v<8}9CC YfFE<. [ 5 يىل ئىلگىرىكى 4- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تانكىلىرى قەدىمىي شەھەر باغداتقا بېسىپ كىردى. سادام ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلدى. 5 يىلدىن كېيىن، ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش ئۆز دۆلىتىنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلىگەن بولسىمۇ ئەرزىيدىغان بىر
مەيدان ئۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما، بۇ بىر مەيدان ئۇرۇش زادى ئەرزىمدۇ- يوق؟ بۇ سۇئالغا ئىراقلىقلار جاۋاپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن.
6i/(;W
[ ئەينى ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىشىدا، "سادام ھاكىمىيىتى كەڭ كۆلەمدە قىرغىنچىلىق قىلىش خاراكتىرىنى ئالغان قوراللارغا ئىگە."، "سادام بازا تەشكىلاتى بىلەن تىل بىرىكتۈردى." دىگەندىن ئىبارەت ئىككى سەۋەپ بار ئىدى. ئەمما، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، كەڭ كۆلەمدە قىرغىنچىلىق قىلىش خاراكتىرىنى ئالغان قوراللار تېخى تېپىلمىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراقتىكى 600 مىڭ نۇسخا ھۆكۈمەت تەرەپ ھۆججىتى ۋە سادامنى نەچچە مىڭ سائەتلىك سوراق قىلىش خاتىرىسىدىن قارىغاندا، سادامنىڭ بازا تەشكىلاتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بايقىمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
%J~`|"vG ئەزەلدىن بايقالمىغان "كەڭ كۆلەمدە قىرغىنچىلىق قىلىش خاراكتىرىنى ئالغان قوراللار" سەۋەپلىك، 5 يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن ئىراقلىق ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە يارىلاندى. تۈرلۈك ئىستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى تۈپەيلىدىن، نەچچە ئون مىڭ ھەتتاكى نەچچە يۈز مىڭ ئىراقلىق ھاياتىدىن ئايرىلغان.
`[I~JNyn} ھازىرغىچە، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا ئۆلگەن ئەسكەرلىرى 4 مىڭدىن ئاشتى. ئىراقتا ئۆلگەن ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئىسمى خاتىرىگە ئېلىندى. ئەمما، ئىراقتا ئۆلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىدىن كۆپ بولغان ئىراقلىق تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئىسمى ۋە بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرى پەقەت ئىستاتىستىكىدىكى ساندىنلا ئىبارەت بولۇپ قالدى.
)&xtM8< ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش "ئىراق ئۇرۇشى-- تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ بىر قىسمى." دىيىش ئارقىلىق، تېررورچىلارنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا توسۇپ قالدى. ئىراق ئۇرۇشى-- ئامېرىكا زىمىنىنى تېخىمۇ بىخەتەر قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، بازا تەشكىلاتى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئىراق زىمىنىدا يىلتىز تارتىپ تەرەققىي قىلدى. ئىراقلىقلار ھەر كۈنى دىگۈدەك تېررورلۇق ھوجۇمىغا ئۇچراپ تۇردى. "ئىراقلىقلار ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق ئۇرۇشىغا قاتناشتى." دىگەندىن كۆرە، "بۇ مەيدان ئۇرۇش ئۇلارغا تېررورلۇق ئېلىپ كەلدى" دىگەنلىنىشى كاپالەتلىك ئىگە بولمىدى."
HDRt^ ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكىلەر بۇ مەيدان ئۇرۇش توغرىسىدا بەس- مۇنازىرە ئېلىپ بارغاندا، مەيلى قارشى تۇرسۇن ياكى قوللىسۇن، ھەممىسى ئۆلۈم- يىتىم، ئۇرۇشى خىراجىتى، ئامىرىكىغا كۆرسىتىدىغان ئىستىراتېگىيىلىك تەسىرى قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ، ئۆز دۆلىتى مەنپەئەتىنىڭ ھىساباتىنى قىلدى. ئەمما، ئىراقلىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆز دۆلىتى زىمىنىدا يۈز بەرگەن بۇ ئۇرۇش ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئامېرىكا بۇ مەيدان ئۇرۇشنىڭ ئەرزىيدىغان ئەرزىمەيدىغانلىقىغا بىر نىمە دىيىشتە، ئىراق خەلقىنىڭ ئازابىنى ئويلاشتىمۇ- يوق؟
z@Dg Z4( Z" u+oL