« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: ئابدۇقادىر جالالىدىن؛ئۆزۈم ھەر جايدىمەن، كۆڭلۈم ﺳﻪﻧﺪﯨﺪﯗﺭ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 406 قېتىم كۆرۈلدى
شامال007
دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


UID نۇمۇرى : 12975
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 5
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە5دانە
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 115 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 51 نۇمۇر
قوللاش: 28 نومۇر
ئالقىش: 71 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-02
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ئابدۇقادىر جالالىدىن؛ئۆزۈم ھەر جايدىمەن، كۆڭلۈم ﺳﻪﻧﺪﯨﺪﯗﺭ

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئۇيغۇرئاي تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-05-02)
Y)S][$ *  
(ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا سۆزلەنگەن نۇتۇق) U!Pn^ Y  
mO41n:c@z  
                                                      q~r8+52C  
                                                      ئابدۇقادىر جالالىدىن   m!Y[5  
M"8mjFXyyk  
[ YMo|cgr  
vOfZon x  
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قەدىرلىك ساۋاقداشلار! ( 
بۈگۈن مېنى چەت ئەلدىكى ئىلمىي زىيارىتىم ئاساسىدا ئىگە بولغان تەسىراتلىرىمنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپسىلەر. بۇنىڭدىن WOF8Ze  
دۇنيانى بىلىشكە تەشنا يۈرىكىڭلارنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. توغرا، ئەتراپىمىزدىكى دۇنيانى چۈشىنىش بىزنىڭ ھوقۇقىمىز ۋە ھەققىمىزدۇر. ئۇچۇر ۋە بىلىمنى يۈكسىلىشنىڭ ئاساسلىق سەرمايىسى قىلىۋاتقان ھازىرقى شارائىتتا، دۇنيانى چۈشىنىش ئەقەللىي بىر 6Rdl9IG  
ئىش بولۇپلا قالماي، بىز دۇنيانى قانچىكى چۈشەنسەك، ئۆزىمىز ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزمۇ توغرىلىققا شۇنچە يېقىنلىشىدۇ. مەن سىلەرنىڭ يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان جۇشقۇن تەبىئىيىتىڭلارنى قەدىرلەيمەن. بۇ جەھەتتىكى ئىشتىياقىڭلارنى قاندۇرۇش قولۇمدىن كەلمەيدۇ، ئۆزۈڭلار توغرىسىدا ئازراق ئويلىنىپ كۆرۈشكە تۈرتكە بولالىساملا، ھەممىمىزنىڭ ھازىرقى ۋاقتى بىكارغا كەتمىگەن بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. Fx!K(R{(  
بەزىلەر مېنىڭدىن بۇ قېتىمقى چەت ئەل سەپىرىڭدىن زادى نېمىگە ئېرىشتىڭ، دەپ سوراشتى. مەن «ۋەتەندىن ئايرىلغان ئادەمنىڭ ھېچنېمىسى بولمايدىكەن، دېگەن ھەقىقەتنى ھېس قىلدىم» دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇلار بۇ جاۋابىمنى ناھايىتى ئاددىي ھېس قىلىشتى. شۇنداق، قارىماققا بۇ گەپ شۇنچە ئاددىي، لېكىن بۇ گەپنىڭ تېگىدىكى ھەقىقەتنى ھەربىر ئەۋلاد ئۆزىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن، ھىجراندىكى ئازابلىرى بىلەن، كۆز ياشلىرى بىلەن ئىزھارلاپ بولغىلى بولمايدىغان ماددىي-مەنىۋى بەدەللىرى بىلەنلا چۈشىنەلەيدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ بايلىقىغا تايىنىپ خاتىرجەم ياشاۋاتقان بىر بالىنىڭ ۋەتەن تۇيغۇسى بىلەن ئۇرۇشنىڭ زەربىسىدىن ئۆيى ۋەيران بولغان مېيىپ پەلەستىنلىك بالىنىڭ ۋەتەن تۇيغۇسىنى قانداقمۇ سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟! %2i{w( '[  
بەزى ھەقىقەتلەر ئېيتىلىشىدىنلا ناھايىتى ئاددىي ھەم ئاممىباب بولغاچقا، ئۇنىڭ توغرىلىقىدىن ھېچكىم گۇمانلانمايدۇ، ئۇنى تەبىئىي رەۋىشتە ئۆزىنىڭ خاتىرىسىگە ئېلىۋالىدۇ، ئالاھىدە بىر ئىش تەسىر قىلمىغۇچە ئىنسان ئۆزى پىششىق بىلىدىغان ھەقىقەت توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىپ باقمايدۇ، ئۇ ئويلىنىپ بېقىشقا مەجبۇر بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆزىنى يېڭىۋاشتىن چۈشىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. سىز ئۆز ۋەتىنىڭىزدە تۇرۇۋاتقاندا ۋەتەننىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلمايسىز ياكى يۈزەكى ھېس قىلىسىز، ئاشۇ ئەزىز ۋەتەندىن مەلۇم مەزگىل ئايرىلغاندا، »ۋەتەن« دېگەن بۇ سۆزنىڭ ۋەزنىنىڭ كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى بايقايسىز. MAH3bLw=lE  
مەن لوندوندا باشقىلارغا ياللىنىپ كۈن كەچۈرۈۋاتقان ئافغانىستانلىق بىر بالا بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇ يەردىكى رەھىمسىز ئۇرۇش ئوتى ئۇنى سەرگەردانلىق كوچىسىغا پالاپتۇ، ئۇ ئىككى ئاكىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ھازىرغىچە ئالالماپتۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ۋەھىمە ئىچىدە ھېس قىلىپ، يالغۇز ئانىسىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بوپتۇ. ئۇ ئانىسىنىڭ گېپىنى قىلىۋاتقاندا ئۆزىنى باسالماي يىغلاپ كەتتى. «مەن ئۆزۈمنىڭ ۋەتىنىدە نېمىشقا تۇرالمايمەن؟» دەيتتى ئۇ. مەن يەنە سۇمالىلىق بىر بالا بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، مەن ئۇنىڭدىن: «لوندوننى ياخشى كۆردىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدىم. «ۋەتىنىمدىكى ئۇرۇش ۋە قەھەتچىلىك مېنى سەرسانلىق بالاسىغا سالدى، مەن لوندوندا تۇرۇپ سۇمالىنى چۈشەيمەن» دېدى ئۇ ماڭا. 36~q:+  
ۋەتەن سېغىنچى مېنى راسا ئۆرتەپ تۇرۇۋاتقاندا، بىرەر كۆچمەننى كۆرسەم پۇرسەت بولسىلا ۋەتەن توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالاتتىم، ئۇلارنىڭ ۋەتەن توغرىسىدىكى ھەسرەتلىك بايانلىرى مېنىڭ يارامغا تۇز بولۇپ سېپىلەتتى. ھېلىمۇ ياخشى، بۈگۈنكى كۈندە مۇساپىرەتتىكى چاغلىرىڭىزدا دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايىدىن دەردلەشكۈدەك بىر قانچە ۋەتەنداشنى تاپالايسىز، ئۇلار بىلەن بولغان پاراڭ ئارقىلىق سىزنى قىيناۋاتقان سېغىنىش ئوتىنى باسالايسىز. مۇشۇنداق چاغدا شۇنداق تەسىراتقا كېلىسىزكى، قېرىندىشىڭىزنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ھەربىر گەپ، ھەربىر شېۋە، ئۇنىڭ مىجەزى ۋە روھىي ھالىتىنىڭ ئۆزىمۇ سىز سېغىنىۋاتقان سۆيۈملۈك ۋەتەننىڭ نەق بىر پارچىسى ئىدى. سىزمۇ بىلىسىز، ۋەتەن دېگىنىمىز قانداقتۇر بىر پارچە يەنىلا كۆرسەتمەيدۇ، ئۇ يەنە ئاشۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلق، خەلقنىڭ مىجەزى، ئۆرپ-ئادىتى، مەدەنىيىتى ۋە بىر پۈتۈن تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىراق بىر ئەلدە ئويلىمىغان يەردىن بىر قېرىندىشىڭىزنى ئۇچرىتىپ قالسىڭىز، سىزدە بىردىنلا ئىللىق دىلكەشلىك سەزگۈسى پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭ سالاھىيىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىر ئېغىز ئانا تىلىڭىزنى ئاڭلىسىڭىزلا زور تەسەللىگە ئېرىشىپ قالىسىز. شۇڭا، بەزىدە يەت مۇھىتتىكى تونۇش بىر چىراي، ئاددىي بىر سالام، ھەتتا بىرەر تاۋۇشنىڭ ئۆزىلا ۋەتەن بولۇپ تۇيۇلىدۇ. kBf20bm  
ئىستانبۇلنىڭ ئاۋات بىر كوچىسىدا بىز ئۇچ يۇرتداش يۇمۇرلۇق چاقچاقلىرىمىز بىلەن كېتىۋاتاتتۇق، «مېنىڭچە، كەينىمىزدىكى ئاۋۇ قىز چوقۇم ئۇيغۇر» دېدى ھەمراھىمىزنىڭ بىرى. بىز ئىختىيارسىزلا كەينىمىزگە ئۆرۈلۈپ قاراپ، شۇنداق سەت چاندۇردۇق. «نېمىگە ئاساسەن ئۇنداق دەيسەن؟ دەپ سورىدىم مەن ».ئۇ قىز چاقچىقىمىزدىن كۈلگەندەك قىلدى دېدى ھەمراھىم. مەن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ شۇ قىزنىڭ ئۆزىدىنلا سورىماقچى بولدۇم. بىز قىز بىزگە يېتىشكۈچە ساقلاپ تۇردۇق. قىز يېقىنلاپ كەلگەندە، «سىز ئۇيغۇرمۇ؟» دەپ سورىدىم. قىز كۈلۈپ كەتتى ۋە «شۇنداق»دەپ جاۋاب بەردى. بىز شۇ ھامانلا پاراڭلىشىپ كەتتۇق. ئۇ بىزنىڭ چاقچىقىمىزنى ئاڭلاپ قالغانىكەن. دېمەك، بىز قىلىشقان گەپنىڭ بىر بۆلىكىلا رەستىدىكى يات ئادەملەرنى قېرىنداشلىق رىشتى بىلەن ئورىۋەتكەنىدى. قىز ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقىلى ئۈچ يىل بوپتۇ، شۇ تاپتا چېنىقىش كۇلۇبىغا قاراپ ماڭغانىكەن. بىز ئارىمىزدىكى بۇنداق تارتىشىش كۈچىنى قەشقەر ياكى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا بولساق ھېس قىلالمىغان بولاتتۇق، بەلكىم بۇ كەيپىياتنى گۇمانسىراش ئىچىگە غەرق قىلىۋەتكەن بولاتتۇق. ئەسلىدە بىز بىر-بىرىمىز ئۈچۈن شۇ قەدەر سۆيۈملۈك بولۇپلا قالماي، بەلكى مۇھىم ئىكەنمىز. بىزدە «يالغۇز دەرەخ ئورمان بولماس» دېگەن ئاتىلار سۆزى بار، قېرىنداشلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدا بىر-بىرىنى كۆزىگە سىغدۇرالماسلىقى نادانلىقنىڭ ئالامىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. X>f#R[(X  
مەن لوندوندىكى ۋەتەنداشلارنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى بېرىلىپ ئاڭلاۋاتقانلىقىنى بايقىدىم، مەن چاقچاق قىلىپ: «سىلەر مايكول جېكسون، مادوننا، سېلىن دىئانلارنىڭ ناخشىسىنى ئانچە ئاڭلاپ كەتمەمسىلەر - نېمە؟» دەپ سورىدىم. ئۇلار: «ئۆزىمىزنىڭ ناخشىلىرى بەكرەك ياقىدىغان بولۇپ قالدى، سەۋەبىنى ئۆزىمىزمۇ ئۇقمايمىز» دېيىشتى. ھوللىۋودنىڭ كىنولىرىنىمۇ ياقتۇرۇپ كۆرىمىز، لېكىن ۋەتەندە ئىشلىگەن تۇرمۇش فىلىملىرىنى ئالاھىدە ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان بولۇپ قالدۇق، بۇ فىلىملەرنىڭ سەۋىيىسى تۆۋەن، لېكىن ئۆزىگە تارتىدۇ دېدى بىرەيلەن. مەن ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىتوتلىرىدىكى قەشقەر شېۋىسىنى ئاڭلاش ئۈچۈنلا تەكرار كۆرىمەن دېدى يەنە بىرەيلەن. W58gSI:  
مەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ ئاددىي ناخشا ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تىلغا ئالماقچى ئەمەس، دەل ئۇنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان كۈچ پەۋقۇلئاددە مۇھىم بولۇپ، مۇكەممەل ھەم ئالىيجاناب ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنە شۇنداق ئاددىي ئېلېمېنتلار ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. نەچچە يۈز توننا كېلىدىغان كىتمۇ ئاددىي ھۈجەيرىنىڭ مەھسۇلى ئەمەسمۇ؟! {Kk*B&=  
ئارىدا بىر ۋەتەندىشىم مېنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ قالدى، تاماقتىن كېيىن تاغدىن-باغدىن پاراڭلاشتۇق. گەپ ۋەتەن تېمىسىغا كەلگەندە ئۇ جىمىپ كەتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ سۈكۈتلۈك دەقىقىلىرىگە ھۆرمەت قىلدىم. ئۇ چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە بىر ئۆيگە چىقىپ كەتتى، ھايال ئۆتمەي بىر شېشىنى كۆتۈرۈپ كىردى. «بۇنى پۇراپ بېقىڭ» دېدى ئۇ شېشىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ. مەن ئېھتىيات بىلەن پۇرىدىم، ئاچچىق توپا ھىدى دىمىغىمنى يېنىك قىچىشتۇردى. مەلۇمكى، شېشىگە قاچىلانغىنى توپا ئىكەن. «بۇ مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىنىڭ توپىسى. كۈن نۇرىدا تاۋلانغان توپا، سەككىز يىل بولدى ساقلىغىلى» دېدى ساھىبخانا چۈشەندۈرۈپ. )2Bma~x4  
شىشىدىكى توپا مېنى ئويغا سالدى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ «توزان قەسىدىسى»دېگەن شېئىرى يادىمدىن كەچتى. چەت ئەلگە چىققان بىرەيلەن بىر مۇھاجىر قېرىندىشىنىڭ ئۆيىگە چۈشىدۇ، مېھمان ئۇچىسىدىكى كىيىمنى قاقماقچى بولغاندا، مۇھاجىر ساھىبخانىغا؛«قېرىندىشىم، ئۇ چاڭدىكى توپىنى قاقمىغىن، ئۇ مەن ئۈچۈن تەۋەررۈك تۇتىيا» دەيدۇ. مېنىڭچە، بۇنداق ھېسسىياتنى مۇساپىرچىلىقنىڭ مۇزدەك كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن ئادەملا چۈشىنەلەيدۇ. !'`s(IvG  
مەن شۇنى چۈشەندىمكى، چەت ئەلدىكى مۇھاجىرلار «ۋەتىنىم بارغۇ» دېگەن ئۈمىد بىلەن يۈرىكىنى پۈتۈن قىلىدىكەن، دەل مۇشۇ ئۈمىدنىڭ قۇدرىتى بىلەن نەچچە ئون يىللىق قارا ھىجرانغا بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن. D~~,X0^  
بەلكىم سىلەر «ۋەتەن» دېگەن زادى نېمىدۇ، دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن. ۋەتەن ئابستراكت مەنىدىكى جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم ئەمەس، ئۇ سىز چوڭ بولغان ئۆي، مەھەللىڭىزدىكى كاداڭ قاپاق تېرەك، سىز كېچىپ ئۆتكەن كېچىك، ياۋا گىياھلار قاپلاپ كەتكەن خارابە، سارغىيىپ كەتكەن قوليازما، سىزگە ئىسرىق سېلىپ ئوت كۆچۈرۈپ قويغان مويسىپىت موماي، سىزگە ئىسىم قويۇپ بەرگەن ئاخۇنۇم، قوي-كالىلار توپ توزۇتۇپ كېتىۋاتقان يېزا يولى، دېھقاننىڭ تېرىق زاغرىسىدەك يېرىلىپ كەتكەن تاپىنى، بۇرۇن ئۆتكەن ئالىملارنىڭ سىماسى ۋە ئۇلار ياراتقان ئەقىل-پاراسەت... ....ۋەھاكازالار. سىز يىراق بىر يەرگە كېتىپ ۋەتىنىڭىزنى سېغىنغاندا، ئالدى بىلەن ئانىڭىزنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئېتىپ بەرگەن چۆچۈرىسى ياكى ئۆزىڭىز كۆپ ماڭغان قەدىم كوچىلارنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق بولۇشى تامامەن يوللۇق. چۈنكى، ۋەتەن كونكرېت ئۇقۇم، مۇھەببەتمۇ كونكرېت ھېسسىيات، سىزنىڭ ئۆز خەلقىڭىزگە ۋە ۋەتىنىڭىزگە بولغان مۇھەببىتىڭىز ئۆزىڭىز باشتىن كەچۈرگەن نۇرغۇن كونكرېت ئىشلار، سىز ئۇچراتقان نۇرغۇن كونكرېت ئادەملەرنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن بولىدۇ. شۇڭا، سىز ياقا يۇرتتا كۆرگەن بىر پارچە سۈرەت، ھەتتا قامۇسلاردىن ئورۇن ئالغان يۇرتىڭىزنىڭ بىرەر خىل قۇشىمۇ يۈرىكىڭىزنى لەرزىگە سالىدۇ، سىز يات بىر ماكاندا يۇرتىڭىزغا دائىر كىچىككىنە ئۇچۇرنى كۆرسىڭىز پەخىرلىنىپ كېتىسىز. ئەنگلىيىدىكى ۋاقتىمدا توۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پوباجىن دېگەن يېرىدىن 8- ئەسىرلەردە ئۆتكەن مويۇنچۇر قاغان تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان ئۇيغۇر قەلئەسى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ، ۋەتەن ھەققىدىكى ئۇقۇمۇمدا كېڭىيىش بولغانىدى. تارىخ ئىلىمىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىدە نەقەدەر مۇھىملىقىنى مۇشۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تارىخىي پاكىتلار بىلىش ئۇپۇقىمىزنىڭ سىرتىدا قالغاندا، ئېچىلىشقا تېگىشلىك ھەقىقەتنىڭ ئاچقۇچى بولالماي قالىدۇ. 0Q0_Y,hN  
ۋەتەننىڭ پاسىلى سىزنىڭ ئەقىل قۇۋۋىتىڭىز، غەيرەت-شىجائىتىڭىزنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ كېڭىيىدۇ. نەزەر دائىرىسى تار، شەخسىيەتچى ئادەملەرنىڭ نەزىرىدىكى ۋەتەن تولىمۇ كىچىك بولىدۇ، نادانلىق ۋە نومۇسسىزلىق ئىسكەنجىسىدە قالغانلارنىڭ تاماق قاچىسى قەيەردە بولسا، شۇ يەرنى ئۆزىنىڭ ۋەتىنى دەپ قارايدۇ، ئۇلار ۋەتەننى تاماق قاچىسى ئارقىلىق چۈشىنىدۇ، ئۆز نەپسىگە بولغان تۇتقۇنلۇقتىن قۇتۇلالمىغان ئىنسان ۋەتەننى سۆيۈش لاياقىتىدىن مەھرۇم بولغان بولىدۇ، بىر جەمئىيەتتە بۇنداق قورساق بەندىلىرى كۆپىيىپ كەتسە، خەلقنى ئاپەت باسقىنى شۇ. LS`BZ;  
ساۋاقداشلار، مەن سىلەرگە ۋەتەن توغرىسىدا سۆزلەۋاتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن گېپىمنى ۋەتەن ھەققىدىكى تەسىراتىمدىن باشلىدىم. بىر ئادەم سۆيۈملۈك ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ بىر مەزگىل چەت ئەلدە يۈرۈپ، ئۆز ۋەتىنى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانسا، ئۇنىڭ سەپىرىنى تولۇق غەلىبىلىك بولدى دېگىلى بولمايدۇ. مېنىڭ ۋەتەن توغرىسىدا مەخسۇس توختىلىشىمنىڭ سىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا زۆرۈرىيىتى باردۇ؟ ,NbOn]1  
سىلەر ئالاھىدە بىر دەۋردە ياشاۋاتىسىلەر، ھازىر ئۇچۇر ۋە ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش ئاجايىپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئىقتىساد ۋە مائارىپ يەرشارىلىشىۋاتىدۇ، دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە كۈچىيىۋاتىدۇ، چوڭ مىللەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ تەسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» دېگەن ئۇقۇم بىلەن بىللە «مەدەنىيەتلەر دىئالوگى»، «مەدەنىيەتلەرنىڭ تەڭ مەۋجۇد بولۇشى»دېگەندەك شوئارلارمۇ بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، كىشىلەر خىرىس بىلەن ئۈمىد بىللە مەۋجۇد دەپ تەسۋىرلىگەن ۋەزىيەت دەل بىزنى ئوراپ تۇرماقتا. سىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېيجىڭ، شاڭخەيلەردە ئوقۇشىڭىز مۇمكىن، بەلكىم كېيىنچە ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىشىڭىز مۇمكىن. روشەنكى، سىز تۇغۇلغان يېرىمدە مەڭگۈ تۇرىمەن دەپ ئېيتالماسلىقىڭىز مۇمكىن. بۈگۈنكى كۈندە «دۇنيانىڭ يەرشارىلىشىشى» دېگەن گەپ پۇرسەتنىڭمۇ يەرشارىلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. قەيەردە خەلقىمىزگە لازىم بىلىملەر بولسا، ئىمكانقەدەر شۇ يەرگە بېرىپ ئوقۇشىڭىز كېرەك، بىزنىڭمۇ دۇنيادىكى داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىدا ئىشلەيدىغان ئالىملىرىمىز بولۇشى كېرەك؛ بىزنىڭمۇ دۇنيانىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ئورۇنلىرىدا قەد كۆتۈرگەن خادىملىرىمىز بولۇشى كېرەك، سىلەر مۇشۇنداق ئالىي مەقسەتلەرنى كۆڭلۈڭلارغا پۈكۈپ تۇرۇپ ئوقۇشۇڭلار لازىم. يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىسام، قازاقىستاننىڭ غالجات مەھەللىسىدە چوڭ بولغان، ئامېرىكىنىڭ بىر ئالىي مەكتىپىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتى شۆھرەت مۇتەللىپ غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى ئارقىلىق خەلقئارادا چوڭ تەسىر قوزغاپتۇ. ھە دېسىلا كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يەردىن چىقماسلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسابلانمايدۇ، بىر ئۆمۈر ۋەتەندە ياشاپ ئۆزىنىڭ قېرىندىشىغا ھېچ ئىش قىلىپ بەرمەيدىغان ئىنسانلارمۇ بولىدۇ. ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىپ چەت ئەلدە تۇرۇپ قېلىش ۋەتەننى تەرك ئەتكەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ، چۈنكى، چەت ئەلدە تۇرۇپمۇ ۋەتەنگە ئىش قىلىپ بەرگىلى بولىدۇ. ۋەتەندە ياشاپ تۇرۇپ قەلبىڭىزدە ۋەتەن بولمىسا، ۋەتەن ئالدىدا نانكور بولىسىز، ۋەتەندە بولالمىسىڭىزمۇ ۋەتەن ئۈچۈن پايدىلىق ئىش قىلسىڭىز، يەنىلا ۋەتەنپەرۋەر بولالايسىز. رۇسىيە شائىرى شىدرىن: «ۋەتىنى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ تەقدىرى بىلەن كارى بولمايدىغان ئىنسانلار ئەڭ خەتەرلىكتۇر» دېگەنىكەن. سىز نەدە بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئانا تۇپراققا بولغان سەمىمىي رىشتىڭىزنى ئۈزمىسىڭىزلا، بۇ رىشتە سىزنى ئادەمىيلىكنىڭ سۈزۈك بۇلاقلىرىغا ئۈندەپ تۇرىدۇ، ئۆزىڭىزدە ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچنى سېزىپ تۇرىسىز. كلاسسىك شائىرلىرىمىز «ئۆزۈم ھەر جايدىمەن، كۆڭلۈم سەندىدۇر» دېگەن ئوتلۇق مىسرانى قالدۇرغان، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ۋەتەنگە تەتبىقلىساق تازا جايىغا چۈشىدۇ. ئادەتتە پەننىڭ چېگرىسى بولمايدۇ، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ئورتاق بايلىقى، لېكىن ئالىمنىڭ ھامان ۋەتىنى بولىدۇ. قۇش ھەر قانچە ئېگىز پەرۋاز قىلسىمۇ، ئۇنىڭ ئوزۇقى بىلەن ئۇۋىسى زېمىندا بولىدۇ. NRHlfiy!\  
ساۋاقداشلار، مەن سىلەرگە تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىنى يەر شارى كەڭلىكىدىن ئىزدەڭلار، لېكىن ۋەتىنىڭلارنى ئۇنتۇماڭلار دەۋاتىمەن. شۇنى ئەسكەرتمەي بولمايدۇكى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنىمۇ تەربىيىلەشكە ۋە پەرۋىش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىك قەيەردىن باشلىنىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئۇ ئالدى بىلەن ئائىلىدىن باشلىنىدۇ. بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز، تۇغقانلىرىمىز، بوۋا ۋە مومىلىرىمىز، ئاندىن قالسا قۇلۇم-قوشنا، مەھەللە-كويلىرىمىز ئەڭ بىۋاسىتە ۋەتەندۇر. بىز مۇشۇ ۋەتەن ئاساسىدا ۋەتەن ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزنى تەدرىجىي كېڭەيتىمىز، بېيىتىمىز ۋە ئالىيجاناب پەللىگە كۆتۈرىمىز. بىزنىڭ مىجەز-خۇلقىمىز ئانىمىز بەرگەن سۈت ۋە نان بىلەن شەكىللىنىدۇ، چۈنكى ئانىلار ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئالەمچە مېھرىنى قوشۇپ بېرىدۇ. بىزنىڭ مىجەز-خۇلقىمىز ئاتىمىز بەرگەن غۇرۇر بىلەن بېجىرىملىك ۋە قەتئىيلىككە ئىگە بولىدۇ. ئاتا-ئانا بىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز سۈپىتىدە خاراكتېرىمىزگە ئۆچمەس تامغىلارنى باسىدۇ، ئەگەر ئۇلار ئۆزىمىز تەۋە بولغان خەلقنىڭ ئۆتمۈشى، ئېسىل ئەنئەنىسى، پارلاق مەدەنىيىتىنى بىلدۈرەلمىسە، بىز بالىلىقتىكى ناھايىتى مۇھىم ئوزۇقتىن مەھرۇم قالغان بولىمىز. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۇستازى، ئانا تىلىمىزدىكى چوڭقۇر مەنالىق، ھېسسىياتقا باي سۆزلەرنى پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىدىن ئۆگىنىدۇ. ئانا تىل شۇنىڭ ئۈچۈن قۇدرەتلىككى، ئۇنى بىزگە مېھرىبان ئاتا-ئانىلىرىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىز مۇھەببەت بىلەن ئۆگەتكەن، تىلىمىزدىكى ھەربىر تاۋۇش، ھەربىر ئاھاڭ بىزگە ئازادىلىك ۋە مۇھەببەت ئەۋجىدىكى شېرىنلىك ئىچىدە سىڭگەن بولىدۇ. بىز ئاتا-ئانىلىرىمىز ئارقىلىق سۆيۈشنى ۋە سۆيۈلۈشنى ئۆگىنىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ھەرىكىتى، ئىنكاسى، خۇشاللىق ۋە قايغۇسى بىلەن تەبىئىي ئۆزلىشىپ كەتكەن ھايات بىلىملىرىنى ئۆگىنىمىز، بۇ بىلىملەر بىزنىڭ كېيىنكى سىستېمىلىق پەننىي بىلىملىرىمىزنىڭ خۇرۇچلىرىغا ئايلىنىدۇ.  
بىز ئۆسكەن مەھەللە بىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىمىزنىڭ يەنە بىر ئۇستازى، بىزنىڭ بالىلىقىمىز مەھەللىمىزدىكى تەبىئىي مەنزىرە، مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى دۇنياسى بىلەن گىرەلىشىپ كېتىدۇ، بىزنىڭ تىلىمىز مەھەللىدىن ئىبارەت بۇ ئىخچام مەدەنىيەت مۇزېيى ئارقىلىق تېخىمۇ بېيىيدۇ، غەمسىز بالىلىق بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن مەھەللە بىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ئەسلىمىمىزگە ئايلىنىپ، خۇشاللىق ۋە لەززەت ئاتا قىلىپ تۇرىدۇ، بىز ئۇنىڭدىن بىر ئۆمۈر روھىي ئوزۇق ئالىمىز، بىر ئۆمۈر ئىلھاملىنىمىز. بىر مىللەتنىڭ تىلىدىكى سۆز بايلىقى، ئىپادىلەش ئۇسۇلى شۇ خەلق ياشىغان ماكاننىڭ ئېكولوگىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بىزدە بىر بالا تۇغۇلسا «ئوغۇلمۇ، قىزمۇ؟» دەپ سوراشنىڭ ئورنىغا «بۆرىمۇ، تۈلكىمۇ؟» دەپ سورايدىغان ئەھۋاللار بار. ئەگەر بۆرە بىلەن تۈلكە خەلقىمىز ياشاپ كەلگەن بۇ مۇقەددەس زېمىندا مەۋجۇد بولمىسا، بىزدە بۆرە بىلەن تۈلكىنىڭ ھاياتى ۋە خۇسۇسىيىتى ھەققىدە ئىنچىكە كۆزىتىش بولمىسا، ئۇلار ھەققىدە ھەقىقىي تونۇشمۇ بولمايتتى، جۈملىدىن يۇقىرىقىدەك ئىپادىلەشمۇ بولمايتتى. تىل دېگەن ھاياتلىقتىكى كونكرېت ماكان-زاماننىڭ مەنىۋىلىشىشى سۈپىتىدە بىر مىللەتنىڭ ھايات شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇڭا، بىر مىللەتنىڭ خۇلقىنى ئۇنىڭ تىلىدىن روشەن كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بالىلىقتا قوبۇل قىلغان تىل بىلەن تەپەككۇر بىزنىڭ كېيىنكى ۋەتەنپەرۋەرلىكىمىزنىڭ گېنىغا ئايلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاتاقلىق مائارىپشۇناس م. مونتىسسارى: «كىشىلەر ۋايىغا يەتكۈزۈپ سۆزلىيەلەيدىغان بىردىنبىر تىل - دەل بوۋاق مەزگىلىدە ئۆگەنگەن ئاشۇ تىلدۇر» دېگەنىدى. بىز باشقا تىللارنى ئانا تىلىمىز ئارقىلىق ئۆگىنىمىز ۋە دۇنياغا يۈزلىنىش مۇساپىمىزنى بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن باسىمىز. bJ@,c;N  
ساۋاقداشلار، سىلەر ئۈرۈمچىدە چوڭ بولدۇڭلار، ئۈرۈمچى كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان ئارىلاشما مەدەنىيەتلىك شەھەر، سىلەر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى يېزا-قىشلاقلاردا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىڭلارغا نىسبەتەن بىر قەدەر ئەۋزەل ئائىلە ۋە مەكتەپ شارائىتىدا يېتىلدىڭلار. مەن سىلەرنىڭ ئائىلە ئەھۋالىڭلارنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن، سىلەردىن شۇنى سوراپ باققۇم كېلىدۇ: ئۆيۈڭلاردا كىچىكرەك بولسىمۇ ئائىلە كۇتۇپخانىسى بارمۇ-يوق؟ سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز تارىختىكى ھەم ھازىرقى ئالىم-ئەدىبلىرىمىزنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ تۇرامدۇ-يوق؟ سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز ئائىلەڭلارنىڭ نەسەبنامىسىنى سۆزلەپ بېرەلەمدۇ-يوق؟ ئەگەر يۇقىرىقى شەرتلەر ھازىرلانمىسا، سىزنىڭ ئائىلىڭىزنىڭ مەنىۋى مۇھىتىنى ھەرگىزمۇ مۇكەممەل دېگىلى بولمايدۇ. شۇنى تولۇقلاش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەڭ ياخشىسى سىز ئاتا-ئانىڭىزدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن سوئال سوراڭ، بۇنداق قىلىش سىزنىڭ ئۇلارغا قىلغان ياردىمىڭىز بولىدۇ، ئۇلار سىزنىڭ سوئاللىرىڭىزدىن ئۆزلىرىنىڭ كەمتۈك تەرەپلىرىنى ھېس قىلىدىغان بولسۇن. كلاسسىك كىتابلار سىزنىڭ ئەجدادلىرىڭىزنىڭ ئاۋازى، سىز بۇ كىتابلارنى ئوقۇسىڭىز ئەجدادلار بىلەن ئۆزىڭىزنى تۇتاشتۇرالايسىز، ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى چۈشىنىدىغان بولىسىز، ئۆزىڭىزنى توغرا تارىخىي ئاڭغا ئىگە قىلالايسىز، ئەقىل بۇلىقىڭىز تېخىمۇ ئۇلغىيىدۇ، ئىجادىيەت ھەۋىسىڭىز ئۇرغۇيدۇ. سىز ئىراننىڭ 10-، 11- ئەسىرلەردە ئۆتكەن داڭلىق شائىرى ئوبۇلقاسىم فىردەۋسىنى بىلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇ تۈرك نەسىللىك سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى خوراسانغا ھۆكۈمدار بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، پارسلارنىڭ ئەپسانە دەۋرىدىن ئىسلاملىشىش دەۋرىگىچە بولغان تارىخىنى پارس تىلىدا يېزىپ چىقىپ، «شاھنامە» دېگەن مەشھۇر ئەسەرنى تەقدىم قىلىدۇ. شائىر ئۆز ئەمگىكىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق يازىدۇ؛ S\4*5D2 [  
&cm&jHn.  
ئوتتۇز يىل مېھنەت ھەم زەخمەتتە قالدىم، ?`I 
پارسچىدا ئىراننى قۇتقۇزۇپ ئالدىم. Q(YM6L  
c02e$1Og  
فىردەۋسى شۇنى بىلىدۇكى، چېچىلاڭغۇ تارىخ راۋان، ساپ تىل بىلەن رەتلىنىپ بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلانغاندا، ئۇ ئەۋلادلارنىڭ ئۆزىنى بىلىشىدىكى ۋە قەدىر-قىممەتنىڭ ئالتۇن بوسۇغىسىنى تېپىشىدىكى يول خەرىتىسىگە ئايلىنىدۇ. ntCj+r ]?  
ساۋاقداشلار، ئۈرۈمچى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى بولسىمۇ، خەلقىمىزگە ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلىدىغان دېھقانلار ئاممىسىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرمىسىڭىز ۋەتىنىڭىزنى ھەرگىز تولۇق چۈشىنەلمەيسىز. ۋەھالەنكى، بىزنىڭ دېھقانلىرىمىز يېزىلاردا، سىز يېزىلارغا بېرىپ باقتىڭىزمۇ؟ يېزىلىرىمىزنىڭ جاپالىق، لېكىن سېخىي قىياپىتىنى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەگەر تېخىچە ئۇنداق قىلىپ بولالمىغان بولسىڭىز، مەن سىزگە تەكلىپ بېرىمەنكى، تەتىلدىكى پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ جەنۇب ۋە شىمالدىكى يېزىلارغا بېرىڭ، شۇ چاغدا ۋەتىنىڭىزنىڭ بىپايان قۇچىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالىسىز، خەلقىڭىزنىڭ روھىدىكى بايلىقلارنى كۆرۈپ كۆڭلىڭىز لىققىدە بولىدۇ. تەكلىماكان ۋادىسىدىكى ھەر بىر يۇرت، ھەر بىر شەھەر ئۆزگىچە خىسلەتلەر بىلەن سىزنى رام قىلىۋالىدۇ، سىزگە ھەر قانداق كىتابتا دېيىلمىگەن ھايات مۆجىزىلىرىنى نامايان قىلىدۇ، سىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەددى-ھېسابسىز ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئۈرۈمچىنىڭ ئېگىز بىنالىرىدىن تورلىشىپ كەتكەن كۆزلىرىڭىز كەڭ دالىلارنىڭ باغرىدا ئەركىن قىيغىتىدۇ. سىز ئانا دىيارىڭىزدىكى تاغ-دەريالارنى، ئۇنىڭدىكى بايلىقلارنى، خەلقىڭىزنىڭ ياشاش شەكلىنى تۈزۈك چۈشەنمەيلا يىراق ئەللەرگە كېتىپ قالسىڭىز، كېيىنچە پۇرسەت يارىتىش تېخىمۇ تەس بولىدۇ. چۈنكى، سىز چوڭ بولغانسېرى ئالدىراش بولۇپ كېتىسىز. شۇنداق بىر ئاددىي پرىنسىپ بار، بىلىپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن: ئۆزىنى سۆيۈشنى بىلمىگەنلەر باشقىلارنى سۆيەلمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى سۆيمىگەنلەر باشقىلارنى تېخىمۇ سۆيمەيدۇ، ئۆز ۋەتىنىنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلەر باشقىلارنىڭ ۋەتىنىنىمۇ قەدىرلەشنى بىلمەيدۇ. بۇنداقلار ئۆزىنىڭ قەدرىنى مەڭگۈ باشقىلارغا بىلدۈرەلمەيدۇ. مەن سىزگە بىر ئاددىي ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قىممەتلىك تەرەپ ھەققىدىكى بىر مىسالنى دەپ بېرەي، بۇنى بىر ۋەتەندىشىم ماڭا دەپ بەرگەنىدى: «ئىستانبۇلنىڭ بىر قاتناش بېكىتىنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتاتتىم، - دەپ بايان قىلىشقا باشلىدى ئۇ ۋەتەندىشى، - بىر ئايالنىڭ قويۇق خوتەن شېۋىسىدىكى گېپى مېنى ئەندىكتۈرۈۋەتتى، ئۇ ئايال مېنىڭ ئۇيغۇرلۇقۇمنى ھەرگىز بىلمەيدۇ، مەنمۇ ئۇ ئايالنى تونۇمايمەن، ئۇ مېنى بىر تۈرك دەپ يول سورىغانىدى، مەن ئۇ ئايالدىن ھەم ھەيران قالدىم، ھەم سۆيۈندۈم. ئۇ ھېچقانداق ئىككىلەنمەيلا ئۇيغۇرچە سۆزلىدى. ئەگەر ئاقسۇدا ياكى غۇلجىدا بولغان بولسا ھەيران بولمايتتىم. ئۇ ئۇيغۇرنى ئالايىتەن ئىزدىمىسە ئۇچراتقىلى بولمايدىغان يات بىر شەھەردە خوتەن پۇراپ تۇرىدىغان تەلەپپۇزدا مەندىن يول سورىدى. قارىسام ئۇ ئايالدا نە تەڭقىسلىق، نە خىجىللىقنى كۆرگىلى بولمايتتى، ئەكسىچە ناھايىتى تەبىئىي تۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە جاۋاب بېرىپ يولنى چۈشەندۈردۈم. ئۆزۈم شۇنداق ھاياجانلىنىپ كەتتىم.» uL,+)-V[0  
مانا بۇ بىزنىڭ خەلقىمىزدىكى ساپ دىللىق. ئىشىنىمەنكى، ئۇ ئايال ئىستانبۇللۇق بىر تۈرككە ئۇچراپ قالغان بولسىمۇ غەرىزىنى ئۇقتۇرالىغان بولاتتى. بىر سودىگەر ئۇيغۇرچە سۆزلەپ يۈرۈپ ئالمۇتا، بېشكەك، تاشكەنت، ئاشخاباد، باكۇ، ئىستانبۇللاردا نان تېپىپ يېيەلىگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. ئەگەر سىز ئانا تىلىڭىزغا پىششىق بولۇپ، خەنزۇ تىلىغىمۇ ماھىر بولسىڭىز، كېيىن ئىنگلىز تىلى قاتارلىق چەت ئەل تىللىرىنىمۇ ئۆگەنسىڭىز، سىز ياشىيالايدىغان مۇھىت ھەسسىلەپ كېڭەيگەن بولىدۇ. سىز كۆپ تىللىشىش دەۋرىدە ياشاۋاتىسىز، ئۆزىڭىز بىلەن ئۆزگىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ھۆرمەت مۇناسىۋىتىنى قانداق يارىتىسىز؟ بۇ سىلەردەك ئەۋلادنىڭ ئالدىغا قويۇلغان چوڭ مەسىلە. تىل - بىلىملەر خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچى، ئادەم بىلەن ئاچقۇچنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئادەم بەلگىلىگۈچى ئامىل، ئاچقۇچنى نېمىگە ئىشلىتىسىز؟ بۇ غايە مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. :R_qpq_  
ساۋاقداشلار، سىز ئانا يۇرتىڭىزدىن ئايرىلغان ھامان ۋەتەن ۋە تىل مەسىلىسى شۇ ھامان ئايدىڭلىشىدۇ. بۇلارنى توغرا ھەل قىلماي تۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇڭا، مەن بۈگۈن بۇلار ھەققىدە توختالدىم. يول ماڭغانسېرى ئېچىلىدۇ، دېگەن گەپ بار. سىلەر زېرەك ھەم چېچەن، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاستا-ئاستا بىلىۋالىسىلەر. ئاخىرىدا مەن سىلەرنىڭ تېنىڭلارغا سالامەتلىك، ئۆگىنىشىڭلارغا ئۇتۇق، تۇرمۇشۇڭلارغا بەخت تىلەيمەن. زەپەر سىلەرگە يار بولسۇن! a&sEx  
كۆپچىلىككە رەھمەت! raNq!.nj  
)?%N Sf"  
$tb_`[  
Uh^"a.HNy  
ئاپتور شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە تارماق ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى -dgyhN%zD  
8Uh0Vx8Q  
s]W {  
ئەسكەرتىش ؛مەزكور ماقالە شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2008- يىللىق 2- سانىدىن ئېلىندى.
باشقۇرغۇچى گىلادىئاتور تېمىنى تەستىقلىدى .
salkin-bbs
| ۋاقتى : 2008-05-02 02:18 [باش يازما]
ئاناقۇشئۇۋىسى
sumrug ana uwisida
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالىي ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 10208
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 955
ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە955دانە
شۆھرەت: 968 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 4084 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 954 نۇمۇر
قوللاش: 946 نومۇر
ئالقىش: 974 كىشلىك
دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
توردىكى ۋاقتى :868(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-03
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىلىم ئەھلىللىرى بىلەن ھەم سۈھبەتتە بولۇش،تولىمۇ ھوسۇللۇق ھەم كۆڭۈللۈك ئىش،ئىنساننىڭ تۇيغۇلىرى خۇددى بىر ئىتىلگەن قۇلۇپ ئوخشاشكەن .،سەن ئۇنىڭ ئاچقۇچىنىڭ قەيەردىلىگىنى بىلمەيسەن.....ئۇنى چېقىش يا قولۇڭدىن كەلمەيدۇ............. xjJP  
لىكىن تالاي كىتاپ ۋە ۋەسىقىلەر ئارىسىدىن ئىزدەپمۇ تاپالمىغان ئېچىش ئۇسۇللىرى،پاراسەتلىك ئالىمنىڭ بىرەرئېغىز سۆزى بىلەن ئوزىنى  كۆرسىتىدىكەن................. #ME9&(IQ-  
ئا.جالالىدىننىڭ  بۇ تىمىسىمۇ ،قانچىلىغان گۈدەكلەرنىڭ قەلىبلىرىنى كەڭرى پىكىرلەر بوشلۇقىغا ئېچىۋەتكەندۇ....
salkin-bbs
ئويلايدىغىنىم -------ھەر-بىر نەپەس ئۈچۈن سوراق بىرىمىز!!
| ۋاقتى : 2008-05-02 05:40 1 -قەۋەت
پىنھانبۆرە
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 9284
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 72
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە72دانە
شۆھرەت: 72 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 705 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 111 نۇمۇر
قوللاش: 91 نومۇر
ئالقىش: 161 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :53(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-02
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئالىمنىڭ ئېيتقانلىرى تولىمۇ ئورۇنلۇق .  gB z  
ئوقۇغۇچىلار  تەتىل مەزگىللىرىدە يېزا-قىشلاقلارغا كۆپرەك چۈشۈپ  دېھقان -چارۋىچىلىرىمىزنىڭ  تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بېقىشى ئىنتايىن زۆرۈر . &8&JS`l  
بۇنىڭ ئۈچۈن ئالىمغا ۋە مۇشۇ تېمىنى يوللىغۇچىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن .
salkin-bbs

كۆرۈپ خەلقىم ئەھۋالىتىن كۆڭلۈمنىڭ ھېچ ئارامى يوق، 
ئۆزۈم بىر دېڭىزدىن تامچە چوڭ ئىشلارغا مادارىم يوق. 
كېلىڭ دوستلار بىرلىشەيلى،شۇندا بىزدەك غالىپ يوق،
بلمىدىم ،چىن سۆزلىرىمگە  بىرەر يۈرەك سوقامدۇ يوق؟؟!!
| ۋاقتى : 2008-05-02 09:06 2 -قەۋەت
kurax-14
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 11867
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 281
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە281دانە
شۆھرەت: 281 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 1930 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 336 نۇمۇر
قوللاش: 307 نومۇر
ئالقىش: 413 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :55(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-03
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇنداق ئالىملىرىمىز بىلەن بىر پاراڭلاشسام دەپ ئويلاتتىم.....پاراڭلاشقاندەك بولدۇم.... Bqjhyfr/3  
رەھمەت تىما ئىگىسىگە....
salkin-bbs
ئانا تىلمىزنى قوغدايلى
| ۋاقتى : 2008-05-02 12:01 3 -قەۋەت
@ئۇمۇد@
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 12032
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 113
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە113دانە
شۆھرەت: 113 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 715 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 121 نۇمۇر
قوللاش: 117 نومۇر
ئالقىش: 131 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :35(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-03
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

مىراجىخان تورىدا ئالىمنىڭ شىنجىاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى بار ئىكەن، تورداشلارغا يوللاپ قويدۇم ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۇپ قۇيۇشۇڭلارنى ئۇمۇد قىلىمەن. 7;#`Wl 
تور ئاددىرىس:  http://www.mirajihan.com/bbs/
salkin-bbs
| ۋاقتى : 2008-05-02 12:22 4 -قەۋەت
يىللار
دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


UID نۇمۇرى : 11822
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 74
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە74دانە
شۆھرەت: 74 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 615 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 96 نۇمۇر
قوللاش: 84 نومۇر
ئالقىش: 129 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-02
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشىلار ياشنىسۇن
salkin-bbs
| ۋاقتى : 2008-05-02 12:31 5 -قەۋەت
ماينۇرەم
ئالىي ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 12503
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 28
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە28دانە
شۆھرەت: 37 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 35 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 74 نۇمۇر
قوللاش: 51 نومۇر
ئالقىش: 94 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-02
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

رەخمەت  سىز  گە.................
| ۋاقتى : 2008-05-02 13:21 6 -قەۋەت
مۇھەممەد-2008
ئالىي ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 9131
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 447
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە447دانە
شۆھرەت: 888 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 8216 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1289 نۇمۇر
قوللاش: 875 نومۇر
ئالقىش: 2019 كىشلىك
دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
توردىكى ۋاقتى :200(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-03
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

چۈشتە بۇ تېمىنى  كۆپەيتىۋىلىپ قۇرمۇ-قۇر  ئەستايىدىل  كۆرۈپ چىقىپتىمەن، ھەقىقەتەن ۋەزنىلىك  نوتۇق ئىكەن، بەلكىم ۋەتەننىڭ قەدرىگە  ۋەتەندىن ئەيرىلغاندا  ئاندىن  تىخىمۇ  يەتكىلى  بولا. بۇ نوتۇقتا  بەزى موھىم مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا  قويۇلۇپتۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئەستايىدىل  كۆرۈپ  بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئامىرىكا بىزنىڭ دوستىمىز!
| ۋاقتى : 2008-05-02 15:36 7 -قەۋەت
ئانايۇرۇت
ئۆرلە ئۇيغۇر
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 11828
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 416
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە416دانە
شۆھرەت: 416 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 2468 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 451 نۇمۇر
قوللاش: 433 نومۇر
ئالقىش: 496 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :93(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-03
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

دىمەك بىلىمنى قانچە ئالغانسىرى شۇنچە ئازلىق قىلىدۇ.شۇ لىكسىيىنى ئاڭلىغان ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ بۇ ئىلىم ئەھلىدىن ئىگەللىگەن بىلىملېرىنى تېزىرەك ھەزىم قىلىپ كۆڭلىگە غايىۋى نىشانلارنى پۇكۈشىنى چىن كۆڭلۇمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.
قاسىم ئىبىنى ھاكىمجان مۇسلىمىدىن فارابى
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
تىڭىرقىمايمەن دوستلار،تىلەيمەن ئالى تىلەكلەرنى،
چۇشۇرمەيمەن جەڭگە ئاتاپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.
| ۋاقتى : 2008-05-02 15:40 8 -قەۋەت
كۆلتىكىن2-نۇمۇ
مۇنبەر قىززىقچىسى
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 11545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 669
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە669دانە
شۆھرەت: 745 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 4101 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 681 نۇمۇر
قوللاش: 628 نومۇر
ئالقىش: 771 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-02
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

بىزنىڭ مەكتەپنىڭ پىراپپىسورى ئۇ $b!q9S"0I  
بىزگە تەلىم بەرگەن شۇ مىنۇتلارنى ئۇنتۇپ قالمايمەن جۇمۇ
| ۋاقتى : 2008-05-02 16:18 9 -قەۋەت
قەلبىم_بىمار
قەلبىم _بىزار كۇنلەردىن،
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 3283
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 744
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە744دانە
شۆھرەت: 767 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 3466 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 771 نۇمۇر
قوللاش: 741 نومۇر
ئالقىش: 841 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :111(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-02
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئارىدا بىر ۋەتەندىشىم مېنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ قالدى، تاماقتىن كېيىن تاغدىن-باغدىن پاراڭلاشتۇق. گەپ ۋەتەن تېمىسىغا كەلگەندە ئۇ جىمىپ كەتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ سۈكۈتلۈك دەقىقىلىرىگە ھۆرمەت قىلدىم. ئۇ چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە بىر ئۆيگە چىقىپ كەتتى، ھايال ئۆتمەي بىر شېشىنى كۆتۈرۈپ كىردى. «بۇنى پۇراپ بېقىڭ» دېدى ئۇ شېشىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ. مەن ئېھتىيات بىلەن پۇرىدىم، ئاچچىق توپا ھىدى دىمىغىمنى يېنىك قىچىشتۇردى. مەلۇمكى، شېشىگە قاچىلانغىنى توپا ئىكەن. «بۇ مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىنىڭ توپىسى. كۈن نۇرىدا تاۋلانغان توپا، سەككىز يىل بولدى ساقلىغىلى» دېدى ساھىبخانا چۈشەندۈرۈپ. PqoX{2H  :- U^ze  
شىشىدىكى توپا مېنى ئويغا سالدى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ «توزان قەسىدىسى»دېگەن شېئىرى يادىمدىن كەچتى. چەت ئەلگە چىققان بىرەيلەن بىر مۇھاجىر قېرىندىشىنىڭ ئۆيىگە چۈشىدۇ، مېھمان ئۇچىسىدىكى كىيىمنى قاقماقچى بولغاندا، مۇھاجىر ساھىبخانىغا؛«قېرىندىشىم، ئۇ چاڭدىكى توپىنى قاقمىغىن، ئۇ مەن ئۈچۈن تەۋەررۈك تۇتىيا» دەيدۇ. مېنىڭچە، بۇنداق ھېسسىياتنى مۇساپىرچىلىقنىڭ مۇزدەك كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن ئادەملا چۈشىنەلەيدۇ. |-MYK-kV]   vW&/]0;  
مەن شۇنى چۈشەندىمكى، چەت ئەلدىكى مۇھاجىرلار «ۋەتىنىم بارغۇ» دېگەن ئۈمىد بىلەن يۈرىكىنى پۈتۈن قىلىدىكەن، دەل مۇشۇ ئۈمىدنىڭ قۇدرىتى بىلەن نەچچە ئون يىللىق قارا ھىجرانغا بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن. i!:AS Y  oC@lL@6d <  
hZ ;9])  
مۇشۇ  خەتلەرنى ئوقىۋاتقىنىمدا  كۇزلىرىم ياشقا تولدى ،،،،،،، N sn:OK:<  
قەلبىم شاماللارغا ئەگىشىپ ، تاغلاردىن ئىشىپ، نەلەگىدۇر كىەتتى،،،،،،،،،  2jNR$\*  
ھەي،،،ئامان بولۇڭلار ،،.ئەزىز قىرىنداشلىرىم،،،،،،،، w HQ+H:3y  
ۋەتەن مىھرىگە ئاللا خالىسا بىركۇنى قانىسىلەر،،،،،، v5reBm~  
GBn}Um_  
ئاتا بوۋامدىن مىراس كونا كىسەلنىڭ دەردىدە، گاھ ئۇلۇپ گاھ تىرىلىپ كۆپتىن بىرى ئاۋارىمەن، باشقىلار كۆكتە ئۇچتى ،مەن تىخى يالاڭ ئاياغ تىكەن دەسسەپ ماڭماقتىمەن ،ئىلىم پەندىن يوق خەۋەر ، بىسىپ كەلدى خىيىم خەتەر ، ھالىمىز قۇلدىن بەتەر ، مەن قانداق چىدالايمەن ،تۆت تەرەپتىن ھوۋ ئوۋلىشىپ سەككىز تەرەپ تىغ تەڭلىسە، ئىلشىپ قانغا بويال ئۇزىڭنى ھەرگىز ساتمىغىن، سەن ۋەتەن مىللەت دىسەڭ ، دۇنيادا نامىڭ قالغۇسى، بول جەسۇر ئالدىڭغا باس ئۆلۇمدىن ھەرگىز قورىقمىغىن، ئابدۇخالىقنىڭ سۇزى دەپ ئىتبارغا ئىلماي قىلىپ، ۋىژدانىڭنى ئاخىرى پۇتمەس ئازاپقا سالمىغىن،،،
| ۋاقتى : 2008-05-02 16:24 10 -قەۋەت
سىرلىق-بالا
ئوكو
رەسىم يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 730
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2129
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2129دانە
شۆھرەت: 2067 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 10886 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2165 نۇمۇر
قوللاش: 2095 نومۇر
ئالقىش: 1947 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى :196(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-02
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

Quote:
بۇ مەزمون9قەۋەتتىكىكۆلتىكىن2-نۇمۇنىڭ2008-05-02 04:18 PMدە يوللىغان يازمىسى : Em2}9lL=Wp  
بىزنىڭ مەكتەپنىڭ پىراپپىسورى ئۇ ?VCbpHY_Vi  
بىزگە تەلىم بەرگەن شۇ مىنۇتلارنى ئۇنتۇپ قالمايمەن جۇمۇ
tKk%3V`  
0I5`OK  
  دىمەك سىز مائارىپ ئىنستۇتىنىڭ ئوقوغۇچىسكەنسىزدە.. 4%5^x6{  
  مىنىڭ زادى قايسى مەكتەپىنىڭ باللرىغا سۆزلىگەنلكىنى بەك -بەك بىلىگۇم كىلۋاتىدۇ.. t4YbE+o7  
  قايسى ئوتتۇرا مەكىتەپ..؟ X/y`z^  
 
نادان ئۆلۇپ ناھايەت يەتتىسى ئۆتتى،
كۇندۇزدىكى چۇشىتەكىلا ئۇنتۇلۇپ كەتتى.
ئالىم ئۆلۇپ نەچىچىلەپ ئەسىرلەر ئۆتتى،
بارغانسېرى شۆرىتى پەلەككە يەتتى.
| ۋاقتى : 2008-05-02 16:29 11 -قەۋەت
كۆلتىكىن2-نۇمۇ
مۇنبەر قىززىقچىسى
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 11545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 669
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە669دانە
شۆھرەت: 745 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 4101 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 681 نۇمۇر
قوللاش: 628 نومۇر
ئالقىش: 771 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-02
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

Quote:
بۇ مەزمون11قەۋەتتىكىسىرلىق-بالانىڭ2008-05-02 16:29دە يوللىغان يازمىسى : J/p:P1N  
SUv@Tq%O  
dAU(#j1  
  دىمەك سىز مائارىپ ئىنستۇتىنىڭ ئوقوغۇچىسكەنسىزدە.. Opv&- ONZ  
  مىنىڭ زادى قايسى مەكتەپىنىڭ باللرىغا سۆزلىگەنلكىنى بەك -بەك بىلىگۇم كىلۋاتىدۇ.. ku?:S~n  
  قايسى ئوتتۇرا مەكىتەپ..؟ `%rw/n9|}  
.......
OR=H?]!  
مەن بۇ مەكتەپنى2002يىلى پۈتتۈرۈپ بولغان
| ۋاقتى : 2008-05-02 16:31 12 -قەۋەت
سىرلىق-بالا
ئوكو
رەسىم يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 730
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2129
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2129دانە
شۆھرەت: 2067 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 10886 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2165 نۇمۇر
قوللاش: 2095 نومۇر
ئالقىش: 1947 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى :196(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-02
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

  ھازىر نىمە ئىش بىلەن شۇغلىنۋاتسىز..؟ i]=%o5  
  كىيىن يۇقىلاپ ئوقوغانىمۇ ....؟ >1yV,jv  
   
نادان ئۆلۇپ ناھايەت يەتتىسى ئۆتتى،
كۇندۇزدىكى چۇشىتەكىلا ئۇنتۇلۇپ كەتتى.
ئالىم ئۆلۇپ نەچىچىلەپ ئەسىرلەر ئۆتتى،
بارغانسېرى شۆرىتى پەلەككە يەتتى.
| ۋاقتى : 2008-05-02 17:43 13 -قەۋەت
ۋېروسviross
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 5063
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 178
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە178دانە
شۆھرەت: 234 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 2174 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 260 نۇمۇر
قوللاش: 218 نومۇر
ئالقىش: 335 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى :39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-02
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

Quote:
بۇ مەزمون12قەۋەتتىكىكۆلتىكىن2-نۇمۇنىڭ2008-05-02 16:31دە يوللىغان يازمىسى  : f-bRFe&p  
[8Q>]m'  
مەن بۇ مەكتەپنى2002يىلى پۈتتۈرۈپ بولغان
o.k s D%  
  05@)O^\.  
پۈتتۈرۈشنى پۈتتۈرۈپسىز....ئەمىسە ئۇ ئاپتۇرىمىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشىش ئۇچۇرىنى بىلەمسىز.بولسا  ھە  .....
ئۆز خەلقىنى سۆيمىگەنلەرنىڭ ،شۇ مىللەتكە  ھەقىقى تەۋە بولامدۇ؟؟؟؟!
........................................................
بېسمىللاھ دەپ چىقتىم سەپەرگە،  
جەنۇب تۇپرىقىنىيۈ تېڭىپ رەككە.
..........................................................................................
| ۋاقتى : 2008-05-02 17:59 14 -قەۋەت
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سەلكىن تورى » گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردىن تەرمىلەر

سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

     سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-5625600، 13609981040

Time now is:05-03 13:09, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation