بۇ بەتتىكى تېما: ئەگەر ھاياتنى قايتۇرغىلى بولسا(پوۋىسىت) IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 1493 قېتىم كۆرۈلدى
گۈلسىما
ئۇيغۇر قىزى
تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1593
نادىر تېما : 16
يازما سانى : 1560
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1560دانە
شۆھرەت: 2354 كىشىلىك
سەلكىن دوللىرى: 997 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1958 نۇمۇر
قوللاش: 1681 نومۇر
ئالقىش: 1937 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى :651(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-26
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ئەگەر ھاياتنى قايتۇرغىلى بولسا(پوۋىسىت)

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما گۈلسىما تەرپىدىن ئىلگىرلىتىلدى(2008-03-25)
يىقىندا ناھايىتى ئىسىل پوۋىسىتتىن بىرنى ئوقۇپ قالدىم،ۋەقەلىكى بەك ياخشى بولغاچقا مۈنبەردىمۇ ئىلان قىلىپ،مۈنبەردىكىلەرنىمۇ بەھىرلەندۈرۈش قارارىغا كەلدىم ،لىكىن ناھايىتى ئۇزۇن ئىكەن،جەمئى 12 بۈلۈم،بىراقلا يوللاپ بولىشىم مۇمكىن ئەمەس،شۇڭا 1 بۈلۈمدىن يوللايمەن،داۋامىنى ئىنكاس شەكلىدە داۋاملىق يازىمەن. ^k]rL?  
مەن يىزىشقا ئىرىنمىگەندىن كىين سىلەرمۇ ئوقۇشقا ئىرىنمەڭلار،ئىشىنىمەن بۇ ئەسەرنى چوقۇم ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئوقۇيسىلەر! w 6v(1 k  
تىما ئىگىسنىڭ ھۈرمىتىنى ۋە مىنىڭ مۈنبەرگە يوللىغان ئەجرىمنى كۈزدە تۇتۇپ قالايمىقان باھا،مۇلاھىزە ۋە ئىنكاسلارنىڭ بولماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن
. JqCR9  
 WK+;.N:*  
ئەگەر ھاياتنى قايتۇرغىلى بولسا {BHy`krG  
(پوۋىسىت) Z+I2W;n  
ئەمەتجان مۇھەممەت كۆنچى 57!nDX]kH|  
(1)
v(s >|8.a  
  ئوت كۆيۈۋاتاتتى،ئوت يالقۇنى ئۇنىڭ ئەتراپىدا يىلان كەبى تولغىنىپ تېنىنى قۇرۇتۇپ تاشلىماقتا ،شۇ تاپتا ئوتنىڭ بەدىنىنى كۆيدۈرگەن ئازابىدىن كۆرە ھارارىتىن پەيدا بولغان چاڭقاش ۋە قۇرۇش ئۇنى بەكرەك قىينىماقتا ئىدى،پەقەت بىر تامچە ،ياق بىر چىلەك سۇ بولسا گۈپۈلدىتىپ قانغۇچە ئىچىۋالسا ھە؟ S}Cmnh"yf  
ئۇ كارۋاتتىن يىقىلىپ ،ئاندىن كۆزىنى ئاچتى،ئۇسسۇزلۇقتىن ئاغزى چاكىلداپ كەتكەن ئىدى،بېشى خۇددى بىر نەرسە بىلەن قىسىۋاتقاندەك چىڭقىلىپ ئاغرىيتتى،ئۇ بىر نەچچە مىنۇت ئۈزىنىڭ زادى نەدە يىتىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە شۇ تەرىقىدە ياتتى،ئاندىن قولىنى يانغا سۇنىۋىدى يۇمشاق نەرسىگە تەگدى ،ئاندىن قولىنى يانغا سۇنىۋىدى،يۇمشاق نەرسىگە تەگدى،سىلاشتۇرۇپ ئۇنىڭ كارىۋات ئىكەنلىكىنى بىلدى،بارا بارا قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن تېلېۋۇزۇر،كىيىم ئىشكابى ۋە بۇلۇڭدىكى توڭلاتقۇنىڭ سۇس قارا شولىسىنى ئىلغا قىلىپ ئۆز ئۆيى ئىكەنلىكىنى جەزم قىلغاندىن كىيىن ،كۆڭلى جايىغا چۈشتى،قانداق قىلىپ ئۆيىگە كىلىپ قالغانلىقىنى ئەسلىيەلمەيتتى،پەقەت بىرسى يىرىم كىچىدە قۇچاقلىشىپ،تارتىشىپ ماڭغانلىقىلا غۇۋا ئېسىدە ئىدى«ئاغىنىلىرىم ئەكىلىپ قويغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىدى ھەم ھەر ھالدا سەتلىشىپ باشقا يەردە قونۇپ قالمىغانلىقىدىن خۇرسەن بولۇپ يىنىك بىر تىندى،ئۇ ئۇدۇل ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ قانغۇدەك سۇ ئىچتى،ئۇ ئاشخاندىن چىقىپ مىھمانخانىنىڭ چىرىقىنى ياندۇردى،شۇ چاغدىلا ئۆزىنىڭ قانداق ھالەتتە تۇرغانلىقىنى سەزدى ،ئۇنىڭ ئىشتىنى،كۆڭلىكى ۋە كالتە ئىشتىنى ئۇ يەر بۇ يەردە چىچىلىپ ياتاتتى،ئۇ دەرھال كىيىملىرىنى تىرىپ كالتە ئىشتىنىنى كىيىۋالدى،كارۋاتتا بولسا بىر ئايال دۈم ياتاتتى. 8A=q[]_5H  
ئۇ بىردەم مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى،شۇندىلا ئاخشام بولغان ئىشلارنى غۇۋا ئىسىگە ئالغاندەك بولدى،مەھەللىدىكى بىر نەچچە ئاغىنىلەر راخمان توقماقنىڭ تۈرمىدىن چىققانلىقىنى تەبرىكلەپ ،باشتا رىستۇراندا ئولتۇرۇشۇپ ھاراق ئىچىشتتى،مەسىت بولۇشقاندىن كىيىن «جەننەت ئارامگاھى» غا بېرىشقانىدى،بەك كەچ بولۇپ كەتكەچكە چىرايلىق قىزلار قالمىغان ،ئىسكەتسىز بولسىمۇ ئىتى قىز ئاتىلىدىغان بىر نەچچىسى ئىشىپ قالغانىدى،مەستچىلىكتە «ئىشەكمۇ پەرىزات كۆرۈنىدۇ» دىگەندەك ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇشتى،ئۇنىڭ يېنىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان سىمىز بىرسى سىغدىلىپ ئولتۇرغان،ئەمما ئۇ باشتىن ئاياق پەرۋا قىلمىغان ئىدى،ئۇلار چەتئەل ھارىقىدىن ناھايىتى كۆپ ئىچىشكەنىدى،كېيىنكى ئىشلار ئىسىدە يوق،پەقەت كىچىدە بىرىنىڭ ئۆزىنى يۆلەپ -سۈرەشتۈرۈپ يۈرگەنلىكىنى سەزگەنىدى،ئۇ ئاغىنىلىرى بىلەن ئەمەس ،مۇشۇ بىر نىمە بىلەن بىللە قاپتىكەندە؟ قۇلۇم قوشنىلار كۆرۈپ قالمىغاندۇ ھە؟ شۇ چاغدا ئايال غىڭشىپ ئۆرۈلدى،ئۆرۈلۈش بىلەن تەڭ ئۇنىڭ ئەڭ سەت تۇرقى ئاشكارە بولدى،ئايالنىڭ بۈدۈر قىلىنغان سىرىق چاچلىرى ئۇنى چىشى شىرغا ئوخشىتىپ قويغان ئىدى،ئۇنىڭ كارۋىتىدا راستىنلا بىر ئايال ئەمەس،بېشى شىرغا،بەدىنى سازاڭ قۇرتقا ئوخشايدىغان بىر مەخلۇق سوزۇلۇپ ياتاتتى،ئۇنىڭ بىردىنلا تىنى شۈركىنىپ كۆڭلى قايتىدىن ئىلىشتى،ئارقىغا يىنىپ پەردىنى قايرىپ دېرىزىنى ئىچىپ بىشىنى سىرتقا يىرىم چىقاردى ،تاڭ تىخى سۈزۈلمىگەنىدى،ئۇ سالقىن ھاۋانى قېنىپ سۈمۈردى،بىردەمدىن كىيىن قوشنىسىنىڭ ئىشىكى تاراقشىشقا باشلىدى،قوشنىسى مۇسا قارىم بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىنى بىر تاملا توسۇپ تۇراتتى،ئۇ كىشى سەھەردىلا بىر كۈنلۈك تىرىكچىلىكنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان بولسا كىرەك. 7/xK]\Z"  
«شىر» تىخىچە ئۇخلاۋاتاتتى،شۇ تاپتا ئۇنىڭ پۇتىدىن سۈرەپلا تالاغا تاشلىۋەتكۈسى كەلدى،«شىر»نىڭ ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى قولۇم قوشنىلار بىلىپ قالسا يەنىلا ئۆزىنىڭ يۈزىگە سەت بولاتتى،«ياخشى ئىت ئۆلۈكىنى كۆرسەتمەپتۇ» دەپ ،ئۇ ھەر قانچە ئىچىپ ۋە ئويناپ يۈرسىمۇ،مەھەللىسىدە ئۆزىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش ۋە تەققى تۇرقىغا بەكمۇ دىققەت قىلاتتى،ھاراق ئىچىپ ياكى قىزلارنى ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەندە باشقىلارغا بىلدۈرۈپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلەيتتى،ئۇ ئوقۇغان ۋە كىتاپخۇمار بولغانلىقى ئۈچۈن قائىدە-يۇسۇنلۇق ئىدى،كىمنى ھۈرمەت قىلىپ ،كىمگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلەتتى،ئۇنىڭ ئۆستىگە كاتتا باينىڭ ئوغلى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن مەرد-مەردانىلىكى قوشۇلۇپ ئۆزىگە تۇشلۇق يۈز تىپىۋاتاتتى،ئۇ بۇ شەھەرنىڭ ئىچىدىكى ئوغرى،كاززاپ ۋە ياۋاش،ئىشچان،خىلمۇ خىل ئادەملەر توپلانغان مەھەللىدە ھەممە ئادەم بىلەن چىقىشىپ كەلدى. UeR$_8b=_  
ئۇ ئايالنىڭ سەت تۇرقىغا قاراپ تۇرىۋىرىشكە تەخىر قىلالماي،يەردىكى ئەدىيالنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆستىگە تاشلاپ قويدى ھەم ئۆزى كىرىسلۇغا قىلىپ ياتتى،بىشى تىخىچە ئاغرىپ تۇراتتى،ئۇيقۇسىمۇ قانمىغان بولۇپ ،بىرەر ئىككى سائەت ئۇخلىۋىلىشنى نىيەت قىلىپ كۆزىنى يۇمدى،سائەت ئون بىلەن ئويغىنىپ كارۋاتتا تىخىچە ئۇخلاپ ياتقان «شىر»نى نۇقۇشلىدى. J\^1*w2H0  
_ھەي قوپە! (/-d^]jj  
_بىردەم يىتىۋالاي،سىزمۇ بىردەم يىتىڭە،_ ئايال ئۇيقۇ ئارىلاش ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ،ئۆزىگە تارتماقچى بولدى،ئۇ ئايالنىڭ پۇتىدىن بىرلا تارتىپ كارۋاتتىن يەرگە چۈشۈرىۋەتتى. ds^j7gk  
_ۋاييەي! ساراڭ،نىمە قىلغىنىڭىز بۇ؟_ئايال چىرقىراپ ئورنىدىن قوپۇپ،ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ يەنە جىمىپ قالدى. Mh1  
_ئۇيقۇڭ ئىچىلغان بولسا كىيىملىرىڭنى كىيىۋال،چىشى چوشقىدەك بەدىنىڭنى كۆرسەتمىسەڭمۇ بولىدۇ. jxnO*J  
ئايال كىرەمنىڭ گەپلىرىنى قىرىغىمۇ ئىلىپ قويماي،ئالدىرىماي كىيىملىرىنى ئېلىپ كىيدى. r9J6 yk'  
_تېزرەك بول،مەن سىرتقا چىقىمەن. `QuVN-2P-  
_سىز سىرتقا چىقىپ كىرگۈچە ئۆيىڭىزدە ئولتۇرۇپ تۇرسام بولامدۇ؟ yK rTyF+2  
_ھېلىمۇ بىر كىچە تۇرىۋالدىڭ،تەلىيىڭ بار ئىكەن. @F&BR8Nr^T  
_ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ،ھەر قانچە ياراتمىسىڭىزمۇ كۆڭۈلگە ئازار بەرمەڭ،بىزدىمۇ كۆڭۈل بار،بىزمۇ تۇغۇلۇپلا بۇ يولغا كىرىپ كەتمىگەن. =9zJC',;  
ئۇنىڭ بۇ گىپى كىرەمنىڭ كۆلكىسىنى قىستىدى،«سەنلەردە كۆڭۈل نىمە قىلسۇن» دىگۈسى كەلدىيۇ،ئۇنىڭ بىلەن تالىشىپ تۇرۇشنى نۇمۇس ھىس قىلىپ پەقەت مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى ۋە پورتمالىدىن 100 يۈۋەنلىك پۇلدىن بىرنى ئىلىپ كىرىسلۇغا تاشلاپ قويدى. Mw7o%U e  
_خاپا بولمىسىڭىز،مەن بەك ئالدىرايتتىم. /Hs%gb%  
ئايال ئۈندىمەستىن ئورنىدىن تۇردى،ئاندىن ئۇنىڭغا تىكىلدى،ئايالنىڭ كۆزلىرىدە غەزەپ ئۇچقۇنى ياناتتى،ئۇ ھىچنىمە بولمىغاندەك ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قادالدى،بۇنداق قىزلارنىڭ ھەيۋە قىلىپ قارىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھىچنىمە ئەمەس ئىدى،ئۇ «شىر» نىڭ قارىسى يۈتۈش بىلەن بىر تال تاماكا چەككەچ ،ئىشىك دىرىزىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىچىۋەتتى. ,j1Yrz77[  
ئۇ ئۇزاق يۇيۇندى،ئىسسىق سۇ بەدەنلىرىنى سىلاپ چۈشەتتى،ئانىسى كىچىك ۋاقتىدا ئۇنىڭ بەدىنىدىكى كىرلەرنى چىقىرىش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق يۇياتتى،شۇ تاپتىمۇ نامەلۇم قول ئۇنى سىلاپ تىنىدىكى مەينەتچىلىكنى پاكىزلاپ چىقىرىۋەتمەكچى بولغاندەك قىلاتتى،سۇ ئۇنىڭغا شۇنداق خوشياقتى،يۇيۇنۇپ بولۇپ ئەينەك ئالدىغا كىلىپ چاچلىرىنى تارىدى،پەقەت پىشانىسىدىكى كىچىك تاتۇقنى ھىساپقا ئالمىغاندا ھىچقانداق ئەيىپى يوق ئىدى،ئۇ ئۆزىنىڭ ھوللىۋۇدنىڭ كىنۇ ئارتىسلىرىدىن قىلىشمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدى،بىلەكلىرىنى يىغىپ مۇسكۇللىرىنى سىناپ باقتى،مۇسكۇللىرى بۇرۇنقىدىن سەل يۇمشاپ قالغان بولسىمۇ،يەنىلا ئەسلىنى يۇقاتمىغان ئىدى،«يەنە بەش يىل ئوينىۋالغۇچىلىكىم بار ئىكەن»،ئۇ شۇلارنى ئويلاپ مىيىقىدا كۆلۈپ قويدى. .G 
ئۇ ئۆيىدىن چىقىپ بىر دوقمۇشقا كەلگەندە قايرىلىپ تار كوچا ئىچىدىكى پاكار بىر قورۇنىڭ كونا ئىشىكىنى چەكتى،بىردەمدىن كىيىن 60 ياشلار چامىسىدىكى ئورۇق بىر ئايال ئىشىكنى ئاچتى،ئۇنى كۆرۈش بىلەن ئايالنىڭ ياغاق يۈزىگە كۆلكە ياماشتى. kW(YJ3W  
_ۋاي،كىرەمجان بالام كىلىپ قاپتۇغۇ؟ تونۇماي قاپتىمەن قىرىغاندا،ساقلاپ كەتمىگەنسىز،قىنى ئۆيگە.... K(` /8 ar  
_بولدى كىرمەي،دۇكانغا ئالدىرايتتىم،بۇ بىر قاپ سۈتنى ئۆزلىرىگە ئالغاچ كەلدىم،ماۋۇنى توڭلاتقۇغا سىلىپ قويارلا. e5 _S:"B  
بۇ ئۇنىڭ ئايالغا قىلغان ئىلمى بۇيرىقى ئىدى،خوتۇنى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن بۇيانبۇ ئايالغا ئىيىغا 150 يۈۋەن بىرىپ،ئۆي ئىشلىرىنى قىلدۇرۇپ،كىيىم كىچەكلىرىنى يۇدۇرىۋاتاتتى،ئاغزى يۇمشاق،ئۆزى پاكىز،ئۆي ئىشىغا پۇختا بۇ ئايال تىكەندەك يالغۇز بولغاچقا ،ئۇنىڭ بۇنىڭ ئىشىنى قىلىپ جان بىقىپ كېلىۋاتاتتى،ئايال ئۇنىڭ قولىدىكى نەرسىنى ئالغاچ ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي رەھمەت ئىيتتى،ئۇنىڭ رەھمەت ئىيتقاندىكى تۇرقىغا بىچارىلىك،مىھرىبانلىق ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ ،بۇنداق تۇيغۇ مۇشۇنداق ئىگە چاقىسىز،يار-يۈلەكسىز،ئۆزىنى ئەڭ بىچارە سانايدىغان ئانىلاردىلا بولاتتى،ئايالنىڭ «بالام »دىيىشلىرى ۋە «دۆلىتىڭزىنى زىيادە قىلسۇن» دىگەن سۈزلىرى تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا رەھمەتلىك ئانىسىنى ئەسلىتىپ قويدى،ئەمما ئانا دىگەن بەرىبىر ئانىدە،ئۇ بۇ ئايالنى ئانىسى بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكتەك سىزەتتى،مۇشۇ ئايالنىڭ دۇئالىرى ئارقىلىق ئانىسىغا سالام يوللاپ تۇراتتى،بۇ ئايال كىچىك ۋاقىتلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ ئانىسىغا ياردەملىشىپ قاتتىق قۇرۇق ئىشلارنى قىلشىپ بىرەتتى،ئەلۋەتتە ئانىسىمۇ ئايالنى يىقىن ئادىمىدەك كۆرۈپ ھىممىتىنى ئايىماي كەلگەنىدى،ئەمدىلىكتە بۇ ئايالنىڭ ھالىدىن ئانچە مۇنچە خەۋەر ئىلىپ قويۇش ئۇنىڭغا قالغانىدى،ئۇ ئايالنىڭ ئانچە-مۇنچە گۈش- ياغ،ئوتۇن- كۈمۈرىنى غەملەپ بىرەتتى،شۇنداق قىلسام ئانامنىڭ روھى قورۇنمايدۇ دەپ ئويلايتتى،ئۇ تۇل خوتۇن،يىتىم يىسىرلار دۇئاسىنىڭ ئادەمنى كۆكلىتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى،شۇڭا دائىم گۇناھلىق ئىش قىلىپ قويدۇم دەپ قارىغان كۈنلىرى بۇ ئايالغا بىرەر نەرسە ئاپىرىپ بىرەتتى. W_blDnvx  
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،كېرەمجان،دۇكانغا ماڭدىلىمۇ؟_ئۇنىڭ ئالدىدا قوشنىسى مۇسا قارى قول سۇنۇپ تۇراتتى. ~kcstr  
_بىتاپ بولۇپ قالمىغاندىلا ،چىرايلىرى سارغىيىپ،كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كىتىپتۇ. aG<_  
ئۇنىڭ كاللىسىدىن «بۇ ئادەم ئاخشامقى ئىشلىرىمنى سېزىپ قالغانمۇ نىمە؟» دىگەن خىيال لىپ قىلىپ ئۆتتى،ھاراق پۇراپ قىلىشتتىن ئەنسىرەپ بېشىنى ئىلىپ قاچتى. D)@KQ#  
_زۇكامداپ قاپتىمەن. W{%*Nw  
_ئېگىمىز ھەممىمىزگە ساغلاملىق بەرسۇن_مۇسا قارىنىڭ كىچىك بالىنىڭكىدەك پارقىراپ تۇرىدىغان يۈزلىرى ۋە كۆزلىرىدىن نۇر يىغىپ تۇراتتى. 2Z_.=b  
_تۇنساگۈلنى ئەكىلىۋالساق بولاتتى ئۇكام،يالغۇزچىلىقتا شەيتان كۆچىيىپ كىتىدۇ. 6D 4\  
ئالدىراپ تۇرغاندا مۇسا قارىمنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋىلىپ ماڭغۇزمايۋاتقانلىقى كەيپىنى ئۇچۇردى. :9tTp5  
_تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكنى ئېغىزغا ئالغىلى بولماس.  Yi=hO  
_ئۇنداق دىمىسىلە ئۇكام،شەيتان ئاچچىققا يىقىن تۇرىدۇ،قارىسام ئۇ قىزنىڭمۇ سىلىگە يەنە كۆڭلى باردەك. Qmdt  
_قىنى ۋاقتى كەلگەندى بىر گەپ بولار. + 67eGv  
_ۋاقىتنى بىز كەلتۈرمەيلىمۇ ئۇكام،يولىنى مەن مىڭىپ بىرەي! ,{e_ K K3  
ئۇ قارىمنىڭ قولىدىن قولىنى تارتىۋالماقچى بولدى،بىرسىنىڭ قولىنى ئۇزاق تۇتۇپ تۇرىشىنى ياقتۇرمايتتى،بولۇپمۇ ئەرلەر ئەرلەرنىڭ قولىنى شۇنداقمۇ ئۇزاق تۇتقان بارمۇ؟ afPm< f+5  
_ئۇمۇ بولۇپ قالار. p~NOWiIRR;  
سەزگۈر مۇسا قارىم ئۇنىڭ ئالدىراۋاتقانلىقىنى بىلدى بولغاي،قوللىرىنى قويۇپ بەردى. :V}XY( ^  
_ئالدىرايدىغاندەك قىلىدىلا،بۈگۈن يوللىرىدن قويماي،لېكىنزە،ئەتە-ئۈگۈن بىر مۇڭدىشايلى،ھەممە ئىشنىڭ ۋاقتىدا بولۇپ كەتكىنى ياخشى ئۇكام،ھايتىلا دىسىلە مەن چىقىمەن. 6&CT0 g1  
_بولىدۇ،مەن سىلىنى ئۆزۈم ئىزدەي_ئۇ شۇنداق دەپ ئىتتىك خوشلاشتى،مەھەللىدىكى ھەممە ئىشقا چات كىرىۋالىدىغان بۇ ئادەمنى ئۇ تازا ياقتۇرمايتتى،بىرسى ئالدىڭغا ياردەم قىل دەپ بارمىغاندىكىن،نىمە قىلىدۇ خەقنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىپ،كىرەم تېخى مۇشۇ كەمگىچە بىرەرسىگە ئېگىلىپ باققان بەندە ئەمەس،بىر مەزگىل مۇشۇنداق ئەركىن يۈرگىنىمۇ ياخشى،ئۇ شۇلارنى ئويلاپ دوقمۇشتىكى ئاشپۇزۇلغا كىردى ۋە ئىككى پارچە گۈش بىسىلغان پولۇ بۇيرىدى،تۇيۇقسىز شىر كۆز ئالدىغا كىلىۋىلىپ تاماققا رايى بارمىدى،گۈشنى يەۋىلىپلا ئاشپۇزۇلدىن چىقتى،ئەمدى دۇكاننى بىر يوقلىۋىتىش كىرەك ئىدى،مۇشۇ بىر ئىككى كۈن ئىچىدە گۇۋاڭجۇدىن مال كىلىپ قىلىش ئېھتىمالى بار ئىدى. zL D[a  
ئۇنىڭ كىيىم كىچەك دۇكىنى شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات رەستىسىگە جايلاشقان بولۇپ 200 كۇۋادىرات مىتىر چوڭلۇقتىكى بۇ دۇكان ئۇنىڭغا ئانىسىدىن قالغانىدى،ئانىسى دادىسى بىلەن ئاجراشقاندا مۈلۈك ھىسابىدا مۇشۇ دۇكان بىلەن ھازىرقى زىمىن ئايرىپ بىرىلگەنىدى،بۇنداق ئاۋات رەستىدىكى ئىجارىسى يوق دۇكاننىڭ سودىسى ياخشى بولاتتى،ئۇنىڭ ئۆستىگە ،ماللىرىمۇ خىل ئىدى،ھەر ھالدا ئۇنىڭ ئائىلىسىنى قامداپ ،يەپ ئىچىپ ،ئويناپ -كۈلۈشىگە يېتىپ ئىشىپ قالاتتى. 6/j~ke;  
خىزمەتچى قىز دۇكاندا ياشانغان ،يۈزلىرىنى قورۇق باسقان ،ئۇزۇن تۇماقلىق بىر ئادەم ۋە ئۇنىڭ يىنىدىكى ياشقىنە بىر مودا قىز بىلەن باھا تالىشىۋاتقانىدى،ياشانغان ئادەمنىڭ چىراي-تۇرقىدىن باشقا يۇرتلۇق دىھقان كىشىلىكى چىقىپ تۇراتتى،قىز ئوقۇغۇچىدەك قىلاتتىيۇ،ئەمما كىيىنىشلىرىدىن ئوقۇغۇچىغا ئوخشىمايتتى،ئەمما ئۇ يەنە قىزنىڭ ئاتىسى بىلەن بىللە تۇرغانلىقىغا قاراپ ئوقۇغۇچى ئىكەن دەپ جەزىم قىلدى. o 
_ئالمايلى دىسەم ئۇنىمايسىز بالام،بەكلا قىممەت ئىكەن،بايىقى ياندىكى دۇكاندىكىسىچۇ؟ p3rR1  
بۇۋاي قىزغا ئۆتۈنۈش بىلەن قارىدى،ئۇ خۇددى قىز ئالدىدا قەرىزداردەك بىچارە ھالەتتە ئىدى. ]P.svF_  
_قىممەت،قىممەت دەۋىرىدىكەنسىز،ئەرزان مالنىڭ شورپىسى يوق،ئۇنى ئالغاندىن،بولدى ئالماي،مۇشۇنىلا كىيىۋىرەي_قىز بۇۋايغا زەردە قىلدى. AnXGQ  
_ئۇنىڭدىن ئەرزان بىرەلمەسسىزمۇ؟ vpX_$>Q)w  
_ھىلىمۇ سىلىگە زاۋۇتتىن كىرگەن باھاسىنى دىدۇق. m"HlR$N ;  
بۇۋاي بىردەم ئاياغقا،بىردەم قىزىغا قاراپ،كىيىن ئېغىز ئاچتى: qw+f"X?  
_بوپتۇ ئەمىسە،ئىلىڭە_بۇۋاينىڭ ئاۋازى شۇنداق زەئىپ ۋە ئاجىز ئىدى،قىزنىڭ چىرايى بىردىنلا ئىچىلىپ كەتتى ۋە بۇۋاينى بىرنى سۈيۈپ قويدى،بەلكىم ئاشۇ سۆيۈش بىلەن بۇۋاينىڭ يىگىرمە-ئوتتۇز يىللاپ تارتقان ،جاپادا قولىدىكى قاداقتەك بولۇپ كەتكەن يۈرىكى بىردەم ياشارغاندۇ؟ بۇۋاي بەلۋىغىدىكى تۈگۈنچەكنى ئالدىرىماي يىشىپ ئون ۋە بەش يۈەنلىكتىن كونا ياغلىققا چىگىۋالغان پۇلىنى ساناشقا باشلىدى،قوللىرى تىنىمسىز تىترەيتتى،بۇۋاي ساناقتىن ئېزىپ كەتتى،قىز خىجىل بولغاندەك قىلىپ بۇۋاينىڭ قولىدىن تۈگۈنچەكنى تارتىۋالدى. kmqY^D\Za  
_يائاللا،ئەكىلىڭە،پۇل تىپىشنى بىلگەن بىلەن خەجلەشنى بىلمىگەن يا!_قىز پۇلنى سانىغاچ بۇۋايغا لەپپىدە بىر قاراپ غودۇرىدى. p]s &$Rt[o  
_نەدىن تىپىپ كەلگەنسىز بۇ قەلەندەرنىڭكىدەك پۇللارنى،بانكىدىكى پۈتۈن پۇلنى ئېلىپ چىقسىڭىز بولمامدۇ؟ wp"&pF`  
_قايسى پۇللارنى دەيسىز؟_بۇۋاي ساددىلىق ۋە ھەيرانلىق بىلەن قىزىغا قارىدى. ;Br[+NL  
_قايسىسى بولماقچىدى،ھېلىقىنىچۇ؟ K/m r#:0w  
_بۇۋاي قىزىنىڭ سەت ئالىيىشى بىلەن جىمىپ قالدى،قىز پۇللارنى ساناپ بىرىۋىتىپ ھىجايدى. 3!5[=&  
_سەت بولدى ھە،بەك پارچە پۇل بىرىپ قالدۇق،ئاپتۇبۇسقا چىقىدىغانغا پارچىلاپ قويغان پۇللار ئىدى،بولمىسا بانكىدىن ئاچىقىپ بېرەمدۇق يا؟_قىز قاقباشلىق بىلەن قارىدى. O% h.r 
_ۋاي ياقەي،بىزگە مۇشۇنداق پۇل بەك لازىم. T{xP;nCK M  
قىز پۇلنى بىرىپ بىللە ئىشىككە ماڭدى،بۇۋاينىڭ پىشانىسى مۇزدەك تەرلەپ كەتكەنىدى،پۇتلىرى ھالسىز يۆتكىلەتتى. "{\C_Wm  
_قانچىگە ساتتىڭىز؟ o3xi>E31j  
_دادىسىغا ئىچىم ئاغرىپ قىلىپ 130 يۈەنگە بىرىۋەتتىم. gn J  
_پۇلنى ماڭا بىرىڭ. Y\Wu' DQ  
خىزمەتچى قىز ھەيران بولۇپ پۇلنى ئۇنىڭغا سۇندى. KJk$MC  
_تاغا توختىسىلا! CC.Y Wq  
ئىشىككە بىرىپ بولغان بۇۋاي بىلەن قىزى ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا قاراشتى. xUM_+3P/  
ئۇ پۇلدىن 30 يۈەننى ئايرىۋىلىپ ،قالغان پۇلنى بۇۋاينىڭ قاقشال ئوتۇندەك يىرىك قولىغا تۇتقۇزدى. n.3>ANz  
_يىزىدىن كەلگەندەك قىلىلا،سىلىگە ئەرزان بىرەي. vvn?gl  
بۇۋاي بىردەم مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى،ئاندىن قوللىرىنى كۆتۈردى،_رەھمەت بالام،خۇدايىم دۈلەتلىرىنى زىيادە قىلسۇن،_قىز ھەممىدىن بەك خوشال بولۇپ كەتكەنىدى،ئۇ كىرەمنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئىچىگە قاراپ پىسسىڭىدە كۈلدى. L'[|bJ?  
_سىز ئوقۇغۇچىمۇ؟ jU ]px =z  
_شۇنداق رەھمەت ئەمىسە،ئاۋارە قىلدۇق،كېيىنكى قىتىم تولدۇرىۋىتەرمىز،_قىز ئۇنىڭ كۆزىگە مەنىلىك تىكىلدى،ئەمما شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆزىدە قىزنىڭ قاپقارا ،چىرايلىق كۆزلىرى ئەمەس،بۇۋاينىڭ دۈمچەك سىيماسى قالغانىدى. >c$GQK  
7s2dJ6 b^  
پوۋىسىتنىڭ داۋامى سەر خىل ئىلانلاردىن كىيىن داۋاملىق ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.... KoVM7\  
P @b5Wa|^  
[ بۇ يازما گۈلسىما تەرپىدىن 2008-03-15 10:11 دە قايت ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • سەلكىن دوللىرى:+200(دوستۇم) ئەدەبىي ئەسە ..
  • | ۋاقتى : 2008-03-14 20:46 [باش يازما]
    گۈلسىما
    ئۇيغۇر قىزى
    تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 1593
    نادىر تېما : 16
    يازما سانى : 1560
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1560دانە
    شۆھرەت: 2354 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 997 سوم
    تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1958 نۇمۇر
    قوللاش: 1681 نومۇر
    ئالقىش: 1937 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :651(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    (2)
    ,9S%]@oC  
      ئۆي ئىچى چىنىدەك پاكىز تازىلاپ قويۇلغان بولۇپ،ئەتىگەنكى مەينەتچىلىك ۋە بەت پۇراقتىن ئەسەر يوق،خۇشبۇي ئەتىر پۇرىقى ئۆينى بىر ئالغانىدى،ئۇ بىر تال تاماكا چەككەچ ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلىدى،ئەمما ئۇيقۇسى كىلەي دىمەيتتى.بىر ئاز ئارام ئىلىۋىلىش ئۈچۈن ئۆيگە كىرىش بىلەنلا بىر خىل غىرىپلىققا ئالماشتى،ئۇ ئۇدۇل تامدىكى تويلۇق سۈرەتكە بىر ھازا قاراپ ياتتى،دوپپا ۋە كانىۋا كۆڭلەك كىيگەن ،كېلىشكەن ئورۇق بىر يىگىت بىلەن ئانچە چىرايلىق بولمىسىمۇ مېھرى ئىسسىق،ئەتلەس كۆڭلەكلىك بىر قىز ئۇنىڭغا قاراپ كۆلۈپ تۇراتتى،بۇ بۇنىڭدىن سەككىز يىل بۇرۇن چۈشكەن سۈرەت ئىدى،شۇ چاغدا ئۇلار نۇرغۇن ئارزۇ ئارمانلار بىلەن توي قىلغانىدى،مانا ئەمدى ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتكەندە ئاشۇ ئارزۇ ئارمانلاردىن قانچىلىكى قالدى،قانچىلىكى توزۇپ كەتتى،بىر نەرسە دىگىلى بولمايتتى،چۈنكى سەككىز يىل نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىۋەتتى،ئەمما خوتۇنى دائىم ئۇنى «ئۆزگىرىپ كەتتىڭىز » دەپ ئەيپلەيتتى،شۇنداق ئۇ ئازراق ئۆزگەردى،بۇنى ئىتىراپ قىلاتتى،ئورۇق ئىدى،تەن قويدى،خىيالچان ئىدى،رېئاللىققا چۈكتى،جىمغۇر،ئىچ مىجەز،كىتاپ خالتىسى ئىدى،شوخلىشىپ قالدى،بۇنىڭ نەرى يامان،ھازىر ئۆزگەرمىگەن كىم بار؟ئانچە -مۇنچە قىزلار بىلەن ئارىلىشىپ ،ھاراق ئىچىپ قويغاننىڭ نېمىسى يامان،ئالى مەكتەپتىغۇ شۇنچە گۈزەل قىزلارغا قاراپمۇ قويماي ياشلىقىنى ئۆتكۈزىۋەتتى،ئەمدى بولغاندا قولىدا پۇل ۋە پۇتىدا كۈچ بار مەزگىلدە بەش -ئالتە يىل ئويناپ،جاھاننىڭ پەيزىنى سۈرەلمىسە بۇنداق تۇرمۇشنىڭ نىمە لەززىتى. HvXY= L  
    ئۇ« بىر ئەر كىشى ئايالىنىڭ كىيىمىنى پۈتۈن،قورسىقىنى توق قىلىپ،قولدىن پۇلنى ئۈزۈپ قويمىسا ،ئۆينى گۈش ياغسىز قويمىسا مۇشۇنىڭ ئۆزى بىر ئايالغا تامامەن يىتەرلىك» دەپ قارايتتى،ئەمما ئايالى بۇنىڭغا قارشى چىقتى،شۇڭا ئۇرۇش جىدەل قۇرۇمىدى،ئاخىر ئاجرىشىپ كىتىشمەكچى بولدى،ئۇنىڭغۇ ئەسلى ئاجرىشىپ كىتىش نىيىتى يوق ئىدى،ئەمما ئاچچىققا چىدىماي شۇنداق دەپ سالدى،ئايالىمۇ سىنىڭدىن مەن قالىمەنمۇ دىگەندەك ئۇنىڭدىن بەكرەك سەكرەپ چۈشتى. zZoCEI:{=|  
    توي قىلىش تەس بولغىنى بىلەن ،ئاجرىشىپ كىتىش بەك ئوڭاي ئىكەن،يىرىم سائەت ئىچىدىلا سەككىز يىللىق نىكاھ ئاياقلاشقان بولدى،ئۇ شۇ چاغدا ئايالىنىڭمۇ ئاجرىشىپ كىتىش نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى ،پەقەت ئاچچىقتلا شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى ،ئۆزىنىڭ بىر ئېغىز گىپى بىلەنلا بۇ ئىشنى توسۇپ قالالايدىغانلىقنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئۇنداق قىلمىدى،چۈنكى يالۋۇرسا ئۇنىڭ غورۇرى يول قويمايتتى،قىزىق يېرى ،ئايالى ھىچنىمە ئالماي ئۆينى شۇ پىتى قالدۇرۇپ كەتتى،ئۇ بەزىدە يالغۇز قالغانلاردا ئايالىنى ئازراق سىغىنىپ قالاتتى،كوت-كوت بولسىمۇ مىجەزى تۈز ،كۆڭلى ياخشى ،ئۆزىگە قەۋەتلا سادىق،تاماققا ۋە ئۆي ئىشلىرىغا بەك پۇختا ئىدى،بولۇپمۇ لەڭمەننى شۇنداق ئوخشىتىۋىتەتتى،«مىنىڭمۇ ئاشۇرىۋەتكەن يەرلىرىم بار،ئويۇن تاماشىدىن ئۆزۈمنى يىغىدىغان ۋاقتىممۇ كىلىپ قالغانىدى،بىرەر بالىلىق بولۇپ قالساق بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كىتەتتى...» :JM{vV W  
    ئۇ شۇلارنى ئويلاپ بىر تۇرۇپ ئۆزنىڭ قىلغانلىرىنى توغرا دەپ ئويلىسا ،بىر تۇرۇپ ئايالىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى گۇناھكاردەك ھېس قىلدى،ئايالىغا بۇرۇنمۇ خىيانەت قىلغانىدى،ئەمما تۈنۈگۈنكىدەك كوچىغا چىقىپ قالغان بىرسىنى ئۆيىگە باشلاپ باقمىغانىدى. DlqDj]d4  
    ئۇ رەسىمگە قارىغانسىرى ئايالىغا يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ھىس قىلدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىگە كۆڭۈلسىزلىك ئەكەلگەن رەسىمنى ئېلىپ،ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىغا تاشلاپ قويدى.كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئويلاشنى خالىماي كىتاپ ئوقۇماقچى بولدى،ئۆينىڭ شىمال تەرىپىدىكى بىر پۈتۈن تامغا مەخسۇس ياسالغان كىتاپ جاھازىسى كىتاپ بىلەن لىق تولغانىدى،بۇ ئۇنىڭ داڭلىق شائىر بولۇش ئارزۇسىدا يۈرگەن چاغلىرىدا ئوقۇغان ۋە يىققان كىتاپلىرى ئىدى،ھازىر ئۇنىڭدا ئۇنداق غايىۋانە ھىسسىياتلار بەكمۇ ئازلاپ كەتتى،بەزىدە ئۆزىنىڭ ئاشۇ ۋاقىتلىرىنى تۇيۇقسىز ئەسلەپ قالغاندا ئازراق سۆيۈنۈپمۇ قالاتتى،ئۇ چاغدا ئۇنىڭدا ئاجايىپ گۈزەل ھىسسىيات ۋە موھەببەت بار ئىدى،ئاشۇ تۇيغۇ تەسىرىدە ئىلگىرى ياخشى كۆرگەن قىزغا ئاتاپ نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغانىدى. f`XI^WG  
    ئۇ كىتاپ جاھازىسى ئالدىغا كىلىپ ئۆزىنىڭ خىلى ۋاقىتتىن بىرى كىتاپنى قولىغا ئىلىپ باقمىغانلىقىنى ھىس قىلدى،جاھازىنىڭ چىلان رەڭلىك يۈزى پارقىراپ تۇرسىمۇ ،ئىچىدىكى كىتابلارنىڭ ئەتراپىدىكى بوش جايلارنى چاڭ-تۇزاڭ قاپلىغانىدى،ئۇ «ئىلاھە چوققىسى» نامىلق توپلامنى سۇغۇرىۋالدى،ئىچى پۇشقاندا ،ئازاپ تارتقاندا شېئىر ئوقۇش ئادەمگە خوشاللىق ئىلىپ كىلەتتى،ئۇ كىتابنى ئۇ يەر بۇ يەردىن ۋاراقلاپ تۇرغاندا تېلىفۇن سايراپ قالدى. 07VAD+e r  
    _جان بارمۇ؟ /OZ,*' 
    _قەدىر ئەھۋال،ئۆزۈڭچۇ؟ ~y:y~2&<  
    _بىز چىستەي.ئاخشامقى مەغلۇبىيەتنى خۇلاسىلاپ ،قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ چىشىنى چاقىمىز دەپ يىغىلدۇق،كەلمەمسەن؟ r:C.i%  
    _مىجەزىم بەك بوش تۇرىدۇ،بارماي تۇرايمىكىن. $>!`9[  
    _يوق گەپنى قىلماي دەرھال تاكسى بىلەنلا كەل،راخمانكاممۇ بار،بۈگۈن كەمپۈتتەك قىزلار بىلەن ئولتۇرىۋاتىمىز،قىزلار بەك ساقلاپ كەتتى،كەلمىسەڭ ئىسيان كۆتۈرىمىز دەيدۇ،ئەمىسە قىزلارغا بەردىم ھە!_تېلېفۇندىن بىر قىزنىڭ سۈزۈك ئاۋازى ئاڭلاندى:  u^Mo  
    _ۋەي ياخشىمۇسىز! ئاڭلىساق سىزنى شائىر دەيدۇ،بىرەردەم ئولتۇرىۋالمامدۇق،_ئۇ قىزغا جاۋاپ بىرىپ بولغىچە تېلېفۇندا يەنە ئىزىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. DY_H -cy  
    _ئەمدىغۇ كىلەرسەن؟ ~!Gm#^T-7  
    _ھە باراي،نەدە ئولتۇرىۋاتىسىلەر؟  ?wj?/  
    _بۇرۇنقى جايدا. F9;WxOr  
    راخمان توقماقنىڭ يۈزى ۋە قىزنىڭ سېھىرلىك،چىرايلىق ئاۋازى ئۇنى تىخىمۇ قىزىقتۇردى،ئۇ «ئۈيدە بۇرۇقتۇرما بولۇپ ئولتۇرغاندىن كۆرە،ئاغىنىلىرىم بىلەن كۆڭۈل ئاچقىنىم تۈزۈكمىكىن» دىگەن خىيال بىلەن ئىشىكتىن چىقتى.
    | ۋاقتى : 2008-03-15 09:42 1 -قەۋەت
    گۈلسىما
    ئۇيغۇر قىزى
    تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 1593
    نادىر تېما : 16
    يازما سانى : 1560
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1560دانە
    شۆھرەت: 2354 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 997 سوم
    تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1958 نۇمۇر
    قوللاش: 1681 نومۇر
    ئالقىش: 1937 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :651(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    (3)
    ##k1Kqf  
      سورۇندا راخمان توقماق،ئېزىز،يەنە ئۈچ قىز بار ئىدى.سالاپەتلىك ،ئاق پىشماق بىر قىز ئىزىزنىڭ يىنىدا،قارا قۇمچاق ئوماقراق بىر قىز راخماننىڭ يىنىدا ئولتۇرغانىدى،يەنە بىر قىزغا قارىغاندا كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى،شۇنداقمۇ توغرا كىلىش بارمۇ،ئۇ ئەتىگەندە دادىسى بىلەن ئاياق ئالغان قىزغۇ؟ ئاياق ئالغان قىز باشتا سەل خىجىل بولغاندەك قىلىپ ،ئاندىن بەكلا خوشال بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويدى. o@B21x  
    ئېزىزنىڭ سۈزى ئارىدىكى بىردەملىك جىمجىتلىقنى بۇزدى. l^{x2O1  
    _كىرەممۇ كەلدى،ئەمدى سورۇننى باشلايلى،_دىگىنىچە ئالدىدىكى پىۋىنى ئالتە ئىستاكانغا قۇيغاندىن كىيىن سۈزىنى داۋام قىلدى،_بۈگۈنكى سورۇننىڭ ئالاھىدە مەقسىتىمۇ يوق ھەم مەقسەتسىزمۇ ئەمەس،بىرىنجىدىن دوستىمىز راخمان ئىچكىرىدىن خىزمەت ئىشى بىلەن قايتىپ كەپتۇ،شۇڭا ئاغىنىمىزنى ئارام ئالدۇرۇش،ئىككىنجىدىن سىلەردەك تاتلىق قىزلار بىلەن تونۇشۇپ ،ھال مۇڭ بولۇپ ئولتۇرۇش ئۈچۈن بۇ سورۇننى قىلدۇق،تۈنۈگۈن ئاق ھاراق جىق ئىچىلىپ كىتىپ بۈگۈن پىۋا قۇيۇپ قالدۇق،شۇڭا قىزلارمۇ ئىچمەيمەن دىمەي ئازادە ئولتۇرۇپ ،بۈگۈنكى سورۇنىمىزنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈشىمىز ئۈچۈن خۇشە! c-I>6Mr  
    ھەممەيلەن رۇمكىلىرىنى قولىغا ئالدى،ئىزىزنىڭ يىنىدا ئولتۇرغان قىز بىلەن ھىلىقى قىز بىردەم ناز قىلىپ بىقىپ ئىزىزنىڭ زورى بىلەن رۇمكىنى قولىغا ئالدى،ئالدى بىلەن راخمان رۇمكىنى كىرەمنىڭ رۇمكىسىغا ئۇردى: SsZ1)/!!  
    _تۈنۈگۈن ئاۋارە قىلىۋەتتىم ئاداش،كېلە ،بىر سوقايلى. C7%Rqa=  
    _ئۇنداق دىسەڭ بولمايدۇ،ئەل ئاغىنە ئارىسىدا تۈزۈت كەتمەيدۇ،بىزنىڭمۇ سىنى كۆرۈپ كۆڭلىمىز پۈتۈن بولدى. O}%+3?Sz_  
    _مەنمۇ ئالدىڭىزدا سەتلىشىپ كۆتۈرۈپ قالدىم،ئەتىگەنكى ئىش ئۈچۈن رەھمەت سىزگە!_ھىلىقى قىز ئۇنىڭ رومكىسىغا رۇمكىسىنى بوش تەككۈزدى. f*mWz  
    _ھىچقىسى يوق. !A%~[E-  
    كىرەم خالار خالىماس رۇمكىنى سوقۇشتۇرۇپ قويدى،بۇ قىز ئەتىگەندىلا كۆزىگە سىغمىغانىدى،مۇشىتتەك تۇرۇپ ھاراق ئىچىدۇ دەپ ئويلىمىغانىدى،ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا بىردىنلا بۇۋاينىڭ بىچارە تۇرقى كىلىۋالدى،بىچارە بۇۋاي شۇ تاپتا بالام ئوقۇۋاتىدۇ دەپ ئويلاۋاتقاندۇ ھە.تۇيۇقسىز ئۇ ئۆزىنى بۇۋاينىڭ ئالدىدا قارا يۈز بولۇپ قالغاندەك سىزىپ ،كۆڭلىنى غەشلىك قاپلىۋالدى،تونۇشتۇرۇش ۋە تىلەك بولۇپ ،ئارقا ئارقىدىن بەش ئىستاكان ئىچىلدى. Eofm4 L|"H  
    ئېزىزنىڭ نازارەتچىلىكى ۋە گەپلىرىنىڭ بىسىمى ئاستىدا قىزلارمۇ ئۆتكۈزىۋەتمەي ئىچىشتى،تونۇشتۇرۇشلاردىن مەلۇم بولدىكى ،ئۇ ئاياق سىتىپ بەرگەن قىزنىڭ ئىسمى ئانار،لاتاپەتلىك،ھەممىدىن چىرايلىق قىزنىڭ ئىسمى لالە،قارا قۇمچاق قىزنىڭ ئىسمى ئەقىدە ئىكەن،لالە ئۆيدە بىكار قالغان ئوقۇغۇچى ئىكەن،ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىغۇ راسىتتەك قىلاتتى،ئەمما ئىسمىنىڭ راسىت بولۇشى ناتايىن،بۇنداق سورۇنلاردا قىزلار ئادەتتە راس ئىسمىنى دىمەيتتى. --5 Ui=W  
    ئەرلەرنىڭ ئىسمى ئۆزگەرمەي ئورنى ئۆزگەردى،راخمان بىلەن ئىزىز چوڭ سودىگەر بولدى،كىرەم بولسا دادىسىنىڭ باسما زاۋۇتىنىڭ باشلىقى ،يىقىندا بىر نەچچە كىتابى چىققان داڭلىق شائىر بولدى،ئىزىز كۆڭلۈم ۋە تونۇشتۇرۇش رۇمكىسى دەپ يۈرۈپ قىزلار بىلەن بىر رۇمكىدىن ئىچىپ ئۇلارنى خىللا قىززىتىپ قويدى،قىزلارنىڭ يۈزى شەلپەردەك قىزىرىپ خىلىلا ئىچىلىپ كەتتى،تانسا باشلاندى،ھىلىقى چوڭ سۈپەت قىز ئىزىز بىلەن،قارا قۇمچاق قىز راخمان بىلەن بىر نەچچە قول تانسا ئوينىدى،قىزلارنىڭ چىرايلىقىمۇ،مىھرى ئىسسىقىمۇ شۇ لالە ئىدى،ئۇنىڭ ئاۋازىدىن بايا ئۆزى بىلەن تىلىفۇندا كۆرۈشكەن قىز ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلدى،ئۇ ئىگىز ،قاملاشقان بولۇپ،بەدەن قۇرۇلمىسىغا ياراشتۇرۇپ كىيگەن كورىيىچە پاسۇندىكى كۆڭلىكى ۋە ئارقىغا تاراپ بوغۇۋالغان بىر تال ئۇزۇن چىچى ھەر قانداق بىر ئەركەكنى جەلپ قىلاتتى،«كاساپەت،ئەخلاقلىق ،ياخشى بولسا خوتۇنلۇققا ئالسام بولاتىتىكەن» دەپ ئويلايتتى كىرەم،ئەمما ئىزىز ئۇ قىزنى تولا تانسىغا تارتىپ يىپىشىپ قالغانلىقتىن ،ئۇنىڭغا تەبىئىيلا ئانار ئىشىپ قالدى،ئۇ ئانارنى تانسىغا تارتمىدى،بۇ ئۇ قىزنىڭ سەتلىكىدن ئەمەس ئىدى،ئۇ گەرچە لالەگە يەتمىسىمۇ ،قارا قۇمچاقتىن خىلىلا راۋرۇس ئىدى،باشتا ئانار ئۇنى كۆرۈپ خوش بولۇپ كەتكەنىدى،مانا ئەمدى بىشى چۈشۈپ كەتتى. oV%xBOcM  
    ئىزىز ئىككى رۇمكا لىقلاپ قويۇپ بىرىنى ئۆزى ئىلىپ ،بىرىنى كىرەمگە بىرىپ ئۇنى بۇلۇڭغا تارتتى. 0&*dMB'r  
    _جىنىم ئاداش،بۈگۈن نىمە بولدۇڭ،ئىچىلالمايلا كەتتىڭغۇ؟ ماللار بەك كاتتا دەيمەن،راخماننىڭمۇ بىر كۆڭۈل ئاچقۇسى بار ئىكەن،سەن ئىچىلالمىساڭ سورۇن سۇسلىشىپ قالىدىكەن،ئاۋۇنىڭ كۆزى سەندىلا ،ئىش كۆرمىگەن نەرسىدەك قىلىدۇ،تانسا پانسىغا تارتىپ قوي،ئارتۇق ئىشنى ئويلىۋالما_ئىزىزنىڭ ئاخىرقى گىپى خۇددى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى تىپىۋالغاندەكلا چىققانىدى،شۇ چاغدا ئانار ئىغىز ئاچتى: e:eh|!w\  
    _ساقىي،خاپا بولماي ماڭا ئىككى رۇمكا بىرەمسىز؟ شائىر ئاكام بىلەن بىر ئىچىۋالاي... yf n`Y wN  
    _يائاللا ! ئوغۇل بالىدەك قىز ئىكەنسىز جۇمۇ،_ئىزىز شاپاشلاپ يۈرۈپ ئىككى رۇمكا قۇيۇپ ئانارغا سۇندى. \(_pX]+)  
    ئانار ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان پىۋىنى سۇنۇپ،يەنە بىر ئىستاكاننى قولىدا تۇتۇپ كۆتۈردى. ,Yfu9*;|,  
    _كىچىك،سەت،سەھرالىق ئىكەن دەپ ياراتمىسىڭىزمۇ مەيلى،ئەمما سىز بىلەن دوسىت بولۇپ قالغۇم بار،يا دوسىت بولۇپ قالارمىز،يا سىڭلىڭىز قىلىۋالارسىز،ئەدەپسىزلىك قىلىپ ئىچىپ قالىدىغان بولدۇم،_ئانار شۇنداق دەپ قولىدىكى پىۋىنى كۆتۈردى،ئۇنىڭ ئىچىشىدىن تىخى جىق ئىچىپ كۆرمىگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى،قۇرۇقدالغان ئىستاكاننى كىرەمگە كۆرسىتىپ ،قىزارغان كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكتى،ئۇ يەنە مۇداپىئەدە تۇرسا بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدى،قىز ئۇنىڭغا بىۋاستىلا ھوجۇم قىلىپ ئۇنىڭ چىكىنىش يولىنى ئۆزىۋەتكەن ،گەپنى ئىنىق قىلىپ پەردىشەپنى ئوچوق قىلىۋەتكەنىدى،ئۇ كىچىككىنە بىر قىزنىڭ ئالدىدا ئوڭايسىز ھالەتتە قالغانلىقىدىن نۇمۇس قىلدى،ئەمدى يەنە ئىتىكاپتا ئولتۇرىۋىرىشنىڭ ھاجىتى يوق،ئۇنىڭ ئۆستىگە مەيلى قانداقلا شارائىتتا بولسۇن ،ھەر قانداق قىزنىڭ ئالدىدا يىڭىلىپ قىلىشقا بولمايتتى،قىز ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇراتتى،شۇ پەيتتە ئۇ قىزنىڭ قاپقارا كۆزلىرىنىڭ ناھايىتى چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى ۋە تۇيۇقسىز ئاشۇ كۆزلەرنىڭ ئىچىگە چۈكۈپ كەتكۇسى كەلدى،رومكىنى قولىغا ئىلىپ قىزنىڭ كۆزلىرىگە باققانچە ئاغزىغا بىرلا قۇيۇپ گۈپپىدە يۈتۈۋەتتى ۋە قىزنى قولىدىن تارتىپ تانسىغا تارتتى،قىز ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىنى كۆتۈپ تۇرغاندەكلا ئۇنىڭ قوينىغا كىرىپ كەتتى،ئەمدى قىزنىڭ تىنىقلىرى ئۇنىڭغا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى،ئوتتەك تىنىقلىرىدىن ئۇپا-ئەتىرنىڭ ئەمەس،بەلكى سەھرا قىزلىرىنىڭ ساپ ھىدى كىلەتتى،بۇ خىل ھىد ئۇنىڭ ياۋايى سەزگۈلىرىنى قوزغىتىپ ،كۆڭلىدە باشقىچە بىر خىيالنى تۇغدۇردى. m{fP  
    _تونۇيالىدىڭىزمۇ ،سىز سوۋغا قىلغان ئاياقنى،_ئانارنىڭ پۇتىدىكى ئەتىگەنكى ئاياق ئىدى. /l_ $1f}  
    _سوۋغا ئەمەس،ساتقان دەڭ،بۇندىن كىيىن قىلارمەن. J )-{;Dd~[  
    _راسىتمۇ ،گىپىڭىزدە تۇرۇڭ ھە. c]m/r@  
    _قانداق،يالغانچىدەك كۆرۈنىۋاتىمەنمۇ؟ r2mYq.nW,  
    _ياق ،ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس،بىلەمسىز ،مەن،مەن نىمىشقا بۈگۈن بەك خوشال؟ a&E>FL>  
    _نىمىشقا؟ Pb9nT:1f  
    _باشقىلارغا دىمىسىڭىز دەپ بىرىمەن. %\7(Y+`AN  
    _دىمەيمەن. [}PEXl}  
    _بۈگۈن مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم. L'$gK1G2b  
    _راسىتمۇ؟ sR>RO3[DOY  
    _راسىت،مەن يالغان گەپ قىلمايمەن،ئەتىگەندە سىزدىن خىجىل بولۇپ بانكىدا پۇل بار دەپ يالغان گەپ قىلىپ قويغان،ئەمەلىيەتتە بىز بەك نامرات. 12#Wy]2{  
    _ئۇنداقتا تۇغۇلغان كۆنىڭزگە موبارەك بولسۇن،بۇ يەردىن چىقىپ مەن سىزنى ئوبدان بىر مىھمان قىلاي. .X[vo  
    _تۇغۇلغان كۆنۈمنى مەن بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشنى خالامسىز؟ N9*P?l$  
    _سىز خالىسىڭىزلا. u=C6f1i-  
    _ئانار جاۋاپ ئورنىغا ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىپ پىسسىڭىدە كۆلۈپ قويدى،بۇ كۈلكىسى بىلەن ئۇ كىرەمگە بارغانسىرى يىقىملىق تۇيۇلۇشقا باشلىدى. .xk?KH2  
    ئارىلىقتا لالە ئىككى ئىستاكانغا پىۋا قۇيۇپ بىرنى كىرەمگە سۇندى. )uN: &(b  
    _شائىرلار بىلەن پەقەتلا بىللە ئولتۇرۇپ باقماپتىكەنمەن،بۈگۈن بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن باھانىدە سىز بىلەن بىرنى ئىچىۋالاي. Lok=hD-U  
    لالەنىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭغا بىر خىل ھاياجان بىلەن تىكىلگەن بولۇپ ،بۇ كۆزلەردىن شەيتاننىڭ كۆز نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى. ('/tg  
    _بۇندىن كىيىن پات-پات ئولتۇرۇپ تۇرىشىمىز ئۈچۈن..._ئۇمۇ رۇمكىنى لالەنىڭ رۇمكىسىغا ئۇردى. A(xx{o)QF  
    لالە پىۋىنى ناز بىلەن ئىچىپ تۈگەتكەندىن كىيىن سورىدى: :);SK_5.  
    _سىز زاۋۇت باشلىقىمۇ؟ AZd"I#B8  
    _ياق،زاۋۇت دادامىنىڭ. {*2  
    _بىر ئىشقا ياردەم بىرەلەرسىزمۇ؟ 7a},=[ Qe  
    _قىنى ئاۋال دەپ بىقىڭ. ]44$Ur![  
    _بىر نەۋرە سىڭلىم بار ئىدى،ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويالارسىزمۇ؟ }Q S U/|  
    _مەن ئامالىنى قىلىپ باقاي. d![[4I#   
    _ئەمىسە تىلىفۇنىڭىزنى يىزىۋالاي. MVi@XN0=  
    لالە ئۆزىنىڭ تىلىفۇنىغا ئۇنىڭ نۇمۇرىنى كىرگۈزىۋىلىپ ،كىرەمنىڭ تىلىفۇنىنى بىر سايرىتىپ قويدى. Z=8{.gl>G  
    _بۇ مىنىڭ نۇمۇرۇم،ۋاقتىڭىز چىقسا تىلىفۇن قىلارسىز،ھە راسىت،نىمىشقا تانسىغا تەكلىپ قىلمايسىز؟ مەن بىلەن ئويناپلا قالسىڭىز ،بىر ئۈمۈر ئۇنتۇيالمايسىز. -n!|bnq_cp  
    ئەمما ئۇنىڭ بىلەن لالەگە تانسا ئويناش نىسىپ بولمىدى،تانسىغا تەمشىلىپ تۇرغاندا تىلىفۇن كىلىپ قالدى،سىرتقا چىقىپ تىلىفۇننى ئالدى،تىلىفۇندىكىسى بىر قىز ئىدى،ئۇنىڭ ئاۋازى يىغا ئارىلاش چىقىۋاتاتتى. px8>[HhbV  
    _كېرەمما؟ مىنى قۇتقۇزىۋالغىن،مەن ئۆلىدىغان بولدۇم.. p rr3"^1a  
    _ۋاي نىمە بولدۇڭ،ئالدرىماي دىگىنە... aY5PT1  
    _ئۇرۇپ،پۇلۇمنى بۇلاپ كەتتى... %?SO 
    _كىم ئۇردى،كىم پۇلۇڭنى بۇلاپ كەتتى؟ hbFvyqm_.  
    _بىللە ئولتۇرغان گۇيلار...كىرەم كەلمىسەڭ مەن ئۆلۈپ كىتىدىغان ئوخشايمەن. -?cif>  
    بۇ ،ئۇ ئىلگىرى نەچچە قىتىم ئارىلىشىپ ئۆتكەن ئالىيە ئىسىملىك قىزنىڭ ئاۋازى ئىدى،ئۇ كىرەم بىلەن قاچانلا كۆرۈشسۇن،ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىيتىپ ئۆزىنى ئەمرىگە ئىلىشنى ئۆتۈنەتتى،بۇ نۈۋەت ئۇ كىرەمدىن باشقىچە ئۆتۈنۈشتە ئىدى،ئۇنىڭ ئاۋازى غاراڭ-غۇرۇڭ ئاڭلىنىپ ،سۆزلىرى ئاغزىدىن چۈشۈپ قىلىۋاتاتتى، 7)OJ)}P  
    _نەدە،ئورنۇڭنى دىگىن،مەن ھازىر بارىمەن. o]X F  
    _بىلمەيمەن... c;D;(  uX  
    _ئەتراپىڭدا ئادەم بارمۇ،تېلىفۇننى شۇنىڭغا بىرە. qOi\` M  
    بىر ئازدىن كىيىن تېلىفۇننى بىر ئەر ئىلىپ ئورۇننى ئىيتىپ بەردى،بۇ جاي شەھەر سىرتىدىكى بىر بەزمىخانا ئىدى،ئۇ سورۇنغا قايتىپ كىرىپ بىر دوستىنىڭ مەسىت بولۇپ قالغانلىقنى ،ئۇنى ئاپىرىپ قويىدىغانلىقىنى دەپ ئۆزرە ئىيتتى،راخمان تۇقماق بىلەن ئىزىز تانسا ئويناۋاتاتتى،راخمان توقماق بىللە بىرىشىپ بەرمەكچىدى ئۇ رەت قىلدى،بىردەمدىلا كىلىمەن دەپ سىرتقا چىقتى،بۇ گەپ لالەگە پىچىرلاپ بىر نەرسىلەرنى دەۋاتقان ئىزىزنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى،ئۇ ئىشىكتىن چىققاندا ئارقىدىن چىققان ئانار ئۇنى توۋلىدى. pGMy]tu  
    _قايتىپ كىلەمسىز؟_ئانارنىڭ كۆزلىرىدىن ئۇ خۇددى ھازىرلا ئۇچۇپ كىتىدىغاندەك ئەنسىزلىك چىقىپ تۇراتتى. 1 sF@)  
    _كىلىمەن،كىلەلمىسەم سىز تىلىفۇن قىلىڭ،گىپىمىز گەپ،تىلىفۇن نۇمۇرۇم ئىزىزدا بار،_ئۇ شۇنداق دەپ پەلەمپەيدىن تىزلا چۈشۈپ كەتتى،پەستە ماشىنا توسۇپ تورغاندا ،ئارقىدىن قوغلاپ چۈشكەن ئىزىز ھارسىرىغانچە يىتىپ كەلدى. [`JP!tx^  
    _يىنىم بەك بوش ئىدى،كىلەلمەي قالساڭ،توقماقنىڭ ئەھۋالىنى ئۈزۈڭ بىلىسەن... 8auIte8jZi  
    ئۇ پورتمالىدىن ئۆچ يۈز يۈەننى ئىلىپ ئىزىزنىڭ يوغان ئالىقىنىغا تۇتقۇزدى. Y)$WHaVT'  
    _
    | ۋاقتى : 2008-03-15 21:14 2 -قەۋەت
    گۈلسىما
    ئۇيغۇر قىزى
    تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 1593
    نادىر تېما : 16
    يازما سانى : 1560
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1560دانە
    شۆھرەت: 2354 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 997 سوم
    تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1958 نۇمۇر
    قوللاش: 1681 نومۇر
    ئالقىش: 1937 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :651(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    (4)
    QBYn2C*  
    ئۇ ئالىيەنى شەھەر سىرتىدىكى بىر كىچىك بەزمىخانىنىڭ ئايرىمخانىسىدىن تاپتى،ئالىيە بەزمىخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا تۆگۈلۈپ ئولتۇراتتى،ئىشىكنى غەلىتە كىيىنىۋالغان بىر نەچچە ئەر توسۇپ تۇراتتى،ئۇ ئۇلارنى ئىتتىرىپ كىرىپ ئالىيەنىڭ يىنىغا باردى،ئالىيە ئۇنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ بىشىنى كۆتۈردى،چۇۋۇلغان سىرىق چاچلىرى ئۇنىڭ يۈزىنىڭ يىرىمىنى يىپىپ تۇراتتى،قالغان يىرىمى قان يۇقى ئىدى،كۆڭلەكلىرىنىڭ ئالدى يىرتىلغان بولۇپ ،تىرناق ئىزى قالغان كۆكسى ئىچىلىپ قالغان ئىدى،ئۇ كۆزىگە ئىشەنمەي قالدى،ئۇنىڭ ئالدىدا ئىلگىرىكى ئۇماق ئالىيە ئەمەس،پۈتۈنلەي باشقا بىر ئايال تۇراتتى. 0E-"&Mx_  
    كەلگىنىڭدىن بەك خوشال بولدۇم،_ئالىيەنىڭ قىزارغان چاناقلىرى ياشقا تولدى. f$ ]  
    _سېنى كىم ئۇردى،ئاشۇلارما؟_ئۇ تۇرغانلارنى كۆرسەتتى. s1p6Dd  
    _ئۇلار قىچىپ كەتى. TSf,2"tdz!  
    _ئۆزىنىڭ ئادەملىرى ئۇردى،_ئارىدىن ئېگىز بىرسى ھۆركىرىدى. 3up;_"|  
    كىرەم گەپ قىلماي ئالىيەنى يۈلەپ بىر قەدەم ئىلىۋىدى،ھىلىقى ئىگىز بويلۇق ئۇنىڭ ئالدىنى توستى. FI}%DnHUl  
    _يىگەن ،ئىچكەن،چىقىلغان بولۇپ 3000 يۈەن بولدى،سەن تۈلەمسەن؟ -X1:(Lo  
    _سەن نىمە ئادەم؟_دىدى كىرەم ئۇنىڭ خۈنۈك ۋە ھەر قانداق ئىنسانى خىسلەتتىن مەھرۇم كۆزىگە مىختەك تىكىلىپ. JN/ CvmWR  
    _مەن قوغدىغۇچى.  s~2u#Nn'  
    كىرەم شۇ ۋاقىتتا تۆتىنىڭمۇ تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى ،ئۇ ئارتۇق بىر نىمە دىسە ئىتتىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى سىزىۋالدى-دە،يۈزىگە كۆلكە يۈگۈرتتى. ss0LaM  
    _سەل تۈۋەنلىتىپ بەرمەمسەن،ھەممىمىز دوسىتقۇ؟_ئۇ بىر قولىدا ئىشتاننىڭ يانچۇقىدىن پۇل ئالغاننى قىلىپ يەنە بىر قولىدا ھېلىقىنىڭ قولىنى تۇتتى-دە،ئارقىسىغا تىقىۋالغان پىچاقنى شارتتىدە سۇغۇرىۋىلىپ ،ئۇزۇنتۇرانىڭ قولىدىن بىرنى تارتقانچە ،پاتىڭىدىن تۇتۇپ پىچاقنى ئۇنىڭ بوينىغا تىرىدى،ئۇ شۇنداق تىز ھارقەت قىلدىكى ،ھەممە ھەركەت كۆزنى يۇمۇپ -ئاچقۇچە ئارىلىقتا تاماملانغانلىقتىن ،قالغانلار بىردەم مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى. hO xora  
    _سەنلەر نىمە ئىش قىلىدىغان ئادەم،ئەگەر سىڭلىمغا بىرەر ئىش بولوپ قالسا ،مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈڭگە ئىلىشالامسەن؟ 4?El,BH-  
    _ئۆزۈڭنى بىسىۋال ،ئۇنداق قىلما،گەپ بولسا ياخشىلىقچە دىيىشەيلى،_ئۇزۇنتۇرا ئۇنىڭغا ھە دەپ يالۋۇراتتى،قالغانلارمۇ بىردىنلا بوشىشىپ ئۇنىڭغا يالۋۇرۇشقا چۈشتى،خوجايىننى بىرسى توۋلاپ قويدى بولغاي،شۇ ۋاقىتتا ئۇ كىرىپ كەلدى،پاكار ،سېمىز پاينەكۋاش ئۇنى كۆرۈپلا تونۇۋالدى. F[6[]{2\  
    _ۋاي كىرەم ئىكەنغۇ،بۇ نىمە ئىش بولدى؟ قايسىڭ بىزنىڭ كىرەمنى رەنجىتىپ قويدۇڭ؟_ئۇ ئەتراپتىكىلەرگە قاراپ ۋارقىرىدى. `?2?3"05  
    ئۇ شۇندىلا بۇ پاكارنى ئىسىگە ئالدى،ئۇ بۇرۇن شەھەر ئىچدە بىر كىچىك بەزمىخانا ئاچاتتى،شۇ چاغدا كىرەم راخمان بىلەن كىلىپ يۈرۈپ بۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالغان ھەم بىر قىتىم راخمان بىلەن بىللە ئۇنىڭ بەزمىخانىسىدا ئولتۇرغاندا ،خوجايىن بىلەن دۈشمەنلىشىپ قالغانلار ئۇنىڭ بەزمىخانىسىنى چاقىمىز دەپ تۇرغاندا ،راخمان ئارىغا چۈشۈپ ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالغانىدى،شۇڭا ئۇ ھەر قىتىم بارسا راخمان بىلەن ئۇنىڭغا ئالاھىدە كۆچۈكلىنىپ كىتەتتى،مانا ئۈچ يىل ئۆتمەي ئۇمۇ ئارقىغا ئادەم سىلىپ يۈرگىدەك چوڭ خوجايىن بولۇپ كىتىپتۇ،كىرەم ئۇزۇنتۇرانى قويىۋىتىپ پىچاقنى غىلاپقا سالدى. H<$F1,`)c)  
    _ئۇنىڭ بىلەن چاقچاقلىشىپ قويدۇم،_دىدى چىرايىغا مەجبۇرى كۆلكە يۈگۈرتۈپ. lt#xg\c  
    _بالىلار بىلمەي ئەدەپسىزلىك قىپتۇ،ئۇلارنى كەچۈرىۋەت،بۈگۈن مەن سىنى مىھمان قىلاي. kw"aGP_w  
    _كىيىنچە بولسۇن،سىڭلىمنى ئىلىپ قايتاي،ھە راسىت ،قانچە پۇل تۈلەيمەن؟ n?nAO:7p w  
    خوجايىن ئەگەر ئۇ پۇل تۈلەيمەن دىسە ،كۆڭلىگە قاتتىق كىلىدىغانلىقىنى ،يۈزىنى قىلمىغان بولىدىغانلىقىنى،راخماننى تۈرمىدىن چىقتى دەپ ئاڭلىغانلىقىنى،بىر كۈنى كىلىپ راخمان بىلەن ئويناپ كەتسە بەك خوش بولىدىغانلىقىنى ئىيتىپ ئۇنى يولغىچە ئۇزىتىپ قويدى. pRvkb&s  
    ئالىيە خىلىلا ئېغىر مەسىت ئىدى،كىرەم ئۇنى نەگە ئاپىرىش ھەققىدە ئويلىنىپ قالدى،ئۆيىگە ئاپارسا ،ئالىيەنىڭ كىيىن يەنە ئاۋارىچىلىق سىلىشىدىن قورقتى،شۇڭا يىقىن ئەتراپتىكى بىر مىھمانخانىغا ئېلىپ بىرىشنى ئويلىدى،ئالىيە تۇرۇپ تۇرۇپ سۈزلەپ قوياتتى،كىملەرنىدۇر غايىۋانە تىللايتتى،ئۇ ياتاققا كەلگۈچە بىر ئىغىز زۇۋان سۈرمىدى،يىرىم كىچىدە بىر مەست قىزنى سۈرەشتۈرۈپ يۈرگەنلىكىدىن سەل خىجىل بولدى،شۇنداقتىمۇ چاندۇرمىدى،پەقەت ئالىيەنى تاكسىغا قۇسۇپ قويارمۇ دەپ ئەنسىرىگەنىدى،ياخشى بولغىنى ياتاققا كىرگەندىلا ئاندىن شارىلداپ ياندۇردى،ئۇ تۈنجى قىتىم باشقىلارنىڭ قۇسۇقىنى تازىلىدى،قۇسۇق تازىلاش قۇسقاندىمۇ ئېغىر ئىكەن دەپ ئويلىدى،شۇ چاغدا ئۇ خوتۇنىنى ئىسىگە ئالدى،بىچارە خوتۇن قانچىلىك تەستە تازىلىغان بولغىيتتى دەپ ئويلىدى،تازىلاپ بولۇپ ئالىيەنىڭ يۈز-كۈزىنى ئىيتىپ كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويدى ۋە ئۆزىمۇ ئالىيەنى يۈلەيمەن دەپ ھىرىپ كەتكەنلىكتىن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردى. gyKs/_3  
    _كىرەم،بارمۇ سەن؟ T\=v:z^  
    _مەن بار. ;\rnv{,  
    _كەلگىنىڭدىن بەك خوش بولدۇم،ئەمما مىنىڭ بۇ سەت تۇرقۇمنى كۆرسەتكۈم يوق ئىدى،بىلەمسەن،پەقەتلا كۆرسەتكۈم يوق ئىدى...ئامال بولمىدى...مەن كىمگە تىلىفۇن قىلالايتتىم...تاغدەك دادام مىنى تاشلاپ ئۇ دۈنياغا كەتتى،تىكەندەك يالغۇز قالدىن،ئاكامغىمۇ؟! ئۇ لاتا ئاق چىكىپ پۇللىرىمنى خەجلەپ تۈگەتكەن تۇرسا ،ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلغاننىڭ نىمە پايدىسى...ساڭا تىلىفۇن قىلىدىغان قوللىرىمنى كىسىۋەتمەكچى بولغان ئىدىم،ئەمما مەن ساراڭ يەنە ساڭا تىلىفۇن قىلدىم،سنى كەلمەسمىكىن دەپ ئويلىغانىدىم،ئوغۇل بالا ئىكەنسەن كەلدىڭ،مەن سىنى ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن بۈگۈن رازى بولدۇم...قانچىلىك ياخشى كۈرەتتىم،بىلەمسەن؟!جىنىڭنى بەر دىسەڭمۇ بىرەتتىم،ئەمما مەن بىلىمەن،سەن مىنى ياخشى كۈرمەيسەن،مىنى ياراتمايسەن..ھىچكىم مىنى ياراتمايدۇ...ھىلىقى گۇيلارمۇ ھاراقنى ئىچىپ ،يەيدىغاننى يەپ بولۇپ ھەممىسى ماڭا چىقىلماقچى بولدى...مەن قارشىلىق قىلدىم...ھەر قانچە بولسىمۇ كىرەم،مەن تىخى تىنىمنى ساتمىدىم...ئاكامدىن يۇشۇرۇن يىققان 4000 كوينى ئۇلار بولاپ كەتتى...كەچلىك بازاردا چۈچۈرە سىتىپ يىققانىدىم ،ھەتتا ھىلىقى قوغدىغۇچى دىگەن تۇڭگۇزلارمۇ چىچىمدىن تۇتۇپ خۇددى ئىتنى سۈرىگەندەك سۈرەپ تاشلىۋەتتى،كەتكىلى قويمىدى...«4000 كوي تۈلەيسەن،بولمىسا مۇشۇ يەردە مىھمان كۆتىسەن » دەيدا تىخى،نىمە مەن شۇنداق خار ئادەممۇ؟ كىملا كۆرسە بوزەك قىلىپ پايدىلىنىپ تاشلىۋىتىدىغان؟ مەنمۇ سىنىڭ ئالدىڭدا خار بولۇپ كەتتىم،..مەن بۇ دۈنياغا ئارتۇق تۈرىلىپ قاپتۇمەن...بۇ شۈنچە كەڭ دۈنيا ئالىيەنى سىغدۇرالمىدى...مەن جاندىن تويدۇم،ياشىغۇم يوق،دادام-ئانامنىڭ يىنىغا كەتسەم دەيمەن...شۇ چاغدا ...سېنىمۇ ئاۋارە قىلمايمەن،تېلىفۇن قىلىپمۇ يۈرمەيمەن... 162`R[W  
    ئالىيە يىغلاپ يىغلاپ جىمىپ قالدى،كىرەم بىر ھازا بىشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ كەتتى،ئاندىن ئۇنىڭ يىنىغا كىلىپ ياش يۇقى كۆزلىرىگە بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كىيىن ،ئۇنىڭ چاچلىرىنى تۈزەپ قويدى،ئەدىيالنى ئۇنىڭ ئۆستىگە يىپىپ قويۇپ ياتاقتىن چىقتى،ياتاق پۇلىنى تاپشۇرۇپ ،مۇلازىم قىزغا ياتاقنى سىرتتىن تاقىۋىتىشنى ،ئالىيەگە كۆز قۇلاق بولۇشىنى ،ئۆزىنىڭ ئەتە كلىدىغانلىقىنى تاپىلاپ مىھمانخانىدىن ئايرىلدى. GA ?Xd  
    ئۇ ئۆيىگە كىلىپ خىلى ئۇزاققىچە ئۇخلىيالمىدى،ئالىيەنىڭ ئانىسىنىڭ تۈگەپ ،ئاكىسىنىڭ ئاق چىكىپ ،تۇرمۇشنىڭ بۇنچىلىك بولۇپ كەتكەنلىكىدىن پەقەتلا خەۋەرسىز ئىدى،نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇنىڭ بىلەن ئۈچ يىل ياخشى ئۆتكەن،باشقا ھەر قانداق قىزغا قارىغاندا ئۇنىڭغا بولغان مىھرى يەنىلا چوڭقۇر ئىدى،ئۇ ئەمدى ئۇنىڭ بىشىغا كۈن چۈشكەندە قاراپ تۇرسام بولمايدۇ دەپ ئويلىدى ۋە ئەتە بانكىدىن 4000 يۈەن ئىلىپ ئالىيەگە «پۇلۇڭنى قايتۇرىۋالدىم» دەپ بىرىشنى كۆڭلىگە پۈكتى،شۇ تاپتا تىلىفۇن قايتا-قايتا سايراپ كەتتى،بۇ ئىزىزنىڭ نۇمۇرى ئىدى،ئۇ بۇنى چوقۇم ئانار قىلدى دەپ ئويلىدى ۋە تىلىفۇننى ئالغۇسى كەلمىدى،چۈنكى ئۇنىڭ ھازىر تىلىفۇن ئالغۇدەك ،ئانار بىلەن بىللە چىقىپ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگىدەك ھەپسىلىسى قالمىغانىدى. oD([JIb  
    s+zO[/'c  
    @~$FAaQ  
    | ۋاقتى : 2008-03-24 21:52 3 -قەۋەت
    گۈلسىما
    ئۇيغۇر قىزى
    تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 1593
    نادىر تېما : 16
    يازما سانى : 1560
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1560دانە
    شۆھرەت: 2354 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 997 سوم
    تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1958 نۇمۇر
    قوللاش: 1681 نومۇر
    ئالقىش: 1937 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :651(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    (5)
    uu>_P  
    ئەتىسى ئۇ بانكىدىن پۇلنى ئىلىپ مىھمانخانىغا كەلگەندى ئالىيە يوق بولۇپ چىقتى،مۇلازىم قىز ئالىيەنىڭ خىلى بۇرۇنلا چىقىپ كەتكەنلىكىنى ،بىر پارچە خەت قالدۇرغانلىقىنى ئىيتىپ ،خەت يىزىلغان قەغەزنى ئۇنىڭغا سۇندى. N AO`?+  
    قەغەزگە ئاددىيلا قىلىپ: «مەن كەتتىم،ئاخشامقى ياردىمىڭ ئۈچۈن كۆپ رەھمەت،ئەمدى سىنى ئاۋارە قىلمايمەن» دەپ يىزىلغانىدى،ئۇ خەتنى ئىلىپ بىر ھازا تۇرۇپ قالدى،ئالىيەنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى،ئەمدى تىلىفۇن كۆتۈشتىن باشقا ئامال يوق ئىدى،ئۇ بىر كۈن كۆتكەن بولسىمۇ ئەمما ئالىيەدىن تىلىفۇن كەلمىدى،كەچتە ئىزىزدىن تىلىفۇن كەلدى،ئۇنىڭ تۈنۈگۈن كەلمەي ،شۇنداق ياخشى پۈرسەتنى ئۆتكۈزىۋەتكەنلىكىنى ،ئانارنىڭ ئۇنىڭغا شۇنداق كۆپ تىلىفۇن قىلىپ ،ئاخىر بولماي كىتىپ قالغانلىقىنى ،قىزلار ئۈچ بولۇپ قالغاچقا ئۆزلىرىنىڭمۇ ئىشى ئەپلەشمەي قىزلارنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىدىن ۋايساپ بەردى،ئاندىن ئەتە راخمان قاتارلىق ئۈچ-تۈت ئاغىنىنىڭ سىرتقا بىرىپ ئويناپ كىلىدىغانلىقى ،ئۇ يەردە تورداش قىزلارنىڭ ئۇنى ساقلاۋاتقانلىقى ،ئۇلارنىڭ بەك چىرايلىق قىزلار ئىكەنلىكىنى بىر ھازا سۈزلەپ ئۇنىمۇ بىرىشقا ئۈندىدى،ئۇنىڭ بارغۇسى كەلمىدى،ئۇ ئۆزىنى ھىرىپ قالغاندەك ھىس قىلدى،ئۈچ -تۈت كۈن جىمجىت ئارام ئالغۇسى كىلىپ قالغانىدى،ئۇنىڭ ئۆستىگە دۇكانغا مال كىلىپ قىلىشى مۇمكىن ئىدى،ئىزىز ئۇنى بىللە بىرىشقا زورلاپ كۆندۈرەلمەي ،ئاندىن تىلىفۇننى قويدى. +2/wo hB  
    ئەتىسى راستىنلا مال كەلدى،ئۇ ماللارنى ئەكىلىپ رەتلەپ ،بۇرۇنقى ھىساباتنى قىلىپ يۈرۈپ ،ئۈچ كۈننى خىلى قاتىلاڭ ئۆتكۈزگەن بولدى،تۈتىنجى كۈنى خىلى بىكار بولۇپ قالغاندا ئۆيىدە يالغۇز ئولتۇرۇپ زىرىكىپ قالدى،تىلىۋۇزۇر كۆرۈش ۋە كىتاپ ئوقۇشمۇ خوش ياقمىدى،ئاغىنىلەر بىلەن بىللە بارساممۇ بوپتىكەن دەپ ئويلىدى،تۇرۇپ ئانارنى خىيال قىلىپ قالدى،شۇ كۈنى ئەخمەقلىق قىلماي ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بەرسەم بۇ ۋاقىتقىچە زىرىكىپمۇ يۈرمەيتتىم دىگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى،تۇيۇقسىز تىلىفۇن سايرىدى،تىلىفۇندىكىسى بىر قىزنىڭ نازۇك ئاۋازى ئىدى،لىكىن بۇ ئانارمۇ،ئالىيەمۇ ئەمەس ئىدى. &O(Bbfv  
    _ياخشىمۇسىز،مەن لالە. @L%W)dD1g$  
    _قايسى لالە؟ {*f`W?  
    _نەچچە كۈن ئۈتمەيلا ئۇنتۇپ قاپسىز-دە،تانسا ئوينىماي قىچىپ كەتمىگەن بولسىڭىز،ھەرگىزمۇ ئۇنتۇيالمايتتىڭىز،ھىلىقى كۈنى ئىزىزلار بىلەن بىللە ئولتۇرغانچۇ؟ W2c  4  
    _ھە ھە،ئەمدى يادىمغا كەلدىڭىز،ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ 2ZJ<>uF  
    ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا لالەنىڭ نازلىق تۇرقى كىلىشى بىلەن كۆڭلى يايراپ كەتتى. kfQjy7JjX  
    يامان ئەمەس،تىلىفۇن قىلايمۇ دەپ قويمىدىڭىز؟ F4?93c  
    لالەنىڭ ئەركىلىگەن ئاۋازى ئۇنى تىخىمۇ بىر قىسما قىلىپ قويدى. 7oMY5:FN4  
    _دۇكاننىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم،ئەمدى قىلاي دەپ تۇرغان. #=YjTS1C  
    _نىمىدىگەن ياخشى،مەنمۇ دەل ۋاقتىدا قىپتىمەن-دە. \w0S?Eg5t  
    _ھە!نەدە،نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟ -^-,mVf{  
    _زىرىكىپ شۇ،مىھمان قىلاي دىگەنمۇ؟ vPQ3qB=&7C  
    _قىلمامدىغان،ۋاقتىڭىز بولسا سىزدىن ئايلانسۇن،قانداق يەرگە بارغۇڭىز بار؟ Rp6:A;5+pP  
    _جىمجىت ئادەم يوق يەرگە. b%6%  
    _توختاڭ،مەن ئويلىنىپ باقاي،قايسى يەر سىزگە مۇۋاپىق كىلەر،شىمالى كۆۋرۈك تەرەپتە ياخشى بىر يەر بار ئىدى،شۇ يەرگە بارايلى ،بولمىسا... VB49UTS  
    لالە ئۇ ئويلىغان يەرنىڭ ھەممىسىنى بىر -بىرلەپ رەت قىلىۋاتاتتى،ياخشىراق يەر دەرھال كاللىسىغا كەلمىگەنلىكتىن تىت-تىت بولدى،ياخشى يەرلەرنىڭ ھەممىسى شەھەرنىڭ ئاۋات مەركىزىدە ئىدى،بەك چەت يەرلەردىكى ئۆزى بارىدىغان بەزمىخانا ياكى قاۋاقخانىنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ ئويلىدى. s_~fD/~P  
    _سىز ھازىر نەدە؟_دىدى لالە ئۇنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇپ. Q(634&yl  
    _ئۆيدە... >jd2mO)|M,  
    _ئۆيىڭىزدە باشقا ئادەم يوقتۇ؟ aJ4o[ig  
    _يوق. Y}sNxPgPQ  
    _ئۇنداقتا ئۆيىڭىزگىلا باراي،ئورنىنى ئىيتىپ بىرىڭ. ;Xso3n.j-  
    ئۇ لالەنىڭ مۇنداق دەپ قىلىشىنى پەقەتلا ئويلىمىغانىدى،شۇڭا بىردەم مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى. _+yDU/  
    _تۇرۇپ قالدىڭىزغۇ،ئەپسىزمۇ يا؟ QM HX.K'  
    _ياق ئۇنداققۇ ئەمەس،سىزلا شۇنداق قارىمىسىڭىز. IWi54Xc  
    ئۇ لالەگە ئۆيىنىڭ ئورنىنى ئىيتىپ بەردى،لالە ئۆزنىڭ ئون مىنۇتتا يىتىپ بارىدىغانلىقىنى ئىيتىپ تىلىفۇننى قويىۋەتتى،لالەنىڭ تەلەپپۈزىدىن ئوينىشىۋاتمايدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى،«قانداق قىزدۇ؟بىر قىتىم كۆرۈشۈپلا ئۆيۈمگە كەلمەكچى بولسا،ھىلىقىدەك سودا قىلىدىغان قىزمۇ يا؟» دەپ ئويلىدى،ئەمما ھىلىقى كۈندىكى تۇرقىغا قاراپ ئۇنداق دىگۈسى كەلمىدى،بىز بولسا شۇنداق ئوچۇق قىز بولىشىمۇ مۇمكىن دەپ ئويلاپ لالەنىڭ تۈزلىكىدىن خوشال بولدى،قىز بالا دىگەن مانا مۇشۇنداق تۈز بولسا ياخشى بولغىنى،زىرىكىپ تۇرغاندا بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسماندىن چۈشكەن ئامەت ئىدى. Lw"xWuhhcu  
    15 مىنۇتتىن كىيىن قولىدا قارا يالتىراق خالتا كۆتىرىۋالغان لالە ئۆزى بىلەن تەڭ خۇشپۇراقنى ئىلىپ كىردى،سالاملىشىپ بولغاندىن كىيىن دىۋانغا كىلىپ ئولتۇردى ۋە ئۆي ئىچىگە بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كىيىن ئىغىز ئاچتى. .8[Rew3l  
    _ئۆيىڭىز قالتىس ئىكەن ھە؟ بويتاقلارنىڭ ئۆيىگە پەقەتلا ئوخشىمايدىكەن؟ H^n@amX {  
    _بويتاقلىقىمنى قانداق بىلدىڭىز؟_ئۇ ھەيران بولۇپ سورىدى. '{r5YCf4  
    _سىز بىزنى بىلمىگەن بىلەن بىز سىزنى بىلىمىز،سىزنىڭچە،مەن سىزنىڭ ئۆيدە يالغۇز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەي تۇرۇپ كىلەرمەنما؟_ئۇ شوخلۇق بىلەن شەھلا كۆزلىرىنى كېرەمگە تىكتى،كىرەم لالەنىڭ بۈگۈن ئۆتكەنكىدىنمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى سەزدى. L3v"2  
    _ۋاھ نىمە دىگەن جىق كىتاپ بۇ؟ 1 
    لالە بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ كىتاپ جاھازىسى ئالدىغا كەلدى. mJ@4a S{  
    _مۇشۇ كىتاپلارنىڭ ھەممىسىنى سىز ئوقۇپ بولغانمۇ؟ AaBatks!  
    _ئەلۋەتتە. voXL1r  
    _يالغان ئىشەنمەيمەن_دىدى لالە ئارقىغا يىنىپ شەھلا كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا سىنچى قاراپ. 3"-ZUtUS  
    _نىمىشقا ئىشەنمەيسىز؟ &FosvM(mv:  
    _چىرايىڭىزدىن پەقەت كىتاپ ئوقۇيدىغانلىقىڭىز ،شائىرلىقىڭىز چىقمايدىكەن. y,@q;#uy  
    _ئەمىسە قانداقلىقىم چىقىدىكەن؟ 2;z=0OpqY  
    _راستىنى دىسەم كۆڭلىڭىزگە كەلمەس-ھە؟ * [FjS3  
    _ياق ،قىنى دەۋىرىڭ. :>S(PT#0  
    _لۈكچەكلىك،_لالە ئاغزىنى تۇتۇپ كۆلۈپ كەتتى. !{}O3>~7  
    كىرەممۇ كۈلدى. 9=>&KlU  
    _ئۇنداق دىسىڭىزمۇ بولغىدەك،ماڭا قاراڭ،بىر قىسىم كىشىلەر لۈكچەك بولالماي شائىر بولۇپ كىتىدۇ،بىر قىسىم كىشىلەر شائىر بولالماي لۈكچەك بولۇپ كىتىدۇ. iWmB0Kp  
    _مىنىڭچە شائىرلار ۋىجدانلىق،غۇرۇرلۇق كىلىدىغۇ دەيمەن،مەن لۈكچەكلەرگە بەك ئۆچ. j"Q!a3:+q  
    _ئۇنداقتا مىنى ئىلمى كۈلچەك دەپ بىلىڭ. ;u`[BRS:x  
    _قىزىق گەپ قىلىدىكەنسىز،نەدە بۇنداق گەپ بولسۇن؟_لالە ئاغزىنى تۇتۇپ كۈلۈپ كەتتى،ئاندىن توختاپ چىرايىغا جىددى تۈس ئىلىپ ،_ئەمما مەن بۈگۈن لۈكچەكنى ئەمەس،شائىرنى ئىزدەپ كەلدىم جۇمۇ،-دىدى. .r a7>4&  
    كىرەم جىمىپ قالدى،مۇشۇ كۈنلەردە ئۇ شائىرلىقىدىن كۈرە ،لۈكچەكلىكىدىن بەكرەك خوش بولۇپ يۈرەتتى،ئەمما قىزلار شائىرلارنى بەك ياقتۇرامدۇ نىمە؟ RY\4PKDY/  
    _بەش مىنۇت ئولتۇرۇپ تۇرامىسز؟_ئۇ شۇنداق دەپ سىرتقا مىڭىشقا تەمشىلىۋىدۇ،لالە ئۇنى چاقىرىۋالدى. |_Pz|#V  
    _نەگە بارىسىز؟ ^S40LI%P8  
    _ئازراق ئىچىملىك بىلەن يىمەكلىك ئەكىرەي. AyeQWtFPd"  
    _توختاڭ،ئاۋال جايىڭىزغا كىلىپ ئولتۇرىڭە،قاراپ تۇرماي بولۇڭچۇ؟_ئۇ كىرەمنىڭ قولىدىن تارتىپ جايىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. F8j^;c$aT  
    _لالە يىنىغا قويۇپ قويغان يالتىراق خالتىنىڭ ئىچىدىن كىچىك خالتىلارنى،ئەڭ ئاخىرىدا بىر بوتۇلكا قىزىل ھاراقنى ئىلىپ ئۆستەلگە قويدى. `)A$q<C  
    _سورۇنغا قۇرۇق كەلمەيمىز،_دىدى ئۇ مەنىلىك كۈلۈپ. m*jl #  
    _بۇ نىمە قىلغىنىڭىز؟ئۆي مىنىڭ ،سىز مىنىڭ مىھمىنىم تۇرسىڭىز،_ئۇ خاپا بولۇپ قاپىقىنى تۈردى،يەنە بىر تەرەپتىن ،ھەر قىتىم ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ قىزغا ھەيران بولۇپ قارىدى،بولۇپمۇ قىزنىڭ ھاراق كۆتىرىپ كىلىشى تىخىمۇ ھەيران قالارلىق ئىدى. >+gi61$  
    _بۈگۈن مەن مىھمان قىلغان بولاي،كىلەر قىتىم سىز قىلمامسىز؟ پەقەت بولمىسا چوكا بىلەن ئىستاكاننى سىز چىقىرىڭ،_لالە ھەييارلىق بىلەن كۈلدى،ئۇ ئىستاكانغا مىڭىۋىدى،لالە ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىۋالدى. -5f `3`  
    _ئورنىنى كۆرسىتىپ قويۇڭ،مەن ئەكىرەي،ئەرلەر چىنە قاچا كۆتىرىپ يۈرسە سەت تۇرىدۇ،_ئۇ ئايىقى ينىك،قولى ئەپچىل بۇ قىزدىن بىردىنلا سۈيىنىپ قالدى،«ئەگەر ئىچمەيدىغان ئەخلاقلىق قىز بولسىدى،خوتۇنلۇققا ئالسام بولاتتىكەن» دەپ ئويلىدى،تۇيۇقسىز ئۇنى ئايالى بىلەن سىلىشتۇرۇپ قالدى،ئايالىدا لالەدەك نازاكەت يوق ھەم ئۇپا ئەنبەر پۇراپ تۇرمايتتى،ئۇنىڭ ئۆستىگە ئۇشششاق ئىشلارنى بەس سالاتتى،تاماق ئەتسە ئۇ ،بۇ ئىشلارغا بۇيرۇپ ئۇنىڭ خۇرۇچىنى ئۆرلىتەتتى،بەزىدە تاماق ئەتكىنىدىن،قاچا يۇغىنىدىن ۋايسايتتى ياكى ئۇنى باشقىلارنىڭ ئىرىگە سىلىشتۇرۇپ نارازى بولاتتى،ئايال دىگەن مۇنداق بولمامدۇ،لېكىن... IUh%x(  
    ھەممە نەرسە تەل بولغاندا لالە«بۈگۈن مەن قۇيۇپ بىرىمەن» دەپ ئىككى ئىستاكان قىزىل ھاراقنى قۇيۇپ ئۇنىڭغا سۇندى. D tcdf`  
    _دوسىتلىقىمىز ئۈچۈن! _ئۇ لالەنىڭ ھاراقنى ئاستا-ئاستا ئىچىپ تۈگەتكەنلىكىگە قاراپ تۇردى،ئىستاكاننى بوشاتقاندا ئاندىن ئۇ ھاراقنى بىرلا كۆتۈرۈپ تۈگەتتى،لالە ھاراقنى يەنە لىقلىدى. ynlYSk\aY  
    _سىز قىزلارنىڭ ھاراق ئىچىشىگە قانداق قارايسىز؟ E)6}pOrF  
    بۇ سوئالغا جاۋاپ بەرمەك تەس ئىدى،ئۆز كۆڭلىدىن ئالغاندا قارشى ئىدى،ئەمما ئۆزى بىر قىز بىلەن ھاراق ئىچىپ ئولتۇرۇپ ،مەن قىزلارنىڭ ھاراق ئىچىشىگە قارشى دىسە ئەسلا قاملاشمايتتى. %M_kFdGA'  
    _ھىچقانداق قارىمايمەن،بۇمۇ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى... 6Bil"=t+  
    _ياق،سىز ھاراق ئىچىدىغان قىزلارنى ياقتۇرمايسىز،بىلىمەن،ھازىر مىنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياۋاتىىسىز. 'T>zcXHMM  
    قىز ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى تىپىۋالدى،قارىغاندا بۇ قىز ئاددى قىز ئەمەس ئىكەن دەپ ئويلىدى ئۇ. "Uvs"K?;x;  
    _نىمىشقا شۇنداق دەيسىز؟ bEg{X/  
    _قاراپ باقسام،سىز ھەر قىتىم قىزلارغا ئاۋال ھاراق قۇيمايدىكەنسىز،قىزلار سىزگە سۇنغاننىلا ئىچىدىكەنسىز. /Rz` >V+  
    ئۇ قىزنىڭ سىرلىق،كۆكۈچ كۆزلىرىگە قارىدى،بۇ كۆزلەر ئۇنىڭغا «مەن ھەممە سىرىڭنى بىلىمەن» دىگەندەك تىكىلىپ تۇراتتى،ئۇ بىردىنلا ئەنسىرەپ قالدى،قىز ئۇنىڭغا شۇنچىۋالا قىزىقامدىغاندۇ؟ .8h&S l/  
    _شۇنداق،كۆڭلۈمدىكىنى دىسەم،ياخشى قىزلارنىڭ ئىچىشىنى ياقتۇرمايمەن،ئەمما بەزىلەر بىلەن كارىم يوق. 'N7HYxO  
    _بەزىلەر دىگىنىڭىز مىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟ lOSu0\  
    ئۇ شۇ چاغدا بۇ گەپنى ئىنتايىن خاتا دەپ قويغانلىقىدىن خىجىل بولۇپ،لالەنىڭ سوئالىغا نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشىنى بىلەلمەي قالدى،شۇنداق دىسە ئۇنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولاتتى،ياق دىسە ئۇنىڭ ھاراق ئىچىشىنى ياقتۇرمىغان بولاتتى. -c8c3&  
    _ئەگەر بۇندىن كىيىن داۋاملىق ئىچمىسىڭىز ۋە كۆپ ئىچمىسىڭىز ،ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. |m1RE(Z  
    _دىمەك،بۇندىن كىيىن ئىرادىڭىزگە قارايمەن دىمەكچىكەنسىزدە؟ U4rW}rU<  
    _ئىنكاسىڭىز بەك تېز ئىكەن،مۇشۇنداق ئەقىللىق قىز بىلەن بىللە ئولتۇرغىنىم ئۈچۈن بىرنى كۆتۈرىۋىتەيلى! \A6uE[&  
    _رەھمەت بىللە كۆتۈرەيلى،مەيلى سىز قانداق ئويلاڭ ،مەن سىز بىلەن ئىچكىلى كەلدىم،بەلكىم بۇ ئەڭ ئاخىرقى قىتىم ھاراق ئىچىشىم بولۇپ قالار،_ئۇ شۇنداق دەپ قولىدىكى رۇمكىنى كۆتۈردى،_لىرىك لىنتىلار بولسا قويۇپ قويىڭە_دىدى ئۇ بىردىنلا كىيپىياتىنى تەڭشەپ. 'R'(Sm  
    كىرەم قولىدىكى ھاراقنى ئىچىۋىتىپ لالەنىڭ تەكلىپىنى ئورۇندىدى. x&@{]wm  
    _مەن بىلەن تانسا ئويناپلا قالسىڭىز،بىر ئۆمۈر ئەستىن چىقىرالمايسىز_دىدى لالە شوخ كۈلۈپ. BV2aZ~2  
    ئۇ لالەنى تانسىغا تارتتى،لالەنىڭ دىگىنى راس ئىكەن،ئۇ لالەنىڭ بىلىدىن تۇتۇپ ماڭغان شۇ پەيتتە بۇنى ھىس قىلدى،لالەنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى شۇنچىلىك قاملاشقانىدىكى ،خۇددى ئەڭ ئۇستا تىككۈچى ئۆلچەملىك كىسىپ قويغاندەك خۇش پىچىم ئىدى. iQPc4[W  
    ئۇلار بىرىنجى قول تانسىنى توختاتقاندىن كىيىن يەنە بىر ئىستاكان ئىچىشىپ ،يەنە تانسىغا چۈشۈشتى،تانسا جەريانىدا گەپ بولۇشمىدى،ئۇ سەل جۈرئەتلىكرەك بولۇپ لالەنى ئۆزىگە يىقىن تارتىپ ئوينىدى. hUv%O){  
    _مەن بىلەن يىقىن ئوينىغىڭىز بارمۇ؟_لالە ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئىچىگە قاراپ سورىدى. R.)c*Wr8K  
    _ئەلۋەتتە. Z3&$k4-u  
    _ئەمىسە،مەن ئۆزۈمنى سىناپ باقاي_لالە شۇنداق دەپ قوللىرىنى ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئىلىپ ،بېشىنى ئۇنىڭ مەيدىسىگە قويۇۋالدى،ئۇنىڭ قوللىرى لالەنىڭ بەللىرىدەئىدى،شۇ ئەسنادا كىرەم تۇيۇقسىزلا ئەسەبىيلىشىپ ،ئۆزىنى باسالماي قالدى. D|S6 QGt  
    _ئۇنداق قىلماڭ،بەش مىنۇتلۇق ھىسسىياتنى دەپ ،ھىلى بىر-بىرىمىزنىڭ يۈزىگە قارىيالمايمىز. q@sK4;jo  
    ئۇ دىۋانغا كىلىپ ئولتۇرۇپ بىر تال تاماكا چەكتى،لالەمۇ قوپۇپ كىيىملىرىنى،چاچلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئولتۇردى. `PaR_{LF  
    _خاپا بولدىڭىزمۇ؟_دىدى لالە ئۇنىڭغا قاراپ. N]l 
    _ياق ،خىجىل قىلىپ قويدىڭىز. n4GPMY]  
    _مۇشۇنداق ئويلىغىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت،بىلەمسىز،مەن ئۆزۈمنى ئاياپ كەتكۈدەك يۈزى ئىچىلمىغان قىز ئەمەس،ئەمما دوسلىقىمىزغا تەسىر يەتكۈزگۈم يوق،سىز بىلەن مەڭگۈ ھۈرمەتلىشىپ دوسىت بولۇپ ئۆتۈشسەم دەيمەن،سىزنى تۈنجى قىتىم كۆرۈپلا شۇنداق تۇيغۇغا كەلگەنىدىم،شۇڭا ئاخىرقى پۈرسەتتە بولسىمۇ قىلىنلىق قىلىپ سىزنى ئىزدەپ كەلدىم،بەلكىم ھاراق كۆتىرىپ ئۇدۇل ئۆيىڭىزگە كەلسەم تازا بۇزۇق بىر نىمىكەن دەپ ئويلاپ قالغانسىز،مەنغۇ ساق ئەمەس،ئەمما ئۇنداق بۇزۇقمۇ ئەمەس،18 يىشىمدا تۈنجى يۈرگەن يىگىتىم نۇمۇسۇمغا تەگدى،ئىككىنجىسى ۋە ئۈچىنچىسىمۇ شۇنداق قىلدى،ئەسلى مەن بىرەرسىنىڭ پىشىنى تۇتۇپ ،بالا تۇغۇپ،ئۆي ئايالى بولۇپ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرسەم دەيتتىم،ئەمما بۇ يەردىن ماڭا ئۇنداق يىگىت نىسىپ بولمىدى،دادام تەقۋادار ئادەم،ئەمما ئۆيدە تۇرمايدۇ،چەتئەلگە قاتراپ سودا قىلىدۇ،مىنى يا ئوقۇغىلى يا ئىشلىگىلى قويمايدۇ،بىكار ۋاقىتتا كىتاپلا ئوقۇيمەن،گاھى دادام يوق چاغلاردا يۇشۇرۇن ئىچىۋالىمەن،بەزىدە ئەگەر ۋاقىتنى ئارقىغا قايتۇرغىلى بولغان بولسا دەپ ئويلاپ كىتىمەن،ئەمما بۇنىڭ نىمە پايدىسى،مەن يەنە ئىككى كۈندىن كىيىن چەتئەلگە كىتىمەن. #()4Yf+KWX  
    ئۇ لالەنىڭ ياش تامچىلاۋاتقان كۆزىگە قاراپ ئاستا سورىدى. )ww9 5}k)  
    _ئۇ يەردە نىمە ئىش قىلىسىز؟ .9W.O Yg  
    _دادام شۇ يەردە بىر ئادەمنى تىپىپ قويۇپتۇ. IDFzQ0b  
    _ئالدىراپ بارمىسىڭىز بولاتتى،ئۇ يەرلەرنى ئانچە ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. h mmPK@2;  
    _ئۇنداقتا بۇ يەردە نىمە ئىش قىلىمەن،سىز مىنى ئالامسىز؟ F'1>i$D7  
    _بۇ... P^89^E>  
    _بولدى ،چاقچاق قىلىپ قويدۇم. u i?kpefVM  
    _ھەر ھالدا بۇ يەردە ئويناپ ،ئىچىپ يۈرگىنىمدىن ياخشىمىكىن دەيمەن،ئۇ يەردە ھاراق ئىچمەيدىكەن. _Dh" 
    _شۇنداقتىمۇ قايتا بىر ئويلىنىپ كۆرۈڭ. rLj|T|p  
    _بولدىلا،بۇ گەپلەرنى دىيىشمەيلى،_دىدى لالە كۆزلىرىدىكى ياشنى ئىرتىپ،_سىزگە بۇ گەپلەرنى دەپ ئىچىم خىلى بوشاپ قالدى. NaWDHJZ[  
    _ھە راس،ھىلىقى ئانار دىگەن قىز بىلەن ئالاقىلىشالىدىڭىزمۇ؟_دىدى لالە ئۇنىڭ قولىدىن رۇمكىنى ئېلىۋىتىپ. <{}+-|xgV*  
    _بىچارە قىز بەك گىپىڭىزنى قىلىپ كەتكەن. _x6\/Fn  
    _نىمىدەپ؟ _(O)l"  
    _ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئاياقنى بەك ئەرزان بىرىپتىكەنسىز،شۇڭا ئۇنىڭغا بەك ياراپسىز. 1J]s[Q  
    _دادىسىنى دەپ شۇنداق قىلغانىدىم. I0)m uO  
    _ئەمەلىيەتتە،دادىسى بەك بولۇمسىز ئادەم،بۇرۇن بەك ھاراقكەش ئىكەن،ھازىرمۇ نەشە چىكىدىكەن،ئېتىز-ئىرىقنىڭ ئىشلىرىنى ئانىسى بىلەن ئانار قىلىپ كپتىكەن،ئانارنىڭ ئۆگىنىشى بەك ياخشى،ئەمما ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرالمايدۇ،شۇڭا سىزگە ئوخشاش بايراق بىرسىنى تىپىپ ئوقۇش پۇلىنى غەملىۋالسام دەپتىكەن،سىز تۇتۇق بەرمەپسىز ھە! بىچارەئۆتكەن يىلىمۇ بىر تال ئاياق بىلەن يىلنى چىقارغانىدى،مەنمۇ ئانچە-مۇنچە ياردەم قىلىپ تۇراتتىم،يىقىندىن بىرى يوقاپلا كەتىتىغۇ؟ #`<f+ Qg7  
    _مۇنداق دەڭ،مەن بۇ يەرلىرىنى ئويلىماپتىمەن. S2HBc]{  
    _ئۇنداق قىلغاندىن كۆرە،ئوقۇشتىن سىرت ئىشلىسە بولمامدۇ؟ mq|2}t  
    _نەدە ئىشلەيدۇ؟ نى نى يىگىتلەرگە ئىش يوق،قىز بالىغا تەس جۇمۇ. TYBGsz-<  
    _ئۇنداقتا سىز يەنە كۆرۈشۈپ قالسىڭىز دەپ قويۇڭ،ماڭا تىلىفۇن قىلسۇن،سائەتلىك ئىشلەيدىغانغا زاۋۇتقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قوياي. El(3r9 >  
    _ماقۇل،ئانارنى دەپ مىنىڭ ئىشىمنى ئۇنتۇپ قالماڭ يەنە؟ :+|b' z  
    _قايسى ئىشنى؟ #w+4Bun  
    _مانا ھىلىتىنلا ئۇنتۇپ قاپسىز،ئۆتكەندە سىڭلىمنى زاۋۇتقا ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغانىدىڭىزغۇ؟ *ZAIP-w^|M  
    _ھەر راس يادىمغا سالمىسىڭىز ئېسىمدىن چىقىپ قاپتۇ. Z$uCjUC}  
    _مەن كەتكەندىن كىيىن ئۇنتۇپ قىلىپ چاتاق چىقامدۇ نىمە؟ ?vUfwa/,  
    _ياق ،ئەمدى ئۇنداق بولمايدۇ. uu |> " q  
    _يا بولمىسا ئەتە سىزنى سىڭلىم بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويۇپ ئاندىن ماڭاي. QfbiJgB-c  
    _ئۇنداق قىلساقمۇ مەيلى،شۇ باھانىدە ئەتە سىزگە ئۇزىتىش چىيى بىرىۋالارمەن. -p!cGqZ=U  
    _سىڭلىم بەك چىرايلىق،كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالسىڭىز قانداق قىلارمەن. O*j.R83n  
    _ئۆزىڭىز تاشلاپ كەتكەندىن كىين ئامال يوق،سىزدىنمۇ چىرايلىقمۇ؟ mz CGFT  
    _مەن ئۇنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيمەن،بەك ئەخلاقلىق. AGAO%,sCv  
    _سىزدىن چىرايلىق بولىشىغا ئىشەنمەيمەن. M DFALr(c  
    _ئۇنداقتا ۋاقتى كەلگەندە كۆرۈڭ. C~xD!  
    _خوش قىنى،_ئۇلار ئاخىرقى ئىستاكاننى كۆتۈردى،لالە ئىستاكاننى قويۇپ ئورنىدىن قوپۇپ ئۇنىڭ يۈزىگە بىرنى سۈيۈپ قويۇپ ئىشىككە ماڭدى. 0iz,qci$`  
    _بولدى ئۇزاتماڭ،ئەتە تىلىفۇن قىلىمەن ،خوش،_ئۇ ئۇرنىدىن تۇرۇپ بولغىچە لالە ئۇنىڭ كۆزىدىن يۈتتى.
    | ۋاقتى : 2008-03-24 21:54 4 -قەۋەت
    گۈلسىما
    ئۇيغۇر قىزى
    تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 1593
    نادىر تېما : 16
    يازما سانى : 1560
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1560دانە
    شۆھرەت: 2354 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 997 سوم
    تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1958 نۇمۇر
    قوللاش: 1681 نومۇر
    ئالقىش: 1937 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :651(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    (6)
    .O 4"@&Jh  
       ئۇ «تولۇنئاي» قەھۋەخانىسىنىڭ ئايرىمخانىسىدا لالە ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسىنى كۆتكەچ ئازراق قىزىۋىلىش ئۈچۈن بىر نەچچە ئىستاكان پىۋە ئىچىپ ئولتۇردى،لالە دىيىشكەن ۋاقىتقا ئۈلگۈرۈپ كەلدى،ئۇنىڭ بىلەن بىر قىز بىللە كىردى،ياق،قىز ئەمەس ،بىر پارچە ئوت ئىشىكتىن كىردى،قارا ياغلىق ئارتقان،ئوشۇقىغىچە قارا ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىپ ،ئىشىكتىن تارتىنىپ سالام قىلىپ كىرگەن بۇ قىز قىپقىزىل يىلىنجاپ تۇرغان ئوتتەك ئۇنىڭ كۆزىدىن كىرىپ مېڭىسىدە توختاپ قالدى.  MG0pU5O  
    _ئەجەپ تىڭىرقاپ قالدىڭىزغۇ؟_دىدى لالە ئۇنىڭغا سىنچى كۆزلىرى بىلەن مەنىلىك قاراپ_قارشى ئالمامسىز؟ 359t  
    _ياقەي،قىنى مەرھەمەت. mGx6'9  
    ئۇ شۇنداق دىگەچ ئالدىراپ سالدىراپ ئۇلارنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى،ئۇ ئەسلىدە تاتلىق تۈرۈپ بىلەن بىر نەچچە بوتۇلكا پىۋە بۇيرۇتۇپ قويغانىدى. {l\GkSND  
    _نىمىگە تاۋىڭلار تارتىدۇ،سىلەر كەلگۈچە ئۈزۈممۇ بۇ نەرسىلەرنى بۇيرۇتۇپ تۇرغان_ئۇ سەل خىجىل بولۇپ ئۆستەلگە قاراپ قويدى ھەم بۇيرۇتما تىزىملىكىنى لالەگە سۇندى. \WWarA3SC  
    لالە تىزىملىكنى سىڭلىسىغا سۇندى. +q=5Gb  
    _ئۈزىڭىز بۇيرىتىۋىرىڭ،مەن بەك بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن،مىنى بىلىسىزغۇ؟ vpg  
    _ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىزنىڭكىنى ئىچىۋىرىڭ،سىڭلىم ئىككىمىز بىر چەينەك سۈت قوشۇلغان قەھۋە ئىچەيلى،سىڭلىم ئۇنداق نەرسىلەرنى ئىچمەيدۇ،مەنمۇ شۇ_ئۇ كىرەمگە قاراپ كۆزىنى قىسىپ قويدى،بۇ لالەنىڭ «سىڭلىمنىڭ ئالدىدا ماڭا ھاراق زورلىماڭ» دىگىنى ئىدى. `7}xBI  
    _ئاپلا ،بالدۇرراق دېگەن بولسىڭىز،باشقا ئوبدانراق تاماق يەيدىغان يەرگە باشلايدىكەنمەن،يۈتكىلىمىزمۇ يا ھازىرلا. nqbhEgXS  
    _ياق بولدى،مۇشۇ يەرمۇ ياخشى ئىكەنغۇ،خالى ،پاكىز ئىكەن_دىدى لالە ئىتتىكلا. Ve+fi^BM2  
    _سىڭلىڭىزنى تۈنجى ئاچىقىشتىلا بىر قىسما يەرگە باشلاپ كەلدى دەپ ئويلاپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن_دىدى كىرەم سەل خىجىل ئارىلاش قىزغا لەپپىدە قاراپ . C^#6>9#  
    _ياقەي،ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئويلىمايمەن. Zijb2w  
    قىز ئازراق جىلمايدى،بۇ جىلمىيىشتىن ئۇنىڭ خىجىل بولغانلىق ياكى رازىمەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ،ئۇ قىزغا ئۇنچىلىك تىكىلىپ قارىمىغانىدى. b>0d61gJT  
    _ئۇنداق ئويلىمايدۇ،كەلگۈچە سىزنىڭ گىپىڭىزنى قىلىپ بەرگەنىدىم،سىڭلىم بەك كىتاپخۇمار. m?tJar/8  
    _ئۇنداقتا ياخشىغۇ،چىقىشىپ قالغۇدەكمىز_ئۇ لالەگە مەنىلىك كۈلدى. (Hb'Hv krG  
    _ئەمما يامان نىيەتتە بولسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇ!ئۇ ئاران 17 ياشقا كىردى. c~DlO]f  
    _ھەددىممۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۇنچىلىك يامان بالىلاردىن ئەمەس. &[k_R/+E  
    _شۇڭا قورقماي باشلاپ كەلدىم-دە،بولمىسا چوغنىڭ ئىچىدىكى پاختىنى ساقلىغاندەك ساقلاپ ،ھىچكىمگە كۆرسەتمەي كەلگەن. J; MVpG  
    _راس دەيسىز.سىڭلىڭىز خۇدىى پاختىغا ئوخشايدىكەن،ھەر قانداق ئوغۇللارنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتكۈدەك. N8GnU`U&b  
    _ئۇنداقتا سىزمۇ ئىھتىيات قىلىڭ. JO)tbD^  
    _ماڭا ئۇنداق ئامەت نىسىپ بولماسمىكىن،قىرىپ كەتتىم،ئۇنداق ھىسسىياتلارمۇ قالمىدى. Bsqi^oz4M  
    _ئەمىسە قانداق ھىسسىيات بار؟ fHfq=}+/  
    _دوستلۇق ۋە ئاكىلىق. '7j=BeMz5  
    _يائاللا،شائىرلارغىغۇ گەپ تىپىپ بەرگىلى بولمايدۇ،شۇنداقتىمۇ بۇ گىپىڭىز توغرا بولدى. 1(^-5A#E%i  
    ئۇ ئاغزىدا شۇنداق دىگىنى بىلەن ئۇ قىزنىڭ گۈزەللىكىگە لال بولغانىدى،قانچە چاندۇرۇپ قويماسلىققا تىرىشسىمۇ ،ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا قىزغا كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا نەچچە قاراپ بولدى،قىز سۇس قىزىل چىراق نۇرىدا چوغدەك يىنىپ تۇرغان بىر تال قىزىلئەتىرگۈلگە ئوخشايتتى. GEKi^%n)  
    _ۋىيەي،ئادەمنى خىجىل قىلىپ باشقا تىمىدا پاراڭلىشىڭلارچۇ،بولمىسا كىتىمەن بىكار.._لالەنىڭ سىڭلىسى ئۆزى توغرىلىق پاراڭلاردىن مەمنۇن بولسىمۇ ،ئەمما شۇنداق دەپ قويدى،ئۇنىڭ تەلەپپۇزى ۋە يۈزىدىكى بەختىيار كۈلكىسىدىن رازىمەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. |]+7~T [v  
    مۇلازىم چىرايلىق ئەينەك چەينەكتە بىر چەينەك سۈت قوشۇلغان قەھۋەنى ئەكىرىپ ،چەينەكنى مەخسۇس قاينىتىدىغان كىچىك ئوچاق شەكىللىك شامداننىڭ ئۈستىگە قويۇپ ،بىر كىچىك سىۋەتتە قوناق ئىتىلدۈرمىسى ۋە بىر نەچچە تەخسە گازىر ،ئىسلانغان قاق قاتارلىق قىزلار ئامراق نەرسىلەر بىلەن ئۆستەلنى توغقۇزدى. @uSYd:ZL:  
    _قىنى باققاچ ئولتۇرۇڭلار. Q,k _MGj  
    _بەك جىق بۇيرىتىۋىتىپسىز_لالە شۇنداق دىگەچ چەينەكتىكى قەھۋەنى پىيالىلەرگە قۇيۇشقا باشلىدى. @wEjWzeH  
    _بىلمەي بۇ نەرسىنى بۇيرۇتۇپ قويۇپتىمەن،سىلەرگە ئەپسىز بولسا باشقا نەرسە ئىچەي بولمىسا... _BV#2Z9X  
    _ياقەي،توغرا چۈشىنىمىز،سىڭلىممۇ توغرا چۈشىنىدۇ_دىدى لالە سىڭلىسىغا قاراپ،_سىڭلىسىمۇ بىشىنى لىڭشىتتى. 6J~IM1Gl  
    _سىز ئىچىپ ئازراق قىززىپ ،قىززىق گەپلەرنى دەپ بەرمىسىڭىز بولمايدۇ،بۈگۈن مەخسۇس سىزنىڭ گىپىڭىزنى ئاڭلىغىلى كەلدۇق،جۇمۇ؟ ھە راس ،سىڭلىمنىڭ ئىسمىنى دىمەپتىمەن،ئىسمى گۈلھايات بولىدۇ،بۇ ياق ساڭا گىپىنى قىلىپ بەرگەن دوستۇم كىرەم ئاكاش بولىدۇ،داڭلىق شائىر.. 2+:sG23r<  
    داڭلىق شائىر دىگەندە ئۇنىڭ يۈزى سەل قىزاردى،چۈنكى ئۇنىڭغا بۇ نامنى سىتىپ يەۋاتقىلى ئون يىلچە بولۇپ قالغانىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق گەپلەر مەتبۇئاتلاردا ئەمەس،مۇشۇنداق سورۇنلاردىلا تىلغا ئىلىناتتى،شۇنداقتىمۇ ئۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدى،پىۋىنى ئىستاكانغا قۇيۇپ ئىككى گۈزەلنىڭ پىيالىسىگە سوقۇشتۇردى،كىرەم ئازراق ئىچىۋىلىپ قىزىغاندىن كىيىن گەپنىڭ تولىسىنى ئۆزى قىلدى،ئۇلار جەمىيەت،كىتاپ قاتارلىق ئۇلۇغۋار تىمىلاردىمۇ ،ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق تۇرمۇشتىكى ئادددى،پۈچەك تىمىلاردىمۇ پاراڭلاشتى،ئۇ بۇرۇنقى ئوقۇغان كىتاپلىرى ۋە بىلىملىرىنى دەسمايە قىلىپ ئۇلارنى ئاغزىغا قاراتتى،بولۇپمۇ ئۇ گۈلھاياتنىڭ ئۆزىگە بارغانسىرى ھەۋەس بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى سەزگەندە تولىمۇ خۇرسەن بولدى. #ts(;%G  
    ئۇلار بەزمىخانىدىن تۈن پەردىسى يىيىلغاندا ئاندىن قايتتى،ئككى قىزنى لالەنىڭ ئۈيىگە ئاپىرىپ قويۇپ خۇشلىشىدىغان ۋاقىتتا لالە:«سىڭلىمنىڭ خىزمەت ئىشىنى ئۇنتۇپ قالماڭ» دەپ قايتا جىكىلىدى. [[nXit^  
    | ۋاقتى : 2008-03-24 21:57 5 -قەۋەت
    گۈلسىما
    ئۇيغۇر قىزى
    تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 1593
    نادىر تېما : 16
    يازما سانى : 1560
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1560دانە
    شۆھرەت: 2354 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 997 سوم
    تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1958 نۇمۇر
    قوللاش: 1681 نومۇر
    ئالقىش: 1937 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :651(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    (7)
      2YqR[U;]}  
    لالە كەتتى،ئۇ ئۆزىنىڭ ماڭغانلىقىنى تىلىفۇندا ئۇنىڭغا خەۋەر قىلدى،ئەمما ئۇنىڭ ئۇزىتىپ قويۇش تەلىپىنى رەت قىلدى،ئۇ بىر قىزنى قالدۇرۇپ كەتكەنىدى،بۇ قىز لالەدەك شوخ بولمىسىمۇ ،ئەمما لالەدىن نەچچە ھەسسە گۈزەل ۋە لاتاپەتلىك ئىدى،ئۇ لالەنى دوسلۇققا يارايدىغان ئەقىللىق قىز بولغىنى بىلەن خوتۇنلۇققا يارايدىغان ۋاقىتتىن ئۆتۈپ كەتكەن،بالدۇر ئىچىلىپ كەتكەن گۈل دەپ قارىدى،ئەمدى ئۇنىڭ يىڭى ھاياتى باشلىنامدۇ ياكى يىڭى كۆلپەتلەر ئۇنى كۈتۈپ تۇرامدۇ بىلگىلى بولمايتتى،ئۇ پەقەت لالەگە بەخىت تىلىدى،ئەمما گۈلھايات ئۇنىڭ ئېڭىدا لالەگە ئوخشىمايتتى،ئۇ ئەمدى ئىچلىش ئالدىدا تۇرغان بىر تال غۇنچە ئىدى،ئۇ لالەدەك ئەقىللىق ۋە سەزگۈر بولمىسىمۇ ،ياخشى پەرۋىش قىلسا ئوبدان باغۋەنگە ئۇچرىسىلا خۇش پۇراق چاچىدىغان ئائىلە گۈلىگە ئايلىنالايتتتى،ئۇ ھەر قىتىم گۈلھايات بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ نۇقتىنى تىخىمۇ ئىنىق ھىس قىلماقتا ئىدى،گۈلھاياتنىڭ ئەڭ ئۇستا رەسسام سىزغان رەسىمدەك گۈزەل رۇخسارى ،ئەڭ ئۇستا ھەيكالتاراش تاراشلىغان ھەيكەلدەك قاملاشقان بەدىنى ،كەم سۆز،خىجىل بولۇشقا ئارانلا تۇرىدىغان مىجەزى،بولۇپمۇ ئۇ نىمىلا دىسە ماقۇل دەپ ئەرلەرنى ھۆرمەت قىلىدىغان رايىش خۇيى...ھەممىسى قوشۇلۇپ ئۇنىڭ ئەقلىنى لال قىلىپ ،ئۇنىڭ قەلبىدە ئۇ ھازىرغىچە تونۇشقان قىزلار ئىچىدىكى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە بولدى،شۇڭا ئۇنىڭ كۆڭلىدە بۇ قىزنى ئاۋايلاپ پەرۋىش قىلىپ ،ئۈز بىغىدا ئىچىلدۇرۇش ئىستىكى تۇغۇلۇشقا باشلىدى،ئۇ ئۆمرىنىڭ 35 ياشقا كىرگەن مۇشۇ مەزگىلىدە ئۆزىدە ياشلىق ئۇچقۇنلىرىنىڭ قايتا يىنىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ ئالى مەكتەپتىكى شائىرلىق دەۋرىگە قايتقاندەك بولدى،دىمەك ئۇ گۈلھاياتقا ئاشىق بولغانىدى،گۈلھايات تىخى ئۇنىڭ ئۆچۈپ قالمىغان،ھامان بىر كۈنى ياندۇرىمەنغۇ دەيدىغان خىيالىنى،يەنى ئايالى بىلەن يىنىشىۋىلىش خىيالىنى پۈتۈنلەي بەربات قىلدى ،ئۇ گۈلھاياتنى مەن بۇرۇن ئىزدىگەن ۋە خوتۇن قىلىپ ئېلىشنى مەقسەت قىلغان قىز دەل ئۈزى ئىكەن دەپ ئويلىدى،ئۇ بۇ قىزغا ئاشىق بىقارار بولغانلىقتىن ،ھەتتا دوستلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشكىسى كەلمەس،كۆرۈشسىمۇ بالدۇرلا قايتىدىغان بولۇپ قالدى،گۈلھايات ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن ،ئۇنىڭدىن كۆپ كىچىك ئىدى،ئۇ پەقەت مۇشۇ ئىشتىنلا ئەنسىرەيتتتى،ئەمما گۈلھاياتنىڭ ئىپادىسىدىن ئۇنىڭ بۇ نۇقتىغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەنلىكىنى سىزىۋاتاتتى،چۈنكى ئۇ گۈلھاياتنى قاچانلا چاقىرسا چىقاتتى،ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرۈشتىن ئۆزىنى ئىلىپ قاچمايتتى،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم ئىدى. $Y{22 ~w=  
    ئۇ گۈلھاياتنى لالە مىڭىپ ئەتىسىلا دادىسىنىڭ زاۋۇتىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى ۋە خۇجىدارغا ئۇنى ئاسانراق ۋە مۇئاشى يۇقىرى خىزمەتكە قويغۇزدى،شۇنىڭغىمۇ گۈلھايات ئۇنىڭدىن بەكلا رازىدەك قىلاتتى،شۇنىڭدىن كىيىن ئۇلار ھەپتىدە نەچچە كۈن كۆرۈشۈپ بىللە تاماق يىيىشتى،ھەتتا بىللە رەسىمگىمۇ چۈشۈپ ئايلىنىپمۇ كەلدى،ئۇ قىزنى چۈچۈتۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋالدى. +VA ~*tU  
    ئۇ ئۆيىدە گۈلھاياتنىڭ رەسىمىگە قاراپ شېرىن خىيال سۈرۈۋاتقاندا قىزدىن تىلىفۇن كەلدى. {YUiCC  
    _كىرىم ئاكاممۇ؟_گۈلھاياتنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلى يايراپ كەتتى. ]}@0MP  
    _قاياقتىن كۈن چىقىپ تىلىفۇن قىلدىڭىز_ئادەتتە گۈلھاياتقا ئۇلا تىلىفۇن قىلىۋاتاتتى،شۇڭا ئۇ باشقىچىلا خوش بولۇپ كەتتى. BAg5:89kY  
    _سىز تەرەپتىن چىقىپ. AfU' F  
    _يائاللا مۇشۇنداق كۈنلەرمۇ كىلىدىكەن ھە؟ HuuSHh$yB  
    _ياخشىلىقىڭىزغا جاۋاپ قايتۇرمىسام بولماس. qEU 0".  
    _ياخشىغۇ،قانداق قايتۇراي دەيسىزكىن؟ !yifv$WUU/  
    _سىز قانداق قايتۇرۇشنى خالايسىز؟ x|GE3LY  
    _ئەمدى ئىلتىپاتنىڭ چوڭ كىچىكى يڭق. 4[!@| R'a|  
    _بۈگۈن مۇئاشىمنى ئالغان،شۇڭا سىزنى بىر مىھمان قىلاي دەيمەنغۇ. `t 3njA  
    _ۋاي موبارەك بولسۇن،ئۇنداقتا تۈزۈت قىلمىدىم،نەدە كۈرۈشىمىز؟ XX6 SC1  
    _سىز بىر يەرنى دەڭ،مەن باراي. Yt_Wc E1  
    ئۇلار سائەت ئالتىدە «بىدار» ئاشپۇزۇلىنىڭ ئىككىنجى قەۋىتىدە كۆرۈشمەكچى بولۇپ كېلىشتى،شۇ تاپتا كۆرۈشۈشكە يەنە بىر سائەت بار ئىكەن،ئۇ ئەتىگەندە مۇنچىغا چۈشۈپ ساقال-بۇرۇتلىرىنى ئالغىنىغا قارىماي ،يەنە مۇنچىغا چۈشۈپ ساقال بۇرۇنتلىرىنى پاكىز قىردى،ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بالدۇرلا دىيىشكەن جايغا كىلىۋالدى. ,ks]Jl-Y3  
    ئاشپۇزۇلدا ئادەم ئاز ئىدى،ئۇ ياقىدىكى ئەپلىك بىر ئورۇننى ئالدى،ياندا تامئەينەك بولۇپ ،سىرتنى كۆرگىلى بولاتتى،ئۇ جايلىشىپ بولۇپ تاماقلارنى بۇيرىتىپ قويدى،ھەممىسى گۈلھايات ياخشى كۆرىدىغان قورۇمىلار ئىدى،ئاندىن بىر تال تاماكا چەككەچ سىرتقا قارىدى،ئىشتىن چۈشىدىغان مەزگىل بولغاچ ئادەملەر ناھايىتى كۆپ ئىدى،ھەممە قىستاڭچىلىقتا ئۇ يەر بۇ يەرگە ئۆتۈشۈپ تۇراتتى،ئۇنىڭ ئۆستىگە ئاشخانىنىڭ ئالدى كەچلىك بازار بولغانلىقى ئۈچۈن ،يايمىچىلار،كاۋاپ،ئۆپكە-ھىسىپ،راڭپىزا ساتىدىغان دۇكانچىلار ئۈچ چاقلىق ھارۋىلىرىدىن نەرسىلىرىنى چۈشۈرىۋاتقاچقا تېخىمۇ قىستاڭچىلىق ئىدى،ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن تۇيۇقسىز بىرىنى ئىلغا قىلغاندەك بولدى،ئوبدانراق قارىۋىدى،ھارۋىدىن ئۈستەل ئورۇندۇقلارنى چۈشۈرىۋاتقان بىر ئايالنى تونىۋالدى،بۇ دەل ئالىيە ئىدى،ئۇنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى،ئورنىدىن تۇرۇپ بويۇنداپ قاراپ راستىنلا ئالىيە ئىكەنلىكىنى جەزم قىلدى،ئالىيە ھىلىقى كۈنى يۇقاپ كەتكەنچە ئۇنىڭ قايتا ئۇچۇرىنى ئالالمىغان ئىدى،چۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئەھۋاللىشىپ قويۇشنى ئويلىدىيۇ ،توختاپ قالدى،«ئالىيە يەنە باش ئاغرىقى تىپىپ بىرەرمۇ» دىگەن خىيال لىپ قىلىپ ئۆتكەندە ،بۇ نىيىتىدىن ياندى،باشقا كۈنى ئىزدەرمەن دەپ ئويلىدى. {$-pa+*E  
    _مىنى ئىزدەۋاتامسىز؟ C1f&\z:;H  
    ئۇ بىشىنى كۆتۈردى،توزدەك ياسانغان گۈلھايات ئۇنىڭ ئالدىدا كۈلۈپ تۇراتتى. Mg=fXzr{  
    _بەك ساقلاپ كەتتىڭىزمۇ؟ OuifLp;F  
    _ياق...ھە...شۇنداق... %9oR2]n`  
    قىز قولىدىكى سومكىنى ئۆستەلنىڭ بىر يىنىغا قويغاچ ئۇنىڭغا ئۇدۇل كىلىپ ئولتۇردى،گۈلھاياتنىڭ ئولتۇرىشى بىلەن تەۋرەنگەن ھاۋا ئىقىمىدا كۈچلۈك يىقىملىق بىر پۇراق ئۇنىڭ دىمىقىغا ئۇرۇلدى،ئۇ بۈگۈن بىشىغا ياغلىق سالمىغان بولۇپ قۇندۇزدەك پارقىراپ تۇرغان چاچلىرى يەلكىسىگە چۈشۈپ تۇراتتى،گۈلھايات شۇ تۇرقىدا كىنۇ ئارتىسلىرىغا ئوخشاپ قالغانىدى. .T+Y97+M  
    _ئەجەپ قاراپ كەتتىڭىزغۇ،سەت بولۇپ قاپتىمەنمۇ؟ Dd_"J='  
    _ياق،شۇنداق ئىچىلىپ كىتىپسىز،خۇددى بىر تال گۈلدەك... ~9 &jWd  
    _سىزگە يارىغان بولسىلا مەيلىغۇ. XdBZ<~ASb  
    _يارىدى،چىرايلىق ئادەمگە تاغارنى كىيدۈرۈپ قويسىمۇ يارىشىۋىرىدىكەن،بۇرۇنقى كىيىملىرىڭىزمۇ بەك يارىشاتتى. HR/8Bj  
    _ئەمىسە بۇندىن كىيىن ئاشۇ كىيىمنى كىيىپ كىلەي. #DKkF3  
    _بۇمۇ بەك يارىشىپتۇ. 3}go{#85c  
    _مىڭ ياسانساقمۇ سىزگە يىتەلمەيمىز. 9f'#n?0  
    كىيىم بىلەن تەڭ گۈلھاياتنىڭ گەپ-سۈزلىرىمۇ ئۆزگىرىپ ،شوخلىشىپ قالغانىدى. \!m$HYI.  
    ئۇلار بىر-بىرسىنىڭ كۆزلىرىگە قارىشىپ غىزالاندى،ئاشپۇزۇلدا ئادەم كۆپ ئەمەس ئىدى،ئۇدۇل تەرەپتە بىر كېلىشكەن يىگىت بىلەن بىر كۆرۈمسىز قىز بىللە ئولتۇراتتى،يىگىت ھە دەپ قىزغا چاقچاق قىلىپ خۇشامەت قىلىۋاتاتتى،ئۇ قىزغا سىلىشتۇرغاندا گۈلھاياتنى ھۈر-پەرى دىيىشكە بولاتتى،شۇڭا ئۇ ئۆزىنى شۇنداق بەخىتلىك ھىس قىلدى،ئەمما ياندىكى بىر نەچچە يىگىتنىڭ گۈلھاياتقا پات-پات قاراپ ،ئۆز ئارا بىر نەرسىلەرنى دىيىشىۋاتقانلىقى ئۇنىڭ خۇرۇچىنى ئۆرلەتتى،چىرايىدا خۇنى يوق، ،سالپا سۇلپاڭ كىيىملەرنى كىيۋالىدىغان بۇنداق ماڭقىلارنى ئۇ پەقەتلا ياقتۇرمايتتى،بۇنداقلار يىلدىن يىلغا كۆپىيىپ ،خۇددى بىر توپ سۈۋەرەككە ئوخشاش ھەممە يەردە قىمىرلاپ يۈرەتتى،ئۇ ئۇلارغا بەكرەك قاراپ قويىۋىدى،ئۇلار قايتا قاراشمىدى،شۇنداقتىمۇ كەيىپسىز بولۇپ ئاشپۇزۇلدىن بالدۇرراق چىقماقچى بولدى،ئۇ تاماق پۇلىنى ئالدىن تۈلىۋەتكەنىدى،بۇنىڭدىن گۈلھايات خىلى نارازى بولۇپ ئاندىن ماڭدى،ئۇ گۈلھاياتنى كەچلىك بازار بولىدىغان كوچا بىلەن ئەمەس،بەلكى ئارقا كوچا بىلەن ئەگىلدۈرۈپ تىياتىرخانىغا ئېلىپ ماڭدى،ئۇ ماڭغاچ ئارقىغا نەچچە قىتىم قاراپ قويدى،ئەمما قىستا-قىستاڭ ئادەملەر ئىچىدىن ئالىيەنى ئىلغا قىلالمىدى. n@1~:G  
      كېنۇ خىلى قىززىدى،راستىنى ئىيتقاندا ئويۇندىن بەكرەك گۈلھاياتتىن گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرغان ئەتىرنىڭ خۇش ھىدى ۋە تىگىشىپ تۇرغان بىلەكلەردىن ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئىسسىق ھارارەت ،گاھىدا پاراڭلىشىش ئۈچۈن باشلىرىنى يىقىنراق ئەكەلگەندىكى گۈپپىدە تەككەن ئوتلۇق تىنىق كىرەمنى بەكرەك قىزىتىپ تۇراتتى،ئويۇن تۈگەپ تارقالغاندا گۈلھايات ئېغىز ئاچتى: GtL2!wg  
      _ئەمدى نۈۋەت ماڭا كەلگەندۇ؟ '7(_D~rBGU  
      _نىمە نۈۋەتنى دەيسىز؟ F H`_'r$  
      _مىھمان قىلىش نۈۋىتىنىچۇ؟ئەسلى بۈگۈن سىزنى مەن مىھمان قىلىدىغان بولغان. F:@R ~U .  
      _ئۇغۇ شۇنداق،ئەمما مەن پۈتۈنسۈرۈك ئوغۇل بالا تۇرۇپ سىزنى پۇل خىەجلەتكۈزسەم قانداق بولىدۇ؟ xIbLB!s  
      _مىنى ئۆز كۈرمەيدىكەنسىز ھە؟ XXt,  
      _ياق...ئۇنداق ئەمەس. LS=r;bo  
      _ئۇنداقتا...ئۈزىڭىز بىز يەرنى دەڭ،مەن مىھمان قىلىمەن. n;:[Im  
      ئۇ گۈلھاياتنى ئويۇن تۈگىسە كېتىشكە ئالدىرايدۇ دەپ ئويلىغانىدى،بۇنداق دەپ قىلىشى ئۇنىڭغىمۇ خوش ياقتى. Z]_63we] $  
      _ئالدىمىزدا بىر مارۇژنىخانا بار،شۇ يەردە مىھمان قىلىڭ. ePQL0vM>Vl  
      ئۇلار مارۇژنىخانىغا كىرىپ جايلاشقاندا سائەت ئاللىقاچان 10 دىن ئاشقانىدى. T**N ]7-  
      _مەن مىۋە شەربىتى ئىچەي،سىز نىمە ئىچىسىز؟ 8Z~JXXP(  
      _مەنمۇ مىۋە شەربىتى ئىچەي. dv70>o?u;  
      _ئاران مىھمان قىلغاندا قىممەترەك بىر نەرسە بۇيرىتىڭە،كۆڭلىڭىزدە قالغۇدەك مىھمان قىلىۋالاي،نىمە ئىچكۈڭىز بولسا دەۋىرىڭ،مەن باشقىچە ئويلىمايمەن. q4;Sbvw>I.  
      گۈلھاياتنىڭ «نىمە ئىچكۈڭىز بولسا دەۋىرىڭ» دىگىنىدىن ھاراق ئىچسىڭىزمۇ مەيلى دىگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى،ئۇنىڭ ئۆستىگە ئۇ بۇرۇنقىدىن شوخلىشىپ قاپتۇ،مۇشۇنداق بولغىنىمۇ بىر ھىساپتا ياخشى،ئارىلىق قويۇپ كەتسمۇ يىقىنلاشماق تەس بولىدۇ،ئۇ ئەمدى ئىتى-مىتى دەپ يەنە تارتىشىپ تۇرۇشنىڭ ئورنى يۇقلىقىنى بىلىپ بىر بوتۇلكا قىزىل ھاراق بۇيرۇتتى،ئازراق قىزىسا ئىچىلىپ ئولتۇرۇشقا پايدىسى تىگەتتى،شۇنداق بولدى،ئۇلار خىلى ئۇزاق ئىچىلىپ ئولتۇرۇشتى،گۈلھايات سائىتىگە قاراپ چۆچۆگەندەك قىلدى،چۈنكى سائەت 12 يىرىمنى كۆرسىتىپ تۇراتتى،ئۇلار ئالدىراپ تىنەپ تاكسى بىلەن گۈلھاياتنىڭ ياتىقى ئالدىغا كەلگەندە سائەت بىرلەرگە ئۇلاشتى،ياتاق زاۋۇت قورۇسىنىڭ ئىچكىرىسىدە بولۇپ زاۋۇتنىڭ چوڭ دەرۋازىسى تاقاق ئىدى. AD9@RO.  
      _ئاپلا ،دەرۋازىنى سائەت 10 دا تاقايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قاپتۇمەن،كەچتە ھىچكىمنى كىرگۈزمەيتتى ئەمەسمۇ؟ q^=jrrJ  
      ئۇ قاراڭغۇدا قىزنىڭ تىت-تىت بولىۋاتقانلىقىنى سىزىپ بىئارام بولدى. XtTKN8vn  
      _دەرۋازىنى ئۇرۇپ باقامدۇق،دەرۋازىۋەن مىنى تونۇيدۇ. O}2P7pj  
      _ئۇنداقتا تىخىمۇ بولماس،يىرىم كىچىدە سىز بىلەن يۈرگىنىمنى زاۋۇتتىكىلەر بىلىپ قالسا سۆز-چۈچەك بولۇپ كىتىشدىن ئەنسىرەيمەن. .m>s}o*  
      _ئەمىسە يۈرۈڭ،قايتىمىز. B;+HVl77  
      _نەگە ؟ / Pym a_  
      _شەھەر ئىچىدىن سىزگە ياتاق ئىلىپ بىرەي. p]F{v)  
      _مەن يالغۇز ياتاقتا يىتىشتىن قورقىمەن. -tL DjW  
      ئۇ بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن ئېغىز ئاچتى. Fg{0} 
      _ئەمىسە ،باشقىچە ئويلىنىپ قالمىسىڭىز،بىزنىڭ ئۆيگە كېتەيلى. S>Bw ' R  
      _ئەپسىز بولۇپ قالارمۇ؟_ئۇ قاراڭغۇدا قىزنىڭ قانداق چىراي ئىپادىسىدا بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرەلمەيتتى. J^#GE)~  
      _سىز ئۇنداق ئويلىمىسىڭىزلا ،ئۇنداق بولمايدۇ. ?sm(4|  
      _مەيلى... O{ 
      گۈلھايات ئۇنىڭغا ئەگەشتى،ئۇلار چوڭ يولغا چىققۇچە ئوڭغۇل-دوڭغۇل يولدا مىڭىشتى،گۈلھايات بىر نەچچە قىتىم يىقىلىپ كىتەي دىگەندە ئۇ يۈلىۋالدى ۋە قىزنىڭ ئوتتەك قىززىق قوللىرىنى تۇتۇپ ماڭدى،ھاراقنىڭ قېنىنى قىززىتىشى بىلەن قىزنىڭ ئوتتەك قوللىرىدىن تارالغان ھارارەت بىرلىشىپ تومۇر-تومۇرلىرىدا بىردىنلا بىر پارچە ئوت كۆيمەكتە ئىدى. qbgsp2s  
      گۈلھايات كىتاپ جاھازىسى ئالدىدا كىتاپ تاللاۋاتاتتى،كىرەم ئۇنىڭ تال چىۋىقتەك ئەۋرىشىم بويىغا چۈشۈپ تۇرغان قۇندۇزدەك دولقۇن چاچلىرىغا ھەۋەس بىلەن تامشىپ تۇرغاندا قىز ئۇنى غايىپتىن چاقىرىپ قالدى. z llfa0l  
      _ماۋۇ قانداق كىتاپتۇ؟ jwW.tf9x\  
      _قايسىسى؟  _;EZJ,  
      ئۇ قىزنىڭ يىنىغا كەلدى،ئەمما كۆزى كىتاپقا ئەمەس،قىزغا تىكىلگەنىدى،قىزنىڭ تىنىدىن تارقالغان خۇش پۇراق ئۇنىڭ دىمىقىدىن كىرىپ پۈتۈن بەدىنىنى غىدىقلاپ ئۈتتى،ئۇ قىزنىڭ قولىدىن تۇتتى،قىز ئۇنىڭغا قايرىلىپ قارىدى،قايرىلغاندا ئۇچقان چاچلىرى ئۇنىڭ يۈزىنى سىيپاپ ئۈتتى،ئۇ قىزنىڭ ئۆزىگە بۇلاقتەك كۆزلىرى بىلەن تەلمۈرۈپ تۇرغانلىقىنى سەزدى-دە ،قىزنى ئالدىغا تارتتى،قىز خۇددى شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ئۇنىڭ قوينىغا كىرىپلا كەتتى،ئۇ قىزدىن قانچە ئۇزاقتىن كىيىن ئاجرىغانلىقىنى بىلمەيتتى،ئەمما بۇ ۋاقىت ئۇنىڭغا شۇنچىلىك قىسقا بىلىندى. *1,Y1j1%R  
      _ئۇيقۇم كەلدى،_دىدى قىز ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرغان شۇ پەيتتە،ئۇ قىزدىن ئاجراپ ياتاق ئۆينى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى. 8^zEZu}d  
      _ئەمىسە ،سىز ياتاق ئۆيدە يىتىڭ. ^OQOY]  
      _سىزچۇ؟ p5(U,oW=  
      _مەن كىرىسلۇدا ياتاي... _LR6mF{  
    قىز كىرىپ كەتتى،ئۇ خېلىغىچە ئۇيان ئۆرۈلۈپ،بۇيان ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمىدى،ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي قىز ئۇنى چاقىردى. =8F(gO  
    _كېرەمكا! Qgn!Z Y9  
    _ھە! MAy5@dh  
    _قۇرقۇۋاتىمەن. oEmSZd)`LF  
    _نىمىدىن؟ A W*s8Z  
    _بۇلۇڭدا بىرسى تۇرغاندەكلا. a/tx/&+4s  
    ئۇ كىرىسلۇدىن چۈشۈپ ئالمان-تالمان ياتاق ئۆيگە يۈگۈردى،چىراقنى ياندۇرماقچى بولدى،چىراق كارىۋاتنىڭ بېشىدا ئىدى. j)qH\-=$  
    _بولدى ياندۇرماڭ. kIx.4>D  
    _نىمىشقا؟ dhX+2\E;  
    _مەن كىيىملىرىمنى سىلىۋەتكەن... - 
    _ئەمىسە مەن... qvE;N-3N  
    _كەتمەڭ قورقىدىكەنمەن... % rmrF  
    ئۇنىڭ قوللىرىنى نازۇك بىر قول تۇتتى،شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋالغۇدەك ئەڭ ئاخىرقى كۈچىمۇ تۈگىگەنىدى،ھەممە ئىش شۇنداق تىز،شۇنداق شېرىن ئاياقلاشتى،ئاياقلاشتىيۇ،ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئوت بىردىنلا ئۆچۈپ قالغاندەك بولدى،ئۇ ئەقلىنى تاپقاندا لاسسىدە بوشىشىپ كەتتى ھەم قاراڭغۇدا كىيىملىرىنى چالا-بۇلا كىيىپ دەز چۈشكەن كۆڭلىنى سۆرەپ ئۆزىنى كىرىسلۇغا تاشلىدى. qC6J Kv  
    ئۇ كېچىچە ئۇخلىيالمىدى،تاڭ سۈزۈلگەندە گۈلھاياتنىڭ ئورنىدىن قوپقانلىقىنى سىزىپ كۆزلىرىنى يۇمۇۋالدى،ئۇ قىزنىڭ ئۆي ئىچىدە خىلى ئۇزاق مىڭىپ يۈرگەنلىكىنى سەزدى،ئاخىر قىزدىن زۇۋان كەلدى. Ei(nk]  
    _كېرەمكا،مەن ماڭاي... L}65^1>,  
    ئۇ بىشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى،گۈلھايات ئاۋۋالقىدەك گۈزەل ئىدى. 9kp `s !9  
    _تاماق يەپ... s6LeCt.'  
    _ئىشقا كىچىكىپ قالىمەن. W]dC>MV$  
    _مەن ئاپىرىپ قوياي... O 
    ئۇ ئورنىدىن تۇرماقچى بولىۋىدى،قىز ئۇنىمىدى. p.:7VDIr  
    _بولدى يىتىۋىرىڭ،مەن ئۆزەم كىتەي،تېلىفۇن قىلىمەن. CcgQ:sJ&Q  
    قىز چىقىپ كەتكەندە ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ياتاق ئۆيگە كىرىپ چىراقنى ياندۇردى،ئاپپاق پۈرلەشكەن كىرلىك ئۈستىدە بىر نەچچە تامچە قىزىل قان ئۇيۇپ قالغانىدى،شۇ تۇرقىدا ئۇ كىرلىككە ياكى ئۆز سەزگۈسىگە ئىشىنىشنى بىلەلمەي قالدى،قىزنىڭ ئاخشامقى ئىپادىسىدىن قارىغاندا ،ئۇ تولىمۇ ئىش كۆرگەن قىز ھىساپلىناتتى،ئۇ رىئاللىق بىلەن تۇيغۇسى ئارىسىدا خىلى ئۇزاق ئىككىلىنىپ قالدى. #k98\  
    [ بۇ يازما گۈلسىما تەرپىدىن 2008-03-25 21:51 دە قايت ]
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • سەلكىن دوللىرى:+5000(ئۇيغۇرجـان) ئەجرىڭىزگە
  • | ۋاقتى : 2008-03-24 22:02 6 -قەۋەت
    گۈلسىما
    ئۇيغۇر قىزى
    تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 1593
    نادىر تېما : 16
    يازما سانى : 1560
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1560دانە
    شۆھرەت: 2354 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 997 سوم
    تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1958 نۇمۇر
    قوللاش: 1681 نومۇر
    ئالقىش: 1937 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :651(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    داۋامىنى ئەتە يازارمەن ;- 
    بەك چارچاپ كەتتىم.
    | ۋاقتى : 2008-03-25 01:07 7 -قەۋەت
    گۈلسىما
    ئۇيغۇر قىزى
    تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 1593
    نادىر تېما : 16
    يازما سانى : 1560
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1560دانە
    شۆھرەت: 2354 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 997 سوم
    تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1958 نۇمۇر
    قوللاش: 1681 نومۇر
    ئالقىش: 1937 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :651(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    (8)
    i4BK8T'k  
      ئۇ چۈشكىچە خامۇش ھالەتتە يۈردى،كاللىسىدا خىلمۇ -خىل خىياللار قۇداڭشىتماقتا ئىدى،ئۇ پۇچۇلىنىپ ئولتۇرغاندا ئېزىزدىن تىلىفۇن كەلدى. 2O,{9 W  
    _جان بارمۇ ھوي! X+fe=P  
    _بارغۇ. @m&bOk!87S  
    _نەدە؟ $70[_/  
    _ئۆيدە. Kf&S Dl`.  
    _مەن ئىشىكىڭنىڭ ئالدىدا،چىقامسەن،كىرەمدىمەن. hk9OJRZ%  
    _كىرگىن. ~'@]0$wT  
    ھايال ئۆتمەي ئېزىزنىڭ كىلەڭسىز گەۋدىسى ئۆيدە پەيدا بولدى،ئۇ كىرىپلا ئۆزلىرىنىڭ بۇ نۆۋەت قانداق ئوينىغانلىقىنى،قىز تورداشلىرىنىڭ قانچىلىك چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ،كېرەمنىڭ بىللە بارماي بەك نادانلىق قىلغانلىقىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەۋىتىپ ،كىتاپ ئىشكابىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختاپ قالدى. -K gv,bS  
    _ماۋۇنىڭ رەسىمى بۇ يەردە نىمە قىلىدۇ؟ 1U6I9qwv[|  
    _قايسى؟ yrfsjD?  
    _گۈلھايات دىگەن پاسكىنىنىڭچۇ؟ WpjK_O   
    ئۇ چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى،مۇشىتلىرىنى تۈگۈپ بولۇپ توختاپ قالدى،ئالدىدىكى ئاغىنىسى بولمىغاندا ئىاى،شۇ تاپتا چىشلىرىنى تۆكۈپ تاشلىغان بولاتتى،لىكىن ئېزىز رەسىمگە قاراپ ئۇنىڭغا ئارقىنى قىلىپ سۈزلەۋەتقان بولغاچ بۇنى بايقىمىدى. L}f|"r*5  
    _توۋا قىلدىم،بۇ پەسەندە نەگىلا بارسا كېلىشكەن،پۇلدار يىگىتلەرگە تور تاشلاپ يۈرىدىكىنە. c9lh1a(  
    _خەقنىڭ بالىسىغا ئۇنداق ھاقارەت قىلما. 2FQS'[r  
    _ۋاھ،_ئىزىز ئارقىغا بۇرۇلۇپ سەت ھىجايدى،_سەن گۇيمۇ بوش ئەمەس،نىمە رەسىمىنى چاپلاپ قويىدىكىن دىسەم،سەنمۇ؟... K|!$G'aB  
    _سەن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئىش... %*>~}_(o  
    _بىر قىتىملا شۇنداق پۈرسەت كىلىپ قالدى دىگىنە،_ئىزىز رەسىمگە قاراپ ئاغزىنى چاكىلداتتى،_لىكىنزە،كىيىن پەقەتلا تۇتۇق بەرمىدى... Y _V % C  
    ئۇ ئىزىزنىڭ مۈرىسىدىن قاماللىدى. N0] kB  
    _ئاغىنەم بولساڭ راس گەپ قىل،راس شۇنداق ئىش بولغانمۇ؟ )V&^UM  
    _ۋاي نىمە بولدى ساڭا،مۈرەمنى ئاغرىتىۋەتتىڭ. Vmp Wd@  
    _قىنى ئىيتە،راس شۇنداق ئىش بولغانمۇ-يوق؟ Y:}c2bB8_  
    _مەن ساڭا قاچان يالغان سۈزلەپ باققان،بولمىسا ياسىندىن سورا،ئۇمۇ... d Z<1Ie  
    ئۇ ئىزىزنىڭ مۈرىسىنى قويىۋىتىپ ئۆزىنى كىرىسلۇغا تاشلىدى،چىرايى ئۆڭۈپ ،تاماكا تۇتقان قوللىرى تىترەيتتى. 6J 8Ic/eR  
    _نىمە بولدۇڭ ھوي،نىمە بۇ ئىشنى سوراپ يۈرىسەن،سەن ئۇنىڭ بىلەن... |[H8So_  
    _ياق،بىر تونۇشۇم ئوغلىغا ئىلىپ بەرمەكچىكەن،شۇڭا... ;Pj.4S2#  
    _ھە،مۇنداق دىمەمسەن ئادەمنى قورقۇتماي،تۆشۈك مۇنچاق يەردە قالماپتۇ دەپ،بۇ نىمىگىمۇ ئەر چىقىپتۇ-دە،ئاخىر.چوقۇم يۇۋاش،موللا پوك پوك بالا دىگىنە،شۇڭا جەمىيەتتە سەن بىلەن بىزدەك ئويناپ قويغانغىمۇ يەتمەيدۇ،بولمىسا مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ دېگەندەك... L?j,[#+  
    _بولدى قىلغىن! ?[U5 y0  
    _كەيپىڭ تازا ئەمەس،ئايلىنىپ كىلىمىزمۇ يا،«توشقان»دىن ئىككىسى ئۇچراپ قالسغۇ... 3TD-isFuS  
    _مىنىڭ تاۋىم يوق،ئۆزەڭ بىرىۋەر... WBs>Ev  
    _بوپتۇ ئەمىسە،كەيپىڭ ياخشىلىنىپ ،زېرىككەندە تىلىفۇن قىلارسەن. $]gAv2  
    ئۇنىڭ ئىچىنى ئاللىقانداق بىر نەرسە سىقىپ تۇراتتى،بۇ نەرسىنى چوقۇ چىقىرىۋىتىش كىرەك ئىدى،ئۇ بىرلا ۋاقىراپ ئالدىدىكى شىرەگە بىر مۇش ئۇردى،شېرە قىلىن تاش ئەينەكتىن ياسالغان بولغاچقا چىقىلمىدى،پۇخادىن چىقماي تامنى بىر نەچچىنى تەپتى،يەنە پۇخادىن چىقالماي تۇرغاندا گۈلھاياتنىڭ رەسىمىگە كۆزى چۈشتى-دە ،رەسىمنى يىرتىپ پارە-پارە قىلىپ تاشلىدى،ئاندىن كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ كۆزلىرىنى يۇمدى،گۈلھاياتنىڭ ئاخشامقى ھالەتلىرى كۆز ئالدىدا،ئىزىزنىڭ سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىدە ئىدى،ئۇ كىچىچە ئۇخلىيالماي ئاخىر خوتۇنى بۇرۇن ئۇخلىيالمىغاندا ئىچىدىغان ئۇيقۇ دورىسىنى تاپتى. _vB(Y_~_  
    ئەتىسى ئۇ چۈشكە يىقىن ئويغاندى،پۇت-قولى ھالسىز،كاللىسى گاراڭ ھالەتتە ئىدى،چىمچىلاق قولى ئىششىپ كەتكەن بولۇپ قاتتىق ئاغرىپ تۇراتتى،ئۇ يۈزىنى يۇيۇپ بىر تال تاماكا چەكتى،يەردە گۈلھاياتنىڭ يىرتىلىپ تاشلانغان رەسىمى چىچىلىپ ياتاتتى،ئۇ رەسىم پارچىلىرىنى تىرىپ ئىلىپ ئۈستەل يۈزىدە جىپسىلاشتۇردى،ئۈستەل يۈزىدە ئەگرى بۈگرى ئاق سىزىقچىلار پەيدا بولغان ،داغ چۈشكەن بىر چىراي پەيدا بولدى،ئەمما بۇ چىراي شۇنچىلىك ئوماق ،شۇنچىلىك سەبى ئىدى،ئۇنىڭ تۇرۇپلا گۈلھاياتنى كۆرگۈسى كىلىپ قالدى،ئۇ شۇ ۋاقىتتا ئىزىزنىڭ دىگەنلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يالغان بولىشىنى شۇنداق ئارزۇ قىلدى،بەرھەق ئىزىزنىڭ دىگەنلىرى يالغان بولۇپ قالسىچۇ؟ ئۇ ئىزىزنىڭ پات-پات يالغان ياكى ئاشۇرۇپ سۈزلەپ قويىدىغانلىقىنى بىلىدىغۇ؟ ئەمما قىزنىڭ بىللە بولغان ۋاقىتتىكى قىلىقلىرى بىلەن قىزلىقى... ATUf>7D  
    ئۇ يەنە بىر تال تاماكا چەكتى،كاللىسى بارغانسىرى سەگەكلىشىپ كىتىۋاتاتتى،ئاخىر ئۇيان ئويلاپ-بۇيان ئويلاپ ،ئۆزىنى قىيناپ ئولتۇرغاندىن كۆرە مەسىلىنى بىراقلا ھەل قىلىۋىتىش نىيىتىگە كەلدى،شۇنداق قىلىش كىرەك! ھازىر دەرھال گۈلھاياتنى ئىزدەپ تىپىپ ئۆزىدىنلا سوراش كىرەك،ئۇنىڭ گەپ-سۆزىگە قاراپ ئۆز ئەقلى بىلەن ھۆكۈم چىقىرىش كىرەك،ئۇ شۇلارنى ئويلاپ ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلدى،ئەپسۇس تېلىفۇن ئىتىك ئىدى،سائەتكە قارىۋىدى چۈشكىمۇ يىقىنلىشىپ قاپتۇ،ھازىر بارسا دەل گۈلھاياتنىڭ چۈشلۈك ئارام ئىلىش مەزگىلىگە توغرا كىلەتتى. iNX334%t  
    قېرى دەرۋازىۋەن ئۇنى ناھايىتى قىزغىن قارشى ئالدى،چۈنكى ئۇ زاۋۇتقا كۆپ كەلمىسىمۇ ،ھەممەيلەن ئۇنى كىچىك خوجايىن دەپ تونۇيتتى. Yj0w(r r>x  
    _ۋاي ،كىرەمجان كىلىپ قاپتۇغۇ؟ _9zm;z  
    _گۈلھاياتنى ئىزدەپ كەلگەن ،_ئۇ يوشۇرماي ئۇدۇللا ئىيتتى. ;cb8\JJ  
    دەرۋازىۋەن بۇۋاي بىردەم ھەيران بولۇپ ئاندىن ئىغىز ئاچتى. NX@#p* <  
    _تىخى ئىشتىن چۈشمىدى. |fE%H~ $  
    _ياتىقى قايسىدۇ؟ 6Zzq -F}  
    بۇۋاي ئىككى قەۋەتلىك ئۆينىڭ كەينىدىكى ئايرىم بىر خىش ئۈينى كۆرسەتتى. 78NBEhV p  
    _ياتاقنىڭ ئاچقۇچى سىلىدە بارمۇ؟ fCp=K`h  
    ئۇ بۇ يەردە تۇرغاندىن ياتاققا كىرىپ تۇرۇشنى مۇۋاپىق تاپتى،ئۇنىڭ ئۆستىگە ئايرىم ياتاق بولغاندىكىن باشقىلار بىلەنمۇ دوقۇرۇشۇپ قالمايتتى،ياتاق تاقاقلىق بولىشى مۇمكىن،ئەمما ئادەتتە بىر تالدىن زاپاس ئاچقۇچ دەرۋازىۋەندە بولاتتى. hbcK\R  
    _ياتاقنى ئىچىپ بىرەمدىلا،ئالىدىغان نەرسە بار ئىدى. pZUqE~ jCJ  
    بۇۋاي دىڭگۈسلاپ يۈرۈپ دەرۋازىۋەنخانىسىدىن قاتار ئاچقۇچلار ئىسىلغان يۇمىلاق چەمبەرنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭدى،ئۇ ماڭغاچ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى: x(L/;a  
    _باشقىلار ئاۋۇ قەۋەتتىكى ئوپچە ياتاقتا،_بۇۋاي چۈشەنچە بەرگەچ ئاچقۇچنى تەستە تىپىپ ئىشىكنى ئاچتى،ئىشىك ئىچىلىش بىلەن بىر تونۇش يىقىملىق پۇراق ئۇنىڭ دىمىقىغا گۆپپىدە ئۇرۇلدى،ئۇ «مۇشۇ يەردە گۈلھاياتنى بىردەم ساقلاي» دەپ بۇۋاينى ئۇزىتىۋىتىپ ياتاق ئىچىگە سەپسالدى،ياتاق ئوبدان جايلاشتۇرۇلغان بولۇپ ،يەرنىڭ ئاستىغا قىزىل شىرداق سىلىنغان،ئوتتۇرىسىغا قوش كىشىلىك كارۋات قويۇلۇپ ،كارۋاتنىڭ ئۈستى قىزىل ياپقۇچ بىلەن يىپىلغان ،تامنىڭ بىر تەرىپىگە ئىككى دانە يالغۇز كىشىلىك كىرىسلۇ قويۇلغانىدى،قارىغاندا بۇۋاي ئۇنىڭ «تۇققىنىمنى ئوبدانراق ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇڭ» دىگىنىنى ئەتراپلىق ئورۇندىغاندەك قىلاتتى،ئۇ كىرىسلۇدا ئولتۇرۇپ بىر تال تاماكا چەككەچ ئۆينىڭ تاملىرىغا سەپسالدى،تاملاردا ساپلا ھوللىۋۇدنىڭ ئەر كىنۇ ئارتىسلىرى بىلەن ھىندىستاننىڭ ئەر ئارتىسلىرىنىڭ سۈرەتلىرىگە قوشۇلۇپ گۈلھاياتنىڭ سۈرەتلىرىمۇ ئارىلاپ ئىسىلغانىدى،ئەگەر ئۇ گۈلھاياتنى تونۇمىغان بولسا ،ئۇنىڭ سۈرەتلىرىنى چەت ئەللىك كىنۇ ئارتىسلىرنىڭ سۈرىتىمىكىن دەپ ئويلاپ قىلىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى،ئۇ بۇ سۈرەتلەرگە قاراپ ئاغزىنى ئىچىپلا قالدى،سۈرەتلەردىكى گۈلھايات ساپلا يىرىم يالىڭاچ كىيىنگەن بولۇپ ،ئۇ دائىم كۆرۈپ تۇرىۋاتقان بىشىدىن ياغلىق چۈشمەيدىغان گۈلھاياتقا پەقەتلا ئوخشىمايتتى،ئەجەبا بۇ..قارىغاندا ئىزىزنىڭ دىگەنلىرى ۋە ئۈزىنىڭ تۇيغۇسى راس ئوخشىمامدۇ،ئۇ ئاچچىقى بىلەن تاماكىنى بىسىپ ئۆچۈرمەكچى بولغان ۋاقىتتا ئۆستەلدىكى بىر تالۇن قەغىزىگە كۆزى چۈشتى،قولىغا ئىلىپ قاراپ تالۇننىڭ تىگىدىكى «قىزلىق ئوپىراتسىيە» دىگەن خەتكە كۆزى چۈشكەندە چەكچىيىپ مىڭىسىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى،ئۇ قايتا-قايتا ئوقۇدى،خاتالىق يوق ئىدى،ئۇ بۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان ئەمما...  P'?=D  
    كىرەم بىردەم تۇرۇپ قالدى،ئاندىن دەرھال تالۇننى يانچۇقىغا سىلىپ تامدىكى گۈلھاياتنىڭ رەسىمنى شارتتىدە يۇلۇپ ئالدى-دە ،كانايچە قىلىپ تۈرمەللەپ قولىدا تۇتقانچە سىرتقا ماڭدى،تاكسىدا كىتىۋىتىپ تالۇنغا يەنە قارىدى،تالۇننىڭ ئۈستى قىسمىدا دوختۇرخانىنىڭ ئادرىسى بار ئىدى،تاكسى شۇپۇرىغا ئىيتىپ بىرىۋىدى بىلمەيدىغانلىقىنى ئيتتى،شۇ چاغدا كاللىسىغا بىر ئەقىل كەلدى-دە ،سەھىيە ئىدارىسىدىكى ئاغىنىسى ياسىنغا تىلىفۇن قىلىپ سۈرۈشتە قىلدى. *s}SN.i%  
    _بىلىمەن،ئۇ شەھەر ئىچىدىكى بىر كىچىك شەخسى دوختۇرخانا... t9#Yd=D|  
    _ئۇ يەردىكىلەرنى تونۇمسەن؟ Rbm& Sk  
    تونۇيمەنغۇ دەيمەن،تونۇسام-تونۇمىسام بىز باشقۇرىدىغان يەرلەر ئۇ . !e:'ub* B  
    _ئۇنداقتا ئىدارەڭنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇر،ھەر قانداق ئىشىڭنى قويۇپ ئىشىڭنى قويۇپ ماڭا شۇ يەرگە بىرىشىپ بەر. x_3rg VB  
    ئۇ ئۈزىنىڭ قايسى خىل ھالەتتە دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى بىلمەيتتى،قولىدا گۈلھاياتنىڭ سۈرىتى بىلەن ھىلىقى تالۇن تۇراتتى. %N"M|w y8W  
    _چىرايلىقمۇ قىز ئىكەن،ئۈچ قىتىم ئوپىراتسىيە قىلىپتۇ دىسە كىم ئىشىنىدۇ،ھەي ،ھازىر جاھان بۇزۇلۇپ كەتتى...ھە راس ئۇ سىنىڭ نىمەڭ ئىدى؟ A#sY)`VZ  
    _بىر تۇققىنىمىزغا ئىلىپ بەرمەكچى بولغان قىز. c{CUXbH  
    _نىمە بولدۇڭ،چىرايىڭ ئۆزگىرىپلا كىتىپتۇغۇ؟ BDl?$Wi  
    _ھىچنىمە،ياردەم قىلغىنىڭغا رەھمەت،مەن قايتاي،ساڭا ئايرىم تىلىفۇن قىلىمەن. z?w~iC%m  
    ئۇ شۇنداق دەپ ياسىن بىلەن خوشلاشتى،قولىدىكى سۈرەت ۋە تالۇننى پۈرلەپ ياندىكى ئەخلەت تۇڭىغا تاشلىۋەتتى،ئاندىن ئىزىزغا تىلىفۇن قىلدى. I+L0iNDV w  
    _ئاغىنىلەرگە تىلىفۇن قىل،مەن مىھمان قىلىمەن. zQAo 
    _نەگە بارىمىز؟ j@*O?K}OyX  
    _بۇرۇنقى جايغا بىرىپ تازا چىلاشقۇدەك ئىچەيلى. Az|uy0`I  
    )i?_cy9Hf  
    | ۋاقتى : 2008-03-25 21:53 8 -قەۋەت
    گۈلسىما
    ئۇيغۇر قىزى
    تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 1593
    نادىر تېما : 16
    يازما سانى : 1560
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1560دانە
    شۆھرەت: 2354 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 997 سوم
    تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1958 نۇمۇر
    قوللاش: 1681 نومۇر
    ئالقىش: 1937 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :651(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    (9)
    SH@w|\\g  
      ئۇ ئەتىسى چۈشكە يىقىن گاراڭ ھالەتتە ئورنىدىن قوپتى،ئاخشام ھەددىدىن ئارتۇق ئىچىۋەتكەنلىكتىن بېشى ئاغرىپ تۇراتتى،قاراپ بىقىۋىدى،يىنىدا قارىمۇتۇق بىر قىز سۇنايلىنىپ يىتىپتۇ،شۇندىلا ئۇ ئاخشام بىر قىز بىلەن «جەننەت ئارامگاھى» نىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى ياتاقتا يىتىپ قالغانلىقىنى سەزدى،ئەمەلىيەتتە بۇنى ياتاق دىگىلىمۇ بولمايتتى،كىچىلىرى مەسىت بولۇپ كىتەلمەي قالغانلار ياكى مۇشۇ يەردىكى «ئوقەتچى» قىزلار بىلەن  بىللە يىتىپ قالىدىغانلار،ياكى ۋاقىتلىقئىش بىجىرمەكچى بولغانلار يىتىپ قالىدىغان ياتاق شەكىللىك كىچىك كىچىك ئۆيلەر ئىدى،يىنىدىكى قارىمۇتۇق قىز بىر خىلدا ئۇخلاۋاتاتتى،بۇنداق ئۆيلەرنىڭ ئادەتتە دەرىزىسى يوق بولغاچ ،ئۆي ئىچى قاراڭغۇراق ئىدى،ئۇ ۋاقىتنىڭ قايسى چاغ بولغانلىقىنى بىلمەك بولۇپ تىلىفۇنىنى ئىزدىدى،يەردە پۈرلىشىپ ياتقان ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىدىن تىلىفۇننى تاپتى،تىلىفۇن ئىتىك ئىدى،ئۇ تۈنۈگۈن سورۇن باشلىنىش بىلەنلا تىلىفۇننى ئىتىۋەتكەنلىكى ئىسىگە كىلىپ تىلىفۇننى ئىچىپ تۇرىشىغا تىلىفۇن سايراپ كەتتى. jo&.S@  
      _ئۇكام بارمۇ سىز،_بۇ مۇسا قارىمنىڭ ئاۋازى ئىدى،نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ ئاۋازى ئەنسىز ئىدى. ,dea{TBu&  
      _ۋاي نىمىشقا تىلىفۇننى ئىتىۋىتىسىز جىنىم ئۇكام،بىر كۈن تىلىفۇن قىلىپ ئالالمىدىم،دادىڭىز... cBy~i2CF  
      _ئۇنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى. s8W A`  
      _دادىڭىز ىتىپ قالدى ئەمەسمۇ؟ TF! zXjPOf  
      _نەگە كىتىپ قالدى؟ Tzq%,  
      _ئەستا ما مالىنى ،دادىڭىز تۈگەپ كەتتى. _J3KU  
      _چاقچاق قىلمىسىلا،_...ئۇ شۇنچىلىكلا دىيەلىدى. DTK2&m}op  
      _بۇنداق ئىشقىمۇ چاقچاق قىلغىلى بولامدۇ ئۇكام،تۈنۈگۈن چۈش بىلەن ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراپتىكەن،سىز بىلەن ئالاقىلىشالماي ،ساقلاپ بىقىپ بامداتقا ئاچىقىپ ساي قەبرىستانلىقىغا قويىۋەتتۇق...ھازىر مەن شۇ يەردە...سىز نەدە؟...ھەي،گەپ قىلىڭە؟... (LDuzhG"  
      مۇسا قارىمنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرى ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى،شۇ تاپتا ئۇنىڭ سەگىپ كەتمىگەن كاللىسى تىخىمۇ قاراڭغۇلىشىپ قالدى،ئۇ بىردەم تىڭىرقاپ ئولتۇرۇپ ئارقىدىن ئالمان-تالمان كىيىملىرىنى كىيىشكە باشلىدى،كارىۋاتتىن چۈشۈشىگە بىرسى ئۇنىڭ قولىغا ئىسىلدى. &naE|+0dF  
      نەگە؟ k%_3tFEQc  
    ئۇنىڭ شۇ تاپتا گەپ قىلىشقىمۇ مادارى يوق ئىدى،قولىنى تارتىشتۇرۇپ ئالدىغا مىڭىۋىدى ھىلىقى قول ئۇنىڭغا تىخىمۇ كۈچلۈك ئىسىلدى. AQXzOw4  
      _قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ ،بىكارغا ماڭىدىغان دادىڭىزنىڭ سامانلىقى... R0%aXpjg  
      ئايالنىڭ گىپىنىڭ يىرىمى ئاغزىدا قالدى،چاڭڭىدە تەككەن بىر شاپىلاق بىلەن ئايال ئارقىغا ئۇچۇپ كەتتى،ئۇ يۈگۈرگەنچە ئۆزىنى ئىشىككە ئاتتى.
    | ۋاقتى : 2008-03-25 21:59 9 -قەۋەت
    گۈلسىما
    ئۇيغۇر قىزى
    تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 1593
    نادىر تېما : 16
    يازما سانى : 1560
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1560دانە
    شۆھرەت: 2354 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 997 سوم
    تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1958 نۇمۇر
    قوللاش: 1681 نومۇر
    ئالقىش: 1937 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :651(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    (10)
    j4O;8 X  
      ئۈچ نەزىر ۋە يەتتە نەزىر ناھايىتى ئاددى ئۆتتى،پەقەت مەسچىت قۇۋمى بىلەن مەھەللىدىكىلەر ئانچە-مۇنچە كىلىشتى،يىغا-زارە بولونمىدى،پەقەت تولۇق گىرىمىنى ياغلىق ئىچىگە يۇشۇرىۋالغان ياش ئۆگەي ئانىسىنىڭ مىھمانلار كەلگەندە ئاندا-ساندا يىغلاپ قويۇشىلا بۇ نەزىردىكى بىردىنبىر قايغۇنى ئىپادىلەش شەكلى بولدى،دادىسنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى يوق بولۇپلا قالماي ،تۈزۈك ئەل-ئاغىنىلىرىنىڭ يوقلۇقىمۇ بىلىنىپ قالدى،دادىسىنىڭ گەرچە زاۋۇت قۇرۇپ پۇل تاپقان بولسىمۇ يۈز تاپمىغانلىقى ئاشكارە بولدى،پۇل تىپىش بىلەنلا بولۇپ ،ئەل جامائەتكە ئارىلاشمايدىغان ،ھىچكىمنى ياراتمايدىغان بۇ ئادەمنىڭ ئۆلۈمىمۇ ،ئاخىرەتلىك ئىشلىرىمۇ ئىنتايىن قەدىرسىز ئىلىپ بىرىلماقتا ئىدى،ئۇ تۇرۇپلا ئۆزىنىمۇ دادىسى بىلەن ئوخشاشتەك سىزىپ قالدى،بۇرۇن ئۈزىنى دادىسىغا قارىغاندا دوست تاپقان،ئاغىنىلىرىم جىق دەپ ئويلايتتى،ئەمما بۇ جانجىگەر دوستلىرى ئۇنىڭ بىلەن ھاراق ۋە قىزلار سورۇنىدا بىللە ھە پە دىيىشىپ ئولتۇرۇشقىلا يارىغان بىلەن ،ھالقىلىق ۋاقىتتا تۇتامغا چىقماي قالدى،ئۇ يۈزۈم بار،ھۆرمىتىم بار دەپ ئويلايتتتى،ئەمما ئۆزىنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئورنىنىڭ بەك پۈچەك كىشىلەر ئارىسىدىلا ساقلىنىپ قالغانلىقىنى سەزدى. ]|[  
      ئىزىز قاتارلىق بىر نەچچىسى سائەت توققۇزلارغا كىلىپ  ھاراقتىن قىزارغان كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ پولۇ يىيىشكەندىن كىيىن ،«ياسىننىڭ بىرمۇنچە قىز دوستلىرى كەپتىكەن،دىككىدە شۇلارنىڭ ئالدىغا بىر چىقىپ كىلەيلى» دەپ كىتىپ قالغانچە يۇقاپ كىتىشكەنلىكىنى بىلدى.راخمان توقماقتىن رەنجىگىلى بولمايتتى،مۇشۇ كۈنلەردە ئۇ يەنە تۈرمىدە ئىدى،ئۇ باشقىلاردىن راخماننىڭ بىرسىگە پىچاق تىقىۋىتىپ تۈرمىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى چالا-پۇچۇق ئاڭلىغان بولدى،ئۇنىڭ ھەر ھالدا ئوغۇل بالىدارچىلىقى بار ئىدى،تۈرمىدە بولمىغان بولسا كىلىپ ئۇنىڭ پۇتىغا پۇت،قولىغا قول بولالمىسىمۇ ،يىنىدا تۇرۇپ بەرسە كۆڭلى تەسكىن تاپاتتى،ئۇ شۇنى ھىس قىلىپ يەتتىكى ،ئەل-ئاغىنە،دوست-بۇرادەر دىگەن ئويناپ-كۈلۈپ يۈرگەندە ئەمەس ،بىشىغا كۈن چۈشكەن،قايغۇرغان چىغىدا بەك كىرەكلىك ئىكەن،ئۇ بۇرۇن چۈشەنمىگەن ،دوسلىرىغا ئۇ كىرەك بولغاندا ئۇلارنىڭ يىنىدا بولالمىغان ،ئۇلارنى يۇۋاش ،ئويۇن ئويناشنى ئۇقمايدۇ دەپ تاشلىۋەتكەنىدى،ئاشۇ دوسلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر نەچچىسى ئۇنىڭ يىنىدا باشتىن -ئاياق تۇردى،ئۇ ئۇلار بىلەن ئۈزى ئوتتۇرىسىدىكى كۆڭلىنىڭ بۇرۇنقىدەك ئۇنداق بەك يىقىن ئەمەسلىكىنى ،ئارىلىقنى ئەسلى ئۈزى ئۇزارتىۋەتكەنلىكىنى ھىس قىلدى،غايىلىك،قائىدىلىك،موھەببەت-نەپرىتى ئىنىق بۇ «ياۋاش» ئاغىنىلىرىنىڭ خىلىلا ئىش ئۇقىدىغانلىقىنى بايقاپ قالدى،بولۇپمۇ ئۈزى يامان كۆرگەن مۇسا قارىم،ئىچ ئاغرىتىپ ئاندا-ساندا ياردەم قىلىپ قويغان ئايشەمخان،ئۆزى ھەيدىۋەتكەن ئايالدىن ئالەمچە خوش بولدى،ئۇلار باشتىن-ئاخىر ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى،بولۇپمۇ ئايالى قاردەك ئاپپاق ياغلىق ۋە ئۇزۇن كۆڭلەك بىلەن ئۈچ نەزىردە پەيدا بولغاندا ،ئىشلارنى رەت-رىتى بىلەن جايلاشتۇرۇپ يۈگۈرۈپ يۈرگىنىدە ئۇنىڭغا خۇددى پەرىشتىدىك بىلىندى ھەم قىلغان ئەتكەنلىرىدىن خىجىل بولدى،ئۇ مۇشۇ كەمگىچە شۇنچە كۆپ قىزلار بىلەن ئارىلاشقان بولسىمۇ ،بىرىدىنمۇ تىلىفۇن كىلىپ قويمىدى،ھەتتا ئاشۇ كۈنلەردىمۇ گۈلھاياتتىن تۇيۇقسىز تىلىفۇن كىلىپ قىلىشىنى كۈتتى،ئەگەر شۇنداق بولغاندا ئۇلار ئەر خوتۇن بولمىسىمۇ ،دوسلۇقىنى ساقلاپ قىلىشى مۇمكىن ئىدى،ئەمما ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى،ئۇ بۇ يەتتە كۈن جەريانىدا تۇرمۇشنى قايتا چۈشەنگەندەك بولدى،بۈگۈن يەتتە نەزىرىنى بىرىپ بولۇپ ئۈيىدە يالغۇز قالدى،ئايالىمۇ كەتكەنىدى،ئۇ ئەينەك ئالدىغا كىلىپ يەتتە كۈندىن بۇيان تۈنجى قىتىم ئەينەككە قارىدى،شۇ تاپتا ئۆزىنى تونۇيالمىغىلى تاس قالدى،ئەينەك يۈزىدە چاچ-ساقاللىرى ئۈسكەن،كۆزلىرى ئولتۇرۇشقان بىر كىشى ئۆزىگە قاراپ تۇراتتى،ئۇنىڭ تۇرقى خۇددى ھىكايە چۈچەكلەردىكى ئاشىق،دىۋانىلەرگە ئوخشايتتى،مۇشۇ تۇرقىدا ئۆزىنى يەتتە ياش قىرىپ كەتكەندەك ھىس قىلدى،شۇ تاپتا ئۇنىڭ گىلى قىچىشىپ بىر تال تاماكا چەككۈسى كىلىپ قالدى،بىر ھەپتىدىن بۇيان تاماكىنى ئاغزىغا ئالمىغانىدى،سىرتقا چىقىپ تاماكا سىتىۋىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدى،تۇيۇقسىز ئىشكاپ ئىچىدە تاماكا برمىدۇ دىگەن خىيال بىلەن ھەممە ئىشكابنى ئاختۇرۇپ چىقتى،ئۇ ئادەتتە يىرىم كىچىدە تاماكا تۈگەپ قالسا چىكىش ئۈچۈن بىرەر قاپنى كۆزدىن نىرى قويۇپ قوياتتى،تاماكىنىمۇ تاپتى،تاماكا بىلەن تەڭ يەنە بىر نەرسە قولىغا چىقتى،ئۇ بىر تال چەككەچ رامكىغا ئىلىنغان بىر پارچە كىچىك سۈرەتنى قولىغا ئىلىپ ئۇزاق قارىدى،ئەينەكنىڭ ئىچىدە بىر ئەر بىلەن بەش-ئالتە ياشلىق بىر ئوماق بالا قۇچاقلىشىپ تۇراتتى. u1x=1mp.  
      مانا مۇشۇ ئەينەكتىكى ئورۇق،ئىگىز،قارا قاشلىق كۆزلىرى چوڭ ئادەم ئۇنىڭ دادىسى ئىدى،تۇيۇقسىز يەتتە كۈندىن بۇيان ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تۈنجى قېتىم ياشلار تاراملاپ تۈكۈلدى،ئۇ دادىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا ،تۇپراق بىشىغا يۈكۈنگەندە كۈزىدىن ياش ئاقمىغانىدى،چۈنكى ئۇنىڭ دادىسىغا بولغان ھىسسىياتى بىر خىل مۈرەككەپ بولۇپ ،يىقىنلىقتىن بەكرەك ئارىلىق ساقلانغان،موھەببەتتىن بەكرەك نارازىلىق ئورناپ كەتكەن ھىسسىيات ئىدى،ئۇ مۇشۇ سۈرەتتىكى كىشىنىڭ ئۇنىڭ مۇشۇ دۈنيالىقتىكى بىردىنبىر يىقىن كىشىسى ئىكەنلىكىنى بۇرۇن پەقەتلا ھىس قىلىپ باقمىغانىدى،ئۇ دادىسىنى يۈلەنگەن تىغى دەپ ھىس قىلمايتتى،ھەتتا ئۇنى ئىزچىل ياقتۇرماي كەلگەنىدى،قاچان ئەقلىنى تاپقاندىن بۇيان دادىسى بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش تۈگىمىدى،ئۇ ئىزچىل دادىسىنى ئەيىپلەپ كەلدى،يۈز تۇرانە گەپ قىلمىسىمۇ ئانامنىڭ ئۆلۈمىگە دادام سەۋەپچى دەپ ئىچىدە غۇم ساقلاپكەلدى،بەزى چغدا دادىسىنىڭ ئانىسىغا سالغان كۈلپەتلىرىنى ئويلاپ ،ئاچچىقىدا دادىسىغا ئۆلۈممۇ تىلىگەنىدى،مانا ئەمدى دادىسى ئۇنىڭ كۆزىدىن مەڭگۈ غايىپ بولغاندا شۇنچىلىك قەدرلىك بىلىنىشكە باشلىدى،ئۇ خۇددى ئۆزىنى دۈنيادا تىكەندەك يالغۇز ھىس قىلدى،ئۇ مۇشۇ كەمگىچە دادىسى بىلەن بىللە ئۇزاقراق مۇڭدىشىپ باقمىغانلىقىنى ئويلاپ ئۆكۈندى،ئۇ ھەتتا دادىسىنىڭ چىرايىنىمۇ ئاخىرقى قىتىم كۆرەلمىگەنلىكىنى ،جىنازىسىنى كۆتۈرۈپ ،ھازا ئىچىپ ماڭالمىغانلىقىنى ئويلىغاندا ئۆز-ئۆزىدىن قاتتىق نۇمۇس قىلدى،دادا دىگەن مەيلى قانچىلىك ئەسكى ،بولۇمسىز بولسىمۇ ،ھايات تۇرۇپ بەرگىنىنىڭ ئۆزى كۇپايە ئىكەن ئەمەسمۇ؟  
      تىلىفۇن سايراپ كەتتى. k_p ;F_T4a  
      _ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،كىمۇ؟ ,^lL5Y^>K  
      _كىرەمكا،مەن ئاينۇر،ئۇلار دۇكاننى پىچەتلەيمىز دەيدۇ؟ Xc~p 4\  
      _نىمىنى پىچەتلەيدىكەن؟ {Au{d5/9F  
      _مەنمۇ ئۇقمىدىم،بانكىدىن بىر نەچچە ئادەم كەپتۇ،سىز دەرھال كىلەمسىز؟ BV;_Sj"  
      ئۇ كۆزلىرىدىكى ياش يۇقىنى يىڭى بىلەنلا سۈرتۈپ دۇكانغا قاراپ يول ئالدى.  S17B!  
      دۇكاننىڭ ئەتراپىنى ئادەملەر ئورىۋالغان،بىر نەچچە ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى تۇرقىدىكى ئادەملەر دۇكاننىڭ ئىچى-تىشىغا قاراپ بىر نەرسىلەرنى يىزىۋاتقانىدى،ئاينۇر بىر بۇلۇڭدا سالپىيىپ ئولتۇراتتى. / XBXb?Q  
      _نىمە ئىش بولدى_دىدى ئۇ ئۇلارغا قاراپ. O2yTULc  
      _دۇكاننى پىچەتلەيمىز،_دىدى ئارىدىكى بىر ياش ئايال قوپاللا قىلىپ.  wa[Kr9<B  
      _نىمىشقا پىچەتلەيسىلەر؟ yzv]Ez2  
      _خاتىرە يىزىۋاتقان ئايال بىشىنى كۆتۈرۈپ ،كۆزەينىكى ئىچىدىن ئۇنىڭغا باشتىن-ئاياق بىر ھومىيىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن ئېيتتى: -Y$}<$u  
      _پىچەتلەپ ساتىمىز،قانداق نىمىسەن،خىزمەتكە توسقۇنلۇق قىلماي بۇ يەردىن چىقىپ كەت. lgN=4~ia:  
      _بىشىم يۇمىلاق،پۇتۇم ئاچىماق،ساڭا ئوخشايدىغان نەرسىمەن،مىنىڭچە چىقىپ كىتىشكە تىگىشلىك ئادەم سەن،سودىنى بۇزماي دەرھال چىقىپ كەت_كىرەم شۇنداق دەپلا دەرھال ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپلا سىرتقا ئىتتىرىۋەتتى. K7+|2X  
      _سەن تىخى ئادەم ئۇرماقچىمۇ،قىنى ئەمدى ئۇرۇپ باقە لۈكچەك،قەلەندەر!_ئايال ئۇنى ھە دەپ تىللايتتى. nG6?Tmbd  
      _مانا ئۇرۇش دىگەن،_كىرەم ئايالنىڭ گىپىگە چىدىماي ئالدىغا ئىتىلىۋىدى ئايال بىلەن بىللە كەلگەنلەر ئۇنى توسۇۋالدى. #yF<Yl Lv  
      _بولدى قىلىڭ ئۇكام،ئاچچىقىڭىزغا ھاي بىرىڭ،_ئارىدىن بىر سىمىز،ياشانغان خىزمەتچى ئۇنى تارتىپ كىلىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى ھەم ئۇنىڭ بىلىدىكى ئاققا بىر قارىۋىتىپ ئىيتتى: RpT Av~  
      _ئايال كىشى بىلەن تەڭ بولماڭ،ئۇنىڭ مىجەزى شۇنداق. Fz5\/Gj=  
      _ئۇنىڭ مىجەزى شۇنداق بولسا مىنىڭ مىجەزىم ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە! yA{ 3x  
      _ئۇنداق دىمەڭ،ھۆكۈمەت خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلسىڭىز قاملاشماس. !0P932<  
      _ئۇ ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بولۇشقا لايىقمىكەن؟مىنىڭچە ئۇ ھاجەتخانا تازىلىسا بولغىدەك. @_lADr  
      _ماڭا قاراڭ،قارىسام جىق ئوقۇمىغاندەك تۇرىسىز،نىمە قىلىسىز يۇقىلاڭ ئىشلارغا ئارىلىشىپ،زىيان تارتىپ قالغۇچە گىپىمنى ئاڭلاپ كىتىڭ،بولامدۇ،ھىلى ساقچى كىلىپ قالسا... U#(T,|pw  
      _شۇنداق مەن جىق ئوقۇمىغان ئادەم،ئەمما قايسى قانۇندا ئوقۇمىغان ئادەم ،ئەمما قايسى قانۇندا ئوقۇمىغان ئادەم ئۆز مال-مۈلكى دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىسا ئۇنىڭ قوغداش ھوقۇقى يوق دەپ يىزىلغانكەن،ماڭا دەپ بىرەلەرسىزمۇ ئوقۇغان ئاكا،_كىرەم ئۈزىنى تۇتۇۋىلىپ تەنە ئارىلاش بۇ سالاپەتلىك كىشىگە قارىدى. ~El=Z  
      سىمىز ئادەم ئۇنىڭ ئۈستى بىشىغا بىر قۇر نەزەر سىلىۋەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭدىن ھەيرانلىق بىلەن سورىدى. 4BDLuA  
      _سىز بۇ دۇكاننى ئىجارىگە ئالغان كىشىمۇ؟ tj|7A<a  
      _نىمە ئىجارىكەن،بۇ دۇكان مىنىڭ. ~F0*<%$  
      _ياق خاتالاشتىڭىز،بۇ دۇكان ئەسلى «يالقۇن» باسما زاۋۇتى باشلىقى يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ،لىكىن ئەمدى بۇ دۇكان بانكىنىڭ بولۇپ كەتتى. C+e<7B  
      _بۇ نىمە دىگىنىڭىز،مەن يۈسۈپنىڭ ئوغلى،بۇ دۇكان مىنىڭ،دادام مىنىڭ نامىمغا يازدۇرۇپ بەرگەن. {E%].7zA  
      _شۇنداقمۇ دەيلى،ئەمىسە قولىڭىزدا ئىسپات بارمۇ؟يەر ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى كىنىشكىسى بارمۇ؟ DMpXgX*~:q  
      ئۇ لاسسىدە بوشىشىپ كەتتى،كىنىشكىنى ئالتە ئاي بۇرۇن دادىسى ئىشلىتىمەن دىسە ئاپىرىپ بەرگىنى يادىدا ئىدى،شۇ چاغدا زاۋۇت غوجىدارى ئالىم پەيدا بولۇپ ئۇنى بىر يانغا تارتتى. n$T&|DG k  
      _بۇ مۇنداق ئىش كىرەمجان،سىزگە دەپ قوياي دەپ ئويلىغان ،لىكىن قارىلىق بولغاچقا نەزىر ئۆتكەندىن كىيىن دەي دەپتىمەن،بۇلارنىڭ مۇنداق بالدۇر كىلىۋىلىشىنى ئويلىماپتىمەن،دادىڭىز ئالتە ئاي بۇرۇن ئىچكىرىدىكى بىر سودىگەر بىلەن بىرلىشىپ زاۋۇت قۇرماقچى بولۇپ ،زاۋۇت ۋە مۇشۇ دۇكاننى رەنىگە قويۇپ بانكىدىن 10 مىليۇن قەرىز ئالغان،ھازىر ئۇ پۇلنىڭ ئورنى يوق،بۇنى ھىچكىم بىلمىدى،زاۋۇتنىڭ كىنىشكىسى بىلەن دۇكاننىڭ كىنىشكىسى قەرىز ھىسابىدا بانكىنىڭ قولىدا رەنىگە قويۇلغان،شۇڭا قانۇنى جەھەتتىن دۇكان ۋە زاۋۇت شۇلارنىڭ ئىلكىدە. vbNUv!|  
      كىرەمنىڭ پۈتۈن بەدىنى بۇشىشىشقا باشلىدى. '/47ZFk3  
      _ئەمما ،دۇكان كىنىشكىسى مىنىڭ نامىمدا ئىدىغۇ؟ Q}5,%O9   
      _كىنىشكىنى دادىڭىز ئۆز نامىغا يۆتكەپ ئىشلەتكەن. IaR1 <* V  
      ئۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالدى،ئالىم ھىلىقى سېمىز ئادەم بىلەن قىسقىچە پاراڭلاشقاندىن كىيىن ،ئۇ ئادەم كىرەمنىڭ ئالدىغا كەلدى. 9'BW8 
      _ئۇكام،بۇ ئىشنى سەل كەينىگە سۈرۈپ تۇرايلى،ئەتىگەندە ئاچچىقىڭىز يانغاندا ئىشخانىغا بىرىڭ،شۇ يەردە دىيىشەيلى. w &}o$  
      ئۇ ئۆيىگە قانداق ھالەتتە كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتى،ئۇنى ياشناتقان،ھۆركىرەتكەن بىردىنبىر مۈلكى مۇشۇ دۇكان ئىدى،دۇكان بولغاچقىلا كۆڭلى توق،قۇلى ئۇزۇن ئىدى،ئەمدى بۇ دۇكاندىن مۇشۇنداقلا ئايرىلىپ قالدىمۇ؟ ئەجەبا ،دادىسى ئۇنىڭغا مۇشۇنچىلىك نەرسىنىمۇ قويماي ،سۆرەپ كەتتىمۇ؟ شۇ تاپتا ئۇ دادىسىدىن قاتتق نەپرەتلەندى،ئۇنىڭ ئۆستىگە ،ھىلىقى ئايالنىڭ ئۇنىڭغا مەنسىتمەي قىلغان مۇئامىلىسى غەزىبىنى قوزغاپ تۇراتتى،ئۇ تاماكا چىكىپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز تىكلىمە ئەينەك ئالدىدىكى تۇرقىغا قاراپ قالدى،ساقاللىرى ئۈسكەن،كۆزلىرى ئولتۇرۇشقان،بىشىغا كىرلەشكەن دوپپا،ئۇچىسىغا كىلەڭسىز كونا پەلتۇنى كىيىپ ،شوينا بىلەن باغلىۋالغان بىرى ئۇنىڭغا تىلەمچىدەك قاراپ تۇراتتى،ئەسلى ھىلىقى ئايالنىڭ ئۇنى كۆزگە ئىلمىغىنى راس ئىكەن،دادىسى تۆگەپ كەتكەن شۇ چاغدا ئۇ قارىلىققا كىيىدىغان كىيىم تاپالماي تىپىرلاپ يۈرگەندە ،بۇ كىيىملەرنى مۇسا قارىم تىپىپ ئۇنىڭغا كىيگۈزۈپ قويغانىدى،شۇنىڭدىن بىرى بۇ كىيىمنى ئۇچىسىدىن سالمىغانىدى،ئۇ ئۆزىنى تۇيۇقسىز راستىنلا قەلەندەردەك ھىس قىلىپ قالدى،شۇ پەيتتە تېلىفۇن سايراپ كەتتى: !jhd__  
      _جان بارمۇ؟ lzF &89_  
      _يوق! *^&%ZkD#  
      _چاقچاق قىلماي دەرھال بۇرۇنقى جايغا كەل،چىرايلىق قىزلار بىلەن بىرلىشىپ قاراڭنى ئوشتۇۋۇتەيلى.  Rq6p_B}&  
      ئۇ غەزەپتە يىرىلىشتتىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ قالدى. a[ P_%2  
      _ئاداش،مەن تاغدەك بىر ئادەمنى توپىنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ قويغىلى ئاران يەتتە كۈن بولدى،خىجىل بولماي شۇ گەپنى دەۋاتامسەن؟ IvP@3xgE  
      كىرەم شۇنداق دەپلا تىلىفۇننى قويىۋىتىپ ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلىدى،ئۇ شۇتاپتا ئۆرە تۇرغىدەك مادارىنىڭ قالمىغانلىقىنى ھىس قىلدى. t[a I0=H  
     
    | ۋاقتى : 2008-03-25 22:01 10 -قەۋەت
    گۈلسىما
    ئۇيغۇر قىزى
    تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 1593
    نادىر تېما : 16
    يازما سانى : 1560
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1560دانە
    شۆھرەت: 2354 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 997 سوم
    تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1958 نۇمۇر
    قوللاش: 1681 نومۇر
    ئالقىش: 1937 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :651(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    (11)
    KM;Tv,Y?  
      ئۇ ئۈچ كۈندىن بىرى بىكىنىۋىلىپ سىرتقا چىقمىدى،ئۆزىنى گۇيا ھاياتتا ھىچنىمىسى قالمىغاندەك سەزدى،ئادۋۇكات سىلىپ ھىسابات ئىنىقلاش ،ساقچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ زاۋۇتنى قويۇۋەتكەن كىشىنى تىپىش ،سوت ۋە باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈش قاتارلىقلارغىمۇ ئىلگىرى كىيىن بولۇپ 2000 يۈەن خەجلىگەن بولسىمۇ ،بۇ پۇللار ھاۋادا نەتىجىسىز توزۇپ كەتتى،دۇكان ۋە زاۋۇت بانكىغا ئۆتكۈزۈلۈپ سىتىۋىتىلدى،زاۋۇتتىنغۇ ئەزەلدىن تەمەيى يوق ئىدى،ئەمما دۇكىنى سىتىۋىتىلگەندە ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتى ،قىممىتى ۋە بۇندىن كىيىنكى تەقدىرىنىڭ دۇكان بىلەن تەڭ قوشۇپ سىتىۋىتىلگەندەك ھىس قىلىپ قالدى،دادىسى تۈگەپ كەتكەندە ئۇ ئۆزىنى يالغۇز قالغاندەك  ھىس قىلغانىدى،دۇكىنىدىن ئايرىلغاندا بولسا ئۆزىنى ئەڭ بىچارە سەزدى. R,QA)_h  
      ئۇ ئىگىسى ئۆيدىن قوغلاۋاتقان مۈشۈكتەك تۈگۈلۈپ ياتقاندا ئىشىك چىكىلدى. AjZT=_#=  
      _بارمۇ سەن،ھەي ئۇكا. TD:^&o+  
      ئىشىك تۈۋىدە مۇسا قارىم تۇراتتى. *rj0 
      _يائاللا ،نىمە بۇ دوزاختەك قاراڭغۇغا بىكىنىۋالدىڭ،ئوت كەتكەنمىكىن دەپتىمەن ئۆيۈڭگە،نىمە ئىس بۇ؟ئۆھۆ..ئۆھۆ.._مۇسا قارىم كىرىپلا تاماكىنىڭ ئىسىدا يۆتىلىپ كەتتى. s[wH4HM1s  
      _بولە بول،ئىشىك-دىرىزىلەرنى ئاچە،ئولتۇرۇپ قالغان قىرى قىزدەك ئولتۇرماي،ئەستا شەيتان،ئاغزىمنى بۇزۇۋەتتىما،ماۋۇ بالىنىڭ قىلغان قىلىقىنى؟ NujlFZ  
      مۇسا قارىم سۆزلىگەچ ئۆزى پەردىلەرنى قايرىپ دەرىزىلەرنى ئىچىۋەتتى،_ئادەم دىگەننىڭچۇ،ئەتراپى يورۇق تۇرمىسا كۆڭلى قاراڭغۇدا قالىدۇ،قارا ماۋۇ مەينەتچىلىكنى،مەينەت يەرگە شەيتان ئامراق،پەرىشتە كەلمەيدۇ دىگەننى ئاڭلىمىغانمىدىڭ،قوپە،ئۆيگە شامال ئۆتكۈچە بىزنىڭكىگە چىقايلى،قۇرنەم ھەدەڭ ئوخشىتىپ سۇيۇقئاش قىلدى. )iI9ANCky~  
      _تاماق يىگۈم يوق. i?+wW;  
      _نىمە دەيدۇ ما بالا،تاماقنىمۇ يىگۈم يوق،يىگۈم بار دەپ يەيدىغان نەرسىمۇ،ئوغۇل بالا بولغاندىكىن ئۆلسەڭمۇ قورسىقىڭنى توقلاپ ئۆلىدىغان بولە... ;roX.UW{  
      مۇسا قارىم ئۇنىڭ قولىدىن سۆرەشتۈرۈپ يۈرۈپ ئۆيىگە ئاچىقتى،ئايالى دەستىخان سىلىپ سۆيۈقئاشنى ئەكىردى،ئاشنىڭ مەززىلىك پۇرىقى دىمىقىغا ئۇرۇلدى،ئىككى كۈندىن بىرى قۇرۇق چۆپنى سۈيۈقئاش قىلىپ ئىچىپ يۈرگەنلىكتىن ،ئاش كۆزىگە گۈل كۈرۈندى،ئاش ئوخشىغانىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسا قارىم ئۇنى دەپ ،بۇنى دەپ يۈرۈپ جىق يىگۈزىۋەتتى،قىزىق چاي ۋە ئىسسىق ئاش ئۇنىڭ تىنىگە ئازراق مادار قوشقاندەك بولدى. 8 +$>Ivzu  
      _ھە،ئەمدى گەپكە كىلەيلى،قانداق پىلان بار ئۆزۈڭدە _مۇسا قارىم تاماقتىن كىيىن ئۇنىڭدىن سورىدى. ow-c(Z7s)  
      _ھىچقانداق،قانداق پىلان بولماقچىتى... lP`7:H|2XP  
      _چۈمۈلە چىغىدا بىر پىلان بىلەن ھەركەت قىلىدۇ،ئادەم تۇرۇپ پىلان بولمىسا قانداق بولىدۇ. ,y0? w.pq  
      _ئۆلۈۋالماقچىمۇ،ياشىماقچىمۇ؟ شۇنىڭغا نىسبەتەن بىرەر پىلان قۇرغانسەن؟ 1|97Eb1  
      ئۇ جىمجىت، بىشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇراتتى. !)yMy"  
      _خوش ئۆلۈۋالىدىغان نىيەت يوقتۇ؟  (kl?.2;  
      _ياق تىخى... *([*Ry%g)  
      _ئۆلۈۋىلىشقۇ ئاسان،ئۇكا ،ئەمما ئۇ يارىماسنىڭ ئىشى،ئىگىسىمۇ راۋا كۆرمەيدۇ،قارا يۈز بولۇپ كىتىدىغان ئىش،خوش ئۇنداقتا ئۆلۈشكە بولمايدىكەن،ياشاش لازىم،ياشاش ئۈچۈن تىرىكچىلىك كىرەكتە،بۇندىن كىيىن قانداق تىرىكچىلىك قىلاي دەيسەن؟ 0/D`frSVX  
      _بىلمىدىم. l 9F`z@  
      _كونىلاردا «خالتاڭغا بىقىپ ئۇن تارت» دەيدىغان گەپ بار،بۇندىن كىيىن جان بىقىشىڭغا ئەسقاتقىدەك قايسى ھۈنەرنى بىلىسەن،بۇنى دەڭسەپ باقتىڭمۇ؟ ]Z1Ip0xH  
      ئۇ ئويلاپ قالدى،مۇسا قارىم بۇندىن بۇرۇن پەقەتلا ئويلاپ باقمىغان بىر ئىشنى سوراۋاتاتتى،ئۇ مۇشۇ كەمگىچە شېئىر يىزىپ ،دۇكان ئىچىپ كەپتۇ،شائىرلىقنى ھۈنەر دىگىلى بولمايتتى،دۇكان ئىچىشقا توغرا كەلسە ئەمدى نىمىنى ئاچىدۇ...  KKf52r  
      _ياق تىخى... qT04_  
      _كۆڭلۈك ئەمەس،كۆزۈڭ يىتىدىغان ئىشنى دىگىن ،نىمە ئىش قىلساڭ ماڭدۇرۇپ كىتەلەيدىغاندەك قىلىسەن؟ lyznV"w#  
      _مۇشۇ كەمگىچە دۇكان ئىچىپ كەپتىمەن،شۇنى ئوبدان قىلالارمەن. I^|_&#  
      _ھەببەللى مانا ئەمەسمۇ،ئۇنداقتا يەنە شۇنى قىل! QpM\hD 1&  
      ئۇ مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى،_ئەمدى نىمىگە ئاچىمەن،دۇكانمۇ،دەسمايىمۇ يوق؟ q6-4Cjf[  
      _خوش قۇلۇمدا بىر تىيىنمۇ يوق دىگىن. ^0H2j&F  
      _بولۇشىغۇ بار،5000 يۈەن بار. kGT#MwS<  
      _5000 يۈەنمۇ ئاز پۇل ئەمەس،كوچىدا ئاياق مايلاپ يۈرگەنلەر بىر يىلدا تاپالمايدۇ ئۇنى،_مۇسا قارىم ئايالىنى توۋلىدى. !EYL/-%  
      _ھاي قۇرنىخان،ئاچىقىڭلا ھىلىقى نەرسىنى. _dEKy*  
      ئايالى بىر ياغلىقتىكى نەرسىنى ئاچىقىپ مۇسا قارىمغا سۇندى. m\k|hym  
      _سىلىمۇ ئولتۇرۇڭلار،_مۇسا قارىم ئايالىغا شەرەت قىلىپ ياغلىقنى يەشتى،ياغلىقتىكى ئەللىك ۋە يۈز يۈەنلىكتىن باغلانغان پۇل ئىدى. *+oObUu  
      _ئۇكام ،ئەمىسە ماۋۇ پۇللار ھەدەڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ ھالالدىن يىققان پۇللىرى،بۇنى ساڭا قەرز بەرگەن بولىمىز،يىل ئاخىرىدا ساق قايتۇرساڭلا بولدى،بۇنى يىنىڭدىكى پۇل بىلەن قوشۇپ ئۇرۇقلۇق قىلغىن،دۇكانغا كەلسەك،كىچىك،كۈرۈمسىز بولسىمۇ ،دوقمۇشتىكى دۇكاننى بىلىسەن،شۇلاردىن بىرسى ھازىر بىكار تۇرىۋاتىدۇ،شۇنى ئوڭشاپ تىرىكچىلىك قىلامسەن؟ ئىجارىسىنى يىل ئاخىرىدا بىرەمسەن ياكى تاپقاندا بىرەمسەن ،بەرسەڭلا بولدى،كۆزۈڭگە كىرىۋالمايمىز،ئوغۇل بالا دىگەن يىقىلغان ئورنىدىن دەس تۇرۇپ مىڭىپ تۇرسا ئاندىن يەرمۇ كۆتۈرگىنىگە خوش بولىدۇ،قىنى ئالە قولۇڭغا،ئورنۇڭدىن بىر تۇرە. 7?&1-{M}n  
      ئۇ مۇسا قارىمنىڭ گىپى بويىچە ئورنىدىن دەس تۇردى،تۇردىيۇ بىشى قىيىپ مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى. T\e681ifc  
     
    | ۋاقتى : 2008-03-25 22:51 11 -قەۋەت
    گۈلسىما
    ئۇيغۇر قىزى
    تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 1593
    نادىر تېما : 16
    يازما سانى : 1560
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1560دانە
    شۆھرەت: 2354 كىشىلىك
    سەلكىن دوللىرى: 997 سوم
    تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1958 نۇمۇر
    قوللاش: 1681 نومۇر
    ئالقىش: 1937 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :651(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    داۋامى جىددى يىزىلىۋاتىدۇ،تەخىر قىلىشقايلا.
    | ۋاقتى : 2008-03-25 22:53 12 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    سەلكىن مۇنبىرى » گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردىن تەرمىلەر

    Time now is:03-26 05:02, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation