لى مىڭبو رەسمىي ھالدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالدى.
l}X'Xb{ ]ZEG&tZqU. سۆرەتتە:قەسەم بېرىۋاتقان زۇڭتۇڭ لى مىڭبو.
-$pUrc <y جۇڭشىن تورى25-فېبرال تىلىگراممىسى:لى مىڭبو25-فېبرال چۈشتىن بۇرۇن سىئولدا رەسمىي ھالدا قەسەم بېرىپ كورىيىنىڭ17-قېتىملىق زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىۋالدى.ئۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا«ئىتتىپاقلىشىپ بىردەك بۇلۇپ ئورتاق ھالدا كەلگۈسى تەرەققىيات يولىنى ئاچايلى»دىگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى ھەمدە كورىيە خەلقىگە،ۋەزىپە تاپشۇرىۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن سىياسىي ئەرباپلارغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.شۇ كۈنى نەچچە ئونمىڭ ئادەم لى مىڭبونىڭ ۋەزىپە تاپشۇرىۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. * j!^H
مۇراسىمغا چەتئەللىك سىياسىي ئەرباپلاردىن ئامرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رايىس،ياپۇنىيە باش ۋەزىرى فۇتىيەن كاڭفۇ،ئۆزبىكىستان زۇڭتۇڭى ئىسلام.كەرىموف،مۇڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى نامۇبار.ئىنخىبايار،كامبودژا باش ۋەزىرى يۈنشېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.كورىيىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى جىن داجۇڭمۇ مۇراسىمغا قاتناشتى. Pt@0uOoZ
كورىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،ۋەزىپە تاپشۇرىۋېلىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كىيىن،زۇڭتۇڭ لى مىڭبو كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ئەتراپىدىكى تۆت كۈچلۈك دۆلەتنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرى بىلەن كۆرىشىدىكەن،ئىگىلىنىشىچە،ئۇ ئالدى بىلەن ياپۇنىيە باش ۋەزىرى فۇتىيەن.كاڭغۇ بىلەن كۆرىشىدىكەن. pF5&Zx>I
زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش تەييارلىق كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بەي چېڭيۈن24-فېبرال بىلدۈرۈپ مۇنداق دىدى:«ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كىيىن زۇڭتۇڭ لى مىڭبو ياپۇنىيە باش ۋەزىرى فۇتىيەن كاڭفۇ،ئۆزبىكىستان زۇڭتۇڭى ئىسلام.كەرىموف،مۇڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى نامۇبار.ئىنخىبايار قاتارلىق كورىيىگە زىيارەتكە كەلگەن ھەرقايسى دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.» &Sj/Q':|)
ئىگىلىنىشىچە،فۇتىيەن كاڭغۇ بىلەن ئۆتكۈزىلىدىغان سۆھبەتتە،كەلگۈسىدە دىپلۇماتىك ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئەركىن سودا كىلىىشمى«FTA»نى قايتا قوزغىتىش قاتارلىقلار سۆھبەتنىڭ ئاساسى تېمىسى بۇلىدىكەن.رايىس بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتتە بولسا،ئىككى تەرەپ ئەركىن سودا كىلىشىمىنىڭ تەستىقلىنىش مەسىلىسى،چاۋشىيەن يادرو مەسىلىسى ھەمدە لى مىڭبونىڭ4-ئايدا ئامرىكىدا زىيارەتتە بۇلۇش مەسىلىسى قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدىكەن. (k5'4^] %7<
5!t K@
$2(&<;7 مەنبە:تېڭشۈن تورى
5dvbDq]@ http://news.qq.com