مەزكۇر دۇرۇد مۇئەززەمنىڭ ئىسنادىسى :
ھەزىرتى مۇھەممەد مۇستاپا سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇكى :
بىر كۈنى ھەزىرتى مۇھتەرەم جىبرائىل ئەلەيھىسالامغا ، ئاللا تائالادىن مۇنداق خىتاپ بولدىكى :
ئەي جىبرائىل ، سەن بۈگۈن سالات كەبىر مۇئەززەمنى دوستۇم مۇھەممەتكە ھەدىيە ئېلىپ بارغايسەن ، دوستۇم مۇھەممەد ئاخىرى زاماندىكى كېلىدىغان ئاسى ، گۇناھكار روھى قارا ئۈممەتلىرىم پۈتۈپ يادىكار قىلسۇن ، دەپ پەرمان بولدى . شۇ سائەتتە جىبرائىل ئەلەيھىسالام بۇ سالات كەبىر دۇرۇد مۇئەززەمنى ھەزرىتى پەيغەمبەر سەلاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالامگە تۆھپە كەلتۈردى . ھەزرىتى رەسۇل ئەلەيھىسالام بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ناھايىتى خوشال بولدى ۋە يەنە ھەزرىتى جىبرائىل ئەلەيھىسالامدىن سورىدىلەر : يا بۇرادەر جىبرائىل ، بۇ سالات كەبىرنىڭ خاسىيىتىنى ۋە پەزىلەتلىرىنى ماڭا بىر - بىر بايان قىلغايسىز ، ئاللاتائاللا قانداق پەزىلەتلەرگە بۇ دۇرۇد مۇئەززەمنى نەئىيسىبە قىلىدۇ ، دەپ ھەزرىتى جىبرائىل ئەلەيھىسالامدىن سورىغاندا ئېيتتىلەركى : يا مۇھەممەد ، ئەگەر بىر كىملەر ئاللاتائاللانىڭ بەندىلىرىدىن بولسا ۋە سىزنىڭ ئۈممەتلىرىڭىز بولسا ، قىيامەت كۈنى سىزنىڭ شاپائەتلىرىڭىزدىن ئۈمىدۋار بولسا ، بۇ دۇرۇد مۇئەززەمنى ھەر ئازنە كېچىسى ئوقىسا ۋە ئوقىتىپ ئاڭلىسا ، يا پۈتۈپ ئۆزى بىلەن ھەمرا قىلسا ئۇ بەندىنىڭ يۈزىدىن ئىمان نۇرى كەتمەس ؛ ئەگەر ئازنا كېچىسى ئوقۇيالمىسا ھەر ھەپتىدە بىر نۆۋەت ئوقىغاي ، ئەگەر ھەپتىدە ئوقۇيالمىسا ئايدا بىر قېتىم ئوقۇغاي ، ئەگەر ئايدا بىر قېتىم ئوقۇيالمىسا يىلدا بىر قېتىم ئوقۇغاي ، ئەگەر يىلدا ئوقۇيالمىسا ، ئۆمۈر ئىچىدە بىر نۆۋەت ئوقىغاي يا ئوقۇتۇپ ئاڭلىغاي ، شۇ ئىشنىمۇ قىلالمىسا ، پۈتۈپ ئۆزى بىلەن ھەمرا قىلسا ئاللاتائاللا ۋەدە قىلىدۇركى :
مەن ئونسەككىزمىڭ ئالەمنىڭ پەرۋاردىگارىدۇرمەن ، ئۇنى ئوقۇغۇچى بەندەمگە 300 مەرتىبە رەھمەت نەزىرىم بىلەن قارايمەن دەپ خەۋەر بەردى . يەنە جەبرائىل ئەلەيھىسالام ئېيتتىلەركى :
يا مۇھەممەد ، بۇ سالات كەبىرنى پۈتۈپ ئۆزى بىلەن تۇتقان بەندەمنى ئۆمرى ئىچىدە قىلغان گۇناھى كەبىر ۋە گۇناھى سەغرەسىنى ۋە ئاتا - ئانا ، قەۋمى - قېرىنداشلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى مەخپىرەت قىلىپ ، تەرازى - روزى قىيامەت كۈنى مەھشەرگادا دىدارىمغا مۇشەرىپ قىلۇرمەن ، دەپ ۋەئىدە قىلدى .
ئەگەر ھەر كىشى بۇ سالات كەبىرنى پۈتۈپ ئۆزى بىلەن ساقلىسا ، ئاللاتائاللا شۇنداق ۋەدە دەرىجە ئاتا قىلۇركى : ئەۋۋەل ھەج قىلغاننىڭ ؛ ئىككىنچىدىن يەتمىش يىل كۈندۈزى روزى تۇتۇپ ، كېچىسى تائەت ئىبادەت قىلغاننىڭ ؛ ئۈچىنچىدىن ، ئۆمرىنى پىتنە - پاسات بىلەن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ گۇناھ پۈتمەس ؛ تۆتىنچىدىن ، ئۆلەر ۋاقتىدا ئۇ بەندىنىڭ ئىمانىنى ئوغرىلىيالماس ؛ بەشىنچىدىن ، گۆرنىڭ غېرىپلىقى ۋە قاراڭغۇچىلىقىدىن ساقلىغاي ؛ ئالتىنچىدىن ، مۇنكىر - نىكىر سوئالىغا ئاسان جاۋاپ بەرگەي ؛ يەتتىنچىدىن ، دوزاق ئوتىدىن نىجات تاپقاي ، ئازاپ - ئوقىبەت كۆرمىگەي ؛ سەككىزىنچىدىن ، بىھىشنى ئۇل بەندىسىگە ئاتا قىلغاي ، ھەرقايسى ئىشىكلەردىن خالىغىنىغا كىرگەي . ئاللاتائاللا يەنە ئېيتىدۇركى :
بۇ سالات كەبىرنى ئۆزى بىلەن ھەمرا قىلغۇچى بەندەمگە قىيامەت كۈنى ئائىشە ، سىدىق ، پاتىمە ، زۆھرەنىڭ ۋە ئىمام ھەسەن ، ئىمام ھۈسەنلەرنىڭ ساۋابىنى بېرەرمەن دەپ ۋەئىدە قىلدى .