« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: ئېرىنمىسىڭىز ئوقۇپ كۆرۈڭ ~! IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 3701 قېتىم كۆرۈلدى
گۇلبەشىكەر
تاتلىقىم !
ئىجاتچان ئەزا ئالىي ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

گۇلبەشىكەرنىڭ ئالبۇمى
UID نۇمۇرى : 2399
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 2236
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2236دانە
شۆھرەت: 3323 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 28429 سوم
تۆھپە: 193 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2758 نۇمۇر
قوللاش: 2489 نومۇر
ئالقىش: 3269 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :199(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-12
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ئېرىنمىسىڭىز ئوقۇپ كۆرۈڭ ~!

1
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئۇيغۇرئاي تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-04-02)
>|iuw3;|[  
تارىخ دەرسى VtyS&c  
كېچە. ئەتراپ دىمىق ۋە بۇرۇقتۇرۇم. ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگىلى بىر يىل بولغان ئۈمىد نېمىنىدۇر ئويلانغان ھالدا ئەسلىمە يېزىۋاتقان دادىسىنىڭ يېنىغا كىردى. $3,3#qE]  
--- دادا، --- دەپ ئاستا توۋلىدى ئۈمىد. uhJ=bufSs>  
سەئىدۇللايوف ئەپەندى ئوغلىغا بۇرۇلۇپ قارىدى. ئۇنىڭ قورۇق بېسىپ كەتكەن قاتاڭغۇر چىرايى ئۈستەل چىرىغىنىڭ ئانچە كۈچلۈك بولمىغان يورۇقىدا سۈرلۈك كۆرۈنەتتى. ybBxYe=  
---دادا، ئوخشاش بىر ئادەمنى ھەرخىل كىتابلاردا ھەرخىل باھالاپ يېزىشىدىكەن، ھەتتا بىر ئادەمگە بۇرۇن بېرىلگەن باھا بىلەن ھازىر بېرىلگەن باھا بىر - بىرىگە پۈتۈنلەي زىت كېلىدىكەن. ھېچ بىلەلمىدىم، زادى تارىخ دېگەن قانداق نەرسە؟ /ULB)J5V$$  
سەئىدۇللايوف ئەپەندى غىل - پال كۈلۈمسىرەپ قويدى. بەلكىم بۇ سوئال بىرئاز ئۇشتۇمتۇت تۇيۇلغان بولسا كېرەك، ئۇ بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى. دەرۋەقە، قېلىن تۇمان ئارقىسىدا تاشلىنىپ ياتقان جىلۋىدار ئۆتمۈشنى دەرھاللا يەكۈنلەپ بىر نېمە دېيىش ئاسان ئەمەس. = !,<xzL'  
مانا، مېنىڭ ئۆزۈممۇ بىر تارىخ، بۇ تارىخ ئۆزۈمدىن بۇرۇنقى ۋە ئۆزۈمدىن تاشقىرى تارىخلارنىڭ مەھسۇلى، ئەمما بۇ تارىخنى قانداق تىلدا سۆزلەشنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەسىلە، ئۇنى ئوقۇش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر لۇغەت كېتىدۇ. D{ZVk)2.n2  
سەئىدۇللايوف ئەپەندى تۇرۇپ قالدى. ئۈمىد جاۋابنىڭ شۇنداق ئاخىرلىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەندەك، ئۇلاپلا سورىدى: PzU_Z~I  
---ئۇ قانداق لۇغەت، دادا؟ ---سەئىدۇللايوف ئەپەندى يەنە كۈلۈمسىرەپ قويدى، لېكىن بۇ كۈلكىنى بەھۇزۇر كۈلكە دېگىلى بولمايتتى. ئۇ ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمەلىي سەرگۈزەشتسى، يەنى جاراھىتى، تېڭىرقىشى، ئالدىنىشى، غەزەپلىنىشى، قاتتىق ۋارقىرىشى، خىيال قىلىشى، بىئارام بولۇشى، تىت - تىت بولۇشى، قۇربان بېرىشى ئارقىلىق تۈزىدىغان لۇغەت، بۇ لۇغەت ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس بولىدۇ، ئۇنى باشقىلارغا ۋاكالىتەن تۈزۈپ بەرگىلى، نەشر قىلغىلى بولمايدۇ. تارىختىن ئىبارەت مۇرەككەپ كىتاب ئالدىدا ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە لايىق ئېلىپبەسى بولىدۇ. $#uA+ A  
---دېمەك، تارىخ ياراتمىغانلار تارىخنى تۈزۈك ئوقۇيالمايدىكەن - دە، شۇنداقمۇ، دادا؟ }w:REV=  
---توغرا دېدىڭ. c}](1dtH[  
---ئۇنداق بولسا، تارىخنى قانداق ئادەملەر يازىدۇ؟ ad^x-*Oj'  
---تارىخنى غالىبلار مەغلۇپلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ. ئەمما دۈمبىسىنى تۇتۇپ بەرمىگەنلەر مەغلۇپلاردىن ئەمەس. GGoca7qn:  
---بۇنى ئانچە چۈشىنەلمىدىم، دادا. Zxrc9obG  
---مەسىلەن، مېنىڭ ئىسمىممۇ بىر تارىخ، سەئىدۇللا دېگەن ئىسمىم مېنىڭ ئۆز - ئۆزۈمگە مەنسۇپ بولغان تارىخىم، ;يوف دېگەن قوشۇمچە سۆز بولسا مېنىڭ تارىخىمغا تېڭىلغان ئۆزگىچە تارىخ. مەن بۇنى ئۆز پېتى قويۇپ قويدۇم، چۈنكى ئەمەلىيەتنىڭ ئۆزىمۇ شۇنداق. جاھاندا غەيرىي كۈچلەرنىڭ تەسىرىدىن مۇتلەق خالىي تۇرالايدىغان تارىخنى مەن تېخى كۆرمىدىم. !3<< )oDp  
ئارىنى ئۇققىلى بولمايدىغان بىرخىل جىمجىتلىق قاپلىدى. بۇ يۇقىرىقى سۆھبەتنىڭ سىرلىق كۈچىدىنمۇ ياكى ھەر ئىككىسىنىڭ بىردەم سۈكۈت قىلىشىنى خالىغانلىقىدىن بولدىمۇ، ئىشقىلىپ، ئىبادەتكە ئوخشايدىغان دەقىقىلەر بىر پەس ھۆكۈم سۈردى. ئۈمىد جىمجىتلىقنى بۇزدى: i23O5AY_d  
---دادا، سىزنىڭچە، تارىخنى قانداق ئۇسۇلدا ئۆگەنسە بولىدۇ؟ Wk-~n%BW#  
---كۇتۇپخانا ۋە مۇزېيلارغا بېرىش، بۇمۇ تارىخ ئۆگىنىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى، لېكىن مەن ئۇنداق قىلمىدىم، مەن مىلتىق دېگەن نەرسىنى تۇتۇشنى، چۇۋۇپ قۇراشتۇرۇشنى ئۆگەنگەندىن كېيىنلا تارىخنى ئۆزۈمچە چۈشىنىپ قالدىم. مەسىلەن، بىر كونا پوپايكىنى چۇۋۇيالىساڭ بۇمۇ بىر تارىخ، لېكىن بۇ يېرىم - يارتا تارىخ بولۇپ قالىدۇ، ئۇنى چۇۋۇپ بولغاندىن كېيىن، دىتىڭگە لايىق كېلىدىغان بىر پوپايكا ياكى بىر پەلەي توقۇساڭ، مانا بۇنىڭ ئۆزى پۈتۈن تارىخ بولىدۇ. تارىخ ئوقۇش دېگەن ئاشۇنداق گەپ. ?hhx s?5u  
سەئىدۇللايوف ئەپەندى ئوغلىغا تىكىلىپ بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، بىر تال تاماكىنى ئاغزىغا سېلىپ تۇتاشتۇردى. ئۇ تاماكىنى قاتتىق بىر شوراپ، ئىسىنى ئۈستەل چىرىغىغا قارىتىپ پۈۋلىدى، چىراغ ئەتراپىدا خاتىرجەم ئويناۋاتقان بىرقانچە كۇمۇتا ھودۇققىنىدىن ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىشتى. u7~| GF;  
---مېنىڭ نۇرغۇن دوستلىرىم دالىلاردا ئۆلدى، ---دېدى سەئىدۇللايوف ئەپەندى تىترىگەن ئاۋازدا،--- بۇلارنىڭ جەسىتى قوتۇر لالما ئىتلارغا يەم بولمىدى، چۈنكى لالما ئىتلار كىشىلەر تۈگۈلۈپ يىغىلىۋالغان شەھەرلەردە ياشايدۇ، ئۇلاردا باياۋانغا بارالايدىغان تەبىئەت يوق. باياۋان دېگەن بۈركۈت، شۇڭقار، شىر، يولۋاسلارنىڭ ۋەتىنى، ئۇ يەردە تەمە دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، ئۇ يەردە باتۇرلۇق ۋە ھوشيارلىقتىن بىر دەقىقىمۇ ئايرىلماي ياشاشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ياشاش دېگەن رەھىمسىزلىكنىڭ گىردابىدا تۇرىدىغان نەرسە، رەھىمسىزلىك بار يەردە كۈرەش بولىدۇ. بەلكىم مېنىڭ دوستلىرىمنىڭ جەسىتى شىر، يولۋاس، بۆرىلەرگە، بۈركۈت، لاچىنلارغا ئوزۇق بولغاندۇ، ئۇلارنىڭ روھى بۇنى كۆرۈپ تېخىمۇ خۇرسەن بولغاندۇ. چۈنكى ئاشۇنداق باھادىر كىشىلەرنىڭ جەسىتى باھادىر جانلىقلارغا ئوزۇق بولۇپ، ئۇلارغا مەدەت بەرسە، شەرەپنىڭ ئۈستىگە شەرەپ ئەمەسمۇ!؟ مانا مەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، كۆرپىنىڭ ئۈستىدە جان بېرىدىغان ئوخشايمەن، لېكىن ئاللىبۇرۇن روھىمنى قۇتقۇزۇپ بولغان ئادەممەن. شۇڭا دوستلىرىم مېنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ، ئۇلار مېنىڭ كېيىنكى ھاياتىمنى كۆرۈپ تۇرغان بولغاچقا ئوبدان چۈشىنىدۇ. ھايات ئۇزۇنمۇ بولىدۇ، قىسقىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ئۆزىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋاقىتلارغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ھاياتىڭنىڭ ئاز - تولا ئەھمىيىتى بولسىلا، ئۇنىڭ ئۇزۇن - قىسقا بولۇشىنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق. Yj65#MT   
سەئىدۇللايوف ئەپەندى گېپىنى توختاتتى - دە، ئالدىدىكى ئۈستەلنىڭ تارتمىسىدىن بىر كارتۇچكىنى چىقىرىپ ئوغلىغا ئۇزاتتى ۋە شۇنداق دېدى: /adJ|mhgy  
---مانا بۇ مېنىڭ قەبرىنامەم، مەن ئاخىرقى بىر ئابزاسنىمۇ باشقىلارنىڭ قەلىمىگە قالدۇرۇشنى خالىمىدىم. پەرزەنتىم بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن سادىق بولىدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن. 3;nPCJ<`  
ئۈمىد كارتۇچكىغا قارىدى، ئۇنىڭدا شۇنداق يېزىلغانىدى:--بۇ يەردە ياتقان كىشىنىڭ ياخشى پىلانلىرى بار ئىدى، ئۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپمۇ باقتى. ئۇ ئاخىر مەغلۇپ بولۇشقا قىلچە تەن بەرمىگەن ھالدا كېتىپ قالدى. 2D+5QG2vQ  
9|TYoF!  
I]OU;9 \  
نېسىۋە ئۈچۈن f \P),F3:  
بەزىلەر ئۆزىنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئاز - تولا يەرلىرى بولسىلا ئۆزىنى قالتىس ھېسابلايدۇ، لېكىن ئاشۇ ئوخشىمايدىغان ئاز - تولا يەرلىرىنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قاڭشارلىق بولۇشمۇ ئالاھىدىلىك، پاناق بولۇشمۇ ئالاھىدىلىك. بويى ئېگىزلەر ئېگىزدىكى نەرسىلەرنى ئېلىشقا قولىنىڭ يېتىدىغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ، بېلىدە سۆڭىكى يوق ئەۋرىشىم كىشىلەر بولسا ئېگىزلەر مەغرۇرلۇقىدىن كۆرمەي قالغان ياكى چۈشۈپ قالغان نەرسىلەرنى ئالالايدىغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ. شۇنداق، جەمئىيىتىمىزدىن ھەركىم تەبىئىتىگە لايىق نېسىۋە ئالالايدۇ. 1o0jYH#t8  
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىزدە يات ئەللەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەر بولدى، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرەلمىگەنلەر يات ئەللەرنىڭ تۇرمۇش فىلىملىرىدىن رېژىسسورنىڭ كۆزى ئارقىلىق كۆرۈۋاتىدۇ. كىشىلەر ئومۇمەن ئۇنداق ئېرەمباغ لارنىڭ ئۆزىگە نېسىپ بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان دەرىجىدە ھەيران بولۇشتى. ھەيران بولغانلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىنى ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ مەيۈسلەنگەنلەر، خىيال سۈرگەنلەر، ئىزدەنگەنلەر، تەن بەرگەنلەر، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئىشەنگەنلەرمۇ بار بولدى، كىشىلەر ئاستا - ئاستا ئۆزىنىڭ غەمكىنلىكى ئۈچۈن دەۋا ئىزدەيدىغان بولدى، بەزىلەر تارىخنىڭ شۆھرەتلىك يىللىرىنى ۋاراقلاش بىلەن، بەزىلەر ئەجنەبىيلەرگە ئوخشىمايدىغان ئېسىل يەرلىرىنى ئىزدەش بىلەن تەسەللى تاپتى. بەزىلەر بولسا ھەممىنى ئىچىگە يۇتۇپ ياشاۋەردى. u+W:V5x  
تەقدىر ھەرقانچە رەھىمسىز، ھەرقانچە يۈزسىز بولسىمۇ، ئاز - تولا ئىنساپ بىلەن بەزى نەرسىلەرنى قالدۇرغانىكەن، ئىنشائاللا، ئېيتايلى دېسەك ناخشىمىز، چالايلى دېسەك سازىمىز، ئوينايلى دېسەك ئۇسسۇلىمىز بار. ھەر ھالدا ئەجدادلىرىمىز ئىنسان سۈپەتلىرى مۇنبىرىدىن ئالىدىغان بۈگۈنكى نېسىۋىمىز ئۈچۈن يېتەرلىك خەزىنە قالدۇرۇپتىكەن، يىللارنىڭ قارا بورانلىرى قانچىلىك يالماپ سۈپۈرمىسۇن، يەنىلا ئاساسىي ۋەزنىنى ساقلاپ قاپتۇ. بىز نوبېل مۇكاپاتىدەك دۇنياۋى شەرەپ مۇنبىرى ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەقلىي قۇۋۋەتنىڭ نەتىجىسى ۋە خۇشاللىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان چوڭ - كىچىك سورۇنلاردىن نېسىۋىمىزنى ئالالمايۋاتقان مۇشۇنداق سۇلغۇن دەۋردە بارلىق پەخرىمىز ۋە بىھۇشانە شادلىق خۇمارىمىزنى ئاتا - بوۋىمىزدىن قالغان ئاشۇ خەزىنىدىن تاپىدىغان بولدۇق. بالا ئۆزىنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ئەركىلەپ تۇرۇپ ھەر نېمىلەرنى قىلىدۇ، بۈگۈنكى مىراسخورلىرىمىز ئاتا - بوۋىسىدىن قالغان كىچىككىنە تەۋەرۈكنى ئۇيان تارتىپ - بۇيان تارتىپ تۈرلۈك نەرسىلەرگە ئوخشىتىپ باقتى، ئەسىرلىك قىسمەتلەر بىلەن ھەمنەپەس بولغان گۈزەل خەلق قوشاقلىرىنىڭ يېرىمى ئۇيان، يېرىمى بۇيان بولۇپ، ئاخىرىدا ھېچنېمىگە ئوخشىماي قالغىلى تاس قالدى. ھەيھات، كىشىلەر شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن تويلار ۋە بەزمىلەردىن ئاز - تولا لوقمىغا ئېرىشىدىغان بولدى. ئەسلىدىكى مىراسلار قانچىلىك بۇزۇلمىسۇن، بۇنى سۈرۈشتۈرۈدىغانلار بولمىدى. چۈنكى پەقەتلا كۈن ئۆتكۈزۈش دەۋرىمىز كىشىلىرىنىڭ ئاتالمىش جاھاندارچىلىق يولى. ھايات ھاقارەتلىك ئۆتسىمۇ، ئىككى كۆزۈڭ پارقىراپ تۇرسىلا بولىدىغان بولدى. P |xN$  
يېقىندىن بېرى، بەزى شىركەت - ماگىزىنلار ئىش باشلىسا، داقا - دۇمباقنى بىز چېلىپ بېرىدىغان بولدۇق. ئۇسسۇلنى تولا ئويناپ، دۇمباقنى تولا چېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ شۇ ئىشنى قىلىۋاتقانلىقىمىزنىمۇ سەزمەيدىغان بولۇپ كەتتۇق. بۇ خۇددى نەپەس ئېلىۋېتىپمۇ، نەپەس ئېلىۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك بىر ئىش. لېكىن نەپەس يولىمىزدىن چاتاق چىقسىلا دەرھال ئەسكە ئالىمىز، ھەتتا چارىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىمىز. SP9xIo  
جاھان ئەھلىنىڭ مەيلىنى تارتقۇدەك سەنئەتنى ياراتقان مىللەت تەقدىرنىڭ سىرى ۋە تەبىئەت پرىنسىپلىرىغا يۈرۈش قىلغۇدەك ئەقىل مۆجىزىلىرىنى يارىتىشقا قادىر بولالايدۇ. بىزدە زېمىن ۋە ئاسماننىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن ئۇلۇغبېكتەك ئاسترونوملار، مۇھەممەد مۇسا ئەل خارەزمدەك ماتېماتىكلار ئاللىبۇرۇن ئوتتۇرىغا چىققان. ئەگەر ئەجدادلاردىكى ئىجتىھات بىلەن پىكىر قىلىش ۋە ئويلىنىش روھىنى بۈگۈن ئۆزىمىزگە مۇقەددەس تەۋەرۈك دەپ بىلگەن بولساق، سەنئەتنى نېسىۋە ئىزدەشنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشىمىزنىڭ ئىجتىمائىي سەۋەبلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلغان بولاتتۇق. XWM}l a  
خۇدانىڭ گۈزەل ۋە ساغلام بەدەننى ئاتا قىلىشى ۋە ھەممە بايلىقنى ئاتا قىلىشىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئادەم مېڭىسى پىكىر قىلىش، ئويلىنىش ئۈچۈن يارالغان. كۆز، قۇلاق، پۇت، قول قاتارلىق باشقا ئەزالارمۇ ئۆزىگە لايىق قۇدرەتكە ئىگە. ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قەدىر - قىممىتىنى تونۇپ، مۇۋاپىق رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان بولسا، ئىنسان بالىسىغا نېمىلەر نېسىپ بولمايدۇ؟ ساغلام ۋۇجۇد ئاتا قىلغان خۇدا ئۇنى توغرا ئىشلەتكەن، ئۆز بەخت - سائادىتىنى ئىزدەش يولىدا سەرپ قىلغان بەندىسىدىن نۇسرىتىنى ئايارمۇ؟ LhRoXe"[  
