ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى
.e{)t# ئەسما يۈز يىل ئۆمۈر كۆردى، ئۇنىڭ بىرەر تال
7%XD>Q
چىشى چۈشمىدى،يا ئەقلىدىن ئادىشىپمۇ قالمىدى.تارىخچىلار. QcaiotZ
بىز بۇ يەردە بايان قىلماقچى بولغان ئەسەرىمىزنىڭ باش قەھرىمانى ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى ھاياتىدا كىشىنىڭ دىلىنى سۈيۈندۈرگىدەك پەزىلەت ، ئارتۇقچىلىق ۋە ئۇلۇغلۇقنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بىر ئايالدۇر. چۈنكى ئۆزى بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كيېىنكى خەلىپىسى ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزىدۇر. ئۇنىڭ قىز قېرىندىشى بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھەزرىتى ئانىمىز ئائىشەدۇر، ئۇندىن باشقا ئۇنىڭ بوۋىسى يەنى ئەبۇ بەكرىنىڭ ئاتىسى ئەبۇ ئەتىيق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياردەمچىسى بولغان ئېرى زۇبەيىر ئىبنى ئەۋۋام ۋە ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىر ساھابىلاردىندۇر(ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن! ) ئۇنىڭ باشقىلارغا چېتىلغان شەرىپىنى قويۇپ ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى ئەسما بولغانلىقىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ شەرەپلىنىشىگە يېتەرلىكتۇر. m=h"+x1
ئەسما بۇرۇن ئىمان ئېيتقۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ ئۇنىڭدىن بۇرۇن پەقەت 17 ئادەم ئىمان ئېيتقان ئىدى. ئەسما يەنە ”ئىككى بەلۋاغ ئىگىسى“ دېگەن نامغىمۇ ئىگە بولغان بىر پەزىلەت ئىگىسى بولۇپ ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئاتىسى مەدىنىگە ھىجرەت قىلىدىغان كۈنى ئۇلارغا ئوزۇقلۇق ۋە سۇ تەييارلاپ بېرىپ بۇ نەرسىلەرنى تاڭىدىغان نەرسە تاپالمىغاندا ئۆزىنىڭ بەلۋىغىنى ئوتۇردىن يىرتىپ بىر پارچىسىدا ئوزۇق خالتىسىنى، يەنە بىرىدە تولۇمنى باغلىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ دىن جەننەتتە ئىككى بەلۋاغ بېرىشكە دۇئا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ”ئىككى بەلۋاغ ئىگىسى“ دېگەن نامغا ئىگە بولغان. nM38Y4d,V
ئۇ زۇبەيىر ئىبنى ئەۋۋام بىلەن نىكاھلانغاندا زۇبەيىر بولسا قولىدا نە خىزمىتىنى قىلىدىغان خىزمەتچىسى نە بىر ئېتىدىن باشقا ئائىلىسىنى باياشات قىلغىدەك مال ـ دۇنياسى يوق كەمبەغەل يېگىت ئىدى. بىراق ئەسما ئۇنىڭ ئۈچۈن بەكلا ياخشى بىر ئايال ئىدى، ئەسما دائىم ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئېتىنى يېتىلەيتتى، ئۇنى ئوتلىتىپ، ھەلەپ ئېتىپ بېرىش ئۈچۈن دانلارنى يەنچىيتتى. ئاللاھ ئۇلارغا كەڭچىلىك ئاتا قىلىپ ئۇلارنى ساھابىلارنىڭ ئەڭ بايلىرىنىڭ قاتارىدىن قىلغانغا قەدەر ئۇ شۇ ھالەتتە ياشىدى. gd:/JquoQ"
ئەسمانىڭ دىنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئاللاھ ۋە ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرى تەرەپكە ھىجرەت قىلىش پۈرسىتىگە ئېرىشكەن ۋاقىتلىرى دەل ئۇنىڭ ئوغلى زۇبەيىرگە بولغان ھامىلىلىك مەزگىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا توغرا كەلدى، ئۇ ئەھۋالىنىڭ بۇنچىلىك قىيىنچىلىقىدىن قورقماي سەپەرگە ئاتلاندى. #KXu=6F
ئۇ دەل مەدىنىدىكى قۇبا مەسجىدى بار كەنتكە يېتىپ بارغاندا كۆزى يورىدى، مۇسۇلمانلار خۇشاللىنىپ تەكبىر ۋە تەھلىل ئېيتىشتى، چۈنكى تۇغۇلغان بۇ بۇۋاق مەدىنىگە ھىجرەت قىلغۇچىلارنىڭ ئىچىدە تۇنجى تۇغۇلغان بۇۋاق ئىدى، ئەسما ئوغلى ئابدۇللاھ زۇبەيىرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئېلىپ بېرىپ ئۇنىڭ قۇچىغىغا قويدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇبارەك تۈكرىكلىرى بىلەن بالىنى ئېغىزلاندۇردى ۋە دۇئا قىلدى. بۇ بالىنىڭ قورسىقىغا كىرگەن تۇنجى نەرسە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك تۈكرىكى بولدى. #Gv&Y3
ئەسمادا ئەرلەردىمۇ ئاز تېپىلىدىغان ئەقىل ـ ئىدراك ۋە پەزىلەت، ئۇلۇغلۇق سۈپەتلىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ سېخىلىكى بولسا ئۈلگە قىلغۇدەك دەرىجىدە ئىدى، بۇ ھەقتە ئوغلى ئابدۇللاھ مۇنداق دېگەن: مەن ھاممام ئائىشە ۋە ئانامدەك سېخى كىشىنى كۆرمىدىم، بىراق بۇ ئىككىسىنىڭ سېخىلىكى ئوخشىمايتتى، ھاممام ئائىشە بولسا نەرسىلەرنى يىغىپ قويۇپ ھاجەتمەنلەرگە يەتكىدەك بولغاندا ئاندىن بېرەتتى، ئانام بولسا ئەتىگە ھىچنېمە قالدۇرمايتتى. l}P#r3
ئەسما ھەرقانداق قىيىن ئەھۋالدىمۇ ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئەقىل ئىگىسى ئىدى. ئاتىسى ئەبۇ بەكرى ئەينى زاماندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەمراھ بولۇپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندا ئۆيىدە بار بارلىق مال ـ مۈلكىنى بىللە ئېلىپ ماڭغان ئىدى، ئۇنىڭ ئېلىپ ماڭغان مېلىنىڭ سانى ئالتە مىڭ دەرھەم بولۇپ ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن ھىچنېمە قالدۇرمىغان ئىدى. ئەسمانىڭ بوۋىسى ئەبۇ قۇھافە ئەبۇ بەكرىنىڭ سەپەر قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ (ئۇ چاغدا ئۇ مۇشرىك ئىدى) ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى ۋە ئەسماغا: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مەن ئۇنىڭ ئۆزى ئارقىلىق سىلەرنى غەم ـ ئەندىشىگە سېلىپ قويغاننىڭ ئۈستىگە سىلەرنى كەمبەغەل بىر ھالەتتە قالدۇردى، دەپ قارايمەن، دېدى. ئەسما ئۇنىڭغا: 9`&K91a&
ئى بوۋا! ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ بىزگە كۆپ مال قالدۇرۇپ قويدى، دېگىنىچە شېغىللارنى ئېلىپ مال ساقلايدىغان تەكچىگە قويغاندىن كېيىن ئۈستىگە بىر پارچە رەختنى يېپىپ بوۋىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ (ئۇنىڭ كۆزى كۆرمەس ئىدى) رەختنىڭ ئۈستىدىن سىلاتقۇزۇپ: قانداق بىزگە مال قالدۇرۇپتىمۇ؟ دېدى. بوۋىسى: RjBCs'[y
قالدۇرۇپتۇ، ئەگەر ئۇ مۇشۇ ماللارنىڭ ھەممىسىنى قالدۇرغان بولسا ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلىپتۇ، دېدى. M=vn4D0R
ئەسما مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ياشانغان كىشىنى خاتىرجەم قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە مال بېرىشىدىن توساپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. چۈنكى ئۇ گەرچە بوۋىسى بولغان تەغدىردىمۇ مۇشرىكلاردىن ئۆزىگە ياردەم قىلىنىشنى خالىمايتتى. vSX6MQM
تارىخ ئەسمانىڭ ھاياتىدىكى نۇرغۇن ئالاھىدە كۆرۈنىشلەرنى ئۇنتۇپ قالدى، دېگەندىمۇ ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىر بىلەن ئاخىرقى قېتىمقى ئۇچرۇشىشى ۋە بۇ ئۇچرىشىشتا نامايەندە بولغان ئۇنىڭ ئۆتكۈر ئەقلىي پىكرى، كەسكىن پوزىتسىيەسى ۋە كۈچلۈك ئىمانىنىڭ سۆھبەتتىكى ئىپادىسىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بۇ ۋەقەلىك مۇنداق ئىدى: 6%E}$U6V
يەزىد ئىبنى مۇئاۋىيە ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەسمانىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىرگە ھىجاز، مىسىر، ئىراق، خۇراسان، شام دىيارلىرىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار بەيئەت قىلدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇممەيە جەمەتىدىكىلەر ھەججاج ئىبىنى يۈسۈف سەقەفىينىڭ قوماندانلىقىدا ئابدۇللاھقا قارشى زور قوشۇن ماڭدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كەسكىن جەڭ باشلاندى. ئۇ جەڭدە ئۆزىگە خاس باتۇرلۇق ۋە چەۋەندازلىق بىلەن قەھرىمانلارچە ئۇرۇش قىلدى، لېكىن ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكىلەر پەيدىن ـ پەي ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا باشلىدى، ئۇ ئاخىرىدا ئاللاھ نىڭ ئۆيى بىلەن پاناھلاندى، يەنى ئۇ بىر قانچە كىشىلىرى بىلەن مۇقەددەس كەبىنىڭ ئىچىدە قوغدۇنۇشقا مەجبۇر بولدى. zsh:D~P
ئۇ شەھىد بولۇشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى ئانىسى ئەسمانىڭ قېشىغا كەلدى، بۇ چاغدا ئەسما كۆزى تۇتۇلۇپ ياشىنىپ قالغان ئىدى. ئابدۇللاھ: ئى ئانا! سىزگە ئاللاھ نىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكىتى بولسۇن، دېدى. ئەسما: ئوغلۇم ئابدۇللاھ ساڭىمۇ تىنچلىق بولسۇن!... ھەججاجنىڭ مەنچاناقلىرى( چوڭ ـ چوڭ تاشلارنى يىراققا ئاتىدىغان قورال) ئاتقان تاشلار يەرلەرنى تىترىتىۋاتقان مۇشۇنداق چاغدا سەن بۇ يەرگە نېمە دەپ كەلدىڭ؟ دېدىسىزدىن مەسلىھەت سورىغىلى. Q+*"s];R
مەندىن؟ قايسى ئىش توغرىسىدا؟ 9cV="JZ#O
كىشىلەر ماڭا ياردەم قىلمىدى، ھەججاجدىن قورقۇپ ۋە ئۇنىڭ مال ـ دۇنياسىغا قىززىقىپ مەندىن يۈز ئۆرىدى، مېنىڭ قېشىمدا پەقەت بىر قانچە كىشىلا قالدى، ئۇلار ھەر قانچە چىداملىق بولغان تەقدىردىمۇ پەقەت بىرنەچچە سائەتلا بەرداشلىق بېرەر، بەنى ئۆممەيەنىڭ ئەلچىلىرى ناۋادا مەن قۇرالنى تاشلام ئابدۇللاھ ئىبنى مەرۋانغا بوي سۇنسام ماڭا خالىغىنىمنى بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا گەپ قىلىۋاتىدۇ، سىزنىڭچە قانداق؟ f