بۇ بەتتىكى تېما: نېسى مۇھەببەت... IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 184 قېتىم كۆرۈلدى
كارتوس
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 8078
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 113
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە113دانە
شۆھرەت: 113 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 622 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 124 نۇمۇر
قوللاش: 118 نومۇر
ئالقىش: 139 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 نېسى مۇھەببەت...

0
ئالدىمدايىغلاپ ئولتۇرغان سىڭلىمنىڭ يۈزىگە ئىككى تەستەك سالغۇم كەلدى... dh4Mu  
«بىچارە سىڭلىم ئاكاڭنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ئۇۋالىغا كەتكەن ئوخشىمامسەن؟ سېنى ئۇرغاندىن ئۆزەمنى ئۇراي...» Ua%d\A1o  
ھەر قانداق بىر مىۋىنىڭ چېچەكلەيدىغان،غورا بولىدىغان،ۋايىغا يېتىدىغان ۋاقتى بولغانغا ئوخشاش،مېنىڭمۇ بالىلىقىم،ئۆسمۈرلۈكۈم،ياشلىقىم بولغان. مانا ھازىر بىر بالىنىڭ ئاتىسى بولۇپ ياشاۋاتىمەن..ئاشۇ ياشلىقىمدا قىلىپ قويغان بەزى ئىشلىرىم خۇددى مەن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاردەك،ناھايتتى ئوتۇنلۇقتەك بىلىنەتتى. $lQDU  
........ t_k   
ئالىي مەكتەپ چاقىرىقىنى ئالغان ئۇشبۇ مىنۇتلاردا بىر خىل مەيۈسلۈك دىلىمنى چۇلغىۋالدى.مەن ئۆزەم ئارزۇلىغان مەكتەپ بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتىغا قۇبۇل قىلىنالماي قالغانتىم..ئەمما ئائىلەمدىكىلەر،قولۇم-قوشنىلار مەندەك بىر دېھقان بالىسىنىڭ ئۈرۈمچىدەك يۇرتقا بېرىپ كادىر بولىدىغانلىقىمنى دىيىشىپ مېنى تەبرىكلىشەتتى.ئۆگىنىش باشلىقىمىز گۈلچېھرەنىڭ شەرقىي شىمال ئۇنۋېرسىسىتىغا قۇبۇل قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن تۆۋەن تۇرۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. DJ6=#I_h  
ھەش-پەش دىگۈچە تەتىل ۋاقتىمۇ توشۇپ،مەنمۇ ئالىي مەكتەپ قوينىغا قەدەم قويدۇم.ھېلىھەم ئېسىمدە،ئاتام مېنى باشلاپ مەكتەپ ئىچىدە كېتىۋاتقىنىمزدا ئالدىمىزدا قول تۇتۇشۇپ،قولتۇقلىشىپ ماڭغان بىر جۈپلەر ئۇچراپ قالسا،ئاتام ئۇلارغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قالاتتى.بەلكىم ئاتام بىرەرىنى ياخشى كۆرۈش دىگەن ھېسياتنىمۇ چۈشەنمەيدىغاندۇ!ئانامنى كۆرمەي تۇرۇپ توي قىلغانىكەن،ئەمما ئۇلارنىڭ بىرەر قېتىم سەن-پەن دىيىشكىنىنى بىلمەيمەن...بىر بىرىنى شۇنداق ھۆرمەتلىشىدۇ. . L B.~p  
ئاتام بىلەن بىر-ئىككى كۈن ئۈرۈمچى كوچىلىرىنى ئايلىنىپ،ئاتام كەتكەندىن كىيىن دەرسلەرگە كىرىشىپ كەتتۇق.كېلىپ بىر-ئىككى ئاي ئىچىدە گۈلچېھرەنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرلىرىنى،ئادرېسلىرىنى ئىزدەپ ئاۋارە بولۇپ يۈردۈم.كىيىنچە ئالاقىلاشقانمۇ بولدۇم،لېكىن ئالاقىمىزمۇ ئانچە راۋان بولمىدى..ئۆمرۈم تارىخىدا ھاراقنى ئېغىزىمغا ئېلىپ باقمىغانتىم،ياتاقتىكىلەرنىڭ،ئاغىينىلەرنىڭ زورلىشى بىلەن تېتىپ باقتىم،تاماكىنىمۇ چېكىپ باقتىم،پات-پات گۈلچېھرەنى سېغىنىپ قالغانلىرىمدا ھاراقنى ۋە تاماكىنى ئۆزەمگە ئەمەك قىلاتتىم.تانسا-ئۇسسۇللارنىمۇ ئاستا-ئاستا ئۆگىنىۋالدىم.شۇنداق قىلىپ بىر سەھرا بالىسى ئۆزگىچە ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا خېلى «تۇرمۇش»ئۆگىنىۋالدىم.بەزىدە ئايلىق تۇرمۇش پۇلۇم يەتمەي قالغاندا ئاتامغا «پۇلۇم تۈگىدى» دەيتتىميۇ،يۈرىكىم بىر خىل ئاغرىپ كېتەتتى.ئارقىدىنلا يەنە«مەن دىگەن ئۇلارنىڭ ئارزۇلۇق بالىسى،كىيىن خىزمەت تېپىپ،قايتۇرۋالسام بولىدىغۇ »دەپ ئويلايتتىم.بارغانسىرى سىرتلاردا ئىشلەپ پۇل تېپىش ئادىتىمگە ئايلاندى.شۇنداق قىلىپ ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى.دەسلەپ بارغانلاردا بۇرۇتۇم ئەمدىلەتتىن خەت تارتقان گۆدەك ئىدىم،ھازىر بولسا خېلىلا بەستلىك،قامەتلىك بىر يىگىتكە ئايلانغانىدىم....سورۇنلاردا قىزلارنى تەمتىرىمەي تانسىغا تارتالايدىغان،قەدەھ كۆتۈرگەندە ھاياجانلىق گەپ-سۆزلەرنى دىيەلەيدىغان بولدۇم.... tw?:SrR  
ھەر تەتىلدە قايتقانلاردا،ئۆكتەبىر بايرىمىغا دەم ئالغانلاردا ئاتا-ئانامنىڭ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا قارىشىپ بېرەتتىم،قالدى چاغلاردا ساددا دېھقان ئاغىينىلىرىم بىلەن سەھرا تۇرمۇشىغا چۆكەتتىم.ئولاش-چولاش يىلتىز كولىغىلى باراتتۇق،نەشپۈت ئۈزگىلى چىقاتتۇق.نەشپۈتلۈك باغلادا نەشپۈت ئۈزۈۋاتقانلار،ئولتۇرۇپ نەشپۈت قاچىلاۋاتقانلار،ئۇلارنىڭ قىززىقچىلىقلىرى،چاقچاقلىرى... /NJ]uUR  
زاھىراخۇن ئوتتۇرىدا نەشپۈت توشۇيتتى-دە،بىزگە «ھوي باللا،نەشپۈت قاچىلاۋاتقان خوتۇنلارنىڭ قوللىرى بوشاپ قالدى سىلەرنى نەشپۈت شېخىدا ئۇخلاۋاتامدۇ؟دەيدۇ » دەپ بىزنى ئالدىرتاتتى.نەشپۈت قاچىلاۋاتقانلارنىڭ يېنىغا بېرىپ «ھوي،خوتۇنلار نەشپۈت ئۈزىدىغانغا سېۋەت يوق،قوللىرىڭلارنى غاچ قىلىپ سېۋەت بىكارلاڭلار،بىزنىڭ بالىلار سىلەرنى تازىمۇ مىس-مىس خوتۇنلاركەن دەيدۇ » دەپ ئۇلارنى ئالدىرتاتتى.بەزىدە خوتۇنلىرىغا ياردەملىشىپ نەشپۈت قاچىلاپ بېرىۋاتقان ئەرلەر زاھىراخۇننىڭ «ھوي ،پالانچى خوتۇن» دىيىشىدىن قورقۇپ،بىكار بولغان سېۋەتلەرنى كۆتۈرۈپ نەشپۈتكە يامىشاتتى....ئۆيدىكى چاغلاردا خوشال بۇ كۆڭلۈم مەكتەپتە بىر خىل بۇرۇختۇرۇمچىلىق ئىچىدە قالاتتى...بارغانسىرى ياتىقىمدىكىلەرمۇ قىز دوست تېپىشقا كىرىشىپ كەتتى،مەنمۇ قىزلارغا سەپسالىدىغان بوپقالدىم.لېكىن بىر خىل ئۆزەمنى كەمسىتىش ،تۆۋەن كۆرۈش ھېسياتى يەنىلا مېنى بۇ مۇھەببەت يولىدىن توسايتتى..... fsm"*Aq$0  
بىر كۈنى پارتامغا تاشلاپ قويۇلغان كىچىككىنە باغاقچىدىكى «مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن »دىگەن خەتنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتىم،ئۆز كۆڭلۈمدە قىزىقچى ئاغىينىلىرىمنىڭ بىرەرسى قىلغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم... بىر ھەپتە ئۆتە - ئۆتمەيلا سىنپىمدىكى ماھىرە «ھەي ،ئۆمەر سىز بىلەن بىر پاراڭلىشاي »دىگەنتىم دەپ قالدى.مەنمۇ ھە دەپ،بىللە مەكتەپنى چۆرگىلىدۇق.بىر ئاز  ئۇ-بۇ پاراڭلارنى دىيىشكەندىن كىيىن ئۇ ماڭا «بىرى سىزنى ياخشى كۆرىدىكەن » دىگەنتى،ھېلىقى باغاقچىنى ئويلىدىم «ھە،شۇنداقمۇ؟» مەن كۈلۈپ قويدۇم.«ھەجەپ كىملىكىنى سورىمايسىزغۇ؟» دېدى ئۇ يوغان كۆزلىرىنى تىكىپ .« يەنە سوراش ھاجەتمۇ؟ كۆز ئالدىمدا تۇرمامدۇ؟» دېدىم مەن ھەم چاقچاق ھەم سىناش مەقسىتىدە.ئۇمۇ ،مەنمۇ تەڭلا كۈلۈپ كەتتۇق.«ئەقىدە!» ئۇ شۇنداق  دىيىشى بىلەنلا مەن جىمىپ كەتتىم.«ئەقىدە،ئەقىدە،ئەقىدە...»كاللامدا ئەكىس سادا..ئاشۇ كىملا قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ياردەم قىلىدىغان كىتابخانىدىن چىقماي كىتاب كۆرىدىغان ئوغۇلبالىغا تىكىلىپمۇ قارىمايدىغان ئەقىدەمۇ؟مۇمكىنمۇ؟ -.8$lk  
ئەتىسى سنىپقا چىقىپ كۆزلىرىم ئىختىيارسىز ئەقىدە نى ئىزدىدى.لېكىن ئۇ دەرسكە چىقمىدى.ماھىرەنى كۆرۈپ بېشىمنى يىنىك لىڭشىتىپ كۈلۈمسىرەپ قويدۇم..تۈنۈگۈن كېچىچە دېگۈدەك تۇلۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشىم گۈلچېھرەنى ئويلاپ چىقتىم،سۇئال سوراپ مۇئەللىملەرنى تەمتىرتىپ قويىدىغان،كىم خاپىلىشىپ قالسا ئەپلەشتۈرۈپ قويالايدىغان،بىر قېتم مەن بىر قىز بالا بىلەن گەپ تالىشىپ قالغاندا ئارىغا كىرسە «سەن ئارىلاشما،سەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز» دەپ قويغۇنۇمغا «سەن ئوغۇلبالىنىڭ ئىشىنى قىلساڭ بولامدىكى» دەپ ،ئۆزى يىغلاپ سىنىپتىن چىقىپ كەتكەن....بەلكى ئۇ شۇ تاپتا ئۆگىنىش بىلەن ئالدىراشتۇ؟بەلكىم گۈلچېھرەنى قوغلىشىدىغانلار جىقتۇ؟..بەلكى مەن مەڭگۈ يېتەلمەسمەن..... GmNW _w  
مەن ئەقىدەنى تاماق يەپ كېلىشكە چاقىردىم،ئۇمۇ ئەلۋەتتە رەت قىلمىدى.بىز تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن مەكتەپ ئىچىنى چۆرگىلىدۇق.ئۇنى پەقەت گەپ قىلمايدىغان كۆرگەنتىم لېكىن ،بۈگۈنكى بەزى گەپلىرى مېنى ھەيران قالدۇردى.بىز كەچ كىرگۈچە نەمۇ نە چۆرگىلەپ يۈردۇق.مەن ئۇنى ياتىقىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قويغۇنۇمدا قىزلار ياتاق بىناسى ئالدى ۋە كەينى جۈپ -جۈپلەر بىلەن تولغانىدى.ئۇلارنىڭ بەزىبىر گەپ سۆزلىرى،ھەرىكەتلىرى مېنى غەلىتىلا قىلىپ قوياتتى..چۈنكى بىر چاغلاردا ئانامنىڭ ئاچامغا «قىز بالىنىڭ بىر تال چېچىمۇ پاك بولۇشى كېرەك » دىگىنى غۇۋا يادىمدا.لېكىن قىز بالىنىڭ بىر تال چېچىنىڭمۇ پاك بولۇشى قىز بالىنىڭلا مەسئۇلىيتى ئەمەس،ماڭا ئوخشاش ۋىجدانى ئەركەكلەرنىڭمۇ مەسئۇلىيتى ئىكەنلىكىنى مەن ئويلاپ يەتمەپتىكەنمەن.... i%;U9m"  
ئۇچرىشىش پۇرسىتى كۆپ بولغانسىرى ئۇنىڭغا كۆنۈپ قېلىشقا باشلىدىم،كۈنلىرىم ئۇنىڭ بىلەن كىتابخانىلاردا،مەكتەپنىڭ ئاشخانىلىرىدا،كىنوخانىلىرىدا....ئۆتەتتى.بەزىدە تانسىلارغىمۇ باراتتۇق.نەچچە مەس بولۇپ قالغان چاغلىرىمدا ئۇنى چىڭ قوچاقلىغانچە ياتىقىغىچە ئاپىرىپ قوياتتىم-دە،ئەتىسى خىجىل بولغان ھالدا كەچۈرۈم سورايتتىم،لېكىن ئۇنىڭدا خاپا بولۇش،خاتا چۈشىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈنمەيتتى. بارغانسىرى ساق ۋاقىتلىرىمدىمۇ ئۇنى چىڭ قۇچاقلايدىغان،دىققەت قىلمىغاندا سۆيۈۋالىدىغان بولدۇم...ياتاقداشلىرىم «بەرىبىر ئىشىڭلار ئەمەلگە ئاشمايدۇ»دىيىشەتتى...بۇ چاغلاردا كۆڭلۈمدە «مەن ئۇنى جەزمەن مېنىڭ ئايالىم قىلىمەن،بەلكىم ئۇنىڭدەك بىرى ماڭا ئۇچرىماسلىقى مۇمكىن...ئۇ مەن كۆرگەن ئەڭ ياخشى قىز ،مېنى بەك ياخشى كۆرىدۇ....» دەپ ئويلايتتىم.... مەۋسۇملۇق ئىمتاھان تۈگەپ،تەتىلگە قايتىدىغان چاغلىرىمىز كەلدى،ئەگەر يۇرتىمىز بىر بولغان بولسا ھە؟؟مەن ئۇنى ئۇزىتىپ ياتىقىغىچە كەلدىم،ئۇ ئادەتتە بەك ئاز گەپ قىلاتتى...«مەن سىزگە بەك كۆنۈپ قاپتىكەنمەن،ئەقىدەم» دېدىم مەن ئۇنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقىمدىغانچە،«راستما؟» ئۇ بوشقىنە سورىدى.«راست بولمايچۇ؟»مەن قەدىمىمنى توختىتىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدىم،ئۇمۇ ماڭا قارىدى،شۇ دەقىقىدە ئۇ ماڭا بەكمۇ ئوماق ۋە سۆيۈملۈك كۆرۈنۈپ كەتتى،ئىختىيارسىز ئۇنى قۇچاقلىۋالدىم«مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن،ئەقىدەم» بۇ گەپ خۇددى ئاللىبۇرۇن يادلاپ تەييارلاپ قويغان مۇھەببەت سۆزىدەك بىلىنىپ كەتتى،تەسۋىرلەپ بولغۇسىز بىر ھېسيات بىلەن بېشىمنى ئېگىپ، لەۋلىرىمنى لەۋلىرىگە يېقىن ئاپاردىم،ئۇنىڭ قوللىرى بوينۇمغا گىرە سېلىندى... z U**  
تەتىلنىڭ توشۇشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتتۈم،مەكتەپكە كېلىپلا ئەقىدەمنى ئىزدىدىم...مۇھەببەتلىك ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشۇم نۇرغۇنلىغان خوشال چاغلارنى،گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ مېڭىۋاتاتتى... ھەي...ئادەم دىگەن ئېرىشكەنسىرى ئېرىشكۈسى كېلىدىكەن....مېنى ياخشى كۆرمىگەن بولساڭ،مەن نىمە دىسەم ،نىمە قىلسام مەيلىمگە باقمىغان بولساڭ...بەلكىم مەنمۇ بۇنچە ۋىجدان ئازابى تارتماستىم....مېنى سۆيگۈچە بىر شاپىلاق ئۇرغان بولساڭچۇ....... ; 33E4  
تېقىمىم ئىسسىق قان بىلەن بويالغاندا مەن جەننەت پەيزىنى سۈرگەنتىم،مەستخۇش ھالەتتىن چۆچۈپ ئېسىمگە كەلدىم،ئىككى مىنۇت ئىچىدە مەن بىر قىزنى....نەلەردىدۇ كۆرگەن بىر شېئىر نىڭ « قاراپ باق،ئاخشام سەن بۇلغىغان شۇ قىز،ئەتىكى مىللەت ئۈچۈن ئانا بولىدۇ..»دىگەن مىسرالىرى ئېسىمگە كەلدى.«ئەقىدەم مەن سىز بىلەن توي قىلىمەن،جەزمەن...» مەن ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا غورۇر ۋە ۋىجدان،مەسئۇليەت ئارىلاشقان نۇمۇس بىلەن شىۋىرلىدىم.ئۇ مەستخۇشلۇق ئىلكىدە كۈلدى.....ئارىمىزدا شۇ ئىش بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا تېخىمۇ مەھلىيا بولدۇم «بەرىبىر ئۇنى ئېلىپ كېتىمەن» بىر خىل خاتىرجەملىك بىلەن مەمنۇنلۇق ھېس قىلاتتىم...ئۇمۇ مەندىن ئايرىلالمايدىغان،بەزىدە ئەركىلەپ نازلىنىدىغان بولدى... ] Pb_p~l6z  
مەن گۈلچېھرەنى كۆرگىنىمدە،ئۆزەمنى بۇرۇنقى چاغلاردا ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلدىم،ئۇ بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ ئورۇقلاپ قالغان،كۆزەينەك تاقىغانىدى...ھەي...«كونا دەردلەر قوزغالدى يەنە،بۈگۈن ساڭا چۈشكەندە كۆزۈم..» شۇنىڭدەك بىر خىل ھېسيات بولسىمۇ،مەنمۇ بىر ئەركەك،غۇرۇر مەسئۇليەتنى بىلىدىغان ئەركەك-تە! M3(;SR-B  
ئاللا ئاياللارنى پەقەت ئەرلەر ئۈچۈلا ياراتقانمىكى...مەن ئۆزەمنى ئاياللارسىز ياشىيالمايدىغاندەك ھېس قىلاتتىم.... Cdf Nb"J2  
مەكتەپ پۈتتۈرۈپلا ناھىيدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى تاپتىم،ئەقىدە ئاۋۋال يۇرتىغا قايتىدىغان كېيىنچە بىر ئامال قىلىشماقچى بولدۇق.ئەمما بۇ «كېيىن» بىر يىلغا سوزۇلۇپ مەن ئەقىدەگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشتىن بىرنى قىلغانىدىم....پەقەت مەستچىلىك دىسەم بولمايدۇ،ئاياللار بىلەن بىللە بولۇش ئىستىكى دىسەممۇ بولمايدۇ...ئىشقىلىپ ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماي قالغانتىم.ئالدىدا نازلىنىپ تۇرغان،بەدىنىدىن تاتلىق پۇراق ۋە ئىسسىق ھارارەت تاراپ تۇرغان،تولغان قىزنى كۆرسە قايسى بويتاق ئەر ئۆزىنى تۇتۇۋالالار؟ماڭا ئوخشاش يىگىتلىك قېنى ئۇرغۇپ تۇرغان،ئاياللارنىڭ بەدىنىگە كۆنۈپ كەتكەن بىرىگە نىسبەتەن...... :>`:_4  
مەن خاتا قىلدىم ،بىلىمەن،ئەمما شۇ ھوزۇرغا ئېرىشكىنىمدىن تولىمۇ خوشال،تېخىمۇ خوشاللىقى تېقىمىم قان ئەمەستى...ئەگەر قان بولسا مەن ئەقىدەگە ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا يۈز كېلەلمەيتتىم....كىم بىلسۇن؟؟؟ بۇ ھوزۇرغا بىر يالداما-بىر بوۋاق ئاپىرىدە بولۇشىنى........تېخىمۇ بولمىغىنى ئەقىدە بۇنڭدىن خەۋەر تاپقان ،شۇ سەۋەبلىك قاچانلا تېلىفۇن قىلسام تېلىفۇننى ئالمايتتى،ئۇنىڭغا يازغان ئېلخەت،مۇڭداشقۇدا قالدۇرغان خەتلەر جاۋابسىز قالاتتى............جېنىم ئەقىدە،مېنى كەچۈر،مەن سېنىلا ئايالىم قىلىمەن،مېنى مۇشۇ بىر قېتىم كەچۈر،مەن ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق ئىش قىلمايمەن......لېكىن ئۇ مېنى كەچۈرمىدى چۈنكى ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان بىر گۇناھسىز بوۋاقنى بۇ دۇنياغا تۇغۇلۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كەچتۈرگۈسى يوقتى...مېنىڭ تۇغۇلمىغان بوۋىقىم شۇنچى مۇھىممۇ؟؟؟؟مەنمۇ؟ مېنى ياخشى كۆرسە مېنى كەچۈرەتتى....مەن ئازابنىڭ نېمىلىكىنى شۇ چاغدا بىلدىم....ئەقىدەم تۇرمۇشۇمدىن يۈتتى......ئىككى ئايدىن كىيىن تەھدىت،نۇمۇس،ئاتامنىڭ غەزىپى بىلەن تويۇم بولدى،روھىم تەلپۈنگەن گۈلچېھرە،ماڭا ھەقىقىي ياخشى كۆرۈشنى ئۆگەتكەن ئەقىدە بىر چەتتە قېلىپ ،ماڭا ئوخشاش خىزمىتى بار،ئەڭ مۇھىمى تۇمۇرلىرىمدا ئاققان قان بىلەن ئوخشاش قان بولغان بوۋىقىم قورسىقىدا بار بىرى ئىدى.......ئامال يوق ،جەمىئيەتتىمۇ نۇرغۇن ئىختىساسلىق خادىملار ئېھتىياجغا ماس كەلمەيسىز دەپ خىزمەتكە قۇبۇل قىلىنمايدىغۇ........توي قىلسىمۇ ياخشى -دە! باشقىلاردىن قورقۇش، خۈدۈكسىرەش، تەلپۈنۈش يوق...ئۆيگە كەلسە خوتۇن تەييار...ھاھاھا....ئۆي ئىشلىرىمۇ تەييار...ئەممازە...ئەقىدە يېنىمدا بولغاندەك خاتىرجەملىك،جىمجىتلىق،ئەڭ مۇھىمى مۇھەببەت يوقتى......«سەن ئۇنىڭ ،ئۇ سېنىڭ، كۆڭۈل بۆلەكنىڭ،ئۆتىسەن ئۆزەڭ نەق، مۇھەببەت نېسى...».. @x*G+}gu  
........ (Z~-/ru  
ئاتام ئاچچىقلاپ قايناپ كەتكەن،ئانام يىغلاپ ئولتۇرغان،سىڭلىم يۈزىنى ئېتىپ يەردە ھېقىقداپ ياتقان...ئالىي مەكتەپنىڭ 3- يىلىنى ئوقۇۋاتقان سىڭلىم ماڭا ئوخشاش مەسئۇليەتسىز ئوغۇللارنىڭ بىرى بىلەن «چەكلەنگەن مىۋە» نى يەپ قويغان ھەم «گۈزەل ئەسلىمە يالدامىسى» قالغانىدى....... mbFHH:5  
tyMJ$>'[N3  
مەنبە:  ئۆز ئىجادىيىتىم.  يازغۇچىلىققا قىزىقىدىغانلارنىڭ مەن بىلەن پىكىرلىشىپ ئالاقىلىشىپ تۇرۇشىنى قارشى ئالىمەن.....  ئەسەر توغۇرلۇق ھەر قانداق پىكىر ۋە تەكلىپىڭلارنى ئايىمىساڭلار....ئەگەر ئوغۇرلاپ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىپ قەلەم ھەققىگە ۋە نامغا ئېرىشكۈسى بارلارغىمۇ قارشى ئەمەسمەن... ئەمما پىكىر بېرىشنى ئۇنتۇماڭ.  ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى توغۇرلۇق ھېچنىمە دېگۈم يوق،يېزىشنىلا مەن يازغان....
باشقۇرغۇچى گۆشگىردە تېمىنى تەستىقلىدى .
بىر پاقىنى قايناق سۇغا سالساق ئۇ دەرھال سەكرەپ چىقىپ كېتىدۇ،ئەگەر ئۇنى سوغۇق سۇغا سېلىپ ئاندىن سۇنى ئاستا-ئاستا قىزدۇرساق بىچارە پاقا ئۆزىنىڭ قانداق ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەي قالىدۇ.....جەينىمازدا سەجدىگە باردىم،«سۇبھانىكە رەببىل ئەئلا»نى دەپ بولغاندىن كىيىن ئاللاھدىن تىلىدىم ....ئېھ ئاللاھىم، شۇ بىچارە پاقا بولۇپ قالمىسام،بولۇپ قالمىسام....بولۇپ قالمىسام.....
| ۋاقتى : 2008-04-13 11:23 [باش يازما]
تېۋىلغا
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 7065
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 928
ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە928دانە
شۆھرەت: 1619 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 5352 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1094 نۇمۇر
قوللاش: 1000 نومۇر
ئالقىش: 1234 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :503(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-14
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

بەك ياخشى يېزىلىپتۇ .  تىللىرى راۋان ،چۈشىنىشلىك .  ھەم مەزمۇنى بەك ياخشى تاللىنىپتۇ . h;3:  
قاراپ باق ، ئاخشامقى سەن بۇلغىغان قىز ، Wq8&f m*L  
ئەتىكى مىللەت ئۈچۈن ئانا بولىدۇ ...... &H~%@?LD  
`*;)CtI  
بۇ  قۇشۇلغان مىسرا  ئەسەرگە جان كىرگۈزۈپتۇ .  قەلەم تۇلپىرىڭىز ھارمىغاي . E&B564y  
بۇ ئىككى مىسرا  بەدەنلىرىمنى تىتىرتىپ ، يۈرىكىمگە تەگدى !  ئۇلۇغ ئاللاھ ئىماندىن ئايرىمىسۇن ، ئەرلەرنى زىممسىدىكى مەسئۇليەتكە ئىگە بۇلۇپ ، قىزلارنى نابۇت قىلىشتىن ساقلىغۇدەك  ئىمكان بەرسۇن ! توۋە ...... 
ئىزلەپ كەلدىم يىراق-يىراقتىن،
يوچۇن كۈيلەر تاپماي تەسەللى............
| ۋاقتى : 2008-04-13 15:15 1 -قەۋەت
ئەل_قىزى
ئالىي ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 5208
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 839
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە839دانە
شۆھرەت: 911 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 5249 سوم
تۆھپە: 500 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 895 نۇمۇر
قوللاش: 860 نومۇر
ئالقىش: 925 كىشلىك
دوستلۇق توپى: پەرىشتە
توردىكى ۋاقتى :519(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇھەببەت دېگەن  زادى نېسى بولىدىغۇ كىممۇ نەخلەشتۈرگەن >؟؟>>؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
كىملەرنى كۈلدۈرپ،كىمنى يىغلا تتم،
كىملەرگە قالدۇردۇم ياخشى ئەسلىمە.
كىملەرگەئالدىراپ،كىمنى ساقلا تتم،
كىملەرنى ساقلىدىم سەۋەبى نىمە.
| ۋاقتى : 2008-04-13 18:15 2 -قەۋەت
شائىرئوغلى
دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


UID نۇمۇرى : 11695
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 81
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە81دانە
شۆھرەت: 81 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 555 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 89 نۇمۇر
قوللاش: 85 نومۇر
ئالقىش: 99 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ۋاختىم توشۇپتۇ . كىيىن يازاي ئىنكاس
anayurtogli@yahoo.co
| ۋاقتى : 2008-04-13 19:38 3 -قەۋەت
شائىرئوغلى
دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


UID نۇمۇرى : 11695
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 81
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە81دانە
شۆھرەت: 81 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 555 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 89 نۇمۇر
قوللاش: 85 نومۇر
ئالقىش: 99 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇھەببەت دېگەن  زادى نېسى بولىدىغۇ كىممۇ نەخلەشتۈرگەن i@'Lk8Lb  
بۇ چاخچاقمۇ يا؟
anayurtogli@yahoo.co
| ۋاقتى : 2008-04-13 19:39 4 -قەۋەت
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەلكىن تورى » ھىكايە ، پوۋسىت، نەسىرلەر

سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

     سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-5625600، 13609981040

Time now is:04-14 11:44, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation