بۇ بەتتىكى تېما: پەيلاسوپنىڭ كەلگۈسى ئارخىپى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 54 قېتىم كۆرۈلدى
پىنھانبۆرە
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 9284
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 61
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە61دانە
شۆھرەت: 61 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 625 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 96 نۇمۇر
قوللاش: 78 نومۇر
ئالقىش: 141 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :42(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 پەيلاسوپنىڭ كەلگۈسى ئارخىپى

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى ئۇيغۇرجـان بۇ تېمىنى كىنو تېلېۋىزىيە دۇنياسى دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2008-04-13)
                                                مەتناسىر ياسىن M `K;+%}F  
M _f'9XgV\  
P&+GK5.  
tb"T2  
  تەڭرىنىڭ قۇبۇلىدىن قايرىپ چىقىۋاتقان پەيلاسوپ بىلەن پەرىشتە دۇقۇرشىپ قېلىپ پەرىشتە سورىدى؛ 9H5=~Y$  
    - شۇنچە ئەلدىراش نەگە ماڭدىڭ؟  9fafmtz>e  
    پەيلاسوپ جاۋاپ بەردى؛ l2iDMJ7[  
    - تەڭرىنىڭ دېيىشچە ،مەن ئازغۇن ئىنسانلار ئارىسىغا تەڭرىنىڭ ئۈمىد ۋە ھىدايىتىنىڭ سۈپىتىدە بېرىپ ،غاپىل قۇۋمغا مۇھەببەت-پاراسەتنىڭ نۇرلىرىنى چاقنىتىپ، ئۇلار ئۆزلىرى تاللىۋالغان قاباھەتلىك تەقدىر - قىسمەتلەر ھەققىدە ئەڭ ئۈزۈلكېسىل ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشتەك مۇقەددەس بۇرچۇمنى ئادا قىلىدىكەنمەن . ^:1Sj4f[  
    پەرىشتە؛ XwV"^)0E  
    -ئەلۋەتتە دىن ھەققىدىكى تېرەن ۋەزىڭمۇ بار . بىراق سەن دىن تارقاتقۇچى ئەمەس ،پەقەت سەن خارلىنىۋاتقان ئەقىدىنىڭ شۆھرىتى ئۈچۈن سۆزلەيسەن . 3p,;s@_  
    پەيلاسوپ؛ _8mgsucZ  
    -ھەئە،راست. *{7AN[bERe  
    پەرىشتە؛ >n$/\Vm  
    -بىچارە بايقۇش! سەن ئىنسانلار ئىچىدە يەكلىنىسەن، تەنھالىق ساڭا ئۆز ئەجىلىڭدىن بۇرۇنراق ئۆلۈمنى چىللاپ كېلىشى مۇمكىن . as<#3EJ.  
    پەيلاسوپ؛ uyNl%JI&Q  
    بۇ نېمە ئىش مەن ئۇلارنى چىن دىلىمدىن سۆيىمەن، قەلبىمدە ھەر قاچان ئۇلار بىلەن سۆھبەت قۇرۇش ئىستىكى بار. ve{9>]  
    پەرىشتە؛ f# 0) T4  
    -راست، سەن ئۇلارنى سۆيىسەن. بىراق سەن بىلمەيسەن، ئەگەر قەلبىڭدىكى مۇھەببەت ئۇلەرنىڭ كۈتكەن تەلەپ ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەندە ئىنسانلار ھامان سەندىن بىزار بولۇشقا باشلايدۇ. ھەسەل ھەرىسى گۈل شىرنىسىنى زىيادە سۈمۈرۋېلىپ كۆڭلى ئاينىغاندا گۈل ئۆز شىرنىسىنىڭ موللىقى بىلەن ھەسەل ھەرىسىنى يېنىدا ھەرگىز تۇتۇپ قالالمايدۇ. ئىنسانلار ئۆزىگە بېغىشلانغان زىيادە مۇھەببەتكە ھامان قەي قىلىدۇ. يەنە بىرى، ئۆزۈڭنىڭ قەلبىدىكى مۇھەببەت شەكلىنى ئىنسانلار ھەرگىزمۇ قۇبۇل قىلالمايدۇ .بۇ نۇقتىدا مۇھەببىتىڭ  ئىنسانلار ئۈچۈن قاباھەتلىك شۈبھە. ئۇلار ئۆزى كۆنۈككەن ئۇسۇلدا نەپرەت - ئاداۋەتنى بەجاندىل قۇبۇل قىلىشقا رازىكى، مۇھەببىتىڭنىڭ ئۆزگىچە پارلاق نۇرىدىن ئېسەنگىرەيدۇ. مانا بۇ دەل ئادەتنىڭ كۈچىدۇر. خەلق ئادەت كۈچىنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغىنىدا قەھرىمانلىق پاجىەسى تۇغۇلىدۇ. خەلق ئۆزىدىكى ئادەت كۈچىنىڭ تەسىرىدە كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ پاجىەدە خەلق بىر قېتىم يېڭىلگۈچىدۇر. بۇ يەردىكى <ئادەت> ئەنەنىگە قارتا خۇشامەت بىلەن تولغان بۆھتانلىق ھەركەت. ئۇ ئەنەنىنىڭ ئەڭ ئاجىز -چۈشكۈن تەرەپلىرىگە تىزلانغان ھالەت. ئىنسانلارنىڭ ئاشۇ خىل ئادەتلىرىگە جۆر بولۇش سېنىڭ بۇرچۇڭ ئەمەس، ئەكسىچە ئۇ ئارقىلىق سەن ئۆز بۇرچۇڭدىن تانغۇچى بوپ قالىسەن . پەيلاسوپ ئەنەنىنىڭ قاغجىراق- قاقشال سۆڭىكىگە يېڭىدىن قان بېرىش ئارقىلىق ئەنئەنىنىڭ سەلتەنىتىنى قايتىدىن تۇغۇلدۇرىدۇياكى يېڭى بىر قىممەت ئۆلچىمىدىكى ئەنەنىدىن بىشارەت بېرىدۇ.شۇڭلاشقا پەيلاسوپقا ئۆز دەۋرىنى مۇەييەنلەشتۈرىشتىن ئىبارەت بۇ ۋەزىپە ئەزەلدىن يۈكلەنمەيدۇ. پەيلاسوپتىن ئۆز دەۋرىنى مۇەييەنلەشتۈرىشنى تەلەپ قىلىش دەل شۇ دەۋرنىڭ بىمەنىلىكىدىن ئىبارەت. سەن قەلبىڭدىكى مۇھەببەت ۋە ئەقىل- پاراسەت ، بۇرچ تۇيغۇسىدا ئىنسانلارنىڭ ئازغۇن ھەركەتلىرىەگ ئەڭ كەسكىن ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بېرىسەن. ھالبۇكى، سەن قارشى تۇرغان ئىشلار ئىنسانلار ئارىسىدا ئەڭ قارشى ئېلىنىپ، ئۆزلۈكسىز يېڭى پەللىلەرنى يارىتىۋاتقان ئىشلار ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ئىنسانلار سېنى ساراڭلار قاتارىغا چىقىرىۋېتىدۇ. سېنى يىراقتىن كۆرگەن ھامان قەستەن باشقا كوچىغا بۇرۇلۇپ كېتىدۇ. كەچلىرى دېرىزەڭ يېنىدىن ئۆتكەندە قەستەنگە قاھ- قاھلاپ كۈلىشىدۇ. شاچقۇنلۇق ناخشىسىنى بولۇشىغا قويۇپ بېرىپ، ھەسرەتلىك ئويلىرىڭنى مازاق قىلىشىدۇ. q\@~`oiD  
    پەيلاسوپ؛ )]Jc[znN  
    -ئەگەر ئۇلارنىڭ كۈلكىسىنىڭ چىنلىقىنى سەزەم مەنمۇ كۈلۈپ تاشلىشىم مۇمكىن؛ g{Vfw  
    پەرىشتە؛ sY?a>8,)kT  
    -ئەلۋەتتە شۇنداق، بۇنداق ئىشلاردا قەلبىڭدە مۇھەببەت بولۇش بولماسلىقىنىڭ كارايىتى چاغلىق، قەلبىڭدە ئىنسانلارغا نىسپەتەن گىنە- ئاداۋەت بولمىسىلا ئۇلارنىڭ كۈلكىسىگە جۆر بولالايدەن. بىراق ئۇلارنىڭ كۈلكىسىگە سۇڭدىشىپلا يۇرسەڭ سەن بىر ناباپ ھەزىلكەشكە ئايلىنىپ قالغان بولىسەن. 4kI\"P xd  
    پەيلاسوپ؛ %yD3T9,"  
    -ئىنسانلارغا مۇھەببەت ۋە پاراسەت بىلەن يۈزلىنىش خاتا دېمەكچىمۇ سەن ؟ TiG-4( ?;  
    پەرىشتە؛ ?~$3GX_  
    -ياق، ئىنسانلارغا مۇھەببەت بىلەن يۈزلىنىش ھەقىقەتەنمۇ قۇتلۇق ئىش،ئادەملەرنىڭ ئكز- ئۆزىنى سۆيۈشتىكى ھىدايەت يولىمۇ پۈتكۈل ئىنسانلارغا مۇھەببەت بىلەن يۈزلىنىشتىن ئىبارەت.بىرىق سۆيۈلىشكە ئەندىشە قېتىلىپ كەلگىنىگە ئوخشاش سۆيۈشكىمۇ ھەسرەت قوشۇلغان بولىدۇ. سۆيگۈ قانچە چوڭ بولسا قەلپنىڭ مۇھەببەت ئازابىغا بولغان سەزگۈرلىكىمۇ شۇنچە يۇقۇرى بولىدۇ. دېمەكچىمەنكى، مۇھەببەت بولسا ئازاپقا قارشى كۆتۈرىۋالغان قالقان ئەمەس، بەلكى مۇھەببەت سەۋەبىدىن قەلبىڭلار ئازاپقا تولىدۇ. بۇ ئازاپ سىلەرنى ھەر قاچان چېلىش مەيدانلىرىغا چىللايدۇ. بۇچېلىشىشتا يېڭىش -يېڭىلىش مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى، شۇ ئىشتىكى جۈرەت-دادىللىقىڭلار ھۆرمەتكە لايىقتۇر. سەن مۇقەددەس بۇرۇچ سەۋەبىدىن ئىنسانلار ئارىسىغا ماڭغىلىۋاتىسەن . مۇقەددەسلىكتە قەلپتىكى مۇھەببەت سەۋەبىدىن ئازاپنى بەجاندىل تاللىۋېلىش بار. مۇقەددەسلىكتە ئاددىيلىقنىڭ شۆھرىتى ھەشەمەتلىكنىڭ داۋرىڭىدىن غالىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭدا مەنىۋىيەتنىڭ بەجاندىل تەستىقى ۋە بەيىتى بار. تىلىكىم شۇكى ، سەن ئىنسانلار ئارىسىدا ئاشۇ خىل قارا قىسمەتلەردىن ئىسەنگىرەپ يۈرمىگيسەن. f)Q[L_  
    پەيلاسوپ؛ YyI9#WXB  
    -سەل قورقۇپ قېلىۋاتىمەن، بىراق بۇ قورقۇش ئۆز بۇرچۇمغا بولغان ئىشتىياق ئالدىدا ھېچ گەپ ئەمەس. nECF l  
    پەرىشتە؛ ld5CG  
    -تەڭرى ئەجرىڭ ئۈچۈن ساڭا نېمىلەرنى بېرىشنى ۋەدە قىلدى؟ تەڭرىنىڭ ساڭا قىلغان ساخاۋەتلىرىچۇ؟ h5 r8=Oe,  
    پەيلاسوپ؛ XM3G0  
    بىر ياخشى ئىتاەتمەن ئۆز بۇرچىنى تاماملاشتىن بۇرۇن ئەزەلدىن ئۆز خۇقايىنىدىن ھەق تەلەپ قىلغان ئەمەس ئەجىبا ، تەڭرىنىڭ ساخاۋەتلىرى ئۇنىڭ ئىنئام - مۇكاپاتلىرىدىن شەرەپلىكمۇ؟ 8E&(v@zY  
    پەرىشتە؛ s}f n v  
    ۋۇجۇدۇڭ بۇرچ ئىشتىياقى ۋە مۇھەببەت بىلەن تولۇپتۇ . ئۇنىڭدا يەنە پاراسەتنىڭ نۇرلىرىمۇ كەم ئەمەس. بىراق بۇ پاراسىتىڭگە ئاز - تولا مەمەدانلىق ئارلىشىپ كەتكەن. يولۇڭدىن قالما پەيلاسوپ ، ئاق يول بولسۇ ن . JDdC,,8  
    پەيلاسوپ يۈرۈپ كەتتى. j D$w:E  
    پەرىشتە ئۆز- ئۆزىگە پىچىرلىدى؛ بۇ بەندە ئىنسانلارغا بولغان مۇھەببەت ۋە پاراسىتى بىلەن ئۇلار ئارىسىغا مۇقەددەس بۇرچ يۈزىسىدىن ماڭدى. ھالبۇكى، پەيلاسوپلارنى ئىنسانلار ئۆز دەۋرىدە چۈشەنگەن ئەمەس . ئۇنى چۈشىنىش ھامان كىيىنكى دەۋرنىڭ ئىشى بولۇپ كەلمەكتە . شۇندىمۇ پەيلاسوپلار ئۆزلىرىنى ئامەتلىك ھېساپلايدۇ. پەيلاسوپلار ئىنسانلارغا بولغان مۇھەببىتى سەۋەبىدىن ئۆرىگە دەرت تېپىۋالىدۇ. ئۇلار ئۆزى سۆيگەن كىشىسى ئالدىدا ئەڭ ئىشەنچىسىز كىشى قاتارىدا سانىلىدۇ. پەيلاسوپ يەنە شۇنداق كىشىلەركى ، ئەگەر بىر دەۋىردە بىر قوۋم ئىچىدە بىرەر پەيلاسوپ مەيدانغا كەلمىگىنىدە، مەزكۇر قوۋم ئەسلى ئۆزىگە مەنسۇپ بولۇشقا تىگىشلىك شۇ دەۋىرنى تەپەككۇرىنىڭ مۈگدەك ھالىتىدە ئۆتكۈزۋېتىدۇ. "B o4zl)Gl  
ekxTiy,$  
  <شىنجاڭ مەدەنىيىتى> ژورنىلىنىڭ 2006_يىللىق 5_سانىدىن ئېلىندى .
باشقۇرغۇچى ئۇيغۇرجـان تېمىنى تەستىقلىدى .

كۆرۈپ خەلقىم ئەھۋالىتىن كۆڭلۈمنىڭ ھېچ ئارامى يوق، 
ئۆزۈم بىر دېڭىزدىن تامچە چوڭ ئىشلارغا مادارىم يوق. 
كېلىڭ دوستلار بىرلىشەيلى،شۇندا بىزدەك غالىپ يوق،
بلمىدىم ،چىن سۆزلىرىمگە  بىرەر يۈرەك سوقامدۇ يوق؟؟!!
| ۋاقتى : 2008-04-13 11:53 [باش يازما]
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەلكىن تورى » گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردىن تەرمىلەر

سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

     سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-5625600، 13609981040

Time now is:04-14 11:44, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation