5-سۇئالنىڭ جاۋابى ؛مەن يەنە
1- <<نۇزۇگۇم>>-؛ ۋەتەن ۋە خەلقى ئۇچۇن قەتئىي تىز پۇكمەي كۇرەش قىلغان ھەم نام-شۆھرەت ئالدىدىمۇ ئۇزىنىڭ ئۇيغۇر پۇشتى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماي ،ۋەتەن ۋە خەلىق مۇھاببىتى ئۇچۇن دۇشمەننى ئۆلتۇرۇپ ،نۇرۇغۇن سەرسانلىق ،جاپا مۇشاقەتلىك كۇرەشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۇزگەن ،
2-تۇمارىس ؛ئىنتايىن يۇرتپەرۋەر باتۇر ئايال ،يۇرتىنى ھەم خەلقىنى قوغداش يۇلىدا نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بەرگەن ،ياۋنى باش ئەگدۇرۇش ئۇچۇن ھېچنىمىگە پىسەنىت قىلمايدۇ ،<<ئوغلى>>مۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە ،قەيسەر ۋە باتۇرلىقى بىلەن تىللاردا داستان بۇلۇپ كەلمەكتە ،
3-<<جاللات خېنىم>>يەنى <<مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم>>؛ يۇرتىدىكى خەلىقنىڭ ھەتتا پادىشاھ ئاكىسىنىڭمۇ مەنىۋى جەھەتتە بىر قىسىم ئاچكۆز ،نامەرىت ساختا سۇپا-ئىشانلارنىڭ << قۇلىغا>>ئايلىنىپ كەتكەنلىكىگە باشتىن ئاخىرى ئېچىنىدۇ ،خەلىقنىڭ ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق سۇلۇكتىكىلەرنىڭ جىدىلىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كىتىۋاتقانلىقىغا قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ ،ئاخىرى پادىشاھلىق ،ھەم ھۇكۇمرانلىق قانخور <<ئاپئاق غۇجا>>نىڭ قۇلىغا چۇشۇپ كەتكەندە ،خەلىقنى ،يۇرتىنى بۇ پاتقاقتىن تارتىپ چىقىش مەقسىتىدە <<ئاپئاق غۇجى>>غا نىكاھلىنىدۇ ،ھەم ئاخىرى <<ئاپئاق غۇجى>>نى ئۆلتىرىدۇ ،ئۇزى شاھ بۇلىدۇ ،كىمدىكىم يەنى <<ئاق تاغلىق سۇپى>><<قارا تاغلىق سۇپى>>دەپ ئىككىگە بۇلۇنۇپ قىرغىنچىلىق قىلىشسا ،ھەر ئىككىلىسىنى ئۆلتۇرىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن خەلىق <<ئاپئاق غۇجىغا >>بولغان مىھىر-مۇھاببىتىگە چىدىماي ئۇنىڭغا <<جاللات خېنىم >>دىگەن نامنى ئاتا قىلىدۇ ،
8-سۇئالنىڭ جاۋابى؛
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم ،سۇ بۇلايمۇ -يىلتىزمۇ ؟
چاقناي دىسەڭ ئاسماندا ئاي بۇلايمۇ ،يىلتىزمۇ؟
ھۆرلۇك ئۇچۇن ناۋادا ،ئويغۇنۇپ تەڭ جەڭ قىلساڭ،
ياۋغا قاراپ ئېتىلغان ،شىر بۇلايمۇ ،يىلپىزمۇ ؟
---------ئاخىرقى ئىككى مىسرانى ئۇزۇم قېتىۋالدىم،
#########
<<جەنۇبقا خەت>>
ئەي جەنۇب ، دەردمەن جەنۇب ، ئەي مۇڭلىنىپ ياتقان جەنۇب ،
خۇددى تارىم سۈيىدەك كۆز ياشلىرىڭ ئاققان جەنۇب ،
گاھ يانار تاغدەك يېنىپ ، سەن پارتىلىدىڭ يالقۇن چېچىپ ،
ئەمدى تۇتقۇن شىر كەبى مەيۈسلىنىپ ياتقان جەنۇب .
كۆپتىن ئەمدى قاينىدى مۇڭلىرىڭ ، ئاھ _ زارلىرىڭ ،
كەتتى ھەسرەت ئىچىدە نى كۈرەشچان ئەرلىرىڭ ،
ۋەھشىي بىر ئورمان بولۇپ قالدى خىيالىڭ باغچىسى ،
تەڭرىگە يەتمەي ئۆتەرمۇ ئاھلىرىڭ ، پەريادلىرىڭ !
يىغلاپ ئۆتتى سەن ئۈچۈن ئەسرىمىزنىڭ قانچىسى ،
بۇ يىغىغا باقمىدى جەبىر _ زۇلۇمنىڭ قامچىسى ،
كەلمىگەي ھېچكىم بېشىغا ساڭا كەلگەن كەلگۈلۈك ،
ھېچ ئۈزۈلمەسمۇ بۇ قۇللۇق زەنجىرى _ ئارغامچىسى ؟
ياق ، ئۈمۈت بولغاي سېنىڭ ئارزۇلىرىڭنىڭ قولدىشى ،
تاڭ ئېتىپ ئەلۋەتتە بىر كۈن سۈرتۈلەر كۆزنىڭ يېشى ،
كۈيلە _ كۈيلە ئەرك _ ئازادلىق كەتسە بۇ ئۆتكۈر بېشى ،
قالغۇسى خانتەڭرىدە مەغرۇر كۈلۈپ قەبرە تېشى .
---------<<ئابدۇرېھىم ئۆتكۇر شىئېرى>>
###########
ياشلىق مەن ئۇچۇن ھەممىدىن قىممەت ،
ياشلىقتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت ،
ۋە لېكىن كىچىمەن ھەر ئىككىسىدىن ،
ئەركىنلىك ،ئازاتلىق ئۇچۇنلا پەقەت .