« 1 2345» Pages: ( 1/7 total )
بۇ بەتتىكى تېما: قوش تىللىق مائارىپنىڭ راسلا پايدىسى يوقمۇ ؟ ! IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 4745 قېتىم كۆرۈلدى
چوپان
ئالىي ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

چوپاننىڭ ئالبۇمى
UID نۇمۇرى : 2055
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 636
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە636دانە
شۆھرەت: 523 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 4185 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 771 نۇمۇر
قوللاش: 651 نومۇر
ئالقىش: 362 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :111(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-23
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 قوش تىللىق مائارىپنىڭ راسلا پايدىسى يوقمۇ ؟ !

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئۈمىد. تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-04-14)


  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى سەلكىن ! تىنىچ ئامان تۇرىشاملا ؟ خىزمەت ، ئوقۇش ئالدىراشلىقى سەۋەبلىك ئۇزۇن بوپتۇ مۇنبەر ئارقىلىق دىدار مۇلاقەتتە بولالماپتۇق .... بولدىلا قۇرۇق گەپنى قويۇپ نەق گەپكە كىلەيلى . مەن مۇنبەرگە كۈندە كىرىپ خەنزۇچە خەتتەك پۇتلىشىپ يۈرگەن كۈنلەردە
مۇنبەردە مىللى تىل - يىزىق توغىرلىق گەپ - سۆزلەر خىلى كۆپ بولغان . شۇ چاغدا مۇشۇ توغىرلىق بىر ماقالە يىزىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن بولساممۇ ۋاقىت ئاجىرتالمىغان ئىدىم . مانا ئەمدى ئازراق ۋاقتىم چىقىپتىكەن . ئويلىغانلىرىمنى بىر سۆزلەپ باقاي . خاتا يەرلىرى بولسا بىرلىكتە توغىرلارمىز .

خوش ! قوش تىللىق  مائارىپ توغىرلىق مۇنبەردە خىلى كۆپ قايناشلار بولدى . يۈزدە توقسان پىرسەنت ئادەم  زارلاپ قاقشىدىكى ، بىر ئادەم پايدىسى توغىرلىق ئىككى ئىغىز گەپ قىلمىدى .
( بۇنداق دىسەم مىنى جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيسىنىڭ ئادىمىمىكىن دەپ قالماڭلار . مەن تىخى
ئۇنداق شەرەپكە نائىل بولمىدىم ) ئۇيغۇر تىلىمىز ئۈچۈن ،مىللەتنىڭ تىل ساپلىقى ئۈچۈن چوقۇم قوش تىللىق مائارىپقا ، خەنزۇ تىلى ئۈگىنىشكە قارشى چىقىش كىرەكمۇ ؟! ئۇنىڭسىزمۇ بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ ساپلىقى قوغدىلىپ قالغانمۇ ؟ قانچىلىك ؟ شۇ قاقشىغانلارنىڭ قايسىسى تۇرمۇشتا بىر ئىغىزمۇ خەنزۇ تىلىدىن ياكى باشقا تىلدىن ئىقىپ كىرگەن سۆزنى ئىشلەتمەي سۆزلەيمەن دەپ مەيدىسىگە مۇشلاپ چىقالايدۇ ؟ ! ........... سۆز لەپ كەلسەك بۇنداق سوئاللار ساماندەك .
بۇنداق دىسەم مىنى سنكۇخەنمىكىن دەپ قالماڭلار ( دەپ قالساڭلارمۇ ئۆزەڭلىنىڭ ئىشى ) مەنمۇ بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن مىللى تىل - يىزىقىمنى قۇلاقتىن تۇتۇپ سۆيگۈچى . مەنمۇ ئۆز يىزىقىمنىڭ ئىنگىلىس تىلىدەك ياكى خەنزۇ تىلىدەك دۇنياۋى تىللار قاتارىدىن ئورۇن ئىلىشىنى ،
باشقا مىللەت خەلىقىنىڭ مىنىڭ تىل - يىزىقىمنى مەجبۇرى ياكى ئىىختىيارى ئۈگنىشىنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلىمەن . لىكىن شۇنداق قىلىش ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن قانداق قىلىشىمىز كىرەك ؟ بىزمۇ شۇ مىللىەت خەلىقىگە ئوخشاش ئۆزىمىزنى تەرەققى قىلدۇرىشىمىز كىرەك . ئۆزىمىزنى سەنئەت ئارقىلىق تەرەققى قىلدۇرامدۇق ؟ بۇنىڭ بىر ئەخمىقانە خىيال ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە تاۋاقتىكى ئاشتەك ئايان . ئۆزىمىزنى پەن - تىخىنىكا ئارقىلىق تەرەققى قىلدۇرماقچى بولدۇق . بۇنىڭ ئۈچۈن بىز چوقۇم ئۈگنىشىمىزگە، ماتىريال كۆرۈشىمىزگە توغرا كىلىدۇ . خـــــــوش ! قىنى سىز كۆرمەكچى بولغان كەسپى ئۇيغۇرچە ماتىرىيال ؟  كىتابخانىغا كىرىڭ . ئۇيغۇرچە كىتابلار قانچىلىك ئورۇننى
ئىگەللەپ تۇرۇپتۇ ، خەنزۇچە ماتىرىيالچۇ ؟ بولۇپمۇ تەبئىي پەنگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال تاپالامسىز ؟ تاپالىسىڭىزمۇ ئىنتايىن يۈزەكى يىزىلغانلىرنى تاپالايسىز . تەتقىقات خارەكتىرىدىكى ماتىياللار بارمۇ ؟ يوق ! ئەمدى سىزنىڭ ئىھتىياجىڭىز قايسى تىلدىكى ماتىرىياللارغا چۈشتى ؟
شۇ باشقا تىلدىكى ماتىرىياللارنى كۆرۈۋاتقان ۋاقتىڭىزدا بىر خەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمەي لۇغەت ئاختۇرىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ، كاللىڭىزغا  قوش تىللىق مائارىپنىڭ پايدىلىق تەرىپى كەلدىمۇ ياكى
قانداق تەرىپى كەلدى ؟ ئالىي مەكتەپتە 5 يىل ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىزدەۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ، سىزدىن بىر يىل بۇرۇن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئاللىقاچان مۇقىم خىزمەتنىڭ پىشىنى تۇتۇپ بولغان ، سىز داۋاملىق توردا مىللەتنىڭ خائىنى دەپ تىللايدىغان مىنكاۋخەن ساۋاقداشلىرىڭىزنى
كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا ، ياكى ئۆزىڭىز بىلەن  تەڭتۇش خەنزۇ ساۋاقداشلارنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا كاللىڭىزغا قانداق خىيال كەلدى ؟ خىزمەت ئىزدەپ بارغان ئورۇنلاردىكى << خەنزۇچە بىلىدىغانلار ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ >> دىگەن شەرتنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا قانداق خىيالدا بولدىڭىز ؟ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تىجارەت بىلەن كىرىپ  تىل بىلمەسلىك سەۋەبىدىن بەزى نائەھلى قويمىچىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتكەن ۋاقتىڭىزدا قانداق ھىسياتتا بولدىڭىز ؟ ئىش بىجىرىش ئۈچۈن مەمۇرى ئورۇنلارغا كىرگەن ۋاقتىڭىزدا ئۇيغۇر خادىم ئىزدەپ ئاۋارە بولغان ۋاقتىڭىزدىچۇ ؟......................
  كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ شۇنداق كۈنگە قىلىشىنى خالامسىز ؟ ئەلۋەتتە خالىمايسىز . شۇ كۈنگە قالغان سىز بىلەن بىز  نەخ شۇ قوش تىللىق مائارىپتىن بەھرىمان بولالمىغانلار .
  ئەتراپىمىزغا قارايلى ! ئۇتۇق قازانغانلارنىڭ ئىچىدە بىر ئۇيغۇر تىلىنى بىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغانلار بارمۇ ؟ ئۆتمۈشىمىزگە قارايلى ! تارىختا نامى قالغان ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ ئىچىدە بىرخىللا تىلنى بىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالغانلار بارمۇ ؟
  ئەمدى قوش تىللىق مائارىپنىڭ مىللى  تىل - تىل يىزىقىمىزغا بولغان تەسىرىگە كەلسەك ، سىز ئۇنىڭ يوقىلىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيسىز شۇنداقمۇ ؟ ئۇنداقتا سىز بالىڭىزغا ئۆزىڭىز ئۈگەتسىڭىز بولامدۇ بولمامدۇ ؟ئائىلىدىكى تۈزۈمنى سەل چىڭراق قىلىشقا قۇربىتىڭىز يىتەمدۇ يەتمەمدۇ ؟
بالىڭىزغا مىللىيچە تىل - يىزىقنى ئۈگەتكەندىن باشقا مىللىيچە روھ ، مىللىيچە ئىتقاد ئۈگىتىشكە
بىلىم - سەۋىيىڭىز ، ۋاقتىڭىز يىتەمدۇ - يەتمەمدۇ ؟
شۇ خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۈگىنىپ ،( ئۆزىڭىزنىڭ تىلىنىمۇ ھەم شۇ ) كەسپىڭىزگە
ئائىت ماتىرياللارنى تەرجىمە قىلسىڭىز  ، بۇ سىزنىڭ مىللى  تىل - يىزىقنى قوغداپ قىلىشتىكى تۆھپڭىز ئەمەسمۇ ؟ تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەسپى ئاتالغۇلارغا يىتىشمەيۋاتقانلىقىنى بايقايسىز . شۇ چاغدا سىزگە ئۇيغۇرچە ئەدەبىي ماتىرىياللارنى ، كىلاسلىك ئەسەرلەرنى كۆرۈش ئىھتىياجى تۇغۇلىدۇ . سىز  بۇ ئىھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ماتىرىيال كۆرۈۋاتقان ۋاقتىڭىزدا نەزەر دائىرىڭىزنىڭ بارغانسىرى كىڭىيىپ ، تەپەككۇرىڭىزنىڭ چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقنى ھىس قىلىسىز .  چۈنكى سىزنىڭ  ئۆز مىللىتىڭىزچە تەپەككۇر قىلىشىڭىز چوڭقۇرلاشقاندىن باشقا ، ئۆگىنىۋاتقان تىلىڭىزنى ئىشلىتىدىغان مىللەتنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنىمۇ ئاز - تولا ھىس قىلىسىز .
بۈگۈنى ئاددىيراقىنى تەرجىمە قىلىڭ ، ئەتىسى سەل چوڭقۇرلىغان ئاساستىكىنى تەرجىمە قىلىڭ .
سىز بىر نى قىلىڭ مەن بىر نى قىلاي . شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ماتىرىياللىرىمىز كۆپەيسۇن . تاما - تاما كۆل تولسۇن . شۇنداق بولغاندا كەلگۈسى ئەۋلادلار باشقا كۆلدىن سۇ  ئەكىلىپ ئىچمەي ، ئۆز كۆلىمىزنىڭ شەربەتتەك سۈيىدىن ئىچىپ بىزدىن پەخىرلەنسۇن ! ئالىي مەكتەپلەردە بىر يىللىق ۋاقتى باشقا كۆلنىڭ سۈينى توشۇش بىلەن ئۆتمىسۇن .  شۇنداق قىلىش ئۈچۈن بىرىنجىدىن كەسىپنى ياخشى ئۈگۈنۈڭ . كەسىپنى ياخشى ئۈگىنىش ئۈچۈن تىلنى ياخشى ئۈگۈنۈڭ ! نىمشىقا شۇنداق قىلمايسىز ؟ ۋاقىت يوقما ؟! بەلكىم ! چۈنكى ۋاقىت ئايىغى تۈگىمەس غەيۋەت ، سەنئەت ، ئىشقى - مۇھەببەت سورۇنلىرىغا يىتىشمەس بولۇپ كەتتى .  قارىغاندا بۇ دىلو مۇرەككەپلىشىپ كىتىدىغاندەك تۇرىدۇ . بەكرەك سۆزلىسەم  تىل ساھەسىدن چاشلاپ چىقىپ ئەخلاق ساھەسىگە كۆچۈپ كىتىدىغاندەك قىىلىمەن . قالغان پىكىرلەرنى ئىنكاس ئارقىلىق ئورتاقلىشارمىز !
مىنىڭ شۇئارىم : سىزگە كەلگەن ھەرقانداق بەخىتسىزلىكنىڭ بىردىنبىر سەۋەبچىسى ئۆزىڭىز !
ھەرقانداق بىر ئىشنى بىر باشقا ئىلىپ چىقماقچى بولىدىكەنسىز ، ئۇيغۇر تىلىمىز يىتىشمەيدۇ !

ھەرقانداق پىكىر بولسا قوبۇل قىلىمەن ! ئىلمىي ، ئەدەپلىك مۇنازىرىگە مەن تەشنا !
باشقۇرغۇچى گىلادىئاتور تېمىنى تەستىقلىدى .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • سەلكىن دوللىرى:+1(خۇشچىراي0903)
  • سەلكىن دوللىرى:+10(ئاق~تاش) gan jing gap
  • سەلكىن دوللىرى:+200(گۈل-چۈشى) apirin
  • ياۋرۇپا لوڭقىسى
    ئۆزەڭ تازلىغان تەرەت تۇڭىدىن بىر ئىستاكان سۇنى ئىلىپ ئىچەلەمسەن ؟ مانا بۇ مەسئۇلىيەت !
    | ۋاقتى : 2008-04-14 03:21 [باش يازما]
    گىلادىئاتور
    جۈيى تور ئىتتىپاقى
    ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى

    گىلادىئاتورنىڭ ئالبۇمى كىرورەن بانكىسى VIP ئالتۇن كارتىسى
    UID نۇمۇرى : 4895
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 974
    ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە974دانە
    شۆھرەت: 3569 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 404332 سوم
    تۆھپە: 58 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1263 نۇمۇر
    قوللاش: 1012 نومۇر
    ئالقىش: 1448 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :234(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    جىنىم ئاداش  باكەنسەن ھە.....
    خىلى بولدى سېنى كۆرمىگىلى
    مەن بۇرۇنقى شىنخۇا ئاگىنتى..
    salkinTV
      سەلكىندىكى غۇلجىلىقلار چ چ توپى:  39516312  قېنى قىتىلىۋىلىڭلار...
    | ۋاقتى : 2008-04-14 09:09 1 -قەۋەت
    رىشتە
    خىياللىرىم مىسالى بىر قۇش.....
    دەرىجىسى : سەلكىنداش

    رىشتەنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 750
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 656
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە656دانە
    شۆھرەت: 656 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 4787 سوم
    تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 755 نۇمۇر
    قوللاش: 691 نومۇر
    ئالقىش: 696 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :405(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى ،مانا چوپان ئۆزى بىلەن تەڭ ياخشى مۇنازىرە تېمىسى ئېلىپ كەپتۇ.
    مىنىڭ پىكىرىم، <ئانا تىلنى بىلمەسلىك نۇمۇس، كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ>، كىڭەيتىپ سۆزلەشكە ۋاقىت يوق. باشقىلارنىڭ پىكىرىگە دىققەت قىلىمەن.
    salkinTV
    گۈزەللىككە ئىنتىلىشنىڭ ئۆزى بىر خىل گۈزەللىك، ئەمما گۈزەللىككە ئېرىشىشنى قوغلىشىش كىشىنى ئاچكۆز، تاماخورلۇققا باشلايدۇ. گۈزەللىكنى ھىس قىلىش بىر خىل ئىسىللىق،ھالبۇكى گۈزەللىكنى قارىغولارچە قوغلىشىش بىر خىل روھىي ئازاپ ۋە زىيان - زەخمەت....
    | ۋاقتى : 2008-04-14 09:24 2 -قەۋەت
    زارىنا
    دەرىجىسى : *

    زارىنانىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى :
    نادىر تېما : *
    يازما سانى : *
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە*دانە
    شۆھرەت: * كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: * سوم
    تۆھپە: * ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:*
    ئاخىرقى كىرگىنى:*
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەسلىدە بىز قوش تىل مائارىپىنى يەنى باشقا تىلنى ئالدىمىزغا سېلىپ ئۈگىنىشىمىز كېرەك ئىدى ،لېكىن ۋەزىيەت ئۇنداق بولماي قالدى ، قوش تىل مائارىپى بىزنى ئالدىغا سېلىۋالدى ، ئۈمۈتسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى ، ئاتا ئانىلار بالىلىرىمىزغا كۆپرەك ۋاقتىمىزنى ئاجراتساقلا ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە  كۆپرەك كۈڭۈل بۆلسەك ھەممە دەرسنى ئۇيغۇرچىدا ئۇقۇغاندەك تولىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن!
    يۈكنى بىر مەكتەپكىلا ئارتىپ قويساق بولمايدۇ ، قوش تىللىق مائارىپ دەپ قاقشىغان بىلەن مەركەزنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ بولالمايمىز ،شۇڭا بالىلىرىمىز ياخشى ئۇقىسا ھەممىمىز خوش بولىمىز شۇڭا  ئائىلىدىكى تەربىيەنى كۈچەيتسەك ، بالىلىرىمىز كىتاپ كۆرسە بىزمۇ تەڭ كۈرۈپ بالىلىرىمىزغا يىتەكچىلىك قىلساق بولىدۇ .
    تەجىربىدىن ئۆتكەن بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي ، چوڭ ئاكامنىڭ ئوغلى  يەنى مېنىڭ چوڭ جىيەنىم قوش تىللىق مائارىپتا  بىلىم ئېلىۋاتىدۇ ، ئەلۋەتتە يەڭگەممۇ تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا خىزمەتكە چىققان مەدەنىيەت سەۋيىسىمۇ ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس لېكىن يەڭگەم بىلەن ئاكام ئىككىسى ھېچقاچان جىيەنىمنىڭ سوئاللىرىنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ باققان ئەمەس ، كۈچى يەتمىسە يەڭگەم ئاچاملاردىن سوراپ بولسىمۇ چۈشەندۈرىدۇ، تەتىللەردە بارساق بىزمۇ يىتەكچىلىك قىلىمىز ئۈگىنىشىگە . ئۇيغۇرچە خەتلىرىمۇ چىرايلىق ، پات پات ئۆزى يىغقان پارچە پۇللىرىغا كىتاپخانىدىن ئۇيغۇرچە چۆچەك كىتاپلارنى ئېپ ئۇقۇيدىكەن ، ئۆتكەن يىلى  تەتىلدە  قۇرئان ساۋادىنىمۇ چىقىرىپ بولدى ، بۇ يىل تەتىلدە  بارسام يېرىم كۈن قۇرئان ئۇقىسا يېرىم كۈن خەنزۇچە ئۈگىنىپ ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشىنى قىلىدىكەن ، ئىشقىلىپ يەڭگەمنىڭ تىرىشقانلىرمۇ يەردە قالماس دەيمەن . سىياسەتنى ئۆزگەرتىپ بولالمايمىز ، شۇڭا كاللىنى ئىشلىتىپ پۇت قولنى ھەركەتكە كەلتۈرۈپ ئۆزىمىزنى قۇتقۇزمىساق بولمايدۇ !
    يەڭگەم ئاكاملار جەمىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمى يەنى دېھقانلار سېپىدىن ، شۇلار باللىرىنى گۈلدەك ئۇقۇتىۋاتىدۇ زارلانماي ، باشقا ساھەدىكىلەر قاقشىسا ھەقىقەتەن ھۇرۇن ئەبگا ئاتا ئانىكەن دەپ بىلدىم!
    گېپىم تۈگىدى ، كۈڭۈل قۇيۇپ ئۇقىغىنىڭلارغا رەھمەت !!    
    salkinTV
    湖南省长沙市 | ۋاقتى : 2008-04-14 09:45 3 -قەۋەت
    مەۋلانوف
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز

    مەۋلانوفنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 8648
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 32
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە32دانە
    شۆھرەت: 32 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 247 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 31 نۇمۇر
    قوللاش: 31 نومۇر
    ئالقىش: 31 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :68(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-19
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئوتتۇرغا قويغان پىكرىڭىز توغرا.رەھمەت سىزگە!!!
    bugra
    سىقىلغان يۇرەك كېڭەش ئېلاجى قىلالمىسا ، ئچكى دۇنياسىنى قىزىشقا باشلايدۇ.
    | ۋاقتى : 2008-04-14 09:53 4 -قەۋەت
    irpan0998
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز

    irpan0998نىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 11208
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
    شۆھرەت: 3 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 115 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
    قوللاش: 3 نومۇر
    ئالقىش: 3 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :15(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-25
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن بۇ كۆز قاراشنى قوللايمەن، كوپ تىللىق بۇلۇشنىڭ پايدىسىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ دەپ قارايمەن، تار مىللەتچىلىك كۆز قارىشى بىلەن سۆزلەيدىغانلارغا بىر جۈملە سۆزۈم بار ، بىزنىڭ تارىختىكى پەخىرلىنىدىغان بۈيۈك ئالىملىرىمىز مەخمۇد قەشقىرى، يۈسۈپخاس ھاجىپلارنىڭ بىزگەقالدۇرغان جاھاندا تېپىلغۇسىز مىراسلىرىنى قايسى تىللاردا يازغانلىغىنى بولسا بىر كۆرۈپ قويۇڭ، بىلمىسىڭىز بىلىدىغانلاردىن سۇراپ بېقىڭ، ئەلۋەتتە ئانا تىلنى قەدىرلەش، تىلنى بېيىتىش، جاھانغا تونۇتۇش، تىلىمىزنىڭ شۆھرىتىنى ئاشۇرۇش ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ مۇقەددەس بۇرچى، شۇڭا ئۇنى قەدىرلەش كېرەك، لىكىن باشقا تىللارنى چەتكە قاقماسلىق كېرەك، تىل دىمەك بىلىم دىمەك ، بولسا ئۆزىڭىزنىڭ ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈڭ، سىز  ھە دىسىلا دىننى پەش قىلىدىكەنسىز، قايسى دىنى كىتاپتا باشقا تىل ئۆگەنسە بولمايدۇ دەپ يېزىپتۇ، شۇنى تورداشلارغا بىر ئېيتىپ بىرىڭ.
    salkinTV
    | ۋاقتى : 2008-04-14 09:54 5 -قەۋەت
    مەرىپەت
    تىرىش بىلىم ئال
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : سەلكىنداش

    مەرىپەتنىڭ ئالبۇمى كىرورەن بانكىسى VIP ئالتۇن كارتىسى
    UID نۇمۇرى : 2103
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1098
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1098دانە
    شۆھرەت: 1211 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 275 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1244 نۇمۇر
    قوللاش: 1156 نومۇر
    ئالقىش: 1241 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :366(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تىل ئۆگۈنۈش ياخشى ئىش لىكىن ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىش ، تىلنىڭ رۇلىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش  ئەڭ مۇھىم.
    salkinTV
    | ۋاقتى : 2008-04-14 09:56 6 -قەۋەت
    sardar0123
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا

    sardar0123نىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 1837
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 435
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە435دانە
    شۆھرەت: 481 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 5 سوم
    تۆھپە: 1 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 547 نۇمۇر
    قوللاش: 408 نومۇر
    ئالقىش: 430 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى :202(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    <ئانا تىلنى بىلمەسلىك نۇمۇس، كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ>،
    salkinTV
      قۇش تۇراتتى زەنجىردە،
      ئىت ئۇچاتتى ئېگىزدە .
      مۈشۈك ساپان سۆرىسە ،
      كالا ياتار كېگىزدە.
    | ۋاقتى : 2008-04-14 09:57 7 -قەۋەت
    تاركوچا
    سەلكىندە ماڭا ئامەت ياغدى.
    دەرىجىسى : سەلكىنداش

    تاركوچانىڭ ئالبۇمى كىرورەن بانكىسى VIP ئالتۇن كارتىسى
    UID نۇمۇرى : 10833
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 602
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە602دانە
    شۆھرەت: 166 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 795 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 182 نۇمۇر
    قوللاش: 172 نومۇر
    ئالقىش: 824 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :374(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-25
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    چوقۇم خەنزۇچىنى ياخشى ئۆگىنىش كېرەك ، چۈنكى بۇ دۆلەت تىلى ، مەنمۇ ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ خەنزۇچە ئارقىلىق خىزمەت تاپقان..........
    salkinTV
    تۇرمۇشتىن زېرىككەن چاغ دەل نىشاننىڭ يوقالغان ۋاقتىدۇر.
    | ۋاقتى : 2008-04-14 10:43 8 -قەۋەت
    مىھرى
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى

    مىھرىنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 7767
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 105
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە105دانە
    شۆھرەت: 105 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 576 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 110 نۇمۇر
    قوللاش: 107 نومۇر
    ئالقىش: 119 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :126(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-24
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەخمەت سىزگە،ھەممەيلەن سىزدەك ئويلىغان بولسا نىمىدىگەن ياخشى بۇلاتتى ھە!
    salkinTV
    ھايات ھەممىدىن گۈزەل
    | ۋاقتى : 2008-04-14 11:31 9 -قەۋەت
    گۈلىرەنا1
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى

    گۈلىرەنا1نىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 11532
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 128
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە128دانە
    شۆھرەت: 128 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 1055 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 181 نۇمۇر
    قوللاش: 154 نومۇر
    ئالقىش: 250 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :124(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    man    koxuliman  .tang  elip  berix  kerak.
    salkinTV
    | ۋاقتى : 2008-04-14 11:36 10 -قەۋەت
    مۇھەممەد-2008
    ئالىي ئەزا ئالاھىدە تۆھپە تەشۋىقات ئەلچىسى ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى

    مۇھەممەد-2008نىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 9131
    نادىر تېما : 13
    يازما سانى : 797
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە797دانە
    شۆھرەت: 1960 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 15824 سوم
    تۆھپە: 100 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2358 نۇمۇر
    قوللاش: 1583 نومۇر
    ئالقىش: 4095 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئۇيغۇر
    توردىكى ۋاقتى :302(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تىلنىڭ  كۈچى-مىللەتنىڭ كۈچى دىمەكتۇر.-------- مۇستاپا كامال
    قوش تىللىق بولۇش ياخشى ئىش، ئەمما  ھەر قانداق تىل ئۈگىنىشنىڭ ئالدىنقى  شەرتى ئانا  تىلنىڭ مەۋجۇتلىقى، مۇكەممەللىكىنى  قوغداش ۋە داۋاملىق  تەرەققى قىلدۇرۇش. بىز  تىل  ئۈگىنىشكە  قارشى  تۇرىدىغان مىللەت ئەمەس،ئىلگىرى  بىزنىڭ ئۇلۇغ ئالىملىرىمىز،زاتلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى كۆپ تىللىق بولغان، ئۇيغۇر تىلىنى  بىلگەندىن سىرت ئەرەپ،پارىس، ئوردو تىللىرىنى ئۈگەنگەن، تىل-ئاچقۇچ، ئۇ بىزنى  تىخىمۇ  كەڭ دۇنيا بىلەن  تونۇشۇش  پۇرستىگە ئىگە قىلىدۇ،شۇڭا بىز قوش تىللىق ھەتتا  كۆپ  تىللىق بولۇشىمىز  كىرەك.
    ئەمما باشقا  تىلنى  ئۈگىنىش  بىلەن  ئانا تىلنىڭ مەۋجۇتلىقىغا تەھدىد ئىلىپ كىلىش بۇ بىز قاتتىق پەخەس قىلمىساق بولمايدىغان ئىش، ياپۇنىيە  تەيۋەننى ئىشغال قىلىۋالغان ئىلگىرى-كىيىنكى 50يىلدا تەيۋەندە  ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ  ياپۇن تىلى ئوقۇتۇشىنى  يولغا  قويغان، بۇ تەيۋەن خەلقىنىڭ قاتتىق  نارازىلىقىنى قوزغىغان ۋە قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، بۇ كۈنلەر  ھازىر تارىخ  بولۇپ قالدى، لىكىن مەيلى  تەيۋەن خەلقى  ياكى  جۇڭگوخەلقى  بولسۇن ياپۇنىيىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغاندىكى جىنايەتلىرىنى تىلغا ئالغاندا  ياپۇن تىلىنى  ئانا  تىلنىڭ ئورنىغا  دەسسەتمەكچى  بولغانلىقىنى  بىر ئىغىر جىنايى قىلمىش، كەچۈرگۈسىز  گۇناھ  دەپ ھەر ۋاقىت تەكىتلەپ  تۇرىدۇ، چۈنكى  پەقەت ئانا تىل ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى  باغلايدۇ، پەقەت ئانا تىل تارىخ  بىلەن ھازىرنى  باغلايدۇ، پەقەت ئانا تىل يىلتىز بىلەن شاخلارنى  تۇتاشتۇرىدۇ، ئانا تىلدىن ئىبارەت  بۇ يىلتىز  بولمىسا بۇ شاخلار ھامىنى بىركۈن قۇرۇپ قالىدۇ، مىللەت تارىخ  بولۇپ قالىدۇ، بۇنداق مىساللار  تارىختا ناھايىتى  كۆپ بولغان،يىراق  تارىخنى مىسالغا ئالماي يىقىنقى 100يىل  تارىخىغا قارايدىغان بولساقمۇ بەزى مىللەتلەرنىڭ تىل مەسىلىسى بىلەن يوقاپ كەتكەنلىكىنى ياكى  پەقەت  بىر مىللەت  ئاتالغۇسى شەكلىدىلا ساقلىنىپ  قالغانلىقىنى كۆرىمىز.ھازىرقى  باسقۇچتا بىز ئۆز  كۈچىمىزگە  تايىنىشىمىز  كىرك، ئانا تىلنى قوغداش ھازىر  ھەربىرىمىزنىڭ  مەسئۇلىيىتى ۋە تارىخى  بۇرچى بولۇپ قالدى، لىكىن ئانا تىلنى  قوغداش باشقا  تىلنى  چەتكە  قېقىش ئەمەس، بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى  ياخشى  بىر تەرەپ قىلىش  كىرەك.
    salkinTV
    ئامىرىكا بىزنىڭ دوستىمىز!
    | ۋاقتى : 2008-04-14 11:36 11 -قەۋەت
    afrasyap
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا

    afrasyapنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 6015
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 40
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە40دانە
    شۆھرەت: 40 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 1273 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
    قوللاش: 39 نومۇر
    ئالقىش: 39 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :505(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئانا تىل كۆز، باشقا تىل دۇربۇن.
    ئانا تىلىدىن باشقا تىلنى مۇكەممەل ئۈگەنسە ئەلۋەتتە ياخشى. بىر خىل تىل بىر دۇنيا. بىر بىلىم غەزىنىسى.
    ئەمما چوقۇم ئانا تىلدا ساۋادى چىقىپ بولغاندىكىن كېيىن، ئانا تىلدا تەپەككۇر قىلالايدىغان بولغاندىن كېيىن ئاندىن باشقا تىلنى ئۆگەنسىمۇ كىچىكمەيدۇ.
    كۆز بولمىسا ئەڭ ئىلغار تېلىسكوپ بولغان ھالەتتىمۇ ھېچنىمىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.
    salkinTV
    | ۋاقتى : 2008-04-14 11:36 12 -قەۋەت
    afrasyap
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا

    afrasyapنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 6015
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 40
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە40دانە
    شۆھرەت: 40 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 1273 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
    قوللاش: 39 نومۇر
    ئالقىش: 39 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :505(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    شۇمۇ سەمىڭلاردا بولسۇنكى، خىزمەت تاپالماسلىق پەقەتلا خەنزۇ تىلى بىلمىگەنلىكتىنلا ئەمەس. يەنە نۇرغۇن سەۋەپلەر بار.
    راڭپىزىچى تۇڭگانلار بىلەن، پويىزغا پاتماي ئىش ئىزدەپ چىقىۋاتقان ئىشلەمچىلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇتىلىنى ناھايتى ياخشى بىلىدۇ.
    salkinTV
    | ۋاقتى : 2008-04-14 11:44 13 -قەۋەت
    سىرلىق.شائىر
    ئۇيغۇر ئوغلى
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى

    سىرلىق.شائىرنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 47
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 1172
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1172دانە
    شۆھرەت: 2476 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 30 سوم
    تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1331 نۇمۇر
    قوللاش: 1219 نومۇر
    ئالقىش: 1098 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :168(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-25
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاۋال ئانا تىلنىڭ مەۋجۇت بۇپ تۇرىشى كاپالەتكە ئىگە بولغان ئەھۋال ئاستىدا ،ئاندىن قوش تىللىق بۇلۇش ياخشى..........................
    salkinTV
    كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بۇلايمۇ يىلتىزمۇ؟
    -------------------------------------------------------.
    كىم بىزنىڭ ئۇلۇغ دىنىمىزنى ،ئىتىقادىمىزنى شۇنداقلا بىركىشىلىك ئىنسانىي قەدىر-قىممىتىمىزنى ساقلاشقا ياردەم بىرىدىكەن ئۇ بىزنىڭ دوستىمىز ،گەرچە ئۇزىنى<< مۇسۇلمان>> دەپ نىقابلىنىۋالغان بولسىمۇ بىراق پۇل ئۇچۇن بىزنى ۋىجدانىنى سېتىۋەتكەندەك سېتىۋېتىدىكەن ئۇنداق ساختا مۇسۇلمانلار  بىزنىڭ دۇشمىنىمىز .
    | ۋاقتى : 2008-04-14 12:12 14 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/7 total )
    سەلكىن تورى » ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار
    

    سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

         سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

    سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
    مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-8553838، 13609981040

    Time now is:06-26 19:13, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation