« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
بۇ بەتتىكى تېما: ئىسلام مۆجىزىللىرى ۋەيۇمۇر توغرىسىدىكى سەمىمى پىكىرىم IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 5289 قېتىم كۆرۈلدى
پارتىيە
دەرىجىسى : سەلكىنداش

پارتىيەنىڭ ئالبۇمى
UID نۇمۇرى : 8265
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 585
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە585دانە
شۆھرەت: 874 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 3978 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 709 نۇمۇر
قوللاش: 636 نومۇر
ئالقىش: 844 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :383(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-26
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ئىسلام مۆجىزىللىرى ۋەيۇمۇر توغرىسىدىكى سەمىمى پىكىرىم

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئۇيغۇرجـان تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-04-17)
يىقىنىڭياقى ئىسلام مۆجىزىسى ۋەئسلامى تىمىلار يوللىنىپ تۇرۇلدى بۇنىڭدىن ھەممىز خۇشال ھەم ھەم قوللاپ كەلدۇق بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاسلارمۇ شۇنداق ياخشى ئۇلار غىمۇ<<ئاللاھ رھمەت قىلسۇن>> لىكىن بەزىبىر قىرىندىشىمىز نىڭ كۆز قارىشى باشقىچەرەك ياكى بىز خاتا چۈشۈنۈپ قالدۇقمۇ ،بۇنى بۈلمىدىم ،قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇنداق ئىسلامى تىما يوللىشى بۇلۇپمۇ ھازىرقى جەمىيەتتە بۇلاۋاتقان بۇزۇقچىلىق، ئىسىراپچىلىق، دىنسىزلىق ،ئەدەپ ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشى ،مىھرى-ۋاپانىڭ ئۈزۈلىپ قىلىشى ،قىرىىنداشلىرىمىزنىڭ دىننىي ئىتىقادىنىڭ سۇسلىشىپ كىتىشى مەيخورلۇق ۋە ئەيىش -ئىشىرەتكە بىرىلىپ كىتىشى ،قاتارلىق جەھەتتىكى بۇزۇلىشلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىگە قاراپ ئىچى ئاغرىش ۋەكۈيۈنۈش ئازغان قىرىندىشىمىزنى توغرا يولغا قايتۇرۇش ھەق يۇلىنى تىپىۋىلىشقا ياردەم قىلىش ئۈچۈن بىزلەرگە يوللاپ تۇردى( ئاللا ئۇلارغا رھمەت قىلسۇن) G:M4H  
بۇنىڭ بىزگە پايدىسى تەگسە تىگىدىكى ھەرگىزمۇ زىيىنى يوق ،ئىسلامى تىما يوللىغۇچىلار بىزنىڭ ئىنكاسىمىزنى ياكى ماددىي مەخسەتنى كۆزلەپ يوللىمىغان ،بۇنىڭغا بەزى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇتقان مۇئامىلىسى تازا ياخشى بولمىدى مەسلەن:يىقىندا بىر قىرىندىشىمىز يوللىغان (خەنزۇ قىزنىڭ مۇسۇلمان بۇلىشى)(يىڭى مۆجىزە)بىز ئىسلامنى ئۆزىمىزنى قوغدىغاندەك ئاتا -ئانىمىزنى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەت قىلىشىمىز كىرەك ،بەزىلەر ھازىر يۈز بىرىۋاتقان مۆجىزىلەرنى يات دىندىكىلەرنىڭ قىلىتىقى ياكى ئويدۇرۇپ چىقارغان كومپيوتۇر ئۇيۇنلىرى،،بىزنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ دەپ چۈشىنىۋالغان ئوخشايدۇ،بۇ مومكىنمۇ ئاللاھنىڭ شۇنداق مۆجىزىلەنى كۆرسۈتۈش ئقتىدارى يوقمۇ ؟شۇنداق قىلىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟بىز نىمە دەپ ئىشەنمىگۈدەكمىز؟ بىز ئىشەنسەك يات دىندىكىلەرنىڭ يالغان ئويدۇرمىسىغا ئىشەنگەن بۇلامدۇق ،بىز ئاللاھنىڭ شۇنداق قۇدىرىتى بۈلگەچقا بىز ئىسلامنى قۇبۇل قىلدۇق ،يات دىندىكىلەر بىزنىڭ دىنىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلش ئۈچۈن شۇنداق كاللا قاتتۇرۇپ ساختا مۆجىزە پەيدا قىلارمۇ؟بۇندا قىلسا بىزنىڭ ئىتىقدىمىز كۈچلەنسە كۈچلىنىدىكى ھەر گىزمۇ ئاجىزلاشمايدۇ ،ئۇلارنىڭ مەخسىتى بىزنى دىندىن ياندۇرۇش ھەم ئىسلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش تۇرسا ،بۇ مومكىنمۇ ،بىر يات دىندىكى مىللەتنىڭ ئىمان ئيتىپ مۇسۇلمان بۇلىشى ھىچقانچە ئىش ئەمەسمۇ؟ئۇنىڭ مۇسۇلمان بۇلىشى ھىچنىمىنى چۈشەندۈر مەمدۇ،ئاللاھنى بىز قەلبىمىزدىلا بۈلسەك ھىساپما،دىنسىزلامۇ كۆڭلىدە ئاللاھ بار دەيدۇ بىز شۇنداق دىسەك ئۇلاردىن نىمە پەرقىمىز .ئۇ قىزنىڭ ئىسلامغا ئىمان ئيتىشى ،ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئۇلۇغلىقى قايىل قىلارلىقى ،ئادىللىقى، پاكلىقى ،راستلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ ،بىز مۇنبەرنى سۇپىلارنىڭ ھۈكىمەت ئىيتىدىغان جەررەھ تولايدىغا يىرىگە ئايلاندۇرماقچى ئەمەس بەلكى ھەممە ئادەم باپ-باراۋەر پەننىي بىلىم ۋە دىننىي بىلىم جەھەتتىكى بوشلۇقىمىزنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئاۋات قىلىپ تۇرىۋاتىمىز ،بۇنىڭدا باشقا مەخسەت يوق ،بىزمۇ بۈلگىنىمىزنى سۆزلەيمىز ،بۈلمىسەك جىم تۇرۇپ ئاڭلايمىز ،خاتالىشىپ قالسا بۈلگۈنىمىزچە تۈزىتىپ پىكىر بىرىمىز ،بۇ بىزنىڭ خاتالىقىمىز ئەمەس بەلكى ئارتۇقچىلىقىمىز،بىزنىڭ دىنىمىز ئۈچۈن سىللەرگە بەرگەن رەدىيىمىزنى قەتئى كۆڭلىڭلار غا ئالماڭلار ، QPS ~g5Jm  
يەنى مەسلەن:<<ھەسەننىڭ چۈشى>> ناملىق پىلاستىنكا كومپويۇتىردا تارقىتىلغاندا كۆپلىگەن قىرىنداشلىرىمىز يالغان ئويدۇرۇپ چىقارغان ئىش قىلىپ ئىتىراپ قىلمىدى،ھىچكىم ئۇ دۇنياغا بىرىپ دوزاخ ۋە جەننەتنى كۆرۈپ باققىنى يوق لىكىن بىزنىڭ ساماۋى كىتاۋىمىز بولغان <<قۇر ئان كىرىم>> كىتاۋىمىزدا جەننەت ۋە دوزاخنىڭ سۈپىتى بايان قىلىنغان،ئۇندىن باشقا بىزگە ئۇزاق بولمىغان دەۋىردە ياشىغان توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى پەيغەمبىرىمىز ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغان مۇھەممەت ئەلەيھىسالام بىزگە ئۆز ۋاىتىدا يىر سالىمدىكى ئەقسا مەسچىتىدىن بۇراققا مىنىپ ئەرىشكە چىقىپ جەننەت ۋە دوزاخنىڭ ئەھۋالىنى كۆرگەن ۋە ساھابىللىرىگە بايان قىلىپ بەرگەن،بۇنىڭغا قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت شۇ پىلاستىنكىدىمۇ شۇ بايانلانى چۆرىدىگەن ھالدا ئىشلەنگەن تۇرسا يانا نىمە دەپ ئىشەنمىگۈلۈك ،نىمىشقا مۇشۇنداق ئىسىل تىمىلار يوللانسا ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈشتە يوق ،ئەكسىچە يۈگرۈپ كىرىپ كۆرگۈچىلىكى يوقكەن ،ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ سۇغاق سۇ سىپىسىلەر ،ئۇنداق مۆجىزىلەرنى بىر قۇتان قىلىپ بىرىدۇ ،قوينىڭ دۈمبىسىدە خىرىستىيانلارنىڭ بەلگىسى بولغان كىرىست بەلگىسى بار قوي تۇغۇلدى ،لاسادا تاشقا ئايلانغان بۇت بايقالدى ،مۇشۇمۇ گەپ بولدىمۇ بىزنىڭ بۇنىڭ بىلەن نىمە مۇناسىۋىتىمىز ھەم ئۇنى ئىتىراپ قىلمايمىز ،مۇشۇ ئارقىلىق بىزگە رەدىيە بەرمەكچىمۇ سىللەر ،ئۆز ۋاختىدا ھىندىستانلىق سالمان راشىد دەپ بىرى مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنى ھاقارەتلەپ مەسىخىرە قىلىپ كىتاپ يازغاندا پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلا قوزغۇلۇپ كەتكەن ئىراننىڭ مەنىۋە داھىسى ھۈمەينى سالمان راشىدنى ئۆلتۈگەنلەرگە مۇكاپات بىرىمىز دەپ ئىلان قىلغان يىقىندىلا ،ئىران زۇڭتىڭى نىجاتمۇ شۇ بۇيرۇقنى قايتىدىن چىقاردى،مانا قاراڭ مۇشۇنداق بىر دۆلەتنىڭ رەئىسى بولغان ئادەمنىڭ ئىسلامنى يەنى مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ ئىزىتىنى قوغداۋاتسا ،بىز نىمە قىلىپ ،نىمە گەپلەرنى قىلىپ يۈرىمىز ، #k:$  
ئەمدى يۇمۇر غا كەلسەك ؛ ئىسلام دىنى خۇشاللىقنى چەكلىمەيدۇ ھەم چاخچاق قىلىشنىمۇ چەكلىمەيدۇ ،بىز بۇيەردە دەۋاتقىنىمىز ئىسلامى يۇلى بۇيىنچە يوللانسا دەپ تاللىدۇق،بۇتۇغۇرلۇق ھەدىسمۇ بار،يالغان گەپ قىلىش ،بىرسىنى كەمسىتىش ،يوق ئەيىپنى بار قىلىپ كۆرسىتىش قاتارلىق شەكىلدىكى يۇمۇرلار،ئىسلامغا زىت بۇنىڭغا ئىسلام يول قويمايدۇ،بىز مۇشۇ ھەدىس بۇيىنچە 3-سىنى تاللىدۇق مەن سىللەرگە بىر نەچچە يۇمۇر دەپ بىرەي ئارىپ بىقىڭلار ئىسلامغا زىتمۇ ياكى (بىر كۈنى بىر ئادەم سەپەرگە چىقماقچى بۇلۇپ كىتىۋاتسا ھىسامكام ئۇچىراپ قاپتۇ،ۋاي ئاداش نەەە ماڭدىڭ،دوستى ،سەپەرگە ،ھىسامكامئۆي ۋاقاڭنى كىمگە تاپشۇردۇڭ،دوستى،ئاللاھقا،ھىسام ھەجەپ بەلەن ھادەمگە تاپشۇرۇپسەن،ئوغرى كىرسىمۇ دىمەيدىغان)(بىرسى بىرىگە قەرزى بۇلۇپ قاپتۇ قايتۇرمىغاندىكىن سۈيلەپ ئۆيىگە كەلسە يەنە بەرمەپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن قەرشە بەرەۈچى ئۇ دۇنيادىغۇ ئالامەن سەندىن دىسە قەرزە ئالغۇچى ئۇنداق بولسا جىقىراق بىرە ) bzA^*%/K  
(بىر كۈنى قۇربان ھىيتتا بىرسى قۇربانلىقنىڭ تىرسىنى مەسچىتكە بىرىپتۇ ھىيت تۈگۈگەندىن كىيىن ئۇ ئادەم قويىنى مەسچىتنىڭ ھويلىسىغا ئەكىرىپ بىقىپتۇ،ئاڭغىچە مەئەزىن كىرىپ قىلىپ قوي باققۇچىنى قويلىرىنى ئەپ چىقىپ كىتىشىنى دىسە ئۇ ئادەم قۇپۇپ مەزىنئاخۇنۇم مەسچىتكە قوي تىرىسى كىرسە بۇلىدۇ قوي كىرسە بولمامدۇ،)(بىر كۈنى قۇرئاندىن ساۋادى يوق ئىككى دوس تاققا چىقىپ بىرەر مال ئالماقچى بۇلۇپ چىققاندا بىر قازاقنىڭ ئۆيىدە مۇسىبەت بوپتۇ قازاقلار قىرائەت قىلىشنى بۈلمىگەندىكىن بۇئىككىسىنى چاقىرىپ قىرائەت قىپ بىرىشنى ئۇنىڭ ھەققىگە ئىككى قوي بىرىدىغانغا كىلىشىپ قىرائەتنى باشلاپتۇ،ئۇ ياسىن سۈرىسىنىڭ ئاھاڭىنى،ماركىس ئىنگىلىس ماۋزىدۇڭ دەپ باشلاپتۇ،ئاڭغىچە دوستى قۇپۇپ خاتا بوپ قالدى بۇنداق ئۇقىمايتى دىسە،ئۇنداق دىمە جىم تۇر ئىككى قوي بەرسە بىرسى سىنىڭ بىرسى مىنىڭ دەپ ئۇقۇيدۇ شۇيەردىكى بىرئايال نىمىلەرنى دەپ جۈرىدۇ بۇ دىسە يىنىدىكى بىر ئايال توغرا ئۇقىۋاتىدۇ،ئۇلارمۇ ئۇلۇغلا تۇرسا،دەيدۇ) gGiY{N#A  
دەپ كەلسەم بەك جىق مۇنداق مىساللار ،بەلكىم بەزىلەر، شۇنداقلارنى قامچىلىغان دىيىشى مومكىن نەدىمۇ ئۇنداق بولسۇن ،تىخى بۇنىڭغا كۆزىمىزدىن ياش چىققۇچە كۈلۈپ كىتىمىز ،ئاخىرەتنى ئويلايلى بۇدۇنيا بەكلا تىز ئۈتۈپ كىتىدۇ بەلكىم بەزىڭلار چاخچاقنىمۇ دىغا چىتىۋىلىپ،مۇتەھسىپلە دىيىشى مومكىن،نىمە دىيىشىڭلاردىن قەتئى نەزەر،بۇنداق ساغلام بولمىغان ئىسلامى يۇلى بۇيىنچە قىلىنمىغان چاخچاقلارنى قوللىمايمىز ،قۇر ئان كىرىمدە مۇنداق دىيىلگەن يىرى بار،<<سىللەر بەزى نەرسىلەرنى ياقتۇرىشىڭلار مومكىن بەلكىم ئۇ سىللەر ئۈچۈن زىيانلىقتۇر،سىللەر بەزى نەرسىلەرنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مومكىن ئۇ سىللەر ئۈچۈن پايدىلىقدۇر>>يۇمۇر يوللىنىش توغۇرلۇق بىلەت تاشلىغاندا مەن پەقەت3-سىنىلا تاللىدىم،ئەڭ مۇ ۋاپىقى شۇكەن ،بىر نەچچە قىتىم ساغلام بولمىغان يۇمۇرلار يوللاندى ،تىخى بەزىلەر چەتننىڭكىكەن بوپتۇ توغرا چۈشىنەيلى،بەك قىززىق كەن دەپ ئىنكاس يولاپتۇ،ئۇقۇپ ھەيران قالدىم،بىز مۇشۇنداق يۇمۇرلارنى تۇسۇشتا يوق تەڭ كۈلۈشۈپ بەرسەك ئاللاھ ئالدىدا گۇناكار بولمامدۇق،ئاللاھ بۇنداق ئىشلارنى چەكلىگەن تۇرسا بىز يەنە داۋاملىق قىلىۋەرسەك ئاللاھنىڭ قانۇنىغا قارىشى چىققان بولمامدۇق بىزنىڭ شۇ ئشلارنى تۇسىغىنىمىز ،ھەق گەپنى قىلغىنىمىز گۇناھما،بۇنداق قىلىشىمىز سىللەرگە كۈيۈنگىنىمىز،ھەرگىزمۇ ئۈزىمىزنىڭ ئىدىيىسىنى سىللەرگە تاڭغىنىمىز ئەمەس ،ھەققانىي پىكىرىمىز ،دىنىمىزنىڭ ھۆرمىتى،ئەخلاقىمىزنىڭ كاپالىتى،3-سىمۇ يۇمۇرنى يوللىماڭ دىگەنلىك ئەمەسكەنغۇ بەلكىم مەنمۇ يۇمۇر يوللاپ قىلىشىم مومكىم مەن ئۈزۈممۇ بىر يۇمۇرغا ئامىراق ھەم يۇمۇر سۆزلەپ قۇيىمەن،مەنمۇ غۇلجىغا يىقىن بولغاچقىمىكىن چاخچاق ئىچىدە چوڭ بولغان،لىكىن يۇلىدا قىلساق بولدى،بىزنى خاتا چۈشەنمەڭلار سىللەر دىگەندەك ئاللاھ بىزنى موللا قىلىشقا نىسىپ قىلسۇن بىز ئۇنىڭدىن قاچمايمىز مۇنبىرىمىزدە شۇنداق ياخشى يۇمۇرچىلارنىڭ بارلىقى شۇنداق ياخشى ئۆتكىنىڭلارنى بۈلدۇق ،بولدى قىلىڭلار دەۋەمەڭلار شۇلار كىتىپتىكەن ئۈزۈلۈپ قالماي كىتىپ بارىدىغۇ مانا ،ئۇ بىر تارىخ بوپ قالدى ئەمدى ئۇ كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى ئەمدى بىز بۈگۈننى ئەتىنى كىيىننى ئويلايلى،بۇرۇنقىنى ئويلاپ شۆلىگيلەر ئاققۇچە سۆزلىسەك ھەرگىزمۇ قايتىپ كەلمەيدۇ،قانچىلىك ئۆمىرىمىز قالدى كىم بۈلىدۇ ۋاقىت شۇنداق تىز ئۈتىدۇ،ئۇ دۇنيانى كۆپرەك ئويلايلى بۇ دۇنيادا نىمىمىز قالدى مەسچىتتىن باشقا،دەل بىزنى قىلغا ئىبادىتىمىز قىلغان ياخشى ئەمىلىمىز ئۇ دۇنيادا جەننەتكە كىرىشمىزگە گۇۋاھ بۇلالايدۇ ،بۇنداق دەپ سىللەرنىڭ خۇشاللىقىڭلارنى تارتقىنىم ئەمەس ،مىنىڭ يەنە دەيدىغىنىم،ھەر قانداق نەرسىنىڭ شۈپىگىنى تاشلاپ مىغىزىنى يەيلى،ھەر قانداق يازمىنىڭ ياخشى چىقىشى ناتايىن ،بۇ تىمامغىمۇ شۇ مۇئامىلىدە بۇلۇڭلار ،ھەقنى ھەق دىمىسەك بەزىلەر مىنىڭ توغرا ئوخشايدۇ دەپ خاتا يولدا مىڭىۋەرسە بىرى ئىككى بۇلىدۇ ئىككىسى تۆت بۇلىدۇ شۇنداق قىلىپ كىڭىيىپ كەتسە ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن توغرا چۈشۈنۈپ توغرا مۇئامىلە قىلىڭلار
[ بۇ يازما ھىجران تەرپىدىن 2008-04-17 20:16 دە قايتا ]
باشقۇرغۇچى ھىجران تېمىنى تەستىقلىدى .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • سەلكىن دوللىرى:+10(ئارسىلان) قايىل قىلارل ..
  • شۆھرەت:+20(دوستۇم) قايىل قىلارل ..
  • سەلكىن دوللىرى:+10(ئالتۇن1984520) ياخشى پىكىر، ..
  • ياۋرۇپا لوڭقىسى
    | ۋاقتى : 2008-04-17 20:04 [باش يازما]
    دادا
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز

    دادانىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 2048
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 32
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە32دانە
    شۆھرەت: 22 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 1181 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 31 نۇمۇر
    قوللاش: 25 نومۇر
    ئالقىش: 11 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :13(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-24
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تامامەن قوللايمەن..... 
    salkinTV
    | ۋاقتى : 2008-04-17 21:03 1 -قەۋەت
    ئارسىلان
    دەرىجىسى : سەلكىنداش

    ئارسىلاننىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 181
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 659
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە659دانە
    شۆھرەت: 510 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 3624 سوم
    تۆھپە: 72 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1019 نۇمۇر
    قوللاش: 1004 نومۇر
    ئالقىش: 313 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى :248(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىنتايىن توغرا گەپلەر..دېمىسىمۇ بەزىلەر گەپ قىلسا ئىسلامنى چاقچاققا ئايلاندۇرىۋالىدۇ.ھەممىمىز ئاخىرەتلىكىمىزنى ئويلايلى... 1;kp8d  
    تىمىڭىزغا رەخمەت...ياراتقان ئىگەم ئەقلىڭىزنى زىيادە،ئىمانىڭىزنى كامال قىلغاي...
    salkinTV
    كەلدۇق ئىبادەت ئۈچۈن،قايتىمىز ھېساپ ئۈچۈن،
    مېھمانمىز بۇ دۇنيادا، ئۆلىمىز تىرىلىش ئۈچۈن...
    | ۋاقتى : 2008-04-17 21:31 2 -قەۋەت
    كارتوس
    دەرىجىسى : سەلكىنداش

    كارتوسنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 8078
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 714
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە714دانە
    شۆھرەت: 1740 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 466 سوم
    تۆھپە: 50 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 737 نۇمۇر
    قوللاش: 724 نومۇر
    ئالقىش: 771 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :107(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن سىزنىڭ دىن توغۇرلۇق دىگەنلىرىڭىزگە قوشۇلىمەن،بىز بەزى ئىشلارغا كۆز يۇمساق بولمايدۇ...بەزىلەر بۇلار يالغان دەپلا ھەممىنى يوققا چىقىرىدۇ..مەنمۇ تۇلۇق ئوتتۇرىدا بىر ئاق نەرسە كۆرگەن،ئۇنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ھازىرغىچە بىلمىسەممۇ،بەلكىم ئەرۋاھ مىكى دەپ ئويلايمەن،بولۇپمۇ ئاشۇ «ھەسەننىڭ چۈشى» دىگەننى كۆرۈپ شۇنداق ئويلىغان....تۇلۇقئوتتۇرا مەكتىپىمىز زاراتلىققا قۇرۇلغان مەكتەپ،نۇرغۇن غەلىتە ئىشلار بولغان بولسىمۇ ھېچكىم ئېتراپ قىلمىغان، ماڭىمۇ ھېچكىم ئىشەنمىگەن،شۇ چاغدا مەكتەپتە قورقۇپ كېچىسى ئۇخلىيالمايتتىم،ئېگىز پاشنلىق ئاياق ئاۋازىنىمۇ ئاڭلاپ باققان،ئۇخىل قورقۇچ......بەلكىم بۇ گەپلەرگە شۇ خىل ئىشلارغا ئۇچرىغانلار ئىشەنسە بىرگەپ، باشقىلار ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ....ئۇنداق ئىشلارنى باشقىلاردىن ئاڭلىغاندا مەنمۇ ئىشىنىمەن....ئەمما بىز نىمە قىلالايمىز؟ ئۆزىمىزنىڭ ھەر كۈنلۈك ئىبادىتىمىزنى قىلىپ،ساۋابلىق ئىشلارنى قىلساق بولىدۇ دە.  ئەگەر سىز ساۋابلىق ئىش قىلغۇڭىز يوق تۇرۇپمۇ ساقال ۋە سەللىگە،كىيىملىرىڭىزگە يۈز كېلەلمەسلىكتىن قورقۇپ خالىمىسىڭىزمۇ قىلسىڭىز،ئۇ خىل ساۋاب نى قۇبۇل قىلىش قىلماسلىقنى پەقەت ئاللالا بىلىدۇ.....ئەگەر بىر كىشى ياخشى ئىش قىلىپ ئۇنى ئاللادىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى شۇنداق قىلىش توغرا ياكى ئورۇنلۇق دىگەنلىكى ئۈچۈن بولسا ئۇنىڭغا ساۋاب كېلەمۇ كەلمەمدۇ ئۇنىمۇ بىلگۈچى ئاللا. $`./(W+OA  
    شۇنداق، ئادەملەردىكى سۇسلىغان ئېتىقادنى ،ئىماننى كۈچەيتىش، ياخشى، دۇرۇس يولغا باشلاش ياخشى.ھەممە ئادەمدىكى كاللا ئوخشاش بولمىغانكىن چۈشىنىشمۇ پىكىرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ ئەلۋەتتە. l/t}|W   
    ئەگەر بىز پارۇللارنىڭ «غەربكە مېڭىشى» خاتا،يەنى ئۇلارنىڭ شۇنداق قىززىقچىلىق قىلىشى خاتا دەپ ئويلىساق ياخشى بولمايدۇ،ئۇلارنىڭ يازغانلىرىنى بىز يازالمايمىز،شۇ قىززىقچىلىققا ئاجايىپ بىر ئۇستىلىق بىلەن ھازىرقى جەمىيتىمىزدىكى بەزى ناچار ئىللەتلەر مەسخىرە قىلىپ كىرگۈزۈلگەن،ئوبدان ئوقۇپ باقساق بىلىمىز...ئەگەر ئۇلارغا قارشى تۇرساق مەنچە ياخشى ئەمەس.... ئا.ئۆتكۈر مۇنداق بىر رۇبائىي يازغان ?nqS,jmJ  
    بىر زاھىد ئۆتەركەن سەھەر نامازنى، L9FEG+qs  
    تىلەپ دوزاختىن ........................(ئۇنتۇپ قاپتىمەن،شۇ دوزاخقا كىرىپ قېلىشتىن قورقۇپ دېمەكچى) ,A-DZT,  
    دەل شۇ چاغ بىر دېھقان ئېتىزدا..... Fvb#$u  
    ئىلاھىم ئوخشىغاي بۇ قوغۇنۇم دەر.  (كەچۈرۈڭلار بۇ رۇبائىينى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،لېكىن ئاساسىي مەزمۇنى مۇشۇنداق.) 2poO{_eZj  
    مانا بۇمۇ بىر سېلىشتۇرۇش.  #f-P%#\[  
    مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قىرلىق ئىستاكان» دىگەن ھىكايىسىنى كىنو قىلىپ ئىشلىدى،ئەسلى يازغۇچى 90-يىللاردا ئەدەپ كەتكەن مىللىي خاسلىقىنى يوقاتقان ئۇسسۇلنى، شېئىرىيەتتىكى گۇڭگالىقنى،يەنە ئىچىملىككە ئۆزىنى ئۇرىدىغانلارنى مەسخىرە قىلىش ۋە قامچىلاش ئۈچۈن يازغان لېكىن ئۇ ئىشلىنىپ چىققاندىن كىيىن ھاراق ئىچىدىغانلار قىرلىق ئىستاكان دا ئىچىش مودا بولۇپ كەتكەن.....ئۇسسۇل،يەنە«ئابدۇل تېرە »نىڭ شېئىرلىرى  مۇ ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىغان..... '-rN]_M  
    ئەگەر سىز بۇ تېمىڭىز ئارقىلىق بەزى قىززىق تېمىلارنىڭ يوللىنىشىغا قارشى تۇرسىڭىز، ئۆزىڭىز ئاللانىڭ سىزىقىدىن چىقمىغان راست قىززىقچىلىقتىن بىرنى ئەۋەتىپ بېقىڭ،بىزنى كۈلدۈرۈپ بېقىڭ......بۇ گېپىمنى ئېغىر ئالماڭ...سىزچە شۇلار نىڭ قولى قىچىشىپ تاختا باسقۇسى كېلىپ ئەۋەتكەنمىدۇ،قارىسىغىلا يېزىۋەرگەنمىدۇ؟ ياكى سەلكىننىڭ باشلىقى ئېيىدا 30 سوم بېرەرمۇ؟؟؟ ياكى ئاتا ئانىسى ، تۇغقانلىرىنى كۈلدۈرەي دىگەنمۇ؟ ياكى سىزنى مېنى ئالداپ بىرەر ئىش قىلاي دىگەنمۇ؟ئۇلارنىڭ نىمە خاتالىقى بارلىقىنى بىلمىدىم؟ نىمىدەپ يالغان گەپ قىلدى؟ بۇ دىگەن تور، كارتوس مېنىڭ يالغان ئىسمىم،ئەمىسە مەنمۇ گۇناھ ئۆتكۈزگەن، ئەسلى ئىسمىم بىلەن كىرىشىم....ھەممە ئادەم جەزمەن راست گەپ قىلىشى، ئادەم ئادەمگىلا ئوخشىشى،باشقا نەرسىگە ئوخشىتىش قىلىش بولمايدىغان..................ھېلىمۇ پۇل تېپىش ،بىلىم ئېلىش، پەن تېخنىكا ئىگىلەش،.....خاسلىقنى ساقلاش،...يەنە نۇرغۇن بېسىم بىلەن ياشاۋاتقاندا شۇنداق قىززىقچىلىقلار بولسا  ياخشى ئەمەسمۇ؟؟ U:`C'Omw  
    ھېسام ئاكا توغۇرلۇقمۇ يېزىپسىز.  بەزىلەر دىندىن پايدىلىنىپ قىلغانلىرى بار، ئۇنىڭ چاقچىقى بىر چاقچاق ئاللانى مەسخىرە قىلىۋاتقىنى يوق.ئۇنداق قىلىشنىمۇ ئويلىمىغان ... پەقەت ئۇ دىگەن قىززىقچىلىق... F^Y3+@2H  
    مەسىلەن :  بىر كۈنى ھېسام كېتىپ بارسا ئالدىدا بىر ئايال بالىسى بىلەن مېڭىپتۇ، ھېلىقى ئايال ئوسۇرۇپ قويۇپتۇ دە ئەتراپىغا قاراپ، بالىسىنىڭ قۇڭىغا بىرنى تېپىپتۇ،:«ئوسۇرماي ماڭا» دەپ.  ھېسام ئىتتىك مېڭىپ ئۇلارغا يېتىشىۋاپتۇ ۋە بىرنى ئوسۇرۇپ ھېلىقى بالىنىڭ قۇڭىغا بىرنى تېپىپتۇ، ئانىسىنىڭ ئاچچىقى كېلىپ :«ھوي ھېسام، قىززىقكەنسىز، ئۆزىڭىز ئوسۇرۇپ بالامنىڭ قۇڭىغا تەپكىنىڭىز نېمىسى؟» دەپتىكەن ،ھېسام «ھە، مەن تېخى ئوسۇرغان ئادەمنىڭ ھەممىسى مۇشۇ بالىنىڭ قۇڭىغا تېپەمدىكىن دەپتىمەن» دەپتۇ... (@ u#MV.d  
    ئۆزىڭىز ئويلاپ كۆرۈڭ،ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىسەك، گەپلىرىمىزنى بىسمىللاھىر رەھمانىر رېھىم دەپ باشلىساق، ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار....ئاللاغا ئامانەت دەپ  ئاخىرلاشتۇرساق.................. dj[_| ;  
    شۇنداق قىلساق ياخشى دەپ قارىسىڭىز،مەن ئۇنداق قىلالمايمەن........مەن يۇمۇرنى، مەسخىرىنى كىنايىنى ياخشى كۆرىمەن......تۈز گەپ يۈرەكنى بەك ئاغرىتىدۇ.... =ni+},  
    بىز دىگەن بەندە، بەندە دىگەن گۇناھ ئۆتكۈزىدۇ..... 1Gk'za  
    دىندا ئۇنداق،بۇنداق دەپ نۇرغۇن بايلار مۇ تۆت بەش خوتۇننى ئېلىپ ئولتۇرىدىكەن،ھەتتا ھەجىگىمۇ پۇلى بارلار بارالايدىكەن...ئەسلى دىندا شۇنداقمىتى؟ بۇنىڭغۇ بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋىتى يوق،جەمىيەتتە شۇنداق دىننى بۇرمۇلايدىغانلار جىق تۇرسا شۇلارغا گەپ يوق، مۇشۇنداق پىكىر ئالماشتۇرىدىغان،نۇرغۇن مەسلىھەتلەر كۆرسىتىلىدىغان  مۇنبەردىكى قىززىقچىلىقنى دىنغا باغلاپ چۈشەندۈرىمىز دىسەك.............. $!_LTF+  
    ئەگەر مۇشۇ سەۋەبلىك پارۇل،جوكېر،قادىي لار  قىززىقچىلىق يازمىسا...بۇ سەلكىننىڭ مۇھىم بىر نەرسىسى يوقتەك بولۇپ قالىدۇ....... 72Bugt  
    ھەممە ئىشنى يولىدا ئويلايلى.  گەپنىڭ مەيدانى ئوخشاش ئەمەس.  b\b @*$Z  
     
    bugra
    مەندىن ئەنسىرمەڭ،مەن ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويسىڭىزلا بولدى..............
    | ۋاقتى : 2008-04-17 21:34 3 -قەۋەت
    رەنا
      پاكلىق غۇنچىسى
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

    رەنانىڭ ئالبۇمى كىرورەن بانكىسى VIP ئالتۇن كارتىسى
    UID نۇمۇرى : 2120
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 3827
    ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3827دانە
    شۆھرەت: 716 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 4557 سوم
    تۆھپە: 50 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3917 نۇمۇر
    قوللاش: 3834 نومۇر
    ئالقىش: 3515 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :378(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-19
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەپسۇس ئەپسۇس ئۇلار يەنە دەيدىغننى دەۋىردۇ.
    bugra
    ساڭا ھەر قانچە قىيىنچىلىق كەلسمۇ ، ئۆز ئۇزۇڭگە بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كىتدۇ دەپ تەسەللى بەر.
    سەن ھەر ۋاقىت جاھاننىڭ ئىشلىردىن خەۋەردار بولۇپ تۇر ، لىكىن سەن ئۇنۇڭغا ئانچە ئىشنىپمۇ كەتمە.
    | ۋاقتى : 2008-04-17 22:34 4 -قەۋەت
    ئۇيغۇرجان
    موللا تاپقاق مۇنبەر باشقۇرغۇچى ئىلغار باشقۇرغۇچى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
    دەرىجىسى : مۇنبەر باشلىقى

    ئۇيغۇرجاننىڭ ئالبۇمى كىرورەن بانكىسى VIP ئالتۇن كارتىسى
    UID نۇمۇرى : 7357
    نادىر تېما : 10
    يازما سانى : 1689
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1689دانە
    شۆھرەت: 4832 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 1569 سوم
    تۆھپە: 2350 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2250 نۇمۇر
    قوللاش: 1942 نومۇر
    ئالقىش: 2775 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەبەسسۇم
    توردىكى ۋاقتى :854(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    كارتۇس ئەپەندىمنىڭ ماۋۇ گەپلىرى تېما ئىگىسىنىڭ پىكىرىگە نىمانداق زىت 0|cr,(/vt  
    ================================================= 3 7<&g  
    ھېسام ئاكا توغۇرلۇقمۇ يېزىپسىز.  بەزىلەر دىندىن پايدىلىنىپ قىلغانلىرى بار، ئۇنىڭ چاقچىقى بىر چاقچاق ئاللانى مەسخىرە قىلىۋاتقىنى يوق.ئۇنداق قىلىشنىمۇ ئويلىمىغان ... پەقەت ئۇ دىگەن قىززىقچىلىق... w2IVC`1  
    ============================================= I$ySX*DB  
    ;Tbo3uZU  
    كارتۇس ئەپەندىم... تېما ئىگىسى دىگەندەك ئىسلامدا چاقچاقنىڭمۇ ئۆلچىمى بار، چاقچاق قىلدىم دەپ باشقىلارنى مەسخىرە قىلىشقا ، باشقىلارنىڭ ئەيىۋىنى ئىچىشقا بولمايدۇ. غۇلجا چاقچاقلىرىنىڭ بىرىدە مەن بىرسىنىڭ ، ھازىرقى غۇلجا چاقچاقلىرى بالدۇرقىغا ئوخشىماي قالدى. ھازىرقى غۇلجا چاقچاقلىرى باشقىلارنى مەسىخىرە قىلىش ، ئەيىۋىنى ئىچىش قاتارلىق ناچار ئىللەتلەر بىلەن توشۇپ كەتكىلى تۇردى دىگەندەك بىر گەپنى ئاڭلىغاندەك قىلىمەن. |y(iU  
    يۇمۇر-چاقچاق دىگەن قانداقتۇر باشقىلارنى مەسخىرە قىلىش ، ئەيىۋنى ئىچىش ئارقىلىق بىر ياكى بىر نەچچە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ باشقا كىشىلەرنى خۇشال قىلىش بولماستىن بەلكى ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىشنى كۆرسەتسە كىرەك. gtG;q=9  
    مۇشۇ مۇنبەردە بىرسى چاقچاق تېمىسىدىن بىرنى يىزىپ سىزنى(كارتۇس) مەسخىرە قىلسا سىز ئەلۋەتتە خاپا بولىسىز، كۆڭلىڭىز يىرىم بولىدۇ، بۇنداق چاقچاقتىن باشقىلار خۇشال بولغان بىلەن سىز خۇشال بولمايسىز ، ھەتتە تېما يازغان ئادەمنى تىللىشىڭىز ، كۆڭلىڭىزدە نەپرەتلىنىشىڭىز مۇمكىن.... aQNMhkx  
    YM>Gr{"E  
    ئەمدى چاقچاق قىلدىم دەپ ماز چاقچاقلىرىمىزغا اللەنى قوشىۋىلىش، ھەم ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۇرۇشكە ئەلۋەتتە بولمايدۇ. سىز شۇنداق بىر ماز چاقچاققا سىز رەنجىگەن يەردە ياراتقۇچىمىز بولغان مىھرىبان پەرۋەردىگارىمىز ئەلۋەتتە غەزەبلىنىدۇ. سىزنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ئاشۇنداق ئىغىز خاتالىقلىرى كىيىنچە سىزنى ئىغىر ئاقىۋەتكە مۇپتىلا قىلىشى مۇمكىن... X2hz^9RD1  
    1:+< ]  
    چاقچاقلىرىمىز يوللانسۇن لىكىن چاقچاقتەك بولسۇن، قانداقتۇر باشقىلارنى مەسخىرە قىلىش، ئەيىۋىنى ئىچىش ، ياكى دىنىي ئەھكاملارغا خىلاپ بولىمسۇن....
    salkinTV
    LOVE YOU FOREVER

    [url=http://bbs.salkin.cn][img]./
    | ۋاقتى : 2008-04-17 23:10 5 -قەۋەت
    نۇرلۇقادەم
    ئىنسان نىمەدىگەن ئاجىز...
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : سەلكىنداش

    نۇرلۇقادەمنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 2970
    نادىر تېما : 8
    يازما سانى : 1196
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1196دانە
    شۆھرەت: 4237 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 19786 سوم
    تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1819 نۇمۇر
    قوللاش: 1495 نومۇر
    ئالقىش: 2424 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :409(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم مەن ناھايىتى تەسىرلەندىم. d=nFz~<0qT  
    مۇنداق بىر ۋەقە ئىسىمگەكىلىپ قېلىۋاتىدۇ {=}nEf'k  
    پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋەت قىلىپ تائىپقا چىققانداتائىپ تىكىلەرپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۇششاق باللىرىغا تاش بىلەن ئۇرۇشنى بۇيرىغان ھەتتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق ئىسسىقتابىرتۈپ خورمىنىڭ سايىسىدا ئولتۇرماقچى بولغانداباغ ئىگىسى سايىداشقىمۇ ئۇنىماي قوپىرىۋەتكەن شۇچاغداپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم«ئى ئاللاھ .........دەپ دۇئاقىلغاندائاللاھ شۇچاغدا جىبربئىل ئەلەيھىسسالامغا  مۇھەممەد(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نىمە دىسەشۇنداق قىلىپ بەردەپ ئەۋەتكەندە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام كىلىپ ئى مۇھەممەد(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)ئاللاھ سىزگە سالام دىدى ۋەمىنى سىزگە ياردەم بىرىشكە ئەۋەتتى ئەگەر سىز رۇخسەت قىلسىڭىز بۇلارنى ھازىرلا ھالاك قىلاي دىگەندەپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇھالەتتە ئازار يىگەن تۇرۇقلۇق ئاللاھقادۇئا قىلىپ ئى ئاللاھ ئۇلارنى كەچۈرگىن چۈنكى ئۇلار ئۇقمايدۇ دىگەن. K# ob!;>[P  
    ھەي............قېرىنداشلار ئويلاپ باقايلى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تائىپقا نەرسەتىلەپ چىقمىغانغۇ،تائىپرىكىلەرگە بىرنەرسە بىرىڭلار دىمىگەنغۇ،ياكى ئۇلارنى ھاقارەت قىلمىغانغۇ.پەقەت ئۇلارنى ھەققە دەۋەت قىلغانغۇ،ئاشۇ پايدا زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان تاشقا چۇقۇنۇپ دۇنيا ۋەئاخىرەتتەزىيان تارتىپ قالمىسۇن دىگەننى مەقسەت قىلغانغۇ،ئاشۇ ئازغۇنلۇقتا مېڭىپ دەۋزەخقە چۈشۈپ كىتىشتىن ئاگاھلاندۇرغانغۇ،ۋە ئاشۇ يەتكۈگەنلىك بەدىلىگە ئۇلاردىن ھېچنىمە تەلەپ قىلمايتىغۇ،لىكىن ئۇلارقانداق قىلدى؟ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرىگە شۇنچە ئەرزىيەتلەرنى يەتكۈزدىغۇ،يەنىلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى كەچۈرىۋەتتى.قېرىنداشلارمۇسۇلمانلار دەۋاتقان دىن دەل ئاشۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەتكۈزگەن دىن شۇ.قېرىنداشلار ئۇنداق قىلمايلى!ئۈزەمنىڭ گىپىنى راس قىلىمەن دەپ ئاساس سىزگەپ قىلىۋەرمەيلى!ئاللاھنىڭ غەزىپىنى ئويلايلى! مۇسۇلمانلار سىلەرنى ھەققە چاقىر ۋاتىدۇ ھەرگىززالالەتكە چاقىرمايۋاتىدۇ. a 
    ھېچكىم تېخى يۇمۇر يوللانمىسۇن دىمىدى،ۋە ئىسلام يۇمۇرنى چەكلەيدۇ دىمىدى.پەقەت راس چىللىققا چاقىر ۋاتىدۇ.راسچىل بولايلى!«ئاللاھ راسچىللار بىلەن بىللىدۇ»(ئايەتتىن).
    salkinTV
    ئىمان دىگەن قەلبىدەئىشىنىش،ئاغزىدا تەستىقلاش.ئەمەلىيەتتە قىلىش،ئارقىلىق بولىدۇ.
    | ۋاقتى : 2008-04-17 23:53 6 -قەۋەت
    پارتىيە
    دەرىجىسى : سەلكىنداش

    پارتىيەنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 8265
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 585
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە585دانە
    شۆھرەت: 874 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 3978 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 709 نۇمۇر
    قوللاش: 636 نومۇر
    ئالقىش: 844 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :383(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    جىنىم قىرىندىشىم كارتوس سىزنى ۋە پارۇل قادىي جوكىرلارنىڭ چاخچىقىنى يامان  ياكى يوللىمىسۇن دىمىدىم،مەن مۇشىنى يازغۇچە مۇشۇنداق گەپ سۆزنىڭ چىقىشىنى ئويلىغان،بىز نىمە ئۈچۈن كۈلىمىز ،خۇشال بۇلساق ،كۆڭلىمىز كۆتىرىلسە كۈلىمىز ،يۇقۇردا مەن يازغان چاخچاقلاردا سىللەرنى خۇشال قىلغۇدەك مەزمۇن بارمىكەن،ئۇنداق ئۇيى بولمىسا نىمە ئۈچۈن ئاللانى تىلغا ئالىدۇ نىمە ئۈچۈن سىللەر كۈلىسىلەر باشقا گەپ قىلماي ،ئاللاغا جاۋاپ بىرەلىسەڭ قىل.ئىش قىلىپ ھەق سۆزنى يەتكۈزۈپ قويدۇم،
    salkinTV
    | ۋاقتى : 2008-04-18 10:28 7 -قەۋەت
    سالماق
    كۈچلۈك ۋە سالماق بول !!
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : سەلكىنداش

    سالماقنىڭ ئالبۇمى كىرورەن بانكىسى VIP ئالتۇن كارتىسى
    UID نۇمۇرى : 11052
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 985
    ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە985دانە
    شۆھرەت: 2153 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 304 سوم
    تۆھپە: 69 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 426 نۇمۇر
    قوللاش: 98 نومۇر
    ئالقىش: 1604 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :434(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك ياخشى يىزىپسز قولىڭىزغا دەت بەرمىسۈن!!!!!!!!!!!!
    salkinTV
    سىناقتۇر پۇت-قۇلۇمغا ئۈشكەل سالساڭ،    سەنلەرنىڭ ئازاۋىڭ دەۋزەخكە يەتمەس،    چۈشسەممۇ قۇلۇڭغا ناۋادا بىر كۈن،
    قامچىلار ئوينۇتۇپ، ھەيۋىلەر قىلساڭ،    قاراڭغۇ زىندانىڭ ۋەيلۇنغا يەتمەس،            ئارمان يوق قەلبىمدە ئىمانىم پۈتۈن،
    ئىگىلمەس ۋۇجۇدۇم زالىم ئالدىدا،      ھەر قانچە قىينىساڭ سەن ئىنسان مەخلۇق،      ئاتىسەن،چاپىسەن دەۋزەخكە يەتمەس،
    تۈمۈرلەر قىززىتىپ بەدەنگە ياقساڭ.      مەخلۇقنىڭ ئازاۋى خالىققا يەتمەس.              كەلمەكتە ساڭىمۇ زۇلمەتلىك بىر كۈن
    | ۋاقتى : 2008-04-18 10:37 8 -قەۋەت
    ئاناقۇشئۇۋىسى
    sumrug ana uwisida
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالىي ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى

    ئاناقۇشئۇۋىسىنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 10208
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1242
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1242دانە
    شۆھرەت: 2990 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 9542 سوم
    تۆھپە: 221 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1387 نۇمۇر
    قوللاش: 1250 نومۇر
    ئالقىش: 1347 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئۇيغۇر
    توردىكى ۋاقتى :1366(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    سورۇنداشلار ئارىسىدىكى بۇنداق سۈركۈلىشلەرگە قاراپ ئولتۇرۇپ قالىمەن ،خۇددى بۇ سورۇننىڭ قانداقتۇ كۆزگە كۆرۈنمەس مەۋھۇمىيەتتىكى ئاللاكىملەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنىڭ زىتلىقلىرى دۇنيانى ئۆرۈپ -چۆرۈۋىتىدىغاندەكلا..............ئەنسىرەيمەن ،بەزى پىكرى گۈدەكلەرنىڭ بىلىپ-بىلمەي پىكىر تاشلاشلىرى سەۋەپلىك تىمىلارنىڭ ئەسلى مەخسەتلەرگە يات  بولغان سەلبىي ئۈنۈملەرنىڭ ئانىسىغا ئايلىنىپ قېلىشى،ياكى تۇرلۈك ئەبجەش «ئانا»پىكرلەرگە تويۇنغان ساددا خەلقىمىزنىڭ قايمۇققان پىكرىي ئاساسلىرىنىڭ تېخىمۇ چايقىلىپ ،«توغرۇلۇققا»دىئاگۇنۇز قويۇش مۈمكىنچىلىگىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىدىن.... $%TrCdF>  
    لىكىن قارىسام بۇ خىل پىكىرلەر سۇركۈلىشلىرىنىڭ مەلۇم جەھەتتە پايدىلىق ئۈنىمىمۇ يوق ئەمەسكەن،يەنى سەل ئەقەللىي پىكىر قىلالايدىغان كىشىلەر بولسىلا ،ئۈزۈلمىگەن بۇ خىل «زىتلىق»لاردىن تۈتەۋاتقان ،بوغۇنىققان  ...پىكرىي ئېقىنلىرىغا يول تاپالىغۇدەك ئۈنۈمگىمۇ ئىرىشىۋالالايدىكەن،ھىچ بولمىغاندا «زادى قايسىسىنىڭ توغرىدۇ؟»دىگەن قايمۇقۇش ئارىلاشقان ئىزدىنىشى بىلەن بولسىمۇ نۇرغۇن ھوسۇللۇق ئۈنۈملەرگە ئىرىشىپ قالمايدۇ دىگىلىمۇ بولمايدىكەن!ئەڭ ئاددىيسى تاماششا پاراۋانلىقىغا بىرىلگەن ئۇيقۇچان «كەيىپ»مەستانىللىرىنىڭ نادانلىقتا «يىنىك ئەللەيلىنىپ »ئۇخلىغىنىدىنغۇ ياخشىكەن.....(سۇركۈلۈش ئارقىلىق ئوت ياققىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ؟) T<9.9yjl#  
    بۈگۈنكى بۇ پىكىرلىرىڭلارنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ،پىكىرگە قاتناشقان بارلىق تورداشلىرىمنىڭ كۆيۈم ۋە تەنقىدىي ھىسلىرىغا ھەمنەپەس بولدۇم...قەلبىڭلاردىكى توغرۇلۇققا بىرىلگەن بۇ ھەۋىسىڭلارغا قايىل بولماي تۇرالمىدىم!ئىزدىنىشىڭلارغا بەركەت تىلىدىم ،ھەم مەن بۇ پىكرىڭلارغا بولغان ياقتۇرۇشىم بىلەن پىكىر قېتىشنى توغرا تاپتىم. jBE5"iW  
    بۇ تىما ئىگىسىنىڭ پىكىرلىرىگە قارىسام،تورداشلىرىغا كۆيۇنۈش بىلەن ،توغرا دەپ قارىغان بەزى پىكىرلەرنى «نەسىھەتلىك تەكلىپ» سۈپىتىدە تۇتۇپتۇ،مەخسەتلەر ئىتىۋارادا ئەمەللىرىمىزگە بىرىلىدىغان ئەجىر--مەخسەت قىلىنغانغا ئىرىشىش بىلەن قانائەت تاپىدۇ ئەمەسمۇ ؟شۇڭا بۇ توردىشىمىزغا ئەجىرلەر نىسىپ بولغاي............ ElgtD"  
    لىكىن بەزى سۆز ئورانىغا دىققەت قىلسام ،......(ھەممەيلەن تەڭ كۆرەيلى..) E(g{z  
    6o Lyo  
    «بەزىلەر ھازىر يۈز بىرىۋاتقان مۆجىزىلەرنى يات دىندىكىلەرنىڭ قىلىتىقى ياكى ئويدۇرۇپ چىقارغان كومپيوتۇر ئۇيۇنلىرى،،بىزنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ دەپ چۈشىنىۋالغان ئوخشايدۇ،بۇ مومكىنمۇ؟.......» ccrFf}Op  
    سىزنىڭچە  مۈمكىن ئەمەسمۇ؟؟...... gN_9bEs#  
    توغرا ،پۇتكۈل مەخلۇقاتلار ئىگىسى بولمىش ئاللا تائالا بۇنچىلىك مۆجىزىلەرنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىز ئەمەس،بىزنى ئەرزىمەس ئابى مەنىدىن پەيدا قىلىپ ،ئانا قورسىقىدا پەيدىن -پەي يىتىلدۈرۈپ ،تۇرلۈك شەكىللەرگە كىرگۈزۈپ،خاراكتىر ۋە خۇلۇقلارنى ئۆزىمىزگە لايىق رەۋىشتە تەقسىم قىلغان بۇ زاتنىڭ قادىرلىق سۈپىتىنى تەستىقلۇغىچىلارمىز،ئاددىيسى ئىنسانغا چۇشۈرگەن ئىلاھى كىتاپ بولغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۆزىمۇ «مۆجىزە» سۈپىتىدە جۇلالىنىپ نۇرغۇنلىغان ئىلىم ئىگىللىرىنىڭ قايىللىقى بىلەن سۆيۈشىگە ۋە تەستىقلىشىغا مۇياسسەر بولۇۋاتمامدۇ--بۈگۈنكى كۈندىمۇ؟............(بۇ ھەقتە سىلەرگە مۇنۇ تور ئادرىسىنى قالدۇراي،بۇنىڭدىمۇ نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىرىشەلەيسىلەر  ) eW({?a!  
    XCh"fH  
    ./read.php?tid-19747-keyword-.html .3hKE1lq  
    "% NUgw  
    ./read.php?tid-19904-keyword-.html pz{>m{k  
    t4 +A  
    ئەمدى مەخسەتكە كەلسەك،سىز دىگەن بۇ مۆجىزىلەرگە قاراپ ،بىز ئەلۋەتتە شاتلىنىمىز،لىكىن بۇ خىل مۆجىزىلەرنى قەستەن پەيدا قىلغۇچىلارنى يوق دىيەلەمدۇق؟؟ئىسلامغا قارشى پىكىر توپلىغۇچىلار دۇنيادا بولىدىكەن ،بۇنداق «مۆجىزىلەر»نىڭ قەستەن پەيدا قىلىنماسلىقىغا ھىچ كىممۇ ھۆددە قىلالمايدۇ -ئەلۋەتتە.... a}y:5Q  
    دىمەكچى بولغىنىم بىزنىڭ ئىتىقادى ئاساسىمىز ،مۇشۇنداق «مۆجىزىلەر»تەسىرىگە تەسىرچان بولمىسۇن،(بۇ دىگىنىم مۆجىزىگە ئىشەنمەڭلار دىگىنىم ئەمەس ،بەلكى بۇنداق مۆجىزىلەرنى كۆرگىنىڭلاردا «ھىكمەتلەر سىرلىرى ئىگىسىگە مەلۇملۇق»دىيەلىگۈدەك پۇختا ئىتىقادى ئاساسىڭلار بولسۇن دىگىنىم ،ئىشەنچكە «قۇرئان كەرىم »نىڭ مۆجىزە ئكەنلىگىنىڭ ئۆزى يىتەرلىك ئاساس بولالايدۇ ) بولمىسا بەزى مۆجىزە ساختىلىغىنىڭ ئاشكارىلىنىشى ،ۋە ياكى باشقا باتىل دىنلار بايانلىرىنى ئىسپاتلىغۇدەك يېڭى مۆجىزىلەرنى كۆرگەن پەيتلىرىمىزدە ،مۆجىزىلەر سىنىغىدىن ئۆتەلمەي قېلىپ ،زىرىكىش،ياكى تىنەش كىلىپ چىقىپ ئاسانلا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قېلىشىمىز مۈمكىن.....ئاساس پۇختا بولىدىكەن ،بىنامۇ پۇختا بولىدۇ ئەلۋەتتە........دەججالمۇ مۆجىزە بىلەن كىلىپ،نۇرغۇنلىغان ئاساسى ئاجىز ئىنسانلارنى ئازدۇرالايدىكەن ئەمەسمۇ؟ بىلسەك مەخسەتلىرىمىز بىرلا ،بىز ئازماسلىققا مۇھتاجمىز!!....... =+&l5V  
    بەلكىم  بەزىدە مەخسەت ئۇختۇرۇشتىكى ئالدىراڭغۇلىق سەۋەبىدىن ،ئويلانمايلا  ئوتتۇرغا قويۇلۇپ قالىدىغان پىكىرلەر(توغرا بولسىمۇ)نۇرغۇن خاتا قاراشلارغا «ئۈندۈرمە» بولۇپ قېلىپ،ئادەمنى بىئارام قىلىدىكەن ،بۇنىڭغا «يېڭىدىن بايقالغان مۆجىزە»تىمىسىدىكى «ئالتۇن 1984520»نىڭ ئىنكاسىنىڭ قوزغىغان غول-غولىسى مىسال بولالايدۇ،بۇ تىرىشچان توردېشىمىزمۇ ئۆز مەخسىدىنىڭ بۇ تالاش -تارتىشلارغا ئوت يېقىپ قويىدىغانلىغىنى ئويلىمىغان بولغىيتى بەلكىم،دىسەم -دىمىسەم  ئۇمۇ كۆپ تەجرىبىگە ئىگە بولدى بۇنىڭدىن.(بۇ خىل يىتەرسىزلىكتىن مەنمۇ خالى ئەمەس،گەپنى ئەگىتىپ قىلىدىغان مىجەزىمنى ئۆزگەرتسەم بولاتتى،سۆزلەر ھەممە ئادەم چۈشۈنەلىگۈدەك ئوتتۇرغا قويۇلسا ياخشىكەن ). (l60XZ&'M  
    nyq')PqC  
    ئەمدى «كارتوس»ئىسىملىك تورداشنىڭ ئىنكاسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقاي: 0fT)2xh{  
    Y|%nWkH12  
    كارتوس،سىزگە بولغان دەسلەپكى قارىشىمنى تۆۋەندىكى «ئىمزايىڭىز»نامىدىكى قاراتمىلىققا ئىگە قاراشلىرىڭىزغا قاراپ بىكىتكەنمەن،خۇددى ئۇ قاراشلارنى سىز ئەمەس مەن دەۋاتقاندەكلا...بوغۇزۇم ئېچىشىپ ،كۆزۈمگە ياش تىقىلغان ....قاراپ باقايلى بۇ يازمىغا : }!5 
    «بىر پاقىنى قايناق سۇغا سالساق ئۇ دەرھال سەكرەپ چىقىپ كېتىدۇ،ئەگەر ئۇنى سوغۇق سۇغا سېلىپ ئاندىن سۇنى ئاستا-ئاستا قىزدۇرساق بىچارە پاقا ئۆزىنىڭ قانداق ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەي قالىدۇ.....جەينىمازدا سەجدىگە باردىم،«سۇبھانىكە رەببىل ئەئلا»نى دەپ بولغاندىن كىيىن ئاللاھدىن تىلىدىم ....ئېھ ئاللاھىم، شۇ بىچارە پاقا بولۇپ قالمىسام،بولۇپ قالمىسام....بولۇپ قالمىسام..... » P;~F#8J  
    eP"]zhUW  
    نۇرغۇنلىرىمىز  سىزدەك شۇنداق ئويلاردا بولساق كىرەك ،مۇشۇنداق گۈزەل شەكىلدە ئىپادە قىلىنغان «مەخسەت»كە يىغا بىلەن بوغۇلۇپ  تۇرۇپ «شۇنداق بولغاي»دىيەلىگەنمەن ....... =_}H#|s7  
    بۈگۈنكى بۇ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۇپمۇ،ئەستايىدىللىقىڭىزغا،ئويلىغانلىرىڭىزنى شۇنچىلىك بولسىمۇ ئىرىنمەي ئوتتۇرغا قويغۇنىڭىزغا ئاپىرىن ئېيتتىم....لىكىن ،پىكىرلىرىڭىزدىكى نوقتۇلۇق تەرەپلەردىن بىر قانچە سۇئال سوراشنى توغرا تاپتىم(بىزگە جاۋاپ بىرىشىڭىز ھاجەتسىز،تىرىشچانلىقىڭىزغا قايىل بولغاچقا ئىزدىنىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن): Ui]h"]t*  
    gDyIb  
    «ئۆزىمىزنىڭ ھەر كۈنلۈك ئىبادىتىمىزنى قىلىپ،ساۋابلىق ئىشلارنى قىلساق بولىدۇ دە» !3 n\gR1).  
    -YGpwm*  
    سىز دەۋاتقان «ساۋاپلىق »ئىش-باشقىلارنى ئوتتىن قۇتقۇزۇشنى ،ھەقنى يەتكۈزۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟... @'~3J;`i-Y  
    sTK"{O  
    «ئەگەر سىز ساۋابلىق ئىش قىلغۇڭىز يوق تۇرۇپمۇ ساقال ۋە سەللىگە،كىيىملىرىڭىزگە يۈز كېلەلمەسلىكتىن قورقۇپ خالىمىسىڭىزمۇ قىلسىڭىز،ئۇ خىل ساۋاب نى قۇبۇل قىلىش قىلماسلىقنى پەقەت ئاللالا بىلىدۇ.....ئەگەر بىر كىشى ياخشى ئىش قىلىپ ئۇنى ئاللادىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى شۇنداق قىلىش توغرا ياكى ئورۇنلۇق دىگەنلىكى ئۈچۈن بولسا ئۇنىڭغا ساۋاب كېلەمۇ كەلمەمدۇ » 0&H;63%  
    T,D% >=Z{  
    بۇ سۇئاللىرىڭىزدا تىلغا ئېلىنىۋاتقىنى ئەمەللەردىكى مەخسەت -مۇددىئا بولسا،ھەر كىم مەخسىدىگە يەتكۈچىدۇر،بۇنى تىلغا ئېلىشتىكى مەخسىدىڭىزنى تىمىغا باغلاپ باقتىم،چۈشەنمىدىم،ئۆزىڭىز چۈشەندىڭىزمۇ؟(سۆز ئورانىمنى خاتا چۈشەنمەڭ) o%H:<yv  
    sr(LU. <  
    L {hAIo  
    «......بولمايدۇ،ئۇلارنىڭ يازغانلىرىنى بىز يازالمايمىز،شۇ ......» E<vB'oQ7  
    vmJ\&ES#  
    شۇنداق بىز يازالمايمىز،لىكىن يازالمىغانلىغىمىز ئۈچۈنلا،«توغرا»دەپ قارىساق بولامدۇ؟ m3sM8DqWYd  
    !QRb5h  
    !_AI&  
    «ھېلىمۇ پۇل تېپىش ،بىلىم ئېلىش، پەن تېخنىكا ئىگىلەش،.....خاسلىقنى ساقلاش،...يەنە نۇرغۇن بېسىم بىلەن ياشاۋاتقاندا شۇنداق قىززىقچىلىقلار بولسا  ياخشى ئەمەسمۇ؟؟ » !P3QBW.=  
    I>Gzr)Uox  
    بۇ تىما بۇنداق قىززىقچىلارنىڭ بولىشىنى رەت قىلىۋاتامدۇ،ياكى«ئاۋۇنىڭدەك قىلسىڭىز ئەجىر ئالىسىز!»دەۋاتامدۇ؟ [6>{NloF  
    ]4_aPD_  
    «مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قىرلىق ئىستاكان» دىگەن ھىكايىسىنى كىنو قىلىپ ئىشلىدى،ئەسلى يازغۇچى 90-يىللاردا ئەدەپ كەتكەن مىللىي خاسلىقىنى يوقاتقان ئۇسسۇلنى، شېئىرىيەتتىكى گۇڭگالىقنى،يەنە ئىچىملىككە ئۆزىنى ئۇرىدىغانلارنى مەسخىرە قىلىش ۋە قامچىلاش ئۈچۈن يازغان لېكىن ئۇ ئىشلىنىپ چىققاندىن كىيىن ھاراق ئىچىدىغانلار قىرلىق ئىستاكان دا ئىچىش مودا بولۇپ كەتكەن.....ئۇسسۇل،يەنە«ئابدۇل تېرە »نىڭ شېئىرلىرى  مۇ ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىغان» f"l](0~fW  
    k i2kYV)  
    مۇشۇ خىل قارشىلىققا ئۇچرىماي ،ئەكسىنچە،قۇبۇل قىلىپ كىتىشلەر.......بىزگە نىمىنى چۈشەندەرىدۇ؟ ]0B,ewTM`H  
    R<^s (f)Uc  
    .«.....تۈز گەپ يۈرەكنى بەك ئاغرىتىدۇ.... » pg=SH=  
    CEB8F  
    توغرا،تۈز گەپ يۈرەكنى ئاغرىتىدۇ،شۇڭا بىز ئىزدىنىپ يۈرەكنى ئاغرىتمايدىغان،ھەم توغرا بولغان ئۇسۇلنى تاپالماسمىزمۇ؟ W.Pq@I{J$  
    0!pQ_n@kd  
    «ھەممە ئىشنى يولىدا ئويلايلى.  گەپنىڭ مەيدانى ئوخشاش ئەمەس. » Hu iI6dQ  
    '".7Hqcm  
    يولىدا ئويلىيالايسىز،چوقۇم،شۇڭا بىزنى خاتىرجەم قىلىدىغان ئەڭ توغرا يولنى ئىزدەپ باقمامدۇق! :`MYgr4<  
    (چۈنكى بىزنىڭ ھېلىقى پاقىدەك قىسمەتكە قالغۇمىز يوق ئەمەسمۇ؟) :tOsB0f3Q  
    W QS(u9N  
    >JW;H2TQ  
    ئاخىرىدا سەلكىنلىكلەرگە ئېيتىدىغىنىم،بىز سەلكىنگە ئامراق،سەلكىنلىكلەرگىمۇ --ھەم!
    [ بۇ يازما ئاناقۇشئۇۋىسى تەرپىدىن 2008-04-18 12:32 د ]
    salkinTV
    ئويلايدىغىنىم -------ھەر-بىر نەپەس ئۈچۈن سوراق بىرىمىز!!
    | ۋاقتى : 2008-04-18 11:41 9 -قەۋەت
    قۇندۇز
    دەرىجىسى : سەلكىنداش

    قۇندۇزنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 10487
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 765
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە765دانە
    شۆھرەت: 636 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 3865 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 831 نۇمۇر
    قوللاش: 794 نومۇر
    ئالقىش: 878 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :522(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-24
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەھمەت سىزگە پارتىيە مۇشۇنداق تىمىلىرىڭىز بولسا بىزدىن ئايىمىغايسىز ، بەك ياخشى يېزىپسىز .ھەممە نەرسە ئۆزنىڭ ھىساۋىدا بولغىنى ياخشى .. . . . . . . . . . .
    salkinTV
    ئاللاھ گۈۋاھ!!!!!!!!!
    | ۋاقتى : 2008-04-18 11:57 10 -قەۋەت
    پارتىيە
    دەرىجىسى : سەلكىنداش

    پارتىيەنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 8265
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 585
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە585دانە
    شۆھرەت: 874 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 3978 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 709 نۇمۇر
    قوللاش: 636 نومۇر
    ئالقىش: 844 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :383(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئانا قۇشئۇۋىسى قىرىندىشىم يۇقۇردا مەن دەپ ئۆتتۈم،ئويدۇرما بولسا نىمەبوپتۇ ئۇ باشقا دىننىڭ مۆجىزىسى ئەمەس بەلكى ئىسلام دىننىڭ مۆجىزىسى ھەر قانداق نەرسىگە قارۇغۇلارچە ئىشىنىشكە بولمايدۇ بۇنى بۈلىمەن،لىكىن ھازىرقىسى ئوخشىمايدۇ،سىز دەپسىز راستىنلا ئويدۇرما بوپ قالسىچۇ ،ئۇنىڭغا ھەرقاندىغىمىز بىر نەرسە دىيەلمەيمىز پەقەت ئاللاھنىڭ شۇنداق مۆجىزىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز،شۇڭلاشقا منىڭ دىگىنىم،ئىشەنسەك نىمە بوپتۇ ئىشەنگىنىمىز توغرا دەپ قارايمەن ئىشىنىشىمىز بىزنى خاتا يولغا باشلىمايدۇ بەلكى تىخمۇ دىنىمىزنى چىڭىتىشقا پايدىلىق بىراق ھەر قانداق نەرسىگە بۇنداق مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ،بۇلۇپمۇ دىننىي مەسىلىگە كەلگەندە بىزگە زىيان يەنى دىنىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان مەسىلە بوپ قالسا بۇنىڭغا ھۇشىيار تۇرمىساق بولمايدۇ لىكىن سىزنىڭ كۆڭلىڭىز نى چۈشەندىم،مەن ھەر جەھەتتىن ئويلۇنۇپ يازدىم،لىكىن شۇ نەرسە ئىنىق بولسۇنكى يازمامدا ھىچقانداق نەرسىگە ھۈكۈم قىلمىدىم ھەم جەڭ مەيدانىغا ئايلاندۇرۇش مەخسىتىممۇ يوق پەقەت مۇنبەرداشلارنىڭ ھەقنى بۈلىۋىلىشى ئۈچۈن ئازىراق كۈچەپ قويدۇم،سىزمۇ شۇنداق ياخشى پىكىر بەردىڭىز سىزگىمۇ رەھمەت مەن ھەرگىزممۇ سىزنىڭ پىكىرىڭىزگە قارىشى ئەمەسمەن ،سىز دىگەن بىر ئەقىل ئىگىسى چۇقۇم توغرىسىنى تاللىيالايسىز ،مۇنازىرە دىگەن مۇشۇنداق بۇلىدۇ،ئاخىردا توغرا بولغىنى تاللانىدۇ،لىكىن شۇنى ئىنىق بۈلىۋىلىڭ بۇتىما ھەرگىزمۇ دىننىي مۇتەھىسسىپلىك بىلەن يىزىلمىغان،
    salkinTV
    | ۋاقتى : 2008-04-18 12:20 11 -قەۋەت
    پارتىيە
    دەرىجىسى : سەلكىنداش

    پارتىيەنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 8265
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 585
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە585دانە
    شۆھرەت: 874 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 3978 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 709 نۇمۇر
    قوللاش: 636 نومۇر
    ئالقىش: 844 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :383(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ماقالىدابىر جۈملەقاپتۇ ئەسلى تىكىسىدە بارتى ئاخشام يازماپتىمەن ،(بۇ مومكىنمۇ ،مۇمكىن ئەمەسمۇ دەيلى شۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ ،ئىشەنسەك بولمامدۇ) مۇشۇنى قىتىۋەتكەن بولسام يۇقۇرقىدەك گەپ سۆز بولمايتى
    salkinTV
    | ۋاقتى : 2008-04-18 12:42 12 -قەۋەت
    ئاي-خېنىم
    دەرىجىسى : سەلكىنداش

    ئاي-خېنىمنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 4399
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 644
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە644دانە
    شۆھرەت: 887 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 4649 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 752 نۇمۇر
    قوللاش: 671 نومۇر
    ئالقىش: 714 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :240(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-24
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ تىمىغا ئەرزىگۈدەك ياخشى بىر پىكىر يېزىش قولۇمدىن كەلمىگىدەك..بىلىم سەۋىيەم نىمىدىگەن چەكلىىك-ھە؟! ئىشقىلىپ مەن جىق نەرسىنى بىلىپ كەتمىسەممۇ..مۇشۇ تىمىغا مۇناسىۋەتلىىك بىر ئىغىز گەپ قىلسام:« ئارتۇق كۈلكە. ھەزىل ،،مۇ ئانچە ياخشى ئەمەس»؛
    salkinTV
    ay
    | ۋاقتى : 2008-04-18 13:27 13 -قەۋەت
    زەينەپ
    كۈلۈپ ياشايمەن
    يازما يوللاش ئۇستىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : سەلكىنداش

    زەينەپنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 2065
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1155
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1155دانە
    شۆھرەت: 1154 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 8344 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1289 نۇمۇر
    قوللاش: 1214 نومۇر
    ئالقىش: 1380 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: كۈلكە
    توردىكى ۋاقتى :676(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك ياخشى يىزىپسىز  ،،،ھەممىدىن ھەق  گەپ  ئۈستۈن  ،....... "ROA  
    -R8DN!)  
     
    salkinTV
    كۈلۈپ ياشايمەن
    | ۋاقتى : 2008-04-18 13:41 14 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 234» Pages: ( 1/4 total )
    سەلكىن تورى » گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردىن تەرمىلەر
    

    سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

         سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

    سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
    مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-8553838، 13609981040

    Time now is:06-26 18:31, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation