بۇ بەتتىكى تېما: مۇسابايوۋلارنىڭ قىسقىچە ئائىلە تارىخى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 74 قېتىم كۆرۈلدى
ئەلشىر0903
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 2525
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 141
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە141دانە
شۆھرەت: 313 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 581 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 438 نۇمۇر
قوللاش: 269 نومۇر
ئالقىش: 386 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-03
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 مۇسابايوۋلارنىڭ قىسقىچە ئائىلە تارىخى

0
مۇسابايوۋلارنىڭ قىسقىچە ئائىلە تارىخى X$UM+v=]J  
>2=o  
مۇسابايوۋلارنىڭ ئەسلى يۇرتى قەشقەر- ئاتۇش ناھىيە ئېكىساق كەنتى. ئۇلارنىڭ يەتتە ئاتىسى ئاشۇ زېمىندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە دېھقانچىلىق، تىجارەت، كەسپىي كارخانىچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. بۇلارنىڭ سودىسى ئابدۇرۇسۇلبايدىن باشلاپ دۇنياغا يۈزلەنگەنىدى. ئۇلارنىڭ ئەجىدادلىرى بىرىنچى، مۇھەممەت ئېلى.  1760-يىلى تىجارەتنى توختىتىپ ئاخىرقى ئۆمرىگىچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنىڭ يەر، سۇ، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى، بىر بۆلۈم چارۋىسى بولغان،  شۇ يۇرتنىڭ ھاللىق كىشىلىرىدىن ئىدى ئىككىنچى، ئابدۇلئەزىز. ئۇ ئۆز يۇرتىدا دېھقانچىلىقىنى ئاساس قىلىپ، قۇشۇمچە سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ چارۋىچىلىق قىلغان. ئۇنىڭ دەۋرىدە، يەر -زىمىن، مال -مۈلۈك، نەق پۇل كۆپەيگەن ئۈچىنچى، ئابدۇمىجىت. بۇ كىشىمۇ دېقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ، قۇشۇمچە ئاتا كەسپى تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتكەن ۋە شۇ دەۋرنىڭ ئىناۋەتلىك كىشىلىرىگە،جامائەت ئەربابىغا ئايلانغان تۆتىنچى، تۇردى. بۇ كىشىنىڭ دېھقانچىلىق بىلەن تىجارىتى ئوخشاش دەرىجىدە كىرىمگە ئىگە بولغان. بۇنىڭ دەۋرىدە يەر، سۇ، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى، چارۋا ماللىرى ئالاھىدە كۆپەيگەن،  تىجارەت دائىرسى چوڭ شەھەرلەرگە تۇزلەنگەن.  تۇردى دىننىي مەكتەپتە ئوقۇپ مۇكەممەل دىنىي بىلىمگە ئىگە بولغان.  بۇنىڭ دەۋىردە تىجارەت كىرىمى دېھقانچىلىق كىرىمىدىن ھەسسىلەپ ئاشقان.  ئۇ شۇ زاماندا ئاتۇش بويىچە ئاتاقلىق بايلاردىن بۇلۇپ،  ئۇنىڭ ئىقتىسادىغا قاراپ كىشىلەر ئۇنى تۇردى قۇم ( پۇلى قۇمدىن كۆپ دېمەكچى ) دەپ ئاتىغان.  بەشىنچى،  ئابدۇرۇسۇل.  بۇ كىشى تىجارەتنى ئاساس،  دېقانچىلىقنى قوشۇمچە قىلىپ ئېلىپ بارغان،  مۇسابايوۋلار ئائىلىسى ئائىلىسى ئىچىدە تۇنجى چەتئەل بىلەن سودا قىلغان كىشى،  ئۇ دىنىي مەكتەپتە كۆپ ئوقۇغان كىشى بۇلۇپ ئەرەب،  پارىس تىللىرىنى ئۇبدان ئۆگەنگەن. جامائەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە بولغان جامائەت ئەربابى ئىدى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئوغلى مۇسا ھاجىمنى ئوقۇتۇپ،  بىلىملىك،  قابىلىيەتلىك ئىگىلىك باشقۇرغۇچى قىلىپ تەربىيىلىگەن. كىيىن تىجارەتنى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇشنى ئوغلى مۇسا ھاجىغا ئۆتكۈزۇپ بېرىپ ئۆزى جامائەت ئىشلىرى بىلەن ئۆتكەن ئالتىنچى، مۇساھاجىم. بۇ كىشى ئاتىسى ئابدۇرۇسۇلباينىڭ تەلىمىگە ۋە ۋەسىيىتىگە ئەمەل قىلىپ،  بىرىنچىدىن،  تىجارەتكە ۋارىسلىق قىلىدۇ،  ئىككىنچىدىن،  يەككە ئىگىلىك يارىتىپ، تىجارەتكە كارخانا ئىشلەپ چىقىرىشنى قوشىدۇ.  ئاتىسىنىڭ پۇلنىڭ خوجايىنى بولماي ئىلىمنىڭ خوجايىنى بولۇڭلار دېگەن ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، قەشقەر، بۇخارا قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ،  ئەرەب،  پارىس،  ئوردۇ تىللىرىنى ۋە شۇ تىل _ يېزىق ئېلىمىنى مۇكەممەل ئىگىلەيدۇ ھەم جاھان كىرىپ،  يىڭى مائارىپ،  يىڭى تېخنىكا كەشپىياتلىرىنى كۆرىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن ياۋروپادىن ئۆگىنىپ شىنجاڭنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئويلايدۇ.  نەتىجىدە،  1885 _ يىلى ئىلى كۈرەدە 200 ئىشچىسى بار تۇنجى تىرە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى،  ئۇنىڭ يېنىغا تۈگمە،  يېلىم،  كىگىز،  سوپۇن، شام، گىلەم، ئارقان، ئېگەر _ جابدۇق،  ھارۋا جابدۇقى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنى قۇرىدۇ، ئۇ يەنە ئوغلى ھۈسەنباي،  باھاۋۇدۇنبايلارنىمۇ يۇقۇرى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ ئىلىم _- بىلىملىك قىلىپ يىتىشتۇرۇش بىلەن بىللە ئۇلارنى پەن _ تېخنىكىنى قوللىغۇچى،  يېڭىلىق ياراتقۇچى قىلىپ تەربىيىلەيدۇ.  مۇساھاجىم ھايات ۋاقتىدا،  قازاندىن جەدىدى ( جەدىت _ يېڭىچە ) مۇئەللىملەرنى،  بۇخارا،  باغداتتىن دىنى ئۆلىمالارنى تەكلىپ قىلىپ،  مەدرىسلەردە چەتئەل تىلى،  تارىخ،  ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا،  ئىلمىي تەجۋىت قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.  بىر مەزگىل ئىلىم يۇقىرىلىقى بىلەن مۇدەررىس بولىدۇ. ئۆزى نەچچە مىڭ پارچە كىتاپ ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نەشىر قىلىنغان گېزىتلەرنى توپلاپ،  خەلققە كىتابخانا ئېچىپ بىرىدۇ. مۇساھاجىم ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا جامائەت ئىشلىرى بىلەن بۇلۇپ تىجارەت،  ئىگىلىك باشقۇرۇشنى ئوغلى ھۈسەنباي، باھاۋۇدۇنبايغا قالدۇرىدۇ. بۇلارنىڭ تىجارىتى 1895 _ يىلى ياۋروپاغا يۈزلەنگەن بۇلۇپ،  شۇنىڭدىن بۇيان مۇساھاجىمىنىڭ ئىسىمى پەرزەنتلىرىنىڭ فامىلىسى قىلىنىپ،  ياۋروپادا مۇسابايوۋ دەپ ئاتىلىشقا باشلايدۇ يەتتىنچى،  ھۈسەنباي،  باھاۋۇدۇنباي.  مۇساھاجىمىنىڭ ئۈچ خوتۇنىدىن ئالتە ئوغۇل،  ئىككى قىزى بۇلغان.  ئوغۇللار ھۈسەنباي،  باھاۋۇدۇنباي،  ئىمام مۇھەممەت،  ھېسامىدىن،  ئوبۇلھەسەن،  ئابدۇللا. مۇساھاجىم ئۆزىنىڭ بارلىق تىجارەت ئىشلىرىغا ئىككى چوڭ ئوغلى ھۈسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنباينى ۋارىس قىلىدۇ.  سۈسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنباي مۇساھاجىمدىن قالغاندىن كىيىن، ھۈسەنباي ئۇمۇمىي ئىشلار مەسئۇلى بۇلۇپ قوشۇمچە زاۋۇتنى باشقۇرىدۇ.  باھاۋۇدۇنباي ئىچكى _ تاشقى سودا ۋە سېتىۋېلىش ئىشلىرىغا مەسئول بولىدۇ ئىمامى مۇھەممەت ئېلىدىكى دېھقانچىلىق _ چارۋىچىلىققا، ھىسامىدىن قەشقەردىكى دېھقانچىلىق _ چارۋىچىلىق،  قوشۇمچە كەسىپلىرىگە،  ئوبۇلھەسەن خوتەن، يەكەن، قەشقەر،  ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدىن خام _ ئەشيا سېتىۋېلىش ئىشىغا قوشۇپ چەتكە ئېكسپورت قىلىش، ئىمپورت ماللىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا تارقىتىش ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇش ( گۇما،  قاراقاش خوتەن،  يەكەن،  قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا سەككىز چوڭ مويكا ؛ پاختا،  يۇڭ پرېسلاش ئورنى،  بۇلارنىڭ ھەر بىرىدە 150 تىن 400 گىچە ئىشچى بار ) ئىشىغا مەسئول بولىدۇ. كىيىن ئۇبۇلھەسەنھاجىم نامى بىلەن شۆھرەت قازىنىدۇ ھۈسەنباي 1926-يىلى، باھاۋۇدۇنباي 1928-يىلى ۋاپات بولىدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ئىككى ئاتىدىن بولغان ئەۋلاد ئىككى يىل بىللە تىجارەت قىلىدۇ. كېيىن شۇ شىركەت تۈزۈمى بويىچە1930-يىلى مىراس بۆلۈشىدۇ،  بۇ چاغدا ھۈسەنباي ھاجىمنىڭ ۋارىسلىرىغا ۋاكالىتەن ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى سابىت مۇسابايوۋ (1972 _ يىلى تۈركىيىدە ۋاپات بولدى )، باھاۋۇدۇنباينىڭ ۋارىسلىرىغا ۋاكالىتەن ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئىسمائىل مۇسابايوۋ ( 1979 _ يىلى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى )ۋەكىل بولۇپ مىراس تەقسىمىنى ئالىدۇ.  پۈتۈن مال _- مۈلۈك 1 مىليارد 562 مىليون 137 مىڭ 193 سوم ئىلى تاۋارنى ئاقچا ۋە 23 مىليون 161 مىڭ 665 سوم مېكسىكا پۇلى ( تاشقى پېرېۋوت ) بولۇپ،  بۇنىڭ %54 ئى 843 مىليون 554 مىڭ 84 سوم ئىلى تاۋارىنى ئاقچا،  12 مىليون 507 مىڭ 299 سوم مېكسىكا پۇلىنى سابىت مۇسابايوۋ ئېلىپ بىر ئاتىدىن بولغان قېرىنداشلىرىغا شىركەت تۈزۈمى بويىچە تەقسىم قىلىپ بىرىدۇ.  قالغان ئۇمۇمىي مال _ مۈلۈكنىڭ %46 ئى 718 مىليون 583 مىڭ 99 سوم ئىلى تاۋارىنى ئاقچا ۋە 10 مىليون 654 مىڭ سوم مېكسىكا پۇلىنى ئىسمائىل مۇسابايوۋ ئېلىپ ئۆزىنىڭ بىر ئاتىدىن بولغان قېرىنداشلىرىغا شىركەت تۈزۈمى بويىچە تەقسىم قىلىپ بىرىدۇ.  ھۈسەنباي ھاجىمنىڭ 2 _ ئايالىدىن بولغان ئابدۇلئەزىز مۇسابايوۋ ( 1984 _ يىلى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان ) ئابلەھەي مۇسابايوۋ ( 1970 _ يىلى تۈركىيىدە ۋاپات بولدى )،  مىجىت مۇسابايوۋ ( 1973 _ يىلى سوۋېت ئالماتادا ۋاپات بولدى ) لار بىر بولىدۇ.  3 _ ئايالىدىن بولغان ئابلەھەت مۇسابايوۋ (1987 _ يىلى غولجا شەھىرىدە ۋاپات بولغان )،  تەلئەت مۇسابايوۋ ( ھازىر تۈركىيە تەۋەلىكىدە بۇلۇپ چەتئەللەردە تىجارەت قىلىدۇ )،  نېلۇپەر مۇسابايوۋ (1982 _ يىلى پارىպدا ۋاپات بولدى )،  دىلداۋاز مۇسابايوۋ ( 1984 _ يىلى لوندوندا ۋاپات بولدى )،  بۇلار بىر بۆلۈنۇپ چىقىدۇ باھاۋۇدۇنباينىڭ تۆت ئايالىدىن ۋە چوڭ ئوغلى ئىسمائىل مۇسابايوۋدىن بولغان پەرزەنتلەر ئانىسنى ئاساس قىلىپ بۆلۈنىدۇ.  شۇنىڭدىن كىيىن ھۈسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنباي بالىلىرى مەلۇم شەكىلدە بىللە تىجارەت قىلىدۇ ( زاۋۇت تىجارىتى بىلەن )،  باشقا جەھەتلەردە ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدۇ.  بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىسمائىل مۇسابايوۋ 1944 _ يىلى ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ،  ئۇچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرال _ ياراغ سېتىۋېلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى،  پۇل چىقىرىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ ئۇچ ۋىلايەت ھۆكىمىتى تەرىپىدىن ئىككى قېتىم ئىنقىلاب ئوردىنى بىلەن تەقدىرلىنىدۇ.  ئازادلىقتىن كىيىن مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا تەربىيلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سودا _ سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. 1955 _ يىلى مۇسابايوۋلارنىڭ تېرە زاۋۇتى سودا تىجارىتى بىلەن ھۆكۈمەت خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكىگە ئۆتكەندىن كىيىن، ئابدۇلئەزىز مۇسابايوۋ مەملىكەتلىك سودا _ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى،  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كىڭەش ئەزاسى.  ئاپتونوم رايونلۇق سودا _ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۇرۇمچى شەھەرلىك يېمەكلىكلەر شىركىتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ.  قالغان ۋارىسلىرىمۇ ئۆز لايىقىدا ئېتىبار بېرىشكە مۇيەسسەر بولىدۇ. ھازىر ئۈرۈمچىدە باھاۋۇدۇنباينىڭ ئوغلى ئابدۇللا ئەلىدىن بولغان نەۋرىسى ئوبۇلھەسەن مۇسابايوۋ تىجارىتىنى مەملىكەت ئىچى _ سىرتىغا كېڭەيتىپ ئاتا ئىزىغا ۋارىسلىق قىلماقتا. J2tQH62bp  
5OiR"sw7U  
مەنبە: ھۈسەينىيە روھى ۋە تەكلىماكاندىكى قايتا ئويغىنىش
باشقۇرغۇچى ئەلتۈرۈك تېمىنى تەستىقلىدى .
salkin-bbs
| ۋاقتى : 2008-05-02 22:21 [باش يازما]
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەلكىن تورى » ئۇيغۇر شەخسلىرى

سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

     سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-5625600، 13609981040

Time now is:05-03 13:12, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation