلىنىشچە، ئاتتىلار غەربىي رىمنىڭ سۇيقەستى بىلەن ئۆلگەن، مەلۇمكى، باشتا ئېيتىپ ئۆتۈلگىندەك، مىلادىيە 452-يىلى ئاتتىلا 100 مىڭ كىشلىك قۇشۇن بىلەن رىم شەھىرىگە قىستاپ كەلگەن چاغدا، غەربىي رىم ئىمپېرىيسى پاپالىئوⅠ باشچىلىقىدىكى بىر ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ئاتتىلانىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ، تەسىلىم بولغانلىق شەرتى بىلەن تىنىچىلىق كېلىشمى تۈزگەن. بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئاتتىلا غەربىي رىم ئەلچىلىرگە ھۇنۇرىيا بىلەن ئۇنىڭ تېگىشلىك مىراسلىرنى ئۆزىگە بېرىشنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلغان. ئەگەر، غەربىي رىم بۇ تەلەپكە قوشۇلمىسا ئاتتىلا جازا يۈرۈش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغان. مانا شۇ تارىخىي پاكىت «ئېلىن خىررونىگى»دا سۆزلەنگەن رىۋايەت بىلەن بىردەك. ئەمما مۇشۇ ۋاقىتتا مەلىكە ھۇنۇرىيا مەجبۇرىي ھالدا باشقا بىرىگە ياتلىق قىلىۋېتىلگەچكە، غەربىي رىم ئىمپېرىيسى ئاتتىلانىڭ جازاسىدىن قورقۇپ، ئىلدىكو ئاتلىق بىر قىزنى ئاتتىلاغا ياتلىق قىلىغان ھەمدە ئۇنىڭغا غەربىي رىم ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت ھېسابلانغان ئاتتىلانى ئۆلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان. شۇنىڭ بىلەن، توي كېچىسى ئىلدىكو زەھەر سېلىنغان شارابنى ئاتتىلاغا سۇنغان. ئاتتىلا شارابنى ئىچىپلا بۇرنىدىن قان ئېقىپ جان ئۈزگەن. `v;F"[c  
          ئاتتىلانىڭ ئۆلۈمىگە دائىر غەرب مەنبەلىرنىىڭ نۇرغۇنلىردا يەنە مۇنداق بىر رىۋايەتمۇ سۆزلىندۇ. بۇ رىۋايەتتە ئېيتىلىشچە: شەرقىي رىم ئىمپېراتورى ماركىنوس ئاتتىلا ئۆلگەن كۈنى چۈشىدە ئاتتىلانىڭ ئوقياسىنىڭ سۇنغانلىقىنى كۆرگەنمىش. بۇ رىۋايەتتە ئاتتىلانىڭ غەلبىسىنىڭ سىرى بولغان «تەڭرقىلىچى» نىڭ ئورنىنى ««ئوقيا» نىڭ ئىگىلىشى ئالاھىدە دېقىتىنى تارتىدۇ①. y.$Q   
    ______________ ][!=6+d-8  
    ①«تۈرك ئىنسىكلوپېدىيىسى»، تۈركچە 4- توم، 195- بەت. ,|M yo+msf  
    =*YV8WEp  
    Ts%HFU*m  
        3.گوت رىۋايىتىدىكى ئاتتىلا M-I+:SB aR  
    c<,GPe9J  
        غەرب دۇنياسىدا ئاتتىلا ۋە ھۇنلارغا دائىر مەلۇمات ۋە رىۋايەتلەرنى تۇنجى بولۇپ توپلىغان كىشى گوت تارىخچىسى كاسسىدۇرۇس (مىلادىيە490 - 580-يىلار) ھېسابلىندۇ. 1fW:  
        لېكىن،ئۇنىڭ ھۇنلار ھەققىدىكى مەلۇمات ۋە رىۋايەتلەرنى خاتىرلەپ قالدۇرغان «گوت تارىخى» دېگەن ئەسىرى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. گوتلار ئىچىدە تاقالغان رىۋايەتلەرنى بىز پەقەت دىئاكونوس، ھىيداتىئوس ۋە ئىستورۇسنىڭ ئەسەرلىرىدىن كۆرىمىز.دىئاكونوس تىلىغا ئالغان رىۋايەتتە شىمالىي ئىتالىيىدىكى شەھەرلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ۋە قايتىدىن بىنا قىلىنىشى ئاتتىلاغا باغلىندۇ. ئۇ يەنە ئاتتىلا بىلەن پاپالىئوⅠ ئوتتۇرسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم ھەققىدىكى رىۋايەتنى مۇنداق بايان قىلىغان ئاتتىلا، پاپا لىئوⅠ بىلەن كۆرۇشكەندىن كېيىن، ئەسكەر چېكىندۇرىدۇ. باشقىلار ئاتتىلادىن نېىمىشقا پاپالىئوⅠ گە مۇنداق يۇمشاق مۇئامىلىە قلىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئاتتىلا پاپالىئوⅠنىڭ تەلىپىنى رەت قىلسام، ئۇنىڭ يېنىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىمەن دەپ قېلىچىنى تۇتۇپ تۇرغان باش پاپا قىياپەتلىك بىر مويسىپىت كىشى بار ئىكەن، شۇ كىشىنىڭ يۈز ئابرويىنى قىلىپ ئاتتىلا پاپالىئوⅠنىڭ كېلىشىم تۈزۈش تەلىپىنى قۇبۇل قىلدىم دېگەنمىش. ھىيداتئوس تىلغا ئالغان رىۋايەتتە ئاتتىلا ئىتالىيىنىڭ ئاچۇيلا شەھىرىگە يۈرۈش قىلغاندا، ئائىتوس تەرپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان، دەپ سۆزلىنىدۇ. gGlM{ib.  
        ئىسدۇرۇسنىڭ رىۋايەت قىلىشچە، ئاتتىلا شەرقىي رىم ئېمپىراتورى ماركىنوس تەرپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ھۇنلار بىر-بىرىنى قىرىپ تۈگىشىدۇ. تەڭرى ئاتتىلانى گۇناھكار ئىنسانلارنى جازالاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا غەلبە نۇسرىتىنى ئاتا قىلغان، ئاتتىلا بۇ ۋەزىپىنى ئۇرۇنداپ بولغاندىن كېيىن، تەڭرى ئۇنىڭغا ياردەم قىلمىغان①. OZRuB0ei  
    گوت رىۋايەتلىرىدە ئاتتىلانىڭ ھايات-پائالىيەتلىرى بۇرمىلانغان ۋە خۇنۈكلەشتۈرۈلگەن. بۇ گوتلارنىڭ ھۇنلارنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن شەكىللەنگەن ئۆچمەنلىكتىن پەيدا بولغن بولۇشى مۇمكىن. A6x2Q4N  
    ____________ eR!eZT#  
    ①«تۈرك ئىنسىكلوپېدىيىسى»، تۈركچە4- توم، 195-196- بەتلەر
       4. پولشا رىۋايەتلىرىدىكى ئاتتىلا eh0fIKC qt  
    }q=|AcXD  
         ئاتتىلادىن 100 يىل كېيىن ياشىغان گاللىيە تارىخچىسى گېئورگى ئۆزىنىڭ ئەسىرىدە پولشادا بارلىققا كەلگەن ئاتتىلا توغرىسىدىكى ئەڭ قەدىمكى ئىككى رىۋايەتنى خاتىرىلىگەن. ئۇنىڭ بىرى، ئورلېئان (فىرانسىيىدە) شەھرىنىڭ ئېپىسكوپى ئانىئانوسنىڭ ھېكايىسى ھسابلىنىدۇ. بۇ رىۋايەتتە ئانىئانوسىنىڭ ئاتتىلا تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغان ئورلېئان شەھرىنى قۇتقۇزۇشتا ئوينىغان رولى ناھايىتى ئەپسانىۋىي شەكىلدە بايان قىلىنغان. o%U8lub  
        گېئورگىنىڭ رىۋايەت قىلشىچە، ئانىئانوس ئاتتىلا مۇھاسىرگە ئالغان ئورلېئان شەھرىنى تەڭرىنىڭ قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن، ئۆز جامائىتى بىلەن تەڭرىگە دۇئا-تىلاۋەت قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تەڭرىنىڭ ياردەمچى كۈچلىرىنىڭ كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، جامائىتىنى باشلاپ سېپىل ئۈستىگە چىقىپ، تۆت ئەتىراپقا قارايدۇ. سېپىلنىڭ ئەتىراپىدا ھېچنىمە كۆرۈنمەيدۇ. ئانئانوس تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ، قايتا دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندىن كېيىن، يەنە جامائىتىنى باشلاپ، سېپىل ئۈستىگە چىقىپ تەڭرىنىڭ ياردىمىنى كۈتىدۇ. بۇ قېتىممۇ ھىچقانداق بىر قۇتقازغۇچى كۈچ كۆرۈنمەيدۇ. ئېپىسكوپ جامائىتىگە قاراپ، «سىلەر داۋاملىق دۇئا-تىلاۋەت قىلىڭلار، تەڭرى سىلەرنى بۈگۈن چوقۇم ئازاد قىلىدۇ» دەپ ۋەز ئېيتىدۇ. بىر ئازدىن كېيىن، جامائەت ئانئانوسقا ئۇپۇقتا بىر قارا بۇلۇتنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ. بۇ قېتىم راستىنلا تەڭرىنىڭ قۇتقازغۇچى كۈچلىرى ئائىتوس ۋە تورسىموندنىڭ ياردەمچى قۇشۇنى سۈپىتىدە پەيدا بولۇپ، ھۇنلارنى سېپىلدىن يىراققا چېكىندۈرىدۇ. ھۇنلار يەنە ئۇدا بىر قانچە كۈن ياغقان قارا يامغۇرنىڭ قاتتىق تالاپىتىگە ئۇچرايدۇ. ھۇنلارنىڭ بىر قىسىمى يامغۇر سۈيىدە تۇنجۇقۇپ ئۆلىدۇ. بىر قىسىمى تەڭرى ئەۋەتكەن قۇتقازغۇچى قوشۇن تەرپىدىن قىلىچتىن ئۆتكۈزۈلدۇ. گېئورگى تىلغا ئالغان يەنە بىر رىۋايەتتە بولسا، مەيتىز شەھىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىغا دائىر ۋەقە سۆزلىنىدۇ. گېئورگنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، پاننونيادىن ئاتلانغان ھۇنلار يول بويى ئالدىغا ئۇچرىغان ھەر قانداق نەرسىنى ۋەيران قىلىپ، ئوت قويۇپ كۆيدۈرگەن پېتى مەيتىز شەھرىگە يېتىپ كېلىدۇ. ھۇنلار مەيتىز شەھىرىگە ئوت قويۇپ، خەلقنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلايدۇ. چېركاۋدىكى پاپالارنىڭمۇ كاللىسى ئېلىندۇ. ھۇنلارنىڭ بۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىقىدا پەقەت سىتپخانوس چېركاۋى ئامان قالىدۇ. چۈنكى، سىتپخانوس بىلەن ئۇنىڭ ئىككى ياردەمچىسى شەھەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، تەڭرىگە دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتقان بىر دىندار كىشىگە، ئۆزلىرىنىڭ چۈشىدە خەلقلەر ئۆتكۈزگەن گۇناھى ۋە يامانلىقلىرى ئۈچۈن شەھەرنىڭ ۋەيران بولدىغانلىقىنى، پەقەت سىتپخانوس چىركاۋىنىڭ ساق قالدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن تەڭرىنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشكەن سىتىپخانوس چىركاۋى ھۇنلار باستۇرۇپ كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ كۆزىگە قىيا ھالىتىدە كۆرۇنۇپ ھۇنلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن ئامان قالىدۇ. vd$6 )e\  
         پولشادا بارلىققا كەلگەن ئۈچنىچى خىل رىۋايەتتە بولسا، تونگىروس شەھىرىنىڭ ئېپىسكوپى ئاراۋاتىئوس ھەققىدىكى رىۋايەتتۇر. بۇ رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، ئېپىسكوپ ئاراۋاتىئوس ئاتتىلانىڭ پولشاغا يېقىنلاشقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئالدىراپ-تېنەپ رىم شەھىرىگە بېرىپ، بىر قەبرىستانلىقتا ئۆز خەلقى ئۈچۈن تەڭرىگە دۇئا-تىلاۋەت قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئاراۋاتىئوسقا غايىبتىپ: «ھەي! ئەزىز كىشى، نېمىشقا مېنى ئاۋارە قىلىسەن، تەڭرى ھۇنلارنى پولشاغا بېرىپ، ئۇ يەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلۋېتىشكە قارار قىلدى، مېنىڭ نەسھىتىمنى ئاڭلا، سەن دەرھال قايتىپ بېرىپ ئۆيۈڭنى تۈزەشتۈرۈپ، ئاخرەتلىكىڭگە تەييارلىق قىلغىن» دېگەن سادا ئاڭلىنىدۇ. ئېپىسكوپ غايىبتىن كەلگەن ئاۋازنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىدۇ. ئۇ پاپا ۋە جامائەت بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، ماستىرخىتقا بېرىپ، شۇ يەردە ئېغىر كېسەلگە گېرىپتار بولۇپ، ھۇنلار يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن جان ئۈزىدۇ. \yjbv\uA  
         مىلادىيە 8-، 9-ئەسىرلەردە بارلىققا كەلگەن گىنوۋىۋا رىۋايىتىدىمۇ ئاتتلاغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بولغان. بۇ رىۋايەتتە ئېيتىلىشچە، ئاتتىلانىڭ پولشانى ئىشغال قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان پارىژ خەلقى، شەھەرنى تاشلاپ قوغدىنىشقا ئەپلىك بىر جايغا قاچماقچى بولىدۇ. بۇ چاغدا گىنوۋىۋا ئوتتۇرىغا چىقىپ، پارىژ خەلقىگە شەھەرنىڭ ھۇنلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن ئامان قالدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. پارىژ خەلقى ئۇنى پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىدى دەپ،ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. بۇ چاغدا گېرمانىيىدىن بىر خەۋەرچى كېلىپ، گىنوۋىۋانىڭ دېگەنلىرىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئسپاتلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن پارىژ خەلقى ھۇنلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ئامان قالىدۇ. ^~1c]1  
          تىرويىس شەھىرىنىڭ قوغدىغۇچى ئەۋلىياسى، دەپ قارالغان لوپۇس ئاتتىلادىن تىرويىس شەھىرىگە كىرمەسلىكنى ئۆتىنىدۇ. ئاتتىلا ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاتتىلا بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇنىڭدىن رىيىن دەرياسىغا باردىغان يولنى كۆرسىتىپ قويۇشنى سورايدۇ. لوپۇس ئاتتىلانى رىيىن دەرياسىغا باشلاپ بارغاندىن كېيىن، ئاتتىلا ئۇنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۋېتىدۇ. 7,/AH~$K_  
          ئاتتىلا ۋە لوپۇس رىۋايىتى يەنە مىلادىيە 8-مىمورىس رىۋايىتىدىمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ رىۋايەتتە ئاتتىلا زالىم، قانخور پادىشاھ سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. بۇ رىۋايەتتە ئېيتىلىشچە، لوپۇس تىرويىس شەھىرىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز تەڭرىگە دۇئا-تىلاۋەت قىلىدۇ. لوپۇس بىر كۈنى ئاخشىمى چۈشىدە بىر مالائىكىنىڭ ئۇنىڭغا گۇناھكار 12 كىچىك بالىنى يۇيۇندۇرۇپ، ئۇلارنى پاپا ۋە مىمورىس بىلەن بىرلىكتە ئاتتىلانىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشقا بۇيرۇيدۇ. لوپۇس مالائىكىنىڭ دېگىنىدەك قىلىدۇ. ئاتتىلا بۇ ئىشنىڭ شەپىسىنى ئاڭلاپ ئەندىشىگە چۈشىدۇ. ئاتتىلا كەلگەنلەرنىڭ ئىسمىنى سورايدۇ. مىمورىس ئاتتىلانىڭ ئالدىغا بېرىپ، لوپۇسنىڭ شەھىرىگە چېقىلماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. غەزەبلەنگەن ئاتتىلا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، پاپا بىلەن 12 بالىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، كېرسىت بەلگىسىنى ئوتقا تاشلاپ، كۆيدۈرىۋېتىدۇ. كۆيۈۋاتقان ئوتتىن چاچىراپ چىققان بىر ئۇچقۇن ئاتتىلانىڭ خاس خىزمەتچىلىردىن بىرنىڭ كۆزىنى كور قىلۋېتىدۇ. بۇ چاغدا مىمورىس ئاتتىلارغا قاراپ: wt1yZ$ 4  
       ـــ خىرىستىئان دىنى تەڭرىسىگە ئىشەنسەڭ، ئۇنىڭ كۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىمەن، دەيدۇ. &Lr-$}vpN  
       ـــ ئاتتىلا ئىشىنىمەن، دەيدۇ. D@ MwZ;@  
       مىمورىس خىزمەتچىنىڭ كۆزىنى ئايەت ئوقۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئاتتىلا ئۇنىڭدىن:  ,F+a V+&P  
       ـــ ئىسمىڭ نېمە؟ دەپ سورايدۇ. Q#'J+-pmX  
       ـــ تەڭرىگە ئېتىقاد قىلساڭ ئېيتىپ بېرىمەن دەيدۇ، مىمورىس. LM>5RoR M  
       ـــ ئاتتىلا ئېتىقاد قىلىمەن، دەيدۇ. n<9FOKB}I  
       مىنىڭ ئىسمىم مىمورىس، سېنىڭ ئىسىمىڭ نېمە؟ o_ 'C]n[|  
       ـــ ئاتتىلا: ئىسمىم ئاتخىلا، قوماندانىمنىڭ ئىسمى بولسا سىلىئوس، دەپ جاۋاپ بەرگەندىن كېيىن، مىمورىسنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، جەسىتىنى دەرياغا تاشلاتقۇزۋېتىدۇ. شۇ كېچىسى قاتتىق بوران چىقىپ كېتىپ، ئاتتىلانىڭ قوشۇنى تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىپ كېتىدۇ. |4 Mlda*  
        كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە لوپۇس رىۋايىتىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلگەن. «رىۋايەتلەر توپلىمى» دېگەن كىتابتا ۋە باشقا رىۋايەتلەردە بايان قىلىنىشچە، تىرويىس ئېپىسكوپى لوپۇس ئاتتىلادىن: h'=(I  
       ـــ بۇ يەرنى ۋەيران قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئەركىن مېڭىپ يۈرگەن قايسىڭ؟ دەپ سورايدۇ. ئاتتىلا: `Y1{j}B+0  
       ـــ ھۇنلارنىڭ ئېمپىراتورى، تەڭرى قامچىسى ــ ئاتتىلامەن، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. لوپۇس قاتتىق ئۇھ تارتىپ، يالغاندىن نەيرەڭ ئىشىلتىپ: \FM8ulHR  
       ـــ مەن بولسام تەڭرىنىڭ قامچىسىنى توغرا يولغا باشلايدىغان بۆرىمەن،مەن تەڭرىنىڭ پادىلىرىنى قوغدايمە، دەيدۇ ـ دە شەھەر دەرۋازسىنى. ئېچىپ بېرىدۇ. ھۇنلارشەھەرگە زادىلا چېقىلماستىن ئۆتۇپ كېتىدۇ.ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ كېيىنىكى دەۋىرلىرگە ئائىت مەنبەلەردە رىيمىس ئېپىسكوپى نىكاسئوس بىلەن ئۇنىڭ سىڭلىسى پىتىرپىيانىڭ ئۆلتۈرىلىشنىڭ ئاتتىلاغا يۇككلەنگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. ھالبۇكى، قەدىمكى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ ئاكا-سىڭىلار ۋانداللارنىڭ ھۇخۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەنىكەن. __K? 
       ئاتتىلاغا ئائىت رىۋايەتنىڭ ئەڭ مەشھۇرى ئۇرسۇلار ۋە ئۇنىڭ 11 مىڭ كىنىزىكىنىڭ قۇربان بولۇش رىۋايىتىدۇر. R bYjkDI<  
        بۇ رىۋايەتتە مۇنداق ۋەقە بايان قىلىندۇ: قۇدىرەتلىك بىر ئەلىنىڭ شاھزادىسى ئەنگىلىيە پادىشاھىنىڭ مەلىكىسى ئۇرسۇلابىلەن توي قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.ئۇرسۇلا بۇ شاھزاىددىن خرستىئان دىنغا ئېتقان قىلىشنى، خرىستىئان دىنىنىڭ ئەقىدە-پىرىنسىپلىرىنى مۇكەممەل ئىگىلەش ئۈچۈن ئۈچ يىل كېتىدىغانلىقىنى ئېيىتپ، مۇشۇ ئۈچ يىل ئىچىدە كۆرۈنۈشتە ئەر-خوتۇن بولۇش شەرتى بىلەن توي قىلىشقا ماقۇل بولىدۇ. dwd0cDNH  
        ئۇرسۇلار ئون قىز دوستى ۋە 11مىڭ كىنىىزىكى بىلەن بىلە كېمىگە چۈشۈپ،شاھزادىنىڭ شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇلار شاھزادىنىڭ شەھىرىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن،كېمىدىن زادىلا چۈشكىلى ئۇنمايدۇ.ئۇچ يىل توشقاندىن كېيىن،توساتتىن كۆتۈرۈلگەن قاتتىق بوران كېمىنى سۇرۇپ كۆلىنگە ئاپىرىپ قويىدۇ. قىزلار ئۇيەردە كېمىدىن چۇشىدۇ. بۇۋاقىتتا بىر مالائىكە ئۇرسۇلاغا ئۇنىڭ 11 مىڭ كىنىزىكىنىڭ شېھىت بولىدىغانلىقىدىن بىشارەت بىېرىدۇ.قىزلار كېمىگە چىقىپ، بەسەل شەھىرگە بارىدۇ. ئۇ يەردىن پىيادە مېڭىپ رىم شەھىرىگە بارىدۇ. رىمدىن يەنە سۇ يولى ئارقلىق كۆلىنگە قايتىپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھۇنلار كۆلننى-بولارپ تالاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار كېمىدىن چۈشكەن قىزلارنىڭ ئۇرسۇلادىن باشقا ھەممىسىنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. ئاتتىلا ئۇرسۇلانى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالغاچقا، ئۇنى ئۆلتۈرمەي ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇرسۇلا ئاتىللانىڭ تەلىپىنى رەت قىلىدۇ. تەلىپى رەت قىلىنغان ئاتىللا قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئۇرسۇلانى ئوقيا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. ھۇنلار كېمىنى بولاشقا تەمشەلگەندە، كېمىسىدە 11 نەپەر مالائىكە ئەسكەرلىرى بىلەن سوقۇشىدۇ. ئۇرۇشتا ھۇنلار مەغلۇپ بولۇپ، كۆلن شەھىرىمۇ ئامان قالىدۇ. ① Iuz:o<,  
    ـــــــــــــــ  
        ①«تۈرك ئىنسىكلوپېدىيىسى»، تۈركچە 4- توم، 196-،197- بەتلەر.
    h^ >jpja  
    kino
    ئىت ھۈرەر ، كارۋان يۈرەر
    | ۋاقتى : 2008-05-08 21:41 13 -قەۋەت
    باغۋەن
    سالام رومانتىكا
    ئالاھىدە باشقۇرغۇچى سەھىپە باشقۇرغۇچى مۇنبەر قىززىقچىسى يازما يوللاش ئۇستىسى ئالىي ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى مۇنبەر باشقۇرغۇچى ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 49
    نادىر تېما : 29
    يازما سانى : 3282
    ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3282دانە
    شۆھرەت: 5731 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 723493 سوم
    تۆھپە: 475 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4400 نۇمۇر
    قوللاش: 3725 نومۇر
    ئالقىش: 4529 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :243(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    5. ئىتالىيە رىۋايەتلىرىدىكى ئاتتىلا
    3n 
    TJW9 WU  
    el@YQ.4  
    *0*(0=myr  
    <_= %  
    ئىتالىيىدە ئاتتىلا رىۋايىتى باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا كەڭ تارقالغان. ئاچۇيلا(ئاكۇيلا) مۇھاسىرە قىلىنىشى، شىمالىي ئىتالىينىڭ ئىشغال قىلىنىشى، پاپالىئوⅠ بىلەن ئاتتىللانىڭ كۆرۈشۈشى ۋە ئاتتىلانىڭ ھۇنارىيا بىلەن توي قىلماقچى بولغانلىقى، تارىخچىلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ھەممە كىشىلەرگە مەلۇم بولغان ھەمدە ئاتتىلا ھەققىدە نۇرغۇن رىۋايەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا مەنبە بولغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاتتىلادىن 100 يىل كېيىن رىم شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغان شەرقىي گوت پادىشاھى تۇتىلانىڭ نامىنى ئاتتىلا بىلەن تەڭلەشتۈرۈش ئۈچۈن، تۇتىلانىڭ نۇرغۇن پائالىيەتلىرى ئاتتىلاغا مال قىلۋېتىلگەن. ئىتالىيىنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىنى يازغان مالاسپىنا(مىلادىيە 1281-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) ۋە ۋىللانى(مىلادىيە 1348- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)نىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ئاتتىلا فلورىنسىيا(ئىتالىيە)دىكى مەشھۇر كىشلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ كاللىسىنى ئالغاندىن كېيىن، فلورىنسىيا شەھىرىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋەتكەن. دانتى ئاتتىلانى دوزاقنىڭ 7-قەۋىتىدىكى قانخور زالىملار قاتارىغا قويغان. "W~8yq`g:  
    ئاتتىلا ئىتالىيىگە يۈرۈش قىلغاندا، پو دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتمىگەن. تۇتىلا بولسا فلورىنسىيانى ھەقىقەتەن مۇھاسىرىگە ئالغان. تۇتىلا دېگەن ئىسىم ئاتتىلا دېگەن ئىسىمغا يېقىن كەلگەچكە، ئاتتىلا تارىخىي ئەسەرلەردە ۋە رىۋايەتلەردە فلورىنسىياغىچە بارغان قىلىپ سۆزلىنىدۇ. #ak.sy= h\  
    ئىتالىيدە ئېقىپ يۈرگەن ئاتتىلا ھەققىدىكى رىۋايەتلەر مۇنداق باشلىنىدۇ: ئاتتىلا ئىتالىيە سەپىرىدە ئاچۇيلاغا بارىدۇ. ئاتتىلا ئىستىھكاملىرى مۇستەھكەم ئاچۇيلا شەھىرىنى زادىلا قولغا كىرگۈزەلمەيدۇ. ئاتتىلانىڭ قوشۇنى بۇ شەھەردىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، چېكىنىپ كېتىشكە تەمشىلىپ تۇرغان چاغدا،سېپىل تېمى ئاستىدا ئۇچۇپ يۈرگەن تۇرنىلارنىڭ باچكىلىرىنى شەھەر سرتىدىكى چاتقاللىقلارغا ئۇچۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. تۇرنىلارنىڭ كۆچىشىنى ئاتتىلا غەلبىنىڭ بىشارىتى دەپ بىلىپ، شەھەرنىڭ ئۇزۇنغا بارماي ھۇنلارنىڭ قولىغا چۈشىدىغانلىقىغا ئىشىندۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئاتتىلا قايتا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ شەھەرنى ئىشغال قىلىدۇ. #? }1 7lF  
    تۆۋەندە بايان قىلىنماقچى بولغان مودىنا ئېپىسكوپى گىمنىئانوس رىۋايىتى لوپۇس رىۋايىتىنى ئەسلىتىدۇ. ئاتتىلا ھۇنلار تەرىپىدىن مۇھاسىرىگە ئېلىنغان مودېنا شەھىرى ئۈستىدە تۇرۇپ خەلققە ئىلھام بېرىۋاتقان كىشىدىن – سەن كىم ؟ دەپ سورايدۇ. ئېپىسكوپ : ppt`YhfPo  
    ـــ تەڭىرنىڭ قۇلىمەن، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. r zG  
    ئاتتىلا بۇنىڭغا جاۋابەن ناھايىتى مەغرۇر ھالدا: /{QO}E|nk(  
    ـــ ئەگەر سەن تەڭرىنىڭ قۇلى بولساڭ، مەن تەڭرىنىڭ قامچىسى ــ ئاتتىلا بولىمەن. ئىتائەتسىزلىك قىلغان ۋە ئۆز خانىنىڭ ئەمىرىگە بويۇنتاۋلىق قىلغانلارنى دۇمبالاشقا ۋە قامچىلاشقا ھەقلىقتۇر، دەيدۇ. ئاتتىلانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان گىمنىئانوس ناھايىتى سىلىقلىق بىلەن: phu=L'(:  
    پۈتۈن قۇدىرەت تەڭرىنىڭ قولىدا تۇرۇپتۇ، سەن ئۆزۈڭنىڭ تەڭرىنىڭ قامچىسى ئىكەنلىكىڭنى ئېيىتقان يەردە، مەن يەنىلا ئۆزۈمنى تەڭرىنىڭ قۇلى دەپ سانايمەن، شۇڭا ئۇنىڭ قامچىسىغا قارىشى چىقمايمەن، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ ۋە شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىپ بېرىدۇ. ھۇنلار شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن ھېچقانداق نەرسىگە چېقىلمايدۇ. DR!VCK  
    مىلادىيە 9-ئەسىردە ياشىغان ئاگنىللوس راۋاننا(غەربىي رىم پايتەختى)نىڭ باش ئېپىسكوپى جۇھاننىسنىڭمۇ راۋاننانى ھۇنلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ قالدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلدۇ. بۇ رىۋايەتتە ئاتتىلا بىر خرىستىئان مۇخلىسى سۇپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. بۇ رىۋايەتتە بايان قىلىنىشىچە، ھۇنلار راۋاننا شەھىرىگە قاراپ ھۇجۇمغا ئۆتكەندە، ئېغىر تەھدىتنى كۆرگەن بەش ئېپىسكوپ جۇھاننىس پاپا بىلەن بىرلىكتە ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئاتتىلانىڭ ئالدىغا بارىدۇ. تەختتە ئولتۇرغان ئاتتىلا پاپا باشچىلىقىدىكى بىر توپ كىشلەرنى كۆرۈپ ئەتراپتىكىلەرگە: Khw%Mq  
    ــ ئىلاھىي سۆز قىلىدىغان بۇ ئۇلۇغ كىشىلەر كىم ؟ئۇلار نېمە قىلماقچى ؟ بۇنداق كىشلەرنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، بۇلار قاردىنمۇ ئاق، جىمىكى ئېسىل نەرسىلەردىنمۇ گۈزەل ۋە ناھايىتى پەزىلەتلىك تاللانغان كىشىلەر ئىكەن، دەيدۇ. ۋەكىللەر توپنىڭ ئالدىدا تۇرغان باش ئېپىسكوپ ئاتتىلاغا ئۆز ئوغۇللىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئاتتىلا بۇ ئوغۇللارنىڭ مەنىۋىي ئوغۇل ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەچكە، چىرايى بىردىنلا ئۆزگىرىپ ھوشىدىن كېتىدۇ. ئۇ چۈش كۆرۈپ جەننەتتكە كرېستكە باغلانغان ئەيسانى كۆرىدۇ. ئاتتىلا ھوشىغا كېلىپ: jLisG,5@\8  
    ــ ھەي! ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئۆز جېنىنى ئۆلۈمگە ئاتىغان ئۇلۇغ ئاتا،ھەي! تەرىپلىگۈسىز مۇقەددەس سەۋىرچان كىشى، دەپ خىتاب قىلىدۇ. ئاتتىلا شەھەرگە چېقىلماستىن شەھەر كوچىلىرىدىن قوراللىق ھالدا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ReZl 7_9O  
    ئاتتىلانىڭ شىمالىي ئىتالىيىدە ئېلىپ بارغان يۈرۈشلىرى نۇرغۇنلىغان رىۋايەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس سالغان . شۇڭا، شىمالىي ئىتالىيىدىكى شەھەرلەرنىڭ تارىخى ئاتتىلانىڭ فۇتۇ ھاتىدىن كېيىن باشلىنىدۇ. ئېلىپ ئېيتساق، ۋېنىتسيىلىكلەر ئۆزىنىڭ ئەجدادىنى ئاچۇيلا شەھىرى ۋەيران بولغاندىن كېيىن، ھازىرقى ۋېنىتسىيىگە كۆچۈپ كەلگەن، دەپ بىلىدۇ. مىلادىيە 10ـ ئەسىرگە مەنسۇپ بىر ۋېنىتسىيە يىلنامىسىدە رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئاتتىلا زور قوشۇن بىلەن ۋېنىتسىيەگە ھۇجۇم قىلغاندا، بۇ يەردىكى خەلقلەر سۇ ئۈستىگە سېلىنغان ئۆيلەرگە قاراپ كۆچكەن. بۇ چاغدا تەڭرى ھۇنلارنىڭ ئەقلىنى بۇلغىغان، ھۇنلارنىڭ بىر قىسمى ئۆزىنى سۇغا تاشلاپ، بىر قىسىمى بىر-بىرىنى سۇغا ئىتتىرىپ ئۆلىۋېلىشقان. يەنە بەزىلىرى تاغنىڭ ئۈستىدىن ئۆزىنى سۇغا ياكى كۆيىۋاتقان ئوتقا تاشلاپ ئۆلىۋالغان. `[ xEL<0  
    ئاتتىلا ۋە ھۇنلارنىڭ ئىتالىيىدە ئۆز ھاياتىدىن ئايرىلىشى ئىتالىيە رىۋايەتلىرىنىڭ ئاساسىي موتىفى ھېسابلىنىدۇ. بۇنى ئەسلىدە ئاتتىلادىن ئەمەس،بەلكى تۇتىلانىڭ ھېكايىسىدىن ئىزدەشكە بولىدۇ. تۇتىلا ھەقىقەتەن ئىتالىيىدە شەرقىي رىم قوماندانى نارسېس بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان چاغدا،ئوق تېگىپ ئۆلگەن. بۇ يەردە تۇتىلانىڭ ھاياتى ۋە ئۆلىمىگە توقۇلغان رىۋايەتلەر ئاتتىلاغا يۆكلەنگەن. &J-hjPSu  
    مىلادىيە 10-ئەسىردە ياشىغان كونىستانتىنوسمۇ قەدىمكى ۋېنىتسىيىنىڭ تارىخىنى ئاتتىلاغا باغلايدۇ. كونىستانتىنوسنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ھۇنلارنىڭ ئىمپېراتورى ئاتتىلا قوشۇن باشلاپ كېلىپ، پۈتۈن فرانىكلار دۆلىتىنى كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلغاندىن كېيىن، فرانىكلار ئاچۇيلا بىلەن فرانىك دۆلىتىنىڭ يەنە بىر قەلئەسىدىن قېچىپ چىقىپ، ۋېنىتسىيىدىكى بوش ئاراللارغا كۆچكەن ھەم بۇ يەردە ئۆي –جاي سېلىپ ماكانلاشقان. a6; ir"-  
    غەرب مەنبەلىرىنىڭ ئاتتىلا ھەققىدە بەرگەن سەلبىي خاراكتېردىكى رۋايىتىدىن ئىتالىيىدا ئىت يۈزلۈك ئاتتىلا رىۋايىتىدىن بىرى پەيدا بولغان. ئاتتىلانىڭ تاقىر بېشى ۋە ئىتنىكىگىگە ئوخشايدىغان قۇلاقلىرىنىڭ بارلىقى تۇنجى قېتىم مالاسپىنانىڭ ئەسىردە تىلىغا ئېلىنغان. مەلۇمكى،مالاسپىنا جوردانىسنىڭ ئاتتىلانىڭ ساقىلى ھەققىدە ئىشلەتكەن «canisaspersus» يەنى «ئاق چۈشكەن» دېگەن سۆزنى خاتا ھالدا «canisaspertus» يەنى «ئىت يۈزلۈك» دېگەن شەكىلدە ئوقۇۋالغان. شۇڭلاشقا، پىلنوس قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئالىملار ئاتتىلانى قەدىمكى ئىت باشلىق خەلقلەر بىلەن بىر بولسا كېرەك، دەپ قارىغان. مىلادىيە 14-ئەسىردە ئاتتىلانىڭ ئىتتىن تۇغۇلغانلىقى توغرىسىدا ھېكايىمۇ يېزىلغان. بۇ ھېكايىنىڭ دەسلەپكى شەكىلى ۋېنىتسىيدىكى سان-ماركو كۈتۈبخانىسىدا ساقلانغان «ئاتتىلا ھېكايىسى»دە ئۇچرايدۇ. يەنە شۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا كاسۇلا دېگەن بىر شائىر بۇ توغرىسىدا داستاندىن بىرنى يازغان. داستاندا ئاتتىلا ھۇنلارنىڭ خانى ئەمەس، بەلكى ھۇنگىرلارنىڭ خانى سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. 5%X"9e2L}  
    بۇ داستاندا ئېيتىلىشچە، ئەينى ۋاقىتتىكى ھۇنگىرىيىدە ئوستۇرۇبال دېگەن بىر پادىشاھنىڭ دۇنيادا تەڭدىشى يوق گۈزەل بىر مەلىكىسى بولغان. بۇ قىزغا نۇرغۇن يىگىتلەر توي قىلىش تەكلىپىنى قويغان بولسىمۇ، قىز ھەممىسىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان. مەلىكىنىڭ ئانىسى ئۇنى شەرقىي رىم ئېمپىراتورى كونستانتىنوسنىڭ ئوغلى ھىراكلىئوسقا ياتلىق قىلىش نىيىتى بولغاچقا، مەلىكىنى نۇرغۇن كېنىزەكلەر بىلەن بىرگە، ئېگىز بىر قەلئەگە سولاپ قۇيۇپ نازارەت قىلغان. ئانىسى مەلىكىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۇزۇق-تۈلىكىنى ئارغامچا ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بەرگەن. مەلىكە ئۆزى بىلەن بىرگە بىر كىچىك كۈچۈكنى ئېلىۋالغان بولۇپ، ئاخشىمى بۇ كۈچۈك بىلەن يېتىپ-قوپقان. كۈچۈك چوڭايغاندىن كېيىن مەلىكە ئۇنىڭدىن ھامىلدار بولۇپ قالغان. پادىشاھ بۇ سەتچىلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، دەرھال مەلىكىنىڭ تويىنى قىلىۋەتكەن. مەلىكىنىڭ ۋاقتى-سائىتى توشۇپ كۆزى يۇرىغاندا، ئىتقا ئوخشاش بوۋاقتىن بىرى تۇغۇلغان. بالىغا ئاتتىلا دەپ ئىسىم قويۇلغان. ئاتتىلا چوڭ بولغاندىن كېيىن، چوڭ دادىسىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان. ئاتتىلا ناھايىتى ئەقىل-پاراسەتلىك، ئەخلاقىي-پەزىلەتلىك ۋە كۆتىرەڭگۈ روھلۇق بولغاچقا، قوشنا ئەللەرنىڭ پادىشاھ، بەگلىرى ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ قالغان. ئاتتىلا خىرىستىئانلارغا بەك ئۆچمەنلىك قىلغان. ئۇ كاتولىك دىنىنىڭ ھۇنگىرىيىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، قاتتىق غەزەپلەنگەن ھەم قوشۇن باشلاپ يول بويى ئالدىغا ئۇچرىغان ھەر قانداق نەرسىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇدۇل ئاچۇيلا شەھىرىگە يېتىپ بارغان. داستاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلۈملىرى ناھايىتى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن بايان قىلىنغان. ?U^=^aC  
    ئاتالمىش ئىتالىيە رىۋايەتلىرىدىكى ئىت يۈزلۈك ئاتتىلا ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلغان ئىتالىيە پادىشاھلىرى توغرىسىدا ئىتالىيە ئەدەبىياتىدا نۇرغۇنلىغان ھېكايە، مەسەل، داستان ۋە رومانلار يېزىلغان. مىلادىيە 14-ئەسىرگە ئائىت بىر ئىتالىيە يىلنامىسىدە، ئاچۇيلا تۇرنىلىرى رىۋايىتىنىڭ بەزى ئىزلىرى ساقلانغان. بۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئاچۇيلا شەھەر خەلقى ئۆز شەھىرىنىڭ يوقىتىلدىغانلىقىنى ئالدىن سەزگەچكە، شەھەرنى تاشلاپ قاچىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ شەھەردىن قېچىپ چىققانلىقىنى چاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، سېپىل تېمىغا ياغاچ قونچاقلارنى تىكلەپ قويىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ھىيلە-نەيرىڭى ئاتتىلانىڭ بۈركۈتلىرىدىن بىرىنىڭ ياغاچ قونچاقنىڭ بېشىغا قونغاندا ئۇنىڭ جىم تۇرغانلىقىدىن مەلۇم بولىدۇ. ئىتالىيە رىۋايەتلىرىنىڭ يەنە بىرىدە ئاتتىلا بىر جاسۇس تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. V$1 "_xT  
    ئاتتىلا ئەنئەنىسى ئىتالىيدە ئۇزۇن مەزگىل دەۋىر سۈرگەن، ھەتتا ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدە توساتتىنلا ئاتتىلانىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن تەڭگە پۇللارمۇ بېسىلغان. كۆمۈش ياكى مىستىن قۇيۇلغان بۇ پۇللارنىڭ ياسىلىشى سەل قوپالىراق بولغان. كۆمۈشتىن قۇيۇلغان پۇلنىڭ ئالدى يۈزىدە ئاتتىلانىڭ رەسىمى، «ئاتتىلا، 441-يىلى، كىرال» ياكى « كىرال، 441-يىلى، ئاتتىلا» دېگەن سۆز بار. ئارقا يۈزىدە بولسا ئۈستىگە «ئاچۇيلا» دەپ يېزىلغان، ئاستىغا بىر شەھەر ياكى قەلئەنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن. مىستىن قۇيۇلغان پۇلنىڭ ئالدى يۈزىدە ئاتتىلانىڭ رەسىمى، ئۇنىڭ چۆرىسىگە «تەڭرى قېلىچى ئاتتىلا» ياكى « تەڭرى قېلىچى كىرال ئاتتىلا» دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن. ئارقا يۈزىدە بولسا، بىر قېرى كىشىنىڭ شىرنىڭ ئۈستىگە مىنىپ تۇرغان رەسىمى چۈشۈرۈلگەن. بۇ مەزگىلدە ئىتالىيىدە يەنە ئاتتىلانىڭ ئاكىسى بۇدانىڭ خاتىرە پۇلىمۇ قايتا بېسىلغان①. VDm ^LOj77  
    ـــــــــــــــــ- xMvII( a  
    ①«تۈرك ئىنسىكلوپىدىيىسى»، تۈركچە، 4-توم، 197-198-بەتلەر. 8d{ M~  
    q1s; h[)X  
    RvB9~SDq  
    B#_ &/q  
    u h? ny@;  
    p<E*lar  
    6. گېرمانىيە رىۋايەتلىرىدىكى ئاتتىلا 4HElj1XE<  
    g|O[Jt"  
    f!IG86m  
    x.$F?5Fm  
    گېرمان مىللەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرگە مەنسۇپ قەھرىمانلىق داستانلىرىدا ئۇلۇغ ئېمپىراتور ئاتتىلانىڭ نامى خېلىلا كۆپ تىلغا ئېلىنغان. yNb::LbH  
    قەدىمكى گېرمان قەھرىمانلىق داستانلىرىدا ئاتتىلانىڭ سارىيىدا گېرمان پادىشاھلىرىنىڭ تۇرغانلىقى ياكى گېرمان شاھزادىلىرىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلگەنلىكى، ئاتتىلانىڭ ئىنتايىن روھلۇق، مېھىرىبان، ئاقكۆڭۈل، ئېسىل ئادەم ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەسۋىرلىنىدۇ. گېرمانىيىدە ئاتتىلانىڭ ئىسىمى مىلادىيە 9-ئەسىرگە ئائىت «ھىلدبراند داستانى»دا تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان. لېكىن ئۇنىڭدا ئىش-ئىزلىرى رىۋايەت قىلىنمايدۇ. مىلادىيە 10-ئەسىرگە ئائىت «كۈچلۈك بىلەكلىك w داستانى»دا ئاتتىلا ۋە ھۇنلار توغرىسىدا خېلى كۆپ رىۋايەت سۆزلىنىدۇ. بۇ داستاندا ئېيتىلىشچە، ئاتتىلا ئىلگىرىكى زەپەرلىرىنى قايتا تەكرارلاش ئۈچۈن، گىبىچۇغا ھۇجۇم قىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا، بىردىنلا نىيىتىدىن يېنىپ، ئۇنىڭ بىلەن تىنىچلىق كېلىشىمى ئورنىتىپ، ئۇنىڭ ئوغلى خاگىننى ئۆز ئوردىسدا تۇرغاقلىققا ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئاتتىلا بۇرگىندلار ئۈستىگە يۈرۈش قىلىدۇ. ئاتتىلا ئۇلار بىلەنمۇ كېلىشىم تۈزۈپ، بۇرگۇند پادىشاھىنىڭ ئوغلى ھىلدىگوندنى تۇرغاقلىق ئۈچۈن ھۇنگىريىگە ئېلىپ كېتىدۇ. ئاتتىلا يەنە ئاچۇيتانىيا پادشاھى ئالىپخىرنىڭ ئوغلى ۋالخارۇسنى تۇرغاقلىققا ئالىدۇ. بۇ گىرمانىيە شاھزادىلىرى ئاتتىلانىڭ ئوردىسىدا ھۇنلارنىڭ مۇنتىزىم ھەربىي تەلىم-تەربىيىسى ئاستىدا ئۆسۈپ- يېتىلىدۇ. ھەمدە ئۇلار ھۇنلارنىڭ قوماندانلىرى دەرىجىسىگە كۆتۈرىلىدۇ. كېيىن بېۇ شاھزادىلەر ئاتتىلادىن يوشۇرۇن ھالدا ئۆز دۆلىتىگە قېچىپ كېتىدۇ. ئاتتىلا ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا بەكمۇ ھەسرەت چېكىدۇ. (Qs( M-'  
    مىلادىيە 13-ئەسىردە ياشىغان ئاۋستىرالىيىلىك ئىسمى نامەلۇم بىر شائىر تەرىپىدىن يېزىلىغان «نىبۇلۇڭلار ھەققىدە قوشاق» ناملىق ئىپوستا مۇنداق ۋەقەلىك رىۋايەت قىلىندۇ: ئەتىزەل (بۇ داستاندا ئاتتىلا ئەتزەل دەپ ئېلىنغان) چوڭ خانىش ئارىغقان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، خاگىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن سيگفىرىدنىڭ تۇل قالغان خانىش كىريمخىلد بىلەن توي قىلىشنى تەلىپ قلىدۇ. ئەتزەل ناھايتى شۆھرەتلىك، قۇدىرەتلىك پادىشا بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كۆپ خۇدالىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغاچقا، دىنىي ئايرىمىلىق تۇپەيلىدىن ئۆز تەلىپىنى رت قىلىنىشىدىن ئەندىشە قلىدۇ. ئەتىزەلنىڭ ئەلچىسى كىريمخىلدقا ئەتزەلنىڭ ئوردىسىدا خرىستىئان دىنغا ئېتقات قىلىدغان بىر قانچە قوماندانىڭ بارلىقىنى ۋە ئەتزەلنىڭ ۋاقىتسىز (خرستىئان دىنىغا كىرگەنلەرنىڭ يۇيۇنۇپ پاكلىنىش) قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنى قايىل قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ يوي مۇراسىمى دەسلەپتە ۋېنادا،كېيىن ئەتزەلنىڭ پايتەختى ئەرزەلبورگدا ئۆتكۈزىلىدۇ. TGA-KlCa  
    كىريمخلد ئۆلۈپ كەتكەن ئېرى سيگفىرىدنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇرگۇندلار (نىبۇلۇڭلار)نى ئەتزەلبورگقا تەكلىپ قىلىدۇ. ھېچقانداق ئىشتىن خەۋىرى بولمىغان ئەتزەل قېيىن ئىنىسى ۋە سيگفىرىدنىڭ قاتىلى خاگىننى ناھايىتى قىزغىن كۇتىۋالىدۇ. ئەتزەل مېھمانلارنىڭ شەرىپىگە ئەڭ ياخشى جەڭ ئويۇنلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. بۇ چاغدا ھۇنلار بىلەن بۇرگۇندىلار ئوتتۇرسىدا قانلىق ئۇرۇش پارتلايدۇ . ئۇرۇشتا تۇنجى بولۇپ ئەتزەلنىڭ ئاكىسى بىلۆدەل (بىلەندا – بۇدا ) جېنىدىن ئايرىلىدۇ . مىڭلىغان ھۇنلار قۇربان بولىدۇ. ئەتزەل تېخىچە نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي قالىدۇ. كېيىن ئەتزەل ئۆز ئوغلىنىڭ خاگىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرەلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن. ئاندىن ئۇرۇشقا ئاتلىنىپ كىريمخىلدانى ئۆلتۈرۈپ، بۇرگۇندالارنى قىرىپ تاشلايدۇ . nd6O3o03l  
    «نىبولۇڭ داستانى «دا يەنە ئەتزەل بېشىغا داۋاملىق دوبولغا كىيىپ يۈرەتتى،ئادەملىرىنى چوڭ بىر زالدا قوبۇل قىلاتتى، ئەتزەل ناھايىتى ئېسىل ياسالغان بىر تەختتە ئولتۇراتتى، ئەجدادلىرىنىڭ ئش-ئىزلىرى ئويۇلغان بىر قاچىدا غىزالىناتتى، دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. G O5 
    كېيىنكى چاغلاردا گېرمانلار ئارسىدا بارلىقا كەلگەن «گۈل باغچىسى»، «ئەتزەلنىڭ ساريىى» ۋە «شىكايەت» قاتارلىق داستانلاردىكى ئاتتىلا رىۋايىتى يۇقىرىدا سۆزلەنگەن «نىبۇلۇڭ داستانى» دىكى ۋەقەلىك بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. YrN93H7bd;  
    ئاتتىلا شىمالىي گېرمان مىلەتلىرىنىڭ رىۋايىتىدىمۇ ئۇچىرايدۇ. ئاتتىلا قەدىمكى ئىسلاندىيە تىلىدا يېزىلغان «ئېددا داستانى »دا«ئاتلى» دېگەن ئىسىم بىلەن بايان قىلىنىدۇ. بۇ داستاندا ئاتلى «ئاتتىلا»نىڭ قۇۋ، مەككار، مال-دۇنياغا ئامراق كىشى ئىكەنلىكى،گوت ۋە بۇرگۇندلار نىڭ قەھرىمانلىرىنى ھىلەن بىلەن توزاققا دەسسىتىپ يوقاتقانلىقى سۆزلىنىدۇ. D q5,w >  
    «ئاتلا چۇيدا» دېگەن ئېددا خەلق ناخشىسىدا تەسۋىرلىنىشىچە، ئاتلى ئۆزىنىڭ قېينى ئىنىسى گۇننارنى دوستلىرى بىلەن بىرگە مېھمانغا تەكلىپ قىلىدۇ. ئاتلىنىڭ خانىشى گوردۇن ئۆز ئىنىسى گۇننارنىڭ بىرەر خەۋىپكە ئۇچىراپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بۆرىنىڭ تۈكى بىلەن قاپلانغان بىر ئالتۇن ئۈزۈك ئەۋەتىدۇ. خاگىن گۇننارنى ئاتلىنىڭ قېشىغا بارماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ. گۇنار ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، يېقىن دوستلىرىنى ئېلىپ يولغا چىقىدۇ. ئاتلى قۇشۇنى بىلەن گۇننارنى بىر قەلئەدە ساقلاپ تۇرىدۇ.گۇننار قەلئەگە كېلىشى بىلەنلا ئاتلى ئۇنى تۇتۇپ باغلاپ ئۇنى نىبۇلۇڭ غەزىنىسىنىڭ قەيەرگە يۇشۇرۇلغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشكە قىستايدۇ. گۇننار بۇنى زادىلا ئېيتىمايدۇ. ئاتىلى گۇننارنى بىر توپ يىلانلار ئارسىغا تاشلاپ ئۇلارغا يەمچۈك قىلىپ بېرىدۇ. گوردۇن ئاتلىدىن ئىنسنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاتلىنىڭ بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، گۆشىنى پىشۇرۇپ ئاتلىنىڭ تامىقىغا قوشىۇۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ باش سۆڭىكىدە ئاتلىغا شاراپ قويۇپ بېرىدۇ. ئاخىرىدا مەس بولغان ئاتلىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ سارىيغا ئوت قويۇپ كۆيدۈۈۋېتىدۇ. wtg*,5{#  
    بۇ رىۋايەتە «ئاتلامال»دېگەن ئېددا خەلق ناخشىسىدا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ. گوردۇن خاس خىزمەتچىسى ئارقىلىق ئىنىسىگە يامان كۈننىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن، خەت ئەۋەتىدۇ. خەتنى ئېلىپ ماڭغان خاس خىزمەتچى يېرىم يولغا كەلگەندە، ئۇنىڭغا يېزىلغان سۆزنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن گۇننار ئاتلىنىڭ قەلئەسىگە يېتىپ كېلىدۇ. ئاتلى ئۇنى تۇتۇپ دارغا ئاسىدۇ. گوردۇن ئىنىسىنىڭ ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاتلىنىڭ باللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، گوشىنى ئۇنىڭغا يېگۈزۋېتىدۇ.خاگىن ئاتلى قاتتىق ئۇخلاۋاتقان چاغدا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. {3}'7grz  
    بۇ رىۋايەتلەردە ھۇن ئېمپىراتورى ئاتتىلانىڭ ئۆز خانىشى تەرىپىدىن سۇيقەست بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخى پاكىت بايان قىلىنغان. ,EP9L0"'&H  
    «ھۇللارنىڭ ئۇرۇشى» دېگەن قەدىمكى شىمالىي گېرمان داستانىدا ئاتتىلا «ھۇملى» دېگەن ئىسىم بىلەن رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇ داستاندا مۇنداق سۆزلىندۇ : گوت پادشاھى ھىدرىكنىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا ھۇملىنىڭ ئوردىسىدا تۇرغاق بولۇپ تۇرۇپ، ھۇملىنىڭ بىۋاستە تەربىيىسىدە ئۆسۈپ-يىتىلگەن. پادشاھ ھىدىرىك ئۆلگەندىن كېيىن، خىلودىر دادىسىنىڭ مىراسى ئۈچۈن گوت دۆلىتىنىڭ يېرىمىنى، ئورمانلىقلارنى، يول بويىدىكى مۇقەددەس قەبرىستانلىقلارنى ۋە دىنىستىر دەرياسىنىڭ بويىدىكى خاسىيەتلىك تاشنى ئۆزىگ بۆلۈپ بېرىشنى ئاكىسىدىن تەلەپ قلىغان. ئاكىسى بۇنى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ھۇملى نۇرغۇن كىشلىك قۇشۇن بىلەن گوت پادىشالىقىغا يۈرۈش قىلغان. ئۇرۇشتا ۋە خىلودىر ھاياتىدىن ئايىرىلغان. , J.[=_M  
    دانىيە تارىخچىسى گىرامماتكوسنىڭ مىلادىيە 1200-يىلى يازغان «دانىيىلىكلەرنىڭ قەھىرمانلىق داستانى» نىڭ ھۇنلارغا ئائىت قىسىمدا، ئاتتىلا ھۇن دېگەن ئىسىم بىلەن بايان قىلىنىدۇ. داستاندا يېزىلىشچە، ھۇن (ئاتتىلا) دانىيىلەكلەر بىلەن ئۇرۇش قىلۋاتقان چاغدا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. ھۇنلارغا يەنە ھۇن دېگەن بىر كىشى قوماندان بولىدۇ. ئۇ 170نەپەر ھۇن خانلىرى بىلەن بىرلىكتە دانىيىلىكلەرگە تەسلىم بولىدۇ. r'_r%B  
    مىلادىيە 13-ئەسىرگە ئائىت «تىدرىك داستانى» بولسا «نىبولۇڭ داستانى» نىڭ داۋامىدەك قىلىدۇ. بۇ داستاندا مۇنداق بىر ۋەقە بايان قىلىنىدۇ: ئاتلى پىرىز پادىشاھلىقىدىن تارتىۋالغان سۇسىك دېگەن جايدا تۇرىدۇ. ئاتلىنىڭ يېنىدا بېرىتانىيە پادىشاھى ئارتوسنىڭ تىدرىك ۋە ھۆگنى (خاگىن) ئىككى ئوغىلى چېچىپ كېلىدۇ. ئاتلى ئۇلارغا بىراندېنبورگ بىلەن رىيىن دەرياسى بويىدىكى ئۇنگار ئورمانلىقىنى بولۇپ بېرىدۇ. مۇناپىق ھۆگىن ئاتتىلادىن يۈز ئۆرۈپ ئۇنى غەزىنە يوشۇرۇلغان تاغقا سولاپ قويىدۇ. ئاتلى ئۇ يەردە ئاشلىقتىن قىيلىنىپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ. bi}:#mI1  
    مىلادىيە 1400-يلى يېزىلىغان بىر يىلنامىدە رىۋايەت قىلىنىشچە، ئاتتىلا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرنىڭ بەزىلىرى ئەنگىليە، بەزىلىرى ئىسپانىيە بىلەن ئىتالىيىگە كۆچۈپ كېتىدۇ. ھۇن ۋە گوتلارنىڭ خانلىق تەختىگە گوت پادشاھى تىدرىك چىقىدۇ t#&R#(x  
    يۇقىردا بايان قىلىنغان گېرمان مىلەتلىرى رىۋايەتلەردە ئاتتىلا ئىككى خىل خارەكتىردە تەسۋىرلەنگەن. جەنۇبىي گىرمان رىۋايەتلىردە ئاتتىلا رەھىمدىل، ئاق كۆڭۈل، ياخشى نىيەتلىك كۆتىرەڭگۈ روھلۇق، خۇش تەبىيەتلىك پادشاھ سۈپىتىدە خاراكتېرلەنسە،شىمالىي گېرمان رىۋايىتىدە قانخور، زالىم، قۇۋ-ھىلىگەر، مال- دۇنياغا ئامراق پادىشاھ سۈپىتىدە خارەكتېرلەنگەن. ① «تۈرك ئىنسىكلوپىدىيىسى»، تۈركچە، 4-توم، 197-198-بەتلەر. NP#]J5(sx1  
      7 . ھۇنگر رىۋايەتلىرىدىكى ئاتتىلا Axlf4*q  
    ;[;4+2Ak  
         مىلادىيە 2-ئەسىردىن باشلاپ، فىن-ئۇغۇر تىللىرى ئائىلىسىگە مەنسۇپ ماجارىلار (ئەسلى ئاتىلىشى مانسى-ماگىي، ئۇلار تۈركىي تىللىق مىللەتلەر بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، تۈركچە ‹ئەر (ئار)› قۇشۇمچىسىنىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن ئۇلارنىڭ نامى ماجار دېگەن نامدا ئاتىلدىغان بولدى) ھۇنلار بىلەن ئالاقىدە بولۇپ، ھۇنلارنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان. مىلادىيە 374-يىلى ھۇنلار ئىتىل دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ياۋروپاغا كۆچكەندە، ئەسلى جايلىرىدا تۇرۇپ قالغان بىر قىسىم ھۇنلار ماجارلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن. ياۋروپا ھۇن ئېمپىرىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ماجارلار ھۇنلارغا قارىغان. مىلادىيە 469-يىلى ياۋروپا ھۇن ئېمپىرىيىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ھۇنلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئاتتىلانىڭ كىچىك ئوغلى ئىرنەكنىڭ رەھبەرلىكىدە قارا دېڭىزنىڭ شىمالىغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە بۇ جايلارغا يېڭىدىن ئۇرۇنلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان ئون ئۇغۇرلارنىڭ ئىچىگە قۇشۇلۇپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئون ئۇغۇرلار يەنە «ھۇنۇغۇر» دەپ ئاتالغان. مىلادىيە 8-ئەسىرگە كەلگەندە، ئىتىل دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنى بويلىرىدىكى ماجارلار جەنۇبقا سۈرۈلۈپ، ھۇنۇغۇرلارنىڭ تەركىبىگە قۇشۇلۇپ كەتكەن. نەتىجىدە ماجارلار تۈركلىشىشكە باشلىغان. بۈگۈنكى ھۇنگىرلار مانا شۇ ئون ئۇغۇر، ھۇن ۋە ماجارلارنىڭ ئۆز-ئارا قۇشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن بولغاچقا، ئۇلار ئاتتىلانى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ داھىسى دەپ قاراپ كەلمەكتە. شۇڭا ھۇنگىرلار ئارىسىدا ئاتتىلاغا ئاتالغان نۇرغۇن رىۋايەتلەر ۋە تارىخى ئىزلار كۆپ ساقلانغان. |\\Z-Jg c  
         مىلادىيە 9-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا يېزىلغان «ھۇنگىر قەھرىمانلىق داستانى»دا ھۇنگىر خانى ئارپات ئاتتىلانىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۇنىڭغا ھۇن ئېمپىرىيىسىنىڭ مەركىزى قىسىمى بولغان ھۇنگىرىيە مىراس قىلىنغان، ئارپات مانا مۇشۇ يەردە تەختتە ئولتۇراتتى، دەپ رىۋايەت قىلىنغان. 1}I |.  
        ھۇنگىر تارىخچىسى ئانموسنىڭ رىۋايىتىگە قارىغاندا، ئاتتىلا دوناي دەرياسى بويىدىكى ئوكۋېنكوم(بۇداپىشت)نى ئۆزگەرتىپ، مۇستەھكەم سېپىللار بىلەن قورشاپ پايتەخت قىلغان، گېرمانلار ئۇنى ئەتزەلبورگ دەپ ئاتىغان. 4![Ih^iZ  
        مىلادىيە 12-14-ئەسىرلەردە ھۇنگىرىيىدە كىشىلەر ئارىسىدا ئاتتىلا، ئاتىلا، ئەتخەلە، ئەتەلە، ئەتىلا دېگەن كىشى ئىسىملىرى ناھايىتى كۆپ قۇيۇلغان، ھەتتا بۇ خىل ئىسىملار ھۇنگىرلار ئىچىدە بۈگۈنكى كۈندىمۇ كەڭ قۇيۇلماقتا. سۇمۇگىي ۋىلايىتىدىكى ئاتالا(ئاتىلا) دېگەن يېزا-كەنت نامى، ئاتتىلا دېگەن ئىسىمنىڭ يەر نامى سۈپىتىدىمۇ قوللىندىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ru2!pj0  
         ئارپات خاندانلىقىدا ئاتتىلا خاتىرە-ئەنئەنىسى ناھايىتى كۈچلۈك ئەۋج ئالغان. بۇنى ئارپات خاندانلىقىنىڭ غەزىنىسىدە ساقلانغان «ئاتتىلا قىلىچى» ياكى بۇ خاندانلىقنىڭ ئاتتىلا جەمەتىدىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش مەقسىتىدە يېزىلغان «ئاتتىلا شەجەرىسى» تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. JMj~9 =4p_  
        ئاتتىلا شەجەرىسى مىلادىيە 11-ئەسىردە ياشىغان ئىسمى نامەلۇم بىر ھۇنگىر تارىخچىسى تەرپىدىن تۇرغۇزۇلغان. ناھايتى كۆپ ئالىملار تەتقىقات ئېلىپ بارغان بۇ شەجەرە تۆۋەندىكى ئىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1-نوھ، 2-يافەس، 3-تانا، 4-نەمبۇرۇت، 5-ھۇنۇر، 6-بور، 7-داما، 8-كەلەد، 9-كەۋە، 10-كەئار، 11-بەلەر، 12-قادار، 13-ئوزمار، 14-فاركاس، 15-بوندوفارد، 16-بۇكەن، 17-ساناد، 18-  بۇدلى، 19-بەزتۇر، 20-مىكە، 21-مىسكە، 22-ئومپۇت، 23-كۈلسە، z !{z`@bO  
        24-لەۋەنتە ، 25-لېل، 26-زامۇر، 27- زامبۇر، +z F>  
        28-بولۇگ، 29-بولسۇ، 30-زولتا، 32-بەرەنىد، k[ZjZlgH  
       31-كادسىا، 33-ئوپۇس، 34-ئەسىھ، 35-سىنرەمەن، 36-تۇردا، 37-بەندەگۆز،  38-ئەتخەلە ياكى ئاتتىلا، 4<m-55  
        39-سابا، 40-ئىد، 41-ئۈگيەك، 42-ئېلود، 43-ئالماس قاتارلىقلار. SGUX{Z 5c  
        نېمىس خەنزۇشۇناسى ف.ھېرت بۇ شەجەرىنى مۇقەددەس كىتابتىنن ئېلىنغان دەسلەپكى تۆت ئىسىمدىن باشقىسىنى مۇھىم ۋە ئىشەنچىلىك دەپ قاراپ، خەنزۇچە مەنبەلەردە خاتىرلەنگەن ھۇن ھۆكۈمدارلىرى شەجەرسى بىلەن مۇناسۋەتلىك ئىكەنلىكى ئالغا سۈرۈلگەن. ف. ھېرت ئاتتىلا ۋە ھۇنلارنىڭ شەجەرىسىنى مۇنداق كۆرسەتكەن. oy%P1BK  
       1 . تۈمەن =بودلى Mm7Fh:h)  
       2. باتۇر = باكتۇر = بەزتۇر ,_axU|.  
       3. قايۇق = مىكە *1TGI*8>9  
       4. ئىچىغسە = مىسكە PV~e#;Ax  
       5. قۇتىقۇ = ئومپود  ^KeZ;Q&J  
       6. غۇلىقۇ = كۈلسە {]@j5I,\  
       7. شۇلۇچانچۇ = لەۋەنتە [e\rrY0ET'  
       8 . چىچى =لېل ZVc t ~b  
       ف.ھېرتنىڭ بۇ قارشىنى ۋ.رادلوۋ، ز.پ.بورۇي ۋە ئى.كىرائۇس قاتارلىق نۇپۇزلۇق ئالىملار ئېتىراپ قلىغان.لېكىن، بۇنىڭغا قارشى چىققۇچى ئالىملارمۇ ئاز ئەمەس. uObt?y  
       ھۇنگىريەدە ئاتتىلا ھەققىدىكى تارىخى رىۋايەتلەر كىرال لاسىزوⅣ دەۋرىدە (مىلادىيە 1272-1290-يىللار) ناھايىتى كەڭ تارقالغان. لاسىزونىڭ ئوردا تارىخچىسى سىمون تەرىپىدىن مىلادىيە 1282-1884-يىللاردا يېزىلغان «ھۇنگىر يىلنامىسى» دېگەن ئەسەردە، ئاتتىلا ھۇنگىرلاشتۇرۇلغان شەكىلدە مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: ئاتتىلا ئوتتۇرا بويلۇق، بۇغداي ئۆڭلۈك، قاراكۆزلۈك، گۈرەنلىك، ناھايىتى مەغرۇر، ئەقىل- پاراسەتلىك، كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان، قورال-ياراقلىرى ئىلغار، چىدىر ۋە كىيىم-كېچەكلىرى ئىنتايىن پاكىز كىشى بولغاچقا، يات ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىمۇ ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئاتتىلا ئۆزىنىڭ پايتەختى سىچامبىرا(ئوكۋئېنكوم) دىن قۇشۇن تارتىپ، يول بويى ئالدىغا ئۇچرىغان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇدۇل سىتراسبورگقا يېتىپ بارىدۇ، ئاندىن جەنۇبقا بۇرۇلۇپ، فىرانسىيىنىڭ بىر قانچە شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، كاتولونىيە چىگىرىسىغىچە بارىدۇ. ئاتتىلا كاتولونىيە قوشۇنىنى ئىككى قىسىمغا ئايرىپ، بىر بۆلىكىنى ماراكەش سۇلتانى ئەمرىل مۆمىننىڭ ئۈستىگە ئاتلاندۇرىدۇ، بۇ چاغدا غەربىي رىم قوماندانى ئائىتوس خۇددى كەلكۈن سۇدەك ھەيۋەت بىلەن ئاتتىلا ئۈستىگە قوشۇن تارتىپ كېلىدۇ. ئۇرۇش پارتىلايدۇ. ئاتتىلا ئائىتوسنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىدۇ. ماراكەشكە ئەۋەتىلگەن قوشۇن ۋاقتىدا قايتىپ كەلمىگەچكە، ئاتتىلانىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ، كاتولونىيىدە تۇرۇپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ يەر «سىپان» (ھۇنگىرىچە سىپان سۆزى ۋلى دېگەن مەنىدە) دېگەن ھۇن قوماندانىنىڭ ئىسمىدىن ئېلىنىپ ئىسپانىيە دەپ ئاتىلدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاتتىلا فىرانسىيەنى بېسىپ ئۆتۈپ، كۆلنگە يۈرۈش قىلىپ، ئۇ يەردە ئورسۇلا ۋە ئۇنىڭ 11 مىڭ كېنىزىكىنى قېلىچتىن ئۆتكۈزىدۇ. دانىيە، نورۋىگىيە، لىتۋا ۋە فىروسىيىنى ئىگىلەپ، ھۇنگىرىيىگە قايتىدۇ. ئاتتىلا ئۇرۇشتىن قايتقاندىن كېيىن، ئاكىسى بۇدانىڭ ئۆزى يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، سىچامبىرانى بۇداۋارا دەپ ئاتىۋالغان گۇناھى ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ، ئاتتىلانىڭ غەزىپىدىن قاتتىق قورققان گېرمانلار بۇ يەرنى «ئەتزەلبورگ» دەپ ئاتايىدۇ. ھۇنگىرلار بۇنىڭغا ئەمەل قىلماي يەنىلا «بۇداۋارا» دەپ ئاتاۋېرىدۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئاتتىلا ئىتالىيىگە يۈرۈش قىلىدۇ. ئۇ ئاچۇيلا شەھىرىدىن تۇرنىلارنىڭ باشقا شەھەرگە قاراپ ئۇچىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شەھەرنى تىزلا ئىگىلەيدۇ. ئاچۇيلا شەھەر خەلقى شەھەرنى تاشلاپ كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن، ۋېنىتسىيىنى بەرپا قىلىدۇ. راۋاننانىڭ ئېپىسكوپى ئاتتىلانى رىم شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئاتتىلا رىم شەھىرىگە يۈرۈش قىلىپ يېرىم يولغا كەلگەندە پاپا بىلەن ئۇچرىشىدۇ، پاپا ئاتتىلادىن قوشۇن چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاتتىلا قايتىپ بېرىپ راۋاننا ئېپىسكوپىنىڭ كاللىسىنى ئالىدۇ. ئاتتىلا پاننوياغا يۈرۈش قىلىپ بارغاندا، باكتىرانلار پادىشاھلىقىنىڭ تەڭداشسىز گۈزەل مەلىكىسى مىكولت ئاتتىلاغا ياتلىق قىلىندۇ. توي كېچىسى ئاتتىلا ھەددىدىن زىيادە كۆپ شاراب ئىشكەچكە، بۇرنىدىن توختىماي قان ئېقىپ، گېلى قانغا تولۇپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ. مىلادىيە13-، 14-ئەسىرلەردە رومانتىك تۈسنى ئالغان رىۋايەتلەر ياۋروپادا ناھايىتى كەڭ تارقىلىشقا باشلاپ، ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئۆزى خالىغان شەكىلدە ھۇنلارغا ۋە ئاتتىلاغا باغلىغان. دانىيە تارىخچىسى گىرامماتىكوس مىلادىيە 1200-يىلى يازغان «دانىيەلىكلەرنىڭ قەھرىمانلىق داستانى» مۇشۇ مەقسەتتە يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مىلادىيە 13-ئەسىردە يېزىلغان «لىخ-ھۇنگىر يىلنامىسى»مۇ ئالاھىدە دېققەتنى تارتىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا جەنۇبى سىلاۋيانلار بۇلۇپمۇ خورۋاتلارنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ئاتتىلا ھېكايىسى بايان قىلىندۇ. بۇ ئەسەردە ئاتتىلا ھۇنگىر پادىشاھى سۈپىتىدە ۋە ئاچۇيلا دېگەن نامدا سۆزلىنىدۇ. Sl\}pgDy  
        ئاچۇيلا پۈتۈن دۇنيانى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن، شىمالىي تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، لىتىۋان، دانىيە، ئىسلاندىيە قاتارلىق ئەللەرنى ئىشغال قىلىپ، كۆلىنگە بارىدۇ، ئۇ يەردە ئۇرسۇلار بىلەن ئۇنىڭ 11مىڭ كېنىزىكىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاۋستىريىگە يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ چاغدا بىر مالائىكە ئۇنىڭغا ئەۋلىيالار توپلاشقان جاي راۋانناغا بېرىپ، ئۇ يەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خورۋات – سلوۋان پادشاھى كازىمىرنىڭ ئۆچىنى ئېلىشنى تاپىلايدۇ. ئاچۇيلان شۇ ھامان ۋېنىتسىيىگە ئاتلىنىپ،ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئىسمى قويۇلغان ئاچويلان شەھىرنى بىنا قىلىدۇ. ئاچۇيلا، خورۋات-سىلوۋانىيە چېگىرسىغا بېرىپ، كازىمىرنى ئۆلتۇرگەن خورۋات- سلوۋانلار پادىشاھلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ،ھۇنگر ئەرلىرىنى خورۋات- سلوۋانلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن توي قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاچۇيلان ئۆزىمۇ سىلوۋان پادىشاھىنىڭ مەلىكىسىگە ئۆيلىندۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاچۇيلا ھۇنگىريىگە قايتىپ كېلىدۇ. ئاچۇيلا تۆتىنچى ئوغلى كولۇماننى خورۋات مەلىكىسىگە ئۆيلەندۈرىدۇ. كۇنۇماننىڭ ئوغلى بىلا دادىسى ئالەندىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاچۇيلا شەھىرىگە بېرىپ، يۇنان ئىمپېراتورىنىڭ مەلىكىسىگە ئۆيلىنىدۇ. بىلا ئۇنىڭدىن گىزا ئىسىملىك بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرىدۇ. ئۇنىڭ لىخ مىللىتىدى 34epr~z?z  
        بولغان ئايالى ئادېلخد ھۇنگرلارنى خرىستئان دىنغا كېرگۈزىدۇ. FyZF$leZ  
       ھەققى تارىخى پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا،خورۋاتىيىنىڭ ھۇنگىريىگە قوشۇۋېلىنىش كىرال لاسىزو ۋە كالمان دەۋرىدە ئېلىپ بېرىلغان. يىلىنامىنڭ ئاپتۇرى ھۇنگر - خورۋات خانىدان مۇناسىۋىتىنىڭ قەدىمىي تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، بۇ ۋەقەنى ئاتتىلانىڭ نامىغا باغلاپ رىۋايەت قىلغان . l q:X5  
        ھۇنگىر تارىخچىسى جانۇس مىلادىيە 1488-يىلى يازغان «ھۇنگىر يىلنامىسى» دېگەن ئەسەر، ھۇنگىرلاردىكى ئاتتىلا رىۋايىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. جانۇس بۇ ئەسەردە ئاتتىلا رىۋايىتىگە يېڭى مەزمۇنلارنى قوشقان ۋە باشقا مەنبەلەردىكى يېڭى رىۋايەتلەرنى كىرگۈزگەن. ئېلىپ ئېيتساق، بۇ ئەسەردە خاتىرلەنگەن ئەۋلىيالار رىۋايىتىدە مۇنداق سۆزلىنىدۇ: ئورلىئاندىن كاتولونىيىگە قاراپ يولغا چىققان ھۇنلار بىر ئەۋلىيانى تۇتىۋېلىپ، ئۇنى ئاتتىلانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىدۇ. ھەممە ئىشلاردىن ئالدىن بىشارەت بەرگۈچى بۇ ئەۋلىيا كىشىدىن ئاتتىلا كاتولونىيە ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئەۋلىيا ئاتتىلاغا: «پۈتۈن مىللەتلەرنىڭ ئىگىسى، قۇدرەتلىك تەڭرى دۇنيا ھاكىميىتىنىڭ قىلىچىنى ھازىر سېنىڭ قۇلۇڭغا تۇتقۇزدى، سەن تەڭرىنىڭ قامچىسى، تەڭرى يولىدىن ئازغانلارنى سەن ئارقىلىق جازالايدۇ، ئەمما تەڭرى خالىغان ۋاقىتتا بۇ قىلىچنى سېنىڭ قۇلۇڭدىن ئېلىپ باشقا بىرىنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ. بىلىشىڭ كېرەككى، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا سەن غەلبە قىلالمايسەن. ئەمما، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن بۇ قىلىچ سېنىڭ قولۇڭدىن چۈشمەيدۇ. ھۆكۈمرانلىقىڭمۇ ئاخىرلاشمايدۇ» دەيدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئاتتىلا ئۆزىنى «تەڭرى قامچىسى» دەپ ئاتايدۇ. ,/EN2Uoy  
         كىرال ماتياس دەۋرىدە (1458-1490-يىللار) ھۇنگىرىيىدە ئاتتىلاغا چۇقۇنۇش دولقۇنى كەڭ ئەۋج ئالغان. كىرال ماتياس ئۆزىنى «ئاتتىلاⅡ« دەپ ئاتىغان. ئۇ ھۇنگىر تارىخىنى يازغان ئوردا تارىخچىسى بونفىنگە كىتاپنىڭ ئاتتىلاغا ئائىت قىسىمىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشنى تاپىلىغان. جانۇس ۋە بونفىننىڭ ۋاستىسى بىلەن ئاتتىلا ھەققدىكى مەلۇماتلار ھۇنگىر مىللىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە تارقىلىپ كىرگەن. بۈيۈك ھۇن ئېمپىراتورى ئاتتىلانىڭ درامماتىك ۋەقەلەرگە ئىنتايىن باي بولغان ھاياتىنى يورۇتۇش ئۈچۈن، يازغۇچى-شائىرلار قولىغا قەلەم ئېلىپ ئۇنى مەدھىيىلىگەن، تارىخچىلار ھۇنگىر ۋە لاتىن تىللىرىدا نۇرغۇنلىغان تارىخىي ئەسەرلەرنى يازغان. بەزى باي كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە ئاتتىلا دەپ ئاتىلدىغان نەيزە-قالقان، قىلىچ ۋە باشقا نەرسىلەر ساقلانغان. ھۇنگىرلار يەنە ئاتتىلانىڭ قەبرىسىنى ئىزدەشكە كىرىشىپ، مىلادىيە 1799-يىلى تېپىلغان بىر قەبرىنى ھازىرغا قەدەر ئاتتىلانىڭ قەبرىسى، دەپ قاراپ كەلمەكتە. y5Q9}`sm  
         19-ئەسىر رومانتىزىم ئەدەبىياتىدا، بۇلۇپمۇ ئۇلۇغ شائىر ژ.ئارانىينىڭ ئاتتىلا   دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي ھاياتىنى يۇرۇتۇپ بېرىدىغان شىئېر ۋە داستانلىرى، شۇنداقلا خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھېكايە-چۆچەك ۋە مەسەللەر ئاتتىلا رىۋايىتىگە تېخىمۇ جانلىق ۋە تېخىمۇ رەڭدار مەزمۇن قوشتى. ھۇنگىرلار ئارىسىدا تا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئاتتىلا توغرىسىدا نۇرغۇن رىۋايەتلەر توقۇلۇپ تۇرىدۇ. ھۇنگىرلار نۇرغۇنلىغان يەر-جاي، دەريا-جىلغىلار، تاغ-ئېدىرلىقلار ۋە شەھەر-قەلئەلەرنىڭ نامىنى ئاتتىلا ۋە ھۇنلارغا باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. مەسلەن: ئاتتىلانىڭ چوڭ خانىشى رېكانى رېكاس يېزىسىغا ياكى رېكاس جىلغىسىغا دەپنە قىلىنغان، ئەتەلەكا (ئەتەلە-ئاتتىلا، كا-قارارگاھ) دېگەن جاينى ئاتتىلانىڭ پايتەختى، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاتتىلا ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇزۇن ساقاللىق بىر كىشىنىڭ دېگىنى بويىچە، قىلىچنى سانجىغان يەردىن سۇ چىقىپ، كىسبودزا جىلغىسى شەكىللەنگەن، ئاتتىلا مەغلۇپ قىلىپ ئۆلتۈرگەن ئەسكەرلەرنىڭ قېنىدىن سودا كۆلى شەكىللەنگەن، ئاتتىلا توققۇز خانىشى ئىچىدە بىرىنىڭ ئەتكەن تامىقىنى ياقتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ خانىش ئاتتىلاغا زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرگەن، دېگەنگە ئوخشاش رىۋايەتلەر ھۇنگىرلار ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ يۈرمەكتە. h$|N@A(&  
        يۇقىردا بايان قىلىنغان ياۋروپا رىۋايەتلىرى ئىچىدە ھۇن، شەرقىي رىم، جەنۇبىي گېرمان ۋە ھۇنگىر رىۋايەتلىرىدە ئاتتىلانىڭ بۈيۈك سىماسى ۋە ئۇلۇغ تارىخىي پائالىيەتلىرى رىئاللىققا ماس ھالدا سۆزلەنسە، باشقا رىۋايەتلەردە بولسا، ئاتتىلا مەغلۇبىيەتچى شەخىس سۈپىتىدە بايان قىلىندۇ. بۇنىڭدىن شۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇكى، ھۇنلار ۋە ئاتتىلا تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، ئېغىر باج-سېلىق تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلىنغان ياۋروپالىقلار، ھۇنلارغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياۋروپاغا تارقاتقان مەدەنىيىتى، ئۇلارنىڭ ياۋروپا تارىخىدىكى تۇتقان ئورنى ۋە رولىغا كۆز يۇمۇپ، ئەمەلىي ھاياتتا قولغا كەلتۈرەلمىگەن ئارزۇ-ئارمانلىرىنى پەقەت ھېكايە-رىۋايەتلىرىدىلا ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھۇنلار ۋە ئاتتىلا ئۈستىدىن غەلبە قىلغان مەزمۇننى تەسۋىرلەيدىغان نۇرغۇن رىۋايەتلەرنى توقۇپ چىقىرىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ تارىختىكى ئاجىزلىقىنى يۇشۇرماقچى بولغان. kMhG,8  
        بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەككى، ياۋروپا رىۋايەتلىرىدە ئاتتىلانىڭ نۇرغۇن شەھەرلەرنى سالدۇرغانلىقىمۇ سۆزلىنىدۇ. شىمالىي ئىتالىيىدىكى شەھەرلەرنىڭ ۋەيران قىلىنغاندىن كېيىن قايتا قۇرۇلۇشى، ئوكۋېنكوم خارابىسىنىڭ قايتا تۈزەشتۈرۈلۈشى ئاتتىلاغا مەنسۇپ قىلىندۇ. بۇلۇپمۇ، ئىتالىيىلىكلەر بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇدىنە شەھىرىنى ئاتتىلا سالدۇرغان ۋە بۇ شەھەرگە ئۆزىنىڭ بىر قوماندانىنىڭ ئىسمىنى قويغان، دەپ قارايدۇ. ئۇلار يەنە غەربىي رىم ئېمپىرىيىسى دەۋرىدىن قالغان بىر كونا قەلئەنى «ئاتتىلا قەلئەسى» دەپ ئاتايدۇ. مىلادىيە 12-ئەسىرگە ئائىت بىر مەنبەگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپادا «ئاتتىلا كۆۋرۈكى» دەيدىغان بىر كۆۋرۈك بولغان. يەنە شۇنداق بىر ھەقىقەت باركى، ئاتتىلا رىۋايەتلەردە ئېيتىلغىنىدەك ئۇنداق بۇزغۇنچى-ۋەيران قىلغۇچى شەخىس ئەمەس ئىدى. بۇنىڭغا ئۇنىڭ ياۋروپادا ھۇيۇم، ھۇگنىيە، ھۇگنىياكۇم، سۇبھۇگنىياكۇم ۋە ھۇنۇنىيا دېگەن شەھەر، قەلئە ۋە يېزا-قىشلاقلارنى بىنا قىلدۇرغانلىقى ئىسپات بولىدۇ①. 
    ـــــــــــــــــــــ XQ5|  
        ①«تۈرك ئىنسىكلوپىدىيىسى»، تۈركچە، 4-توم،199-، 200-، 201-، 204-بەتلەر |!I_D|F&  
    kino
    ئىت ھۈرەر ، كارۋان يۈرەر
    | ۋاقتى : 2008-05-08 21:49 14 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    سەلكىن تورى » تارىخ سەھنىسى

    سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

         سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

    سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
    مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-5625600، 13609981040

    Time now is:05-09 23:53, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation