ئەر
ئىشقا بېرىش ئۈچۈن ساقىلىنى ئېلىۋاتاتتى، ئايال ئەر ئۈچۈن ئەتىگەنلىك ناشتا ھەم چۈشلۈك تامىقىنى تەييارلاۋاتاتتى...(ئەرنىڭ خىزمەت ئورنى يىراق بولغانلىىقىتىن، ئادەتتە،چۈشلۈك تامىقىنى شىركەتتە يىيىشكە مەجبۇر ئىدى..)، بالا ئويغاندى، ئايال قويىۋاتقان ئىشىنى قويۇپ تۇرۇپ بالىنىڭ كىيملىرىنى كەيدۈرۈشكە باشلىدى...ئەتىگەنلىك ناشتىدا، بالا تامىقىنى يىگىلى ئۇنىماي خېلى بىر ۋاقىت كەتتى، سائەتمۇ بىر يەرگە بىرىپ قالغان ئىدى، ئانا نىمە يىگىنى يادىدا يوق ئۆيدىن ئالدىراش بالىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى...
T37'hC#! %%Ce/!7gf ئانا مىڭبىر تەستە بۇ بىلىم ئىلىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈردى، ئۇ دەرسخانىدا بىرىلىپ دەرس ئاڭلاۋاتاتتى، يەسلىدىن تېلىفۇن كېلىپ ، بالىنىڭ قىززىپ كىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، بېچارە دەرستىن چىقىپ، يەسلىگە ئالدىراپ يۈگۈردى....
6rf T]" /m(O:P| ئۇ چۈشتىن كىيىن سائەت 30؛1 لەردە ئۆيگە ئاران كەلدى، ھارغىنچلىق، قورساقىنىڭ ئاچلىقى....شۇنداقتىمۇ ئالدى بىلەن بالىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ، قولىغا قاچىنى ئېلىشىغا بالا تەرەت قىلدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى، ئانا قاچىنى قويۇپ بالىنى يىنىغا كەلدى...ئشنى تۈگىتىپ سوۋۇپ قالغان تاماققا قول ئۇزاتقىنىدا، بالا ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە چىقىۋىلىپ ئۇنى -بۇنى تاشلاشقا باشلىدى،...ئانا يەنە قاچىنى قويۇشقا مەجبۇر بولدى...
kyv:mXp 1 %QK6B?$ كەچتە بالا ئويناۋاتاتتى، ئايال ئەرنىڭ ئېشتىن كىلىشگە ئۈلگۈرتۈپ تاماق تەييارلاۋاتاتتى....
|J4.HC تاماقتىن بىكار بولۇپ .يەنە ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىشلارنىڭ كۆپلىكىنى ئويلىدى ...
tA+|zEr ئەمدى مۇنچىغا كىرشى ھامان ئەرنىڭ « تىز بولسىڭىزچۇ! بالا يىغلاپ كەتتى...» دىگىنى ئاڭلاندى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تىزراق يىغلىغان بالىنىڭ يىنىغا چىقىشقا ئالدىرىدى...
o&EVDt\g;G ھاجەتىخانىغا كىرىۋىدى، بالا دادىسىنىڭ توسقىنىغا ئۇنىماي، ئانىنىڭ يىنىغا كىرىمەن ، دەپ غەلۋە قىلغىلى تۇردى..
"O7%u ECSCt(|%Vz ئۇ بىردەم پۇتىنى سوزۇپ ئولتۇرۋىلىشنى ، ياخشى كۆرىدىغان تىلۋىزىيە پىروگراممىسىنى كۆرۈشنى بەكمۇ خالايتتى ،بالا ئۇخلاشقا تەمشەلدى...ئانا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تىلۋىزىيە پىروگراممىسى باشلىناي دەپ قالغاندا، بالىنىڭ يىغلىغىنىغا ئاچچىقى كەلدى-يۇ، يەنە شۇ ھامان ئوماق قوزىسىنى ئەركىلەتكەچ ،قولىغا ئېلىپ ياتاق ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى..بىر كۈن گۈلدۈرلەپ يۈرگەن ئانا بالىنى ئۇخلاتقاچ ئۆزىمۇ بىلىپ-بىل
مەي ئۇيقىغا كەتتى...ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن پىروگراممىنمۇ، دوستىغا خەت يېزىشنىمۇ، ئەتكى دەرسكە تەييارلىق قىلشنمۇ....ھەممىنى ئۇنۇتقان ئىدى....
Es$UM0'; ;w>4=t, چۈنكى، ئانىنىڭ ۋاقىتى ئۆزىگە تەئەللۇق نەرسە بولۇشتىن مەھرۇم بولغاندەك تۇراتتى....!
= O'rHB!9 ئانا ئۆزىنى ئەنە شۇنداق ئۇنۇتقان ھالدا ۋاقتىنى ئەرگە، بالىغا بىغىشلايتتى....گەرچە،
rT_dsK6t& بۇ قىلغانلىرى ئۈچۈن بىرەر مۇكاپاتقا ئېرىشمىسىمۇ....
EbC@B بۇ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان، بىراق، ئۇنىڭ بارلىقىنى ئىگەللەيدىغان ئىشلار ئۈچۈن ھەتتا، بىرەر ئېغىز مەدىھيەگىمۇ ئېرىشەلمەيتتى...چۈنكى، بۇ ئۇ قىلشقا تىگىشلىك ئىش دەپ قارىلاتتى، خالاس..
A VS}q4@ ئانا ئەنە شۇنداق كىتىپ باراتتى....ئۇنىڭ قەدىمى شۇنداق، تىز ھەم ھارغىن، شۇنداق خالىسانە بىراق تىلغا ئىلىنمىغان.....ھەي...ئانا....
[ بۇ يازما كۆك-ئەتىرگۈل تەرپىدىن 2008-04-25 16:55 دە ]