مەن كۇندىلىك خاتىرەمگە يازغانلىرىمنى مۇنبەرگە يوللاش - يوللىماسلىق ئۈستىدە خېلى كۆپ ئويلاندىم. يازمايمۇ دېگەن لىكىن ئاخىرى قەتئىي نىيەتكە كىلىپ يېزىش نىيىتىگە كەلدىم. تورداشلار سىلەر بۇ يوللانمامنى ئوقۇغاندىن كىيىن مىنىڭ ئويلىغانلىرىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى پەقەت بىرخىيال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان بولساڭلار ئاۋۋال سىلەرنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ بۇ ئەرزىمەس يوللانمامنى ئوقۇپ بەرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئالدىن رەخمەت ئېيتىمەن . ناۋادا سىلەر ئۇنداق ئويلىمىغان بولساڭلار.......................
+%I5k RGrG(x كۈندىلىك خاتىرەمگە مۇنۇلار يېزىلغانىدى:
L?K:DL_G بۇگۇن مەن ئىنتايىن خۇشال.چۇنكى،مەن بۇگۇن بىر ياخشى
ئىش قىلغانىدىم. بۇرۇنمۇ بىرقىتىم قىلغان ، بۇگۇنمۇ قىلىش نىسىپ بولۇپتۇ.بۇنىڭدىن كىيىنمۇ اللاھ خالىسا داۋاملىق قىلىمەن. مەن بەزىدە مۇشۇ جەمىئىيىتىمىزدىكى بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ كەيىپ-ساپاغا بېرىلىپ ، پۇلنى ساماندەك سورۇپ بۇزۇپ چاچىدىغان ئىشلارنى تۇگەتسە دەپ ئويلاپ قالىمەن. بولۇپمۇ مۇشۇ دىيبا ، جيۇبا ، قەھۋاخانىلاردىكى قىزلىرىمىزغا ، ئوغۇللىرىمىزغا ، ئاتىلىرىمىز ، ئانىلىرىمىزغا شۇنداق دىگۇم كىلىدۇ:«سىلەر ئاشۇ ئويۇن تاماشا ئىچىدە پولۇڭلارنى بوزۇپ چاچقان ۋاقتىڭلاردا، جەمىئىيىتىمىزدىكى بىرقىسىم نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قالغان ئاشۇ گۇدەك ، سەبىي مىللىتىمىزنىڭ ئىزباسارى بولغان ئاشۇ ئۇماق بالىلىرىمىزنى، پۇلىنىڭ يوقلىقىدىن ئۆيىدە كىسەل ئازابىنى تارتقان ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىزنى، سىلەر بالىلىرىڭلارغا 50-30يۇەن بېرىسىلەر لىكىن ئاشۇ نامرات يېزا-قىشلاقلاردىكى دېھقانلار بولسا پىژغىرىم ئىسىقتا ئاشۇ 50-30 يۇەن ئۈچۈن يەرنى بەش قولى بىلەن'كۇنلىك ئىشلەۋاتقان دېھقانلار' تاتلاۋاتقان ئاشۇ جاپاكەش دېھقان تاغىلارنى ئويلىمامسىلەر ؟سىلەر ناۋادا ئاشۇ بىرئايدا بوزۇپ چاچقان پولۇڭلاردىن 100-50يۇەنگىچە ئىقتىساد قىلساڭلار بىريىلدا نەچچىلىك ئىقتىساد قىلىسىلەر؟ بۇنى ئاشۇ ئوقۇشسزى قالغان سەبىي بالىلىرىمىزغا ياردەم قىلساڭلار بۇنېدىگەن ئىسىل پەزىلەت دېگۇم كىلىدۇ» ئەپسوس بۇ سۆزلەرنى قەيەرگە بېرىپ دەيمەن. دېگەنلەرنى خاتىرەمگە يازغانىدىم.
brR.$d ئەلۋەتتە بۇبىر شۇنداق ئاددىي بىرئىش. جەمىئىيىتىمىزدە بۇنداق كىشىلىرىمىز نۇرغۇن . مەسىلەن : رادىل ئابلا دەك، نۇرتاي ھاجىم ، رەيھان ئاپپايدەك ساخاۋاتچىرىمىز نۇرغۇن. مانا مۇشۇ كىشىلىرىمىزگە ئۇخشاش چوڭ ياردەم قىلالمىساقمۇ بىرەر بالىنى ئوقۇتۇش ، ھېيت بايراملاردا ئۇلارغا بىرئاز كۆڭلىمىزنى بىلدۇرۇش مېنىڭچە بولغان مۇشۇ تېمامنى ئوقۇپ ئولتۇرغانلارغا تۇلا بەك ئېغىرمۇ كىلىپ كەت
مەيدۇ .
gP+DkC5 تورداشلار سىلەرچىچۇ؟
|hA+j"K7 GU\-VEAY 2008.3.28