كىم توي قىزنىڭ يۈزىنى ياپمايدۇ دەيدۇ؟
قىز ئولتۇرغۇزغان ئۆيدىن چىقىدىغاندا توي يىگىتى ئۇنىڭ يۈزنى ئاچىدۇ...ئاندىن« ئايلىنىشقا » يەني دەريا بويىغا يېقىن يەردىكى« شېپاڭ» راۋاق سەيلىگاسىغا بېرىپ ئۇيەردە نەغمە -ناۋا بىلەن ئۇسۇللارغا چۇشۈدۇ ،سۇرەت،كامىرالارغا ئەڭ گۈزەل ئەسلىملەرنى قالدۇرۇپ يەنە شوخ كۈلكە ناخشا نەغمىلەربىلەن دەريا بويغا كېلىپ دەريا بوينى توي شادلىقىغا چۆمدۈرۈپ، ئەسلىملەرنى سۈرەت كە ئېلىپ بولۇپ ،توي ناخشىسىنى تېخمۇ ياڭرىتپ كەچلىك ياشلارنىڭ ئولتۇرۇش سورنى بولغان رېستۇرانغا بېرىپ توي مەشرىپنى باشلايدۇ! ئەلبەتتە كەچتە يىگـت ئۆيگە (يەنى چوڭلار ئوغۇل تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇققان،قېرىنداشلىرى يىغىلغان ھويلا ئىچىگە) يۈزنى ياپقان توي قىزى قېيىن ئانىنىڭ ئالى تىلەكلىرى بىلەن يېقىلغان ئوت گۈلخاننى ئاتلاپ كىرىپ كېلىدۇ... ئاندىن راسلانغان سورۇنغا قىز،يىگىت دوست بۇرادەرلىرى بىلەن ئورۇنلىشىپ بىرمەھەل نەغمە-ناۋا ،ئۇسۇل ئوينالغاندىن كېيىن يىگىتنىڭ ئاپىسى قىزنىڭ يۈزنى ئېچىپ پېشانىسىدىن سۆيۈپ بۇ ئۆيگە ئەزا بولغىنى تەبىركلەپ قىزىل ياغلىق ئارتىپ قويدۇ...ئاندىن پۇتۈن تويچىلار تەييارلانغان ھاردۇق ئېشى (سۇيۈقئاش،ياكى فىنتاڭ ) ئىچىدۇ. تاماق يېيىلىنپ بولغاندىن كېيىن تويچىلار تارقىلىدۇ . ... بۇ پەقەت توي شۇ كۈنىدىكى رەسمىيەتلەر... ئەتىسى ،ئۆگىنى چرلاق دىگەندەك رەمىيەتلەر، ئاندىن قالسا يىگىت قىز تەرەپنىڭ ئۇرۇق -تۇققرنلىرى سالام چاي باشلايدۇ دە ئۇلانىڭ بەس-بەستە ئۆيلىرىگە چىللايدۇ! تۇققانلار جىق جەمەتلەردە بۇسالام چايلار 2ياكى 3يىلغىمۇ سوزلىپ كېتدۇ...
راست بىزنىڭ غۇلجنىڭ تويى ئاجايىپ قىزىيدۇ.....
بەزى جايلاردىن پەرىقى شۇكى ياشلار ئولتۇرشىغا چوڭلار بېرىپ يۈرمەيدۇ ! بەلكىم ئاتا-ئانا ۋە چوڭ ئۇرۇق-تۇققانلار شۇ سورۇنلارنى ياشلارغىلا مەنسۈپ ،ياشلارنىڭ ئەركىن ئازادە بولالماسلىقىدىن ئەنسىرەيدىغاندۇ!!!