بەش يىل جەريانىدىكى ئىراق پۇخرالىرىنىڭ ئۆلۈش-يارلىنىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە ،90مىڭ ئىراقلىق پۇقرا ئۇرۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان .بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ سىتاتىستىكىسىغا قارىغاندا 4مىليۇن 200مىڭ ئىراقلىق مۇساپىر بولغان .ئىراقتا ئىشسىزلىق نىشبىتى %25كە يەتكەن . گەرچە ئىراقنىڭ نېغىت زاپىسى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرسىمۇ ،خەلىقنىڭ يېقىلغۇ مەسىلىسى تېخى ھەل بولمىغان . LGgWpn3w
ئىراق ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن بۇيان ئامېرىكا تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىنى يوق .تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئازلىماي ئەكسىچە كۆپەيمەكتە. ئۇرۇش جەريانىدا ئامېرىكا ئارمىيىسىدىن 4000ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى ،30مىڭغا يېقىن ئەسكەر يارىلاندى .ھەربىي خىراجەتمۇ شىددەت بىلەن ئۆرلەپ ،500مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى . ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىن ئەنگىلىيە ، ئۇكرائىنا ،،دانىيە قاتارلىق ئەللەر ئۇرۇشتىن ھېچقانداق نەپكە ئېرىشەلمىدى .ئەنگىلىيىدىكى بەزى ئاخپارات ۋاستىلىرى ماقالە ئېلان قىلىپ :
ئەگەر ئىراق ئۇرۇشى بولمىغان بولسا ،بىلايىر يەنىلا باش ۋەزىر بولۇپ تۇرىۋېرەتتى دېدى . 2),*
زۇڭتۇڭ بۇش ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغاشتىكى سەۋەبىنى تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ،كەڭ كۆلەمدە ئىرغۇچى قوراللارنى يوقىتىش ۋە سادامنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلىغانىدى .
بىراق ئامېرىكا ئىراقتىن كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى تاپالمىدى .«بازا »تەشكىلاتى بىلەن سادامنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىيالمىدى . بۇلار ئامېرىكىنڭ ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغاشتىكى مەقسىتىنىڭ باشقا نەرسە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى .
ئامېرىكىنىڭ بۇ ئۇرۇشنى قوزغىشىدا مەنپەئەت بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ .ئىراق سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ نېفىت دۆلىتى بولۇپ ، نېفىت زاپىسى دۇنيا ئۇمۇمىي زاپىسىنىڭ %10نى ئىگەللەيدۇ . ئامېرىكىنىڭ ياردەمچى دۆلەت كاتىپى ۋولفورتىس ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش مەقسىتىنىڭ نېفىت ئىكەنلىكىنى ئاشكارا ئېيىتقان ئىدى . R-K( An+
ئىراق ئۇرۇشى خەلقئارالىق مەسىلىنى قورال كۈچى ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى .ئامېرىكا ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ سىتاتىستىكىسىغا قارىغاندا ،15-مارتتىن 19-مارتقىچە ئامېرىكىدىكى 50شىتات ۋە ۋاشىنگىتون كولومبىيە رايۇنىدا 660قېتىمدىن كۆپرەك نامايىش بولۇپ ، ئامما ئىراق ئۇرۇشىغا بولغان نارازلىقىنى ئىپادىلىگەن ،نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى زۇڭتۇڭ نامزاتى ھېلارى ۋە ئوباما زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ قالسا ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ خەلىقنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا . بىراق نوقۇل ئەسكەر چېكىندۈرۈش ئارقىلىق ئىراق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۈمكىن ئەمەس ،چۈنكى ئىراقتا پارتىيە ۋە مەزھەپلەر مۇرەككەپ ،دىننىڭ تەسىرى كۈچلۈك .18-مارت ئىراقتىكى سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ رەھبەرلىرى باغداتتا يىغىن ئېچىپ ،ئامېرىكىلىقلارنىڭ دىننى كەمسىتىش خائىشىنى تۈگىتىش ۋە مىللى يارىشىش يولى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنى مۇزاكىرە قىلدى .ئامېرىكىدىكى ئانالىزچىلار : ئەگەر جۇمھۇريەتچىلەر پارتىيىسى سايلامدا غەلبە قىلسا ، بۇشنىڭ ئوتتۇرا شەرىق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ،ئىراق ئۇرۇشى داۋاملىشىدۇ ،ئاپەت يەنىمۇ زورىيىدۇ دەپ قارىغان .
mYoB[T;=
F*UBa{|
o=LWh l8dp
مەنبەسى : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى 22-مات