-ئاداش مەكتەپ پۈتتۈرگىلى ئىككى يىل بولدى . ئۆيدىكىلەر ماڭا تېخچە خىزمەت تېپىپ بەرمىدى ،بەك زېرىكتىم ،ئۆيدىكىلەردىن قاچان ھەل بولىدۇ ؟-دەپ سورىسام ،بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىۋاتىدۇ . ھازىر ئۆيدىكىلەرگە گەپمۇ قىلغۇم كەلمەيدۇ . ،سىرىتقا چىقسام خېلىلا ئارام تېپىپ قالىمەن . ,gkc}b1' t
-ئاداش مەنمۇ ئوخشاش ، خەقنىڭ ئاتا –ئانىسى ئوقۇش پۈتتۈرىشى بىلەن تەڭ خىزمەتكە كىرگۈزىدىكەن .بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىززە . . .بانكىغا ئىش بىجىرگىلى كىرىپ نۆۋەت ساقلىغاچ ئولتۇرۇپ ، يۇقىرقى سۆزلەر قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى . بىر تەرەپتىن ئاتا –ئانىسىدىن رەنجىپ ،دىلى سۇنغان بۇ قىزلارنىڭ ئىككى يىلدىن بېرى ئۈگەنگەن بىلىملىرىنى ئىشلەتمەي ئۆيدە ئولتۇرۇپ ، ئون نەچچە يىللىق ھوسۇلىنى تۈگىتىۋەتكىنىگە ئېچىنسام ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاتا –ئانىسىنىڭ خىزمەت تېپىپ بەرمىگىنىگە رەنجىپ ،باشقىلارنىڭ -، ئاتا-ئانىسىغا ھەۋەس قىلىۋاتقىنىغا ،ئۆزلىرىنىڭ بىرئازمۇ تەۋرەپ قۇيمىغىنىغا ئەجەپلەندىم . lFozkkg}
«تۆمۈر تاۋاق »پاچاقلانغاندىن كېيىن ئۆزىگە تايىنىپ خىزمەت تېپىش ، ئۆزى ئىگىلىك تىكلەش ، ھازىرقى زامان ئىستودىنىتلىرىنىڭ «كاللىسىدىن ئۆتۈپ »بولغىنىغا خېلى يىللار بولدى . يىلدا ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن سىتودېنىتلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۆزلىرىگە تېگىشلىك خىزمەتلەرنى تېپىپ ،جەمىيەتتە بىر كىشلىك ئورنىنى تىكەۋاتىدۇ . لېكىن ئۆيدىن سىرىتقا چىقماي ئاتا –ئانسسىدىن رەنجىپلا يۈرگەن ستودېنىت ۋە ياشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس .مېنىڭچە ،ئاتا –ئانىمىزدىن رەنجىيدىغان ھەققىمىز يوق ھېلىمۇ ئۇلار شۇنچە ئەجىر بىلەن بىزنى باقتى ۋە ئوقۇتتى . ئەمدى ئۆزىمىز قىلشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئۇلارغا ئىتتىرىپ قويساق ،كېيىنكى ھايات يولىمىزنى قانداق باسىمىز ؟ئۆيدە ئولتۇرۇپ پۈتۈن دۇنيادىن رەنجىيمىز ،جەمىيەتتىن نارازى بولىمىز ،ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزگە بىرەر تەلەپ قويمايمىز ياكى ئۆزىمىزدىن كۆرمەيمىز . %It^Wb@
سىتودېنىت دوستۇم ، ئاتا-ئانىڭىزدىن رەنجىمەڭ .«پىچاق ئىشلەتمىگەنسېرى داتلىشىدۇ » ،سىزمۇ ئۈگەنگەن بىلىمىڭىزنى ئىشلەتمىسىڭىز ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇپ قالىسىز .سىزمۇ ئۆيدىن چىقىپ جەمىيئەتكە نەزەر سېلىڭ .ھەممىدىن ئاغرىنىپلا يۈرمەڭ ،بىچارە ئاتا –ئانىڭىزنى قىينىماڭ ئاتا –ئانىڭىزغا ئەمدى تايىنىۋالماڭ .! ئۆگەنگەن بىلىمىڭىز بىلەن كاللىڭىزنى ئىشلىتىپ ،ئۆزىڭىزنىڭ غېمىنى ئۆزىڭىز قىلىڭ .خىزمەتنى ئاتا –ئانىڭىز ئەمەس ، بەلكى ئۆزىڭىز ئىشلەيسىز .
RV$H*^ch_
`%e7E.Y?
مەنبەسى :ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 17-ئاپرېل
f?>$4m/U zi