بۇ بەتتىكى تېما: ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىكى ھەربىي كۇرس ۋە مەكتەپلەر IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 378 قېتىم كۆرۈلدى
ئۇدۇن~ئوغلى
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 11375
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 217
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە217دانە
شۆھرەت: 217 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 4246 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 637 نۇمۇر
قوللاش: 425 نومۇر
ئالقىش: 1173 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-26
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىكى ھەربىي كۇرس ۋە مەكتەپلەر

0
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەسلەپكى غەلىبىگە ئېرىشىپ ،غۇلجا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلار ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن قوزغىلاڭچىلار ئالدىدا ،ئۈچ ۋىلايەتنى ،جۈملىدىن پۈتۈن شىنجاڭنى ئازاد قىلىشتەك مۇقەددەس ۋەزىپە تۇراتتى .بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ،ئۆزىدىن سان جەھەتتىن كۆپ ،زامانىۋى قورالغا ئىگە كۈچلۈك دۈشمەنگە تاقابىل تۇرالايدىغان ،مۇنتىزىم ھەربىي-سىياسى تەلەم -تەربىيە ئالغان ،ھەر دەرىجىلىك قابىل ئوفىتسېرلارنىڭ بولۇشى زۆرۈر ئىدى .مۇشۇنداق نوقتىلىق پەيتتە ،ئۈچ ۋىلايەت ھەربىي كومىتېتى (ئۇ چاغدا قوماندانلىق شىتاب قۇرۇلمىغان )مۇنتىزىم ھەربىي تەلىم -تەربىيە كۆرمىگەن ،ئاددى قوراللار بىلەن قوراللانغان قوزغىلاڭچى قوشۇننى تەربىيىلەش ،ھەر دەرىجىلىك ھەربىي ئوفىتسېرلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن كۇرس ۋە مەكتەپلەر تدسىس قىلىش قارارىغا كېلىپ ،1945 يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى چىلپەڭزە ھەربىي كۇرسىنى ئاچىدۇ . بۇ بىر باشلىنىش بولۇپ ،شۇنىڭدىن باشلاپ ،چىلپەڭزە ،موڭغۇلكۈرە ،بايانداي ،شىخۇ قاتارلىق جايلاردا ئوفىتسېرلار يېتىشتۈرۈش كۇرسى ۋە مەكتەپلەر تەسىس قىلىنىپ ،بىر قانچە قاراردىن ئوفىتسېرلار يېتىشتۈرۈلىدۇ . Rv{X~F  
ziXx>r<  
چىلپەڭزە ھەربىي كۇرسى BvG-OyO  
gwkk1L1i  
  ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئارمىيىسى ھەربىي ،سىياسى تەلىم -تەربىيە تارىخىدا تۇنجى قارارلىق ھەربىي مەكتەپ ھىسابلىنىدىغان بۇ قېتىمقى ھەربىي كۇرس 1945-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە چىلپەڭزە(كونا قورغاس ناھىيىسى) دە ئۆتكۈزۈلىدۇ .بۇ كۇرستا قىسىملاردىكى جەڭدە خىزمەت كۆرسەتكەن ياش ،ساۋاتلىق ،قەيسەر ،ئىقتىدارلىق ۋە ئىتىزامچان جەڭچىلەر نوقتا قىلىنىپ ،سالاھىدىن سىدىق ،نىزاموۋ تۇرسۇن ،مەرغۇپ ئىسھاقوف ،ھاپىزوف رۈستەم ،ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىم ،داۋۇتوف ئابدۇرېشىت ،خۇسەي(خۇيزۇ)، پالتىيوف قاتارلىق 160جەڭچى 4 ئىزۋوتقا (پەيگە) بۆلۈنۈپ تەربىيىلىنىدۇ .بۇ كۇرستا روس ھەربىي ئوقۇتقىچىلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي تەلىم-تەربىيىسى بويىچە دەرس ئۆتىدۇ ،كۇرسانتلار كۇرسنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۆز قىسمىغا ياكى ئېھتىياجلىق قىسىم ،ئەترەتلەرگە تەقسىم قىلىنىدۇ . h;S 54(  
    1- قارارلىق بۇ كۇرسنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولغاندىن كېيىن ،چىلپەڭزە ھاكىم ئىدارە قوروسىدا 2 -قارارلىق ھەربىي كۇرس ئۆتكۈزۇلىدۇ.بۇ كۇرسقا ئابدۇللايوف مۇزەپپەر قاتارلىق 160چە كۇرسانت قاتنىشىدۇ .كۇرس ئككى ئاي داۋام قىلىدۇ .بۇ قېتىمقى كۇرسقا كۇرسانت قۇبۇل قىلىش ،كۇرس تاماملانغاندىن كېيىن خىزمەتكە تەقسىم قىلىشنى مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى بەلگىلەيدۇ .  59Ot qn  
r/H >F*  
موڭغۇلكۈرە ھەربىي كۇرسى ^Sch<;hDb  
w6 x\Bz  
    1945-يىلى 10-ئايدىن 1946-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدە جەنۇبىي يۆنىلىش بويىچە ئالتە ئايلىق ھەربىي كۇرس ئۆتكۈزۈلىدۇ .بۇ كۇرسنى جەنۇبىي يۆنىلىش قوماندانلىق شىتابى باشقۇرىدۇ .كۇرستا پراپورشىك(جۇڭۋېي)دەرىجىلىك ئوفىتسېر يېتىشتۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ .كۇرسقا شوتىدا تۇرۇشلۇق پولكوۋنىك (شاڭشىياۋ)مەۋلانوف پولكى (تۈەنى) ،قۇشتايدا تۇرۇشلۇق كاپىتان (داۋېي)ناسىروف مىرزىگۈل ئاتلىق دىۋىزىئونى(يىڭى) ،يۇلتۇزدا تۇرۇشلۇق پولكوۋنىك نوغايبايوف بىرىگادىسى(لۈيى) ،كاپىتان سوپاخۇن دىۋىزىئونىدىن بۇلۇپ بەختىيوف تاشمەھەممەت ،ئەخمەت نۇرھاجى بولۇش ،غوجامبەدىيوف ئايسا(قىرغىز)،لوزۇڭ دۇلا(موڭغۇل)،قانايوف(قازاق)،سادىقوف مەھەممەت ،مۆمىن تالىپ قاتارلىق 80 ئەتراپىدا مۇئاۋىن ئەدىلنىيە(بەن)،ئىزۋوت (پەي )كوماندىرلىرى قاتنىشىدۇ .ئۇلار ئىككى ئىزۋوتقا بۆلۈنۈپ تەربىيلىنىدۇ.بۇ كۇرسقا دىۋىزىيە شىتاب باشلىقى پودپولكوۋنىك (جۇڭشىياۋ)يۇنۇس غوجايوف ئىمىر باقى يېتەكچىلىك قىلىدۇ .مەكتەپ ئورنى موڭغۇلكۈرە ئۇيغۇر مەكتەپ ئىچىدە بولۇپ ،بۇ قېتىمقى كۇرس مىللىي ئارمىيىگە ياراملىق كوماندىرلارنى تەربىيىلەپ بېرىدۇ. |:VpdBU#  
$ z'n0ly  
بايابداي ھەربىي مەكتەپ p#\"5y  
t U1#Um  
    1946-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە ،ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى 40مىڭدىن ئېشىپ ،مىللىي ئارمىيە پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىشتىن مۇنتىزىم ئۇرۇش قىلىشقا ئۆتىدۇ.قىسىملاردا پولك ،دىۋىزىئون ،بىرىگادا ،دىۋىزىيە قاتارلىق تۈزۈلمىلەر بارلىققا كېلىپ ،ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوفىتسېر ،كوماندىرلارغا بولغان ئېھتىياج ئاشىدۇ. ئەنە شۇ ئېھتىياج بىلەن مىللىي ئارمىيە 1-نۆۋەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوفىتسېر،كوماندىرلارنى تەربىيىلەيدىغان ھەربىي مەكتەپ ـــ بايانداي ھەربىي مەكتىپىنى تەسىس قىلىدۇ . بۇ ھەربىي مەكتەپ بايانداي سېپىلىنىڭ غەرىبىدىكى ئايروپىلان ئىستانسسى قوروسىغا جايلاشقان بولۇپ ،1946-يىلى 11-ئايدا دەرس باشلايدۇ .مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ،1-،2-قارارلىق كۇرسلارغا قارىغاندا يۇقۇرى تەلەپ قويۇلىدۇ ،كۇرسقا تارباغاتاي پولكىدىن ماخمۇتوف ئابدۇكېرىم ،مەۋلانوف پولكىدىن نۇرىيوف ئەنۋەر ،ھاشىموف قاسىمجان ، باشقا پولكلاردىن مەھەممەترېھىم ئىمىن ،روزىيوف ھادى ،غوجەخمەتوف ياقۇپ ،ئىمىنوف ھامۇت ،كېرىموف ئۇبۇلقاسىم قاتارلىق جەڭدە خىزمەت كۆرسەتكەن قابىلىيەتلىك ،بىلىملىك ياش كوماندىرلار ،ساقچىلىقتىن ھەربىي سەپكە ئېلىنغان بولۇس،ئابلىمىت پازىل قاتارلىق كىشىلەر ھەم بىر قىسىم جەمىيەت ياشلىرى قاتنىشىدۇ . kk^51RG:  
    ھەربىي مەكتەپتە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئالىي ھەربىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پروگراممىسى ئاساس قىلىنىپ ،ئوقۇش مۇددىتى ئۈچ يىل قىلىپ بېكىتىلىدۇ ،ئەمما شۇ چاغدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئۈچ يىللىق پروگرامما بىر يىلدا تاماملىنىدۇ .ئوقۇغۇچىلار ئاتلىق قىسىم،پىيادىلەر قىسىم دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ.مايور تۇردىيوف سىدىقھاجى قىسىم مەسئۇلى بولغان ئاتلەق قىسىمدا 60تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بولۇپ ،ئۇلار ئىككى ئىزۋوتقا بۆلۈنىدۇ.1-ئىزۋوت كوماندىر پورۇچىك (جۇڭۋېي)قادىروف يۇنۇس،2-ئىزۋوت كوماندىرى سەيدەخمەتوف تۇرسۇن ،كېيىن پودپورۇچىك ناسىروف ئابابەكرى بولىدۇ. مايۇر سۇلايوف(قازاق)،كېيىن ئەخمەت قىسىم مەسئۇلى بولغان پىيادىلەر قىسمىدا 70تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بولۇپ ،ئۇلارمۇ ئىككى ئىزۋوتقا بۆلۈنىدۇ.1-ئىزۋوت كوماندىرى پودپرۇچىك قۇربان ياقۇپ بولىدۇ. hJ-hT2 0  
      ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈش ۋاقتىدا نەزىرىيە ئەمىلىيەتكەتەدبىقلانغان ھالدا ئەمەلىي مەشىق ئاساسلىرى ئۆلچەم قىلىنىپ ئىمتىھان ئېلىنىدۇ .ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرگە پراپورشىكتىن كاپىتانغىچە ھەربىي ئۇنۋان ،ئىزۋوت كوماندىرىدىن روتا ،باتاليۇن كوماندىرلىقىغىچە ۋەزىپە بېرىلىدۇ. ئۇلار قىسىمىغا ياكى ئېھتىياجلىق قىسىملارغا تەقسىم قىلىنىدۇ .خىزمەتكە قويۇش ،تەقسىم قىلىش مىللىي ئارمىيە ھەربىي تەييارلىق بۆلىمى تەرىپىدىن بىر تۇتاش بەلگىلنىىدۇ. ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن گېنرال لېيتنات ئىسھاقبېك مونۇنۇف مەكتەپنىڭ پەخرىي مۇدىرى ،مىللىي ئارمىيە ھەربىي تەييارلىق بۆلىمىنىڭ باشلىقى پودپولكوۋنىك تۇرىدىيوف ئابدۇرېشىت مەكتەپ مۇدىرى ،مايور ۋالىلنوف مۇئاۋىن مۇدىرى ،ئارىپوۋا ئەمىر مەكتەپ ئىش باشقۇرغۇچىسى ،پورۇچىك باقى كامال (كېيىن توختى ئىبراھىم) سىياسى بۆلۈم باشلىقى ،پورۇچىك ئەسپەروف غوپۇر ،پودپورچىك نۇر سادىروف بۆلۈم ئەزاسى ،پورۇچىك باسىتوف ئابدۇقادىر خوجىلىق بۆلۈم باشلىقى بولىدۇ.مەكتەپتە گېنرال ماژاروف ،پولكوۋنىك ئىمىنوف مۇھەممەتئىمىن ،پودپولكوۋنىك تۇردىيوف ئابدۇرېشىت ،كاپىتان پورخوف،نۇرسادىروف قاتارلىق كىشىلەر دەرس ئۆتىدۇ .بۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 1947-يىلىنىڭ ئاخىرى ئوقۇشنى تاماملايدۇ. H[fQw0?X  
داۋامى بار... m8ISV A~  
مەنبە:«شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخىسلەر» ناملىق كىتاپتىن...
باشقۇرغۇچى گۆشگىردە تېمىنى تەستىقلىدى .
قىزىلگۈل ئىشقىدا بۇلبۇل ناۋاسى،
ئىشقىدا ئاھ ئۇرار ئاشىق نىداسى.
بۇلبۇل ئاشىق لىكىن ئەمەس مەندەك،
ناۋاسى،نىداسى ئەمەس مەندەك ساداسى...
| ۋاقتى : 2008-04-25 21:50 [باش يازما]
تۇرغۇنباي
دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


UID نۇمۇرى : 12316
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە10دانە
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 150 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
قوللاش: 10 نومۇر
ئالقىش: 10 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-26
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەي ئاشۇ ۋاقىتلاردا ئۆزىمىزنىڭ ئارمىيىسى با ئىدى ھە!!!!!  
| ۋاقتى : 2008-04-25 23:36 1 -قەۋەت
ئەركىن-ھايات
دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


UID نۇمۇرى : 9778
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە8دانە
شۆھرەت: 8 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 140 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 8 نۇمۇر
قوللاش: 8 نومۇر
ئالقىش: 8 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-26
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

بىزنىڭ ما ئاقسۇدا بىر بوۋاي بار ، 80 نەچچە ياشقا كىرىپ قالغىنىغا قارىماي تىرىكچىلىك قىلىدۇ ، لىكىن مېڭىشلىرىغا قارايدىغان بولساڭلار خۇددى 20 ياشلىق قېنى ئۇرغۇپ تۇردىغان يىگىتتەك دوڭ دوڭ ماڭىدۇ ، ئاڭلىسام ئۇمۇ مىللى ئارمىيەنىڭ جەڭچىسىكەن ،  ئۇ بوۋايغا قول قۇيىمەن جۇمۇ ، ھەي ، ھازىرقى زاماندىكى بىزدەك يىگىتلەرگە نىمە بولغاندۇ دەيمەن ،  ئۇيغۇرۇمغا راسلا كۆز تەگدى ،،،    
| ۋاقتى : 2008-04-26 04:54 2 -قەۋەت
@ئۇمۇد@
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 12032
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 85
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە85دانە
شۆھرەت: 85 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 550 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 89 نۇمۇر
قوللاش: 87 نومۇر
ئالقىش: 94 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-26
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەي!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!    
| ۋاقتى : 2008-04-26 11:10 3 -قەۋەت
ئالغا
دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


UID نۇمۇرى : 9204
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 43
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە43دانە
شۆھرەت: 43 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 415 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 59 نۇمۇر
قوللاش: 51 نومۇر
ئالقىش: 79 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-26
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ئادەمنى خېلى ئويغا سالىدىكەن ،شۇ ۋاقىتلاردىكى يىگىتلىرىمىز ...
| ۋاقتى : 2008-04-26 11:36 4 -قەۋەت
قۇتلۇق
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 3484
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 127
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە127دانە
شۆھرەت: 142 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 1974 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 191 نۇمۇر
قوللاش: 149 نومۇر
ئالقىش: 231 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :34(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-26
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەينى چاغدىكى مىللىي ئارمىيىنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى تەسۋىرلەنگەن بىرەر كىنو-فىلىم روياپقا چىققان بولسا ئادەم ئىيتىپ تۈگەتكۈسىز ياخشى بىر ئىش بولغان بولاتتى. سىنارىيە يىزىشقا ئاساس بولالايدىغان نۇرغۇن رومانلىرىمىز بارغۇ! مەسىلەن: ئانايۇرت، جىمجىت جۇڭغارىيە دىگەندەك. نىمىشقا بىرەر كىنو ئىشلىگۈچى سودىگەر بۇنى ئويلاپ باقمايدىكىنە!!!
ئوقۇڭ!
| ۋاقتى : 2008-04-26 13:29 5 -قەۋەت
كۆركىلەئىنە
دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


UID نۇمۇرى : 12332
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 62
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە62دانە
شۆھرەت: 62 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 460 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 70 نۇمۇر
قوللاش: 66 نومۇر
ئالقىش: 80 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-26
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇنداق كىنولارنى ئىشلىسە  سىياسى  كومىسسار  ،سىياسى  يىتەكچى  دىگەنلەر  يەنىلا    مۇشۇ  يولداشلار  بولۇپ  چىكىدۇ  ، ئۇنى  كۆرسەك  يەنە  بىر    غەزىپىمىز  تاشىدۇ  ،ئۇندىن  كۆرە  ئاشۇ  قىممەتلىك  كىتابلىرمىزنى  ئۆيىمىزدە  ئەتىۋارلاپ  كۆرگىنىمىز  ياخشى .
ياخشى .
| ۋاقتى : 2008-04-26 14:54 6 -قەۋەت
يولۋاسچاق
مەرتلەر ئۈچۈن ياشايمەن
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 1360
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1361
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1361دانە
شۆھرەت: 1428 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 102355 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1415 نۇمۇر
قوللاش: 1361 نومۇر
ئالقىش: 1427 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :110(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-27
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

Quote:
بۇ مەزمون5قەۋەتتىكىقۇتلۇقنىڭ2008-04-26 13:29دە يوللىغان يازمىسى  : f/|2y!Y  
ئەينى چاغدىكى مىللىي ئارمىيىنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى تەسۋىرلەنگەن بىرەر كىنو-فىلىم روياپقا چىققان بولسا ئادەم ئىيتىپ تۈگەتكۈسىز ياخشى بىر ئىش بولغان بولاتتى. سىنارىيە يىزىشقا ئاساس بولالايدىغان نۇرغۇن رومانلىرىمىز بارغۇ! مەسىلەن: ئانايۇرت، جىمجىت جۇڭغارىيە دىگەندەك. نىمىشقا بىرەر كىنو ئىشلىگۈچى سودىگەر بۇنى ئويلاپ باقمايدىكىنە!!!
,]x<5#Z  
نىمىشقا ئىشلىيەلمەيتى ئىشلەيدۇ ، لىكىن قۇيۇشقا  قايسى غوجام تەستىق سالدىغىنى  ئىسىڭىزدە باردۇ ، $(I,iPd  
قويغىلى قۇياما ئۇ خەق
                                     قۇپاپباقامســــــــــــــــىز
                                    جېنىمغا دەخمىزە گۇىـــــــي
                                      لاۋزا ئىنكاسنى ئەمدى يازماڭ جۇمـــــــــــــــــۇ
| ۋاقتى : 2008-04-26 15:20 7 -قەۋەت
گۆشگىردە
ئىسىت.بىتەلەي
ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالىي ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 7350
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 557
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە557دانە
شۆھرەت: 747 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 106896 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 682 نۇمۇر
قوللاش: 531 نومۇر
ئالقىش: 968 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :94(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-26
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىسمائىل تېلىۋالدىنىڭ ئالاھىدە ئۇقتۇرۇشى: }6gub$%N  
شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدىنىيەت نازارىتى.كىنو-تىلىۋېزىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى،ئۈن-سىن نەشىرىياتى ۋە ھەر قايسى ئۇرۇن،شەخىسلەرگە. 6X-f+?~N<  
مۇقىملىق ئۈچۈن شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونىدا سىياسى،تارىخ ئارلاشتۇرۇلغان ھەر قانداق كىنو-فىلىملەرنى رۇخسەتسىز ئىشلەشكە،تارقىتىشقا بولمايدۇ #p*)4J.(`  
سىرىتتا ئىشلەنگەن كىنو-فىلىملەر تەستىقتىن ئۆتۈشى كېرەك. O6DYM?KuE  
>6Qr&  
مۇشۇنداقراق ئىسىمدە ئۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى.قالغان يەرلىرىدە پالانى ۋاقىت،پۇستانىچى ئۇرۇن،مانچىچى نۇمۇرلۇق روھىدىن ئۆگىنىدىغان ھۆججەت دىگەندەك گەپلەر بىلەن بىر يېرىم ۋاراق لىق توشۇپتىكەن. BbtSsYU6  
e]9 !i  
بىلىپلا قالساڭلار بولدى.قالايمىقان جۆيلۈشنىڭ ئورنى يوق.ئەمىليەت شۇ..
ھاياتىڭىزغا ئىچڭىز ئاغرىسۇن.ئەيدىزنىڭ ئاسارىتىدىن ئۇزۇنغا قالماي ئارخىلوگ،مىللەتشۇناش،تارىخشۇناسلارنىڭ كولاپ چىقىرىدىغان،مۇزىيغا تىزىدىغان تەتقىقات ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالىمىز.ئەتىراپىڭىزدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇڭ.
| ۋاقتى : 2008-04-26 15:27 8 -قەۋەت
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەلكىن تورى » گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردىن تەرمىلەر

سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

     سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-5625600، 13609981040

Time now is:04-27 01:15, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation