باشلىق : بالىلار ۋەتەننىڭ گۈل-غۇنچىلىرى ، ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان مايسا، لېكىن سىلەر پىلاندىن سىرت تۇغىۋەرسەڭلار كەلگۈسىدە قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ ؟
ئامما : ۋەتەن ياپيىشىللىققا پۈركىنىدۇ.
-- مىدىسىنا ئىلىمىدە كۆرسىتىلىشىچە سۆيۈشۈشنىڭ سالامەتلىككە زىيىنى بار ئىكەن.
--راست دەپتۇ. مەن ئۆتكەندە پوپنىڭ قىزىنى سۆيۈپ قۇيۇپ پوپتىن ئۆلگۈدەك تاياق يىدىم. تاھازىرغىچە بىلىمنى كۆتۈرەلمەي ياتىمەن.
بىر جۈپ قىز -يىگىت توي خېتى ئېلىشقا باردى.
كادىر: تويدىن ئىلگىركى تەكشۈرۈشنى تۈگەتكەنما؟
قىز: تۈگۈتۈپ بولغان، يىگىتىمنىڭ ئۆي ،ماشىنا ھەممەنىمىسى تولۇقكەن.
كادىر : مەن دوختۇرغا تەكشۈرتۈشنىڭ گىپىنى قىلىۋاتىمەن...
قىز قىزارغانچە
جاۋاپ بەردى:
-- ئۇنىمۇ تەكشۈرۈپ بولدۇق، ئۇ ئەركەك ئېكەن.
جوكىرنىڭ ئايالىغا بالىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بىر پارچە خەت ئىۋەتتى. خەتتە :
-- بالىڭىزنىڭ كاللىسى ئۆتكۈر بالا، ئەمما پۈتۈن زېھنىنى قىزلارغا چىچىۋىتىدۇ .
دەپ يىزىلغانئىدى.
جوكىرنىڭ ئايالى جاۋاپ خەت قايتۇردى:
-- بۇ ئادەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى تاپقان ھامان ماڭا خەۋەر قىلسىڭىز، چۈنكى بالىنىڭ دادىسىدىمۇ بۇنداق ئادەت بەك ئېغىر....
كىچىلىك چارلاش ساقچىسى كوچىلارنى ئايلىنىۋىتىپ ، جوكىرنىڭ ئۆيىدىن چىققان قىيا-چىيا ئاۋازنى ئاڭلاپتۇ -دە، دەررۇ بىرىپ ئىشىكنى چىكىپتۇ.
- كىمنى ئىزدەيتىڭىز؟--دەپتۇ جوكىرنىڭ ئايالى ئىشىكنى ئېچىپ.
--كەچۈرۈڭ خانىم ، بۇ ئۆينىڭ ئائىلە باشلىقى كىم ؟-دەپ سوراپتۇ ساقچى.
--سەل تەخىر قېلىپ تۇرۇڭ، بىزمۇ مۇشۇ مەسىلىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىۋاتقان ئىدۇق..نەتىجىسى چىقىشقا ئاز قالدى....- دەپتۇ جوكىرنىڭ ئايالى.
قاتناش ساقچىسى جوكىرنىڭ ماشىنىسىنى كۈچەپ ئىتىرۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، بېرىپ جوكىرغا ياردەملەشكەچ سوراپتۇ:
--ماشىنىڭىزنىڭ مىيى تۈگەپتىمۇ ياكى بىرەر چاتاق چىقىپتىمۇ ؟
جوكىر:
-- ئۇنداق ئەمەس ، بايا ئالدىراشچىلىقتا پىراۋامنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن..
ساقچى قادىخاننىڭ ئۆيىگە بىرىپ ئايالىدىن سوراپتۇ:
--خانىم بىز بىر جەسەتنى بايقىدۇق، ئۇ سىزنىڭ ئېرىڭىز بولىشى مۇمكىن، سىز بىزگە ئىرىڭىزنىڭ تونۇۋالغۇدەك بەلگىسنى دەپ بىرەلەمسىز؟؟؟
قادىخاننىڭ ئايالى :
-- ئۇنىڭ بەلگىسى ، تاماقنى ئاستا يەيدۇ، يولدا ئاستا ماڭىدۇ، دائىم ئوسۇرۇپ قويىدۇ.....
جوكىر بىلەن قادىخانلار خوتۇنىدىن قورقىدىكەن. بىر كۈنى بۇ ئىككى دەرتمەن ئۆز-ئارادەرت تۆكۈشۈپ قاپتۇ.
جوكىر : -- مېنىڭ خوتۇنۇم يىقىندىن بىرى بەك ھەددىدىن ئېشىپ كىتىپ بارىدۇ.... كىچىلىرى تەرەت قاچسىنى ماڭا تۆكتۈرىدۇ....
-- بۇ ئىش بولماپتۇ- ئەگەر مەن بولىدىغان بولسام.....-دەپتۇ قادىخان يەڭلىرىنى شىمايلاپ...
دەل شۇ چاغدا قادىخاننىڭ گىپى تۈگىمەيلا قادىخاننىڭ خوتۇنى كىرىپ قاپتۇ..
--ھە ، سەن بولساڭ نېمىش قىلماقچىتىڭ....
-دەپ ۋاقىراپتۇ.
--مەن بولىدىغان بولسام...-دەپتۇ قادىخان تىتىرەپ تۇرۇپ، تەرەت قاچىسىنى ئۈچ كۈن بۇرۇنلا تەييارلاپ قوياتتىم....
[ بۇ يازما رۇسلان007 تەرپىدىن 2008-02-14 22:46 دە قا ]