بۇ بەتتىكى تېما: ئابدۇقادىر جاﻻلىدىن  ھېكمەتلىرى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 65 قېتىم كۆرۈلدى
ئەلشىر0903
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 2525
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 141
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە141دانە
شۆھرەت: 313 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 581 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 438 نۇمۇر
قوللاش: 269 نومۇر
ئالقىش: 386 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-03
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ئابدۇقادىر جاﻻلىدىن  ھېكمەتلىرى

0
ئابدۇقادىر جاﻻلىدىن  ھېكمەتلىرى ECbAu*Grx  
  /m<+ aA]i  
ئابدۇقادىر جاﻻلىدىننىڭ < ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا > ناملىق كىتابىدىن ئۈزۈندىلەر ?Q9r 7 Wv  
}ljxm$2zC  
مەيلى سەن كادىر بول، تېخنىك بول، دوختۇر ياكى ئېنژىنېر بول، تەنھەرىكەتچى ياكى ھەربى خادىم بول، نەشرىياتچى ياكى ئوقۇتقۇچى بول، تارىخچى ياكى سودىگەر بول، سەنئەتچى ياكى ھۈنەرۋەن بول، ئورخۇن تاش ئابىدىلىرىنى بىلمىسەڭ، « ئوغۇزنامە » ۋە « تۈركىي تىللار دىۋانى » نى ئوقۇمىساڭ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئەلشىر ناۋائىنى چۈشەنمىسەڭ، نۇزۇگۇمدىكى ھايا ۋە ئىپپەتكە قايىل بولمىساڭ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تېگىگە يەتمىسەڭ، يۇرتۇڭدىكى تاغ- دەريالار ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى ئاڭلىمىساڭ، سادىرنىڭ ناخشىلىرىغا ئەگىشىپ توۋلىمىساڭ، تارىم ۋە ئىلى دەريا ۋادىلىرىغا بېرىپ باقمىساڭ، ھېيتگاھنى كۆرمىگەن بولساڭ، تاپىنىڭ تەكلىماكان قۇملىرىدا كۆيۈپ باقمىسا، ئون ئىككى مۇقامنى ئاڭلاپ مۇڭلانمىساڭ، مىڭئۆيلەرنى كۆرۈپ ئويلانمىساڭ، خەلق ناخشىلىرىدىن باغرىڭ ئېرىمىسە، مەشرەپكە قاتنىشىپ ئىچىڭ پۇشسا، دۇغقا نان تۈگۈرۈپ يەپ باقمىساڭ، ئاتا- ئاناڭ، خوتۇنۇڭ ۋە بالىلىرىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى قەرزدار ھېس قىلمىساڭ، ئىشقىلىپ، خەلقىڭنىڭ ھاياتىدىكى تۇيغۇ- تەجرىبىلەرنى بېشىڭدىن كەچۈرمىسەڭ، ئۆزۈڭنىڭ ئۇيغۇرلىقىدىن گۇمان قىلساڭ بولىدۇ . h$t#[eH  
ئانا تىلىڭ غۇرۇر، مۇھەببەت، ۋىجدان، ئەقىدىنىڭ تىلى . ئۇ يىلىك. مەرىپەت، ھەقىقەت، قۇدرەت ئۇنىڭدىن باشلىنىدۇ . باشقا تىللار گۇۋاھنامە، شاھادەتنامە، كاپالەتنامە، ھوقۇقنامە تىللىرىدۇر . ezC.x@'_  
مۇكەممەل ئادەم بولۇش نەدىن باشلىنىدۇ؟ ھىدايەت ئۈستىگە قۇرۇلغان روھىي ساغلاملىقتىن، پىكىر تېرەنلىكىدىن باشلىنىدۇ . )H}u  
ياپونىيە ھەزارىتىدە ھەربىر ئادەم ئۆز گېپىنى بىمالال ئېيتىش ئاساسىدا كوللېكتىپ بىردەكلىككە ئېرىشىدۇ . جۇڭگودا بولسا ئادەملەر كۆڭلىدىكى گەپنى يۇتۇۋېتىش ۋە شەخسىيىتىدىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە كوللېكتىپ گەۋدە تەشكىل قىلىدۇ . جۇڭگودا « ئەنئەنىنىڭ قىممىتى يېڭىلىقتىن ئەلا، غايە رېئاللىقتىن ئەلا، تارىخ كېلەچەكتىن ئەلا، ئۆلۈك تىرىكتىن ئەلا، قېرىلار ياشلاردىن ئەلا، جۇڭگولۇقلار ئەۋلىيالارغا، ئەجدادلارغا، نوپۇز، كىتابلارغا ئىشىنىپ، ئۆزىگە ئىشەنمەيدۇ ». 1X z  
ئادەم بولۇش كېرەك. ئىككى پۇتلۇق ھايۋاندىن ئادەمگە ئايلىنىشنىڭ مۇساپىسىنى تېزرەك تاماملاش كېرەك، بولمىسا تۆت پۇتلۇق بولۇپ كېتىش خەۋپى يوق ئەمەس. .E4)r`IY  
ھەربىر ئادەم بيۇروكرات، ھەتتا ئەركىنلىكنى كۈيلەپ ئاغزىدىن كۆپۈك ئاقىدىغان شائىرمۇ ئىمكانىيەت تاپسىلا بيۇرۇكرات بولىدۇ . &.H PNNP*]  
ۋاقىت ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ئوكسېگىنى . ۋاقىت ئەڭ زور مۈلكى ھوقۇق. "d-d2]-A  
تەكلىماكان ۋە تارىم بىزنىڭ بەلگىمىز، توغراق بۇ بەلۋاغنىڭ مىننەتسىز قاراۋۇلى . W/qs@dR_  
ھەقىقىي زىيالىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئەمەس، ئەقىدە ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇشى كېرەك. WNdwsLk.~  
مەدەنىيەتنىڭ مەركىزىدە تۇرىدىغان نېگىزلىك قىممەت قارىشى بۇزۇلغان مىللەتنىڭ تەبىئىتى نومۇسنى بىلمەيدىغان بولۇپ كېتىدۇ . .iIoY3a  
  $|.5*\;3N<  
مەنبە:ئۆزىنى ئىزدەش بۇسۇغىسىدا
باشقۇرغۇچى ئەلتۈرۈك تېمىنى تەستىقلىدى .
salkin-bbs
| ۋاقتى : 2008-05-02 22:18 [باش يازما]
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەلكىن تورى » گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردىن تەرمىلەر

سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

     سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-5625600، 13609981040

Time now is:05-03 13:12, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation