« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ بەتتىكى تېما: خوراز ھەققىدە رىۋايەت IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 850 قېتىم كۆرۈلدى
زارىنا
تىرىشىۋاتىمەن!!!
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 575
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1082
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1082دانە
شۆھرەت: 2445 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 1470 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 735 نۇمۇر
قوللاش: 700 نومۇر
ئالقىش: 580 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :100(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 خوراز ھەققىدە رىۋايەت

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما دوستۇم تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-05-07)
خوراز ھەققىدە رىۋايەت ,uTQ|I87  
j`j:HZ.  
نۇرمۇھەممەت توختى
Z- +oF+  
TB;5l#\  
t'dg/E+  
دەججال ( ئەلەيھىن لەئىنە) كۈن بويى ئالدىراش ئىشلىدى.كۆك ئېشەكنىڭ پەغەزدەك ئېچىلغان سالپاڭ قۇلاقلىرىغا رەڭگارەڭ پۇرۇچلاردىن لېنتا ئاستى.كېپىچتەك كېرىلىپ تۇرىدىغان بۇرنىنى،قېلىن تۇمشۇق-كالپۇگىنى لەۋسۇرۇخ بىلەن بويىدى.قاش كىرپىكلىرىنى، يۈز پېشانىسىدىكى، بوينىدىكى، دۈمبە-قورساقلىرىدىكى،پۇتلىرىدىكى قېلىن ۋە قىسقا تۈكلىرىنىمۇ تاكى سۈپۈرگىدەك قۇيرىغىغىچە، ھاراملىقنىڭ بەلگىسى بولمىش توم تۇياقلىرىغىچە رەڭگارەڭ بوياق-خېنىلار بىلەن بوياپ چىقتى ۋە ھەربىر تۈك-يايلىغا مىڭبىر خىل نەغمە -ساز ياڭراپ تۇرىدىغان قوڭغۇراقلارنى ئاستى.كۆك ئېشەكنىڭ چوڭ ۋە غەمكىن كۆزىگە يېشىل كۆزەينەك تاقىدى.ئەمدى كۆك ئېشەك بەئەينى كەچلىك بەزمىخانىغا ماڭغان رەسۋا ****قا ئوخشىغانىدى.بۇنى خالىغانچە مىنىشكە،خالىغانچە ئىشلىتىشكە بولاتتى. UySvP  
دەججال ئىشلىرىدىن مەمنۇن بولۇپ كۆك ئېشەكنىڭ دۈمبىسىنى سىلىدى.ئېشەكنىڭ قىردەك بۆرتۈپ چىققان ئومۇرتقا سۆڭىكى چۆيۈندەك قاتتىق ئىدى.مۇنداق قاتتىق قىرغا مىنىپ سەپەر قىلسا كۆت پولاتتىن بولسىمۇ چىدىماس.ئېشەك ئىككى قېتىملا سوكۇلدىسا،زېدە بولۇپ قاناپ كېتەر.«ياق،ئازاپ چېكىشنىڭ ھاجىتى يوق،ھەممىنى ئىلكىمگە ئالساميۇ،كۆتۈم ئېچىشىپ ئازاپ چەكسەم،بۇنىڭ نىمە مەززىسى بولسۇن؟ئەڭ ياخشىسى بىر دانە توقۇم تىكەي.توقۇمنى ئېشەككە توقۇپ ئاندىن مىنەي،شۇ چاغدا....».دەججال ئاشۇنداق ئويلىدى.دەججال ئىشقا تۇتۇش قىلدى.يەكچەشمە دىۋىلەرنىڭ تۈك-يۇڭلىرىدىن ئېتىلگەن ئەسكى كىگىز پارچىلىرىنى-پايتىمىلارنى تېپىپ كەلدى.بەزىسىنى بەزىسىگە ئۇلىدى،بەزىسىنى كېسىپ پارچىلىدى ۋە ئۇلارنى قاچاندۇر بىر چاغدا ئۆلگەن دىۋىنىڭ تېرىسى ئۈستىگە تىزىشقا كىرىشتى.قول ئىشتا،ئەس-يادى شىرىن خىيالدا ئىدى.«ئاتام شەيتان،ئانام ئازازۇل قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىۋېتىمەن،توقۇم پۈتۈپ تەييار بولسىلا تاغنى تېشىشىكە باشلايمەن،ئېشەككە تەتۈر مىنىپ،قۇيرىغىنى قايرىيمەندە،كۆتىگە نۆشۇدۇر قىستۇرىمەن،كۆك ئېشەك شۇ چاغدا موللا نەسىردىننىڭ قوڭۇر ئېشىگىدەك چېپىپ كېتىدۇ.كوھىقاپتىن چىققان شامالمۇ يېتىشەلمەيدۇ،18مىڭ ئالەمنى كېزىشكە باشلايمەن.ئېشىكىمنىڭ ھەربىر تۈكىگە ئېسىلغان قوڭغۇراقلاردىن مىڭبىرخىل سادا-نەغمە ياڭرايدۇ.مانا شۇ چاغدا ئەقلى لال بولمىغان ئىنساننى كۆرەي.نەغمىلىرىمگە مەھلىيا-مەمنۇن بولمىغان مەخلۇقنى كۆرەي.ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇيدۇ،نەپسى ئەقلىنى بېسىپ چۈشىدۇ.نەپسى غالىپ كەلگەننىڭ قانچىلىك ئەقلى بولسۇن؟مەن ھەممىنى ئىلكىمگە ئالىمەن.ئارزۇ ئىستەكلىرىنى ....ھەممە نىمىسىنى ئىلكىمگە ئالىمەن.ھەممە مېنىڭ ئىلكىمدىكى بىر پارچە گۆشكە،بىر پارچە بويۇمغا ئايلىنىدۇ.نىمىنى دە دىسەم شۇنى دەيدىغان، نىمىنى يە دىسەم شۇنى يەيدىغان،نىمىنى قىل دىسەم شۇنى قىلىدىغان بولىدۇ.مەن ئۇلارنىڭ خۇداسىغا ئايلىنىمەن.ياق،ئۇلارغا خۇدانى ئۇنتۇلدۇرۇپ،بۈيۈك شەيتانغا ئايلىنىمەن.شەيتان دادام قىلالمىغان ئىشلارغۇ بۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەن قىلىۋېتىمەن.شەيتان دادام نىمىتى؟مەن ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشىمەن.مېنىڭ ئاخىرقى نىشانەم شۇ.ئەگەر ئەشۇ نىشانغا يېتەلمىسەم،شەيتان بىلەن ئازازۇلنىڭ ئوغلى بولماي كېتەي.....›› %%Mi_[S  
دەججال كونا كىگىز پارچىلىرىنى توقۇم قىلىپ تىزىشنى داۋاملاشتۇردى.غار ئىچى غۇۋا ئىدى،دەججالنىڭ مەككار كۆزلىرىدىن قىزىل ئۇچقۇنلار چېچىلىۋاتقاندەك كۆرىنەتتى. DL^.WAv25%  
بۇ چاغدا «دەھىمە مۆلكى ئىسكەندەر»دە ئاج ئىبنى ئۇنۇقنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرى بولمىش يەجۈجى-مەجۈجىلەر جانلىنىپ كېتىشكەن ئىدى.ئۇلار «سەددې ئىسكەندەر»نىڭ30گەز كەڭلىكتىكى دەرۋازىلىرىغا يوپۇرۇلۇپ كەلدى.دەرۋازىنىڭ يەتتە گەز ئېگىزلىكتىكى بوسۇقلىرىغا يامىشىپ چىقىپ،تۆمۈر دەرۋازىلارنىڭ يوچۇقلىرىدىن ئالەمگە تىكىلىشتى.ئۇلار ئەشۇ ئادەمئاتام زامانىسىدا ياشىغان،قورسىغى ئاچسا بىر تاغنى يەپ،ئۇسسىسا بىر دېڭىزنىڭ سۈيىنى ئىچىدىغان ئۇلۇغ بوۋىسىدەكلا ئاچكۆز ۋە ۋەھشى ئىدى.ھەممە نىمىنى يەيتتى،ھەممە نىمىنى ئىچەتتى.قەدىمكى كىتاپلاردا «دەججال قوپسا ئارقىدىنلا يەجۈجى-مەجۈجىلەر چىقىدۇ.ئاۋال ئۇزۇن بويلۇقلىرى چىقىپ ئادەملەرنى يەپ تۈگۈتىدۇ.ئۇلاردىن كېيىن <يەجۈجى مەھەق> پىرقىسى چىقىپ ئاشلىق -تۈلۈك،ھايۋانات-ئۇچار قانات، ئوت-چۆپ،دەل-دەرەخلەرنى يەپ تۈگۈتۈدۇ.ئۇنىڭدىنمۇ كېيىن <يەجۈجى مەقمۇئى> پىرقىسى چىقىپ ئالەمدىكى بارلىق نەرسىلەرنى يەپ تۈگۈتىدۇ.ھەتتاكى دېڭىزلارنىڭ سۇلىرى،توقايلىقلار،كۆللەر،تاغلار،دۆڭلەر...ھەممىنى يەپ-يالاپ قۇرۇتىۋېتىدۇ.كۆمۈلگەن ئۆلۈكلەرنىڭ ئۇستىخانلىرىنىمۇ قويمايدۇ.جاھاندا ھېچنىمە قالمايدۇ»دەپ يېزىلغانتى.شۇڭا ئەينى چاغدا ھەزرىتى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن مىس،قوغۇشۇن،قەلەيلەرنى تاغدەك دۆۋىلەپ ئاستىدىن ئوت يېقىپ ئېرىتىپ«سەددى ئىسكەندەر»نى سالدۇرغان ۋە يەجۈجى-مەجۈجىلەرنى سېپىلدىن چىقالماسلىققا دۇئايىبەنت قىلىۋەتكەنىدى.يەجۈجى-مەجۈجىلەرمۇ بۇنى بىلەتتى.لېكىن ئۈمۈت ئۈزمەيتتى.«دەججال قوپسا ئىنسانلار ئېتىقات-ئىماننى،روھىنى،ئەقلىنى يوقاتسا،شۇ چاغدا...»دەپ ئۈمۈت كۈتۈشەتتى ئۇلار.كېچە ئۇلارغا غايىپتىن شەپە كەلدى.دەججالنىڭ كۆك ئېشەكنىڭ تۈكلىرىنى بوياپ،مىڭبىر خىل نەغمە ياڭرايدىغان قوڭغۇراقلارنى ئېسىپ بولغانلىغىدىن دېرەك بولدى.يەجۈجى-مەجۈجىلەر شۇڭا جانلىنىپ قېلىشقانىدى.ئەمما ئۇلار دەججالنىڭ تېخى كۆك ئېشەككە توقۇيدىغان توقۇمنى پۈتكۈزەلمىگەنلىگىدىن خەۋەرسىز ئىدى..... 0j-Dw:Qs  
دەججال يېرىم كېچىگە يېقىن كىگىز،پايتىما،لاتا-پۇتىلارنى توقۇم شەكلىدە تىزىپ بولدى.دىۋە تېرىسىدىن يەنە بىر پارچىنى .ۇنىڭ ئۈستىگە ياپتى.ئەمدى دىۋىنىڭ چىشلىرىدىن ياسالغان جۇۋالدۇرۇزغا دىۋىنىڭ ئارقاندەك توم چېچىنى ئۆتكۈزۈپ،سېرىپ-تىكسىلا ئىش پۈتەتتى.لېكىن ئۇ يەنىلا ئۆز قىلىقىنى قىلدى.توقۇم تىكىشنى يېرىم يولدا چالا-پۇلا تاشلاپ قويۇپ غارنى تېشىشكە تۇتۇش قىلدى . ئۇ غارنى تىللىرى بىلەن يالاپ تېشىشى كېرەك ئىدى. تىلدىن باشقا نەرسە غارغا ئۆتمەيتتى ۋە تېشەلمەيتتى.ئۇ غارنىڭ تېمىنى يالىغاچ ھېرىپ ئۇخلاپ قالدى. `5\zssE  
شەرق ئاسمىنىدا سۈبھى كۆتىرىلگەندە ،«دۇپ دەرىخىنىڭ ئاچىماقلىرى ئارىسى»دىن بىر قۇش ئۇچۇپ چۈشتى.ئۇ دۈپ-دۈگىلەك كۆزلىرىنى تىكىپ كۆردىكى ،دەججال ئەسكى كىگىز-پايتىمىلارنى توقۇم شەكلىدە تىزىپ بوپتۇ،سېرىپ-تىكسىلا ئىش پۈتىدىكەن.نىمە دىگەن خەتەرلىك-ھە؟قۇش ئىككىلەنمەستىن ئىشقا كىرىشتى.تۆمۈردەك قاتتىق ۋە خەنجەردەك ئۆتكۈر تىرناقلىرى بىلەن تاتىلاپ،دەججالنىڭ پۈتمىگەن توقۇمىنى چۇۋۇپ تاشلىدى.ئۇ توختىماي تاتىلىدى.كىگىز-پايتىما پارچىلىرى ئاتقۇچى ئاتقان مازدەك،شامالدا ئۇچقان توزغاقتەك تەرەپ-تەرەپكە ئۇچۇپ كەتتى...... :l[h=.N,  
شۇنداق قىلىپ ئەشۇ قۇشنىڭ ئەجىر-تۆھپىسى بىلەن ئىنسانىيەت تۇنجى قېتىم بالا-قازادىن قۇتۇلۇپ قالدى. DEapNRHU`  
ئۇنىڭ مۇبارەك ئىسىم-شەرىپى«خوراز»دەپ ئاتالدى.ياراتقۇچى ئەجىر-تۆھپىسى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياقۇتتەك قىپقىزىل تاج ۋە قىپقىزىل زىرە-مونچاقلارنى،گۈزەل ۋە يۇمشاق پەيلەرنى،ياڭراق ۋە سۈزۈك ئاۋازنى ئاتا قىلدى.كۆڭلى قانچىلىك خالىسا شۇنچىلىك خوتۇن ئېلىش،كۆزى قايسى نازىنىن مىكىيانغا چۈشسە شۇنى ئىندەككە كەلتۈرۈش ئىختىيارىنى بەردى.شۇڭا ئۇ قانات سۆرىسىلا ھەرقانداق مىكىيان موككىدە يېتىپ بېرەتتى.ئەڭ ئۇلۇغ،ئەڭ شەرەپلىك ۋەزىپە-ھەرتاڭدا ئىنسانىيەتنى ئويغىتىشقا دەۋەت قىلىش،ئۇلارنى دەججالنىڭ شۇم نىيىتدىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە دەججالنىڭ توقۇمىنى پۈتكۈزۈشىگە مەڭگۈ يول قويماسلىق ۋەزىپىسىمۇ ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلدى. m|fO-p6U&P  
خوراز ئۆز ۋەزىپىسىنى ساداقەت بىلەن ئورۇنداشقا تۇتۇش قىلدى.ئۇ ھەر تاڭدا قاناتلىرىنى ئۇلۇغۋارلىق بىلەن قېقىپ،سۈزۈك ۋە ياڭراق ئاۋازدا «قې!قې!قې! »دەپ چىللاپ تاڭدىن خەۋەر بېرەتتى ۋە ئىنسانىيەتنى ئويغىنىشقا،ھۇشيار بولۇشقا ئۈندەيتتى.ئارقىدىنلا غەزەپ بىلەن تاتىلاپ دەججالنىڭ توقۇمىنى چۇۋۇپ تاشلايتتى.ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئورۇندىغۇچى چوقۇم مەغرۇر ۋە چوڭ سۈپەت كېلىدۇ.خوراز تاڭ پەيتىدە ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن،تاجىلىق بېشىنى ۋە گۈزەل بوينىنى ئارغىماقنىڭ بوينىدەك تىك تۇتۇپ،كۆكسىنى ئاققۇدەك مەغرۇرلۇق بىلەن كېرىپ،گۈزەل قۇيرۇغىنى ئەلەمدەك تىكلەپ،ئون-يىگىرمە مىكىياننى-خوتۇنلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ باغلاردا سەيلە قىلاتتى.مىكىيانلار ئۇنىڭ چۆرىسىدە پەرۋانە بولاتتى.ئۇنىڭسىز كۆڭلى ئېچىلمايتتى.ئۇنىڭسىز تۇخۇملىمايتتى ۋە چۆجە چىقىرىپ ئەۋلات قالدۇرالمايتتى.كىشىلەرمۇ ئۇنىڭسىز-ئۇنىڭ ياڭراق ئاۋازىسىز ئويغانمايتتى.خوراز دەججالنىڭ توقۇمىنى چۇۋۇپ تاشلاپ ئىنسانىيەتنى تۇنجى قېتىم ئويغىنىشقا چاقىرغاندىن كېيىن تالاي ئەسىر-ئىرالار ئۆتۈپ،تالاي تارىخ ئەپسانىگە ئايلىنىپ كەتتى.خوراز نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىدە نوھنى 150قېتىم ئويغاتتى.مىسىردىن قېچىپ پەلەستىنگە ئۆتىدىغان چاغدا،موساغا بەلگە بەردى.ئاخىرقى ئەلچى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋەھى يەتكۈزگەندە،يەنە شۇ خوراز ھەزرىتى بىلالنى ئەزان توۋلاش ئۈچۈن ئويغىتىپ تۇردى.موڭغۇللارنىڭ غەرپكە يۈرۈشلىرىدە،چىڭگىزخانغا مەسلىھەتچى يوللۇغ چۇساي بىلەن قىزىل خوراز دائىم ھەمراھ بولدى.ئۇ كىگىز چېدىرنىڭ ئالدىدا زىل ۋە ياڭراق ئاۋاز بىلەن قىچقىرىپ،ئەشۇ تەڭداشسىز سەركەردىنى ئويغىنىشقا چىللايتتى....خورازنىڭ ھەربىر چىللىشىدا ئىنسانىيەتنى ئويغىنىشقا،ھۇشيار بولۇشقا ئۈندەشتەك چوڭقۇر مەنا بالقىپ تۇراتتى.ئۇ چاغدىكى ئىنسانلار بۇنى چۈشىنەتتى،ئەڭ كەمدىمۇ ھېس قىلاتتى.پىكىر دېڭىزلىرىدىن سۆز ئۈنچىلىرىنى سۈزگۈچى شائىر-سۆزمەنلەر خورازنى مەدھىلىشەتتى.خورازدىن زور ئۈمىتلەرنى كۈتۈشەتتى.بىرى: f;_|'  
«ئاتتى تاڭ چىللاپ خوراز،يۈيتىەنمۇ بار بۇ نەغمىدە»دەپ كۈيلىسە،بىرى: MG^#E4L]&  
«چىللاڭ خورىزىم چىللاڭ،ئۇخلاق جاھانىم ئويغانسۇن، 0oUYh7v@  
مېنى تاشلاپ ئۇخلىغان گۈلى -رەيھانىم ئويغانسۇن» k -v:E!  
دەپ ئۈمىد ئىزھار قىلاتتى.ھەقىقەتەنمۇ خورازنىڭ ھەممە ئىشلىرى مەدھىلەشكە،شېئىر-داستان توقۇشقا ئەرزىيتتى.ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش،قىلمىش-ئەتمىشلىرىدىن كۆرگۈچىنى ھەۋەسلەندۈرگىدەك بىر خىل ئۇلۇغۋارلىق،ئېسىللىق بالقىپ تۇراتتى. c$[c~  
يەنە تالاي ئەسىرلەر ئۆتۈپ،تالاي شەھەرلەر قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالدى.ياراتقۇچى پەقەت تاقەت قىلالمىغاندا،ئۆزىنىڭ ھېلىملىقىنى بىر پەس تەرك ئېتىپ،كۇپرانى بەندىلەرنى ئۇدۇللۇق جازالاپ تۇرۇۋاتاتتى.ۋاھالەنكى،بۇزۇلغان ئىنسانلار ئەشۇ جازالارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىگىنى چۈشەنمىدى.ئۇلار يەنىمۇ چۇڭقۇرراق گۇناھى-كەبىرلەرگە پېتىپ كېتىۋاتاتتى.ئەشۇ گۇناھى-كەبىرلەرنىڭ ئەڭ چوڭى ھەسەت ۋە چىدىماسلىقتۇر،ئۇلۇغ ۋە ئېسىل پەزىلەتلىكلەرنىڭ قەدرىگە يەتمەسلىكتۇر.ئۇلار خورازنىڭ گۈزەللىكىگە ھەسەت قىلىپ،ئۇنىڭ ئۇلۇغۋارلىغىغا چىدىمايۋاتاتتى.پەيغەمبەرسىز زاماننىڭ ئەشۇ ئۇنتۇغاق بەندىلىرى ئەمدى خوراز ئۈستىدە،ئەشۇ ئويغاتقۇچى،ئاگاھلاندۇرغۇچى بۈيۈك سىما ئۈستىدە ئىغۋا توقۇشقا،ئۇنى ئويۇنچۇق قىلىشقا كىرىشتى.ئىغۋالار ساماندەك تولا ئىدى.ئېيتىشلىرىچە،خوراز كۆپ خوتۇن ئېلىپ شەھۋانىلىققا بېرىلىپ كەتكەنمىش.شەھۋانىلىقتىن بەدىنى ئاجىزلاپ ،قىغ دۆۋىسىدىن ئېگىزراق جايغا ئۇچۇپ چىقالماسمىش.تازىلىققا رايە قىلماي گەندە تاتىلارمىش.خورازنىڭ مەينەتلىكىدىن توخۇلار قەۋمى ئىچىدە ۋابا تارقالغانمىش.ئۇ دائىم پوق يىگەچكە ئەقلىدىن ئېزىپ ھاكاۋۇرلىشىپ كەتكەنمىش....بۇنچىلىك ئىغۋالارغا خورازنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈلەرمىدى؟ئىنسانلار يەنىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ خورازنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلدى.خوراز بىر تال قوناق ئۈچۈن موھىم ئەزاسىنى ئۆردەككە سېتىۋەتكەنمىش.ماۋۇ قاملاشمىغان ئىغۋانى كۆرۈڭ:ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولغان بولسا،بۇنىڭغا خوراز جاۋاپكارمۇ ياكى ئۆزلىرىنى ئويغىتىپ،ئاگاھلاندۇرۇپ،دەججالنىڭ قاباھىتىدىن ساقلاۋاتقان خورازغا دان بەرمىگەن ئىغۋاچىلار جاۋاپكارمۇ؟ئۆزلىرى ئۈچۈن جان كۆيدۈرگەن پىداكارغا يېتەرلىك دان-قوناق بېرەلمىگەن قەۋمنى نىمە دىگۈلۈك؟ئۇلار موھىم ئەزاسىنى تېگىشكەنلەرگە تەۋەمۇ ياكى باشقا بىر يېرىنى ياتلارغا تۇتۇپ بەرگەنلەرگە تەۋەمۇ؟..... GT&#X#fK  
خوراز ئۈستىدىكى ئىغۋالار ساماندەك تولا ئىدى.ئەمما خوراز بۇنداق پىتنە-پاساتلاردىن ئاغرىنىپ ،باتناپ ئىش تاشلايدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى.ئۇ يەنىلا ھەر سۈبھىدە ياڭراق ئاۋازدا قىچقىرىپ،ئىنسانىيەتنى غەپلەت ئىچىدىن ئويغىنىشقا چىللايتتى.ئارقىدىنلا غەزەپ بىلەن تاتىلاپ،دەججالنىڭ توقۇمىنى چۇۋۇپ تاشلايتتى.خورازنىڭ ھىممىتىدىن تەسىرلەنگەن كۆك ئېشەكمۇ ھاڭرايتتى ۋە ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ،يۇمشاق توپىغا ئېغىناپ،دەججالنىڭ پەردازلىرىنى بۇزاتتى.تۈكلىرىگە ئېسىلغان مىڭبىر خىل نەغمە ياڭرايدىغان قوڭغۇراقلارنى يەرگە چۈشۈرىۋېتەتتى.ئەمما بۇزۇلغان ئىنساندا ئېشەكنىڭ ئەقلىچىلىكمۇ ئەقىل قالمىغانىدى.ئۇ بارغانسېرى دېۋەڭلىشىپ دەججالنىڭ نەغمە سادالىرىغا مەھلىيا بولىۋاتاتتى.ئۇنۇڭ ئەس يادى خورازنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈپ، دەججالنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈشتىلا قالغاندەك قىلاتتى. V, B#-  
بىر كۈنى يېرىم كېچىدە ،جۇ زالىم چىراقمۇ ياقماي،تىمىسقىلاپ يۈرۈپ ئورنىدىن تۇردى.پايپاسلاپ مېڭىپ توخو كاتىكىنىڭ يېنىغا باردى ۋە خورازنى دوراپ «قې!قې!قې!»دەپ چىللىدى.جۇ زالىمنىڭ ئاۋازى بەئەينى خورازنىڭ ئاۋازىدەك چىقتى.خوراز چىللىغانكەن،ئورۇنىدىن تۇرۇش كېرەك.گاۋ يۈباۋ ۋە ئۇنىڭ مەدىكار ھەمراھلىرى قانمىغان ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇپ ئىشقا ماڭدى.پومىشچىكنىڭ ئېتىزىدا ئۇزۇن ئىشلىدى.نەچچە تەرلەپ،نەچچە ھارغان بولسىمۇ تاڭ ئاتمىدى.مەدىكارلار غودۇرىشىپ:«يېرىم كېچىدە چىللىغان خوراز»نى تىللاپ قارغاشتى. Aa.X;H6['  
كوممۇنا ۋاقتىدا،ھەزىلكەش دىلبەر دورغا ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىگە باشلىق ئىدى.ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ جۇ زالىمنىڭ ئاۋازىدەك زىل چىقتى.ئۇمۇ ھەر كېچە ئۆگزىگە چىقىپ خورازنى دوراپ چىللايتتى ۋە ئارقىدىنلا «تاك،تاك»نى ئۇرۇپ،ئەزالارنى «سەھەرلىك دولقۇن»-ئىشقا ھەيدەيتى.ئاچ-ھارغىن ۋەئۇيقۇسىغا قانمىغان كوممۇنا ئەزالىرى تۈن يېرىم بولماستىن چىللىغان خورازنى تىللاپ-قارغىشاتتى.«ھالۋىنى ھېكىم يىدى،تاياقنى يىتىم»دىگەن شۇ. قارغىش خورازغا،دىلبەر دورغا بولسا كۈلۈمسىرەيتى ۋە ھەر كېچە خورازنى دوراپ چىللىشىنى داۋاملاشتۇراتتى. \X'$lf  
‹‹خوراز چىللايدۇ،ئۆتىدۇ يىللار، ~f(FD7:aP  
ئاۋاتلاشقىچە ھاشارنىڭ يولى›› /s;Ptx  
كوممۇنا تارقىلىپ يەرلەر قايتا تەقسىم قىلىنغان يىللاردا،دىلبەر دەرغا ئەترەت باشلىقلىغىدىن قالدى.قېرى ئىتتەك بوسوغىنىڭ سىرتىدا قالدى.ئەمما ئۇنىڭ خورازنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈشكە ئۇرۇنۇشلىرى توختىمىدى.ئەمدى ئۇ قىشتا «ئىتاچى»دا ئىت تالاشتۇرۇپ،يازدا «توخۇلا»دا توخۇ سوقۇشتۇرىدىغان ئىش چىقاردى.خورازلارنى توختىماي بىر بىرىگە گژ-گىژلىتاتتى،بىچارە توخۇلار خۇددى قەدىمكى رىمدىكى بىربىرىنى قىرغىن قىلىدىغان گىلادىياتۇرلاردەك بىربىرىگە غەزەپ بىلەن پەنجە ئۇرۇشاتتى.ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن باشقىغا ئامالى يوق ئىدى.سوقۇشمىسا ئاچ قويۇلاتتى،ھەتتا بوغۇزلاپ كاۋاپ قىلىۋېتىلەتتى. Nq AZ\&$  
مۇقەددەس،ئۇلۇغ-ئېسىل پەزىلەتلىك خورازنىڭ ئىناۋىتى ئاستا-ئاستا چۈشتى.كىشىلەر ئۇنى ئەڭ رەزىل قىلمىشلارغا سىمۋول قىلىدىغان بولدى.ھىكايىچى ھىكايىسىدە،شائىر داستانىدا،پەند-نەسىھەتچى مەسەلىدە نىمىلەرنى يازمىدى دەيسىز؟!سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا-سۇلايماندىن قۇش-قانات ۋە چارىپاي-ھايۋانلارنىڭ تىلىنى ئۈگەنگەن ھېلىقى دىھقان ۋات-ۋات خوتۇنىنىڭ سوراق-سۇئاللىرى دەستىدە تەڭلىكتە قالغاندا،ئەشۇ خوراز دىھقانغا خوتۇنىنى كالتەك بىلەن دۇمبالاشنى ئۈگەتكەنمىش.ئەرلەر مۇستەبىتلىگىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلغانمىش..... X?EQI_  
خوراز سەھەر پەيتىدە ئويغۇتۇش ئۈچۈنلا ئەمەس،خالىغان چاغدا چىللاۋېرىدىغان بىرنىمە ئىمىش،قورسىقى ئاچسىمۇ،زېرىكسىمۇ-تېرىكسىمۇ چىللارمىش.... p );J%W3  
«چار خوراز»مىكىيانغا ئايلىنىپ قالغانمىش،تۇخۇم تۇققانمىش.يەنە تېخى يۈز-چىرايىنى مايمۇننىڭ كۆتىدەك بوياپ،ئۇچرىغانغا قاش ئېتىپ،كۆز تاشلاپ يۈرۈيدىغان ھەزىلەككە ئايلىنىپ قالغانمىش..... 3:`lIK\S  
خوراز بىر كۈنى ۋەھشى تۈلكىنىڭ دامىغا چۈشۈپ قالغانمىش.تۈلكە شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ ئۇنى يىمەكچى بولغاندا،خورازنىڭ مەغرۇر ۋە ئۇلۇغۋار سالاپىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانمىش.يەرگە تىزلىنىپ:«بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچسىلە،خىزمەتلىرىگە ھازىر بولسام،ھەركۈنى بىر مىكىياننى ھوزۇرلىرىغا تۇيدۇرماي باشلاپ كېلىپ،ناشتىلىقلىرىغا تەقدىم قىلسام»دەپ باش ئەككەنمىش.شۇنىڭدىن كېيىن ھەر كۈنى بىر مىكىيان ياكى چۆجىنى ۋەھشى تۈلكىگە تەقدىم قىلىپ تۇرغانمىش.ئاخرى مىكىيان-چۆجىلەر تۈگىگەندە،تۈلكە بۇ «پوق يىگەن خوراز»نىمۇ بوغۇپ يەۋەتكەنمىش.... DqPuK)u({  
يەنە قايسى سەھىپىلەرنى ۋاراقلايمىز؟ئەگەر ۋاقتىمىز يېتەرلىك بولسا،مۇنداق مىساللاردىن يەنە يۈزلەپ تاپالىشىمىز مۈمكىن.تەھقىقكى،خورازنىڭ ئىناۋىتىنى ئۇنىڭ ئۆزى ئەمەس بەلكى گۇناھقا مايىل ئىنسان تۆكتى.ئىنسان خورازنىڭ ئالەمشۇمۇل تۆھپىلىرىگە كۆز يۇمدى.ئۆز ھەسەتخورلىغى تۈپەيلى خورازنىڭ كەينىدىن غاجىلايدىغان سۇخەنچىگە ئايلاندى.بۇ خۇددى ھازىرقى زاماندا قەھرىماننى قەھرىماننىڭ ئۆزى ئەمەس بەلكى ئاخبارات ۋاستىلىرى يارىتىۋاتقىنىغا ئوخشاش بىر ئىش. Es fR6  
ئەشۇ قېتىم ۋەھشى تۈلكىنىڭ«پوق يىگەن خوراز»نى بوغۇپ يەۋېتىشى-ئىنسانىيەتنى ئويغاتقۇچى،ئاگاھلاندۇرغۇچى،دەججالنىڭ قوپۇشىنى توسۇپ تۇرغۇچى خورازلارنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى ئەمەس ئىدى تېخى.ئىنسانىيەت مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە شەھەرلىشىۋاتاتتى،يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇھىتنىڭ بۇلغۇنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن شەھەرلەردە ھايۋانات،قۇش-قانات بېقىشقا يول قويۇلمايدىغان بولدى.شۇ جۈملىدىن خوراز بېقىشقىمۇ يول قويۇلمىدى.بۇ ئەلۋەتتە مۇھىت ئۈچۈنلا ئەمەس،بايۋەتچە ۋە خېنىملارنىڭ،شۇنداقلا ھەممە كىشىنىڭ شېرىن ئۇيقۇسىنى بۇزماسلىقمۇ شۇ مەقسەت ئىچىدە ئىدى.كىشىلەرنى ئەبىدىلىك غەپلەتتە تۇتۇش كىملەرنىڭدۇر مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن كېلەتتى.شۇنداق قىلىپ شەھەرلەردىن خورازلارنىڭ ئاۋازى ئاستا-ئاستا ئۆچتى. uDr~g1  
نۇرلۇق ئېرانىڭ بوسوغىسىدا VFdLOQ  
بىر-بىرىگە قاراپ شۈمشىيىپ yZ&RFQt  
قېتىپ قېلىشقان 9F/y< 
شەھەرسىز خوراز،خورازسىز شەھەر B'J\=}W  
دۈمچەك بولۇپ يۆتەلگەن شەھەر 5en~r71  
ئىپلاس راكتىن بەرگەندەك خەۋەر wdf6GCca  
ئۈرۈمچىدىن كەتتى يىراقلاپ z/1Q]_J  
خوراز لەرزان چىللىغان سەھەر qy{% 2"V  
گۈزەل ئۈرۈمچى خورازسىز شەھەر 7wLpbW@C  
مۇزدەك باغرىڭغا @5)Ao:Wa5  
ھېسسىياتسىز چۇقانلار بىلەن N3vCOOABj  
غالجىرلارچە كىرەر باستۇرۇپ 11sAE\@  
تۈتەك باسقان خورازسىز سەھەر›› ~#,i<(  
شەھەرلەردە دەججالنىڭ توقۇمى پۈتىۋاتاتتى.خوراز پەقەت يىراق يېزا-سەھرالاردىلا قالغانىدى.ئۇ ھەر كېچە ئۆينىڭ ئارقىدىكى ئۆرۈك دەرىخنىڭ ئەڭ ئېگىز پۇتۇقىغا چىقىۋېلىپ تۈننى ئۆتكۈزەتتى ۋە تاڭ پەيتىدە شۇ يەردىن «قې!قې!قې!»دەپ چىللايتتى.ھاشارنىڭ تولىلىقىدىن بەللىرى مۈكچەيگەن،چىرايى قارايغان،ساقال-بۇرۇتلىرى چاڭگىلاشقان دىھقانلارنى ئويغىنىشقا،دەججالنىڭ قاباھىتىدىن ھۇشيار بولۇشقا ئۈندەيتتى.ئارقىدىنلا قانات قېقىپ،يەرگە ئۇچۇپ چۈشۈپ،غەزەپ بىلەن تاتىلاپ دەججالنىڭ توقۇمىنى چۇۋۇپ تاشلايتتى.كۆك ئېشەك خورازنىڭ ھىممىتىدىن تەسىرلىنىپ ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ،يۇمشاق توپىدا ئېغىناپ دەججالنىڭ قوڭغۇراقلىرىنى توپىغا ئارىلاشتۇرىۋېتەتتى.قارىغاندا دەججالنىڭ قاباھىتى پات ئارىدا بۇ يەرلەرگە يېتىپ كېلەلمەيدىغاندەك كۆرىنەتتى. }B0OhWO B  
يەنە ئۇزاق يىللار ئۆتۈپ كەتتى.ئەمدى ئالىملار،تەتقىقاتچىلار،بىئولوگلار مۇقەددەس خورازنىڭ كۈشەندىسىگە ئايلانغانىدى.راستىنى ئېيتقاندا،ئىشنى بىر نەپەر دىھقان خوتۇن باشلاپ بەردى.ئۇ ئىسسىق قوينىغا-يۇمشاق ئەمچەكلىرىنىڭ ئاستىغاسەككىز-ئون دانە تۇخۇمنى تىزىپ،ياغلىق بىلەن چىڭ تېڭىپ،بېلىنى سىرتىدىن باغلاپ يۈردى.15-20كۈن بولغاندا،ئەشۇ تۇخۇملارنىڭ شاكىلى يېرىلىپ،ئايالنىڭ قوينىدىن چىرايلىق قارا كۆز چۆجىلەر توكۇلداپ چىقىپ كەلدى.چۆجىلەر تېتىك ۋە چىرايلىق ئىدى.ئادەمنىڭ ئامراقلىغىنى كەلتۈرەتتى.ئەمما ئاتىسىنىڭ كىملىكىنىمۇ،ئانىسىنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيتى.توۋا،ماۋۇ ئىشنى كۆرۈڭ:كۈرۈك مىكىيان تۇخۇم باسمىسىمۇ چۆجە چىقارغىلى بولىدىكەنغۇ؟ئەقلى سازراق بەندىلەر دەرھال ئېنكۇ باتۇرنى كەشپ قىلىشتى.ئالتە-يەتتە كۈندىلا مىڭلاپ-ئونمىڭلاپ چۆجە -خورازلار بىراقلا تۇخۇمدىن چىقىدىغان بولدى.لېكىن ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ئانىسىنى تونىمايتى،ئاتىسىنىمۇ بىلمەيتى.ئاتا-ئانا تەربىيىسى كۆرمىگەن ھارامزادە نە تاتىلاشنى،نە ئەزان قىچقىرىپ چىللاشنى بىلسۇن؟!بۇنىڭ ئۈستىگە كىشىلەر ئەمدى خورازلارنى ئۆرۈكنىڭ ئېگىز شېىخىغا چىقىپ قونغىلى،ھويلىلاردا،باغ-دەرەخزارلىقلاردا كۆپ خوتۇننى ئەگەشتۈرۈپ مەغرۇرانە سەيلە قىلغىلىمۇ قويمايدىغان،قەپەس-كاتەككە سولاپ،تۇتقۇن-مەھبۇستەك باقىدىغان بولۇشقانىدى.قەپەستىكى بۇلبۇل قانچىلىك سايرىيالىسۇن؟ i2.5u|  
ھەشەمەتلىك قانرەڭ قەپەستە، OdB6|?<6$  
مەرۋايىت دان چېچىلغان پەستە. ZY6~IF;{Ky  
توك چۆجىسى-ئاتىسىز خوراز، pk}qt1avT  
چىللىيالماي تۇرار شۈمشۈيۈپ o->4jN!  
توڭ قاغىدەك قىلىشىپ غاق-غاق j 0eIji  
چىللاپ كەتتى باشقىلار قانداق؟ lv!LoDTo  
ھەم ئاتسىز ھەم ئانىسىز جانىۋار dR+w?'r{B  
چىللىيالماي دان يەپ غاقىلداپ NS|m.q\  
ناجىنىسقا ئايلىنار شۇنداق.....›› &EP GIo3  
ئەڭ ئاخرقى ھەقىقى خورازلار ئانچە-مۇنچە قالغانىدى.ماڭلىغان-ئونمىڭلىغان توك چۆجىلىرى قۇما،قەغەز قاپ ۋە تۆمۈر قەپەسلەرگە قاچىلىنىپ،سەپ-سەپ بولۇپ يېزا بازارلىرىغا بېسىپ كىرگەن يىللاردا دىھقانلار تېخى ئاچ-يالىڭاچلىقتا،ئاش-نان ۋە كىيىم-كېچەك غېمىدە ئىدى.ئۇلارنىڭ بىر كۈنلۈك ئەمگىگى مىكىياننىڭ بىر قېتىم ئىنجىقلاپ تۇققان بىر تۇخۇمىنىڭ قىممىتىگە تەڭ كەلمەيتتى.بۇنداق چاغلاردا نەپس روھتىن غالىپ بولىدۇ.شۇڭا كىشىلەر خورازنىڭ ساز-ئويغاتقۇچى قىشقىرىشلىرىدىن كۆرە مىكىياننىڭ تۇخۇملاپ بولۇپ كۆتىرىدىغان قىقاس-چۇقانىنى-قاقاقلىشىنى ئاڭلاشقا بەكراق خۇشتار ئىدى.بىئولوگلار بۇخىل ئېھتىياجنى دەرھال ھېس قىلدى.گېن ئۆزگەرتتۇق دەمدۇ ياكى كېلونلىدۇق دەمدۇ-ئىشقىلىپ بىر ئاماللارنى قىلىپ،خوراز بىلەن جۈپلەشمىسىمۇ تۇخۇملاۋېرىدىغان مىكىيانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.ئۇلار بىر تۇخۇملاشقا باشلىغانچە400كۈن توختىماي تۇخۇملايتتى.چىراق ياندۇرۇپ بەرسە،كېچىسىمۇ تۇخۇملايتتى.دانغا ئىشتىھاسى ئانچە ئەمەس ئىدى.بېدە چاناپ بەرسىلا تۇخۇملاۋېرەتتى.ئۆزىنىڭ يارىتىلىشتىلا ئاتا قىلىنغان ھالال جۈپتى-خورازنى تونىمايتتى.ئەشۇ ئېشىپ قالغان ئاخىرقى ھەقىقى خورازلار باز-بازلاپ قانات سۆرەپ يېقىنلاشسا،خۇددى كونا تامدىن ئاجراپ چۈشكەن بىر كاللەك چالمىدەك ھېسسىياتسىز قاراپ تۇراتتى.مۇھەببەت،ئىشقى-پىراق دىگەنلەرنى چۈشەنمەيتتى.خورازغا ئېھتىياجى قالمىغانىدى.ئېھتىياجنىڭ تۈگىشى-ماماتتىن دېرەك.ئەمما ھەقىقى خورازلارنىڭ تەقدىرىنى بايلار ۋە يېزا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىشتىھاسى بىر تەرەپ قىلدى.ئۇلارنىڭ ئوغلاق كاۋىپى ۋە قوزا كاۋىپىدىن ئىشتىھاسى يېنىپ،توخو كاۋىپى ۋە خوراز كاۋىپىغا زوقى كۈچەيگەن،تېخى«ھەقىقى يەرلىك توخو-خورازدىن بولسۇن»دىگەن دەرىجىگە يەتكەنىدى.شۇنداق قىلىپ يېزىلاردىمۇ ئەڭ ئاخىرقى خوراز ئابلىز توخۇچىنىڭ دوخوپكىسىدىن ئۆتۈپ،ئەشۇلارنىڭ قارنىغا كىرىپ كەتتى.تاڭ سەھەردە چىللاپ ئويھغىتىدىغان،غەپلەتتە قالماسلىققا ئاگاھ بېرىدىغان،دەججالنىڭ توقۇمىنى چۇۋۇپ تاشلايدىغان مۇقەددەس قۇش يوق بولدى.دەججال توقۇمىنى پۈتكۈزۈشكە كىرىشتى.ئۇ توقۇمنى چالا تاشلاپ،غارنىڭ تېمىنى تېشىش ئۈچۈن ئۇزۇن تىللىرى بىلەن يالاشقا باشلىغان چاغدا،بىچارە كۆك ئېشەك خورازنىڭ يېتىپ كېلىشىنى،دەججالنىڭ توقۇمىنى چۇۋۇپ تاشلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى.لېكىن خوراز كەلمىدى.كۆك ئېشەكنىڭ كۆزلىرىدە مەڭگۈلۈك غەم ئورناپ قالدى. ]&>5 ^k?C  
خورازسىز ئەل،ئاداشقان پادا DCW"-K  
.......................................... d4~{!g"MN  
كىشىلەر مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا پاتتى.ئۇلار غەپلەت ئىچىدە پۇل-مەئىشەت ۋە مەرتىۋە-ئەمەل ئارقىسىدىن خۇددى موللا نەسىردىننىڭ كۆتىگە نۆشۇدۇر قىستۇرۇلغان ئېشىكىدەك ئالدىراش چاپاتتى.غەپلەت ئىچىدە غەپلەت شارابى ئىچىپ،غەپلەت ئىچىدە غەپلەت خىروئىنى چېكەتتى.غەپلەت ئىچىدە غەپلەت رىستۇرانىغا قاتراپ،غەپلەت ئىچىدە دەججالنىڭ سەنىمىگە ئۇسۇل ئوينايتتى.ئۇسۇل ئەمدى ئاياغ ئويۇنىدىن بەل ۋە كۆكرەك ئويۇنىغا ئۆزگەرگەن ئىدى.ھاياسىز خوتۇنلار بەللىرىنى تولغاپ،جىن-ئالۋاستىدەك سەكرەپ،يالىڭاچ كۆكسىنى،يالىڭاچ سۆڭگىچىنى لىغىرلىتىپ شەرمەندىلىكنى ۋايىغا يەتكۈزەتتى.تېخى ماۋۇ رەسۋاچىلىقنى كۆرۈڭ:قىزى يالىڭاچ سەھنىگە چىقسا،ئاتىسى چاۋاك چالغاننى كىم كۆرگەن؟پۇل ئۈچۈن قىزىنى ****خانىغا ساتقان،ئەمەل ئۈچۈن خوتۇنىنى دەسمايە قىلغاننى كىم كۆرگەن؟غەپلەتكە پاتقانلار شۇنداق قىلىدۇ.ئويغاتقۇچىسى،ئاگاھلاندۇرغۇچىسى يوق ئەل شۇنداق قىلىدۇ.رەسۋايى ئەزىم دىگەن مانا شۇ. _iB\!p+X  
پات ئارىدا دەججالنىڭ توقۇمى پۈتىدۇ.ئۇ تۈنۈگۈن بىر كۈن تىنىم تاپماي كۆۆ ئېشەكنىڭ سالپاڭ قۇلاقلىرىغا قىزىل لېنتىلارنى چەگدى.ئېشەكنىڭ يۈزىنى،قېشىنى،كۆز-كىرپىكلىرىنى،كۆكتىكى يۇلتۇزلارنىڭ سانىغا تەڭ تۈكلىرىنى مىڭبىرخىل رەڭدە بوياپ چىقتى.ھەربىر تۈكىگە مىڭبىرخىل نەغمە-سادا چىقىدىغان قوڭغۇراقلارنى ئاستى.ئارقىدىنلا ئېشەككە توقۇم تىكىشكە تۇتۇش قىلدى.ئەسكى كىگىز پارچىلىرىنى تىزىپمۇ بولدى.سېرىپ-تىكسىلا ئىش پۈتىدۇ.جاھاننى بۇلغاش سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ.كىشىلەرنىڭ روھىنى،ئېتىقاد-ئىمانىنى،ئەقلىنى،ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى بۇلغايدۇ،يوق قىلىدۇ.ئارقىدىن يەجۈجى-مەجۈجىلەر «سەددى ئىسكەندەر »نى بۇزۇپ چىقىپ،جاھاندىكى ھەممە نەرسىنى يەپ-يالاپ قۇرۇتىدۇ.قىيامەت قايىم دىگەن ئەنە شۇ. a;@U!-:  
قەدىمكى كىتاپلاردىكى رىۋايەتلەرگە كۆرە،دەججال قوپقاندا ئىمامى مەھدى ئالماس قىلىچىنى يالىڭاچلاپ قارشى جەڭگە ئات سالارمىش.ئېيسا مەسىھ ئاسماندىن ئالتۇن نەيزە كۆتىرىپ چۈشەرمىش.ئىككىسى بىرلىشىپ دەججال(ئەلەيھىن لەئىنە)نى يوق قىلارمىش.ئىمامى مەھدى قېنى؟ئېيسا مەسىھ يەتتە قات ئاسماننىڭ1-قەۋەتلىرىگە يېتىپ كەلدىمۇ؟ئۇلار نەدە؟ 3[MNH\&M _  
ماڭا ئەگشمە كۆڭۈلسىز پاراڭ، Hs[oNg  
سورىساڭ مەن بىر سۆيۈملۈك ساراڭ. &)?[osc$  
ئىزدەپ يۈرۈمەن ھېلىقى شەھەرنى، Tro2$!uJ  
خوراز چىللىغان نۇرلۇق سەھەرنى . t)K* g>]  
ئىمامى مەھدى بىلەن ئېيسا مەسىھ دەججالنى،يەجۈجى-مەجۈجىلەرنى يوق قىلالارمۇ؟ دەججالنى،يەجۈجى-مەجۈجىلەرنى يوق قىلالىغان بىلەن نەسلى قۇرىغان مۇقەددەس خورازنى قايتا پەيدا قىلالارمۇ؟خوراز چىللىغان سۈزۈك تاڭ قايتا مۇيەسسەر بولارمۇ؟ياراتقۇچى روھىمىزنى قۇتقۇزغاي. 4&}5Rs[%3  
ANN!  
مەنبە: <<شىنجاڭ مەدەنىيىتى>>2002-يىللىق5-سان.
A!Ydjrz  
------------------------------- ) JgccRA8  
c{_g/'|I  
ياقتۇرۇپ ئەۋەتتىم، ئۇقۇپ باققايسىلەر !
باشقۇرغۇچى قەلىپداش تېمىنى تەستىقلىدى .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • سەلكىن دوللىرى:+1000(ھىجران) rahmat
  • شۆھرەت:+100(يولۋاسچاق)
  • شۆھرەت:+250(ئەلتۈرۈك) چىرايلىق تېم ..
  • شۆھرەت:+1000(چايان-شاھ) ئىسىت خورىزى ..
  • salkin-bbs
    نادان دوستۇڭ بىلەن ئۆتكۈچە،ئاقىل دۈشمىنىڭ بىلەن ئۆت!
    | ۋاقتى : 2008-05-07 18:06 [باش يازما]
    سۈبھىدىكى ياپراق
    كۈلۈپ ياشا
    ئىجاتچان ئەزا ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 948
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 867
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە867دانە
    شۆھرەت: 979 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 24030395 سوم
    تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 945 نۇمۇر
    قوللاش: 857 نومۇر
    ئالقىش: 969 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :209(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاداشۇي مانداق يوللاپ تۇرۇڭلا.  ياخشى تىمىلارنى ماقما؟
      يىگانە يۈرىيمەن سىردىشىم خىيال،
    دەت تۆكمەي قەغەزگە بولمىدى ئامال.
    قەغەز قەلەمدىن يوق ئۆزگە سىرداش،
      چۈنكى بۇ كاللامدا مىڭ تۈرلۈك خىيال.
    | ۋاقتى : 2008-05-07 19:16 1 -قەۋەت
    ئەلـزات
    خاككىر  بىرلەشمىسى
    ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 5232
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 133
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە133دانە
    شۆھرەت: 412 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 15 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 56 نۇمۇر
    قوللاش: 92 نومۇر
    ئالقىش: 141 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :13(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ناھاتى  ئەجىرقىپسىز  كۆپ  تەشەككۈر............. 
    salkin-bbs
    مەرت  ئەدەم  نالە  قىلماي  ئىچىدىن  ئازاپلىنىدۇ . ئاجىز  كىشى  بولسا  ئازاپ  چەكمەي  تۇرۇپ نالە  قىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-05-07 19:24 2 -قەۋەت
    ناۋاي-ئۇستام
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


    UID نۇمۇرى : 12322
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 10
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە10دانە
    شۆھرەت: 10 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 150 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    قوللاش: 10 نومۇر
    ئالقىش: 10 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :34(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك ياخشىكەن ھەممىنى ئوقۇپ چىختىم  خوراز نى مەدىھىلىسەك بولغۇدەك..... 56$/c5dVR^  
    داۋام لىق  يوللاپ تۇرۇڭ رەخمەت
    bugra
    قاغىلىق
    | ۋاقتى : 2008-05-07 19:32 3 -قەۋەت
    «سەرگەردان»
      Come On .سەلكىن مۇنبىرى
    رەسىم يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 8835
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 743
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە743دانە
    شۆھرەت: 1167 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 13707 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1674 نۇمۇر
    قوللاش: 1201 نومۇر
    ئالقىش: 2595 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :238(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    p<}m\-k  
    ]Y^RP^pzH  
    b`KOWqLj  
    bugra
    ئىگىزمۇ سەن سەندەكلەرگە ئون گەز پەسلەيمەن
    پاكارمۇ سەن كەل گەجگەڭگە چىقىپ دەسسەيمەن ........
    | ۋاقتى : 2008-05-07 19:55 4 -قەۋەت
    .3021339
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


    UID نۇمۇرى : 12922
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 65
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە65دانە
    شۆھرەت: 65 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 420 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 64 نۇمۇر
    قوللاش: 64 نومۇر
    ئالقىش: 64 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :14(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن ياخشى كەن !
    | ۋاقتى : 2008-05-07 19:59 5 -قەۋەت
    ئادىل815
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


    UID نۇمۇرى : 12855
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 21
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە21دانە
    شۆھرەت: 21 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 205 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 21 نۇمۇر
    قوللاش: 21 نومۇر
    ئالقىش: 21 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :17(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    سەلكىنگە كىرگەندىن بۇيان كۆرگەن ئەڭ ئىسىل تىما  مۇشۇ بۇلىشى مۇمكىن،، hMRr6  
    جاپا چىكىپسىز،،،خىلمۇ -خىل ئوخشۇتۇش،بايانلار ئارقىلىق مۇكەممەل بىر ئەسەر  بارلىققا كەپتۇ،، V,Tg{c0  
    رىۋايەتتىن باشلىنىپ  ھازىرقى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا  كەپقاپتۇ،،بىزگە  نىمە  كىرەك ،،؟؟؟؟؟ ?0':n$~Q  
    ئەمدى  ئۆز-ئۆزىمىزنى  ئويغىتىدىغان  ۋاقىت  كەلدى،،،،، +\+ySQt  
    بىزنى  ئويغىتىدىغان ،ئويغا سالىدىغان  مۇشۇنداق  ياخشى  ئەسەرلەرنى كۆپلەپ  ئەۋەتىشىڭىزگە hYj76KQ  
    تىلەكداشمەن~~~
    kino
    | ۋاقتى : 2008-05-07 20:05 6 -قەۋەت
    دىلئۇز
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 9043
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 25
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە25دانە
    شۆھرەت: 25 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 250 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 29 نۇمۇر
    قوللاش: 27 نومۇر
    ئالقىش: 34 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :136(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-08
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھېلىمۇ ھارماي يېزىپسىز  خۇدايىم قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ،داۋاملىق مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرۇڭ.
    kino
    مىھراي
    | ۋاقتى : 2008-05-07 20:05 7 -قەۋەت
    robotfan
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 5083
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 41
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە41دانە
    شۆھرەت: 37 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 1262 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
    قوللاش: 40 نومۇر
    ئالقىش: 29 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :77(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن ئېسىل تېما، شۇ چاغلاردا بېسىلغان "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى كىشىگە پىكرىي تىرەنلىك، روھىي لەززەت بېغىشلاپ، تەپەككۇرىكى ئۆزگىچىلىك بىلەن ئادەمنى يېڭى ئويلارغا باشلايتتى، مەن ھەممە سان ژۇرنالنى دېگۈدەك ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. زارىناغا نېمە دەپ رەھمەت دېيىشنى بىلمەيۋاتىمەن....
    kino
    ئىزدىنەيلى
    | ۋاقتى : 2008-05-07 20:13 8 -قەۋەت
    كۆلتىكىن2-نۇمۇ
    ئالىي دەرىجىلىك ئۇششۇق
    مۇنبەر قىززىقچىسى
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 11545
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 867
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە867دانە
    شۆھرەت: 709 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 5501 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 862 نۇمۇر
    قوللاش: 799 نومۇر
    ئالقىش: 977 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :49(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    توخوي
    kino
    ئىشان يۈرەرئالدىدا تۈزەپ ساقال بۇرۇتنى
    سوپىلار يۈرەرپادىغائوخشاش ئەگەشتۈرۈپ مۇرىتنى
    غايىپ رىسقى تاماسىدا شەيىخلەرئوقار دۇرۇتنى
    موللا چاقلار توختىماي كولارمەقئەت قۇرۇتنى
    موللا كۆپ ئىشەك تولا قىلىپ بىر -بىر ھىلىلەر
    مۇرات مەقسەت بۇلارنىڭ ئۆز نەپسىنى شەرھىلەر
    | ۋاقتى : 2008-05-07 20:15 9 -قەۋەت
    گۈل-چۈشى
    خۇشپۇراق گۈل
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 9572
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1930
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1930دانە
    شۆھرەت: 2787 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 26593 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3089 نۇمۇر
    قوللاش: 2490 نومۇر
    ئالقىش: 4464 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئۇيغۇر
    توردىكى ۋاقتى :107(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    دادام بۇ ھەقتە بىزگە بەك كۆپ سۆزلەپ بېرەتتى ،،، ئويلاپ باقسام شۇ سۆزلەپ بەرگەن ھېكمەتلىرى شۇنداق ئۇرۇنلۇق، بىزگە شۇنداق ئۈنۈملۈك تەربىيەرولىنى ئوينىغان ئىدى ، ماقال - تەمسىل ئىبارە ھېكمەتلەردىن پايدىلىنىپ بىزگە نۇرغۇن بىلىملەرنى بېرىدىغان ،،، دادام سۆزلەپ بەرگەندەك ئۇقۇۋاتتىم بۇ تېمىنى رەھمەت تاتلىق سىڭلىمغا ھارماڭ ،، جاپا چېكىپسىز ،،،
    kino
     كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قەدىرلەش ، ئۇلۇغلاش تۇيغۇسى بولىدۇ . بىراق ، كىمنى ، نېمىنى قەدىرلەشكە ھېچكىم چەك قويالمايدۇ . ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمىگەن كىشى ئاخىرى ۋىجدان ، ئەقىدە ، ئادەمگە خاس سەزگۈرلۈكتىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قالىدۇ .
    | ۋاقتى : 2008-05-07 20:19 10 -قەۋەت
    زارىنا
    تىرىشىۋاتىمەن!!!
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 575
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1082
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1082دانە
    شۆھرەت: 2445 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 1470 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 735 نۇمۇر
    قوللاش: 700 نومۇر
    ئالقىش: 580 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :100(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

      ئەدەمنى بەك خىجىل قىلىۋەتتىڭلار ،  مەن شىنجاڭ مەدەنىيتى ژۇرنىلىنىڭ ئىلگىركى سانلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئۇقۇيدىغان ، ھېلىمۇ ياستۇقۇمنىڭ يېنىدىن ئاجرىمايدۇ  شۇ ژۇرناللار . ]$v=p$KW  
    ئىلگىرى تۈزۈك چۈشەنمەيتتىم لېكىن ھازىر تېگىگە  يېتىپ ئۇقۇيدىغان بولدۇم ،ئىشقىلىپ بەك جېق نەرسىلەرنى ھېس قىلىدىكەنمىز ، al-i7le"  
    ماڭىمۇ رەھمەتلىك چوڭ ئانام مۇشۇنداق رىۋايەتلەرنى  تولا سۆزلەپ بېرىدىغان ، رەھمەتلىك تۈگەپ كەتكەننىڭ ياقى مەنمۇ چۆچەك يەنى رىۋايەتلەرنى ئاڭلىيالماس بولدۇم ، غۇۋا ئىسىمدە بار شۇ دەججال بىلەن خوراز ھەم دەججالنىڭ ئېشىكى توغرىسىدىكى  رىۋايەتلىرى ، بۈگۈن  بۇ ئەسەرنى ئۇقۇپ شۇنداق بەك خوش بوپ كەتتىم ، شۇڭا سىلەرنىمۇ كۈرۈپ باقسۇن دەپ بۇ يەرگە يوللاپ قۇيۇشۇم.. d;|#O5I  
    Tp8A+d*  
    3g3O- ?W  
    ئازغىنە ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ چۇقۇم ئۇقۇپ چىقىڭ  قېرىندىشىم ! U,.h}l b  
    kino
    نادان دوستۇڭ بىلەن ئۆتكۈچە،ئاقىل دۈشمىنىڭ بىلەن ئۆت!
    | ۋاقتى : 2008-05-07 20:26 11 -قەۋەت
    گۇلدۇر
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


    UID نۇمۇرى : 12623
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 50
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە50دانە
    شۆھرەت: 50 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 345 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 62 نۇمۇر
    قوللاش: 56 نومۇر
    ئالقىش: 77 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :9(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-08
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن  تۇخۇ بېقىشقا  ئامراق!!!
    kino
    | ۋاقتى : 2008-05-07 20:33 12 -قەۋەت
    ئالتۇنۇم
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


    UID نۇمۇرى : 12573
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 28
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە28دانە
    شۆھرەت: 28 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 290 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 36 نۇمۇر
    قوللاش: 32 نومۇر
    ئالقىش: 46 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :31(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەھمەت سىزگە<زارىنا >مەن بۇرۇن خوراز توغۇرلۇق ھچنىمەبىلمەيتىم....!ئەمدى <<خوراز>>جاناپلىرىنىڭ O@8bJ=Q.  
    تۆھپىلىرىنى بىلىۋالدىم........................!
    kino
    اللادىن ماڭا ئۇزۇن ئۆمۇر بىرشىنى تىلەيمەن
    | ۋاقتى : 2008-05-07 20:54 13 -قەۋەت
    چىمەلتەك
    قارا كۆلەڭگە⒈⑧
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3646
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 994
    ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە994دانە
    شۆھرەت: 39 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 1054 سوم
    تۆھپە: 20 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1244 نۇمۇر
    قوللاش: 1093 نومۇر
    ئالقىش: 1104 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى :136(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-08
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    قالتىسكەن........................ رەھمەت...........
    kino
    .....
      بۈگۈن سەندىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قېلىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم، ياق كۆڭلۈم تۇيغان ئىدى. ئەتتىگەندىلا تولىمۇ خەلىتە بىر چۈش كۆرگەن ئىدىم. سەن بىلەن ياتاق بېناسى ئالدىدا زار-زار يىغلاپ ئايرىلىپ كېتىپتىمەن. شۇنچە يالۋۇرساممۇ پەرۋا قىلمىدىڭ. مانا بۈگۈن سەندىن ھەقىقەتەنمۇ ئايرىلىپ قېلىشىمغا ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ. چۈنكى بۈگۈن سېنى قوغدىيالمىدىم...تولىمۇ ئازاپلانماقتىمەن، ئەگەردە ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرغۇلى بولسىكەن.. سېنى جېنىم چىقىپ كەتسىمۇ قوغدىغان بولاتتىم.. مەن نېمىدىگەن نان قېپى ھە..!! ئۆزەم چىن كۆڭلۈمدىن سۆيگەن ئادەمنىمۇ شۇنچىكى ئىشتا قوغدىيالمىدىم.. ئۆزەمدىن مەڭگۈ نەپرەتلىنىمەن.. مەڭگۈ.... كەچۈرگىن....دىيەلمەيمەن، ھەم سېنىڭ مېنى كەچۈرۋىتىشىڭنىمۇ خالىمايمەن..... پەقەت سېنى ئەڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىمغىچە سۆيىمەن.....  2008.5.4
    | ۋاقتى : 2008-05-07 21:13 14 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    سەلكىن تورى » گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردىن تەرمىلەر

    سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

         سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

    سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
    مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-5625600، 13609981040

    Time now is:05-09 23:51, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation