بۇ تېما كۆپچىلىكنىڭ پايدىلنىشى ئۈچۇن <<ئۇيغۇرۇم تور خاتىرسى>> دىن
سەلكىنگە كۈچۇرۈپ كىلىندى.
jRe o|o ئۇيغۇر ئىسلام قىزلىرىغا چاقىرىق!
)7XgT7pt GMEFeH[O1 %<xfjxr ecT=<5{ گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە
سالامى بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بارلىق كىشىلەرگە بولسۇن!
c%t Vq
h~) \L.] ئى ئۇيغۇر مۇئمىنە، مۇسلىمە (ئسىلام قىزى) سىڭىلچىقىم!
~zfQXw!er zPb4[!z ئى قەلبىدە ئىسلام يوشۇرۇنغان (ئورۇنلاشقان)، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرىدىغان، ئاللاھ ئىپپەتنى، پاكلىقنى، ئەقىلنى ئىنئام قىلىپ بەرگەن، ئاللاھ ئۈچۈن رۇكۇ ۋە سەجدە قىلىۋاتقان، ئاللاھ ئۈچۈن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئىسلام قىزى قېرىندىشىم! سىز مۇسلىمە، سىز مۇئمىنە، سىز ئىسلام قىزىسىز! سىز پاك ۋە ئىپپەتلىكسىز! سىزگە رەسۇللاھ ئەلەيھىسالامنىڭ: «ئاياللارغا ياخشى ۋەسىيەت (نەسىھەت) قىلىڭلار!» دېگەن سۆزى بىلەن نەسىھەت قىلىۋاتمەن. سىز ئەرلەر ھاياتىدا بىر نىسبەتنى ئىگەللىگەن ئىنسانسىز. گاھىدا ئەرلەر ئۈچۈن قېرىنداشسىز ياكى ئەرلەر ئۈچۈن تۇرمۇش ھەمراھىسىز ۋەياكى ئۇنىڭ قىزىسىز! سىز شۇنچە قەدىرلىكسىز!~
}Zva)Q7'p y*B.7P|qM ئى پاك، جەۋھەر ئۇيغۇر ئىسلام قىزلىرى! مېنىڭ سوئال سورىشىمغا رۇخسەت بېرىڭلار!
#%cCqG T\h+1a]Zn قانداق قىزلار پاك، ئىپپەتلىك دېگەن سۈپەتلەرگە لايىق؟
_+tap_MH zY0EKvk-o يۈز ـ باشلىرىنى يۆگىمەستىن، سىرتلارغا چىققاندا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى
ئىشلىتىپ، ھۆسۈنلىرىنى تۈزەپ، ئاللاھ ئاتا قىلغان گۈزەل جامالىنى يات ئەركەكلەرگە كۆرسىتىپ يۈرگەن قىز-خانىملارغىمۇ؟ ۋەياكى ئۇزۇن، ئەمما تار كۆينەكلەرنى كىيىپ، گۈزەل بەدەنلىرىنى باشقىلارغا كۆز- كۆز قىلغانلارغىمۇ؟ ياكى كالتە، ئوچۇق يوپكىلارنى كىيىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەخلاقىي بۇزۇلۇشىغا ھەسسە قوشقانلارغىمۇ؟ ياكى ئۆزىچە مەدىنىيلەشتۇق دەپ، غەربچە
كىيىملەرنى كىيىپ، ئۆز مەدەنىيىتىدىن، مىللىي ئەنئەنىسىدىن يىراقلاشقان ھالدا بىر كۈن بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى، يەنە بىركۈن قارىسىڭىز دىن، ھازارەت، مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەت، تىل... قاتارلىقلارنى مىڭ يىل باغلاپ قويسىڭىزمۇ، بىر يەرگە كەل
مەيدىغانلارنىڭ يۈرۈش ـ تۇرۇشىنى دوراپ يۈرگەنلەرگىمۇ
xtA9#Qx, ; $K h قېنى دەپ بېقىڭچۇ؟ سىزنىڭچە مۇشۇلارنىڭ قايسىسىنى ئىپپەتلىك ئۇيغۇر ئىسلام قىزلىرى دەپ ئېيتالايسىز؟!
,&rFqmlG ياق، ياق! مىڭلارچە ياقكى، بۇلارنىڭ ھېچبىرى ئىپپەتلىك ئاياللار دېگەن سۈپەتكە لايىق ئەمەس. ئى ئىسلام ئۇيغۇر قىزى سىڭىلچىقىم! بىلىڭكى، ئاللاھ سىزنى ھەر زامان، ھەر ماكاندا كۆزىتىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سىزنى سۆيۈملۈك رەسۇلىمىز توسقان ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن ھالىتىڭىزدە كۆرسە، رازىمۇ سىز؟ ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئان كەرىمدە: ]ئى پەيغەمبەر ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرغا ئېيتقىنكى، پۇركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۆر ئايال ئىكەنلىكى) ئەڭ ئاسان تۇنۇلىدۇ ـ دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[ دېمىدىمۇ؟
!|B
ijIw 4>wUjN,6 سۆيۈملۈك رەسۇلىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قانداق بىر ئايال خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلەتكەن ھالدا سىرتقا چىقسا، كىشلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇلار ئۇ ئايالنىڭ خۇشپۇراق ھىدىنى پۇرىسا، ئۇ ئايال زىناخورلۇق قىلغان بولىدۇ» دېمىدىمۇ؟
-a{zC HyJl/G0 ئائىلىدە ئېرىڭىز ئۈچۈن، پەرزەنتلىرىڭىز ۋە ئاكا - ئۇكا، ئاياللار ئارىسىدا خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بۇ يەردە زىكىر قىلىپ ئۆتۈشكە لايىق بولغان مۇھىم نۇقتا، بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە قىز - خانىملار ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ، ئالاھىدە گىرىملارنى قىلىپ، ئەر-ئايال بىرگە ئولتۇرىدىغان چاي - ئولتۇرۇشلارغا بېرىپ، باشقىلارنىڭ كۆزىنىڭ يېغىنى چىقىرىۋېتىپ كېلىدۇ، ئەمما بىچارە ئەرچۇ؟ ئايالىنى ماي ۋە تەر پۇرايدىغان ۋەياكى سۈت پۇرايدىغان كىيىملەر بىلەن كۆرىدۇ. ئى سىڭىلچىقىم! بەلكىم سىز ئۇنداق بولماسلىقىڭىز مۇمكىن، ئەمما ئۇنداقلارمۇ ئاز ساننى ئىگەللىمەيدۇ. سىز نېمە ئۈچۈن چىرايلىق كېيىملىرىڭىز، گۈزەل پەردازلىرىڭىز، خۇش ھىدلىرىڭىز بىلەن ئېرىڭىزنى كۈتۈۋالمايسىز؟! شۇنداق قىلىپ بېقىڭچۇ قېنى؟ ئۇنىڭ نەتىجىسىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كۆرمەي قالمايسىز. ھۆسن - جامالىڭىز، گۈزەل تۇرقىڭىزدىن زوقلىنىشقا ئەڭ ھەقلىق ئىنسان سىزنىڭ تۇرمۇش يولدىشىڭىز، يۈرەك پارىڭىز بولغان بالىلىرىڭىزنىڭ دادىسىدۇر. سىز باشقىلارغا پۈتۈن گۈزەللىكىڭىزنى كۆرسىتىپ، ياسىنىپ يۈرىسىز. مېنىڭچە بۇ، گەرچە ھازىر نورمال بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ، دىن، ئەخلاق ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادىتىمىزمۇ قوبۇل قىلمايدىغان بىر ئۇقۇم.
7nA#`z4t ئى ئۇيغۇر مۇسلىمە ئىسلام قىزى سىڭىلچىقىم! شەيتاننىڭ يوللىرىدىن بىرىدە
{r)pi(0N+8 |@BfH مېڭىۋاتقانلىقىڭىزغا رازىمۇسىز؟ ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ۋە كۇپپارلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇۋاتقانلىقىڭىزغا رازىمۇسىز؟
XhzV?& @`4QDc,6 ئەزىز ئۇيغۇر مۇسلىمە ئسىلام قىزى سىڭىلچىقىم! رەھمان تائالاھنىڭ غەزىپىگە، دوزاخقا كىرىشىڭىزگە ۋە دىنىڭىزدا چەكلەنگەن ئىشلارغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردا بولۇۋاتقانلىقىڭىزغا رازىمۇسىز؟
C<,PYzH;- ئى مۇئمىنە ئۇيغۇر ئىسلام قىزى سىڭىلچىقىم! قەبرە ــ جەننەت بوستانلىرىدىن باغچا ياكى دوزاخ ئۆڭكۈرلىرىدىن بىر ھاڭدۇر، سىز قەبرىڭىزنىڭ قايسىسىدىن بولۇشىنى خالايسىز؟
stL#E\\s )
+`KUp ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاسىيلىق قىلىشىڭىز، رەھمان تائالانىڭ جەننىتگە كىرىشتىن توسۇپ قويىدۇ. بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئىسلام قىزلىردا كۆرۈلىۋاتقان ھەم سەل قارىلىۋاتقان مەئسىيەتلەرنىڭ تۈپ نېگىزىدا شەرئى ۋە ئۇيغۇر ئەنئەنىسى بويىچە كىيىنمەسلىك، ئاللاھنى تونۇماسلىق، رەسۇلۇللاھنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىك، نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىمىز توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزمەسلىك، مەيدانسىزلىق، ئۆزىمىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇش... قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەر مەۋجۇت. بەلكىم ئۇيغۇر ئىسلام قىزلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىمۇ رازى بولمايدىغان بىر ھالەتكە كېلىپ قىلىشىنىڭ مەلۇم سەۋەبلىرىنىڭ بارلىقىنىمۇ كۆزدىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. ئاللاھتىن ئۇلارغا ئىپپەت ـ ھايا ۋە بۈيۈك ئىمان تىلەيمىز.
k(`u4Oxr> l%FDyo ئى سىڭىلچىقىم! ئەمدى قاراپ بېقىڭچۇ، سىز قانداق قىلغاندا ئىپپەتلىك ئىسلام ئۇيغۇر قىزى دېگەن سۈپەتكە لايىق بولىدىكەنسىز؟! شۇنى ئۇنۇتماسلىقىڭىز كېرەككى، سىز ئىسلامغا مەنسۇپ! سىز ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ! سىز ئىسلامنىڭ ئىززىتى! مىللەت ۋە ئانا ۋەتەننىڭ پەخرى!
=:w9Lz& =]Y\BC(g kd@E&uLIWI مەنبە:
http://www.uyghurum.com/blog/default.asp?cateID=15