بۇ بەتتىكى تېما: ئادەم ئەلەيىھىسسالام [ئاي گۇۋاھ 09 ] IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 230 قېتىم كۆرۈلدى
ayguwa09
دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


UID نۇمۇرى : 12926
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە7دانە
شۆھرەت: 7 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 260 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 11 نۇمۇر
قوللاش: 9 نومۇر
ئالقىش: 16 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-03
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ئادەم ئەلەيىھىسسالام [ئاي گۇۋاھ 09 ]

0
`~dczx:Z  
ئاللا ئىككى كۈن ئىچىدە زېمىننى ياراتتى. ئۇ زېمىن ئۈستىگە تاغلارنى پەيدا قىلدى ۋە زېمىنغا بەخىت-سائادەت ئاتا قىلدى. ئاللا يەنە تۆت كۈن ئىچىدە بەندىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كېرەكلىك نازۇرنېمەتلەرنى تەيىنلىدى . ئۇ پۈتۈنلەي تۇمان بىلەن قاپلانغان پايانسىز ئەرىشتە تۇرۇپ ، زېمىن بىلەن ئاسمانغا : Y#=>Q  
ـــ سىلەر ئىككىڭلار، مەيلى خالاڭلار ياكى خالىماڭلار،ئالدىمغا كىلىپ ئەمرىمگە قۇلاق سېلىڭلار!ـــ دەپ خىتاپ قىلدى. HJH71x8R  
زېمىن بىلەن ئاسماندىن : _n9nI]  
ـــ بىز ھۇزۇرۇڭغا كېلىشنى خالايمىز،ــ دەپ جاۋاب كەلدى . gT"&7cCi  
ئاللا ئەرش كۇرىسىدا ئۇلتۇردى. ئۇ كۈن بىلەن ئاينى ئۆز ئۇقىدا مۇئەييەن ۋاقىت بۇيىچە ئايلىنىشىغا بۇيرىدى، ئاندىن پەرىشتىلەرنى ياراتتى . پەرىشتىلەر ئاللاغا ھەمدۇسانا ئۇقۇدى، سەجدە قىلدى ۋە ساداقەتمەنلىك بىلەن ئېتىكاپتا تۇرۇپ ئىبادەت قىلدى . #Ll%i@BoL  
ئاندىن ،ئاللا يەنە ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى يارىتىپ ، ئۇنى زېمىنغا تۇرۇشقا بۇيرۇماقچى بۇلدى . ئاللا پەرىشتىلەرگە شۇنداق دېدى: مەن شۇنداق بىر خىل ئىنسان يارىتايكى ، ئۇلار كەڭ زېمىندا تۇرۇپ ئەمگەك بىلەن تىرىكچىلىك قىلسۇن، زىرائەت ـ ئۆسۈملۈكلەردىن نېمەتلەر تېپىپ ئۇزۇقلانسۇن، زېمىن ئاستىدىكى بايلىقلارنى ئېچىپ پايدىلانسۇن ۋە ئۆز ئەۋلادلىرىنى يېتىشتۈرۈپ ئاۋۇتسۇن . >P fB dmn  
ئاللا پەرىشتىلەرنى ياراتتى ھەمدە ئۇلارغا مېھىر ـ شەپقەت ئاتا قىلدى. شۇڭا، پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا سېغىناتتى ۋە ئۇنىڭغا بۇيسۇناتتى ، پەرىشتىلەر ئاللانىڭ ئىنسان ياراتماقچى بۇلغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ تەشۋىشللەندى . ئۇلار : بۇ بەلكىم ئۆز بۇرچىمىزنى ئادا قىلالمىغانلىقىمىزدىن ياكى ئارىمىزدا بىرەرىنىڭ ئاللانىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلىپ قۇيغانلىقىدىن بۇلدىمىكىن، دەپ ئەنسىرەشتى-دە، دەرھال ئاللانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆز ساداقىتىنى بىلدۈرۈشتى : @hc) Nke\6  
ــ ئى قادىر ئاللا،ساڭا ھەمدۇسانا ئېيتىپ ، مەدھىيە ئۇقۇيدىغان بىزدەك پەرىشتىلەر تۇرۇقلۇق، يەنە +-=8aKT  
نېمە بۇلۇپ زېمىندا باشقا بىرخىل مەخلۇق ياراتماقچى بۇلدۇڭ؟ ئىنسانلار ھۇقۇق –مەنپەئەت تالىشىدۇ، بىر-بىرىنى قىرىپ، بىھۇدە قان تۆكىدۇ. پەقەت بىزلا ساڭا ھەمدۇسانا ئۇقۇيمىز ۋە سېنى مۇقەددەس دەپ بىلىمىز. cw=%>XpUl|  
پەرىشتىلەرنىڭ بۇنداق دېيىشى ئۆز تەشۋىشلىرىدىن پارىخ بۇلۇش ئۈچۈن ئىدى. ئۇلار ئاللادىن ئۆزلىرىگە يەر يۈزىگە چۈشۈپ ئەۋلاد يېتىشتۈرۈپ ئاۋۇتۇشقا ئىجازەت بىرىشنى ئۈمىد قىلىشاتتى. ئۇلار ئاللانىڭ مېھىر –شەپقىتىگە ھەممىدىن بۇرۇن نائىل بۇلغاچقا، ئاللاتائالانىڭ قۇدرەت-كامالىنى ھەممىدىن بەك چۈشىنەتتى . ئۇلار ئاللانىڭ ئىرادىسىنى ئىنكار قىلىشىنى ۋە ئاللانىڭ پاراسىتىگە شەك كەلتۈرىشىنى راۋا كۆرمەيتتى، ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى كەمسىتىشنىمۇ خالىمايتتى . ئۇلار ئاللانىڭ يېقىن خىزمەتكارلىرى ، ساداقەتمەن قۇللىرىدىن بۇلغاچ، پەقەت ئاللانىڭلا ئەمرىگە ئىتائەت قىلاتتى.  \}-Gt ;  
ئاللا ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى يۇرۇتۇپ ، شەك-شۈبھە،غەم –ئەندىشىلىرىنى تۈگەتتى. 'xE<6- s]  
ــ سىلەرنىڭ ھېچنېمىنى چۈشەنمەي دەۋاتقىنىڭلار ھەقىقەتەن ماڭا ئايان،ــ دېدى ئاللا پەرىشتىلەرگە خىتاب قىلىپ ،ـــ شۇنداقلا سىلەرنىڭ كېيىنكى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلغۇچىنى تاللاشتىكى تەدبىرىمنى بىلەلمىگەنلىكىڭلارمۇ ماڭا ئايان. مەن ئۆزۈمنىڭ رايى بۇيىچە ئادەم يارىتىمەن، ئۆز دىتىمغا لايىق بۇلغۇچىنى كېيىنكى ئىشلارغا ۋارىس قىلىپ تاللايمەن.سىلەر تېخىچە كۆرۈپ باقمىغان ئادەمنى كۆرىسىلەر، مەن ئۇنى يارىتىپ جان ئاتا قىلغاندىن كېيىن ، سىلەر ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلىپ ،ھۆرمەت بىلدۈرسىىلەر! :dT"P=n-2  
ئاللا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى لايدىن ياراتتى ھەمدە ئۇنىڭ تېنىگە جان كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئەلەيھىسسالام ھاياتلىققا ئېرىشىپ چىن ئىنسانغا ئايلاندى. Z:s?2 2  
ئاللا پەرىشتىلەرنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا يۈكۈنۈپ سەجدە قىلىشقا بۇيرىدى. ئۇلار ئاللانىڭ ئىرادىسىگە بۇيسۇنۇپ، ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى. ۋەھالەنكى، ئىبلىس ئۆزىنى چۇڭ تۇتۇپ،خاتالىقىدا چىڭ تۇرۇپ ئاللانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلىشنى رەت قىلدى. ئۇ ئاللاغا ئېتىقاد قىلمايتتى . =` hDNr;i  
ئاللا ئىبلىستىن ئۆز ئەمرىنى رەت قىلىشنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرۈشنىڭ سەۋەبلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ: }X:RCRzA#W  
ـــ قانداق نەرسە سېنى مەن ئۆز قۇلۇم بىلەن ياراتقان ئادەمگە ھۆرمەت بىلدۈرۈشتىن تۇستى؟ بۇ سېنىڭ يۇغانلىق قىلغىنىڭمۇ ياكى سەن ئەزەلدىنلا شۇنداق ئالىيجانابمىدىڭ؟ــدېدى. k2ik= [?x  
ئىبلىس رەڭۋازلىق قىلىپ،ئۆزىنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئۈستۈن ۋە ئەقىللىق ، دەپ ئاتىدى. ئۇ مەرتىۋە-ئۇرۇن ۋە نام –شۆھرەتتە ھېچكىمنى ئۆزىگە تەڭ قىلمايتتى، شۇڭا : B40=S~oon  
ــ مەن ئادەمدىن ئۈستۈن تۇرىمەن ، سەن مېنى ئۇتتىن ياراتتىڭ،ئۇنى بۇلسا لايدىن ياراتتىڭ،ــدېدى yR[gp0CSY  
ئىبلىس ئاللادىن ئاشكارا يۈز ئۆرۈپ ئاسيىلىق قىلدى، ئاللانىڭ ئەمرىنى مەنسىتمىدى، ئاللا ئۆز قۇلى بىلەن ياراتقان ئادەمگە ھۆرمەت بىلدۈرۈشنى پەرۋايىغا ئالمىدى،شۇڭا ئۇ ئاللاغا ئىشەنمەيدىغان ئاسيىغا ئايلاندى. i4O<,! _~  
ئاللا ئىبلىسنى ئاسىيلىق گۇناھى ئۈچۈن جازالىدى. ئاللا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن خىتاب قىلىپ : >Aqn">*  
ــ سەن جەننەتتىن يوقال! ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ. ساڭا ئاخىر زامانغىچە ھەقىقەتەن لەنەت بۇلسۇن!ــدېدى. ]-}eIe 
ئىبلىس ئاللادىن كەڭچىلىك قىلىشنى،ئىنسانلار قايتا تىرىلگۈچە ئۆزىنىڭ ھايات تۇرۇشىغا ئىجازەت بېرىشنى تىلىدى. ئاللا ئۇنىڭ تەلىپىنى مەقبۇل كۆرۈپ ، ئۇنىڭغا : fzqOy-m  
ــ ساڭا ئاخىر زامانغىچە كەڭچىلىك قىلدىم،ــ دېدى. /9]&X]Ua  
ئىبلىس ئاللانىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىپ ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بۇلسىمۇ، لېكىن ئاللانىڭ قىلغان مەرھەمەتلىرىدىن تەسىرلەنمىدى، ئەكسىچە،ياخشىلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاب قىلدى. ئۇ ئاللاغا: t.,^\YR""  
ــ سەن مېنى غاپىللىقتا قالدۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن،سېنىڭ ئادەملەرگە كۆرسەتكەن تۇغرا يۇللىرىڭدا پايلاپ تۇرۇپ،ئۇلارغا ئالدىدىن،كەينىدىن ، ئۇڭدىن ۋە سۇلدىن ھۇجۇم قىلىمەن، ئۇ چاغدا سەن ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ساڭا تەشەككۈر ئېيىتمايدىغانلىقىنى بىلىپ قالىسەن،ــ دېدى. gyx J|[Oz@  
ــ سەن ئۆزۈڭنىڭ تاللىغان يولۇڭدا مېڭىۋەر! تۇيۇق يولۇڭغا كېتىۋەر!ــ دەپ ئەيىبلىدى ئاللا ئىبلىسنى،ــ سەن ئۆز ئاۋازىڭ بىلەن ئادەمزاتقا ھەيۋە قىلىۋەر، ئۇلارغا زورلۇق بىلەن قارشى تۇرىۋەر،ئۇلارنىڭ پۇل-مال ۋە پەرزەنتلىرىنى تارتىۋال، ئۇلارغا ساختا ۋەدىلەرنى بېرىپ ، پايانى يۇق ئۈمىد بېغىشلاۋەر! بىراق شەيتان دىگەننىڭ ۋەدىسى بەرىبىر ئالدامچىلىق، مەن ماڭا ئېتىقاد قىلغان بەندىلىرىمنى ھەرگىز سېنىڭ دامىڭغا چۈشۈرمەيمەن. سېنى ھەرگىز ئۇلارنىڭ ھۈكۈمرانى قىلمايمەن. ئۇلارمۇ ساڭا بەيئەت قىلمايدۇ ياكى سېنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىڭگە قۇلاق سالمايدۇ.سەن كىشىلەرنى ھىدايەتتىن ئازدۇرۇش نىيتىگە كەلگەنىكەنسەن،چۇقۇم ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالىسەن. مەن سېنى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىڭنى چوقۇم دوزاخقا تاشلايمەن. b3_E(+&  
پەرىشتىلەر ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلدى، ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەرتىۋىسىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۆزلىرىگە قارىغاندا،ئۇنىڭ ئاللانىڭ مەرھەمەت ئىلتىپاتىغا تېخىمۇ سازاۋەر ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلدى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە،پەرىشتىلەر ئۆزلىرىنىڭ بىلىمىنى ، كۆرگەن بىلگەنلىرىنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭكىدىن كۆپ ،دەپ چاغلايتتى. شۇڭا ئاللا ئادەم ئەلەيھسسالامغا بېلىم –مەرىپەت ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى ، ئۇنىڭغا پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ئۆگەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن،ئاللا پەرىشتىلەرنى چاقىرىپ،ئۇلارغا: t$ 
ــ راسىتچىل بۇلساڭلار،بۇ شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار،ــ دېدى. ئاللانىڭ بۇنداق قىلىشى پەرىشتىلەرنىڭ ئىقتىدارسىز ،كەم ئەقىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ، ئۇلارغا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇتقان ئۇرنىنى ئىنكار قىلىشقا بۇلمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈش ئىدى. *.pr;Gw>  
پەرىشتىلەر دۇدۇقلاپ ، ئاللانىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەلمەي قالدى.ئۇلار مەخلۇقات ۋە مەۋجۇداتلارنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرىشكە شۇنچە تېرىشىپ كۆرگەن بۇلسىمۇ، يەنىلا ئامالسىز قالدى ـ دە، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارسىز ، كەم ئەقىل ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشتى.ئۇلار ئاللاغا:  
ــ ئى پەرۋەردىگار، ساڭا تۈمەن مىڭ تەشەككۈر، بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز، ھەقىقەتەن سەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇرسەن ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن،ــ دېدى. QIc2-  
ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلىم –مەرىپەتنى ئىگىلەپ، نەزەر دائىرىسىنى كەڭ ئاچقاچقا ، ئاللا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئۈستۈنلىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ، ئۇنى پەرىشتىلەر جاۋاب بېرەلمىگەن سوئالغا جاۋاب بېرىشكە ئۈندىدى. ئادەم ئەلەيھىسسالام جاۋاب بەردى. ئاندىن ئاللا پەرىشتىلەرگە : > WFIKI]>  
ــ مەن سىلەرگە،ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيىبلەرنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىمەن،ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن ئىشلىرىڭنى بىلىپ تۇرىمەن، دېمىگەنمىدىم ؟ــ دېدى.  l7 7f:#{  
پەرىشتىلەر ئاللانىڭ ئىلتىپاتىنى چۈشەندى، ئۇنىڭ ئادەمنى يارىتىشتىكى سىرى ۋە مەقسىتىنى بىلدى. C{FA^.|e  
ئاللا ئىبلىس ئەلەيھىلەنىنى ئۆزىنىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسەتتى. ئاللا ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خۇتۇنىغا جەننەتتىن ماكان بەردى ھەمدە ئۇنىڭغا شۇنداق بېشارەت بەردى: ?u(URYH  
ــ سەن مېنىڭ قىلغان شەپقىتىمنى ئېسىڭدە مەھكەم ساقلا،مەن سېنى ئۆز كارامىتىم بىلەن يارىتىپ ، ئۆز ئىرادەم بۇيىچە ئادەمگە ئايلاندۇردۇم؛ مەن سېنىڭ ۋۇجۇدقا ئۆز رۇھىمنى سىڭدۈردۈم، پەرىشتىلەرنى ساڭا سەجدە قىلدۇردۇم ؛ مەن يەنە ئىبلىس ئەلەيھىلەنىگە شەپقەت قىلىشنى تۇختاتتىم.ئۇ ماڭا بۇيسۇنمىغاندا، مەن ئۇنى يەنە ئەيىبلىدىم . ئەبەدلىك جەننەتنى سىلەرگە ماكان قىلىپ بەردىم.ئەگەر سەن ماڭا بۇيسۇنساڭ ،مېنىڭ ئىلتىپاتىمغا مۇشەررەپ بۇلۇپ بۇ جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىۋىرىسەن،مۇبادا سەن ۋەدەڭگە بىۋاپالىق قىلساڭ ، مەن سېنى جەننەتتىن ھەيدەپ چىقىرىپ دۇزاختا ئازاپلايمەن. سۇنى ئېسىڭدە چىڭ تۇتقىنكى،ئىبلىس ئەلەيھىلەنە سېنىڭ ۋە خۇتۇنۇڭنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى، ئۇ بىر ئامال قىلىپ سىلەرنى جەننەتتىن ھەيدەپ چىقارمىغۇچە ئەمىن تاپمايدۇ. 4QGt2v<  
ئاللا ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خۇتۇنىغا جەننەتنىڭ نازۇنېمەت، مېۋە –چېۋىلىرىنى خالىغانچە ئېلىپ يېيشكە رۇخسەت قىلدى،لېكىن ئۇلارنى بىر تۈپ مېۋە دەرىخىگە يېقىنلىشىشتىن چەكلىدى. ئۇلارنى ئۇقالماي قالمىسۇن دەپ ، ئۇلارغا يەنە بۇ دەرەخنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنىمۇ ئېنىق كۆرسەتتى. ئاللا ئۇلارنى بارلىق شەك –شۈبھىدىن خالىي قىلىش ئۈچۈن ، ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر سىلەر بۇ دەرەخكە يېقىنلىشىپ ئۇنىڭ مېۋىلىرىنى ئۈزۈپ يەيدىغان بۇلساڭلار،ئاسىي-گۇناھكار بۇلۇپ كېتىسىلەر. ئاللا ئۇلارغا يەنە ۋەدە قىلدى: سىلەر ئۆزۈڭلەرنى مۇشۇ دەرەختىن نېرى تۇتىدىغانلا بۇلساڭلار، مەن ئاتا قىلغان ھۇزۇر-ھالاۋەتتىن بەھرىمەن بولىۋېرىسىلەر، جەننەت ئىچىدە ھەرگىز ئاچ- يالىڭاچ قالمايسىلەر ، ئۇسسۇزلۇقنىڭ ۋە ھېرىش-چارچاشنىڭ ئازابىنىمۇ ھەرگىز تارتمايسىلەر . U1UzwqHva  
ئاللا ئادەم ئەلەيھىسسالامغا :  
ـــ ئى ئادەم! سەن خۇتۇنۇڭ (ھەۋۋا) بىلەن جەننەتتە تۇرۇڭلار ! جەننەتتىكى نەرسىلەردىن خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ-ئېچىڭلار ، لېكىن بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار،بۇلمىسا،بىۋاپالىق قىلغان بولىسىلەر،ــدېدى. `Dt_tzXc  
ئادەم ئەلەيھىسسالام جەننەتكە كىردى،جەننەتتە ئۇنىڭغا نېمە كېرەك بۇلسا شۇنىڭ ھەممىسى بار ئىدى.جەننەتنىڭ گۈزەللىكىدىن كىشىنىڭ ئەقلى لال بۇلاتتى. ئادەم ئەلەيھىسسالام ھەممە نازۇنېمەتتىن خالىغانچە بەھرىمەن بولاتتى. جەننەتتىكى دەل-دەرەخلەر ئارىسىدا ئۇيان –بۇيان ئايلىنىپ تاماشا قىلاتتى،دەرەخلەر سايىسىدە سەگىدەپ ھۇزۇرلىناتتى ، گۈللەرنى ئۈزۈۋىلىپ پۇرايتتى،شېرىن مېۋىلەرنى تېتىپ كۆرەتتى،كەۋسەردىن ئىچەتتى. ئۇنىڭ خۇتۇنىمۇ تەڭ ھۇزۇرلىنىپ كۆڭۈللۈك ھەم بەخىتلىك ئۆتتى. &aD0&|V  
ئىبلىس ئەلەيھىلەنىنى ئاللا ئۆز شەپقىتىدىن مەھرۇم قىلغاچقا ، ئۇ جەننەتكە كىرەلمەي، يۈرىكى پىچاقتا تىلىنغاندەك بولۇپ كەتتى. ئۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ جەننەتتە خۇتۇنى بىلەن بىللە راھەت-پاراغەتتە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق ئازابلاندى. ئۇ ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ بەخىت-سائادىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە ئۇلارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرمەسلىك قارارىغا كەلدى.ئۇ ئۆزىنىڭ جەننەتتىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلىقىنى ۋە ئاللانىڭ شەپقىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى ئادەم ئەلەيھسسالامدىن كۆرگەنىدى. ئۇ،مەن خۇدانىڭ ئادەمگە سەجدە قىلىش تۇغرىسىدىكى ئەمرىگە بۇيسۇنمىغانلىقىم ئۈچۈن مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىم ،دەپ قارىدى، ئۇ ئالدەم ئەلەيھىسسالامدىن ئىنتىقام ئېلىپ دەردىنى چىقارماقچى بولۇپ جەننەتكە كىردى، ئۆزىنى ئادەم ئەلەيھسسالامغا ئاق كۈڭۈل ، ساداقەتمەن كۆرسىتىش ئۈچۈن،ئۇنىڭغا خۇش چىراي سالام-سائەت قىلدى. ئۇ ھەرخىل ھىيلە-مىكىر بىلەن ئادەم ئەلەيھسسالامغا يېقىنلاشتى،ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈپ ، ئۆزىنى ئۇلارنىڭ بەخت-سائادىتىنى قوغدىغۇچى قىلىپ كۆرسەتمەكچى بۇلۇپ: wlhmkF,Wx  
ــ خۇدا سىلەرنى پەرىشىتلەرگە ئايلىنىپ قالمىسۇن،جەننەتتە مەڭگۈ تۇرۇپ قالمىسۇن دېگەنلىكتىن،سىلەرنى ھېلىقى دەرەخكە يېقىنلىشىشتىن چەكلىدى،ــ دېدى. Kl(}4o1K  
ئىبلىس ئادەم ئەلەيھسسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ ئۆزىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ،ۋەز- نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ،مېنىڭ نىيىتىم سەمىمىي،مەن سىلەرگە ئۆزۈمنىڭ ساداقىتىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلدىم،مەن سىلەرگە ھەرگىز زىيان يەتكۈزمەيمەن، دەپ قەسەم قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئازدۇرۇش،قۇترىتىش ھىيلىسىنى ئىشلىتىپ ، ھېلىقى دەرەخنىڭ مېۋىسىنى خۇش پۇراق،لەززەتلىك،رەڭگى كۆركەم دەپ ماختاپ،ئۇلارنى ئالدىدى.ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى ئاخىر ئۇنىڭ ساختا،شېرىن سۇخەنلىرىگە ئالدىنىپ كەتتى. @V&!BiY  
ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خۇتۇنى ئاللانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغاچقا، جەننەتتە داۋاملىق تۇرۇشتىن چەكلەندى.ئاللا ئۇلارغا: /H9D G(  
ـــ مەن ئىككىڭلارنىڭ ئاشۇ دەرەخكە يېقىن يۇلاشتىن چەكلىگەن ئەمەسمىدىم؟ مەن ئىككىڭلارنىڭ شەيتان سىلەرنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىڭلار دېمىگەنمىدىم؟ــ دېدى. gb{EHwc  
ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى ئۆزلىرىنىڭ قىلغىنىغا قاتتىق پۇشايمان يېدى ۋە ئاللاغا توۋا-ئىستىغپار ئېيتىپ شۇنداق دېيىشتى: YR!&3F $  
ـــ ئى رەببىمىز! دەرۋەقە، بىز ۋەدىمىزگە خىلاپلىق قىلىپ ئىشەنچەڭنى يەردە قۇيدۇق. ئەگەر سەن گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە بىزگە رەھىم قىلمىساڭ،بىز چۇقۇم يامان كۈنگە قالىمىز. }i uE.Mn  
ئاللا ئۇلارغا : #>z#}gSw  
ــ سىلەر بىر –بىرىڭلار بىلەن ئۆچەكەشكەن ھالدا جەننەتتىن يەر يۈزىگە چۈشۈڭلار،يەر يۈزىدە ۋاقىتلىق يەرلىشىڭلار ۋە نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇڭلار،ــ دېدى. }w|-NrF  
ئاللا ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىغا كەڭچىلىك قىلىپ، گۇناھىنى مەغپىرەت قىلدى. شۇ ھامان ئۇلارنىڭ غەم ـ قايغۇسى كۆتۈرۈلۈپ ،كۆڭلى خاتىرجەم بۇلدى،شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا جەننەتتە قېپقىلىپ ھۇزۇر-ھالاۋەت كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىشاتتى.ئاللا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ،ئۇلارنى جەننەتتىن ئايرىلىشقا ئەمىر قىلدى ۋە ئۇلارنى ئىبلىس بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا يەنىلا دۈشمەنلىك مەۋجۇت،ئەمدى ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قالماڭلار، ئۇنىڭ ئېزىتقۇلۇق ۋە قۇتراتقۇلۇقىغا بېرىلىپ كەتمەڭلار، دەپ ئاگاھلاندۇردى. ئارقىدىنلا ئاللا يەنە مۇنداق دېدى: =5Zw%  
ــ سىلەر جەننەتتىن بىللە چىقىپ كېتىڭلار! سىلەر بىر –بىرىڭلار بىلەن دۈشمەن.ئەگەر مېنىڭ كۆرسەتكەنلىرىم سىلەرنىڭ ئۇيغۇڭلارنى ئاچالىغان بۇلسا،ئۇ ھالدا بىلىپ قويۇڭلاركى ، كىمكى مېنىڭ يولۇمغا ئەگىشىدىكەن ، ئۇ ئازمايدۇ ھەم غەم-قايغۇغىمۇ قالمايدۇ. "Tylb G!  
ئاللا ئادەم ئەلەيھىسسالامغا تىرىكچىلىكنىڭ مەقسىتىنى ۋە تىرىشىش نىشانىسىنى كۆرسىتىپ بەردى، يەنە ھۇزۇر –ھالاۋەت كۆرىدىغان دەۋرىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى، جەننەتتىن ئايرىلغان ھامان باشقىچە تىرىكچىلىكنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا تۇغرا يۇل بىلەن تۇيۇق يول،ئېتىقاد بىلەن ئاسىيلىق ، مۇۋەپپەقىيەت بىلەن مەغلۇبىيەتتىن ئىبارەت ئىككى يول تۇراتتى....كىمكى ئاللا كۆرسەتكەن ھىدايەت يولىغا مېڭىپ ئاللانىڭ كۆرسەتكىنىگە ئىتائەت قىلىدىكەن،ئۇ شەيتان ئەلەيھىلەنىنىڭ ئازدۇرۇشىدىن قورقمايدۇ.كىمكى ئاللانىڭ كۆرسەتكىنىگە ئىتائەت قىلماي،ئۇنىڭ ھىدايەت يولىدىن چەتنەيدىكەن، ئۇ تۇرمۇشتا غۇربەتچىلىككە قالىدۇ ۋە تۇيۇق يۇلغا كىرىپ قالىدۇ. u [:CV  
مەنبە : قۇرئاندىكى قىسسەلەر،،،،،،،2008- 5-2-كۇنى
باشقۇرغۇچى چۆلگۈلى تېمىنى تەستىقلىدى .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • سەلكىن دوللىرى:+100(ئۇيغۇرجان) ajir
  • salkin-bbs
    | ۋاقتى : 2008-05-02 23:55 [باش يازما]
    ئىستىغپار
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11637
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 518
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە518دانە
    شۆھرەت: 518 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 2960 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 561 نۇمۇر
    قوللاش: 539 نومۇر
    ئالقىش: 616 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :135(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەجەپ ئېسىل تېما يوللاپسىز .........ھارمىغايسىز..........
    salkin-bbs
    تاز گۈل تاپسا،قىسىدىغان جاي تاپالماپتۇ.
    | ۋاقتى : 2008-05-03 00:40 1 -قەۋەت
    زەرەپشان.
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 11930
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 88
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە88دانە
    شۆھرەت: 88 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 590 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 96 نۇمۇر
    قوللاش: 92 نومۇر
    ئالقىش: 106 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :52(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەھمەت سىزگە
    salkin-bbs
    بەزىلەر    قەسەمنى  چەكسە  بىلەككە ،
    مەن چەكتىم قەسەمنى ئوتلۇق يۈرەككە .
    قەسىمىم ئۆچمەيدۇ ئۆلسەم - ئۆلمىسەم ،
    بۇ يۈرەك  سوقمايدۇ  سەندىن  بۆلەككە .
    | ۋاقتى : 2008-05-03 01:09 2 -قەۋەت
    ئانايۇرۇت
    ئۆرلە ئۇيغۇر
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11828
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 416
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە416دانە
    شۆھرەت: 416 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 2468 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 451 نۇمۇر
    قوللاش: 433 نومۇر
    ئالقىش: 496 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :93(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    راسلا بەك ئىسىل تېمىكەن بۇ ، ئۆزۇمنى خۇددى ئاللانىڭ يىنىدا تۇرغاندەك ھېس قىپقالدىم. LGhdB^Rm  
    رەھمەت تېما ئىگسگە.
    salkin-bbs
    قاسىم ئىبىنى ھاكىمجان مۇسلىمىدىن فارابى
    ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
    تىڭىرقىمايمەن دوستلار،تىلەيمەن ئالى تىلەكلەرنى،
    چۇشۇرمەيمەن جەڭگە ئاتاپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.
    | ۋاقتى : 2008-05-03 03:34 3 -قەۋەت
    ئاناقۇشئۇۋىسى
    sumrug ana uwisida
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10208
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 955
    ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە955دانە
    شۆھرەت: 968 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 4084 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 954 نۇمۇر
    قوللاش: 946 نومۇر
    ئالقىش: 974 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    توردىكى ۋاقتى :868(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇشۇنداق تىمىلارنى كۆرسەم نىمىشقىدۇر تىنىمگە تىترەك ئولىشىدۇ..........
    salkin-bbs
    ئويلايدىغىنىم -------ھەر-بىر نەپەس ئۈچۈن سوراق بىرىمىز!!
    | ۋاقتى : 2008-05-03 09:31 4 -قەۋەت
    خانزاتئاي
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


    UID نۇمۇرى : 13016
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە5دانە
    شۆھرەت: 5 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 125 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    قوللاش: 5 نومۇر
    ئالقىش: 5 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :4(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        ئىسىل تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ئاللا ھ ھەر بەندىسىنى ئۆز پانائىدا ساخلىسۇن.
    salkin-bbs
    | ۋاقتى : 2008-05-03 10:41 5 -قەۋەت
    تاركوچا
    سەلكىندە ماڭا ئامەت ياغدى.
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10833
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 398
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە398دانە
    شۆھرەت: 0 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 0 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 559 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :230(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    خۇداغا شۈكرى..........
    تۇرمۇشتىن زېرىككەن چاغ دەل نىشاننىڭ يوقالغان ۋاقتىدۇر.
    | ۋاقتى : 2008-05-03 11:21 6 -قەۋەت
    نۇرلۇق121
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 12159
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 130
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە130دانە
    شۆھرەت: 130 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 870 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 149 نۇمۇر
    قوللاش: 139 نومۇر
    ئالقىش: 174 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تېمىڭىزغا ھەشقاللا!
    نۇر  يولى مىللەت يولى،          سەلكىن دېسە يايرايدۇ دىللار
    ھەقىقىي ئىسلام ئۇلى،            سەلكىندىكى شاد بۇلبۇللار،
    ۋەتەنچۈن ئالغا كۆرەش،      سەلكىن دېگەن گۇزەل شاد باغ،
    نۇرلۇق121دەيدۇ بۇنى~      سەلكىنگە كىرسەڭلار يايرايدۇ قەلبىڭلار!
    | ۋاقتى : 2008-05-03 12:04 7 -قەۋەت
    ســرداش
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9669
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 540
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە540دانە
    شۆھرەت: 543 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 150 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 548 نۇمۇر
    قوللاش: 530 نومۇر
    ئالقىش: 563 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :70(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەي،،،،،،،،،،،،،،،،،،،  بىز مۇ ئادەم ھە ،،،،،،  قاچانمۇ ھەقنى تۇنارمىز .
    يىگڭت تەك ياشا
    چ چ  770349040
    | ۋاقتى : 2008-05-03 12:17 8 -قەۋەت
    قاريىلپىز
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


    UID نۇمۇرى : 10180
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 8
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە8دانە
    شۆھرەت: 8 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 140 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 8 نۇمۇر
    قوللاش: 8 نومۇر
    ئالقىش: 8 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :9(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تېمىڭىزغا رەخمەت : iDp.;mVfA  
    ياراتقان ئىگەم سىزگە تېخىممۇ كۆپ رەخمىتىنى ئاتا قىلغاي ئامىن!
    | ۋاقتى : 2008-05-03 12:24 9 -قەۋەت
    تولپارغۇلجا
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2025
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 523
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە523دانە
    شۆھرەت: 469 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 2017 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 568 نۇمۇر
    قوللاش: 525 نومۇر
    ئالقىش: 495 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :26(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللا رەىمەت ئاتا قلېسېۇن سېزگە
    ئادەم ئۇز ھاياتنى قەدېرلېشى كېرەك
    | ۋاقتى : 2008-05-03 12:27 10 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    سەلكىن تورى » گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردىن تەرمىلەر

    سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

         سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

    سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
    مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-5625600، 13609981040

    Time now is:05-03 13:13, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation