« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ بەتتىكى تېما: سەلكىن مۇكاپاتلىق تەلەي يۇلتۇزى (44 - سان ) IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 1149 قېتىم كۆرۈلدى
گۈلسىما
تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى

گۈلسىمانىڭ ئالبۇمى كىرورەن بانكىسى VIP ئالتۇن كارتىسى
UID نۇمۇرى : 1593
نادىر تېما : 17
يازما سانى : 1699
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1699دانە
شۆھرەت: 2718 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 740 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2174 نۇمۇر
قوللاش: 1851 نومۇر
ئالقىش: 2185 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى :1026(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 سەلكىن مۇكاپاتلىق تەلەي يۇلتۇزى (44 - سان )

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما دوستۇم تەرپىدىن نادىردىن قالدۇرۇلدى(2008-04-22)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۈرمەتلىك سەلكىن ئەھلى!
ھەممىڭلارغا مۈنبەردىشىڭلار گۈلسىمادىن ئۇتلۇق سالام،تەبىئەت گۈل-چىچەك بىلەن بىزەلگەن بۈگۈنكىدەك چىرايلىق باھار كۈنلىرىدە ھەممىڭلارنىڭ تۇرمۇشىڭلارغا خوشاللىق،ئەزىز تىنىڭلارغا سالامەتلىك تىلەيمەن.
سەلكىن مۇكاپاتلىق «تەلەي يۇلتۇزى» نىڭ بۇ قىتىملىق تىما چىقىرىش پۈرسىتىنىڭ ماڭا نىسىپ بولغانلىقىدىن بەكمۇ خوشالمەن،بەكمۇ ئەتراپلىق چىقىرالمىساممۇ ھەر ھالدا سىلەر تاپالىغۇدەك سوئاللارنى چىقاردىم.
سوئاللارنىڭ ھەممىسىگە تولۇق جاۋاپ بىرەلىگەنلەر بىر دانە «موللا تاپقاق» مىدالى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
سوئاللارغا ئايرىم ئايرىم جاۋاپ بەرگەنلەر مۈنبەر پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ،ھەر بىر سوئالغا 300 «سەلكىن دوللىرى» مۇكاپات بىرىلىدۇ،سۇئاللارنىڭ ئۈلچەملىك جاۋاپلىرى كىيىنكى قىتىملىق تىما چىقىرىلىشتىن بۇرۇن ئىلان قىلىنىدۇ.
كىم ئەڭ تىز ھەم توغرا جاۋاپ بىرەلىسە مۇكاپات شۇنىڭكى،ئىككى ياكى بىر نەچچە كىشىنىڭ جاۋاپ بەرگەنلىرى ئىچىدە،ئەڭ ئاۋال جاۋاپ بەرگەنلەرنىڭ ئاساس قىلىنىدۇ،قىنى تىزدىن تەلىيىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ!



1-سوئال:ھىساپلاش سوئالى

كاتەكچىنىڭ ئىچىدىكى 5دىگەن سان ئۆزگەرمەيدۇ،قالغان كاتەكچىگە 1خانىلىق ساندىن يەنى 1دىن 9غىچە بولغان سانلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ،تۆت ئەمەلنى ئىشلىتىپ،ھەممە تەرەپتىن چىققان ساننىڭ نەتىجىسىنى (يەنى:ئاستى،ئۈستى،يان تەرەپلەرنىڭ يىغىندىسىنى)15كە تەڭ قىلالامسىز؟




2-سوئال:

دۈنياۋى مەشھۇر رومان «دىڭىز سەرگەردانى روبىنزۇن كىرۇزۇ» نىڭ ئاپتۇرى كىم؟ بۇ ئەسەردە قانداق ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ؟


3-سوئال: 

قاراخانىيلار خانلىقى قاچان كىم تەرىپىدىن قۇرۇلغان ؟



4-سوئال:

جىمسار پۈتۈمى قاچان،قەيەردە،كىملەر تەرىپىدىن ئىمزالانغان.قىسقىچە مەزمۇنىنى سۆزلەپ بېرىڭ!

5-سوئال:

مىكروسوفىتنىڭ تارىخىنى بىلەمسىز؟

6-سوئال:

گولدباخ قىياسى دىگەن نىمە؟ئۇنى يىشىپ چىققان كىشى كىم؟


7-سوئال:

چىرىيە ۋەقەسىنىڭ تارىخىنى بىلەمسىز؟


8-سوئال:

نىمشىھىت ئەرمىيا ئېلى سايرامىنىڭ تارىخىنى بىلەمسىز؟


9-سوئال:

2007-يىلى ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ زور ئۇتۇقلاردىن بەشنى دەپ بېرىڭ؛


10-سوئال:

سەلكىن فوندىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى،ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى بىلەمسىز؟




[ بۇ يازما گۈلسىما تەرپىدىن 2008-04-06 00:01 دە قايت ]
ياۋرۇپا لوڭقىسى
| ۋاقتى : 2008-04-05 23:55 [باش يازما]
قاراخانىيە
دەرىجىسى : *

قاراخانىيەنىڭ ئالبۇمى كىرورەن بانكىسى VIP ئالتۇن كارتىسى
UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە*دانە
شۆھرەت: * كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: * سوم
تۆھپە: * ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
قوللاش: 0 نومۇر
ئالقىش: 0 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 hg

hhhhhhhhhhhhhhhhhhhhhhhh
salkin-bbs
新疆 | ۋاقتى : 2008-04-06 00:03 1 -قەۋەت
تۈمەن
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا

تۈمەننىڭ ئالبۇمى
UID نۇمۇرى : 4314
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 405
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە405دانە
شۆھرەت: 446 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 2985 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 444 نۇمۇر
قوللاش: 397 نومۇر
ئالقىش: 427 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :158(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

1-سۇئالغا جاۋاپ
8      3      4
1      5      9
6      7    2
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • سەلكىن دوللىرى:+300(گۈلسىما) توغرا جاۋاپ ..
  • salkin-bbs
    مەيلى دەيتتىم گەپمۇ قىلمايتتىم،
    قارچۇغىنى قۇرغۇي دىسىڭىز.
    كۈلۈپ كەتتىم غىدىغىم كىلىپ،
    ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇرغۇي دىسىڭىز.
    | ۋاقتى : 2008-04-06 00:11 2 -قەۋەت
    تېنچلىق قۇشى
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك

    تېنچلىق قۇشىنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 66
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 3299
    ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3299دانە
    شۆھرەت: 2129 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 213452 سوم
    تۆھپە: 20 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3661 نۇمۇر
    قوللاش: 3308 نومۇر
    ئالقىش: 2857 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :831(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    قاراخانىيلار خانلىقى قاچان كىم تەرىپىدىن قۇرۇلغان ؟
    قاراخانىيلار خانلىقى -ئۇرخۇن دەريا ۋادىسىدىن غەرىپكە كۆچكەن ئۇيغۇر ياغما قەبىلىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان مەشھور خانلىق بولۇپ ،9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىدىن 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە 300يىلدىن كۆپرەك ھۆكۈم سۈرگەن .قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلىپ شەرىقتە ئاقسۇدىن غەرىپتە ئامۇ دەرياسى ۋە سىر دەرياسى ۋادىلىرىغىچە شىمالدا ئالتاي تاغلىرىدىن جەنۇپتا قارا قۇرۇم تاغلىرىغىچە بولغان كەڭ رايۇنلارنى باشقۇرغان .بۇ خانلىق دەۋىردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرۈك قوۋمىلار پەيدىنپەي ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ،ئىسلام مەدەنىيەت دائىرىسىگەكىرگەن .بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر جەمىيىتىدە 'ئۇيغۇر ئىسلام مەدىنىيەت 'نىڭ تەرەقىياتى باشلىنىپ ،تارىختىكى ئۇيغۇر مەدىنىيىتى مەزمۇنۋە شەكىل جەھەتتىن تولۇقلانغان .
    شۇڭا قاراخانىيلار سۇلالىسى پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا موھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
    تۆۋەندە قاراخانىيلار خاقانلىرىنىڭ قىسقىچە نەسەپنامىسىنى سۇنۇپ ئۆتۈمەن :
    1.بىلگە كۆل قادىرخان
    880-يىلى ياغما قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى بىلگە كۆل قادىخان بالاساغۇن شەھىرىنى پايتەخىت قىلىپ،قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئاساسىنى تۇاغۇزغان ،ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولغان .تارىخىي ماتىرياللاردا تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان توغىرسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق .
    2.بازىر ئارىسلانخان
    ئۇ بىلگە كۆل قادىرخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن تەخىتكە چىققان . 914-يىلى ۋاپات بولغان .
    3.ئوغۇلچاق بۇغراخان
    915-يىلىدىن 932-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. 932-يىلى ۋاپات بولغان .
    4.ساتۇق بۇغراخان
    قاراخانىيلار تارىخىدىكى تۇنجى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان خاقان ،ئۇ 933-يىلىدىن 955-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان .
    ئۇ تەخىتكە چىقىپلا دۆلەت دىنىنى ئىسلام دىنى قىلغان.ئۇ 955-يىلى ئاتۇشنىڭ سۇغۇندا ۋاپات بولغان ،ئۇ ئۆلگەندە 37مىڭ
    مۇسۇلمان كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ئۇنى ئاتۇشنىڭ مەھشەتكە دەپنە قىلغان.

    5.مۇسا تېكىن
    ئۇ 956يىلىدىن 992-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. ئۇ 992-يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان .ئاتۇشنىڭ ئازغان يېزىسىغا دەپنە
    قىلىنغان.
    6.ھارۇن بۇغراخان
    993يىلىدىن 998-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان.998-يىلى سامانىيلار سۇلالىسى بىلەن بولغان جەڭدەيارلىنىپ ،يول ئۈستىدە
    ۋاپات بولغان.
    7.تۇغانخان
    999-يىلىدىن 1018-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇغان. 1018-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
    8.مەنسۇر ئارىسلانخان
    1019-يىلىدىن 1024-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. 1024-يىلى تەخىتنى يۈسۈپ قادىرخانغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن.
    9.يۈسۈپ قادىرخان
    ئۇ قاراخانىيلار سۇلالىسىدىكى ئەڭ باتۇرھەم ئىستىداتلىق كىشى.تارىختا'مەلىكۇل مەشرىق '(شەرىق پادىشاھى)دەپ ئاتالغان.
    1025-يىلىدىن1032-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان .1032-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان ،جەسىتى بۇۋىسى ساتۇق
    بۇغراخاننىڭ بېشىغا قويۇلغان.

    10.سۇلايمان ئارىسلانخان
    1032-يىلىدىن 1056-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. 1056-يىلى بىر قېتىملىق جەڭدە مەغلۇپ بولغان ھەمدە ئۆلتۈرۈلگەن.
    11.مۇھەممەت بىننى يۈسۈپ
    1056-يىلىدىن 1058-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. ئۇ مەھمۇت قەشقىرىينىڭ ئاتىسى ،ئۇ ئاران 15ئاي خاقان بولۇپ تەخىتنى 1058-يىلى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىنگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن.
    12.ئىبراھىم بىننى مۇھەممەت
    1058-يىلىدىن 1059-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. 1058-يىلى ئانىسىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن سىياسىي ئۆزگۈرۈش قوزغاپ ئاتىسى ،ئاكىسى ۋە باشقا ئوردا ئەمەلدارلىرىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن ۋە تەخىتنى تاتىۋالغان.1059-يىلى بارىسخان
    شەھىرىنىڭ ئەمرى ئىنال تېكىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
    13.مەھمۇت بىننى يۈسۈپ
    1059-يىلىدىن 1074-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. 1074-يىلى ۋاپات بولغان.

    14.ئۆمەر بىننى مەھمۇت
    ئۇ ئاران 2 ئايلا تەخىتتە ئولتۇرغان. تەخىت بىننى سۇلايمان تەرىپىدىن تارتىۋىلىنغان.
    15.ھەسەن بىننى سۇلايمان
    1075-يىلدىن 1102-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. ئۇ مائارىپ -مەدەنىيەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن.قەشقەردە مىسلىسىز گۈللىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كېلىپ 'قۇتاتقۇ بىلىك' 'قەشقەر تارىخى' غا ئوخشاش مەشھۇر ئەسەرلەر يېزىلغان.يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ئۆز ئەسىرىنى مۇشۇ خانغاتەقتىم قىلغان.
    16.ئەھمەت بىننى ھەسەن
    1103-يىلىدىن 1128-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. 1128-يىلى ۋاپات بولغان.
    17.ئىبراھىم بىننى ئەھمەت
    1129-يىلىدىن1158-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. 1158-يىلى ۋاپات بولغان.
    18.مۇھەممەت بىننى ئىبراھىم
    1159-يىلى شەرقى قاراخىانىيلارنىڭ خىاقانلىق تەختىگە چىققان.تارىخىي ماتىرياللاردا تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان توغىرسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق .
    19.مۇھەممەت بىننى يۈسۈپ
    1204-يىلىدىن 1211-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان.1211-يىلى يەرلىك ئاقسۈڭەكلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
    20.مۇھەممەت
    1211-يىلى تەخىتكە چىققان.

    ئاخىرقى سۆز:
    ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ،قاراخانىيلار سۇلالىسىدا ئىلگىرى -ئاخىرى بولۇپ 20خاقان (بۇنىڭ ئىچىدە غەربى قاراخانىيلار تامغاچ خاقانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا )تەخىتتە ئولتۇرغان بولۇپ ئۇلار ھۆكۈمراللىق قىلغان مەزگىللەردە خانلىقتا
    چوڭ -كىچىك نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەر يۈزبەرگەن . ئۇ خىاقانلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇش قاراخانىيلارنىڭ جۈملىدىن ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ بىر پۈتۈن تارىخىنى تەتقىت قىلىشتا مۇ ئەييەن ئەھمىيەتكە ئېگە.

    (غەربىي يۇرت تارىخىمىزدىكى خاقانلار)دىن نەقىل

    مەنبە بىلىك تور بېتى !
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • سەلكىن دوللىرى:+300(گۈلسىما) توغرا جاۋاپ ..
  • bugra
    شـــەمشــــەر : ئۆزۇڭنى بىل ، ئۆزگىنى قوي !
    كۇلۇشنى بىلگەن ئادەم ، يىغلاشنىمۇ ئۇنتىماسلىقى كېرەك!
    كالىنىڭ بېىشغا كەلگەن كۇن موزاينىڭمۇ بېشىغا كېلىدۇ!
    بىلىپ سۆي تاشلىما ، بىلىپ تاشلا قوغلاشما ...............!
    ئادەم ئاخىرى ئۆز قولىدا ئۆلىدۇ ............................!
    ئاتىلار روھى قورىنمىسۇن ... !
    | ۋاقتى : 2008-04-06 00:13 3 -قەۋەت
    تۈمەن
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا

    تۈمەننىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 4314
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 405
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە405دانە
    شۆھرەت: 446 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 2985 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 444 نۇمۇر
    قوللاش: 397 نومۇر
    ئالقىش: 427 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :158(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    3-سۇئال
    9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار قەبىلىسىدىن بولغان ساتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار خانلىقىغا ئاساس سالغان.
    bugra
    مەيلى دەيتتىم گەپمۇ قىلمايتتىم،
    قارچۇغىنى قۇرغۇي دىسىڭىز.
    كۈلۈپ كەتتىم غىدىغىم كىلىپ،
    ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇرغۇي دىسىڭىز.
    | ۋاقتى : 2008-04-06 00:19 4 -قەۋەت
    تېنچلىق قۇشى
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك

    تېنچلىق قۇشىنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 66
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 3299
    ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3299دانە
    شۆھرەت: 2129 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 213452 سوم
    تۆھپە: 20 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3661 نۇمۇر
    قوللاش: 3308 نومۇر
    ئالقىش: 2857 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :831(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    شائىر نىم شېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامىنىڭ تارىخىنى بىلەمسىز؟

    شائىر نىم شېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامى 1906-يىلى باي ناھىيىسىنىڭ سايرام يېزىسىغا قاراشلىق تېزەك قاغا كەنتىدە، ئېلى ئاخۇن ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇ ئېلى ئاخۇننىڭ ئوتتۇرانچى ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭدىن كىچىكى ئابدۇقادىر ئېلى ئىدى. شائىرنىڭ بۇ ئىنىسىمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن مائارىپچى بولۇپ، 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئوت يۈرەك ئىنقىلابچى شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىر قاتاردا گومىنداڭچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرىلىدۇ.

    ئارمىيە ئېلى خەت ساۋاتىنى ئۆز يېزىسىدىكى دىنىي مەكتەپتە چىقىرىدۇ. 1922-يىلىدىن 1930-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇ بىلىم ئىزلەپ باي ۋە كۇچار ناھىيىلىرىنىڭ مەدرىسلىرىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1930-يىلى ئۇنىڭ خەلق قوشاقلىرى رېتىمى ۋە شەكلى ۋە شەكلى بىلەن «بازار ۋە مازار» ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمى دوستلىرى ھەم خەلق ئىچىدە يازما ھالدا كەڭ تارقىلىدۇ. كېيىن شائىر بىلەم ئىزلەپ قەشقەرگە بېرىپ، خانلىق مەدرىسەگە ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئۇ بۇ يەردە تىرىشىپ ئوقۇيدۇ ۋە پەلسەپىۋى پىكىرگە باي «مادارا ئەئزەم» (چوڭ ياراشتۇرۇش) ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بۇ توپلامدا شۇ چاغدىكى مىللىي تۈزۈم ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ بەزى تەرەپلىرى (ئاساسەن بايلىق بىلەن كەمبەغەللىكنىڭ پەرقى ۋە مەنبەلىرى) خېلى گەۋدىلىك ئېچىپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شائىر «ئەنۋارۇلھۇدا» (ھەقىقەت نۇرلىرى) ناملىق ئىشقى قەسىدىنى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. توپلام 100بەت ئەتراپىدا بولۇپ، كېيىنكى كۈنلەردە شائىرنىڭ قولىدىكىلىرى گومىنداڭچىلار تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

    1933-يىلى قەشقەردە خەق قوزغىلاڭچىلىرى سېپىدە بولغان شائىر ئۇرۇشتا يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا يېېتىپ قالىدۇ. ئۇ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن نىم شېھىت (يېرىم جان) دېگەن ئاتالغۇنى ئەدەبىي تەخەللۇس قىلىپ قوللىنىدۇ. بۇ چاغلاردا ئۇنىڭ تېنى ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكتىن قەشقەردىن بايغا قايتىپ كېلىپ، باي ناھىيىسىنىڭ قېرىيە دېگەن تاغلىق كەنتىدە، يېڭىدىن قۇرۇلغان باشلانغۇچ مەكتەپتە مۇئەللىمچىلىك قىلىدۇ.

    1936-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئويۇشمىسى «ئاقسۇ ئۇچۇرى» ناملىق گېزىت چىقارغاندا نىم شېھىت شۇ گېزىتنىڭ مۇھەررىرلىك خىزمىتىگە يۆتكەپ كېلىنىدۇ. ئۇ 1945-يىلىغىچە بولغان ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە شۇ گېزىتنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىرىدىن بىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1943-يىلى 9-ئايدا شائىر ئاقسۇ گېزىتخانىسىغا گومىنداڭچىلار تەرىپىدىن سۈرگۈن ھېسابىدا يۆتكىلىپ بارغان ئوت يۈرەك ئىنقىلابىي شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن تونۇشىدۇ. ئۇلار بۇرۇن گېزىت يۈزىدىلا بىر - بىرى بىلەن تونۇشقان بولسا، ئەمدى خىزمەتداش، سەپداش بولۇپ ئاكا - ئۇكىلاردەك چىقىشىپ، قېرىنداشلاردەك ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ بىللە ئىشلەيدۇ.

    شېئىرلىرىدا يېڭى - يېڭى پىكىر، ئىلغار مەزمۇنلارنى ئىپادىلەپ بەرگەن شائىر ئەرمىيە ئېلى سايرامى بۇ مەزگىللەردە رىۋايەت تەرىقىسىدە كەڭ تۈردە تارقىلىپ يۈرگەن «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات - شېرىن» داستانىنى يېزىپ ئاقسۇ گېزىتىدە ئېلان قىلىپ، كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. بۇ داستان ئۆزىگە ئۇيغۇر كىلاسسىك شائىرلىرىنىڭ داستانچىلىق شەكىل ۋە ئۇسلۇبلىرىنى ئۈلگە قىلغان. جانلىق خەلق تىلى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ بۇ داستانغا يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنى «نادىر ئەسەر» دەپ ئاتايدۇ.

    شائىر نىم شېھىت بۇ داستاندىن كېيىن، خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەتلەرنى يىغىپ ئۆگىنىپ يۇغۇرۇپ، «لەيلى - مەجنۇن» نى ئوپېرا قىلىپ يېزىپ سەھنىلەشتۈرىدۇ. بۇ ئەسەر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «غېرىپ - سەنەم»، «تاھىر - زۆھرە» ئوپېرالىرى بىلەن بىر قاتاردا ئاۋۋال ئاقسۇدا، كېيىن شۇ ۋىلايەت تەۋەسىدىكى بەزى ناھىيىلەرنىڭ سەھنىلىرىدە ئويلىنىدۇ. شۇنىڭغا ئۇلاپلا «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات - شېرىن» داستانىنى سەھنىلەشتۈرۈشكە كىرىشىدۇ. بىراق، شائىر ئېغىر ئۆپكە ۋە مېڭە ئاغرىقىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، دوستلىرى ئۇنى شۇ چاغدىكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتكەندە، باش دوختۇر داۋالاشتىن باش تارتىپ، «بۇ ئادەمنىڭ كېسىلى ئېغىر، قىرىق كۈنگە يەتمەي ئۆلىدۇ، بۇنى دەرھال ئۇرۇق - تۇققانلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار!» دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاقسۇ گېزىتخانىسى داۋالىنىشتىكى چىقىمدىن قېچىپ، شائىر نىم شېھىتنى ئىشتىن بوشىتىۋىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شائىر قولىدا بار مال - مۈلكىنى سېتىپ، ئۇنىڭ پۇلىغا ھارۋا كىرا قىلىپ، 1945-يىلىنىڭ ماي سېتىپ، ئۇنىڭ پۇلىغا ھارۋا كىرا قىلىپ، 1945-يىلىنىڭ ماي كۈنلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى تىزەك قاغاغا قايتىپ كېلىدۇ.

    1945-يىلى 8-ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قوراللىق قىسىملىرى بۇيرۇققا بىنائەن ئىلىغا قايتقاندا، شائىرمۇ قولىغا ئالغان مىلتىقى بىلەن قەلىمىنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا قوشۇلۇپ غۇلجىغا چىقىپ كېتىدۇ. ئۇ غۇلجىدا مىللىي قوشۇن باش قوماندانى شىتاب تەشكىل قىلغان تارىخ يېزىش ئىشخانىسىدا ئىشلەيدۇ. ئىلى، چۆچەك ئەتراپىدا ئۇرۇش بولغان يەرلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، خەلق قەھرىمانلىرى ۋە باشقا ۋەقەشۇناس كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىپ، شۇ يەرلەردە بولغان خەلق ئۇرۇشى ھەققىدە ناھايىتى نۇرغۇن خام ماتېرىياللارنى توپلايدۇ ۋە رەتلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا داۋاملىق شېئىر ۋە ماقالىلار يېزىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىدۇ.

    1948-يىلى ئىلىدا «شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» قۇرۇلغاندا شائىر بۇ ئىتتىپاقنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ئۇنىڭ نەشرى ئەپكارى بولغان «ئىتتىپاق» ژورنىلى تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلەيدۇ ۋە «پەرھاد - شېرىن» داستانىنى قايتىدىن تولۇقلاپ يېزىپ چىقىپ، «ئىلى گېزىتى» دە ئېلان قىلىدۇ. كېيىن ئۇنى يازغۇچى زۇنۇن قادىرنىڭ تەشەببۇسى ۋى ئۆزىنىڭ خىراجىتى بىلەن ئايرىم كىتابچە قىلىپ، 3مىڭ نۇسخا باستۇرۇپ تارقىتىدۇ. ئارقىدىنلا «لەيلى - مەجنۇن» ۋە «پەرھات - شېرىن» نى قايتىدىن ئوپېرالاشتۇرۇپ ئىشلەپ، ئىلى سەھنىسىدە ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىدۇ. «يىلان مۈڭگۈزى»، «رەممال» قاتارلىق خەلق چۆچەكلىرىنى توپلاپ ئېلان قىلىدۇ.

    شائىر 1952-يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆلكىلىپ ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ خەلق ۋەكىللەر كونفېرىنىسىيىسىگە ۋەكىل بولۇپ قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق تۈردە ئۆلكىلىك ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىلى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولىدۇ. 1957-يىلى مايدا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنىدۇ.«تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» زورلۇق - زومبۇلۇق قىلغان يىللاردىمۇ مەشھۇر شائىر قەلىمىنى تاشلىمايدۇ، بەلكى زور غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، «يۈسۈپ - زىلەيخا» داستانى «گۆر ئاغزىدىن يانغاندا» دېگەن شېئىرىي رومان ۋە كۆپلىگەن رۇبائىيلارنى يازىدۇ. لېكىن، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ»نىڭ دەھشەتلىك زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، 1972-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ۋاپات بولىدۇ.

    1979-يىلى 3-ئايدا شائىر ئاقلىنىپ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

    مەنبەسى : شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخىسلەر

    بىلىم ئىشقىدا!...

    جاھان رەنالىرى ئىچرە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار-يوق،
    بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان يار بولۇر، ئۇ گاھىدا بار-يوق.

    قارا قاشلىق تولۇن ئايلار ساڭا بىر نەچچە كۈن يولداش،
    ئەگەر سەن پۇلدىن ئايرىلساڭ سېنى تاشلايدۇ ھېچ ئار يوق.

    كىرىڭ نەپسىڭنىڭ كەينىگە، بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ،
    بېشىڭغا چۈشسە بىر كۈنلەر، ئۇ چاغدا سەن كەبى خار يوق.

    قۇلاق سالساڭ مۇھەببەت ئەھلىنىڭ پەريادى-ئاھىغا،
    يۇتۇپ زەرداپ پىراقتىن دات دېمەكتىن باشقىچە زار يوق.

    تەپەككۇر ئەيلىسەڭ ئىشقى ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ھەردەم،
    قاراڭغۇ دەر يورۇق دۇنيانى ھەم ئالەم كەبى تار يوق.

    يۈرۈپ مەنمۇ گۈزەل ئىزلەپ جاھالەتكە ئەسىر بولغان،
    خالايىق ئالدىدا يۈرسەم، مېنىڭدەك بەلكى ئەغيار يوق.

    ھاياتىمغا رەقىبلەر خاتىمە بەرمەكچى بولغاندا،
    قىلىپ تەۋبە بولۇپ ئازاد، دېدىم:
    - بۇ يولدا زىنھار يوق.

    پاراغەت ئىستىسەڭ ئەسلا بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتما!...
    سېنىڭ قەدرىڭنى ساقلاشتا بىلىمدەك ياخشى ھەمكار يوق.

    ھاياتلىقتا بىلىم قانداق كىشىنىڭ يولدىشى بولسا،
    قەيەرگە بارسا باش قاتماس بىلىمدەك ئاڭا غەمكار يوق.

    بىلىمسىز ساق تېنىنىڭ ھامان مەجرۇھلاردەك نالە-پەرياتتا،
    جاھان ئىچرە بىلىمسىز دىلىدەك ئەسكى بىمار يوق.

    بىلىمگە ئاشنا بولساڭ ئوقۇش ئىشقىدا بول، بۇلبۇل،
    ئۆگەنمەككە مائارىپ باغچىسىدەك ياخشى گۈلزار يوق.

    بۈكەڭ دۇنيانىڭ قانداق پۇچمىقىغا باش تىقىپ ياتساڭ،
    بىلىم تارتىپ چىقار مەيدانغا ھېچبىر كىمگە ئەخبار يوق.

    بىلىم روھى ئوزۇق ئىنسان ھاياتىغا ئەگەر بىلسەڭ،
    بىلىمنىڭ قەدرىنى بىلگەن ئۆلمەس بۇڭا ئىنكار يوق.

    چاپان ھۆرمەتلىرى ھېچ چاغ چاپاندىن ئايرىلىپ قالماس،
    كېتەر پۇلدىن يىغىلغان ھۆرمىتىڭ پۇل بىرلە ئەسرار يوق.

    چاپان بىرلە ئۆزۈڭنى پارقىراتساڭ بىر بوياقچىسەن،
    بىلىم ئەسىرلىرى بۈگۈن سىرلىق چاپانلارغا خېرىدار يوق.

    بۇلاردىن قولغا كەلگەن ئابرۇي جىنلار چۈشى ئوخشاش،
    خىيالى بۇ تىلەكتە سېنىڭدەك باخشىغا جىندار يوق.

    گۇمان قىلما پەلەكنى ھەرقاچان بەختىڭگە چۆرگىلىمەس،
    بۈگۈن باي، ئەتە سەندەك ھېچ گاداي يوق، بەلكى قەرزدار يوق.

    بىلىمدىن چەتتە كۆرگەن دۆلىتىڭ جاننىڭ جاپاسىدۇر،
    جاپا قىلماققا جېنىغا بىلىمسىزدەك زور سىتەمكار يوق.

    بىلىمدىن ھەممە ئىش مەيدانغا چىققان ئەسىرىدۇر بۇ،
    بىلىش لازىم بىلىمسىزگە بۇ ئەسىردە خېرىدار يوق.

    بىلىمدىن باتىنىڭ نۇرلانمىسا، كۆڭلۈڭ قاراڭغۇ تۈن،
    قۇياش نۇرىغا مۇنكىر شەپەرەڭلەرگە مەدەتكار يوق،

    زېمىننى توپ قىلىپ ئويناشنى سەن چاقچاق گۇمان قىلما!...
    ھەقىقەتتۇر بۈگۈن ھەرئىش، كەمەكتەك جادۇ-ھەييار يوق.

    ئەجەبلەنمە بولار كۆڭلى بىلىم نۇرىدا نۇرلانغان،
    شۇنىڭچۈن كۆكتە، سۇدا، تاغ، دېڭىزدا يۈرسە دىشۋار يوق.

    بىلىمدىن تاغنى باغ قىلىشتا ھېچقانداق جاپا كۆرمەس،
    ھەسرەتتىن قان يۇتاردا نادان كىشىلەردەك جاپاكار يوق.

    جاھىللار كۆڭلى تۈن ئوخشاش، ئۇنى پەرق ئەتكىلى بولماس،
    قارا تۈنگە شەپەرەڭدىن بۆلەك ئەسلا تەلەپكار يوق.

    ئۆزۈڭ ھەم «نېمشېھىت»بۇ پىكرىڭنىڭ تەستىقى قۇربان،
    بىلىمدىن يۈز ئۆرىگەندەك قاتتىق گۇناھكار يوق.
    1936-يىل فېۋرال، باي
    ئىزاھاتلار:
    باتىنىڭ-ئىچكى دۇنيانىڭ
    مۇنكىر-بۇيەردە ئۆچ قارشى، دېگەن مەنىدە
    كەمەك-قەدىمكى ئىران شاھلىرىدىن جەمشىتنىڭ ھەييارى.

    مەنبەسى : نېمشېھىت ئەسەرلىرى

    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • سەلكىن دوللىرى:+300(گۈلسىما) توغرا جاۋاپ
  • شـــەمشــــەر : ئۆزۇڭنى بىل ، ئۆزگىنى قوي !
    كۇلۇشنى بىلگەن ئادەم ، يىغلاشنىمۇ ئۇنتىماسلىقى كېرەك!
    كالىنىڭ بېىشغا كەلگەن كۇن موزاينىڭمۇ بېشىغا كېلىدۇ!
    بىلىپ سۆي تاشلىما ، بىلىپ تاشلا قوغلاشما ...............!
    ئادەم ئاخىرى ئۆز قولىدا ئۆلىدۇ ............................!
    ئاتىلار روھى قورىنمىسۇن ... !
    | ۋاقتى : 2008-04-06 00:28 5 -قەۋەت
    تۈمەن
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا

    تۈمەننىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 4314
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 405
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە405دانە
    شۆھرەت: 446 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 2985 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 444 نۇمۇر
    قوللاش: 397 نومۇر
    ئالقىش: 427 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :158(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    1912-يىلى 6-ئايدا چىرا يېزىسىدا چار روسىيەگە قارشى كۆرەش پارتىلغان.(ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بىلىدىكەنمەن.)
    kino
    مەيلى دەيتتىم گەپمۇ قىلمايتتىم،
    قارچۇغىنى قۇرغۇي دىسىڭىز.
    كۈلۈپ كەتتىم غىدىغىم كىلىپ،
    ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇرغۇي دىسىڭىز.
    | ۋاقتى : 2008-04-06 00:34 6 -قەۋەت
    زەينەپ
    كۈلۈپ ياشايمەن
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : سەلكىنداش

    زەينەپنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 2065
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1129
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1129دانە
    شۆھرەت: 1128 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 8199 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1259 نۇمۇر
    قوللاش: 1186 نومۇر
    ئالقىش: 1345 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: كۈلكە
    توردىكى ۋاقتى :600(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن جاۋاپ بىرەي دىگەن سۇئالارغا جاۋاپ بىرۋاپسىلەنغۇ 
    kino
    كۈلۈپ ياشايمەن
    | ۋاقتى : 2008-04-06 00:35 7 -قەۋەت
    ئاناقۇشئۇۋىسى
    sumrug ana uwisida
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالىي ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى

    ئاناقۇشئۇۋىسىنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 10208
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1224
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1224دانە
    شۆھرەت: 2921 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 9319 سوم
    تۆھپە: 221 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1370 نۇمۇر
    قوللاش: 1233 نومۇر
    ئالقىش: 1330 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئۇيغۇر
    توردىكى ۋاقتى :1320(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    دۈنياۋى مەشھۇر رومان «دىڭىز سەرگەردانى روبىنزۇن كىرۇزۇ» نىڭ ئاپتۇرى كىم؟ بۇ ئەسەردە قانداق ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ؟
    ئاپتۇر:داننىل.دگول!
    بۇ روماندا روبىنزۇن كىرۇزۇ نىڭ بىر قېتىملىق دېڭىز سەپىرىدە ھادىسىگە يولۇقۇپ،ئادىمىزاتسىز بىر كىچىك ئارالدا،يالغۇز  نەچچە يىلنى ئۆتكۆزگەنلىگىدەك ۋەقەلىكنى چۆرىدەپ،ئادەمنىڭ تىرىشىپ تەبىئەتنى بويسۇندۇرالىغانلىغۇدەك قەيسىرانە ،ئۈمۈدۋار،....روھى مەدىيلەنگەن!(تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى كىتاپخۇمار مەزگىللىرىم خاتىرىسىكەن،شۇڭا ئاددىيلا توختالدىم)
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • سەلكىن دوللىرى:+300(گۈلسىما) توغرا جاۋاپ
  • kino
    ئويلايدىغىنىم -------ھەر-بىر نەپەس ئۈچۈن سوراق بىرىمىز!!
    | ۋاقتى : 2008-04-06 00:47 8 -قەۋەت
    ئاناقۇشئۇۋىسى
    sumrug ana uwisida
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالىي ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى

    ئاناقۇشئۇۋىسىنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 10208
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1224
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1224دانە
    شۆھرەت: 2921 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 9319 سوم
    تۆھپە: 221 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1370 نۇمۇر
    قوللاش: 1233 نومۇر
    ئالقىش: 1330 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئۇيغۇر
    توردىكى ۋاقتى :1320(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    گولدباخ قىياسى دىگەن نىمە؟ئۇنى يىشىپ چىققان كىشى كىم؟
    گولدباخ قىياسى 0دىن چوڭ بولغان ھەرقانداق جۈپ سان ئىككى تۈپ ساننىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولىدۇ!
    ئۇ تېخىچە يىشىلمىدى!
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • سەلكىن دوللىرى:+300(گۈلسىما) tohra jawap
  • kino
    ئويلايدىغىنىم -------ھەر-بىر نەپەس ئۈچۈن سوراق بىرىمىز!!
    | ۋاقتى : 2008-04-06 00:54 9 -قەۋەت
    تېنچلىق قۇشى
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك

    تېنچلىق قۇشىنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 66
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 3299
    ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3299دانە
    شۆھرەت: 2129 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 213452 سوم
    تۆھپە: 20 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3661 نۇمۇر
    قوللاش: 3308 نومۇر
    ئالقىش: 2857 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :831(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مىكروسوفىتنىڭ تارىخىنى بىلەمسىز؟
    مىكروسوفىت شىرىكىتى 1975-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۇنى قۇرۇلغان .1981-يىلىدىن باشلاپ ئاندىن رەسمى شىرىكەت بولۇپ شەكىللەنگەن .شۇ يىلى IBMشىرىكىتىگە كومپىيوتىر مەشغۇلات سېتىمىسىMS.DOS.1.0ياساپ بەرىگەن .1986-يىلىدىن باشلاپ پاي چېكىنى بازارغا سېلىشقا باشلىغان .1990-يىلى تۇنجى قېتىم سۇرەتلىك بولغان ئېكران يۇزلۇك سېتىما WinDows3.0بازارغا سالغان .1995-يىلى WinDows95نى بازارغا سېلىپ چوڭ پايدىغا ئېرىشكەن . شۇنىڭدىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن 1998-يىلى WinDows98نى ، 2000-يىلى WinDows2000نى ، 2001-يىلى WinDows XPنى بازارغا سالغان . ھازىرقى ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتى Windows vista sp1

    مىكروسوفىت شىرىكىتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تىجارىتى مەشخۇلات سېستىمىسى ۋە يۇمشاق دېتال ياساش بولۇپ ، يۇمشاق دېتال ساھاسىدە ئەڭ مۇھىم ھالىقىلىق بولغىنى Ofiice ، مىكروسوفىت شىركىتنىڭ ھازىرقى ئىشلەيدىغان ئىشچى خىزمەتچىلىرى 50مىڭدىن ئاشىدۇ ، 60نەچچە دۆلەتتە شىركىتى بار .
    [ بۇ يازما گۆشگىردە تەرپىدىن 2008-04-06 01:18 دە قاي ]
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • سەلكىن دوللىرى:+300(گۈلسىما) tohra jawap
  • kino
    شـــەمشــــەر : ئۆزۇڭنى بىل ، ئۆزگىنى قوي !
    كۇلۇشنى بىلگەن ئادەم ، يىغلاشنىمۇ ئۇنتىماسلىقى كېرەك!
    كالىنىڭ بېىشغا كەلگەن كۇن موزاينىڭمۇ بېشىغا كېلىدۇ!
    بىلىپ سۆي تاشلىما ، بىلىپ تاشلا قوغلاشما ...............!
    ئادەم ئاخىرى ئۆز قولىدا ئۆلىدۇ ............................!
    ئاتىلار روھى قورىنمىسۇن ... !
    | ۋاقتى : 2008-04-06 01:03 10 -قەۋەت
    .ۋەتەن.
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز

    .ۋەتەن.نىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 12111
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 13
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە13دانە
    شۆھرەت: 13 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 465 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 13 نۇمۇر
    قوللاش: 13 نومۇر
    ئالقىش: 13 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :20(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-11
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     


    2-سوئال: دۈنياۋى مەشھۇر رومان «دىڭىز سەرگەردانى روبىنزۇن كىرۇزۇ» نىڭ ئاپتۇرى كىم؟ بۇ ئەسەردە قانداق ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ؟
    «دىڭىز سەرگەردانى روبىنزۇن كىرۇزۇ» نىڭ ئاپتۇرى دەنيەل.دىفو(Daniel. Defoe)  ئەنگىلىيەلىك،1660-يىلى تۇغۇلۇپ1731-يىلى4-ئاينىڭ24-كۇنى ۋاپات بولغان.روماندا دىڭىز ھادىسىسىدە ھايات قالغان بىر دىڭىزچىنىڭ ئادەمىزات يوق قاقاس ئارالدا ئۆزى يالغۇز ، تەبىئەتنىڭ نۇرغۇنلىغان  خىيىم-خەتەرلىرىنى يېڭىپ ،ئاخىرىدا ۋەتىنى ئەنگىلىيەگە قايتىپ بارغانلىق ھىكايىسى سۆزلىنىدۇ.
    [ بۇ يازما گۆشگىردە تەرپىدىن 2008-04-06 01:19 دە قاي ]
    kino
    مەيلى قايسى تىلدا زوق ئالسۇن ھەركىم
    مىنىڭ ئۆز تىلمغا مىڭ جېنىم پىدا...
    ئەگەر ئانا تىلىم يوقالسا ئەتە ،
    مەن بولاي بۈگۈنلا جېنىمدىن جۇدا .........
    | ۋاقتى : 2008-04-06 01:09 11 -قەۋەت
    ئاناقۇشئۇۋىسى
    sumrug ana uwisida
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالىي ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى

    ئاناقۇشئۇۋىسىنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 10208
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1224
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1224دانە
    شۆھرەت: 2921 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 9319 سوم
    تۆھپە: 221 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1370 نۇمۇر
    قوللاش: 1233 نومۇر
    ئالقىش: 1330 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئۇيغۇر
    توردىكى ۋاقتى :1320(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    چىرىيە ۋەقەسىى توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىم ئۆلچەملىك جاۋاپ بولۇشقا توشمايدىكەن،ئېنىق يىلنامىلەر،كىشى ئىسىملىرى ئىسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كىتىپتۇ،ماتىرياللىرىم تېخى يوق !ئەپسۇسلاندىم........(مەن تەركان خوتۇنغا كىرىشىپ ئولتۇرۇپ،تىنىچلىق قۇشىغا نۇرغۇن پۇرسەت بىرىپتىمەن  ئەمەسمۇ؟ھىچ بولمىغاندا قاراخانىيلار تارىخىنى بولسىمۇ ...مەن دىسەم بولاتتى ئەسلىدە!...) 
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • سەلكىن دوللىرى:+300(تېنچىلىق قۇشى) تەركەن خاتۇن ..
  • kino
    ئويلايدىغىنىم -------ھەر-بىر نەپەس ئۈچۈن سوراق بىرىمىز!!
    | ۋاقتى : 2008-04-06 01:12 12 -قەۋەت
    .ۋەتەن.
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز

    .ۋەتەن.نىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 12111
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 13
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە13دانە
    شۆھرەت: 13 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 465 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 13 نۇمۇر
    قوللاش: 13 نومۇر
    ئالقىش: 13 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :20(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-11
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    كەچۇرۇڭ يۇقۇرىدىكى جاۋاپنىڭ خەنزۇچىسىنى ئۆچۇرۇۋىتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،خەنزۇچىسىنى ئۆچۇرۇۋەتكەن بولسىڭىز.
    kino
    مەيلى قايسى تىلدا زوق ئالسۇن ھەركىم
    مىنىڭ ئۆز تىلمغا مىڭ جېنىم پىدا...
    ئەگەر ئانا تىلىم يوقالسا ئەتە ،
    مەن بولاي بۈگۈنلا جېنىمدىن جۇدا .........
    | ۋاقتى : 2008-04-06 01:15 13 -قەۋەت
    سەۋۈگ
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز

    سەۋۈگنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 11572
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 62
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە62دانە
    شۆھرەت: 62 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 595 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 91 نۇمۇر
    قوللاش: 76 نومۇر
    ئالقىش: 130 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :13(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-11
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

      مەن بىلىدىغان سۇئالدىن بىرسى بار ئكەن .....
          ئەپسۇس سۇئاللارغا باشقىلار چاققان چىكىتىپتۇ !!
    ئاشىق
    | ۋاقتى : 2008-04-06 01:23 14 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    سەلكىن تورى » سەلكىن تەلەي يۇلتۇزى
    

    سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

         سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

    سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
    مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-8553838، 13609981040

    Time now is:06-14 11:16, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation