« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: كومپىيوتېر مۇتەخەسىس دىلشاد ھېۋزۇللا IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 1053 قېتىم كۆرۈلدى
بەختىيار
-
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 2405
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 377
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە377دانە
شۆھرەت: 234 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 2756 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 313 نۇمۇر
قوللاش: 219 نومۇر
ئالقىش: 760 كىشلىك
دوستلۇق توپى: كورلا
توردىكى ۋاقتى :94(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-02
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 كومپىيوتېر مۇتەخەسىس دىلشاد ھېۋزۇللا

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئۇيغۇرجـان تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-04-27)
دىلشاد ھېۋزۇللا ئاپتونۇم رايونىمىزغا كومپيۇتېر يېڭى كىرگەن 80– يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىنگىلىز تىلى ۋە ياپون تىلىدىكى كومپيۇتېر ھەققىدىكى ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ كومپيۇتېر تېخنىكىسىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىن باشلاپ ھوشۇر ئىسلام يېتەكچىلىكىدىكى دۆلەتلىك 863 تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر تىلىنى كومپيۇتېردا ئاۋاز ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش سىسىتېمىسى قاتارلىق تۈرلەرنى ئىشلىگەن. ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەنگلىيىدە كومپيۇتېر كەسپىدە دوكتۇرلۇقنى ئوقۇپ تاماملىغان. ھازىر ئەنگلىيىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانماقتا. يېقىندا ئۇنىڭ تۇققان يوقلاش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەندە ژۇرنىلىمىز ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارەت خاتىرىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. &! 1W&  
J glS  
مۇخبىر: ئەنگلىيىدە كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى قانداق؟ رايونىمىز بىلەن سېلشتۇرغاندا قايسى جەھەتتىكى پەرق زور؟ H:\p]  
[size=6]دىلشات ھېۋزۇللا: كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدىكەن. ھەتتا ئەنگلىيىنىڭكىگە يېقىنلىشىۋاتىدۇ– دېيىشكىمۇ بولىدىكەن. لېكىن، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى تەكشى ئەمەس ئىكەن. بەزى ئىدارىلەردە خېلىلا ياخشى ئومۇملاشقان، بەزى ئىدارىلەردە يەنىلا كۆپ ئارقىدا، مەكتەپ ئورۇنلىرى، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، تېخنىكىلىق ئورۇنلارنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن شەخسىي كارخانا شىركەتلەر، بەزى چەترەك رايونلاردىكى ئومۇملىشىشى تۆۋەن، كومپيۇتېر ۋە كومپيۇتېر تورىدىن پايدىلىنىش يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. ئويۇن ۋە كۆڭۈل ئېچىش جەھەتتىكى ئومۇملىشىشى كېڭىيىپ كەتكەندەك قىلىدۇ. B@\ApMG  
ئەنگلىيىدە بولسا ھەممىلا جايدا ئوخشاش دېگۈدەك ئومۇملىشىپ كەتكەن. بولۇپمۇ ئىچكى جەھەتتىن تورلىشىشى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئۆز–ئارا ئۇلىنىشى جەھەتتە ناھايىتى ئىلغار.  بارلىق ئىدارە ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى ئۇچۇلىرىنى ئۆزىنىڭ قىسمى تورى ئىچىدە ساقلايدۇ ھەم ئۆز–ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرىدۇ. ئىچكى تور ئارقىلىق مەلۇم كىشىنىڭ ئارخىپى، خىزمەت ئىپادىسى ۋە نەتىجىسى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى ھەر ۋاقىت بىلىپ تۇرغىلى، مۇناسىۋەتلىك بەزى ئۇچۇلارنى ھەتتا باشقا ئىدارە–شىركەتلەرنىڭ تورى ئارقىلىقمۇ بىلگىلى بولىدۇ. كۆپىنچە نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇچۇرلاشقان بولغاچقا نۇرغۇن ئىشلار تور ئارقىلىق بېجىرىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاپتونۇم رايونىمىزدا كومپيۇتېر ۋە كومپيۇتېر تورىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى سانلىق–مەلۇماتقا ئايلاندۇرۇپ، خىزمەتلەرنى سانلىق– مەلۇمات ئامبىرى ئارقىلىق باشقۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلۈش زۆرۈر. مەسىلەن، بىر ئىدارىدىكى پۈتۈن ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى ئىچكى تورغا ساقلىنىشى كېرەك. ھەر قانداق نەرسىنى كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ تېز سۈرئەتتە تاپقىلى بولىدىغان بولىشى، مەلۇم خىزمەتنىڭ قاچان ئورۇنلانغانلىقى، كىمنىڭ ئورۇنلىغانلىقى، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىڭ نەدە ساقلانغانلىقى ... قاتارلىق ئۇچۇلارنى ئىچكى توردىن كۆرگىلى بولىدىغان بولۇشى كېرەك. بۇ خىل ھالەت ئاپتونۇم رايونىمىزدا ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئومۇملاشقاندەك قىلىدۇ. لېكىن، چوقۇم چوڭ–كىچىك شىركەت ۋە ئىدارە– ئوۇگانلاردىمۇ ئۇمۇملاشقان ھالەتكە يەتسە ئاندىن ياخشى بولىدۇ. گەرچە، ھازىر ئىشلىتىش جەھەتتىكى پەرق چوڭدەك قىلسىمۇ، بىراق يۇقىرىدىكى پەرقلەر چوقۇم بارغانسىرى كىچىكلەپ ماڭىدۇ، بۇنىڭغا ۋاقىت ۋە جەريان كېرەك.
مۇخبىر: رايونىمىزدىكى يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى قايسى خىلدىكى يۇمشاق دېتالنى ئېچىشقا كۆپرەك كۈچ چىقىرىشى كېرەك؟دىلشات ھېۋزۇللا: مېنىڭچە ئەڭ ئاساسلىقى يۇمشاق دېتاللارنىڭ كەسىپلىشىشى ۋە ئىشلىتىش جەھەتتىكى ئومۇملىشىشىغا كۆپرەك كۈچ چىقارسا بولىدۇ. مەسىلەن، ھەر خىل كەسپلەرگە ماس كېلىدىغان يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەش، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىچكى توردا بىمالال خىزمەت قىلىدىغان ھالەتكە كېلىش، تور ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئىدارە ۋە شىركەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆز– ئارا مۇلازىمەت قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك. دېمەكچىمەنكى، كومپيۇتېرنى تورلاشتۇرۇشنى پەقەت قاتتىق دېتالدىكى تورلاشتۇرۇشتىلا ئەمەس، بەلكى ئۇچۇر جەھەتتىكى تورلاشتۇرۇشقا كېڭەيتىشى، كومپيۇتېرنى ئادەم ئۈچۈن ھەقىقىي مۇلازىمەت قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشى لازىم. بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سانلىق مەلۇم ئامبىرى تېخنىكىسى ۋە ئىنتېرنېت ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغان، باشقىلار كۆرەلمەيدىغان مەخپىي تورExtranet  (ئېكسترانېت) تېخنىكىسى قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.مۇخبىر: ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرۈپ نېمىلەرنى ھېس قىلىدىڭىز؟ سىزنىڭچە قايسى جەھەتلەردە كەمچىللىك بار؟دىلشات ھېۋزۇللا: ئۇيغۇر يۇمشاق دېتالىدا ناھايىتى زور تەرەققىياتلار بولۇپتۇ. يېزىق مەسىلىسىمۇ ھەل بولۇپتۇ. دۇنياغا ماسلىشىشتا ھەر قايسى يۆنىلىشلەرگە باغلىنىدىغان، ھەر قايسى كەسىپلەرگە ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتال بازىرىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ جەھەتتە سەل كەمچىل. لېكىن يەنىلا يېتىشتۈرۈپ كەتكىلى بولىدىغاندەك قىلىدۇ، يۆنىلىش بار، ناھايىتى ياخشى ئىلگىرلەش بار. ئەمدى پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىش ئەمەس، دۇنيا ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، بىرلىشىپ تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان، سىرتتىكى يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ تەتقىق قىلىدىغان بولۇشى كېرەك.مۇخبىر: سىزنىڭچە پروگرامما تۈزگۈچىلەر قانداق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىشى كېرەك؟دىلشات ھېۋزۇللا: پروگرامما تۈزگۈچىلەر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى پروگراممىنى تۈزۈش ئەمەس بەلكى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىشى مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ئىزدىنىش، باشقىلارنىڭ قانداق ھەل قىلغانلىقىغا قاراش كېرەك. يەنە بىرى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قانداق قىلىپ ۋايىغا يەتكۈزۈش، باشقىلاغا ئوخشىمايدىغان ئىلغار، يېڭى ئۇسۇللارنى ئىشلىتىش، ئىشلەتكۈچىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر نېمىنى كۆرسە ھاياجانلىنىدۇ دېگەنلەرنى ئويلاپ تۇرۇپ تۈزۈش كېرەك. يۇمشاق دېتال تۈزگۈچىلەر چوقۇم ئەڭ ئالدى بىلەن ئىشلەتكۈچلەنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ پىكىر قىلىشى، تەتقىق قىلىشى كېرەك، بۇ بەك مۇھىم. شۇنداق بولغاندا يۇمشاق دېتالنىڭ ئىشلىتىلىش قىممىتى زور بولىدۇ. يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىش داۋامىدىمۇ يەنە خېرىدارلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارغا يەنە نېمىلەر كېرەكلىكىنى ئويلىشىپ، دەۋرىلىك ھالدا پروگراممىنى مۇكەممەللەشتۈرگەندە يۇمشاق دېتالنىڭ ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. GU-1U!!Vq  
5!@kM_p1  
مۇخبىر: ئەسلى كودى ئېچىۋېتىلگەن(OPenSource) يۇمشاق دېتاللارغا قانداق قارايسىز؟ -S\^!3lTU4  
دىلشات ھېۋزۇللا:  OPenSource نى كەلگۈسى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەرەققىياتى شۇنىڭغا يۈزلىنىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا، مەسىلىنى ھەل قىلغاندا ياكى پروگرامما تۈزگەندە ئالدى بىلەن ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئىزدەپ بېقىش كېرەك. بازاردا سېتىلىۋاتقان پۇللۇق يۇمشاق دېتاللارنىمۇ، ئەسلى كودى ئېچىۋېتىلگەن يۇمشاق دېتاللارنىمۇ كۆرۈپ بېقىش، ئەگەر ئازراق ئۆزگەرتسىلا ياكى تەڭشىسىلا يەنە بىرىدىن ياخشى بولۇپ كېتىدىغان بولسا شۇنى تاللاش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇمشاق دېتالنى كېڭەيتكىلى بولىدىغان– بولمايدىغانلىقىنىمۇ ئويلىشىش ئىنتايىن مۇھىم. بازاردا سېتىلىۋاتقان يۇمشاق دېتاللار شۇنى ئىشلىگەن شىركەت تەرىپىدىن داۋاملىق كېڭەيتىلىپ، يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. لېكىن، ئەسلى كودى ئېچىۋېتىلگەن يۇمشاق دېتاللار بىر مەزگىلدىن كېيىن يېڭىلىنىشى ۋە كېڭەيتىلىشى توختاپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار. لېكىن، ئەسلى كودى ئېچۋېتىلگەن يۇمشاق دېتاللارنىڭ تۈرى ۋە سانى كۆپ. بەزىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن ياخشى، ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىدىغان پروگراممىچىلار قوشۇنى بار. شۇڭلاشقا، قايسىسى ياخشى، قايسىسى ئىستىقباللىق ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلەيدىغان بولۇش كېرەك. K` u+d(:S6  
ھازىر ئەسلى كودى ئېچۋېتىلگەن يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز. پروگراممىچىلارغا غەيرى، باشقا تۈرگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە تەلەپلەر قويۇلىۋاتىدۇ. يەنى، ئېچۋېتىلگەن كودلارنى ئىشلىتەلەيدىغان، بىر– بىرىگە ماسلاشتۇرالايدىغان، تەڭشەپ، كېڭەيتىپ ئۈستىگە قۇرالايدىغان بولۇش تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ. باشتىن– ئاخىر ئۆزى پروگرامما تۈزىدىغان پروگراممىچىغا ئەمەس، بەلكى بار بولغان نەرسىلەرنى بىر بىرىگە ئۇلاپ كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىلگەن كودتا يوق ئىقتىدارلارنى قوشالايدىغان ئادەملەرگە بولغان ئېھتىياج كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ باشتىن تۈزگەنگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە تەس، بۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ كۈچ ۋە ئەقىل كېتىدۇ، تېخىمۇ ئەتراپلىق بولغان مەسىلىنى ھەل قىلىش قابىليىتى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. L@W6P&./  
nd?W^S1  
مۇخبىر: سىزنىڭچە ھازىرقى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ باھاسى مۇۋاپىقمۇ؟ ئەنگلىيىدە كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى سېتۋېلىشقا قانداق قارايدۇ؟ 1U4FFb8  
دىلشات ھېۋزۇللا: ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ باھاسىغا قاراپ باقمىدىم، بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. ئەنگلىيىدە بولسا كارخانا، ئىدارىلەردە ھەر قانداق كىچىك پروگراممىنىمۇ چوقۇم سېتىۋالىدۇ. چۈنكى كۆچۈرۈپ ئىشلەتكىنى ئاشكارلىنىپ قالسا تۆلەيدىغان بەدىلى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. شەخسلەردە بەزىدە ئۆزلىرى سېتىۋالغان بولسا يېقىن دوستلىرىغا كۆچۈرۈپ بېرىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. لېكىن بەك كەڭ دائىرىدە ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭغا يول قويۇلمايدۇ، بۇ قانۇنسىز دەپ قارىلىدۇ. شۇڭلاشقا، بىرەر يېرىم كۈن سەرىپ قىلىپ مەلۇم مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان كىچىككىنە بىر پروگرامما تۈزگەن بولسىڭىزمۇ ئۇنى ئالىدىغان ئادەم چىقىدۇ. بۇ يۇمشاق دېتال تۈزگۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىدا ناھايىتى تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. e)~8:c  
sYv)DIT 
مۇخبىر: ئۇيغۇرلاردا ئىنتېرنېتقا پروگرامما تۈزۈشتە قانداق كەمچىلىكنى ھېس قىلىدىڭىز؟ \ua|\@ F  
دىلشات ھېۋزۇللا: ئىنتېرنېت دېگەن بىر چوڭ ئۇقۇم، ئىنتېرنتقا پروگرامما تۈزۈشنىڭ ئۆزىمۇ بىر چوڭ ئۇقۇم. ئۇيغۇرلاردا بۇ ساھە كۆپ ئاجىز. چۈنكى،    ASP دېگەن تىللار بىلەن سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن ئوقۇپ تور بەتكە چىقىرىپ قويۇش ئادەتتىكى بىر ئىش، ئىنتېرنېتقا كارخانىلاردا ئىشلىتىلىدىغان چوڭ ھەم مۇرەككەپ پروگرامما تۈزگەندە چوقۇم قاتلاملار بويىچە تۈزۈلىدۇ. ئەڭ ئاستىدا تور قاتلىمى بولىدۇ. تور قاتلىمىنىڭ ئۈستىدە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بولىدۇ. سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئۈستىدە سانلىق مەلۇماتلارنى پروگرامما ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرىدىغان بۆلەك بولىدۇ. ئوبيېكتقا ئايلانغاندىن كېيىن، بۇ ئوبيېكتلارنى سانلىق ئامبارغا ساقلايدىغان بىر قاتلام بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىقتىدار قاتلىمى ( business layer دەيمىز) بولىدۇ. بۇ قاتلامغا بىخەتەرلىك، Transaction  دېگەندەك بۆلەكلەر قويۇلىدۇ ھەم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بۇ جەھەتتە يەنەAsprct oriented, SOA(service oriented architecture)  دېگەندەك نۇرغۇن ئاتالغۇ، نەزەرىيىلەر بار. يىغىپ ئېيتقاندا، پروگراممىلار قاتلام ھەم رامكىلار بويىچە قۇرۇلغان بولىدۇ. شۇ بويىچە ئەڭ ئاخىرىدا Web component  دېگەن قاتلام بولىدۇ. بۇ قاتلامدا ئاندىن بەزى بۆلەكلەر html  ھۆججىتى ئارقىلىق كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن، بىر نەرسىلەرنى كىرگۈزۈپ ئىزدەش، تور ئارقىلىق نەرسە سېتىۋېلىش دېگەندەك. بەزى بۆلەكلەر باشقا پروگراممىلار بىلەن، XML بىلەن، ياكى Web service, RMI  ، قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىچكى تور، تاشقى تور بىلەن ئالاقە ئېلىپ بارىدۇ. مۇشۇ پروگراممىلارنىڭ ھەممىسى قاتلام، بۆلەك ۋە ئۆلچەملىك رامكا ھالەتتە ئۆز ۋەزىپىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەم ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. يەنى، ھەر بىر بۆلەك ئاددىي بولىدۇ، بىراق بۇلارنى ئۆز– ئارا ئۇلاش، بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق چوڭ، مۇرەككەپ سىستېمىلارنى تۈزۈشكە بولىدۇ. بۇ جەھەتتە يەنە پروگراممىلارنى ئوراش تېخنىكىسى، ئۆز– ئارا ئۇلاش تېخنىكىسى قاتارلىق نۇرغۇن تېخنىكىلار بار. بۇلارغا تەلەپمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى ئارىسىدىكى مەلۇم بۆلەك پروگرامما ئىجرا بولماي قالسا ياكى خاتالىق كۆرۈلسە بىر كارخانىنى ۋەيران قىلىش ئېھتىماللىقى بار. شۇڭا بۇ جەھەتتە تەلەپ قاتتىق قويۇلىدۇ. ;.M'8_cgV\  
مېنىڭچە، ئۇيغۇرلادا مۇشۇنىڭدەك كارخانىغا يۈزلەنگەن چوڭ تىپتىكى پروگرامما تۈزۈش كەمچىل، بۇ جەھەتتە چوقۇم ھازىرقى ئىلغار بولغان ئىدىيە، ئۆلچەم ۋە تېخنىكىلارنى ئۈزلۈكسىز ئىگىلەش، ئىشلىتىش، ئۆز– ئارا ھەمكارلىشىپ پروگرامما تۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم. 3dOZ\g(s J  
F|Gx<8H"N  
مۇخبىر: ھازىرقى كومپيۇتېر تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشى بىلەن نۇرغۇن كەسپىي ئاتالغۇلار بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، بۇلارنى بىۋاستە ئىنگلىزچە ھالىتىدە ئاتىساق بولامدۇ؟ rO.`._'u+  
دىلشات ھېۋزۇللا: مېنىڭچە، ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان بەزى ئۇقۇملارنى ئۇيغۇرچە ئىپادىلەش مۇۋاپىق بولمىغان بولسا ئىنگلىزچە ئاتىساق بولىدۇ. لېكىن بەزى ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىداش سۆزلىرىنى ياسىغىلى بولسا ھەم قاراشتىلا ناھايىتى ئېنىق بولسا بىۋاستە ئۇيغۇرچە ئاتىساق تېخى ياخشى. مەسىلەن، «تور» دېگەن ئىسىم ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ. ئىنتېرنېتنى تور دېسەك بولمايدۇ. ئىنتېرنېت دېگەن ئىنتېرنېت،  NET دېگەن تور بولىدۇ، بۇلارنىڭ پەرقى بار. «تور بەت» مۇ ناھايىتى ياخشى ئاتالغۇ بولۇپتۇ. h7Ie@?n  
ئەڭ مۇھىمى ئاتالغۇلارنىڭ ئىخچاملىقى جەھەتتە كۆپرەك باش قاتۇرۇش كېرەك. مەلۇم بىر ئاتالغۇ ئىنگلىزچىدە ناھايىتى ئىخچام بولسا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسىنى ياسىغاندا ئۇزۇن بولۇپ كەتسە ياكى مۇجىمەل بولۇپ قالسا بىۋاستە  ئىنگلىزچىنى ئىشلەتكەن ياخشى. مەسىلەن،,  Extranet, Intranet, Internet Process,، Thread دېگەندەك سۆزلەرگە ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ ياسىغاندا ئۇزۇن بولۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇنىڭدەك ئاتالغۇ ناھايىتى كۆپ، يەنە كېلىپ كۈندە دېگۈدەك يېڭى ئاتالغۇلار بارلىققا كېلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىخچام ھەم چۈشەندۈرۈلۈشىنى بىر قېتىم كۆرگەندىن كېيىنلا دەرھال ئەستە قالىدىغان ئىش بولسا بىۋاستە ئىنگلىزچىدىن ئالساق بولىدۇ. لېكىن، ھەممىلا سۆز–ئاتالغۇنى ئىنگلىزچىدىن ئېلىشقىمۇ بولمايدۇ. G}]0-V  
7 FH4  
مۇخبىر: ئەنگلىيىدە كومپيۇتېر ساھەسىدە ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشتا قانداق تەييارلىق قىلىش كېرەك؟ قانداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ؟ %SvcYNZ  
دىلشات ھېۋزۇللا: تەييارلىق تەلىپى باشقا كەسپلەرنىڭىگە ئوخشاش. TOEEL, IELTS قاتارلىق بەلگىلەنگەن ئىنگلىزتىلى ئىمتىھانلىرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىسا ھەم بەلگىلەنگەن تەلىپىنى ئورۇنلاپ، ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئېلىش ئارقىلىق ئوقۇسا بولىدۇ. لېكىن، كومپيۇتېرغا نىسبەتەن ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئېلىپ ئوقۇش تەسكە چۈشىدۇ. چۈنكى بۇ پۇل تاپىدىغان كەسىپ بولغاچقا، ئەدەتتە جىق ئورگانلار پۇل چىقىرىپ بەرمەيدۇ. پۇل تېپىشنىڭ قۇرالى بولغانلىقتىن ئوقۇيدىغان ئادەممۇ كۆپ. فىزىكا، ماتېماتىكا دېگەندەك پەنلەردە نۇرغۇن ئورگانلار ئىئانە قىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلار تەتقىقات تېمىسىنى ئورۇندايدۇ. ئەمما، كومپيۇتېر كەسپى بولسا كارخانىلاشقان بولىدۇ. شۇڭا، تەتقىقاتلارنى كارخانا ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەلۋەتتە، ئونۋېرستېتلاردىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىدۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا كارخانا ئارقىلىق ئەكس ئېتىپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى مەھسۇلات ۋە خېرىدار ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ. omU{$M  
3(XI- H]Z  
مۇخبىر: ئەنگلىيىدىكى شىركەتلەردە كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال تۈزگۈچىلەرگە قانداق تەلەپ قويۇلىدۇ؟ O-NS~2eN  
دىلشات ھېۋزۇللا: ئەنگلىيىدىكى شىركەتلەردە مەلۇم پروگراممىنى تۈزۈشتە، ئەگەر شۇنداق پروگرامما ھازىر بار بولغان بولسا (مەيلى ئۆزىدە ياكى باش شىركەتتە بولسۇن)، پروگرامما تۈزگۈچىلەرنىڭ قايتىدىن پروگرامما تۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ، بىۋاستە شۇ پروگراممىنى ئىشلىتىدۇ (باشقىلاردا بولسا سېتىۋالىدۇ). قايتىدىن پروگرامما تۈزۈشتە چوقۇم بۇرۇن ھېچكىم تۈزۈپ باقمىغان بولىشى كېرەك. ئەگەر يوق بولغان تەقدىردىمۇ، ئوخشاپ كېتىدىغىنى بولسا ھەم ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولسا شۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، پروگرامما تۈزگۈچىلەردىن پروگراممىلارنى تەڭشەش، بىرلەشتۈرۈش، كەڭ دائىرىدىن ئويلاش، مەسىلىنى ھەل قىلىش جەھەتلەردە قويۇلىدىغان تەلەپ ئىنتايىن يۇقىرى. Og^@A2  
ئۇنىڭدىن باشقا، پروگراممىچىلارنىڭ ئۆزى خالىغانچە پروگرامما تۈزۈشىگە ھەرگىزمۇ يول قويۇلمايدۇ. چوقۇم ھازىرقى رامكىغا چۈشۈرۈش، ئۆلچەملەشكەن(standardization)  ھالەتتە تۈزۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۆزى بىر نەرسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا، يېڭىلىق ياراتتىم دەپ يېڭىچە بىر ئۇسلۇبتا پروگرامما تۈزۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق قىلغاندا باشقا پروگراممىچىلارنىڭ چۈشىنىشىگە تەسىر يېتىدۇ. ئەلۋەتتە، يېڭى نەرسىلەرنى تۈزۈش ئارقىلىق يېڭىلىقلار پەيدا بولىدۇ. لېكىن، شىركەتلەردە بۇنىڭغا يول قويۇلمايدۇ. چۈنكى، ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبى بويىچە تۈزىسە ئۇسلۇب جىق بولۇپ كېتىپ ئومۇمىي گەۋدىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا ئۆزى ئىجاد قىلىش ئەمەس، ئەڭ ئالدى بىلەن ھازىر بار بولغان نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ ئۈستىگە قۇرۇشنى ئالاھىدە تەلەپ قىلىدۇ. بەزىدە ئۆزگىچە ئۇسلۇبلار بىكارلىق تارقىتىلغاندىن كېيىن، كۆپ ئادەم تەرىپىدىن ئىشلىتىلىپ، ياخشى باھا بېرىلسە يېڭى ئۇسلۇب پەيدا بولىدۇ ھەم ئۆلچەملىشىشكە تۈرۈتكە بولىدۇ. مەسىلەن، Spring  دېگەن ھېچقانداق ئۆلچەمگە چۈشمەيدىغان بىر نەرسە ئوتتۇرىغا قويۇلىۋېدى، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ياخشى كۆرۈپ ئىشلىتىشى بىلەن ھازىر بىر ئۆلچەمدەك بولۇپ قالدى. لېكىن، شىركەتلەردە ئۆزى خالىغانچە تۈزۈشكە بولمايدۇ، چوقۇم شۇ شىركەتتە بېكىتىلگەن ئۆلچەم بويىچە تۈزۈش كېرەك. FM%v+  
A`&R|Y7R  
U8ts]$I82V  
مەنبە: <كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش> ژورنىلىنىڭ 2007- يىللىق 4- سانىدىن
[ بۇ يازما گۆشگىردە تەرپىدىن 2008-04-27 14:55 دە قاي ]
باشقۇرغۇچى گۆشگىردە تېمىنى تەستىقلىدى .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • سەلكىن دوللىرى:+10(ئالىپتىكىن)
  • salkin-bbs
    一个人的所作所为最能反映他的品质
    | ۋاقتى : 2008-04-27 13:25 [باش يازما]
    xjaat
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 131
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 59
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە59دانە
    شۆھرەت: 49 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 1515 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 68 نۇمۇر
    قوللاش: 60 نومۇر
    ئالقىش: 60 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :127(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-02
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    دىلشاد ھېۋزۇللانىڭ سۆرىتى قايسىڭلىدا بار ؟  بولسا چىقىرىپ قۇياڭلا.
    salkin-bbs
    www.xjaat.cn
    | ۋاقتى : 2008-04-27 14:54 1 -قەۋەت
    ئوماق.
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 12654
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 115
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە115دانە
    شۆھرەت: 115 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 925 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 140 نۇمۇر
    قوللاش: 127 نومۇر
    ئالقىش: 174 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :25(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    شۇنداق ~سۆرىتى بولغان بولسا تېخمۇ ياخشى بولاركەن ~رەھمەت ~ Aq{8 ^ HOy  
    مەنمۇ مۇشۇنداق بولغان بولسام         
    salkin-bbs
    ئۇيغۇرئېچىنايلى!
    | ۋاقتى : 2008-04-27 15:57 2 -قەۋەت
    بانانجان
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6022
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 351
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە351دانە
    شۆھرەت: 474 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 423 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 459 نۇمۇر
    قوللاش: 398 نومۇر
    ئالقىش: 598 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :56(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تىلىۋىزوردا كۆرمىگەنمىتتىڭلار بالىلار.
    salkin-bbs
    | ۋاقتى : 2008-04-27 15:58 3 -قەۋەت
    xjaat
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 131
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 59
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە59دانە
    شۆھرەت: 49 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 1515 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 68 نۇمۇر
    قوللاش: 60 نومۇر
    ئالقىش: 60 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :127(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-02
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تېلۋىزوردىنغۇ كۆرگەن  تېلۋىزور ئۆچەپ قىلىپ چىرايىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن دىگىنە. m+xPeY@e3  
    salkin-bbs
    www.xjaat.cn
    | ۋاقتى : 2008-04-27 16:07 4 -قەۋەت
    nabijan1
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


    UID نۇمۇرى : 12713
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 6
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
    شۆھرەت: 6 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 155 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    قوللاش: 8 نومۇر
    ئالقىش: 15 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :9(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇ ماڭا ئوخشايدۇ...       
    salkin-bbs
    ....
    | ۋاقتى : 2008-04-27 17:43 5 -قەۋەت
    ئەلپىدا2
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10201
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 314
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە314دانە
    شۆھرەت: 314 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 1763 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 327 نۇمۇر
    قوللاش: 320 نومۇر
    ئالقىش: 346 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :105(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-01
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن بۇ كىشىنىڭ نامىنى بۇرۇن ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن...بۇ كىشى دىيارىمىزغا كېلىپ خىزمەت قىلسا بولار ئىكەن....
    | ۋاقتى : 2008-04-27 17:58 6 -قەۋەت
    گىگانىت
    رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9266
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 510
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە510دانە
    شۆھرەت: 536 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 90125 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 974 نۇمۇر
    قوللاش: 740 نومۇر
    ئالقىش: 1487 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :167(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-02
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تېلۋىزوردىنغۇ كۆرگەن  تېلۋىزور ئۆچەپ قىلىپ چىرايىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن دىگىنە. tM),~5s{oh  H1q+h@Z  
    ھا.......ھا......ھا........ھا........ھا...........ھا..........بۇ گەپ تازا كەپتۇ
    | ۋاقتى : 2008-04-27 18:14 7 -قەۋەت
    ئاھياشلىق
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 12188
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 223
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە223دانە
    شۆھرەت: 223 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 1365 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 247 نۇمۇر
    قوللاش: 235 نومۇر
    ئالقىش: 277 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :113(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-02
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللا ئۇلۇغ ياخشى باركەنسىز،مىنىڭ سىز بىلەن بەك پاراڭلاشقۇم بار ئىدى.، gPw)L"  
    ئەگەر سز خالىسىڭىزلا،،، }Pm({t-D  
                          بۇ مىنىڭ چ چ ؛961367188
    دۇنيادا باردۇر ھەرخىل گۇل-گىياھ ،
    ئالماس بىلياردنىڭ قىممىتى بارمۇ.
    شۇنداقتىمۇ كۆڭلۇم ساڭا مەھلىيا،
    جاھاندا شۇنچە كۆپ ئادەم تۇرسىمۇ.
    | ۋاقتى : 2008-04-27 18:15 8 -قەۋەت
    xjaat
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 131
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 59
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە59دانە
    شۆھرەت: 49 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 1515 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 68 نۇمۇر
    قوللاش: 60 نومۇر
    ئالقىش: 60 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :127(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-02
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاھياشلىق    [+L5m!y{f  
    QQ رىڭىزنى قۇشۇۋالدىم.
    www.xjaat.cn
    | ۋاقتى : 2008-04-27 21:09 9 -قەۋەت
    xjaat
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 131
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 59
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە59دانە
    شۆھرەت: 49 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 1515 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 68 نۇمۇر
    قوللاش: 60 نومۇر
    ئالقىش: 60 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :127(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-02
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    دىلشات ھىۋىزوللا قۇرامىغا يەتكەن چوڭ ئاكاش ئۇختۇڭما ساقام.(غۇلجا پەدىسىدە گەپ قىلىۋالدىم ھە) xXL =ag]  
    ساڭا ئۇخشاش قىپ يالىغاچ  سوسكا شوراپ يۈرمەيدۇ  ۋەت،،،
    www.xjaat.cn
    | ۋاقتى : 2008-04-27 21:16 10 -قەۋەت
    ئارمان01
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9689
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 359
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە359دانە
    شۆھرەت: 363 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 1815 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 361 نۇمۇر
    قوللاش: 357 نومۇر
    ئالقىش: 371 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :308(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تېلۋىزوردىنغۇ كۆرگەن  تېلۋىزور ئۆچەپ قىلىپ چىرايىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن دىگىنە N}'|_`x  
        دىمىسىمۇ    بەك    كەپتۇ    ما      گەپ
    سىنىڭ  بولمىىسا    مەن    بىلەن  ئىشىڭ   
    مىنىڭ  سەن   بىلەن  نىمە    ئىشىم
    http://xinjiangsoft.cn/soft/
    | ۋاقتى : 2008-04-27 23:46 11 -قەۋەت
    كىروران~يىگىتى
    خەلق مەسلىھەتچىسى!
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 666
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 794
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە794دانە
    شۆھرەت: 638 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 3894 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 819 نۇمۇر
    قوللاش: 693 نومۇر
    ئالقىش: 477 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :115(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەنگىلىيىگە ئوقۇشقا چىقسام ئىزدىسەم بولغىدەك.....................تىلىفۇن؟ ئىلىخەت؟؟؟؟؟؟؟؟قانداق تاپقىلى بولار...... [D_1 ,  
    5 &F7/  
    دىلشات ھىزىۋۇللا دىيارىمىزغا كەلگەن بولسا ........ھەرگىزمۇ قەدىرلەنمەيتى.............بۇلسا شۇ جايدا تۇرسۇن......
    -كىروران يىگىتى______(جانئالغۇچى~ئەزرائىل)،2006.12
    1.ئادەم شەپقەتسىز بولغاندىلا ،ئۆز مۇرات- مەقسەتلىرىگە يىتەلەيدۇ2..ئۈزىمىزنى ھەم كىينىكى ئەۋلاتلارنى قەتئى ساۋاتسىز قالدۇرۇشقا بولمايدۇ،زور بەدەل تۆلەپ بولسىمۇ،چەتئەلدىكى داڭلىق ئونۋىرستلاردا ئوقۇشىمىز ھەم ئۇقۇتۇشىمىز كىرەك. 3.دۇنيانى پەقەت تەبىئى پەنلەر ھەم ئىجتىمائى پەنلەرلا تەرەققى قىلدۇرالايدۇ....ھەرگىزمۇ يۇغان سەللىلىك موللىلار تەرەققى قىلدۇرالمايدۇ!!!  4.بەش پەرزەنتىم بولسا .....  1.) قانۇن پەنلىرى بۇيىچە دوكتۇرلۇق..2.)بىناكارلىق پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق..3.)سىياسىيشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق...4)بىئو-خىمىيە پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق..5)تىببى پەنلەر بويىچە دوكتۇرلۇق ئونۋانىغا ئىرىشتۈرسەم دەپ ئۇيلايمەن...بۇ ئۇلۇغۋار نىشانلىرىم ئەمەلگە ئاشسا ...بۇ دۇنيادا ئارمانىم يوق ئىدى.
    | ۋاقتى : 2008-04-28 00:15 12 -قەۋەت
    ئۈزۈمچى
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2269
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 361
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە361دانە
    شۆھرەت: 349 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 1888 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 390 نۇمۇر
    قوللاش: 372 نومۇر
    ئالقىش: 387 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :122(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلىسە  . . .. . . .  ياخشى بولاركەن!
    مەن سېنى سېغىنغانلىقىم ئۈچۈن سەنمۇ مېنى سېغىنىسەن!
    | ۋاقتى : 2008-04-28 00:18 13 -قەۋەت
    kurax-14
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11867
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 281
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە281دانە
    شۆھرەت: 281 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 1930 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 336 نۇمۇر
    قوللاش: 307 نومۇر
    ئالقىش: 413 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :55(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-03
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇ ئاكىمىز ھەقىقەتەن تالانت ئىگىسى.....
    ئانا تىلمىزنى قوغدايلى
    | ۋاقتى : 2008-04-28 02:46 14 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    سەلكىن تورى » ئۇيغۇر شەخسلىرى

    سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

         سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

    سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
    مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-5625600، 13609981040

    Time now is:05-03 13:07, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation