قەدىم پايتەخىت شىئەن
SC>9!gz PmWDQ%p VZzd/' ;TzR64bY?& مۇجىبۇل راخمان
qb j8km[ ;AYD?7U ~[P|Bz% 'Jj:%[qnG كونىلارنىڭ ئۇدۇم قىلساڭ ئۇلۇشىسەن دېگەن بىر گېپى بار. ئۆزەمنىڭ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇزۇندىن بېرىشنى ئارمان قىلغان ئىچكىرسىگە بارىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم...ئەپسوس بۇ ھاياجانمۇ ئۇزاققا بارمىدى...چۈنكى ھەرخىل رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولغۇچە ئارىدىن ئىككى-ئۈچ ئاي ئۆتۈپ كەتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاپرېلنىڭ 8-كۈنى ئىچكىرىگە سەپەر قىلىدىغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرىۋالدۇق. سەپەر تەييارلىقلىرىمۇ ئاللىمۇ قاچان پۈتۈپ بولغان ئىدى...ئىككى كۈندىن كېيىن ئۆيدىكىلەربىلەن خوشلۇشۇپ، پويىزغا ئولتۇرۇپ 16 دىن ئارتۇق پادىشاھلىقنىڭ پايتەختى بولغان،قەدىمكى جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەن چىنشىخۇاڭنىڭ ماكانى بولغان قەدىمىي پايتەخت شىئەنگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. سەپەرداشلارنىڭ ھەممىسى (ئازسانلىق مىللەت)مىللىيلار بولغاچقا تىل توسالغۇسى يوق قانغۇچە مۇڭدۇشۇپ سەپەر ئىنتايىن كۆڭۈللۈك داۋاملاشتى...تاڭ يورىغاندا دەرىزىدىن سىرىتقا قارىسام يېنىمدىكى بىر خەنزۇ « ئاۋۇ تاغلارنى بىلەمسەن » دەپ سوراپ قالدى...مەن مۈرەمنى قىسىپ قويدۇم...« ئۇ چىلەنشەن تاغلىرى...سىلەرنىڭ ئاتا -بۇۋاڭلار ماكان ئەيلىگەن مۇقەددەس تاغلىرىڭلار...شۇنىمۇ بىلمەمسەن » دەپ ماڭا سوئال نەزىرىدە قاراپ تۇراتتى...ئەمما ئەمدى ئۇنىڭ گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرمىدى...چۈنكى مەن يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلامرىدىن ئۇرغۇپ چىققان چەكسىز بىرخىل ھاياجان ۋە سېغىنىش ئىلكىدە چىلەنشەن تاغلىرىغا تويماي قاراۋاتاتتىم...ئۇنىڭ ئىلگىرىكى سەلتەنىتى ۋە ئۇلۇغ ئەجدادىم،
ئۇيغۇرلۇرۇمنىڭ ئۇيەردىن قان-ياش تۆكۈپ ئامالسىز كۆچۈشكە مەجبور بولغان قىسمەتلىرى كۆز ئالدىمدا بىر -بىرلەپ نامايەن بولماقتا ئىدى...ئۇ تاغلار ماڭا شۇقەدەر تونۇش ۋە يېقىملىق كۆرۈنمەكتە...چۈنكى ئۇ تەڭرىتاغقا تولىمۇ ئوخشايدىكەن. ئاڭلىسام ئىچكىرسىنىڭ مەلۇم جايلىرىدا ھازىرغىچە ياشاپ كېلىۋاتقان قانداش،قېرىنداش بولغان سېرىق ئۇيغۇرلار ئۆزتىلىدا بۇ تاغنى « دېڭىرداۋان» (مەنىسى تەڭرىتاغ)دەپ ئاتايدىكەن. كۆزۈمنى دەرىزىدىن ئۈزەل
مەي قالدىم...قەلبىم ئاسمىنى تولىمۇ چىگىش خىياللار بىلەن تولۇپ كەتتى...كۆز ئالدىمدىكى سوقما تاملار، قاقاس چۆللەر، قۇرۇپ كەتكەن كارىز كۆزلىرى، تۇرالار...مېنى خۇددى دىيارىمنىڭ قايسى بىر جايلىرىدا يۈرگەندەكلا تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىۋاتاتتى... شۇتاپتا،پايانسىز كەڭسۇ دالاسىدىن،قەدىم گەنجۇ تۇپراقلىرىدىن،سىرلىق خېشى كارىدورىدىن پويىز بىلەن ئەمەس قارائارغىماققا مىنىپ چېپىپ كېتىۋاتقاندەك ھېسياتتا ھاياجان دېڭىزىغا غەرىق بولۇپ كەتتىم...بىر چاغلارداھېلىقى خەنزۇ يولداشنىڭ گېپى دىقىتىمنى تارىتتى.مەن شۇچاغدىلا ئۇنىڭ چىرايىغا سەپسېلىپ قاراپتىمەن...ئۇ جاييۈكۈندىن(جىيايۈگۇەن) بولۇپ چىرايى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاپ تۇراتتى.ئۇنىڭ دىيىشىچە تەڭرىداۋاننىڭ باغرىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ناھىيە،شەھەر،يېزا-قىشلاقلار بولۇپ ئۇ جايلاردا ھازىرغىچە سېرىق ئۇيغۇرلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ماكانلىشىپ كېلىۋېتىپتۇ.
-Ak'WNwp /"$ZrDi?~ بىز پويىز بىلەن يىگىرمە نەچچە سائەت سەپەر قىلغاندىن كېيىن قەدىمىي پايتەخىت شىئەنگە يېتىپ كەلدۇق. ۋوگزالدىن چىقىپلا مېنىڭ دىقىتىمنى تارىتقىنى سەلدەك ئېقىۋاتقان ئادەم دېڭىزى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇزاق تارىخىنى ئۈن-تىنسىز بايان قىلماقچى بولغاندەك سوزۇلۇپ ياتقان قەدىمىي شىئەن شەھەرسېپىلى بولدى. ئۇ ، نەچچە مىڭ يىللىق بوران-چاپقۇنلاردىمۇ ئۆز قەددى-قامىتىنى يوقۇتۇپ قويماپتۇ. كۆز ئالدىمغا قومۇلدا قالغان ھاسار تام بىلەن بۇ خىشتىن قوپۇرۇلغان تام بىريەرگە كېلىپ تۇرۇۋالدى...ئىككىسىنىڭ ئارىسىكى پەرىق نەقەدەر زور ھە؟
KfnL$@# 8:gZ:m~ بىر كەمدە ئالدىمىزغا شىئەندىكى بىزنىڭ ساياھىتىمىزگە مەسئول خەنزۇ
يىگىت پەيدا بولدى. ئۇ بىزنى ئاپتۇبۇس توختۇتۇپ قويۇلغان جايغا باشلاپ بارغىچە، يول ياقىسىدا قاتارلىشىپ يايما يېيىپ ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يەرلىك نەرسىلىرىنى تىزىشىۋالغان تىبەت ئەر- ئاياللارغا قىزىقسىنىپ قاراپ كەتتىم. چۈنكى ئۇلار مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن. ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ياكى يانلىرىدا ئۇزۇن خەنجەر ۋە پىچاقلار ئېسىقلىق تۇراتتى.
كىيىملىرى پۈتۈنلەي ئەنئەنىۋىي پاسۇندا بولۇپ شىئەننىڭ باھار ئاپتىپىدا ئوتقاشتەك جۇلالىناتتى. ئۇلارنىڭ ئەتىراپىغا ئولاشقان ۋە يولدا مىغىلداپ ئۆتىۋاتقان كىشىلەر توپىنىڭ ئىچىدە بولسا بىزگە قوقۇمسىراپ قاراۋاتقان ھەرقىسما كۆزلەر ۋە تاۋۇشلار چىقىۋاتاتتى. ئۇلار« شىنجاڭ رېن»...دېيىشكىنىچە ئۆزىنى بىزدىن يىراققا ئەپ قېچىشتى...ۋوگزال ئەتىراپىدا ناگان-ناگاندا چىرايىدىن توپا يېغىپ،سۆرۈن تەلەت بولۇپ كەتكەن ئۇيغۇر بالىلار(ئوغرى-يانچۇقچى) كىملەرنىڭدۇر سومكا، يانچۇقلىرىنى مارىشىپ يۈرەتتى،بويىدا بار چوكانلار،قۇچاقتىكى سەبىيلەر،ئۆزىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىر ئۆمۈر بىلەلمەيدىغان بىتەلەي ئۆسمۈرلەرگە قاراپ ئىچىم بىر قىسما بولۇپ كەتتى...بىز نىڭ سەپ بولسا ئېغىر-يىنىك يۈك-تاقلىرىنى سۆرەشكەنچە بىزگە ھەم تونۇش ھەم تولىمۇ ناتونۇش بولغان شىئەن شەھىرىگە كەلگەن بىر توپ ئاققۇنلاردەك ئالدىمىزدىكى بايراق كۆتۈرۈۋالغان ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ ئارقىدىن سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن جىندەك ئەگىشىپ ماڭاتتۇق...سەپتىكىلەرنىڭ چىرايىنى چۈشۈنۈكسىز قىياپەتلەر قاپلاپ كەتكەن ئىدى.ئۇلار نە ساياھەتچىگە ئوخشىسۇن..چىرايىدا نە كۈلكە نە تەبەسسۇم يوق ئىدى،قوشمىلىرىمىز تۈرۈلگەن ھالدائاخىرى ئاپتۇبۇسقىمۇ چىقتۇق. ساياھەت يېتەكچىمىز ئۆزىنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، شىئەننىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. شىئەندە ياشاپ ئۆتكەن تارىخى شەخسلەر ۋەقەلەر ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئىكەن... يول -يوللاردا تۆگىدەك ئىگىز لوكىلداپ ئۆتىشىۋاتقان ئەجنەبىيلەرمۇ بەك كۆپ ئىكەن. ساياھەتچىلىك بۇ يەرلەردە ھەقىقەتەنمۇ تەرەققىي قىلىپتۇ. ئەجەپلىنەرلىك يېرى ئىگىز پەلەككە تاقاشقۇدەك قۇرلۇشلار ئىنتايىن ئاز ھەتتايوق دېيەرلىك ئىدى. ساياھات يېتەكچىسى شىياۋجۇ نىڭ چۈشەنچە بېرىشىچە شىئەندە بىنالار93 مېتېردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەكمىش...ئېشىپ كەتسە قەدىمىي شەھەر سېپىلىدەك قۇرلۇش ۋە قەدىم ئىمارەتلەرنىڭ ھەيۋىتىگە تەسىر يەتكۈزەرمىش...شۇڭا ھۆكۆمەت بۇ
ئىشقا قاتتىق چەك قويغانمىش. بىزنىڭ بۇ يەرلەردە چېقىپ ئاۋارە بولۇپ يۈرسەك ئۇيەرلەردە كۈچىنىڭ يېتىشىچە كونا قۇرلۇش،خارابىلەرنى قوغداۋېتىپتۇ...شۇكۈنى چۈشلۈك تاماققا شىئەندىكى ئەڭ داڭلىق « خۇيمىن(مۇسۇلمانلار)يىمەك-ئىچمەك كوچىسى»غا كىردۇق. بۇ كوچىدا1300يىللىق تارىخقا ئىگە مەسچىت بارئىكەن، مۇسۇلمانلاردىن ھەق ئالمايدىكەن، باشقا دىندىكىلەر كىرمەكچى بولسا 50 يۈەن ئالىدىكەن. بەزى ئاشخانىلار ئېچىلىۋاتقىلى نەچچە ئەۋلادقا مىراس بولۇپ ئەسىرلەردىن ئېشىپتۇ. شىياجۇنىڭ ئۆزرىخالىق ئېيتىپ تۇرۇپ دېيىشىچە ئىلگىرىبۇ كوچىدا بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسى باركەنتۇق...كېيىن تۇڭگانلار ئۇلارنى بەك ھاراق ئىچىدىكەن دەپ بۇ كوچىدىن چىقىرىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ بۇ گېپى ھەممىمىزنى شاپىلاقلىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى...بېشىمىز يەنە بىر دەرىجە پەسلىدى. بۇ كوچىدا كىرىپ -چىقىپ يۈرگەن ئەجنەبىي ،پەرەڭلەر ۋە باشقا مىللەتلەردىن باشقا تۇڭگاندىن ئۆزگە مىللەت ئولتۇراقلاشمايدىكەن ھەم سودا قىلمايدىكەن،مەيلى قايسى بۇلۇڭ پۇچقاققا كىرىپ قارىسىڭىز ھەممىلا جاي ئاق شاپاق بىلەن لىق تولغانكەن،دىننىي مۇھىت ئىنتايىن قويۇق،ئەركىن-ئازادە ئىكەن. بۇ كوچىنىڭ ئەڭ زور كەمچىلىكى لەغمەن ساتمايدىكەن. شۇ دەقىقىلەردە تىيىپجان ئىليوفنىڭ مۇنۇ مىسرالىرى قەلبىمدە نامايەن بولدى.
@`=v\la tJ2&q
T U2]\.b % 5Zs
/\@4% تىيىپجان ئىليوف
d]Z3^J(^ D@P/2a CGvt~E\ds `vXA165 (بىر مۇھاجىر تىلىدىن)
'vSlz {IzA?*h $2=yCSMYlt .5NFrcWJ مەن ئۆلسەم ئەگەر ئېڭىكىمنى لەغمەن بىلەن تېڭىڭلار،
1-/{Rv #y{ جەسىدىمنى مەنتەڭ بىلەن يۇيۇڭلار.
_U')0 p]jRRs^` يەرلىكىمنى سادىر سوققان ئەسۋاپتا،
;OC.3(/ 3[Y~_KU,7 ئىگىز يەردىن ئويۇڭلار.
> XU]3D. {WGNO بېشىمنى خانتەڭرىگە قارىتىپ ياتاي،
//)"'VSj ^gF1hNm? قىبلە-پىبلە دېگەننى قويۇڭلار...
3a|IX *fn|+b; $&LP~22?> m.h.D بىز تۆت ھەمراھ سەپتىن ئايرىلىپ لەغمەن ئىزدەشكە باشلىدۇق...ئاخىرى مىڭ بىر تەسلىكتە بىر كوچىدىن « شىنجاڭ ساۋەن ناھىيە لەغمەن، توخو قورداق خانىسى » دېگەن خەنزۇچە خەتلەرنى كۆرۈپ ھاياجانلىنىپ كەتتۇق.ئاھ لەغمەن...يۇرتتىن ئايرىلىپ قەدىرىڭگە يەتتىم...لەغمەننى بۇيرۇتۇپ تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتۈپ، گەرچە ئوخشىمىغان بولسىمۇ مەززە بىلەن ئاغىزلىرىمىزنى تامشىپ تۇرۇپ چۆپ قوشتۇرۇپ بىر تەخسىدىن يەپ تۈگەتتۇق. ئاش سۈيىنى(مەنتاڭ) ئىچىپ يول ئازابى،گۆر ئازابلىرى ئاللىقاياقلار چۆرۈلۈپ كەتتى. ئىككى يېرىم سائەتلىك ئەركىن پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شىياۋجۇنىڭ باشلامچىلىقىدا مەخسوس ساياھەتچىلەر كىرىدىغان قاشتېشى دۇكانلىرىغا ئاتلاندۇق...مەن ئانچە مۇنچە تاش بىلگەچكە ئۇ قاشتېشىلىرىنىڭ بىرىنىمۇ ياراتمىدىم...دۇنيادا خوتەن قاشتېشىغا يېتىدىغان يەنە بىر تاشنىڭ يوقلىقىغا ئىشىنىمەن...خوتەن قاشتېشىمۇ خوتەنلىكتەك بىرنى بىر دەيدۇ...شۇڭائۇمۇ دۇنيادا پەقەت بىرلا...قىزىق ئىش بىر يۇرتنىڭ ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرى شۇ يۇرت خەلقىنىڭ مىجەز-خۇلقى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كېتىدىكەن...قومۇل شىۋىسىدەك شېرىن-شېكەر قومۇل قوغۇنى ۋە قومۇل چىلانى ئاقكۆڭۈل قومۇل خەلقى، قەشقەر -ئانىرىدەك دانە-دانە سۆزمەن دىلىدا،تىلىدا ئاچچىق-چۈچىكى بار ئەزىزان قەشقەر خەلقى، ئاتۇش- ئەنجۈرىدە سىرلىق ھەسەلدەك تاتلىق سودىغا ماھىر ئاتۇش خەلقى، خوتەن -ياڭىقىدەك مىڭىگە قۇۋەت،قاشتېشىدەك ساپ ئەقىللىق ھەم ساددا خوتەن خەلقى دېگەندەك...شۇ يۇرت خەلقىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەمگىكى ۋە ئەقلىنىڭ جەۋھەرلىرى بولمىش بۇ مەھسۇلاتلار بىزگە نەقەدەر ئوخشاشقان ھە؟...
/mllV N i<8Dxij ئەپسوس شىئەندىن شۇكۈنىلار پويىزغا ئولتۇرۇپ گۇڭجۇغا بارىدىغان بولدۇق. ساياھەت نىشاننامىسىگە قارىسام قايتاشىمىزدا شىئەندە بىر كېچە قونۇپ ئۆتىدىكەنمىز...شۇ چاغدا شىئەن تەسىراتلىرىنى يەنە ئازراق توپلىۋالسام ئەجەپ ئەمەس.
p
143)xs KwX`2qA (داۋامى بار)
hp#Wg-~S qI#H]2~e 2008-يىلى29-ئاپرېل
XYK~elL GSUgE7,t~ QlXb9y-#K ci&*mab* 5o/!3z| m تەكلىماكاندىن ئوكيان بويلىرىغا سەپەر(2)
$n*m2,#, i.qs>< U+ T!Uu
SW4<> گۇاڭجۇدىكى غوجام ۋە كېچىدىكى مەشرەپ
$J23~:9 kWD{28`x مۇجىبۇل راخمان
7V?>q| y_yFpS .Ovs^ qp 7a/i$Uo~dY بۇ قېتىملىق سەپىرىمىزدىكى ئىككىنچى بېكەت گۇڭجۇغا يېتىپ كېلىپلا، قويۇق گۇڭدۇڭ تەلەپپۇزىدا خەنزۇ ئورتاق تىلىنى بۇزۇپ سۆزلەيدىغان بىر خەنزۇ قىزىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاپتۇبۇس ئولتۇرۇپ قىزغىن تونۇشتۇرۇشلىرىنى ئاڭلىغاچ مېھمانخانىغا قاراپ يول ئالدۇق...گەپ ئارلىقىدائۇ << سىلەر شىنجاڭلىقلار ئاجايىپ مەرد كېلىسىلەر، لېكىن بۇ جايدىكى شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىناۋىتى بەك چۈشۈپ كەتتى، مەن شىنجاڭلىق دېگەن بىراۋنىڭ گېپىگە ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەڭلار،نۇرغۇنلىرى يالغانچى،ئوغرى،يانچۇقچى،بۇنداق دىسەم ئاچچىقىڭلار كەلمىسۇن...ھېلىمۇ ياخشى سىلەر خەنزۇچىنى ياخشى سۆزلەيدىكەنسىلەر...دېگەن گپلەرنى قوشۇپ قويدى. مەن دەرىزىدىن سىرىتلارغا قارىغاچ ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئىزلەشكە باشلىدىم، ئالاھىزەل بىرەر سائەتلەردىن كېيىن بىر ئاسما كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا << زەرەپشان رېستۇرانى >> دېگەن قۇرلارغا كۆزۈم چۈشتى ،ئۇنىڭ ئالدىدا بومبا ساقال ،چىمەن دوپا ۋە يۈزىنى توسۇپ ياغلىق چەگكەن بىر قانچە ئەر ئاياللار باركەن كۆزۈمگە بەك ئىللىق كۆرۈندى . گۇاڭجۇ ھەقىقەتەنمۇ تەرەققىي قىلغان گۈزەل شەھەركەن. نەرىگىلا قارىسىڭىز پەلەككە بوي تارىتقان بىنالار، كوچىلىرىدا قىمىرلاپ يۈرگەن كىشىلەر توپى، ئورۇق، جۇغى كىچىك ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك كىشىلىرىنىڭ ئارىسىدا دىۋىدەك ئۇيان-بۇيان ئۆتۈپ كېچىۋاتقان نېگىرلار بىزنىڭ دىقىتىمىزنى بەكرەك تارىتتى، ساياھەت يېتەكچىمىزنىڭ ئىسمىمۇ شىياجۇ ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە گۇڭجۇدا ئافرىقا ئەللىرىدىن كەلگەن كىشىلەر بەك كۆپمىش. شىنجاڭلىق ۋە ئافرىقىلىقلار ئاساسەن گۇڭجۇنىڭ << سەنيۈەنلىسۈن >> دېگەن يېرىگە توپلاشقانكەن...مەن ئۇيەرنىڭ چوقۇم قالايماقان جاي ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدىم. ئاخىرى پەرىزىم توغرا بولۇپ چىقتى. ئۇ جاي ئوغرى،يانچۇقچى،لۈكچەكلەرنىڭ پائالىيەت ماكانى ئىكەن...بىر پويىز ئىستانىسىدىن يولغا چىققىلىمۇ بىرەر يېرىم سائەت بولۇپ قالدى... بىر چاغدا دەرىزىدىن سىرىتقا قاراپ ئولتۇرسام ئاقشاپاقلار كۆپۈيۈپ كەتتى...بىر مەسچىت باركەن...كىشىلەر مەسچىتكە سىغمىغانلىقتىن سىرىتتا ناماز ئوقۇۋاتقان بىر تەسىرلىك كۆرۈنىشنى كۆردۈم...ئورۇن تەگمىگەنلەرنىڭ تولىسى نېگىرلار ئىكەن...ئۇلارنىڭ ئىخلاس بىلەن سەجدە قىلىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ قاپقارا كۆرۈمسىز سىياقى كۆز ئالدىمدا ئاپپاق نۇرلىنىپ كەتتى. ئۇلارغا ئىختىياسىز ھۆرمەت بىلەن قاراپ قالدىم...شۇ چاغدا ئارىمىزدىكى بىر سەپەردىشىمىز زۇۋانغا كېلىپ << ئاڭلىسام بۇ گۇاڭجۇدا تاڭ سۇلالىسى زامانىدا ئەرەبتىن دىن تارقىتىپ كەلگەن رەققاس ئاتلىق غوجام يېتىپ قالغانكەن، خالىساڭلار يېتەكچىگە دەپ كۆرۈپ كېلەيلى >> دېدى...بىز ھەممىمىز قوشۇلدۇق...يېتەكچىمۇ ئەتەشۇ جايغا بىزنى باشلاپ بارماقچى بولدى. بەلكىم باشقىلارغا ئايان بولماسلىقى مۇمكىن، رەققاس غوجامنىڭ سەپەردىشى بولغان قەيىس غوجام شىڭشىڭشىيا دا يېتىپ قالغان بولۇپ، 40-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا قاچاق گومىنداڭ چېرىكلىرى ئۇنىڭ گۈمبىزىنى چېقىپ خىش-كېسەكلىرىدىن ئىستىھكام ياساپ ئېغىر دەرىجىدەبۇزۇۋەتكەن ئىكەن. قوشۇن ئىچىدىكى بىر ئۇيغۇر ئەسكەر بىلەن يەنە بىر تۇڭگان ئەسكەر غوجامنىڭ مېيىتىنى ئېلىپ يوشۇرۇنلۇقچە خىلۋەتتىكى بىر تاغ ئۆڭكۈرىگە قايتا دەپنە قىلىپ قويغان...ئېيىتشلارغا قارىغاندا غوجامنىڭ بوي-تۇرقى ئىككى مېتىردىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ھازىر ئۇخلاپ قالغاندەك ھالەتتە چىقىپتۇ، چاچ-ساقاللىرىمۇ چىرىمەپتۇ...ئازادلىقتىن كېيىن قومۇلدىكى ئۇيغۇر،تۇڭگان، قازاق قاتارلىق ھەرمىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەكلىپ ۋە تەلىپىگە بىنائەن قەيىس غوجام مازىرى قومۇلنىڭ چاھارباغ دېگەن يېرىگە كۆچۈرۈپ كېلىندى. كۆچۈرۈپ كېلىشكە جەمئىي يەتتە كۈن كەتكەن بولۇپ، ئۇ زاتى مۇبارەكنىڭ تېنى يەرلىكتىن چىققاندىن تارتىپ تاكى قومۇلدىكى يېڭى يەرلىككە قويۇلغۇچە يەتتە كۈن سىم-سىم يامغۇر ياغقانكەن...ئۇنىڭ تېنىنىڭ ساق چىققانلىقىنى بىلىشكەن ۋە بۇ كارامەت مۆجىزىلەرنى كۆرۈشكەن بىر قىسىم خەنزۇ جامائىتىمۇ يوللارغا چىقىپ تاۋۇتقا قاراپ باش ئۇرغان ئىشلارمۇ يۈز بەرگەنكەن..غوجامنى قارشى ئالغىلى چىققان ھەرمىللەت كىشىلىرى يولنىڭ ئىككى تەرپىدە30كىلومېتىرغا يېقىن سەپ بولۇپ تىزىلىپ دۇنيا تارىخىدىكى كەم ئۇچىرايدىغان بىر قېتىملىق يەرلىك كۆچۈرۈش تاماملىنىپتۇ...مېنىڭ بۇۋاممۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىنكەن. گەپ بولسا گەپ چىقىپتۇ دەپ...مۇشۇ4كۈننىڭ ئالدىدا قەيىس غوجام مازىرى ئەتىراپىدىكى دۆڭلۈكلەرنى بۇزۇپ قورشاۋ تام ياساۋاتقان خەلق ئىشچىلىرىنى تام بېسىۋېلىپ بىرى نەق مەيداندا ئۆلۈپتۇ،بىرىنىڭ پۇتى ئۈزۈلۈپ كېتىپتۇ...بۇ ۋەقەنى ئاڭلاپ ھەيران قالدۇق...
=V|%qu~ vX?6kpYSB بۇ شەھەرنىڭ ئاسمىنىدا قۇياشنى كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس ئوخشايدۇ،ھاۋا تۇتۇق كۆڭۈللەر تۇتۇق، كۆز باغلانغان چاغدائاپتۇبۇس بىزنى ئېلىپ بىر مېھمانخانىغا يېتىپ كەلدى. يۇلتۇز دەرىجىلىك بۇ مېھمانخانا ئالدىدا بىر دەريا باركەن،ئۇ دەريانىڭ ئىسمىنى بىلمىدىم،لېكىن ئىسىم قويۇپ ئۈلگۈردۈم...بۇ سېسىقغول سۇيىنىڭ رەڭگى قارامتۇل يېشىل ئىكەن...بۇنچە مەينەت دەريانى بۇ ئۆمرۈمدە تۇنجى كۆرۈشۈم. دېمىسىمۇ نوپۇسى كۆپ خەلقارالىق شەھەردە دەريانىڭ پاسكىنا بولماسلىقى مېنىڭچە ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس...جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىمۇ ئۇنى پاكىز تۇتۇشقا يەتمەيدۇ...يېتەكچىمىز مېھمان كۈتۈش ئورنىدىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن خېلى بىر ھازا سۆزلىشىپ بىز شىنجاڭلىقلارنى مىڭ تەسلىكتە ياتاققا ئورۇنلاشتۇردى. ئەپسۇس بىز ئورۇنلاشقان ياتاقنىڭ دەرىزىسى يوق ئىكەن...ياتاق ئىچىدە تىك ئۇچاردەك غۇڭۇلدشقان پاشىلار ھەريان ئۇچۇپ يۈرەتتى...بىز شامالچىنى(ھاۋاتەڭشىگۈچ) ئېچىۋېتىپ مۇنچا-پۇنچىغا چۈشۈۋېتىپ،ئىنتايىن تېزلا ئۇيقۇغا كەتتۇق.
]*oQyB/PV )CU(o/5 ئەتىسى سەھەردە گۇاڭجۇنى ئايلىنىشقا ماڭدۇق...بۇ شەھەرنىڭ كوچىلىرىنى كۆرۈپ بولۇشقا بىر يىل كېتەمدىغاندۇ دەپ قالدىم...ئەگەر ئۆزەم كەلگەن بولسام ئېزىپ قالاركەنمەن. كوللىكتىپ ساياھەتكە چىقسا يول ھەققى ئەرزان،ياتاق ئەرزان، تاماشىلار تەرتىپلىك بولىدىكەن. بولمايدىغىنى مەخسوس ساياھەتچىلەرگە ئېچىلغان دۇكان - سارايلاركەن...مەقسىدى چۆنتىكىڭىزدىكى پۇلنى ئېلىش. ساياھەتچىلىك بۇ يەرلەردە شۇقەدەر تەرەققىي قىلىپتۇكى، ماختاشقا گەپ توشمايدۇ. بىزگە ئوخشاش جۇڭگونىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىن،چەت دۆلەتلەردىن تۈركۈملەپ كېلىۋاتقان ھەر ئېرىقتىكى كىشىلەر بۇ زىمىنلارغا پۇللىرىنى ئوڭچە تاشلاپ قويۇپ كېتىشىدىكەن...بۇنچىلىك زور تەرەققىياتنى دىيارىمنىڭ ھېچقانداق يېرىگە سېلىشتۇرۇپ بولالمىدىم...بىركۈنلۈك پائالىيەتمۇ تېزلا ئاياغلاشتى. شۇكۈنى بىزئىچكىرسىنىڭ تۇپرىقىدا ئۇيغۇر تائاملىرىغا مەززە بىلەن ئېغىز تەگدۇق. بۇ يەرلەردە ئۇيغۇرنىڭ ھەرقاندىقى كۆزىڭىزگە ئىللىق كۆرۈنىدىكەن...(يۈز تۆكىدىغانلىرىدىن باشقا) كەچ بولغاندا پۇت-قوللىرىمىزنى تاياق بىلەن ئۇرۇۋەتكەندەك ئاغرىتىپ ياتىقىمىزغا قايتىپ كېلىشتۇق ۋە ئەتىكى پائالىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنى بىلىۋېلىپ، ئۆيلىرىمىزگە تىلفۇن ئۇرۇۋېتىپ بۇخاراغا كەتتۇق.
$G(x&\pOt :+C&=1m
ئەتىسى ئۈرۈمچى ۋاقتى4يېرىمدا يېتەكچىنىڭ باشلىشى بىلەن 11-چىسلا گۇاڭجۇدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئۇنتۇلماس بىر كۈننى ئۆتۈزدۇق. ئەسلىدىكى پىلان بويىچە دۆلەت ئاتىسى سۇنجۇڭشەننىڭ خاتىرە مۇنارى ۋە بىر قانچە مەنزىرە نۇقتىلىرىنى زىيارەت قىلىپ بولۇپ چىڭ چۈشتە بىزنى ئىنتىلدۈرگەن رەققەس غوجام يېتىپ قالغان ئورۇنغا كەلدۇق...كىچىككىنە بىر دەرۋازىنىڭ ئالدىدا توپلىشىۋالغان بىر قانچە خەنزۇ تىلەمچى بىزنى كۆرۈپ ئىچىگە قاراپ ۋاقىرىدى<<- شىنجاڭ مۇسىلىن لەيلا..كەيمېن>> ئىچىدىن بىر تۇڭگان ئەسسالاملەيكۇ دەپ سالام بېرىپ بىزگە ئىشىكنى ئېچىپ بەردى...بىر ئادەم ئاران پاتىدىغان بۇ كىچىككىنە ئىشىكنىڭ ئىچى باشقا بىر دۇنيا ئىكەن...بىز شۇ چاغدىلا بۈگۈننىڭ ئۇلۇغ جۈمەلىكىنى بىلدۇق...جۈمە نامىزى ئۆتۈلۈپ بوپتۇ. بويى دۆگەپىرىدەك ھەيۋەتلىك نېگىر مۇسۇلمانلار، چىرايى تىپىك تۇڭگانغا ئوخشايدىغان ئاقشاپاق تۇڭگانلار،تۈرك،پاكىستان،ھىندىستان،ئىران،ئافغانىستان،ئىراق،ئەزەربەيجان،مالايسىيا،...قاتارلىق ھەر مىللەت ھەر ئېرىق مۇسۇلمانلىرى مازار مەسچىتنىڭ ئىچىدە مىغىلداپ يۈرەتتى...بىزنىڭ ئارىمىزدىكى 4 نەپەر ئايالدىن بىرى بېشىغا ياغلىق تاپالماي قالغاندىن باشقا ئۈچ نەپىرى ياغلىق سالغانتى...ئارىدا بىر چەتئەللىك مۇسۇلمان ئايال ھەدەپ ئۆزىنىڭ بېشىنى ئىشارەت قىلىپ ئۇنىڭغا شەپە بەرگەن بولسىمۇ ئۇ سەپەردىشىمىز دىققەت قىلماي قالدى...بۇ جايدا ئاياللارمۇ ناماز ئۆتەيدىكەن. بىز رەققاس غوجامنىڭ مازىرىغا كىرگەندە سىم-سىم يامغۇر يېغىپ كەتتى...مازارنىڭ ئىچىدە 10دىن ئارتۇق نېگىر،تۇڭگان ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرى قۇرئانلارنى راۋان ئوقۇشقىنىچە ئولتۇراتتى...بەزىلەر سۈرەتكە چۈشۈۋاتاتتى...شۇ چاغدا بىر كىشى غوجامغا كىرىپ بىردەم دۇئا قىلغاندىن كېيىن، قەبرە ئۈستىگە يېپىلغان رەخىتنىڭ پىشىگە سۆيۈپ، كۆزىگە سۈرتۈپ تۇرۇپ يىغلاپ كەتكەنتى...ھاياجاندىن ئارانلا تۇرغان مەنمۇ يوشۇرۇنچە يىغلاپ تاشلىدىم...نىمىشقا يىغلىغانلىقىم ئۆزەمگىمۇ ئايان ئەمەس...سىرىتتا يامغۇر كۈچىيىپ كەتتى..بۇيەرگە كېلىدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزىلىدىغاندەك ئەمەس...بىز ھەرقىسما خىياللار ئىلكىدە بۇ زاتى مۇبارەكنىڭ مازىرىدىن قايىتتۇق...قايتىشىمىز بىر ئىشقا ھەيران قالدىم...بىر توپ مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ ئوتتۇرىدا بىر خەنزۇ ئايال مىكروفۇننى تۇتۇۋېلىپ قايسى بىر خۇيزۇ ئاشخانىلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىكى توغرىسىدا جامائەتكە قايسى بىر ھۆجەتنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ سۆز قىلىۋاتاتتى...ياندىكى بىر قەدىمىي قۇدۇقنىڭ يېنىدا (بەلكىم بۇلاق بولۇشى مۇمكىن) بىر پارىس چىراي كىشى سۇ قاچىلانغان چۆگۈندىن كىشىلەرگە خالىسانە ئىستاكانلىرىغا سۇ قۇيۇپ بېرىۋاتاتتى...
sI$&BBQI Xa{pT بىز يەنە بىر ھازا بازار چۆرگىلىگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئاشقان ئەپەندىم رېستۇرانىغا بېرىپ چۈشلۈك تاماق يېدۇق ھەمدە كەچتە يەنە بۇ جايدا بەزمە ئۆتكۈزۈشنى مەسلىھەتلىشىپ قايتىشتۇق. چۈشتىن كېيىنكى پائالىيەت ئەركىن پائالىيەتكەن...مەن ئىلھام ۋە ئىككى نەپەر قازاق سەپەردىشىم بىلەن بالىلار كىيىمى شەھەرچىسىگە كىرىپ جان-جىگەرلىرىمىزگە ئىككى-ئۈچ يۈرۈشتىن كىيىم-كېچەك ئېلىپ بولۇپ ئەپەندىمگە قاراپ ئاتلاندۇق...ئىككى يېرىم سائەت ئىزلەش ۋە يول سوراش ئارقىلىق مىڭ تەسلىكتە تېپىپ كەلسەك باشقىلار ئاللىمۇ قاچان كەپ بوپتىكەن...رېستۇران تىپىك ئۇيغۇرچە بېزەلگەن بولۇپ خۇددى دىيارىمىزدا ئولتۇرغاندەكلا ھېسياتقا كېلىپ قالدۇق...ئەمما پەرىقلىنىدىغان يېرى، بۇ يەردەچەتئەللىك مۇسۇلمانلار كۆپ ئىدى. تاماقلار تارتىلدى، شاراپ ئىچىش مەسلىھىتى باشلاندى ۋە تەستىقتىن ئۆتتى...ساقى ھاراقنى چەينەككە قۇيۇۋېلىپ ئىچەرمەنلەرنىڭ رومكىلىرىنى تولدۇرۇپ مەخپى ئىچىش باشلاندى...چۈنكى ئەتىراپىمىزدا ئولتۇرغان ھېچبىر چەتئەللىك مۇسۇلمان ھاراق ئىمەيۋاتاتتى...پەقەت شىنجاڭدىن كەلگەن يەنە باشقا ئىككى ئۈستەلدىكى مۇسۇلمانلارلا قىلچە تەپ تارىتماستىن ئىچىشۋازلىققا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى...شۇ چاغدا ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ 45-يىللاردا يازغان مۇنۇ رۇبائىسىنى ئەسلەپ قالدىم...
o7HXeO'G >LI\<$m تۇغۇلغاننى خۇدا دەرئىمىش بەندەم،
emX,71b<
/z8YwI تۇغۇلمىسىلا دەرىتكە قالمايىتتى ئادەم.
0^ ,R=O1 4i%$.i7K ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا ئىمىش،
M
/
=2;\n2qHuc
مەي بىلەن ھەممىنى ئۇنتايلى بىردەم... R"g_u`\
Fmh#5Te
;?OZdti#/
PI) mv_
بىزخەق شۇنداق ئۆزىمىزنى بەزلەشكە بەك ئۇستا ئىكەنمىز... لىرىك ئۇيغۇر ناخشىلىرى داۋاملاشماقتا.سورۇنىمىز قىزىپ كەتتى...ئۇيغۇرچە مەشرەپ، ياۋرۇپاچە تانسا ھەممىس ئوينالدى. شىنجاڭدىن بۇ يەرگە كەلگىلى ھەپتە كۈن بولغان بىر شەخسىي ئۆمەكنىڭ ئارتىسلىرى روسچە،ئەرەپچە ناخشا ئۇسۇللارنى ئورۇنداپ ھەممەيلەننىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتتى...تېخى بىر ھىندىستانلىقمۇ ئۆزىنى تۇتالماي ئارىغا چۈشۈپ ئۇيغۇرچىغا ھىندىستانچە ئۇسۇلنى قوشۇپ ئۇسۇل ئويناپ كەتتى. بىر قىزچاق يېرىم يالىڭاچ كىيىنىپ ئەسەبىيلەرچە قۇرساق ئۇسۇلى ئوينىغان چاغدا گەرچە مەي ئىچمىگەن بولسىمۇ ئۆيلىرىن ئايرىلغىلى ئۇزاق بولغان چەتئەللىكلەرنىڭ كۆزلىرىدىن شەھۋەت ئۇچقۇنلىرى چاقناپ كەتتى...مەن ئۇلارنى يوشۇرۇنلۇقچە بىر قۇر كۆزىتىپ چىقتىم...بەزىلىرىنىڭ چىرايىدا ئەپسۇسلىنىش،ھېسداشلىق،ئىچ ئاغرىتىش ئالامەتلىرىمۇ باركەن...چەتئەللىكلەر ھەممىسى قايتىپ بولغاندىلا ئاندىن بىز قايتىشقا تەييارلاندۇق...چۈنكى ئەتە شىنجىنغا ماڭىدىغان گەپ...ئەتىگەنرەك ئارام ئالمىساق بولمايدۇدە...گۇاڭجۇنىڭ ئاسمىنىدا يۇلتۇزىمۇ يوقكەن... :]@d i%i> *o;eg=p 2008-يىلى30-ئاپرېل
wn)o0AlxX p24S`>a [ بۇ يازما ئەركىم تەرپىدىن 2008-05-01 18:01 دە قايتا ]