سەنئەتنىڭ بولۇشى مەنىۋى بايلىقتىن دېرەك بېرىدۇ، لېكىن قىلچىمۇ ئىجادىيلىق بولمىغان ھالدا نېسىۋە ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ھەر تەرەپلىمە نامراتلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. I'G0pRra  
شۇنداقتىمۇ مەيدىمىزگە ئۇرۇپ قالتىس بولۇشنىڭ داۋاسىنى قىلىمىز. ھەقىقەتەن قالتىس. z?N*VuVO  
-!ZN0r|y  
sIdyC  
بۇرۇت كاشىلىسى k8*OcJ1x  
تارىخ ھامان تەدبىرلىك ئەدەملەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە مېھنەتكەش ئادەملەرنىڭ ئەمگىكى بىلەن ئىلگىرىلەپ كەلگەن. ئوت قارىماققا ئادەتتىكى نەرسىدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەتكە قەدەم قويۇشىنىڭ كاتتا بەلگىسى بولغانىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، مەدەنىيەت ھامان ئىنسانلارنىڭ ئۆز مەنپەئىتىگە پايدىلىق ۋاسىتىلەرنى ئىجاد قىلىش بىلەن بېيىپ كەلگەنىدى. ئەگەر قەدىمكى كىشىلەردە ئوت ھەققىدە مەلۇم ئۈنۈم قارىشى بولمىغان بولسا، ئەرشتىن ئوت ئوغرىلاپ قاتتىق جازالانغان پرومىتى ھەققىدىكى ئەپسانىمۇ توقۇلمىغان بولار ئىدى. مانا تا بۈگۈنكى دەۋرگىچە پرومىتى بۈيۈك تراگېدىيىلىك قەھرىمان سۈپىتىدە سەبىيلەر كۆڭلىگە ئوت يېقىپ كەلدى. =3a0$Uf~  
ھازىرقى كىشىلەر تېخىمۇ ئۈنۈمپەرەس بولۇپ كەتتى. ئۇلار ئۆز ۋۇجۇدىدا سېتىشقا ئەرزىيدىغان ھەممە نەرسىنى بازارغا يۈزلەندۈردى، ھەتتا بەزى مىللەتلەر ئۆزىنىڭ قەھرىمانلىرىنى سېتىپ خەجلىمەكتە. پەقەت قەھرىمان قالمىغاندا، بىراقلا ئەجدادىنى ھەم ئەۋلادىنى دو تىكىدۇ. قاراڭلار، ئۇلارغا! ئۇلار ئۆز ھاياتىغا باشقىلارنىڭ باھا قويۇپ بېرىشىنى كۈتۈپ، مال باھا ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا ئۆچرەتتە تۇرۇشماقتا. ئۇلار ئۆز يېنىدىكىلەرگە خىرىس بىلەن ھۈرپىيىشمەكتە. I6>F"E  
زامان تەرەققىي قىلغانسېرى تەدبىرنىڭمۇ تۈرى كۆپىيىپ كەتتى، مەيلى ئۇ قانچىلىك ئەخمىقانە، قانچىلىك تەسلىم تۇرانە بولمىسۇن، ئىشقىلىپ، جانغا ئارا تۇرىدىغان بولسا، بولدى. سېتىشمۇ بىر خىل تەدبىر، ئالداشمۇ بىرخىل تەدبىر، ھىجىيىشمۇ بىرخىل تەدبىر، يىغلاشمۇ بىرخىل تەدبىر، باشقىلارنى سولاپ بېرىشمۇ بىرخىل تەدبىر بوسۇغا ماراشمۇ بىرخىل تەدبىر... ۋاي، بەك تولا. l,D,Z,Pw>/  
ھەربىر تەدبىرنىڭ ئۆزىگە لايىق شەجەرىسى ۋە رىسالىسى بولىدىكەن. شۇنىڭ ئىچىدىن ئەدەپلىكرەك تۈس ئالغان بىرەرسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلار. nqBs lnlw  
مەلۇم بىر ناھىيىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۈچ - تۆت ئاي خىزمەتتە بولۇپ قالدىم، ئۆزۈم ئوقۇتقۇچى بولغاچقا، كۆرگەن - بىلگەنلىرىمۇ كۆپرەك مۇشۇ دائىرىدە بولدى. مەن تونۇيدىغان يۈسۈپ ئىسىملىك ياش بىر ئوقۇتقۇچى ناھايىتى خاپىسىرىغان ھالدا ئالدىمغا ئۇچرىدى. مەن ئۇنىڭدىن ; نېمە بولدىڭىز؟ دەپ سورىدىم. `NG5x-#  
--- ھەي، قارىمامسىز، دېدى ئۇ قاقشاپ، ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى ساقال - بۇرۇتىنى قىرماي يۈرگەن ئوقۇتقۇچىلارغا مائاش تارقاتماڭلار، دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپتىكەن، مائاشىمنى ئالالماي يېنىپ چىقتىم. pF"%Yy  
كۆزۈم ئۇنىڭ بۇرۇتىغا چۈشتى، ئەمما ساقاللىرى پاكىز قىرىلغانىدى. مەن ئەجەبلەنگەن ھالدا سورىدىم: W+g "8q  
--- بۇ نېمە قىلىق؟ ?Tp Z&{]R  
--- بۇ، پاكىز ۋە مەدەنىيەتلىك بولۇشنىڭ بەلگىسىمىش، تايىنلىق كۇسا مىللەت بولۇپ قالماپتىكەنمىز. ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا سىرتقا قاراپ ماڭدى. ئۇنى چوقۇم ساتىراشخانىغا ماڭدى، دەپ ئويلىدىم. q% F,Ee6A  
تۇرمۇشتىكى كىچىككىنە ئىشلار ناھايىتى كەڭ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشتىن بېشارەت بېرەلەيدۇ. زامانىمىزدىكى ئاتالمىش يېتەكلىگۈچىلەر ۋە قوماندانلار يۇقىرىقىدەك تەدبىرلەرگە تولۇپ تاشقان بىر چاغلاردا ئىشتان - چاپانلارغا ئەتەي ياماق سېلىپ كىيىشمۇ بىرخىل تەدبىر ئىدى. ئاز - تولا بىرنەرسە بىلىدىغانلارنى قاماپ قەتل قىلىشمۇ بىرخىل تەدبىر ئىدى، مەزمۇت ئايۋان - سارايلارنى خارابىگە ئايلاندۇرۇپ، خارابىدىن ئۈنۈپ چىققان ياۋا ئوتلارنى كەشپىيات تەرىقىسىدە مەدھىيىلەش خېلى ئۇزاق ھۆكۈم سۈرگەن مۇقەددەس پەلسەپە ئىدى. بۈگۈنمۇ ئەنە شۇنداق غەلىتە تەدبىرلەرنىڭ قىزغىن ۋارىسلىرى كۆپلەپ تېپىلىدۇ. n[U")C  
ساقال - بۇرۇت خۇددى چاچقا ئوخشاشلا تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا قىلغان ھەدىيىسى. يېقىندىن بېرى بىر قىسىم ئۇزۇن چاچ مۇتەپەككۇرلىرى قىسقا چاچ قويغان قىز - ئاياللارغا نىسبەتەن: ;چېچىڭ قېنى؟ دەپ سوئال قويۇشتى. ئاياللار بۇنىڭدىن ئىلگىرى:چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا دېگەن بەتنامنى تولا ئاڭلاپ، بىراقلا ھەممە نەرسىمىز قىسقا بولسۇن دېيىشتىمۇ قانداق، چېچى ۋە ئىشتان - كۆڭلەكلىرى يىلسېرى قىسقىراشقا باشلىدى. ۋەھالەنكى، بۇنىڭدىنمۇ دېگەندەك ئارام تاپمىدى. ئەمدىلىكتە نۆۋەت بۇرۇتقا كەلگەندەك قىلسىمۇ، تېخى بۇنىڭ داۋرىڭى ئانچە بولۇپ كەتمىدى. دەرۋەقە، ئادەمنىڭ ئۇيەر - بۇيەرلىرىگە ئىنچىكە سەپسالىدىغان، كېچىلىرى دۇربۇن بىلەن باشقىلارنىڭ ھۇجرا ئۆيىنىڭ دېرىزىسىگە قارايدىغان ئادەملەر خېلى ئاۋۇپ قالدى. Qiv^Lx|f  
ساقال بىلەن بۇرۇت پاكىزلىق ۋە يارىشىش شەرتى ئاستىدا ئەرلەردىكى گۈزەللىكنىڭ ئامىللىرى سانىلىدۇ. بولۇپمۇ ھاياتقا چەكسىز ئۈمىدۋارلىق ۋە زوق بىلەن قارايدىغان، قەلبىدە شەيدائى مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، تېتىك، جۇشقۇن ياشلار ئۆزىگە مەردانە، ئىشەنچلىك سالاپەت بېغىشلاش ئۈچۈن چاچ، ساقال، بۇرۇت قاتارلىق تەبىئىي ئىنئاملارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار چاچلىق، ساقاللىق كېلىدىغان ئەركەك مىجەز مىللەت بولغاچقا، بەزى تارىخىي دەۋرلەردە خۇ لار دەپمۇ ئاتالغان، ئەلۋەتتە، بۇ ئەرلەرنىڭ تۆھپىسى. بىز مىجەزى چۇس، باھادىر كىشىلەرنى مەيدىسىدە تۈكى بار دەپ تەرىپلەيمىز. شوخ، مەردانە ئۇيغۇر ياشلىرى ھېلىھەم چىرايلىق بۇرۇت قويۇشتەك ئەنئەنە بىلەن جاھان گۈزەللىك سەھنىسىدە چېنىپ قالغىنى يوق، بەلكى ئۇلار باشقىلارنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرمەكتە. ئېھتىمال، بەزىلەر قوياي دېسە قاملىشىدىغان بۇرۇتى بولمىغاچقا، بۇرۇت قويماي سىدام يۈز بولۇۋېلىشقاندۇ. بىراق ئۇ ھەممە ئەرلەرنىڭ ھۆسن گۈزەللىكىنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ قالسا قانداق بولىدۇ؟ ئەپسۇسكى، ھېلىقى ناھىيىدىكى مائارىپ مەسئۇللىرىنىڭ نەزەرىدە، بۇرۇت ئەر ئوتقۇتقۇچىلارنىڭ قىياپەت گۈزەللىكىگە پۇتلىشىدىغان يامان سۈپەتلىك نەرسە بولۇپ قالغان. ئەگەر ئوقۇتقۇچىلاردا يېڭىدىن كىيىم ئالماشتۇرۇپ، مۇھىت، ھاۋارايى ۋە ھېسسىي كەيپىياتلارغا لايىقلاشقان، خۇش پۇراق سوپۇنلار بىلەن كۈندە يۇيۇنۇپ تۇرالايدىغان تۇرمۇش شارائىتى بولسا ئىدى، ئۇ چوقۇم ئوكسفورت ئۇنىۋېرسىتېتى ياكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۆھتەرەم ئەپەندىلەرگە ئوخشاش سالاپەتكە داخىل بولالايتتى. چۆچەكلەردىن تاشقىرى، ئۆزىنىڭ تاپىنىنى ئۆزى كۆتۈرۈپ ھاۋاغا ئۆرلەيدىغان ئىش بولمايدۇ - دە، ماركسنىڭ شۇنچە بومبۇر ساقىلى كوممۇنىزم تەلىماتىنى يارىتىشقا پۇتلاشماپتىكەن، ئەمدىلىكتە ئەر ئوقۇتقۇچىلار قويۇۋالغان بۇرۇتنىڭ ئىسلاھاتقا پۇتلاشقىنى نېمىسى!؟ 2O%3EW [  
يۇقىرىقى ئىش قارىماققا ناھايىتى كىچىك ئىش. لېكىن ئۇ بىزنىڭ تەدبىر بەلگىلەيدىغان كىشىلىرىمىزدىكى چاكىنىلىق ۋە پۈچەكلىكنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. خەتەرلىك يېرى شۇكى، بۇ چاكىنىلىق ئۇلارنىڭ ئۆزى بىلەنلا چەكلىنىپ تۇرۇپ قالماستىن، بەلكى جەمئىيەتتىكى باشقا كىشىلەرگىمۇ ئەڭگۈشتەر قىلىپ تېڭىلىدۇ. يورۇقى چىقمايدىغان بۇنداق ئەڭگۈشتەرلەر;يولنىڭ توغرىلىقىغا قارىماي، پۇتنىڭ توغرىلىقىغا قارايدىغان بۇ زاماندا ئادەم باشقۇرۇش خۇمارىغا ئىگە جانابلارنى بەھۇزۇر ياشاش ئىمتىيازىغا ئېرىشتۈرىدۇ. THr6?(2F&s  
چېكىنىش، بۇمۇ بىر تارىخ، بۇنداق تارىخ ئىنسانلار ئۈچۈن ئوت ئېلىپ چۈشكەن پرومىتىدەك ئەزىمەتلەرنىڭ قەبرىسى ئۈستىگە دەسسەپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ ئاڭلايدىغىنىمىز ئۈچىيى توم كىشىلەرنىڭ ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدىكى قاقاقلىغان ئاۋازى، ئۇلۇغلۇق قانداقتۇر بىر سۈكۈت سۈپىتىدە ئۆز مەنىسىنى ساقلاپ يېتىۋېرىدۇ. u elG}5Z  
ئېگىپ يېيىش ئېھتىياجى بولمىغان بولسا ئىلمەك، قىسىپ يېيىش ئىھتىياجى بولمىغان بولسا چوكا ئىجاد بولمىغان بولاتتى. بىزنىڭ ھازىرقى ئېھتىياجىمىز نېمە؟ بىز نېمىنى ئىجاد قىلدۇق؟ ;چاچ، ساقال، بۇرۇت تەلىماتىنىمۇ؟ B-AlU#$tG  
q6CH 1;K  
تاۋاپ قىلىش بىلەن ئۈمىد قىلىش ئوتتۇرىسىدا l)KmC3{\l/  
بۇرۇن بىزنىڭ دىياردىمۇ دېڭىز بولغانىكەن، كېيىن بۇ يەرنى تاشلاپ يىراققا كېتىپ قاپتۇ. بۈگۈن ئۇنىڭ ئاخىرقى ئەۋلادلىرىدىن بولغان لوپنۇر، سايرام كۆللىرىگە قاراپ ھەسرەت چېكىۋاتىمىز. ئەجدادلىرىمىز ئوت دېڭىزى ۋە قۇم دېڭىزىنىڭ تەھلىكىسى ئاستىدا ياشىغىلى خېلى ئۇزاق بولغاچقا، يامغۇر ئىلاھىنى بەكرەك سېغىنىدىغان بولغانىكەن. ئېتىزلار ۋە باغلار سۇغا تەشنا بولغاندا، يامغۇرنىڭ ئەرۋاھىغا ئاتاپ نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزۈپ، تاۋاپ سەيلىسى قىلىدىغان يوسۇنلار بۈگۈنمۇ تۈگەپ كەتمىدى. دېمەك، ئاۋام ئۆزىگە لازىملىق نەرسىنى ئوبدان بايقاپ، ئىلتىجا قىلىشنى بىلىپ كەلگەن. W{kVD  
زامانىمىزدا بايرام شۇنداق كۆپكى، كالېندار سەھىپىلىرىدىكى رەقەملەرمۇ ئۆزىنىڭ نېمە قىلارىنى بىلمەي گاڭگىراپ قالىدىغان بولدى. ئاللا تائالا بەندىلىرى خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كېتىشكەندە، ئەرشنىڭ قۇۋۇقلىرىنى كەڭ ئېچىپ زوقلىنىپ قارار ئىكەنمىش. بىز كۈندە سەكرىگىلى تۇرۇۋاتىمىز، بۇ بارا - بارا پەقەت مەجھۇل رېفلېكىسقا ئايلىنىپ قالدىمۇ قانداق، كىشىلەر ھىم ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ يۇمۇر ئېيتىشىپ، شاراب ئىچىشمىسە ئۆزىنى خۇش قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى. ئاللانىڭ ئەرش قۇۋۇقىدىن قاراپ تۇرۇشقا رەغدى بارمۇ قانداق بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ. قارىمامسىز، ئۈزۈم بايرىمى، قوغۇن بايرىمى، ئەنجۈر بايرىمى، شاپتۇل بايرىمى قاتارلىق بايراملارغا، بۇلارنىڭ كەينىدە نۇرغۇن نېمەت بايراملىرى ئۆچىرەتتە تۇرۇشماقتا، كىم بىلىدۇ، كېيىن لازا بايرىمى، پىچاق بايرىمى دېگەندەك بايراملار چىقامدۇ، تېخى. D|b* ,|  
بۇنداق بايراملاردا نېمەتلەرنىڭ سەرخىللىرى زامانىمىز كاتتىلىرىنىڭ ئالدىغا سۆلەتلىك ھالدا قويۇپ بېرىلىدۇ، كىشىلەرگە بەكمۇ تونۇش بولغان پېشقەدەم تەبەسسۇملار بىلەن لېنتا كېسىلىدۇ، گۈزەل قىزلار، بەرنا يىگىتلەرنىڭ ناخشا - ئۇسسۇللىرى باشلىنىدۇ، بۇلارغا ھەييارلىق ۋە تەنتەنىلەر گىرەلىشىپ كېتىدۇ، باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇشقان مۆھتەرەم ئەربابلار سالماق چاۋاكلىرىنى ياڭرىتىدۇ. بىر - بىرىگە سىپايىگەرلىك بىلەن ئېگىلىپ نېمىلەرنىدۇر دېيىشىدۇ. كېيىن بۇ جەريانلار تېلېۋىزۇر ئېكرانى ئارقىلىق خەلققە كۆرسىتىلىدۇ. مەھسۇلاتلار ھەققىدىكى سودا توختاملىرى، كەلگۈسىدىكى خاسىيەتلىك پىلانلار گېزىتلەردە ئېلان قىلىنىدۇ. ئەمما دەل مۇشۇ چاغلاردا مۇتلەق كۆپ ساندىكى دېھقانلار ئاچچىق موخۇركىسىنى تارتىشىپ ئۆزىنىڭ ئانا سەھرالىرىدا يۈرۈشىدۇ. داغدۇغا بىلەن ئۆتكەن شاۋقۇن - سۈرەنلىك كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ھەممە نەرسە ئەسلى ئىزىغا چۈشۈپ، كىشلەرگە پىششىق تونۇش بولغان ۋەزىيەت ئاۋۋالقىدەك ياشاۋېرىدۇ. مەزكۇر بايرامغا بېغىشلانغان سەنئەت نومۇرلىرى ئۆزىنىڭ ئاشۇنداق سەۋەبلەر بىلەن روياپقا چىققىنىغا خۇشال بولۇپ، تەلەپ ۋە تەقدىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. sET'8  
بۇرۇنقىلار ئۆزىنىڭ كېيىنكى كۈنلىرىنىڭ غېمىنى يېگەچكە، ئىلاھلارغا سېغىنىپ دەرد - ئەھۋاللىرىنى ئېيتىشقانىكەن. گەرچە ئۇلار قازان ئېسىپ ئىلاھلارغا خۇشامەت قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئىلاھ ئۇلارنىڭ ئوخشاش بىر دەرد، ئوخشاش بىر موھتاجلىق ئىچىدە بىرگە ئۇيۇشقانلىقىنى كۆرۈپ خۇرسەن بولاتتىكەن. ئىلاھ كۆپ ھاللاردا ئۇلاردەك ئىخلاسمەن بەندىلىرىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىكەن. چۈنكى ئىلاھ ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويۇۋەرسە ئۆزىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. 7vB0`Q  
بىزچۇ؟ تەييار نېمەتلەرگە سەجدە قىلغىلى تۇرۇۋاتىمىز. بۇرۇنقىلارنىڭ تاۋاپ سەيلسىدە ئۈمىد بىلەن تەشۋىش بىللە بولاتتى، بىزنىڭ تاۋاپ سەيلىمىزدە ھوشىنى يوقاتقان خۇشاللىق بىلەن نوقۇل ئۈمىد بىرگە بولماقتا. بىز ئەتىمىز ھەققىدىكى گۈزەل تەسەۋۋۇرلارنى تولا قىلىپ، كۆڭۈل - كۆكسىمىز خېلى تويۇپ، كېيىندىن ئەنسىرىمەس بولۇپ قالدۇق. #_sb@/=J  
ساۋساۋ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان ۋاقىتلىرىدىمۇ يىغلاپتىكەن. بىز ئۈزۈم، ئەنجۈرلەردىن مول ھوسۇل ئېلىپ، بايرام قىلىۋاتىمىز. قارىغاندا، مۇراببادىن كۈتىدىغان ئۈمىدىمىز زور ئوخشايدۇ.
,f$RUgNe(  
مەنبە : مىراس ژورىنىلى .
[ بۇ يازما كـاپىتان تەرپىدىن 2008-04-02 17:55 دە قاي ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • سەلكىن دوللىرى:+20(يولۋاسچاق) تەقدىرلەشكە ..
  • سەلكىن دوللىرى:+500(گۈل-چۈشى) japa qekipsiz
  • سەلكىن دوللىرى:+500(تېۋىلغا) تەقدىرلەشكە ..
  • ياۋرۇپا لوڭقىسى
    سىنى سۆيەتتىم ئەمەسمۇ ~~!!
    | ۋاقتى : 2008-04-02 13:02 [باش يازما]
    ئاناقۇشئۇۋىسى
    sumrug ana uwisida
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالىي ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى

    ئاناقۇشئۇۋىسىنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 10208
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1224
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1224دانە
    شۆھرەت: 2921 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 9319 سوم
    تۆھپە: 221 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1370 نۇمۇر
    قوللاش: 1233 نومۇر
    ئالقىش: 1330 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئۇيغۇر
    توردىكى ۋاقتى :1320(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    قىززىق،ئارقا-ئارقىدىن  يوللانغان بۇ تىمىلارغا قاراپ ھەيران قاپتىمەن،بىر -بىرسىدىن ئىسىل بۇ تىمىلارنىڭ بىرلا  ۋاقىتتا «سەلكىن »ئاسمىنىدا پەيدا بولىشى قەلبىمدىكى پىنھان ئاچلىقنى بىراقلا قوزغاپ،ئىشتىھاسىمنى ئېچىۋەتكەنتى! ('p 
    ئالدىرىماي ئوقۇپ چىقتىم،پىكرىي تەھلىللەرنىڭ سالمىقىنىڭ تىرەنلىگگە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمەن!قىل قالدىم ھەزىم قىلىشقا ئاجىز كەلگىلى،ھىلى-ھەم قايتا ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن.1-تىمىدا تىلغا ئېلىنغان «تارىخ»تەھلىللىرى مىنى شۇنداق سىلكىدىكى،شۇ سىلكىشى بىلەن ،ئىلگىرى قايسىدۇر بىر كىتاپتىن ئوقۇغان،«تارىخ -چىرايلىق قىزچاققا ئوخشايدۇ،قانداق كىيىم كەيدۇرسە يارىشىۋىرىدىغان!»دىگەن قۇرلارنى بۇنداق« مۇجىمەللىك»نى چۇشۇنۇش قېلىپى قىلىۋالغان مەندەك بىر ئاددى  ئوقۇتقۇچىغا ،نۇرغۇن ھوسۇللۇق  تەۋرىنىشلەرنى بەخىش ئەتتى !دىمىسىمۇ  بۇگۈنىنى ئەتەسىگە ھەم ئۆتمۈشىگە ئۇلاشنى بىلگەن بىر ئادەمگە ،ئاللىقاچان ئوتمۇشلەر قېتىغا قىستۇرۇلۇپ،خاتىرىگە ئايلانغان ئۆتمۆشنىڭ  ،پۇچەك مەخسەتلەر تۇپەيلى ئالاھىدە سەھىپىلەردە بىزىلىشى،نۇسخىلىنىشى ھىچنىمىنى چۇشەندۈرۈپ بىرەلمەيتتى-ئەلۋەتتە!مۇھىمى بۇگۇننىڭ قانداق يېزىلىشى،بۇگۈنگە  بېسىلغان ئاياق ئىزلىرىم،بۇگۈنگە قاراتقان ئىتىبارىم..... hgDp7^>3  
    مانا بۇلار ئەتىگە قالدۇرىلىدىغان «تارىخ»ئەمەسمۇ!!! P|bPL3[h}  
    سەيدۇللايۇف ئەپەندىنىڭ «قەبرىنامىسى»ماڭا:«ئوتمىۈشكە بىرىلگەن كىشىلەر تەرىپىدىن ئىبارەتلەنگەن خاتىرىلەر -ھەقىقەتلەر كۆلەڭگىسى،خالاس!بۇ كۆلەڭگىلەر ئوخشىمىغان چىراقلاردا ئوخشىمىغان سايىلەرنى قالدۇرىدۇ!مۇھىمى -رىياللىق،سەن ئۈچۇن مۇھىمى بۈگۈننى يارىتىش! EQzxU   
    بىلگىنكى'نەتىجە ئىتىبارى بىلەن گۈزەل!'»دەۋاتقاندەك تۇيۇلدى! t7^As"*+`  
    2-تىما،مىنىڭ قەلبىمدىكى «روھ شۇكرانىسىدىكى غېرىپلىق ۋە ئەمەللەردىكى ئۆلۈمتۈكلۈك»(مىنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچمىغان تىمام )ھەققىدىكى پىكرى تەھلىللىرىم بىلەن بىرلىشىپ مىنى چوڭقۇر مۇلاھىزىلەرگە غەرىق قىلىۋەتتى! /_iC&q  
    بىزنىڭ مەغلۇپ روھىيىتىمىزدىكى چاك كەتكەن مۇكەممەللىكنىڭ بىرسى مۇشۇ«روھلار شۇكرانىسىنىڭ -نىمجانلىغى»بولسا كىرەك! _L)}rg?;-s  
    « شۈكرى» قىلىشنىڭ نۆۋەتتىكى -تۇرمۇش ئىستىمالىمىزدىكى مەنىسىنى ھەممىمىز بىلىمىز،بىز تۇغۇلۇپلا،«شۇكرى»دىدۇق -يىغلاپ تۇغۇلغانغا!بىز «شۆكرى»دىدۇق-«ئازات زاماندا ياشىغانغا»!بىز «شۆكرى »دىدۇق-ئۆلۇپ قالماي مىدىرلاپ يۈرگەنگە!بىز «شۇكرى» دىدۇق -ئىپپەت بۇلغانمىللىرىنىڭ ئۆز ئۆيىمىزدىن چىقماي،قوشنىلارنىڭ ئۆيىدىن چىققانغا!بىز«شۈكرى»دىدۇق-گاس،گاچا ،ئاقساق -چولاق....................بولمىغانغا!!!!بىزنىڭ خاتىرلىرىمىزدىكى بۇ شۈكرىلەرنى«قانائەت»لاياقىتى بىلەن يۇغۇرۇپ،«ئۆلۈمتۈك»رىياللىقىمىزنىڭ ئۇيقىسىغا ئەللەي ناخشىسى قىلىپ ئوقۇۋالدۇق...........ئەسلى ئىبادەتلەر ئىچىدىكى بۇ نادىر تىما-بىزنىڭ رىياللىقىمىزدا خۇنى ئۆچكەن ،جىلۋىسىز ،«قانائەت»كە ئايلىنىپ،چۈشكۇنلۈك تارىخىمىزنىڭ باش بەتلىرىدىن ئورۇن ئالدى! n$_`G(p.  
    ئەمىلىيەتتە «شۈكرى» ئاتالغۇسى ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ،مەنا ئاڭلىتىش جەھەتتە بولسۇن،ياكى ئىستىمالىمىزدا بولسۇن«رەھمەت ئېيتىش،تەشەككۇر بىلدۈرۈش...»مەنالىرى بىلەن ئىپادىلىنىپ كىلىپ يەرلەشكەن بولۇپ،ئۇنىڭ قوللىنىشچانلىغىدا ،«ئىبادەتلىك»جانلىقلىغىنىڭ كۈچلۇكلىگىدە تۇرمۇشىمىزدىكى كۆپ قوللىنىدىغان «قانائەت »ئاتالغۇسىدىن ئالاھىدە پەرقلىنەتتى! x7Iv%N:w  
    ئنساننى يوقتىن بار قىلىپ ،ئۆزىگە خاس سۈپەتلەر بىلەن خاراكتىرلەپ ،نۇرغۇن ئىمكانىيەتلار بىلەن xk2@faU  
    تەمىنلەپ ،....رىسىقلاندۇرۇپ كىلىۋاتقان رەببىمىز گە قەرىزدارمىز ئەمىلىيەتتە!...... F+{w?;;/t  
    ئىنسان بىلەن ئىنسان ئوتتۇرسىدىكى مۇئامىلىدە،قەرىزلەرنى قايتۇرۇش بىلەن بۇ مۇناسىۋەت ئاخىرلىشىدۇ،لىكىن بىز نىڭ قەرىزلىرىمىز سورىقى قانداق بولىدۇ؟شۇنداق دىيىشكە بولىدىكى،نىممەتلەرنىڭ سەرىپ ئىتىلىش ئورنىنى تېپىپ سەرىپ ئىتىلگەنلىگىنىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى  تەشەككۇر بولاتتى.بۇ يازمىدا دىيىلگەندەك مەسىلىگە قارايدىغان بولساق،  « خۇدانىڭ گۈزەل ۋە ساغلام بەدەننى ئاتا قىلىشى ۋە ھەممە بايلىقنى ئاتا قىلىشىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئادەم مېڭىسى پىكىر قىلىش، ئويلىنىش ئۈچۈن يارالغان. كۆز، قۇلاق، پۇت، قول قاتارلىق باشقا ئەزالارمۇ ئۆزىگە لايىق قۇدرەتكە ئىگە. ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قەدىر - قىممىتىنى تونۇپ، مۇۋاپىق رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان بولسا، ئىنسان بالىسىغا نېمىلەر نېسىپ بولمايدۇ؟ ساغلام ۋۇجۇد ئاتا قىلغان خۇدا ئۇنى توغرا ئىشلەتكەن، ئۆز بەخت - سائادىتىنى ئىزدەش يولىدا سەرپ قىلغان بەندىسىدىن نۇسرىتىنى ئايارمۇ؟ I:, 'Q0  
    مەسىلىگە قارايدىغان بولساق بىزنى ماڭالايدىغان قابىلىيەت بەرگەنگە بىز ھەققىنى »بىرىپ مېڭىش بىلەن رەھمەت ئېيتىمىز!«كۈلۈش»نىممىتىگە ،قانداق ئورۇنلاردا كۇلۇش -كۈلمەسلىكنى ...... Zm 01<4lf  
    Ir4h#1N3  
    0,-qo\W  
    X;S?R/Rj  
    #r&FMYSz  
    W)^0N/w$6  
    A:y`Tix0d  
    (ئىشىمىز بەك تولا بۇ ئاياللارنىڭ،سەل تۇرۇپ تەھرىرلەي،يەنە بار!!)
    [ بۇ يازما ئاناقۇشئۇۋىسى تەرپىدىن 2008-04-03 12:00 د ]
    salkin-bbs
    ئويلايدىغىنىم -------ھەر-بىر نەپەس ئۈچۈن سوراق بىرىمىز!!
    | ۋاقتى : 2008-04-02 13:09 1 -قەۋەت
    ئۆكتېچى
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا

    ئۆكتېچىنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 1702
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 441
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە441دانە
    شۆھرەت: 473 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 3339 سوم
    تۆھپە: 5 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 505 نۇمۇر
    قوللاش: 467 نومۇر
    ئالقىش: 482 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەرجىمان
    توردىكى ۋاقتى :181(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىرىنچىسنى ئوقۇپ بولدۇم، قالغىننى تاماق يەۋلىپ ئاندىن ھوزۇر بىلەن ئوقۇي!
    salkin-bbs
        ھايات قۇچقى ئۈمۈدۋار كىشلەرنى ئۆز قوينىغا ئالدۇ، كۈلۈپ قارايدۇ. كۆكرىكىڭنى كىرىپ، قەددىڭنى تىك تۇتۇپ، كەلگۈسگە ئۈمۈد بىلەن باق! ئەنە شۇچاغدا ھايات ساڭا تىخمۇ گۈزەل كۆرۈندۇ!
     
    & تۇرمۇش ھىچكىمنى رازى قىلغان ئەمەس، گەرچە چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، بىرلىرگە تاج، بىرلىرگە كىشەن- كويزا ھەدىيە بولۇپ تۇرسىمۇ، ھايات ھامان قىلپىدىن چىقمايدۇ. بۇ زىمىندا قانچە قانلار تۆكۈلدى. كۆزىيىشنىڭ ۋە كۈلكە ناخشىسنىڭ  ھىسابى يوق، شۇنداقتىمۇ ھاياتتىن رازى بۇلۇپ دۇنيادىن ئۆتكەن بىرمۇ ئادەم يوق........
    | ۋاقتى : 2008-04-02 14:27 2 -قەۋەت
    ئۈمىد.
    سەن مەسمۇ؟ ساقمۇ؟
    ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى

    ئۈمىد.نىڭ ئالبۇمى كىرورەن بانكىسى VIP ئالتۇن كارتىسى
    UID نۇمۇرى : 286
    نادىر تېما : 11
    يازما سانى : 2289
    ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2289دانە
    شۆھرەت: 3946 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 90470 سوم
    تۆھپە: 26 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2808 نۇمۇر
    قوللاش: 2330 نومۇر
    ئالقىش: 2350 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :480(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-12
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇرۇت كاشلىسى hyTMy)^9  
    @LxRH('arK  
    ئۇيغۇر مارىپى قەپەزگە قارپ ماڭماقتا .؟
    salkin-bbs
    بىر مىللەتنىڭ ئىشەنچلىك كىشىلىرى ئازايسا  ۋە دىنىنى سىتىپ دۇنيا ي
    غىققۇچىلار  كۆپەيسە  ئۇ مىللەتتە پىتنە پارلايدۇ .
    | ۋاقتى : 2008-04-02 14:49 3 -قەۋەت
    ئۆكتېچى
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا

    ئۆكتېچىنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 1702
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 441
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە441دانە
    شۆھرەت: 473 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 3339 سوم
    تۆھپە: 5 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 505 نۇمۇر
    قوللاش: 467 نومۇر
    ئالقىش: 482 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەرجىمان
    توردىكى ۋاقتى :181(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىيقەتەن ياخشى يىزىلغان ماقالىلەركەن! بىزنىڭ تەدبىر بەلگۈلگىچى، كاتباشلىرمىزنىڭ شۇنچىلىك بىر ماقالىلەرنى ئوقۇغىدەك ھەپسىلسى بارمىدۇ! ھەي تاڭەي..........................
    bugra
        ھايات قۇچقى ئۈمۈدۋار كىشلەرنى ئۆز قوينىغا ئالدۇ، كۈلۈپ قارايدۇ. كۆكرىكىڭنى كىرىپ، قەددىڭنى تىك تۇتۇپ، كەلگۈسگە ئۈمۈد بىلەن باق! ئەنە شۇچاغدا ھايات ساڭا تىخمۇ گۈزەل كۆرۈندۇ!
     
    & تۇرمۇش ھىچكىمنى رازى قىلغان ئەمەس، گەرچە چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، بىرلىرگە تاج، بىرلىرگە كىشەن- كويزا ھەدىيە بولۇپ تۇرسىمۇ، ھايات ھامان قىلپىدىن چىقمايدۇ. بۇ زىمىندا قانچە قانلار تۆكۈلدى. كۆزىيىشنىڭ ۋە كۈلكە ناخشىسنىڭ  ھىسابى يوق، شۇنداقتىمۇ ھاياتتىن رازى بۇلۇپ دۇنيادىن ئۆتكەن بىرمۇ ئادەم يوق........
    | ۋاقتى : 2008-04-02 15:10 4 -قەۋەت
    hanzat001
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى

    hanzat001نىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 11576
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 126
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە126دانە
    شۆھرەت: 127 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 820 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 140 نۇمۇر
    قوللاش: 132 نومۇر
    ئالقىش: 160 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :49(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-20
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىيقەتەن ياخشى يىزىلغان ماقالىلەركەن..................................
    | ۋاقتى : 2008-04-02 15:15 5 -قەۋەت
    نەبىجان0012
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز

    نەبىجان0012نىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 11651
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 56
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە56دانە
    شۆھرەت: 56 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 55 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 68 نۇمۇر
    قوللاش: 62 نومۇر
    ئالقىش: 83 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :17(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-12
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    توۋا  بورۇت قويۇش  ياغلىق ئارتىش بىزنىڭ ئۆرۈپ ئادىتىمىز دەيدىغاندىن بىرسى چىقمىدى.قۇرۇلتاي يىغىنلىرىغا قارىسا بىر مىتىر پۆپۈكى بار پوسمىنى ،ھەرخىل رەڭدىكى ،ھەرخىل شەكىلدىكى تونلىرىنى كىيىپ بىر غېرىچ ساقاللارنى قويۇپ يىغىنغا قاتناشقانلارنى كۆرىمىز . ئىسلاھات باشلامچىللىرى شۇ ۋەككىلەرغۇ  ئۇلارنىڭ تاقاشماي بىزنىڭ تاقاشقىنىنى..................
    kino
    | ۋاقتى : 2008-04-02 15:30 6 -قەۋەت
    ســرداش
    ئـــالــىي  ئەزا
    دەرىجىسى : سەلكىنداش

    ســرداشنىڭ ئالبۇمى كىرورەن بانكىسى VIP ئالتۇن كارتىسى
    UID نۇمۇرى : 9669
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 809
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە809دانە
    شۆھرەت: 316 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 256 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 312 نۇمۇر
    قوللاش: 794 نومۇر
    ئالقىش: 827 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :111(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-12
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    قانداق مۇ يېزىپ بولغان سىز ، قۇلىڭىزغا گۇل ئۇنگەي.
    kino
    شادىمان،بەختىيار كىشىلەر بىلەن دوس بول،باشقىلار مەڭگۈ ساڭا ئېھتىياجلىق بولسۇن.
    ئەيىپنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويۇشنى بىل،مۇۋەپپىقىيەت قازانغاندا چېكىنىشنى بىل.
    تولىمۇ يۇۋاش بوپ كەتمە،ھەقىقەتمۇ پەردازغا مۇھتاج.
    | ۋاقتى : 2008-04-02 15:32 7 -قەۋەت
    شابۇرۇت
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا

    شابۇرۇتنىڭ ئالبۇمى كىرورەن بانكىسى VIP ئالتۇن كارتىسى
    UID نۇمۇرى : 9937
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 637
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە637دانە
    شۆھرەت: 1757 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 660 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1057 نۇمۇر
    قوللاش: 836 نومۇر
    ئالقىش: 1595 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :97(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    شۇنداق بىز يول ئاچماي ئوزىمىزنىڭ يىغىنى ئوزىمىز قۇرۇپ ئەجدادلارنىڭ مىراسلىرىنى قۇرىتىۋەتكىلى تۇردۇق .
    kino
    مەن ئۆلگەندەئىسىڭدە بولسۇن،بايرىقىڭنى چۇشۇرمە يىرىم.   جەسىدىمنى تاپساڭ كۆمۇپ قوي،    تاپالمىساڭ ئۆكۇنمە جىنىم.مەن بىلىمەن،دىمەيدۇ ھېچكىم،ئۆلۇمنى ئىغىريوقىتىش.مەن ئەمەسمۇ ناتۇنۇش ئادەم،ماڭىلا خاس ئۇنسىز يوقىلىش.    ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم
    | ۋاقتى : 2008-04-02 16:50 8 -قەۋەت
    سالام621
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى

    سالام621نىڭ ئالبۇمى كىرورەن بانكىسى VIP ئالتۇن كارتىسى
    UID نۇمۇرى : 3025
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 110
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە110دانە
    شۆھرەت: 103 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 19 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 110 نۇمۇر
    قوللاش: 108 نومۇر
    ئالقىش: 92 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :35(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    قۇلىڭىزغا گۇل ئۇنگەي
    kino
    پەقەت بىرلا گۈلنىڭ پۇرىقىغا خۇشتار بولغان كۆڭۈل مەڭگۈ  بەخىتلىكتۇر.
    | ۋاقتى : 2008-04-02 17:44 9 -قەۋەت
    گۈل-چۈشى
    سەھەردىكى چۈش
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى

    گۈل-چۈشىنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 9572
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 2262
    ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2262دانە
    شۆھرەت: 4562 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 34834 سوم
    تۆھپە: 1063 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3741 نۇمۇر
    قوللاش: 2977 نومۇر
    ئالقىش: 5517 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئۇيغۇر
    توردىكى ۋاقتى :110(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىر- بىرىدىن ئېسىل ھېكايەتلەر ئىكەنغۇ بۇ ،، تاتلىق قىزنىڭ قۇلىدىن تاتلىق دۇردانىلەرنى سۈزىۋالدۇق مانا ، جاپا چەكتىڭىز ھارماڭ جانىم .............
    kino
    كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قەدىرلەش ، ئۇلۇغلاش تۇيغۇسى بولىدۇ . بىراق ، كىمنى ، نېمىنى قەدىرلەشكە ھېچكىم چەك قويالمايدۇ . ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمىگەن كىشى ئاخىرى ۋىجدان ، ئەقىدە ، ئادەمگە خاس سەزگۈرلۈكتىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قالىدۇ .
    | ۋاقتى : 2008-04-02 18:13 10 -قەۋەت
    گۇلبەشىكەر
    تاتلىقىم !
    ئىجاتچان ئەزا ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

    گۇلبەشىكەرنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 2399
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 2236
    ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2236دانە
    شۆھرەت: 3323 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 28429 سوم
    تۆھپە: 193 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2758 نۇمۇر
    قوللاش: 2489 نومۇر
    ئالقىش: 3269 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :199(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-12
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەخمەت سىلەرگە ~!  تەپسىلىي  ئۇقۇشقا ۋاقىت ئاجىرتالىساڭلار ~~~~~~~~~داۋاملىق يوللايمەن !
    kino
    سىنى سۆيەتتىم ئەمەسمۇ ~~!!
    | ۋاقتى : 2008-04-02 18:15 11 -قەۋەت
    sleepingbeauty
    <ئۇيقۇدىكى نازىنىن>
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : سەلكىنداش

    sleepingbeautyنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 9372
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 633
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە633دانە
    شۆھرەت: 571 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 5481 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 770 نۇمۇر
    قوللاش: 696 نومۇر
    ئالقىش: 900 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :290(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    باھادىر كىشىلەرنىڭ جەسىتى باھادىر جانلىقلارغا ئوزۇق بولۇپ، ئۇلارغا مەدەت بەرسە، شەرەپنىڭ ئۈستىگە شەرەپ ئەمەسمۇ!؟ مانا مەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، كۆرپىنىڭ ئۈستىدە جان بېرىدىغان ئوخشايمەن، لېكىن ئاللىبۇرۇن روھىمنى قۇتقۇزۇپ بولغان ئادەممەن wZ,J =Yw  
    _RS5!Eyz  
    بىزگە ئاشۇنداق شەرەپ بىلەن جان بېرىدىغان كۈنلەر كەلسىدى.......... 0D0+ I(  
    C3 _4OI  
    يەنە بۇرۇت ماجراسى HT$B"0Z|  
    R)#x+)a  
    ئويلاپ قالدىم، ئەگەردە بېشىمىزغا دەسسەپ تۇرۇپ تارىخ يېزىۋاتقان ئاشۇ كاتتىلىرىمىز ئۆچكىنىڭ ساقىلىدەك 4 تال تۈك ئۆسمەيدىغان ئادەملەر بولغاچقا ساقال بۇرۇت بىلەن خوشى كىلىشمەيدىكەن، ئەگەر ئەرەپلەردەك ساقىللىق ئادەملەر بولغان بولسا ساقال بۇرۇتى بوش ئۆسۈپ قالغانلارغا مائاش تارقاتماي خاپا قىلار بولغىيمىتى؟
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • سەلكىن دوللىرى:+20(ئۈمىد.) چىرايلىق  ..
  • kino
    ھايات سىنى يىغلىتىدىغان مىڭ تۈرلۈك سەۋەپ كۆرسەتكەن بولسا، سەنمۇ ئۆزەڭنى كۈلدۈرىدىغان مىڭبىر تۈرلۈك سەۋەپ تاپالايسەن.......
    مەن يامغۇردا يول يۈرۈشكە ئامراق، چۈنكى يامغۇردا ھىچكىم مىنىڭ كۆز ياشلىرىمنى كۆرمەيدۇ.........
    | ۋاقتى : 2008-04-02 18:24 12 -قەۋەت
    كۈلقىز
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا

    كۈلقىزنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 684
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 289
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە289دانە
    شۆھرەت: 245 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 174 سوم
    تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 326 نۇمۇر
    قوللاش: 292 نومۇر
    ئالقىش: 151 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :105(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ ئېرىنمەي ئوقۇشقا تېگىشلىك يازما ئىكەن.
    kino
    ئېنگلىزچە - خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە ئۈچ خىل تىللىق، توققۇز يۆنىلىشلىك <مۇئەللىم> ئېلېكترونلۇق لۇغىتى - كەڭ تىل ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى.
                                          muallim.cn 
    بىلىپ سۆيگىن، كېيىن ئېچىنما،
    بىلىپ تاشلا كېيىن سېغىنما!!!!!
    | ۋاقتى : 2008-04-02 18:59 13 -قەۋەت
    داخان
    قانخۇمار تىكەن
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا

    داخاننىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 1564
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 489
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە489دانە
    شۆھرەت: 688 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 403 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 536 نۇمۇر
    قوللاش: 491 نومۇر
    ئالقىش: 423 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى :79(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-01
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھۆكىمەت  تارماقلىېىدىكى  كادىرلار  بۇرۇت  قۇيسا  بولماسىش  ~~
    يالڭاچ تۇغۇلۇپ كىيىم بىلەن پۇركىنىپ كىپەنلىنىپ تۇپراققا قايتىمەن.
    | ۋاقتى : 2008-04-02 19:11 14 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    سەلكىن تورى » گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردىن تەرمىلەر
    

    سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

         سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

    سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
    مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-8553838، 13609981040

    Time now is:06-14 11:15, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation