« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: مەن ئەمدى  قانداق قىلاي؟(راس ئىشلار خاتىرىسى) IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 43682 قېتىم كۆرۈلدى
گۈزەل3.8
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 8306
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 163
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە163دانە
شۆھرەت: 563 كىشىلىك
پۇل : 5447 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 253 نۇمۇر
قوللاش: 204 نومۇر
ئالقىش: 313 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :213(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 مەن ئەمدى  قانداق قىلاي؟(راس ئىشلار خاتىرىسى)

1
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئىدىرىسجان تەرپىدىن تاقالدى(2008-08-09)
تۆۋەندە يېزىلغانلىرى بىر دوستۇمنىڭ ھەقىقى تۇرمۇشى،ھەرگىزمۇ ئويدۇرما ئەمەس،شۇڭا تورداشلارنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن [Ir_hij  
,b~Y'*d07u  
     كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە،ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن،ئۆيلەرنى تازىلاپ بولۇپ،ئەمدى كومپيوتىرنىڭ ئالدىغا كېلىشىمگىلا ئىشىك قوڭغىرىقى جىرىڭشىپ كەتتى.بۇنچە ئەتىگەندە كەلگەن كىمدۇ دەپ ئىشىكنى ئاچتىم.قارىسام،تۈنۈگۈن تېخى مەن ئۆيىگە بارغان يېقىن دوستۇم ئاينۇر ئىدى.چىرايى تاتىراڭغۇ،كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ،بەكمۇ ھارغىن قىياپەتتە تۇراتتى،تېچلىق سورىشىپ،ئۆيگە باشلىدىم.ئۇ كىرىپ،بىر ئاز ئولتۇردى-دە،مېنىڭ چاي دەملەي دىگىنىمگىمۇ قارىماستىن،سومكىسىدىن بىر كونۋىرتنى چىقىرىپ،ماڭا تەڭلىدى.ئەجەپلىنىپ قولۇمغا ئالدىم،ئۇ،-بۇنى كۆرۈپ باققىن،سېنىڭچە باشقىلارغا ئىبرەت بولىدۇ دەپ قارىساڭ، توردا ئېلان قىلغىن،_دىدى،دە شۇنچە چىڭ تۇتقىنىمغىمۇ قارىماستىن خوشلىشىپ كېتىپ قالدى. rP.d`nnHt  
    ئۆيگە كىردىملا كومپىيوتىرنىڭ ئالدىغىمۇ بارماستىن خەتنى ئوقۇشقا باشلىدىم: 
pFd: 7#  
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
23La^vjlW  
   قەدىرلىك،كۆيۈمچان دوستۇم ،بۇ شەھەردە سېنىڭدەك بىر ئىشەنچىلىك دوستۇمنىڭ بولغانلىقىدىن بەكمۇ سۆيىنىمەن.شۇڭلاشقىمۇ بىر ئۆمۈر ئىچىمدىلا بىلىپ سېسىتىۋىتەرمەن دىگەن كۆڭلۈمدىكى سىرلىرىمنى ساڭا ئېيتىش قارارىغا كەلدىم.تۈنۈگۈن چۈشتە بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ،<ئاينۇر،سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي،ئۇنداق سوغۇقلۇق قىلما.ئېرىڭگە ئىللىق چىراي بول.ئۇ سېىنى شۇنداق ياخشى كۆرىدىكەن،ئۇنىڭغا كۆڭۈل بېرىشكە تىرىشىپ باققىن،سەن ئەقىللىق قىز،چوقۇم شۇنداق قىلالايسەن......>دىگەن قېرىنداشلارچە نەسىھىتىڭ ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرۇپتۇ،مەن ئۇ چاغدا ساڭا ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەنلىكىمدىن بەكمۇ رەنجىدىڭ.ئاخىرى ئاچچىغىڭدا<بولدىلا،سەنمۇ كىچىك ئەمەس،ئۆزۈڭنىڭ يولىنى ئۆزۈڭ قانداق مېڭىشنى بىلىسەن،مەنمۇ شۇ سېنىڭ كەلگۈسىڭدىن ئەنسىرەپ مۇشۇنداق ئاقساقاللىق قىلغاندىمەن>دەپ قوپۇپلا چىقىپ كەتتىڭ.سەنغۇ چىقىپ كېتىپ،يەرنى دەسسەپ ماڭدىڭ.مەنچۇ؟شۇ ئولتۇرغانچە ئەتىسى يەنى بۈگۈن تاڭ سەھەر 4گىچە شۇ سەن كۆرگەن جايىمدا مىدىرلىماي ئولتۇردۇم.كاللامدا شىددەتلىك خىياللار ھۆكۈم سۇرىۋاتىدۇ،قانداق قىلاي؟نەدىن باشلاي؟.......... l628jJ  
     مۇرەككەپ خىياللارنىڭ ئىلكىدە،ئاخىرى بۈگۈن سەھەر قولۇمغا قەلەم ئېلىپ،كۆڭلۈمدىكى ھەممە سۆزلىرىمنى مۇشۇ قۇرلار ئارقىلىق ساڭا بايان قىلىش قارارىغا كەلدىم.ساڭا بىۋاستە يۈز-تۇرانە ئېيتىشقا پەقەتلا رايىم بارمىدى،سەنمۇ بىلىسەن،مەن ھەرگىزمۇ ئۆزۈمنىڭ بىچارە قىياپىتىمنى، ئاجىز يەرلىرىمنى باشقىلارغا بىلدۈرگۈم يوق،بۇ بەلكىم مېنىڭ غورۇرىمنىڭ كۈچلۈكلىگىدىندۇر ياكى ھەممىلا ئادەمنى پاراكەندە قىلغۇم كەلمەيدىغاندۇ.......... L4JL3y, X  
    دوستۇڭنىڭ ھايات يولىدىكى ئەڭ مۇھىم تاللاشلىرى .RoQ% A!/  
    شۇنداق قىلىپ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ،ئالى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغەزلىرىمۇ كېلىشكە باشلىدى،ماڭا ھەر ھالدا راۋۇرۇس بىر ئالى مەكتەپتىن چاقىرىق كەلگەن ئىدى.لېكىن ئۇ چاقىرىقنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئىدى.نىمە ئۈچۈن دىيىشىڭ مۇمكىن،چۈنكى ئاتا-ئانامنىڭ نەزىرىدە قىزلار شەھەر ئاتلاپ ئوقۇسا،يامان بولاتتى.بىراق راس گەپنى قىلسام،مەنمۇ ھەتتا شۇ خىل ئىدىيىنىڭ تەسىرىدە،تولۇقسىزغا چىققاندىن كېيىنلا بالىلاردىن ئۆزۈمنى ئېپقېچىپ،يۈرەتتىم.دەرسلەرنى تەكرار قىلىپ،ياخشى ئۆزلەشتۈرەتتىميۇ،بىرەر قېتىممۇ ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزۈم جاۋاپ بېرىپ باقمايتتىم،ئەزەلدىنلا سىنىپتا پائالىيەت بولسا،پەقەت مەنلا قاتناشمايتتىم،ھەتتا تەنتەربىيە دەرسىگىمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ،رۇخسەت سوراپ،چىقمايتتىم.يېنىمدىكى ئوغۇل ساۋاغدىشىمنىمۇ مۇئەللىمگە دەپ،ئۇنىمىسا يىغلاپ يۈرۈپ،يۆتكەتكۈزىۋەتكەن ئىدىم............. MMTQL=  
    شۇنداق قىلىپ،ئالى مەكتەپنىڭ چاقىرىقىمۇ بىر بۇلۇڭدا تاشلاغلىق تۇرىۋەردى........توۋا،دەيمەن.شۇ چاغلاردا ئازراقمۇ ئىچىم ئېچىشمىغان ئىدى. # Xag7$  
    كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلىشىپ،ساۋاغداشلىرىمىز ئالى مەكتەپلەرنىڭ تەييارلىقلىرىنى قىلغاچ،ئۇزىتىش زىياپەتلىرىنىمۇ ئارقا-ئارقىدىن بەرگىلى تۇردى.مەن ھىچقايسىىغا بارمىدىم.چۈنكى ئۇنداق قىز-ئوغۇل ئولتۇرغان سورۇنغا بېرىش مۇمكىنمۇ؟ lYe-_11u  
بىر كۈنى ھويلىدا ئولتۇرسام، بىزنىڭ سىنىپ مەسئۇلىمىز كىرىپ كەلدى.مېنى كۆرۈپ نىمىشقىدۇر مۇئەللىمنىڭ كۆزلىرىگە ياش كەلدى-دە،چاندۇرماستىن،كۈلۈپ تۇرۇپ،مەندى ئەھۋال سورىدى.مەنمۇ مۇئەللىمدىن ئەھۋال سورىغاچ،ئۆيگە باشلىدىم.ئاتا-ئاناممۇ ناھايىتى ئىززەت-ئىكرام بىلەن كۈتۈۋالدى،ئۇلار پاراڭلىشىپ،ئولتۇرۇپ مېنىڭ نىمە ئۈچۈن ئالى مەكتەپكە ئوقۇشقا بارمىغانلىقىم ئۈستىدە توختالدى.ئاتا-ئاناممۇ ئۆزلىرىنىڭ قارىشىنى،شۇنداقلا مېنىڭمۇ كۆز-قارىشىمنى سۆزلەپ ئۆتتى.شۇ ۋاقىتتا مۇئەللىمنىڭ چىرايىنىڭ قانچىلىك ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.ئىشقىلىپ،مۇئەللىم ئۇ كۈنى ساق ئۈچ سائەت ئىدىيە خىزمەت ئىشلىدى،بىراق ئاتا-ئانامنىڭ ئىدىيىسىنى،بولۇپمۇ مېنىڭ ئىدىيەمنى بىر پىرسەنتمۇ ئۆزگەرتەلمىدى.ئاخىرى «يېڭىلگەنلىكى»گە تەن بېرىپ،سۇسلا خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى.كۆڭلۈمدە بۇ«بۇدۇشقاق»مۇئەللىمدىن قۇتۇلغىنىمغا شۈكرى دەپ،خېلى يەڭگىللەپ قالدىم. : Y^/D.  
    مانا ھەش-پەش دىگۈچە بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتتى.شۇڭغىچە ئۆيدىن چىقماي،قۇرئان ساۋادىمنى قايتىدىن پىششىقلاپ،خېلى يېتىشىپ قالدىم.شۇنداق كۈنلەردە،ئالى مەكتەپكە ئوقۇشقا كەتكەن ساۋاغداشلىرىمدىن ئانچە-مۇنچە خەت كېلىپ تۇردى.ئۇلار خېتىدە،ئالى بىلىم يۇرتىنىڭ ئەۋزەللىكلىرى،تۇرۇۋاتقان شەھەرلەرنىڭ ئاجايىپ تەرەققىياتلىرى،نە-نەلەردىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ساۋاغداشلارنىڭ قىزىقارلىق،ئەھمىيەتلىك ئىشلىرى،قايسى بىر ئوقۇغان داڭلىق كىتاپلىرى توغرىلىق يازاتتى.شۇنداق چاغلاردا،يۈرىگىمنىڭ ئاللىقانداق بىر يەرلىرى،چىمىلدىغاندەك بولاتتىميۇ،لېكىن يەنىلا ئۆزۈمنىڭ تۇتقان يولۇمنى ھامان ئۇلارنىڭكىدىن ئۈستۈن قوياتتىم..... Lo#l0\a;QH  
    شۇنداق كۈنلىرىمدە،يۇرتىمىزدىكى بىر سودىگەر ئائىلىسىدىن ئەلچىلەر كىردى،ئاتا-ئانام مېنىڭ رازىلىقىمنى ئېلىش ئۈچۈن ياشقا چوڭراق خوشنىمىزنى، يېنىمغا كىرگۈزۈپتۇ.مەن گەرچە خالىمىساممۇ،ئۇ خوشنىمىزنىڭ قايتا-قايتا نەسىھىتى،چۈشەندۈرۈشى بىلەن،قوشۇلدۇم.شۇنداق قىلىپ،كىچىك چاي،چوڭ چاي دىگەندەكلەر ئارقا-ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى.........بىزمۇ توي خەتكە رەسىمگە چۈشۈش ئۈچۈن،بىر نەۋرە سىڭلىمنىڭ ھەمرالىقىدا،ئۇ يىگىت بىلەن كۆرۈشتۇق.گەرچە تىكىلىپ قارىيالمىغان بولساممۇ،لېكىن بەزىبىر تاسادىپى پۇرسەتلەردە ئۇنىڭ چىرايىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.يىگىت 25ياشلاردا بولۇپ،چىرايى بۇغداي ئۆڭ كەلگەن،قاش-كۆزلىرى تولىمۇ قاملاشقان،ئوچۇق چىراي ئىدى.قەلبىمنىڭ بىر يەرلىرى،چۈشىنىپ بولمايدىغان بىر خىل ئىللىق سېزىمنىڭ ئىلكىدە،خىيالغا بېرىلىپ مېڭىۋاتاتتىم...ئۇمۇ ماڭا پات-پات كۈلۈمسىرەپ قاراپ قويۇپ كېتىپ باراتتى،شۇ تەرىقىدە ماڭغاچ يانچۇغىدىن بىر تال تاماكىنى ئالدى-دە،تۇتاشتۇرۇپ،چەككەچ ماڭدى.قولىدىكى تاماكىنى كۆرۈپ يۈرىگىم قارتتىدە قىپقالدى.غەزەپ بىلەن ئۇنىڭ قولىدىكى تاماكىغا تىكىلىپ قالغىنىمنى ئۇ سەزمىگەندەكلا ئىدى.ئاڭغىچە ئالدى تەرەپتىن موتسىكىلىت بىلەن بىر يىگىت چىقىپ كەلدى ۋە موتسىكىلىتتىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپلا،_ھەي،ئادىشەۋاي،تۈنۈگۈنكى سورۇندىن نىمىشقا قېچىپ كەتتىڭ.مەنغۇ سېنى شۇ مەسلىكىڭدە موتسىكلىتنى ئاپىرىپ،بىر يەرگە سوقمىغىدى دەپ بەك ئەنسىرىگەنتىم،خېلى ياخشى ئامان-ئېسەنكەنسەن،_دەپ سۆزلەپلا كەتتى،بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بېشىمدىن بىر قاپاق سۇ تۆكۈلگەندەك،مۇزلاپلا كەتتىم......قارىسام مەن توي قىلماقچى بولغان يىگىتنىڭ چىرايى بىردىنلا تاتاردى-دە،_نىمىلەرنى دەيدىغانسەن،_دەپ بىر نىمىلەرنى سۆزلەپلا كەتتى........ئاخىرىدىكى سۆزلىرىمۇ قۇلىقىمغا كىرمىدى،كەينىمگە ئۆرۈلدىمدە نەۋرە سىڭلىمنىڭ نىمە بولدى ئاچا دىيىشلىرىگىمۇ قۇلاق سالماستىن ئۇدۇل ئۆيگە يېنىپ كەلدىم.ھە،دەپ توينىڭ تەييارلىقلىرىنى قىلىۋاتقان تۇققانلارنىڭ نىمە بولدىڭىز دىگەن سۆزلىرىگە،_مەن بۇ توينى قىلمايمەن،ئۇنداق بەڭگە،ھاراقكەش بىلەن ھەرگىزمۇ توي قىلمايمەن،_دەپلا جاۋاپ بېرىپ گەپنى ئۈزدۈم،ئۇلارنىڭ قىلغان نەسىھەتلىرى،كېيىنچىرەك ئوغۇل تەرەپنىڭ قىلغان ۋەدىلىرىمۇ نىيىتىمنى پەقەتلا ئۆزگەرتەلمىدى........ #[hrny2#&  
    مانا ھەش-پەش دىگۈچە ئۆزۈممۇ 23 ياشقا كىرىپ قالدىم،بۇ جەرياندا خېلى لايىقمۇ چىقتى،بەزى ئىقتىسادى ياخشى ئائىلىلەرنىڭ ئوغۇللىرى ھاراق،تاماكىنى ئۆزىگە دوس تۇتىۋالغان ئىكەن،ئۇلارنى ئەلۋەتتە،مەنمۇ،ئاتا-ئاناممۇ ياقتۇرمايتتۇق.بەزى زىيادە ئىخلاسمەن،دىندار يىگىتلەرنىڭ بولسا تۇرمۇشى غورىگۈل،ياكى بولمىسا بىرەر ھۈنەر-كەسپ بىلەن شۇغۇللانمايدىغان،پەقەتلا ئانچە-مۇنچە،تۇپراق بېشىدا ياكى ئۆلۈم-يىتىم،نىكاھ ئوقۇش قاتارلىق سورۇنلاردا،ئوقۇغان سۈرىلەرگە بېرىلگەن ئاشۇ ئازغىنە پۇلغا شۈكرى-قانائەت قىلىپ ياشايدىغان دىتسىزلارئىدى........... 1_'JmY>N  
   داۋامى بار.......... 6frz>  
`II^aTgB6  
[ بۇ يازما گۈلسىما تەرپىدىن 2008-03-05 14:33 دە قايت ]
باشقۇرغۇچى ئەلئارا تېمىنى تەستىقلىدى .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل:+50(ﻛﯘﻟﻤﻪﺱ)
  • پۇل:+5(ئەزىزان) bop kalidu ...
  • پۇل:+20(ئالتۇن1984520) ياخشى ئەسەر
  • ئالدىراپ ۋەدە قىلما،ۋەدەڭدە تۇرالامسەن؟!
    | ۋاقتى : 2008-03-02 01:05 [باش يازما]
    گۈزەل3.8
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8306
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 163
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە163دانە
    شۆھرەت: 563 كىشىلىك
    پۇل : 5447 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 253 نۇمۇر
    قوللاش: 204 نومۇر
    ئالقىش: 313 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :213(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:مەن ئەمدى  قانداق قىلاي؟(راس بولغان ئىش)

     كەلگەن لايىقلارنىڭ بىرىنى ئاق،بىرىنى كۆك دەپ يۈرۈپ،يەنە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى.مەنمۇ مۇشۇ پۇرسەتتە ھۈنەر بولسىمۇ ئۈگىنىپ قويۇش خىيالىدا،بىر داڭلىق سەيپۇڭغا شاگىرىت بولۇپ كىردىم.ئۇ يەردە مەندىن باشقا يەنە 8 شاگىرىت قىزلار باركەن.گەرچە،ئائىلىدىكى بۇرۇختۇملۇقتىن بىر ئاز بولسىمۇ يېنىكلەپ قالغان بولساممۇ،لېكىن بارا-بارا بۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ماڭا پەقەتلا ياقمىدى،چۈنكى مېنىڭ ئۇستاممۇ  يېشى 40تىن ئاشقىنىغا قارىماي،ياش قىزلاردەك ياسىنىپ يۈرەتتى.چاچلىرىنى ھە دىگەندىلا بىردە بۈدۈر قىلسا،بىردە بوياپ،بېشىدا ياغلىقمۇ يوق ئىش قىلاتتى.دەسلەپكى كۈنلىرىمدە،ئىچىم سىقىلىپ بەكمۇ بىئارام بولدۇم.ئاخىرى ئۆزىگە ئۇدۇللا دىدىم،_ئۇستام،مەن ئەتىدىن باشلاپ كەلمەيمىكىن،_ئۇستام قولىدىكى دەزمالنى تۇتقانچە تۇرۇپلا قالدى،دە،_نىمىشقا؟،دەپ سورىدى.مەنمۇ بىر ھازا تۇرۇۋېتىپ،_كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن،مەن سىلەرنىڭ بۇ خىل تۇرمۇش ئادىتىڭلارغا كۆنەلمەيدىكەنمەن،سىزمۇ بېشىڭىزغا ياغلىق ئارتمايدىكەنسىز،نامازغۇ ئوقۇمايدىكەنسىز،قىزىڭىز غەيرى كىيملەرنى كىيىپ يۈرسىمۇ چاتىقىڭىز يوقكەن.بۇ ئىشلار كۆزۈمگە پەقەت سىغمايدىكەن،_دەپ،ئۇستامغا قارىدىميۇ،تۇرۇپلا قالدىم.چۈنكى ئۇستامنىڭ پىشانىلىرىدە مۇنچاق-مۇنچاق تەر پارىلداپ كەتكەن ئىدى.ئۇستام بىر ھازا تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن،_سىزنىڭ زادىلا تۇرغىڭىز كەلمىسە،مەنمۇ زورلىمايمەن،بىراق بىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىمىز سىزنىڭ كۆزىڭىزگە سىغمىغان بولسا،مەن بۇنى تۈزەتسەم بولىدۇ،ياغلىق ئارتىش دىگەن تەس ئەمەس.نامازنى سىز ئوقۇغان يەردە مەنمۇ ئوقۇسام بولىۋىرىدۇ،دىمىسمۇ سىز ھەم باشقا شاگىرىت قىزلار تاھارەت ئالغىلى چۆگۈننى كۆتۈرگەن ۋاقتىڭلاردىلا مەن ئاللىبۇرۇن تەرلەپ بولىمەن.سىلەر شۇنچە ياش تۇرۇپ،بۇ جاھاننىڭ قىزىقچىلىقىغا بېرىلمىگەن يەردە،ماڭا نىمە قويۇپتۇ.........،_دىدى-دە،قەيەردىندۇر بىر ياغلىقنى تېپىپ بېشىغا ئارتىۋالدى،شۇ ۋاقىتتىكى ئۇستامنىڭ ياغلىق چىگكەن ئىللىق چىرايى ھىلىھەم كۆزۈمدىن كەتمەيدۇ.......... w;WUtgb  
          شۇنداق قىلىپ،ئۇستام،بىز نەچچە شاگىرىتلار خوشال-خورام 3-4ئاينى ئۆتكۈزدۇق.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە،دۇكانغا 50ياشلار چامىسىدىكى كېلىشكەن،پۇزۇر كىيىنگەن بىر ئايال كىرىپ كەلدى،قولىدىكى شىپىڭ دۇخاۋىنى ئۇستامغا تەڭلەپ تۇرۇپ،_بۈگۈن سىلەرنىڭ بۇ يەرگە سىڭلىمنى يوقلىغاچ،سىزگە ماۋۇنى  تىكتۈرەي دەپ ئەكەلدىم،بۇنى چوڭ ئوغلۇمنى ئۆيلىگەندە،قۇدىلار سوۋغاتلىققا قويۇپتىكەن،_دىدى.ئاڭغىچە ئۇستاممۇ،_ھە،ياخشى بوپتۇ.پاتىمە ھەدەمدىن ئاڭلىشىمچە،ئەمدى يەنە بىر ئوغلىڭىز قالدىغۇ دەيمەن،شۇنى ئۆيلىۋەتسىڭىز،كۆڭلىڭىزمۇ ئارامىغا چۈشكىدەك،_ دىدى،دە ماڭا قاراپ،_خان،ماۋۇ ئاپاشنى ئۆلچىۋىلىڭ دەپ مېتىرنى تەڭلىدى..مەن مېتىرنى ئېلىپ،ئۆلچەشكە باشلىدىم،مېنى ھەيران قالدۇرغىنى ئۆلچەش جەريانىدا،بۇ خانىمنىڭ مەندىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇرغىنى بولدى.بۇنداق قاراشتىن شۇنچىلىك بىئارام بولدۇمكى،ئىشىمنى تۈگىتىپلا سىرتقا چىكەتتىم.بىر دەم سىرتتا تۇرۇپ،دۇكانغا كىرسەم،ئۇ خېرىدار خانىم كېتىپتۇ. '_%MuB6=#M  
          يەنە بىر نەچچە كۈن ئۆتتى،بىر كۈنى ئۇستام تاماق يەۋىتىپ،توساتتىنلا يېنىدىن بىر ئەرنىڭ سۈرىتىنى ئېلىپ ماڭا تەڭلىدى،مەن قولۇمغىمۇ ئالماستىن،ئۇنىڭغا سۇئال نەزىرىدە تىكىلدىم،ئۇستام يېنىمغىراق سۈرۈلۈپ،_بۇ يىگىت ئۆتكەندە كېلىپ،كىيىم بۇيرۇتقان ھېلىقى خانىمنىڭ ئوغلى بولىدۇ.ئۇ خانىم ئۆيىگە قايتىپ،سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئۆيىدىكىلەرگە قىپتىكەن.بۇ يىگىتمۇ تۈنۈگۈن،ئاپىسىنىڭ كىيىمىنى ئالغان بولۇپ كېلىپ،سىزنى كۆرۈپ كەتتى.شۇڭا بۈگۈن ماۋۇ رەسىمنى ئەكەپتۇ،كۆرۈپ باقامسىز؟،_دىدى. %*9$MXvs  
        رەسىمنىغۇ قولۇمغا ئالمىدىم،بىراق،رەسىمدىكى يىگىتنىڭ چىرايى،ئېنىق ئېسىمدە.چۈنكى تۈنۈگۈن سىرتتىن كىرىۋاتسام،بىر يىگىت ئارقامدىن بىللە دىگۈدەك مېڭىپ،مەن بىلەن بىللە دۇكانغا كىرىپ،ئۇستام بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ،چىقكەتكەن ئىدى. mb"G1P 4N  
        مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم.ئۈن-تىنسىز تاماقنى يەپ يەنىلا ئىشىمىزغا كىرىشىپ كەتتۇق. >{/5pzS3`  
        ()lD2Ejv ~  
        ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن،ئاپام ئەتىگەندە ماڭا،_بۈگۈن شەھەردىكى.......ئائىلىسىدىكىلەر ئەلچى ئىۋەتىدىكەن،سىزنىڭچە جاۋابىنى قانداق بەرسەك بولار؟ئۇ بالىغۇ ھاراق ئىچمەيدىكەن،نامازنى تەرك قىلمايدىكەن،ئۆزى ئاياغ كىيىم سېتىش دۇكىنى ئاچىدىكەن،ئاتا-ئانىسىمۇ يۈزلۈك،قائىدە-يوسۇنلۇق،دىندار كىشىلەردىنكەن،ھە،راس.ئاپىسىنىڭ بىر سىڭلىسى ھېلىقى پاتىمە ھەدىڭىزكەن_دىدى.ئاپامنىڭ چىرايىدىن بەكمۇ مەمنۇنلۇقى چىقىپ تۇراتتى،مەن بۇنىڭغا نىمە دەيتتىم.بىر دەم تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن،_ئۆزۈڭلار بىلىڭلار،_دىدىم،دە دۇكانغا يول ئالدىم......... XhLrOD^W  
          ئارىدىن بىرەر ئايچە ۋاقتىت ئۆتتى،شۇ ئارىلىقلاردا ئۇ يىگىت بىلەن،بىر قېتىم كۆرۈشكەن بولدۇق.يەنى توي خەت ئالغان كۈنى دۇكاندىكى شاگىرت قىزنى بىللە ئېلىپ چىقىپ،رەسىمگە چۈشۇپ،توي خەتنى بېجىردۇق،قايتاشىمىزدا بىللە تاماقلاندۇق.قارىسام بۇ يىگىت،خېلىلا قائىدە-يوسۇنلۇق،كەمسۆز ئىكەن.كۆڭلۈم بىر خىل ئېچىلىپ قالغاندەك،خوشال ھالەتتە ئۆيگە قايتتىم.ئاڭغىچە چوڭلارمۇ توينىڭ كۈنىنى بېكىتىپ بولدى. J!/:"_&`  
          شۇنداق قىلىپ،ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان شۇ كۈننىمۇ كۈتۈۋالدىم.نىكاھمۇ ئوقۇلدى.........قىز كۆچۈرگىلى كەلگەنلەر قىقاس-چۇقان سېلىشىپ،بىزنى يۆتكەپ ماڭدى.بىز چۈشكەن ماشىنىنىڭ ئالدى-كەينىدە نۇرغۇن ماشىنىلار سەپ تۈزۈپ مېڭىۋاتاتتى،شۇ تەرىقىدە ئالاھەزەل 20مىنۇتچە ماڭدۇق.توساتتىنلا شوپۇر ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلاتتى،قارىساق،ئالدى تەرەپتە ماشىنىلار قاتار تىزىلىپ كەتكەن ئىدى،بىز ئولتۇرغان ماشىنا توختاپ تۇرۇشىغىلا قاتناش ساقچىلىرى،قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى كېلىپ بولدى،كۆڭلۈم بىر ئەنسىزچىلىكتە قالدى.....................
    g ky'N  
      داۋامى بار..........
    Gulyar tori
    ئالدىراپ ۋەدە قىلما،ۋەدەڭدە تۇرالامسەن؟!
    | ۋاقتى : 2008-03-02 11:17 1 -قەۋەت
    گۈزەل3.8
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8306
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 163
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە163دانە
    شۆھرەت: 563 كىشىلىك
    پۇل : 5447 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 253 نۇمۇر
    قوللاش: 204 نومۇر
    ئالقىش: 313 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :213(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:مەن ئەمدى قانداق قىلاي؟(راس بولغان ئىش)

        ئاڭغىچە ئالدى تەرەپتىن بىرەيلەن ھاسىراپ-ھۆمۈدىگىنىچە،يېتىپ كەلدى.شوپۇر بىلەن يولدىشىم تەڭلا ماشىنىدىن چۈشتى.قارشى تەرەپنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىيالمىدىم،ئەمما يولدىشىمنىڭ پىشانىسىگە پاققىدە بىرنى ئۇرۇپ،ماشىنىغا يۆلىنىپ قالغانلىقىنىلا كۆردۈم.ئاڭغىچە مەن ۋە قىز-ئوغۇل قولداشلارمۇ ماشىنىدىن چۈشتۇق.مەلۇم بولدىكى،ئالدىمىزدا قىز كۆچۈرۈپ ماڭغان مىنىبوس ئالدى تەرەپتىن يانداپ چىقىپ كەلگەن سانتانا ماشىنىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ،ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئىدى.....بۇنى ئاڭلاپ،جايىمدىلا ئولتۇرۇپ قالدىم........يولدىشىمنىڭ ئۆزىنى كاچاتلىغانچە يۈگرەپ ئالدى تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىلا ئېسىمگە كەلگەندەك بولۇپ،مەنمۇ يۈگۈردۈم.20-30چە ماشىنىدىن ئۆتۈپ،ۋەقە يۈز بەرگەن مەيدانغا كەلدۇق.قارىسام،دوختۇرلار يارىدارلارنى ماشىنىغا سېلىۋىتىپتۇ،يولدىشىم يارىدارلارنى بىرمۇ-بىر كۆرۈپ چىقتى،قارىسام قېيناپام چىرايلىرى تونۇغۇسىز،پۇتلىرى قاتلاشقان ھالەتتە،يەنە بىر نوسۇلكىدا ماشىنىغا ئېلىپ چىقىلىۋاتاتتى.يولدىشىم يۈگرەپلا شۇ ماشىنغا چىققان ھامانلا،ماشىنا يۈرۈپ كەتتى.مەن نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي،تۇرغان جايىمدا قېتىپلا قالدىم. qHQ b.~6  
        _ھۇ،شۇم پىشانە،سېنى ئالغىچە ئىشەك ئالسىچۇ،ئىست.سەندەك نىمىنى كېلىن قىلىمەن دەپ،ئاچام نىمە كۈنلەرنى كۆرۈۋاتىدۇ!سېنىڭغۇ زادى مەرىڭ سوغۇق،ھالىڭ چوڭ نىمىتىڭ،خۇددى ئۆزۈڭدىن باشقىسى ھەممىسى كاپىردەك،چىرايلىرىڭنى ئوسرۇقتەك قىلىپ،يەرنىڭ تېگىدىن قاراشلىرىڭچۇ-تېخى،تۇفى....سەندەك شۇم پىشانە ........نى ئەمدى ئىتمۇ ئالمايدۇ،قاراپ تۇر،يەنە كىمنىڭ بېىشىغا چىقارسەن،ۋاي ئىست،ئاچام،ۋاي ئىسىت ئاچام.........دىگىنىچە بىر ئايال ئۆزىنى-ئۆزى كاچاتلاپ يىغلاپ،تىللاپلا كەتتى.......... il`ytws  
        ئاھ،خۇدا،بۇ نىمىش ئەمدى؟مەن نىمە گۇناھ قىلدىم؟...مىڭەمدىن كىرگەن بىر ئاغرىق،پۇتۇمنىڭ ئۇچىغا چىكەتتى.نىمە دىيىشىمنى،نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرغىنىمدا،يىگىت-قىز قولداشلار مېنى ماشىنىغا چىقىشقا دەۋەت قىلدى.شۇندىلا ئەتراپىمدىكى ئادەملەرنىڭ ماڭا باشقىچە نەزەردە قاراۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم.يولمۇ ئېچىلغان ئىدى،ماشىنا قايتىدىن يولغا چىقتى.يەنە 20 مىنۇتچە ماڭغاندىن كېيىن،يولدىشىمنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق.شۇنچىۋالا چوڭ ھويلىدا،بىزنى كۈتۈۋالغىنى 15-16 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز بولدى.كېيىن بىلىشىمچە،بۇ قىز قوشنىلارنىڭ قىزىكەن.ئۆيدىكى ھەممىسى ھېلىقى خەۋەرنى ئاڭلاپ،دوختۇرخانىغا كەتكەن ئىكەن.ياسىداق بېزەلگەن ئۆيگە ھىچكىمنىڭ تەكلىپىسىز قىز-ئوغۇل قولداش،شوپۇر ۋە مەن تۆتەيلەن كىرىپ ئولتۇردۇق.بىر دەمدىن كېيىن قىز قولداشتىن باشقا ئىككەيلەنمۇ كېتىپ قېلىشتى.قولدىشىم بىلەن ئىككىمىز ئۈن-تىنسىز 2-3سائەت ئولتۇردۇق.ئاخىرى قولدىشىم چىقىپ كېتىپ،چاي دەملەپ،نان،پىششىق گۆش،ساڭزا تېپىپ كىرىپتۇ ۋە ماڭا:_ئالە ئاداش،سەن ئەتىگەندىن بېرى ھىچنەرسە يىمىدىڭ،ھېلىھەم بولسىمۇ ئازراق نەرسە يەۋال،_دەپ ئازراق پىششىق گۆش بىلەن نان تەڭلىدى.بۇلارنىڭ گېلىمدىن ئۆتۈشى مۇمكىنمۇ،ئۇنىڭ قولىنى ئاستا ئىتتەردىم.قولدىشىم بىر دەم زورلاپ بېقىپ،ئۆزى ئازراق يىدى. 4{Io~Ftj~  
        ياتار ۋاقمۇ بولدى،ھويلىدا ئانچە-مۇنچە پاراڭلار ئاڭلانغىلى تۇردى،قولدىشىم چىقىپ كېتى،سۆزلىگەنچە كىرىپ كەلدى،_ۋاي،ئاداش.بۈگۈن ئىككىمىز ئۇخلىغىدەكمىز،ئېرىڭ ئاپىسى بىلەن دادىسىنىڭ قېشىدا قاپتۇ،بۇ ھويلىدا بۈگۈن قېيناكاڭنىڭ ئايالى بىلەن يىراقتىن كەلگەن مېھمانلار،سەن،مەن قاپتۇق.بولدى،بېشىڭنى چۆكۈرۈپ ئولتۇرىۋەرمەي،بۈگۈنكى قازا نامازلىرىڭنى ئوقۇۋال،ئۇخلايلى،ھەقىچان ئەتە ئالدىراش بولىدىغان كۈن............. m xESS  
       ئۇ يەنە نىمىلەرنى دىدى.........قۇلىقىمغا يېرىمى كىرىپ،يېرىمى چىقىپ دىگەندەك ئېسىمدىمۇ قالماپتۇ........ `;.Sd4.  
    داۋامى بار.........
    [ بۇ يازما گۈزەل3.8 تەرپىدىن 2008-03-02 22:28 دە قاي ]
    ئالدىراپ ۋەدە قىلما،ۋەدەڭدە تۇرالامسەن؟!
    | ۋاقتى : 2008-03-02 15:50 2 -قەۋەت
    گۈزەل3.8
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8306
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 163
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە163دانە
    شۆھرەت: 563 كىشىلىك
    پۇل : 5447 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 253 نۇمۇر
    قوللاش: 204 نومۇر
    ئالقىش: 313 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :213(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:مەن ئەمدى قانداق قىلاي؟(راس بولغان ئىش)

         شۇ كەچتە قېيناكامنىڭ ئايالى بىز بار ئۆيگە كىرىپ،تېچلىق سورىشىپ بىزنىڭ بالدۇرراق دەم ئېلىشىمىزنى تاپىلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.ھەر ھالدا،ئوچۇق چىراي ئېچىپ گەپ قىلىدىغان ئادەمدىن بىرسى بار بولدى دىدىم،ئىچىمدە.بىزمۇ ياتتۇق،لېكىن ئۇيقۇ قانداق يەردىكىن-تاڭ،كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى،ئاشۇنداق يېتىپ،ئەزان توۋلىغاندا تۇرۇپ كەتتىم.باشلىرىم زىڭىلداپ ئاغرىيتتى،ماڭغۇدەك ماجالىممۇ قالمىغان ئىدى.شۇنداقتىمۇ تاھارەت ئالغىلى تالاغا چىقتىم،ھېلىقى يىراقتىن كەلگەن مېھمانلار تاھارەت ئالغاچ تازا پاراڭغا چۈشكەن ئىدى،ياشقا چوڭراقى،يەنە بىرسىگە،_توۋا،مۇنداقمۇ شۇم پىشانە قىزۋالا بولىدىكىنا،قېرى قىز بوپقالغىنى بىكار ئەمەسكەنتۇق،مۇشۇ توينى ئەسلى خاتا قىلغان تويكەن.نامىزى بىلەن ياغلىقىغا ئاشىق بولۇپ توي قىلغانغا تويە.مەن بولىدىغان بولسام،تۈنۈگۈنلا شۇ ۋەقە بولغان مەيداندىلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىۋىتەتتم،يەنە يۈزىنى داپتەك قىلىپ،مۇشۇ ئۆيگە كىرىۋاتىدۇ،توۋا،توۋا.........دەۋاتاتتى. مېنى كۆرمىسە يەنە نىمىلەرنى دەيتتىكىن،تاڭ.........مېنى ھېلىقى ياشراقى كۆرۈپلا،گېلىنى قىرىپ قويدى.مەنمۇ ئۇلار بىلەن سالاملىشىپ قويۇپ،دالدىغا ئۆتۈپ كەتتىم........  Y 0z"  
        تاڭمۇ ئاتتى،ئەتىگەنلىك ناشتىنى قېيناكامنىڭ ئايالى ئەكىرىپ بەردى.دوستۇم ئىككىمىز ئازراق ناشتا قىلىۋالغاندىن كېيىن،مەنمۇ ئاستا ھويلىغا چىقتىم.ھەممەيلەن،ھەتتا يىراقتىن كەلگەن تۇققانلارنىڭ 5ياشلاردىكى بىر قىزىمۇ ماڭا ھومىيىپ قارايتتى.ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرتىنىپ،ئۈن سېلىپ يىغلىۋىتىشكە ئارانلا قالدىم.شۇ ئەسنادا،بىزنىڭ تۇققانلاردىن تاۋاق كۆتۈرۈپ 5-6 ئايال كىرىپ كەلدى.شۇلارغا ئېسىلىپ،تازا قانغۇچە يىغلىۋالدىم.ئۇلار ماڭا بىردەم تەسەللى بېرىپ،مېنى ئېلىپ،دوختۇرخانىغا كەلدۇق.قېيناپام،تېخىچە جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيىدىكەن،قېيناتام بولسا،قولى بوينىغا ئېسىغلىق باش-كۆزلىرى تېڭىغلىق ھالەتتە يېرىم يېتىپتۇ........بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ،ئىچىم شۇنداق سېرىلدى.يولدىشىم جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيىنىڭ ئالدىدا بېشىنى چاڭگاللىغىنىچە يەرگە قاراپ ئولتۇرغانكەن،مېنى كۆرۈپ،ئالدىمغا كەلدى،دە،_ھەي،ماۋۇ بالا-قازانى ....دەپلا يىغلاپ كەتتى.ئۇنىڭ يىغىسىنى كۆرۈپ،مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالمىدىم...........بىر چاغ بولغاندا،قېيناكام كېلىپ،يولدىشىمغا،_بولدى،ئۇكام.بۇ يەردە بۇنداق ئولتۇرىۋالساڭمۇ،پايدىسى يوق.ئۆيۈڭگە كېتىپ،ئارام ئالغىن.مەن ئىش بولسا خەۋەر قىلىمەن،_دىدى.باشقىلارمۇ،قېيناتاممۇ سالا قىلدى.شۇنداق قىلىپ،ئىككىمىز ئۆيگە يېنىپ كەلدۇق.ئۆيگە كىرىپلا ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلاپ،يەنە يىغلاپ كەتتى.....ئۇنىڭغا يە تەسەللى بېرىشىمنى يە تەڭ يىغلىشىمنى بىلەلمىدىم.بىر ھازادىن كېيىن ئۇ جىمىپ كەتتى،قارىسام ئۇخلاپ قاپتۇ.ئىشىكنى ئاستا يېپىپ قويۇپ،قېيناكامنىڭ ئايالى بار ئۆيگە چىقىپ،ئۇنىڭ چۆچۈرە تۈگىشىگە ياردەملەشتىم،بىر چاغدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ چىكەتتى،يۈگۈرۈپ چىقساق،ئۇ ئاۋاز بىزنىڭ ئۆيدىن چىقىۋاتاتتى. ]@Ks&b;;  
        _،بولدى قىلغىن،كىچىك ئاپا.بولىدىغان ئىش بوپبولدى.قاقشىساقمۇ ئورنىغا كېلەمدۇ،_بۇ يولدىشىمنىڭ ئاۋازى ئىدى. N1}Fj~^*  
        _،نىمە دىدىڭ،زادى ئوغۇلبالا دىگەن مۇشۇنداق دۈم چۈشىدۇ،ھۇ،ۋاپاسىز،بەدبەخ! خوتۇننى كۆرگەندە،ئاپاڭنىڭ تارتىۋاتقان ئازاۋىنى ئۇنتۇپ كەتتىڭ دىگىنە؟!،_بۇ ئېنىقكى تۈنۈگۈن مېنى ۋەقە بولغان مەيداندا تىللاپ كەتكەن،كىچىك ئاپىمىز يەنى قېيناپامنىڭ سىڭلىىى ئىدى. ZkOu\J]  
        _،ئەمىسە قانداق قىلىمەن،يا ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارمىسا.خەقنىڭ قىزىنى نىكاھلاپ ئېلىپ،بۈگۈنلا كەت دەمدىم؟ py!p%i~  
        _،دىمەي نىمىكەنتۇق؟!مەن ھازىر قوغلىۋىتىمەن.ئۇنداق شۇم پىشانە،مۇز چىراينى ھازىرلا قوغلىۋىتىمەن! Y*#?F o  
    يۈرىگىم قارتتىدە قىلىپ قالدى.ئاڭغىچە قېيناكامنىڭ ئايالى مېنى تارتىپ دىگۈدەكلا،باشقا بىر ئۆيگە ئەكىرىپ قويدى.ۋە ماڭا،_مەن چىقىڭ دىمىگۈچە،چىقماڭ،_دەپ قويۇپ چىقكەتتى. - 3_^Lj`*  
    ئاھ،خۇدا.بۇ نىمە كەلگۈلۈك ئەمدى......كۆزلىرىمدىن ياش ئەمەس،يۈرىگىمدىن قان ئېقىۋاتقاندەك شۇنداق بىئارام بولۇپ تولغىشىپ كېتىۋاتاتتىم.......... 3g   
    KEk &R  
    داۋامى بار........
    [ بۇ يازما گۈزەل3.8 تەرپىدىن 2008-03-02 22:30 دە قاي ]
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل:+1000(ئۇيغۇرجـان) سىزنىڭ سەلكى ..
  • ئالدىراپ ۋەدە قىلما،ۋەدەڭدە تۇرالامسەن؟!
    | ۋاقتى : 2008-03-02 15:56 3 -قەۋەت
    گۈزەل3.8
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8306
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 163
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە163دانە
    شۆھرەت: 563 كىشىلىك
    پۇل : 5447 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 253 نۇمۇر
    قوللاش: 204 نومۇر
    ئالقىش: 313 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :213(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        ئەنە شۇ ئۆيدە ساق2سائەت ئولتۇرۇپتىمەن،بىر چاغ بولغاندا،قېيناكامنىڭ ئايالى بىر چىنە چۆچۈرە ئېلىپ،كىرىپ كەلدى. MC.x^wRR.  
        _،بۇنى تېزراق ئىچىڭ،قوسۇغىڭىزمۇ ئېچىپ كەتتى.ھەي،بۇ ئىشلاررنى-زە.............. GFHaBD&7k  
        ئۇ شۇنداق دىگەچ،ماڭا ئاشنى سۇندى ۋە : Ox:"ja\  
        _،قاسىمجان كىچىك ئاپىمىز بىلەن دوختۇرخانىغا كەتتى،سىز بۈگۈن مەن بىلەن يېتىڭ.مەن چىقىپ،ئۆگزىدىكى يېيىتىپ قويغان شوخلا قاقلىرىنى ياندۇرۇپ چۈشەي،يامغۇر ياغىدىغاندەك تۇرىدۇ. Jr6:O1r  
    ئۇ شۇنداق دەپ چىقىپ كەتتى.قولۇمدىكى ئاشنى بۇ دۇنيالىقتا ئىچىپ بولىدىغانغا كۆزۈم يەتمىدى.مەنمۇ ئاستا تالاغا چىقتىم،سىم-سىم يامغۇر چۈشىۋاتاتتى.كۆڭلۈمدە<ئاپلا،ئۆگزىدىكى شوخلا قاقلىرى يامغۇردا قالارمۇ>دىگەنلەرنى ئويلاپ تۇرىشىمغىلا،كۈتۈلمىگەن ئىش يۈز بەردى.ۋايجان دىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭلا ئۇزۇن شوتا،ۋە قېيناكامنىڭ ئايالى كۆز ئالدىمدا ياتاتتى....يەردە چېچىلىپ كەتكەن شوخلا..........ئاڭغىچە ئېسىمنى يىغىپ،بېرىپلا ئۇنى يۆلىدىم.بىراق ئۇ زادىلا تۇرالمىدى.يىغلىغىنىمچە يۈگۈرۈپ خوشنىلارنىڭ ئۆيىگە چىقتىم.مېنى كۆرۈپ،ئايال خوشنىنىڭ چىرايى سەل ئۆزگەردى-يۇ،يەنىلا يولدىشى بىلەن يۈگۈرۈپ دىگۈدەك ئارقامدىن بىزنىڭ ھويلىغا كىردى.يولدىشى قاراپلا، @^{yK.D  
        _،ئاپلا،ئىش چاتاقتەك تۇرىدۇ.مەن ماشىنا تېپىپ كېلەي،_دەپ چىقىپ كەتتى، Yo\uhfU  
        قېيناكامنىڭ ئايالىنىڭ چىرايى تامدەك تاتىرىپ،چاچلىرى سىم-سىم يامغۇردا ھۆل بوپ كەتكەن ئىدى.نىمە قىلارىمنى بىلمەي،ئۆيۈمگە كىرىپ،ئەدىيال ئېلىپ چىقتىم-دە،ئۇنىڭغا ياپتىم.مەقسىدىم ئازراق بولسىمۇ يامغۇردىن دالدىلىنىش ئىدى.ئويلىمىغان يەردىن ئايال خوشنا تارتىپ ئېلىپلا پىقىرىتىپ تاشلىۋەتتى. 0|N\Tm[{dx  
       _،ئۆتۈپ بېرىڭە،يالغان كۆيۈنۈپ كەتمەي.مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ كاساپىتىڭىز،بۇ ئۆيدە ساق قالغاندىن 2ئوغۇل قالدىمۇ-نىمە؟سىز يەنە بىر قونسىڭىز،ئۇلارمۇ تەييار بولغىدەك.......... uF+f 
       گېپىنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلۈپ بولغىچە،ئەر خوشنا يۈگۈرۈپ كىردى.قېيناكامنىڭ ئايالىنى مىڭ تەستە كۆتۈرۈپ،ماشىنىغا سالدى-دە،يۈرۈپ كەتتى. F#a:(mZ*Q  
       شۇ ھويلىدا،شۇ سىم-سىم يامغۇردا قانچىلىك تۇرغانلىقىمنى بىلمەيمەن.ئاخىرى توڭلىغىنىمنى ھىس قىلغاندىن كېيىنلا ئېسىمگە كەلدىم.شۇنچەچوڭ قورۇدا يالغۇز قاپتىمەن.بېرىپ دەرۋازىنى قۇلۇپلاپ،ئۆيگە يېنىپ كىردىم........ئىچىمنىڭ بىر يەرلىرى ئاغرىغاندەك بولۇپ،بىئارام بولۇۋاتساممۇ،نامازغا تۇردۇم.توۋا،دەيمەن،بۈگۈنمۇ نامازلىرىم يەنە يىغىلىپ قالغانتى،ئەمدى جەينامازغا چىقىشىمغىلا دەرۋازا قاتتىق ئۇرۇلدى،نامىزىمنى بۇزالمىدىم.شۇنداقتىمۇ قۇلىقىمغا كىرىپ تۇردى،سالامدىن كېيىن يۈگرەپ چىقىپ،دەرۋازا ئالدىغا كەلدىم. 90{T`o4E  
       _،ئاچە،ھەي.شۇم پىشانە........ئاناڭنىڭ ھەققى باردەك،ئولتۇرۇپ كېتىپسەنغۇ،بۇ ئۆيدە.قاراڭلار تېخى،غېمىدە يوق يۈرگىنىنى،يۈزۈڭ بەك قېلىنكەن سېنىڭ!،_يەنە ھىلىقى كىچىك ئاپىمىزنىڭ ئاۋازى. x!S@ h4  
       دەرۋازىنى ئاچتىم-يۇ،يۈزۈمگە شالاققىدە تۈكۈرگەن تۈكرۈكنى سۈرتكەنچە تۇرۇپلا قالدىم. IppWr~J  
       يېنىدا يولدىشىممۇ تۇراتتى....ماڭا قاراپمۇ قويماي،ئۆيگە ماڭدى.مەنمۇ ئارقىدىنلا كىردىم.كىچىك ئاپىمىز ئۆينىڭ ئوتتۇرىدا بېلىنى تۇتقىنىچە تۇراتتى. CBM{jE*#  
       _،ھە،بولە.بايام دوختۇرخانىدا بەك يوغان گەپنى قىلىۋاتمامتىڭ،_ئارقىدىنلا ماڭا EA: 
       _،ھەي،سۆرۈن.سەنمىچۇ نەرسىلىرىڭنى يىغىشتۇرۇپ،ھازىرلا يوقال.ھېلى مېنىڭ ئۆلگۈدەك تايىقمنىڭ ئاستىدا قالمىغىن يەنە........ 7@mv^(4  
       شۇ ئەسنادا يولدىشىمغا قارىدىم،ئۇنىڭدىن سادا چىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.ئۇقمىدىم،نەدىن كەلگەن خىيالكىن تاڭ،ئورنۇمدىن تۇرۇپ،ئۆزۈمنىڭ لازىمەتلىكلىرىنى قاچىلاپ،كىچىكرەك سومكا تەييارلىدىم،ئاخىرقى قېتىم يولدىشىمغا يەنە قارىدىم.ئۇ بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي ئولتۇراتتى.سومكامنى كۆتۈرۈپ،بوسۇغىدىن چىقتىم،تالادا يامغۇر قۇيۇۋەتكەن ئىدى.شۇنداقتىمۇ مېڭىۋەردىم،كاللامدا شىددەتلىك خىياللار........شۇ ماڭغانچە چوڭ تاشيولنىڭ بويىغا چىقىپ قاپتىمەن.قارىسام بىر قارا ماشىنا كېلىپلا توختىدى.ئىچىدە بىر خەنزۇ ئولتۇرۇپتۇ،شوپۇر ئۇيغۇر ئىكەن.مەن ئىككىلىنىپ،ئۇنىڭغا قارىدىم. ^xXMRoSL  
       _،چىقىڭە،بۇ كېچىدە،بۇ يامغۇردا نىمە نوچىلىق سىزگە........ 82 =Jl8  
    ئاخىرىدىكى گەپلىرىمۇ قۇلىقىمغا كىرمىدى......شۇ ماڭغانچە يېرىم سائەتتىن جىقراق مېڭىپ،ئاتا-ئانامنىڭ مەھەللىسىگىمۇ كەپقاپتۇق.ئۇ كىشىگە رەھمەت ئېيتىپ،ماشىنىدىن چۈشۈپ قالدىم. 4~(w0m?C  
       ئۆيگە كىرسەم،دادام،ئاپاملار ھاڭ-تاڭ قالدى.ئۇلارغا قېيناكامنىڭ ئايالىنىڭ ئىشىنى قىسقىچە سۆزلەپ بېرىپ،يېتىۋالدىم.ئاھ،خۇدا.ئاتا-ئانىنىڭ ئۆيىدەك ئىللىق ماكانمۇ بارمىدۇ؟.......كۆزۈمدىن ياش يەنە قۇيۇلۇشقا باشلىدى.............قاچانلا ئۇخلاپ قالدىمكىن،بىر چاغدا ھويلىدا دادامنىڭ يۆتەلگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ،كۆزۈمنى ئاچسام،تاڭ خېلىلا سۈزۈلۈپ قاپتۇ........ LwGk]VF  
       شۇنداق قىلىپ،ئۇ يولدىشىم بىلەن قانۇنلۇق ئاجراشتۇق.ئاڭلىسام قېيناپام بىر ھەپتە ھۇشسىز يېتىپتۇ،ھازىر ھۇشىغا كېلىپ،ئانچە-مۇنچە بىرەر نەرسە يىگۈدەك بوپتۇ.قېيناتامنىڭ قولى يەنىلا شۇنداق ئېسىغلىق تۇرۇپتۇ.قېيناكامنىڭ ئايالى بالنىسىتىن چىقىپتۇ،بىراق ئەڭ ئېچىنارلىقى،ئۈچ ئايلىق ھامىلە چۈشۈپ كېتىپتۇ.شۇنداق كۆڭلۈم يېرىم بولدى........ |G}oKor  
       مانا ھەش-پەش دىگۈچە،25ياشقا كىرىپ قالدىم،ئاتاقتا بىر ياتلىق بولغان،يەنە كېلىپ،بىر بوۋاقنىڭ بېشىغا چىقىپ،بىر ئائىلە كىشىلىرىگە پالاكەت ئېلىپ كەلگەن شۇم پىشانە ئاتالدىم.......ئاتا-ئانامنىڭ ئۆيىدە بىرەر يىل تۇرغان بولساممۇ،ھىچقانداق يەردىن ئەلچى دىگەنلەر كەپباقمىدى.راس گەپنى قىلغاندا،مەنمۇ قايتا ياتلىق بولۇش دىگەندىن ئۆلگۈدەك قورقاتتىم...............
    )b }(YDgg  
    داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ..............
    bugra
    ئالدىراپ ۋەدە قىلما،ۋەدەڭدە تۇرالامسەن؟!
    | ۋاقتى : 2008-03-02 22:22 4 -قەۋەت
    گۈزەل3.8
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8306
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 163
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە163دانە
    شۆھرەت: 563 كىشىلىك
    پۇل : 5447 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 253 نۇمۇر
    قوللاش: 204 نومۇر
    ئالقىش: 313 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :213(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

            بۈگۈن يەنى 2000-يىلى 4-ئاينىڭ2-كۈنى بىر دوستىمىزنىڭ تويى بولدى،گەرچە ئۇنداق ئۇنداق ئادەم كۆپ سورۇنغا بارغۇم بولمىسىمۇ،دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ باردىم،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن توي قىلغاندا،قىزلار يوق بەكمۇ خىجىل بولغانتىم،بىز بارمىساق خەقمۇ بارمايدىكەن ئەمەسمۇ،شۇنداق قىلىپ،رېستۇراننىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىغا ئاران چىداپ،بىر دەم ئولتۇردۇم-دە،كېتىش ئويىدا تالاغا چىقتىم.پەلەمپەيدىن چۈشىۋاتسام،بىر نەچچە مەس پاراڭلىشىپ تۇرۇپتۇ،مېنى كۆرۈپلا تېتىقسىز پاراڭلىرىنى دىيىشكىلى تۇردى.ئۇلارنى كۆرمىگەنگە سېلىپ،يېنىدىن ئۆتمەكچى بولدۇم،بىراق ئارىسىدا بىرسى،قەستەن پۇتىنى مەن تەرەپكە شىلتىغاندەكلا قىلدى،پۇتلىشىپ كەتتىم،ئاپلا،نەگە بېرىپ چۈشەرمەن،دىگەن ئوي بىر دەمدە كاللامدىن يالت قىلىپ ئۆتتى.لېكىن مۆجىزىدەكلا بىرسىنىڭ ئىسسىق بەدىنىگە ئۇرۇلدۇم-دە،توختاپ قالدىم.بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام،40 ياشلار چامىسىدىكى كېلىشكەن،بىر ئەر كۈلۈپ قاراپ تۇراتتى.ھېلىقى مەسلەرمۇ نەلەرگىدۇ غايىپ بولغان ئىدى.خىجىللىقتىن قايتا بېشىمنى كۆتۈرەلمىدىم.ئۇياقمۇ بىلىپ قالدى بولغاي: 53=WL I  
          _،بولدى مېڭىۋىرىڭ،يولدا ئېھتىيات قىلىڭ،_دىگىنىچە كۈلۈپ قاراپ قالدى. Pb|QsE]im  
    يولدا كېتىۋاتىمەن،ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان بىر خىل شېرىن تۇيغۇ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالغان ئىدى.....بۇنداق تۇيغۇنىڭ گۇناھ بولىدىغىنىنى بىلىپ تۇرساممۇ،يەنىلا شۇ خىل تۇيغۇدىن قۇتۇلالمايۋاتاتتىم.ئۆز-ئۆزۈمگە< توۋا،توۋا قىلدىم،مۇشۇنداق تۇيغۇغا كەپقالغىنىمنى،ياراتقۇچى ئاللا كەچۈرىۋىتەرسىز...........>دەپ پىچىرلىدىم. /FB_40~B  
          ھەش-پەش دىگۈچە،بىرەر ئاي ئۆتۈپ5-ئاي مەزگىلى بولدى.ئاپام قاتتىق ئاغرىپ قېلىپ،دوختۇرغا ئاپاردىم،تەكشۈرۈشلەرنى تۈگىتىپ،ياتاق رەسمىيەتلىرىنى بېجىردۇق.ئاپامنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ،مەسئۇل دوختۇر بىلەن بۇ كېسەل توغرىلىق پاراڭلىشىپ بېقىش نىيىتىدە،ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم.دوختۇر بىرەيلەن بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقان ئىكەن.مېنى ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلىپ،نىمە مەقسەتتە كىرگەنلىكىمنى سورىدى،ئەمدى گەپ قىلاي دەپ قارىشىمغىلا بىر تونۇش چىراي كۆز ئالدىمدا تۇراتتى.بۇ تونۇش چىرايمۇ ھەيران قېلىپ،ماڭا سۇئال نەزىرىدە تىكىلدى.مەن دوختۇرغا: CY~:v*hp  
        _،ئاپامنىڭ بۇ كېسىلىنى چوقۇم ئوپىراتىسىيە قىلامسىلەر؟،_دىدىم. B#Lo/p  
        _،شۇنداق،بۇ خىل كېسەللىك ھامان ئوپىراتسىيە قىلىنىدۇ،شۇڭا جېنىنى قىينىماي،ۋاقتىدا ئوپىراتىسىيە قىلغان ياخشى،دىدى دوختۇر تېخىچە ئۆرە تۇرغان دوستىنى ئولتۇرۇشقا دەۋەت قىلغاچ. BOG.G]>  
        _،ئۇنداقتا مەن چىقاي،قالغان گەپنى كېيىنچە دىيىشەرمىز،_دىدىمدە،يېنىپ چىقتىم.توغرىراقى ھېلىقى كىشىنىڭ تىكىلىپ قاراشلىرىدىن قېچىپ،يېنىپ چىققان ئىدىم. swp:!c=|  
        مانا ئاپاممۇ ئوپىراتىسىيە قىلىندى،ئاپامنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ ئولتۇراتتىم،ئىشىك ئېچىلىپ،قولىدا ئىككى يالتىراقتا لىققىدە نەرسە-كېرەك كۆتۈرگەنچە،ھېلىقى تونۇش چىراي كىرىپ كەلدى.شۇنداق ھودۇقتۇمكىن،ئاپامنىڭ ماڭا سوئال نەزىرىدە تىكىلىشلىرىنىمۇ،ئۇ كىشىنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرنى ماڭا تەڭلەشلىرىنىمۇ سەزمەپتىمەن.ئاڭغىچە ئۆزىلا بىر يەرنى تاللاپ،قولىدىكى نەرسىلەرنى قويدى-دە،ئاپامدىن ئەھۋال سورىدى................
    3oB %}@.  
    داۋامى بار..........
    izdax.com
    ئالدىراپ ۋەدە قىلما،ۋەدەڭدە تۇرالامسەن؟!
    | ۋاقتى : 2008-03-02 22:25 5 -قەۋەت
    گۈزەل3.8
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8306
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 163
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە163دانە
    شۆھرەت: 563 كىشىلىك
    پۇل : 5447 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 253 نۇمۇر
    قوللاش: 204 نومۇر
    ئالقىش: 313 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :213(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

          ئاپامنىڭ دوختۇردىن چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ،بولۇپ كېسەلخانىغا كىرسەم بىر گەۋدە ئاپامنى يۆلەپ ئېلىپ چىقىۋاتاتتى،قارىسام يەنە شۇ تونۇش چىراي.ئۇ مېنىڭ تۇرۇپلا قالغىنىمنى كۆرۈپ، OE}1`DX  
          _،بولىڭە،نەرسە-كېرەكلەرنى ئېلىپ چىقىڭە،ماڭىمىز،_دىدى.مەنمۇ ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا ئەگەشتىم،ماشىنىسىغا نەرسە-كېرەكلەرنى سېلىپ،ئاپامنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن،يۈرۈپ كەتتۇق.ئۆيگىمۇ كەلدۇق.ئۇمۇ ھىچقانداق تەكەللۇپسىزلا ئاپامنى يۆلىگەنچە،ئۆيگە كىرىپ كەتتى.مەنمۇ نەرسە-كېرەكلەرنى كۆتۈرۈپ ئارقىدىنلا كىردىم،قارىسام دادام ھىچبىر ھەيرانلىق ھىس قىلغاندەك ئەمەس ئىدى...........توۋا،بۇ نىمىشتۇ؟بۇلار مەندىن ھىچنىمىنى سورىمايدىغۇ؟خۇددى كونا تونۇشلاردەك پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ كەتكىنىنى قاراڭلار.......ئىچىمدە مۇشۇلارنى ئويلىغاچ،تاماققا تۇتۇش قىلدىم،تونۇش چىراي،تاكى تاماق پىشقىچە ئولتۇرۇپ،يەپ ئاندى ئۇزاپ ماڭدى،ئۇھ.ھەجەپ قۇتۇلدۇم.....دىدىممەن ئىچىمدە،يائاللا،نىمانچە قېلىن ئادەم بۇ،يېشى خېلى چوڭكەن بولمىسا،ئادەمگە كامادەك قاراپ تۇرغىنى تۇرغان........... tgQkmz"NI  
        شۇنىڭدىن ئېتىبارەن،مەن خالاي،خالىماي، ئۇ بىزنىڭ ئۆينىڭ دائىملىق مېھمىنى بوپقالدى............. ]Tn82U  
    o|(b-u<=  
        بىر كۈنى ئاپام كۆكتات ئادالاپ ئولتۇرۇپ: 3U/c` )  
        _،قىزىم يېشىڭىزمۇ خېلى چوڭ بوپقالدى،ئەمدى ئاستا غېمىڭىزنى قىلمىساق بولمىغۇدەك،سىزنىڭچە بىزنىڭ ئۆيگە دائىم كېلىپ تۇرىدىغان راخمانجان قانداقراق؟،_دەپ سورىدى.ھەيرانلا قالدىم-دە، r'f| wt\  
        _،توۋا،ئاپا،راخمانجان ئاكاشنى دەمسىز،ئۇ دىگەن مەندىن ئوننەچچە ياش چوڭ تۇرسا،يەنە كېلىپ،ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ يېشىمۇ مەندىن ھىچقانچە پەرقلەنمىسە......بۇ مۇمكىنمۇ؟_،دىدىم.ئاپام كۈلۈپ كېتىپ: rqA4B&-_  
        _،ياش پەرقى دىگەن چوڭ مەسىلە ئەمەس،مۇھىمى ئۇ سىزگە كۆيۈنسە بولدى،يەنە كېلىپ،ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ئەتراپىمىزدىكى ھەر قانداق ئادەمدىن ياخشى تۇرسا.ئەنە ياشقىمۇ تەگدىڭىز.......گەرچە ئەر-خوتۇن بولمىساڭلارمۇ،بىر مۇنچە ئىشلارغا يولۇقتىڭىز،مېنىڭچە مۇشۇ كىشنى ھەرگىز رەت قىلماڭ،دادىڭىزنىڭ ئارزۇسىمۇ شۇ.....دەپ يىغلاپ تۇرۇپ،بىر مۇنچە نەسىھەت قىلدى. jwE_sldK_  
        نەچچە كۈن ئويلاندىم، يېشىنىڭ مەندىن ئون سەككىز ياش چوڭلىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا،مىجەزى،جەمىيەتتىكى ئورنى،ئىقتىسادى ئەھۋالى،تۇتقان يولى ھەممىسلا يارايتتى.ئاخىرى بۇ ئىشقىمۇ قوشۇلدۇم...........ھىچقانداق ئىشقا،ئەڭ ئاددىسى توي خەتكىمۇ مەن بارمايلا،ئۆزى پۈتتۈرۈپ كەلدى.........شۇنداق قىلىپ،ھاياتىمدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق ھەم ئەڭ مۇھىم كۈن يېتىپ كەلدى..............
    NyKp~tn w  
    داۋامى ئەتە يوللىنىدۇ........... =(Q=tk7  
    qarluq
    ئالدىراپ ۋەدە قىلما،ۋەدەڭدە تۇرالامسەن؟!
    | ۋاقتى : 2008-03-02 22:37 6 -قەۋەت
    گۈزەل3.8
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8306
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 163
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە163دانە
    شۆھرەت: 563 كىشىلىك
    پۇل : 5447 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 253 نۇمۇر
    قوللاش: 204 نومۇر
    ئالقىش: 313 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :213(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

          2000-يىل6-ئاينىڭ3-كۈنى 4+Qk<`v0\  
          بۇ كۈننى قانداق جاپادا ئۆتكۈزگەنلىكىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسەن،دوستۇم. ئۆزۈڭ قىزىقمىغان توينىڭ قانداق بولىدىغىنىنى سەن مەڭگۈ ھىس قىلالمايسەن،ئىنسان بالىسى بۇنداق ئىشقا دۇچ كەلمىگەي............ `.Z,mT}kH  
        شۇنداق قىلىپ،مەن بۇ ئائىلىدە خانىم بولدۇم.ئۆزۈمدىن 5 ياش،8 ياش كىچىك بولغان يىگىتلەرگە ئاپا بولدۇم.....ھەر ھالدا،بۇ بالىلار خېلى تەربىيە كۆرگەن بالىلاركەن،مېنى خېلى ئوچۇق چىرايدا قارشى ئالدى،ھەر ئىككىسى <ھەدە>دەپ چاقىردى.ئائىلىمىز بەكمۇ باياشات ئىدى.يولدىشىممۇ،بىر مەمۇرى ئورۇندا رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ئۆتەيتتى.مەن بۇ ئائىلىدە ھەر قانداق ئىش بولسا قىلىشقا رازى ئىدىم،بىراق شۇ كەچ بولمىسا............. m6W#'=xp]  
        قېيناپام بىلەن قېيناتاملارمۇ ياشقا چوڭ بوپقالغاچقا ئۇلارنىڭ ھالىدىن بىر ئادەم خەۋەر ئالمىسا بولمايتتى،مەن مۇشۇنى باھانە قىلغاچ،(ھەم ئۆزۈممۇ ئۇلارنى بەك ياخشى كۆرەتتىم،ئۇلارمۇ ھەم شۇنداق ئىدى)،شۇ ئۆيدە قونۇپ قېلىشقا ئارانلا تۇراتتىم.........بۇنى يولدىشىم سېزىپ قالغان چېغى،بىر كۈنى چوڭلارغا قارايدىغانغا يېشى 50لەردە بار بىر ئايالنى ئەكەلدى.شۇنىڭ بىلەن مېنىڭمۇ ئۇ ئويۇنلىرىم جايىدىلا قالدى.......يەنە ئۆيدىن چىقماي،ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. lP3n=/HT  
        توۋا،دەيمەن،دوستۇم.نىكاھ دىگەننىڭ مېھرى ئىسسىق بولىدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم،راس گەپكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە يولدىشىمنىڭ زىيادە كۆيۈمچانلىقى،سىلىق سۆزلىرى،مۇھىمى ھاراق،تاماكا دىگەنلەرگە يېقىن يولىمايدىغىنى ئاستا-ئاستا كۆڭلۈمنى ئېرىتىشكە باشلىدى......... M]@~LU/+  
    0<(8bx6R  
        مانا ھەش-پەش دىگۈچە توي قىلغىنىمىزغا بىرەر يىل بوپقاپتۇ.....بىر كۈنى يولدىشىم بىلەن ئالبوملارنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ ئولتۇراتتۇق،ئۇنىڭ ماڭا تىكىلىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ،ئوڭايسىزلانغاندەك بولدۇم-دە: -j.~7!r  
        _،نىمە قاراۋىرىسىز،ئادەمنى خىجىل قىلىپ،_دەپ باشقا ياققا قارىۋالدىم.ئۇ كۈلۈپ كېتىپ: e#'6%  
        _،ئۆزۈمگە مەسلىگىم كېلىۋاتىدۇ،شۇنچە ياش،چىرايلىق ئايالىم باركەن،دەپ.قېرىساممۇ تەلىيىم باركەن جۇمۇ،_دەپ چېچىمنى سىلاپ قويدى. ? 
        _،مەن بار يەردە شۇنداق دەپ قويغىنىڭىز بىلەن............،_گەپنىڭ ئاخىرىنى يۈتۈۋەتتىم.ئۇ شۇ ھامانلا قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ: 4{ehn.g{d  
        _،ماڭا ئىشىنىڭ،بۇرۇن ئانچە-مۇنچە ئېزىپ قالغان بولساممۇ،سىزنى ئالغاندىن كېيىن،ھەرگىزمۇ ئۇنداق خىيالدا بولۇپ باقمىدىم.ئاللا خالىسا،مەن سىزگە بىر ئۆمۈر سادىق بولۇپ ئۆتىمەن.سىزدەك ھەم ياش،چىرايلىق،ھەم ئەخلاقلىق،ياخشى مىجەزلىك ئايالىم تۇرسا،يەنە تالاغا قارارمەنمۇ؟ماڭا ئىشىنىڭ،مەن سىزنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرىمەنكى..............دەپ،جىقلا ۋەدىلەرنى بېرىپ كەتتى. ZF8rW~I{w  
    توۋا،دوستۇم. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ چىرايى شۇنچىلىك سەمىمى شۇنچىلىك قىزغىن كۆرۈنەتتى...............
    & v&P   
    داۋامى بار.......
    qarluq
    ئالدىراپ ۋەدە قىلما،ۋەدەڭدە تۇرالامسەن؟!
    | ۋاقتى : 2008-03-03 11:18 7 -قەۋەت
    گۈزەل3.8
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8306
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 163
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە163دانە
    شۆھرەت: 563 كىشىلىك
    پۇل : 5447 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 253 نۇمۇر
    قوللاش: 204 نومۇر
    ئالقىش: 313 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :213(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        توي قىلغان 2-يىلى يولدىشىم<ئىچكى قىسىمدا پېنسىيىگە چىقىش>رەسمىيىتىنى بېجىرىپ،بىر ئائىلە بويىچە مۇشۇ شەھەرگە كۆچۈپ كەلدۇق.بىلەمسەن،دوستۇم.مۇشۇ شەھەرگە كۆچۈپ كېلىشىمىز،يىغىلىرىمنىڭ باشلىنىشى ئوخشايدۇ دەپ قالىمەن بەزىدە...... M tka6   
        يولدىشىم،خىزمەتتىن چېكىنگەندىن كېيىن بىر نەچچە دوسلىرى بىلەن سودا قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى.ئۇلارنىڭ سودىسىنىڭ يۈرۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇراتتىم.ئۇ بەزىدە چىقىپ كەتسە بىرەر ھەپتە ياكى بىر نەچچە كۈندە پەيدا بولاتتى........بۇنىڭغا نىسبەتەن،مەن ھەرگىزمۇ گۇمان قىلمايتتىم.گەرچە بەزى ياشقا چوڭراق ئاياللار ،مېنىڭ دىققەت قىلىشىمنى پۇرىتىپ ئۆتۈپ كەتسىمۇ،ئۇلارنىڭ«نادانلار»چە پىكرىگە كۈلۈپ قوياتتىم........چۈنكى يولدىشىم،ماڭا ۋەدە بەرگەن ئەمەسمۇ؟! R {xppG^N  
        ئېسىڭدىمۇ،بىز كۆچۈپ كەلگەن 2-يىلى ھېلىقى دۇكاندار ئايالنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتساق،مېنى كۆرسىتىپ يېنىدىكى ئايالغا<يېشىغا بېقىپ ئىش قىلماي،قېرى خوتۇندەك كىيىنىپ،ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرسا،ئېرى ئوينىماي قانداق قىلاتتى،چىرايلىق بولسىلا ھىساپ ئەمەس..........>دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا گەپ قىلدى.سەن شۇ چاغدا كەينىڭگە ئۆرۈلۈپلا<نىمانداق غەيرى گەپنى قىلىسىلەر،راخمانجان ئاكام ھەرگىزمۇ ئۇنداق نائەھلى ئەمەس........>دەپ خاپا بولۇپ كەتتىڭ.مەن سېنى سۆرەپ دىگۈدەك،يولىمىزغا ماڭدۇق.شۇ چاغدا،سەن يول بويى ھېلىقى ئاياللارنى تىللاپ قاقشاپ،ماڭدىڭ.لېكىن مەن يولدا مېڭىۋاتىمەنمۇ ياكى لەيلەۋاتامدىم.........ئۆزۈممۇ سەزمەيلا بىز بارماقچى بولغان ئۆينىڭ ئالدىغا كەپقاپتۇق.لېكىن مەن ئۇ ئۆيگە كىرمەي كېتەيلى دىدىم،شۇ چاغدا مېنىڭ نىمىشقا ئۇ ئۆيگە توساتتىن كىرگىلى ئۇنىمىغانلىقىمغا ھەيران بولدۇڭ.يالۋۇرۇپمۇ باقتىڭ،خاپا بولۇپمۇ باقتىڭ،لېكىن مەن قارارىمدىن ھەرگىزمۇ يانمىدىم...........شۇ ۋاقىتتىكى كىرمەسلىك سەۋەبىمنى ئەمدى دەپ بېرەي،يولدىشىمنىڭ ماشىنىسى شۇ ھويلىدا توختىتىپ قويۇغلۇق ئىدى.لېكىن سەن ئۇنى كۆرمىدىڭ.مەن سەندىن بۇرۇن دەرۋازىنى قېقىش ئۈچۈن كەلگىنىمدە كۆرۈپ قالدىم.ساڭا راس گەپنى دىگۈم كەلمىدى.چۈنكى بۇنى بىر ئۇقۇشماسلىق بوپقالغىيتتى دەپ تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم،ئەپسۇس.......... &r7!d4}  
        ئۇنى بىز بىتاپ بولۇپ قاپتۇ دەپ يوقلاپ بارغان ئىدۇققۇ؟كىم بىلسۇن،يولدىشىم ئادەمگەرچىلىكتە بىزدىن«چاققان»چىقىپتۇ،بىزدىن بۇرۇن «يوقلاپ»بېرىپ بوپتۇ.يوقلىغاندىمۇ،قونۇپ «يوقلىدى» GeN_3%&&  
    ................ 6Jg+USeZ  
        مەن شۇ كۈنى ئۆيگە قايتىپ كېلىپ،قانچىلىك يىغلىدىم....كۆڭلۈم قانچىلىك ئىزا تارتتى.....سەن بۇنى ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسەن،چۈنكى مەن ئەزەلدىن ھىچكىمگە دەرت تۆكمەيمەن ئەمەسمۇ،سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا مەن بىر بىغەم،تۇرمۇشتا بەكمۇ خاتىرجەم.............
    q5lx}iy  
    داۋامى بار.............
    qarluq
    ئالدىراپ ۋەدە قىلما،ۋەدەڭدە تۇرالامسەن؟!
    | ۋاقتى : 2008-03-03 11:19 8 -قەۋەت
    گۈزەل3.8
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8306
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 163
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە163دانە
    شۆھرەت: 563 كىشىلىك
    پۇل : 5447 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 253 نۇمۇر
    قوللاش: 204 نومۇر
    ئالقىش: 313 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :213(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

         سەن بەلكىم مەندىن،<يولدىشىڭ ئەتىسى قايتىپ كەلسە،سۈرۈشتە قىلغانسەن>دەپ سورىغۇڭ كېلىۋاتقاندۇ؟لېكىن مەن سۈرۈشتە قىلالمىدىم.نىمە ئۈچۈن بىلەمسەن؟ چۈنكى_ئۇ ماڭا ۋەدە قىلغان!مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىشىم كېرەك. 0\*nGCy(  
         ئۇ ئەتىسى ھىچ ئىش بولمىغاندەك،ناھايىتىمۇ تەمكىن قىياپەتتە يۈرىۋەردى.مەنمۇ بۇ ئىشلارنىڭ پەقەتلا بىر توغرا كېلىپ قېلىش،شۇنداقلا ئارتۇقچە گۇمان بولۇپ قېلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم،ئەپسۇس......... F*cdGU~th  
        ئۇ يەنە پات-پاتلا ھەپتىدە بىر-ئىككى كۈن سىرتتا قونۇپ قالدى،بۇنداق چاغلاردا،ئۇ قايسىبىر شەھەردىن دوستلىرى كەلگەنلىكىنى،كېچىچە سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرغانلىقىنى سۆزلەپ بېرەتتى.مەن يەنىلا ئىشىنەتتىم،چۈنكى ئۇ ماڭا ۋەدە قىلغان ئەمەسمۇ؟! +4/ wW  
        ئېسىڭدىمۇ دوستۇم،بىر قېتىم سەن مېنىڭ بىتاپ بوپقالغىنىمنى ئاڭلاپ يوقلاپ كەلگىنىڭدە،سېنى كۆرۈپ،شۇنداق يىغلاپ كەتكەن ئىدىم.سەن شۇ چاغدا،ياشلىرىمنى سۈرتۈپ،<توۋا،ئاداش،مىجەزىڭ يوق بولغانغىمۇ يىغلامسەن؟ئوڭشىلىپ قالىسەن،بولدى يىغلىما.........>دەپ تەسەللى بەرگەن ئىدىڭ،ئەمىلىيەتتە ساڭا ئۆزۈمنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىمنى دىمىگەن ئىدىم.مېنىڭ بۇ بالىنى پەقەتلا بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغۇم يوق ئىدى.بەلكىم دەسلەپتىلا ئامالىنى قىلساڭ بولماسمىدى دىيىشىڭ مۇمكىن،مەن تىرىشىپ باقتىم،لېكىن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى،ھەممىسىدە مەغلۇپ بولدۇم.شۇنداق قىلىپ كۈنلەر،ئايلار ئۆتۈپ قوسۇغۇممۇ تەدرىجى يوغىناشقا باشلىدى....يىگىرمە نەچچە ياشقا كىرىپ قالغان ئۆگەي ئوغۇللىرىمدىن خىجىل بولۇپ،خېلى يوشۇرۇپ يۈردۈم.لېكىن ئۇلار ھامىنى سېزىپ قالدى.بەختىمگە يارىشا،ئۇلاردا ھىچقانداق غەيرى ئىنكاس بولمىدى. f{pEt  
        شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاتا-ئانامنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن يۇرتۇمغا كەتتىم.ئاتا-ئانامنىڭ قېشىدا 5-6كۈن تۇرۇش جەريانىدا،يولدىشىم ھەر كۈنى دىگۈدەك تېلىفون ئۇرۇپ<ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ،قوسىغىڭىزدىكى بالامنى ئاسراڭ،قاچان قايتىپ كېلىسىز؟>دىگەندەك سۆزلەرنى ياغدۇرىۋىتەتتى.....بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭغا بولغان گۇمانىم نەلەرگىدۇر غايىپ بولاتتى. u) 7 t  
    شۇ كۈنلەردە ئۆگەي ئوغلۇم،ئىدارىسىنىڭ ماشىنىسىنى ئېلىپ،يۇرتۇمغا خىزمەت بىلەن باردى.ۋە<كېتەمسىز،مەن ئالغاچ كېتەي>دىگەچ مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەپتۇ. b;B>'4Tm  
    ئويلاپ باقسام،يولدىشىممۇ قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىغىم توغرىلىق كۈندىلا تېلىفون ئۇرۇپ تۇرۇۋاتاتتى.شۇڭا تارتىشمايلا ئۆگەي ئوغلۇمنىڭ ماشىنىسدا كېتىۋىلىش نىيىتىگە كەلدىم.......... G o]nv zr  
    ئۆيىمىزنىڭ ئالدىغىمۇ كەلدۇق،ئۆگەي ئوغلۇم ماڭا< سىز كىرگەچ تۇرۇڭ،مەن ماشىنىنى ئەپلىكرەك بىر يەرگە توختىتىپ قويۇپ،كىرەي>دەپ ماشىنىدا قالدى.پەلەمپەيدىن شۇنداق تەستە ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ چىقىپ،ئىشىكنىڭ ئالدىدا بىر دەم تۇرۇۋالدىم.شۇ ۋاقىتتا ئۆيدىن قاقاقلاپ كۈلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.يۈرىگىم قارتتىدە قىپقالدىيۇ،لېكىن يەنە ئارتۇق ئويلانمايلا ئىشىككە ئاچقۇچ سالدىم....
    kzZ)Or,Ev  
    داۋامى بار.....
    qarluq
    ئالدىراپ ۋەدە قىلما،ۋەدەڭدە تۇرالامسەن؟!
    | ۋاقتى : 2008-03-03 12:55 9 -قەۋەت
    گۈزەل3.8
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8306
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 163
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە163دانە
    شۆھرەت: 563 كىشىلىك
    پۇل : 5447 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 253 نۇمۇر
    قوللاش: 204 نومۇر
    ئالقىش: 313 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :213(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

         ئۆيگە كىرىشىمگىلا كىرىسلودا ئولتۇرغان ئىككى گەۋدە خۇددى ئاستىدا پۇرژۇن باردەكلا تۇرۇپ كەتتى.كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قېتىپلا قالدىم.چۈنكى كۆز ئالدىمدا تۇرغىنى ،ماڭا شۇنداق دەبدەبىلىك ۋەدىلەرنى بەرگەن،شۇنداق سىلىق سۆزلۈك،كۆيۈمچان ئېرىم بىلەن مەن كۆرۈپمۇ باقمىغان 40ياشلار چامىسىدىكى بىر ناتونۇش ئايال ئىدى.يەنە كېلىپ ھەر ئىككىسى شۇنداق ئازادە كىيىم بىلەنلا ئولتۇرغان ئىدى،ئۈستەلدە تېخى يەپ بولالمىغان لەغمەن.........مەن خۇددى ھازىرلا جېنىم چىقىپ كېتىدىغاندەك،تامغا يۆلىنىۋالدىم،ئېرىم مېنىڭ دەلدەڭشىگىنىمنى كۆرۈپ،تېزلىكتە مېنى يۆلىمەكچى بولدى-يۇ،كۆزۈمگە قاراپلا جايىدىلا توختاپ قالدى. بىلەمسەن دوستۇم،شۇ ۋاقىتتا ئېرىم كۆزۈمگە خۇددى ھەممىلا يېرى يالىڭاچتەك كۆرۈنۈپ ئىختىيارسىز سەسكىنىپ  كەتتىم،توساتتىن كاللامغا<ئوغۇل>دىگەن بىر ئۇقۇم كەلدى،ئاپلا ،دەپ قالدىم ئىچىمدە.شۇ ھامان كەينىمگە ئۆرۈلۈپلا تالاغا ماڭدىم،پەلەمپەيدىن قانداق چۈشكىنىمنىمۇ بىلمەيمەن،سىرتقا چىقىشىمغىلا ئۆگەي ئوغلۇم بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدىم،ئۇ مېنى كۆرۈپ،ھەيرانلا قالدى،دە: l R#4$  
          _،نىمە بولدىڭىز،بىر نەرسىدىن قورقۇپ كەتتىڭىزما؟ھەجەپ قورقۇنچاقكەنسىز،ئەمدى قاراڭغۇ چۈشتىغۇ تېخى،_دەپ كۈلۈپ كەتتى.مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي،ئۇنىڭغا قاراپلا قالدىم.ئۇمۇ چىرايىمغا قاراپ بېقىپ،سەل ئۆزىنى تۇتىۋالدى ۋە: (cUgFG  
          _،نىمە بولدى،ئىشىكنى ئاچالمىدىڭىزما؟دادام يوقمىكەن،بىراققۇ چىراغ يورۇق تۇرىدۇ،مەن ئاچقۇچىمدا ئېچىپ باقاي_دىگىنىچە ئۆيگە قاراپ ماڭدى.مەن ئىتتىك ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتتۈم دە: gg%nSf4d  
          _،بولدى،ئېچىلمايدىكەن،قۇلۇپ بۇزۇلۇپ قاپتۇ،_دىدىم.لېكىن ئۇ: N(i[}3|x  
          _،تالادا تۇرۇشنىڭ ئورنى يوق،ئوڭشايمىز-دە،_دىگەچ يەنە ماڭدى.ئاخىرى ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلىۋالدىم.ئۇ سەل چۆچۈگەندەك قولىنى ئىتتىك تارتىۋالدى ۋە ماڭا سۇئال نەزىرىدە تىكىلدى.مەن ئۇنىڭغا: kV?Eh91a0  
          _،ماشىنىڭىزغا چىقىپ بىردەم ئولتۇرايلى،_دىدىم ۋە ماشىنا تەرەپكە ماڭدىم.ئۇمۇ گەپ-سۆز قىلماستىن ماڭا ئەگىشىپ كەلدى-دە،ماشىنانىڭ ئىشىكىنى ئاچتى......... ?Q.~n;Py]  
          مانا يېرىم سائەت........بىر سائەتمۇ ئۆتتى،بىنادىن چىقىپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا،ھېلىقى ئايالنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى.ئۇنىڭ بۈگۈن كېتىشىدىن ئۈمىدنى ئۈزدۈم.ئوغۇلمۇ نىمىلەرنى ئويلىدى بىلمىدىم،ئاخىرى ماشىنىنى ھەيدەپ قورۇدىن چىقتى،ماڭا ئۇ كۈنى نەگىلا بارسام بەرىبىر ئىدى...........
    = N#18wW~  
    داۋامى بار.....
    qarluq
    ئالدىراپ ۋەدە قىلما،ۋەدەڭدە تۇرالامسەن؟!
    | ۋاقتى : 2008-03-03 13:10 10 -قەۋەت
    گۈزەل3.8
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8306
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 163
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە163دانە
    شۆھرەت: 563 كىشىلىك
    پۇل : 5447 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 253 نۇمۇر
    قوللاش: 204 نومۇر
    ئالقىش: 313 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :213(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        ئۆگەي ئوغلۇم ماشىنىنى شۇ ھەيدىگىنىچە كوچىنى قايتا-قايتا ئايلاندى........ئاخىرى بىر ئاشپۇزۇلنىڭ ئالدىغا كېلىپ،توختاتتى-دە، \A QJ6F  
          _،چۈشۈڭە،تاماق يەۋالايلى،_دىدى ماڭا قاراپ.گەرچە پەقەت يىگۈم بولمىسىمۇ،ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ،ماشىنىدىن چۈشتۈم............. Af~ZR7k}j  
          مانا،ماشىنا يەنە قوزغالدى...ئاخىرى ئۇنىڭغا ئېغىز ئاچتىم: bqyO#*:^  
          _،ئۇكام،مېنى .....دوستۇمنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويسىڭىز بوپتىكەن. ck.'1#  
          ئۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپ كېتىپ: ;pNoe }  
          _،بوپتۇ،كۆڭلىڭىز شۇ يەرنى تارتقان بولسا،ئاپىرىپ قوياي.بىراق قالايمىقان خىياللاردا بولماڭ-ھە،ئەسلىدە مېنىڭ ياتىقىمغا ئاپىرىپ قوياي دىگەنتىم،لېكىن سەل بىئەپ كۆردۈم،_دىدى. ,%r*apAZni  
          ئېسىڭدىمۇ دوستۇم،ئۆيۈڭنىڭ قوڭغۇرىقىنى باسقىنىمدا،يولدىشىڭ چىقىپ،قاراڭغۇدا مېنى ۋە ئۆگەي ئوغلۇمنى كۆرۈپ،چىرايلىرى ئۆزگىرىپ كەتكەنتى.ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن،ئۆگەي ئوغلۇمنى تونۇپ،<توۋا،توۋا قىلدىم.پەرۋاردىگارىم،ئۆزۈڭ كەچۈرەرسەن>دەپ كەتكەنتى.سەن شۇ چاغدا شۇنداق كۈلۈپ كەتتىڭ.بۇلارنى كىمكىن دەپ قالغانتىڭىز دەپ خېلى ئۇزۇن كۈلگەنتىڭ.شۇ چاغدا ئۆگەي ئوغلۇمنىڭ چىرايىغا سەن سەپسالمىدىڭ،ئۇ شۇنچىلىك ئوڭايسىزلاندىكى،ماڭا قاراشقىمۇ پېتىنالمىدى.ئاخىرى كۈلكىدىن توختاپ،ھەيرانلىقتا ماڭا قارىدىڭ.مەن ئۆگەي ئوغلۇمنىڭ ئالدىدا يالغاننى قۇيۇۋەتتىم،<بۈگۈن ....جان بىلەن يۇرتۇمدىن قايتىپ كەلگەن،ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ھەر ئىككىمىز ئالماپتۇق،دادىسى كاماندىروپكىغا چىقىپ كېتىپتۇ،ئەتە-ئۆگۈن قايتىپ كەلگۈدەك،شۇڭا بۇ كېچىدە قۇلۇپ چېقىپ يۈرگەندىن كۆرە،سېنىڭ قېشىڭغىلا كەلدىم>دىدىم.سەن راستىنلا ئىشىنىپ قالدىڭ،ئۆگەي ئوغلۇم،مەن ۋە سىلەر بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى. KT7gu7  
          ئېسىڭدىمۇ،ئەتىسى چۈشلۈك تاماقتا ئېرىم بىلەن سېنىڭ يولدىشىڭ،بىللە كىرىپ كەلدى.ئۇنىڭ چىرايىدىن يەنە ئاۋالقىدەكلا،مۇلايىملىق،ئىللىقلىق چىقىپ تۇراتتى.....توۋا،دەيمەن،بۇ دۇنيادا ئادەملەر رول ئالىدىغانغا شۇنداق ئۇستا بوپ كېتىدىكەنكى،ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن يالغانچىلىق،قۇۋلۇقتىن قىلچىلىكمۇ تاپالمايدىكەنسەن.........سەن شۇ چاغدا ئېرىمنىڭ مەن بىلەن خۇددى مېھمانلار بىلەن سالاملاشقاندەك،سالاملىشىپ ئىززەت-ئىكرام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ شۇنداق مەسلىگىڭ كەلدى،يولدىشىڭغا: ?uO)mxi&  
          _،قارىڭە،سىزمۇ راخمانجاندىن ئۈگۈنۈڭە،ئاياللارغىچۇ مانا مۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ،سىزنىڭ مۇشۇ توڭلىقىڭىز زادى....... L;63d1s  
          _،ھەي،سەنمۇ ئاينۇردەك كىچىكمۇ؟مەن راخمانجاندەك چوڭمۇ؟قاراڭلار بۇنىڭ گېپىنى،مەنمۇ ئوغلۇمدىن بەش ياش كىچىك قىزۋالىدىن بىرنى ئەپ باقاي،شۇ چاغدا كۆرىدۇ،مېنىڭ ئىززەت-ئىكراملىرىمنى........ ,Jy[G%]Lzd  
          _،ئو.......ھۇش،بولدىلا،سىزدەك ئادەم بىلەن گەپ تالاشقۇم يوق،_دىدىڭ سەن بىر ئاز ئۆڭۈپ. 0sc!_q*b  
    بىلەمسەن دوستۇم،ئېرىم ھىچ ئىش بولمىغاندەك،كۈلۈپ ئولتۇراتتى،پات-پات ئاتا-ئانامنىڭ ئەھۋالىنى،ئۇرۇق-تۇققان،خۇلۇم-خوشنىلارنى،دادامغا ئىۋەتكەن قايسىبىر دورىسىنىڭ ئۈنۈمىنى سوراپ قوياتتى،مەنمۇ لايىقىدا جاۋاپ بېرىپ ئولتۇراتتىم،ئىچىم بەك سىقىلىپ كېتىۋاتاتتى.........ئاخىر يولدىشىم،ئورنىدىن تۇرۇپ: t$f+-N}mA  
          _،بىز بېرىپ باقايلى،ئاينۇرمۇ چارچاپ قالغاندۇ،ئۆيگە بېرىپ دەم ئالسۇن،_دىدى ۋە سومكامنى كۆتۈرۈپ،ماڭا قارىدى.مەن نىمىمۇ دىيەلەيمەن،ئۇنىڭغا ئەگەشتىم............. :^*0?_jWe  
    ئۆيگىمۇ كەلدۇق،كۆزۈمگە بۇ مېنىڭ تۇتقان ئۆيۈم ئەمەس،بەلكى يات بىرسىنىڭ ئۆيىدەك بىلىنىپ كەتتى.......... )'1@'!07  
          _،بىر دەم ئارام ئېلىڭ،_دىدى ئۇ ياستۇق ۋە كۆرپىنى كارۋاتقا تاشلاپ.مەن گەپ قىلماستىن،جايىمدا ئولتۇرىۋەردىم.بىر دەمدىن كېيىن ئۇ ماڭا دائىم ئىچىشنى تاپىلايدىغان،قۇۋۋەت دورىسىنى قايناقسۇ بىلەن ئېلىپ چىقىپ تەڭلىدى،شۇ چاغدا ئۇنىڭغا قارىدىم،ئۇ خۇددى ئاۋالقىدەكلا شۇنداق مېھرىبان،ئىللىق چىراي ئىدى......گەرچە كۆڭلۈمدە شۇنداق كۆپ سۆزلىرىم بولسىمۇ،گەپنى قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمىدىم،توغرىراقى ئۇ ماڭا گەپ قىلغۇدەك پۇرسەتمۇ بەرمىدى.يەنە كېلىپ،ئۇ ئىشلارنى ئاغزىمغا ئېلىشتىنمۇ ئۇيۇلاتتىم،مەن ئۈچۈن بۇ ئىشنى ئېغىزغا ئېلىشمۇ نومۇس ئىدى........ Z:kpLN9  
        ئۇ قېشىمغا كېلىپ،ئولتۇرۇپ: n'|)pj  
    _،ئەتە دوختۇرغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ باقاي،تۇغۇت مۆلچەر كۈنىڭىز قاچانكىن؟،_دىگەچ چاچلىرىمنى سىلاپ قويدى.....بىلەمسەن دوستۇم،شۇ ۋاقىتتا شۇنچىلىك سەسكەندىمكى، ئۇ خۇددى يالىڭاچ ھالەتتە چېچىمنى سىلاۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى.........
    \- &EV=$  
    داۋامى بار...........
    qarluq
    ئالدىراپ ۋەدە قىلما،ۋەدەڭدە تۇرالامسەن؟!
    | ۋاقتى : 2008-03-03 14:03 11 -قەۋەت
    گۈزەل3.8
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8306
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 163
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە163دانە
    شۆھرەت: 563 كىشىلىك
    پۇل : 5447 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 253 نۇمۇر
    قوللاش: 204 نومۇر
    ئالقىش: 313 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :213(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

     داۋامى تېزلىكتە يوللىنىلىدۇ
    [ بۇ يازما گۈزەل3.8 تەرپىدىن 2008-03-05 16:03 دە قاي ]
    qarluq
    ئالدىراپ ۋەدە قىلما،ۋەدەڭدە تۇرالامسەن؟!
    | ۋاقتى : 2008-03-03 14:17 12 -قەۋەت
    گۈزەل3.8
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8306
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 163
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە163دانە
    شۆھرەت: 563 كىشىلىك
    پۇل : 5447 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 253 نۇمۇر
    قوللاش: 204 نومۇر
    ئالقىش: 313 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :213(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

           شۇ ئىشتىن كېيىن قانچىلىك ياش تۆككەنلىكىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن،شۇنداق خورلۇق ھىس قىلدىمكى،كۆزۈمگە بۇ ئۆينىڭ ھەممە يېرىدە بىر خىل يالىڭاچ ئادەملەر مېڭىپ يۈرگەندەك،ھەممىسى ماڭا قاراپ،قاقاقلاپ كۈلىۋاتقاندەك،بىلىنەتتى،سەن بىلمەيسەن دوستۇم،بۇنداق ھىسسىياتتا،تۇيغۇدا ياشىماقمۇ بەك تەسكەن،بەزىدە،چۈشلىرىمدە ھېلىقى يالىڭاچ ئادەملەر،قوسىقىمنى سىلاپ باقاتتى،شۇنداق چاغلاردا قورققىنىمدىن، چىقىراپ ئويغىنىپ كېتەتتىم،بۇنداق چاغلاردا يولدىشىم سۈرە ئوقۇپ،باش-كۆزلىرىمگە ھۈرەتتى،توۋا،دەيمەن،دوستۇم.بەزىدە تاسادىپى ئۇنىڭ چىرايىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالغاندا، كۆزلىرىدە ياش لىغىرلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ قالاتتىم.......  `x'(# a  
         مانا ئاتا-ئانامنىڭ ئۆيىدە قىزىممۇ تۇغۇلدى،قىزىم شۇنچە چىرايلىق،ئوماق بولسىمۇ،لېكىن نىمە ئۈچۈندۇر تولا يىغلايتتى،بالىنىڭ كېچە-كېچىلەپ يىغلاشلىرى،ئۆزۈمنىڭ تېنىمنىڭ ئاجىزلىغى،ئاپامنىڭمۇ تەن-سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىق سەۋەبىدىن دادامنى بەكمۇ قىيناپ كەتتىم.ئاخىرى بۇ ئۆيدە داۋاملىق كۈتۈنۈۋېرىشكە خىجىل بولۇپ،دەل بىر ئاي بولغاندا،يولدىشىمنىڭ دەۋىتى بىلەن قايتىپ كەلدىم. ^>, 
          ئېسىڭدىمۇ دوستۇم،سەن مېنى يوقلاپ كەلگىنىڭدە،يولدىشىم بالامنى قولىغا ئېلىپ،بۇلماق يىگۈزىۋاتاتتى،سەن ھەيران قېلىپ،كۈلۈپ كەتتىڭ.شۇ چاغدا يولدىشىم ساڭا: ,f?~*87L)  
          _،قاراڭ،قىزىم كىمگە ئوخشايدۇ؟،_دىدى،دە ئەمدىلا 40كۈنلۈك بولغان بالىنى سۆيۈپ كەتتى،سەن تېخىمۇ كۈلۈپ كەتتىڭ ھەم: \tPKV8j  
          _،يائاللا،قېرىغاندا تۇغقان بالا بەك تاتلىق بولىدىكەن-ھە،بالىمىغۇ بەك چىرايلىقكەن،كىمگە ئوخشايدۇ،راس.ھەجەپ مەن ھىچكىمگە ئوخشىتالمىدىمغۇ؟،_دىدىڭ.شۇ چاغدا يولدىشىم ماڭا شۇنداق مېھىرلىك قاراپ قويۇپ: pHq(fu  
        _،كىمگە ئوخشايتتى،ئاپىسىغا ئوخشايدۇ-دە،_دىدى ھەم،قىزىمنى قولىغا ئېلىپ: FoJ*r   
        _،ئاپىڭىزغا ئوخشاش ئەخلاقلىق،ئىنساپلىق،كۆڭلى دەريا بولۇڭ جۇمۇ قىزىم،_دەپ پىشانىسىگە سۆيۈپ قويدى. ?xq)& N  
        بىلەمسەن دوستۇم،شۇ چاغدا ئىختىيارسىز، كۆزلىرىمدىن ياشلار تۆكۈلۈپلا كەتتى.........ئاياللارنىڭ دىلىنىڭ نەقەدەر يۇمشاق ئىكەنلىكىنى شۇ قېتىم ئازاپ ھەم شاتلىق ئىچىدە ھىس قىلدىم........ a~2}R5~fA  
        ئىچىمدە ياراتقۇچى ئاللادىن،ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ،ئائىلىمىزگە خاتىرجەملىك،پەرزەنتلەرگە ھەم ئۇنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تىلىدىم..........
    ` .T}kf02  
    داۋامى بار........
    qarluq
    ئالدىراپ ۋەدە قىلما،ۋەدەڭدە تۇرالامسەن؟!
    | ۋاقتى : 2008-03-03 14:20 13 -قەۋەت
    گۈزەل3.8
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8306
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 163
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە163دانە
    شۆھرەت: 563 كىشىلىك
    پۇل : 5447 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 253 نۇمۇر
    قوللاش: 204 نومۇر
    ئالقىش: 313 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :213(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

       مانا بالاممۇ بىر ياشقا كىردى،گەرچە تولىراق يىغلاپ،جىدەل قىلىپ تۇرسىمۇ،ھەر ھالدا يولدىشىمنىڭ بىر شىرەم تۇققىنى بىلەن ئىككىمىز بالىنى مۇشۇنچىلىك قىلىۋالدۇق،كۈنلەر يەنە شۇ تەرىقىدە ئۆتۈۋەردى.يولدىشىممۇ ھەپتىدە بىرەر-ئىككى قېتىم سىرتتا قونۇپ قالىدىغان ئىشىدىن توختاپ قالمىدى،كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرسىمۇ،بۇ گۇمانىمنى يەنىلا يوققا چىقىراتتىم.سەنمۇ بىلىسەن،ئۇ شۇ قەدەر مېھرىبان،سىلىق سۆزلۈك ئەمەسمۇ.......... th~6bo)v  
          بۈگۈن يەنى 2005-يىلى4-ئاينىڭ8-كۈنى، قىزىمنى ئېلىپ،سەن بىلىدىغان ھىلىقى ساۋاغدىشىمنىڭ قېشىغا باردىم،چۈنكى ئۇ بىر يۇرتلۇق ئاياللارغا،ئۆيىدە دوستىخان راسلاپتۇ.ئۆيگە كىرىشىمگىلا بىر ئايال تالاغا ماڭدى.قالغانلار بىلەن كۆرۈشۈپ،ئانچە-مۇنچە ئەھۋاللىشىپ ئولتۇردۇق.بىر دەمدىن كېيىن ئۆي ئىگىسى ھىلىقى ئايالنى باشلاپ كىردى-دە: _hiy7.pO  
          _،بۇ ھەدىمىز كېتەي دەپ چىقىۋاپتىكەن،ئۇنىمىغانغا ئۇنىماي،ياندۇرۇپ كىردىم،تاماققا ئېغىز تەگمەي كەتسە،كۆڭلۈم يېرىم بوپقالىدىكەن،_دىدى.شۇ ئارىدا مەن بىلەن بىر يۇرتلۇق ھەدىمىز ئۆڭۈپلا سۆزلەپ كەتتى: 8:Z] 6b!  
          _،ئۆزىنىڭ سايىسىدىن ئۆزى ھۈركۈپ،كەتمەكچى بولغاندۇ،ھەقىچان.كەتسە كەتمەمدۇ،نىمە تۇتىۋالاتتىڭلار؟توۋا،ھازىرقى بەزىبىر داپشاق ئادەملەرنى قانداق قىلساق بولىدىكىن-تاڭ؟ K' lE1Ir Q  
    ئاڭغىچە باشقىلارمۇ تەرەپ-تەرەپتىن ئۇ ئايالنى تالىغىلى تۇردى،ھەيرانلا قالدىم،ئاڭغىچە دەسلەپتە سۆزلىگەن ھېلىقى ھەدىمىز ماڭا قاراپ: Svk)^^0'  
          _،ھەي قىزۋالا،ئاۋۇ بېشىڭىزدىكى پايتىمىنى ئېلىپ تاشلاڭ،بېشىڭىزغا ھاۋا ئالماشماي،ئاشۇنداق بۇرۇختۇم بولۇپ يۈرۈيسىز،ئېرىنى خەق يەۋاتقانغا ئىككى يىلدىن ئاشتى،يەنە شۇ چۈمبەلدە يۈرۈۋىرىدىكەن بەزىلەر،نىمانداق زەردەمنى قاينىتىدىغاندۇ ..........،_دەپ قايناپلا كەتتى.مەن نىمىش بولغانلىقىنى سەزگەندەك قىلدىميۇ،يەنىلا ئارتۇق ئويلاپ كەتسەم كېرەك،دەپ زۇۋان سۈرمىدىم. Kc&W&;  
        شۇ ئارىلىقتا بىرەيلەن،ھېلىقى ئايالغا: ikN)F3VW  
        _،ھەي،نىمانچە يابادەك تۇرىسەن،گەپ قىلمامسەن،راخمان سېنى ئىزدەپ كېلىۋاتامدۇ ياكى سەن چاقىرىۋاتامسەن؟بېرىدىغاننى راخمان بېرىپ بېقىۋاتسا،باشقا ئىچى يامان سۇخەنچىلەر تۇرالمايۋاتىپتۇ،چۈشەندۈرۈپ قويە تازا،ماۋۇ بىرنىمىلەرگە.......دىدى.ھەم ماڭا ۋە باشقىلارغا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن: XZlNKYI  
        _،ھەي،سىلەر بىر ئىشنى بىلمىگەندىكىن،قالايمىقان خەقتىن ئاغرىنىۋەرمەڭلار،بۇنىڭمۇ بۇنداق قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراپ بولۇپ ياشىغۇسى يوق،دەپ گەپنى باشلىۋىدى،ئارىمىزدىن يەنە بىرەيلەن چىقىپلا ئۇنىڭ گېپىنى بۆلدى: |nus  
        _،ئۆتۈپ بارە ئاچا،گەپلىرىنىڭ چىرايلىقلىغىنى،بۇنداق غىلجىڭلارچۇ ھەر قانچە غىلجىڭلاشسىمۇ،تۆت كۈنلۈك بولىدۇ.يەنە شۇ ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى تاپىدۇ.بۇنىڭدەك پەسەندىلەر،ھامىنى كەش بازىرىدا قالىدۇ،يەنە كېلىپ،تەلەتىنىڭ سەتلىگى،قېرىلىقىنىغۇ دىمەيلا قوياي..........،_گەپنىڭ ئاخىرى چۈشمەيلا،ئۆيدە قىقاس-چۇقان كۆتۈرۈلۈپ،كۆپلىگەن ئاياللار كۈلۈشۈپ كەتتى.ھېلىقى ئايالنىڭ چىرايى بىردىنلا ئۆزگەردى: ;2cz   
        _باشقىلارنىڭ ئېرىنى مەن ئۈگىتىۋالغاندىكىن،مەن گۇناھكار بولىمەن،شۇڭا ھەر قانچە تىل ئىشتساممۇ گەپ قىلماي دىگەنتىم،لېكىن يەنىلا چىدىمىدىم، ئايال دىگەن ياش بولسىلا،چىرايلىق بولسىلا بولامدۇ؟ئەرلەردە كۆڭۈل،ھەۋەس دىگەن نەرسە يوقما؟قاچانلا قارىسا،خىجىل بولۇپ،تەمتىرەپ يۈرسە،ھەممە ئىشلارغا خۇراپىي نەزەر بىلەن قارىسا،ئېرىنىڭ قېشىدا ياتسىمۇ،ھازىرلا تۇرۇپ سەپەرگە چىقىدىغاندەك كىيملىرىنى پۈتۈن كىيىپ ياتسا،بەزى ئىشلاردىمۇ بۇتتىن پەرقى بولمىسا.........قالغىنىنى ئاڭلاشقا چىدىغۇچىلىكىم قالمىغان ئىدى.قىزىمنى كۆتۈردۈم-دە،ئۆي ئىگىسىنىڭ شۇنچە تۇتۇۋالغىنىغا قارىماستىن،تالاغا چىقتىم ۋە بىر تاكسىنى توسۇپلا ئۆيگە يېنىپ كەلدىم. )pk9SP(n  
      ئۆيدىكى ھىلىقى تۇققىنىمىز مېنىڭ بۇ ھالىمنى كۆرۈپ،بالىنى قولۇمدىن ئالدى-دە، 6i5 me  
      _،نىمە بولدىڭىز،بېرىپلا يېنىپسىزغۇ؟،_دەپ سورىدى.ئاھ،خۇدا،مەن نىمە دەيمەن،ئېرىم مېنىڭ گېپىمنى خەققە قىلىپ بېرىپتۇ،ھەتتا يېتىپ-قوپۇشۇمدىن تارتىپ..........دەيمەنمۇ؟ 9_v.Hh4+  
    ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن،بېرىپلا تامغا نەچچىنى ئۈسسىۋەتتىم،ئاڭغىچە تۇققىنىمىز كېلىپلا ئېسىلىۋالدى،بالىمۇ چىقىراپ يىغلاپلا كەتتى.........
    V4hN X  
     داۋامى بار........ 
    qarluq
    ئالدىراپ ۋەدە قىلما،ۋەدەڭدە تۇرالامسەن؟!
    | ۋاقتى : 2008-03-03 15:15 14 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    سەلكىن مۇنبىرى » ئاياللار
    

    سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

         سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

    سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
    مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-8553838، 13609981040