بۇ بەتتىكى تېما: بەخىت -سائادەت ئەلچسى «يۈسۈپ خاس ھاجىپ » IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 708 قېتىم كۆرۈلدى
شەھىرىيار
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا

شەھىرىيارنىڭ ئالبۇمى
UID نۇمۇرى : 8431
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 356
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە356دانە
شۆھرەت: 685 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 11753 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1758 نۇمۇر
قوللاش: 1052 نومۇر
ئالقىش: 3493 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :221(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-24
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 بەخىت -سائادەت ئەلچسى «يۈسۈپ خاس ھاجىپ »

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما تېنچىلىق قۇشى تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-04-01)
a&o(:]  
yX\m.psS  
5zVbFl  
uyb,.f5  
مۇقەددىمە
]jS40|  
    ئەڭ بەخىتلىك ۋە ئامەتلىك مىللەت ئۆزىنىڭ تارىخىي مۇساپىسىنىڭ ھەر بىر باسقۇچىدا ئەڭ گىگانىت پەرزەنتلىرىگە ئىگە بولالايدۇ ھەم ئۇ ئۇلۇغ شەخسىنىڭ قەدەم ئىزىنى ئۆزىلىرىگە تۇتىيا قىلىپ بەخىت ئىقبالى ئۈچۈن يول ئاچالايدۇ.ئەڭ بەختىسىز مىللەت ئۆزىنىڭ ئارىسىدىن چىققان بۈيۈك ئىقتىدار ئىگىلىرىنى ھەر خىل تۆھمەت زىندانلىرىغا تاشلاپ،ھەسەت ئوتلىرىدا كۆيدۈرۈپ،ئۆزلىرىنىڭ ئىقىبال مەنزىلىنى قاراڭغۇ زۇلمۇتكە ئايلاندۇرۇشقا يارايدۇ. 3O =/E+  
    11_ئەسىر قاراخانىيلار ھاكىميەت تەختىدە ۋە قاراخانىيلار ئىلىم_پەن مۇنبىرىدە بىر يورۇق چولپان پارلىغانىدى.ئۇ پۈتۈن بارلىقىنى دۆلەت ۋە خەلىقنىڭ تەقدىرىگە ئاتا قىلغان،دۆلەت ۋە خەلىقنىڭ تەقدىرىگە ئاتا قىلغان،دۆلەت ۋە خەلىقنىڭ ئىستىقبالىنى كەلگۈسى ئەۋلادلىرىغا باغلىغانىدى.ئۇ تىنىمسىز ئىزدىنىش،جاپالىق ئەجىر،يۈكسەك مەسئۇلىيەت بىلەن قاراخانىيلار ئۈچۈن جۈملىدىن ئىنسانىيەتنىڭ بەخىت سائادىتى ئۈچۈن مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان مەنىۋى مەشئەل يىقىپ بەرگەن. QPeGc  
   مەن ئۇنىڭدىن تەۋەررۈك قالغان <<قۇتادغۇبىلىك>>ناملىق ناملىق ئەسەرنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا،قەلبىمدە مىللىتىمگە بولغان يۈكسەك ھۆرمەت،خەلىقىمىزنىڭ تەڭداشسىز ئەقىل_پاراسىتىگە بولغان سۆيۈنۈش،خەلىقنىڭ بۇنىڭدىن 1000يىل بۇرۇنقى بىلىش ئىقتىدارىدىن پەخىرلىنىش ھېسىياتى قوزغالغانىدى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئەقىل_پاراسەت ئىگىلىرىنىڭ ئەۋلادى بولغان بىزگە ۋە بىزنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىمىزگە بولغان ئۈمىد ۋە ئىشەنچ دولقۇنلىرىدا ھەم ئاققانىدىم.چۈنكى ،<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن يۈكسەك تەپەككۇر،تەڭداشسىزئىقتىدار،ئۇلۇغۋار غايىۋى ئىستەكلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر مەنىۋي شەھەر،ۋەتەن خەلىقگە،ئىلىم_مەرىپەتكە،ھەقىقەتكە،ئادالەتكە ئۆزىنى بېغىشلىغان ئۇلۇغۋار بىر روھنىڭ پەرۋازى نامايەن بولىدۇ. SuxE5g44  
   بىراق،بۇ ئۇلۇغ بوۋىمىزنىڭ ھازىرىقى ئەۋلادلار تەرىپىدىن تېخى تولۇق چۈشىنىشكە ئىگە بولمىغانلىقى ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش.ئۆزىنىڭ بوۋسىنى بىلمەسلىك نەۋرىلەر ئۈچۈن بىر ھاقارەت ،ئەجدادلارنى ئۇنتۇش ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز دەپنە قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسى،ئۇلارنىڭ ئىزىنى يوقىتىش ئازغۇنلۇق،ئۇلارنىڭ مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلالماسلىق تارىخىمىزغا،ئەجدادلىرىمىزغا قىلىنغان ئاسىيلىق. sN#6l _2  
   ئەپسۇس، نادانلىق جاھالەت كېيىنكى ئەۋلادلانى،ئۇ ئۇلۇغ بوۋىلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىشقا مۇۋەپپەق قىلمىدى. ئازغۇنلۇق بىزنى قۇتلۇق يولدىن،يورۇق مەنزىلدىن ياتلاشتۇردى.نەتىجىدە بىز ئۇ بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىزىنى يوقىتىپ قويدۇق.تەلىيىمىزگە يارىشا نەچچە ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن،يوقالغان بۇ مەنىۋى گۆھەر تاسادىپىي پۇرسەتتە بايقىلىپ،قايتىدىن ھاياتلىق نۇرىنى چاچتى.بىراق ،ئەسەرنىڭ ئاپتورى يۈسۈپ بوۋىمىزنىڭ ھايات پائالىيىتگە دائىر ئىزلار يەنىلا يوقالغان.شۇنداق بولسىمۇ مەن <<قۇتادغۇبىلىك>> تىكى غۇۋا سېيمالارغا،ناھايىتى ئاز تارىخىي ئىزلارغا ئاساسەن بەخىت ئەلچىسىنىڭ ھايات مۇساپىسىنى تەسەۋۇر ئارقىلىق ئەسلەشكە تىرىشتىم.شۇ توغىرىسىدا ئازراق رىۋايەت ساقلىنىپ قالغان بولسا قانچە ياخشى بولاتتى_ھە!
O>TuM@9g  
Qt*x-?!  
مۈڭگۈز...مۈڭگۈز
]@CKme2  
   نەشتەردەك چاقىدىغان قەھرىتان قىشنىڭ سوغۇقلىرىنى ھەيدىگەن باھار شامىلىنىڭ تەپتى بىلەن بالاساغۇن ئاسمىنى ۋە تەبىئەت يىڭى بىر باھارنى كۈتىۋالدى.پۈتۈن تەبىئەت قىشلىق چاپانلىرىنى سېلىپ،ياپيېشىل تون كېيىدى.تۇنجى ئېچىلغان گۈل_چېچەكلەر يىڭى كېلىننىڭ چېكىسىگە قىسقان گۈلدەك تەبىئەتكە تېخىمۇ ھۆسىن بېغىشلىغانىدى.بۇ دەل مىلادى يىل ھېسابىدا 1025_يىللىق ئەتىياز مەزگىللىرى ئىدى. %kpRPK\  
ئۆز دەۋرىدىكى قاراخانىيلارنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىدىن بىرى بولغان بالاساغۇننىڭ ئەتراپىدىكى بىر دەريا ساھىلى.ئالتە_يەتتە ياشلار چامىسىدىكى بىر توپ بالىلار دەريا بويىغا يىغىلىشىپ باھار پەيزىنى سۈرۈشمەكتە ئىدى.ھەر بىر دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس ئويۇن،ھەر بىر باسقۇچنىڭ ئۆزىگە يارىشا خوشاللىقى بار دېگەندەك،ئۇ بالىلارنىڭ پۈتۈن زېھنى تۈرلۈك شەكىلدىكى بالىلار ئويۇنى بىلەن بەند .بالىلار ئوردىكام ئويۇنىدىن زېرىكىتى بولغاي،ھەممەيلەن پۇتلىرىنى قۇمغا كۆمۈپ ،غۇژمەك بولۇپ ئولتۇرۇشتى.بۇ چاغدا بالىلار ئارىسىدىن كۆزلىرىدىن نۇر يىغىپ تۇرغان،كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپ تۇرغان،مەڭزىلىرى قىزىل ۋە يۇپيۇمىلاق،ئېغىزلىرى ئويماقتەك بىر بالا مۈڭگۈزلۈك ھايۋانلارنىڭ نامىنى سانىغلى تۇردى.قالغان بالىلار ئۇنىڭغا ئەگشىپ تەكرارلايتتى. N8??wO  
   _بۇغا...ئۆكۈز...قوچقار..._رىياسەتچى بالا مۈڭگۈزلۈك ھايۋانلارنىڭ نامىغا ئۇلاپلا،مۈڭگۈزسىز ھايۋانلارنىڭ نامىنىمۇ ماھىرلىق بىلەن قىستۇرىۋېتەتتى،_تۆگە...،زىراپە.... &@fn#;oBV  
_زىراپە... 6M*-rnl  
   بالىلارنىڭ ئارىسىدا قاتتىق كۈلكە كۆتۈرۈلدى.چۈنكى ،بالىلارنىڭ ئارىسىدا بىرەيلەن ئېزىپ مۈڭگۈزسىز ھايۋان زىراپىنىڭ نامىنى ئاتىغاندا ئەگىشىپ قويغانىدى.بالىلار ۋاقىرشىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ،يىڭىلىشىپ قالغان بولۇق دېگەن بالىنى تۇتۇپ ئويۇننىڭ قائىدىسى بويىچە جازالاشقا تۇتۇش قىلدى.ئەسلىدە ئويۇننىڭ قائىدىسى بويىچە بولۇقنى ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتىدىن تۇتۇپ سۇغا تاشلايتتى،بىراق رىياسەتچى بالا نېمىشىقىدۇر ،ئاۋازىنى ئەتەي توم چىقىرىپ كەسكىنلىك بىلەن مۇنداق ھۆكۈم قىلدى: sJ -V'F-;  
   _بۈگۈن سۇ ئۇلۇق ۋە لاي تۇرىدۇ.شۇڭا،بولۇق قولىنى كەينىگە تۇتۇپ،مۇنۇ يەردىكى بۇ چېچەكنى چىشلەپ ئالىدۇ،_دەپ ھۆكۈم قىلدى ۋە دەرەختىن بىر تال چېچەكنى غولى بىلەن سۇندۇرۋېلىپ قۇمغا پاتۇرۇپ قويدى.بولۇق،بىر قانچە قېتىم قۇم قاساپ ئاخىر ناھايىتى تەستە چېچەكنى چىشلەپ ئالدى. /,2l7IHx  
بالىلار ئويناۋاتقان بۇ ئويۇن ئۆز دەۋرىدە ئەۋج ئالغان بالىلار ئويۇنلىرىدىن <<مۈڭگۈز...مۈڭگۈز>>ئويۇنى ئىدى.بۇ ئويۇن ئۇلارنىڭ زېھنىنى ئېچىپ،تەسەۋۇرىنى كۈچلەندۈرۈپ،ھايۋانلار ھەققىدىكى تونۇشنى،تەبىئەت دۇنياسىغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇراتتى.بۇ ئويۇننىڭ جازا ۋاستىسى بولسا بالىلارنى چىداملىق،زېرەك،ھوشىيار بولۇشقا ئۆگىتەتتى. pYtcWWo|A  
 رىياسەتچى بالا ئۆزىنى شۇنچە ئەركىن ۋە خوشال ھېس قىلاتتى.ئۇ ھەر دائىم بۇ بالىلار بىلەن بىرگە بولغىنىدا ئۇلاردىن ئايرىلغۇسى كەلمەيتتى.بالىلارمۇ بۇ رىياسەتچى بالىغا بەكمۇ ئامراق ئىدى. TS3!XP  
  _يۈسۈپ،يۈسۈپ...،چوڭ داداڭ چاقىرىدۇ ،بالام،بول ھېكايە ئېيتىپ بېرىمەن دەيدۇ،_دەپ چاقىرىدۇ يۈسۈپنىڭ ئانىسى. j7K"#8a?  
   بۇنىڭ بىلەن قىزغىن ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ كەيپىياتىغا سوغۇق سۇ سېپىلگەندەك بولغان بولسىمۇ،لېكىن يۈسۈپ ،بالىلارنى بوۋىسىنىڭ قىزىق ھېكايە ئېيتىپ بېرىدىغانلىقىغا قىزىقتۇرۇپ ئىككى دوستىنى بىرگە ئېلىپ ئۆيىگە يۈگۈردى. /h`nzTa  
دوستلىرىنىڭ ئويۇنلىرىغا رىياسەتچلىك قىلۋاتقان بۇ ئەقىللىق شوخ بالىنىڭ،كېيىن قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ رىياسەتچىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ھېچكىم خىيالىغا كەلتۈرمەيتتى.بىراق،ئۇنىڭ ھوشىيارلىقى،زېرەكلىكى ،پەم_پاراسىتى ۋە كۆزلىرىدىن يىنىۋاتقان سېھىرىي نۇر ئۇنىڭدا ئاجايىپ بىر خاسىيەت بارلىقىدىن گۇۋاھلىق بېرىپ تۇراتتى. LW@rWke6  
   تەقدىر ئەزەل كاتىپى ھەر بىر ۋۇجۇد لەۋھەسىگە بىر خىل ئۆزىگە خاس خاسىيەتلىك ئىقتىدار قەلىمىنى چېكىدىكەن.بۇ لەۋھەنى پەقەت شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىلا ئوقۇپ جارى قىلالايدىكەن.يۈسۈپنىڭ ۋۇجۇدىغا قانداق تەقدىر رەقەملىرى چېكىلدىكىن _تاڭ،بۇنى تېخى ھېچكىم بىلمەيتتى.يۈسۈپنىڭ ئانىسى ئوغلىدىن ئۇلۇغۋار ئىشلارنى كۈتەتتى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار قانچىلىك بەدەل كەتسە تۆلەشكە تەييارلىنپ قويغانىدى.
n_ Kg;n  
"H*\PrC  
2>R2nVoFT  
پەرزەنىت ئەلىنىڭ تەختى،زېمىنىڭ بەختى
N:R.f/'vs  
    ئادەم بۇ ئالەمگە تۆرەلگەندە پەقەت بىر ئىشنى يەنى قايسى زاماندا ،كىمدىن ۋە قەيەردە تۇغۇلىدىغانلىقىنى بەلگىلىۋالالمايدىكەن .بەزىلەر شاھتىن،بەزىلەر پۇقرادىن ،بىرىمىز ياۋروپادا،يەنە بىرىمىز ئاسىيادا،بىرىمىز شەھەردە،يەنە بىرىمىز سەھرادا تۇغۇلىدىكەنمىز،بىرىمىز بىر مىللەت،يەنە بىرىمىز ئۇ مىللەت بولۇپ،يارىلىدىكەنمىز.بىراق،قەيەردە كىمىدىن تۇغۇلۇش بىر ئىش،قانداق يەنە بىر ئىش ئىكەن. :tu[;2  
   يۈسۈپ قاراخانىيلارنىڭ يازلىق پايتەختى بالاساغۇندا 1017_يىلى يۇقىرى نەسەبىلىك ئۇيغۇرلاردىن بىرىنىڭ ئائىلىسىدە بۇ دۇنياغا كۆز ئاچتى.بۇ چاغ قاراخانىيلارنىڭ راسا قۇدىرەت تاپقان،گۈللەنگەن دەۋرلىرى ئىدى.يەنە بىرى،قاراخانىيلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولغانىدى.10_ئەسىرنىڭ 50_يىللىرىغا كەلگەندە قاراخانىيلارنىڭ شاھزادىسى سۇتۇق تېكىن نائىپ خان ئوغۇلچاقنى ئۆلتۈرۈپ،خانلىق تەختىنى تارتىۋالدى.ئۇ تەختىكە چىقىپ تۇنجى قەدەمنى قاراخانىيلارنىڭ ئەنئەنىۋى دىنى ئورنىغا ئىسلام دىنىنى قويۇشقا قاراپ باستى،شۇنىڭ بىلەن بۇ زېمىندا يىرىم ئەسىرگە يىقىن ئاز بولمىغان قانلار تۆكۈلدى.قاراخانىيلارنىڭ يۇقىرى تەبىقە ئەربابلىرى ئالدى بىلەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغانىدى.بۇنىڭ بىلەن قاراخانىيلارنىڭ خانىلىرىدىن تارتىپ ئوردىنىڭ باشقا مۆتىۋەرلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئىسىملىرىنىڭ ئورنىغا ئەرەبىي ،ئىسلامىي ئىسىملارنى قۇيۇشقا يۈزلەندى.مانا مۇشۇنداق زۆرۈرىيەتتىن ئوردا مۆتىۋەرلىرىدىن بولغان يۈسۈپنىڭ ئاتا_بوۋىسى يۈسۈپكە ئىسلامىيەت تارىخىدىكى پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ بىرى بولغان يۈسۈپ ئەلەيھسالامنىڭ ئىسمىنى تاللاپ قويغانىدى.يۈسۈپمۇ ئىسىمى_جىسمىغا لايىق شۇنداق نۇرانە،شۇنچىلىك ئۆتكۈر بالا بولۇپ ئۆسمەكتە ئىدى.ئۇ ئائىلىسىگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىدى. j`g#  
    يۈسۈپ ئىسلام دىنى مۇھىتىدا ئۆسۈپ يىتلىشكە باشلىدى.يۈسۈپنىڭ ئانىسى تولىمۇ ئوقۇمۇشلۇق،تەقۋادار ئايال بولۇپ يۈسۈپنىڭ ئەمدى تىلى چىقىشقا باشلىغاندىن باشلاپلا ئۇنىڭ قەلبىنى ئىلىم_ھېكىمەت بىلەن شەرھى مەھكىمىسىنڭ قازىسى،دادىسى بولسا بالاساغۇن ئوردىسىدا پۈتۈكچىلىك مەھكىمىسىدەئىشلەيتتى.ئۇلار يۈسۈپنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى تەلىم_تەربىيە ۋەزىپىسىنى ئانىغا تاپشۇردى. 6NH[Pw 
   _ئانىسى،مېۋە چېچىكىدىن،ئادەم كىچىكىدىن،دېگەن گەپ بار،_دېدى يۈسۈپنىڭ دادىسى يۈسۈپنىڭ ئانىسى بىلەن سۆزلىشىپ ئولتۇرۇپ،_بالىمىز يۈسۈپ خېلى زېرەك ئەقىللىق بالا بولىدىغاندەك قىلىدۇ.مەن ئوردا ئىشلىرى بىلەن كۆپىنچە ئالدىراش بولۇپ ئۆتىدىكەنمەن.ئائىلىنىڭ كۆپ ئىشلىرىنى سىزگە تاپشۇردۇم،يۈسۈپنىڭ تەربىيسىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلەيلى،ئوقۇشقا كىرىگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يۈكى تېخىمۇ ئېغىرلايدۇ.ھازىرىقى ئاساسنى ياخشىراق سالمىساق بولمايدۇ. XcP{][  
   _ۋاي،بۇ بالىنىڭ مەندىن سورىمايدىغان گېپى يوق،_دېدى يۈسۈپنىڭ ئانىسى جاۋابەن،_ئادەمنىڭ ئەقلىگە يەتمەيدىغان ئىشلارنى،ئويلىمىغان گەپلەرنى سورايدۇ،بەزىدە نېمىدەپ جاۋاپ بېرشىمىنى بىلەلمەيلا قالىمەن.ئوقۇشقا بارسا خەلپىتىمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋېتەمدىكىن بۇ بالا. Z Tduf  
   _دۇنيادا بىرى مۆرىمەستىن قورق،يەنە بىرى نان يىمەسىتىن ،گەپ بار.كۆپ نەرسىلەرنى سورىغان ئادەم ئالىم بولىدۇ._دەپ كۈلۈپ قويدى دادا،_بالا دېگەن بىر ئائىلىنىڭ مېۋىسى.ئۇنىڭ ئاچچىقى،چۈچۈمىلى ۋە تاتلىقى بولىدۇ.بەزىلىرى ھەتتا شېخىدا مېۋە تۇتالمايدۇ.ياخشى مېۋە بەرسە ئەل_يۇرت ئۇ بالىدىنمۇ ،ئاتا_ئانىسىدىنمۇ رازى بولىدۇ،ئۇ دەرەخنى قۇرۇتۇپ قويسا ئەل_يۇرت ئاتا_ئانىدىن كۈلىدۇ.پەرزەنىت دېگەن ئەلنىڭ تەختى،زېمىنىڭ بەختى،ئانىسى.
xuZPA4y  
Q,5AfAfH  
F~,>qI1  
k*ZL C`#  
سەبىي سوئاللار
MFFJ@7W&E  
   _ئانا،ئادەم نېمىشقا ئۇخلاپ تۇرۇپمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆرەلەيدۇ؟_دېدى بىر كۈنى ئەتىگىنى،بەش ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان يۈسۈپ ئانىسىدىن. w^yM:Vt  
_ۋاي بالام يۈسۈپ،بۈگۈن قانداق چۈش كۆرۈپسەن،_دېدى يۈسۈپنىڭ سوئالىدىن ھەيران بولغان ئانا.يۈسۈپ ئانىسىنىڭ سورىغان سوئالىغا جاۋاپ بەرمەي،<<نېمە چۈش كۆرۈپسەن؟>>دەپ قايتۇرما سوئال سورىغانلىقىدىن بالىلارچە تېرىكىتى: :J3t7.  
_سىز مەن ھەر دائىم گەپ سورىسام،نېمەن بولغان،نېمىشقا سورايسەن،دەپلا تۇرامىسىز؟_دېدى يۈسۈپ. "@%xMl~  
   ئانىسى كۈلۈپ كەتتى ۋە يۈسۈپنىڭ كۆڭىلىنى ئەمىن تاپتۇرۇش ئۈچۈن : 2s>G68t  
_بالام ،مەنمۇ چۈش كۆرۈشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقنى تازا بىلىپ كەتمەيمەن،چوڭلاردىن <<ياخشى چۈش تەڭىرىدىن،يامان چۈش شەيتاندىن>>دېگەن گەپلەرنى ئاڭلغان.ھازىر بولدى قىلىپ چېيىڭنى ئىچىكىن.داداڭ كەلگەندە سورىساڭ تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ. 0X}oA{U7:  
_ئۇنداق بولسا بۈگۈن مەن چۈشىگەن چۈش تەڭىرىنىڭ چۈشىكەن،_دېدى يۈسۈپ ئانىسىغا يىپىشىپ،_كىچىك قۇش بولۇپ ئانا قۇشقا ئەگىشىپ ئۇچقۇدەكمەن،ئانا مېنى ئەگەشتۈرگەن قۇش تەڭرىما؟ ]$:/~:nc  
   ئانا يەنە تەڭقىسلىقتا قالدى ۋە ئىلاجىسىز بالىنىڭ كۆڭلىگە يارىشا ئۇنى جاۋاپسىز قالدۇرماسلىققا تىرىشتى. '0UvE8P"wf  
  _توغرا،بەلكىم تەڭرىدۇر،ئۇچۇپ چۈشەش خاسىيەتلىك ،تەڭرىگە يىقىنلىشىش دېگەن گەپ،ساڭا تەڭرى قانات بېرىدىغان ئوخشايدۇ ،بالام. "{_ 8U  
_ئانا،ئادەمگىمۇ قانات چىقامدۇ،ئۇنداق بولسا ساڭا نېمىشقا قانات بەرمىدى ؟ 6nN,3d2j  
_بالام ،ساڭا گەپ تېپىپ بېرەلمەيدىكەنمەن،ئوقۇشقا بارغاندا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىسەن.ئادەم دېگەنگە ھەقىقىي قانات_بىلىم.  
يۈسۈپ ئاخىر ئوقۇشنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ روھلىنىپ كەتتى ۋە ئانىسىغا ئۈمىد ھەم ھەيرانلىق بىلەن تىكىلدى. Daoa_| Au  
   يۈسۈپ ئۈچ ياشنىڭ قارىسىنى ئالغاندىن تارتىپلا،زوقمەنلىك ناھايىتى روشەن زاھىر بولۇشقا باشلىغانىدى.بولۇپمۇ تۆت ياشتىن ھالىقىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قىزىقىشى تېخىمۇ كېڭەيگەن بولۇپ،ئۆز يىشىغا مۇناسىپ بولمىغان سوئاللارنى سوراپ،ئانىسىغا ئارام بەرمەيىتتى.ئانىسىمۇ ئوقۇمۇشلۇق يۇقىرى تەبىقە ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان،پەزىلەتلىك ئوقۇمۇشلۇق ئايال ئىدى.ئۇ ئائىلىدە ئۆزىنىڭ ئاياللىق بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ قالماي،بەلكى بالىلارنىڭ ياخشى ئۇستازى بولۇش رولىنىمۇ ئالغانىدى. 7@K1WWw:  
  _بوۋا...بوۋا.... 7i q7 
بالىلار بىلەن مۈڭگۈز ئويۇنى ئويناۋاتقان يۈسۈپ بوۋىسىنڭ چاقىرىغانلىقىنى ئاڭلاپ،دوستلىرى بىلەن بىرگە يۈگۈرگىنىچە ھويلىغا كىرىپ كەلدى.كەڭرى،ئازادە تال باراڭلىق ھويلىدىكى شىردىمال سېلىنغان سۇپا ئۈستىدە يۈسۈپنىڭ بوۋىسى ئولتۇراتتى.يۈسۈپ كىرىپلا بوۋىسىنى بوينىغا ئېسىلدى ۋە : $Kw8V/@7  
   _نېمە ھېكايە ئېيتىپ بېرىسىز ؟_دەپ سوردى. }d6-S<-0  
_بوۋاڭنى بىرەر پىيالە قىزىق چاي راسلاپ چىقىۋاتقان يۈسۈپنىڭ ئانىسى ۋە قۇيغاچ ،_ئەسسالامۇئەلەيكۇم،سالامەت تۇرىدىڭىزمۇ،بىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ،يامان سېغىنىپ كەتتىم،_دېدى يۈسۈپ بوۋاينىڭ تىزىغا بېشىنى قويۇپ. E BRqSlK0  
   _بەلكىم مېنىڭ ھېكايەمنى سېغىنىپ كەتكەنسەن. Y)H%UMNP  
بوۋاينىڭ بۈگۈن كېلىشىدە ئالاھىدە مەقسەت بار ئىدى.شۇڭا ئۇ ئېرىنمەي،يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىغا ھېكايە ئېيتىپ بېرىشكە باشلىدى،بۇ ھېكايە ئۇنىڭ مۇددىئاسىنىڭ مۇقەددىمىسى ئىدى.بالىلار سۇپىغا چىقىپ بوۋاينى چۆرىدەپ ئولتۇردى. 5!OfK  
   _بۇرۇنقى زاماندا،_دەپ ھېكايە باشلىدى يۈسۈپنىڭ بوۋىسى،_يولۋاس پادىشاھلىقى بىلەن شىر پادىشاھلىقى ئوتتۇرىسدا ياشاش ھوقۇقىنى ۋە ماكان تالىشىپ دۈشمەنلىشىش پەيدا بوپتۇ.يولۋاسنىڭ ۋەتىنى باياشاد،بۈك_باراقسان ئىكەن.خەلقى ئەركىن_شاد ياشايدىكەن.ئۇلار ئۆز ۋەتىنىدىكى چوڭ_كىچىك پۇقرالىرى بىلەن ئىناق،تىنىچ،خاتىرجەم ياشاۋاتقان چاغدا شىىر پادىشاھنىڭ بۇ ۋەتەنگە كۆزى قىزىرىپ،يولۋاس پادىشاھلىقىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن قوشۇنلىرى بىلەن يولۋاسلارنىڭ ۋەتىنىگە بېسىپ كەپتۇ....  
   _بوۋا،ھايۋانلارنىڭمۇ ۋەتىنى بولامدۇ؟_دەپ سورىدى يۈسۈپ ،بوۋىسىنىڭ چيا ئوتلاۋاتقان پۇرسىتىدە. pN [_u]4~  
   _بولىدۇ.بالام،بولىدۇ،ئادەملەرنىڭلا ئەمەس،بارلىق ھايۋانلارنىڭ،ئۇچار قۇشلارنىڭ ۋە جان_جانىۋارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ياشاش ماكانى بولىدۇ.مانا شۇ ئۇلارنىڭ ۋەتىنى.ئۇلارمۇ خۇددى ئادەملەردەك ۋەتىنىدىن مەھرۇم بولۇپ قالسا ھەممە نەرسىىسىدىن مەھرۇم بولىدۇ.ياشاش ھوقۇقى ۋە ياشاش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم بولۇپ قالىدۇ.بېلىق سۇدىن،يولۋاس ئورمانلىقتىن،چاشقان ئۇۋىسىدىن ئايرىلسا ياشىيالمىغانغا ئوخشاش. .-IYt }  
   _بۇ ۋاقىتتا،_دەپ ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇردى بوۋاي،_گەرچە يولۋاس پادىشاھلىقنىڭ ئەسكىرىي كۈچى زور،خەلقى پىداكار بولسىمۇ،بىراق ئۇرۇش بەرىبىر خەلىقگە زور بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ،ئۇرۇشۇش كېرەكمۇ ياكى سۈلھى تۈزۈش كېرەكمۇ دېگەن مەسىلىدە بىر قارارغا كېلەلمەي بېشى قېتىپتۇ. T3yEuQM  
ئەگەر سۈلھى تۈزۈش تەرەپدارى بولىدىغان بولسا،شىر پادىشاھلىقىنىڭ بارلىق تەلىپىگە قۇللۇق بىلدۈرۈش بىلەن ۋەتىنىگە ھاقارات كەلتۈرۈش يولى بىلەنلا نەتىجىلىنىدىكەن. vOwTKUb  
قانداق قىلىش كېرەك.بۇنىڭغا بىر ئەپلىك تەدىبىر تېپىلسا ھەم قان تۆكۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەم ۋەتىنىنى بالايىئاپەتتىن ساقلاپ قالغىلى بولىدىكەن. {) ,5r`+  
شۇنداق پەيىتتە يولۋاس پادىشاھلىقنىڭ پۇقرالىرى ئارىسىدىن بىر تەدىبىرلىك تۈلكە ئوتتۇرىغا چىقىپ،ئۆزىنى مەلۇم قىلىپتۇ: J\X! |`AD<  
   _ئالىيلىرى،مېنىڭ بىر ياخشى تەدىبىرىم بارئىدى،_دەپتۇ يولۋاس شاھ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ. tPg^Z)Gp*  
 _خوش،ئىجازەت،قېنى تەدىبىرىڭنى ئېيىت،_دەپتۇ يولۋاس پادىشاھ. #ypWOP  
_مۇبادا مېنىڭ تەلىپمگە قوشۇلسىلا،شىر پادىشاھنىڭ قوشۇنلىرىنى ئۆزۈملا ھالاكەت تورى ئىچىگە باشلاپ كىرەتتىم،_دەپ ئۆتۈنۈپتۇ.يولۋاس پادىشاھ ئۇنىڭ قانداق تەلىپى بولسا ئورۇندايدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىپتۇ. ]7UXt*w  
_بىرىنچى تەلىپىم،مېنىڭ بالا_چاقىلىرىمنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشقا ۋەدە بەرسىلە،_دەپتۇ پىداكار تۈلكە. CsuM(S^  
  _سېنىڭ پەرزەنتلىرىڭ مېنىڭ پەرزەنتىم، ئۇلاردىن غەم يىمىگىن،_دەپتۇ يولۋاس پادىشاھ. Ej1A;(u  
_ئىككىنچى تەلىپىم،نۆكەرلەرگە ئەمىر قىلسىلا،ئۇلار مېنىڭ قۇلاق_بۇرۇنلىرىمىنى كېسىپ تاشلىسۇن. ;7gO6,kL  
   پىداكار تۈلكىنىڭ بۇ تەلىپىنى ئاڭلىغان شاھ ۋە نۆكەرلەر نېمە ئىش ئېكەنلىكىنى بىلەلمەي ھەيران بوپتۇ.نۆكەرلەردىن بىرەرسىمۇ چىقىپ پىداكار تۈلكىنىڭ بۇرۇن_قۇلىقىنى كېسىشكە جۈرئەت قىلالماپتۇ.بىراق پىداكار تۈلكە ئۆز يىنىدىن شەمشىرىنى شارتلا سۇغۇرۇپ ئېلىپ ئۆزىنىڭ قۇلاق_بۇرۇنلىرىنى كېسىپ تاشلاپتۇ.پۈتۈن ئەزايى قانغا چىلىنىپتۇ.ئۇ ئۆز پادىشاھى يولۋاسقا تازىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن،شىر پادىشاھنىڭ ئاساسلىق قوشۇنى تۇرۇشلۇق قارارگاھقا يۈرۈپ كېتىپتۇ. TztpTMg%a  
   _دات شىر پادىشاھ ھەزرەتلىرى ،_دەپ پەرياد كۆتۈرۈپتۇ قۇلاق_بۇرۇنلىرى كېسىلىپ،يارىسىدىن قان ئېقىپ تۇرغان تۈلكە شىر پادىشاھنىڭ بارگاھى ئالدىغا كېلىپ،_ئىنتىقامىمنى ئېلىپ بەرسىلە. qhC5@Do  
_نېمە ئىش ،_دەپ سوراپتۇ شىر پادىشاھ كۆرەڭلىك بىلەن. ",2i 2  
  _مەن يولۋاس پادىشاھقا شىر بىلەن سۈلھى تۈزەيلى ،ئۇلار كۈچلۈك ،بىز ئاجىز ،دېسەم،ئۇ نۆكەرلىرىگە قۇلاق_بۇرۇنۇمنى كەستۈرۋەتتى.ئۇلار ئاساسىي قىسىملىرىنى بىر قانچە كۈنلۈك نېرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ،شۇنداق پىلان تۈزۈشتۈكى،پەقەت مەنلا ئالىلىرىنى باشلاپ بېرىپ،ئۇ سىرنىڭ تۈگۈنىنى يىشىشكە ،ئالىيلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا بۇ باياشاد ئەلنى ئىدارە قىلىشىغا ياردەمدە بولالايمەن.شۇنىڭ بىلەن ئۆزەمنىڭ ئىنتىقامىنىمۇ ئالالايمەن. lV(nxf  
   تۈلكىنىڭ بۇ سېھىرىي ئەپسۇنىغا ئالدانغان شىر پادىشاھ پۈتۈن قوشۇنىنى تۈلكىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ مېڭىشقا ئەمر قىلىپتۇ.بۇلار يۈرۈپتۇ،يۈرۈپتۇ،يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپتۇ.بىر كۈن يۈرۈپتۇ،ئىككى كۈن يۈرۈپتۇ،بىراق يولۋاسلاردىن ھېچ دېرەك بولماپتۇ.تۆت_بەشىنچى كۈنىگە كەلگەندە قوشۇننىڭ ئوزۇق_تۈلكى ئۈزۈلۈشكە باشلاپتۇ.بوستانلىقلار تۈگەپ چۆل_جەزىرىلەردىن مېڭىپتۇ.شۇنداق قىلىپ يەتتىنچى كۈنى بۇلار تۈلكىنىڭ باشلىشى بىلەن ئادەمنىڭ جېنىنى ئالىدىغان ئىسسىق پىژغىرىم قىزىق قۇم بارخانلىرى بىلەن بىر ھالاكەت دەشتىگە يىىتپ كەپتۇ.شۇ چاغدىلا تۈلكە ئۆزىنى ئاشكارلاپتۇ ۋە : ]h nEx  
_ئەي مەلئۇن،سەن قەبىھلىكىڭ،نەپسانىيەتچىلىكىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ ۋەتىنىگە كۆز ئالالايتىڭ.ئەلنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزدۇڭ.ساڭا ياخشى گەپ كار قىلىمىدى.شۇڭا مەن سېنى ھالاكەت تورىغا ئېلىپ كىردىم.ئوزۇق_تۈلۈكىڭ پۈتۈنلەي تۈگىدى.ھەر تۆت تەرەپنىڭ ئارلىقى يەتتە كۈنلۈك يول .بۇ ھالاكەت تورىدىن ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايسەن.باشقىلارنىڭ ۋەتىنىگە كۆز ئالالايتقانلارنىڭ تەقدىرى مۇشۇنداق بولىدۇ،_دەپتۇ. WZ 
_بالىلىرىم،ھېكايىنى چۈشەندىڭلارمۇ؟ 2 c],:zB;%  
پىداكار تۈلكىنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ ھوزۇرلىنىۋاتقان بالىلار بوۋاينىڭ گېپىگە دەرھاللا جاۋاپ بېرەلمىدى.بوۋاي ئۇلارغا:  OE``  
_سىلەر شۇنى بىلسەڭلار بولدى،ياشاش ئۈچۈن ئاشۇنداق پەم _پاراسەت ۋە پىداكارلىق كېرەك.پەم_پاراسەت بىلىمدىن،قابىليەتتىن كېلىدۇ.بىلىم ۋە ئەقىل _پاراسەت ئوقۇش ئۆگىنىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ.شۇندىلا تۈلكىدەك مىڭ،ئون مىڭ ئادەملەرنىڭ ئىشىنى بىر ئادەم قىلالايدۇ.غۇڭا،ئەمدى سىلەر بالىلىق ساياقىلىقڭلارنى تاشلاپ ئوقۇشۇڭلار كېرەك. >'*2MP#$  
   يۈسۈپ ئەمدىلا بوۋىسىنىڭ بۇ ھېكايىنى مەقسەتلىك ئېيتقانلىقىنى چۈشەندى ۋە شادلىنپ،ئورنىدىن دەس تۇردى_دە،بوۋىسىنىڭ بوينىغا گىرە سېلىۋالدى. kWH gF".  
يۈسۈپنىڭ دادىسى ئۆيدە كۆپ تۇرالمايتتى.قاراخانىيلارنىڭ ئىككى پايتەختى_قەشقەر بىلەن بالاساغۇن ئارىسىدا كۆپ ماڭاتتى.قىشىلىق پايتەخىت قەشقەرگە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن بىر كەتسە بەزىدە يىرىم يىلدا ئاران قايتىپ كېلەتتى.شۇڭا،يۈسۈپ بەزى چاغلاردا ئاپىسى بىلەن چوڭ دادىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرىدىغان بولغاچقا چوڭ دادىسغا بەكمۇ ئىچىكىپ كەتكەنىدى.بوۋىسىمۇ يۈسۈپكە قەۋەتلا ئامراقلىق قىلاتتى.بۈگۈنمۇ مەقسەتلىك ھالدا يۈسۈپنى بالاساغۇن ئوردا مەدرىسىىسىگە ئوقۇشقا ئېلىپ بارغىلى كىرگەنىدى.
ZwpW9%NDQ  
~t#XeGV  
q<`_R7C~`  
     بالاساغۇن ئوردا باشلانغۇچ مەدرسىسى.مەدرىسىنىڭ شەرت_شارائىتى ناھايىتى ياخشى،دەرسخانىلىرى ئازادە ۋە پاكىز بولۇپ،ئوقۇغۇچى سانىمۇ ئانچە كۆپ بولمايتتى.مەدرىسنىڭ بىر تەرىپىدە ياسىداق ئوردا مەسچىتى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.ھەر بىر ناماز ۋاقتىدا مەزىننىڭ سوزۇپ ئېيتقان ئەزىنى دەرىسخانىغا ناھايىتى ئوچۇق ئاڭلىناتتى.زىلچا سېلىنغان دەرسخانىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ،دەرس ئاڭلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا بىردىن رەھىل بولاتتى.قاراخانىيلارنىڭ باشلانغۇچ مائارىپىدا ئاساسلىقى ساۋات چىقىرىش،ئانا تىل تەربىيسى،دىنىي تەلىم_تەربىيە ،ئەرەپ_پارس تىلىنى ئۆگىنىشتىن باشلىناتتى.ئەرەپ_پارس تىلىنى ئۆگىنىش ئوقۇغۇچىلارغا خېلىلا ئېغىر بېسىم بولاتتى. /[_i2s.s  
    يۈسۈپ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنلا ئانىسى ئۇنىڭ خەت ساۋاتىنى چىقىرىپ بولغاچقا،ئۇ پۈتۈن دىققەت ئېتىبارىنى دىنىي ئىلىم ۋە تىل ئىلىمىنى ئۆگىنىشكە قاراتتى.ئەتراپلىق يېتىلگەن ئۇستازلىرىنىڭ تەلىم_تەربىيسى يۈسۈپنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۋاتقاندەك زوقلىنۋاتاتتى.ئۇنىڭ زېھنى بارغانچە ئېچلىپ،نۇرغۇن مەسىلىلەرگە جاۋاپ تېپىشقا باشلىدى. CsGae  
    يۈسۈپنىڭ ئۇستازلىرىغا بولغان يۈكسەك ئىخلاسمەنلىكى بىلەن ھۆرمىتى،ئۇستازلىرى بىلەن يۈسۈپ ئوتتۇرىسىدا ئاجايىپ چوڭقۇر بىر مېھىر_مۇھەببەت رىشتىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەنىدى.ئۇستازلىرى،يۈسۈپنىڭ باشقا ساۋاقداشلىرىغا قارىغاندا ساۋاتنىڭ تولۇق چىقىپ بولغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ ،بىر قىسىم يەڭگىل كىتابلارنى يۈسۈپنىڭ ئوقۇشىغا بېرىدىغان بولدى.يۈسۈپنىڭ كۆپ ۋاقتى كىتاب ئوقۇش بىلەن بولۇپ كېتىپ،بەزىدە ناماز ۋاقتى بولغانلىقىنىمۇ ئېسىدىن چىقىرىپ قوياتتى. eZg'?~ uu  
    بۈگۈن مەدرىسلەرنىڭ دەم ئېلىش كۈنى ئىدى.شۇڭا،ئاخشامدا مۇئەللىملىرى بەرگەن كىتابقا قىزىقىپ كېتىپ شام يورۇقىدا خېلى كەچكىچە كىتاب ئوقۇپ،ئاندىن ياتتى.ئەتىگەندە يۈسۈپنىڭ بوۋىسى ئايالىغا يۈسۈپنى نامازغا قوپۇرۇشنى تاپىلاپ قويۇپ،مەسچىتكە چىقىپ كەتتى.بىراق،چوڭ ئانسى يۈسۈپنى كۆپرەك ئۇخلىۋالسۇن دەپ ئويغاتمىغانىدى. rv6Jc{G[  
    _يۈسۈپ،يۈسۈپ،قېنى سەن،يۈسۈپ مەسچىتكە چىقمىدىغۇ؟_يۈسۈپنىڭ بوۋىسى نامازدىن قايتىپ تاشقىرىقى ئىشىكتىن يۈسۈپنى چاقىرىپ كىردى.شۇ چاغدا بوۋىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان يۈسۈپ،كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ ھويلىغا چىقتى_دە،كۈن قىزىلى بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ چوڭ ئانىسىغا كايىپ تاپا قىلشىقا باشلىدى: ?3YZW)VFZ.  
   _ھەر قېتىم مېنى مۇشۇنداق شەيتاناغا تاشلاپ بېرىپ،گۇناھكار قىلىسەن ،چوڭ ئانا.ئۇستازىمىز بىزگە،كۈن قىزىلىدىكى ئۇيقۇ غەپلەت ئۇيقۇسى،ئۇ تېنىڭنى زەئىپلەشتۈرىدۇ،روھسىز ۋە لەقۋا قىلىپ قويىدۇ.سەھەر تۇرۇش ھاياتقا بەرىكەت بېرىدۇ،كۆڭۈل روشەن ۋە ئازادە بولىدۇ.ئادەمنىڭ زېھنى ئۆتكۈرلىشىدۇ،دېگەنتى. lu\]z)5Hp  
سەل خاپا بولۇپ كىرگەن بوۋاي يۈسۈپنىڭ قائىدە سۆزلەپ،گۇناھنى ئۆزلىرىگە ئارتىپ قويغانلىقىنى تەن ئېلىپ كۈلۈپ كەتتى ۋە يۈسۈپكە: N&`MNA"Q  
   _مۇدەررىسلەر ،سەھەر تۇرۇشنىڭ خاسىيىتىنى سۆزلەپ بالدۇرراق يىتىشنىڭ خاسىيىتىنى سۆزلىمىدىما.ئوغۇل بالا دېگەن ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلىشى،ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشى كېرەك .قائىدىنىلا بىلىپ ئەمەلىيەتتە ئەمەل قىلمىساڭ بولمايدۇ،بالام،_دېدى. ]-m[) 
ي   ۈسۈپ بەك پەزىلەتلىك،زېرەك ۋە جۈرئەتلىك ئىدى.ئۇ مۇئەللىمى دەرس باشلاش ئالدىدا تەكىتلىگەن <<بىلمىگەننى سوراپ ئۆگەنگەن ئالىم بولىدۇ،سوراشنى ھار ئالغان زالىم بولىدۇ>>دېگەن ھېكىمەتلىك تەۋسىيىسى بويىچە،يۈسۈپنىڭ كاللىسىدا نۇرغۇن _نۇرغۇن بالىلارچە سوئاللار تۇغۇلۇپ تۇراتتى.ئۇنىڭ بەزى سوئاللىرى ئۆز يىشىدىكى بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىداردىن ھالىقىپ كېتەتتى.بۇنداق تەلەپچانلىق مۇئەللىملەردىمۇ قوزغىتىش پەيدا قىلاتتى.ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ پىكىر قىلىشىنى ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولاتتى. lAHJ[F  
   يۈسۈپنىڭ باشلانغۇچ مەلۇماتىنى تۈگىتەلىشى ئۇنىڭ ئوقۇش،بىلىش ھاياتىدا يىڭى بىر بەتنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.مانا بۇ يىل ئۇ باشلانغۇچ مەلۇماتىنى ناھايىتى ئىلغار نەتىجە بىلەن تاماملاپ،بالاساغۇن ئوردا مەدرىسىسىنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك تەلىم_تەربىيسىدىن مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىشقا باشلىدى.ئوقۇتۇش مەزمۇنى كېڭەيدى.بۇ باسقۇچتا تىل_ئەدەبىيات،تارىخ،جۇغراپىيە ئىلىمى،مەنتىقە ئىلىمى،قۇرئان تەپسىرى قاتارلىق پەنلەردىن باشقا ئاسترونومىيە،خىمىيە،ماتېماتىكا پەنلىرىنىڭ خېلى يۇقىرى سەۋىيسىگە ۋەكىللىك قىلىنىدىغان مەلۇماتلار بېرىلەتتى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە قاراخانىيلاردا ئوتتۇرا دەرىجىلىك تەلىم_تەربىيىدىن باشلاپ ئەلەم (ھەربىي ئىشلار)تەربىيسىمۇ بېرىلەتتى. G#F} gz  
   ئوقۇش ھاياتىنىڭ يىڭى سەھىپىسىنىڭ ئېچىلغانلىقى بىلەن ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسىغىمۇ يىڭى_يىڭى نىشان تاختىلىرى قادالدى.مانا ئەمدى ئۇنىڭدا ھاياتتىن،تۇرمۇشتىن ھەتتا ئۆزىدىن قەتئىي قانائەتلەنمەيدىغان نازۇك بىر تۇيغۇ ئويغىنىشقا باشلىدى.ھەر كۈنلۈك دەرس،ھەر كۈنلۈك ئىزدىنىش ئۇنى بىر خىل چەكسىزلىك ،غايىۋى ۋە نازۇك بىر تۇيغۇ ئويغىنىشقا باشلىدى .ھەر كۈنلۈك دەرس .ھەر كۈنلۈك ئىزدىنىش ئۇنى بىر خىل چەكسىزلىك،غايىۋى ۋە نازۇك بىر ئالەمنىڭ قوينىغا باشلاپ كىرىپ كېتىپ بارغاندەك تۇيغۇدا بولاتتى.ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن قاتمۇ_قات تارتىلغان سىرلار پەردىسى بىرمۇ بىر ئېچلىپ بۇ ئالەم ۋە ئادەم ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۆزىنىڭ ئەسلىي ماھىيىتىنى ئاشكارلاشقا باشلىغاندەك قىلاتتى.نېمىدىگەن خاسىيەت!ئۇ بارا_بارا تۇيغۇ،ھېس ۋە تەپەككۇر كېمىسىگە ئولتۇرۇپ كائىنات مۆجىزىلىرىنى ،ئىنسان روھىيىتىنى تەپەككۇر قىلىشقا مۇۋەپپەق بولۇۋاتاتتى.ئالەم نېمە؟ئادەم نېمە؟ئالەم قانداق پەيدا بولدى؟ئادەم نېمە ئۈچۈن يارىتىلدى؟ئالەم ئادەمگە نېمىلەرنى بېرىدۇ،ئادەم دۇنيادا پەقەت ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ ئەسىرى بولغان بىچارە بايقۇشمۇ،ياكى دۇنيانىڭ خوجايىنىمۇ؟زامان نېمە،ماكان نېمە،مەھرۇملۇق نېمە،بىلىم نېمە،بىلىشچۇ؟بۇلارنى ئويلىغىنىدا يۈسۈپ قانائەتسىزلىك ئوچىقىدا پۇچىلىناتتى. I"9: 60  
   بۈگۈنكى مەنتىقە دەرىسدە مۇئەللىم دەرس مەزمۇنىغا قوشۇپ ئادەمنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارى بىلەن بىلىمنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.ئاخىرىدا تەپەككۇرنىڭ مەنبەسى نېمە؟بىلىمنىڭچۇ؟دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلىنىپ كېلىشنى ئوقۇلداشلارغا تاپشۇردى.شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئوقۇلداشلىرى ئارىسىدا بەس_مۇنازىرىگە سەۋەپ بولدى. A\VuUt  
  _بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ،_دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى بىر ساۋاقداش،_ئەقىلنىمۇ،بىلىمنىمۇ ئاللا بېرىدۇ،ھەممە نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھ،_دېدى . 8G?k"4b&  
  بۇ جاۋاپنى ئىنكار قىلىش ھەقىقەتەنمۇ مۈشكۈل ئىدى.چۈنكى،<<ئاللاھنىڭ ئىرادىسىسىسز قىل تەۋرىمەيدۇ>>دەپ قارىلاتتى.شۇ ئارىدا يەنە بىر ساۋاقداش چاقچاق ئارىلاش جاۋاپ قايتۇردى: |lF%+_j  
_بىزگە ھازىر بىلىمنى خەلپىتىم بېرىۋاتىدىغۇ،بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر ؟_دېدى.بۇ يۈسۈپنىڭ بالا چېغىدىن تارتىپ بىرگە ئوقۇۋاتقان ساۋاقدىشى ۋە ئۆمۈرلۈك دوستى قۇت بەگ ئىدى. Za=j<XT!N  
_مۇئەللىم بىزگە ئاللانىڭ ئىلىمىنى ئۆگىتىدۇ،_دەپ ئېتىراز بىلدۈردى ھېلىقى ساۋاقداش. 7.2Zinw  
_بۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلشقا ئورۇن يوق،ئاللا بۇنىڭ ھۆكىمىنى قىلىپ بولغان،_دېدى يۈسۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ ۋەزمىنلىك بىلەن .ئارقىدىن <<ئىقرە>>سۈرىسىنى يادقا ئوقۇغاندىن كېيىن،_ئاللاھ ئۆزى ئىنسانلارغا <<ئوقۇ>>دېگەن ھۆكۈمنى قىلغان.دېمەك بىلىم ئوقۇشسىز ،ئۆگىنىشسىز كەلمەيدۇ،_دېدى .بۇ كۈچلۈك دەلىل ئالدىدا باشقا تالاش_تارتىشقا ئورۇن قالمىغانىدى. G\A^yI)  
    يۈسۈپ بىلىم بىلەن ئوقۇشنىڭ،بىلىم بىلەن ئىنسانىي كامالەتنىڭ ،ئىنسان كامالىتى بىلەن جەمىئيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇناسىۋىتى،جەمىئيەت تەرەققىياتى بىلەن مىللەتنىڭ ،دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ھەققىدە ئويلىناتتى.ئۇنىڭ كاللىسىدا يەنە چوڭقۇر پىكىرلەر،سوئاللار تۇغۇلۇشقا باشلىغانىدى.ئۇ گەرچە مۇئەللىملەرنىڭ دەرسىدىن نۇرغۇن ئىجىتىمائىي ۋە تەبىئي قانۇنىيەتلەرنى بىلىش بىرگەپ،ئۇ ئەمدى دەرس بىلەنلا قانائەت قىلمايدىغان بولدى.ئوردا كۈتۈپخانىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن چەكسىز ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بەردى.يۈسۈپنىڭ تىل جەھەتتىكى ئىمكانىيىتى ئۇنى ئانا تىلدا يىزىلغان ئەسەرلەر بىلەن چەكلەنمەي،ئەرەپ تىلدا ۋە پارس تىلىدا يىزىلغان ئۆز دەۋرىدىكى كەڭ مەزمۇنغا ئىگە بۈيۈك ئەسەرلەر ۋە گرېك تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان نۇرغۇن ئەسەرلەر بىلەن ئۇچىرشىش پۇرسىتىنى بەردى.ئۇ ھەر كۈنى بۇ كىتاپ دۇنياسىغا كىرىپ ،ھەسەل ھەرىسى تۈرلۈك گۈل_غۇنچىلاردىن شىرنە يىغقانغا ئوخشاش مەنىۋي دۇنيادىكى خاسىيەتلىك خەزىنىدىن شۇنداق ياخشى بەھرىمەن بولۇشنى ئۆگىنۋالدى.
m,Ri A9  
w]Pv'Eh~  
   ھاياتنىڭ شەپىسز دولقۇنى يۈسۈپنى ئاستا_ئاستا ئېقىتىپ 16ياشنىڭ مەنزىلىگە ئېلىپ كەلدى.يىللار ئۇنىڭغا يۇمران قارا بۇرۇتلارنى سوۋغا قىلىپلا قالماي،قەددى_قامەتلىك،كۆزلىرىدىن ئۈمىد،جەڭگىۋارلىق چاقناپ تۇرىدىغان جۇشقۇن ياشلىقنىمۇ سوۋغا قىلدى.ئۇنىڭ جۇشقۇن ھېسسىياتچان ياشلىق ئىنتىلىشىلىرىگە جور بولغان،ئىلھام قۇشلىرىنىڭ پەرۋازىنى نامايەن قىلىشقا باشلىغانىدى.بىراق،ئۇ شىئىرلىرىدا بارلىق ياشلار ۋە شائىرلار ئاۋۋال قەلەم تەۋرىتىدىغان ئىشىق_مۇھەببەت تېمىسىدىن ھالقىپ ھاياتنىڭ قايناق باغرىغا،ئادەمگە،ئادەمنىڭ قەدىر_قىممىتىگە،تەڭلىك_باراۋارلىك،ئىجتىمائىي گۈللىنىش،تەرەققىيات،ئىلىم_پەن مەسىلىلىرىگە قاراتقانىدى.يۈسۈپ دەسلەپكى شىئىرلىرىنى فامىلىسىز يازغانىدى.1034_يىلى نورۇزغا ئاتاپ يازغان شىئىرىدا تۇنجى بولۇپ <<بالاساغۇنى>>تەخەللۇسىنى ئىشلەتتى.ئۇنىڭ شىېئىرلىرى ياشلار ئارىسىدا خاتىرىدىن خاتىرىگە كۆچۈرۈلۈپ قالماي،مۆتىۋەرلەر ئارىسىدىمۇ خېلى ئېتىبارغا ئېرىشىشىكە باشلىغانىدى. `$6 |7-   
   يۈسۈپ بالاساغۇنىنىڭ شىئىرىي ئىجادىيىتى تىلىنىڭ ئاممىباب،گۈزەل،ئويناق،مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلىقىغا قارىماي،يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ،ھەتتا بەزى ئۇستازلىرىنىڭ نەزىرىدە تۆۋەن تۇراتتى. #Z/7H=UB  
بىر ئايدىن بېرى ئوقۇلداشلار جىددىي ھالدا مەركىزىي ئوردىغا ئىمتىھان بېرىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتاتتى.مەركىزى ئوردا قەشقەردىكى ساجىئە مەدىرىسىىسىگە ئوقۇشقا ئۆتۈش ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇلۇغۋار ئارزۇسى ئىدى.چۈنكى ،شەرقىنىڭ بۈيۈك مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان قەشقەر ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى ۋە گۈزەللىكى بىلەنلا ئەمەس،بەلكى بۇ يەرگە ئوتتۇرا ئاسيادىكى بۈيۈك مۇتەپەككۇرلارنىڭ توپلانغانلىقى بىلەنمۇ كىشىنىڭ دىل رىشتىسىنى ئۆزىگە تارتاتتى. +TFza o>  
   يۈسۈپنىڭ تەسەۋۇرىدا قەشقەر ئۇنىڭ ھاياتلىق ئىنتلىرىشلىرىنىڭ يەنە بىر يۈكسەك پەللىسى ئىدى.ئۇ قەشقەردە ئۆزى چوقۇنىدىغان ۋە دىدارلىشىشقا تەقەززا بولغان مەھمۇد قەشقەرىدەك ياش ئالىملار بىلەن ئىمادىدىن قەشقەردەك داڭلىق ھېكىملار،ئەبەلپۇتۇھ ئالمايىدەك بۈيۈك تارىخچىلار ،چۇچۇدەك تونۇلغان شائىرلار،ئىمام ھۈسەيىنگە ئوخشاش داڭلىق مۇدەررىسلەر بىلەن ئۇچىرشاتتى ۋە ئۇلارنىڭ دەرىسىنى ئاڭلاش شەرىپىگە ئىگە بولاتتى. LnJdb {n  
   مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا قەشقەرنىڭ دۇنيانىڭ شەرقىدىكى بىر ئىلىم_مەرىپەت ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس،بەلكى ئۇ دۇنيا مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئۇچىرىشىدىغان تۈگۈنى بولغانلىقى ئۈچۈن ساجىئە مەدرىسىگە ئوقۇشقا كىرىش ئۆز دەۋرىدىكى ئىلىم سۆيەر،ئىنتىلىشچان ،مەدەنىيەتلىك بىر قاتلام ياشلارنىڭ ئۇلۇغۋار ئىنتلىشلىرىدىن ئىدى.شەرقتىكى مەدەنىيەتلىك ئەللەردىن نۇرغۇنلىغان ئىختىساسلىق تالىپلار،بۇ مەرىپەت گۈلشىنگە كېلىپ ئىلىم ئالاتتى.جاھاننىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىن كەلگەن سودا كارۋانلىرى بۇ دىيارغا دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كېلىپ تۆكەتتى.قاراخانىيلارنىڭ قانۇن _پەرمانلىرىدا قەشقەر دۇنياغا ئېچىۋېتىلگەن شەھەربولۇپ،مەدەنىيەت_سودا ئالاقىسىنى جانلاندۇرۇش، دۆلەتنىڭ پەن_مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش،خەلىقنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ،دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرىسال ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى.شۇڭا سودا كارۋانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش،ئۇلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش توغىرىسىدا مەخسۇس قانۇن پەرمانلار چۈشۈرۈلگەنىدى.قاراخانىيلار مائارىپنىڭ تەسىرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ،مائارىپنىڭ دۆلەتتە تۇتقان ئورنى ۋە ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئىمتىيازى غايەت زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنىدى.پۈتۈن ئەلدە مائارىپىنى سۆيۈش،مائارىپنى قوللاش،ئىلىملىك بولۇش،ئىلم ئىگىلىرىنى ھۆرمەتلەش بىر شوئار بولغانىدى.ساۋاتسىزلىق ،بىلىمسىزلىك ئەل ئىچىدە ھاقارەتلىك ئىش بولۇپ سانالغاچقا،تۆۋەن قاتلام ئاۋاممۇ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشقا جەلىپ قىلغان .شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۆز دەۋرىدە ئاۋام پۇقرالار ئارىسىدا ساۋاتسىز ئادەملەرنى ناھايىتى ئاز ئۇچراتقىلى بولاتتى،ھەتتا ئاددىي نامرات دېھقانلار خېلى مۇكەممەل ھۈججەتلەرنى ياخشى پۈتەلەيتتى.ئىلىمنىڭ بىر ئەلدە مۇنداق ئومۇملىشىشى مەنىۋي مەدەنىيەت جەھەتتە خېلىلا گۈللەپ ياشنىغان بىر مەنزىرىدىن دېرەك بېرەتتى.
Q|`zWGDD  
مەرىپەت بەيگىسىدىكى رىقابەت
}eE1Y$T&P  
    <<ھايات بىر جەڭگاھ،مۇۋەپپەقىيەت نىشان:ھايات مۇساپىسىدە بىرەر ئىشتا بولىسمۇ مۇۋاپپەقىيەت قازىنالمىغان ھاياتنى ھايات دېمەسلىك كېرەك>>يۈسۈپ بالاساغۇنى بوۋىسىنىڭ بۇ دەۋىتىنى ھەر قاچان ئەسلەيتتى.مۈشكۈللەرگە يولۇققاندا يۇقىرىقى سۆز ئۇنىڭغان ئىلھام ،ئىشەنچ ئاتا قىلىپ ۋۇجۇدىدا پۈتمەس_تۈگىمەس كۈچ_قۇدرەت ھارارىتىنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى سېزەتتى. \u._ng  
   باش باھار_نورۇز ئايلىرى.قەشقەر_دۇنيانىڭ شەرقىدىن ئالىي ئىلىم يۇرتى،ساجىئە مەدرىسىگە ئوقۇشقا كەلگەن خىللانغان ،ئىلىم پەرۋانىلىرىنى كۈتىۋالدى.تەرەپ_تەرەپتىن مەپىلەردە ئولتۇرۇپ كېلىۋاتقان خانزادە،بەگزادىلەر تۆگە كارۋانلىرى بىلەن ئەرەپ دۇنياسىدىن ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى ئەللەردىن كېلىۋاتقان چەت ئەللىك تالىپلار غايىۋانە تەلپۈنگەن ئوردۇ كەنىت_قەشقەرگە كېلىۋاتاتتى.قەشقەرنىڭ باش سېپىلىدىن كىرىشتىن بۇرۇنلا ئۇلارغا قەشقەرنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈپ بولغانىدى.يول بويىدىكى يىڭى ئېچىلغان چېچەكلەر غايەت زور دەستە_دەستە گۈل تۇتىۋاتقاندەك بىر_بىرلەپ ئالدىدىن ئۆتۈۋاتاتتى.سېپىلگە يىقىنلاشقانسېرى ھۆپىگەرلەرنىڭ چاقىرىشلىرى،ئاشپۇزۇللارنىڭ مەززىلىك پۇرىقىنى سۈرۈپ كېلىۋاتقان كۈتكۈچىلەرنىڭ تەكلىپلىرى،مىسكەرچى،تۆمۈرچىلەرنىڭ بولقىسىدىن چىققان ئاۋازلار تەبىئىي بىر قارشى ئېلىش ئەترىتى،ئالقىش ياغدۇرۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. qz;OA1/  
    كارۋانلار توپى ئارىسىدا بالاساغۇنلۇق يۈسۈپمۇ بار ئىدى.بۇرۇتلىرى خەت تارتىپ ياشلىق باھارىنىڭ مايسلىرىنى كۆرسەتكەن بۇ يىگىت ئۇيغۇر يىگىتلىرىگە خاس چىراي_تۇرق ۋە كېيىم_كېچەكلەر بىلەن تۆگە ئۈستىگە توقۇلغان كاجۇۋا ئۈستىدە پۈتۈن ئەتراپقا ھەيرانلىق بىلەن سەپسېلىپ ئولتۇراتتى. ئەتىيازنىڭ يامغۇر،بورانلىرىدىن مۇداپىئەلىنىپ كىيىۋالغان كېپىنەك تونىنىڭ پەزلىرى ئېچىلغاندا،پۇتلىرىدىكى زەرپول دەپ باغلانغان كۈمۈش توقۇلۇق بەلۋاغ ئۇنىڭ بەگزادىلەرگە خاس سالاپىتىنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى. KsFNL,  
كارۋان توپى سېپىلنىڭ غەربىي دەرۋازىسىدىن شەھەرگە كىردى.يۈسۈپ،بالاساغۇن شەھىرىدە كۆرۈش مۇمكىن بولمايدىغان قاينام_تاشقىنىلىق مەنزىرىنى كۆردى.رەستىلەردىكى دۇكانلار،يايمىچىلار ئۆزلىرى ئىشلەپ چىقارغان ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن تۈرلۈك_تۈرلۈك ،ئەتىۋارلىق مەھسۇلاتلارنى قول _قولغا تەگمەي سېتىۋاتاتتى.بىر يەردە ئىت تالاشتۇرىۋاتقان،بىر يەردە توخۇ سوقۇشتۇرۋاتقان،بىر تەرەپتە بىدىكلەر قول سىقىشىپ سودىلىشىۋاتقان،كېلىشتۇرىۋاتقان ،تۇخۇم چېكىشتۈرۋاتقان...دېمەك،ھەممە ئادەم ئۆز ئويى ،ئۆز كويى بىلەن ئىدى.يۈسۈپكە بىر ئىش بەكرەك تەسىرى قىلدى.كارۋان توپى شەھەر مەركىزىدىكى چوڭ جامە مەسچىتىدىن ئۆتىۋاتقاندا بىر قانچە دىۋانىلەر كارۋانلار ئالدىغا قول كۆتۈرۈپ كېلىپ،سودىگەرلەرگە ئاللادىن بەرىكەت،ئامەت ۋە ئامانلىق تەلەپ قىلىپ،سەدىقە سوراشتى.سودىگەرلەرنىڭ بەزىلىرى بىرەر كۈمۈش تەڭگە تاشلاپ بەرسە،بەزىلىرى بىرەر مىس تەڭگە تاشلاپ بېرىشەتتى.دىۋانىلەر پۇللارنى تېرىۋالغاندىن كېيىن،ئارقىدىن ئۇلىشىپ كېلىۋاتقان كارۋانلارنىڭ ئالدىغا تىلەك تىلەپ بېرىشاتتى.شۇ ئەسنادا 12ياشلار چامىسىدىكى بىر بالا قول كۆتۈرگەن ھالدا يۈسۈپكە تىلەك تىلىدى: d.qX)  
   _ئامان كەپسىز بەگزادە غوجام،ئاللادىن ئالتۇن تېنىڭىزنىڭ ئامان بولۇشىنى،ئوقۇشىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇپ،چوڭ بەگلەردىن بولۇپ كېتىشىڭىزنى تىلەيمەن. "Z}yj>Q BG  
  يۈسۈپ يىنىدىن بىر كۈمۈش تەڭگىنى چىقىرىپ دىۋانە بالىغا سۇندى،بالا يۈگۈرۈپ كېلىپ كۈمۈش تەڭگىنى ئېلىپ،تېخىمۇ كۆپ تىلەكلەرنى ياغدۇرۋەتتى.<<مېنىڭ ئوقۇشقا كەلگەنلىكىمنى قانداق بىلگەندۇ>>دەپ ئويلىدى يۈسۈپ.ئەمەلىيەتتە بۇ دىۋانىلەر ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرقىغا بىر قاراپلا ئۇلارنىڭ قايسى تەبىقىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ بولاتتى.بىراق،يۈسۈپكە بەكرەك تەسىر قىلغىنى بۇ ئىش ئەمەس ئىدى.ئۇ خيىالدا قەشقەرنى دۇنيانىڭ جەننىىتى دەپ تەسەۋۇر قىلاتتى.چۈنكى بۇ تەڭرىقۇتنىڭ ماكانى_دە،تەڭرىقۇتنىڭ ماكانىدا دىۋانىلارنىڭ بولۇشىنى تەسەۋۇرىغا سىغدۇرالمايتتى. VGu=A!JJ  
   <<قەشقەرنى بۇ دۇنيانىڭ جەننىىتى دەپ ئويلايتتىم،ئەجەبا جەننەتتىمۇ دىۋانە بولامدۇ؟دىۋانىلەرنىڭ كۆپ بولۇشى تەڭرىقۇتنىڭ شەنىگە داغ تەگكۈزىدىغان ئىشقۇ،بىر بەندىنىڭ ئۆز رىزقىنى ياراتقۇچىدىن تىلىمەي،بەلكى بەندىدىن تىلىشى ياراتقۇچىغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكقۇ>>. ]F|Z/PtNL  
   يۈسۈپنى ئېلىپ كەلگەن كارۋانلار قۇم دەرۋازا تەرەپتىكى بىر قوناققا چۈشۈشتى.قوناق گەرچە كىچىكرەك بولسىمۇ خېلى ياسىداق ۋە ئازادە ئىدى.ئۇلار ھاردۇق چىقىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھاممامغا چۈشۈپ،يولنىڭ چاڭ_توزانلىرىدىن پاكلانغاندىن كېيىن كىيىم_كېچەكلىرىنى يەڭگۈشلەپ ،ساراي خوجايىنى خىزمەتكاردىن كىرگۈزگەن چايدىن بىر پىيالىدىن ئىچىشتى.
LY=6S.ec  
خانزادىنىڭ قەلبى
] 8  
   ئەتسى ئەتىگەندە يۈسۈپ ئۆزى بىلەن بىرگە كەلگەن ئوقۇلدىشى قۇت بەگ بىلەن بىرگە كىچىكىدىن باشلاپ تەلپۈنگەن مەرىپەت ئوچىقى،قاراخانىيلار خانلىقىنى خانلىق مەدرىسىسى ساجىئەگە تىزىمغا ئالدۇرۇشقا كەلدى.تالىپلاردىن كۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار ناھايىتى ئىززەت_ئىكىرام ۋە زىيادە تەكەللۇپ بىلەن يىڭى تالىپلارنى كۈتۈۋالدى.ئۇلارناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇۇلدى. -xlt5O ?  
   ئۈچىنچى كۈنى جۈمە.مەدرىسسە ئادىتى بويىچە ئۆز ئېلىدىن ۋە چەت ئەلدىن كەلگەن يىڭى تالىپلارنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.ھەيۋەتلىك مەدرىسە بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ تۇرغان مەدرىسىە مەسچىتىدە جۈمە خۇتىبىسى ئوقۇلۇۋاتاتتى.خۇتىبىدە بۈگۈن ئىمام ئاللانىڭ مەرھىمىتى بىلەن ۋە بۇغراخاننىڭ ئەدلى_ئادالىتى بىلەن قاراخانىيلار ئېلىنىڭ گۈللەپ ياشنىغانلىقى،خەلقنىڭ تىنچ_خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇلغاندىن كېيىن،سۆز تېمىسىنى ئىلىم_مەرىپەت ۋە ئىنسان كامالىتى توغىرىسىدىكى مەزمۇنغا يۆتكەپ ناھايىتى قىممەتلىك تەبلىغ قىلىنىدى.مەدرىسىدە جۈمە نامىزى ئوقۇغاندا ئەرەپ تىلدا تەبلىغ قىلىش ئادەتكە ئايلانغانمۇ،جۈمە خۇتىبىسى ئەرەپ تىلىدا بايان قىلىندى.يۈسۈپ بالاساغۇن بۇ ئىشتىن بىز ئاز ئەجەبلىنىپ تۇرغانتى.ئەزان توۋلاندى.جۈمە نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن،ئىمام،يىڭى تالىپلارنى قارشى ئېلىش يىغىنى شۇ مەسچىتنىڭ ئۆزىدىلا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.ئارقىدىن: OLF#tAY  
   _ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،قاراخانىيلارنىڭ خانلىق مەدرىسىسىگە ھەر قايسى ئەللەردىن ئوقۇشقا كەلگەن تالىپلار،ھەر قايسىڭلارنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىش يۈزسىدىن مەدرىسىسىمىزگە كەلگەنلىكىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز،ئىلىم تەلەپ قىلىش پەرز.ئۇ بىزنى تەڭرى ئاللاھ بىلەن يىقىنلاشتۇرىدۇ.بىز سىلەرگە ئەڭ ياراملىق مۇدەررىسلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئەتراپلىق يىتىلىشىڭلارغا كاپالەتلىك قىلمىز.تۇرمۇش شارائىتىڭلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ،مەدررىسىى ئۆز ئائىلەڭلاردىكىدەك ئىللىقلىققا ئىگە قىلىمىز.بىزنىڭ ئېلىمىزدە ئىلىم ئۇلۇغلىنىدۇ،خاقانلىرىمىز ئىلىم ئىگىلىرىنى ئەزىزلەيدۇ.شۇڭا،سىزلەرنىڭ خاتىرجەم ھالدا ئوقۇپ،ياخشى نەتىجىلەر بىلەن دۆلىتىڭلارغا قايتىشىڭلارغا تىلەكداشمىز.خاقانىمىز ئۆز سالىمىنى بىلدۈرۈشكە يىقىندا باغداتتا ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن،ئوردا دىۋان بېگى ياش ئالىم،پەخىرلىك خانزادىلىرىمىزدىن مەھمۇد ئىبنى ھۈسەيىن قەشقەرىنى ئەۋەتىپتۇ.ئۇ سىلەرگە ئۇلۇغ بۇغراخاننىڭ سالىمىنى يەتكۈزىدۇ. X{i(H)Ao  
   تالىپلار بىر_بىرلىرىگە قارشىپ غۇلغۇلا قىلىشىپ كەتتى.يۈسۈپ بالاساغۇنىنىڭ يۈرىكى تېخىمۇ بەتتەر سوقۇپ كەتكەنىدى.چۈنكى،بۇ ياش ئالىم ئۆز تالانتى بىلەن قاراخانىيلار خانلىقى تەۋەلىكىدىلا ئەمەس،بەلكى ئەرەپ دۇنيىاسىدىمۇ خېلى زور قەدىر_قىممەتكە ئېرىشكەنىدى.ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشىش نۇرغۇن ئىلىم ئاشنالىرىنىڭ ئارزۇسى ئىدى.يۈسۈپنىڭ دادىسىمۇ يۈسۈپ ئوردۇ كەنىتكە مېڭىش ئالدىدا ھۈسەيىنىڭ ئوغلى مەھمۇدنىڭ بارلىقى،ئۇنى ئىزدىشىنىڭ لازىملىقىنى ئېيتىقانىدى. wiP%Beu`  
يىشى تېخى ئوتتۇزلارغا بارمىغان قامەتلىك،يارىشىملىق ساقال قويغان،كۆزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان مەھمۇد ئىبنى ھۈسەيىن قەشقەرى مېھىرابتا پەيدا بولدى.ئۇ ياش تالىپلارغا ۋە مۇدەررىسلەرگە سالام قىلغاندىن كېيىن،ئۆز دەۋرىدىكى خاقانىيە تىلى يەنى قەشقەر تىلى بىلەن بۇغراخاننىڭ سالىمىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۈمىدىنى يەتكۈزدى.تالىپلار بۇغراخانغا ئاللادىن سالامەتلىك ،ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەشتى. RDj)OHQO  
   _تالىپلار،سىلەرنىڭ بەزىلىرىڭلار ئىراقتىن،ئىراندىن، باغدادتىن ۋە باشقا جايلاردىن كەلدىڭلار،_دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى مەھمۇد ،_بەزىلىرىڭلار پارىس تىلدا تەربىيلەنگەن،بەزىلىرىڭلار ئەرەپ تىلىدا تەربىيلەنگەن.بىراق،بىزنىڭ مەمىلكىتىمىزدە تالىپلار تۈركىي تىل بىلەن ئەرەپ تىلىدا تەڭ تەربىيلىنىدۇ.بىزمۇ ئۇزاق تارىخىي ئەنئەنىسىگە ئىگە.تۈركىي تىل پاساھەت ھەم كامالەت جەھەتتە ئەرەپ_پارس تىللىرىدىن ھەرگىزمۇ قېلىشمايدۇ.بۇ تىللارنى بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئات دەپ تەسەۋۇر قىلىشقا بولىدۇ.تۈركىي تىللىق خەلق بىلەن ئەرەپ_پارس تىللىق خەلىقلەرنىڭ ئۆز ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن چوقۇم بىر _بىرىنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ.... /"H(T5S  
   مەھمۇد قەشقەرى تىل توغرسىدىكى يۇقىرىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىشنى مەقسەتلىك ھالدا تۈرك تىللىق تالىپلارغا ۋە بىر قىسىم ئاشمىچى،ئەرەپ تىلغا بېقىنغۇچى مۇدەررىسلەرگە قارىتىپ ئېيتىقانىدى.چۈنكى،قاراخانىيلار مائارىپى ئەزەلدىن ئەنئەنۋىي تەلىم_تەربىيىگە جۈملىدىن ئانا تىل تەربىيسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى.بىراق،ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ،ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئەرەپ ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى بىلەن خېلى زور خىرىسقا ئۇچرىماقتا ئىدى.بىر قىسىم ئاغمىچى ئەمەلدارلار ۋە يۇقىرى قاتلامدىكى زىيالىيلار دىنىي ئېتىقادىنى باھانە قىلىپ،ئوقۇ_ئوقۇتۇشتا ئەرەپ تىلىنى ئاساس قىلىشنى،ئەسەرلەرنى ئەرەپ تىلىدا يىزىشنى كۈچەپ تەرغىپ قىلىپ قىلىۋاتاتتى.ئۇلار بۇ خىل ختا تاللاشنىڭ مىللىي مەدەنىيەتنى قانچىلىك زور مەھرۇملۇقلارغا ئېلىپ بېرىشىنى ئويلاپ قويمايتتى،دىنىي ئېتىقادنىڭ باشقا ئىش،مىللىي مەدەنىيەتنىڭ يەنە باشقا بىر ئىش ئىكەنلىكىنى،ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئارىلاشتۇرىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتتى،بەزىلەر گەرچە چۈشەنسىمۇ قەستەن مىللىي مەدەنىيەتنى دوغا تىكىشكە تەييار ئىدى.بۇ خىل خاھىش ئۆز دەۋرىدە تۈركىي تىل بىلەن ئەرەب تىلى ئوتتۇرىسىدا،ئانا تىلنىڭ ھىمايىچىلىرى بىلەن ئەرەب تىلى تەشەببۇسچىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۈستۈنلۈك تالىشىش كۈرىشىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىدىن دالالەت بېرەتتى. Q5?/CpX  
   بۇ خىل خاھىش ساجىئە مەدرىسىدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ۋە تۈركىي تىللىق تالىپلارنىڭ قەلبىدە نازۇك بىر سىلكىنىش پەيدا قىلدى.چۈنكى،يۇقىرىقى باياندا ھەر قانداق بىر تىلغا ھۇجۇممۇ قىلىنمغان ياكى ئۆزىنىڭ تىلىنىمۇ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ،دەپ قارىمىغان.ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن تالىپلارغا ئۆز ئانا تىلىنى قەدىرلەشنىڭ لازىملىقى،لېكىن ھەرگىزمۇ باشقا تىللارنى تۆۋەن كۆرمەسلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى. nZh`3k[  
   <<تىل قەلىب مەنىلىرىنى ئاشكارلىغۇچى>>دېگەن ئىبارە يۈسۈپنىڭ كۆڭلىدە ئاجايىپ نازۇك بىر سىېزىم ۋە سۆيۈنۈش ھېسىياتىنى ئويغاتتى.ئۇنىڭ ئىلھامى،ئۇنىڭ خاتىرىسىگە خەلىقنىڭ بىر ئۇلۇغ ھېكىمتىنى ئىككى مىسرا شېئىر قىلىپ تىزدى:
X~\RX++ #"  
كىشى كۆركى يۈز ئول بۇ يۈز كۆركى كۆز، fX-@_)8  
ئەقىل كۆركى تىل ئول بۇ تىل كۆركى سۆز.
bX6Ex@V3  
شاھزادە مەھمۇد سۆزىنى داۋاملاشتۇرماقتا: Aus3R4|5-  
_تىل قەلب مەنىلىرىنىڭ ئاشكارلىغۇچىسى،ھەر قانداق بىر ئەلنىڭ تىلى ئۇلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۇزاق تارىخى تەرەققىياتى داۋامىدا شەكىللىنىپ تاكاممۇلاشقان.ئۇنىڭدا شۇ خەلقنىڭ روھى ۋە شۇ خەلىقنىڭ مەدەنىيىتى ساقلانغان.ھەر قانداق بىر خەلق ئانا تىلىنى سۆيۈشى،ئانا تىلىنى قەدىرلىشى كېرەك.تىل،_ئۇ بىر مەنىۋى قورال بولۇش سۈپىتى بىلەن شۇ خەلقنىڭ ھېس_تۇيغۇلىرى ،بىلىش نەتىجىلىرى،تەپەككۇر دۇردانىلىرىنى ئەڭ ئۈنۈملۈك دەرىجىدە ئىپادىلەپ بەرگۈچىدۇر.تىلغا تۇتۇلغان ھۆرمەتسىزلىك،ئانا تىلدىن يۈز ئۆرۈش ئۆز ئېلىگە ۋە ئەجدادلىرىغا بولغان ئاسىيلىققا ئېلىپ بارىدۇ.تىلغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك ئەمەلىيەتتە شۇ ئەلگە بولغان ھۆرمەتسىزلىككە ئېلىپ بارىدۇ.شۇڭا،باشقا ئەلدىن كەلگەن تالىپلار بولسۇن،ئۆزىنىڭ تىلىنى قەدىرلەش بىلەن باشقا ئەللەرنىڭ تىلىنىمۇ ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنۋېلىشى كېرەك.بىز تىل بىلەن بىر _بىرىمىزنى چۈشىنىش مەقسىتىگە يىتىمىز.تىل دېگەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى قورالى،شۇڭا كۆپ تىل بىلىش_كۆپ قاناتقا ئىگە بولغاندەك،بىر ئەل بىلەن يەنە بىر ئەل ئارىسىغا سېلىنغان مەدەنىيەت كۆۋرۈكىدەك خاسىيەتلىك بىر ئىش.مېنىڭ ئەرەب تىلى سەۋىيەم ھەر قانداق بىر ئوقۇمۇشلۇق ئەرەبنىڭ ئەرەب تىلى سەۋىيىسىدىن قېلىشمايدۇ.بىراق،مەن ئۆز ئەسەرلىرىمنى تۈركىي تىلىدا يازىمەن.قاراخانىيلار خانلىقى بۇ تۈركىيلەر دۆلىتى بۇ يەردە مەركىزى دىئالېكىت خاقانىيە تىلى دەپ ئاتىلىدۇ.سىلەر بۇ دۆلەتكە ئوقۇشقا كەلگەن ئىكەنسىلەر،چوقۇم تۈركىي تىلىنى مۇكەممەل بىلىشڭلار كېرەك.خاقانىيەمەدررىىسدە دىنىي ئىلىمدىن باشقا دەرسلەرنىڭ تۈركىي تىلدا ئۆتۈلۈشى بەلگىلەندى،بۇ بۇغراخاننىڭ ئارزۇسى. gn gby~W  
   يۈسۈپ بالاساغۇنى ئىچ_ئىچىدىن پەخىر_ئىپتىخار زوقىغا چۆمۈلگەنىدى،ئۇمۇ خۇددى مەھمۇد قەشقەرىگە ئوخشاشلا ئۆز ۋەتىنىنىڭ مەدەنىيىتى،ئانا تىلىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرەتتى. &Vn'X~`  
   _مەن يەنە شۇنى ئۈمىد قىلىمەن ،_دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى مەھمۇد قەشقەرى ،_خانلىقىمىزدىن كەلگەن تالىپلار باشقا ئەللەردىن كەلگەن ئوقۇلداشلارغا كۆيۈنۈڭلار،ئۇلارغا ياردەم بېرىڭلار،بىر_بىرىڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار،كۆڭۈل ئاغرىقى يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئىمكان بار ساقلىنىڭلار.بۇ مەدررىسە سىلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىدۇ،ھەر قانداق قېيىنچىلىقىڭلار بولسا ياخشى ھەل قىلىپ بېرىدۇ.مەن سىلەرنىڭ ياخشى نەتىجىلەر بىلەن شان _شەرەپ قۇچۇشۇڭلارغا تىلەكداشمەن. +gNiwa~  
كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن مەدرىسە ئاشخانىسدا زىياپەت ئورۇنلاشتۇرۇلدى.بۇ زىياپەت ئوقۇلداشلارنىڭ ئۆز ئارا تونۇشۇۋېلىشى،مۇدەررىسلەر بىلەن ئۇچرىشىۋېلىشى ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت ئىدى.زىياپەت يىرىملاشقاندا بىر غۇلام يۈسۈپ بالاساغۇننىڭ قېشىغا كېلىپ: L wMjk 9  
   _جاناپلىرىنى خانزادە غوجام چاقىرىۋاتىدۇ،_دەپ مەلۇم قىلىپ كەلدى. I= Zlph  
يۈسۈپ بالاساغۇنى ئورنىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ غۇلام بىلەن بىرگە ئاشخانىنىڭ سىرتىغا چىقتى.مەھمۇد قەشقەرى بىلەن يۈسۈپ بالاساغۇنى قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.يۈسۈپ بالاساغۇنى بۇ مېھىرىبانلىقتىن ھودۇقۇپ قالدى.بۇنى سەزگەن مەھمۇد قەشقەرى: BXb_hUg  
_دادىڭىز سىزگە قەشقەرىگە بارسىڭىز ھۈسەيىنىڭ ئوغلى بار،شۇنى ئىزدەڭ دېمىگەنمىدى. $R:af7FIO  
   _دادام دېگەن،بىراق سىزنى باغدادتا ئوقۇۋاتىدۇ،دەپ ئۇقتۇرغانىدى.سىزنىڭ ئۇ يەردىن قايتىپ كەلگەنلىكىڭىزدىن دادامنىڭ خەۋىرى يوق.مەنمۇ خەۋەرسىز ئىكەنمەن،_دەپ تەكەللۇپ بىلەن جاۋاب بەردى يۈسۈپ. Dh &rlJ  
_سىز بىلەمسىز،بىز بىر جەمەت.دادام بىلەن دادىڭىزنىڭ بېرىش_كېلىشى بەك قويۇق،ھېسابتا سىز ماڭا ئىنى بولىسىز.دادام بارسىخاندا تۇرىدۇ.بۇ قېتىم مۇلازىملاردىن سىزنىڭ قەشقەرىگە ئوقۇشقا كەلگەنلىكىڭىزنى ،مېنىڭ سىزنى ئۆز ئىنىمدەك كۆرۈپ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىشمنى تاپىلغانىكەن.مەدرىسە تۇرمۇشىغا كۆنمىسىڭىز،بىزنىڭ ئۆيگە كۆچۈپ بارسىڭىزمۇ بولىدۇ. Q"wEB8R9  
   بۇ مېھىرىبانلىق ئۆيدىن ئايرىلىپ باقمىغان يۈسۈپ بالاساغۇنغا چوڭقۇر تەسىر قىلدى ۋە تەكەللۇپ بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ ئىلتىپاتتىن مەمنۇن بولغانلىقىنى،مەدرىسە تۇرمۇشىغا كۆنۈپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆزرە سورىدى. An i|w;o  
مانا بۇ 11_ئەسىردە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇنبىرىدە چاقنىغان ئىككى بۈيۈك ئالىمنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى ئىدى.بۇ ئۇچرىشش يۈسۈپنىڭ گۆدەك قەلبىدە خېلى چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان بولسىمۇ،لېكىن بۇ خاسىيەتلىك ئۇچرىشىشىنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس خاتىرە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بەلكىم تولۇق ھېس قىلمىغاندۇ؟
B^6jFR?$  
>8l V*e  
تارىخ مۇنازىرىسى
6>.S ?"  
   يۈسۈپ بالاساغۇنى قەشقەرگە كەلگىلى بىر ئايدىن ئاشتى.مۇدەررىسلەرنىڭ ئەتراپلىق،مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۆتكەن دەرسىلرى تالىپلارنىڭ چۈشەنچىسىدە يىڭى_يىڭى سەھىپىلەرنى ئاچماقتا ئىدى.ھەر قايسى ئەلدىن تاللىنىپ كەلگەن ئوقۇلداشلار خېلى ئۆتكۈر ئىدى.بۇنداق رىقابەت بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئالغا بېسىش يولىدا پەلەمپەيلىك رول ئوينىغان بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزى زىددىيەتلەرنىمۇ پەيدا قىلاتتى. &Os Tdh=+w  
   بۈگۈن تارىخ دەرسى ۋاقتى.دەرس مۇنبىرىدە 35ياشلاردىكى قىران بىر مۇدەررىس قەشقەر _تۇران تارىخىدىن دەرس سۆزلىمەكتە.ياش بولۇشىغا قارىماي ئۆز دەۋرىنىڭ ئادىتىگە يارىشا ياراشتۇرۇپ ساقال قويىۋالغان بۇ ياش ئالىم دەرىسنى شۇنچىلىك بېرىلىپ سۆزلەيتتىكى ،ئۇنىڭ بايانلىرىدىكى ئىپتىخارلىق ۋە ئىلىمىي دەلىللەر تالىپلارنى شۇ تارىخىي دەۋرلەرنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۋېتەتتى. jk xjcc?9  
   ئۇنىڭ شۇ سائەتلىك دەرس تېمىسى ئوتتۇرا ئاستا تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان توڭا ئالىپ ئەر توغىرىسىدا بولدى. aj'*=u 6  
   _قەشقەر،_دەپ دەرسنى داۋاملاشتۇرۋاتاتتى ئۇ،_تۇرانىيلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ بىرى.ئۇ ،_تۇرانىيلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ بىرى.دەل مانا مۇشۇ شەھەرنىڭ بىنا قىلىنىشى تۇرانىيلارنىڭ قەدىمكى باھادىر خاقانى توڭا ئالىپ ئەرنى ئىران تارىخىي ماتىرىياللىرىدا ئاپراسىياپ نامىدا خاتىرىلەپ قالدۇرغان .تۇران تۇپىرىقىدىكى نۇرغۇن شەھەر ۋە ئايماقلار ھەم توڭا ئالىپ ئەر ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق_ئەۋدلالىرىغا بېرىپ تاقىلىدۇ.ئۇ ئۆزىنىڭ باھادىرلىقى،ئەقىل_پاراسەتلىكلىكى،ئادىل ۋە خەلقپەرۋەرلىكى بىلەن بۇ ئەلنىڭ ئاۋاتلىقى،تىنچ ئاسايشلىقى ئۈچۈن پۈتۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان.ئۇنىڭ نامى ئەۋلاتىن_ئەۋلادقا داۋاملىشىپ ھازىرغىچە ئەل ئارىسىدا داستان بولۇپ كەلمەكتە. مۇنۇ قوشاقلار ئۇنىڭغا شاھىت بولالايدۇ.
_k4e*C kB  
ئالىپ ئەر توڭا ئۆلدىما؟ ag5.,*r_`  
يامان دۇنيا قالدىمۇ؟ ,EV6kt  
پەلەك ئۆچىن ئالدىمۇ؟ (zSLIGJ  
ئەرلەر بۆرىدەك ھۇۋلىشىپ، 7~t|zSsS  
ياقا يىرتىپ ۋاقىرىشىپ.
BX`qf21ove  
ئۈنىنىڭ بېرىچە چىرقىراپ،پەرياد چېكىپ،
#i g l|>c  
ئۆكسۈپ كۆزى ئۆرتىلەر. 'LG2#  
بەگلەر ئېتىنى ھارغۇزدى، 'dQ>b`M  
قايغۇ ئۇلارنى تۇرغۇزدى.؛ ~+x( B  
مەڭزى،يۈزى سارغايدى،
$r}%&RDtQ  
خۇددى زەپىرەڭ سۈرتۈلگەندەك بولدى. Y)3? d  
   _يۇقىرىقى مەرسىيىلەردىن كۆرۋېلىشقا بولىدۇكى،خەلق تارىخىي شەخىسلەرنىڭ ھەقىقىي تارازا تېشى.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەدىرلىك كىشىلىرىنى قەلىب خاتىرىسىدە مەڭگۈ ھايات ساقلاش قابىلىيىتىگە ئىگە .تارىخ ئۇ ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ئاشكارىلانغان رېئاللىق.ئىرانلار بىلەن بولغان ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئوتتۇرا ئاسىيانى تالىشش كۈرىشى داۋامىدا ئۇنىڭغان ئىران پادىشاھلىرىمۇ قول قويغان.كېيىن،ئران قوشۇنلىرىنىڭ پىستىرمىدا قويغان چېرىكلىرىنىڭ ئوقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان.يۇقىرىقى قوشاقلار تۈركىي تىللىق خەلىقلەرنىڭ ئۇ سۆيۈملۈك خاقانىغا بولغان قايغۇلۇق سېغىنىش ھېسىياتىنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ.ئۆز ۋاقتىدىكى پاجىئەنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن ئەل بۆرىدەك ھۇۋلىشىۋاتىدۇ،ياقا يىرتىشىپ پەرياد چېكىۋاتىدۇ،كۆزلىرىدىن قانلىق ياشلىرىنى ئاققۇزۋاتىدۇ.مانا بۇ ھۆرمەت مانا بۇ قەدىر_قىممەت... | 
   مۇدەررىس خېلى ھاياجانلانغانىدى.تالىپلارمۇ جىمىپ كېتىشىتى.ئارقىدىن دەرسىنىڭ داۋامىنى سۆزلەپ خۇلاسىلىگەندىن كېيىن،ئوقۇلداشلارغا ئەبۇلقاسىم فىردەۋىسنىڭ <<شاھنامە>>ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇپ كۆرۈشنى تاپىلاپ دەرستىن چۈشتى. 4pS$#q  
دەرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىرانلىق تالىپلار بىلەن تۇرانلىق تالىپلار ئوتتۇرسىدا مۇنازىرە بولۇشقا باشلىدى.ئىرانلىق تالىپلارنىڭ نەزىرىدە ئاپراسىياپقا بېرىلگەن باھا تازا توغرا بولمىغانىدى.شۇڭا،دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئىرانلىق بىر تالىپ مۇدەررسىتىن سورىدى: M_LG,mP  
   _بىز ئىراندا ئاپراسياپ ھەققىدە دەرس ئاڭلغانىدۇق،_دېدى ئۇ،_بىزگە دەرس ئۆتكەندە ئاپراسياپنى زالىم،قانخور پادىشاھ،تاجاۋۇزچى دەپ مەلۇمات بەرگەنىدى. fxdb:`He  
بۇ تالىپنىڭ سوئالىنىڭ ئايىغى چىقمايلا،ياش مۇدەررىس كۈلۈپ كەتتى.ئىرانلىق تالىپ سۆزىنى توختاتتى،چۈنكى ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقى ناھايىتى روشەن بولغانىدى. %t ^,B iV  
   _تارىخ توغرا مەيداندا تۇرۇپ چۈشەندۈرۈلمىگەندە،تارىخىي شەخسلەرگە بېرىلگەن باھا خاتا يەكۈنگە ئېلىپ بارىدۇ،_دېدى مۇدەررىس،_ئىككى تەرەپ دۈشمەنلەشكەندە بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى ھەرگىز ياخشى سۈپەت بىلەن تەرىپ قىلمايدۇ.بىراق ،تارىخ يازغاندا ھېسىيات ئەمەس،تارىخىي پاكىت ھۆرمەت قىلىنىدۇ. تارىخ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قەلبىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. &R9p{1[P.  
يۇقىرىقى جاۋابنى ئاڭلىغان ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلار گەرچە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان بولسىمۇ،لېكىن مۇئەللىم كەتكەندىن كېيىن تۈركىي تىللىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا يەنە مۇنازىرە بولدى. U~vf`IEO  
   _ئابراسىياپ،_دەپ غۇدۇڭشىدى ئىرانلىق ئوقۇغۇچى،_تارىخىي خاتىرىلەردىمۇ ئادالەتلىك شاھ دەپ قارالمىغان،ئۇ ئىران خەلىقىگە ئېغىر كۈلپەتلەرنى كەلتۈرگەنىكەن. fE4@k  
   _سىز كۆرگەن تارىخىي مەنبەلەر دەل ئىران تارىخى مەنبەلىرى،_دېدى ئارىدىكى سوئال_جاۋابلارغا دىققەت قىلىپ تۇرغان،قۇت بەگ مۇنازىرىگە ئارىلىشىپ،_تۈرك مەنبەلىرىنى كۆرسىڭىز يەنە باشقىچە تەسىراتقا كېلشىڭىز مۇمكىن. >]:gF1LLq  
_سىز قايسى تارىخىي مەنبەلەرنى نەزەردە تۇتۇۋاتىسىز؟_دەپ سورىدى ئىرانلىق ئوقۇغۇچى. es U|  
   _ھەر قانداق تارىخىي مەنبەلەردىنمۇ خەلق بەرگەن باھا ئەڭ ئىشەنچىلىك بولىدۇ،_بۇ جاۋابنى بەرگۈچى يۈسۈپ بالاساغۇنى ئىدى.ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىغا ئۇلاپلا ئاپراسىياپ ھەققىدىكى بىر قانچە مەرسىيە قوشاقلارنى يادقا ئوقۇدى:
5E;ttw  
زامان پۈتۈنلەي ئاينىدى، !@*zKI+p  
پەزىلەت تامامەن چىرىكلەشتى. rvCOX[t  
بولۇمسىز ياۋۇز كىشلەر تەۋرىدى، Na$He[$  
پەزىلەت بېگى يوقىلىپ.
DR&1wbi<  
................................. p#r}vt$l%  
   ئالىپ ئەر توڭانىڭ پەزىلىتى توغىرسىدا بىر قانچە مەرسىيە قوشاقلىرى ئوقۇلغاندىن كېيىن،ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلار نائىلاج مۇنازىرىدىن ئۆزىنى تارتىشقا مەجبۇر بولۇشىتى. ?ODWk3@(#V  
تارىخ دەرسىدىلا ئەمەس،باشقا تەبىئىي پەن دەرىسلىرىدىمۇ ھەر قاچان مۇنازىرىلەر بولۇپ تۇراتتى.ئاسترونومىيە،ماتىماتىكا،خىمىيە پەنلىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىلىش نەتىجىلىرى بىلەن ئەرەپ دۇنياسىنىڭ بىلىش نەتىجىلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن زىددىيەتلەر كېلىپ چىققاتتى.بۇنداق بولۇشدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەبىئەت دۇنياسى توغىرسىدىكى نۇرغۇن بىلىشىلىرى ناھايىتى قەدىمىكى تارىخىي دەۋرلەردىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ،ئۈزلۈكسىز بېيىپ بېرىۋاتقان ئاسترونومىيىلىك بىلىشلىرى ۋە تۆت زات كۆز قاراشلىرىغا مەركەزلىشەتتى.ئەرەب دۇنياسىدا بولسا قۇرئان چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن نۇرغۇن تەسەۋۇرلار قۇرئان روھىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلىۋاتاتتى.ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەدرىسلەر تېخى ئەنئەنىۋى ئىلىمىي بىلىش نەتىجىلىرىدىن چەك_چېگىرا ئاجراتمىغان ئىدى.يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا،ئەرەب مەدەنيىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيتىگە خېلى زور پەرقلەرگە ئىگە ئىدى.يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا،ئەرەب مەدەنىيىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى خېلى زور پەرقلەرگە ئىگە ئىدى.ئىسلام دىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرگەندىن كېيىن گەرچە بىر قىسىم ئەنئەنىۋى ئادەتلەر دىنىي تۈس ئېلىپ ئۆزگىرىپ كېتىشكە،كىيىم_كېچەكلەرمۇ ئەرەب كىيىم_كېچەكلىرىنى ئۆرنەك قىلىشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ،لېكىن ئاۋام ئىچىدە يەنىلا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۈستۈنلۈك ئالغانىدى.شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئەرەب دىياردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكنى تالىشىش سەۋەبلىكمۇ بەزى سۈركىلىشلەر بولۇپ تۇراتتى.ھايات دېگەن مانا مۇشۇنداق تالاش_تارتىشلار داۋامىدا كامال تاپىدۇ،ھەر خىل مۇنازىرىلەر داۋامىدا ئاجايىپ يىڭى_يىڭى ھەقىقەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ،مۇنازىرىسىز ئىلىم بولمايدۇ.بۇ خىل مۇلاھىزە_مۇنازىرىلەر تالىپلارغا ناھايىتى كۆپ ئەقىل_پاراسەت ۋە چۈشىنىش ئاتا قىلماقتا ئىدى.
]f/6[P'UC  
y0mc  
بۇغراخاننىڭ ھىممىتى
Cql}Ei7l.V  
   شۇنداق قىلىپ،يۈسۈپ بالاساغۇنىنىڭمۇ ئودۇكەنتتە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقىنىغىمۇ تۆت يىل بولۇپ قالدى. 8p$=|p@_#  
   1038_يىلى،يىڭى يىل خوشاللىقى بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش خوشاللىقى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان تالىپلارنىڭ روھىي ھالىتىدە جىددىيلىك پەيدا قىلغانىدى.بولۇپمۇ ھەر يىلى شان_شەرەپ قۇچقان ئوقۇغۇچىلار قاراخانىيلارنىڭ ئادىتى بويىچە قوبۇل قىلىشى ۋە مۇكاپاتىغا نائىل بولاتتى. Y<|@J:k>  
   قاراخانىيلار مائارىپى بۇ يىل يەنە ئىپتىخار بىلەن ۋۇجۇدىدا تەڭداشسىز ئىقتىدار بالقىپ تۇرغان،ئىلغار پىكىرلىك،تەرەققىيپەرۋەر ئىجادچانلىق روھىغا باي،يۈكسەك قىممەت ئېڭى ۋە ئىستېتېك ئاڭغا ئىگە بولغان ئىلىم ئاسمىنىدا كۆزگە چېلىقىۋاتقان بىر چولپاننى جەمىئيەتكە چىقىرىش ئالدىدا تۇراتتى.دۆلەتنىڭ ئۇلى،خەلىقنىڭ ئاقارتىش ئىشلىرى مانا شۇنداق مەرىپەت چولپانلىرى ئارقىلىقلا تېخىمۇ مۇستەھكەم بولاتتى.يۈسۈپ يۈكسەك بىر مەسئۇلىيەت بىلەن ئوردۇ كەنتتىكى تۆت يىللىق ئوقۇشنى نەتىجىلىك تاماملاش ئالدىدا تۇرماقتا.ئۇ ئۆز ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەنگەن ئىستېداتى بىلەن جەمئىيەتتە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييارلانغانىدى.مۇدەررىسلەرمۇ،ساۋاقداشلىرىمۇ يۈسۈپ بالاساغۇننىڭ ئىستېداتىغا قايىل بولسىمۇ بىر قىسىم مۇدەررىسلەر يۈسۈپكە بىر ئاز سوغ نەزەر بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالغانىدى.بۇنىڭدىكى ئاساسي سەۋەب،يۈسۈپ ھەرگىزمۇ دەرسنى چوقۇنۇش ئاساسىدا ئۆلۈك قوبۇل قىلمايتتى،بەلكى ئۇ ھەر بىر مەسىلەئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ،دەلىللەش ئارقىلىق ھەقىقەتكە،قانۇنىيەتكە زىت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندا،يۈرەكلىك ھالدا ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،مۇدەررىسلەر مۇنازىرلىشىپ قالاتتى،بۇنداق چاغدا يول قويغۇسىمۇ كەلمەيتتى ۋە ھەرگىز ئۆز پىكىرىدىن يانمايتتى.بۇنداق چاغدا بەزى ئوقۇلداشلىرى: _$B yAnC  
   _بىرەر قېتىم بولۇپتۇ دەپ قويساڭ بولمامدۇ،يۈسۈپ،مۇدەررىسلەر بەرىبىر بىزنىڭ ئۇستازلىرىمىزغۇ،_دەيتتى. % 
   _ئىلىم مەسىلىسىدە،ئۇستاز، شاگىرتلىق مەسلسى مۇھىم ئەمەس،_دەيتتى ئۇ قەتئىيلىك بىلەن ،_ھەقىقەت مەسلىسىنى ئۈستۈنكى ئورۇنغا قويۇش كېرەك.ھەر قانداق بىر مەسلەر ئۆزۈڭگە روشەن بولمىغاندا،ئۇنىڭغا ئەگىشىش خاتا بولىدۇ. %Hq.Le/  
   بۇنداق ھاققانىيلىق خاراكتېر بزى مۇدەررىسلەرگە تازا ياقمايتتى. ئۇلار ئوقۇلداشلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دەرسىنى ئېتىرازسىز، ئىنكاسىز ھالدا قوبۇل قىلىشىنى خالايتتى.بۇنداق يوشۇرۇن ئاغرىنىش مۇنەۋۋەرلەرنى تاللاش باسقۇچىغا كەلگەندە ئاشكارلاندى. N&S:`jv^.  
   يۈسۈپ بالاساغۇنىنڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىمۇ ۋە ئىلمىي نەتىجىسىمۇ ناھايىتى يۇقىرى چىقتى.مەدرىسە مەمۇرىيىتى مۇنەۋۋەرلەرنى تاللاش ئۈچۈن مەجلىس قۇردى.بۇغراخاننىڭ شان_شەرىپىگە مۇناسىپ،مەكتەپنىڭ ئىناۋىتى ۋە شان_شەرىپىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان تالىپلارنى تاللاش ناھايىتى مۇھىم ئىدى.ھەر يىلى 27تالىپ تالىناتتى.بۇ يىل 18تالىپنى تاللاش قارار قىلىندى.بۇ ئەلۋەتتە تەلەپنىڭ تېخىمۇ چىڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتەتتى،چۈنكى،ئۇلار بۇغراخاننىڭ قوبۇل قىلىشغا ئېرىشكۈچىلەر ئىدى. M{J^iunR  
   بىرىنچى كۈنى مەجلىس ئەھلى پەقەت توققۇز نەپەر تالىپنى كۆرسىتىپ مۇزاكىرىدىن ئۆتكۈزدى.بۇلارنىڭ بىرى يۈسۈپ ئىدى.بىراق يۈسۈپ كېيىن مۇزاكىرە قىلىنىدۇ،دەپ ئېسىپ قويۇلدى.بۇ توغرىدا مەجلىس ئەھلى توغرسىدا زىددىيەت كېلىپ چىقتى. {!Ori~r=M  
    _يۈسۈپتە ئىقتىدار بار،_دېدى مەجلىس ئەھلىدىن بىرى،_بىراق مۇدەررسلەرنىڭ پىكىرىگە قارىغاندا بىرئاز مۇتەككەبىر(تەكەببۇر)ئىكەن.بىلىم ئەھلىگە نىسىبەتەن مۇتەكەبىر بولۇش پەزىلەتسىزلىك،تەڭرى مەنمەنلكىنى ياقتۇرمايدۇ. ::{%+,  
_ھەققانىيلىق بىلەن مۇتەكەبىرنىڭ خاراكتېرىنى ئارىلاشتۇرۋەتسەك مۇناسىپ بولمايدۇ،_دەپ ئېتىراز بىلدۈردى،يەنە بىر كىشى،_مەن تۆت يىلدىن بېرى يۈسۈپتە ئۇنداق يامان خاراكتېرنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلەرنى كۆرمىدىم،ئۇ ئىلىمگە نىسبەتەن بەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. }!`{ L  
    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇتەكەبىرنىڭ ئالاھىدىلكىنى ئىككى نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان.بىرى ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلماسلىق.يەنە بىرى ،باشقىلارنى كۆزىگە ئىلماسلىق.يۈسۈپتە ھەر ئىككى خىل يامان خاراكتېرنى ئىپادىلەيدىغان ئالامەت يوق.ئۇ بەك كەمتەر يىگىت. @@z b;  
    _يۈسۈپ توغىرسىدا بەزى مۇدەررسىلەرنىڭ پىكىرى بارئىكەن،_دەپ يەنە گېپىنى يورغىلاتتى،بىرىنچى قېتىم قارشى پىكىر قويغان كىشى،_ئۇ بالا دەرستە ھەقىقەتكە زىت بولغان پىكىرلەرنى قىلىپ يامان تەسىر پەيدا قىلىپتۇ. 7ftyi%%HV  
   _بىزمۇ بۇ ھەقتىكى گەپ_سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلاپ تۇرۋاتىمىز.بىراق ھەقىقەتكە زىت بولغان تەرەپنى بايقىمىدۇق.ئۆتكەن قېتىم ئالەمنىڭ يارىتىلىشى توغىرسىدىكى ھېكىمەت مۆجىزىسى توغىرسىدا بىر ئاز تىركشىپ قالغانىكەن.ئەمەلىيەتتە بىز مۇدەررىسلەرنىڭ ۋەزىپىسى مەسىلىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ،مەۋھۇملاشتۇرۇش ئەمەس،بەلكى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇپ،روشەنلەشتۇرۈپ بېرىش.چامىمىز يەتمىگەن نەرسىدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ،سىرلىقلاشتۇرۇپ قويساق،ھەقىقەت بۇرمىلانغان بولىدۇ.ئالەمنىڭ يارىتلىشى توغىرسىدا ياراتقۇچىنىلا ئېتىراپ قىلىپ،يارىتشقا ۋاستە بولغان تۆت ئۇنسۇرنى ئىنكار قىلساق بولمايدۇ.ۋاستە ئىنكار قىلنىسا،نەتىجىدە مەقسەت ئىنكار قىلىنىدۇ.يۈسۈپنىڭ تىركەشكىنى مۇشۇنداق ئىشلارغۇ.بەزى مۇدەررىسلەرنىڭ بۇنىڭغا غۇمى بار ئوخشايدۇ،بىز مانا مۇشۇنداق خاراكتېرنى مۇتەككەبىرلىك دېسەك بولىدۇ. rdO FLr  
   بۇ پىكىرنى قويغۇچى،ساجىئە مەدررىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى،قوشۇمچە مەنتىقە ئىلىم مۇدەررىسى،ئالىم قەمەرىددىن كۆكيارىق ئىدى. TLL!>  
   مۇنازىرە داۋامىدا يۈسۈپ بالاساغۇنىنىڭ 18نەپەر ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقوغۇچى قاتارىغا قوشۇلۇشى ئۇ كۈنى ھەل بولمىدى.ئەتىسى خېلى كۆپ تالاش_تارتىشلاردىن كېيىن ئاخىر يۈسۈپ بالاساغۇنىنىڭ تەرىپىنى ئالغۇچىلار ئۈستۈنلۈك ئالدى. \b.sMclk  
ھەپتنىڭ 5_كۈنى جۈمە.ساجىئە مەرسىسى 18نەپەر ئەڭ مۇنەۋۋەر تالىپلارنى يىغىپ،ئۇلارغا ئوردىغا بۇغراخاننىڭ قوبۇلىغا چىقىشىقا تەييارلىنىشنى ئۇقتۇردى.يۈسۈپنىڭ نۇرغۇن ساۋاقداشلىرى بۇ شان_شەرەپنى قۇتلۇقلاش ئۈچۈن ئۇنى ئارقا_ئارقىدىن تەبرىكلەپ كىرىشىتى.ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە بۇغراخاننىڭ قوبۇلىغا بارىدىغان 18نەپەر تالىپ جۈمە نامىزىنى ئوردا مەسچىتىدە ئوقۇشى كېرەك ئىدى،چۈنكى جۈمەدىن كېيىن ئوردا جامائىتى ھازىر بولغان مەيداندىلا بۇغراخان ئۇلارنى قوبۇل قىلاتتى.خۇتىبە ئوقۇلدى.ئوردا ئىمامى بۇغراخان شەنىگە،بۇغراخان سەلتەنەتىگە تەڭرىدىن ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىك تىلىگەندىن كېيىن،ئۇنىڭ مەرىپەتپەرۋەرلىكى توغىرسىدا خېلى كۆپ مەدھىيىلەرنى ئوقۇدى.جۈمە نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن مەسچىت سەيناسىدا ئوردىنىڭ يۇقىرى_تۆۋەن ۋەزىر_ۋۇزرالىرى سەپ_سەپ بولۇپ ئىككى ياققا ئايرىلىپ تۇرۇشتى.تاشقى مەسچىتنىڭ سۇپىسىغا كۇرىس قويۇلدى.بۇغراخان شاھانە كېيىم_كېچەكلىرى بىلەن جامائەتنىڭ ئالدىدا ھازىر بولدى. 9]PHFyK_S  
   پەرمانچى بەگ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن 18نەپەر مۇنەۋۋەر تالىپنى بۇغراخان ئالىيلىرىغا سالام بېرىشكە چاقىردى: ;t`vidcKN  
   _كەرەملىك شاھىمىز مەرىپەتپەرۋەر خاقان.ئۇ ئىلىم ئەھلىلىرىنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن <<ساجىئە مەدرىسى>>قوشنا ئەللەرنىڭ دىققەت_ئېتىبارىنى تارتىپ،نۇرغۇن تالىپلار ئىلىم_تەھسىل قىلىشقا كەلدى،مەدرىسىمىز نۇرغۇن مۇنەۋۋەر تالىپلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقاردى.بۇ قېتىم ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان تالىپلارنىڭ 18نەپەر مۇنەۋۋەر ۋەكىلى كەرەملىك شاھىمىزنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ۋە مۇكاپاتىغا نائىل بولىدۇ.ھازىر ئۇلا ر شاھقا سالام بەرسۇن. BQ#&Y}p.[  
18نەپەر تالىپ ئۈچتىن ئالتە سەپ بولۇپ بۇغراخانغا نەچچە قەدەم ئارىلىق قالدۇرۇپ سالام بەردى: RzjQ/av:  
    _بىز تەڭرىدىن بۇغراخان ئالىيلىرىنىڭ سەلتەنەتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللار داۋاملىشىشىنى،تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمىز،_دەپ قول باغلاپ سالام قىلىدى. ebVce)  
_ئىجازەت،_دېدى بۇغراخان ئورنىدىن تۇرۇپ،_سىلەر تەڭرىنىڭ يولىنى تۇتۇپ ئىلىم بابىدا شان_شەرەپ قۇچتۇڭلار.ئىلىم ئەھلى تەڭرىنىڭ دوستى،شۇڭا بىز سىلەرنى قەدىرلەيمىز،سىلەردىن پەخىرلىنمىز ئاراڭلاردا قوشنا ئەللەردىن كەلگەن تالىپلار بار ئىكەن.ئەگەر خالىساڭلار مەملىكىتىمىزدە قېلىپ قالساڭلار،بىز سىلەرگە مۇھىم ئورۇن بېرىمىز،ئەگەر خالىمساڭلار مەملىكىتىڭلارغا بېرىپ ئۆز بۇرچۇڭلارنى ياخشى ئادا قىلىشىڭلارغا تىلەكداشمىز. fW4B(oAk  
   تالىپلار تۆۋەنچىلىك بىلەن بۇغراخاننىڭ شەپقىتىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈشتى. _Q:`F{&?  
ئارقىدىن بۇغراخاننىڭ ئەمرىگە بىنائەن پەرمانچى پەرماننى ئوقۇپ ئۆتتى: d$3 *;Ih  
_شاھىمىزنىڭ پەرمانى مۇنەۋۋەر تالىپلارغا تون كېيگۈزۈلىدۇ ۋە 18نەپەر مۇنەۋۋەر تالىپنىڭ ھەر بىرى بىردىن ئارغىماق بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ ،ئارغىماقلار كەلتۈرۈلسۈن. ;g="S*  
_شاھىمىزنىڭ ھىممىتى چەكسىزدۇر،_دەپ ئاۋاز قوشۇشتى ئوردا ئەھلى. | 
شۇ ئارىدا غۇلاملار چىرايلىق جابدۇندۇرۇلغان 18ئارغىماقنى قاتار تىزىپ مەسچىتنىڭ ئالدى دەرۋازسىنىڭ سىرتىغا ھازىر قىلىشىتى. rdwI W-?<7  
   _تالىپلارغا ئىجازەت،بېرىپ ئارغىماقلارغا مىنىڭلار،غۇلاملار سىلەرگە ھەمراھ بولۇپ شەھەرسىتاننى ئايلاندۇرىدۇ،_دېدى پەرمانچى. |=uY;3|  
   تالىپلار چىقىپ ھەر بىرى بىردىن ئارغىماقنى مىنىپ ئوردىدىن چىقىشتى.خىللانغان ئارغىماقلارنىىڭ ئۈستىدىكى قىران يىگىتلەر ئاسماندىن تەڭرىنىڭ نۇرى چۈشكەندە شەھەرنى يوروتۇۋېتىشتى،ئۇلارنىڭ ئالدىدا جارچىلار جار سېلىپ بۇغراخاننىڭ ئىلتىپاتىدىن پۈتۈن شەھەر خەلىقىنى ۋاقىپلاندۇراتتى.رەستىلەردىكى ئۆي_ئۆيلەردىن چوڭ_كىچىك،قېرى_ياش چىقىشىپ ئۇلارنى تاماشا قىلىشىتى.ئۆينىڭ دېرىزىلىرىدىن ئۆزلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ زوقمەنلىك،ھەۋەس بىلەن قاراۋاتقان شەھەر قىزلىرىنىڭ جىلۋىگەر سېيماسىنى كۆرگىلى بولاتتى.چۈمپەردە ئىچىدىكى قىزلار خۇددى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇقنى كۆرۋاتقاندەك ئىدى. qdAY4/  
   بۇ ۋەقە يۈسۈپ بالاساغۇننىڭ ھايات شامىنىڭ شۇنىڭدىن باشلاپ ئوردىدا كۆيۈپ نۇر چاچىدىغانلىقىدىن دالالەت بېرەتتى.يۈسۈپ بۇغراخاننىڭ ئوردىدا قېلىپ ئىشلەش توغىرسىدىكى تەكلىپىنى سىپايىلىق بىلەن رەت قىلىپ،يازلىق پايتەخت بالاساغۇنغا قايتىش ئارزۇسىنى بىلدۈرۈپ ئۆزرە سورىدى.شۇنداق قىلىپ ئۇ قەشقەر شەھىرىدىن ئايرىلىپ بالاساغۇنغا يۈرۈپ كەتتى.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ ئوردۇ كەنتتىن كەلگەندىن كېيىن باغدادتقا بېرىپ بىر قانچە يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان،كېيىن ئۆي_ئوچاقلىق بولغان.ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك مىراسى <<قۇتادغۇبىلىك>>ئەسىردىن روشەن سېزىلىپ تۇرۇپتۇكى،ئۇ بالاساغۇن ئوردىسىدا ئوردىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئىشلىگەن.بۇ جەرياندا ئۇ ھەر تەرەپتىن تولۇق،مۇكەممەل يىتىلىپ ئاجايىپ زور شۆھرەتلەرنى قازانغانلىقى مەلۇم.بىراق،بىز بۇ كىچىك ئەسەردە بۇ جەريانلارنى يىزىپ ئولتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرمىدۇق.1060_يىللاردىن كېيىن يۈسۈپ بالاساغۇننىڭ ھاياتىدا كەسكىن بىر بۇرۇلۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،ئۇ بىر قىسىم مۇئەتەسسىپ،نەپسانىيەتچى بەگلەر بىلەن بولغان كۈرەش داۋامىدا ئوردىدىن چەتلىتىلدى.بۇ جەريانىدا ئۇ پۈتۈن زېھىني كۈچىنى يىغىپ قىممەتلىك ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.
x^D#&5  
  N ,,l  
\Q$ BMLB  
   يۈسۈپ بالاساغۇنىنى ئۆمۈر گۈلشىنى 40ياز،40قىشنى ئۆتكۈزدى.30يىللىق ھاياتى ئاساسەن ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن ئۆتتى.ساجىئە مەدرىسىسىنى پۈتتۈرۈپ بالاساغۇنغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن باش دىۋاندا مىرزىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى.كېيىن دىۋان بېگى بولۇپ نەچچە يىل جان تىكىپ ئىشلىدى.بۇ مەزگىللەر يۈسۈپنىڭ ھاياتىدا ئانچە زور بۇرۇلۇش خاراكتېرىلىك ئۆزگىرىشلەر بولمىدى.ئۇنىڭ ھاياتنىڭ 401يىلى قاراخانىيلارنىڭ راسا گۈللەنگەن،قۇدىرەت تاپقان،چوڭ بىرلىشىش ئەمەلگە ئېشىپ،بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشۇپ،سىياسىي،ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزىنى راسا ئىپادىلەۋاتقان دەۋرلەرگە توغرا كەلدى. / "=.JN`G  
    1060_يىلللاردىن كېيىن قاراخانىيلارنىڭ سىياسىي ھاياتىدا غايەت زور تەتۈرىگە بۇرۇلۇش يۈز بەردى.قاراخانىيلارنىڭ يۈسۈپ قادىرخان ھۆكۈمرانلىق قىلغان تارىخىي باسقۇچتا ۋە سۇلايمان ئارسلانخان ھۆكۈمرانلىق قىلغان تارىخىي مۇساپە ئىچىدە نىسپىي تىنىچ ۋە خاتىرجەم ئۆتكۈزگەن ھاياتىغا كېيىنكى دەۋرلەردە خاتىمە بېرىلدى. Z6MWg2V  
  مىلادىيىنىڭ 1035_يىلى قاراخانىيلارنىڭ غەربىي ئىلىگ خانى ئەلى تېگىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن،سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ بۇيراقى بىلەن ئەلى تېكىننىڭ ئوغلى يۈسۈپ غەربىي ئىلگ خان بولدى.لېكىن،مەرھۇم ناسىر ئىلگ خاننىڭ ئوغۇللىرى مۇھەممەت ئىبنى ناسىر يۈسۈپ ئىلگ خانغا قارشى باش كۆتۈردى.مۇھەممەت ئىبىنى ناسىر مىلادىيىنىڭ 1037_يىلى غەربىي ئىلگ خانلىقىنىڭ پايتەختى ئۆز كەنتنى ئىگلىۋالدى.ناسىر ئىلگ خاننىڭ يەنە بىر ئوغلى ئەبۇ ئىسھاق ئىبىراھىم 1038_يىلى يۈسۈپ ئىلگ خاننىڭ قاماقخانىسىدىن قاچتى.شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم بۆرى تېكىن تېزلىك بىلەن قوشۇن توپلاپ ماۋەرئۇننەھرنى ئەلى تېكىننىڭ ئوغلى يۈسۈپ ئىلگ خاندىن تارتىۋېلىشقا قەسەم قىلدى.ئىبىراھىم بۆرى تېكىن 1040_يىلى بۇخارانى ئىشغال قىلۋالدى.ئەلى تېكىننىڭ ئىككى ئوغلىدىن ئارقا_ئارقىدىن تالاپەت يىگەن يۈسۈپ ئىلگ خان ماۋەرائۇننەھرنى تاشلاپ مەركىزىي ئوردۇ قەشقەرگە قېچىپ كېلۋالدى. G/1+Ma*n  
   مۇھەممەت ئىبنى ناسىر بىلەن ئىبراھىم بۆرى تېكىنلەر غەربىي ئىلگ خان تۇرىدىغان ئۆز كەنىتتىن پايتەختنى سەمەرقەنتكە يۆتكىدى.ئۇلار كۆرۈنۈشتە مەركىزىي ئوردىغا يەنى سۇلايمان ئارسلانخانغا بويسۇنغاندەك قىلسىمۇ،ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل بولۇۋېلىپ ئۆز بېشىمچىلىق قىلدى.سۇلايمان ئارسلانخان مۇھەممەت ناسىر بىلەن ئىبراھىم بۆرى تېكىننىڭ ئۆز بېشىمچىلىقىغا چەك قويۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ،ئېرتىش،بالقاش بويلىرىدا ئىسيان كۆتۈرگەن ياباقولارنى باستۇرۇش بەند بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن،بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان ئاكا_ئۇكا ئىبراھىم بۆرى تېكىن بىلەن مۇھەممەد ئىبىنى ناسىر بارا_بارا كۈچلىنۋالدى.نەتىجىدە ئۇلار ماۋەرائۇننەھر رايونىدا ئۆزى بەگ ئۆزى خان بولۇپ،مەركىزىي ھاكىميەتكە بويسۇنمىدى.شۇنداق قىلىپ 1040_يىللاردىن كېيىن بىر پۈتۈن قاراخانىيلار دۆلىتى غەربىي قاراخانىيلار ۋە شەرقىي قاراخانىيلار دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى.<<ئىككى قوچقار ئىكشەر،ئارىدا كۆكۈيۈن يەنجىلەر >>دېگەن بۇ ھەقىقەت بىلەن يۇغۇرۇلغان ھىكىمەتنى دەل شۇ خەلقنىڭ ئاتا_بوۋىلىرى يەكۈنلەپ چىققانىدى.پەلەكنىڭ چاقى تەتۈر چۆرگىلىگى تۇرغاندا ئادەملەرنىڭ بېشىمۇ تەتۈر چۆرگىلەمدۇ،قانداق؟شەخسىي ئاتاق،شەخسىي مەنپەئەت،شەخسىي ئۆچمەنلىك تونۇلىرىغا دۆلەت كاتتىلىرى ئوت ياققان بىلەن چۇچۇلا بولىدىغىنى يەنىلا ئاۋام پۇقرا ئىدى.ئەجەپ ئىش ھە،ئادەتتىكى بىر پۇقرا كاللىسىدىن ئېزىپ قالسا،پەقەت ئائىلىسىنى پاراكەندە قىلىش بىلەن چەكلىنىدىكەن،بىراق ئەلنىڭ كاتتىلىرى ئارىسىدىن بىر نەپسانىيەتچى چىقىپ قالسا پۈتۈن ئەلنى قانغا پاتۇرۇشقا يارايدىكەن. w=DuiU"rV  
   شۇنداق قىلىپ قاراخانىيلار ھاكىميىتىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىشى بىلەن مەركىزىي ئوردۇ قەشقەردە تەخىت تالىشىش ئۈچۈن قىلىنغان سۇيىقەستلەر ئارقا_ئارقىدىن چىقىپ خەلىققە ئېغىر بالايىئاپەتلەر يۈكىنى يۈكلەنگەنىدى. ;^z)IB[0h'  
   1056_يىلى شەرقىي قاراخانىيلار خاقانى سۇلايمان ئارسلانخان بىلەن ئۇكىسى مۇھەممەت بۇغراخان ئارىسدا ئۇرۇش يۈز بەردى.ئۇرۇشتا سۇلايمان ئارسىلانخان ئەسىر چۈشتى ۋە ئۆلتۈرۈلدى.ھاكىميەت مۇھەممەت بۇغراخاننىڭ قولىغا ئۆتتى.مۇھەممەت بۇغراخان يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئوتتۇرانچى ئوغلى بولۇپ،ئۇ مەھمۇد قەشقەرىنىڭ چوڭ دادىسى بولىدۇ. Z/ww2o.b  
   مۇھەممەد بۇغراخان خاقان بولۇپ 18ئاي ئۆتكەندە ئۇ تەختنى چوڭ ئوغلى ھۈسەينگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولدى.بارسىخاندا ھاكىملىق قىلۋاتقان ھۈسەينىگە ئەلچى ئەۋەتىپ قەشقەرگە تەكلىپ قىلدى.ھۈسەيىن بالا_چاقىلىرىنى ئېلىپ قەشقەرگە كەلدى.مۇھەممەت بۇغراخان داغدۇغىلىق تەخت ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.بىراق،بۇ خوشال_خوراملىق بىلەن ئۆتكۈزۈلىۋاتقان مۇراسىمنىڭ ئاخىرىنىڭ دەھشەتلىك تراگىدىيە يولۇقىدىغانلىقىنى ھېچكىم خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيتتى.مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ كىچىك خانىشى بۇ مۇراسىم ئۈچۈن زەھەرلىك قول سېلىشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويغانىدى.چۈنكى، كىچىك خانىشتىن بولغان ئىبراھىمنى تەخت ۋارىسى قىلماي،ھۈسەينىگە تەخىتنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىگە قاتتىق ئۆچمەنلىك ساقلىغان خانىش ئوردىدىكى خانغا ئەڭ يىقىن ھەرەم ئاغىسىدىن بىرنى چوڭ ۋەدىلەر بىلەن قولغا چۈشۈرۈپ ،زىياپەت جەريانىدا قول سېلىشقا بۇيرۇدى. (Doo1BEBr.  
    زىياپەت يىرىملىشىپ تازا ئەۋجىگە چىققاندا،پۈتۈن ئوردىدا چۇقان_سۈرەن كۆتۈرۈلدى.ئاسماننى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى.يەر يى يەر يىرىلغاندەك،ئاسمان كۆمتۈرۈلگەندەك ھەممە ياق دەھشەتلىك ساراسىمىگە چۈشتى.ھەممە كۆزلەرنى،قاراڭغۇلۇق قاپلىغان قەلىبلەرنى غەپلەت ئەسىر قىلغانىدى.ئوردا ئەھلىنىڭ بەزىلىرى بۇ ياۋۇزلۇقنىڭ زەھەرلىك تىرناقلىرىدا ھالاك قىلىنغان ئەلنىڭ تۈۋرۈكلىرىگە ھاڭ_تاڭ بولغان ھالدا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تاڭ قېلىشقان بولسا،بەزىلەر ساراسىمىگە چۈشۈپ ئۇياندىن بۇيانغا چېپىشاتتى.كۆزلەر ئالاق_جالاق،چىشلار كىرشىكەن،مۇشتىلار تۈگۈلگەنىدى.بۇ تەقدىرنىڭ چاقچىقىمىدۇ ياكى قىسمەتنىڭ تەتۈرلىكىمىدۇ؟ياق!ياق!بۇ شۇم نىيەت،قەبىھ مەقسەت قوماندانلىق قىلغان ئاسىيلىقنىڭ تراگدىيىسى ئىدى. I5Vd{O  
   نىيەت،ئۇ ئىنسانلارغا ئاتا قىلىنغان خاسىيەتلىك ئەڭگۈشتەر .ئۇ ھاياتنىڭ ھەر بىر قەدىمىدە،ياشاش مەنزىلىدىكى ھەر بىر تىنىقىدا دائىملىق ھەمراھ.نىيەت دۇرۇس،پاك بولسا بۇ ھايات ئېتىكى ئاجايىپ گۈزەللىكى بىلەن ئىنساننى مەست ۋە مەستانە قىلىدۇ،خاتىرجەملىك ۋە بەختىكە سايە قىلىدۇ،مۇھەببەتكە،ئىناقلىققا،خاتىرجەملىككە ھەمراھ قىلىدۇ.نىيەت رەزىل نەپسانىيەت زەھىرى بىلەن سۇغىرىلغان بولسا،يا ھەزرەت!ئۇ گۈزەللىكلەر،ياخشىلىقلار ئۇنىڭ ئاستىدا پايمال بولىدۇ،كىشلەر ھەرگىزمۇ پەلەكنىڭ تەتۈر ئايلىنىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ،ئەپسۇس ۋە مىڭ ئەپسۇسكى،ئەلدە نىيەت بۇزۇلغاندا پەلەكنىڭ تەتۈر ئايلانغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.چۈنكى،قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلىنسا قىيامەت قايىم بولىدۇ ئەمەسمۇ،قىيامەتتە كۈن شەرقتىن ئەمەس،بەلكى غەربتىن چىقارمىش. ne[eBn$0l  
   بىر ھازادا ئوردا ياساۋۇللىرى دەھشەت باسقان زىياپەت مەيدانىغا كىرىپ كېلىشتى.كۆردىكى بۇغراخان باشلىق بىر قانچەيلەن يۈزلىرى كۆكۈرگەن،ئېغىزلىرىدىن قان كەتكەن ھالدا ياتقانىدى.بۇلارنىڭ ئارىسدا سادىق ۋەزىرلەر،شاھزادە ۋە خانزادىلەر،خانىشلارمۇ بار ئىدى. hIAHN2eN"  
   ئۇچىسىغا ساۋۇت،دۇبۇلغا كېيىگەن،قوللىرىدا ياراغ تۇتقان ياساۋۇللار كىرىپلا بۇ قورقۇنچلۇق مەنزىرىدىن نېمە قىلارىنى بىلمەي تېڭىرقاپ قېلىشقانىدى،شۇ ئەسنادا كىچىك خانىش يۈزىگە چۈمبەل ئارتقان ھالدا ياساۋۇللارغا بۇيرۇق قىلدى: w Rp`e1  
_نېمىگە قاراپ تۇرۇشسەن،دەرھال قاتىلنى تۇتۇپ،بۇ ئىنتقامنى ئېلىڭلار،_شۇنى دەپ قورقۇنچىتىن ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالغان يەنە بىر ۋەزىرگە ئىشارە قىلدى. L+ZUWB^zi  
_ھە توغرا،دەرھال قاتىلنى تۇتۇپ ئىنتىقامنى ئالايلى،_دېدى خانىشقا سېتىلغان ۋەزىر بىر ئاز جان كىرگەندەك بولۇپ،_ياساۋۇللار،دەرھال ئاش باشنى تۇتۇپ،كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلىڭلار،قالغان ئىشنى ئاندىن بىر تەرەپ قىلايلى. J[]p^Mo~  
ئۆزىنى قۇربانلىققا تۇتۇپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى ھېس قىلغان ئاش باشى ئالدانغانلىقىنى بىلىپ،چۇقان كۆتۈرۈشكە باشلىدى: c 5x\)F  
_مەندە گۇناھ يوق،مەندە گۇناھ يوق،مەن بۇ ئىشنى خانىش... FutI( SD  
_نېمە قاراپ تۇرۇشسەن،دەرھال ئېلىپ چىقىپ كاللىسىنى ئېلىڭلار،_دېدى سىرىنىڭ پاش بولۇپ قېلىشدىن قورقۇپ ئالاقزادە بولغان خانىش. ER)i5h#Q"  
ياساۋۇللار يوپۇرۇلۇپ بېرىپ ئاش باشنى تۇتۇپ دارقىرىتىپ سۆرىگىنىچە سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كېتىشتى. ?lZqaC7b  
   كۆزلىرى قانغا تولغان جاللات ئاش باشنى قىلىچ بىلەن چېپىپ تاشلاپ جەھەننەمگە يولغا سالدى.بىراق،قاراخانىيلارنىڭ ئوردىسى بۇ دۇنيانىڭ جەھەننەمىگە ئايلاندى.خانىش بۇ قېتىمقى پىلانىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغاندىن كېيىن،ناھايىتى كاتتا دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ،يۇرتقا نەزىر ئېشى بەردى.ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي،ئوغلى مۇھەممەدنى تەختىكە چىقاردى.گەرچە خانىش ئۆزىنىڭ قىلغان شۇملۇقلىرىنى ئۇستلىق بىلەن يوشۇردۇم دەپ قارىغان بولسىمۇ،لېكىن بۇ ئىش نۇرغۇن ئوردا ئەھلىگە ئىنتايىن شۈبھىلىك بولۇپ تۇيۇلغانىدى. ltoFT:A  
   بىراق،ئۇلار بۇ پاجىئەنىڭ سەۋەبىنى قەلىب قازنىقىدا ساقلاشقا مەجبۇر بولدى. 0;tZPt  
ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىدى.قەلبلەر قېتىشقان،يۈرەكلەر مۇزلىغان،ساداقەتمەنلەر ساداقەتنى تەرك ئەتكەن،يامانلار باش كۆتۈرگەنىدى.شۇنداق قىلىپ دۆلەتتە ھۆكۈمەتسىزلىك ئەۋج ئالدى.ئوردىنىڭ ئىشەنچىلىك،ئەل سۆيەر،خەلىقپەرۋەر ۋەزىر_ۋۇزرالىرى ئوردا ئىشىدىن ئۆزىنى تارتقان بولسا،بەزىلىرى بېسىم بىلەن چەتلەشتۈرۈلدى.تۆۋەندىكى بەگلەرمۇ كۆرۈنۈشتە ساداقەت كۆرسەتكەندەك تۇرغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۆزى خان،ئۆزى بەگ بولۇپ،ئۆز خەزىنىسىنىڭ ئورىسىنى تۇشقۇزۇشنىڭ كويىغا چۈشۈشكەنىدى.قانۇن_تۈزۈم نەپسانىيەتچى،پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ قولىدا قونچاققا ئايلانغانىدى.دۆلەت ھارۋىسىنىڭ ئوقى كاردىن چىققاچقا بۇ غايەت زور چاق پۇلاڭشىپ،غىڭشىپ نالە قىلماقتا ئىدى.
\ ygnR1  
& y_0b  
{<]V{ _9  
    قۇز ئوردىنىڭ شىمالىدىن 15كىلومېتىر كېلىدىغان ئېگىز تاغ ئېتەكلىرىنىڭ بىرى.تاغ چوققىلىرى ئاسمان بىلەن بوي تالاشقان،تاغ چوققىلىرىدا توپ_توپ بولۇپ تۇرغان بۇلۇت قاتلاملىرى تاغلارغا ئاق لىباس كىيگۈزۈپ قويۇلغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.تاغدىن چۈشكەن قار سۇلىرى جىلغا_جىلغلاردىن چىقىپ ئېقىن ھاسىل قىلىپ،چەكسىز تاغ ئېتەكلىرىدە ئىلان باغرى سوزۇلۇپ ئاقماقتا ئىدى. vpHrw,IlQl  
   يىراقتىن ئاتلىق بىر كىشنىڭ قارىسى كۆرۈندى.ئۇ سۇنىڭ تېيىزرەك يىرىگە كېلىپ ئاتتىن چۈشتى_دە،ناماز پېشىنىڭ قىستاپ قالغانلىقىنى ھېسى قىلدى بولغاي،تاھارەت ئېلىشقا تۇتۇش قىلدى.ئۇ نامازنى ناھايىتى ئەستايىدىل ئوقۇپ بولۇپ،يەنە ئاتقا مىنىپ يولىغا راۋان بولدى.ئۇ يىراق _يىراقلارغا نەزەر سېلىپ ئۆز _ئۆزىگە خىتاب قىلاتتى:<<ھەي يۈسۈپ سەن ھەرگىزمۇ بۇ ئازغۇن يولغا كىرمە.ئى ھەقنى نازىل قىلغۇچى پەرۋەردىگارىم،بەندىلىرىڭنى ئازغۇنلۇقتىن قايتۇرغايسەن.مېنىڭ يولنى خاتا تاللاپ ئازغۇنلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ قالماسلىقىمغا پاناھ بولغايسەن.قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلىنسا قىيامەت قايىم بولىدۇ.ئۇلارنىڭ توغرا ھەق يولنى تونۇۋېلىشىغا توغرا نىشان كۆرسەتكەيسەن.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئادىمىيلىك قىممىتىنى تەركىدۇنيالىق يولىنى تۇتۇش بىلەن نابۇت قىلمىسۇن،ئەقىل_ئىدراكىنى غاپىللىق بىلەن خار قىلمىسۇن...>>ئۇ ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئېتىغا قامچا ئۇردى. &k1 ?  
   ئوتتۇرا ياشلاردىكى بۇ قىران ئەر بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ ئىدى.قىرىق نەچچە يىللىق ھايات مۇساپىسى ئۇنىڭغا ئاجايىپ بۈيۈك ھېكىمەتلەرنى ئاتا قىلغانىدى.زاماننىڭ ھەر تۈرلۈك ئۆزگىرشلىرى،ئوردىدىكى بوران_چاپقۇنلارمۇ بۇ ئوغلاننىڭ ياشاشقا بولغان ئىرادىسنى سۇندۇرالمىغان،كۈرەشچان روھىنى بويسۇندۇرالمىغانىدى.مانا بۇ ياشقا كەلگەندىن كېيىن،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئۇچقۇن ئەمەس،ئەمدى بىر خىل سېىھىرىي ئوت يالقۇنجاۋاتقاندەك جاسارەتنىڭ ئىپادىسىنى كۆرگىلى بولاتتى.يارىشملىق ساقال_بۇرۇتلىرى مەڭزىدىكى نۇرنى تېخىمۇ تەپچىتىپ تۇراتتى.بۇ نۇر ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئۈمىدنۇرى بىلەن ئىلىمنىڭ خاسىيىتىدىن ئوقچۇغان نۇر ئىدى.ئۈمىدلىك ۋە ئىلىملىك كىشلەر ھەر قاچان ئاشۇنداق نۇرغا كۆمۈلۈپ تۇرىدۇ.نەدە ئۈمىدسىزلىك،نەدە نادانلىق بولىدىكەن شۇ يەردە نور ئورنىنى خۈنۈكلۈك،خارابىيلىك،زەئىپلىك ئىگلەيدۇ. Yj(T7Z #r  
   قاراخانىيلاردا ئىككى ئاپەت يىلتىزى بىخ سۈرۈشكە باشلىغانىدى.بىرى،يۇقىرىدا ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىمىزدەك،ھاكىميەتنىڭ قانۇنسىز ئالمىشىشى،يۇقىرى_تۆۋەن ئەمەلدارلارنىڭ ساداقىتىنى سۇسلاشتۇردى.قانۇنسزلىق،زۇلۇم ۋە تەڭسىزلىك خەلققە ئېغىر ئاپەت بولدى.مانا شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەلدە بۇزۇقچىلىق،گۇناھلىق ئىشلار يامراپ كەتتى.بۇ خىل تەتۈر يۈزلىنىشىدە قاراخانىيلاردا پەيدا بولۇشقا باشلىغان بولسىمۇ،لېكىن باش كۆتۈرۈشكە پۇرسەت تاپالمايۋاتقان تەركىدۇنيالىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان تەسەۋۋۇپ ئىدىيىۋى ئېقىمى ئۆزىنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى تەشۋىقاتى بىلەن ھاياتلىققا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى.ئۇلار بۇ گۇناھلىق دۇنيادىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ خىلۋەتتە تەركىدۇنيالىق بىلەن ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلاتتى.ھۆكۈمەت ئىچىدە بولۇۋاتقان قانۇنسىزلىقلار،جەمىئيەتتە يۈز بېرىۋاتقان ھەر خىل گۇناھلىق ئىشلار ئۇلارنىڭ تەرغىباتلىرى ئۈچۈن ئوبدانلا باھانە بولۇپ بەرگەنىدى.شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن مۇرىتىلار ئارقا_ئارقىدىن بۇ ئېقىمغا ئەگەشتى.ئۇلارنىڭ قولى،ھەتتا ئوردا ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىقىچە سوزۇلدى.ئەسلىدە قاراخانىيلارنىڭ قانۇن_تۈزۈمىدە سەئىد ئەۋلادلىرىغا ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىلگەن بولۇپ،ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارىلىشۋېلىشى چەكلەنگەنىدى.بىراق،بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغىمۇ قول سېلىشقا ئۇرۇندى.بەزى ئوردا ئەمەلدارلىرىمۇ سەئىدلەرنىڭ خاتا تەرغىباتلىرىغا ئەسىر بولۇپ،ئوردىنى تاشلاپ،تاغ ماكانلىرىنى ماكان تۇتۇپ،ئىستىقامەت بىلەن ئۆتۈشكە باشلىدى. s^U &4  
        يۈسۈپ بالاساغۇننىڭ بۇ سەپىرى قۇز ئوردىنىڭ ئىستېداتلىق يابغۇسى،تەقۋادار قاياشى توغرۇل ئەرۇڭقاشنى زىيارەت قىلىپ كېلىشى ئىدى.ئۇ كىشى بەش يىلدىن بېرى ئوردىنى تاشلاپ،ھاياتلىقتىن يۈز ئۆرۈپ،تەركىدۇنيالىق يولىنى تۇتقان بۇرادىرى ئىدى.  t4m\["$CE?  
   يۈسۈپ بالاساغۇنى يىلدا بىر قانچە قېتىم كېلىپ ئۇنى زىيارەت قىلىپ كېتەتتى.گەرچە بۇ ئىككى زاتنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش،تەركىدۇنيالىق،ھاياتلىق ۋە ماماتلىق،ساۋاپ ۋە گۇناھ توغىرسىدىكى مەسىلىلەردە ئىختىلاپى بولسىمۇ ماھىيەتلىق بىر مەسىلىدە يەنى ھاكىميەتنى ئىدارەقىلىش،ئۇنى خەلىقنىڭ بەخىت_سائادىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە نىيەت بىر يەردىن چىقاتتى. M-J&-^Ei9J  
   تەركىدۇنيالىق يولىنى تۇتقان ئوغرۇل ئورۇڭقاشى ئىلىم_ھېكىمەتتە كامالەتكە يەتكەن،ئەخلاق_پەزىلەتتە،يۈكسەك ھۆرمەت قازانغان كىشى ئىدى.ئۇ قۇز ئوردىدا يابغۇ ئەمىلى بىلەن قاراخانىيلارنىڭ ھاكىميەت ئىشلىرى ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك خىزمەتلەرنى قىلغانىدى.ئۇ دۆلەتنى روناق تاپتۇرۇپ،خەلقنى بېيىتىش ھەققىدە ناھايىتى ئورۇنلۇق تەدىبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،خاننىڭمۇ ئىززەت_ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغانىدى.قاراخانىيلارنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشى،ھاكىميەت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۆز ئارا قىرغىنچىلىق،بىر_بىرىنى قەستلەش قاتارلىق ئاپەتلەر توغرۇل ئورۇڭقاشقا قاتتىق تەسىر قىلدى.كېيىن تەخىتكە چىققان خاقانلار ئۆزىگە خوشامەت قىلىدىغان،قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان،ئىقتىدارسىز كىشىلەرنى يىنىغا تارتتى،ئورىدىدا يامانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ياخشىلارغا كۈن بولمىدى.خان قۇرۇق سۆز،قۇرۇق تۆھمەتلەرگە كۆپرەك قۇلاق سېلىپ،ھەقىقىي تۆھپىكار كىشلەرگە يۈزىنى ئورىدى.تەمەخەرلۇق،يالاقچلىقىنى جان بېقىشنىڭ قورالى قىلۋالغان مەنسەپپەرەس بەگلەر پىتنە_پاسات ئۇرۇقنى تېرىپ شاھنىمۇ ھەق بىلەن ناھەق،ساختىلىق بىلەن ھەققانىيلىق،راسىت بىلەن يالغان ئارىسىدا گاڭگىرىتىپ قويۇشقانىدى. Q%[a Zf:;  
   9_ئايلارنىڭ بىر ئەتىگەنلىكى:مۇھەممەد بۇغراخان كىچىك خانىشنىڭ سۇيىقەستىدىن كېيىن تەختتە ئولتۇرۇپ،تۇنجى قېتىم قۇز ئوردىغا كەلدى.بۈگۈن ئوردا قوبۇلخانىسىدا ئەمىر بەگلەرنى قوبۇل قىلىپ،كۆرۈنۈشتە ئۇلاردىن مەلۇمات ئالماقچى،ئەمەلىيەتتە بولسا،ئەمىر بەگلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ساداقىتى،ھۆرمىتى ۋە ئىنكاسىنى بىلىپ باقماقچى ئىدى. p%:>$ATU  
   شاھانە تون كېيگەن مۇھەممەد بۇغراخان ناھايىتى سالاپەتلىك ۋە دەھشەتلىك ئىدى.بىراق،كۆزى بىر ئازكىچىك،ئىككى مۈرىسى تارراق ئىدى.شۇڭا،ئۇچىسىدىكى يىپەك شاھانە تون تازا يارىشىپ كەتمىگەندەك ئىدى،ئۆزىدىكى مەن_مەنمەنچلىك ۋە تەكەببۇرلۇق،ئۇنىڭ نەزەرىنى تارلاشتۇرغانىدى.ئۇ خوشامەتكە كۆپرەك ئەل بولۇپ،توغرراق پىكىرلەرگە ئۈركۈش بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. K=liv{>_N4  
قوبۇلخانىدا يۇقىرى_تۆۋەن بەگلەر ئورۇن مەرتىۋىسى بويىچە ئىككى سەپ بولۇپ تۇرۇشقانىدى.مۇھەممەد بۇغراخان قولىنى كەينىگە تۇتقان ھالدا نەقىشلىك شاھانە ئۆتۈكى بىلەن زىلچا ئۈستىگە مەغرۇر دەسسەپ بەگلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى: d,^dkp {  
   _ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ئەمىر بەگلەر! ly.Sn-Bm  
  _ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،ۋە رەھمۇتۇللاھى ۋەبارەكاتۇھۇ ئالىيلىرى.بايات سەلتەنەتلىرىنى مەڭگۈ يۆلىسۇن. $\0"O>)3  
ئەمىر بەگلەرنىڭ قول باغلاپ قىلغان سالىمنىڭ ئايىغى چۈشكۈچە مۇھەممەد بۇغراخان كۇرسىغا بېرىپ بولدى ۋە بەگلەرنى ئولتۇرۇشقا ئىجازەت بەردى. SNTMhO  
بۇغراخانغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن پەرمانچى بەگ،بۇغراخاننىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرۇپ،بۇغراخانغا بىر ئاز مەدھىيە سۆزلىرىنى قىلغاندىن كېيىن،بۇغراخاننىڭ بۇ نۆۋەتتىكى قۇز ئوردىغا كېلىشىدىكى مۇددىئاسىنى بىلدۈردى. Ur 
   _جانابىي ئەمىر بەگلەر،تەڭرىتائاللانىڭ رەھمىتى بىلەن ئۇلۇغ بۇغراخان ئېلىمىزگە بەخىت ۋە ئامەت ئېلىپ كەلدى،ئادالەت ۋە ھەققانىيەت بىلەن ئەل سوراپ ئەلگە قەھرلىك،ياخشىلارغا مېھىر_شەپقەتلىك،يامانلارغا قەھر_غەزەپلىك،ئالىيلىرى ئۇلۇغ ۋە پاراسەتلىك،خاقانىمىز ئۆز ئارا ئىتىپاقلىشىپ ئەلنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىدۇ،تۆھپىكارلارغا بۇغراخاننىڭ مەرھىمىتى چوڭدۇر.بۇ قېتىم ئالىيلىرى ھەر قايسى ئەمىر بەگلەردىن ئەلنىڭ ھازىرىقى ئەھۋالىنى ئىگىلىگىلى،تەكلىپ پىكىرلىرىنى ۋە مەلۇماتلىرىنى ئاڭلىغلى كەلدى. bj4K6A%!A  
ھەر قانداق پىكىر_تەكلىپلەر بولسا ئوتتۇرىغا قويۇشۇڭلارغا ئىجازەت. !%TJn^,t  
   بەگلەر مەدھىيە ۋەخوشامەت سۆزلىرىنى ياغدۇرۋەتتى،بىرەر ئېغىزمۇ ئەمەلىي تەكلىپ ۋە تەلەپلەر قويۇلمىدى.بۇغراخان بولسا مەمنۇنىيەت بىلەن مۇبارەك بېشىنى يەڭگىل لىڭشىتىپ قوياتتى.كىشىلەر ئارىسىدا <<ئەڭ چوڭ مەستلىك غەپلەتتىدۇر>>دېگەن گەپ بار ئىدى،ماختاشمۇ ئادەمنى مەسىت قىلالايدىكەن ئەمەسمۇ؟!مەستلىكتە ئادەمنىڭ سەزگۈرلىكى ئېشىپ كېتىدۇ،ئازراق زىتىغا تېگىدىغان گەپ سۆزلەر سەۋدايىلىقنى ئاشۇرۋېتىدۇ.بۇغراخاننىڭ سەۋدايىلىقى قوزغالسا،ئۇنى كىممۇ توسوپ قالالىسۇن؟! F;`Yh2/s"  
   قوبۇلخانىنىڭ ئوڭ سېپىنىڭ ئۈچىنچى ئورنىدا ئولتۇرغان يۈسۈپ بالاساغۇنى بۇ خىل كەيپىياتتىن ئەپسۇسلۇق بىلەن ئىچىگە تىنىشقا مەجبۇر ئىدى.گەرچە ئۇنىڭغا دۆلەتنىڭ ھازىرىقى ئەھۋالى بەش قولدەك ئايان بولسىمۇ،كۆڭۈل قېتىدا ئۇنىڭغا ئاراملىق بەرمەيۋاتقان نۇرغۇن تەشۋىشلىك ئويلار كۆمۈلۈپ ياتقان،ئەتراپىدا قۇللۇق بىلدۈرۈپ مەدھىيە ئالقىش ياغدۇرۇپ ساداقىتىنى ئىپادىلەۋاتقان بەگلەرنىڭ ئارىسىدىكى ساداقەتىسىزلىكلەرنى ئوچۇق كۆرۈپ تۇرۋاتقان بولسىمۇ،بۇ سورۇندا ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى،تەلەپ ۋە تەكلىپلىرىنى بېرىشنىڭ تازا مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بىلەتتى.خوشامەت ۋە ماختاشقا ئەسىر بولغان شاھقا كۆڭۈلدىكى ئەمەلىي گەپنى قىلىپ نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايىتى،بەلكى بۇنداق چاغدىكى ھەققانىي تەلەپ ئەكسىچە تەسىر پەيدا قىلاتتى،بولۇپمۇ خوشامەتچى بەگلەر دەرھاللا گەپنىڭ بېلىگە تېپىپ،ئىشنى تەتۈرىگە بۇراپ شاھنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىپ قويۇشمۇ مۇمكىن ئىدى. 8uq9mL|L1  
سەپنىڭ بېشىدا ئولتۇرغان توغرۇل ئەرۇڭقاشى مەركىزىي ئوردىنىڭ بىردىنىبر ۋەكىلى سۈپىتىدە بالاساغۇندىكى ئىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلۋاتاتتى.ئۇ رېئالىققا كۆز يۇمۇشقا،خەلقنىڭ ئاھۇ زارىنى دائىم ئىچىگە يۈتۈپ تاقەت قىلىپ يۈرۈشتىن،بەزى ئەھۋاللارنى مەلۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلدى،بەلكىم ئۆزىنى بۇ سورۇندا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەرقاندىقىدىن ھەقلىق ھېسابلىغان بولسا كېرەك. ئۆزىنى باسالماي تەۋازۇ بىلەن ئورنىدىن تۇردى_دە،بىر ئاز ھاياجانلان بىلەن سۆز ئاچتى: /74:^Asgq  
   _ئېلىمىزنىڭ تۈۋرۈكى،خەلىقمىزنىڭ باشپاناھى ئالىيىلىرى،_دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ،تەكەللۇپ بىلەن شاھقا يۈزلەندى،_بارلىق ھەمدۇسانالار ئۇلۇغ ئاللاغا بولسۇنكى،ئۇنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئالىيلىرىنى خاقانلىقىمىزنىڭ مۇبارەك تەختىگە ئولتۇرغۇزدى،ئەلنىڭ تەقدىر ۋە قىسمەتلىرىنى شاھىمىزنىڭ ئادالەت بىلەن ئوڭشىشىغا تاپشۇردى،شاھىمىز بۇ يولدا زور تىرىشچانلىقلارنى قىلىپ ئەلنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم،تۇرمۇشىنى پاراۋان قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ مۇبارەك قەدەملىرىنى بۇ دىيارغا قويدىلا.شاھ ھۇزۇرىدا راسىت گەپتىن باشقىنى قىلىش ئاللانىڭ ئىرادىسىگىمۇ شاھىمىزنىڭ خاھىشىغىمۇ مۇخالىپ ئىشتۇر_توغرۇلنىڭ ئېغىزىدىن چىققان <<راسىت گەپ>>ئەمىر بەگلەرنىڭ كۆزلىرىنى ئالاق_جالاق قىلىغلى تۇردى،ئۇلارنىڭ گەۋدىلىرى ئىختىيارسىز تەۋرىشىپ كەتتى،ئۇلار بىر_بىرىگە سىرلىق بېقىشىپ،خۇددى يوشۇرۇن سىرلىرى ئاشكارلىنىپ قالىدىغاندەك جىددىيلىشىپ قېلىشتى.يۈسۈپ بالاساغۇنى بۇ سىرلىق كەيىپاتتىن بىر خىل يوشۇرۇن تەھدىتدىنى سەزگەندەك بولدى_دە،مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ كەيپىياتىغا سەپسالدى.توغرۇل ئەرۇڭقاشى مەرھۇم خان ئۆزى قويغان يابغو ئىدى.شۇ سەۋەبلىكمۇ توغرۇلنى كۆزىگە قادالغان مىخ دەپ بىلەتتى،شۇڭىمۇ بىرەر ۋاستە بىلەن بۇ مىخنى قومۇرۇۋېتىش شاھنىڭ خاھىشىدىكى ئىش ئىدى.چۈنكى،ئۇنىڭ تەختىكە چىقىپ قىلغان بىرىنىچى ئىشى مەرھۇم خاننىڭ ئىلگىرىكى سادىق ھىمايىچلىرىنى ئورنىدىن قوزغىتىش بولغانىدى.بۇ ئىشتا مەرھۇم خاننىڭ كىچىك خانىشى ئاكتىپ رول ئويناۋاتاتتى.بۇنداق ئەھۋالدا توغرۇل يابغۇنىڭ <<راسىت>>گېپى شاھنىڭ ھەققانىيەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىشتىن كۆرە،ئوغىسىنى قاينىتىپ قويۇشى مۇقەررەر ئىدى،شۇڭا يۈسۈپ بالاساغۇنى ئىچىدە <<ئاپلا>>دەپلا قالدى.چۈنكى،مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ توغرۇلنىڭ شۇنچە تەۋازۇ،ھۆرمەت_ئېھىترام ۋە ئېھىتىيات بىلەن باشلىغان سۆزىگە ئىرەنشىمەسىلىك ۋە مەنسىتمەسلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى،ئۇنىڭ ئېغىزلىرىنى مايماقلاشتۇرۇپ،بۇرۇتلىرىنى ئىككى بارمىقىنىڭ ئارسىدىن ئۆتكۈزۈپ مەغرۇر سىلاپ قويۇشلىرىدىن سېزىلىپ تۇراتتى.توغرۇل يابغۇ بىر ئاز توختىۋالغاندىن كېيىن،سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،_بۇ يىل ھەر بىر تۈتۈن بېشىغا چېچىلغان سېلىق گەرچە ھەر يىلدىكىدىن كۆپ بولغان بولسىمۇ،لېكىن ئوردىغا ئەۋەتىلگەن ئەمەلىي سان ھەر يىلدىكىدىن تۆۋەن بولدى.سېلىق ئەمەلىيەتتە تارىقچى ۋە چارۋىچىلاردىن تولۇق يىغىلغان بولسىمۇ،لېكىن چوڭ يەر ئىگىلىرى ۋە چارۋىدارلاردىن ئەسلىي تۆلەشكە تېگشلىك باج_سېلىقنىڭ چېچىلىشى مۇۋاپىق بولمىدى.ئۇ ھەر بىر تۈتۈنگە تەڭ چېچىلغاندا بەزى تارىقچىلاردا جاندىن باشقا نەرسە يوق.شۇڭا باج_سېلىق جان بېشىغا ئەمەس،بەلكى يەر بېشىغا،چارۋا بېشىغا چېچىلسا ئاندىن مۇۋاپىق بولاتتى.يەر ۋە چارۋىنىڭ 90پىرسەنتى يۇرت بايلىرى،يۇرت كاتتىلىرى ۋە بەگلەرنىڭ قولىدا.ئەگەر ئۇلار ئاتقا،تۆگىگە ئارتىشقا تېگشىلىك يۈكنى ئېشەككە ئارتىپ قويسا،ئېشەك بۇ يۈكنىڭ ئاستىدا بېسىلىپ ھالاك بولىدۇ.ئالىيلىرىنىڭ بۇ ئىش خۇسۇسىدا پەرمان چۈشۈرۈشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز. )0G:B{z  
   _بەس !_مۇھەممەد بۇغراخان دېگەندەكلا تېرىكتى،_سىز يۇرت كاتتىلىرىغا تىل تەگكۈزۋاتىسىز،ئۇلارنىڭ ئۇلىنى كولاش دۆلەتنىڭ ئۇلىنى كولىغانلىق بولىدۇ.ھەر ئىشنىڭ قائىدە_يوسۇنى بولىدۇ،پۇقرالارنىڭ مەجبۇرىيىتىدىن قېچىشقا ئاساسى يوق.توغرۇل يابغۇ،قارىغاندا بۇ يەردە بىر ئاز بۇرۇقتۇرما بولۇپ قالغان ئوخشايسىز،مەن بىلەن قەشقەرگە قايتىڭ.شۇ يەردە سىزگە مۇۋاپىق ئورۇن بېرىمەن. D'1#G  
مانا شۇ قېتىمقى قوبۇلدىن كېيىن،يابغۇ توغرۇل ئەرۇڭقاشى ئوردىدا كۆرۈنمىدى.يۈسۈپ بالاساغۇنى بىلەن پىكىر ۋە نىيەتلىرى بىر يەردىن چىققانىدى،بىراق بۇ نۆۋەت ئۇ ھېچكىمگە بىلدۈرمەستىن تېپتىنىچ ئۆزىنى بۇ ھاياتتىن چەتكە ئالغانىدى. fZn/\IMW  
   توغرۇل ئەرۇڭقاشى،ئوردىدىن باش ئېلىپ چىققاندىن كېيىن،تونۇلغان تەسەۋۋۇپچى،ئۇستازى كۆل بەگنى پاناھ تارتىپ،كۆل بەگ ئىستىقامەت قىلۋاتقان تاغقا باردى.كۆل بەگ بۇ چاغدا ياشىنىپ قالغان بولۇپ،قول ئاستىدا خېلى كۆپ مۇرىتلىرى بارئىدى.كۆل بەگ ئۆز ئىشلىرىنى توغرۇل ئەرۇڭقاشغا تاپشۇرۇپ،بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى.ئۇنىڭ تەسىرى توغرۇلنىڭ روھىي دۇنياسىدا چوڭقۇر ئىزنالارنى قالدۇرغانىدى.گەرچە تەركىدۇنيالىق يولىنى تۇتۇپ،خوتۇن،بالا_چاقلىرىنى،ئەل_يۇرتىنى تاشلاپ،بۇ خىلۋەت جايدا ئىستىقامەت قىلىش ئۇنىڭ ئىرادىسى بولمىسمۇ،لېكىن دۆلەتنىڭ ھازىرىقى چېچىلاڭغۇ،گۇناھ بىلەن توشقان ئازغۇنلۇقلىرىغا شاھىت بولۇپ قېلىشنى خالىمايتتى.گۇناھقا شاھىد بولۇش ئەمەس،بەلكى ئۇنى توسۇش دۇرۇس ئىدى،بىراق ئۇنى توسۇشقا قۇربىتى يەتمەيتتى.شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ جىسمى تاغ غارىدا بولسىمۇ،روھى ئاللاغا ۋە ئەلگە بېغىشلانغانىدى.يۈسۈپ بالاساغۇنى يول ئىزدەيتتى،توغرۇل بىلەن سىرداشقاندا ئۆزىنى ئېغىر گۇناھقا پاتقاندەك ھېس قىلاتتى،بىراق توغرۇلنىڭ تەسەللىسى ئۇنىڭغا يەنە ئاراملىق بېرىش رولىنىمۇ ئوينايتتى.يۈسۈپ يەنىلا تېڭىرقاقلىق ئىدى.ئۇنىڭ ئۇيقۇسى قاچقان.كۈندۈزىمۇ خاتىرجەملىك يوق ئىدى.ئۇ ھاياتىنى بۇرۇقتۇملۇق بىلەن ئۆتكۈزمەكتە ئىدى.ئەتراپىدىكى كىشلەردە بولسائىزتىراپ،تېڭىراقش،توغرا يول باشچى تېخى ئوتتۇرىغا چىقمىغانىدى. 4ji@JYf  
   دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە،خەلقنىڭ ھال_ئەھۋالىغا مەلھەم بولالىغۇدەك بىرەر يولباشچى چىقسا بولاتتى... M}^GvAhs  
  دەپ خۇرسىناتتى.ئۇ ئەلدە ھالاللىق،پاكلىق ئازلاپ،شەخسىيەتچىلىك،نەپسانىيەت ئۈستۈنلۈك ئالغاچقا،ھالال،پاك ئادەملەرنى تاپسا كۆزىگە سۈرتكۈدەك بولاتتى.مەنىۋى جەھەتتىكى چاڭقاش ئۇنىڭ روھىدا ئاجايىپ تۇيغۇلارنى ئويغاتتى:
+h:sFH9  
قوپاي مەن،ماڭاي مان،جاھاننى كېزەي مەن، hptz}gA?  
جاھاندا ۋاپالىق ئىرۇركىم ،تاپاي مەن. $ls:N,g  
كىشى قىسلىغى بولدى،ئىستەي قەيەردىن؟ O[5!90KYw  
تىلەپ تاپقىلى بولسا ئىستەپ كۆرەي مەن. @Wuc}Oi  
ئەگەر تاپسام ئەردى ۋاپالىق سېخىي ئەر، 6B&b0; `]  
يۈدۈپ ئۇنى يەلكەمدە،كۆزگە سۈرەي مەن.
]Q\j!ak+q  
يۈسۈپ يەنىلا يول ئىزدىمەكتە،قاراخانىيلارنىڭ بۇزۇلغان ئىجتىمائىي قورغىنى ئۈچۈن مەنىۋى تېرەك ئاقتۇرماقتا. YMY9Y<4p  
   بۇ يولدا ئۇ ئۆمۈر بوستانىنى قۇرۇتۇشقىمۇ بەل باغلىغانىدى.تاغلار كېسىپ،داۋانلار ئاشسىمۇ،ئۇنىڭ تەپەككۇر دۇلدۇلى ۋەتەن تۇپرىقىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ_پۇشقاقلىرىدا ئىز قالدۇرماقتا.ئۇ بۈگۈن يەنە بىر مەنىۋى قورغانغا جەڭ ئېلان قىلىش ئۈچۈن بۇ تاغ غارىغا كەلدى. x:J}*[K  
   تاغ ئۆڭكۈرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە قويۇلغان تاش ئورۇندۇقتا يىشى ئەللىكتىن ئاشقان،چاچ_ساقىلى يىرىم ئاقارغان،ئۇچىسىغا خېلى كۆپ يىرىگە بىر زاھىت ئالدىغا قويۇلغان <<قۇرئان كەرىم>>گە تىكىلىپ بىر ئالدىغا ،بىر كەينىگە داجىپ زىكىر قىلۋاتاتتى.نېرىدىن كېلىۋاتقان ئاتلىق كىشى ئۆڭكۈرگە يىقنىلاشقاندا،ئۆڭكۈردىن 50مېتىردەك يىراقلىقتىكى ئېقىندىن ئىۋرىق بىلەن سۇ ئېلىپ كېلۋاتقان زاھىت يىگىت ئاتلىق كېلۋاتقان يۈسۈپكە قىزىقىپ قارىدى.ئۇ كىشىنىڭ ئۆتكەندە بىر قانچە قېتىم كېلىپ ئۇستازى بىلەن پاراڭلىشىپ كەتكەن مۆتىۋەر ئىكەنلىكىنى تونۇپ،سالام بەردى ۋە <<ئۇستازىمنى ئىزدەمىسىز؟>>دەپ ئاتنى يىتىلەپ كېلىپ،ئۇستازىنى ئىشارە قىلىدى. {3IiEF|X  
   يۈسۈپ بالاساغۇنى توغرۇل ئەرۇڭقاشقا 30مېتىردەك قالغاندا ئاتتىن چۈشتى.توغرۇل يۈسۈپنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ يۈسۈپنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.توغرۇل يۈسۈپنى ئۆڭكۈر ئىچىگە باشلىدى. +DQMgt(P.  
   ئۆڭكۈرنىڭ ئىچى يۈسۈپ ئۈچۈن تونۇشلۇق ئىدى.ئۆڭكۈر خېلى كەڭ،ئۇ يەر،بۇ يەرگە تاش ئورۇندۇقلار قويۇلغان،تاش ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە كېيىك،جەرەن ۋە باشقا ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرى سېلىنچا قىلىنغانىدى.يەرنىڭ ئۇ يەر،بۇ يېرىدە خېلى كۆپ سېلىنچا تېرىلەر كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى،تاغدىن ئويۇپ چىقىرىلغان تەكچىدە ياغاچتىن ئويۇلغان بىر قانچە چۆچەكلەر،يەنە بىر تەرەپتىكى تاش ئويۇقتا خېلى كۆپ كىتابلار تىزىقىلىق ئىدى.يۈسۈپ تېرە سېلىنچىلارنىڭ بىر ئاز كۆپىيىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ،تاغقا چىقىۋاتقان زاھىتلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. 1i'!glD`9  
   توغرۇل ئەرۇڭقاشى يۈسۈپ بالاساغۇنى توغرۇل ئەرۇڭقاشى يۈسۈپ بالاساغۇنىنى تاش سۇپىغا باشلىدى.توغرۇل ئەرۇڭقاشى قولىدىىكى تەسۋىنى قويۇپ يۈسۈ بىلەن يۈزمۇ يۈز يۈكۈنۈپ ئولتۇردى ئۇلار ئۇزۇن يىل بىر_بىرى بىلەن كۆرۈشمىگەن دىلكەشلەردەك بىر _بىرىگە تويماي قارشاتتى،كۆزلىرىدىن بىر _بىرىگە بولغان مېھىرىبانلىق ۋە سۆيۈنۈشنىڭ جىلۋىسى چاقنايتتى.توغۇرل ئەرۇڭقاشى سالام سەھەتتىن كېيىن ئەل _يۇرتنىڭ ئەھۋالىنى ئاندىن يۈسەۈپ بالاساغۇنىنىڭ كۈنلىرىنىڭ قانداق ئۆتىۋاتقانلىقىنى سورىدى.  
   _ئەل_يۇرت سىزنى ھەر قاچان ئەسلەپ تۇرىۋاتىدۇ،ئۇلار سىز بىلەن دىدارلىششىنىى،سىز بىلەن بىرگە ياشاشنى ئۈمىد قىلۋاتىدۇ.مەن بۇ نۆۋەت بىرىنچىدىن سىزنى سېغىنىپ دىلكەش ئىزدەپ كەلدىم،يەنە بىرى ئەلنىڭ سالىمىنى ۋە ئىلتىجاسىنى ئېلىپ كەلدىم.ئاللاغا مىڭ مەرتىۋە شۈكرىكى،ساق_سالامەت تۇرۇپسىز،تىنىچ _ئامان كۆرۈشۈشكە نېسىپ بولدى.سىزنى كۆرۈپ قەلىبم روشەنلەشتى.ئۆزىڭىز يالشۇر بۇ تاغدا ئېغىر يۈك يۈدۈپ رىيازەت چېكۋاتىسز،بىر كۈن ئاچ،بىر كۈن توق،دوسىت_بۇرادەرسىز،ئەل_جامائەتىسز،ئۇرۇق_تۇققانلارسىز ياشاۋاتىسز.بۇ ئەھۋالىڭىزنى ئويلاپ ھەر قاچان ئېڭىمدا سىزنىڭ سىېمايىڭىز،كەچلىرىمۇ چۈشۈمدە سىز ھەرقاچان ھەمراھ.بۇرادەرلەرمۇ سىزنى ئەسلەپ كۆپ قايغۇرىدۇ،ئويلاپ بېقىڭ،يەككە_يىگانىلىك پەقەت ئاللاغىلا خاستۇر.ئادەم ئەل_جامائەتتىن ئايرىلىپ ياشىيالمايدۇ... V[+#wq  
  _سۆزلىرىڭىزنى ئۇقتۇم،_دېدى توغرۇل ئەرۇڭقاشى جاۋاپ بېرىپ،_ئەل يۇرتنىڭ ئامانلىقى خاتىرجەملىكى مېنىڭمۇ ئەڭ چوڭ تىلىكىم،ئاللا ئۇلارنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.سىزمۇ بىلىسىز،بۇ يەر مېنىڭ ئېتىقادىم ئۈچۈنمۇ،ئۆزۈم ئۈچۈنمۇ مۇناسىپ كۆرۈندى.قولۇم قىسقا،تىلىىم كېكەچ،پۇتۇم كىشەنلەنگەن .مەن ئەل_يۇرت ئۈچۈن قانچىلىك ئىش قىلىپ بېرەلىشىم مۇمكىن.گۇناھقا شېرىك بولۇپ قېلىشتىن،قۇرۇق غەيۋەت_شىكايەتتىن خالىي بولۇش ئۈچۈن ئەلدىن ئايرىلىپ بۇ يەردە تۇرۇپتىمەن.ماڭا ئاللانىڭ يادى ھەمراھ. گەرچە خەلق مەندىن پايدا_مەنپەئەت كۆرمىسىمۇ،لېكىن مەندىن ئۇلارغا زىيانمۇ تەگمەيدۇ. 7-"sZt!'  
    _قەدىرلىك بۇرادەر،مېنىڭمۇ سۆزۈمنى ئاڭلاپ بېقىڭ،_دېدى يۈسۈپ بالاساغۇنى،_مەن سىزنىڭ كىمنى ئويلاۋاتقانلىقىڭىزنى ئوبدان بىلىمەن.قارىماققا دېگەن سۆزلىرىڭىز ئورۇنلۇقتەك قىلغان بىلەن ئۇ بىر باھانە.قالغان كۆڭۈلنى تىرىلدۈرمەك مۈشكۈل،قەلىبكە سانجىلغان رەنج تىكىنىنى سۇغىرىۋېتىش تېخىمۇ تەس.بىراق ئەلدە نېمە گۇناھ،ئەلنى رەنجىتىشتىن نېمە پايدا.ئادەم دېگەن ياخشىلىقنىڭ بەندىسىغۇ،ياخشىلىق ئۈچۈن ھېچقانداق مەنپەئەتنىڭ نىشانى كۆرۈنمىسە،قۇرۇق سۆز،قۇرۇق تۆھمەتتىن خالىي بولىدىكەنمەن،گۇناھقا شېرىك بولمايدىكەن دەۋاتىسىز.ئۆزىڭىزدىن ئۆزىگە ئىشەنگەن،توغرا يول تۇتقان ئادەم قانداقمۇ بەندىسىگە بۇيرۇغىنى ئەل بىلەن بىرگە ياشاپ،تىلىنى ئوبدان كۆزىتىپ، يىرىك سۆزگە سىلىق جاۋاپ بېرىش،يامانلىق ئۈچۈن ياخشىلىق قىلىشتۇر. بىز ئون يىل ئىلىم تەھسىل قىلدۇق.بو ئەلۋەتتە ئەلنىڭ يۈكىنى ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش زالىمغا يانتاياق بولۇش دېگەن گەپ.دۆلەت يالغۇز شاھنىڭ دۆلىتى ئەمەس،ئۇ پۈتۈن ئاۋامنىڭ دۆلىتى،ھېچقانداق شاھ ئۆزى يەككە_يىگانە دۆلەت باشقۇرالىغان ئەمەس،ئۇنىڭ ئۈچۈن قابىل ياردەمچىلەر كېرەك.ئەل دېگەن تەڭرىنىڭ دۆلەت ئەربابلىرىغا تاپشۇرغان ئامانىتى،ئەلنى رازى قىلماي تۇرۇپ ھەرگىزمۇ تەڭرىنى رازى قىلغلى بولمايدۇ،شۇڭا ئەلنىڭ ئىشىنى تەرك ئېتىش تەڭرىنىڭ ئىشىنى تەرك ئېتىشتۇر.ئەسلىي ماھىيەتتىن قارىغاندا بۇ دۇنيانى سۆيۈش،ئەل ئۈچۈن كۆيۈش،ئەلنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جان تىكىش ئەڭ كاتتا ئىبادەت بولىدۇ.ئۆز ئىلى ئۈچۈن ھېچقانداق مەنپەئىتى تەگمىگەن،قۇرۇق ئىبادەتكىلا تەمەننا قويۇپ ئاخىرەتلىكىنى ئىزدىگەن بەندىنىڭ قىلغان ئىبادىتى تەڭرى دەرگاھىدا مەقبۇل ئەمەس.سىز بۇ قانۇنىيەتلەرنى ياخشى بىلىسىز،توغرۇل ،ئادەم ياشاش ئۈچۈنمۇ،تەڭرىگە بولغان قۇللۇقىنى ۋايىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈنمۇ مېھىنەت قىلىش زۆرۈر بولىدۇ.مېھنەتسىز خاتىرجەملىكمۇ،پاك ئىبادەتمۇ بولمايدۇ،ھاياتلىقمۇ بولمايدۇ.خاتىرجەملىك بولمىسا،ھاياتلىق كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ.خاتىرجەملىك بولمىسا،ھاياتلىق كاپالەتكە ئىگە بولمىسا ئىبادەتمۇ بەرقارار بولمايدۇ.ئەگەر ھەممە ئادەم تەڭرى يولىنى تەركىدۇنيالىقتىن ئىزدىسە ھاياتلىقنىڭ يىلتىزى قۇرۇيدۇ،بۇ ئاللا كۈتكەن ئىرادە ئەمەس،ئەكسىچە ئاللا ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ خىيانەت بولۇپ قالىدۇ. \;!.TH)I:  
   يۈسۈپ بالاساغۇنىنىڭ تەلەپپۇزى بارا_بارا تېخىمۇ كەسكىن ۋە جىدىدىي تۈس ئالماقتا ئىدى.ئارىدا بولۇۋاتقان مۇنازىرە مۇرەسسەسىز ھالدا نەچچە سائەت داۋاملاشتى.بىر ھازادا ئارپا ئۇنىدا ئېتىلگەن سۇيۇق ئۇماچ چۆچەكلەرگە ئېلىنىپ يۈسۈپ بالاساغۇنى بىلەن توغرۇلنىڭ ئالدىغا قويۇلدى.بۇ ئۇماچ بىر بېشارەت بولۇپ،تەقۋادارلىق يولىغا كىرگەن كىشى ئۈچۈن دۇنيانىڭ مەئىشىتىگە ئۆزىنى بۇزۇش جائىز ئەمەس،دېگەنلىك ئىدى. F~{B{>LB  
   _جانابنىڭ بۇ يولنى تۇتۇشتا ئىرادىسىنىڭ چىڭ ئىكەنلىكى ماڭا مەلۇم،_دېدى يۈسۈپ بالاساغۇنى چۆچەكتە تارتىلغان ئارپا ئۇمىچىنى قولىغا ئېلىپ،_ئادەم زۆرۈر تېپىلغاندا ھەر قانداق مۇشەققەتلەرگە ئۆزىنى بېغىشلاش مۇمكىن. y4otkW9P  
   _بۇ بىزنىڭ ئۆزىمىزنى مۇشەققەتلەرگە دۇچار قىلىۋاتقنىمىز ئەمەس،_يۈسۈپ بالاساغۇنى قولىدىكى ئۇماچتىن بىر ئوتلاپ يەرگە قويۇپ،گېپىنى داۋاملاشتۇردى،_بۇ دۇنيا ۋە بۇ دۇنيانىڭ چەكسىز مەئىشەتلىرى بەندىلەرگە خاس قىلىنغان.بۇ ئابۇندىكى بارلىق بەھرىمەنلىك بىز ئۈچۈن ھالال قىلىنغان.ئاللا ئاتا قىلغان ۋە رەھمتىنىڭ نىشانىسى بولغان بۇ ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىناسلىقنىڭ ئۆزى ياراتمىش نىشانىسى بولغان بۇ ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنالماسلىقنىڭ ئۆزى ياراتمىش ئىرادىگە خىلاپ.ئاللا ھەرگىزمۇ بەندىلىرىنىڭ خارلىق ۋە زارلىقتا ئۆتۈشىنى خالىمايدۇ،تەقسىر.ئىنسانغا بېرىلگەن ئەڭ بۈيۈك ئادەملىك ئىقتىدارى پەقەت ئىبادەت ئۈچۈنلا يارىتىلغانمىدۇ،ئاللانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بىز بۇ كىشىلىك ئالەمنى بەختكە چۆمدۈرۈشىمىز،تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز لازىمدۇر.ھەقىقىي ئادەمدەك ياشاشنى بىلىش كاتتا ئىبادەت ئەمەسمۇ؟!تەركىدۇنيالىق ئادىمىيلىكتىن مەھرۇم قىلىدۇ،ئەلنى خاراپ قىلىدۇ،بۇنىڭ گۇناھى يەنىلا بىزنىڭ ئۈستىمىزگە چۈشىدۇ. Ai~-^ Q  
   يۈسۈپ يۇقىرىقى بىر قاتار تەۋسىيەلىرى ئارقىلىق توغرۇلغا مەقسىتىنى ئۇقتۇرماقچى،ئۇنى قايىل قىلماقچى بولۇپ،خېلى كۆپ دەلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.توغرۇل،بىر مەھەل سۈكۈت ئىچىدە ئۈن_تىنسىز ئولتۇردى.بىر ھازادىن كېيىن بېشىنى كۆتۈرۈپ يەنىلا ئۆزرىسىنى ئېيتتى: `xJqSqM  
   _ھەي قېرىندىشىم،مېنىڭ غېمىمنى يەپ كۆپ جاپا چەكتىڭىز،ئەل غېمى ئۈچۈن توختاۋسىز تىرشۋاتىمەن،ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرگەي.گەپلىرىڭىز توغرا،بىراق ھازىرىقى ئەھۋالدا مېنىڭ قايتىپ كېتىشم تازا مۇۋاپىق ئەمەس،رايىممۇ ئۇنىڭغا قويمايۋاتىدۇ،كۆڭۈل خالىمىغان ،كۆڭۈل تارتمىغان ئىشتىن ياخشىلىق كۈتكىلى بولمايدۇ.ياخشىسى مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ تاللىغان يولۇمغا ھۆرمەت قىلغايسىز،شۇندا مەن سىزدىن تېخىمۇ رازى بولغان بولاتتىم.ئۆز خاھىشىم بىلەن تاغقا كەلدى،يەنە قايتىپ كېتىشكە مەندە نېمە ئىمكان بولسۇن.بەندىنىڭ ئىشىنى قىلىپ كۆردۈمغۇ،ئۇنىڭدىن ماڭا كەلگەن ۋاپا شۇغۇ،مەن تەڭرىنىڭ يولىنلا تۇتاي،تەڭرى مەنلا يۈز ئۆرىمىسەم ھەرگىزمۇ مېنى تاشلۋەتمەيدۇ.مەن بۇ يەردە ئەل ئۈچۈن دۇئاگۇي بولاي. u^v{gX,J  
   يۈسۈپ بالاساغۇنى توغرۇلنىڭ كۆڭلىدىكى ئەندىشىلىرىنى تولۇق چۈشىنەتتى.بىراق،تېخى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئەندىشلىرىنى تۈگىتىپ خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن يۈسۈپتە ئۇنچىلىك ئىمكان يوق ئىدى.شۇڭا،ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا بىز مەزگىل پۇرسەت كۈتۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ توغرۇل بىلەن خوشلىشىپ ئوردىغا قايتتى.
|x<~i;rPk*  
d_9sxySAK  
Vp$jKVU=2  
   ھىجىرىيە 460_يىلى،مىلادىيە 1068_يىلى 10_ئايلار قۇز ئوردىنىڭ ھاۋاسى بارا_بارا سوۋۇشقا باشلىدى.يوپۇرماقلار زەپىرەڭدەك سارغىيىپ كۈزنىڭ سەھەر شامىلىدا ئاستا_ئاستا يەرگە تۆكۈلۈشكە تۇردى.يۈسۈپ بالاساغۇنىمۇ ئەللىكتىن ھالقىپ تازا توشقان نەۋ قىران مەۋسۇمىنى تۈگىتىپ كۈز مەۋسۇمىغا قەدەم قويغانىدى.يۈسۈپنىڭ چاچ_ساقاللىرىغا ئاق سانجىلىشقا باشلىدى،ئۇ ھەر كۈنى ۋە ھەر سائەتسېرى قارا قۇزغۇندەك باشلىرىغا كاپۇر سەپكەندەك،ئۆمۈر گۈلشىنىگە ئارىلاپ_ئارىلاپ سېرىق ياپراق ئارىلاشقاندەك ھايات مۇساپىسىنى قىسقارتىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ روشەن ھېس قىلماقتا ئىدى.كۈن چۈشتىن پېشىنگە قايرىلغاندا كۈننىڭ بەرىكىتى قالمايدۇ،ھەش_پەش دېگۈچە ناماز دېگەر ۋە ناماز شام بولۇپ يورۇق كۈن قارا تۈنگە ئالمىشىدۇ.ئۆمۈرمۇ شۇدە،ئادەم 40_50نىڭ قارىسىنى ئالغۇچە ھاياتنىڭ كارۋىنى ئۇنى نەلەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ،خۇددى ھەر كۈنى يىڭىلىنىپ،يىللار ئالمىشىپ،كۈنلەر،يىللار ئۆتكەندەك،بىراق ئۆمۈر مەنزىلىدە ئانچە روشەن پەرق بولمىغاندەك ھېس قىلدۇرۇپ،ئادەمنى غەپلەتتە ياشلىق ھەۋەسلىرىنىڭ داپلىرىغا راسا ئۇسسۇل ئوينىتىدۇ.ھەر قانداق ھەۋەس ۋە ئۇسسۇلنىڭ ئاياغلىشىدىغان ۋاقتى بولىدۇ،بۇ ۋاقىتتا ئادەم شېرىن بىر چۈشتىن ئويغانغاندەك ئەتراپقا،ھايات مۇساپىسگە قارىغاندا،ئۆتۈۋاتقىنى يىل،ئاي ،كۈنلەر ئەمەس،بەلكى ئۆمۈر ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ_دە،يىل ئايلارغا نىدا قىلدۇ:<<ھەي رەھىمسىز يىللار ۋە ئايلار،ئۆمۈر گۈلشىنىمنى قايتۇرۇپ بەر،سەن مېنى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلىتىپ قويۇپ ھايات دەرىخىمنى قاقشال قىلىپ قويغىنىڭ نېمىسى!قېنى تېنىمدىكى كۈچ_قۇددىرەت،قېنى كۆزلىرىمدىكى نۇر،قېنى سەرۋىدەك تۈپتۈز قەددى_قامىتىم،قېنى ئوتلۇق ھېسىياتلىرىم،قېنى چەكسىز ئارزۇ_ئارمانلىرىم،ھاياتلىق شامىمنى نېمىشقا بۇنچە تېز خىرەلەشتۇرسەن،نېمىشقا ئوقتەك تۈپتۈز قامىتىمنى يادەك پۈكىسەن،مەندە نېمە ئۆچۈڭ بارئىدى!>>مىڭلاپ،مىڭلاپ،ئەۋلادلاپ،ئەۋلادلاپ ئادەملەرنى ئادەملەرنى جۇۋان قىلىپ،ئۆزى مەڭگۈ قىزلىقىنى ساقلايدىغان رەھىمسىز ۋاقىت بۇ ۋاقىتتا مەيدىسىنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلۈپ ئۆزىنىڭ بۇ سېھىرلىك ئويۇنىنى تېخىمۇ كۆز_كۆز قىلىدۇ.ئۇنداقتا بۇ ئويۇن،ئۆمۈر بىلەن ۋاقىتنىڭ بىر مەيدان كومىدىيىسىمۇ ياكى تراگدىيىسىمۇ؟ F\/(U}~ j  
    يۈسۈپ بالاساغۇنى ئۆزىنىڭ ۋاقىتنىڭ تۇتقۇنى ئىكەنلىكىنى خېلى بۇرۇنلا ھېس قىلىپ،ئۈلگۈرگەنىدى.ئۇ تىنىمسز ۋاقىتقا جەڭ ئېلان قىلدى،گەرچە ۋاقىت ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر تىرناقلىرى بىلەن ئۇنىڭ يۈزلىرىگە ئىزنا قالدۇرغان،قارا جۇدۇنلىرى بىلەن باشلىرىغا قار ياغدۇرغان بولسىمۇ،بىراق ئۇنىڭ ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېغىغا ئۈششۈك تەگكۈزەلمىدى.بۇ باغدىن يىلسىرى ئاجايىپ شېرىن مېۋىلەر قىيامىغا يىتىپ ئەلنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ تۇردى. NMv}Pn^3  
   شائىرنىڭ ئۆزىمۇ راسا پىشىپ ۋايىغا يەتكەنىدى،زامانسىنىڭ ئاچچىق ئەلەملىرىمۇ،يىللارنىڭ چاڭگىلىمۇ ئۇنى تىز پۈكتۈرەلمىدى،ئەكسىچە ئۇنى تېخىمۇ قەيسەرلەشتۈرۋەتتى،ئۆزىگە جاۋاپكار بولۇشتىن ھالقىپ،زامانىسىگە جاۋاپكار بولۇشتەك ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان يۈسۈپ ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى،نېمە ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يىتىپلا قالماي،زامانىسىگە نىسبەتەن شاھتىن تارتىپ ئاددىي پۇقراغىچە بولغان ھەر ساھە،ھەر تەبىقە كىشىلەرنىڭ نېمە ئىش قىلىشنىڭ لازىملىقى توغىرسىدا يۈرەكلىك پىكىر يۈرگۈزىدىغان بولدى.ئۇ ھەققانىيەت مەسىلىسىدە شاھىنشاھلاردىنمۇ ئەيمىنىپ ئولتۇرمايتتى،ئۆزىگە ئىشىنەتتى،ئۆزى توغرا دەپ تاللىغان يولدىن ھەرگىز قايتمايتتى،ئۇنىڭ تەسەۋۇرى شۇنچىلىك يورۇق،شۇنچىلىك ئازادە بىر دۇنياغا ئايلانغانىدىكى،پۈتۈن دۇنيا،بۈگۈن،تۈنۈگۈن ۋە ئەتىلەر ئۇنىڭ تەسەۋۇرىغا سىغقانىدى.نەچچە يىللار ئۆز بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق_سوغۇقلارنى ئۆتكۈزگەن،ئەل ئارىسىدا يۈرۈپ،ئاۋام بىلەن سىردىشىپ ئۇلارنىڭ مۇڭ_زارىنى ئاڭلاپ،ئەمەلدارلارنىڭ نەپسانىيەتچىلىك بالاسىدىن خەلقنى تالان_تاراج قىلىۋاتقان ،ھەق_ناھەقنىڭ ئاستىن_ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن،ياخشىلار خارلىنۋاتقان،يامانلار ئات چاپتۇرىۋاتقان،پەلەكنىڭ چاقنىڭ تەتۈرىگە ئايلىنىپ ئەلنى بەختىسزلىك گىردابىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان ئەھۋاللارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى.ئۇ زالىم بەگلەر بىلەنمۇ تۇتۇشتى،دېھقانلارنىڭ ۋەيرانە ئۆيلىرىدە،چارۋىچىلارنىڭ ئاق ئۆيلىرىدە ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت ۋەھەمداستىخان بولۇپ سىرداشتى.بۇ جەرياندا ئۇ چاك_چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتكەن ئىجتىمائىي قورغاننى كۆردى،بۇ خىل ماغدۇرسىزلانغان،ھالسىزلانغان جەمىئيەت ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىدا تېخىمۇ قاتتىق زىلزىلە پەيدا قىلدى،ئۇ كېچىلىرى خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدىغان،كۈندۈزلىرى ھەم ئارامخۇدا ئولتۇرمايدىغان بولدى.ئەلنىڭ تەقدىرى،دۆلەت ۋە قانۇننىڭ مەجبۇرىيىتى،شاھلارنىڭ بۇرچى،دۆلەتنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلانغان ئەل كاتتىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى ئۈستىدە قاتتىق ئويلىناتتى،پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان قانۇن_تۈزۈم ئۇنىڭ باغرىنى ئېزىۋەتتى. yNQE)mY  
   <<ئەي يۈسۈپ زامانىڭغا ئوبدان نەزەر سال،ھەممە ئىش ھالەتلەر پۈتۈنلەي باشقىچە بولۇپ كەتتى،بىلملىكلەر خارلاندى،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل_پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئايايدىغان بولدى،يارىماس،پەس كىشىلەر كۆپىيىپ ئەلگە بالا بولدى.ياۋاشلار دەپسەندە بولۇپ،بېشىنى كۆتۈرەلمەس بولۇپ كەتتى،مەي بىلەن يۈزىنى يۇيىدىغان ھارامخور بىنامازلار مەرد،باتۇر ئاتىلىپ،پاك،ھالال كىشىلەر خەسىس دەپ تونۇلىۋاتىدۇ،ناماز ،روزا بىلەن تۇرغۇچى تەقۋادار كىشلەر مۇناپىق ئاتىلۋاتىدۇ،مۇناپىقلارنىڭ كۈنى تۇغۇۋاتىدۇ.ھەممىدە ھارام ئۈستۈنلۈككە ئېرىشپ،ھالاللىق يوقىلۋاتىدۇ.كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى قارا كىر قاپلاپ كەتتى.ھالالنىڭ نامىلا قالدى.شۇ يەردە تالاش_تارتىش ،جەڭگى_جېدەل ئەۋجىگە چىقتى.ھارامنى ھارام دېگۈچى،ھارامنى تاشلاپ ھالال يىگۈچى قېنى؟قىيامەتنى بىلىدىغان ھەقىقىي،توغرا ،تەقۋادار كىشلەردىن كىم قالدى؟ھەي ئىسىت،دۇنيانىڭ قىلىقلىرى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتتى،ئەلدىن ۋاپا كۆتۈرۈلۈپ،جاپا ئۈستۈنلۈك قازاندى.ئىشەنچلىك دىلكەش بىرەر ئادەمنىمۇ تاپماق تەس بولۇپ كەتتى،قېرىنداشلارمۇ يىقىنلىقنى تەرك ئېتىشتى،دوستلار ساداقەتتىن ئاينىدى،كىچىكتە ئەدەپ كۆتۈرۈلۈپ كەتتى،چوڭىدا بىلىم قالمىدى،قوپال،نادانلار پۇل،يارماق ئۈچۈنلا بولۇۋاتىدۇ،ھەممە ئادەم پۇلنىڭ قۇلى بولۇپ كەتتى،پۇل ۋە ھوقۇق_مەنپەئەت ئۈچۈن كۈمۈش كۆپ بولسا،كىمدە ئەمەلدارلىق تاجى بولسا ئۇنىڭ ئالدىدا كۈچۈكتەك ئۆمىلەيدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى،ھەقىقەتنى ياقىلايدىغانلار،ھەقىقەت ئۈچۈن دۇرۇس ئىش قىلىدىغانلار قېنىدۇر ئەمدى؟بۈگۈن قورسقى تويۇشنىلا ئويلاپ،ئەلنىڭ ئەلىمىنى ھېچىكىم خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيۋاتىدۇ،بۈگۈننىڭ ئۆتكۈنچى راھىتى ئۈچۈن ئەتنىڭ ئازاپ_ئوقۇبىتىنى تېگىشۋاتىدۇ.گۇناھ!گۇناھ!قېنى نەسىھەتكە قۇلاق سالغۇچى،پەقەت <<نەسىھەت>>دېگەن سۆزلا قالدى،قېنى ئۇنى تۇتقۇچى؟قېنى يامانلىقتىن توسۇپ،ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى؟سودىگەرلەر ئامانەت مەجبۇرىيىتىنى ئۇنۇتتى،ھۈنەرۋەن ئۇستىلارمۇ نەسىھەتنى تەرك ئەتتى.ئاقىللارمۇ كۆڭلىدىكىنى يوشۇرىدىغان بولدى،ئاياللاردىنمۇ ھايا،نومۇس كۆتۈرۈلۈپ كەتتى،ئەرلەردىمۇ ئەرلىك غورۇر ۋە ۋىجىدان سۇسلىدى.توغرىلىق ئورنىنى ئەگرىلىك ئىگىلىدى.ئىلگىرى جامائەت كۆپ مەسچىتلەر ئاز ئىدى،مانا ھازىر مەسچىتلەر كۆپ بولسىمۇ جامائەتلەر ئازلاپ كەتتى.بۇنداق ئاينىشلارنى كۆرۈپ قايغۇرغانلار بارمۇ؟مۇسۇلمانلار ئۆز ئارا ئۆچەكىشىپ بىر_بىرىنىڭ گۆشىنى يىيىشمەكتە،ئۆم_ئىناق ياشىغانلار بولسا ھوزۇر_ھالاۋەتتە يۈرۈشمەكتە.خەلقنىڭ بايلىقلىرى بۇلىنۋاتىدۇ،تالىنۋاتىدۇ،ھالال بىلەن ھارامنى پەرقلەندۈرگۈچى نەدە؟پىتنە_پاسات شاۋقۇنى ئەلگە ئاپەت بولدى،قۇرئان ئاۋازى بەك ئازلاپ،ھەقىقەت خارلاندى،جاھالەت ئۈستۈنلۈك قازانماق بولىۋاتىدۇ.قانۇن بۇزۇلۇپ دۇنيا تەرتىپى ناچارلاشتى،يامانلارنى كۆرۈپ،ياخشىلارمۇ يولىدىن ئاداشتى.بەزىلەر زۇلۇم چېكىۋاتىدۇ،بەزىلەر نامراتلىقتىن ئەلەم تارتىۋاتىدۇ.بەزىسى ئاچ،بەزسى يالىڭاچ،بەزىسى قايغۇ بىلەن نادامەت چەكمەكتە.قانۇن_تۈزۈم ئۆزگىرىپ كەتكەچكە،ئاق بىلەن قارا پەرقسىز بولۇپ ئارىلىشىپ كەتتى،بۇنىڭ ھەممىسى قىيامەتنىڭ بەلگىسى ئەمەسمۇ،مانا بەلگىسى كۆرۈندى،ئەگەر غەپلەتتىن ئويغىنىپ سەگەك ياشىمايدىغان بولسا،ئەلدە قىيامەت قايىم بولمامدۇ؟>> f_35)i0%  
   يۈسۈپ يۇقىرىقى قورقۇنچلۇق،تەشۋشلىك ئىجتىمائىي مەنزىرىنى بىر_بىرلەپ كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزگەندە،ئۇنىڭ ئىچى زەھەر يۇتقاندەك ئۆرتىنەتتى.زېمىنمۇ،تاغ_دېڭىزلارمۇ نالە قىلغاندەك ئىدى،پۈتۈن ئەلمۇ تەڭرىگە ئىلتىجا قىلماقتا ئىدى: t'Cl=jPt  
   <<ئەي قۇدىرەتلىك بايات،گۇناھكار بەندىلىرىڭنى غەپلەتتىن ئويغات،ئۇلارغا نىجادلىق يولىنى كۆرسەت،غەپلەت ۋە نادانلىق ئۇلۇغ سەلتەنىتىمىزنى ھالاك قىلمىسۇن،گۇناھلىرىمىزنى مەغىپىرەت قىلغىن،نەپسىگە ئەسىر بولغان،ئەلنىڭ تەقدىرىنى رەزىل كېكىردىكى ئۈچۈن قۇربان قىلىشقا دو تىكىشتىن ئۇيالمايۋاتقان بەگلەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگىن.بىز بەندىلىرىڭنى تارىخنىڭ لەنىتىگە ئۇچراشتىن،ئەجداتلارنىڭ ئالدىغا قارا يۈز كېتىشتىن ئۆزۈڭ ساقلا...>> `yd>Et q6  
   يۈسۈپ شۇنى ياخشى بىلەتتىكى،بايات گۇناھكار،ئازغۇن،گۇمراھ بەندىلەرنى ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايتتى،گۇناھقا پاتقان ئەلنىڭ دۇئاسىمۇ ئىجابەت بولمايتتى.ھالاكەتتىن قۇتۇلۇش باياتنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن گۇناھلىق يولدىن قايتىپ نىجاتلىق يولىنى تېپىش كېرەك ئىدى.مەنىۋى كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ئەلگە شىپا بولىدىغان دورىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش كېرەك بولاتتى.بۇ كېسەلنىڭ ئەڭ ياخشى تىۋىپى كىم؟ئىلىگ.ھەممە دورا _دەرمەكنىڭ ئىختىيارى ئىلگ قولىدا،بۇزۇشمۇ ،تۈزۈشمۇ ئۇنىڭ ئىنسابىدا،بۇدۇن دېگەن قوي پادىسىغا ئوخشايدۇ،بەگ دېگەن چوپانغا ئوخشاش،چوپان پادىلىرىنى سەگەكلىك بىلەن قوغدىمىسابۆرىلەرگە يەم بولىدۇ،بۇنىڭ ئۇۋالى يەنىلا ئىلگنىڭ زىممىسىگە يۈكلىدى.بىراق ئىلگمۇ بىمار ئىدى،ئىشنى ئىلگنى داۋالاشتىن باشلاش كېرەك.تىۋىپ كېسەل بولسا ئەلنىڭ كېسىلىنى كىم شىپا تاپتۇرىدۇ؟ئەل بۇلغاندى،ئۇنى قانۇن سۈيى بىلەن يۇيۇپ تازىلاش كېرەك،ئېرىغىسىزنى سۇ بىلەن ئېرىغدىغىلى بولىدۇ،بىراق سۇ بۇلغانسا قانداق قىلغۇلۇق؟! ]!>>:*=  
   يۈسۈپ يۇقىرىقىلارنى ۋىجىدان تارازىسىدىن ئۆتكۈزۈپ،ئۆزىنىڭ دەۋر ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ روشەن تونۇپ يەتتى.ئۇ .ئىلىگنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىش،ئۇنىڭغا چوپانلىق مەسئۇلىيىتىنى تونۇتۇش ،ئەلنىڭ كېسلىنى شىپا تاپتۇرۇش ئۈچۈن تىۋىپنى ساغلام قىلىش كېرەك،دەپ قارىدى.ئەمدى گەپ ئۇنىڭ دورا نۇسخىسىنى تەييارلاشتا قالغانىدى. u&6R`Cj)Vg  
   يۈسۈپ نەچچە يىللاردىن بېرى ئورىدىدا ئىشلەپ،ئەل ئارىلاپ دۆلەت باشقۇرۇش قانۇنىيەتلىرىنى ناھايىتى پۇختا ئىگىلىدى،ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ھاكىميەت باشقۇرۇش تارىخىغا نەزەر سالدى،ئۇلارنىڭ تەجىرىبلىرىنى يەكۈنلەپ چىقتى،ئۇلاردىن قالغان قىممەتلىك تەۋسىيەلەرنى ۋەسىيەتلەرنى ۋە ئاچچىق سەلبىي ساۋاقلىرىنى خاتىرىلىرىگە پۈتتى.ئەلنىڭ ئاھۇ_زارى ئۇنى تېخىمۇ سەگەكلەشتۈردى،ئۇنىڭدىكى سۇنماس ئىرادە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا پۈتمەس_تۈگمەس بىر ئۈمىد ۋە ئۇنىڭغا يىڭىلمەس جاسارەت بەخش ئەتتى.قارايدىغان بولسا،ئەجداتلىرىدىن قالغان ئاجايىپ خاسىيەتلىك،مۆجىزىلىك دورا نۇسخىلىرى تۇرغان،ئۇ نۇسخىلارغا ئىسلام روھىدىن يىڭى_يىڭى نۇسخىلارنى قوشۇپ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك دورىلارنى تەييارلاپ چىقىشقا بەل باغلىدى. {rncK5#Dc  
   يۈسۈپ بالاساغۇنىنىڭ تەسەۋۋۇر دۇنياسىدا ئۆزى تېخى ھېس قىلىپ ئۈلگۈرمىگەن قىممەتلىك سېيمالار بىر _بىرلەپ زاھىر بولۇشقا باشلىدى.ئۇنىڭ تەسەۋۇر قانىتى ئۇنىڭ روھىنى ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋردىن ھالقىپ تېخىمۇ گۈزەل ۋە غايىۋى بىر دۆلەت تەختىدە پەرۋاز قىلدۇرماقتا ئىدى.ئۇلۇغ باياتنىڭ چەكسىز مۆجىزىلىرى،ئۇنىڭ ئىنسانغا يەر يۈزىگە ئىز باسارسۈپىتىدە بېرىلگەن يۈكسەك ئىمتىيازلىرى،پۈتكۈل كائىنات،جەمىئيەتنىڭ بارلىق يۇقىرى،تۆۋەن قاتلاملىرى،كىشلەرنىڭ روھىي ھالەتلىرى،ئىنتىلىشلىرى،ئەجداتلىرىنىڭ پارلاق مۇساپىلىرى ئۇنىڭ تەسەۋۇر ئەينىكىدە زاھىر بولدى.كۆز ئالدىدا ئېچىلۋاتقان يىڭى روجەك ئۇنىڭ ئۈمىد شامىنى تېخمۇ مۇستەھكەملىدى.ئۇنىڭ كاللىسدا قۇرۇلىۋاتقان دۆلەت شۇنچە گۈزەل،شۇنچە نۇرانە ئىدىكى،ئۇنىڭ سېيماسىنى غايىسىدىكىدەك سۈرەتلەپ چىقىش ئۈچۈن ئۆزىدە يىتەرلىك ئىقتىدارنىڭ بارلىقىغا كۆزى يەتتى.يۈسۈپ ئۆزى تۈن قوينىدىكى كۆلبىسىدە ئولتۇرغان بولىسمۇ،ئۇنىڭ روھى ئالەمنى كەزمەكتە ئىدى،ئۇنىڭغا ھازىر كۆز ئالدىدا پىلدىرلاپ يىنىپ تۇرغان شاملا ھەمراھ ئىدى،پۈتۈن زېمىن ئېغىر ئۇيقۇدا،<<كۈن تۇغسا قاراڭغۇ تۈن نۇرغا پۈركىنىدۇ،ئۇ پۈتۈن زېمىنغا،ئىگىز تاغ چوققىلىرىغا ۋە تەسكەيلەرگە،شاھلارنىڭ ياسىداق ئوردىلىرىدىن تارتىپ،نامرات دېھقانلارنىڭ غېرىبانە كەپىسىنى ئوخشاش يورۇتىدۇ،ئۇنىڭ چەكسىز سېخىي نۇرىدىن ھەممە ئادەم ئوخشاش بەھرە ئالىدۇ،مېۋىلەرنىڭ شېرىن پىشىپ يىتىشىمۇ،گۈل_چېچەكلەرنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىپ خۇشپۇراق چېچىشىمۇ ،زېمىنىڭ ھاياتلىقمۇ مانا شۇ قۇياشنىڭ نۇرىغا بېقىنىدۇ.ئى قۇياش!سەن ئۆزۈڭنىڭ خاسىيىتىڭنى ئەلنىڭ ئارزۇ_ئارمانلىرىدىن ئالغانمۇ،سېنىڭ توققۇز رەڭلىك نۇرۇڭ ئېلىمنىڭ توققۇز رەڭلىك تۇغىدىن ئەنداز ئالغانمۇ؟مەن ياراتماقچى بولغان كۆرۈباشى سەندىن ئەنداز ئالسۇن،سەندىن تۇغۇلسۇن،ئەل ئۇنىڭدىن كەڭ بەھرە ئالسۇن>>يۈسۈپ شۇنداق سېلىشتۇرمىلارنى تەسەۋۇرىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن يازماقچى بولغان بەخىت_سائادەتكە يىتەكلىگۈچى ھاكىميەت باشقۇرۇش دەستۇرى،ياشاش ئۈچۈن يىتەكچى بولغان ئەسىرىنىڭ باش قەھرىمانى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا زاھىر بولدى.يۈسۈپ ئۇنىڭغا غايىسىدىكى سېيما بويىچە <<كۈن تۇغدى>>دەپ نام قويدى.يۈسۈپ ئۆزى ياراتقان قۇياش خىسلەتلىك باش قەھرىمان ئىلىكىگە شۇنداق خىسلەتلەرنى مۇجەسسەملىمەكچى بولىدۇكى،ئۇ قۇياشتا بار بولغان خىسلەتلەرنى ئۆزىدە ھازىرلىغاندىن باشقا،قۇياشتا بولمىغان خىسلەتلەرنى ھەم ئۆزىدە ھازىرلىغان بولۇشنى پىلان قىلدى،يەنى ئۆزى بۇ كۈن تۇغدى،مەڭگۈ پاتماسلىقى،مەڭگۈ زاۋال تاپماسلىقى كېرەك ئىدى.بۇنىڭ ئۈچۈن تۆرۈبېشىغا ئەڭ ياخشى ئىقتىدارلىق ياردەمچىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ.ئۇنىڭ تەپەككۈرى ئۇنى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ تۈپ ئارزۇسى ۋە مەقسەت مەنزىلىگە تارتىپ كىردى: WF5\~Tzbac  
    <<يالڭۇق (ئىنسان)بەخت ئۈچۈن يارىتىلغان،ئۇلارنىڭ بايات ئاتا قىلغان بۇ باي زېمىننىڭ مەئىشەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ خاتىرجەملىك،تەڭلىك،باراۋەرلىك ۋە باياشاتچىلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈش ھوقۇقى بار.بۇدۇن مانا شۇنى كۈتىدۇ،ئۇلارنىڭ بارلىق ئارزۇ_ئارمانلىرى،ھەممە ئۇرۇنۇشلىرى ۋە مېھنەتلىرى ھېسابتا مانا شۇ بەختىكە ئېرىشىش ئۈچۈن،مېنىڭ بۇ ئەسىرىم ئۇلارغا سائادەت ئىشكىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ بولسۇن،بىراق بۇ بەختنىڭ بېغى يەنىلا تۆرۈبېشى بىلەن ۋەزىرلەرنىڭ قولىدا.بەخت دېگەن نېمىدىگەن شېرىن،نېمىدىگەن گۈزەل سېزىم_ھە؟!بىراق،ئۇ ۋاپاسىزلىقى بىلەن توپتەك يۇمىلاپ تۇرىدۇ،تۇتۇشنى بىلسە قۇت ئاتىدۇ،تۇتۇشنى بىلمىسە قاچىدۇ،بىرلا قولدىن چىقىرىپ قويسا قايتا كەلمەيدۇ.بىراق نۇرغۇن ئادەملەر بەختنىڭ ئادەملەر بەختنىڭ قەدىر_قىممىتگە يەتمەيدۇ،بىراق نۇرغۇن ئادەملەر يۈزىنى ئېچىپ ئوڭ بېقىپ قالسا ھەددىدىن ئېشىپ ئاسيلىق يولىنى تۇتىدۇ،بەخىت ئۇنىڭدىن يۈزىنى ئۆرۈگەندە بولسا پۇشايماندا قىلدەك تولغىنىدۇ.بەختنىڭ ئاقار سۇغا،چېقىلغان چاقماققا ئوخشايدىغانلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ.ئەگەر بەختكە ئېرىشكەن ئادەم ئۇنى تۇتۇشنى بىلسە،بەخت ھەرگىز يۈز ئۆرۈمەيتتى.ھەي بەختكە ئېرىشكۈچى ۋە بەخت ئىزدىگۈچى ئادەم،بەختكە سەن ۋاپاسىزلىق قىلمىساڭ ئۇ ھەرگىز ۋاپاسىزلىق قىلمايدۇ،بەختنىڭ سېخىيلىقىمۇ چەكسىز،كېلىپ_كېتىشمۇ تېز.ئۇنىڭ خۇيى مۇلايىم،يىشىمۇ كىچىك ۋە ئوماق،مۈشكۈللىرىڭ ئۈچۈن ئۇ ساڭا يار بولسا قولۇڭ تىلگەن تىلەكلەرگە يىتىدۇ،سۆزۈڭ ھەممە يەرگەئۆتىدۇ.بەخت بار يەردىن مېھنەت قاچىدۇ.قايغۇ_ئەلەملىرىڭمۇ يولدىن ئازىدۇ،ئۇنىڭ بىلەن ئەپلىشىپ ئۆتەلىسەڭ ئۈمىدىڭىنى تاپسەن،ئەگەر غادايساڭ ۋەيران بولىسەن.بەخىت بىلەن قارشىلىشىپ بولالمايسەن،ھەر قانچە غادايغان بىلەن بېشىڭ تاغلار بىلەن ۋە كۆك بىلەن تەڭ بولالمايدۇ،پۇتلىرىڭنى ھەر قانچە ئۇرساڭمۇ يەرنى تېشىۋېتەلمەيسەن.سەن بەختنىڭ تۇراقسىزلىقىدىن ئاغرىنماي،ئۆزۈڭنىڭ تۇراقسىزلىقىڭدىن ئاغرىنساڭ بولىدۇ.بەخت بېرىدۇ،ئۇنى تۇتۇشنى بىلمىسەڭ يەنە قايتۇرۇپ ئالىدۇ.بۇ بەخت بەرگۈچى باياتنىڭ ۋەدىسى بىز ئاقىللارنىڭ بۇ ئىبرەتلىك سۆزلىرىگە قۇلاق سالمايمىز:يارىتىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاخىر يوقىلىدۇ،ئۇنى ياراتقۇچى نېمە قىلشنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ،تىرىكلىكمۇ يەلدەك ئۆتۈپ كېتىدۇ،ئۇنىڭغا كىم يىتەلىگەن؟شۇڭا ئۆتكۈنچى دۆلەتكە گول بولۇپ غەپلەتتە قالغۇلۇق ئەمەس.ئەگەر دۆلەت كېلىپ يەنە قايتىپ كەتمەيدىغان بولسا،بۇ يورۇق كۈنمۇ قاراڭغۇلۇققا پاتماس ئىدى>> m^ZM--SC_7  
    يۈسۈپ بالاساغۇنى بەخىت ھەققىدە خىيال لەۋھەسىگە نۇرغۇن –نۇرغۇن ھەقىقەتلەرنى پۈتتى.ئۇ ئاخىرى بەخىتنىڭ خۇي –مىجەزىنى ئاينىڭ خۇسۇسىيىتىدە تەسەۋۋۇر قىلدى –دە ،بەخىتنىڭ سېيماسىنى ئاينىڭ 15كۈنلۈك تولۇن ۋاقتىغا تەقسىملەپ ،دۆلەت ۋەزىرى بولمىش ئاي تولدىنى بەخىت تىلىكىدىن سۆزلەتمەك بولدى ،ئاي تولدىنىڭ بارلىق مىجەز –خارەكتېرىنى ئايتولدىنىڭ ئوبرازىغا مۇجەسسەم قىلىپ،ئەكىس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن بەخىتكە «ئاي تولدى »نامىنى بەردى . sh6P+Q7Rr  
ئەمدى يۈسۈپ بالاساغۇننىڭ تەپەككۈر بېغىدا ئەقىل مېۋىسى چېچەك ئېچىشقا باشلىدى .ئۇنىڭ غايىسىدىكى دۆلەتنىڭ ئىككى ئاساسىي تۈۋرۈكى بولاتتى. ئۇنىڭ بىرى ئادالەتلىك ، توغرا قانۇن -تۈزۈم ،يەنە بىرى ، ئەقىل پاراسەت ۋە بىلىم ،.بۇ ئىككى تۈۋرۈكتىن ئايرىلغان دۆلەتنىڭ ئاساسىي مۇستەھكەم بولمايىتتى .ئۇ ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن نى-نى شاھىنشاھلارنى ئەسلىدى ،ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ مۇۋاپپەقىيەتلىرىنى كۆڭلىگە پۈكتى ،ئەلەملىك ئاچچىق ساۋاقلىرىنى ئىبرەت خاتېرىسىگە ھەم پۈتتى .ئۇ يەنىلا خىيال دېڭىزىدا ئۈزۈشكە باشلىدى . ?f :GG%  
   «. . . بىزدىن بۇرۇن ئۆتكەن ،سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرۇپ جاھان سورىغان نۇرغۇن نۇرغۇن بەگلەر ئۆتتى .ئۇلارنىڭ قايسىسىى بىلىم ئىگىسى ،ئەقىل كاتتىسى بولغان بولسا ،ئۇ شۇ زامانىغا ئامەت ۋە بەخىت ئېلىپ كېلەلىدى ،ئۇلار ياخشى قانۇن تۈزۈپ دۇنيادا نامى مەشھۇر بولدى .تۈركىيىلەت تارىخىدا نامى مەشھۇر بولغان توڭا ئالىپ ئەر ،مانا شۇنداق پاراسەتلىك ،بىلىملىك بولۇپ ،ئادالەت، ھەققانىيەت ئورنىتىپ بىزگە ئۈلگە قالدۇرۇپ كەتتى.جاھان سوراش ئۈچۈن مانا ئاشۇنداق پەزىلەت ،ئەقىل ۋە بىلىم كېرەك .شۇندىلا جاھان سوراشقا قەدەم قويسا قۇتلۇق بولىدۇ ،قول سۇنسا يېتىدۇ .كىم ئۆزىگە نېمىنى يېقىن تۇتىدىكەن ئۇنىڭ ئىقبالى شۇنداق بولىدۇ ،ئەقىل ئىگىسى ئەقىللىقلارنى دوسىت تۇتىدۇ ،ئىلىگ ئەقىلسىز نەپسانىيەتچى بولسا ئۇ بىر قۇلدۇركى ،قۇل قانداق قىلىپ جاھان سورالىسۇن ؟! بايات ئادەمنى تاللاپ ئەزىز ۋە قەدىرلىك قىلدى .ئۇنىڭغا ئەقىل –ئىدراك ،ئىلىم ۋە پەزىلەت بېرىپ يۈكسەلدۈردى .قەلىب ئاتا قىلدى. تىل بېرىپ قەلىبنى يورۇتقۇچى قىلدى .ئادەم بىلىم بىلگەنلىكى ئۈچۈن بۈگۈنكىدەك ئۇلۇغلۇققا يەتتى .ئەقىل ئاتا قىلىنغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن تەس تۈگۈنلەرنى يەشتى .تەڭرى كىمگە ئەقىل بىلەن بىلىم ئاتا قىلغان بولسا بارلىق ياخشىلىقلارغا قول سۇنالىدى بىلىم ۋە ئەقىلدىن ئۈلۈش تەگمىگەن ئادەم ئادەملەرنىڭ ئەڭ تۆۋىنى سانالدى .ھەر قانداق ئەر ئەقىل مەرتىۋىسىگە يەتسە تۈمەن ئارزۇسى بولسىمۇ قاندۇرۇشقا يول تاپالايدۇ،ئەگەر ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلىم قوشۇلسا ئادەمنىڭ قەدىر –قىممىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ .ھەي ئادەم پەرزەنتى !نادانلىققا جەڭ ئېلان قىلىپ ،ئەقىل پاراسەت تۇلپىرىغا مىنىشكە ھەرىكەت قىل ئەقىل دېگەن قاراڭغۇ تۈندىكى مەشئەل ،بىلىم دېگەن ئەقىل سارىيىڭدىكى چىراغ . سەن ھەقىقىي قەدىر –قىممەتنى مانا مۇشۇ ئىككىسىدىن تاپالايسەن .ئەقىلسىز ئادەم بىر ئوچۇم لاي ،سەن كىيىم –كېچەك ،ئالتۇن كۆمۈش بىلەن ئادەملىك مەرتىۋىسىگە يېتەلمەيسەن ،ئەقىل بىلەن تۆردىن ئورۇن ئالالايسەن .بىلىم بىلەن كۆككىمۇ يول ئالالايسەن .ئەقىلدىن مېھرىبان ،ئەقىلدىن سادىق قېرىنداش يوق ،ئەقىلدىن ئارتۇق بايلىق ۋە مەرتىۋىمۇ مەۋجۇت ئەمەس .ھەي يۈسۈپ ،تۈرۈك مۆتىۋىرىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى ھاياتىڭغا مىزان قىل :ئاقىلغا ئۆز ئەقلى دوستلىققا يارار ،نادانغا ئۆز ئېتى قارغىش ياغدۇرار ،بىلىملىككە ئۆز بىلىمى ئەڭ ياخشى تون ۋە .ئاش ،بىلىمسىزگە ئۆز قىلىقى يامان بىر ئاداش ،بىلىمسىز لەرنىڭ ھەممىسى كېسەلمەن بولىدۇ ،كېسەل ئادەم داۋالانمىسا تېزلا ئۆلىدۇ ،بىلىملىك ئەردىن زەئىپلىك يىراقلىشىدۇ ،ئەي نادان ،بىلىملىكلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ بىلىمسزلىك زەئىپىڭنى داۋالاتقىن . . . » . 'af N3+(%  
    يۈسۈپ ئەقىلگە چوقۇناتتى ،ئەقىلنى ئۇلۇغ بىلەتتى ، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇ ھەر قايسى باسقۇچلىرىدىكى ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئەقىل تەرىپىگە كۆپ سەھىپە ئاجىراتتى .ئۇنىڭ نۇرغۇن خاسىيەتلىك ئىشلارنى ،ئىنسان كامالىتىنىڭ نۇرانە مەشئىلى بولغان ئەقىلدىن ئىزدەيىتتى .ئەقىلسىزلىكنى ئۈلۈك چاغلايىتتى .ئۇ ئەقىلنىڭ قەددى-قامىتى ،مىجەز –خۇلىقى ۋە يۇرۈش –تۇرۇشىنى مۇنداق سىزدى :ئەقىلنىڭ ياش –قۇرامى كىچىك ،چىراي-تۇرقى كۆركەم ،ئۇ ئىشتا تەمكىن ،مۇ ئامىلىدە خۇش –پېئىل ،ۋە مۇلايىم ،بارلىق جانلىقلارغا مېھىرىبان .ئەقىل قولىنى نەگە سۇنسا يېتىدۇ ،سۆزى نەگە بارسا ئۆتىدۇ ،ئۇ ئىللىق چىراي ۋە سۆيۈملۈكلىكى بىلەن كىشىلەرگە كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ .ئەقىلنىڭ كۆزى ئۆتكۈر يىراقنى كۆرەلەيدۇ ،ھەرقانداق ئىشنى قىلشتا يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسەلەيدۇ ،ھەرقانچە چىگىش تۈگۈنلەرنى يېشەلەيدۇ ،بۇلغانغان ئىشلارنى سېزەلەيدۇ ،ئۇ ھەرقانداق ئىشنىڭ چارىسىنى قىلالايدۇ ،پۇرسىتىنى تاپالايدۇ ، ئىشقا كىرىشىشتە ئوڭ –سولغا ،ئالدى ۋە ئارقىغا ئۇبدان باقىدۇ : ئەقىل قاچقانغا يېتەلەيدۇ ،ئۇچقاننى تۇتالايدۇ ، بۇزۇلغاننى تۈزەلەيدۇ ،شۇنغاننى تاڭالايدۇ ، كۆزلىگەن مەنزىلگە بالدۇر يېتەلەيدۇ،» . _?t#m 
    ئەقىلگە باغلانغان مۇھەببەت رىشتىسى يۈسۈپنى ئەقىل سارىيىغا تېخىمۇ ئىچكىرلەپ ماڭماقتا ئىدى . ئەقىلنىڭ جۇلاسىدىن يۈسۈپنىڭ قەلبى تېخىمۇ ھاياجانغا تولدى ،كۆز ئالدىدا تېخىمۇ جەلىپكار ،تېخىمۇ سېھىرلىك بىر نىگاھ زاھىر بولدى . ئۇ قۇياشتەك نۇرلۇق ئىدى . بىراق ئۇ كۆزنى قاماشتۇرمايىتتى ،ئەقىل ئەماغا كۆز ، گاچىغا تىل ،ئۆلۈك تەنگە جان ئىدى .ئەقىل شۇنداق جاكار قىلاتتى :مەن ساڭا ئىشلىرىڭنى ئوڭشايدىغان دوسىت ،كۈلپەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ نىجاتلىق يولۇڭنى يورۇتىدىغان مەشئەل بولالايمەن .مەن ئىشنى ئوڭ قىلىمەن .مەككارلىق قىلمايمەن،تەتۈرگە يول قويمايمەن ،ئىشنى چىن قىلىمەن ،يىللار ئۆتسىمۇ توغرا ئىش ،دۇرۇس يولدىن ئاداشمايمەن :ئۆزۈم يىگىتتەك نەۋقىران ،قىلغان ئىشلىرىم مويسىپىتلارنىڭكىدەڭ بىشقان .ھەرقانداق بايلىق ماڭا قىممەتتە تەڭ كېلەلمەيدۇ .ھېچقانداق كۈچ مېنى يېڭەلمەيدۇ شۇڭا ھەممە كىشى ماڭا ئېرىشىش كويىدا بولىدۇ .ئېرىشەلمىگەنلەرنىڭ كۆزى زۇلمەت ئىچىدە ئۆتىدۇ ،مەنسىز تىرىكلىكنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسەن ،مەنسىز تىرىكلىكنىڭ ھەم قىممىتى يوقتۇر.مەندىن ئۆلۈش تەگمىگەنلەر ئۆكۈنۈشتە دىيىشىدۇكى :ئەي ئەقىل ،سەندىن ماڭا بىر ئۈلۈش تەگكەن بولسىچۇ كاشكى ،سەنسىز مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىم ئىلگىرى باسمىدى ،سەنسىز يولدىن ئاداشتىم ،زۇلمەتكە پاتتىم ،سەنسز ھاياتلىقىمنىڭ نېمە مەنىسى ۋە قىممىتى بولسۇن. . . px2f,]  
   يۈسۈپ بالاساغۇنى پەي قەلەمنى قولىغا ئېلىپ سول يېنىدىكى سىياھقا تەككۈزدى –دە ،قەغەز يۈزىگە قاتار تۆت مۇبارەك ئىسىمنى پۈتتى :كۈن تۇغدى ئىلىگ ،ئاي تولدى ،ئۈچىنچىسى،ئەقىلنىڭ نامىنى ئۆگدۈلمىش دەپ ئاتىدى .بۇ ئۈچ ئىسىمغا ئۇنىڭ پۈتكۈل مەقسەت نىشانى ،غايىسى ۋە ئارزۇ ئارمانلىرى مۇجەسسەملەنگەنىدى .ئۇنىڭ ئىلىم نۇرى بىلەن يورىغان مېڭىسى سانسز كوچىلار، ئاۋات بازارلار،قايناق رەستىلەر قوي بىلەن بۆرى بىر ئېرىقتىن سۇ ئىچەلەيدىغان تەشۋىشتىن خالىي ئىناق ،ھەربىر ئائىلىدە پاراۋانلىق ۋە بەخىت ھۆكۈم سۈرگەن ،دۆلەتتە ئادالەت قارار تاپقان ،ياخشىلار ئۈچۈن ئوچۇق يول ئېچىلغان ،يامانلار جازالىنىدىغان ،قانۇن ئالدىدا بەگ ،قۇل دەپ ئايرىلمايدىغان ،پۈتۈن ئەل باياتنىڭ ئەمىرىگە بوي سۇنۇپ نىجاتلىققا ئېرىشكەن ،بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى پۇختا سەرەمجانلاشتۇرغان بىر غايىۋى زامان ۋە ماكاننى سىغدۇردى . r_ lzl5"  
     ئاللاھۇئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر ،ئاللاھۇ ئەكبەر . . . بامدات نامىزىغا ئېيتىلغان مۇڭلۇق ئەزەن ،يۈسۈپكە ناماز ۋاقتى بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى .ئۇ ئورنىدىن يەڭگىل تۇردى –دە ،تاھارەتكە تۇتۇش قىلدى . )f+S,^V  
-سۇ راسلاپ قويدۇم-دېدى،يۈسۈپنىڭ مەخسۇس قىرائەتخانىسىگە كىرىپ كەلگەن ئايالى ،كېچىىچە كىرپىك قاقماي چىققان ئېرىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى راسلاۋېتىپ. G4!+Bd$F  
يۈسۈپ بالاساغۇنى تاھارەت ئېلىشقا چىقىپ كەتتى .يۈسۈپنىڭ خوتۇنى پاكار ئىش ئۈستىلىنىڭ يېنىغا كېلىپ، شام يورىقىدا تۇرغان ماتىرياللىرىغا قاراپ بىر ئاز تىكىلىپ تۇرغۇنىچە ،ئارقىدىن شامداننى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتتى . بۇ ئايال يۈسۈپنىڭ بۇ تۇرمۇشىغىمۇ كۆنۈپ كەتكەندەك ئىدى .
7})Ep04%o  
1cNke:'t@  
IUjQ1b4%@g  
    كۈز ئاخىرلىشىپ قاراخانىيلارنىڭ قىش مەۋسۇمى كىرىپ قالدى،يۈسۈپ بالاساغۇنى كۈندۈزلىرى مەھكىمە ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولسا ،كېچىلىرى بىرقىسىم ۋاقتىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزسە ،كۆپرەك ۋاقتى كىتاب كۆرۈش ۋە ئىجادىيەت ۋاقتى بىلەن ئۆتەتتى .يېشى 50تىن ھالقىغاندىن كېيىن ئۆمرىنىڭمۇ بەركىتى قالمىغانلىقىنى ھېس قىلدى ،شۇڭا ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر كۈن ،ھەربىر سائەت ۋاقىتمۇ ئىنتايىن قىممەتلىك ۋە تەۋۋەرۈك ھېسابلىناتتى .ئادەم قانچىلىك كۈچلۈك بولغانسېرى كۆتۈرىدىغان يۈكىمۇ ئېغىر بولىدىكەن .بۈيۈك ئىستەكلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن ئالىم بۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات مۇساپىسى ،ئۆمۈر مۇساپىسىنى ھەرقانداق چېغىدىنمۇ مۇشەققەتلىك بولىدىغانلىقىنى چۈشىنەتتى .قىلماقچى بولغان نۇرغۇن ئىشلىرى ،يازماقچى بولغان يىرىك-يىرىك ئەسەرلىرى ئۇنىڭغا مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرغاندەك ،ئۇنى ئالدىرىتاتتى .يۈسۈپ ھاياتقا قارىتا شۇنداق تەلەپچان ئىدىكى ،ھايات دەرىخىنىڭ شۇنچىلىك مول مېۋە بەرگەنلىكىگە قارىماي ،ئۇ ئۆتكەن ئۆمىرىنى يەنىلا ئەجىر –تۆھپىسىز ۋە مەنىسز غەپلەتتە ئۆتتى دەپ پۇچىلىناتتى ،ئۇنىڭغا قىلغان ئىشلىرىنىڭ ئەھمىيەتسىزلىرى تولا ،ئەھمىيەتلىكلىرى تولىمۇ ئاز تۇيۇلاتتى .نۇرغۇن-بۇرغۇن ئارمانلىرىنىڭ كەينىدە قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلىناتتى .ئىسىت،ئىسىت دەيىتتى،بۇ ئىستىلەرنىڭ ئارقىسىدىن ھايات مۇساپىسىغا قايتا نەزەر سېلىپ چىقاتتى :«ئەپسۇس ،مىڭ ئەپسۇسكى،-دەيىتتى ئۇ خىيالىدا ،-ئادەم چۈش بىلەن رىئاللىقنىڭ ئارسىدا گاڭگىراپ نۇرغۇن تەۋۋەرۈك ۋاقتىنى مەنىسز ئۆتكۈزىۋېتىدىكەن .ئىسىت ياشلىقىم ،ئىسىت ماڭا ئاتا قىلىنغان ئەقىل –پاراسىتىم، سېنى تۇتۇشنى ،سەندىن ياخشى پايدىلىنىشنى بىلمەي قاچۇرۇپ قويدۇم .ئەقىل گۆھىرىمگە قېرىلىق چېكى كەتكەندە ئاندىن قەدىرىگە يەتمەكتىمەن .ياشلىقىم ئۆتكۈنچى بۇلۇتتەك يوقىغاندا ئۇنى سېغىنماقتىمەن .ئەي يىگىتلىكىم ،يەنە بىر قايتىدىن كەلگىن ،ئالقىنىمدا كۆتۈرەي،ئايىغىڭغا تاۋار-دۇردۇن سالاي .مەن بىلدىمكى ،يىگىتلىك ھاياتلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل مەسۇمى ئىكەن ،ئۇ ئادەم ئۈچۈن ھاياتلىقنىڭ شېرىن چېغى ،شېرىن جاننىڭ لەززەتلىك بېغى ئىكەن .ئەمدى بۇنى ھېس قىلغىنىمدا ياشلىقىمنڭ راھىتى يىگىتلىكىمنىڭ لەززىتى مەندىن ئاللىقاچان يۈز ئۆرۈپتۇ .دۇرۇسراق ئۆتكەن بولساممىغۇ كاشىكى ،نېمە ئارمان ،بىراق نۇرغۇن چاغلىرىمنى ئەھمىيەتسىز ئۆتكۈزىۋەتتىم .سەن مەندىن شۇنچە يىراقلىغانسېرى ،كۆركەملىكىمنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتتىڭ ،ئىككى مەڭزىم ئەرغۇۋاندەك قىزىل ئىدى .بۈگۈن مانا يۈزۈمگە زەپىران ئۇرۇنقىنى سەپكەندەك بولدۇم .ئىپاردەك قارا چاچلىرىمغا كاپۇر پۈركۈدۈم.تۈمەن خىل گۈللەرگە پۈركەلگەن پارلاق يازدەك ئىدىم .ئەمدى ھەممىنى قۇرۇتۇپ خازان قىلدىم .يىمەك –ئىچمەك بولسا ئۇيدەك يەپ –ئىچتىم ،ھەۋەس قوزغۇتۇپ نۇرغۇن چاڭ توزۇتتۇم ،قوش ۋە ئوۋىدىن سۆيۈنۈپ ئۇچقۇر ئارغىماقتا دۆڭلەرگە چاپتىم . . . 2-/XV]5  
   مەن مەسىتلىكتىن ئۇيغىنىپ قارىغىنىمدا ،ئۆزىمنىڭ يولدىن ئازغانلىقىمنى بىلىپ باياتتىن تولىمۇ ئۇياتتىم .ناۋادا مەن ئۆزۈمنى كىسرا ياكى قەيسەر ھېسابلىساممۇ ،شەدداتتەك جەننەت ياساتساممۇ ،ئىسكەندەردەك پۈتۈن دۇنيانى تەسەررۇپىمغا ئالساممۇ ،نوھ يېشىدەك ياشاپ باقساممۇ ،ئۆزۈمنى چاقماقتەك قىلىچلىق ھەيدەر ھېسابلاپ باقساممۇ ياكى رۇستەمدەك دۇنيادا داڭىق قازانساممۇ ،ئەيسا بولۇپ كۆككە ئۆرلىسەممۇ ،بايلىقلىرىم قارۇن بايلىقلىرىدەك بولسىمۇ ،ئەسھابى رېستەك تۆمۈردىن شەھەر سالدۇرساممۇ بۇلاردىن نېمە پەيدا بولدى ،يەنىلا ئاخىر بارىدىغان جاي ئىككى قىرلىق تۇپراقنىڭ ئاستى ئىكەنغۇ .پۈتۈن دۇنيا قالىدىكەن .ئىككى مېتىر بوز بىلەنلا كېتىدىغان ئىش ئىكەنغۇ ؟!يالىڭاچ كېلىدىكەنمىز ،يەنىلا يالىڭاچ كېتىدىكەنمىز ،بۇ دۇنياغا ئۆزىمىزنى نىمانچە ئۇرىمىز ؟! ھاياتقا پايدىلىق بولغان ياخشى ئىشلىرىمىز قېنى تىرىكلىك ئۇرۇقىنى قەيەرلەرگە تېرىدۇق ،نېمە تېرىغان بولساق شۇنىلا ئورىمىز .قۇرۇت –قوڭغۇزلارغا يەم بولىدىغان بۇ بەدەننى سەمىرتىمەن دەپ نۇرغۇن جانلارنى قاقشىتىدىكەنمىز .ئەي رەببىم ،مېنى غەپلەتتىن ئۇيغاتقىن ،مېنى ھەقىقەتكە يېقىنلاشتۇرغىن ،گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلىپ ،دەرگا ھىڭدىن مېنى قوغلىمىغىن ،ئەل ئارسىدا ياخشى نام بىلەن كېتىشكە نىسىپ قىلغىن .ئاخىرەتتە سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ يۈزىنى كۆرىشكە ھەن ئۇنىڭ تۆت ھەمراھى بىلەن دىدارلىشىشقا نىسىپ قىلغايسەن ». بۇ دۇنيا مانا مۇشۇنداق تەڭسىز .ئويغاق ،ئەقىللىق ئادەم ئۆزىنى غەپلەتتە ئۆتىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ ،ئەقىلنىڭ يېتىشمايۋاتقانلىقدىن ئەپسۇسلىنىدۇ ،ئەقىلسىزلەردە غەم ئاز بولىدۇ ،ئۇلار ھەر قاچان ئۆزىنى ئەقىلىق چاغلايدۇ ،مەسىت ئادەم قانچە گاراڭلاشقانسېرى ئۆزىنىڭ ساق ،دۇرۇس،سەگەك ئىكەنلىكى تۇغرىسىدا لاپ ئۇرىدۇ ئەمەسمۇ ؟ =2*}prtl  
   بۈگۈن يۈسۈپ بالاساغۇنى بامدات نامىزىدىن يېنىپ جامائەت بىلەن بىر قانچە لازىملارغا بېرىپ ئۆيگە ۋاقچىرەك قايىتتى .ئۆي خىزمەتكارى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا چىقىپ ،مەھكىمىدىن بىرەيلەننىڭ ئۆيدە ساقلاۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى . dXdTjHTp  
-ئەسسالامۇ ئەلايكۇم ،-غۇلامنىڭ مەلۇماتى ئاخىرلاشمايلا ئۆي ئىچىدىن ياش بىر چاپارمەن چىقىپ سالام بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن ،مەقسەتنى ئېيىتتى ،-بۇغراخان ھوزۇرىدىن جانابلىرىڭىزنىڭ دوستى ئەل تۆمۈر يالۋاچ كەلگەنىكەن .بالاساغۇن مەھكىمىسىدە جانابلىرىڭىزنى كۈتىۋاتىدۇ . go_ 
   بالاسا غۇن ئوردا مەھكىمىسى .ئەل تۆمۈر يالۋاچ بىلەن يۈسۈپ بالاساغۇن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى ئۇلار غەمگۇزارغا ئىگە بولۇشقاندەك بىر-بىرىگە تويماي قارىشاتتى .ئۇلار بىر ئاز ئۆتكەن –كەچكەن ئىشلارنى بىر قۇر ئەسلەشكەندىن كېيىن ،ئەل تۆمۈر يالۋاچ يۈسۈپكە مۇنداق بىر ئەمىرنى يەتكۈزدى .-سېنىڭ بۇغراخانغا ئەۋەتكەن «دىۋان» ىڭ ئوردا ئىچىدە قاتتىق تەسىر قوزغىدى ،ئەمما بەزى مۇتەئەسسىپ ئوغىسىنى قاينىتىپ قويدۇڭ بولغاي .بىراق ،بۇغراخان «دىۋان»ىڭنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئۇنى ياخشى خەتتاتلارغا تاپشۇردى . `hf/ T^U  
   -مۇتەئەسسىپلەرگە ياقىدىغىنى قۇرۇق مەدھىيە ۋە ماختاشلار .ھازىر ماختىغۇچىلىك نېمە بار .بارنى دېگۈلۈكتە ،ئەمەلدار دىگەن ماختىسا ئۆزىنى بىلمەي غادىيىۋالىدىغان ،ئازراق تەنقىدلەپ قويسا شۇ ئادەم بىلەن ئۆچەكىشىدىغان بولىدىكەن . %\iU^c<  
 -   ئاداش ،مىجەزىڭ يەنىلا ئۆزگەرمەپتۇ ،ئۆكتىچى بولغىنىڭ بولغان .بۇ قېتىم ئۆكتىچىلىكىڭ خېلى ياخشى ئۈنۈم بەرگەن ئوخشايدۇ .تەخىت ئالمىشىش بولغاندىن كېيىن ،ئىشلار سەل ئىزىغا چۈشكىلى تۇردى .ھەسەن بۇغراخان ئۆزى ئۇقۇمۇشلۇق كەڭ قورساق بولغاچقا ،ئۇ ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى يېنىغا تارتىۋاتىدۇ ،بىر قىسىم بۇرسەتپەرەس ئاقنانچى ئەمەلدارلارنى سىقىپ چىقىرىۋاتىدۇ .بۇ قېتىم مەن بۇ يەرگە مېڭىش ئالدىدا مېنى ئالايىتەن ھوزۇرىغا چاقىرتىپ ،سېنىڭ ئەھۋالىڭنى سورىدى .مەن سېنىڭ مەھكىمىدىكى كۆرەلمەس ھەسەتخورلارنى پىتنە –پاسات،تۆھمەتلىرىڭگە نىشان بولىۋاتقانلىقىڭنى بىلگىنىمچە بىر قۇر سۆزلەپ بەردىم .قارىغاندا بۇغراخان سېنىڭ ئەھۋالىڭنى بەش قولدەك بىلسە كېرەك .شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئاللىبۇرۇن تەق قىلىپ قويغان بۇ بىر پارچە مەكتۇپنى ماڭا بەردى ،-ئەل تۆمۈر يالۋاچ قوينىدىن مۆھىرلەنگەن مەكتۇپنى چىقىرىپ يۈسۈپكە ئۇزاتتى . #R{ C Yv  
   يۈسۈپ بۇغراخاننىڭ مۆھۈرلەنگەن مەكتۇپىنى ئېلىپ پىچەتنى ئېچىپ مەكتۇپقا كۆز يۈگۈرۈتتى .مەكتۇپتا يۈسۈپكە بولغان ئەقىدىسى ۋە سېغىنىش ھېسياتىنى بىلدۈرۈپ،تەڭرىدىن خاتىرجەملىك ۋە بەخىت تىلىگەندىن كېيىن ،مۇنداق مەقسەت ئىزھار قىلىنغان :«مەن بۇ مەكتۇپنى ئۆزۈمنىڭ مەنپەئەتى ۋە ياكى دوسىتلىقىمىز ئۈچۈن قىلىنغان ئىلتىپات يۈزىسىدىن ئەمەس ،ئەلنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يېزىۋاتىمەن .ئوردا ۋە ئەل سېنى كۈتىۋاتىدۇ ،مەن ساڭا تېخىمۇ مۇھتاج بولىۋاتىمەن .ئوردىدا ئىشەنگۈدەك ،تايانغۇدەك ئادەملەر بەك ئازلاپ كەتتى .مەن ئۆزۈمنى پۇت قولىدىن ئايرىلغان پەلەچ ئادەمدەك ھېس قىلىۋاتىمەن ،مەكتۇپنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئىككىلەنمەي ،ئەل تۆمۈر يالۋاچ بىلەن قەشقەرگە كېلىشىڭنى ئەمىر قىلىمەن .دۆلەتنىڭ ئېغىر يۈكىنى تەڭ كۆتىرەيلى ». c .A#G  
   مەكتۇپنىڭ ئاخىرىدا ھازىرچە بالا-چاقىلىرىنى قويۇپ تۇرۇپ تەنھا كېلىشنى ،ئىشلار ئىزىغا چۈشكەندىن كېيىن ،ئۆزى ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ بالا –چاقىلىرىنى ئالدۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى . C5S'.G#9iB  
   يۈسۈپ بالاساغۇنى بۇغراخاننىڭ مەكتۇپىنى ئوقۇپ ئويلىنىپ قالدى .«قانداق قىلىش كېرەك؟» يۈسۈپ ئەسلىدە بىر مەزگىل ئوردا ئىشلىرىدىن ئۆزىنى تارتىپ ،كەلگەنىدى .بۇ مەكتۇپ ئۇنى قىستاپ قويىدۇ .مەركىزىي ئوردا تېخىمۇ مۇرەككەپ ،ئوردىنىڭ ئېتى «قارشى »چۈنكى ،ئۇنىڭدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىگە قارشى.بىراق ،قەشقەرگە بېرىشنىڭ يەنە بىر ياخشى تەرىپىمۇ بار ئىدى .ئۇ چوڭ ھەجىملىك ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك » نى باشلاپ قويدى .بۇ ئەسەرنىڭ تېخىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك بولىشى ئۈچۈن قەشقەر ئۇنىڭغا كۆپ نەرسىلەرنى ئاتا قىلاتتى .ئۇ مەركىزى شەھەر قەشقەرنى ۋە ئوردىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولاتتى ،يەنە بىر تەرەپتىن ،قەشقەردىكى ئوردا كۈتۈپخانىسى يۈسۈپنى تېخىمۇ مول ماتىريال مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيىتتى . مۇرغۇن ئوقۇمۇشلۇق زاتلار ۋە ئۇستازلار بىلەن بىكىرلىشىش پۇرسىتى بولاتتى .شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدە يەنە بىر دېلىغۇللۇق بار ئىدى .-دوستۇم ،-دېدى يۈسۈپ قولىدىكى مەكتۇپنى ئاستا قاتلاپ تۇرۇپ ،-ئۇ زاتقا ئاتاپ يېزىۋاتقان ئەسىرىمنى ئەمدى باشلىدىم ،ھازىر بارسام قۇرۇق بويۇمنى كۆتۈرۈپ ،قايسى يۈزۈم بىلەن كۆرىشىمەن .ئەسىرىمنى تولۇق تاماملىغاندىن كېيىن ،يۈزۈم يورۇق ھالدا كۆرىشەرمەن ،دەپ ئويلىغانتىم . q}K#IP  
   -ھېلىمۇ سەن ئەل جامائەت ئالدىدا ،بۇغراخان ئالدىدا ئاللىبۇرۇن يۈزۈڭنى يورۇق قىلغانسەن ،-دېدى ئەل تۆمۈر يالۋاچ يۈسۈپنىڭ ئارسالدا بولىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئوققاندىن كېيىن ،-سوۋغا دىگەننىڭ ئالدى ،كېيىنلىكى بولمايدۇ ،قەشقەردە ساڭا تېخىمۇ ياخشى ئىمكانىيەتلەر ھازىرلىنىدۇ .ئۇقسام ھاكىملار بىلەن پۇت تېپىشىپ قاپسەن ،بۇ ھالدا ئۇلار ساڭا ئاراملىق بەرمەيدۇ .يېشىمىز بىر يەرگە بېرىۋاتىدۇ ،دۆلەتنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرى سەن بىزنىڭ جان تىكىشىمىزگە مۇھتاج .-بۇ يەردىكى ئىشلاردىن خان ئالىيلىرىنىڭمۇ خەۋىرى بارمۇ ؟-دەپ سورىدى يۈسۈپ . nuuvpSB  
  -خەۋىرى بولمايدىغان ئىش بولامدۇ ،مەنمۇ بىر قانچە قېتىم سېنىڭ ئەھۋالىڭدىن خان ئالىيلىرىنى ۋاقىپلاندۇردۇم . X-9a s0p  
  يۈسۈپ ئويلىنىپ قالدى .قەشقەردە ئۆزىنى قانداق تەقدىرلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايىتتى .بۇ ئۈمىدۋار ،جاسارەتلىك ئادەم ئەلنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا ئاجايىپ يۈكسەك ۋە ئۇلۇغۋار پىلانلارنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى ،بىراق رەھىمسىز رېئاللىق ھەر تەرەپتىن كۈشەندە بولماقتا ئىدى . d~BE4?  
   يۈسۈپ ئەل تۆمۈر يالۋاچ بىلەن مەھكىمىدىن چىقىپ خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتى .ئۇلار قەشقەر تەرەپكە زوقمەنلىك بىلەن نەزەر تاشلىماقتا .ئەتىگەننىڭ سوغۇق شامىلى يۈسۈپنىڭ پەشلىرىنى قېقىپ ،قەشقەر سەپىرىگە دەۋەت قىلماقتا ئىدى . S,d. .2  
شۇنداق قىلىپ يۈسۈپ بۇغراخاننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ قەشقەرگە بېرىش قارارىغا كەلدى .ئۇلار بالاساغۇن مەھكىمىسىدىكى بېجىرىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى بېجىرىپ بولۇپ ،تازا موھىم ئىشلار ئۈستىدە ئازادە پاراڭلىشىشى ئۈچۈن ،يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باردى .
H]7)U\bah  
  r|~enD0N  
بۇغراخان ھۇزۇرىدا
Z&@NmhX49  
    1068-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرى .يۈسۈپ بالاساغۇنى دوستى ئوردا يالۋاچى ئەل تۆمۈر بىلەن قەشقەر شەھىرىگە چۈشكەنلىكىنىڭ ئىككىنچى كۈنى .ئەل تۆمۈر يۈسۈپنى ھەسەن بۇغراخان بىلەن كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ئوردىغا ئېلىپ باردى .بۇغراخان يۈسۈپنى ئۆزىنىڭ شەخسىي خانىسدا ناھايىتى قىزغىن قوبۇل قىلدى . 7VNI0u>  
      ھەسەن بۇغراخان بىلەن يۈسۈپ تەڭ قۇراملىق كېلىپ قالاتتى .بىراق ،كۆرۈنۈشتە بۇغراخان يۈسۈپ بالاساغۇندىن بىر نەچچە ياش كىچىكتەك كۆرۈنەتتى .چۈنكى ،بۇغراخاننىڭ چاچ –ساقاللىرىغا ئاندا –مۇندا ئاق سانجىلغان بولسا ،يۈسۈپ بالاساغۇننىڭ چاچ –ساقاللىرىدىكى ئاقلار كۆزگە روشەن تاشلىناتتى .تازا قىرانىغا توشقان بۇغراخان ئۇچىسىدا شاھانە زەر تونلار ،پۇتىدا نەقىشلىك ئۇچى ئۇچلۇق خۇرۇم ئۆتۈك كىيىكلىك ئىدى .يۇغان كۆز چانىقىنىڭ ئىچىدە ئۈمىد ۋە ئىشەنىچكە تولغان بىر جۈپ كۆز يۈسۈپكە سەمىمىي دوستلۇق ھېسياتىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى .يۈسۈپ بۇغراخاننىڭ ۋۇجۇدىدىكى تېتىكلىك ۋە جاسارەتكە ،سۆزلىرىدىكى دادىللىق ۋە سەمىمىيلىككە قاراپ سۆيىنىپ كەتتى . X~OyZ6u]  
   -ئالىيلىرى ،مەن ئالىيلىرىغا ئەرزىگۈدەك بىرەر سوۋغا -سالام ئېلىپ كېلەلمىگەنلىكىم ۋە ئىز باسقۇدەك بىرە تۆھپە كۆرسىتەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمدىن بەك خىجىل بولىۋاتىمەن .ھوزۇرلىرىغا بويۇمنىلا كۆتۈرۈپ كەلدىم .شۇنداقتىمۇ ئالىيلىرى ماڭا زور ئىلتىپات كۆتسىتىۋاتىدىلا. foZ@9[  
   سىزدەك ياراملىق ئەزىمەتلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنغا قويماسلىق بىزنىڭ چوڭ سەۋەنلىكىمىز .مەن سىزگە موھىم ئورۇن ھازىرلاپ قويدۇم .ئوردا ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ بەرسىڭىز . \|"_t_L  
   -ئۇلۇغ ئالىيلىرى ،-دېدى يۈسۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ ھۆرمەت بۈلدۈرگەندىن كېيىن ئۆزرە سوراپ ،-مەن خاقانىمىز ئۈچۈن بىرەر مۇناسىپ ئىش قىلىپ بەرمەي تۇرۇپ،بۇنچە چوڭ ئىلتىپاتنى قوبۇل قىلىشقا ئاجىزمەن .ئوردا ئشلىرى بىلەن بىر مەزگىل تونىشىۋالسام ،يەنە بىرى ئالىيلىرى قوبۇل كۆرسە ،ماڭا يەنە بىر ئاز ۋاقىت بەرسە ،ئالىيلىرى ئۈچۈن ئاتاپ يېىزىۋاتقان بىر رىسالەم بار ئىدى ،ئارامخۇش شۇنى پۈتتىرىۋالسام ،ئۇنىڭدىن كېيىن ئالىيلىرىنىڭ ئەمىرىگە پەرمانبەردار بولاي. h@+n{8t}  
بۇغراخان يۈسۈپنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلدى .-ئۇنداق بولسا ،بۇ ئىشقىمۇ ئوردا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ .سىز مېنىڭ شەخسىي كۈتۈپخانامدىن ئەركىن پايدىلىنىڭ ،كېتىشلىك خىراجەتنى ئوردىدىن ئالسىڭىز بولىدۇ .ئوردىدىن يەنە بىرەر مۇلازىم خىزمىتىڭىزنى قىلسۇن . mTgWZT$E  
   -ئالىيلىرىغا كۆپ رەخمەت ،ئۆزۈمنىڭ شەخسىي مۇلازىمىم بار ،-يۈسۈپ بالاساغۇنى بىلەن ئەل تۆمۈر يالۋاچ يۈسۈپ بۇغراخانغا ئامانلىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەپ ئوردىدىن چىقتى . _"A7){c  
   يۈسۈپ بالاساغۇنى ئەڭ جاپالىق ۋە ئەڭ شەرەپلىك بولغان 18-ئايلىق ئىجادىيەت مۇساپىسىگە قەدەم قويدى .ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار ئىستەكلىرى بىلەن يېزىۋاتقان ئۇلۇغ ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك نىڭ ئۇتۇقلۇق چىقىشى ئۈچۈن ئەۋزەل ئىمكانىيەتلەر ھازىرلانغانىدى .يۈسۈپ بالاساغۇنى بۇغراخاننىڭ شەخسىي كۈتۈپخانىسىدىن ئۆزى تېخى ئۇچىراتمىغان كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر بىلەن ئۇچراشتى .كۈتۈپخانىدا تۈرلۈك تىلدىكى قامۇس خارەكتېرلىك داڭلىق ئەسەرلەردىن باشقا ئەرەب ئاپتورلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ،پارىس ئاپتورلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ،تۈتۈك تەرجىمانلىرى تەرجىمە قىلغان گرېك تىلدىكى يۇنان ئاپتورلىرىنىڭمۇ ئەسەرلىرى بار ئىدى .ئۇيغۇر ئاپتورلىرىدىن ئالمالىق شائىرلىرى ، سەمەرقەنت ،بۇخارا ئاپتورلىرى ،خوتەن ئاپتورلىرى ،قۇچۇ ئاپتورلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى .ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىشقىي-مۇھەببەت تېمىسىدىكى ئەسەرلەردىن باشقا چوڭ ھەجىمدىكى سىياسەتنامىلەر ،قانۇن دەستۇرلىرى ،ماتېماتىكا ،خېمىيە ،ئاستورونومىيە قاتارلىق تەبىئىي پەنلەرگە دائىر ئەسەرلەرمۇ بار ئىدى .يۈسۈپ بىرتەرەپتىن قەلىب دېڭىزىدا تۇغۇلغان بىلىم ئۈچىلىرىنى سۈزۈپ چىقىرىپ قەغەز يۈزىگە يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈنچە مارجاندەك تىزسا ،يەنە بىر تەرەپتىن ،كىتاب دېڭىزىدىن ھەم تۈرلۈك گۆھەرلەرنى قازاتتى . f3nrC  
   ئەسەرنىڭ ئىچىگە چوڭقۇرلاپ كىرگەنسېرى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا تېخىمۇ يورۇق ۋە جۇلالىق بىر روجەك نامايان بولۇشقا باشلىدى .ئۇنىڭ كاللىسىدا ئوردىدىكى يۇقىرى –تۆۋەن ھەر قايسى قاتلام تەبىقىلەر ئەكىس ئېتەتتى ،ئۇ ھەربىر ئادەن ئۈچۈن ئۆلچەم قائىدىلەرنى بېكىتەتتى .ئۇ «ئادەم ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تەسەۋۋۇرىنى ،جەمىىئيەتمۇ ئۆزىنىڭ ئوبرازلىق سۈرىتىنى كۆرۈش كېرەك »دەپ ئويلايىتتى .يۈسۈپ ئادەمنى ئەڭ يۈكسەك ،ئۇلۇغۋار سېيمادا تەسەۋۋۇر قىلدى .ئۇ ئەسەرنىڭ دەرۋازىسىنى ئىنسان تەسەۋۋۇرى ۋە ئىنسان تەرىپى بىلەن ئاچتى .«ئىنسان بۈيۈك مەقسەت ئۈچۈن يارىتىلغان ئۇئالەمنىڭ روھى .ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭ ئىمتىياز ۋە پاراسەت بېرىلگەن .ئۇ ئالەمنى نۇرلاندۇرىدۇ .،تەبىئەتنى بويسۇندۇرىدۇ،ئالەمنىڭ سىرلىرىنى ئېرىقتىكى غازاڭلاردەك بىلەلەيدۇ ،يېشىلمەس تۈگۈنلەرنى يېشەلەيدۇ ،ئېچىلماس سىرلارنى ئاچالايدۇ . . . ». @:Myv[#2Z  
   يۈسۈپنىڭ تەسەۋۋۇرى قەسىرلەردىن تارتىپ دېھقان كەپىلىرىگىچە ،جەمشىد ،قارۇن ئوردىلىرىدىن تارتىپ ئۇلارنىڭ تەقدىرىگىچە ،ئالەمنىڭ بېنا قىلىنىشى ،ۋە تۆت زات چۈشەنچىلىرىدىن تارتىپ ،ئىنسان تەبىئىتىگىچە بېرىپ سەيلە قىلاتتى .ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرى يەتكەن زامان ،قەدىمى يەتكەن ماكاندىن ئاجايىپ ئۇلۇغ ھېكىمەتلەرنى بايقايىتتى ،ئۇنى ئۆزىنىڭ غايىۋى تىلەكلىرى بىلەن يۇغۇرۇپ تېخىمۇ گۈزەل بەدىئىي بېزەكلەر بىلەن يۈسۈپ ئۇلۇغۋار تەپەككۇر ماشىنىسىنى جەمئىيەتنىڭ بۇلۇڭ –پۇشقاقلىرىغا ،ئاممىۋى سورۇنلارغا ،ھەربىر ئائىلىلەرگىچە چاپتۇرماقتا .ئۇ ئۆز زامانىسىغا ،كىشلىك تۇرمۇشقا ،ھاكىميەت ئىشلىرىغا ئۆز زامانىسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن نازۇك بىر سېزىم بىلەن قارايىتتى .ئۇنىڭ ئېڭى زامانىسىدىكى تەڭسىزلىكلەرنى سىغدۇرالمايىتتى ،كىشىلەرنىڭ بىلىمسىزلىك ،نادانلىق قاپتىلىغا بەنىد قىلىنىپ ،ئىنسانىي قىممىتىدىن مەھرۇن ھالەتتە ياشاۋاتقانلىقىدىن ئۆكۈنەتتى ،پۇرسەت ئەنگۈشتىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇپ ،ھايات سەيناسىدا خۇددى سايىغا ئوخشاش ياشاپ ،ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولىۋاتقان ئادەملەردىن ئېچىناتتى .يۈسۈپنىڭ ئېڭىدىكى ئادەملەر تەڭرى ئالدىدا مەرتىۋە جەھەتتىن تۇغۇلىشىدىلا باراۋەر ۋە ئەزىز ،بىراق رېئاللىق ئۇلارنىڭ تەغدىر رىشتىسىگە تەڭسىزلىك رەقىمىنى چەككەن نادانلىق بالاسى بەخىت سائەدەتنىڭ توزىقى ،ھايات دەسمايىسىنىڭ توزىڭىمۇ شۇ نادانلىق بولغان .ئادەملەر نادانلىق سەۋەبلىك قەدىر –قىممەت تارازىسىدا يەڭگىل كېلىپ قالغان . JD=KO$QM  
   ئالىمغا نىسبەتەن ئۇنىڭ روھىنى بىر ئۇلۇغۋار غايە يېتەكلەيىتتى .بىراق ،ئۇ ئۆزىنى ئۆزىنىڭ روھىنى باشقا بىر دۇنياغا مەنسۈپ دەپ قارىمايىتتى .ئەمما كىشىلىك جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىكلەر ئۇنىڭ روھىنى قامال قىلغان . ئۇ بۇ قامالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ،روھىنى بۇ قەپەستىن ئازات قىلشى تىرىشماقتا ئىدى .ئۇ پەقەت ئۆزىنى ئازات قىلغاندىلا ئاندىن باشقىلانىڭ زەنجىرىنى پاچاقلاش ئۈچۈن ئىمكانىيەت تاپالايىتتى ،يۈسۈپنىڭ ئالىي روھى ۋە مەۋجۇت قاتمال روھلار ئوتتۇرسىدا كەسكىن بولغان ئىستەكلەرنى ئويغاتتى .ئۇ تەپەككۇرىنى بوغىدىغان ،تەپەككۇرىغا كىشەن بولىدىغان چىگىش خىياللاردىن ،تەشۋىش ۋە ئەنسىرەشلەردىن ئىمكان بار ئۆزىنى ئازاد قىلىپ ،تەپەككۇرىنى بىمالال قانات قاققۇزۇشقا تىرىشاتتى .چۈنكى ،ئەركىن پىكىر پەقەت ئەركىن ئىديىدىن چىقىدۇ .ئۇ شاھلارنىڭ بۇيرۇقى بەگلەرنىڭ چوقان سۈرەنلىرى ،بايلارنىڭ تېپىرلاشلىرى ۋە قارغىشلىرىغا پەرۋامۇ قىلىپ قويمىدى .چۈنكى ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدا يارىتىلىۋاتقان جەمئىيەت ھەقىقەتنى ھاياتنىڭ بۈيۈك قانۇنيىتىنى ،ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى سۈرەتلەۋاتامدۇ ؟ «ئىنسانىيەت ئۆزىنى ئازاد قىلش ئۈچۈن روھىنى ئازاد قىلىش كېرەك ،روھ ئەركىنلىككە ئېرىشكەندىلا ئۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلەلەيدۇ ،شۇندىلا ھەرربىر ئادەن ئۆز روھىنىڭ ئەركىن پەرۋاز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپلا قالماي ،ئالىي روھ بىلەن رىئاللىق ئوتتۇرسىدا ئۇيغۇنلۇق ھاسىل قىلالايدۇ ،ھەربىر ئىنساننىڭ روھى ئەل روھىنىڭ تامچىسى ،ئەل روھى ئازاپلانسا شەخسىي روھنىڭ ئازاپلانماسلىقى مۈنكىنمۇ ،ئازاپ بولمغان روھ پەقەت قۇرۇق جەسەت ». bjO88*b  
    يۈسۈپ جەمئىيەتتىكى قاتمال ،چۈشكۈن ،زەئىپ،روھقا جەڭ ئېلان قىلدى .ئۇنىڭ قەلەم زۇلپىقارى قاتاخانىيلار ئوردىسىنى ساختا پەرۋازلار بىلەن يوپۇقلاپ تۇرغان نىقاپلىرىنى ئېچىپ تاشلىدى .بۇ بىر ئەركىن روھنىڭ ئىسيانى ئىدى .ئۇ روھ پاك ۋە نۇرانىلىقى بىلەن خەلىقنىڭ روھى بىلەن بىرلىك ھاسىل قىلغانىدى .ئۇنىڭ روھى يەنە شۇنىڭ ئۈچۈن غالىپ ئىدىكى، ئۇ ئۇلۇغ باياتنىڭ ئەمىرى ۋە رەھمىتى بىلەن روھىنى پاكلاشتۇرغانىدى ،ئۇنىڭ يولى باياتنىڭ كۆرسەتكەن يولىدىن چىقماسلىقى ،باياتنىڭ مەڭگۈلۈك قانۇنيىتىگە خىلاپلىق قىلماسلىق ئىدى .شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇنداق ئۇيغۇنلۇق ئۇنىڭ روھىنى بۈيۈكلۈككە ئىگە قىلدى ،ئۇنىڭغا يېڭىلمەس ۋە مەڭگۈلۈك روھنى بەخىش ئەتتى . Yf/R'4$  
     يۈسۈپ بالاساغۇننىڭ 20يىلدىن بېرى خىزمىتىنى قىلىپ كىلىۋاتقان 35ياشلاردىكى بىر غۇلامى بار ئىدى . يۈسۈپ ئۇنى ئۆز قولى بىلەن تەربىيلەپ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە قىلدى .ئۇمۇ يۈسۈپكە ناھايىتى ئىخلاس ۋە ھۆرمەت بىلەن خىزمەت قىلاتتى .ئۇ غۇلامنىڭ خېتى شۇنچىلىك چىرايلىق ئىدىكى ،يۈسۈپ بالاساغۇنى ئۆزى خەتتاتلىق جەھەتتە شۇنچىلىك يېتۈك بولسىمۇ ،غۇلامنىڭ خەتتاتلىق ماھارىتىگە قايىل ئىدى .شۇڭا ،ئەسەرلىرىنى ئاققا كۆچۈرۈشتە ئۇنى ئۆزىگە ياردەملەشتۈرەتتى .غۇلامنىڭ يەنە بىر خىزمىتى يۈسۈپنى ھەرقاچان تاماق ۋاقتىدىن ۋە ناماز ۋاقتىدىن ۋاقىپلاندۇرۇپ تۇرۇش ئىدى .بولمىسا يۈسۈپ تاماق يىيىشنىمۇ ئۇنتۇپ نەچچە سائەت ئولتۇرۇپ كېتەتتى ..شۇڭا ،ئۇ غۇلام ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ «يا پىرىم ،نېمىدىگەن جېنى مۇستەھكەم ئىرادىلىك ئادەمدۇر ،بۇ »دەپ قوياتتى .بولۇپمۇ «قۇتادغۇبىلىك »كە سىڭدۈرگەن18ئايلىق مېھنەت غۇلامنىمۇ چارچىتىپ قويغانىدى .بۇ ئەسىرىنى غۇلامغا كۆچۈرۈشكە بەرمىدى ،بىر باپنى يېزىپ بولۇپ ،ئۆز قولى بىلەن ئاققا كۆچۈرەتتى ،غۇلام ئاققا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىنى بەزىدە ئوچۇق –ئاشكارا ،يەنە بەزىدە يوشۇرۇن ئوقۇۋالاتتى .شۇڭا «قۇتادغۇبىلىك »نىڭ مەزمۇنى تۇنجى قېتىم يۈسۈپنىڭ شەخسىي غۇلامىغا ئاشكارلانغانىدى .غۇلام ئەسەرنى ئوقۇپ ئۆزى ياشاپ تۇرىۋاتقان شۇ رېئاللىقتىن ھالقىىتىپ ئاجايىپ گۈزەل ،ئادەمنى بەخىت ھوزۇرىغا چۆمدۈرىدىغان بىر جەمىئيەتكە بارغاندەك بولاتتى .
3lI@Mcr  
Ev3zHDzQ  
Q"|B;]  
    1069-يىلى نورۇز .ئۆمۈرلۈك ئىزدىنىش ۋە تەجىربىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى ،18ئايلىق مۇشەققەتلىك ئەقلىي ئەمگەكنىڭ خاسىيەتلىك مېۋىسى ئاخىر پىشىپ قىيامىغا يەتتى .«قۇتادغۇبىلىك»گۈزەللىك ۋەكامالەتتە قىيامىغا ،مەزمۇن ۋە مەنە چوڭقۇرلىقى جەھەتتە پايانىغا يېتىپ ،ئىنسان قەلبىنى يورۇتقىدەك مەنىۋى قۇياشقا ،بەخىت –سائادەت نىشانىنى يورۇتىدىغان مەشئەلگە ئايلانغانىدى .يۈسۈپ بالاساغۇنى بىر ھەپتىدىن بېرى بۇ مۆجۈزىلىك ئەسىرىنى باشتىن –ئاياغ ئوقۇپ ،بىر قىسىم بىيىتلارغا زۆرۈر بولغان تۈزىتىشلەرنى كىرگۈزدى .ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇپ چىقىپ ،ئەسىرىنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك چىققانلىقىدىن سۆيۈنۈپ كەتتى .نەچچە ئايلىق جاپالىق ئەمگەكتىن ھاردۇق يەتكەن روھقا قايتىدىن بىر غايىۋى كۈچ قوشۇلغاندەك بىلىنىپ كەتتى ،يۈسۈپ ئۆزى ياراتقان ئوبرازلىرى ئىنسانىيەتنىڭ ئالىي تىلەكلىرىرىگە ۋەكىللىك قىلاتتى .ئۇلار ئىنساننىڭ ھەقىقىي قەدىر –قىممىتىنى نامايەن قىلىپ بېرەتتى . «مانا بۇ ھەقىقىي ئۇلۇغ ئىنسان ،تەڭرىنىڭ ياراتمىش ئىرادىسىگە مۇناسىپ ئادەم .ھەرقانداق ئەلدە كۈن تۇغدىدەك ئادىل پاراسەتلىك ھۆكۈمدار ،ئاي تولدىدەك ،ئۆگدۈلمىشتەك ئالىي پەزىلەتلىك ،قابىليەتلىك باش پاناھلارغا ئىگە بولالىسا ئۇ ئەلدە مۇڭ –قايغۇ بولمايىتتى .مېنىڭ خەلقىممۇ ئاشۇنداق باش پاناھقا ئىگە بولسا –ھە . . . »يۈسۈپ ئاشۇنداق ئۇلۇغ ئىستەكلەر ئىلىكىدە ئۈمىد زوقى بىلەن ئەسەرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى مۇنۇ بىيىتلارنى كۆزدىن ئۆتكۈزدى .
  JBK\|  
ئەي ئالىم ،بىز ئىنسان ئىكەنمىز ئەگەر ، S14=K[  
گۇمانسىز پەرىشتە ئېرورلار ئۇلار . Q,0H+h*->{  
ئۇلارنىڭ خۇي –پەيلى مۇبارەك سۆزى ، )y<8  
چۈشەنمەك ئېرور بىر سائادەت ئىزى .
hs^vo,  
    بۈگۈن قاراخانىيلارنىڭ زامانىۋى بايرىمى نورۇزنىڭ ئىككىنچى كۈنى .يۈسۈپ بالاساغۇنى ھەمدە بۇغراخاننىڭ نورۇز بايرىمى يېڭىدىن تەخىتكە چىققانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئالدىرىغان بولسىمۇ ،بىراق بۇغراخانغا يازغان نورۇز قەسىدىسى تېخى ئۈلگۈرمىگەچكە نورۇزنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى چوڭ مۇراسىمىدا ئەسىرىنى سوۋغا قىلالمىدى .ئىككى كۈن نورۇز پائاليىتىگە قاتنىشالمىغان ئالىم120مىسرالىق بۇغراخان ۋە نورۇز قەسىدىسىنى پۈتتۈرۈپ ئەسىرىنىڭ بېشىغا توپلىدى ،ئاندىن دوستى ئەل تۆمۈر يالۋاچنىڭ خەۋىرىنى كۈتۈپ ئولتۇردى . dWlgJy)  
   بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتكەندە ئەل تۆمۈر يالۋاچ 60ياشلار چامسىدىكى ھاجىپنى باشلاپ يۈسۈپ بالاساغۇننىڭ خانىسىگە كىرىپ كەلدى .ھاجىپ چىرايلىق مۇقاۋىلانغان ،مۇقاۋا ئۈستىگە ئالتۇن ھەل بېرىپ يېزىلغان «قۇتادغۇبىلىك » دېگەن ماۋزۇغا كۆز يۈگۈرتۈپ ،ئۇ مۇبارەك ئەسەرنى قولغا ئالدى .ئۇيان –بۇياننى ئازراق ۋاراقلاپ چىقتى ،بىراق ئۇنىڭ ئۆڭىدىن خۇرسەنلىك ياكى ياكى قىزىقىش ئالامەتلىرىنى كۆرگىلى بولمايىتتى .ئۇ «ياخشى ،ياخشى بەلەن بوپتۇ ،كۆپ ۋاقتىڭىز كەتكەندۇ –ھە »دېگەندىن كېيىن ،كىتابنى جايىغا قويۇپ بۇغراخاننىڭ خەۋىرىنى يەكۈزدى : *?,;xOr  
   -بۇغراخان ئالىيلىرى جانابلىرىڭىزنىڭ ئەتە ئەتىگەندە قوبۇلغا كىرىشىڭىزگە ئىجازەت قىلدى .بۈگۈن ئىلىگ خانلاردىن نورۇز سوۋغىسى ئېلىپ كەلگەنلەر بىلەن بولىدىكەن . 4-oB)9t  
   ھاجىپ چىقىپ كەتتى ئەل تۆمۈر بىلەن يۈسۈپ بالاساغۇنى ئۇزۇن تۇرا،،سېرىق چىراي ھاجىپنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قېلىشتى . DO/P  
-يۈسۈپ ،ئەجەپلەنمە ئاداش ،-دېدى ئەل تۆمۈر يالۋاچ يۈسۈپنىڭ كۆڭلىنى ياساپ،-بۇ ھاجىپ ئۇردىغا كونا ،ئۆزىمۇ خېلى ياخشى قوشاقلارنى يازىدۇ .بىر دىۋانىمۇ بار ،بىراق قورسىقى تارراق ،ئۆزىگە بەكرەك تەمەننا قويىدۇ ،باشقىلارنى ياراتمايدۇ . bN4<`Ze=  
   -باشقىلارنى ياراتمىغان ئادەم ،ئۆزىگە ھەددىدىن ئارتۇق تەمەننا قويىدىغان ئادەم ئۆزىنىڭ پۇتىنى ئۆزى چۈشەپ قويىدۇ ،كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن ئوڭاي چۈشۈپ كېتىدۇ .مەن بۇ ھاجىپنىڭ شېئىرىي دىۋانىنى كۆرگەن ،ئادەمنىڭ تىلى باشقا دىلى باشقا بولسا بولمايدۇ . (^>W<_O&  
   -ئۇ تېخى ئىشلارنى كېيىن چۈشىنىپ قالىدۇ ،بىز ئەسلىدە ھاجىپنى ۋاستە قىلمايلا ،بۇغراخان بىلەن بىۋاستە كۆرۈشسەك بوپتىكەن ،-دېدى يالىۋاچ .-ھەربىر ئىشنى تەرتىپ –قائىدىسى بىلەن قىلىش كېرەك ،تەرتىپ –قائىدىسىز ئىش خەيرىلىك بولمايدۇ ،-دېدى يۈسۈپ بالاساغۇنى . mFe5`bzAF  
    بۈگۈن نوۋرۇزنىڭ ئۈچىنچى كۈنى .قاراخانىيلارنىڭ ھەر قايسى ئايماقلىرىدا بايراملىق پائالىيەتلەر ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا .زىمىستان قىشنى ئۇزۇتۇپ باھارغا ئۇلاشقان كىشىلەر ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن خوشاللىقلىرىنى ئىپادىلىمەكتە .ھەتتا مال –چارۋىلارمۇ ،ئۇچار قۇشلارمۇ يېڭى يىلغا تەنتەنە قىلىۋاتقاندەك ئۆزىنىڭ ماھارەتلىرىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى .مال چارۋىلارنىڭ ئويناقشىپ سەكرەشلىرى ،قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى كىشىلەرنىڭ دىلىنى سۆيۈندۈرۈپ ،ھاياتلىقنىڭ پەيزىنى ئاشۇرماقتا . LZ|4ZA 
   قاراخانىيلار ئوردىسىمۇ ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن ئەلچىلەرنى ،ھەر قايسى ئايماقلاردىن سوۋغا –سالام ئېلىپ كېلىشكەن بەگلەرنى كۈتۈش بىلەن ئادىراش ئىدى .ئوردا شائىرلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ نورۇزنامىلىرىنى ،بۇغراخانغا ئاتىغان قەسىدىلىرىنى ئوقۇش ئۈچۈن نۆۋەت كۈتۈشمەكتە.ئۇلار بۇغراخاننىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىشنى شۇنچە ئارزۇ قىلىشاتتى .ھەر قايسى بەگلەردىن كەلگەن ئەلچىلەر قاراخانىيلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتى بويىچە توققۇز-توققۇز سوۋغاتلىرىنى شاھ نەزىرىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىراشماقتا ئىدى . OQr[ p  
    يۈسۈپ بالاساغۇنى ھاۋارەڭ تاۋارغا ئورالغان ئەسىرىنى ئىككى قولىدى تۇتقىنىچە ،مەغرۇر قەدەم بىلەن تاشقىرقى ئوردىدا پەيدا بولدى ،ئىشىك ئاغىسى بۇغراخانغا يۈسۈپ بالاساغۇننىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر بەردى .بۇغراخان يۈسۈپنىڭ قوبۇلغا كىرىشىگە ئىجازەت بەردى ،جاكارچى جاكار قىلدى :-يۈسۈپ بالاساغۇنى ئوردىغا كىرگەي . I-!^:!  
     يۈسۈپ بالاساغۇنى سەپ-سەپ بولۇپ سوۋغا سالاملىرىنى كۆتۈرۈشۈپ نۆۋەت كۈتۈپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ ئىچكىرى ئوردىنىڭ قوبۇلخانىسىغا كىردى : C;4pE>ce  
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ھۆرمەتلىك ئالىيلىرى .يېڭى يىلىڭىز قۇتلۇق بولغاي ،-يۈسۈپ بالاساغۇنى سالامدىن كېيىن يېڭى يىل ۋە بۇغراخان قەسىدىسىنى بۇغراخان تىلى دەپ ئاتالغان ساپ قەشقەر تىلىدا ھاياجان بىلەن يادقا ئوقىدى .ئۇنىڭ ھەربىر مىسراسىدا ھاياتنىڭ ئاجايىپ جۇشقۇن مەنزىرىسى نامايان ئىدى .پۈتۈن تەبىئەتنىڭ ،پۈتۈن ئۇچار قۇشلارنىڭ تىلەكلىرى ،زاماننىڭ ئىلتىجاسى بۇغراخانغا ئالقىش ياغدۇرماقتا .ئىدى .تەبىئەت يېشىللىققا پۈركەنگەن ؛قۇرۇغان يالاڭاچ دەرەخلەر ھال،سېرىق ،كۆك ،قىزىل لىباسلارنى كىيىپ ياسانغان ،قوڭۇر يەر يېشىل يىپەكتىن تون كىيگەن ،تاغ –دالىلار ،قىر ئويمانلار تۆشەك يېيىپ ،ۋادىلار قىزىل ،كۆك كىيىم بىلەن بىزەلگەنىدى .تۈمەن تۈرلۈك گۈل چېچەكلەر كۈلۈپ ئېچىلىپ دۇنيا ئىپار ۋە كاپۇر ھىدى بىلەن تولغانىدى .غاز،ئۆردەك ،ئاققۇ،قىلقۇيرۇقلار يايراپ يۇقىرى-تۆۋەن ئۇچىشاتتى .قۇشلار خۇددى ئىپپەتلىك قىزلار ئۆز سۆيگىنىنى چاقىرغاندەك يېقىملىق ئۈن بىلەن ھەمراھلىرىنى ئۈندىمەكتە ،قاندەك قىزىل ئېغىزلىق قاراقاش كەكلىك قاقاقلاپ كۈلگەندەك ئۈنلۈك سايرىماقتا ،قارا قۇش نەيزىدەك تۇمشۇقىنى سوزۇپ نازنىن قىزنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايدىغان ئاۋاز بىلەن سايراپ مەدھىيە ئوقىماقتا .گۈلزارلىقتا كېچە –كۈندۈز تۈمەن خىل ئاۋازى بىلەن سايراۋاتقان بۇلبۇلنىڭ ئۈنى سۈرە ئەبرىنى ئېيىتقاندەك ئىدى .كىيىك بىلەن جەرەن گۈللەر ئارا ئوينىشاتتى ،ئارقار بىلەن تاغ ئۆچكىلىرى جۈپ-جۈپ بولۇشۇپ سەكرىشەتتى .ئاسمان قاپاق تۈرۈپ كۆزىدىن ياش تۆكسە ،چېچەكلەر يۈز ئېچىپ قاقاقلاپ كۈلەتتى . بۇ ۋاقىتتا دۇنيا ئۆزىنڭ ھۆسنىگە بېقىپ ،ئۆزىنىڭ ياسىداق ئىگىنىگە قاراپ پەخىرلىنىپ سۆيىنەتتى . PJEYN   
تەبىئەت شۇنداق نىدا قىلاتتىكى :«بۇ جاساننىڭ يۈزىنى كۆرمىدىڭمۇ ؟ ئەگەر ئۇخلاپ قالغان بولساڭ ، قۇلاق سال ،تۈمەن يىللاردىن بېرى يۈزۈم سۇلغۇن ،تۇل ئىدىم ، مانا ئەمدى تۇللۇق كىيمىمنى سېلىپ ئاق سۆسەردىن تون كىيدىم .ئۇلۇغ خاقان بېگىم بولغاچقا شۇنداق بىزەلدىم .ئۇ قوبۇل قىلسا جىنىمنى پىدا قىلسام دەيمەن ،بۇلۇتلارمۇ گۈلدۈرلەپ خان دۇمبىقىنى ئۇردى ،چېقىن چاقناپ خاقان تۇغىنى لەپىلدەتتى .بىرى قىنىدىن قىلىچ سۇغارسا ئال بويسۇنىدۇ ،يەنە بىرى شان –شۆھرىتىنى جاھانغا يايىدۇ .ئۇلۇغ تاۋغاچ بۇغراخان جاھان سوراۋاتىدۇ ،ئاللا ئۇنىڭ نامىنى قۇتلۇق قىلىپ ئىككى دۇنيالىقىنى ئاتا قىلسۇن » =yy|Ps  
   يۈسۈپ تەبىئەتنىڭ ئالقىشىنى ،تەبىئەتنىڭ شادلىقىنى تەبىئەتنىڭ تىلىكىنى جاكارلاپ بولغاندىن كېيىن ،زاماننىڭ تەنتەنىسىنى سىزىپ بەرگەنىدى : WJ<YLk  
«ئەي دىننىڭ ئىززىتى ،دۆلەتنىڭ تىرىكى ۋە ھامىيسى ،ھەي مىللەتنىڭ تاجى ،شەرىئەتنىڭ ئىشەنچى ،بايات ساڭا بارلىق تىلىكىڭنى بەردى ئۇ ساڭا دائىم ئارقا يۆلەك بولسۇن .ئەي ئۇلۇغلۇقنىڭ كۆركى ،دۇنيانىڭ جامالى ،دۆلەتنىڭ نۇرى ،ئۈركۈگەك بەخىت ئېتىنىڭ يۈگىنى خاقانىم ،پەلەك ساڭا ئوڭ بېقىپ ،دۆلەت ۋە تەخىت ئاتا قىلدى .تەڭرىم بۇ دۆلەتنى سېنىڭ ۋاستەڭ بىلەن قۇتلۇق قىلىشقا نىسىپ قىلسۇن .سەن بىلەن جاھان تىنىچلاندى ،شۇڭا دۇنيا ساڭا ئېسىل سوۋغىلارنى سۇندى .ساما قۇشلىرىدىن مەيلى ھىندى مەملىكىتىدىن كەلگەنلىرى بولسۇن ،مەيلى روم ئىقلىمىدىن كەلگەنلىرى بولسۇن خاقانىمىزنىڭ نامىنى ئاتىشىپ بەس-بەستە سايراشماقتا . سۆيۈنۈش ۋە خوشاللىق ئىچىدە يايراشماقتا .بىرى شەرىقنىڭ ئېسىل سوۋغىلىرىنى ھەدىيە قىلسا ،يەنە بىرى غەرىبتىن كېلىپ خىزمىتىڭگە جان تىكىدۇ .بەخىت ئىشىكىڭگە كېلىپ خىزمەت قىلاي دەپ ئۈمۈت بىلەن ئىنتىلمەكتە .پۈتۈن جاھان تۆھپە كۆرسىتىش ئۈچۈن ھازىرلاندى .دۆشمەنلىرىڭ گۇمران بولۇپ بوينىنى ئەگدى ،توغرا قانۇنىڭ جاھاننى تىنىچلاندۇردى .توغرا قانۇن بىلەن خاقاننىڭ نامىمۇ جاھانغا تارالدى .كىم بەخىتنىڭ يۈزىنى كۆرۈش تىلىكىدە بولسا ،تەشنالىق بىلەن خاقانىمىزنىڭ يۈزىگە باقسا بولىدۇ . ئەي جاھان ئەھلى ،ئەگەر جاپا –مۇشەقەتتىن قۇتۇلدۇرىدىغان ۋاپا ۋە بەخىتنى تىلەيدىكەنسەن ۋاپادار خاقانىمىزنىڭ يۈزىنى كۆرگىن ،ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى ۋاپادارلىقتىن نەمۇنىدۇر .زىيان ئاسارىتىدىن پايدا گۈلۈستانىغا كىرەي دېسەڭ ،ئۇنىڭ ھوزۇرىغا كېلىپ جان تىكىپ خىزمىتىنى قىل ،شۇندا دىلىڭ ئىللىقلىقتىن ھوزۇرغا تولىدۇ.خاتىرجەملىكنى كۆرۈش تىلىكىدە بولساڭ كەل ،ئالىيجاناب،مۇلايىم ،شەپقەتلىك، ئاق كۆڭۈل خاقانىمىزنى كۆرگىن ». k\Cm $  
   يۈسۈپ ئوتلۇق قەسىدىسىنى ئوقۇماقتا ،ئوردا ئەھلىنىڭ قەلبىدە زىلزىلە پەيدا قىلدى ،ئۇلار ئىختىيارسىز ھالدا تىز پۈكۈشۈپ تاۋغاچ بۇغراخانغا باش قويۇشتى .تەڭرىدىن ئامانلىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەشتى .يۈسۈپ ئۇلۇغ تىلەكلىرىنى تەڭرىنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇردى :«ئەي ياخشى خۇلقلۇق،ئېسىل نەسەبىلىك خاقانىم ،بايات ساڭا تاج -تەخىت بەردى.باياتنىڭ نامىنى مىڭ مەتىۋە ئاتاپ شۈكرى قىلغىن ،بۇ دۇنيا سېنىڭدىن قۇرۇق قالمىسۇن ،ئاتاڭنىڭ ئورنى ۋە نامى ساڭا قالدى .بۇ نام ۋەئورۇن تۈمەن مىڭ يىللار داۋاملاشسۇن .ئەي ،رەببىم ،خاقانىمىزنىڭ دۆلىتىنى زىيادە ،تىلىكىنى تەل قىلغىن ،بارلىق ئىشىدا ئۇنىڭغا يۆلەك بولغىن .دوستلىرىنى ئامان ،دۆشمەنلىرىنى خار قىل .ساخاۋەت يامغۇرىنى ياغدۇرۇپ ،بەخىت چېچەكلىرىنى ئېچىلدۇرۇشقا ،قۇرۇغان دەرەخلەرنى كۆكەرتىپ مول مېۋىلەرنى بېرىشكە نىسىپ قىلغىن .پەلەك چاقى داۋاملىق ئوڭ ئايلىنىپ تۇرسۇن ،دۆشمەنلىرىنىڭ بېشى قايرىلىپ داۋاملىق تۆۋەن تۇرسۇن .قىيامەت قايىم بولۇپ ،قوڭۇر يەر مىستەك قىزارغىچە ،ئوتتا گىياھلار كۆيۈپ چېچەكتىن قالغۇچە ،خاقانىمىز ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ ،بەخىت ھوزۇرىنى سۈرسۇن ،ئالىيلىرىنىڭ يەنە قانداق ئۇلۇغ تىلەكلىرى بولسا تەڭرى قوللىسۇن ،خاقاننىڭ ئىلى ئاسايىشلىقتا،شاد –خوراملىقتا ئۆتسۇن ،خاقانىمىزنىڭ يېشى لوقمان يېشىدەك ئۇزۇن بولسۇن». clm?Dx8  
   بۇ چاغدا بۇغراخان تەخىتتىن تۇرۇپ يۈسۈپ ۋە پۈتۈن ئوردا ئەھلى بىلەن تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ قول كۆتۈرۈشتى .پۈتۈن كائىنات ۋە ئەل –جامائەت ئۇلۇغ تەڭرىگە مۇناجات قىلىپ قەسىدە ئېيىتماقتا ئىدى . CyXVq   
   «يارىتىلغان بارلىق نەرسىلەر ئۇلۇغ باياتقا مۇھتاج ،تەڭدىشى يوق تەڭرىم سەنلا ھېچ نەرسىگە مۇھتاج ئەمەس .ئەي ئەكىلىك ،قۇدرەتلىك ،مەڭگۈ مۇھتاجسىز بايات ،ئۇلۇغلۇق ۋە بۈيۈكلۈك ساڭىلا خاس ،ساڭا تەڭلىشەلەيدىغان ھېچقانداق تەڭداش يوق ،ھەر قانداق مەۋجۇدات يوقىلدۇ ،سەنلا مەڭگۈ تىرىكسەن .ئەي قۇدرەتلىك بايات مۇسۇلمانلارنىڭ بەختى ئۈچۈن خاقانىمىزنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىل .خاقانىمىزنىڭ ياخشى قىلىقلىرى ۋە ياخشى ئىشلىرىنىڭ ساۋابىنى نەچچە ھەسسە كۆپەيىتكىن ،مەملىكىتىمىزنى ئامان قىلىپ ئۆز پاناھىڭدا ساقلا ». )+=s(rwe  
   پۈتۈن ئوردىدىن «ئامىن،ئامىن»دېگەن سادا پۈتۈن قاتاخانىيلار تېروتېريىسىنى قاپلىدى ،پۈتۈن تاغ ۋە دالىلاردىن ،يېزا-قىشلاقلاردىن «ئامىن»دېگەندەك نىدا ئاڭلىنىۋاتقاندەك ئىدى . M}Jmlkp"t  
  يۈسۈپ بالاساغۇنى ئورنىدىن تۇردى .قەسىدىسىنىڭ مۇنۇ بىيىتلىرى بىلەن تەڭداشسىز سوۋغىسىنى تاۋغاچ بۇغراخانغا ئىككى قوللاپ تۇتتى :
R"Oqqv!m  
قىممەتلىك سوۋغات تۇتتى مىڭ –مىڭچە قول ، J(;I#Rf(A0  
قۇتادغۇبىلىكتۇر مېنىڭ سوۋغام ئول . Vd_$3$t  
ئۇلارنىڭ سوۋغاتى كېلەر ھەم كېتەر ، >$JG&m5Q  
مېنىڭ بۇ سوۋغاتىم تا مەڭگۈ قالۇر . r#-,SG}$w  
نەچچە يىغسا دۇنيا تۈگەيدۇ يوقاپ ، *Xi.U2  
قالۇر سۆز پۈتۈلسە ،جاھانغا تاراپ . ~x= ?y!9  
كىتابقا يېزىلدى بۇ خاقان ئېتى ، [] ylv  
بۇ ئات، ئەي ھۆكۈمدار ،قالار شۇ پېتى .
cb~+{f<1|  
   بۇغراخان ئىنتايىن شادلانغانىدى.بۇ قېتىمقى سوۋغات تەغدىم قىلىش مۇراسىمى ئۇنىڭ خاتىرىسىگە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغانىدى .گەرچە ئۇ يۈسۈپ بالاساغۇنى تەرىپىدىن بىر بۈيۈك ئەسەرنىڭ ساپ بۇغراخان تىلى بىلەن يېزىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولسىمۇ ،لېكىن ئۇنىڭ ئىچىگە قانداق ھېكىمەتلەرنىڭ سىغدۇرۇلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايىتتى .ئەمدى ھېس قىلدىكى يۈسۈپ ئۆزىگە سۇنىۋاتقان بۇ سوۋغا بەلكىم پۈتۈن ھاياتى ئۈچۈن ئەڭگۈشتەر بولالىغۇدەك ،ئەۋلادمۇ –ئەۋلاد دەستۇر بولۇپ ،قالىدىغاندەك بىر تۇيغۇغا كەلتۈردى .بۇغراخان تەخىتتىن تۇرۇپ ،يۈسۈپنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆز قولى بىلەن بۇ ئەنگۈشتەرنى قوبۇل قىلدى .ئوردىدا ھازىر بولغانلار بۇغراخاننىڭ بۇ ئىلتىپاتىغا چىن كۆڭلىدىن قايىل بولۇشتى . i{Y'L Lj%  
بۇغراخان ھال رەڭ تاۋارغا ئورالغان بۇ سوۋغىنى ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ئاچتى ،كۆزىگە ئالتۇن ھەل بىلەن يېزىلغان «قۇتادغۇبىلىك» دېگەن مۇبارەك ئىسىم ئوتقاشتەك تاشلاندى .ئۇ ئەمىر قىلدى : )).n^!>\  
   -يۈسۈپ بالاساغۇنىغا زەر تون كىيگۈزۈلسۇن ھەم كاتتا ئىنئام بېرىلسۇن . $-)6Zo'E  
ئىشىك ئاغىسىغا ئەگىشىپ تۆت مۇلازىم شاھانە تون ۋە ھەر بىرىدە 250دىناردىن پۇل قويۇلغان تۆت پەتنۇسنى كۆتۈرۈشۈپ قاتار تىزىلىشىپ تۇرۇشتى .بۇغراخان كېلىپ ئىشىك ئاغىسىنىڭ قولىدىكى زەرلىك توننى ئېلىپ كېلىپ ئۆز قولى بىلەن يۈسۈپكە كىيگۈزدى .تۆت پەتنۇس دىنار ئالدىغا قويۇلغاندا ،يۈسۈپ بۇغراخاننىڭ ھىممىتىگە چەكسىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ،ئۆزرە ئېيىتتى : nRa?=V')!n  
  -ئالىيلىرى ،مەن خاقانىمىزدا ئۆسۈپ چوڭ بولدۇم ،تەربىيەت ئېلىپ يېتىشتىم .مېنىڭ سوۋغام ھەرگىزمۇ ئەمەل –مەنسەپ تەمەسى ۋە ياكى ئىقتىسادىي مەنپەئەت زوقىدىن ئەمەس ،خاقانىمىزنىڭ ئامانلىقى ،ئەلنىڭ خاتىرجەملىكى مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئىنئام .
RF.r1OA;+G  
bn-pr8t0H  
n[J(ep|X  
    نورۇزنىڭ 9-كۈنى .نورۇز شادلىقىغا تولغان ئەل تۈرلۈك –سەيلى ساياھەت ،مەشرەپ،مۇشائىرە كېچىلىكلىرىنى ئۆتكۈزۈشتى ،نۇرغۇنلىغان نورۇزنامىلەر يېزىلىپ ھاياتلىق كۈيلەندى ،تەڭرىدىن بەخىت تىلەكلىرىنى تىلەشتى ،يېزا –قىشلاقلاردا ھەم چەۋگەن توپلىرى ،بەيگە مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ چەۋەندازلار ۋە مەرگەنلەر تاللاندى .ئۆكۈز سوقۇشتۇرۇش ،توخۇ سوقۇشتۇرۇش ،ئىت تالاشتۇرۇش مۇسابىقىلىرى ئەۋىجگە چىقتى .ئايماقلار بويىچە پالۋانلارنى تاللاش ئۈچۈن قەشقەردە كەڭ كۈلەمدە چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ ،پالۋانلار تاللاندى .تاللانغان چەۋەندازلار ،مەرگەنلەر ۋە پالۋانلار نورۇزنىڭ 9-كۈنىدىكى چوڭ مۇراسىمىدا بۇغراخاننىڭ تارتۇقلىشىغا مۇيەسسەر بولۇشاتتى . )iYp[6uL"  
   ھەسەن بۇغراخان زورۇزنىڭ ئۈچىنچى كۈنىدىن باشلاپ زور ئىخلاش ۋە ھەۋەس بىلەن ،«قۇتادغۇبىلىك»نى ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتى .ئۇ ئەسەر ئىچىگە شۇنداق مەپتۇنلۇق بىلەن كىرىشىپ كەتتىكى ،غىزالىنىشنىمۇ ۋە ئۇيقنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەندەك قىلاتتى .ئۇ بىر تەرەپتىن بۇنداق كامالەت ئىگىسىنىڭ خاقانلىقتىن چىقىپ ئۆزىگە يانتاياق بولغانلىقىدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلسا ،يەنە بىر تەرەپتىن ،ئۆزىنڭ دۆلەت باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئىقتىدارىنىڭ تېخى يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى تەن ئېلىشقا مەجبۇر بولدى .بىراق ئۇ بىر خاتىرجەملىككە ئېرىشكەنىدى .يېنىدا ئۇلۇغ تۈرۈككە ئوخشاش دانىشمەن ئۇستازلارنىڭ ،بىلىگە تۇنيۇقۇققا ئوخشاش دانا مەسلەھەتچىلىرىنىڭ بولغانلىقى بىلەن ئىشەنچىگە تولدى . h?>TApO  
   «ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ شۇنچە زور شان –شەرەپ قۇچۇپ ،دۇنيانى تەسەرروپقا ئېلىشىدا ئەرىستۇدەك ئۇلۇغ ئۇستازلىرىنىڭ بولغانلىقىدىن ئەمەسمىدى »دۇنيا تارىخىدا قايسى بىر پادىشاھ ساداقەتمەن ۋەزىر ،دانا مەسلەھەتچىلىرىسىز ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۇتۇقلۇق قىلالىغان ؟ ! ئەتراپىمىزدا قول باغلاپ تۇرغان ئادەملەر كۆپ ،بىراق ياراملىقلىرى تولىمۇ ئاز .بەگلىك ئىش تولىمۇ نازۇك ئىش ،ئۇنىڭ ئىشىمۇ كۆپ ،باش ئاغرىقىمۇ تولا .بۇ ئىشلارنى جايىدا ،كۆڭلىدىكىدەك ئادا قىلىپ كۆڭلىنى يورۇق قىلىدىغان ،قولىنى سوۋۇتىدىغان پاراسەتلىك ئادەمنى تېپىش تولىمۇ قىيىن ئىكەن .ئەلنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىنى ئۆزۈملا قىلىپ ئايىغىغا چىقالمايمەن ،ماڭا ئىشنىڭ يولىنى بىلىدىغان ،ئەقىل ۋە بىلىمدە ھەممىگە باش بولالايدىغان تاللانغان پاراسەت ئىگىسىدىن بىرى ئىش بېشى بولىشى كېرەك ئىدى . ئۇ ئۆز ئىشىغا سادىق ،ئىشەنچىلىك ، دىلى بىلەن تىلى بىردەك ،بارلىق ئىچ سىرىمنى ياخشى پۈتتۈرۈپ پەم ئېتەلەيدىغان ئادەملەرگە ئېرىشەلىسەم ئاندىن ئەلنى روناق تاپقۇزالايمەن .شۇنداق ياخشى ياردەمچىگە ئېرىشەلىسەملا باش ئاغرىقىم ساقىيىپ ،قانۇن –تۈزۈم ئوبدان يۈرىشىدۇ . :Dfw\4  
   ھەسەن بۇغراخاننىڭ تەبىئىتى خېلى دۇرۇس ئىدى ،قارنى –كۆكسى كەڭ ،كۆزى توق،مىجەزى مۇلايىم ،سۆز ھەركىتىدىن چىن خان ئىدى .ئۇھەر قاچان ئەلنىڭ غېمىنى قىلاتتى ،ئەلنى روناق تاپقۇزۇپ تەڭرىنىڭ چەكسىز رەھمىتىگمۇ شۈكرىسىنى ئادا قىلىشنى ،ئەجداتلىرىنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلاپ يۈزىنى يورۇق قىلىشنى ئويلايىتتى .شۇڭا ،ئۇ ئۆز ئەتراپىغا سەرخىل ئادەملەرنى توپلاشتىن باشلىدى .كىم ئەقىلدە توشقان بولسا ئۇنى موھىم ئورۇنغا قويدى .كىم بىلىمدە كامالەت تاپقان بولسا ،ئۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئەزىزلىدى .بولۇپمۇ «قۇتادغۇبىلىك »تىن ئىبارەت مەنىۋى بايلىققا ئىگە بولغاندىن كېيىن ،ئۇ تېخىمۇ جاسارەتكە كەلدى ،ئالدىدىكى يالغۇزسىراش ،ئەنسىرەشلىرىگە خاتىمە بېرىپ ،يۈرەكلىك ھالدا ئىشلارنى تەرتىپكە سېلىشقا باشلىدى .ئۇ «قۇتادغۇبىلىك»تىكى مۇنۇ مەزمۇندىكى دەۋەتلەرنى قايتا-قايتا ئەسلەپ ئۆزىگە دەستۇر قىلماق بولدى :«ئادەم ئۈچۈن ھوشيارلىق ھەممىدىن موھىم ،بەلگىلىك ئىشىدا تېخىمۇ شۇنداق .ئەلنىڭ تەقدىرى ،سەلتەنەتنىڭ ئۇزۇن داۋاملىشىشى ئاشۇنداق ھوشيارلىققا باغلىق .بىغەم ئادەملەر غاپىل كېلىدۇ ،دۆشمەن باستۇرۇپ كەلسە ئاۋۋال غاپىللار ئۈلىدۇ .سەگەكلىك بىلەن دۆشمەن ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ ،پاراغەتتە ئەل سورىغانلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلا :ئەي جاھان سورىغۇچى ،ئەل سورايمەن دېسەڭ ئېھتىياتچان بول ،ئېھتىيات قىلماق شەرىئەت ھۆكۈمىدىمۇ بارغۇ ؟بىخۇدلۇق ئەلگە ئاپەت ،ھوشيارلىق ئەلگە سائەدەت كەلتۈرىدۇ .ئەلنىڭ بەختى بەگنىڭ بەختى. . .بەگىلىكنىڭ ئاساسىي تۈزلۈك ،دۇرۇسلۇق ئۈستىگە قۇرۇلغان ،دۇرۇس نەرسىلەر ئىگىلىدىغان بولسا قىيامەتنىڭ قايىم بولغانلىقى شۇ .ئادالەت سۇ ،ئۇ نەگە بارسا نېمە ئۈنىدۇ ،زۇلۇم ئوتتۇركى ئۇ نەدە تۈتۈن قوپۇرسا شۇ يەرنى قۇرۇتىدۇ .ئادالەتلىك خان ئىشلارنى ئادىللىق بىلەن بىجىرىدۇ ،كىشىلەرنى يۇقىرى ،تۆۋەن ،بەگ قۇل دەپ ئايرىمايدۇ ،قانۇن خەنجەر مەسەللىك بولىدۇ ،ھەرقانداق دەۋانى كېسىپ ،كېسىپ بىجىرىدۇ ،ھۆكۈم ۋاقتىدا ھەرگىز ئىككى خىياك بولمايدۇ .تۆرۈ ئالدىدا ئوغلى بولسۇن ،يېقىن تۇغقىنى بولسۇن ،يولۇچى ، مۇساپىر ۋە ياكى مېھمىنى بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش .دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئادالەت ، تۆرۈ چىقارغۇچى ئادىل بولسا ئاندىن ھاياتلىق بولىدۇ ،ئادىل بەگلەر بىزگە شۇنى تەۋسىيە قىلغان :دۆلەتنىڭ ھۇلى ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ،ئادالەت -يولى بەگلىكنىڭ ئاساسى .شۇڭا ،تۆرۈنىڭ تۈۋرىكى بولغان بەگ ئادالەت بىلەن ئەلگە ھۆكۈمرانلىق قىلسا ،ئاندىن تىلەك –ئارزۇسىغا يېتەلەيدۇ . . . ھەي ئىلىگ بۇ بەگلىكنى سەن ئۆزۈڭنىڭ خائىشى بويىچە تارتىىپ ئالمىدىڭ ،بايات سېنى ئۆز بەزىلىتى بىلەن تاللاپ ،ئەزىزلەپ بۇ بەگلىكنى ساڭا تاپشۇردى ،بۇنىڭغا شۈكرى قىل ،دىلىڭنى تۈز ، ئۈزۈڭنى پاك تۇتۇپ باياتقا سېغىن ،خەلىققە ئادىل ،مېھرىبان بول ،ھاۋايى-ھەۋەسلىرىڭنى ئەقىل بىلەن باسقىن ،ۋۇجۇدۇڭنىڭ ساغلام بولىشىنى خالىساڭ ھەۋەسنىڭ بوينىنى كەس ،ئەقلىڭ نەپسىڭدىن غالىپ كەلسە ۋۇجۇدۇڭ ئەگرىلىكتىن خالىي بولىدۇ .ھاۋا نەپسىنىڭ ھەر ئىككىلىسى دىن ئوغرىسىدۇر ،شۇڭا ،ھەرگىز ئۇنىڭغا قۇل بولۇپ قالمىغايسەن . . . ھەي ئىلىگ خەلىقنىڭ ھەممىسى ئاغرىق ،ئۇلار باياتنىڭ ساڭا تاپشۇرغان ئامانىتى ،سەن ئۆزۈڭنى ئۇلارنىڭ تېۋىپى دەپ قارا ،ئۇ كېسەللەرنى ياخشى پەرۋىش قىلىپ ساقايىتمىساڭ ئۇنىڭ ئۇۋالى ساڭا بولدۇ . . . ». 0Q ?P0H=y  
   ھەسەن تاۋغاچ بۇغراخانغا بۇ ئەسەر ھاياتىدا ئېرىشكەن ئەڭ قىممەتلىك سوۋغاتلاردىنمۇ ،ھەتتا تاج-تەخىتتىنمۇ بۈيۈك بىلىندى .«تۈركىي تىل بىلەن تېخى ھېچكىم بۇنداق پاسائەتلىك ۋە كامالەتلىك ئەسەرنى يېزىپ باقمىغان »دەپ ئويلىدى ئۇ. يۈسۈپ بالاساغۇنى ئۇنىڭ نەزىرىدە ناھايىتى يۈكسەك ۋە ئالىيجاناپ ئوبراز بولۇپ ،گەۋدىلەندى .«مەن تۈگىمەس ۋە يوقالماس بايلىققا ئېرىشتىم »دەيىتتى ئۇ زوقمەنلىك بىلەن ئەسەرنىڭ ھەربىر سەھىپىسىگە قاراپ ،مېنى مەڭگۈلۈك خەزىنىگە ئىگە قىلغان بۇ زاتقا ،ئەجىرسىگە ،ساداقىتىگە ۋە پاراسىتىگە مۇناسىپ ئورۇن بەرمەسلىك بەگلىك ئۈچۈن بىر خورلۇق ».بىراق ،بۇغراخان بۇ خۇسۇستا خېلى كۆپ ئويلاندى ،يۈسۈپنىڭ ئىقتىدارىنى قايسى ئورۇندا ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغۇرلۇق باش قاتۇردى .يۈسۈپ بالاساغۇندىكى دىۋان مەھكىمىسىدە ناھايىتى ياخشى ئىشلىگەنىدى .دۆلەتنىڭ ئوبرازى ،ئىلىگنىڭ نام ئابرۇيى جازا مەھكىمىسىنىڭ ئىشلىرىنىڭ ياخشى باشقۇرۇلۇشىغا باغلىق ،ئۇ دۆلەتنىڭ گىر تېشى ،تۆرۈ تارازىسىغا خىيانەت قىلسا ئەل خاراپ بولىدۇ . rPc_tiV  
   بۇغراخان يۇقىرقىلارنى بىر قۇر كۆز ئادىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن كۆڭلىدە بىر قاراغا كەلدى .ئارقىدىن تابۇغباشنى ھوزۇرىغا چاقىرىتتى ۋە ئۇنىڭدىن : *47N%i"ze  
-ئەتىكى تارتۇقلاش ۋە مەرتىۋىگە قويۇش ئىشى ،ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولدىمۇ ؟-دەپ سورىدى بۇغراخان ئەمىر كۈتۈپ تۇرغان تابۇغباشتىن . s8@\#$  
   -ئالىيلىرى ،ھەممىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم ،شەھەرنىڭ يەتتە يېرىگە داشلار ئېسىلىپ ئاۋامغا بېرىلىدىغان ئاشقا تەييارلىق قىلىندى .ئايماقلاردىن تاللانغان پالۋانلار ،چەۋەندازلار ۋە مەرگەنلەر ،تۆھپىكارلار ھازىر بولدى ،ئۇلارنىمۇ سارايلارغا ياخشى ئورۇنلاشتۇردۇق .جاكارچىلار شەھەر رەستىلەردە جاكارنى باشلىۋەتتى .پۈتۈن پۇخرالار ئالىيلىرىنىڭ ھىممىتىگە تەقەززا . EVe=a_`  
   نورۇزنىڭ 9- كۈنى .شەھەر رەستىلىرى سەھەردىلا پاكىز تازلىنىپ ،سۇ سېپىلىپ ئېرىغدالدى .كوچا –كوچا ،مەھەلە-مەھەلىلەردىكى كېلىن –قىزلارمۇ جامائەت نامازدىن يانغۇچە ئىشىڭ ئالدىنى چىنىدەك تازلىشىپ ،ئۆينى –ئۆيگە ،مەھەلىنى –مەھەلىگە ئۇلاشتۇرۇپ يېڭى قىياپەتكە كىرگۈزدى .بامداتتىن كېيىن ،ئاتلىق ۋە پىيادە جاكارچىلار شەھەر رەستىلەرنى ئايلىنىپ ئەلگە ئامانلىق تىلەشتى ،بۇغراخاننىڭ ئەدىلى ئادالىتىگە ،پۇقراپەرۋەرلىكىگە تەڭرىدىن رەھمەت تىلەشتى ،ھەمدە ھۆدەيچىلەر : hQN)!qQ  
-ھەي ئەھلى جامائەت ،ئۇلۇغ خاقانلىقىمىزنىڭ ئامۇخاس بۇخرالىرى ،سېخىي خاقانىمىز بۇغراخانىنىڭ ئەمىرى ،كۆكلەم بايرىمىنى ئۇزىتىش مۇناسىۋىتى بىلەن كاتتا تارتۇقلاش ۋە مەرتىۋىگە قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ ،شەھەرنىڭ يەتتە يېرىدە جامائەتكە ئاش تارتىلىدۇ ،ۋاقىپ بولغايسىلەر .خاقامىمىزنىڭ ھىممىتىگە دۇئا قىلغايسىلەر ،دەپ جاكارلاشتى . NQ/UE9OL  
   سەھەردىلا شەھەر قوۋۇقلىرى داغدام ئېچىۋېتىلدى .تەرەپ –تەرەپتىن ئادەم ئېقىمى توققۇز قوۋۇقتىن شەھەرگە سەلدەك ئاقماقتا ئىدى .ئادەم ئېقىمى ئوردا ئالدىدىكى كەڭرى ھېتگاھ مەيدانىغا توپلىنىشماقتا .مۇنار ئۈستىدە ناغرا سۇنايچىلار شادلىق كۈيلىرىنى ئەۋجىگە چىقارغىلى تۇردى .شوخ ساماچىلار ئۆزلىرىنى تۇتالماي گۈپۈلدەپ ساما ئۇسۇلىغا چۈشتى .ساماچىلارنىڭ بىرى ئوڭغا ،يەنە بىرى سولغا ئايلىنىپ پىلدىڭلاپ بىر رېتىمدا ئوينىشى بىر تەرەپتىن ئۆملۈك ۋە ھەمدەملىكنىڭ كۈچ قۇدۇرىتىنى نامايەن قىلسا ،يەنە بىر تەرەپتىن پەلەكنىڭ بىرىدە ئوڭ بىرىدە سول ئايلىنىپ تۇرۇدىغان قىسمەت غىلدىرىكىنى ئەسلىتەتتى . oj5'FN<{  
   مەيداننىڭ غەرىپ تەرىپىگە ھېتگاھ جامائەسىگە يۆلەپ شەرىقكە قارىتىپ تەخىت راسلانغانىدى .توققۇز قوۋۇقنىڭ ئۈستىدىن تارتىپ ئوردا ئۆگۈزلىرىگىچە ھەرخىل رەڭدىكى تۇغلار قادالغان .سەھنىگە راسلانغان تەخىتنىڭ ئىككى تەرىپىدە ساۋۇت دۇبۇلغىلارنى كىيىشىپ ،قىلىچ –نەيزە تۇتقان ياساۋۇللار سەپ تارتىپ تىزىلىشقانىدى ،بىر ھازادا چەۋەندازلار ئارغىماقلىرىغا مىنىپ ،تاللانغان ئوقياچىلار ياراغلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ،چېلىشچىلار بەلباغلىرىنى باغلىشىپ سەھنىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تەق بولۇپ تۇتۇشتى . dq$XNst3]'  
   -ھەي ئەھلى جامائەت ،ئۇلۇغ بۇغراخاننىڭ پۇخرالىرى ،تەڭرى ئەزىز كۆرگەن ۋە بىزگە باشپاناھ قىلغان ئادالەتلىك خاقانىمىز بۇغراخان ئەبۇئەلى ھەسەن ئالىيلىرى خانلىقىمىز تەۋەسىدىكى بارلىق پۇخرالارغا سالام يوللايدۇ ،-دەپ جاكار قىلدى پىشقەدەم ئۇلۇغ خاش ھاجپ بەگتاش . MGAA H?L  
     مەيداندىكى كىشىلەر گۈررىدە تەۋرەپ نەزىرىنى تەخىت تەرەپكە ئاغدۇرۇشتى .ياغاچتىن قۇرۇلغان توققۇز پەلەمپەيلىك تەخىتنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان كۈمۈشتىن ياسالغان ئۈچ پۇتلۇق كۇرۇسنىڭ ئۈستىدە ئاسماندىن چۈشكەن پەرىشتىدەك بىر نۇرلۇق سېيما پەيدا بولدى ئۇ شاھانە تونلارنى كىيىپ ،بېشىغا ئەنئەنە بويىچە ئالتۇندىن ياسالغان ،زۇمرەت رەڭلىك گۈھەردىن كۆز قۇيۇلغان شاھلىق تاجىنى كىيىپ ھازىر بولدى .بۇغراخاننىڭ سول قولىىنىڭ ئوتتۇرا بارمىقىدىكى گۆھەردىن كۆز قۇيۇلغان ئۈزۈكىمۇ يۇلتۇزدەك جۇلالىناتتى . y5\v'D  
-شاھىمىزنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن ،مۇبارەك تەنلىرى ئامان بولسۇن ،سەلتەنەتلىرى مەڭگۈ داۋاملاشسۇن ،-دەپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈشتى مەيدانغا ھازىر بولغان ئەل –جامائەت . QFkVPrn)$  
   بۇغراخان ئۈچ پۇتلۇق كۇرۇستىن تۇرۇپ ئەل جامائەتنىڭ سالىمىنى ئىلىگ ئالدى : 3-Nc6YW  
-ھەر قايسى يۇرىت ئايماقلاردىكى ئەمىر بەگلەر ،ئەلەمدار ۋە قەلەمدار بەگلەر ،پۇقرالىرىم ،كۆكلەم بايرىمىڭلارغا قۇتلۇق بولسۇن .ھەممىمىزنى تەڭرى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن . 0Oh+w0bY  
-ئامىن ،ئامىن . . . –مىڭلىغان ئاۋازلارنىڭ «ئامىن» ساداسى ئەرىشكە يەتتى . Q VT x`I\  
ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلۇغ ھاجىپ مۇراسىمنىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە ،چەۋەندازلار ،پالۋانلار ،مەرگەنلەرنى بۇغراخاننىڭ نەزىرىدىن ئۆتكۈزۈشكە بۇيرۇدى .ئۇ باھادىرلار سەپ بولۇپ تەخىتنىڭ ئالدىدىن ھەيۋەت بىلەن ئۆتۈشتى .ئارقىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ،ئوقياچىلار ھالقىدىن ئوق ئۆتكۈزۈش ماھارىتىنى كۆرسىتىشتى .بىر مەيدان چېلىشىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ،ماھارەت كۆرسىتىلدى ئاندىن تارتۇقلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ ،ھەربىر باھادىرغا بۇغراخان ئىنئام قىلغان تونلار كىيگۈزۈلدى ،ھەربىر پالۋانغا 50دەرھەمدىن 100دەرھەمگىچە ئاقچا مۇكاپات بېرىلدى . LoX()M  
   باھادىرلار مۇكاپاتلىنپ بولغاندىن كېيىن ،ھەر قايسى ئايماقلارغا قويۇلغان ،ئۆستۈرۈلگەن ۋە ئالماشتۇرۇلغان ئايماق باشلىرىنىڭ ئىسىملىرى ئوقۇپ ئۆتۈلۈپ ،ئۇلارغا ئەمەلدارلىق تونلىرى كىيگۈزۈلدى . vm}>~Oai  
  -ھازىر بۇغراخان ئالىيلىرى ئوردىغا تەيىنلەنگەن ۋە تولۇقلانغان ئەمىرلەرنى مەرتىۋىگە قويۇش ئەمىرىنى چۈشۈردى ،-دەپ جاكارلىدى خاس ھاجىپ . V}aKe C  
بۇغراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئۇرنىدىن تۇرۇپ يارلىق چۈشۈردى .ئۇ بىرەيلەننى سوباشلىققا «قوشۇن قۇماندانلىقىغا »،بىرەيلەننى خەزىندارلىققا ،يەنە بىرەيلەننى ئاشباشلىققا تەيىنلىدى .بىر قانچە كىشىنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى جاكارلىدى .ئارقىدىن : $!KE# 
-يۈسۈپ بالاساغۇنى سەھنىگە ھازىر بولسۇن ،-دەپ جاكارلىدى . {;td0/i|  
    -ئۇلۇغ بۇغراخاننىڭ ئەمرى ،يۈسۈپ بالاساغۇنى سەھنىگە ھازىر بولغاي .بۇ جاكار بىلەن تەڭ سانجاق –سانجاق كىشىلەر بىلەن قاپلانغان ئادەملەر توپى ئارسىدىن ئۆتۈپ مەغرۇر قەدەم تاشلاپ كېلىۋاتقان يۈسۈپكە ھەممىنىڭ دېققىتى مەركەزلەشتى .كۆزلىرىدىن ئىشەنىچ ۋە ئۈمىد نۇرى چاقناپ تۇرغان ،مەڭزىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان ،يارىشىملىق ساقال –بۇرۇتلىرى ئەرلىك سالاپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان ئوتتۇرا بوي بۇ ئادەم بەخىت پەرىشتىسىدەك ئەل –جامائەتنىڭ ئارسىدىن ئۆتۈپ ،نەيزە قالقانلار بىلەن ئىككى ياندا رەتلىك سەپ تارتىپ تۇرغان ياساۋۇللارنىڭ ئالدىدىن يۈرۈپ تەخىتكە قاراپ يېقىنلاشماقتا ئىدى .ئوردىنىڭ ۋەزىر –ۋۇزرالىرى ،قەلەمدار ۋەئەلەمدار بەگلەر گىلەم سېلىنغان چوڭ سۇپىدا ھازىر ئىدى .يۈسۈپ تەخىتكە يېقىنلاشقاندا جاكارچى خەۋەر قىلدى : xe2K;>gJ  
-  خاقانىمىزنىڭ ئەمىرى بىلەن يۈسۈپ بالاساغۇنى ھازىر بولدى . ZS;$v\f  
يۈسۈپ بالاساغۇنى ھەسەن بۇغراخان ئولتۇرغان تەخىتتىن 9قەدەم نېرىدا توختاپ ،قولىنى كۆكرىكىگە ئېلىپ ئىگىلىپ سالام بەردى : yO)Seg7'  
-ئەلنىڭ باشپاناھى ،ئادالەتلىك ئىلىگكە بايات يار –يۆلەك بولسۇن ،قۇللىرى ئەمىرلىرىگە تەييارمەن . 7#H)UaXE  
بۇغراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەن يۈسۈپنىڭ سالىمىنى ئۇرنىدىن تۇرۇپ قوبۇل قىلدى . ,oYU0ts  
   -خاقانىمىز ئەزەلدىن قابىليەت ئىگىلىرىنى قەدىرلەپ كەلگەن ،ئۇلارغا تېگىشلىك ئورۇن بېرىشنى دۆلەتنىڭ موھىم قانۇنى قىلغان ،چۈنكى ، دۆلەت ساداقەتمەن ۋە قابىليەتلىك كىشىلەر بىلەن روناق تاپىدۇ .يۈسۈپ ساداقەتمەنلىكتە ئۈلگە ،ئەقىل –پاراسەتتە نەمۇنە بولالايدۇ .شۇڭا ،مەن ئۇنى تۆرۈ<قانۇن > ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ھاجىپلىققا تەيىنلىدىم . )HY%,_99|&  
جاكارچىلار بۇغراخاننىڭ ئەمىرىنى يەتكۈزگەندە ئەل –جامائەت تەۋرەپ كېتىشتى .ئوردا ئەھلىمۇ بۇنىڭدىن ھەيران بولۇشتى . Frq^,"I  
يۈسۈپكە ئەمەل تونى كىيگۈزۈلسۇن . #tj;P~6  
   تابۇغباشى پەتنۇسقا قويۇلغان بىر قۇر زەرلىك تون ۋە ئالدى تەرىپىگە ھاجىپلىقنىڭ نىشانىسىنى كۆرسىتىدىغان كۆز قۇيۇلغان باش كىيىم قويۇلغان بىر يۈرۈش كىيىمنى ئېلىپ كەلدى ،بۇغراخان تەخىتتىن چۈشۈپ ،ئۆز قولى بىلەن يۈسۈپكە توننى كىيگۈزدى ۋە قۇچاقلاپ كۆرۈشكەندىن كېيىن ،يۈسۈپنىڭ قولىدىن تۇتۇپ توققۇز پەلەمپەيلىك تەخىت ئۈستىدە ئورۇنلاشتۇرغان ئۈچ پۇتلۇق كۇرۇسنىڭ يېنىدا ھازىرلانغان ئورۇندا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىندى . J=nKT~b|  
    بۇ خىل زور ئىلتىپاتتىن تەسىرلەنگەن خەلىق «ئامىن ،ئامىن » دەپ بۇغراخانغا دۇئا قىلىشتى ،بەزى ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ خىل زۇر ئىمتىيازغا نىسبەتەن بىر ئاز قىسلىقى كېلىشتى . E$&43Eu  
   بۇ خاسىيەتلىك مەرىكىنى تەبىرىكلەپ سۇناي ۋە ناغرىچىلار ئەلنەغمىنى باشلىۋەتتى ،كىشىلەر ھاياجان بىلەن ئۇسسۇل ۋە ساماغا چۈشۈپ تەنتەنە قىلىشتى .
#*v0Is_`?  
Dd M &(K  
موھىم ۋەزىپە
f9P  
    يۈسۈپ ئۇردۇكەنىتتە ھاجىپلىق ئورۇندا ئولتۇرۇپ قاراخانىيلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرى سۈپىتىدە ئىشقا كىرىشىپ كەتكىلىمۇ بىر قانچە ئاي بولدى ئۇ بۇ جەريانىدا تۆۋەندىن داد ئېيتىپ كەلگەن نۇرغۇن پۇقرالارنى قوبۇل قىلىپ خېلى كۆپ ئەرىزلەرنى تاپشۇرۇپ ئالدى .بەزلىرىنى شەرئى مەھكىمىسىگە ھاۋالە قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىنىجىتتى ،بەزلىرىنى ئۆزى قول تىقىپ ئىشلىدى ،بەزلىرىنى بۇلۇق ئۇلۇغ خاس ھاجىپ ئارقىلىق بۇغراخانغا مەلۇم قىلىپ ،كېڭەش بىلەن بىر تەرەپ قىلدى .ئۇ بۇغراخان تەقدىم قىلغان خانلىق ئېتى بىلەن ۋىلايەت ۋە ئايماقلارغا چۈشۈپ مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ،نۇرغۇن نامۇۋاپىق ئەھۋاللارنى بايقىدى ۋە تەرتىپكە سالدى . +{D<"Q  
   بىر كۈنى ھەسەن بۇغراخان قاراخان يالغۇز ئولتۇرۇپ ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن سىردىشىشنى دىلى تارتىپ قالدى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنى خاس ئۆيىگە ئۈندىدى .يۈسۈپ خاس ھاجىپ قوۋۇقچىباشنىڭ ھەمراھلىقىدا بۇغراخاننىڭ يېنىغا كىردى . Ta1@|+*f)  
    يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوردا قائىدىسى بويىچە بۇغراخانغا سالام بەرگەندىن كېيىن ،ئىككى پۇتىنى جۈپلەپ ،ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ،قول باغلاپ تۇردى .بۇغراخان يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى ،بۇغراخاننىڭ خاس ئوغلانى ئورۇن راسلاپ بەردى . )\O?Et[2  
-سىزنى شاھمات ئويۇنىغا بەك ماھىر دەپ ئاڭلىغانىدىم ،-دېدى بۇغراخان تەبەسسۇم بىلەن ،-بىر ئىككى قول شاھمات ئوينۇغۇم كېلىپ قالدى . ?Q)RAF>  
-ئالىيلىرى ،مەن نەچچە يىلدىن بېرى ،شاھمات ئويناپ باقمىدىم .بۇ جەھەتتە ئالىيلىرىدىن كۆپ تەلىم ئالسام بولىدۇ . @M7G_OXG  
   ئاڭغىچە ئوغلان ئىشكەم دەپ ئاتىلىدىغان پۇتسىز بىر كىچىك شىرەنى ئېلىپ كېلىپ بۇغراخاننىڭ ئالدىغا قويدى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە شاھمات تاختىسىنى قويۇپ ،بىر نەقىشلىق ساندۇقچىدىن كۈمۈشتىن ياسالغان شاھمات تاختىلىرىنى ئېلىپ تىزدى .بۇغراخان يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئىشكەمنىڭ يېنىغا كېلىشكە ئىشارە قىلدى . Q512N"o>  
شاھمات باشلىنىپ بىر قانچە ئۇرۇق ماڭا –ماڭمايلا بۇغراخان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تۇرمۇشى توغرىسىدا سۆز ئېچىپ قالدى .بۇنىڭدىن بۇغراخاننىڭ مەقسەتلىك ئۈندىگەنلىكىنى بىلدى . y`]iq b"v  
   -ئويلىسام ،ئالدىراشچىلىقتا ،سىزنىڭ ئائىلە ئىشلىرىڭىزنى ئۇنتۇپلا قاپتىمەن ،-دېدى بۇغراخان ،قولىدىكى توپ ئۇرۇقىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ،-سىزمۇ ئىشقا بەك بېرىلىپ كەتتىڭىز ،بىراق بالا –جاقىلىرىڭىز يەنىلا قۇز ئوردىدا .ھازىر ئىشلار خېلى ئىزىغا چۈشتى ،مەن ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم ،بالا –جاقىلىرىڭىزنى ئوردۇكەنىتكە ئېلىپ كەلسۇن . -1:4d+;D  
-    ئالىيلىرى ،ئىلتىپاتلىرىغا كۆپتىن –كۆپ رەخمەت ،مەنمۇ مۇشۇ ئىشنى ئويلىغان ،ئالىيلىرى خۇددى كۆڭلۈمگە كىرىپ چىققاندەكلا بۇ گەپنى ئېچىپ قالدىلا ،-دېدى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەمنۇنلىقىنى ئىزھار قىلىپ ،-ئەگەر ئۇنداق بولسا ،ئۆزۈمنىڭ بېرىپ كېلىشىگە ئىجازەت بەرگەن بولسىلا ،چۈنكى بۇ ئىش خۇسۇسىدا ئالىيلىرىغا دەيدىغان يەنە بىر ئۆتۈنۈشۈم بار ئىدى . Uu"/I !  
    بۇغراخان ،يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كۆزىگە قاراپ ،باش ئىشارىسى ئارقىلىق «نېمە ئىش ئىدى،ئېيىتقىىن »دېگەن بىشارەتنى بەردى . fM.jo\  
   -بۇ ئىش مېنىڭ شەخسىي ئىشىم بىلەن مۇناسىۋەتسىز ،مەن ئالىيلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ ،بىر ئۆتۈنۈشۈمنى تىلىمەكچى .ئالىيلىرى پاك ،ساداقەتمەن ئىقتىدار ئىگىلىرىنى قەدىرلەۋاتىدىلا .نۇرغۇن ئىلىم ئىگىلىرى ئالىيلىرىنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىشكە ،ئالىيلىرىنىڭ قۇللىقىنى قىلىشقا تەقەززا .بىراق ،قۇز ئوردۇ تاغلىرىدا ئىسىتقامەت قىلىۋاتقان ،ئالىيلىرىغا كېرەكلىك بىر زات بار .گەرچە ئۇ زات ئالىيلىرىغا ھەرقانچە ئۈمۈت ۋە ئىشەنىچ بىلەن قارىسىمۇ ،ئۆز ۋاقتىدا ئوردىدىن ئازار يىگەنلىك سەۋەبىدىن ،ھاياتىنى تەرىك ئېيتىپ ،نەچچە يىللاردىن بېرى ،نەچچە ئونلىغان مۇخلىسلىرى بىلەن زاھىتلىق يولىنى تۇتقان .ئۇ بەك بەزىلەتلىك ،دىلى ئويغاق ،ئۆزىنى ياخشىلىققا ئاتىغان ،ئىلىم بابىدا كامالەت تاپقان ،ئۆز زامانىمىزدىكى سەرخىل كىشى ئىدى ،ئەگەر ئۇ زاتنى ئېلىپ كېلىپ بىرەر موھىم ئىشقا قويغان بولسىلا ،بىر ئۈلۈش كۈچ بېرەتتى . svc)%7J,<  
   -بۇ ئۆتىنىشىڭىز بەك ياخشى بولدى ،مەن مانا شۇنداق ئادەملەرنى ئىزدەپ يۈرۈيمەن ،ئادەم بىلىملىك بولسىلا بولمايدىكەن ،ئەقىل –پاراسەت ۋە ساداقەتمەنلىك موھىم ئىكەن .ئۇ كىشىنى ئېلىپ كېلىشكە كىمنى بۇيرۇساق ،ئۇ زاتنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ ؟ sKAGp"g  
-بۇ ئىشنى ماڭا تاپشۇرسىلا ،مەن قۇز ئوردۇدىكى چاغدا ئۇنىڭ بىلەن بىر قانچە قېتىم پاراڭلاشقانىدىم ،گەرچە ھەددىم بولمىسىمۇ ،قايتىپ ئەل ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇشىنى ئۆتۈنگەن بولساممۇ ئۇنىمىغانىدى ،بۇ نۆۋەت يەنىلا ئۆزۈم بېرىپ دەۋەتلىرىمنى يەتكۈزسەم ،بەلكىم قوبۇل قىلىپ قالار ،دېگەن ئۈمۈتتىمەن .بىراق ئالىيلىرى ئۆز نامىدىن بىر پارچە مۇبارەك بىتىك يېزىپ بەرگەن بولسىلا ،مېنىڭ مىڭ ئېغىز ۋەز ئېيىتقىنىمدىنمۇ ياخشى رول ئوينايىتتى . jvNnu"  
   -ئىشنىڭ ئىلاجى شۇنداق بولىدىغان بولسا ،يېزىپ بېرەي .بىراق مەكتۇپقا ھەممىنى يېزىپ بولغىلى بولمايدۇ ،قالغان ئىشلارنى ئۆزىڭىزنىڭ ماھارىتىگە تايىنىپ ھەل قىلغايسز . x[st:e|k  
   ئوغلان دۈۋەت ،قەلەم ۋە قەغەز كەلتۈردى .بۇغراخان بىتىك يېزىپ بولۇپ ،ئەستايىدىل ئوراپ مۆھرىنى باسقاندىن كېيىن يۈسۈپ خاس ھاجىپقا سۇندى ۋە : L@t@$$T  
-ئۇنداق بولسا ،بۇ ئىشنى ئۆزىڭىزگە تاپشۇردۇم ،قانداق زۆرۈر گەپ –سۆزلەر بولسا دەپ،قىلىشقا تېگىشلىك قانداق ئىشلار بولسا قىلىپ ،ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىشكە تىرىشقايسىز ،بۇ گەپنى ئۆزىڭىز چىقاردىڭىز ،ھەرگىز قۇرۇق قول قايتىپ كەلمىگەيسىز . k'+a1DPd  
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇغراخانغا سالام بەجا كەلتۈگەندىن كېيىن ،مەكتۇپنى ئېلىپ ئوردىدىن چىقتى ۋە سەپەر تەييارلىقىنى قىلشى ئۈچۈن ئوغلان كەلتۈرگەن ئاتقا مىنىپ ئۆيگە قايتىپ كەتتى . 1d6z + i )  
    يۈسۈپ خاس ھاجىپ قۇز ئوردۇغا بېرىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ۋە دوسىت بۇرادەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى .بىر –ئىككى كۈن قۇتلۇقلاپ كەلگەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى .تۆتىنچى كۈنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزى بىلەن بىرگە كەلگەن خاس ئوغلاننى ئەگەشتۈرۈپ ،زاھىت توغرۇل ئەرۇڭقاشنىڭ ئېتكاپگاھىغا كەلدى .ئۇلارنى توغرۇلنىڭ يېنىغا باشلاپ كىردى . ?PBqLHRpD  
   ئىككى يىلدىن بېرى كۆرۈشمىگەن بۇ دوسىتلار قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى ،ۋە تىنىچلىق ئامانلىق سوراشتى ،توغرۇل يۈسۈپنىڭ خاس ھاجىپ بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى .بۇنىڭدىن توغرۇلنىڭ ئۆزى تاغدا بولسىمۇ ،كۆڭلىنىڭ يەنىلا ئەل –يۇرۇتتا ئىكەنلىكىنى ۋە ھارقاچان ئەل –يۇرۇتنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى . O]rPzH'6  
   -ئۆزۈم ئوردىدا بولساممۇ ،ھەر قاچان سىزنىڭ غېنمىڭىز كۆڭلۈمدە ،بىر ئىۋەنسىز گۆھەرنىڭ ئەمەل ۋە تۆھپىسىز ئۆمرىنى بىھۇدە ئۆتكۈزىۋاتقانلىقى قەلبىمنى تاتىلاپ كەلدى .قارىسام بىرئاز جۈدەپ قاپسىز ،بىراق ئىرادىڭىز پۈكۈلمىگەندەك تۇرۇدۇ.كۈنلىرىڭىز قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ ؟ /F+{,aB:n  
-ئادەمگە نىسبەتەن سېمىزلىك بىر ئاپەت ،تەقۋادارلىقنىڭ يولى ،تەننى ئورۇقلىتىپ ،روھنى كۈچلەندۈرۈش . _8j}bNt*<  
    -   ئەي قەدىرلىك دوستۇم ،سىزنى كۆرۈپ كۆزلىرىم روشەنلەشتى ،سالامەتلىكىڭىزنى كۆرۈپ دىلىم يورىدى .بىراق ،ئىشنىڭ يەنە بىر تەرىپىمۇ بار ،ھەقىقىي دىن يولى زاھىتلىق ئەمەس ،بەلكى ئۆزىنىڭ نەپسىدىن كېچىپ ئەلنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن جان تىكىش .ئەل سىزگە تازا مۇھتاج بولىۋاتقان ئەلدىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇپ خىلۋەتكە كىرىۋالسىڭىز تەڭرى بۇنى راۋا كۆرەمدۇ .بايات بىزگە ئىلىمنى ئەلنى روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن بەرگەن ،ئەقىلمۇ باياتنىڭ نىممەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش ۋە ئۇنى شۈكرىسىنى قىلىش ئۈچۈن ئاتا قىلىنغان .باياتنىڭ «ئى مۆمىنلەر !ئاللا سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلماڭلار » دېگەن ئەمرىدە مانا مۇشۇنداق تەركىدۇنيا بولۇش ئارقىلىق ھالالنى ھارام قىلىش نەزەردە تۇتۇلغان ئەمەسمۇ ؟بايات ئۈچۈن بەندىلەرنىڭ بىلىملىك بولۇش ،نادان بولۇش ،تەقۋادار بولۇش ،ياكى كۇفۇرلۇق بىلەن شۇخۇللىنىشنىڭ پەرقى نېمە ،بەرىبىر ئۆزىڭىزنىڭ بۈيۈكلىكىنى يوقاتمايدۇ .بىراق ،تەڭرىنىڭ يولىنى تۇتۇش ،باشقىلارغا ياردەم بېرىش ،مەنپەئەتلىك ئادەم بولۇش بەندىنىڭ تەڭرى ئالدىدىكى مۇقەددەس بۇرچى ئەمەسمۇ ؟تەڭرىنىڭ رەھمىتىگە تەركىدۇنيالىق بىلەن شۈكرى ئېيتىپ بولغىلى بولامدۇ ؟ vw#=[)z7  
  زاھىت توغرۇل يۈسۈپ خاس ھاجىپنىىڭ قەتئىي تەلەپپۇزلىرىدىن بۇ قېتىم بىكار كەلمىگەنلىكىنى ھېس قىلدى ۋە : a;!1J0T1Yr  
-قارىغاندا ،بۇ قېتىمقى مېنى زىيارەت قىلىش مۇددىئايىڭىز باشقا ئوخشايدۇ ،قېنى ئوچۇقراق گېپىڭىزنى ئېيىتقايسىز ،-دېدى. /fRX1d  
يۈسۈپ خاس ھاجىپ يېنىدىن بۇغراخاننىڭ مەكتۇپىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا ئۇزاتتى .زاھىت توغرۇل مۆھۈرلەنگەن خان مەڭتۇپىنى قولىغا ئېلىپ ،پىچەتنى ئېچىپ مەكتۇپنى ئوقۇدى .مەكتۇپنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى : ># I68k  
«سۆزۈمنى ھەممىدىن قۇدرەتلىك ،تەڭدىشى يوق ،يىگانە باياتنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن .قۇدىرىتى چەكسىز باياتقا مىڭ مەرتىۋە مەدھىيلەرنى ئوقۇيمەنكى ،ئۇ ئۆزىنىڭ چەكسىز مەرھىمىتى بىلەن بارلىق جانلىقلار ئۈچۈن رىزقى بەردى ،قۇدرەت كامالى كامالى بىلەن يالڭۇقىنى توپىدىن يارىتىپ ،ئۇنىڭغا روھ بەردى ،بارلىق مەۋجۇداتتىن قۇدرەتلىك ۋە ئەزىز قىلدى .ئۇنىڭ شۈكرىسىنى ئادا قىلىپ بولۇشتىن ئاجىزدۇرمىز . tH^z  
   ئەمدى مەندىن سىزگە سەمىمىي سالام .يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن تەرىپىڭىزنى ئاڭلاپ ،جانابىڭىزنى بىلەن كۆرۈشۈش ئىستىكى قەلبىمنى ئىگىلىدى .ئاڭلىسام ،زاماننىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى يۈدۈپ خىلۋەتتە ياشاۋېتىپسىز .قانداق خورلۇق ۋە ئەلەم كۈلپەتلەر سىزنى ھاياتتىن قول ئۈزۈشكە مەجبۇر قىلدى ؟ياكى تائەت ئىبادەت ئۈچۈنلا تاغقا چىقىۋالدىڭىزمۇ ؟ئەگەر كۆڭلىڭىز زاماندىن ئازار تارتقان بولسا يېنىمغا كەلگەيسىز ،مەن سىزنىڭ دىل يارىڭىزغا شىپا بولالايمەن ،مۇبادا ئىبادەت ئۈچۈنلا تاغقا چىقىۋالغان بولسىڭىز ،ئەڭ ئۇلۇغ ئىبادەت مانا مۇشۇ يەردىن تېپىلىدۇ .ئەمەلسىز مەنپەئەتسىز ئىبادەت پۈتۈنلەي بوشقا كېتىدۇ ،شۇنچە زور ئەجىر قىلىپ ئىلىم تۆرىگە چىقىپسىز .ئەمدى ئۇنى ئەجىر بىلەن ئورۇنلۇق جايغا ئىشلەتكىنىڭىز تۈزۈك .ئۇ يەردە ئىبادەتنىمۇ كامالىغا يەتكۈزەلمەيسىز ،ئىلىمىڭىزنىمۇ ئىشلىتەلمەيسىز .  >~j"i  
خىلۋەتتە قىلغان تائىتىڭىز ناماز ئوقۇماق بىلەن ،روزا تۇتماقتۇر ،بەلكىم .ئەگەر شۇنىڭغىلا تەمەننا قويۇپ ،باياتتىن رەھمەت كۈتىدىكەنسىز ،بايات ئۇنداق ئىبادەتنى قوبۇل قىلمايدۇ .تائەت دېگەن نام –ئاتاق ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئىش ئەمەس ،زاھىتلىق نامى ئۈچۈن تاغقا چىقىۋالغان بولسىڭىز بۇ شەيتاننىڭ دامىغا چۈشكىنىڭىزدۇر .تائەت دېگەننى يوشۇرۇن ھالدا پەقەت بايات ئۈچۈن قىلسا ،ئاندىن دۇرۇس بولىدۇ .بۇ يەرگە قايتىپ كەلگەيسىز ،مەن جانابىڭىزغا باياتنىڭ رازىلىقى،ۋە سىزنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتىڭىز ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرەي .تەڭرىنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئالدى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ بەختىنى كۆزلىگەيسىز ،تەرىدۇنيالىق بىلەن دېنىڭىزنىمۇ ،ئۆزىڭىزنىمۇ خاراپ قىلمىغايسىز .ئويلاپ كۆرۈڭ ئەگەر ھەممە ئادەم ئىبادەت قىلىمەن دەپ تاغقا چىقىۋالسا ،ھاياتلىق قانۇنىيىتىگە خىلاپ بولىدۇ ،ئىنسان بالىلىرىنىڭ يىلتىزى قۇرۇيدۇ .تەڭرى بۇنداق ئىبادەتكە مۇھتاج ئەمەس ،ئۆزىڭىزنىڭ بەندىلىكىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئەل ئارسىدا ئەجرى بىلەن ياخشى نام قالدۇرغىنىڭىز تۈزۈك .بايات بارلىق بەندىلىرى ئۈچۈن ئىككى دۇنيا ياراتتى ،بىرى بۇ دۇنيا ،يەنە بىرى ئۇ دۇنيا ،ئۇ دۇنيادا ھەم ئىككى ئۆي ياراتتى ،بىرىنىڭ نامى جەننەت ،يەنە بىرىنىڭ نامى دوزاخ .مىدىرلاۋاتقان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى تىرىكلىك ئۈچۈن بىر ئۆمۈر چاپسىمۇ ،ھەتتا تائەتنى تاشلاپ ،مال دۇنياغا كېكىرتىگىكىچە پاتسىمۇ ،يەنىلا باياتنىڭ ئۇجمىقى بوش قالمايدۇ.شۇڭا بايات بەندىلەرگە ئىككى كۆز ،ئىككى قۇلاق ،ئىككى پۇت،ئىككى قول بەردى .ئۇنىڭدىكى مەقسەت بىرىنى ئۇ دۇنياغا باقسۇن ،بىرىنى بۇ دۇنياغا دەپ. شۇڭا ،توغرا يولدىن ئاداشمىغايسىز تەڭرىنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمۈت ئۈزمىگەيسىز . $a5&8>As  
    ئەي دىلى روشەن كىشى ،ئەقىلىڭىزنى يۈگۈرىتىپ تەكلىپىمنى ئويلىشىپ كۆرگەيسىز ،بۇ مېنىڭ زورلىغىنىم ئەمەس ،ھەم ئۆزۈمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەس ،ئەلنىڭ مەنپەئەتى ھەم سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىز ئۈچۈن يۇقىرقى گەپلەرنى قىلدىم .ئەگەر سۆزلىرىمنى توغرا تاپسىڭىز ،قۇرۇق ھەۋەسنى تاشلاپ يېنىمغا كېلىپ تۇرغايسىز . 6N*v,F26  
سۆزۈمنى مۇشۇ يەردە توختىتاي ،قالغان گەپنى يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن ئاڭلارسىز ،سىزنىڭ توغرا يولغا كىرىشىڭىزنى كۈتۈپ ،جانابىڭىزغا سالامەتلىك ۋە ئامانلىق تىلەپ : ID`iD*  
ھەسەن بۇغراخان » Dja$m"  
   توغرۇل ئەرۈڭقاشى بۇغراخاننىڭ مەكتۇپىنى ئوقوپ ،بېشىنى ئىككى ئالقىنىنىڭ ئارسىغا ئېلىپ بىر ھازا ئولتۇرۇپ كەتتى .بۇ پۇرسەتتە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەقىقەت بىلەن يۇغۇرۇلغان سۆز تۇلپارىنى چاپتۇرۇپ ،ئۇنىڭ روھىغا تېخىمۇ تەسىر قىلدى :  ~e_(ro  
-ئۆزىڭىزنى ئۇنداق قىينىماڭ ،بۇغراخاننىڭ ئۈمىد –خاھىشى سىز ئۈچۈن پايدىلىق ،ئۇ سىزنىڭ ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشىڭىزغا سورۇن ھازىرلىماقچى ،ھەق يولىغا دەۋەت قىلماقچى .مېنىڭ ئارزۇيۇممۇ شۇ .بۇمۇ سىز ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت ،بۇدۇنيانىڭ بەخىت-سائادىتىگە مۇيەسسەر بولۇپ ،ياخشى نام قالدۇرۇپ كېتىش يامان ئىش ئەمەس .ئۇ دۇنياغا نېمىنى ئېلىپ كېتىسىز ،تەڭرى ھاياتلىقىڭدا نېمە ئىش قىلدىڭ دەپ سورىسا ،سەن ئۈچۈن خىلۋەتتە تائادەت قىلدىم ،دەپ جاۋاپ بېرەمسىز ،باياتنىڭ بەندىلىرىنىڭ تائادىتىگە مۇھتاج ئەمەسلىكىنى بىلەمسىز ،سىزنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىڭىز باياتنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش بولىدىغان بولسا ،مۇرۇۋۋەتلىك ئىشلارنى قىلىپ ،ئۇ دۇنيادىكى ئادىل تارازىدا ئېغىرراق كېلىشىڭىز كېرەك ئەمەسمۇ ئاخىر تۇغرۇل «قانداق قىلسان بولار»دەپ بېشىنى كۆتۈردى . JK0Ym@d(^W  
   -ئارىسالدا بولماڭ دوستۇم ،-دېدى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ،-مەنمۇ باياتنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ،بەندىلىك قەرىزىمنى ئاقلاش ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن .نۇرغۇن ۋاقتىمىز بېھۇدە ئۆتۈپ كەتتى .ئەگەر ئىنسان ھوشىنى بۇرۇنراق تاپقان بولسا ،،بايات ئاتا قىلغان شۇنچە بۈيۈك ئەقىل –پاراسىتى بىلەن ئاجايىپ ئۇلۇغ مۆجۈزىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولاتتى .بىرق ،نۇرغۇن ۋاقتىمىزنى غەپلەت بىلەن ئۆتكۈزىۋېتىدىكەنمىز ،كېيىن ئۆكۈنگەن بىلەن ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىكەن .مانا ھازىر يېشىمىز مەغرىبكە سۈرۈلدى ،ئۇزۇن قالماي ھاياتلىق قۇياشىمىز پاتىدۇ .شۇڭا تەۋۋەرۈك ھاياتىمىزدا ئەل ئۈچۈن قۇدىرتىمىز يەتكۈچە بىرەر ياخشىلىق قىلىپ ،ياخشى ئىزىمىزنى قالدۇرۇپ قويالىساق ،يۈزىمىز بۇ دۇنيادىمۇ ئۇ دۇنيادىمۇ يورۇق بولىدۇ . 92 FW[r  
شۇنچە زور تىرىشچانلىقلاردىن كېيىن زاھىت توغرۇل ئاخىرى بىر قارارغا كەلدى ۋە : auVXlFu  
-ئۇنداق بولسا ،سىز ھازىرچە قايتىپ تۇرغايسىز ،بۇ يەردىكى ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ،بىر ھەپتىدىن كېيىن سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە بارغايمەن ،قالغان ئىشلارنى شۇ چاغدا مەسلەھەتلەشكەيمىز ،-دېدى . f- k{I`  
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئىش بىلەن بىر ساۋابلىق ئىش قىلغاندىن سۆيۈنۈپ ،زاھىت توغرۇلنى قۇچاقلاپ خوشلاشتى . CTVpp'a{  
   بىر ھەپتىمۇ بولۇپ قالدى ،بۇ جەريانىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ قۇز ئوردىدىكى ئىشلىرىنى بىر ياقلىق قىلىپ ،ئائىلىسىنى كۆچۈرۈشنىڭ تەييارلىقىنى پۈتتۈرىۋالدى .ئايىغى ئۈزۈلمىگەن مېھمانداچىلىقمۇ يۈسۈپنى چارچىتىۋەتتى . y0W( i#-  
زاھىت توغرۇلنىڭ بەرگەن ۋاقىت مۆھلىتىمۇ توشقانىدى .شۇ كۈنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ خاس ئوغلانى ئىككى ئات بىلەن زاھىت توغرۇلنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئەۋەتتى ئۇلار ناماز شامدىن ئۆتكەندە كېلىشتى .يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغرۇلنىڭ شەرىپىگە قوي ئۆلتۈرۈپ چاي بەردى ،بۇ يەنە بىر تەرەپتىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ خوشلىشىش چېيى بولدى .زاھىت توغرۇل چاچ –ساقاللىرىنى ياسىتىپ ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاللىبۇرۇن تەييارلاپ قويغان بىر قۇر يېڭى كىيمىنى ئوچىسىدىكى زاھىتلىق تونىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇردى .بۇنىڭ بىلەن ئۇ ھاياتلىق سېپىگە قايتىپ كەلگەنىدى .
jT+e_t  
YlyL9T]nq  
Sf~b-Mw  
   يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن توغرۇل ئەرۇڭقاشنى ئېلىپ ئوردۇ كەنىتكە كېلىپ ئىككىنچى كۈنى ھەسەن بۇغراخانغا ئىشلارنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن ئەتىگەندە قوبۇلغا كىردى،ھەسەن بۇغراخان يۈسۈپنى قىزغىن كۈتىۋالدى ۋە ئىشلارنى سورىدى .ئالدى بىلەن توغرۇلنى ئېلىپ كېلەلىگەن ،كېلەلمىگەنلىكىنى سورىغاندا ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ : R?[%oQ,-  
-ئالىيلىرى ،ھەزرەتلىرى ئۇ زاتنى ئۇۋىسىدىن چىقىشقا چاقىرغاچقا ،پەرمانىغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولۇپ ،تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلدى . #~cxp <:  
-قېنى ئۇنداق بولسا ،ئۇنى ئېلىپ كىرىپ بىز بىلەن كۆرۈشتۈرگەيسىز ،-دېدى.بۇغراخان قىزىقىش بىلەن . `Fte+B8@6  
   ئەسلىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغرۇلنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ ،تاشقىرقى ئوردىدا قويۇپ ،بۇغراخانغا مەلۇم قىلىش ئۈچۈن كىرگەنىدى .شۇڭا ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ چىقىپ كېتىپ ھايال ئۆتمەيلا توغرۇلنى باشلاپ بۇغراخانىڭ خاس خانىسىغا كىرىشتى.توغرۇل بۇغراخانغا سالام بەردى ۋە رەسىم يۇسۇن بويىچە ئىككى پۇتىنى جۈپلەپ ،ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ قول باغلاپ يەرگە قاراپ تۇردى .بۇغراخان ياستۇققا يېنىچە يۆلىنىپ ئولتۇرغان يېرىدىن ئۆرە بولۇپ تىك ئولتۇردى ۋە ناھايىتى قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە ،توغرۇلنىڭ قىياپىتىگە بىر قۇر سەپسېلىپ چىقتى .كۆردىكى ،ياداڭغۇ ،ئوتتۇرا بوي بۇ ئادەمنىڭ ئانچە ئۇزۇن بولمىغان كەكە ساقىلى ،كۆزى ۋە يۈزىدىكى نۇرنى كۆردى .ئادەمنىڭ ئىككى كۆزى ۋەيۈزى قەلىبنىڭ دېرىزىسى دېگەندەك ،بىر ئادەمنىڭ كۆزى ۋە يۈزىگە بىر قاراش بىلەن ئۇ ئادەمنىڭ ئەقىل –پاراسىتى ۋە پەزىلىتى توغرىسىدا دەسلەپكى قەدەمدە تەسرات ئېلىش ئۈچۈن مۇئەيىيەن ئاساسقا ئىگە بولغىلى بولاتتى .شۇڭا، بۇغراخان ئۇلارنى ئولتۇرۇشقا ئىجازەت قىلدى .يۈسۈپ بىلەن توغرۇل راسلانغان جايىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇشتى . ^G`CC=\1FX  
    -مەن سىزنىڭ ئارامىڭىزنى بۇزۇپ ،ئۆزىمىز قۇتۇلۇپ بولالمايۋاتقان بالا گىردابىغا سىزنى سۆرەپ كىردىم .بۇنىڭغا دىلىڭدىن رازى بولدىڭىزمۇ؟ -دەپ سورىدى بۇغراخان چاقچاق ئارلاش مەنىلىك قىلىپ . ]12S]^Hg`  
   -ئالىيلىرى ،مەن زاھىتلىق يولىنىمۇ ئۆز خائىشىم بويىچە تۇتۇپ ،جەندە كىيگەن ، بۇ قېتىم يەنىلا ئۆزۈمنىڭ خائىشى بويىچە ئالىيلىرىغا كەلدىم. ھەرقانداق يولنى ئۆزى خالاپ ماڭسا ئۇزۇنلىقى بىلىنمەيدۇ ،ھەر قانداق يۈكنى ئۆز خائىشى بويىچە كۆتۈرسە ئېغىر بىلىنمەيدۇ ، ھەرقانداق ئىشقا زورلىنىپ قالسا ئىشنىڭ ئاخىرى خەيرىلىك بولمايدۇ ..ھەق دەۋىتىنى ئېتراپ قىلماسلىق ھاكاۋۇرلۇق بولىدۇ .مانا ئەمدى ئالىيلىرىنىڭ پەرمانىدا بولاي ،شۇ ئارقىلىق تەڭرىنىڭ رازىلىقىغا مۇشۇ تەقلىدتە بۇ ئۈچ گېگانىت شەخىس بىرەر سائەت چامىسىدا پاراڭلاشتى .بۇ جەريانىدا بۇغراخان توغرۇل ئەرۇڭقاشنىڭ پاراسەت ئۇرغۇپ تۇرغان سۆزىدىن ھەقىقەتەن ئۆزىگە لازىملىق ئىقتىدار ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى . *+44Frr'  
   -ئالىيلىرىغا مەلۇم بولغاي ،ئەمىر بەگلەر قوبۇلغا ھازىر بولدى . pH;-beT  
ئىشىڭ ئاغىسىنىڭ يەتكۈزگەن بۇ گېپى بىلەن بۇلارنىڭ گېپىمۇ ئۈزۈلدى .يۈسۈپ بىلەن توغرۇل ئالدى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ سىرىتقا ماڭدى ،بۇ چاغدا بۇغراخان : [G"4S'5  
-يۈسۈپ خاس ھاجىپ ،توغرۇلغا شەرقىي ھويلىدىن ئۆي راسلىتىپ قويدۇم ،قوبۇلدىن كېيىن ئۇغلان سىزلەرنى باشلاپ بارسۇن ،ئىلباشى خانلىق ئاتلىرىدىن بىرنى جابدۇپ بېرىدۇ ،قالغان ئىشلارنى سىزگە تاپشۇراي ،توغرۇل ئەرۇڭقاشى زاھىتلىق تونىنى سالغاندىن كېيىن ئەمدى ئۆي –ئوچاقلىق بولسۇن ،-دەپ كۈلۈپ كەتتى . wM =mY%Uf*  
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «خوپ »دەپ كۈلۈپ كەتتى .ئۇنىڭغا ئەگىشىپ توغرۇلمۇ يەرگە قاراپ تەبەسسۇم قىلدى .ۋە ئۆيدىن چىقماق بولۇشتى .بۇ ۋاقىتتا بۇغراخان : y[&}jY 3>  
-توغرۇل جانابلىرى ،سىزمۇ بۈگۈنكى قوبۇلغا قاتناشقايسىز ،-دەپ قوشۇپ قويدى .توغرۇل «خوپ»دەپ قوبۇل قىلدى . oOB*<}*48  
   ئوردىنىڭ ئادىتى بويىچە ھەر كۈنى چاي ۋاقتىدىن كېيىن ،ئوردا ئەھلى خانغا كۆرۈنۈش قىلاتتى .بۇ جەريانىدا موھم ئەمىر –پەرمانلار بولسا يەتكۈزىلەتتى ،ئەمىر بەگلەرنىڭ مەلۇماتلىرى ،ئالدىنقى بىر كۈن ئەل ئىچىدە بولۇپ ئۆتكەن ئەھۋاللاردىن خاننى ۋاقىپلاندۇرۇپ تۇراتتى .  
   ئوردىنىڭ قوبۇلخانىسى .خوتەننىڭ ئوتقاشتەك زىلچىلىرى سېلىنغان ،تورۇسى ۋاساجۈپ قىلىپ يېپىلغان ،تاملار ئاق گەج بىلەن شۇنداق چىرايلىق قىلىپ نەقىش ئىشلىنىپ زىننەتلەنگەن .قوبۇلخانىدا قاراخانىيلارنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئەمىر بەگلىرى ئۆز تەرتىپى بويىچە ئورۇن ئېلىپ قەشقەرنىڭ توقۇمچىلىرىنىڭ قولىدىن چىققان گۈللۈك يىپەك رەخىتتىن ئىشلەنگەن يىكەندەزلارنىڭ ئۈستىدە بۇغراخاننىڭ قوبۇلىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشقانىدى . j(l1'6wJ  
   بۇ چاغدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن توغرۇل ئەرۇڭقاشى خان ئۆيىدىن چىقىپ قوبۇلخانىغا كىرىشتى .ئەمىر بەگلەرنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ سالاملاشتى .يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن توغرۇل ئۇلار بىلەن بىر –بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ،تىنىچ –ئامانلىق سوراشتى .ئەمىر بەگلەر يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن بىرگە قوبۇلغا كىرگەن يۇچۇن كىشىگە بىر ئاز ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قېلىشتى .چۈنكى ئۇنىڭدا ئەمەل مەرتىۋىنى ئىپادىلەيدىغان ھېچقانداق بىر ئالامەت كۆرۈنمەيىتتى.كىيىملىرمۇ ئانچە سالاپەتلىك ئەمەس ئىدى .بۇ ۋاقىتتا قوۋۋۇقچىباشى كېلىپ توغرۇلنى مۇۋاپىق بىر ئورۇنغا ئېلىپ كېلىپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى .ئۇ ئورۇن ئۇلۇغ ئۆگەنىڭ يېنىدىكىلا ئورۇن ئىدى .بۇ ئىش ئەمىرلەرنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى . ,h MRNP=  
-خان ئالىيلىرى قوبۇلغا كىردى !-دەپ مەلۇم قىلدى جاكارچى . Ej  
-خان ئالىيلىرىغا باياتتىن ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە سالامەتلىك تىلەيمىز ،-دەپ ئورنىدىن تۇرۇشۇپ قول باغلاپ سالام قىلىشتى ئەمىر بەگلەر . }P{C9[W}C  
ھەسەن بۇغراخان بەگلىك تونلىرىنى كىيىپ ئوچوق-يورۇق ۋە جۇشقۇنلۇق بىلەن كېلىپ تەخىتتىن ئورۇن ئالدى : n8*V(q  
-ئەمىرلىرىم ،سالامەتمۇ سىلەر ،ئەل –يۇرىت تىنىچ ئامانمۇ ؟ gN\vrpy  
-ئەۋەلى باياتنىڭ رەھمىتى ،ئاندىن قالسا ئالىيلىرىنىڭ ئادالەتلىك قانۇنى ۋە سېخېي قولىنىڭ بەركىتىدە ئەل –يۇرىت تىنىچ-ئامان ،بودۇن ئالىيلىرىنىڭ شەپقىتىگە دۇئا قىلماقتا . do/Ui&m  
   يۇقىرقى رەسمىيەت تاماملانغاندىن كېيىن ھەسەن بۇغراخان ئەمىرلەرنىڭ ئولتۇرۇشىغا ئىجازەت بەردى .ئارقىدىن ئۇلۇغ خاس ھاجىپ : X0TbiWu&  
-ئوردىغا يېڭىدىن كىرگەن توغرۇل ئىبنى تارخان ئەرۇڭقاشى يارلىق ئاڭلىغاي ،-دېدى.توغرۇل ئورنىدىن تۇرۇپ ،بۇغراخانغا يۈزلىنىپ «خوپ »دەپ قول باغلاپ تۇردى . ##?*ZJ+3  
-مەن توغرۇل ئىبنى تارخان ئەرۇڭقاشنى يانداش ئۆگەلىك ئورنىغا قويىمەن ،-دەپ يارلىق بەردى بۇغراخان كۆڭلىنى توختىتىپ ،ئەل ئۈچۈن تۆھپە يارىتىشنى ئۈمۈت قىلىمەن . Qz=Q  
-ئالىيلىرىغا رەھمەت ،تەڭرى بۇيرۇسا چوقۇم ئۈمۈتلىرىنى ئاقلايمەن . ?YwrWU  
   بۈگۈنكى قوبۇل بىر قانچە بەگلەرنىڭ مەلۇماتنامىسى ۋە بۇغراخاننىڭ بەرگەن جاۋابى بىلەن ئاخىرلىشىپ ھەر قايسى بەرگلەر خىزمەتلىرىگە كىرىشىپ كېتىشتى ، , ;fev=mu  
بىراق توغرۇلنىڭ يانداش يابغۇ سۈپىتىدە ئوردىغا كىرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ تەڭرى يولىنى تۇتۇپ زاھىتلىق قىلىۋاتقان زات ئىكەنلىكى ،ئۇنى زورمۇ زور ئوردىغا كەلتۈرگەنلىكى توغرىسىدا بەزى مۇتەئەسسىپ بەگلەرنىڭ كۆڭلىدە نارازلىق قوزغالدى .بولۇپمۇ ئوردا ئىچىدە خېلىلا نوپۇزغا ئىگە بولۇپ تۇرىۋاتقان سەئىد ئەۋلادى دەپ تونۇلۇپ مەلۇم ئىمتىيازغا ئىگە بولغان بىر تەبىقە بار ئىدى .گەرچە ئۇلارغا قاراخانىيلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتى بويىچە ئۆز نەسەبىدىن بولمىغان ھەرقانداق بىر تەبىقە قانچىلىك ئىقتىدارلىق ۋە ئىمتىيازلىق بولغان تەقدىردىمۇ ھاكىمەيەت ئىشلىرىغا ئارلاشتۇرماسلىق قائىدىسى بويىچە ئوردىدا كونكېرىت بىرەر ۋەزىپىگە قويۇلمىغان بولسىمۇ ،دىنىي جەھەتتىكى تەسىرى يۇقىرى بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ چوڭ ئۆلىماسى مۇئاز ئىبنى ئابباس قوبۇلغا ۋە ئوردا كېڭەشلىرىگە قاتناشتۇرۇلاتتى .بۈگۈنكى قوبۇلدا ئۇ ئادەممۇ بار ئىدى .زاھىت توغرۇل ئەرۇڭقاشنىڭ خىلۋەتتىكى ئېتكاپتىن قوزغىتىلىپ ،ئوردىغا ئېلىنىپ كېلىنىشىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ۋە تەقۋادارلىق يولىنى تۇتقان تەقۋادار زاھىتلارغا نسبەتەن بىر خەۋىپ ھېس قىلىپ تېپىرلاپ كەتتى . d(xYGu 2U  
  ئىشنىڭ كېيىنكى يۈزلىنىشى ھەقىقەتەنمۇ سەئىدلەرنىڭ ئىرادىسىنىڭ تەتۈرسىدىن چىققىلى تۇردى . _'2.Q'  
   كىتابخانلارغا مەلۇم بولغاندەك ،سوپىلىق ئىديىۋى ئېقىمى 9-ئەسىرلەردىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادا پەيدا بولغان 11-ئەسىردىن باشلاپ قاراخانىيلارنىڭ مەركىزى شەھەرلىرىگە سىڭىپ كېلىپ ،بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان .بۇ ئىديىۋى ئېقىم ئىسلام يېپىنچىسىنى يېپىنىپ ،ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ئوتتۇرغا چىققاچقا .ئۇلارنىڭ ئىسلام دىننىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ،ماھىيەتتە بۇرمىلانغان ھاياتلىق قانۇنىيىتىگە مۇخاللىپ كېلىدىغان زىيانلىق تەرەپلىرىنى كىشىلەر دەسلەپكى چاغلاردا تازا ھېس قىلالمىدى ..شۇنىڭ بىلەن بۇ ئېقىم ناھايىتى تېز ئارىدىلا بىر قانچە سۈلۈكلەرگە بۆلۈنۈپ ،ئۆزىنىڭ تەرغىباتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە بازارغا سېلىپ ،كىشىلەرنى بۇدۇنيانىڭ مەئىشەتلىرىدىن قول ئۈزۈپ ،پەقەتلە تەڭرى يادى بىلەنلا بولۇش ،بۇ دۇنيادىن قول ئۈزۈشكە دەۋەت قىلىشتى . |YZLb[  
   يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇلارنىڭ ماھىيتىنى ئەڭ نازۇك تەرەپلىرىگىچە بايقىغان بولغاچقا ،ئۇ «قۇتاغۇبىلىك »ئەسىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىم مەزمۇنىنى مانا شۇ تەتۈر ئېقىمنى چەكلەشكە قاراتقان .يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن بۇغراخانغا زائىتلىقنىڭ دۆلەتكە ئېلىپ كېلىدىغان خەۋىپ-خەتەرلىرىنى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇلارنى ئەمەلىي چەكلەش مۇئەييەن ئىمتىيازغا ئىگە بولدى .زاھىت توغرۇل ئەرۇڭقاشنى ئوردىغا ئېلىپ كىرىشى يۈسۈپنىڭ پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىدى .ئەمدى ئۇ ئىشنى قانۇنىي يول بىلەن چەكلەشنىڭ پىلانىنى تۈزىۋاتاتتى .بۇ خەۋىپنى ھېس قىلغان سەئىدلەر ئىشنى بۇغراخاننى ئەل قىلىش يولى بىلەن ئورۇنداش ئۈچۈن مۇئاز ئىبنى ئابباس خۇجىنى بۇغراخاننىڭ ھوزۇرىغا كىرگۈزدى . |etG,4  
-ئالىيلىرى ،خۇجا مۇئاز ئىبنى ئاببس ،ئالىيلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىپ ئوردىغا كىرىپتۇ ،-دەپ خەۋەر قىلدى ،قوۋۇقباشى . o ,$d4kXD7  
ھەسەن بۇغراخان بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن ،ئىجازەت بەردى .تونۇردەك سەللە ئورىغان ،يۈزۈ سوزۇنچاق ،كۆزلىرى ئورىراق بۇ ئادەم يۇڭدىن ئىشلەنگەن مەللا چاپىنىنى كىريىپ ئىچكىرگە كىردى .ۋە قول باغلاپ بۇغراخانغا سالام بەردى .بۇغراخان ئۇنى ئولتۇرۇشقا ئىشارەت قىلدى . pKxPz0 
   -ئالىيلىرى ،جانابلىرى ئىسلام دۆلىتى قاراخانىيلارنىڭ خاقانى ،ئىسلام دىننىڭ سادىق مۆمىنى ،شۇڭا بىز سەئىد ئەۋلادى ھەزرەتلىرىنى چەكسىز ھۆرمەت قىلىمىز ،-دەپ سۆز باشلىدى خۇجا مۇئاز ئىبنى ئابباس ،-جانابلىرىنىڭ بۇۋىلىرى ئابدۇلكەرىمخان ئىسلام دىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قان كېچىپ ئىسلام ئاچقان.شۇنىڭدىن باشلاپ قاراخانىيلارنىڭ بارلىق خاقانلىرى ئىسلام دىنىنى بۇ زېمىندا زور دەرىجىدە راۋاجلاندۇدى ،ھازىر ئالىيلىرىنىڭ «قۇرئان كەرىمنىڭ »يولىنى تۇتۇپ ئادالەت بىلەن ئەل سوراۋاتقانلىقىنىڭ بەركاتىدىن ئىسلام دىنى تېخىمۇ گۈللەپ ياشناۋاتىدۇ .ئەپسۇسكى ،بەزىلەر دىننىڭ ئۇلىنى كولاپ ،ئاللانىڭ يولىنى تۇتۇپ ،تەقۋادارلىق مەقامىغا كىرگەن زاھىتلارنى ئاللا بۇيرىغان خىلۋەتتە خالىي ئىبادەت قىلىش يولىدىن يالتايتىپ ،بەندىنىڭ خىزمىتىنى قىلدۇرۇش ئۈچۈن قايتۇرۇپ كەپتۇ .بۇ تەقۋادار زاھىتلارغا بىر تەھدىت بولدى .ئۇلارنىڭ خىلۋەتتە ئىبادەت قىلىپ ئالىيلىرىغا دۇئا قىلىپ تۇرۇشى ئەلۋەتتە پايدىلىق ئىدى ،ئالىيلىرىنىڭ ئۇلارنى قوللاشلىرى چوڭ ساۋاب بولاتتى ،ئەگەر ئۇلارغا كۆڭۈل ئازادىلىك بولمىسا ئاللانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويىدىغان ئىش بولىدۇ ... ) fsPR  
   -بەس ،جانابى خۇجا ،بۇ ئىشلاردىن مېنىڭ تولۇق خەۋىرىم بار ،-دەپ ئېتراز بىلدۈردى ھەسەن بۇغراخان بىر ئاز تېرىكىپ ،-ھەقىقىي دىن يولى تەركىدۇنيالىقمۇ ؟ g^P+ndE)-  
ھەقىقىي ياخشى ئادەم كىم ،دىنىڭ ئۇلىنى كولىغان ئادەم كىم ؟ئەلنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان ئادەم ياخشى ئادەم .ئەل ئۈچۈن ھېچقانداق مەنپەئەتى بولمىغان ئادەم قانداقمۇ تەقۋادار ئادەم بولسۇن ؟!تەڭرىنىڭ تارازىسىدا ئىككىلا ئادەم بار .بىرى،تەڭرىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشى ئەمەل بىلەن ئۆمۈر ئۆتكۈزگەن ئادەم ،يەنە بىرى، ئەلنىڭ مەنپەئەتىنى ئۇنتىغان ۋە ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنلا كەتمەن چاپقان ئادەم .ئالدىنقىسى تەڭرى نەزىرىدىمۇ ،ئەلنىڭ نەزىرىدىمۇ رەھمەتكە مۇناسىپ،كېيىنكىسى تەڭرىنىڭ ئالدىدىمۇ ،ئەلنىڭ ئالدىدىمۇ ئۆلۈك ھېسابلىنىدۇ . PPKo5Kbj  
-   ئالىيلىرى ،بۇ دۇنيا دېگەن بىر كۆلەڭگە ،ئۇ ئۆزىنىڭ ۋاقىتلىق گۈزەللىكىگە جەلىپ قىلىپ ،ئەبەدىي پالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان مەككاردۇر .بىزمۇ ،تەختۇ-تاجىمۇ ئاللانىڭ ئالدىدا ھېچقانداق قىممەت ۋە مەرتىۋىگە ئىگە ئەمەس ،ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر يورۇقلۇق .يورۇقلۇققا كۆڭۈل بېرىش ئەخمەقلىكتۇر . D'JH 
ھەسەن بۇغراخان بۇ خۇجىنىڭ بۇ ئەپسانىلىرىدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پاراسىتىگە يەنە بىر قېتىم قايىل بولدى ۋە ئىچىدە «يا ،رەببىم ،بۇلار ھەقىقەتەن تولىمۇ خەتەرلىك كىشىلەر ئىكەن ،بۇلارغا مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىش لازىم ئىكەن »دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى –دە قەتئىيلىك بىلەن گەپنى بۆلدى : INn=^+"eH  
-   جانابىي خۇجا ،دۆلىتىمىزنىڭ ئۆزىگە يارىشا مۇستەھكەم قانۇن –تۈزىمى بار ،ياخشىسى سىلەر دۆلەتنىڭ ئىشلىرىغا ئارلاشماڭلار .ئۆزىڭلارنىڭ ئىبادىتىنى قىلىپ تۇرۇڭلار ،كىشىلەرگە يۇقىرقىدەك تەركىدۇنيالىق ھەققىدىكى تەرغىباتلارنى قىلىشڭلارغا بولمايدۇ .ئەگەر ئۇنداق بولىدىغان بولسا ،بىز باشقىچە تەدبىر قوللىنىمىز . L15qHQ;?  
بۇغراخاندىن بۇنداق زەربە يىيىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن خۇجىنىڭ كۆزلىرى ئالىيىپ ،ساقاللىرى تىترەپ كەتتى .ئۇ كۆڭلىدە «بۇغراخاننىڭ بېشىنى بۇرىغان يۈسۈپ دېگەن مۇرتەت »دەپ ئويلىدى –دە،يۈسۈپنىڭ سەئىدىلەرنىڭ قاراخانىيلاردىكى نوپۇزىنى تەۋرىتىپ قويغانلىقىغا قاتتىق ئۆچمەنلىكى كەلدى .
  =i>lTnU`>  
cGM'(8Z  
«قۇتادغۇبىلىك » ئەل ئارسىدا
aBS,>K(  
    يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوردۇ كەنىتكە كېلىپ دۆلەتتە موھىم ئورۇننى تۇتقاندىن كېيىن ،ئۇ باش چۆكۈرۈپ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلىدى .بۇ جەريانىدا ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەت دائىرىسى بويىچە يۇقىرى –تۆۋەن قاتلاملار بىلەن قويۇق ئارلاشتى .يېزا –قىشلاقلارنى ئارىلاپ دېھقان –چارۋىچىلارنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ئىگىلىدى .سودىگەرلەرنىڭ تىجارەت جەھەتتىكى ئەھۋالىنى ،ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىنى ۋە تەلەپلىرىنى ئاڭلىدى .شەھەر رەستىلەردىكى دۇكانلار ،قول ھۆنەرۋەنلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى .ئۇلارنىڭ ھال ئەھۋالىغا يەتتى .پۇقرلارنىڭ يۇقىرى –تۆۋەن ئەمەلدارلارغا بولغان پىكىرلىرىگە قۇلاق سالدى .ئەمىر-پەرمانلارنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈردى .ئۇ ئوردىدىكىلەر بىلەنمۇ ناھايىتى سەمىمىي دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلايىتتى .شۇڭا ئوردا ئىچى ۋە سىرتىدا يۈسۈپنىڭ ئىناۋىتى بارغانچە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . r,^k}  
    غايە باشقا ،رېئاللىق باشقا ،نىيەت باشقا ،ئىمكانىيەت باشقا ،ئارزۇ باشقا ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرماق يەنە باشقا ئىش دىگەندەك يۈسۈپ ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بار ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلانماقتائىدى .بىراق ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغان تۈرلۈك توساقلار ،قارمۇ-قارشىلىقلار ،ئىدىيە جەھەتتىكى توقۇنۇشلار بىر قىسىم بەگلەرنىڭ ئەمەل-مەنسەپ تەمەسىدە قىلىۋاتقان قۇۋلۇق –شۇملۇقلىرى ئۇنىڭغا خېلىلا بېسىم بولىۋاتقان بولسىمۇ ،ئۆزى توغرىسىدا ئويلاشقىمۇ ۋاقىت چىقىرالمايىتتى .ئۇ قانچە توغرا سۆزلۈك ،ئوچوق –يورۇق ،قەتئىي ۋە دۇرۇس نىيەتتە بولغانسېرى بىر قىسىم پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ پىتنە-پاستىغا نىشان بولۇپ قالغانىدى .پەرىشتىگىمۇ يامان كۆز بىلەن قارىسا شەيتان بولۇپ كۆرىنىدۇ ،دېگەندەك ،يۈسۈپ بەزى تەمەخۇر ،ھەسەتخۇر    ،كۆرەلمەس بەگلەرنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ بولۇپ قالغانىدى . 2p-)F~(W  
   «قۇتادغۇبىلىك»تېز ئارىدا ھەسەن بۇغراخاننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى بىلەن ئوردىدىكى داڭدار خەتتاتلار تەرىپىدىن بىر قانچە نۇسخا كۆپەيتىلىپ ،بىر نۇسخىسىنى ئوردا كۈتۈپخانىسىغا قويدۇردى ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ چوقۇم كۆرۈپ چىقىشىغا تاپشۇرۇلدى بىر نۇسخىسىنى ئوردا مەدرىسىسىدىكى چوڭ مۇددەرىسكە تاپشۇرۇپ ،شاھزادىلەرنى «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ روھى بويىچە تەربىيلەپ ،ئوردىنىڭ تەرتىپ –قائىدىلىرى ،دۆلەت باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئۈگىتىشكە تاپشۇردى .يەنە بىر نۇسخىسىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ ئانا مەكتىپى «ساجىئە مەدرىسسى»گە تەقدىم قىلدى .بۇ نۇسخا چەت ئەللىك ئوقوغۇچىلار تەرىپىدىن ھەر خىل يوللار بىلەن كۆچۈرۈلۈپ ،دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا چىقىپ شەرىق دۇنياسىدىكى خېلى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ شاھلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ ،ئۇلارغا دەستۇر بولدى . TE2Idc!  
    ساجىئە مەدرىسسىدىكى مۇددەرىسلەر «قۇتادغۇبىلىك »نى ھاكىميەت باشقۇرۇش ئىلمى سۈپىتىدە دەرىسلىك قىلىپ ئوقوتۇشقا باشلىغانىدى .بۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئوقوغۇچىلار ئارسىدا بەزى پىرىنسىپال مەسىىلىلەردە بەس-مۇنازىرە ئوتتۇرغا چىقتى .مۇددەرىس ئالىملارنىڭمۇ تونۇشى ئوخشاش ئەمەس ئىدى .ئوردا ئىچىدىكى يۇقىرى –تۆۋەن ئەمىرلەر قولىدىن قولغا ئېلىپ ئوقۇپ،بۇ بۈيۈك بىلىم خەزىنىسىدىن ھەيرەتتە قالغان بولسا ،يەنە بىر قىسم مۇتەئەسسىپ كۈچلەر ،ھەسەتخۇر ئەمىرلەر ۋە سەئىدلەرنىڭ پىتنە –پاسات تېرىشىگە دەستەك بولۇپ قالدى .يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوردىدا بولىۋاتقان ماختاشلار ،ئالقىشلاردىنمۇ ،قارغاش ۋە تەنىلەردىنمۇ خەۋەردار ئىدى ،بىراق بۇ گەپ چۆچەكلەرگە پىسەنىت قىلمىدى . gW%Vss"%  
   يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىر ئوغلى ياقۇپ ساجىيە مەدىرىسىدە ئوقۇيىتتى .ئۇ بۈگۈن بۈيۈك ئوقۇل ساجىئەدىن شۇنداق خوشال ھالدا قايتىپ كەلدى .ئۇ قولىدا يىپەك شايىدا ئورالغان بىر نەرسىنى دادىسىغا ئۇزاتتى . pBe\=H:4  
-دادا، ئەسىرىڭىزنىڭ پارىسچە نۇسخىسى تارقىتىلىپتۇ ،-دېدى ئۇ . ,3:\vz0"  
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوغلىنىڭ قولىدىن شايى بولاقنى ئېلىپ قارىدى ئۇ ھەقىقەتەن «قۇتادغۇبىلىك ]نىڭ پارىسچە تەرجىمىسى ئىدى .بىراق مۇقاۋىدا «شەھنامەئى تۈرۈك»دېگەن ماۋزۇ قويۇلغانىدى .يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەمنۇنلىقىنى ياكى ئەجەپلىنىشىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر خىل ھېسيات بىلەن ئوغلىغا قارىدى ۋە: >Ux=b}   
-ھەر ئەلگە بارسا باشقا –باشقا لەقەب بىلەن ئاتىلىۋاتىدۇ ،بىراق يامان ئاتاقتا ئاتالغىنى يوق ،-يۈسۈپ خاس ھاجىپ قولىدىكى ئىرانچە تەرجىمىسىدىكى «قۇتادغۇبىلىك»نى بىر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ،-ئەپسۇسكى ،كۆچۈرگۈچىلەرمۇ ۋە تەرجىمانلارمۇ مەسئولىيەتسىزلىك قىلىپ قويىۋاتىدۇ ،-دەپ قويدى . y,_Bw  
   ھەقىقەتەن «قۇتادغۇبىلىك»ھەر خىل يوللا ر بىلەن قايسى پادىشاھلىققا ۋە قايسى ئىقلىمغا يېتىپ بارسا ئەسەرنىڭ غايەت زور ئۇزلىقى ۋە پەۋقۇلئاددە كامالىتىدىن ھەر قايسى ئەللەرنىڭ شاھلىرى ۋە ئالىملىرى ئۇنى قوبۇل قىلىشىپ ،ھەر بىرى ئۇنىڭغا ئۆز خائىشى بويىچە تۈرۈك ئات ۋە لەقەب بەرگەنىدى .شەرىقلىكلەر «ئەدەبۇلمۇلك»(شاھلارنىڭ ئەدەپ قائىدىلىرى )،دەپ ئاتىغان بولسا ،ماچىن مۈلۈكنىڭ ھېكىملىرى «ئاينۇل مەملەكە»،(مەملىكەتنىڭ دەستۇرى )دەپ ئاتاشقان .مەشرىقلىقلار «زىننەتۇلئومەرا»(ئەمىرلەر زىننىتى )دەپ نام بېرىشكەن .يەنە بەزىلەر «پەندىنامەئى مولك »(پادىشاھلارغا نەسىھەت)دەپ ئات قويۇشقان .يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئۇچۇرلاردىنمۇ ۋاقىپ بولۇپ تۇرغانىدى . $3qGQK  
    -دادا،-دېدى ياقۇپ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ ،-بىز بۈيۈك ئوقۇلدا «قۇتادغۇبىلىك »تىكى خېلى كۆپ مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىشتۇق ،باش مۇددەرىس بىلەن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كۆز قارشىدىمۇ بەزى زىتلىقلار بار ئىكەن .ئوقۇلداشلارنىڭ چۈشەنچىسىدىمۇ بەزى زىددىيەتلەر بار . |U;V&c7`K  
يۈسۈپ خاس ھاجىپ قىزىقىپ ئوغلىغا قارىدى ۋە دەۋەرگىن دېگەندەك بېشىنى يەڭگىل لىڭشىتىپ قويدى . _ p&d42+o?  
-دادا، ئوقۇلداشلار ئارسىدا مۇنۇ بېيىتنىڭ مەنىسى توغرىسىدا خېلى كۆپ تالاش تارتىشلار بولدى :
Bj}`!=^u/  
بۇ دۇنيانىڭ بەزلى بىر ،قۇسۇر مىڭدۇر ، M{- :'0  
قانداق ئۆتكۈزسە كىشى ئۇ شۇنداق بولۇر .
Ze x?yB5_g  
    قانداق ياشاش بەندىنىڭ ئىختىيارىدىمۇ ياكى باياتنىڭ ئىلىكىدىمۇ ؟بۇ قاراشنى بەزى ئوقۇلداشلار ئەسلى ياراتمىش ئىرادىگە خىلاپ دەپ قاراشتى . $T,**'C)  
-بالام ،-دېدى يۈسۈپ خاس ھاجىپ –دۇنيادا يول كۆپ ،بىراق ئەڭ توغرا يول پەقەت بىرلا بولىدۇ .ئادەم قانداق ياشىسا ئۇنىڭ نەتىجىسى شۇنداق بولىدۇ .بۇغداي تېرىغان ئادەم بۇغداي ئورىدۇ .تېرىق تېرىغان ئادەم تېرىق ئالىدۇ .تېرىق تېرىپ بۇغداي ئورۇيدىغان ئىش يوق سەن شۇنداق بىر ھەقىقەتنى بىلىشىڭ كېرەككى ،بايات ھەربىر ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىغا بىر بۈيۈك ئىقتىدارنى مۇجەسسەم قىلغان .ئۇنى پەقەت زور تىرىشچانلىق ۋە كۆپ مۇشەققەت چېكىش ئارقىلىقلا بايقىغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئادەم تىرىشمايدىغان ئىزدەنمەيدىغان بولسا ،تېرىلمىغان ئېتىزدەك ھېچقانداق ھوسۇل بەرمەيدۇ ،ئۆزىنىمۇ بايقىيالماي بۇ ئالەمدىن كېىتىدۇ . 1~ lK): 0_  
   يۈسۈپ خاس ھاجىپ ،يۇقىرقى بېيىتنىڭ مەنىسىنى ئوغلىغا يۇقىرقى تەرىزدە شەرھلەپ بەرگەندىن كېيىن ،سۆزىنى مۇنۇ ھېكىمەتلەر بىلەن تۈگەللىدى : jBE>GNL  
-دۇنيانىڭ ماھىيتى بىرلا ،بالام،چۈشەنچە مىڭ خىل بولىدۇ ،ھاياتلىق بىرلا بولىدۇ ،لېكىن ،ياشاش كۆپ خىل بولىدۇ .كۆردىڭمۇ كىتاب بىر ،لېكىن نامى كۆپ خىل بولىۋاتمامدۇ ،-ياقۇپ بۇ سېلىشتۇرمىدىن كۈلۈپ كەتتى ،يۈسۈپمۇ مېھىربانلىق بىلەن تەبەسسۇم قىلدى ۋە،-بىلىش چوڭقۇرلاشقانسېرى ماھىيەتكە شۇنچىلىك يېقىنلاپ بارىدىغان گەپ بالام . "zL)@gng  
   ياقۇپ گەپنىڭ تېگىنى چۈشەندى .يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرقى بىشارەت ئارقىلىق ئوغلىغا ئالەمنىڭ ماھىيتىنى ئىگەللەش ئۈچۈن بىلىشىنى چوڭقۇرلىتىشقا ئىشتىراك قىلغانىدى . b _9>u?[1A  
   ئوردىنىڭ ئارقا ھويلىشى ھەرەمخانا ھېسابلىناتتى .بۇغراخانىڭ چوڭ خاتۇن ۋە كىچىك خاتۇنلىرى ،شاھزادە ۋە مەلىكىلەر شۇ يەردە تۇراتتى .بۇ ھويلا ناھايىتى ئازادە باغ بىلەن تۇتۇشۇپ كېتەتتى .باغنىڭ ئوتتۇرسىدا زۇمرەتتەك سۇ بىلەن توشقۇزۇلغان ئىككى تاناپ كەلگۈدەك كۆل بار ئىدى .باغدا مېۋىلەرنىڭ نەچچە يۈز خىل تۈرلىرىنى تاپقىلى بولاتتى .باغدىكى چوڭ قېرى ئۆرۈك شاخلىرىغا سەگەنچۈكلەر سېلىنغان بولۇپ ،مەلىكە ۋە كېنىزەكلەر چورقىرىشىپ ئوينىشاتتى .كۆل بويىدىكى قەپەسلەرگە سولانغان بۇلبۇل ،تۇمۇچۇق،كەكلىك كەبى نەغمىچى قۇشلار ناۋا بىلەن سايراشماقتا ئىدى .ئۇلارنىڭ پەريادى ئەتراپتىكى يەنە نۇرغۇن ئەركىن قۇشلارنىمۇ ئۆزلىرىگە جور قىلىپ سېھىرلىك بىر نەغمىچىلەر قوشۇنىنى ھاسىل قىلغاندەك تۈرلۈك نەغمىلەرنى ئەۋىجگە چىقىرىپ كىشىنىڭ دىل بەھرىنى ئاچاتتى .كۆلنىڭ غەرىب تەرىپىدە بۇغراخان ئۈچۈن مەخسۇس ھازىرلانغان بىر خان سۇپىسى بولۇپ ،ئۇ يەر ناھايىتى ياسىداق تۆشەك قىلىپ راسلانغان .چىمىلداقلار بىلەن تېخىمۇ شاھانە زىننەتلەنگەن .بۇ بۇغراخاننڭ ياز ،تومۇز ئىسسىقلاردىكى ئارامگاھى ئىدى .ئارامگاھنىڭ يېنىدىكى سۇپا ئۈستىگە گىلەم سېلىنغان ،گىلەم ئۈستىگە ئىشكەم قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئادەتتىكى چاغلاردا .بۇغراخاننىڭ ئاساسلىق تائاملاردىن باشقا ئىشتەي ئېچىس غىزاسى ،مېۋە –چېۋە ،چاي ۋە شاراب ئىچىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى .بۇنداق چاغلاردا بۇغراخان ئادەتتىكى ئازادە كىيىملىرىنى كىيىپ ،كۆڭۈل ئازادىلىك بىلەن ئارام ئالاتتى . kZl$)56xN  
بۈگۈن بۇغراخان بىر مۆتىۋەر زات بىلەن بىرگە بۇ يەرنى ئارامگاھ قىلدى .ئۇلار كۆمۈشتىن ياسالغان شاھمات ئۇرۇقلىرىنى تىزىۋېلىپ ،شۇنداق ئىشتىياق بىلەن سىرداشماقتا ئىدى .ئوغلان ئۇلارنىڭ ئالدىغا كۆمۈش پەتنۇسلاردا يېڭى پىشقان توقاچ ،ئۈرۈك قاتارلىق مېۋىلەرنى كەلتۈردى . 74B+jD{  
-   ئوغلۇم ،بۇ مۆتىۋەر كىم بولىدۇ؟-دەپ سورىدى مېۋىلەرنى قويۇپ قايتىپ كەتكەن ئوغلاندىن 50ياشلاردىكى باغ كۈزەتچىسى . PK'K>M5w  
-بۇ زات خاقانىمىزنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك سىرداشلىرىدىن بولىدۇ ،-دېدى ئۇنىڭغا ئاستا چۈشەندۈرۈپ ،-ئىسمى يۈسۈپ ،ھاجىپلىق مەرتىۋىسى بىلەن ئوردىنىڭ موھىم ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالغان .نۇرغۇن ئېسىل ئەسەرلەرنى يازغانىكەن .ئۆزى تولىمۇ كىچىك پېئىل ئادەم . `NlU_0`?I2  
   -ئۆزىمۇ ئەجەپمۇ قاملاشقان ،ئوچۇق چىراي ئادەمكىنا ،-دەپ زوقلانغانلىقىنى ئىپادىلىدى باغ كۈزەتچىسى . %V ~ 
بۇغراخان بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۈگۈن ئەتىگەنلىك قوبۇلدىن كېيىن ،بۇغراخاننىڭ تەكلىپى بىلەن باغقا كىرگەنىدى ،چۈشلۈك غىزا ۋاقتىغىچە ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيلا پاراڭلاشتى . Lvzf;kK3z  
-يۈسۈپ خاس ھاجىپ ،سىز بۇنىڭدىن كېيىن خاس ھاجىپنىڭ ئىشلىرىنى ئۈستىڭىزگە ئېلىپ ئىشلەپ تۇرغايسىز دېدى ،-بۇغراخان پاراڭنىڭ تېمىسى دۆلەت ئىشلىرىغا يۆتكەلگەندە ،-ئۇلۇغ خاس ھاجىپ ياشتا چوڭىيىپ قالدى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەلمەن بولۇپ قاپتۇ ،مەن ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويدۇم .ئۇمۇ سىزنىڭ بۇ خىزمەتنى قىلىشىڭىزنى خالايدىكەن . %\T+V  
   -ئالىيلىرى ،بۇ ئىلتىپاتلىرىغا رەخمەت ،ئوردىدا ياشتا چوڭ ،ئۇردىدا ئىشلىگەن ۋاقتى ئۇزۇن كىشىلەر خېلى بار .شۇلاردىن ئويلىشىپ باقمىدىلىمۇ ،-دېدى يۈسۈپ خاس ھاجىپ سەمىمىيلىك بىلەن –مەن ئۈچۈن ئورنۇمنىڭ تۆردە بولىشى ياكى پەگاھتا بولىشىنىڭ ئانچە چوڭ پەرقى يوق .مەن ھەرقانداق ئورۇندا بولاي ،يەنىلا ئويلايدىغىنىم ئالىيلىرىنىڭ مەنپەئەتى .ئەل ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ پۇرچۇمنى ئادا قىلىش مېنىڭ بىردىنبىر مەقسىتىم . "cVH"o.  
   -بۇنى بىلىمەن ،سىز ئوردا ئىچىدىكى بەزىلەرنىڭ ھەسەت قىلىپ پىتنە –پاسات تېرىشىدىن ئېھتىيات قىلىۋاتىسىز ،-دېدى بۇغراخان يۈسۈپنىڭ يارلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى پاراسەت بىلەن بايقىۋېلىپ ،-ھەقىقەتەن ياش چوڭايغانسېرى باشنىڭ ئاغرىقىمۇ چوڭ بولىدۇ .ئۇرۇن چوڭايغانسېرى بېسىممۇ كۈچلۈك بولىدۇ .ئاڭلىسان كۈندىزى ئوردىنىڭ ئىشلىرى بىلەن بولسىڭىز كېچىسى ئىجادىي ئىشلار بىلەن بولۇپ ،ناھايىتى ئاز ئارام ئالىدىكەنسىز .سالامەتلىكىمىزنى ئاسىرمىساق بولمايدۇ .ئادەم ساغلام بولغاندىلا ئاندىن ئىشلارنى ئۇتۇقلۇق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.ئۆزىڭىزنىڭ ئورنغا ياراملىق بىرەر كىشىنى ئويلىشىپ قويغايسىز .رەسمىي يارلىقنى ئوردا كېڭىشىدىن كېيىن ئاندىن ئۇقتۇرۇشنى ئويلاۋاتىمەن . a&5I\ c&  
    -ئالىيلىرى ،ئۆمۈر ئادەمگە باقمايدىكەن ،-دېدى يۈسۈپ چار ساقىلىنى تۇتاملاپ سىلاپ قويۇپ ،-چاچ ساقالغا چۈشكەن ھەربىر تال ئاق ،ئادەمگە بىشارەت بېرىپ «ئەي ئادەم ئۆمرۈڭ ئاز قالدى ،كېرەكلىك ئىشلىرىڭنى ئورۇنداشقا تىرىش »دەيدىكەن –يۈسۈپ خاس ھاجىپ سۆزلەۋېتىپ شاھمات ئۇرۇقلىرىنى ئىشارە قىلدى ،-ئالىيلىرى بىزنىڭ ئورنىمىز يۇقىردا بولسۇن ،تۆۋەندە بولسۇن ،خۇددىي شاھمات تاختىسىدىكى پىچكىلاردەك ئىكەن. ئالىيلىرى قارسىلا ،گەرچە ھەربىر ئۇرۇق كۆمۈشتىن ياسالغان بولسىمۇ ،بىراق ئۇلارنىڭ دەرىجىسى ،مەرتىۋىسى ئوخشاش ئەمەس .تاختا ئۈستىدە ئىككى شاھ بىردىنلا بىر-بىرىگە دۆشمەن بولۇپ،سەپ تۈزۈپ دەھشەت قارشىلىشاتتى .ھەربىر شاھنىڭ تەقلىتەن ۋەزىرلىرى ،ئاتلىرى ،لەشكەرلىرى بار .توغرا ،ئۇدۇل يۈرگۈزگۈچى ۋەزىرلىرى ،ئەگرى يۈرگۈزگۈچى پىللىرىمۇ بار.مانا بۇ ئىككى تەرەپ دۆشمەنلىشىپ ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان قەلئەگە ئوخشايدۇ .بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى مەغلۇپ قىلىپ غالىپلىق تۇغىنى قاداش ئۈچۈن ھەرخىل ھېيلە –مىكىرلەرنى ئىشلىتىدۇ .بىر تەرەپ لەشكەرلىرىنى مۇداپىئە قىلىش ئ.ۈچۈن قورغانلارنى بېكىتسە ،يەنە بىر تەرەپ بۇ قورغانلارنى بۇزۇش ئۈچۈن تەدبىر ئويلايدۇ.شۇنداق قىلىپ ئىككى ئوتتۇرسىدا ئاجايىپ پاراسەتلەر ئىشقا سېلىنىدۇ .ھەممە تەدبىرلەر ئىشقا سېلىنىپ بىر-بىرىنى يۇتىۋېلىش قەستىدە بولىشىدۇ .ھەتتا شاھزادە پۇرسەت يېتىپ پۈتۈن قارشىلىقلارنى بۆسۈپ يول ئېچىپ ،بارلىق مۇساپىنى بېسىپ شاھ دادىسىنىڭ ئورنىنى باسماقچى بولىدۇ تېخى.بۇ سوقۇشتا بەزىدە ئاجىز پىيادە ،يالغۇز ئۆزىلا قەھىرمانلىق بىلەن پۈتۈن بىر قوشۇننى مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈرەلەيدۇ .شاھ بولسا يۈرۈشتە روھچىلىكمۇ،پەرزىنچىلىكمۇ ،ھەتتا بەزىدە پىيادىچىلىكمۇ بولالمايدۇ .شاھ پەقەت ئەتراپنى مۇستەھكەم مۇداپىئە قىلىۋاتقان كۈچلۈك قوشۇنى ۋە قورال –ياراغلىرى بىلەنلە مەۋجۇتلىقىنى قوغداپ قالالايدۇ .،-يۈسۈپ شاھمات تاختىسىدىكى شاھنى مۇداپىئە قىلىۋاتقان يۇقىرى –تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇرۇقلارنى بىر قۇر كۆرسىتىپ ،سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ،بۇ تەسۋىرىي ئوخشىتىشلار ھەسەن بۇغراخاننى ھەقىقەتەن بىر جەڭگاھقا باشلاپ كىرىۋاتقاندەك تۇيغۇ بەردى ،-بىراق ھەرقانداق ئىشنىڭ ئايىغى بولىدۇ ،بىرى غەلبە قىلسۇن،يەنە بىرى مەغلۇپ بولسۇن ،بۇ پەقەت ۋاقىتنىڭ ئالدى –كەينىلىك پەرقىدىنلا ئىبارەت .ئەگەر شاھمات ئوينىغۇچى ئىككى تەرەپ ،«بەش ئەمدى ئويۇن مەشەگىچە بولسۇن »دەپ ئويۇننى يىغىشتۇرۇشنى نىيەت قىلغاندا ،نە مەغلۇپ بولغىنى بولسۇن ،نە غالىبلىرى بولسۇن ئۇتتۇردىكى پەرىق پۈتۈنلەي كۆتۈرۈلۈپ پۈتۈنلەي يوققا چىقىدۇ .ئالدىدىكى خىرىس ،دۆشمەنلىك ،مەنمەنىلىك ،تەرتىپ –قائىدە ۋە ھىيلە-مىكىرلەردىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ .چۈنكى بۇنى ئوينىغۇچى ئۈچۈن ئويۇن تۈگىشى بىلەنلا ئۇلار ئارسىدا ھېچقانداق ئاداۋەتمۇ ،ئىززەت –ئېتىبارمۇ قالمايدۇ .شاھمات ئۇرۇقلىرى ساندۇقچىغا تۆكۈلگەندە ،ھەتتا«شاھ»تېگىدە قېلىپ «پىيادە بولسا »شاھنىڭ ئۈستىگە چىقىپ قېلىشى مۈمكىن .شۇڭا ،ئالىيلىرى ،بۇ دۇنيادا قالىدىغىنى شەكىل ئەمەس مەنەدۇر .ئادەمنىڭ قىممىتىمۇ شەكىل ئەمەس مەنەدە .نۇرغۇن شاھلادر بۇدۇنياغا كېلىپ سەلتەنەت سۈرۈپتۇ .بەزلىرى ياخشى نام بىلەن كەتتى ،ئۇلارنىڭ نامى ھازىرغىچە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ .بەزىلەرنىڭ يامان نامى قالدى ،ئەۋلادتىن –ئەۋلادقا قارغىشقا ،لەنەتكە نىشان بولۇپ كېتىشتى .ئالىيلىرى ،ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك پەزىلەت ۋە ئادالەت بىلەن ئەل سوراپ ئېلىمىزنىڭ شەرىقتە قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سالدىلا .بۇ شان –شەرەپنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ،ئاۋاۋال ئوردىدىكى يۇقىرى –تۆۋەن ئەمىرلەرنىڭ نىيىتى دۇرۇش بولىشى ،دۆشمەنلىشىش ،ھەسەت ئوتلىرىغا تەدبىر سۈيى بىلەن تاقابىل تۇرۇشلىرى كېرەك .خاقانىمىز تارىخىدا يۈز بەرگەن بىر قانچە قېتىملىق پاجئەلەرنىڭ ساۋىقىنى قوبۇل قىلىپ ،ھوشيارلىقلىرىنى ئاشۇرۇشلىرى لازىم.ئوردىدىكىلەرنىڭ نەپىس تەمەسىدە يانغان ھەسەت ئوتلىرى پۈتۈن ئەلنى خاراپ قىلىشقا يارايدىكەن ئەمەسمۇ ،شۇڭا بەزىلەرنىڭ ئەمەل مەنسەپ تەمەسى بولسا ،مەلۇم جەھەتتە ئۇلارنىڭ تەمەسىنى قاندۇرۇپ ، ئەل قىلىش، بەزىلەرنىڭ نىيىتى مۇكاپاتلىنىش ،ماختىنىشتا بولسا مۇكاپاتلاش ،ماختاپ ئاغىزىنى ئېيتىش لازىم بولىدۇ .ھازىرقى ئەھۋالدا ئۇلۇغ خاس ھاجىپنىڭ ئورنىنى تەمە قىلىۋاتقان بىر قانچەيلەن بار .شۇنداق ئەھۋالدا بۇ ئورۇننى مەن ئىگىلىۋالسام ،ئوردىدا بەزى دۆشمەنلىك ،پىتنە –پاساتنىڭ تېرىلىشىغا ھەۋەپ بولۇپ قېلىشى مۈمكىن . WwiL1  
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يۇقىرقى دانا پىكىرلىرى ھەسەن بۇغراخانغا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قىلدى .ئۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يۈكسەك پەزىلىتىدىن تولىمۇ سۆيۈنۈپ كەتتى .شۇ چاغدا ئۇنىڭ كاللىسىدا يەنە بىر موھتەرەم زاتنىڭ پىكىرى يادىغا كېلىپ :«ئالىيجاناپ ئادەملەرنىڭ ئوي-پىكىرىمۇ ئوخشاش بولىدىكەن .»دېگەن بىر پىكىر چاقماقتەك كاللىسىدىن ئۆتتى .ھەسەن بۇغراخان كاللىسىغا كەلگەن ئۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ پىكىرىنى چىقارمىدى .بىراق ،ئۇ مۇبارەك زاد نەمۇنە سۈپىتىدە بۇغراخانغا ئەۋەتكەن قامۇش يادىغا كەلدى –دە، ئۇنى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا بېرىشنى ئويلاپ ،خاس ئوغلاننى چاقىردى :  
   -سەن كىرىپ ،كۈتۈپخانىدا ھېلىقى ئۈچ جىلىدلىق «دىۋانۇ لۇغاتىت –تۈرۈك»دېگەن كىتابنى ئېلىپ چىققىن ،-دەپ بۇيرۇدى بۇغراخان ئوغلانغا . }Sf-/K{-B!  
-ئالىيلىرى ،مەھمۇد قەشقەرى بىلەن ئالاقىلەشكەن ئوخشىماملا ،-دېدى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھاياجان بىلەن . }z|IdPm  
   -شۇنداق، ئۆتكەنكى پاجىئەدە ،ئۇ شۇ كىتابنى يېزىش ئۈچۈن سەپەرگە چىقىپ كەتكەنىكەن .شۇنىڭ خاسىيىتى بىلەن سۇيىقەسىتتىن ئامان قالغان .شۇ چىقىپ كەتكەنچە مانا ھازىرغا قەدەر ۋەتەنگە قايتىپ كەلمەي يات ئەللەردە كۈن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ .مەن بۇلتۇر ،ئۇ تاغامنى قايتىپ كېلىشكە ئۈندەپ خەت يازغانىدىم .چۈنكى ياشىنىپ قالدى ئەمەسمۇ؟!بىراق ئۇنىڭ خىيالىدا ئەمەل –مەنسەپ دېگەن نەسىلەر يوق ئىكەن . ئۇ پۈتۈن ھاياتىنى ئىلىمگە ئاتىۋېتىپتۇ .ئۇ جاۋاپ ئۈچۈن باغداتقا بارغان ئەلچىلەردىن ئۆزىنىڭ ئۈچ جىلىدلىق تەڭداشسىز بىر قامۇس بىلەن ،بىر پارچە خەت ئەۋەتكەنىكەن .خەتتە يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن قايتىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپتۇ . HQ5+~[3^k=  
-   ئالىيلىرى ،مانا ئۇ كىتاپ ،-دېدى ئوغلان ئېلىپ چىققان كىتابنى ئىككى قوللاپ بۇغراخانغا سۇنۇپ . بۇغراخان قولىغا ئېلىپ ،يۈسۈپ خاس ھاجىپقا سۇندى .يۈسۈپ خاس ھاجىپ خۇددى ئاۋايلىمىسا چېقىلىپ كېتىدىغان نازۇك گۆھەرگە قول سۇنغاندەك شۇنداق ئېھتىيات بىلەن قولىنى سۇنۇپ «تۈركى تىللار دىۋانى»نى قولغا ئالدى . nep$LhKRM  
-مەن بالاساغۇندىكى چاغلىرىمدا مەھكىمە ئىشى بىلەن بىر قېتىم ئۇچقا بارغانىدىم ،دېدى يۈسۈپ خاس ھاجىپ قولىدىكى كىتابنى بىر قۇر ۋاراقلاپ كۆرگەندىن كېيىن ،-شۇ يەردە بىر داڭلىق قوشۇقچىدىن مەھمۇد قەشقەرىنىڭ شۇ يەردە بىر قانچە كۈن تۇرغانلىقىنى ئۇقتۇم ،بىراق مەن بارغاندا قۇچۇ،بەشبالىق، ئىلىغا ئۆتۈپ ئۇ يەردىن قىرغىزلار ئىلىگە بارماقچى بولۇپ يۈرۈپ كەتكەنىكەن . ^on>|Q+m  
   -ئادەم دىگەنمۇ شۇنچىلىك ئىرادىلىك بولدىكەن .ئۆمرىنىڭ 20يىلىنى مۇشۇ كىتاپ ئۈچۈن سەرىپ قىلىپتۇ .بۇ جەريانىدا 15يىل سەپەر مۇشەققىتىنى چېكىپ ،نەچچە مىڭ پەرسەخ يول يۈرۈپتۇ .شۇنداق قىلىپ مەڭگۈلۈك بىر قىممەتلىك خەزىننى بارلىققا كەلتۈرۈپتۇ .شۇڭا ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئارامىخۇدا تەتقىقاتىنى قىلسا، مەن بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بېرەي دېگەن . Pg/|'asLM  
   بۇ سۆھبەت چۈشكىچە داۋاملاشتى .ئۇنىڭغىچە ئاشباشى كىلىپ چۈشلۈك غىزانىڭ ۋاقتى بولغانلىقىنى ئوقتۇردى .بۇغراخان يۈسۈپنى بىرگە غىزالىنىشقا تەكلىپ قىلىپ ،خان ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان داستىخانغا باشلاپ ماڭدى .
?3 w;p.s~  
L-]c+*=f"  
ھېكىمەت ئۇستازى
ksr-,VU  
   بىر قانچە كۈندىن بېرى قاراخانىيلار بۇخرالىرى بۇ يىلقى ئوردا كېڭىشىگە تولىمۇ ئۈمۈتۋارلىق بىلەن قاراۋاتاتتى .جاكارچىلار شەھەر –رەستىلەردە جاكار سېلىپ بۇيىلىقى ئوردا كېڭىشىدە ئاۋامنىڭ بۇغراخاننىڭ كۆپ مېھىر-شەپقىتىگە ئېرىشىدىغانلىقى توغرىسىدا جار سالدى .ئاۋامدىن چىققان دانىشمەن ئۇستاز جارچى يۇرىت ئايلىنىپ ئاتۇشنىڭ مەشھەت بازىرىغا كەلدى .دۈشەنبە بازاردا ئادەملەر تىقما-تىقماق ئىدى . يۇرۇت –يۇرۇتلاردىن كەلگەن تاۋاپچىلار ،يىتىمچىلەر كۆپ يىغىلىدىغان سۇلتان دۇتۇق بۇغراخاننىڭ مەقبەرىسى جايلاشقان بۇ جاي جاكارنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ تېز بولىدىغان جاي ئىدى . يەنە بىرى ،ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن سودىگەرلەرمۇ ،سەيياھلارمۇ بۇ يۇرۇتقا چۈشمەي ئۆتمەيىتتى . شۇڭا ، بۇغراخاننىڭ سەلتەنەتىنى نامايەن قىلشى كىشىلەرگە ئەدلى-ئادالەتنىڭ خاسىيىتىنى ئۇقتۇرۇشتا ،شاھنىڭ نام –ئاتىقىنى باشقا ئەللەرگە تارقىتىشتا ياخشى رول ئوينايىتتى . =^oJj6  
   -ئەي ئەھلى جامائەت ،ئاڭلىمىدىم ،ئىشىتمىدىم ،دېمەڭلار ،بۇ قېتىم ئوردىدا چوڭ كېڭەش بولماقچى ،بۇغراخان كېڭەشتە بەزى قانۇنلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەكچى .ئادالەتلىك شاھىمىز بۇدۇننىڭ غېمىنى يەيدۇ ،ئۇنىڭغا باياتتىن ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەڭلار .شاھىمىزنىڭ بېشى ئامان بولسا ،ئاۋامدا غەم-قايغۇ بولمايدۇ،-جاكارچى بوينىغا ئېسىۋالغان ناغرىنى توڭۇلدىتىپ چالغىنىچە ،بۇ يەردىن يەنە قوزغالدى . R:@!rwfZ  
   ئۇنىڭغىچە ،يەنە بىر ياقتىن ئاۋامدىن چىققان دانىشمەن ئۇستاز ھېكىمەتتن جار سېلىپ بۇ سەيناغا ھازىر بولدى . 6.1[{oq}M  
   -زامان ئۆتەر ،كىشى تويماس ،ئادەم بالىسى مەڭگۈ قالماس ،زورلۇق –زومبۇلۇق ئىشىكتىىن كىرسە ، ئىنساپ ۋە قائىدە –يۇسۇن تۈڭلۈكتىن چىقىدۇ .خالايىق ،ئىنساپ بىلەن ياشاپ قائىدە –يۇسۇنلۇق بولايلى ،تويماس نەپسىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزگە –ئۆزىمىز زۇلۇم قىلمايلى . xr}60u"  
   ئاگاھ بولۇڭلاركى ،قەيەردە ئىنساپ تۈگىسە ، شۇ يەردە خارلىق بولىدۇ . خالايىق شاھلارغا ئىنساپ تىلەيلى ،شاھلاردىن ئادالەت تىلەيلى ،ئىككى بۇغرا ئىكىشسە ،ئارىدە كۆكۈيۈن يەنچىلىدۇ . ~,,ukD p  
   ئەتراپتىكى كىشىلەر يىغىلىشىپ غۇژمەك بىر سورۇن ھازىر بولدى .ئوتتۇرىدا بۇ ئاقساقال پەرىشتىدەك بۇۋاي ھېكىمەت سۆزلىدى . بۇ ئۇستازنىڭ قولىدە بىر دەستەك بار ئىدى . دەستەككە، «ھېكىمەت ئۇستازى »دېگەن ئۇيغۇرچە خەتلەر يېزىلغان ،دەستەككە ھەم بۇغراخانىڭ تامغىسىى بېسىلغانىدى . ئۇيغۇرلادا زامان –زامانلاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بۇ ئەنئەنە ئاۋامنىڭ ھېكىمەت مەكتىپى بولۇپ ،ياشاشنى ، ھاياتنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئۈگىتىدىغان ،تارىختىكى ئاچچىق تەجىربە –ساۋاقلارنى ئەسلىتىپ ساۋاق بېرىدىغان ،ئاۋامنى ئادالەتنى ھىمايە قىلىشقا ، قانۇنغا رىئايە قىلىشقا ئۈندەيدىغان ،ئىتتىپاقلىق ،ئىناقلىقنى تەكىتلەيدىغان ،بۆلۈنۈش، پارچىلىنىشنىڭ ، زۇلۇم ۋە زالالەتنىڭ مىللەتكە ئېلىپ كېلىدىغان ئاپەتلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدىغان ، نادانلىقنىڭ زىيانلىرىدىن ۋاقىپلاندۇرۇپ ،بىلىمنىڭ خاسىيىتىدىن تەربىيەت قىلىدىغان ، ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى ،كىشىلىك مۇناسىۋەت ،ئەخلاق –پەزىلەت ، توغرىسىدا نەسىھەتلەر قىلىدىغان ھەقسىز سەييارە مەكتەپ ئىدى . ھەربىر يۇرۇت ۋە ئايماقلاردا ئوقومۇشلۇق ئۇستازلار «ھېكىمەت ئۇستازى »لىققا تەكلىپ قىلىناتتى . يەرلىك مەھكىمىلەردىن ئۇلارغا مەلۇم مىقداردا مائاش بېرىلەتتى .ۋە بەزى ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولاتتى .ھەتتا ئۇلار شۇ يۇرىت ۋە مەھەلىنىڭ ئۆلىماسى ھېسابلانغاچقا ئايرىم ۋاقىتلاردىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر كېلىپ ئۆزى دۇچ كەلگەن قىيىن مەسلىلەر ھەققىدە سۇئال سوراپ مەسلەھەت ئېلىشىپ كېتىشەتتى .شۇڭا ، كىشىلەر بۇ ھېكىمەت ئۇستازلىرىغا شۇنداق ئەقىدە ۋە ھۆرمەت قىلاتتى . ;Y|Xkos  
   سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مەقبەرىسىنىڭ ئالدى خېلى كەڭرى سەينا ئىدى . جۈمە ۋە دۈشەنبە بازار كۈنلىرى «ھېكىمەت ئۇستازى »بۇ يەرگە كېلىپ ھېكىمەت سۆزلەيىتتى . باشقا چاغلاردا باشقا مەھەلىلەردە پائالىيەت قىلاتتى . گەرچە ئاتمىش ياشلارغا كىرىپ قالغان بولسىمۇ ،شۇندان جۇشقۇن ۋە سۆزمەن ئۇستاز بۈگۈنمۇ يەنە بىر قىممەتلىك ھېكىمەت كىتابىنى ئاچىدىغاندەك قىلاتتى . ئۇ ئۇچىسىدىكى ئاق كۆڭلىكىنىڭ ئۈستىدىن باغلىۋالغان قارا بەلبىغىغا سول قولىنىڭ باش بارمىقىنى سېلىپ تۇتقان ،قولىنى نوتىغا ماسلاشتۇرۇپ ھاۋادا ھېلى ئۇيان ،ھېلى بۇيان پۇلاڭلىتىپ سۆزلىمەكتە ئىدى . >br5CION  
-ھەي خالايىق ،چىن ۋە توغرا ئەر قانداق بولىدۇ ؟ b(Kl5Z 
   چىن ۋە توغرا ئەر دەپ مۇنداق كىشىلەرنى ئاتىساڭلار بولىدۇ ،ئۇنداق ئادەمنىڭ تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولىدۇ ،ئىچى تېشىدەك ،تېشى ئىچىدەك بولىدۇ ،چىن ۋە توغرا ئەر يۈرىكىنى قولىغا ئېلىپ قويۇپ ،ئىنسانلار ئارسىدا ئۇيالماي يۈرەلەيدىغان ئەردۇر .قېرىنداشلار ،ئارىمىزدىكى ئەڭ ئەسكى ئادەمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ ؟جاھىل ،بەدخۇي ئادەم ،يالغانچى ،تۆھمەتخۇر ئادەم ،ھۈنەرسىز پەزىلەتسىز ئادەم ،ھاياسىز بېخىل ئادەم ئادەملەرنىڭ ئەڭ ئەسكىسىدۇر .ھەي خالايىق ،سىلەرگە خاتىرجەم ۋە بەخىتلىك ياشاشنىڭ يولىنى دەپ بېرەيمۇ ؟ ئاگاھلاندۇرۇشۇم بولسۇنكى ،غاپىل ياشىمىغىن ، ئۆمۈر بوستانىڭنى مەنىسىز ئىشلار ئۈچۈن خازان قىلما ،توغرا بول ، دۇرۇس يولدىن ھەرگىز قايىتما ۋە ئاداشما .توغرا يول مۇرد مەقسىتىڭگە يەتكۈزىدۇ .ئەلگە مېھرىبان كۆيۈمچان بول .ھەرگىزمۇ ئەلگە ئاسىيلىق قىلمىغايسەن .كۆڭلۈك بىلەن تىلىڭنى رۇس تۇتۇپ ئاللاغا تىۋىن ، غەمنى ئاز قىلىپ ، كۆپرەك ئىبادەت قىلىپ ياخشىلىق تىلە ، جىدديلەشكەندىمۇ تەمكىن بول ،غەزەپلەنگەندىمۇ مۇلايىم بول ،ھەرگىزمۇ ئۆلۈمنى ئۇنتۇپ قالما ،ئەسلىڭنى ئۇنتۇپ قالما ،دۇنيادا ھېرىسلىق قىلپ ئۆزۈڭنى بۇلغىما ،بۇ دۇنيا قالىدۇ ،بىراق ھەممىمىز بۇ دۇنيادىن كېتىمىز . بېشىڭغا ھەر بالا كەلسە ئىڭرىماي كۆتۈرگىن ،ئاللانىڭ ھۆكۈمىگە رازى بول .راسىت سۆزلە ،ۋەدەڭ چىن ۋە ئىشەنچىلىك بولسۇن .ئوچۇق چىراي ،ئىللىق سۆزلۈك ،ئەزگۈ قىلىقلىق بول ،شۇندىلا زامان ساڭا كۈلۈپ باقىدۇ .بەخىت كېلىپ ئىشىكىڭنى قاقىدۇ .كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئاچماي يوشۇر ،ۋۇجۇدىڭنى ئەگرى يولدىن توس ، ئۆزىڭنىڭلا پايدىسىنى كۆزلىمە ،خەلىقنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلە ،چۈنكى سېنىڭ مەنپەئەتىڭ خەلىقنىڭ مەنپەئەتى ئىچىدە بولىدۇ . خەلىققە ئېغىرىڭنى كۆتۈرۈتمە ، خەلىقنىڭ ئېغىرىنى سەن كۆتۈرگىن ،مال –دۇنيايىڭ بولسا ئۆزۈڭنىڭ پايدىسى ئۈچۈن سەدىقە قىلىپ خەلىقىڭنى سۆيۈندۈر .ئادەمنىڭ ئەڭ ئېسىلى ئەل ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىپ ،ئۇلۇغ ساۋاب تاپىدۇ –ھېكىمەت ئۇستازى سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ،قارىسا ئۆزىنى چەمبەسىمان ئورىۋالغان ئادەملەر نەچچە رەت-رەت بولۇپ كەتكەنىكەن . بەزىلەر كۆرەلمەي ھە دەپ بوينىنى سوزۇشاتتى . –خالايىق ،ئالدىراش ئىشىڭلار بارلار كەتسەڭلارمۇ بولىدۇ .ئەگەر ئالدىمىساڭلار ئادىدىكىلەر ئولتۇرۇپ ئاڭلاڭلار ،كەينىدىكىلەرگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىڭلار .ھېكىمەت ئۇستازىنىڭ بۇ تەكلىپى بىلەن بىر ئىككى قۇر ئادەم ئولتۇرۇشتى .ئۇ ھېكىمەت دەرىسىىنى يەنە داۋاملاشتۇردى : ]PT^<<"SA5  
   -ئادىمىيلىك نام ئىككى نەرسىدىن ئىبارەتتۇر .بىرى ،خەلىققە مېھرىبان بولۇش ،يەنە بىرى سېخېيلىق بىلەن قولىنى ئوچۇق قىلشتۇر . ئەقلىڭ بولسا ،ئەقلىڭگە كېڭەش قىلىپ باققىن ،ئەقلىڭ ساڭا شۇڭا دەۋەت قىلىدۇ،سېخېي دېيىشىدۇ .ھەقىقىي سېخېي كىم ؟سېخېي دېگەن جېنىنى پىدا قىلىپ ئەرلىك ھەققىنى ئۆتىگەن ئادەمدۇر .كۈمۈش ئۈلەشتۈرگەننىلا ھەقىقىي سېخېي دىگىلى بولمايدۇ .ھەقىقىي سېىخېي ھاياتىنى ئەل ئۈچۈن تەسەددۇق قىلغۇچىدۇر . _m(=lNk%  
   ھېكىمەت ئۇستازى بۈگۈن ھەر نۆۋەتتىكىگە قارىغاندا كۆپرەك سۆزلىدى ،بىراق سۆزلىگەن ھېكىمەتلىرى ھەر قېتىمدىكىدىن ئالاھىدە پەرىق قىلاتتى ..چۈنكى كۆپ ھاللاردا « ئەدەپ –ئەردەمنىڭ بېشى تىل » ،«قۇت بەلگىسى بىلىم »،« يىلان ئۆزىنڭ ئەگىرىلىكىنى بىلمەس ،تۆگە بوينىنى ئەگرى دەر » ،«ماختانچاق ئىشنى بۇلغار » « تېكىمگۈچە ئۈنمەس،تىلىمىگۈچە تېپىلماس » « ھەي ئۇيغۇر ،ياغاچ كەسسەڭ ئۇزۇن كەس ،تۆمۈر كەسسەڭ قىسقا كەس »دېگەنگە ئوخشاش قىسقا –قىسقا ھېكىمەتلەرنى سۆزلەپ چۈشەندۈرەتتى . بەزى ھاللاردە كىشىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن سۆزلەپ بېرەتتى . بەزىدە كىشىلەر ئوردىدىكى ئىشلار ، قانۇن –تۈزۈم ، خاننىڭ خائىشى ،توغرىسىدا سۇئال سورايدىغانلارمۇ بولاتتى .بۈگۈن ئارىدىن بىرەيلەن قوپۇپ ،ئۇستازدىن سورىدى ؛ @#hR UC  
-ئۇستاز، بۇ نۆۋەتلىك ئوردا كېڭىشىدە بىز پۇقرالارغا پايدىلىق بىرەر ئۆزگىرىشلەر بولامدۇ ؟ 69\pxOkY  
   -ھەي خالايىق ،ئاللانىڭ رەھمىتى بىلەن بىز ئادالەتلىك ،پاراسەتلىك خاننىڭ زامانىسىدا ياشاۋاتىمىز ،-دېدى جاۋابەن ئۇستاز ،-بۇ قېتىمقى ئوردا كېڭىشىدىن ئۈمۈتۋار بولساق بولىدۇ .ھازىر خان ئالىيلىرىنىڭ قېشىدا دۆلەت ئۇستازى يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك دانا مەسلەھەتچىلىرى بار . خان ئالىيلىرى بۇ قېتىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنى رەسمىي ئۇلۇغ خاس ھاجىپ قىلىپ تەيىنلەيدىكەن دەپ ئاڭلىدىم .شۇڭا، يۈسۈپ خاس ھاجىپقا قانۇن-تۈزۈمگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايھىسىنى ئىشلەپ چىقىش ھۇقۇقىنى بېرىپتۇ . ئۇ مۆتىۋەر زات شەخسىيەتسىز ، پۇقراپەرۋەر ، دانا كىشى ئىكەن. مەن بۈگۈن دېگەن ھېكىمەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاشۇ ئۇلۇغ ئۇستازنىڭ بۈيۈك ھېكىمەت قامۇسى d Jtafql  
« قۇتادغۇبىلىك » تىن ئوقىۋېلىنىپ يادىمدا قالغانلىرىدىن بىر تامچە .بىز خان ئالىيلىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئاللاھ پاناھىدا ساقلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلايلى ،ئامىن! fi&wq2|  
-ئامىن . . . –خالايىقنىڭ ھەممىسى قولىنى دۇئاغا كۆتۈردى . 0%82g\U1m  
ئۇستاز ،سىلى دۆلەت ئۇستازى يۈسۈپ خاس ھاجىپنى كۆرسىلە ،بىزلەردىن سالام دەپ قويسىلا ،رەھمىتىمىزنى يەتكۈزۈپ قويسىلا ، ،دېدى چۆرىدەپ ئۇلتۇرغانلار ئارسىدىكى ئېگىز دارازا بىر ئەر كىشى ،-ئۇ زات بىز پۇقرالارنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدۇ ،نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئەرىز داتلىرىنى قوبۇل قىلىپ ، ئادالەت بىلەن ھەل قىلىپ بەردى .ئۇستاز رازىلىق بەردى . oqNL5Wc)  
  ئۇستازنىڭ نوتىقى تۈگىگەندىن كېيىن ھېلىقى دارازا ئەر ئەتراپتىكىلەرگە ناھايىتى قىزغىن پاراڭ سېلىپ بەرگىلى تۇردى : 7KcI=Nz"  
-بۇلتۇر نۇرۇزدا ،بەگنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئوردۇ كەنىتكە چېلىىششقا باردىم ،دەڭلا ،ئەييۇھەننەس ،بۇ يەرگە كېلىپ كەتكەن ئادەم ،كۈسەندىن ،ئۇدۇندىن ، ئۇچتىن ، سەمىزكەنىتتىن ھەتتا قۇچۇ بەشبالىقلاردىن ***** ئۇيغۇرلارمۇ پالۋانلىرىنى ئەۋەتكەن ئىكەن ئەمەسمۇ ؟! :ih6_\yn  
سېنى شۇ ***** ئۇيغۇرلارنىڭ پالۋىنى يەر چىشلىتىپتىكەنغۇ ؟-دەپ چاقچاق قىلدى بىرەيلەن . 1;_gJ= gyx  
   -سەن مېنىڭ ياتقىنىمنى دېمەي ،ئاتقىنىمى دېمەمسەن ،-دېدى بەستىلىك بۇ ئادەم بىر ئاز تېرىكىپ ،-دۇنيادا يىقىلمايدىغان نوچى يوق ،ئەمما مەن ئۇنى ئەمەس ،مانا سۇ چېلىشىش سەۋەبلىك ئۇچىرغان كېلىشمەسلىكىمنى دېمەكچىمەن ،-ماڭا ئىككىنچى كۈنى نۆۋەت كەلدى .ئارقا –ئارقىدىن بىر –ئىككىنى ئاتتىم .ئۈچىنچى قېتىمدا يەنە بىر سەمىزكەنىتلىك ئۆزىنى چاغلىماي سەكرەپ چۈشۈپ قالدى .قان قىززىپ تۇرغانداق ئىش باشقىچە .ئەتراپتا لەك –مىڭ لەك مىڭ ئادەم ھوۋ-ھوۋلاپ تۇرسا ،شۇنىڭ بىلەن تەڭرى بىر غايىۋانە كۈچ بەردىمۇ ئۇقمايمەن ،تۇتقانچە يەرگە قوزۇق قاققاندەك قېقىۋېتىپتىمەن ئەمەسمۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ چىدىماس ئۇرنىدىن تۇرالماي ۋاي-ۋايلاپ ياتمامدۇ .بىر چاغدا ئۇنى كۆتۈرۈشۈپ سورۇندىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن مەن بالاغا قالدىم . ئەتىسى مېنى تۇتۇپ ئوردۇ كەنىتتىكى چوڭ قازىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى .ئۇ قازى ،سەن ھېلىقى سەمىزكەنىتلىك ئادەمنىڭ بېلىنى ئۇشتۇۋېتىپسەن ،ئۇنى ئەملەش ئۈچۈن كەتكەن چىقىمىنى سەن تۆلەيسەن ،ئەگەر مىيىپ بولۇپ قالسا ،ئۆمۈرۋايەت ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن ،سەپ پىچىپ قويدى .مۇشۇمۇ ئىش بولدىمۇ دەڭلار ،ئۇيان با ،بۇيان با،يېنىمدا بار تەڭگىنى بېرىپ ئۆيۈمگە بېرىپ كېلەي دېسەم ئۇنىمايدۇ .ئاخىر بىرەيلەن ماڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئەرىز سۇنۇشۇمنى ئېيىتتى ،تۆت تەڭگە بەرسەم ،راسا كېلىشتۈرۈپ ئەرىز يېزىپ بەردى .تەلىيىمگە بىركۈنى ئۇ زات داۋا ئىشى ئۈچۈن مەھكىمىسىگە چىقتى .يېنىدا تۇغ كۆتۈرگەن بىر قانچە ياساۋۇللىرى بار ،ھېلىقى ئادەمگە قارىساڭلار ھەم ئەيمىنىسىلەر ھەم سۆيۈنۈپ كېتىسىلەر ،شۇنداق سۈرلۈك ئەمما شۇنداق قاملاشقان مەن ئارقىسىدىنلا كىرىپ مەھكىمە ئىچىدىلا ئەرزىمنى يۈسۈپ خاس ھاجىپقا سۇندۇم .يېنىدىكى مۇلازىمدىن بىرى ئەرىزىمنى ئېلىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپقا بەردى . ئۇ ئەرىزنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىپ يېنىمغا كەلدى : 6.(f]d  
   -ئورنۇڭدىن تۇرە ،نوچى دېگەن مۇنداق تىزلانمايدۇ ،-دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ، چوڭ ئەمەلدارلارنىڭ بىزدەك قارا بودۇنلارنىڭ ئالدىدا ئاشۇنداق مېھرىبانلىق بىلەن كۈلگىنىنى كۆرۈپ باققىنىڭلار بارمۇ ،-ساڭا ئۇۋال قىپتۇ ،بۇ پائالىيەتنى بىز ئورۇنلاشتۇرۇپ ،،ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىشنى باشقا ئادەمگە يۈكلەپ قويسا ،بولمايدۇ،-دېدى، كېيىن قازىغا چېلىشىشتا ھەرخىل ھادىسىلەر بولىدۇ ،بۇنداق ئىشلاردا پالۋانلارنى گۈناھقا ھۆكۈم قىلىپ قويساڭ ،كىممۇ چېلىشىشقا جۈرئەت قىلالىسۇن ،بۇ ئىشنى ئوردا ئۈستىگە ئالىدۇ . ،-دېدى.شۇنىڭ بىلەن قازى ئىلاجىسىز مېنىڭ قايتىپ كېتىشىمگە ئىجازەت بەردى . YhF,i#5:Tg  
  -ئۇنى دېسەڭلار ،ئۆتكەن قېتىم ،-دەپ سۆز قىستۇردى يەنە بىرەيلەن ،-بۇغراخان بىلەن ئاشۇ زات ئارتۇشقا چىقىپ سۇتۇق بۇغراخانىنىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىپ قايتاشىدا بىر قانچە ئادەم ئەرىز سۇنغانىكەن .ھەممىسىنىڭ ئەرزىنى توغرا ،ئادىل ھەل قىلىپ بېرىپتۇ . تېخى بىر زالىم پارىخور ئەمەلدارنى جازالاۋېتىپتۇ .ئاشۇ بەگلەرنىمۇ ئالدىدا تىزلاندۇرالايدىغان ھوقۇق بار ئادەملەر ئىكەن- ھە بۇلار . @[_-VPR2  
-يۈسۈپ خا س ھاجىپ دېگەن بۇ ئادەم بەك يامان ئوخشايدۇ ،-دېدى يەنە بىر كىشى ،-تېخى بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ بالا چاقىلىرى گۇناھ قىلسىمۇ ئوخشاشلا جازالىنىدۇ ،-دەپتىمىش .
X OBKr$  
3r! rz@_  
تۆھمەتنىڭ ئالدى –كەينىدىكى ئىشلار
J5]\B&?t  
     كەچ ،كۆز باغلانغان چاغ .بەگتاش ھاجىپنىڭ قۇشقاناتلىق دەرۋازىسىنىڭ ھالقىسى شاراقشىپ ئۇرۇلدى .ئۇنىڭ خىزمەتچىسى چىقىپ ئىشىكنى ئاچتى .ئىشىك ئالدىدا ئىككى كىشى تۇراتتى ،ئۇنىڭ بىرى بېشىغا بادام دوپپا ، ئۇچىسىغا خېلى ئېسىل رەخىتتىن تون كىيگەن ،قولىدا كۈمۈش ساپلىق قامچا تۇتقان ھالدا تۇراتتى .يەنە بىرى بېشىغا كىر بولۇپ كەتكەن ئاق بۆك ،ئۇچىسىغا ماتادىن تىكىلگەن كۆڭلەك ۋە كەڭ پۇشقاقلىق تامبال كىيگەن ،پۇتى يالاڭ ئاياغ ئىدى ،ئۇ قولىدا بېگىنىڭ ئېتىنىڭ چۇۋۇلىنى تۇتقىنىچە ھاسىراپ –ھۆمۈدەپ تۇراتتى .  
-بەگتاش ھاجىپ جاناپلىرى ئۆيدە بارمۇ ؟-سورىدى بەگ سۈپەت كىشى . 0%!D(z4K  
-سىلە كىم بولىلا ،-دەپ سورىدى ئۆيدىن چىقىقان مۇلازىم . VGG%L  
-مېنىڭ كىملىكىمنى سورىماي ،گېپىمگە جاۋاپ بەر ،-دېدى ئايۇپ بەگ ،شۇ زامان قولىدىكى قامچا بىلەن ھېلىقى مۇلازىمنىڭ يۈز تەرىپىگە تارسىلتىتىپ بىرنى ئۇرىۋەتتى ،-مۇشۇ كەمدە چاكارلارمۇ ھەددىدىن ئېشىۋاتىدۇ ،دېسە . jH"`RcO[J  
   ئايۇپ بەگ ئىجازەتنى كۈتمەيلا ئۈسۈپ كىردى .پىشايۋانلىق ياسىداق سۇپىدا بەگتاش ھاجىپ بىلەن سەيدىخان خۇجا تونۇردەك سەللىسىنىڭ ئاستىدا بېسىلىپ قالغاندەك ،مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ گۇڭۇرلىشىپ پاراڭلىشىۋاتاتتى .ئايۇپ بەگ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ ،سۇپا ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرۇپ بولۇپلا كايىپ كەتتى .: Xsnb8!?4  
- بەگ بەگدەك ،چاكار چاكاردەك بولغاننى كۆرگەن .مۇشۇ كەمدە چاكارلارمۇ ئادەمگە گولىيىدىغان بولىۋالدى ،سېنى كىم بېقىۋاتىدۇ ،دەپ كۆرگۈلۈكىنى كۆرسىتىپ تۇرسا ،ئاندىن ھەددىنى بىلەتتى . 0lh#o7  
   - -جانابى سەيىد خۇجا ،بۇ كىشى مېنىڭ قېينىنىم بولىدۇ ،-دەپ تونۇشتۇردى بەگتاش ھاجىپ ،ئايۇپ بەگنى تونۇشتۇرۇپ . 61P; S#W.  
- -بىزگىمۇ ئوردىدا پۇت قويغىدەك جاي قالمىغىلى تۇردى ،-دېدى سەيىد خۇجا ھەسرەتلىنىپ ،-يۈسۈپنىڭ بىدئەت كىتابى بېشىمىزغا بالا بولغىلى تۇردى ،بىز پەيغەمبەر ئەۋلادلىرنىمۇ نەسەبى يات دەپ چەتكە قېقىۋاتىدۇ . #b+F@\21)  
- -بۇ قېتىم ئۇردا كېڭىشىدە يۈسۈپنى ئۇلۇغ خاس ھاجىپلىق مەرتىۋىسىگە رەسمىي تەيىنلەيدىغان ئوخشايدۇ .،-دېدى بەگتاش ھاجىپ ،-مەنمۇ خان جەمەتىدىن تۇرسام ،ئوتتۇز يىل ئوردىدا جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەن تۇرسام ،شۇ بىدئەت كىتابى بىلەنلا مېنىڭ ئۈستۈمگە چىقىپ مىنگىلى تۇردى ئۇ . J3EL1|:F  
- -جانابلىرى سىلى يۈسۈپتىن ئىقتىدار جەھەتتە ۋە نەسەب جەھەتتە ھېچقانداق قالغۇچىلىكلىرى يوققۇ ،-دەپ سۆز ئارلىدى ئايۇپ بەگ ،-ئۇ يازغان قوشۇغنى سىلىمۇ يازغانغۇ ،خان ئالىيلىرىنى ئۇ قانداق قىلىپ ئىندەككە كەلتۈرۋالدىكىنە . XoY / > 
- -يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقمايدۇ،ئوردىدىمۇ بىزنىڭ تەرىپىمىزنى ئالىدىغان ئادەملەر خېلى بار .بىز گېپىمىزنى بىر قىلىپ ،خان ئالىيلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلايلى ،-دېدى بەگتاش ھاجىپ ،-ھازىر ئوردىدىمۇ ئەل ئارسىدىمۇ يۈسۈپنى _W:  
- «دۆلەت ئۇستازى » دېگەن گەپ تارقاپ كېتىپتۇ .بۇ خان ئالىيلىرى ئۈچۈنمۇ بىر ھاقارەت .ئۇ ئۆز ھەددىنى بىلمەي «خان ئۇستازى ،دۆلەت ئۇستازى »دېگەن نامىنى ئالسا ،دۆلەتنى ئاتاققا خان ئالىيلىرى ،ئەمەلىيەتتە يۈسۈپ باشقۇرغان بولۇپ قالمامدۇ . cw^b]_~  
   - -تۆرۈ (قانۇن ) ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر ،دەپتۇ .خان ئالىيلىرى بىلەن ئاشۇ زەڭگى قۇللارمۇ تەڭ بولۇپ قالامدۇ ،بۇ تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشقانلىق –دە –دېدى ئايۇپ بەگ ئالقىنىنى گىلەمگە ئۇرۇپ تۇرۇپ . %4}&UF,N  
- سەيىد خۇجا ، گەرچە قاراخانىيلار يۈرگۈزىۋاتقان قانۇن ئىسلام دىنىنى يادرو قىلغان قانۇن ئىكەنلىكىنى ،ئىسلام ئەقىدىسىدە ئاللانىڭ قانۇنى ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلسىمۇ ،ئايۇپ بەگنىڭ سۆزىگە باش لىڭىشتىپ تەستىقلىدى ۋە ئايۇپ بەگنىڭ سۆزلىرىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى : ~TxA7\Zw%2  
- -پەيغەمبىرىمىز ،ياخشى چۈش ئاللاھ تەرىپىدىن بولىدۇ ،يامان چۈش شەيتاندىن دېگەن بولسىمۇ ،يۈسۈپ تەپ تارتماي ئادەم ئۆزى قانداق بولسا ،چۈش شۇنداق بولىدۇ دەپتۇ . P.! tk}  
-    -بۇ گەپلەر بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ ،ئازراق تارازىغا توختايدىغانراق بىرەر ئىشنىڭ يولىنى قىلماي ،بۇ گەپلەرنى كۆتۈرۈپلا خان ئالىيلىرىنىڭ ئالدىغا كىرگىلى بولمايدۇ .بىز ئىشنى باشقا ياقتىن توغۇرلايلى ،-دېدى بەگتاش ھاجىپ ئاۋازىنى بىر ئاز پەسەيتىپ ،ئالدىغىراق مۈكچەيدى ،قالغان ئىككەيلەنمۇ باشلىرىنى يېقىن ئېلىىپ كېلىشتى .بىر ھازادىن كېيىن باشلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ كۈلۈشۈپ كېتىشتى . VwBP>*uh  
- -ئۆز كۆزىچە دانا تەدبىر ھېسابلىغان بۇ ئىشنى سۇغا چىلاشتۇرساق ،ئوردا ئۈچۈن نەچچە يۈز مىڭ دەرھەم زىيان بولىدۇ ،-دەپ پەخىرلىنىپ كەتتى ئايۇپ بەگ . YeI`*  
- ئۇنداق بولسا بۇ ئىشنى ساڭا ئورۇنلاشتۇردۇق ھەرگىزمۇ چاتاق چىقىپ قالمىسۇن ،-دەپ جېكىلدى بەگتاش ھاجىپ .ئەتىسى سەھەر بامدات نامىزىدىن بۇرۇن ،ئەك تۆمۈر يالۋاچنىڭ دەرۋازىسىنڭ ئالدىدا بەگتاش ھاجىپنىڭ ئۆي خىزمەتچىسى پەيدا بولۇپ ،ئېھتىيات بىلەن ئىشىكنى قاقتى .ئۆي ئىچىدىن بىرەيلەن چىقىپ ئىشىكنى ئاچتى . )a"Q;f`?(  
- -كىمنى ئىزدەيسىز ؟ os&i/d _u  
- -ئەل تۆمۈر يالۋاچ ئۆيدە بارمۇ ؟-دەپ سورىدى ھېلىقى مۇلازىم . #'W~5R k  
- -بار ،ئەمدى تۇرغان تاھارەت ئېلىۋاتىدىغۇ دەيمەن .ئەگەر جىددىي گەپ بولسا ماڭا دېسىلە ،مەن دەپ قوياي . %y ) 
- -ئۆزى بىلەن كۆرۈشمىسەم بولمايىتتى ،خاپا بولماي دەرھال خەۋەر قىلغان بولسىلا ،مەن دەرھال قايىتمىسام بولمايدۇ ،-دېدى ئۇ كىشى . I};`FdO  
- ئۆي خىزمەتچىسى كىرىپ كېتىپ ،بىردەمدىلا چىقىپ ئىشىك قاققۇچنى ئۆيگە كىرىشكە تەكىلپ قىلدى ۋە ياندىكى شام يېقىقلىق ئۆيگە باشلىدى .كىرىپ ئولتۇرۇشىغىلا ئەل تۆمۈر يالۋاچ ئۆيگە كىردى : A[!0hy  
- -ھوي ئاتامكەنسىز غۇ ، نېمىش بولدى ،سەھەردە كېلىپ قاپسىزغۇ ؟-دېدى ئەل تۆمۈر يالۋاچ . r@`_+{vaF  
   - ئۇكام بىر ئىش بار ئىدى ،سىزنى خەۋەرلەندۈرۈپ قوياي دەپ خەۋىپكە قارىماي كەلدىم ،ھېلىقى ئايۇپ بەگ دېگەن زالىم بىلىپ قالسا مېنى ئۆلتۈرۋېتىدۇ ،-دەپ جىددىيلەشكەن ھالدا ئاخشام بەگتاش ھاجىپ بىلەن سەيىد خۇجا ،ئايۇپ بەگلەرنىڭ قىلشىقان بەزى گەپلىرىنىڭ قۇلىقىغا كىرىپ قالغانلىرىنى مەلۇم قىلىپ مۇنداق دېدى ؛ U?>9,nZqr  
- -كېيىن ئۇلار باشلىرىنى بىر يەرگە ئېلىپ كېلىشىپ ،نېمىلەرنىدۇ گۇڭۇرلاشتى .نېمە پىلان تۈزگەنلىكىنى بىلەلمىدىم ،بىر يامان سۇيقەسىت پىلانلىغانلىقىنى كۆڭلۈم تۇيدى .ھە دېسە ،يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يامان گېپىنى قىلىشتى ،ئۇنى كۆزدىن يوقىتىمىز دېگەندەك گەپلەر بولۇندى .،سىز ئۇ ئادەمنى بىزدەك ئاجىزلارغا باشپاناھ ئادەم دەپ بەرگەنتىڭىز .شۇڭا نېمىلا بولسۇن ،سىزنى ۋاقىپلاندۇرۇپ قوياي دەپ كەلدىم . NXs 
    - ئەك تۆمۈر يالۋاچ بۇ خەۋەردىن ،ئۇلارنىڭ بىرلىشىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپقا بىرەر سۇيقەسىت پىلانلاۋاتقانلىقىنى جەزىملەشتۈردى .بىراق ،زادى قانداق يول بىلەن رەزىل قولىنى سۇنىدىغانلىقىنى ئۇقمايىتتى .بەگتاش ھاجىپ بۈگۈن ئەتىگەندىلا ئىشنى باشلىغان ئىدى . 7MEL+I3H  
   - ئەتىگەنلىك قوبۇل ۋاقتىدىن بۇرۇن ،بەگتاش ھاجىپ قوۋۇقباشىغا بۇغراخان ئالىيلىرى بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىنى ئېيىتتى ،قوۋۇقباشى بۇغراخانغا خەۋەر قىلغاندىن كېيىن ،ئىجازەت بىلەن بۇغراخاننىڭ ھوزۇرىغا ئىككى پۈكلىنىپ كىرىپ كەلدى . بۇغراخانمۇ ئۇنى خېلى ئوچۇق يورۇق قوبۇل قىلدى ۋە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى . j 
- -ئالىيلىرى ،نەدىمۇ مەندە خاتىرجەم ئولتۇرغىدەك ئاراملىق بولسۇن ،پۈتۈن خىيالىم ئالىيلىرىنڭ غېمىدە –دەپ سۆز باشلىدى بەگتاش ھاجىپ .بۇغراخانمۇ بىرئاز ھەيرانلىق بىلەن «ھە» دېگەندەك ئولتۇردى ،-ئوردىدىكى ۋە ئوردا سىرتىدىكى ئەلەمدار ۋە قەلەمدار بەگلەر نىڭ خاتىرجەملىكى بۇزۇلدى .ئەلمۇ تەشۋىش ۋە پاراكەندە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ ،ئەلەمدار ۋە قەلەمدار بەگلەر دۆلەتنىڭ تۆۋېرىكى ئىدى ،بىراق ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچراۋاتىدۇ . .بەگ بىلەن قۇلنىڭ پەرقى بولمىسا ،پۇقرالار نىڭ خورىكى ئۆسۈۋالدى .ئۇلار باج سېلىق تاپشۇرۇشتىن باش تارتىپ بەگلەر بىلەن قارشىلىشىۋاتىدۇ ،ئالىيلىرى . .oZv }d  
- گەپنىڭ تېگىنى بىرئاز پەملىگەن بۇغراخان ياندۇرۇپلا سورىدى : 2u9.CA  
- -ھاجىپ ،قېنى ئېنىقراق ئېيىتسىلا ،نېمە گەپ بۇ ؟! C7x/@%#"  
- -يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ تەرىپىنى ئالغان بەزى بەگلەر پۇقرالار بىلەن ئوردىنى دۆشمەنلەشتۈرۈپ قويىۋاتىدۇ ،ئوردىنى زىيان تارتۇرۇش ھېسابىغا ئۆزلىرىنى بېيىتۋاتىدۇ .كۆرۈنۈشتە پۇقرالارغا ياخشىچاق بولۇپ ،ئەمەلىيەتتە ئالىيلىرىنى يامان كۆرسىتىۋاتىدۇ .-دېدى بەگتاش . j3;/$C)S  
   - -بەگلەرنىڭ ۋەزىپىسى بۇقرالارنى ئۆزلىرىگە چوقۇندۇرۇش ئەمەس ،بەلكى شۇ پۇقرالارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ،شۇ پۇقرالارنىڭ تەرىپىنى ئېلىش ،پۇقرالار نىڭ تەرىپىنى ئېلىشنى يامان دېگىلى بولمايدۇ ،ھاجىپ .دۆلەتنىڭ ئۇلى پۇقرالار بىلەن پۇختىلىنىدۇ . L.c+C r?  
- -ئالىيلىرى ئىش ئۇنداق ئاددي ئەمەس ،-دېدى سۆزىنى تېخىمۇ پەسەيتىپ ،-يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۆتكەندە نەچچە ئون سودىگەرگە ئوردىدىن پۇل چىقىرىپ ،يۆلەش تەدبىرى ئەمەلىيەتتە ،ئۇلارنىڭمۇ ،ئوردىنىمۇ زىيان تارىتقۇزۇپ ،شۇ ئىش بەدىلىگە ئۆزى نۇرغۇن مەنپەئەت ئالغان ئىكەن. ھازىر ئۇ سودىگەرلەردىن نەچچىسى ،بۇ ئىشنىڭ سىرىنى ئاشلارلاپ قويدى . يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھەربىر سودىگەرگە ئوردىدىن مەلۇم مىقداردا مەبلەغ چىقارتتۇرۇپ بېرش بەدىلىگە نەچچە مىڭ دىنار پارا يىگەنلىكى توغرىدىدا گەپ سۆز بار .ھازىر نۇرغۇن سودىگەرلەر زىيان تارتىپتۇ .ئوردىنىڭ پۇلىنى قايتۇرالىغىدەك ئەمەس ،شۇنداق بولغاندا بۇ ئىش ئوردىنى نۇرغۇن زىيانغا سۆرەيدىغان ئىش ئەمەسمۇ ؟! -&7  
   - بۇغراخان يۇقىرقى گەپلەرنىڭ تېگىگە بىر ئاز غەرەز يوشۇرۇنغانلىقىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ ،لېكىن ،ئۇنىڭ پارىخورلۇق توغرىسىدىكى سۆزلىرى بىرئاز دېققىتىنى تارتىپ قويدى .شۇڭا ،بەگتاش ھاجىپنى چىقىپ تۇرۇشقا بۇيرۇق بەردى .بۇ چاغدا قوبۇل ۋاقتىمۇ بولۇپ قالغانىدى . ]"L^m:Z  
  - قوبۇلدىن كېيىن بۇغراخان يۈسۈپ خاس ھاجىپنى يالغۇز ئېلىپ قېلىپ سۆزلەشتى .يۈسۈپ خاس ھاجىپ ،بەزىلەر مەبلەغ چىقىرىپ سودىگەرلەرنى يۆلەش ئىشى توغرىسىدا بەزى نورمالسىزلىقلارنىڭ بارلقى توغرىسىدا ئىنكاس قىلىپ كىرىپتۇ ،-دەپ گەپ ئاچتى بۇغراخان ،-مەن شۇ ئىشنىڭ راسىت –يالغانلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن سىزنى چاقىرىتتىم .ئاڭلىسام ، سودىگەرلەر زىيان تارىتتۇق دەپ ئەسلى دەسمايە پۇلنىمۇ قايتۇرماپتىغۇ ؟بۇنى ئوردىدىكىلەرگە قانداق چۈشەندۈرۈش مۈمكىن ؟! ),~ pvr  
  - يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىشنىڭ تېگى تەھتىنى بىرئاز چۈشەنگەندەك بولدى ۋە تەمكىنلىك بىلەن ئەھۋالنى چۈشەندۈردى : B.0&{s*  
   - -ئالىيلىرى ،بۇنىڭدىن خاۋاتىرلەنمىسىلە ،مەن ھەر قاچان ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرىۋاتىمەن ،بەزىلەر بەكرەك ئالدىراپ كەتكەن ئوخشايدۇ ، ھەر قانداق ئىشنىڭ نەتىجىسىگە ۋاقتى كەلگەندىن كېيىن باھا بېرىش مۈمكىن .ئالىيلىرى بىلىلا ،قويغا بىر پارچە ناننى بېرىپلا قۇيرۇقىنى تۇتۇپ باقسا بولمايدۇ .بىرى ،بىز باجنى كەچۈرۈم قىلغان كىشىلەردىن ،ئەگەر باج ئالماقچى بولغان بولساقمۇ ئۇلار باج تاپشۇرالمايىتتى ،ئەگەر مەجبۇرلىساق زۇلۇم قىلىپ قوياتتۇق –دە ،ئۇلار پۈتۈنلەي ۋەيران بولاتتى . تاقاقلىق دۇكانلاردىن قانداق قىلىپ باج ئالغىلى بولىدۇ . ھازىر ئۇلار خېلى تىرىلىىپ قاپتۇ .كۈزدە ئۇلار تېگىشلىك باجنى تاپشۇرالايدۇ ،ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى كەملىكىنى كۈزدە تولۇقلاپ كەتكىلى بولىدۇ . دودىگەرلەرگە كەلسەك ،ئۇلارنىڭ بەزلىرى ئەل ئارلاپ تىجارەت قىلىۋاتىدۇ ،يىل ئاخىرىدا ئۇلار تاپقان تاپاۋىتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمنى خەزىنىگە تاپشۇرىدۇ .،ئەگەر تاپشۇرمايدىغان بولسا ،ئۇلار مەبلەغدىن ئايرىلىپ قېلىپ ئۆزىنى –ئۆزى ۋەيران قىلىدۇ . ;#5RlL"SZ  
    - يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئىشتا يەنە بىر نازۇك بىر ئىش توغرىسىدا تۆھمەتكە ئۇچىرىغانلىقىدىن خەۋرى يوق ئىدى . ئەسلىدە بۇ ئىشنىڭ تېگى مۇنداق ئىدى . E8fO%<9QC  
- يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىل بېشىدا بۇغراخانغا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك تەكلىپ بەرگەنىدى .بىرى، ئوردىدىن چۈشۈرۈلگەن باج –سېلىقنى ھەر تۈتۈن بېشىغا چېچىشنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكى ،پىلنىڭ يۈكىنى ئېشەكنىڭ كۆتۈرەلمەيدىغانلىقى ،شۇڭا بايلار كۆتۈرىدىغان يۈكنى ئوتتۇراھاللارغا ، ئوتتۇراھاللار كۆتۈرەلەيدىغان يۈكىنى نامراتلارغا يۈكلەپ قويغاندا ئاخىرقى ھېساپتا ھەر ئىككىسى ۋەيران بولىدۇ .ئاۋام ۋەيران بولسا دۆلەتنىڭمۇ ئۇلى بوشايدۇ ،دۆلەتنىڭ بايلىقى ئەمەلىيەتتە ئەلنىڭ بايلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ .شۇڭا ،باج –سېلىقنى قارىقويۇق ئەمەس بەلكى شۇ كىشىلەرنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىگە قاراپ ئېلىنسا ،ئۇ چاغدا نامراتلار ئازراق ئۆزىنى ئوڭشېۋىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشسە ئۇتتۇراھاللىققا يېتىدۇ ،ئوتتۇراھال تۇرمۇشتىكىلەر ئازراق تىنىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشسە ئۇلار بېيىيدۇ .نەتىجىدە ئەل بېيىپ روناق تاپىدۇ ،دېگەن مەزمۇندا مەسلەھەت بەرگەنىدى . يەنە بىر تەكلىپى بىر قىسىم سودىگەرلەرگە ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش پۇرسىتىنى بېرىش ئۈچۈن مەلۇم شەرىت بىلەن ئوردا مەلۇم مىقداردا پۇل ئاجىرتىپ ئۇلارنى يۆلەش ،بەزى چوڭراق سودىگەرلەرگە ئوردا مەبلەغ چىقىرىپ تاپاۋىتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئوردىغا تاپشۇرۇش شەرتىنى قويۇش تەكلىپىنى بەرگەنىدى .بۇغراخان يۇقىرقى تەكلىپلەرنى ئورۇنلۇق كۆرگەن بىلەن ،بەزى ئىشلارنى قانۇنغا كىرگۈزۈپ ،ئوردا كېڭىشىدە ئوتتۇرغا قويۇپ يۈرگۈزگىلى بولىدىغانلىقى ،سودىگەرلەرگە مەبلەغ چىقىرىپ بېرىش ئىشىنى ئويلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ،دەسلەپكى قەدەمدە سىناق ئۈچۈن ئوردا كەنىتتىكى بىر قىسىم دۇكانلار ،كاسىپلارنىڭ دۇكاننى ئېچىشىغا ياردەم قىلغان ،بىر قانچە سودىگەرلەرگە ئوردىدىن مەلۇم مىقداردا مەبلەغ قوشۇپ ،ئۇلارنىڭ سودا ئىشلىرىنى كېڭەيتىشىگە قولايلىق يارتىلغانىدى .بىراق بىر ياخشى ئىشنىڭ يەنە بىر يامان تەرىپى بار دىگەندەك ،بۇ ئىش سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ،بەزى پۇرسەتپەرەس سودىگەرلەر ۋە كاسىپلار ئوردىدىن ئۆزلىرى ئۈچۈنمۇ قەرىز پۇل ئاجىرتىپ بېرىشنى ،باجنى كەچۈرۈم قىلىپ بېرىش تەلىپىنى قىلىپ تۇرىۋالغانىدى . بۇنداق يولسىز تەلەپ ،يوللۇق چۈشەنچە بىلەن قانائەتلەندۈرۈلگەن بىلەن ئوردىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق خەزىنە ھېسابىدىن خېلىلا پۇل چىقىم قىلىنىپ كەتكەنىدى ،مانا بۇ ئشى بەگتاش ھاجىپلارنىڭ يۈسۈپكە تۆھمەت قىلىش ئۈچۈن ئۇينايدىغان ئويۇنى ئۈچۈن ئوبدانلا سەۋەب بولۇپ بەرگەنىدى . us i\ ]  
   - بۇغراخان يۈسۈپ خاس ھاجىپنى چاقىرىشتىكى ئەسلى مەقسەتنى ئاشكارلىدى .ئۇ ئىشنى تېخىمۇ ئەتراپلىق دەلىللەپ بېقىش نىيىتىگە كېلىپ ،يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قايتىشىغا ئىجازەت بەردى . #q.:v DbeW  
   - شۇنىڭدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ،ئەل تۆمۈر يالۋاچ ئوردىغا كېلىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن كۆرۈشۈپ بىر ئشىنى مەلۇم قىلدى . _O{-;y1h)  
   -جاناپلىرى ،ئوردىدىكى بەزىلەر سىلىگە ئورا كولاش ئۈچۈن بەزى سۇيىقەستلەرنى پىلانلىغانىكەن ،بۇ ئىش توغرىسىدا بەگتاش ھاجىپنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتكارى بولۇق ئاكام ماڭا بۇ ئشىنى مەلۇم قىلىپ قويغانىدى ،-ئەل تۆمۈر يالۋاچ ئەتراپىغا قاراپ قويۇپ يېنىدا ئېسلىقلىق زۇلپىقارنىڭ دەستىسىنى چىڭ تۇتقان ھالدا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ،مەن ئۈچ كۈندىن بېرى بۇ ئشىنىڭ تەكتىنى بىلىش ئۈچۈن ئەھۋال ئىگىلىدىم ،بىراق تېخى تولۇق ئاساسقا ئېرىشەلمىدىم .ئەتىگەن ئولتۇرسام بولۇق بىر ئوغلى مېنى ئىزدەپ ئۆيۈمگە كېلىپتۇ .ئۇنىڭ دېيىشىچە ئايۇپ بەگە بولۇق ئاكامنى ئايغاقچىلىق قىلدىڭ دەپ ،ئېسىپ قويۇپتۇ ،ئۇرۇپ پۇت-قوللىرىنى چېقىۋېتىپتۇ ۋە ئەرىز قىلساڭ تۇخۇمىڭنى قۇرۇتىۋېتىمەن دەپ تەھدىت ساپتۇ .-ئۇ ئادەمنىڭ قېسىڭىزغا كەلگەنلىكىنى قانداق بىلىپ قاپتۇ ،-دەپ سورىدى ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەل تۆمۈر يالۋاچتىن .ئۈچ كۈن بۇرۇن بۇغراخاننىڭ ئۆزىنى چاقىرتىپ ئېيىتقان ئىشلار بىلەن بۇ ئشىنىڭ باغلىنىشى بارلىقىنى ھېس قىلىپ . &VuW ?94  
   مەن ،بۇ ئىشنى ئۇققاندىن كېيىن كۆڭلۈم تۇيغاندەك ،ئۆتكەن قېتىم ئوردىدىن پۇل بېرىلگەن بەزى سودىگەرلەرنى ئىزدەپ باردىم .بۇ جەريانىدا ئايۇپ بەگنىڭ شۇ يەرلەردە ئوغرى مۆشۈكتەك قاتراپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم ،ئۇمۇ مېنىڭ ئۇ سودىگەرلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمنى كۆرۈپ قېلىپ گۇمان بىلەن بولۇق ئاكىنى شۇنداق قاتتىق ئۇرىۋېتىپتۇ . ']h5J[dv  
   -بولدى ،بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپتىم ،-دېدى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىشەنچىلىك ھالدا ،سىز بېرىپ بولۇق ئاكىنىڭ باللىرىنى ئەرىز قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇڭ .مەن ئاغچى بەگنى سودىگەرلەرنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ ئەسلىي ئەھۋالنى ئېيتىشقا مەجبۇرلايلى . ^imIw Q  
ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ،ئاغچى بەگ بۇغراخان ھوزۇرىغا كىرىشكە ئىجازەت سورىدى ،بۇغراخان ئاغچى بەگنىڭ كىرىشىگە ئىجازەت بەردى .  oVG(X*7  
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئالىيلىرى ،بايات تەنلىرىنى ساق ئۆمۈرلىرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ،پىتنە –پاساتچىلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىسۇن ،-دەپ ئالاھىدە تەكەللۇپ بىلەن سالام قىلدى . LXO8ZU 
  -ئىجازەت ،-دېدى بۇغراخان ئاغچى بەگنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ . N(+~k)>  
-ئالىيلىرى ،تۈنۈگۈن ،بەگتاش ھاجىپنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتكار بولۇق دېگەن كىشىنىڭ بالىلىرى مەزالىم مەھكمىسىگە ئەرىز سۇنۇپتۇ .ئايۇپ بەگ ئۇ كىشىنى ئايغاقچىلىق قىلدىڭ دەپ قاتتىق ئۇرىۋېتىپتۇ .بۇ ئشىنىڭ ئارقىسىدا بەزى ئويۇنلار بار ئىكەن .مەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئوردىدىن مەبلەغ ياردەم بېرىلگەن بىر قانچە سودىگەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ،ئايۇپ بەگنىڭ نېمە ئىش تاپشۇرغانلىقى توغرىسىدا راسىت گەپ قىلىشنى ،بولمىسا ئوردا مەبلىغىنى قايتۇرۋالىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ قىستىدىم .ئۇلارنىڭ بەزلىرى ،بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز ئىكەن ،ئايۇپ بەگ بىلەن مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى بىرەيلەن ،ئايۇپ بەگنىڭ ئۇنىڭغا ئوردا مەبلىغىگە قانداق ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدا سۈرۈشتۈرۈپ قارىسا ،يۈسۈپ خاس ھاجىپقا پارا بېرىش ئارقىلىق ھەل قىلدىم ،دەپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشكە كۆندۈرۈپتۇ ۋە ئۇنىڭغا يەنە بىر ھەسسە مەبلەغ كۆپەيتىپ بېرىشكە ۋەدە قىلىپتۇ،بەزىلەرنى ئوردا مەبلىغىنى قايتۇرماي ئارقىسىغا سۈرۈشكە قۇتىرتىپتۇ . 8V/@3\*m  
ئاغچى بەگنىڭ مەلۇماتىدىن بۇغراخاننىڭ چىرايىدىن غەزەپ بۇلۇتلىرى پەيدا بولدى ،تېرىكىپ ئورنىدىن تۇردى ۋە : gq.d3Im  
-چوقۇم بۇ ئىشنىڭ تېگىنى ئېنىقلاپ چىقىش كېرەك دېدى . 3G-~5w  
   بىر ھەپتىدىن كېيىن ئايۇپ بەگ ۋە بەزى سودىگەرلەر ياساۋۇل مەھكىمىسىگە كەلتۈرۈلۈپ سوراق قىلىندى .ئايۇپ بەگ بۇ ئىشتا بەگتاش ھاجىپنىڭ قولى بارلىقىنى قەتئىي تەن ئالماي تۇرىۋالدى .بىراق ،بۇغراخان بۇ ئىشنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى رىياسەتچىسى بەگتاش ھاجىپ ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان ھېس قىلغان بولسىمۇ ،ئوردا كېڭىشىدە باشقىچە ھەل قىلىشنى ئويلاپ ،بىرئاز كەڭچىللىك قىلىش نىيىتىگە كەلدى .ئايۇپ بەگ تېگىشلىك جازاغا تارتىلدى .،ھەم بولۇق ئاكغا خېلى زور دەرىجىدە تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم چىقىرىلدى .
  aOWi-0  
 
ئوردا كېڭىشى
)\NS('9'#  
   بىر ئايدىن بۇيان قاراخانىيلارنىڭ مەركىزى ئوردىسى بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئوردا كېڭىشىنىڭ تەييارلىقى ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ كەتتى . ھەرقايشى مەھكىمىلەر ئوردا كېڭىشىگە قويىدىغان تەكلىپ لايھىسى ،كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ،تەلەپ ۋە ئىلتىماسلىرى توغرىسىسدا تەييارلىققا چۈشۈپ كېتىشتى .قاراخانىيلارنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە يېزا-قىشلاقلىرىدا ،كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا بۇ قېتىمقى كېڭەش توغرىسىدا پاراڭلار بولۇۋاتاتتى . 3ZDKX  
   بۇغراخان يۈسۈپ خاس ھاجىپقا بۇنىڭدىن كېيىنكى دۆلەتنىڭ پىلانى،قۇرۇلۇش پىلانلىرى ،قانۇن_تۈزۈم ھەققىدىكى قاتلاملىرىدىكى يۇقىرى ،تۆۋەن ئەمەلدارلارغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر،ئىقتىسادىي قۇرۇلما ،ئەدەپ_ئەخلاق ،مائارىپ،تەلىم _تەربىيە ئىشلىرى توغرسىدا كونكىرىت پىكىر لايىھىسىنى يىزىپ چىقىشىنى تاپشۇردى. {-xMiIIO  
يۈسۈپ خاس ھاجىپ كېچە_كۈندۈز پۈتۈكچى مەھكىمىدىكى بىر قانچە پۈتۈكچىلەرنى ئىشقا سېلىپ كېڭەشنىڭ تەييارلىقىنى قىلدى. kF ^O3La;  
   قاراخانىيلارنىڭ ھاكىميەت باشقۇرۇش ئەنئەنىسىدە قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان «ئوردا كېڭىشى»تۈزۈمى بار ئىدى . بۇ كېڭەش بەزىدە ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ،بەزى جىددي ئەھۋاللاردا يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ ،،موھىم ھاكىميەت ۋە قانۇن –تۈزۈم مەسىلىلىرى كېڭەش قىلىناتتى . ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ قالدۇرۇلدىغانلىرى قالدۇرۇلۇپ ،يېڭىدىن مەرتىۋىگە قويۇلىدىغانلىرى قويۇلاتتى ..بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئوردا كېڭىشى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوردىغا كەلگەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق كېڭەش ئىدى . بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى كېڭەشتە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئوينايدىغان رولى ناھايىتى موھىم ئورۇندا تۇراتتى . =E$t,@ZX  
   بۈگۈن ئوردا كېڭىشىنىڭ بىرىنچى كۈنى .قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت كاتتىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تاشقى ئوردىغان جەم بولۇپ ،ئوڭ سولدا ئىككى رەتتىن بولۇپ سەپراس تۇرۇشتى . ھەربىر ئەمەلدار ئۆزلىرىنڭ ئەمەل تونلىرىنى كىيىشىپ ،بۇيرۇق بەگنىڭ ئورۇن مەرتىۋە بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئۆز جايلىرىدىن ئورۇن ئېلىشتى . w~+Mwm  
-ئۇلۇغ شاھىمىز ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان ئالىيلىرى ئوردىغا قەدەم تەشرىپ قىلدى ،-دەپ جاكارلىدى جاكارچى . n5.?b#R  
ئەمەلدارلار دەرھال ئۆزلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ ،قول باغلاپ تۇرۇپ بۇغراخانغا ئامانلىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى . _6NiQ,^e  
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئەمىرلىرىم ،ئەل يۇرۇت تىنىىچ-ئامانمۇ ،خەلىقنىڭ تۇرمۇشى پاراۋانمۇ ؟ nRA9COqU  
-ئۇلۇغ باياتنىڭ چەكسىز رەھمىتى ، ئالىيلىرىنىڭ ئادالەت بىلەن ئەل سوراۋاتقانلقىنىڭ خاسىيىتى بىلەن ئەل –يۇرىت تىنىچ –ئامان ،خەلىقنىڭ تۇرمۇشى پاراۋان خەلق ھەر قاچان ئالىيلىرىنىڭ تىنىچ –ئامانلىقى ،ئۆمۈرلىرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى تىلەپ دۇئا قىلماقتا. dxfL*E`7  
   قائىدە بويىچە ئامانلىق سورۇشۇش تۈگىگەندىن كېيىن بۇغراخان ئەمىرلەرنى ئولتۇرۇشقا ئىجازەت بەردى . ئۆزى ئۈچ پۇتلۇق شاھ كۇرسىدا ئولتۇردى .بۇ چاغدا ئۇلۇغ خاس ھاجىپ سەپتىن ئالدىغا چىقىپ ،قاراخانىيلارنىڭ ئوردا كېڭىشىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە بۇغراخاننىڭ ئەمىرىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى . ]~R4||  
بۇغراخان تەخىتتىن تۇرۇپ قىسقىچە سۆز قىلدى : |% hYl  
  -ئەمىرلىرىم ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستاپا سەللەللاھۇ ۋەسسەللەم «كېڭەش قىلماق ھەرقانداق ئىشنىڭ ئەمى »دېگەنىدى . .سىلەر مېنىڭ كۆرەر كۆزۈم ، ئاڭلايدىغان قۇلىقىم ،سۆزلەيدىغان ئاۋازىم ،پۇتۇم ھەم قولۇم ،.بۇ قېتىمقى كېڭەش ھەربىر ئەمىر بەگلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەقىل –پاراسىتىنى ، ئەلگە بولغان ساداقىتىنى نامايەن قىلىدىغان .بىر پۇرسەت .دۆلىتىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ،ئەلنى بېيىتىش ، ئەلگە خاتىرجەملىك ۋە پاراۋانلىق ئاتا قىلشى ئارقىلىق تەڭرىنىڭ قوللىشىغا ،پۇقرالارنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ .مەن سىلەردىن دۇرۇش نىيەت بىلەن ،ھەرقانداق پىكىر تەكلىپىڭلارنى، ياخشى مەسلەھەتىڭلارنى ئوتتۇرغا قويۇشۇپ ، ئورتاق كېڭىشىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .بۇ قېتىم كېڭەشتىن بۇرۇن مۇنداق بىر ئىشنى قىلىپ بولۇپ ،ئاندىن رەسمىي كېڭەش باشلايمىز . Be8nk6C_  
   -خاقانىمىز ئەزەلدىن خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى تارتۇقلاپ ،گۇناھ قىلغانلارنى جازالاپ كەلگەن .ئۇلۇغ خاس ھاجىپ بەگتاش توپتۇغرا 50يىل خىزمەت قىلدى .مەن ئۇلۇغ خاس ھاجىپتىن پۈتۈنلەي رازى ،ھازىر بۇ ئادەم ياشىنىپ قالدى ،تەن سالامەتلىكىمۇ ياخشى ئەمەس ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۆتىنىشىگە ئاساسەن ،ئۇلۇغ خاس ھاجىپنڭ ئىشىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۈستىگە ئالىدۇ . ئۇلۇغ خاس ھاجىپ بەگتاش ئۆمۈر بويى يەنىلا ھازىرقى ئىمتىيازىدىن بەھرىمان بولىدۇ .ھازىر ئۇلۇغ خاس ھاجىپ ۋەزىپىسىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپقا رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بەرسۇن . su Kv_  
بۇغراخاننىڭ ئەمىرىگە ئاساسەن ئۇلۇغ خاس ھاجىپ مۆھۈرنى ۋە تۇغ ئەلەملىرىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئىككى قوللاپ ئۆتكۈزۈپ بەردى .يۈسۈپ خاس ھاجىپقا شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدىلا ئۇلۇغ خاس ھاجىپلىق تونى كىيگۈزۈلدى .ئەمىرلەرنىڭ ھەممىسى شاھ ئالىيلىرىنى ۋە يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىپنى قۇتلۇقلاشتى . tB%At7y  
   بۇغراخان ۋەزىپە ئۆتكۈزىۋېلىش مۇراسىمى تاماملانغاندىن كېيىن ،تەخىتكە بېرىپ ئولتۇردى ۋە ئالدىدىكى خۇشخۇيلۇقتىن ئەسەرمۇ قالماي ،قوشۇملىرى تۈرۈلۈشكە باشلىدى .ئەمىرلەر بىرئاز ساراسىمگە چۈشتى .شۇ ئەسنادا بۇغراخان ئەمىر قىلدى : #lT$**]=  
-بەگتاش ھاجىپ ئەمىرگە قۇلاق سالسىلا .بەگتاش ھاجىپ «خوپ ئالىيلىرى »دەپ سالپىيىپ قول باغلاپ تۇردى . kk<+BN<  
   -سىلى ياشتا چوڭىيىپ قالدىلا ،شۇنداقتىمۇ شۈكرىنى ئۇنتۇپ پىتنە –پاسات تېرىپ نەپىسلىرىگە چوغ تارىتتىلا .بەگلەرنىڭ ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىقى ئەلنىڭ بەختى .شەخسىي مۇددىئا ئۈچۈن يامان ئويلاردا ۋە يامان كويلاردا بولسا ،ئەلگە زور بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان ئىش بولىدۇ .تارىختا كۆپلىگەن پاجىئەلەر قارشى ئوردا ئەھلىنىڭ ئۆز –ئارا قارشىلاشقانلىقىدىن كېلىپ چىققان .بىر نەپسانىيەتچى بەگنىڭ نەپىس خائىشى پۈتۈن ئەلنى قانغا پاتۇرۇشقا يارىغان بۇنداق ساۋاقلارنى بارلىق ئەمىرلەر ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك . !.e@95&j  
-خان ئالىيلىرىنىڭ دانالىقىغا ئاپىرىن ،خان ئالىيلىرىنىڭ سۆزى بەرھەق ،-ئەمىرلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك ئاۋاز قوشۇشتى . 1 '" 
   -بەگتاش ھاجىپ قۇلاق سالسىلا ،يېقىندىن بۇيان بەزى بولمىغۇر ئىشلار بولۇپ ئۆتتى .مەن سىلىنىڭ ئوردىدا ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىگەنلىكلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇ ئشلارنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمىدىم .بۈگۈندىن باشلاپ ئارام ئېلىپ قالسىلا ،يەنە بەزى ئىشلار سادىر بولۇپ قالسا ،مەن ھەرگىز يۈز خاتىرە قىلمايمەن . FR[7~QglL  
-ئالىيلىرىغا رەخمەت ،-دېدى بەگتاش ھاجىپ ۋە ئوردىدىن چىقىپ كەتتى .بۇغراخان يۇقىرقى تارتۇقلاش بىلەن مۇكاپاتلاشنى مەقسەتلىك ھالدا كېڭەش يىغىنىنىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرغانىدى .بۇ قېتىمقى كېڭەشنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشى ،ئەمىرلەرگە ئىلھام ۋە ساۋاق بولىشىدا بەلگىلىك رول ئوينايىتتى . f2:{=~Q)6  
    ئۈچ كۈنلۈك كېڭەش ئىنتايىن قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتتى .باش ۋەزىر ،سۇ باشى قابۇغباشى ،ئاغچى ،يوغرۇش،يانىجۇ ،كۆك ئايوق ،چاۋلى بەگ ،تېگىن بەگ ،چاغرى بەگ ،ئىنانچ بەگ ۋە ھەر قايسى ۋىلايەتلەردىن كەلگەن بەگلەر ئۆز دائىرىسىدىكى ئىشلاردىن مەلۇمات بېرىشتى . oI([ >CP  
   يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىپ ئەمىرلەرنىڭ مەلۇماتلىرىدىن بۇ قېتىم ئوتتۇرغا قويۇلىدىغان قانۇن –تۈزۈم لايھىسىگە بەزى موھىم مەزمۇنلارنى قوشتى .بۇ لايىھە پۈتكەندىن كېيىن بۇغراخاننىڭ كۆزىدىن كەچۈرۈپ چىقىشىغا تاپشۇرۇلدى . +gBh\k4  
ھەر قېتىمقى كېڭەش پەقەتلە بۇغراخانغا بولغان مەدھىيە سۆزلىرى «ئالىيلىرىنىڭ شەپقىتى بىلەن ھەممە ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك ،پۇقرالار تىنىچ –ئامان ،تۇرمۇشلىرى پاراۋان ،ھەر قاچان ئالىيلىرىغا ھەمدۇسانا ئېيتىپ ئۆمۈرلىرىنىڭ ئۇزۇن ،سەلتەنەتلىرىنىڭ مەڭگۈ بولىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشماقتا »دېگەنگە ئوخشاش قىلىپلىشىپ قالغان سۆزلەر بىلەن چەكلىنىدىغان ،ياكى بولمىسا ئەھۋال ئېيتىپ قىيىنچىلىقلىرىنى مەلۇم قىلىدىغان ئەمىرلەر ،كۆڭلىدىكى پىكىرلىرىنى جۈرئەت بىلەن قويۇشقا مەجبۇر بولدى .بۇغرۇش بەگ ئاۋامنىڭ ئەرزۇ ھالىنى ،تۆۋەندىكى ھاكىم بەگلەرنىڭ زورلۇق –زۇمبۇلۇقلىرىنى پاش قىلدى ،بۇنىڭدىن كېڭەشكە قاتناشقان ھاكىم بەگلەرنىڭ كۆڭلىدە جىن بارلىرى بىر ئاز تىتىرىدى .كۆك ئايۇق سۇ قۇرلىشى توغرىسىدا خېلى ئەتراپلىق مەلۇمات ۋە لايھىنى ئوتتۇرغا قويدى .سۇ باشى ئەسكىرى تەمىناتنىڭ كەمچىللىكى توغرىسىدا پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى .بەزى ھاجىپلار قاتناشقان راۋانلاشتۇرۇش ،ئۆز ئارا ئالاقىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ،ئۆتەڭلەرنى كېڭەيتىش ،يول تاختىلىرىنى يېڭىلاش ،يوللاردىكى قاراقچىلارنى تازىلاش ئۈچۈن چىرىكلەرنى كۆپەيتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى .شۇنداق قىلىپ ھەر «ئىچىققا »مەسئول بولغان بەگلەر ئازدۇر –كۆپتۇر پىكىر قىلغاندىن كېيىن بەزىلەرنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىدە خېلى يېڭىلىقلار ۋە پايدىلىق ئىجادىي پىكىرلەرنىڭ بارلىقى بايقالدى . پۈتۈكچى بۇ پىكىرلەرنى قالدۇرماي پۈتۈپ تۇردى .يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىپ بەگلەردىن چۈشكەن پىكىرلەرنى ئېلىپ ،بەزى لايھىلەرنى تولۇقلاش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئېلىپ كەتتى . #u[daI  
    كېڭەشنىڭ ئىككىنچى كۈنى يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىپ بەش ۋەزىر بىلەن كاللىنى بىر يەرگە كەلتۈرۋالغاندىن كېيىن ،ئوردىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ئەمىرلەردىن سۇباشى، كۆك ئايوق ، يۇغرۇش ،قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمىرلەر باش قوشۇشۇپ يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىپ تۈزۈپ چىققان قانۇن تۈزۈملەر ھەققىدە بىر يەرگە كېلىشتى .ئاخىرىدا بۇغراخاننىڭ كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشى ئۈچۈن تاپشۇردى ،چۈنكى بۇ قانۇن تۈزۈملەر خان مۆھرىنى باسقاندىن كېيىن خانىنىڭ ئەمىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرغا قويۇلاتتى . بۇغراخان بۇ لاھيىنى تولۇق كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ،بۇ قانۇن لايھىسىگە خانلىق مۆھرىنى بېسىپ تەستىقلىدى . "* Y0#@a*  
      كېڭەشنىڭ ئۈچىنچى كۈنى بۇغراخان رىياسەتچىلىكىدە ئوردا كېڭىشى داۋاملاشتى .يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىپ بۇغراخان نامىدا ئەمىر پەرمانلارنى ئوقۇپ چىقتى ،پەرماننىڭ بېشىدا ئەمىرلەر بىلەن پۇقرالارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مەسىلىلەر خېلى كەسكىن ئوتتۇرغا قويۇلغانىدى . l6 HO"x  
      «قارا بودۇن ئەمىر بەگلەر ئۈچۈن ،ئەمىر بەگلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ياشىمايدۇ .بەلكى ،بىز ئەمىرلەر قارا بودۇنلار ئۈچۈن ياشايمىز .بەگلەرنىڭ مەسئولىيىتى ئۆزىنىڭ نەپسى ئۈچۈن كەتمەن چېپىش ئەمەس ،بەلكى ئالىيلىرىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن قارا بودۇنلارنىڭ مەنپەئەتىنى بىردەك كۆرۈپ ساداقەت كۆرسىتىش .قارا بودۇن مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن بىز مەۋجۇت . . . بۇ باغلىنىسنىڭ ئاخىرىدا ئەلگە ساداقەتسىزلىك قىلىش بىلەن ئوخشاش ،ئەمىر بەگلەرنى بىرىنىڭ ئورنىغا يەنە بىرىنى ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ ،خەلىقنى ئالماشتۇرۇپ باشقا خەلىققە تېگىشىشكە بولمايدۇ . ھاكىميەتنىڭ تۈۋرۈكى ئەمەلىيەتتە ئەمىرلەر ئەمەس ،ئاشۇ قارا بودۇنلار . . . »ھەربىر سۆز ،ھەربىر تەلەپ خېلى چىڭ تەلەپپۇز بىلەن ئوتتۇرغا قويۇلىۋاتاتتى ،ئاخىرىدا كونكرېت قانۇن تۈزۈم توغرىسىدىكى بۇغراخاننىڭ ئەمرى ئوتتۇرغا قويۇلدى . +Wlv}v  
    يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمىرلەرگە قويۇلغان تەلەپتە ئىككى مەسىلە ئالاھىدە تەسىر قىلدى .بىرى ھاكىميەت ئىشلىرىغا قويۇلىدىغان ئەمىرلەرنىڭ بىرىنچى مۇھىم شەرتى ،ئەسلىي نەسلى ئېرىغ ۋە ئېسىل بولۇشى كېرەك ئىدى . نەسلى ئېرىغسىز بولسا ئەلگە ۋاپا قىلمايىتتى ،يەنە بىرى ئەقىل –پاراسەتتە توشقان ،بىلىمدە يېتىلگەن ئەل سۆيەر بولۇشى تەلەپ قىلىنغانىدى . #9YzR3s0X  
   بۇ قېتىمقى بەلگىلىمىدە مۇكاپاتلاش ،جازالاش ھەققىدىكى قانۇنىي ئۆلچەملەرمۇ ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلغان ،بۇقرالارغا زۇلۇم قىلغان ئەمىرلەرنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى ئوتتۇرغا قويۇلغانىدى .بولۇپمۇ پارىخورلۇق قىلمىشلىرىغا بېرىلىدىغان جازا ئوتتۇرغا قويۇلغاندا ،بەزى ئەمىر-بەگلەرنى خېلىلا تەشۋىشكە سالدى . '.hOwF"  
   بۇ قېتىمقى قانۇن لايھىسىدە بۇرۇنقى تۈتۈن بېشىغا قويۇلىدىغان سېلىقلار ،يۇقىرى ،ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن دەپ پەرىقلەندۈرۈپ قويۇشقا ئۆزگەرتىلدى .ھەربىر ئەمىرنىڭ كونكېرىت ئىش تەقسىماتى بەلگىلەندى .قايسى ئېچىقتىن مەسىلە كۆرۈنسە شۇ مەسئول بولىدىغانلىقى تەلەپ قىلىندى . `(&%_%zW  
   بۇ قېتىمقى تۆرۈ بەلگىلىمىسىدە ناھايىتى نۇرغۇن كونكېرىت مەسىسلىلەر ئوتتۇغا قويۇلۇپ كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىرىگە سۇنۇلدى . _8_$_%5$H  
   ھەممە تەلەپلەرگە ئەمىرلەر غىڭ –پىڭ قىلمىغانىدى .پەقەت «قانۇن ئاۋامنىڭ قانۇنى ،دۆلەتنى قانۇن –تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇش كېرەك ،قانۇن -تۈزۈم بۇزۇلسا ،دۆلەتنىڭ تۈۋرىكى يىقىلىدۇ ،تۆرۈ ئالدىدا ھەممە ئادەم خۇددى تاغاقنىڭ چىشىدەك باراۋەر بولىدۇ قانۇن ئالدىدا بەگ ۋە قۇل دەپ ئايرىلمايدۇ »دېگەن ئېبارىلەر ئوقۇلغاندا بەزى ئەمىرلەر بىر-بىرىگە قارىشىپ غۇدۇڭشىپ كەتتى .بۇنى سەگەكلىك بىلەن بايقىغان بۇغراخان ئورنىدىن تۇرۇپ : z )O51tPq  
   -بىز تەڭرىنىڭ يولىنى تۇتىۋاتىمىز ،تەڭرىنىڭ ئادىل قانۇنى ئالدىدا ھەرگىزمۇ مەرتىۋە ،نەسەب ،مىللەت سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ .،بەلكى ياخشى –يامانلىقلار ئۆلچىنىدۇ ئەگەر قانۇن –تەڭ باراۋەر بولمىسا ئۇنى قانۇن دېگىلى بولمايدۇ ،-دېدى. fEnoTr6_{  
بۇغراخاننىڭ بۇ قاتتى تەلەپپۇزى بىلەن قىستۇرغان سۆزى بىلەن ئەمىرلەر «خان ئالىيلىرى ئادىلدۇر »دەپ قۇللۇق بىلدۈرۈشتى . NR&A[`Z  
   بۇ قېتىمقى كېڭەش ئۈچ كۈن داۋام قىلىپ ئاخىرلاشتى .ئەمەلىيەتتە بۇ يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ئەسىىرىدىكى قانۇن –تۈزۈم ھەققىدىكى تەلەپ ۋە تەۋسىيەلىرىنىڭ رەسمىي قانۇن سۈپىتىدە يولغا قويۇلىشى دەپ قاراشقا بولاتتى . zinAF [  
كېڭەش ئاخىرىدا بەزى ئەمىر بەگلەر سەپلەندى ،بەزى ھاكىم بەگلەر ئالماشتۇرۇلدى . yotUQ3SG  
بۇ قېتىمقى قانۇن پەرمانلار جارچىلار ئارقىلىق ئايماق –ئايماقلارغا ئۇقتۇرۇلدى ،موھىم يول ئېغىزلىرىغا پەرمان سۈپىتىدە چاپلاپ پۈتۈن ئەلنى بۇ قېتىمقى كېڭەش يىغىنى توغرىسىدا خەۋەردار قىلدى ،خەلق بۇ قېتىمقى كېڭەشتە ئوتتۇرغا قويۇلغان ئەمر –پەرمانلار ،قانۇن تۈزۈملەردىن ناھايىتى رازى بولۇشتى ۋە قول كۆتۈرۈشۈپ بۇغراخانغا دۇئالار قىلىشتى . ziyo-|YRj  
   ھايات ئۆزىنڭ ئىزىغا چۈشكەندەك ،خەلىق تىنىم تاپماي ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن مەشخۇل بولماقتا ئىدى .ئەلدە زۇلۇن –سىتەملەر خېلى زور دەرىجىدە چەكلەندى ،مەخسۇس نازارەتچى بەگلەر تۆۋەنگە چۈشۈپ پۇقرالاردىن ئەھۋال ئىگەللەپ تۇردى . مۇھتەسىپلەر رولىمۇ جارى بولۇپ ،ھاراق –شاراب ئىچىش ،قىمار ئويناشقا ئوخشاش يامان ئىشلارنى چەكلىدى . d e=2z<D  
   ئەلدە قانۇن تۈزۈم تۇراقلاشتى ،تىنىچلىق خەلىقنىڭ كۆڭلىگە ياقتى .بىر –ئىككى يىل ئۆتكەندە خەلىقنىڭ تۇرمۇشىدا خېلى زور ئۆزگىرىش بولدى ئېشەكلىكلەر ئاتلىق بولدى ،بىر –ئىككى تۆگىلىك ھارۋىلار بەش- ئالتە تۆگىلىك ھارۋىلارغا ئايلاندى ،بازار رەستىلەرمۇ ئاۋاتلىشىپ خەلىقنىڭ يۈزى گۈلدەك ئېچىلدى ..چارۋا ماللار يايلاقلارغا پاتماي قالدى . %tI@(UV  
   يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىپ بۇنداق زور ئۆزگىرىشتىن ھەممىدىنمۇ بەك ھوزۇرغا چۆمگەنىدى ، بىراق ئۇنىڭ ئالدىدا تېخى يەنە نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەللەر تۇرماقتا ئىدى .
[^g?e`C:X  
                          x6{oSbYM  
خاتىمە PGK Q-  
[ifB?.]  
    ئوردۇ كەنىتتنىڭ ئەتىياز كۈنلىرىنىڭ بىرى .تومۇزغىلار باھارنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىپ قىشلىق ئۇيقۇدىن ئۇيغىنىپ ۋىچىرلاشقا ،پاقىلارمۇ قىشلىق ئارامگاھلىرىدىن چىقىشىپ كورۇلداشقا باشلىدى ،قۇرۇت –قوڭغۇزلارمۇ تىرىلىپ جانلىقلا رسېپىگە قوشۇلۇپ لۆمۈلدەپ ئۆمۈلەشكە باشلىدى .دەل –دەرەخلەر بىخ چىقىرىپ تەبىئەتكە يېشىل تون كىيگۈزۈش ئۈچۈن تەييارلاندى .ئەۋرەز سۇلىرى ئېرىق –ئۆستەڭلەرگە سىرغىپ چۈشۈپ ،ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ئۆز ھەسسىلىرىنى قوشۇش ئۈچۈن ئېقىن سۇلارغا قوشۇلۇپ كانچىلارغا باشلانغىلى تۇردى .چارۋىچىلارنىڭ يېڭى تۆللىرى ئويناقشىپ سەكرىشىپ باھارغا تەنتەنە قىلىشماقتا . قىز –چوكانلار ئەمدى كۆكىرىشكە باشلىغان يېڭى كۆكنى پىچاقنىڭ ئۇچى بىلەن تېرىشىپ ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگەن كىشىلىرىگە يېڭىلىق تۇتۇشۇپ ،كۆلەمنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى 'ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن زىل ئاۋازى بىلەن ناخشا ئېيتىپ بېدىلىكلەردە كۆك تېرىشمەكتە . كۈنلەر –ئايلار ، يىللار ئۆز قانۇنيىتى بىلەن رېتىمىنى بۇزماي بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتىۋەردى .ئىنسانلارمۇ بۇ ھاياتلىق ئۆتىڭىگە چۈشۈپ- بىر چۈش كۆرۈپ ئويغانغاندەك ھاياتلىق كارۋىنىنى بۇ دۇنيانىڭ مەنزىلىدىن ئۇ دۇنيانىڭ سەپىرىگە ئۇزىتىۋەردى . \YH ^V>[H  
    نۇرغۇن –نۇرغۇن نەرسىلەر ئۆزگەردى .نۇرغۇن نەرسىلەر يېڭىلاندى ،پەقەت بىرلا نەرسە –ھاياتلىق كارۋىنىنىڭ ئۆزى تۇيمىغان ھالدا بىر مەنزىلدىن يەنە بىر مەنزىلگە يۈرۈپ تۇرۇشى ئۆزگەرمىدى . ھاياتلىق ئۆتىڭىگە كەلگەن نۇرغۇن-نۇرغۇن ئادەملەر قەبرىگە كىرىشى بىلەن خۇددى بۇ ھاياتلىق ئالىمىگە تۆرۈلۈپ باقمىغاندەك كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىن پۈتۈنلەي كۆتۈرۈلۈپ كەتتى . ئۇلاردىن بۇ دۇنيا ئۆتىڭىدە چۈشۈپ ئۆتكەنلىكىدىن ھېچقانداق بىر نىشانمۇ قالمدى.نى-نى ئوردا –قەسىرلەر ۋەيران بولۇپ كەتتى . پەقەت بىرلا نەرسە ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتلىق كارۋىنى بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىكەن . يەنى ئەقىل –پاراسەت بىلەن ئەجىر –مېھنەتتىن تەكلەنگەن مەنىۋى قەسىر مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدىكەن. ۋە يىقىلمايدىكەن . ئەلنىڭ قەلىب سارىيىدا تىكلەنگەن ھۆرمەت مۇنازىر قەلبتىن –قەلىبكە ئۆتۈپ مەڭگۈ خاتىرلىنىپ تۇرىدىكەن . 8W^bba9 Jk  
    11-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئوردۇ كەنىت دە تىكلەنگەن ھەيۋەتلىك مەقبەر ،ئەل قەلبىدىكى مانا شۇ خاتىرە مۇنارنىڭ سېمۇلىدەك تەبىئەتنىڭ بىر قانچە قىش ،ياز ۋە ئەتىيازلىرىنى كۈتىۋالدى . بۇ ھەيۋەتلىك مەقبەرىگە ئىشلەنگەن گۈزەل تەبىئەتتىن ئەنداز ئالغان نەقىشلەر قەلبىدىكى چەكسىز مۇھەببەت رىشىتسىدىن توقۇلغان ھەر تۈرلۈك گۈلدەستىلەردىن پۈتكەندەك جۇلالنىپ تۇراتتى . مەقبەرىنىڭ تۆت بۈرجىكىدىن پەلەككە قارىتىپ چىقىرىلغان تۆت چوڭ مۇنار ئەرشىگە يول ئېلىشقا ھازىرلانغان گىگانىتتەك تەسرات بېرەتتى . مەقبەرىنىڭ ئوتتۇرسىدىن چىقىرىلغان يېشىل كاھىشلىق گۈمبەز ئاسمان گۈمبىزىگە تەقلىق قىلىنغان بولۇپ ، ئالىم بىلەن ئالەمنىڭ مۇقەددەس باغلىنىشىنى سىمۋوللۇق ھالدا ئەكىش ئەتتۈرۈپ تۇراتتى .مەقبەرىنىڭ بىر تەرىپىگە ئەرشى تۈۋرىكى ئۈستىگە تۇرغۇزۇلغاندەك ھەيۋەتلىك تۈرۈكلەردىن پۈتكەن بىر مەسچىت بېنا قىلىنغان ،يەنە بىر تەرىپىگە بىر مەدرىسەئى سېلىنغانىدى . ئوتتۇردىكى سەينادىن شەرىق تەرەپكە قاراپ ماڭغاندا ئىككى قاناتلىق چوڭ دەرۋازا ئورنىتىلغان بولۇپ ،بۇ دەل مەقبەرىنىڭ لەھەت ياتقان ئاخىرەتلىك سارىيى ئىدى . دەرۋازنىڭ پىشايۋىنىغا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزى ۋە ئەرەب يېزىقى بىلەن «بىسسىمىللاھىر رەھمانىر رەھىم ،يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىپقا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن » دېگەن خەتلەر ئالتۇن ھەل بىلەن ئويۇلغانىدى . بۇ مەقبەرە بىنا قىلىنغىلى ھەش –پەش دىگۈچە ئون يىل بولۇپ قالغان بولسىمۇ ،لېكىن قىشمۇ ياز بۇ ئۇلۇغ تەقۋادار زاتنىڭ مەقبەرىسىگە زىيارەت ۋە تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەرنىڭ .ئايىغى ئۈزۈلمەيىتتى . .ئۇلارنىڭ ئارسىدا تۆۋەن قاتلامدىكى تارىخچى ،چارۋىچىلاردىن تارتىپ ،كاسىپ ،ھۈنەرۋەن ۋە سودىگەرلەرگىچە ،يۇقىرى تەبىقىدىن خاندىن تارتىپ باشقا ئوردا ئەمەلدارلىرىغىچە كېلىپ تىلاۋەت قىلىپ، دۆلەت ئۇستازى ، ئەلنىڭ غەمگۈزارى تەقۋادار ئالىم يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىپقىچە بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلىشەتتى ،تەڭرىدىن ئۇنىڭغا چەكسىز مېھىرىبانلىقنى wP&&w4Bg  
   ۋە ئۇلۇغ ئەجىر تۆھپىسىگە يارىشا ئىنئام بېرىشنى تىلەيىتتى . بۈگۈن بۇ مەقبەرە يەنە بىر پەرىشتە سۈپەت ئەزىز مېھماننى كۈتىۋالدى .چاچ ۋە ساقىلى ئاپئاق ئاقىرىپ كەتكەن ،بىراق خېلىلا تەمبەل تۇرغان كۆزلىرىدىن تېخى نۇر كەتمىگەن قامەتلىك 85ياشلاردىكى بۇ مېھمان بېشىغا كەمچەت قامىلىق تۇماق ،ئۇچىسىدا كالتا ياقىلىق نەقىشلىك كەمزۇل كىيگەندى . پۇتىدا زەرپۇل دەپ ئاتىلىدىغان تۈرۈكچە ئۆتۈك بار ئىدى . ئۇ كىشى بىر ياش ئوغلاننى ئۆزىگە ھەمرا قىلغانىدى .ئۇ مەقبەرىگە كىرىپ ئۇدۇل بېرىپ ئىككى قاناتلىق دەرۋاز ئىچىدىكى لەھەر ئۆيىگە كىردى ۋە قەبىرنىڭ شەرىق تەرىپىگە سېلىنغان جايناماز ئۈستىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇردى . شۇنداق بىر سۈزۈك ،لەبزىلىك ۋە جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن خەتمە قۇرئان ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇ خەتمە قۇرئان ئاۋازى مەدىرىسىدىكى تالىپلارغا خۇددى ئەرىشتىن چۈشكەن ئاۋازلاردەك سېزىم پەيدا قىلىپ ، مەدىرىسىدىن چىقىپ لەھەت ئۆينىڭ ئىشىكىدە خەتمە قۇرئاننى ئاڭلاپ تۇرۇشتى ،خەتمە قۇرئان قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن دۇئاغا قول كۆتۈرۈشتى . ۋە خېلى ئۇزۇن دۇئا قىلغاندىن كېيىن ھېلىقى پەرىشتە سۈپەت مېھمان بىلەن ئوغلان ئورۇنلۇرىدىن تۇرۇشۇپ چىقىشتى .شۇ ئەسنادە مەقبەرىنىڭ شەيىخى پەيدا بولدى .ئۇ 55.56ياشلار چامىسىدىكى چار ساقال ئادەم ئىدى . ئۇ تاۋاپقا كەلگەن مېھمانلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى .ئۇ .بۇ ئۆلىمانىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ ،بىراق تالىپلارنىڭ ئورىشىۋالغانلىقى ھەم ئۇ كىشىنىڭ پاكىز چىرايى ۋە ئۈستېۋېشىدىكى كىيىم –كېچەككە قاراپ ھۆرمەتلىك بىر مۆتىۋەر ئىكەنلىكىنى پەملەپ قىزىقسىنىپ سورىدى :قەدەملىرى قۇتلۇق بولغاي ئەزىز مېھمان ،-دېدى شەيىخ ھۆرمەت بىلەن ئىككى قولىنى بېرىپ كۆرۈشۈپ ،-مەن مۇشۇ مەخبەرىنىڭ شەيىخى بولىمەن .جانابلىرىنىڭ ئىسىم –شەرىپى نېمىكىن ؟ Q4lM`!>  
   -مەن ھۈسەيىن ئىبنى مەھمۇت قەشقەرى بولىمەن .يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىپ بىلەن بىر جەمەت بولىمىز ،-دەپ جاۋاپ بەردى ئۇ مېھمان . vhh;,j  
بۇ جاۋابنى ئاڭلىغان شەيىخ ۋە ئەتراپىدىكى تالىپلار تېخىمۇ يۇقىرى ھۆرمەت ۋە نۆۋەتچىلىك بىلەن قايتىدىن قو ل ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ كېتىشتى . . |6,7VW=+f  
-قۇتلۇق قەدىمىڭىزدىن بىز تولىمۇ سۆيۈندۇق ،-دېدى شەيىخ قولىنى قويۇپ بەرمەي تۇرۇپ ،،-جانابىڭىزنىڭ بۇ مۇبارەك قەدىمى ئۇستازىم يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىپنىڭ روھىنى شادلاندۇرغۇسى ،بىز جانابىڭىزنىڭ نام –شەرىپىنى خېلىدىن بۇيان ئاڭلاپ كېلىۋاتىمىز ،بەختىمىزگە دىدارلىشىشى نىسىپ بوپتۇ . &xCz2  
   شەيىخ مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ،ئۆيدە بىر پىيالە بولسىمۇ چاي ئوتلاپ قايتىشنى ئۆتۈندى .ئۇلارغا ئەگىشىپ ،بىر قانچە تالىپلارمۇ شەيىخنىىڭ ئۆيىگە كىرىشتى . hj1j_q  
   -جانابلىرى باغداتتا دەپ ئاڭلىۋېدۇق ،-دېدى شەيىخ مەھمۇد قەشقەرىنى بىسات سېلىنغان ئورۇنغا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ . Kb#=P;|b  
-ۋەتەننىڭ مېھرى –ئېتىكىمدىن تارتىپ ئانا تۇپراققا ئېلىپ كەلدى ،-دېدى مەھمۇد قەشقەرى ئولتۇرۇپ بولۇپ ،ئارقىدىن ،-سىز قاچاندىن بېرى مەقبەرگە قاراۋاتىسىز ،-دەپ سورىدى . ~ZHo_q:-<  
   -مەن يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىپنىڭ قېشىدا توپتوغرا 25يىل تۇردۇم .ئۇ زات بالاساغۇندىكى چاغدىلا مەن خىزمىتىگە كىرگەن كېيىن ئوردوكەنىتكە كەلگەندىمۇ مېنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇستازىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئالىيلىرى ئەمىر قىلىپ مېنى مۇشۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇردى . & JNCP?=  
   -ئۇنداقتا سىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆمىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئىشلىرىنى تولۇق بىلىدىكەنسىز.شۇ چاغدىكى ئىشلاردىن مېنى ۋاقىپلاندۇرغايسىز . f bi&J  
   -ئۇ مۇبارەك زاتنىڭ ئىشلىرىنى سۆزلىسەم نەچچە كۈندىمۇ تۈگىتىپ بولالمايمەن .،-دەپ سۆز باشلىدى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن شەيخ ،-ئۇستازىم ماڭا ئۆز بالىسىدەك مۇئامىلە قىلاتتى . ،مەن بىر يىتىم بالا ئىدىم ، ماڭا نىسبەتەن ئۇ مېنىڭ دادامغا ئوخشاش بولۇپ قالغانىدى . ئادەم دېگەن ئىشلىگەنگە ،جاپا چەككەنگە ھېچنېمە بولمايدىكەن. ئوردىدا شۇنچە كۆپ ئەمەلدارلار بولسىمۇ ،كۆپىنچىسى ئەپلەپ –سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان ئوخشايدۇ .بەزلىرى پۇرسەت بولسىلا ئەلنىڭ ئۇلىنى كولايدىكەن ،ئەمەل –مەنسەپ تەمەسىدە ئەلگە ئېغىر پالايى ئاپەتلەتنى كەلتۈرۈشتىن ئەيمىنمەيدىكەن .ئەمر قىلىنغان ئىشلانىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك قىلالمىغان . .ئۇستازىم ئەل –يۇرىتنىڭ مەنپەئەتى ،خان ئالىيلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى دەپ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەپ كېتەتتى . ھەتتا يېرىم كېچىدىمۇ ھال –ئەھۋال ئېيتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇلارنىڭ دەردىگە شىپا بولاتتى . يەنە بىر تەرەپتىن ئازراق پۇرسەت بولسىلا ئەسەر يېزىش بىلەن مەشخۇل بولاتتى . شۇنداق ئۇزۇن يىللىق جاپالىق ئەمگەك ،تىنىم تاپماي قىلىنغان ئىجادىي مېھنەت ،شۇنىڭغا قارىماي ئوردىدىكى پىتنە –پاساتچىلارنىڭ ھارماي قىلغان ھۇجۇملىرىدىن چارچاپ ھالىدىن كېتەتتى ،ئادەمنىڭ جېنى تۆمۈر ئەمەستە .شۇنداق قىلىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى ،-مەھمۇد قەشقەرىگە چاي سۇنىۋېتىپ سۆزىنى داۋام قىلدى شەيخ ،-شۇنداق قىلىپ ، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى نەپەسلىرىدە يەنە مۇنداق ئىككى ئىشنى قىلىشقا ئۈلگۈردى .ئۇ بالىلىرى ۋە نەۋىرلىرىنى يىغىنغا چاقىرىتتى ،خوتۇنىمۇ بەل ئوڭلۇق ئايال ئىدى . بالىلىرى بىلەن بىرگە شاھزادىلەرمۇ كىرىپ ئۇ زاتنىڭ ئەھۋالىنى سوراشتى .ئۇ ئوردا تېۋىپىنىڭ ياردىمىدە تەلىيىگە يۆلىنىپ يېرىم ئۆرە ئولتۇرۇپ ،بەگزادە ،خانزادىلەرگە كۆڭلىدىكى ۋەسيىتىنى قىلىپ ئۈلگۈردى . E2py4P/Eo  
   -بالىلىرىم ،-دېدى ئۇ قولىنى يوتقان ئىچىدىن سىرىتقا چىقىرىپ ،-مەن سىلەرگە ھېچقانچە مال –دۇنيا قالدۇرمىدىم ،ئەلنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ،ئۇلارنىڭ تىنىچ –خاتىرجەملىكى ئەڭ چوڭ مەئىشەت . بىرقانچە كىتاب يېزىپ ھاياتنىڭ ئىزناسىنى قىلدىم ،ئۇنى ئوقۇپ نەمۇنە قىلارسىلەر ،سىلەرگە بۇ دۇنيادا ۋە ئۇدۇنيالىق ئەسقاتىدۇ .مەن ھاياتىمدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش ئۈچۈن خېلى كۆپ تىرىشچانلىقلارنى قىلدىم .مەن مانا مۇشۇ ھالغا ئاخىرى يۈزلىنىدىغانلىقىمنى بىلەتتىم .بۇ سىلەر ئۈچۈنمۇ ساۋاقق بولسۇن ،ئادەم بەرىبىر بىر قونۇچى قونۇچىنىڭ بىر يەردە ئۇزۇن تۇرغانلىقىنى كۆرگەنمۇ ؟ دۇنيا مەڭگۈ داۋاملىشىۋېرىدۇ ..شۇڭا ،ئۈلۈمنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك .ھاياتتىنمۇ ئۈمۈدسىزلەنمەسلىك كېرەك . بۇ دۇنيادا قالىدىغىنى ياخشى نام بىلەن يامان نام .ياخشى نام قالدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىڭلار ،ئۆزۈڭلارنىڭ غېمىدىن ئەلنىڭ غېمىنى كۆپرەك يەڭلار .ئۆزۈڭلارنىڭ نەپسى ئۈچۈن ئەلنى زىيانغا ئۇچىرتىدىغان ئىشلار بولۇپ قالمىسۇن .ھەرگىزمۇ قۇرۇق ئارزۇ ھەۋەسنىڭ قۇربانى بولۇپ قالماڭلار . ئەقىل –ئىدراك بىلەن ياشاڭلار . روھىڭلار ھەر قاچان ئويغاق بولسۇن . غەپلەتتە قالساڭلار روھىڭلار شەيتانغا ئەسىر بولىدۇ . ھاياتىڭلارنى ياخشىلىقنىڭ سەرمايىسى قىلىڭلار . ،يۈرۈش –تۇرۇشتا توغرا بولۇڭلار ، دىلىڭلا رۋە تىلىڭلارنى كىچىڭ تۇتۇڭلار ، چوڭ سۆزلىمەڭلا ر. پۇل –مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى ئوتقا ئۇرماڭلار .تەمەخۇر بولماڭلار ،ھۈنەر –پەزىلەت بولسا تالىشىپ ئۈگىنىڭلار . ھۈنەرلىك ئادەم بۇ دۇنيادا خار بولمايدۇ . تاجۇ –تەخىتمۇ مەڭگۈلۈك بولمايدۇ .بىراق ھۈنەر پەزىلەر مەڭگۈلۈك بايلىق . كۆڭۈل –كۆكسۈڭلارنى كەڭ تۇتۇڭلار . غەرەز بىلەن ئۆز –ئارا قارشىلىشىپ ئەلگە ئاپەت ئېلىپ كەلمەڭلار .ھەسەتخورلۇق بىلەن ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار كۆيدۈرمەڭلار . ئۇياتسىز ،نۇمۇسسىز ،ۋىجدانسىز ، ئىمانسىز كىشىلەردىن يىراق تۇرۇڭلار ،ھەر قاچان ياخشىلارنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى پىدا قىلىڭلار .بىر ئوڭۇشسىزلىق بىلەنلا ئۆزۈڭلارنى يوقىتىپ قويماڭلار .ئىچىملىك –چېكىملىككە ھەرگىز يېقىن يولىماڭلار ... +ISZU V#q  
يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىپ شۇنچىلىك قىممەتلىك تەۋسىيەلەرنى قىلدىكى ،ئەتراپتىكى ئەمىرلەردىن تارتىپ ھەممىسى يىغلىشىپ كېتىشتى . كېيىن يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىپ بىر ئاز چارچاپ ،ئۈزۈلۈپ قالغاندەك بولدى .ئوتاچىلار ئۇنى يېتىۋېلىشقا دەۋەت قىلدى ،يۇغرۇش توغرۇل بالىلارنى ۋە شاھزادىلەرنى ئۇنىڭ قېشىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى . jBf{|C  
     -ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتتى ،-دەپ بىر ئاز تىنىۋېلىپ سۆزنى داۋاملاشتۇردى شەيىخ ،-ئۇستازىمنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى . شۇ كۈنى ئەتىگەندە خان ئالىيلىرى ئەھۋال سوراپ كىردى . ئەھۋالنىڭ يامان تەرەپكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلى بۇزۇلدى .ئۇستازىم ئېغىر ئەھۋالدا تۇرۇپمۇ خان ئالىيلىرىنىڭ ئېغىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ،بېشىنى كۆتۈرمەك بولۇپ تەمشەلگەن بولسىمۇ ،ئۆرە بولالمىدى .مەن يېقىن كېلىپ يۆلەپ ئۆرە قىلماقچى بولغىنىمدا خان ئالىيلىرى يېقىن كېلىپ ، «بولدى بولدى مەن رازى »دېدى . ئۇستازىم بۇ چاغدا ماڭا تەكيىنىڭ ئاستىدىكى نەرسىنى ئېلىشقا ئىشارە قىلدى .مەن دەرھال مەقسىتىنى چۈشىنىپ ،تەكىيە ئاستىدىن بىر پارچە كاككۇك ئېغىزى رەڭلىك تاۋارغا ئورالغان بولاقچىنى ئېلىپ ،ئۇنىڭ قولىغا بەردىم .مەن ئۇنىڭ ئۇستازىمنىڭ ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىسىدا يۈرەك قېنى بىلەن يازغان قىممەتلىك ئەسىرى ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم . ئۇزات قولۇمدىن بولاقچىنى ئېلىپ ئىككى قولى بىلەن خان ئالىيلىرىغا سۇندى exUb*M  
  -ئالىيلىرى،مەن ئۇزۇن سەپەرگە كەتمەكچى ،بۇ مېنىڭ ئالىيلىرىغا ئاتاپ يازغان ئاخىرقى بىر ئەسرىم ئىدى ،تەۋەرۈك قىلغايسىز ،-دېدى . :^Gb2C:  
بۇغراخان بولاقنى ئېلىپ ئاچتى ،ئۇنىڭدىن «سىياسەتنامە »دېگەن ماۋزۇ نى كۆردى ۋە كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالدى . IdS'l.pS  
   يۇقىرقى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولۇپ ،ئۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ بېغۇبار ،ئۇلۇغ روھى بىردىنلا تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلدى . خان ئالىيلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا روھى ئەرىشكە ئۇچۇپ چىقىپ كەتتى ،پۈتۈن دۇنيا ئۇ ئۇلۇغ روھتىن ئايرىلىپ قۇرۇق قالغاندەك بولدى .شۇ چاغدا ئاسماندا چاقماقلار چېقىلىپ ،ھاۋا گۈلدۈرلەپ كەتتى ،قوڭۇر تۇپراقمۇ تەۋرەپ كەتكەندەك بولدى ،بۇلۇتلار توختاۋسىز يامغۇر تۆكتى .،پۈتۈن دەل -دەرەخ گۈل –گىياھلارمۇ ،كۆز يېشى قىلىۋاتقاندەك ئىدى . پۈتۈن يەر ۋە ئاسمان بۇ زاتقا ماتەم تۇتىۋاتقاندەك ئىدى . 65Cvc3%  
   ئەتىسى جۈمە كۈندە ئاجايىپ كاتتا ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى .،بۇغراخان ئالىيلىرىمۇ قارلىق كىيمىلەرنى كىيىپ لەكمىڭ ،لەكمىڭ ئەل –جامائەت بىلەن بىرگە نامازغا داخىل بولدى .خان ئالىيلىرى ناماز چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن ،كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلارنى ئېقىتىپ ماتەمنامە سۆزلىدى . ئاخىرىدا ئەل –جامائەتكە بۇ ئۇلۇغ زاتقا ئاتاپ كاتتا مەقبەرە سالدۇرىدىغانلىقىنى ئېيىتقاندا پۈتۈن ئەل –جامائەت «ئامىن ئامىن »دەپ بۇغراخانغا تەڭرىدىن رەھمەتلەر تىلەشتى ،ناماز چۈشۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن ،تۈمەنلىگەن قوللار ئۇ مۇبارەك زاتنىڭ جىنازىسىنى بولسىمۇ بىر تۇتىۋېلىش ئۈچۈن قول سۇنۇشتى .جىنازا ئاسمان بوشلۇقىدا قولدىن-قولغا ئۆتۈپ ئادەم دېڭىزى ئۈستىدە خۇددى دېڭىز ئۈستىدىكى قولۋاققا ئۇخشاش لەپ –لەپ قىلىپ ئۈزەتتى . .پۈتۈن ئەل جامائەت بۇ ئۇلۇغ غەمگۇزارىدىن ئايرىلغانلىقىغا كۆزلىرىدىن ياش ئەمەس قانلار تۆكتى . =ylsR6C 
   -ياق بالام ،ئۇنى ھەرگىزمۇ ئۆلۈم دېمەيمىز ،-دېدى مەھمۇد قەشقەرى ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ ،-ئادەم جىسمى بىلەن ئادەم ئەمەس ،بەلكى روھى بۈيۈكلىكى بىلەن ئادەمدۇر .ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن ،ياخشى نامى ۋە روھى بايلىقلىرى بىلەن ئەل ئارسىدا قىيامەتكىچە ياشايدۇ .ھەقىقىي ھاياتلىق دېگەن مانا شۇ !تەڭرى چەكسىز رەھمىتىدىن بەھرىمەن قىلغان مۇئىمىن مانا مۇشۇنداق بەخىتكە ئېرىشەلەيدۇ .
                      (.QkMK1+  
YsUL},oI  
!Zm/NkaHkW  
                p6v!^:;  
                 HQ 3B5  
N+fH?5Q  
مەنبەسى: شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇقنىڭ بەخىت -سائادەت ئەلچسى «يۈسۈپ خاس ھاجىپ »ناملىق كىتابىدىن تولۇق كۆچۈرۈپ ئېلىندى ، ئاپتۇرغا كۆپ تەشەككۈر.سەلكىن تورى كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆرۈپ زوقلىنىشى ۋە پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەييارلىدى، ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىڭ . 
[ بۇ يازما تېنچىلىق قۇشى تەرپىدىن 2008-04-01 20:55 د ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • سەلكىن دوللىرى:+1000(گۈل-چۈشى) ajir
  • ياۋرۇپا لوڭقىسى
    | ۋاقتى : 2008-04-01 19:52 [باش يازما]
    تېنچلىق قۇشى
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك

    تېنچلىق قۇشىنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 66
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 3299
    ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3299دانە
    شۆھرەت: 2129 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 213452 سوم
    تۆھپە: 20 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3661 نۇمۇر
    قوللاش: 3308 نومۇر
    ئالقىش: 2857 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :831(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:يۈسۈپ خاس ھاجىپ

    رەسىم :
    رەسىم :
    رەسىم بىلەن مەن تەمىنلەي ! 1o]X  
    salkin-bbs
    شـــەمشــــەر : ئۆزۇڭنى بىل ، ئۆزگىنى قوي !
    كۇلۇشنى بىلگەن ئادەم ، يىغلاشنىمۇ ئۇنتىماسلىقى كېرەك!
    كالىنىڭ بېىشغا كەلگەن كۇن موزاينىڭمۇ بېشىغا كېلىدۇ!
    بىلىپ سۆي تاشلىما ، بىلىپ تاشلا قوغلاشما ...............!
    ئادەم ئاخىرى ئۆز قولىدا ئۆلىدۇ ............................!
    ئاتىلار روھى قورىنمىسۇن ... !
    | ۋاقتى : 2008-04-01 20:43 1 -قەۋەت
    ئـۇيغۇر
    ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

    ئـۇيغۇرنىڭ ئالبۇمى كىرورەن بانكىسى VIP ئالتۇن كارتىسى
    UID نۇمۇرى : 2416
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 388
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە388دانە
    شۆھرەت: 323 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 2561 سوم
    تۆھپە: 30 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 55 نۇمۇر
    قوللاش: 222 نومۇر
    ئالقىش: 316 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :44(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:يۈسۈپ خاس ھاجىپ

    قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن . ھەقىقىي ياخشى ئەسەر يوللاپسىز ...! sp yH}N  
    مەن كىيىن ۋاقىت چېقىرىپ كۆرەي ...!
    salkin-bbs
    ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﭘﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،  ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎد سىزﻟﯩﻘﻰ ، ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﯩﻚ ، ﺟﺎﭘﺎ-ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺕ ، ﻛﯜﭼﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ  .  .  .  .  .  .    ~~~!!!
    | ۋاقتى : 2008-04-01 20:44 2 -قەۋەت
    ئەلكىزەر
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا

    ئەلكىزەرنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 43
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 478
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە478دانە
    شۆھرەت: 541 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 1879 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 573 نۇمۇر
    قوللاش: 524 نومۇر
    ئالقىش: 500 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :35(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ۋاي ئاللاھ.كۇرۇپ بولالماي يىرىم بولغاندا كۇزلىرىم تىلىپ كەتتى.. 9Q Dw\t}M  
    تىما يوللىغۇچىغا كۆپ تەشەككۇر.ھارمىغايسىز.  
    salkin-bbs
    ئۇزىڭىز ياخشى كۇرگەن ئادىمىڭىزنىڭ ئىللىتى خىسلەت بىلىنسە،ئۇزىڭىز يامان كۇرگەن ئادىمىڭىزنىڭ خىسلىتى ئىللەت بىلىنىدۇ.
    | ۋاقتى : 2008-04-01 21:55 3 -قەۋەت
    چەۋەنداز
    Knight & Hero
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : سەلكىنداش

    چەۋەندازنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 2343
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1147
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1147دانە
    شۆھرەت: 1203 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 6652 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1318 نۇمۇر
    قوللاش: 1236 نومۇر
    ئالقىش: 1355 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :222(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    يۈسۈپ خاس ھاجىپنى قىرغىزىستانلىقلار قىرغىز دەيدىكەن ، پۇلىدىكى باش سۈرەت مۇشۇ كىشىنىڭ ئىكەن~~
    bugra
    ئوقۇردىكى قىرى ئات كەڭ دالاغا ئىنتىلەر،
    ئىرادىلىك ھىلى ھەم شۇ ياشانغان جەڭچىلەر.
               I Once had a dream
    | ۋاقتى : 2008-04-01 22:04 4 -قەۋەت
    پەرھات000
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى

    پەرھات000نىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 11588
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 22
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە22دانە
    شۆھرەت: 122 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 176 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 27 نۇمۇر
    قوللاش: 24 نومۇر
    ئالقىش: 36 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :104(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    كۆپـتىن كۆپ رەھمەت! 8$uL iJ  
    مەن مۇشۇنداق مەزمۇنلارغا بەك ئامراق. -w49!d)^  
    ھەممىنى ساقلىۋالدىم ئەتە ئولتۇرۇپ تازا بىر كۈرەي
    | ۋاقتى : 2008-04-01 22:33 5 -قەۋەت
    ئىستىغپار
    دەرىجىسى : سەلكىنداش

    ئىستىغپارنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 11637
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 675
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە675دانە
    شۆھرەت: 677 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 3232 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 771 نۇمۇر
    قوللاش: 722 نومۇر
    ئالقىش: 895 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :225(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىزنىڭغۇ كۆزىمىز تېلىپ كەتتى،سىزنىڭ قولىڭىز قانچە تالغاندۇ ؟
    kino
    تاز گۈل تاپسا،قىسىدىغان جاي تاپالماپتۇ.
    | ۋاقتى : 2008-04-02 03:26 6 -قەۋەت
    مەرگەن001
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا

    مەرگەن001نىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 7741
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 576
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە576دانە
    شۆھرەت: 590 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 65 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 608 نۇمۇر
    قوللاش: 588 نومۇر
    ئالقىش: 661 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئۇيغۇر
    توردىكى ۋاقتى :158(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك ياخشى يېززىپسىز............. داۋاملىق مۇشۇنداق تېمىلارنى يوللاپ تۇراسىز......
    kino
    ???
    | ۋاقتى : 2008-04-02 08:38 7 -قەۋەت
    ئاناقۇشئۇۋىسى
    sumrug ana uwisida
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالىي ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى

    ئاناقۇشئۇۋىسىنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 10208
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1224
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1224دانە
    شۆھرەت: 2921 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 9319 سوم
    تۆھپە: 221 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1370 نۇمۇر
    قوللاش: 1233 نومۇر
    ئالقىش: 1330 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئۇيغۇر
    توردىكى ۋاقتى :1320(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاپىرىن!ھارماڭ،قانداقمۇ يېزىپ بولغانسىز؟؟؟!باشقىلارنىڭ ئىرىنىپ ئوقۇمايدىغانلىغىنى ئويلاپ،كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالدى،ئەجرىڭىزگە بەركەت بەرسۇن!
    kino
    ئويلايدىغىنىم -------ھەر-بىر نەپەس ئۈچۈن سوراق بىرىمىز!!
    | ۋاقتى : 2008-04-02 08:54 8 -قەۋەت
    گۇلبەشىكەر
    تاتلىقىم !
    ئىجاتچان ئەزا ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

    گۇلبەشىكەرنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 2399
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 2236
    ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2236دانە
    شۆھرەت: 3323 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 28429 سوم
    تۆھپە: 193 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2758 نۇمۇر
    قوللاش: 2489 نومۇر
    ئالقىش: 3269 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :199(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-12
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەخمەت سىزگە ~!! ۋاقىت چىقىرىپ تەپسىلىي ئۇقۇيدىغانلار دىن نەچچىسى باردۇ ؟؟
    kino
    سىنى سۆيەتتىم ئەمەسمۇ ~~!!
    | ۋاقتى : 2008-04-02 14:11 9 -قەۋەت
    يولۋاسچاق
    خەپ سىنى
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك

    يولۋاسچاقنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 1360
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1855
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1855دانە
    شۆھرەت: 9 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 105009 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1960 نۇمۇر
    قوللاش: 1876 نومۇر
    ئالقىش: 2047 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :170(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن ئالدى بىلەن ساقلىۋېلىپ تۇراي ،بۇگۇن ئۇقۇشقا ۋاقىت چىقماسلىقى مۇمكىن
    kino
    ئۆزۈڭنى بىل
    ئويغۇر ، ئويغۇردەك ياشىغىن مەغرۇر
    ھەممىدە بولمايدۇ ۋىجدان ۋە غۇرۇر
    يېلىنىپ-يالۋۇرۇپ ياشىما ھەرگىز
    دىنىڭ ئىسلامدۇر ، مىللىتىڭ ئويغۇر
    | ۋاقتى : 2008-04-02 20:52 10 -قەۋەت
    نۇرلۇقادەم
    ئىنسان نىمەدىگەن ئاجىز...
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : سەلكىنداش

    نۇرلۇقادەمنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 2970
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 1139
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1139دانە
    شۆھرەت: 3920 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 17151 سوم
    تۆھپە: 2 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1716 نۇمۇر
    قوللاش: 1415 نومۇر
    ئالقىش: 2271 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :385(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن بۇكىتابنى ئۇقۇپ چىققان ناھايىتى ياخشى كىتاب ھارماڭ!
    kino
    كۆيگەن كىشىنىڭ يۇزى بەلگىلىك،
    تىلىن ئاچسا مەناسۆزى بەلگىلىك.
    كۆيگەن كۆيمىگەننى بىلەي مەن دىسەڭ،
    ئۇدۇل تۇرۇپ باقساڭ كۇزى بەلگىلىك.
    | ۋاقتى : 2008-04-02 22:23 11 -قەۋەت
    گىگانىت
    رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : سەلكىنداش

    گىگانىتنىڭ ئالبۇمى كىرورەن بانكىسى VIP ئالتۇن كارتىسى
    UID نۇمۇرى : 9266
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 732
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە732دانە
    شۆھرەت: 1012 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 4586 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1416 نۇمۇر
    قوللاش: 1067 نومۇر
    ئالقىش: 2240 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :278(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

      داۋاملىق مۇشۇنداق تېمىلارنى يوللاپ تۇراسىز
    kino

    http://bp0.blogger.com/_fneZDTm3zG0/R6akv1URHYI/AAAAAAAAAV8/Mmq4Hd0ubOo/S710/bollywood-newz_blogspot.jpg
    | ۋاقتى : 2008-04-05 19:42 12 -قەۋەت
    چىمبۇلاق
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز

    چىمبۇلاقنىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 3807
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 14
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە14دانە
    شۆھرەت: 14 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 1250 سوم
    تۆھپە: 1000 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 17 نۇمۇر
    قوللاش: 15 نومۇر
    ئالقىش: 22 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ماۋۇ قيغىزلار بىزنىڭ داڭلىق كىشىمىز دەپ پۇللىرىغا بىسىۋاپتۇغۇ ...
    kino
    | ۋاقتى : 2008-04-15 00:02 13 -قەۋەت
    وردوباي
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز

    وردوباينىڭ ئالبۇمى
    UID نۇمۇرى : 12527
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 35
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە35دانە
    شۆھرەت: 35 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 275 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
    قوللاش: 35 نومۇر
    ئالقىش: 35 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    جۇسىپ بالاساغۇني - قىرغىز ۇلتىنىڭ ايگىلى اقىنى.
    | ۋاقتى : 2008-04-24 11:48 14 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    سەلكىن تورى » ئۇيغۇر شەخسلىرى
    

    سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

         سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

    سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
    مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-8553838، 13609981040

    Time now is:06-14 11:15, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation