LiG49 9 قاتتىق ئۇخلاۋاتقان ماشۇجى يانفۇنىنىڭ ئەنسىز جىرىڭلىشى بىلەن چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتى،يانفۇننى ئېچىپ
ئىشخانىدىن كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئاچچىقلانغان ھالدا:
hYLtLV -نېمەگەپ؟ ئادەمنىڭ تاتلىق ئۇيقۇسىنى بۇزۇپ.چۈنكى ماشۇجى بولسا تۆنۈگۈن كېچىچە قاتتىق ماجاڭ ئوينىغان بولۇپ،سەھەردە ماجاڭ جېڭىدىن قايتىپ كېچىدىكى شېرىن ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋاتقان ئىدى.
Y9$N)}v -ماشۇجى،بايا بىز ناھىيىلىك ھۆكىمەت ئىشخانىسىنىڭ تېلفونىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق،چۈشتىن كېيىن ھاكىم بىزنىڭ بازارغا كېلىپ خزمەتلەرنى تەكشۈرىدىكەن،سىزنىڭچە قانداق ئورۇنلاشتۇرساق بولار؟. تېلفوندىن شۇنداق دىيىلدى.بۇنى ئاڭلىغان ماشۇجىنىڭ ئويقۇسى نەلەرگىدۇغايىپ بولۇپ سەگەكلەشتى.بىرتەرەپتىن تېلفوندا بارلىق ئورگان كادىرلېرىنىڭ يىغىلىشىنى ئۇقتۇرغاچ،بىرتەرەپتىن ئورنىدىن تۇردى.
Q#@(`'>QK ما شۇجى پارتىكوم ئىشخانىسىغا كەلگەندە كېلىشكە تىگىشلىك كادىرلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ بولغانىدى،ماشۇجى ئورنىغا بېرىپ بولۇپ سۆزىنى باشلىدى:
w7n4x/@Dj -بايا مەن ناھىيىلىك ھۆكىمەت ئىشخانىسىدىكى جىن مۇدىر بىلەن تېلفوندا كۆرۈشتۈم،ھاكىمنىڭ بۇقېتىملىق تەكشۈرىشى دوكلات ئاڭلاش ۋە نۇقتا تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىككى خىل شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.بىرتەرەپتىن چىڭشۈي بازىرىنىڭ ھەرقايسى ئورگانلېرىنىڭ خزمەت دوكلاتىنى ئاڭلايدىكەن،يەنە بىر تەرەپتىن دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىش ئەھۋالىنى نۇقتا كۆرۈپ تەكشۈرەيدىكەن،بايا جىن مۇدىر قايتا-قايتا تەكىتلەپ دېدى،دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى ھاكىم نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مەسىلە،شۇڭا چۇقۇم يورۇق نۇقتىنى تېپىشىمىز كېرەك.سىلەرھازىر پۈتۈن ئەقلىڭلارنى ئىشقا سېلىپ،بازىرىمىزدىكى كىرىمى ئاشقان،بېيىش تېخنىكىسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان بىرىنى دەرھال تېپىڭلار دىدى.
Z-#lyQi يېرىم سائەتلىك جىمجىتلىقتىن كېيىن بازار باشلىقى ئورنىدىن تۇرۇپ بازارلىق ھۆكىمەتنىڭ قېسىدا ۋاڭ لاۋ شا ئىسىملىك بىر دېھقاننىڭ بارلىقىنى،ئۇنۇڭ 20-30دەك چوشقىسىنىڭ بارلىقىنى،ئۇنۇڭ باققان چۇشقىلېرىنىڭ بىر-بىرىن سېمىز،تۈكلېرىنىڭ پارقىراق ئىكەنلىكىنى،چوشقا بېقىشقا قالتىس ئېپى بارلىقىنى،ئۇنىڭ دەل بازاردىكى بېيىشتىكى ئەڭ ياخشى يورۇق نۇقتا بولالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.شۇنۇڭ بىلەن مۇزاكىرە ئارقىلىق ۋاڭ لاۋ شانى ھاكىمغا كۆرسىتىدىغان ئوبىكىيت قىلىپ بەلگىلىدى،بازار باشلىقى ۋاڭ لاۋ شانىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان،ماشۇجى ھاكىمغا خزمەتلەرنى دوكلات قىلىدىغان بولۇپ تارقاشتى.
+Y"5]' چۈشتىن كېيىن بىرنەچچە ئىسىل ماشىنا بازارلىق پارتىكوم،ھۆكىمەت بىناسى ئالدىدا پەيدا بولدى.ھاكىم باشلىق بىرنەچچە ئىدارىنىڭ باش مەسئۇللېرى ماشىنىدىن چۈشۈپ،بازارلىق ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا ما شۇجى بەرگەن خزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى،ئاندىن ھاكىم باشلىق ناھىيىنىڭ رەھبەرلېرى ئۆزلېرىنى يېڭىدىن بېيىغان باشلامچىلارنىڭ ئۆيىگە باشلاپ ئېلىپ بېرىپ كۆرسۈتۈشنى ئىيتتى.
@]TbT ھاكىم قاتارلىق ناھىيىنىڭ رەھبەرلېرى،ماشۇجىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئانچە يىراق ئەمەس ۋاڭ لاۋ شانىڭ ئۆيىگە كەلدى.بۇيەردە بازار باشلىقى ھەممە ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ ھاكىملارنىڭ كېلىشىنى ساقلاۋاتاتتى.ھاكىم ئىشىكتىن كىرىپلا ۋاڭ لاۋ شا بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.ۋاڭ لاۋ شابولسا ھاكىمنىڭ بۇ ئىلتىپاتىدىن بېشى كۆككە يەتتى.ئاندىن ۋاڭ لاۋ شا ھاكىملارنى باشلاپ چوشقا ئېغىلىنى زىيارەت قىلدۇردى.ھاكىم قاتارلىق ناھىيە رەھبەرلېرى ۋاڭ لاۋ شا باققان چوشقىلارنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالدى.دېمىسىمۇ ئۇ باققان چوشقىلار بىر-بىرىن سېمىز،ئەتلىك،تۈكلېرى پارقىراپ تۇراتتى.بۇنىڭغا قىززىققان ناھىيىلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭلاۋشىغا:
ij
J]1T ۋاڭ بوۋا!بۇچوشقىلارنى نېمە بېرىپ بېقىپ بۇنداق سەمىرتىۋەتتىڭىز؟.دىدى.
g8 \$w -مەن ھېچقانداق ئالاھىدە نەرسە بەرمىدىم.
?imUwd`o -ھە!بولدى چۈشەندىم ۋاڭ بوۋا،سىزنىڭ بۇتېخنىكا رىتسىپىنى ئاشكارلىغۇڭىز كەل
مەيۋېتىپتىدە،بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ،ئەمما ئويلاپ باقتىڭىزمۇ،بۇتېخنىكا بىلەن سىزلا بېيىسىڭىز،باشقا يۇرتداشلار نامرات پېتى تۇرىۋەرسە،دۆلىتىمىزدە ،ناھىيىمىزدە قانداقمۇ ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟
8D=w`W -مەن راسلا ھېچقانداق ئالاھىدە نەرسە بېرىپ باقمىدىم.
So`KZCjn -ئۇنداقتا سىز ئادەتتە چوشقىغا نېمە بېرىسىز؟
;RlliU -بەزى ۋاقىتلاردا توخۇ-ئۆردەك گۆشلېرى بىلەن،بەزى ۋاقىتلاردا بېلىق-راك گۆشلېرى بىلەن باقىمەن،كۈزۋەقىشتا ئاق ھاراق بىلەن،ئەتىيازۋەيازدا مۇزدەك پىۋا بىلەن باقىمەن.
gR1UJPGd -ئۇنداقتا چىقىم بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەمدۇ، سورىدى بۇلارنىڭ پارىڭىغا قىززىققان ھاكىم،سىلى بۇچىقىمنى قانداق كۆتىرەلەيلا؟
N]yl1]]M -بۇنۇڭغا بىر تىيىنمۇ چىقىم كەتمەيدۇ،
JzR`IV.Ga كۆپچىلىك ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى.ماشۇجى بىر نېمىنى سەزگەندەك بولدى،لىكىن ئۈلگىرەلمىدى.
5Gd#V\R -مېنىڭ ئوغلۇم بازارلىق ھۆكىمەت بىناسى ئالدىدا بىر رېستۇران ئاچقان،دېدى لاۋۋاڭ، سودىسى ئاجايىپ ياخشى،بولۇپمۇ بازارلىق ھۆكىمەتتىكى كادىرلار بەك كېرىدۇ بۇرېستۇرانغا،كادىر دېگەن ئاددى سورۇننى ياراتمايدىكان،ھەرقېتىم جوزىنى ئېسىل تاماق ھاراقلارغا توشقۇزۋېتىدۇ،ئەمما ھېچقانچە يېمەيدۇ،ئىچمەيدۇ،نۇرغۇن ئىسراپچىلىق،بۇنداق ئىسراپ بولغاندىن كۆرە دەپ كۈندە دېگۈدەك ئۆيگە توشۇيمەن،بىزنىڭمۇ قارنىمىز چاغلىق بولغاچقا يەپ بولالمايدىكەنمىز،شۇڭا بىراقلا چوشقىغا بېرىدىغان بولدۇم،شۇڭا مۇشۇنداق سەمىرىپ كەتتى.
^RA>9oh ماشۇجى قاتارلىق بازارلىق ھۆكىمەت كادىرلېرىنىڭ دىدارىدا قان قالمىدى.
f>:'dN o8^y+k M= BP^FW?c] مەنبە:http://gs.518ad.com/sto/sto_443452.htmدىن تەرجىمە قىلىندى.
qhU TU l=0OaUi [ بۇ يازما ئالتۇن1984520 تەرپىدىن 2008-05-02 23:10 د ]