ئەمدى قانداق قىلىمىز ؟ #A@xE"
سىز ئوقۇتقۇچىمۇ؟ياكى ئۆيىڭىزدە ۋە ياكى ئۇرۇق تۇققانلىرىڭىز ئارىسىدا بىرەر ئوقۇتقۇچى (ئەلۋەتتە دىمەكچى بولغىنىم يېزا مەكتەپلىرىدە ئىشلەيدىغان)بارمۇ؟سىز ئۇلا ربىلەن پاراڭلىشىپ ،شۇلارنىڭ خىزمىتى ،مەكتىپى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ باققانمۇ؟ھە راست سىز مائارىپقا كۆڭۈل بۆلەمسىز؟كەڭ يېزا مائارىپىنىڭ قانداقراق كېتىپ بارغانلىقىنى بىلگۈڭىز كېلەمدۇ؟سىز يېزىلارغا بېرىپ باققانمۇ؟يېزا مەكتەپلىرىگە كىرىپ دەرىس ئاڭلاپ ،ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن سىردىشىپ باققانمۇ؟قېنى،سىز قاقشىمىغان ،خىزمىتىدىن دادلىمىغان بىرەرى بىلەن ئۇچۇرشۇپمۇ قالدىڭىزمۇ؟قېنى،كىم مەن بۇ خىزمىتىمدىن بەك رازى،مەن بۇ كەسىپنى ھەقىقەتەن سۆيىمەن ،مېنىڭ بارلىقىم مۇشۇ خىزمىتىم ئۈچۈن دەپ باقتى؟ bN$oDeNM
Ps
&[
سىزگە دىسەم قاراڭ ،يېزا مائارىپىدىكى بۇ ئەھۋاللارنى دەپ بولغىلى بولمايدۇ ،بەزىلىرىگە ئادەم ھەيرانلىقتا ھاڭ-تاڭ قېلىشقا ،ھەتتا بەزىلىرىگە ياقا ،بارماق چىشلەشكە مەجبۇر !قېنى سىز قانداق مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىغا كۆچۈرۈشنى ئۈگەتكىنىنى كۆرگەن؟قانداق مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەتتا ئىمتىھانغا كىرىپ ئوقۇغۇچىغا دەپ بەرگىنىنى ،يېزىپ بەرگىنىنى كۆرگەن ؟يەنە سىز قانداق مەكتەپتە باشلانغۇچتا بەش يىل ئوقۇپ يەنە تولۇق بىر سىنىپ بالىنىڭ تولۇقسىزغا ساۋاتسىز كۆچكىنىنى كۆرگەن؟!بەلكىم كۆرگەنسىز ،بەلكىم ئاڭلىغانسىز،بەلكىم ھازىر ئاڭلاپ ھەيران قېلىۋاتقانسىز؟بەلكىم ئۆزىڭىز شۇنداق مەكتەپلەردە ئىشلەپ باققانسىز ،ھەتتا ئۆزىڭىز كىرىپ كۆچۈرۈپمۇ بەرگەنمۇ تېخى؟ gK{ <
D3#1[.x
بىلىپ قويۇڭ بۇ جاھاندا ،يەنە كېلىپ بىزنىڭ بۇ تارىم گىرۋەكلىرىدە بۇنداق ئىشلار ساماندەك تولا ،ھېچكىم ھازىر ئۇنىڭدىن ھەيران قالمايدۇ .بۇ يەردىكى يېزا مەكتەپلىرىدە دەرىس ئۆزلەشتۈرەلمەسلىك .ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ سىنىپ بويىچە لاياقەتسىز بولۇشى تولىمۇ ئادەتتىكى ئەھۋال.ئىمتىھاندا 5،7،9،10،،،،نومۇر ئېلىش نورمال ئىش ،ھازىر بۇ يەرلەرگە 100نومۇرنى ئۆلچەم قىلماي ،50نومۇرنى ئۆلچەم قىلىپ 25تىن يۇقۇرى ئالغانلارنى ئۆتتى ،دەپ ھىساپلىسا سەل قاملىشار .سىز تولۇقسىز 3-يىللىققا خەنزۇچە دەرىس بېرىپ قالسىڭىز ،ئاۋال ئۇلارغا پىنيىن ئۈگىتىشكە مەجبۇر بولىسىز،پىنيىن بىلىدىغان بالىلار بولسا خېلى خوش بولسىڭىز بولىدۇ ،بۇ مەكتەپلەردە تېخى بالىلارنى مەكتەپكە تولۇق ئەكىلىش باش ۋەزىپە ،ئۇلارنىڭ دەرىس ئۆزلەشتۈرىشى ،ئۈگىنىش ئەھۋالى دىگەنلەرمۇ ئىشقىلىپ باش ۋەزىپە. ~Jz$@]S6
&v!,A|d"
سىز دېھقانلار بىلەن پاراڭلىشىپ باققانمۇ ؟بولۇپمۇ بىرەر بالىسى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان دېھقان بىلەن ،مەن سىزگە شۇنداق ھۆددە بېرەلەيمەنكى ،ئەگەر 10ئادەم بىلەن پاراڭلاشسىڭىز ،كەم بولغاندىمۇ يەتتىسى ئۆزىنىڭ بالىسىنى مەكتەپتىن ئاجىراتقۇسى بارلىقىنى ،ئەمما يول تاپالماي قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ .بۇ يەردىكى <<ئاجىرتىش >>دىگەن سۆزنى ئويلاپ باقسىڭىز سەل قىزىق ،بۇ يەردە دېھقان بالىلىرى مەكتەپ پۈتتۈرسەياكى مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن مەكتەپكە بارمايدىغان بولسا بالام مەكتەپتىن <<ئاجىرىدى>>دەيدۇ،سىزنىڭچە بۇ <<ئاجىرىدى>>دىگەن سۆز قانداق مەنىنى بىلدۈرەر؟بۇ دېھقانلارنىڭ :ئۇھ،بالام ئاخىر مەكتەپكە بارمايدىغان بولدى ،خويمۇ ئوبدان بىر قۇتۇلدۇق ،دىگىنى .ئۇلار بالىسنى مەكتەپتىن ئاجىرتىۋالسا ،خۇددى تۈرمىدىن چىقىرۋالغاندەك خوش بولۇپ كېتىدۇ ،بۇ خىل ئەھۋال 30-40يىلدىن بۇيان يېزىلاردا ئۆزگەرگىنى يوق ،بالىلار مەكتەپكە ئۆزلىگىدىن بارغۇسى كېلىدىغان ،دېھقانلارمۇ بالىسىنى مەكتەپكە ئاكتىپلىق،رازىمەنلىك بىلەن ئەۋەتىدىغان ۋەزىيەت تا بۈگۈنگىچە مەيدانغا كەلگىنى يوق ،ئەگەر مەن بۇ خىل ئەھۋال بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ دىسەم ،سىز ئىشىنەمسىز؟ ئىشىنىڭ ،ئەمدى تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ ،مەن بۇ يەردە يېزا مەكتەپلەردىكى ئالامەت ،كارامەتلەرنى سۆزلەپ يۈرمەي ،بۇنى دەپ بولغىلى بولمايدۇ ،بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ يەنى دېھقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە بارغۇزمايدىغان ئەھۋالنىڭ نىمىشقا ئەمدى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ ،دىگەنلىكىمنىڭ سەۋەبىنى سۆزلەپ ئۆتەي . X \{ 0Jf>
|6b4R*@
دىمىسەممۇ دېھقانلارنىڭ بالىلىرى مەكتەپتە نىمىنى كۆزلەپ ئوقۇتىدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز مۆمكىن ،ئەلۋەتتە ئۇلار بالام دېھقان بولمىسىكەن ،كەتمەندىن قۇتۇلسىكەن ،مائاش ئالىدىغان كادىر بولسىكەن ،دەپ ئوقۇتىدۇ ،ئىلگىرى بۇ خىل ئۈمۈت پات-پات ئەمەلگە ئېشىپ قالاتتى ،دېھقان بالىلىرى تولۇقسىزدىنلا ئوتتۇرا تېخنىمكۇمغا ئۆتۈپ مائاشلىق كادىر بولۇپ قالاتتى ،ئەلۋەتتە ناھايتى ئاز ساندىكىسى ،ۋاھالەنكى ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە ئەھۋال تۈپتىن ئۆزگەردى ،ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ چاقىرىققا ئېرىشمەك بەسىي مۈشكۈل ،ئەمما ئاجايىپ خوشاللىنارلىق ئىش ئىدى ،ئەمما ھازىر ئىمتىھانغا قاتناشسىلا .چاقىرىقتىن بەك غەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ ،ئەمما يەنىلا دېھقانلارنىڭ بالىلىرىنى كادىر قىلىش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ ،چۈنكى ھەممىگە ئايان ،ھازىر ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى ھۆكىمەت بىر تۇتاش تەقسىم قىلمايدىغان بولدى ،ئوقۇغۇچىلار خىزمەتنى ئۆزى تاپىدۇ ،بۇ خىل ئەھۋالدا مۇقەررەركى دېھقانلار ئەمەس ،ھەر قانداق ئاتا-ئانا ،بالىلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇش -ئوقۇتماسلىقنى ئويلۇشۇپ باقىدۇ ،بۇنداق ئەھۋالدا بەلكىم ئىككىلا تاللاش يولى بولۇشى مۆمكىن ،بىرى ئالاھىدە ياخشى ئوقۇپ نۇقتىلىق ئالى مەكتەپلەرگە كىرىش ياكى ھۆنەر كەسىپ تۈرىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش ،يەنە بىرى ،تۆت بەش يىل ئوقۇسىمۇ يەنە خىزمەت يوق ،مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچە بالىلىرىنى بالدۇراق ئاجىرتىۋېلىپ ،ھۆنەرگە بېرىش ياكى سودىغا سېلىش ،چۈنكى جان بېقىش ئەڭ مۇھىم مەسىلە ،بۇ ھەر قانداق ئادەمگە ئورتاق،يېقىندا مەن نۇرغۇن زىيالىي ،مائاش ئالىدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ ئەمدى بالىنى ئوقۇتقاننىڭ پايدىسى قالمىدى دىگىنىنى ئاڭلىدىم c)3h @,*
u!^fjSI
بۇ خىل ئەھۋالدا تۆۋەندىكىدەك ئىككى مەسىلىگە دۈچ كېلىمىز:ئىلگىرى ھەمىمىز بالىلىرىمىزنى مەكتەپكە تاشلاپ قويغان ،بالىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىنى مەكتەپتىن ئىزدىگەن ،بالىمىزنى ئۆزىمىز تەرنىيلەش خىيالىمىزغا كىرسىمۇ ئەمەليىتىمىزدە بولۇپ باقمىغان ،ئەمدى بىز قانداق ئاتا-ئانا بولىمىز ؟بالىلىرىمىزنى قانداق تەربىيلەيمىز ؟ياكى يەنە ئاۋۋالقىدەكلا مەكتەپلەرگىلا تاشلاپ قويۇپ ،كېيىن ئپقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەندە ھېلى ئۇ باشلىق ،ھېلى بۇ باشلىقنىڭكىگە قاتناپ ،ئۇلارنىڭ سوغۇق چىراي ،توڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ سارغىيىپ يۈرەمدۇق ،ياكى بالدۇرلا بالىمىزنى تەربىيىسى ،كېيىن جېنىنى قانداق بېقىش ھەققىدە ئويلۇشۇپ بىرەر تەدبىر قوللىنامدۇق؟ _!DIh}O|
(j#:,"%6
يەنە بىرى بىز بالىلار ئەمدى قانداق بالا بولىمىز؟قانداق ياشايمىز؟مۇھىممى نىمىگە تاينىپ ياشايمىز ؟يەنە ئاتا-ئانام باققاندىكىن ،بىر ئامال قىلسۇن ،دەپ نۇمۇس قىلماي يەنە بىزىرىپ ئولتۇرامدۇق ياكى ئۆز كۈچىمىزگە تاينىپ بىر ئامال قىلامدىمىز ؟ئۆز كۈچىمىزگە تاينىپ بىر ئامال قىلالايمىزمۇ؟ئەگەر ئۆز كۈچىمىزگە تايانساق ،قايسى كۈچىمىزگە ،نەدىن ئېرىشكەن كۈچكە تاينىمىز؟بىزدە زادى شۇنچىلىك كۈچ بارمۇ -يوق؟ nw*GVnJ
(d <_3X4\N
قانداق سىزنىڭچە بۇ مەسىلىلەر ئويلۇنىشقا ئەرزىمەمدىكەن ؟مۇقەرەركى ،مائارىپىمىزدىكى نۇقسانلارنىڭ زىيىنىنى بىز ئاتا-ئانىلار،بىز بالىلار تارتىمىز،مائارىپىمىزغا شامال تەگسە بىزگە زۇكام تېگىدۇ ،زۇكام تەگسە چوقۇم بىز ئۆپكە ياللۇغى ،ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندا بولسا ،مۇقەرەركى بىز راكقا مۇپتىلا . l)!r *]qf
ئاپتۇرى:ئابدۇرىھىم دۆلەت q
مەنبە: "مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز"[ بۇ يازما چۆلگۈلى تەرپىدىن 2008-04-19 01:33 دە قايت ]