ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم، سەلكىن توربېكىتىنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى ، ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك، كۆڭلىگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن .تۆۋەندە يېقىندىن بىرى مۇنبەردە كۈرۈلىۋاتقان باشقۇرغۇچىلار بىلەن بىر قىسىم ئەزالار ئارىسىدىكى ھەل بولمايۋاتقان تالاش تارتىش ھەققىدە ئازراق توختالماقچىمەن . IT5?!WI
ئۇزۇندىن بىرى كۈزىتىپ كەلدىم، مۇنبەردە ھەقىقەتەن ئۆزىنى بىلەلمەي يۈرگەن بىر قىسىم ئەزالار بار، ھە دىسىلا باشقۇرغۇچىلاردىن قۇسۇر تېپىپ، ئۆزىچە گۇمانلىنىپ ، ئۇلارنىڭ ئۇلىنى كولايدۇ ، زادى نىمىدىن نارازى ، كىمدىن نارازى دەپ سورىسا ئېنىق جاۋاپ يوق، كەچكىچە باشقۇرغۇچىلارنى ئىسلاھ قىلىش كىرەك، باشقۇرغۇچىلارنى رەتلەش كىرەك دەپ . بىزنىڭمۇ باشقۇرغۇچىلارنى تەيىنلەشتە ئۆزىمىزنىڭ بەلگىلىمىسى بار، باشقۇرغۇچىلارنى ئۇزۇن ۋاقىت كۆزىتىش ، پىكىرلىشىش ئارقىلىق تەيىنلەيمىز، ھەم شىركىتىمىزدە مەخسۇس ئادەم ئالاقىلىشىپ ئارخىۋى قالدۇرۇلىدۇ ، كۆپىنچە باشقۇرغۇچىلار شۇنداق جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتىدۇ . پەقەت سىزنىڭلا تىمىڭىزنى تەستىقلايدىغان ، سىزنىڭلا ئىنكاسىڭىزنى ئۈچۈرمەي، پۇخادىن چىقىرىدىغان، سىزنىڭلا تىمىڭىزنى باھالايدىغان باشقۇرغۇچى لازىممۇ ؟ ?"3t &
راس گەپ قىلغاندا باشقۇرغۇچىلىرىمىز يۇلۇقىۋاتقان بەزى ناھەقچىلىكلەرگە مەنمۇ قاراپ تۇرالمىدىم ، ئەمدى شۇنى دىگىم كىلىۋاتىدۇ، ئەگەر مۇنبىرىمىزنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن ، مۇنبىرىمىزدىن نارازى بولسىڭىز كىرمەڭ ، ھە دىسىلا بۇ يەردە جىدەل چىقىرىپ ، سېسىق گەپ قىلىپ ، خەقنىڭ ئۇلىنى كولاپ ئۆزىڭىزنى خوش قىلىشماڭ ، مۇشۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن بىر قانچە ياراملىق باشقۇرغۇچىمىز ئىستىپا بەردى ، ئەمدى مەخسىدىڭىزگە يىتىشتىڭىزمۇ ؟ "`K y"Kb
مەن بىر قىسىم چەكلەنگەن ئەزالار بىلەن شۇنداق ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ياخشى پىكىرلەشتىم ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەقىقەتەن گەپ ئۇقىدىغان ، ساپالىق كىشىلەر ئىكەن ، مەن تولىمۇ خوش بولدۇم، لىكىن بەزىلىرى قەتتىي جاۋاپمۇ قايتۇرمىدى، يەنە بەزىلىرى يەنىلا ئۆزىنىڭ گىپى ، ئېنىق گەپ يوق، قايسى باشقۇرغۇچى قانداق قىلدى ، جاۋاپ يوق . o/Or"?b
يېقىندىن بىرى بولۇنىۋاتقان بىر قىسىم تالاش - تارتىشلارنىڭ سەۋەبىنى بەزىلەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ تىما ياكى ئىنكاسنى ئىگىسىگە خەۋەر قىلمايلا ئۈچۈرىۋىتىشى دەپ چۈشەندۈردى، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇنبەر سېستىمىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ، باشقۇرغۇچى تىما ياكى ئىنكاسقا نىسبەتەن قىلغان ھەرقانداق مەشغۇلاتتا چوقۇم تىما ياكى ئىنكاس ئىگىسىگە قىسقا ئۇچۇردا مەجبۇرى خەۋەر قىلىش يولغا قۇيۇلدى ، ھازىرقى تالاش - تارتىش يەنە بېسىقماي ، بۇرۇنقى كونا خاماننى سورىشىپ ، بىر - بىرسىگە پاس چىقىرىشىپ ، يەنە قالايمىقانچىلىق كۈتۈرۈلۈپتۇ، ئەمدى قاراپ تۇرۇشقا ئىلاجسىزمىز، ياخشى گەپ تاشنى يارسىمۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئىرىتەلمىگەن چېغى. %1KSKC
گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى ، ئەمدى ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ مۇنبەردە قەستەن سۈركىلىش پەيدا قىلىدىغان ، نۇرمال تىمىلارنى بۇرمىلاپ، مەنىسىنى ئۆزگەرتىۋىتىدىغانلارغا يول يوق، باشقۇرغۇچىلار شۇنداق مۇناسىۋەتسىز تىما ياكى ئىنكاس كۆرسىلا ئۈچۈرسە بولىدۇ ، ئەگەر بۇنىڭدىن نارازى بولسىڭىز مۇنبەرگە كىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، سەلكىن يەنىلا كۆپ قىسىم قوللىغۇچىلىرىمىز ۋە ئەزالىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن نۇرمال كەيپىياتنى ساقلاپ كىتىۋىرىدۇ، بىرەر ئىككى ئادەمنىڭ مۇنبەر تۈگەشتى ، قالايمىقانلاشتى ... دەپ قويغانلىرىغا تۈگىشىدىغان ، قالايمىقانلىشىدغان ئىش يوق . بىز تېخىمۇ تىرىشىمىز، باشقۇرغۇچىلىرىمىز تىرىشىۋاتىدۇ . yPdD`w=Q
ئەگەر پىكىرىڭىز بولسا ماڭا قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق گەپنى ئۇچۇق قىلىڭ ، مەن ياپتا گەپنى چۈشەنمەيمەن، تەنە گەپ بىلەن ئەسلا خۇشۇم يوق، ئەڭ ياخشىسى ۋاقىتنى توغرا ئىشلارغا ئىسراپ قىلايلى . 18,omxo4$