»
سىز تېخى كىرمىدىڭىز
كىرىش
تىزىملىتىش
|
مۇلازىمەتلەر
|
تەۋسىيە
|
ئىزدەش
|
ياردەم
|
مۇلازىمەتلەر
بانكا
دوستلۇق توپى
مىدال مەركىزى
قورال مەركىزى
نازارەت ئورنى
ئىسىم لايھىلەش
ئويۇن كۇلۇبى
كىيىم دۇكىنى
ۋەزىپە سېستىمىسى
ئۇسلۇپ
wind
قىسقا ئۇچۇر
قۇبۇل ساندۇقى
يوللاش ساندۇقى
ئىز قوغلاش
يېڭى ئۇچۇر يېزىش
تىزگىن تاختا
باش بەت
ماتىرىيال تەھرىرلەش
ماتىرىيال كۆرۈش
دوستلار قاتارى
ھوقوق كۆرۈش
سودا پۇلى باشقۇرۇش
سودا پۇلى باشقۇرۇش
نۇمۇر ئالماشتۇرۇش
ئەزا گۇرۇپىسى سېتىۋېلىش
ساقلىغۇچ
تېمىلىرىم
سىتاتىستىكا
ئاساسىي سىتاتىستىكا
IP سىتاتىستىكىسى
باشقۇرغۇچىلار
باشقۇرۇش ئەھۋالى
توردىكىلەر
ئەزا دەرىجىسى
سەھىپە دەرىجىسى
يازما دەرىجىسى
سەلكىن مۇنبىرى
ئۇيغۇر شەخسلىرى
ئۇيغۇر ئالىمى، تىلشۇناس - مەھمۇد قەشقەرى
«
1
2
»
Pages: 1/2 Go
IE دا ساقلىۋېلىش
|
باش بەت قىلىش
|
تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
|
ئالدىنقى تېما
|
كىيىنكى تېما
بۇ تېما 10147 قېتىم كۆرۈلدى
سەلكىن
سەلكىن تورى ، ئالغا!!!
دەرىجىسى :
مۇنبەر باشلىقى
UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما :
93
يازما سانى :
213
شۆھرەت:
17767 كىشىلىك
پۇل :
56225021 سوم
تۆھپە:
1014 ھەسسىلىك
ياخشى باھا:
1250 نۇمۇر
قوللاش:
771 نومۇر
ئالقىش:
1446 كىشلىك
دوستلۇق توپى:
دۇستلۇق
توردىكى ۋاقتى : 2024(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-26
خەت چوڭلىقى :
كىچىك
نورمال
چوڭ
ئۇيغۇر ئالىمى، تىلشۇناس - مەھمۇد قەشقەرى
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
>O)v-wvR]
JOc25y
پەرھاد جىلان
}R*k i
=:?,}]<
خاقانىيە ئوغۇللىرى ئات ئۈستىدە تۇغۇلۇپ،ئات ئۈستىدە ئۆلىدۇ!
" X1(B,E{
$,AkH
ئۇلۇغ ئالىم،تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرى مىلادىيە 1020_يىلى بىلەن 1030_يىلى ئارىلىقىدا قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن.ئۇ ئەينى دەۋردىكى قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتىگە مەنسۇپ بولۇپ،بوۋىسى مۇھەممەد بۇغراخان ئورۇنباسار خاقان بولغان،ئاتىسى ھۈسەيىن ئىلىك خان ھازىرىقى قىزغىزسىتاندىكى ئىسسىقكۆل بويىغا جايلاشقان بارىسغان شەھىرىنىڭ ھاكىمى بولغانىدى.ئانىسى بۇبى رابىيە گەرچە ئاددىي باغۋەننىڭ قىزى بولسىمۇ،ياخشى تەربىيلەنگەن،كۆپ ئوقۇغان ئەقىللىق،ئوقۇمۇشلۇق ئايال ئىدى.
slaCe
مەھمۇد كىچىكىدىنلا بوۋىسى مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ ئالدىدا تەربىيلىنىپ ئۆسكەنىدى.بۇغراخان بۇ نەۋىرسىنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى.شۇڭا،ھەتتا تەتىل چاغلىرىدىمۇ مەھمۇدنى ئۆز ئاتا_ئانىسىنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن بارىسىغان شەھىرىگە ئەۋەتىشكە كۆزى قىيمايتتى.<<مەھمۇدنى كۆرگۈسى كەلسە،ئۇلار ئۆزلىرى ئوپالغا كېلىشسۇن.مەھمۇد خانلىق مەدىرسىدە يىتىپ ئوقۇۋاتقاچقا،مەنمۇ ئۇنى تۈزۈكرەك يىنىمدا تۇرۇغۇزالمايۋاتىمەن>>دەيىتتى بۇغراخان.
Mgo KH5
بارلىق مەدىرىسلەردە ئورما ۋاقتىدىن باشلاپ،كۈزلۈك يىغىم ئاياغلاشقىچە تالىپلار تەتىلگە قويۇپ بېرىلەتتى.ھازىر تازا شاپتۇل پىشقان مەزگىل بولۇپ،مەدىرىسلەردە تېخى ئوقۇش باشلانمىغانىدى.مەھمۇد ئوپال قاپۇغىدا تۇرۇۋاتاتتى.ھالبۇكى،بۇغراخان تولا ۋاقىتلاردا ئۇنى ئۆز يىنىدا تۇتۇپ قالالمايتتى.مەھمۇد ھەر كۈنى دېگۈدەك ئەتىگەندە بىر نەچچە كىتابنى كۆك شايى رومالغا يۆگەپ،خاس قۇلى تۇرۇمتاينى ئەگەشتۈرۈپ،قاپۇغىدىن چىقىپ كېتەتتى.بۇغراخان ئۇنىڭ قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلەتتى.،ئەلۋەتتە.ساچىيە مەدرىسنىڭ باش مۇدەررىسى ھۈسەيىن ئىبىن خەلىپىنىڭ ئوپالدا،يەنى بۇغراخان قاپۇغىدىن ئانچە يىراق بولمىغان كەنىتتە بىر چوڭ مېۋىلىك بېغى بار بولۇپ،ئۇ ھەر يازدا تەتىل كۈنلىرىنى ئۆز ئائىلىسى بىلەن شۇ باغدا ئۆتكۈزەتتى.بۇغراخاننىڭ نەۋرىسى مەھمۇد ئەنە شۇ مۆھتەرەم ئۇستازىنىڭ ئۆيىگە كۈندە بىر بېرىپ كەلمىسە كۆڭلى تىنمايتتى.بۇغراخاننىڭ بايا قۇل يىگىتنى كۆرۈپ،<<مۇدەررىسنىڭ ئۆيىگە بارمىدىڭلارمۇ>>دەپ سورىشى ئەنە شۇ سەۋەپتىن ئىدى.
Ej[W} S
_مەھمۇد ھازىر قەيەردە؟ _دەپ سورىدى بۇغراخان قۇل يىگىتتىن.
KxgQ:*
_ئۆزىنىڭ ھۇجىرسىدا،چاقىرىپ قويايمۇ؟
!XYJ^6=
_ياق،ئۆزۈم باراي،_دېدى بۇغراخان ۋە ئارقىغا بۇرۇلۇپ ماڭدى.
`uc>K$ ~(
مەھمۇد ئۆز ھۇجىرسىدا،پۈتۈن خانىغا بىر كەلتۈرۈپ سېلىنىغان ئۇدۇن نۇسخىسىدىكى رەڭدار گىلەم ئۈستىدە چازانى قۇرۇپ ئولتۇرۇپ،ئالدىدىكى نەقىشلىك شىرەگە قويۇلغان سېرىق خۇرۇم مۇقاۋىل ىق قېلىن كىتابنى ئوقۇۋاتاتتى.ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدىكى تامنى ياقىلاپ قويۇلغان ئىككى جاۋەنگە ۋە مەھمۇدنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى تامنىڭ تەكچىلىرىگە ھەر خىل چوڭلۇقتىكى كىتابلار،كانايچە قىلىپ يۆگەلگەن قول يازمىلار ۋە ئۇدۇننىڭ دەستە_دەستە سۈپەتلىك سېرىق قەغەزلىرى تىزىۋېتىلگەنىدى .مەھمۇد كىتابقا پۈتۈن زېھىنى بىلەن بېرىلىپ كەتكەچكە بوۋىسىنىڭ كىرگەنلىكىنى ۋە ئىشىك ئالدىدا توختاپ،ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى سەزمەي قالدى.مۇھەممەد بۇغراخان ئاق شايى كۆڭلەك ئۈستىدىن يىشىل مەخمەل پەرەنجە كىيگەن بۇ تاقىر باش ياش تالىپقا ئۇزاققىچە قاراپ تۇرۇۋەرمەستىن،خانا ئىچىگە قەدەم تاشلىدى.مەھمۇد شۇندىلا كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ بوۋىسىنى كۆردى.ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ،،بۇغراخاننىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە سول پۇتىغا تىزلاندى_دە،ئوڭ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ،بېشىنى ئەگدى.
frqYT<C
_قۇت بولسۇن،خان بوۋا!
G:qOT M
_قۇت بولسۇن،بالام ئولتۇرغىن.
?VLe8([ _
مۇھەممەد بۇغراخان ئالدى بىلەن شىرەنىڭ يىنىغا كېلىپ ئولتۇردى.ئاندىن مەھمۇدمۇ ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى جايىغا يۈكۈندى.
oL e*'q
_قايسى كىتابنى ئوقۇۋاتىسەن؟_دەپ سورىدى بۇغراخان.
,XZkig *&$
_ئەبۇ سەئىد ئابدۇلرەھمان بىننى مۇھەممەد ئەل ئىدرىسى يازغان <<سەمەرقەند تارىخى>>،_دەپ جاۋاپ بەردى.مەھمۇد ۋە ئارقىدىنلا يەنە قوشۇپ قويدى،_سىز بەرگەن <<ئالتۇن يايلاق>>دېگەن كىتابنى تۈنۈگۈن ئوقۇپ بولغانىدىم.بۈگۈن بۇ كىتابنى باشلىدىم.
>8Nu H`ko
_مۇدەررىس ھۈسەيىن ئىبىنى خەلەپنىڭ ئېيتىشىچە،_دېدى بۇغراخان ،_سىلەر ھازىر<<زامان گۆھەرلىرى>>دېگەن ئەرەپچە شىئىرلار توپلىمنى ئوقۇۋېتىپسىلەرغۇ.مەنغۇ ئەرەپ تىلىغا ئانچە پىششىق ئەمەس.ئىشقىلىپ،بۇ توپلامدىكى شىئىرلارنى ئۆگىنىش تالىپلار ئۈچۈن خېلى قىيىنغا توختايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە،ھازىر سىىلەرگە ئۆتۈلۈۋاتقان رىيازىيات ۋە فەلەكىيات بىلىملىرىمۇ ئاسان ئەمەس.مەدرىسنى تاماملاش ئالدىدا تۇرغىنىڭىدا باشقا كىتابلارنى ئوقۇيمەن دەپ دەرسلەرگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويمىغىن يەنە.
S`Y0 Xp
_راستىمنى ئېيتسام،_دېدى مەھمۇد باشقىچە ھاياجانلانغان ئاۋازدا_<<زامان گۆھەرلىرى>>مەدرىستە ئوقۇلۇپ بولغۇچە ئۆزۈم ئالدىمدىن ئۆتكۈزۈپ بولدۇم.ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مۇنچە شىئىرلارنى يادلىۋالدىم.
^aHBtr:
مۇھەممەد بۇغراخان رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈپ قويدى.مەھمۇد ھەر دائىم كىتاب ۋە ئىلىم_پەن توغىرسىدا سۆز ئېچلىغاندا مۇشۇنداق ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ھەۋەسلىنىپ سۆزلەپ كېتەتتى.مانا ھازىرمۇ سۆھبەتنىڭ مۇشۇ ماۋزۇدا داۋاملىشىشىغا تەقەززا بولغانلىقتىن چوڭ_چوڭ قوي كۆزلىرى ئۆزگىچە نۇرلىنىپ،چاقناپ تۇراتتى.ئەپسۇسكى ،بوۋىسى گەپنى باشقا تەرەپكە بۇرىدى.
Q#A:k\J
_بارسىغاندىن چاپارمەن كەلدى،_دېدى ئۇ _ئاتاڭ يولغا چىقىپتۇ.تەڭرى بۇيرۇسا،ئىككى_ئۈچ كۈننىڭ ئىچىدە قەشقەرگەيىتىپ كېلىدۇ.ئۇ كەلگەندىن كېيىن مەن كېتمەن.بۈگۈن ئۇستازىڭنىڭ سېنى قايتۇرۋەتكىنى ياخشى بوپتۇ.ساڭا دەيدىغان گېپىم بارئىدى بالام.
] R>)
مەھمۇد سوئال نەزىرى بىلەن بوۋىسىغا قارىدى.مۇھەممەد بۇغراخان ئىللىق مېھىرى سىڭگەن كۆزلىرى بىلەن نەۋرسىگە قارىدى ۋە قولىنى سۇنۇپ ئۇنى ئۆزىگە يىقىنراق تارتىپ ئولتۇرغۇزدى.ئاندىن يەنە شۇ قولى بىلەن ئۇنىڭ باش_كۆزلىرىنى سىلاپ،يەلكىسىگە ئاستا شاپىلاقلاپ قويدى.
9U}2k/6p
_چوڭ بولۇپ قالدىڭ،بالام،_دېدى بۇغراخان ئۇنىڭغا قاراپ مەستلىكى كەلگەنلىكتىن كۈلۈمسىرەپ،_تەڭرى بۇيرۇسا،كېلەر يىلى مەدرىسنى تاماملايسەن.
t=
ئۇ يەنە مەسمۇدنىڭ يەلكىسىگە مېھىرى بىلەن شاپىلاقلاپ قويدى.مەھمۇد كۆزلىرىنى چوڭ_چوڭ ئېچىپ بوۋىسىنىڭ ئادەتتىكىدىن باشقىچە مۇلايىملىشىپ كەتكەن چىرايىغا سەل ئەجەبلىنىپ سەپسالدى.بوۋسى بولسا،يەنىمۇ مۇلايىملاشقان ئاۋازدا سورىدى:
s8v*O7)m
_مەدرىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن قەيەردە تۇرۇشنى ئويلاۋاتىسەن؟
Q;`Xlc}+
مەھمۇد بۇ سوئالدىن تۇيۇقسىزلىق ھېس قىلىپ ،جاۋاپ بېرشتە دۇدۇقلاپ قالدى.
&;xe%-s/S
_ھە...قايەردە تۇرساممۇ ئوخشاش ...ھە،قەشقەردە تۇرساممۇ ...ياكى سىزنىڭ يىنىڭىزغا بېرىپ تۇرساممۇ بولىدۇ.
GC3FYr7
_مەن سېنى ئەكېتىمەن،مەھمۇد،_دېدى بۇغراخان يەنىلا كۈلۈمسىرەپ ،_سەن مەن بىلەن بىللە بولۇشۇڭ كېرەك.بىز گاھى تالاستا،گاھى ئىسپىجاپتا تۇرىمىز.مەن سېنى ئۆز قولۇمدا تەربىيلەپ،ئوردا ئىشلىرىغا ئۆگىتىمەن.مەدرىستە ياخشى ئوقۇۋاتىسەن.توقۇغان نەزمىلىرىڭىنى،تىل ئىلىمىدىن يازغان رىسالىلىرىڭىنى كۆردۈم.بۇلارغا مۇدەررىسلىرىڭ يۇقىرى باھا بېرىشتى...ناھايىتى بالدۇرلا،كىچىك تۇرۇپلا قولۇڭغا قەلەم ئالدىڭ.ئەقىللىق ،ئىقتىدارلىق بالا بولدۇڭ،مەھمۇد.مەن سېنى كاتتا دۆلەت ئەربابى قىلىپ تەربىيلەيمەن.سەن مېنىڭ سارىيىمدا تۆكسۈنمۇ،يابغۇمۇ،ھاجىپمۇ،ئىشقىلىپ بىر ۋەزىر بولۇپ خىزمەت قىلىسەن.مەن كۆز يۇمغاندىن كېيىن مېنىڭ ئورنۇمغا بۇغراخان بولۇپ تالاس بىلەن ئىسپىجاپنىڭ ھۆكۈمدارى بولىسەن.
<_Hlxa^U
مەھمۇد گەپ قىلمىدى.بۇغراخان ئۇنىڭغا قاراپ بىردەم شۈك بولغاندىن كېيىن سورىدى:
$eQ3dY`LC
_ھە،قانداق؟گەپ قىلمايسەنغۇ؟مەدرىسنى تاماملىغاندىن كېيىن مېنىڭ يىنىمدا تۇرامسەن؟
5"i "8eL
مەھمۇد بوۋىسىغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى.
FWvL`
_سىزنىڭ يىنىڭىزدا تۇرسام خۇش بولىمەن،بوۋا،لېكىن...
(MAaq+Rs
_ھە،نېمە<<لېكىن>>؟ئوغۇل بالىدەك دادىل سۆزلىمەمسەن.
]vp91Yvv[2
_لېكىن مەن ۋەزىر بولۇشنى خالىمايمەن.
CVGlIk
_ھە ،ئەمىسە قانداق ئىشنى ياقتۇرىسەن؟دىۋانبېگى بولۇپ،مەھكىمە ئىشلىرىنى باشقۇرامسەن؟ياكى تابغۇچى بولۇپ،ئورادا خەزىنىسىگە مەسئۇل بولامسەن؟ھە،قېنى ئۆزۈڭ تاللا،ئىختىيار ئۆزۈڭدە.ياكى يالىۋاچ بولۇپ،چەت ئەللەرگە چىقىشنى ئويلامسەن؟
bE6L#|'
مەھمۇد يەنە كۈلۈمسىرەپ قوديى.
+c^16
_ياق،بوۋا،_دېدى ئۇ مەن مۇدەررىس بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.
L5dWvO)\
_نېمە؟_مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ قويۇق قاشلىرى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ ،كۆزلىرى چەكچىيىپ قالدى،_نېمە دېدىڭ؟مۇدەررىس؟قەيەردە مۇدەررىسلىك قىلماقچىسەن؟
*:ay@lfTp
_قەيەردە بولسىمۇ ئوخشاش.ناۋادا قەشقەردە قالغۇدەك بولسام ساچىيە مەدرسىدە،سىزنىڭ يىنىڭىزدا تۇرسام،تالاس ياكى ئىسپىجاپتىكى بىرەر مەدرسىدە تالىپلارنى تەربىيلەش ھەم ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسام دەيمەن.
58\M>s
بۇغراخان مەھمۇدنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۈنلۈك كۈلۈپ كەتتى.
I*}*NC[/
_ھەي موللىچاق،_دېدى ئۇ چاقچاق تەلەپپۇزى بىلەن ۋە نەۋرسىنىڭ دۈمبىسىگە ئالقىنى بىلەن ئىككى_ئۈچنى ئۇرۇپ قويدى،_راسا بىر كىتابباز بولۇپ چىقىپسەن_دە،بولدى قوي بۇ گېپىڭنى.
3pu%RU,
بۇغراخان يەنە بىردەم كۈلدى.ئۇ خۇددى گۆدەك بالىنى ئەركىلەتكەندەك نەۋرسىنىڭ تاقىر بېشىنى سىلايىتتى،يەلكىسگە،دۈمبىسىگە شاپىلاقلايىتتى.
4C&#;%y/
_بولدى،بۇ گەپنى ھازىرچە قويۇپ تۇرايلى،_دېدى ئۇ ۋە ئورنىدىن قوزغالدى،_يۈر ،دالاغا چىقىپ راسا بىر ئات چاپتۇرۇپ ئوينايلى.
yGp{ "
_ئات چاپتۇرۇپ؟_مەھمۇد چۈشەنمىگەندەك قىلىپ،يىنىشلاپ سورىدى.
]+'J.5R
_شۇنداق ،_دېدى بۇغراخان ۋە ئورنىدىن تۇردى.مەھمۇد ئەپچىلىك بىلەن سەكرەپ تۇرۇپ بوۋسىغا تىكىلدى،بۇغراخان مېڭىشقا تەمشەلدىيۇ،يەنە توختاپ نەۋرسىگە قارىدى.
gZ-YVk
_قېنى ئېيتقىنا،مەھمۇد،_دەپ سورىدى ئۇ ،_خاقانىيە مەدرسلىرىدىكى تالىىپلار ئۈچۈن دىنىي ۋە پەننىي بىلىملەردىن تاشقىرى يەنە ئىگىلەشكە تېگىشلىك ماھارەتلەر قايسىلار؟
X,Q=,
مەھمۇد جاۋاپ بەردى:
VM dXz{
_قىلىچۋازلىق،نەيزىۋازلىق،چەۋەندازلىق،ئوقيا ئېتىش،چېلىشىش،چەۋگەن ۋە شاھمات ئويناش،ساز چېلىش.
65:IkT J
_توغرا ،_دېدى بۇغراخان ،_قەشقەردىن كېتىش ئالدىدا سېنىڭ ئات ئۈستى ماھارىتىڭىنى يەنە بىر قېتىم سىناپ كۆرەي.نۆكەرلەرنى باشلاپ چىقىپ چەۋگەن ئوينايلى.
fY
ئۇ بىر تىنىۋالغاندىن كېيىن چاقچاق ئارىلاش ئاھاڭدا سۆزىنى داۋاملاشتۇرىدى:
uTLgo
_سەن كىتابنى كۆپ ئوقۇدۇڭ.فەلەكىياتتىن تارتىپ تىبابەتچىلىككە،رىيازىيات ۋە ئەدەبىياتتىن تارتىپ تارىخ ۋە پەلسەپىگىچە بولغان ھېكىمەتلەرنىڭ ھەممىسىگە پىشىپ چىقتىڭ.ئەمدى ئات ئۈستىدە كۆرسىتىدىغان كارامىتىڭمۇ بارمۇ_ھە!گەپ قىلە!
%ST=d b
مەھمۇدنىڭ چوڭ_چوڭ قوي كۆزلىرى شوخ چاقناپ كەتتى ۋە ئۇ خۇددى بوۋىسىغا ئوخشاش چاقچاق ئارىلاش ئاھاڭدا سۆز ياندۇردى:
>d
_ئات ئۈستىدە كۆرسىتىدىغان كارامىتىم بولمىسا بۈيۈك خاقانىيىدە قانداق ياشايمەن؟خاقانىيە ئوغۇللىرى ئات ئۈستىدە تۇغۇلۇپ ،ئات ئۈستىدە ئۆلىدۇ!
()0kUe?
_يارايسەن،مەھمۇد!مۇھەممەد بۇغراخان شادلانغان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ،نەۋرسىنىڭ بىلىكىنى چىڭ قىسىپ تۇتۇپ سىلىكىپ قويدى،_قېنى،يۈر ئەمىسە،كارامىتىڭنى كۆرسەت!
V^<;_y
مەھمۇد بوۋىسىغا قاراپ ھەم خوشال بولدى،ھەم ئەجەبلەندى.چۈنكى،بۇغراخاننىڭ مىجەزى چۇس،ئۆزى ھەممە ئىشتا تەلەپچان،چىرايى سۈرلۈك بولۇپ،ئۇنىڭ بۇنداق ئېچىلىپ كۈلۈشىنى ناھايتتى كەم كۆرگىلى بولاتتى.
[%DkESJx
مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ بۇيرۇقى يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن قىرىق نۆكەر خۇددى جىددىي جەڭگە ئاتلىنىدىغاندەك چاقماق تېزلىكىدە ھەرىكەتكە كېلىشتى ۋە قاپۇغىنىڭ چوڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا ئاق ئاتلىقلار ۋە قارا ئاتلىقلار بويىچە ئىككى تۈركۈمگە ئايرىلىپ،جەڭگىۋار ھالەتتە تۇرۇشتى.
oEu^a(O(
_بۇ ئاتنى ساڭا سوۋغا قىلاي،_دېدى بۇغراخان ۋە يۇلتۇز شەكىلدىكى ئاق قاشقىلىق چىرايلىق قارا ئارغىماقنىڭ چۇلۋۇرىنى مەھمۇدنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى،_بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ئاتنى مىنىپ ،بوۋاڭنى ئەسلەپ تۇرغىن.
RTv3 \J.r
شۇ گەپتىن كېيىن ئۇ گەۋدىلىك بوز ئاتقا مىنىپ سەپ ئالدىغا كەلدى ۋە نۆكەرلەرنى بىر قۇر كۆزدىن كەچۈردى.نۆكەرلەرنىڭ ھەممىسى تەلەپكە لايىق ئىدى،ئۇچىسىغا كەشتىلەنگەن ئاق كۆڭلەك ۋە ئاق شىم كېيىپ،بېلىنى كۈمۈش بېزەكلىك كەمەر بىلەن چىڭ باغلىغان:ھەممىسىنىڭ باشلىرىدا ئوخشاشلا قارا قوزا كۆرپىسىدىن تىكىلگەن ئۆرە قالپاق،پۇتلىرىدا سېرىق ئوغۇق،يانلىرىدا قىلىچ،قوللىرىدا ئۇچى ئەگرى چەۋگەن تاياقلىرىنى تۇتقانىدى.
:Yona5 8
بۇغراخان نۆكەرلەرنىڭ تەييارلىقىدىن قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئېتىنى دېۋىتىپ،قاپۇغ دەرۋازىسىدىن سىرتقا چىقتى.بۇ يەردە ئۈچ يۈز كىشلىك چارلىغۇچى ۋە بەش يۈز قورۇقچى ئايرىم_ئايرىم سەپ تارتىپ،بۇغراخاننىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشقانىدى.ئۇلار ناۋات رەڭ يىپەك سەللە ئوراپ،چاڭئەننىڭ سېرىق تەڭگىلىك قىزىل تاۋىرىدىن تون كېيگەن چار ساقال،سۈرلۈك بۇغراخاننى كۆرگەندىن كېيىن پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ،بۇيرۇق كۈتۈپ ئۇنىڭغا كۆز تىكىشتى.بۇغراخان يەنە ئېتىنى توختاتتى_دە،قاسراقسىمان تۆمۈر ساۋۇت ۋە يالتىراق مىس دۇبۇلغا كىيىپ،قىلىچ،نەيزىلەر بىلەن قوراللانغان بۇ ئەزىمەتلەرنىمۇ كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ئوڭ قولىنى كەسكىنلىك بىلەن شىلتىپ،يۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدى.
ayPb(Y4
ئەڭ ئالدى بىلەن چارلىغۇچىلار چۆل تەرەپكە قاراپ،ئاتلىرىنى قۇيۇندەك چاپتۇرۇپ كېتىشتى.ئاندىن بۇغراخان بىلەن قورۇقچىلار ئۇلارنىڭ كەيىنىدىن ئات سالدى.ئەڭ ئاخىرىدا چەۋگەن ئويناشقا تەييارلانغان نۆكەرلەر قاپۇغىدىن چىقىپ ئۇلارغا ئەگەشتى.شامالدەك چاپقۇر قارا ئارغىماق مىنگەن ۋە خۇددى ئۆگەنچى نۆكەرلەرگە ئوخشاشلا قارا قوزا كۆرپىسىدىن ئۆرە قالپاق كېيگەن مەھمۇد بوۋىسىنىڭ ئارقىسىدىن قالماي كېلۋاتاتتى.قارا ئارغىماق مىنگەن ئۇنىڭ خاس قۇلى تۇرۇمتايمۇ ئىككى دانە چەۋگەن تايىقىنىڭ (ئۆزىنىڭ ۋە مەھمۇدىنىڭ)تۇتۇپ كېلىۋاتاتتى.
9o,zO i
ئۇلار قاپۇغ تەۋەسىدىن چىقىپ،يىزا يولىغا چۈشتى ۋە ئاتلىرىنى چاپتۇرغان پېتىچە يول بويىدىكى توخۇ،غازلارنى ،سالپاڭ قۇلاق ئېتلارنى ئۈركۈتۈپ،لاي سۇۋاقلىق پاكار_پاكار قارا ئۆيلەرنىڭ ،شاخ_شۇمبىلار بىلەن قاشالانغان مېۋىلىك باغلارنى ئالدىدىن ھەش_پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كېتىشتى_دە،ئۇپۇققا تاقاشقان پايانسىز دالاغا يۈزلەندى.يىزا باغلىرى ۋە تېرىلغۇ يەرلەر ئارقىدا قالدى.ئاتلىقلار چۆلگە ئىچكىرلەپ كىرگەنسېرى ئېشەك مىنگەن دېھقانلار،كۆتەك ھارۋىلىرىغا توغراق باسقان ئوتۇنچىلار ئۇچىرىمايدىغان بولدى.
HK*5}r)c
ئاتلىقلار داستىخاندەك كەڭ يېيىلغان چۆلنى كېزىپ،مەخسۇس چەۋگەن ئويۇنى ئۈچۈن تەييارلانغان جايغا يىتىپ كېلىشىتى.بۇ ئۇزۇنلۇقى مىڭ چامدامچە،كەڭلىكى بەش_ئالتە يۈز چامدامچە كېلىدىغان تۈزلەپ ياسالغان مەيدان بولۇپ،چۆرىسىگە قىل ئارقان تارتىلغانىدى.مەيداننىڭ ئىككى بېشىدا چەۋگەن توپى كىرگۈزۈلىدىغان <<دەرۋازا>>بار ئىدى.بۇ ئاتالمىش <<دەرۋازا>>نىڭ ئارىلىقى بىر غۇلاچ چىقىرىلىدىغان بولۇپ،رەڭلىك خىشلار بىلەن گۈل چىقىرىپ قوپۇرۇلغان،ئادەم بويى ئىگىزلىكتىكى كىچىك مۇنارلاردىن ئىبارەت ئىدى.
4 vPbTw
ئەگرى تاياق تۇتقان چەۋگەنلەر ئاق ئاتلىقلار ۋە قارا ئاتلىقلار بويىچە بەشتىن_بەشتىن ئىككى تۈركۈمگە ئايرىلىپ،مەيداننىڭ ئىككى بېشىغا تىزىلىشتى.ئۈجمە ياغىچىدىن ياسالغان ئاناردەك چوڭلۇقتىكى يۇمىلاق توپ مەيداننىڭ ئوتتۇرسىغا قويۇلدى.مۇھەممەد بۇغراخان ئاق ئاتلىقلارغا مەھمۇد قارا ئاتلىقلارغا باش بولدى.
aM7vg.%+
مەيداننىڭ چېتىدە تۇرغان بايراقچى قىزىل تۇغنى ئىككى قوللاپ بېشىنىڭ ئۈستىدىن ئېگىز كۆتۈرۈش بىلەن ئويۇننى باشلاشقا بەلگە بەردى.مەيداننىڭ ئىككى بېشىدىكى چەۋگەنلەر بىراقلا ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ،ئوتتۇرىدىكى توپقا قاراپ ئېتىلىشتى.ھەممىدىن بۇرۇن ئاق ئاتلىق بۇغراخان بىلەن قارا ئاتلىق مەھمۇد بىر ۋاقىتتا دېگۈدەكلا توپ تۇرغان يەرگە كېلىشتى.بۇغراخان ئەگرى تايىقىنى كۆتۈرۈپ،توپنى ئەمدى ئۇراي دەپ تۇرغۇچە قۇيۇندەك ئۇچۇپ كەلگەن مەھمۇد ئېگەر ئۈستىدىن ئەپچىلىك بىلەن ئېگىلىپ توپنى ئەگرى تاياق بىلەن يىنىك_يىنىك ئۇرۇپ ئېلىپ قاچتى.قايسى تەرەپ توپنى قارشى تەرەپنىك دەرۋازىسىغا كىرگۈزەتسە،يەنى ھېلىقى ئىككى مۇنارنىڭ ئارىلىقىدىن ئۆتكۈزۋەتسە شۇ تەرەپ ئۇتقان بولاتتى.مەھمۇد يىتىشىپ كەلگەن ئاق ئاتلىقلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ:
S\Y ""
_تۇرۇمتاي!_دەپ ۋاقىرىدى_دە،توپنى ئەگرى تاياق بىلەن قاتتىق ئۇرۇپ،نېرىدا چېپىپ كېلىۋاتقان خاس قۇلىغا يەتكۈزۈپ بەردى،ئۇنىڭغىچە قارشى تەرەپنىڭ ئاتلىقلىرى ئېتىلىپ كېلىپ توپنى تالاشقىلى تۇردى.ئاق ئاتلىقلار بىلەن قارا ئاتلىقلار مەيدانغا تارقىلىپ ئارىلىشپ كەتتى.ھەر ئىككى تەرەپ توپنى قارشى تەرەپنىڭ دەرۋازىسىغا كىرگۈزۋېتىشكە تىرىشاتتى.توپ بىردەم ئاق ئاتلىقلار تەرەپكە ئۆتۈپ تۇراتتى.چەۋگەنچىلەر ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ كېلىپ،ئەگرى تاياقلار بىلەن توپنى ئۇرۇپ،ئۆز ئادەملىرىگە پاس چىقىرىپ بېرەتتى.بەزەنلەرنىڭ تاياقلىرى توپقا تەگمەي ،ئۇلارنىڭ گەۋدىسگە تېگىپ كېتەتتى ياكى باشقىلارنىڭ تاياقلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ كېتەتتى.بەزىلەر قىزىپ كەتكەن ئاتلىرىنى توختىتىۋالالماي،باشقا ئاتلارغا سوقۇلۇپ كېتەتتى.ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرى،تۇياقلارنىڭ دۈپۈرلەشلىرى،چەۋەندەزلارنىڭ قىقاس_چۇقانلىرى...ئەگرى تاياقلار بىلەن ئۇرۇلغان توپ ھېلى ئۇياققا،ھېلى بۇياققا قاڭقىپ ئۆتۈپ تۇراتتى.ئاق ئاتلار ۋە قارا ئاتلار گاھ توپنىڭ كەيىنىدىن چېپىشاتتى،گاھ پۈتۈن بىر مەيدانغا يىيىلىپ،چېچىلىپ كېتەتتى،گاھ بىر_بىرىنى قوغلىشىپ كېلىپ بىر يەرگە غۇژمەك بولۇپ تىقىلىپ قېلىشاتتى...
eP{}S`Zs,
ئاخىرى،بىر مەيدان كەسكىن ئېلىشىشىتىن كېيىن قارا ئاتلىقلار يىڭىپ چىقتى.چەۋگەنچىلەر مەيداننىڭ سىرتىغا چىقىشتى.مەھمۇد ئېتىنىڭ تىزگىنىدىن يىتىلەپ،بوۋىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى.مۇھەممەد بۇغراخان جىددىيلىشىپ تۇرغان ۋە ساقالسىز يۇمران مەڭزىلىرى قىزىرىپ كەتكەن مەھمۇدقا قاراپ قويۇپ:
f/fhWu
_توختاپ تۇر!ئالدىراپ تەنتەنە قىلما،يەنە بىر مەيدان ئېلىشىمىز تېخى،_دېدى.
Cx#GD|t
بۇغراخان بۇ گەپلەرنى قىلغاندا گەرچە ھەر دائىمقىدەك قاشلىرىنى يىمىرىپ تۇرغان بولسىمۇ،ئۇنىڭ ئاھاڭىدىن نەۋرسىگە قارىتا قايىل بولغانلىق ۋە سۆيۈنۈش ئالامەتلىرى ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى.
DY/Gmd`o=)
چەۋگەنچىلەر ھاردۇقىنى چىقىرىپ،ئاتلىرىنىڭ تەرىنى قۇرۇتۇۋالغاندىن كېيىن يەنە مەيدانغا چۈشتى.بۇ قېتىم ئۇزاق ۋە قاتتىق ئېلىشىشتىن كېيىن قارا ئاتلىقلار ئۇتۇپ چىقتى.
Ej/s88#)
_تەڭلىشىپ قالدۇق،يەنە بىر مەيدان ئوينايمىز ،_دېدى مەھمۇت مەيداننىڭ سىرتىغا چىققاندىن كېيىن.
NsY%*Rp|
_بولدى ئەمدى،_دېدى بۇغراخان چارچىدىم قېرىپتىمەن.
6am12NiA?A
بۇغراخان شۇنداق دېدى_دە،نېمە ئۈچۈندۇر ئۇشتۇمتۇت ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ مانا مۇشۇ نەۋرىسى مەھمۇددەك قىران چاغلىرى ئېسىگە كېلىپ قالدى.ئۇ چاغدا مۇھەممەت بۇغراخاننىڭ مەرھۇم ئاتىسى يۈسۈپ قادىرخان تېخى تەخىتكە ۋارىسلىق قىلمغانىدى.شۇڭا،ئۇ <<قادىرخان>>ئەمەس،بەلكى<<يۈسۈپ تېگىن>>دەپ ئاتىلاتتى.شۇنداق قىلىپ،يۈسۈپ تېگىن بىر قېتىم يىراققا يۈرۈش قىلىش ھەربىي مەشقى ئېلىپ بېرىپ ئوپالغا كەلگەندە،بۇ مەشىققە قاتناشقان ئوغۇللىرى سۇلايمان بىلەن مۇھەممەدنى دەل مۇشۇ چەۋگەن مەيدانىغا باشلاپ كەلگەنىدى.
?W !akui'G
شۇ كۈنى بۇ يەردە چەۋگەن ئويۇنى ئەجەپمۇ قىزىپ كەتكەنىدى.يۈسۈپ تېگىن گويا قايتىدىن ياشىرىپ قالغاندەك شۇنچە قىزغىن ئىشتىياق ۋە ھەۋەس بىلەن ئات چاپتۇرۇپ،بارچە ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ ۋاقىرايتتى:<<سۇلايمان،توپنى بۇياققا ئۇر،بۇياققا!>>ئارقىدىنلا يەنە مۇھەممەدنى ئالدىرتاتتى:<<مۇھەممەد،ئېتىڭنى تېز چاپتۇر~!توپنى ئۇنىڭدىن تارتىۋال!>>ئاكا_ئۇكىلارمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئويۇنغا بېرىلىپ،خۇددى بۇ كىچىككىنە ياغاچ توپنى قولدىن چىقىرىپ قويسا جېنىدىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەك،بارلىق كۈچى ۋە ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ،ئۆزلىرىنىمۇ،ئاتلىرىنىمۇ ئايىماستىن توپنى قوغلىشاتتى،تالىشاتتى.
$=`32nG
ئاخىرى چەۋگەننى پۇخادىن چىققۇچە ئويناپ ھارغاندىن كېيىن ئاكا_ئۇكىلار مەيداندىن چىقىپ،توق سېرىق يىپەك سايىۋەننىڭ ئاستىدا ئاتىسى بىلەن ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىشتى.شۇنىڭدىن كېيىن يۈسۈپ تېگىن ئاكا_ئۇكا سۇلايمان بىلەن مۇھەممەدنى چېلىشقا سالدى،مۇھەممەد بىر قېتىملا يىڭەلىدى.يەنە بىردەم ھاردۇق چىقىرىۋالغاندىن كېيىن ئاتىسى ئۇلارنى نەيزە ئېتىشقا سالدى.مۇھەممەدنىڭ ئاتقان نەيزىسى سۇلايماننىڭ نەيزىسى سانجىلىپ تۇرغان يەرگە ئىككى قەدەمچە يىتەلمىدى.
!Dc! Xyrq
_يەنە ئات!_دەپ بۇيرۇق بەردى ئاتىسى.
=&Z2O~5onq
مۇھەممەدنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئاتقان نەيزىسىمۇ سۇلايماننىڭكىگە يەتمىدى.
93N+c91
_بولمايدۇ!_دەپ خىتاب قىلدى يۈسۈپ تېگىن،_نەيزىنى شۇنداقمۇ ئاتقان بارمۇ؟سەن نېمە بولدۇڭ،مۇھەممەد؟چېلىشتىمۇ ئۇتالمىدىڭ،نەيزە ئېتىشتىمۇ يىتەلمەيۋاتىسەن؟
$zV,><g
مۇھەممەد خىجالەتچىلىكتە يەرگە قاراپ،بوينىنى تولغاپ قويدى_دە:
I|TYY{D
_ئۇ مەندىن چوڭ تۇرسا...،_دەپ غۇدۇڭشىپ قويدى.
kKFi=xbl
_نېمە!دېدى يۈسۈپ تېگىن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ،_بۇ گەپنى ئۇيالماستىن ئاغىزىڭدىن قانداق چىقاردىڭ؟ئۆزىدىن زورنى،كۈچلۈكنى يەڭمىسە باتۇر بولامدۇ؟ياق،بولمايدۇ!نەيزەڭنى يەنە ئات.قاچانكى نەيزەڭنى سۇلايماننىڭ نەيزىسىنى سانجىلىپ تۇرغان ئاشۇ يەردىن يىراققا چۈشۈرمىسەڭ بۇ يەردىن كەتمەيسەن.
/ .AkI9
مۇھەممەد قارا تەرگە چۆمۈپ بىر نەچچە قېتىم نەيزە ئاتقاندىن كېيىن ئاخىرى سۇلايماننىڭ نەيزىسىدىن سەل يىراققا چۈشۈردى.
CQ95>f]
_ھە،ئەمدى بولدى،_دېگەنىدى يۈسۈپ تېگىن قانائەت ھاسىل قىلىپ،ئاندىن بۇ ئىككى ئوغلىنى يىنىغا تارتىپ،ئۇلارنىڭ يەلكىلىرىدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەنىدى:
r$CJ0U
<<بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق قاتتىق مەشىق قىلىپ،ياخشى چېنىقىڭلار،قەلەمدىمۇ،ئەلەمدىمۇ يېتىشىپ چىققاندىلا ئاندىن بىر_بىرىڭلارغا مۇستەھكەم يۆلەك بولالايسىلەر ۋە شۇنداق بولغاندىلا ھەر قانداق زور ۋە قۇدىرەتلىك رەقىبىنى يىڭەلەيسىلەر،ئۆز قەدىر_قىممىتىنى يوقاتمىغان غالىبلاردىن بولۇپ ياشىيالايسىلەر.>>
_xe+A3$1
مۇھەممەد بۇغراخان ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە تەنلىرى تىكەنلىشىپ كەتكەندەك بولدى.ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ،ياش مۇھەممەد ئەمدى ساقىلىغا ئاق سانجىغان بۇغراخان بولغان كۈنلەردە ئەھۋال قانداق بولۇۋاتىدۇ.سۇلايمان ئارسلانخان بىلەن مۇھەممەد بۇغراخان بىر_بىرىگە يۆلەك بولالمىدى،ئەكسىچە...ئەپسۇس،ئەپسۇس! يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئەۋلادلىرى ئۆز ئاتىسىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئەمەل قىلالمىدى.<<بۇ گۇناھ زادى كىمدە>>دەپ ئويلايتتى مۇھەممەد بۇغراخان ،<<سۇلايماندىمۇ ياكى مەندىمۇ؟كېيىن يەنە نېمە ئىشلار بولۇپ كېتەر؟ئاكا_ئۇكا ئىككەيلەننىڭ ئاداققى تەقدىرىمىز قانداق بولار؟ئاھ،ياراتقان ئاللا ئىگەم،گۇناھكار بەندەڭنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن!>>
ByO%I68fC
مۇھەممەد بۇغراخان كۆزلىرىنى چىڭ يۇمدى_دە،بېشىنى قاتتىق سىلكىۋېتىپ،بۇ خىياللارنى قاچۇرۇشقا تىرىشاتتى.نېمە ئۈچۈندۇر ئاخىرقى ۋاقىتلاردىن بۇيان،بولۇپمۇ خانلار كېڭىشىدىن كېيىن مۇشۇ خىلدىكى ئەسلىمىلەر ۋە خىياللار مۇھەممەد بۇغراخانغا ئارام بەرمەيدىغان بولۇپ قالغانىدى.ئۇ ھەر قانچە ئويلىماسلىققا ئۇرۇنسىمۇ ،پات_پاتلا بۇ خىل ئازابلىق خىياللار ئۇنىڭ مېڭىسىنى چۇلغىۋالاتتى_دە،كۆڭلى پەرشان بولاتتى.
jG!Ho+K
_بوۋا،نېمىنى ئويلاۋاتىسىز؟_دەپ سورىدى مەھمۇد ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىشنى كۆزىتىپ.
,^<4,8-cz
_ھە..ھە،ھېچنىمە...،_دېدى بۇغراخان چىرايىغا تەبەسسۇم يۈگۈرتۈپ.
\Ow,)@
ئۇ ئۆپچۆرىسىگە كۆز تاشلىدى ۋە ئاتلىرىنىڭ تەرىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن چۇلۋۇرلىرىدىن يىتىلىشىپ مېڭىپ ئايلىنىپ يۈرگەن چەۋگەنچىلەرگە قاراپ تۇرۇپ،مەھمۇدقا مۇراجىئەت قىلىدى:
$Q,ukWrU
_ئۆتكەندە ساچىيە مەدرسىنىڭ تالىپلىرى بىلەن ھەربىي مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقىنىڭنى كۆزدىن كەچۈرگىنىمدە نەيزىۋازلىق ۋە ئوقيا ئېتىشتىكى ماھارىتىڭنى كۆرۈپ خۇرسەن بولغانىدىم.بۈگۈن چەۋەندازلىقتىمۇ تەلەپكە لايىق بولغىنىڭنى كۆردۈم،يارايسەن!خاقانىيىنىڭ مۇناسىپ ئوغلى بولۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق بولۇش كېرەك.ئىلىم_پەننىمۇ ،ھەربىي ئىشلارنىمۇ ئوخشاشلا پۇختا ئىگىلەش كېرەك.بۇ ئىككىسىنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ.ياۋنى يىڭىپ،ئەلنى قوغداشتا ئات مىنىپ،قورال تۇتۇشنى بىلمىسەڭ بولمايدۇ،ئەقىلنى ئىشقا سېلىپ،ئەلنى سوراشتا بىلىمىڭ بولمىسا بولمايدۇ.
/j%|Xo|P
شۇ ئەسنادا بۇغراخاننىڭ خاس قورۇقچىلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ ئاق ئېتىنى يىتىلەپ ئۇلارنىڭ يىنىغا كەلدى.بۇغراخان ئېتىنى ئالماي تۇرۇپ،يىقىن ئارىدا تۇرغان يەنە بىر قورۇقچىنىڭ نەيزىسىنى ئالدى_دە،غۇلىچىنى كەڭ كېرىپ تۇرۇپ كۈچ بىلەن ئاتتى.سىزىپ قويغاندەك تۈپتۈز نەيزە يىراققا ئۇچۇپ بېرىپ يەرگە سانجىلدى.بۇنى كۆرۈپ،مەھمۇدمۇ يەنە بىر قورۇقچىنىڭ نەيزىسىنى ئالدى_دە،شىددەتلىك ئۇچۇپ بېرىپ بۇغراخاننىڭ يەرگە سانجىلىپ تۇرغان نەيزىسىدىن بىر_ئىككى قەدەم يىراققا چۈشتى.بۇغراخان ئۇنىڭ نەيزە ئېتىشنى كۆزەتكەندىن كېيىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.ئۇنىڭغا قاراپ مەھمۇدمۇ كۈلدى.شۇنىڭدىن كېيىن بۇغراخان يىغىلىپ بولغان قورۇقچى ۋە چەۋگەنچىلەرگە قاراپ:
-sN_*tW_
_ئاتلىنىڭلار!_دەپ ۋاقىرىدى_دە،ئۆزىمۇ ئىرغىپ ئېتىغا مىندى.
+apZ]D?M
ئاتلىقلار رەتلىك تىزىلىپ،سەپ بويىچە ئاتلىرىنى يورغىلىتىپ يولغا چۈشتى.بۈگۈن مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ روھىي كەيپىياتى باشقىچىلا كۆتۈرەڭگۈ ئىدى.ئۇنىڭ يەنىلا جىم ماڭغۇسى كەلمىدى.
03i'j}E{
_ھەي يىگىت،قولۇڭدىكىنى ماڭا بەرگىنە،_دەپ ۋاقىرىدى ئۇ چەۋگەن توپنى قولىغا ئېلىپ كېلۋاتقان بىر چەۋگەنچى چېرىك تەرەپكە بۇرۇلۇپ.
>k G$*
ياش چېرىك ئېتىنىڭ يورغىسىنى تېزلىتىپ،ئۇنىڭغا يانداشتى ۋە توپ بىلەن ئەگرى تاياقنى سۇنۇپ بەردى.
p)aHyd
_مەھمۇد،مانا بۇ توپنى تۇتۇۋالامسەن؟_دەپ يەنە ۋاقىرىدى بۇغراخان ۋە چەۋگەن توپنى يەرگە تاشلاپ،ئەگرى تاياق بىلەن قاتتىق ئۇردى.توپ ھاۋاغا قاڭقىپ چىقىپ،يىراققا دومىلاپ كەتتى.مەھمۇد ئېتىنى چاپتۇرۇپ بېرىپ ئەمدىلا قولىنى پەسكە ئۇزىتاي دەپ تۇرۇشىغا سوڭدىشىپ يىتىپ كەلگەن بۇغراخان توپنى ئۇرۇپ ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغۇچە مەھمۇد بوراندەك ئۇچۇپ باردى_دە، سۈرئىتىنى ئاستىلاتماي تۇرۇپ،ئىگەر ئۈستىدىن چەبدەسلىك تۇرۇپ،ئىگەر ئۈستىدىن چەبدەستلىك بىلەن يانغا ئېگىلىپ،ئانارچىلىك ياغاچ توپنى بارماقلىرى بىلەن چىڭ قىسىپ تۇتۇپ ئېلىۋالدى.قىزىپ كەتكەن يۇلتۇز قاشقىلىق قارا ئارغىماق مەھمۇدنىڭ تىزگىن تارتىشىغا بوي بەرمەي تۇياقلىرى ئاستىدىن چاڭ توزوتۇپ يەنە خېلى ئۇزاققىچە چېپىپ كەتتى.
0=ns #:C
مۇھەممەد بۇغراخان ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ،شادلىق تۇيغۇسى سىڭگەن جاراڭلىق ئاۋازدا كۈلۈپ كەتتى.
/F/AN [
_ھەي مەھمۇد،ھەي مەھمۇد!_دەپ خىتاپ قىلدى ئۇ،_مۇدەررس بولىمەن دېگەن گېپىڭنى تاشلا.سەن ۋەزىر بولىسەن،ۋەزىر بولمىساڭ سۇ باشى بولىسەن،سۇ باشى!
1T(spG$&
بۇغراخان خوشاللىق ئىچىدە نەۋرسىدىن زوقلىنىپ يەنە كۈلۈپ كەتتى.ئۇنىڭغىچە مەھمۇد ئېتىنى تىزگىنلەپ ساقالسىز مەڭزىلىرى خۇددى تاڭ شەپىقىدەك قىزىپ كەتكەن،يوغان قوي كۆزلىرى شوخ چاقناپ تۇرغان ھالدا قايتىپ كەلدى.ۋە بوۋىسىغا قوشۇلۇپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.ئاندىن ھەر ئىككىسى سەپكە قوشۇلدى.ئاتلىقلار ئاتلىرىنى گاھ چاپتۇرۇپ،گاھ يورغىلىتىپ،كەلگەن يولى بىلەن ئوپال قاپۇغىغا قايتىشتى.
/U; DxL
D?Z]]'o9*
Ja*[bl
ئانا تىلغا مۇھەببەت
2rC5|!-0?
1 -)zR{b
مەھمۇد قاپۇغ باشى ۋە مىڭدەك چېرىكنىڭ ھەمراھلىقىدا ئوپال تەۋەسىنىڭ سىرتىغا چىقىپ،ئۆزىنىڭ بارسىغان شەھىرىدىن قايتىپ كەلگەن ئاتىسى ھۈسەيىن بۇغرا تېگىن بىلەن ئانىسى بۇبى رابىيە ئالتۇن تارىمنى قارشى ئالدى.
Of@(F-H'Uv
بۇغرا تېگىن ۋە ئۇنى قورۇقداپ كېلىۋاتقان تۆت مىڭ ئاتلىق چېرىكنىڭ قارىسى يىراقتىن كۆرۈنۈشى بىلەنلا مەھمۇد ۋە قاپۇغ باشى ئاتلىرىدىن چۈشۈپ،ئۇلارنىڭ ئالدىغا مېڭىپ باردى.يىقىن كەلگەندىن بۇغرا تېگىنمۇ ئاتتىن چۈشتى.
lLe7\wG
باھادىرلارچە قابىل كەلگەن ۋە جەڭگە كېتىۋاتقان سانغۇندەك يىنىك ھەربىيچە كىيىنىپ،يىشىل سەللە ئورىغان،قاپقارا قىرقىما ساقاللىق ھۈسەيىن بۇغرا تېگىن قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ ئوغلى مەھمۇدنى باغرىغا باستى.
NRI*m)N)
_قارىغىنا بۇنىڭ چوڭ بولۇپ كەتكىنىنى!_دەيتتى ئۇ شاد_خۇراملىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ،_بوي_بەستى راسا قاملاشقان ئەزىمەت بوپتۇ،چىراي_تۇرقىمۇ بەئەينى ئاتىسىنى تارتىپتۇ.
bXB157N9
بۇغرا تېگىن مەھمۇدنىڭ يەلكىسىگە ئۆزىنىڭ قۇۋۋەتلىك قولى بىلەن شاپىلاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
Q%m!x( o.
شۇ ئارىدا ئىككى دېدەك قىزنىڭ سۇنۇلغان قوللىرىغا تايىنىپ،قىزىل تاۋار سايىۋەنلىك ھارۋىدىن چۈشكەن بۇيى رابىيە ئالتۇن تارىم ئۇزۇن ئېتەكلىرىنى كۆتۈرۈپرەك،خوشاللىقىدىن ئۈن سېلىپ يىغلىغان پېتى ئوغلى تەرەپكە ئېتىلدى.مەھمۇد ئاتىسىنىڭ قۇچىقىدىن بوشىنىپ،ئانىسىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ باردى.
RB_N(c<*~
_جېنىم بالام مەھمۇد،_دەيتتى بۇبى رابىيە ئېسەدەپ تۇرۇپ ۋە ئوغلىنىڭ ماڭلىيىغا سۆيۈپ،_تىنىچ تۇردۇڭمۇ!سېنىمۇ كۆرىدىغان كۈنۈم بولىدىكەن....
8+7bWh_,
ئۇ ياشقا تولغان كۆزلىرى بىلەن مەھمۇدقا قارايتتى ۋە يەنە يىنىشلاپ ئۇنىڭغا يېپىشاتتى.
:L51dw_0
مەھمۇد بولسا،ھاياجانلانغان ھالدا:
cf>H
_خۇش كېلىپسىز،ئاتا!خۇش كېلىپسىز ئانا!_دەيتتى ۋە بىر تەرەپتىن ئاتا_ئانىسى بىلەن كۆرۈشكىنىمدىن خوشال بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئانىسىنىڭ ئۇنى خۇددى گۆدەك بالىنى پەپىلگەندەك ئەركىلىتشلىرىدىن ئوڭايسىزلىنىپ،كۆزلىرى چىمچىقلىتىپ،نېمە قىلىشنى بىلمەي تۇراتتى.
jgH0R>s^
ھۈسەيىن بۇغرا تېگىن قاپۇغ باشى بىلەن سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن يۈرۈشكە بۇيرۇق بەردى.
vK|X9<
_بولدى،رابىيە،_دېدى ئۇ كۆتۈرەڭگۈ ئاھاڭدا چاقچاق قىلىپ،_بۇ ئۇچۇرۇم بولمىغان كىچىك قۇشۇڭنى ئەمدى ئۆيگە بارغاندىن كېيىن قانىتىنىڭ ئاستىغا بېسىۋالغىن.
\0_$s
<<ئۇنىڭ خۇلقى_مىجەزى قىلچىمۇ ئۆزگەرمەپتۇ>>دەپ ئويلىدى مەھمۇد بويلۇق جەدە ئاتقا ئەپچىلىك بىلەن مىنىۋالغان ئاتىسىغا قاراپ،_بوۋامغا زادى ئوخشىمايدۇ.بوۋام_ئېغىر_بېسىق،چىايى سۈرلۈك.ئاتام بولسا،تېتىك،خۇش چاقچاق،ئوچۇق چىراي.>>
:iSp9T?
شۇنىڭ بىلەن،بارىسىغانلىق ۋە ئوپاللىق چەۋەندازلار بىرلىكتە ئاتلىرىنى يورغىلىتىپ ئازىق قەلئەسىگە،يەنى مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ قاپۇغىغا يىتىپ كېلىشتى.قەلئە سېپىلنىڭ قاراتۆمۈر بىلەن قاپلانغان قوش قاناتلىق يوغان دەرۋازىسى كەڭ ئېچىلىدى .ئاتلىقلار قەلئە ئىچىگە كىرىشتى.بۇغرا تېگىن،بۇبى رابىيە ۋە مەھمۇد قاپۇغ باشىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئىچكىرىكى ھويلىغا ئۆتۈشتى.
)lt!ZQ>5
ھۈسەيىن بۇغرا تېگىن ئىشىك ئالدىدا تۇرغان ئاتىسىنى كۆرۈپ دەرھال ئالدىغا باردى_دە،تىز پۈكۈپ،ئۇنىڭ پېشىنى سۆيدى.ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ سالام بەردى:
1&C*oWd
_قۇت بولسۇن،بۇغران ئاتا!
4@A}ys7
بۇبى رابىيەمۇ يىقىن كەلدى ۋە ئئىككى قولىنى كۆكسىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چوڭقۇر ئىگىلىدى.
BgA)L
_قۇت بولسۇن،خان ئاتا!
H,h[CK*E
_قۇت بولسۇن!_دەپ جاۋاپ قايتۇردى ئۇلارغا مۇھەممەد بۇغراخان ،_ئۆيگە كىرەيلى.
zps\. %
ئۇلار ئۆيگە كىرىشتى.غىزالىنىپ،ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۋالغاندىن كېيىن مۇھەممەد بۇغراخفن بىلەن ھۈسەيىن بۇغرا تېگىن باغقا چىقىپ،گۈلزارلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئويما نەقىشلىك راۋاقتا گىلەم ئۈستىگە قويۇلغان مامۇق ياستۇقلارغا يۆلىنىپ ئارام ئېلىپ ئولتۇرۇشتى.شۇ ئەسنادا بۇغراخاننىڭ خاس مەرىمى،ساچىيە مەدرسىنىڭ باش مۇدەررىسى ھۈسەيىن ئىبىن خەلەپىنىڭ سالامغا كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىدى.
K ^NF
كىرسۇن،_دەپ ئىجازەت بەرى بۇغراخان .
IBM#j-t;
ھۈسەيىن ئىبىن خەلەپ ئۆز زامانىسىنىڭ كاتتا بىلىم ئىززەتلەيتتى،شۇ ۋەجىدىن بۇ ھۆرمەتلىك مۇدەرررىس ئازىق قەلئەسىگە پات_پات قەدەم تەشىرىپ قىلىپ تۇراتتى.ئۇنىڭ ئاتىسى شاملىق ئەرەپ مۆتىۋەر،ئانىسى قەشقەر گۈلباغلىق بەگ قىزى بولۇپ،خاقانىيىدىمۇ ۋە شام،باغدادلاردىكى ئەرەپ ئۆلىمالىرى ئىچىدىمۇ بەلگىلىك نوپۇزى بار ئىدى.بېشىغا مۇدەررىسىلىك ئاق سەللىسىنى ئورىغان ئۇچىسىغا ئۇزۇن ئاق پەرىجە،پۇتلىرىغا يۇمشاق مەسە كېيىگەن چار ساقاللىق،قۇش بۇرۇن ھۈسەيىن ئىبىن خەلەپنى راۋاققا مەھمۇد باشلاپ كەلدى.مۇددەرىس راۋاقنىڭ پەلەمپىيى ئالدىغا كەلگەندە بىر قېتىم تەزىم قىلدى،راۋاققا چىققاندىن كېيىن يەنە ئېگىلدى ۋە ئوردىنىڭ ئەدەپ_قائىدىلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلغان ھالدا قول قوشتۇرۇپ سالام بەردى:
u:v/y8uw[
_ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ئاللانىڭ ئەزىز بەندىسى مۆمىنلەرنىڭ پاسىبانى شاھى ئېھىرام مۇھەممەد بۇغراخان ھەزرەتلىرى ،ئەسسالامۇئەلەيكۇم،سائادەتلىك ھۈسەيىن بۇغرا تېگىن!
a*]Sj
مۇھەممەد بۇغراخان بۇ مۇدەررسىنىڭ <<قۇت بولسۇن>>دېگەننىڭ ئورنىغا ھەمىشە <<ئەسسالامۇئەلەيكۇم>>دېگەن ئەرەپچە ئىبارىنى ئىشلىتىشگە تېخىچە كۆنەلمەي يۈرەتتى ۋە ئۆزىنىڭ تۈركىي قەبىللەرنىڭ تىلىدىكى <<خاقان>>ياكى<<خان>>دېگەننىڭ ئورنىغا <<شاھى ئېھرام>>دېگەن پارسچە نام بىلەن ئاتىشىنى ياقتۇرمايتتى.شۇنداقتىمۇ،بۇ ئاتاقلىق ئالىمغا بولغان ئىخلاسمەنلىكى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا قائىدە_يوسۇنلۇق مۇئامىلە قىلىپ،كۆڭلىدىكى بۇ كىچىككىنە نارازىلىقىنى بىلدۈرمەيتتى.
|& hxz}
_قۇت بولسۇن،مۆھتەرەم شەيخ ئىمام ھۈسەيىن ئىبىن خەلەپ ھەزرىتىم ،،مەرھەممەت قىلغايسىز،_دېدى مۇھەممەد بۇغراخان.
_%
_پېقىر تېخى بايىلا ھۈسەيىن بۇغرا تېگىن جانابلىرىنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ،دىدار كۆرۈشمەك ئىستىكى بىلەن سالام بېرىشكە ئالدىراپ كەلدىم،_دېدى ھۈسەيىن ئىبىن خەلەپ گىلەمگە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ.
Q&gX` 282
_سىز ئوپالدا تۇرۋاتقانمىدىڭىز ،شەيخ ئىمام!_دەپ سورىدى ھۈسەيىن بۇغرا تېگىن ھال_ئەھۋال سورىشىپ بولغاندىن كېيىن.
Pt$Nr]n:W
_شۇنداق،_دېدى مۇدەررىس ،_ھازىر ساچىيە مەدرىسىدىكى تالىپلار تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن ئوقۇش باشلانغۇچە ئوپالدىكى بېغىمدا بىر مەزگىل تۇرۇپ،دەم ئالاي دەپ كەلگەنىدىم .
EhKkM.v$
بۇغراخاننىڭ ئائىلە قۇللىرىدىن ئىككسى كۈمۈش تاۋاقلاردا ئۈزۈم،شاپتۇل ۋە ئەنجۈرلەرنى ئەكېلىپ ئوتتۇرىغا قويدى.راۋاقتىكىلەر مېۋىلەرگە ئېغىز تەگكەچ ئۇياق_بۇياقتىن پاراڭ سېلىشتى.ئاندىن ھۈسەيىن بۇغرا تېگىن مەھمۇدنىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىش ئەھۋالنى سۈرۈشتۈردى.
VVfb^"Lf
_مەھمۇد ساچىيە مەدرىسى بويىچە تالىپلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ،_دەپ جاۋاپ بەردى.مۇدەررىس،_ئۇ ھەممە پەنلەرنىڭ ھېكىمەتلىرىنى ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆزلەشتۈردى،بولۇپمۇ مېنى بەك خوشال قىلىدىغىنى،ئۇ ئەرەپ تىلىدا ھازىرنىڭ ئۆزىدىلاكامالەتكە يەتتى.مەنمۇ مەھمۇدقا دائىم جېكىلەپ تۇرىمەن،ئەرەپ تىلىنى ئۆگىنىش ئەڭ مۇھىم...
|gR/\7/
_تۈركىي تىلنى ئۆگىنىشمۇ مۇھىم،_شۇ چاغىقىچە بىر چەتتە جىم ئولتۇرغان مەھمۇد سەل تارتىنىپراق بوشقىنا ئاۋازدا سۆز قىستۇردى،_ھېچ بولمىغاندىمۇ ئۇ بىزنىڭ ئانا تىلىمىز_دە...
gLJ}NhO
ھۈسەيىن ئىبىىن خەلەپ ئۆز سۆزىنىڭ بۇنداق ئۇشتۇمتۇت بۆلۈۋېتىلىشىنى كۈتمىگەن بولغاچقا،شاگىرتىغا تەئەججۈپ ئارىلاش نەزىرى بىلەن قارىدى.مۇھەممەد بۇغراخان خۇددى ھېچنىمە بولمىغاندەك قارىدى.مۇھەممەد بۇغراخان خۇددى ھېچنىمە بولمىغاندەك ئاۋۋالقىدەكلا قوشۇمىسىىنى تۈرۈپ ئۈنچىقماستىن ئولتۇراتتى.ھۈسەيىن بۇغرا تېگىن بولسا،ئوغلىغا زوق ۋە ھېرىسمەنلىك بىلەن قاراپ قويدى.
t`DCr ZC
_ئەپۇ قىلغايسىز،ھۆرمەتلىك ئۇستازىم ،_دېى مەھمۇد بىردەمدىن كېيىن ئوڭايسىزلانغان ۋە گۇناھىنى بوينىغا ئالغان قىياپەتتە،_مەن ئالدىراقسانلىق قىلىپ قويدۇم.
#|w"TfD
_ھېچ گەپ ئەمەس ،مەھمۇد ،ھېچ گەپ ئەمەس،_دېدى مۇدەررىس ،_مەن شاگىرتلارنىڭ مۇشۇنداق دادىل بولۇشنى ياقتۇرىمەن.سەن ھەمىشە ئىلىم_مەرىپەت،بولۇپمۇ تىل ۋە تارىختىن گەپ ئېچىلسا ئۆزۈڭنى بېسىۋالالماي قالىسەن.مەن بۇنى بىلىمەنغۇ.بۇ سېنىڭ ئىلىمگە بولغان ھەۋسىڭنىڭ كۈچلۈكلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
#lWcTby
ئاندىن مۇەررىس بۇغراخان بىلەن بۇغرا تېگىنگە قاراپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرىدى:
ie6Kn[S
_ھەر كىم ھەر خىل پەنلەرگە قىزىقىشى مۇمكىن،ئەلۋەتتە،مەھمۇد تىل،تارىخ ۋە ئەدەبىياتقا ئالاھىدە ھەۋەس قىلىدۇ.مانا ئەمدى تىل ئىلمى ساھەسىدە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كۆز قارشى شەكىللىنىشكە باشلاۋاتىدۇ.بىلىشىمچە،ئۇ بۇ ساھەگە ئائىت بىر مۇنچە كىتابلارنى ئۆزلۈكىدىن ئىزدىنىپ ئوقۇپتۇ.بۇ ھەقتە مەن بىلەنمۇ بىزنەچچە قېتىم پىكىرلەشتى.ئۇ ھەمىشە تۈركىي تىل شىۋىلىرىىڭ قانۇنىيەتلىرىنى شەرھلەيدىغان مۇكەممەل ئىلمىي ئەسەرنىڭ دۇنياغا كەلمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدۇ.ئۇ ھامان:تۈركىي تىل ئەرەب تىلدىن قېلىشمايدۇ،دېگەن نۇقتىئينەزەردە چىڭ تۇرىدۇ.بۇ ھەقتە ئۆتكەندە مەن بىلەن بىر قېتىم خېلى قاتتىق مۇنازىرىلەشتى.بىر قىسىم تالىپلارنىڭ ئاغىزىنى كوچىلاپمۇ بىرەر ئىلمىي ئەھمىيىتى بار سۆزنى چىقارغىلى بولمايدۇ.بۇ جەھەتتە مەھمۇد پۈتۈنلەي ئۆزگىچە.<<بولداچى بۇزاغۇ ئۆكۈز ئارا بەلگىلىك>>دېگەندەك ،ھەمىشە كىتابنىڭلا گېپىنى قىلىدۇ.بۇنداق گەپلەرنى قىلىشقاندا ھەتتا بايىقىدەك ئۆزىنى بېسىۋالالماي قالىدۇ.
\KDP'
ھۈسەيىن ئىبىن خەلەپ ئاخىرقى سۆزلىرىنى كۈلۈپ تۇرۇپ تاماملىدى.
+D,(G(-
_ھىم ،ياخشى گەپ ،_دېدى ھۈسەيىن بۇغرا تېگىن ۋە ئوغلىغا كۆزلىرىنى قىسىپراق تىكلىپ قارىدى،_ماڭا قارىغىنا،مەھمۇد،سەن راستىنلا شۇنداق بىلىملىك موللا بولۇپ كەتتىڭمۇ_ھە؟بۇغراخان ئاتاممۇ بارسىغان شەھىرىگە يازغان كەكتۇبلىرىدا سېنى مۇشۇنداق دەپ ماختايتتى.بۈگۈن ئۇستازىڭ شەيخ ئىمام ھۈسەيىن ھەزرەتمۇ تەرىپڭنى قىلدى.شۇڭا،كىتابتىن ئالغان بىلىملىرىڭگە قايىل بولماي ئىلاجىم يوق.ئەمما،سېنى ھەربىي ئىشلارغا دائىر نېملەرنى ئۆگەنگىنڭنى تېخى ھېچكىم ماڭا ئېيتىمىدى.قولۇڭدا تىغ توختامدۇ_ھە؟گەپ قىلمايسەنغۇ!
N@=_'Q
مەھمۇدنىڭ ئاتىسىغا نېمىدەپ جاۋاپ بېرىشىنى بىلمەي تەڭلىكتە قالغانلىقىنى كۆرۈپ،ھۈسەيىن ئىبىن خەلەپ سۆزگە ئارىلاشىتى:
[vn(/QL-3
_ساچىيە مەدررىسىدە خاقانىيە بويىچە ئەڭ خىللانغان مەشقاۋۇللار تالىپلارغا ھەربىي ئىشلاردىن تەلىم بېرىدۇ،سائادەتلىك بۇغرا تېگىن.مەھمۇد خۇددى باشقا تالىپلارغا ئوخشاش ناماز پەرزىنى ئادا قىلىش يىشىغا تولغاندىن تارتىپلا ياراغ ئىشلىتىشنى ئۆگىنىپ ئۆسكەن تۇرسا،ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ماھارىتىدىنمۇ گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ_دە.
o^^E&'
ھۈسەيىن بۇغرا تېـگىننىڭ قاۋۇل گەۋدىسى ئاستا قوزغالدى.ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ:
#jA[)H$N
_قېنى ئورنۇڭدىن تۇر!_دېدى ئۇ مەھمۇدقا بۇيرۇق تەلەپپۇزى بىلەن،_قانچىلىك ئادەم بولغىنىڭنى ئۆزۈم بىر سىناپ باقاي.
[r^Th:x
شۇنداق قىلىپ ئۇلار قىلىچۋازلىققا چۈشۈپ كەتتى.بۇبى رابىيە كەسكىن ئېلىشۋاتقان ئاتا_بالا ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا كىرمەكچى بولغانىدى ،بىراق راۋاقتا ئولتۇرغان بۇغراخان بىلەن مۇدەررىستىن ئەيمىنىپ توختاپ قالدى .بۇغراخان خۇددى ھېچ بولمىغاندەك قوشۇمىسىنى تۈرگەن ھالدا قىلىچۋازلىقنى تاماشا قىلىپ ئولتۇراتتى.مۇدەررىس بولسا ،ئىنتايىن قىزىققان سىياقتا كۆز تىكىپ،بۇ ماھارەت كۆرسىتىشنىڭ نەتىجىسىنى كۈتمەكتە ئىدى.
DzP8`]aI
بۇبى رابىيە ئۆزىنى ئىككى ياندىن قولتۇقلىۋېلىشقان دېدەكلەرنىڭ قوللىرىنى چىڭ قىسقان ھالدا ئىلاجىسىزلىقتا ئۈنسىز ئاھ ئۇرۇپ قاراپ تۇردى.<<يائاللا،كونا خۇينى تېخىچە تاشلىماپتۇ>>دەپ ئويلىدى ئۇ ئېرىگەخاپا بولۇپ،بۇنىڭدىن نەچچ يىللار ئىلگىرى مەھمۇد تېخى گۆدەك چاغلىرىدىمۇ ھۈسەيىن مانا مۇشۇنداق قىلاتتى.ئامراقلىقى كېلىپ كەتسە ئوغلىنى ئەركىلىتىپ ئوينىتىشنىڭ ئورنىغا ھە دېسىلا قىلىچۋازلىق ياكى چېلىشىش قائىدىلىرىنى ئۆگىتىپ ،ئۆزىمۇ كىچىك بالىدەك قىزىپ كېتەتتى.توغرا،بۇنداق چاغلاردا بۇبى رابىيەئۆزىمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ كېتەتتى.ئۇ ئوغلى مەھمۇدنىڭ ياراغ ئىشلىتىش ماھارىتىنى پۇختا ئىگلىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن مەدەت بېرىپ رىغبەتلەندۈرەتتى،ھەتتا ئۆزىمۇ قولىغا قىلىچ ئېلىپ ئۈلگە كۆرسىتەتتى.ئەجەبا،ئەمدى ئۇ ھازىر نېمە ئۈچۈن يىغلامسىراپ ئاھ ئۇرىدۇ،نېمەئۈچۈن ئۇنىڭ يۈرىكى قەپەسكە سولانغان تورغايدەك تەشۋىشلىك تىپىرلاپ،قاتتىق سوقۇپ كېتىۋاتىدۇ؟ئۇزۇندىن بېرى ئوغلىنى كۆرمىگەچكە شۇنداقمۇ؟ياكى پەرزەنتى چوڭ بولغانسېرى ئۆزىمۇ ياشىنىشقا باشلىغانسېرى ئانا قەلبى نازۇكلىشىپ كېتەمدۇ؟ئاھ ئانا!ئاھ ئانا مېھرى!<<توۋا،ماڭا نېمە بولدى>>دەپ ئويلىدى بۇبى رابىيە ئۆز_ئۆزىگە تەسەللىي بېرىپ،<<بۇنداق تىغ_ياراغلار بىلەن ھەپىلىشىش ئويۇنلىرى خان جەمەتى ئىچىدە ۋە ئومۇمەن پۈتۈن خاقانىيىدە ئادەتتىكى ئىشقۇ.>>
sTCa-~
بۇغرا تېگىن بىلەن مەھمۇدنىڭ قىلىچلىرى خۇددى ئەينەكتەك ۋالىلداپ،بىر_بىرىگە شىددەتلىك ئۇرۇلماقتا ئىدى.مەھمۇدنىڭ قىلىچ ئوينىتىشى كۆرۈنەرلىك سۇسلىشىشقا باشلىدى.ئاخىرى بۇغرا تېگىننىڭ كۈچلۈك زەربىسى مەھمۇدنىڭ قولىدىن قىلىچىنى ئۇچۇرۇپ چىقىرۋەتتى.ھۈسەيىن بۇغرا تېگىن تەمكىنلىك بىلەن قىلىچىنى قىنىغا سالدى.
|\Qv A
_تېخى بىلىكىڭ قاتماپتۇ،_دېدى ئۇ ئوغلىغا،لېكىن ئۇنىڭ ئاۋازىدىن يەنىلا قايىل بولغانلىق ئالامىتى ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى.
xy:+q .S
_كېرەك يوق،ئۇ تېخى كىچىك،_دېدى بۇغراخان ئۇلارنىڭ يىنىغا كېلىپ،_تەڭرى خالىسا،يەنە ئىككى _ئۈچ يىللاردىن كېيىن ئۇستىخىنى قېتىپ ياخشى قىلچۋاز بولۇپ چىقىدۇ.
P^+N]yVn'
بۇغرا تېگىن ئۇنىڭ سۆزىگە قوشۇلۇپ كۈلۈمسىرىدى ۋە ئوغلىنىڭ يەلكىسىگە ئۇرۇپ قويدى.
1_zd?(kp
_ھەرىكىتىڭ چاققان،قىلىچۋازلىق ماھارىتىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپسەن.
e12?k9fo
بۇبى رابىيە بۇغراخاندىن تەپ تارتىپ گەپ قىلىمىغان بولسىمۇ ،كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى ۋە ياشقا تولغان كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمىسىرىدى _دە،دېدەكلەرنى ئەگەشتۈرۈپ ھۇجىرسىغا قايتىپ كىرىپ كەتتى.
_:|jH'Z`
<<H ^dX
نورۇزدىكى قۇتلۇق سەپەر
)04/'+
-'6Fx)`A
كېيىن مەھمۇد قەشقەردىكى ساچىيە مەدرسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىدى.ئۇ زامانلاردا قاراخانىيلار تەۋەلىكىدىكى خانلىق مەدرسىدە دىنىي ۋە پەننىي دەرسلەر بىرلىكتە ئۆتۈلەتتى.مەھمۇد مەدرىستە ئۆتۈلىدىغان ھەر قايسى پەنلەرنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشتىن سىىرت،خان جەمەتى ئىچىدىكى ئەنئەنە بويىچە يەنە ھەر خىل قورال_ياراغلارنى ئىشلىتىش،چەۋەندازلىق ،شاھمات ئويناش،ساز چېلىش،قاتارلىق كۆپ خىل ماھارەتلەرنى پىششىق ئىگىلىدى.ئۇ بولۇپمۇ ئۇستازى ھۈسەيىن خەلەپنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئەرەپ تىلىنى ناھايىتى پىششىق ئۆگىنىپ چىقىپ ،بۇ تىلدىمۇ خۇددى ئانا تىلىدىكىگە ئوخشاشلا راۋان سۆزلىيەلەيدىغان ۋە يازالايدىغان بولدى.شۇنداق قىلىپ،مەھمۇد كىچىكىدىنلا بىلىم دائىرىسى كەڭ،ئەتراپلىق يىتىلگەن مەۋلانە سۈپىتىدە تونۇلۇشقا باشلىدى.
M)c?WX~
مەھمۇد ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن تارتىپ قەشقەر ئوپالدىكى ئازىق كەنىتىدە تۇردى.ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئۇ ئۆزىنىڭ خاس قۇلى تۇرۇمتاي بىلەن ئوپالدىكى نوزۇز بۇلاق تۆپىلىكىگە چىقىپ دەرس تەكرار قىلىشقا ئولتۇردى.مەھمۇد قولىدىكى كىتابنى ۋاراقلاپ كۆرۋاتاتتى.ئۇشتۇمتۇت تۆپىلىكنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ئوي مەھەللىدىن بىر قىزنىڭ ناخشا ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدى.مەھمۇد تۆپىلىكتىن پەسكەرەك چۈشۈپ ،نورۇز بۇلاقتىن قاپاققا سۇ ئېلىۋاتقان بىر قىزنى كۆردى،مەھمۇد تۇرۇمتاينى چاقىردى:
+ h&Ah
_تۇرۇمتاي،ئۇ كىم؟بىلمەمسەن؟_دەپ سورىدى ئۇ قولى بىلەن ھېلىقى قىزنى كۆرسىتىپ.
FS.pK&H
_ئۇنىڭ ئىسىمى چولپان،مۇشۇ كەنىت سەردارىنىڭ قىزى.مەن كەنىتلەردىن يىغىلغان سېلىقلارنى توشۇشقا بارغاندا ئۇنى كۆرگەن،_دېى تۇرۇمتاي.
_s[_:CTgs
كېيىن مەھمۇد شۇ چولپانئاي ئىسىملىك قىز بىلەن توي قىلىدى.
+.7 ^Z
مەھمۇدنىڭ ئاتىسى بارىسغان شەھىرىنىڭ ھاكىمى بولغاچقا،ئانىسى بۇبى رابىيە بىلەن شۇ شەھەردە تۇراتتى.مەھمۇدنىڭ بوۋىسى مۇھەممەد بۇغراخان بولسا،تالاس ۋە ئىسپىجاب شەھەرلىرىگە ھۆكۈمدار بولۇپ قەشقەردىن كەتتى.مەھمۇد چولپانئاي بىلەن ئوپالدىكى ئازىق كەنتىدە قالدى.شۇ كۈنلەردە ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىنى قىلچە بوشاشتۇرماي داۋاملاشتۇردى ھەم كېچە_كۈندۈز دېگۈدەك ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا قەلەم تەۋرىتىپ،<<جاۋاھىرۇننەھۋى فىللۇغاتىپ تۈرك>>ناملىق ئىلمىي ئەسىرىنى يىزىپ چىقتى.
c%p) >6g
مەھمۇدنىڭ ئۇستازى ھۈسەيىن خەلەپ قەشقەردىكى بىر قىسىم ئالىملارنى يىغىنغا تەكلىپ قىلىپ،بۇ ئەسەرنى مۇھاكىمىگە قويدى.ئالىملار ئەسەرگە يۇقىرى باھا بەردى.
KcR7D )0
_ئەمدى مەھمۇدقا تەخەللۇس بەرسەك،_دېدى ھۈسەيىن خەلەپ يىغىن ئاخىرىدا.
CR [~6r
_مەھمۇد ئۆزى قانداق تەخەللۇسنى ئويلاشتىكىن؟_دەپ سورىدى ئالىملاردىن بىرى.
!Clqip K
_يۇرتۇمنىڭ نامىنى تەخەللۇس قىلىسام،_دېدى مەھمۇد.
uvC3ogLY5|
ھەممەيلەن رازىلىق بىلدۈرۈشتى،مەھمۇد قەلەمنى ئېلىپ،ئۆز ئەسىرىنىڭ بىرىنچى بېتىدىكى ئاق قالدۇرۇلغان ئورۇنغا:<<مەھمۇد ئىبىن ھۈسەيىن قەشقەرى>>دەپ ئىمىزا قويدى.
zxxc%2D
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مەھمۇد قەشقەرى دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى.
^\^3?^p B
مەھمۇدنىڭ خاس قۇلى تۇرۇمتاي ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە سەيلە قىلىپ يۈرۈپ ئوپالنىڭ سىرتىغا چىقىپ قالدى.ئۇ بىر كۆل بويىغا كەلگەندە تاساددىپىي بىر قىز بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدى.دەسلەپتە ھەر ئىككىسى بىر _بىرىگە ھاڭ_تاڭ بولۇپ قارىشىپ قالدى.كېيىن تۇرۇمتاي كۈلۈمسىرەپ سورىدى:
Z^\On]0
_سىز كىم؟ئېتىڭىز نېمە؟
1T<3D/Sh
قىزمۇ كۈلۈمسىرەپ جاۋاپ بەردى:
uW-*+u#)E
_ئىسمىم كۈمۈش،مۇشۇ كەنتتىكى زېمىندارنىڭ قۇلى بولىمەن.
JE4, FU'
تۇرۇمتايمۇ ئۆزىنى تونۇشتۇردى.
8sc_3K8h
شۇندىن كېيىن تۇرۇمتاي بىلەن كۈمۈش ئاشۇ خاسىيەتلىك كۆل بويىدا پات_پات كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان بولدى ۋە توي قىلىشقا ۋەدىلەشتى.
FI9YVO1,
بىر كۈنى تۇرۇمتاي كۆل بويىغا كېلىپ كۈمۈشنى تاپالمىدى.ئۇ كەنىتكە كىرىپ كىشلەردىن كۈمۈش قىنى سورىدى.بىر دېھقان ئۇنىڭغا:
cieys3>&
_كۈمۈشنى تاشىبالىق (ھازىرىقى تاشمىلىق)نىڭ بېگى ياۋلاق سارىغ سېتىۋېلىپ ئېپكەتتى،_دەپ جاۋاپ بەردى.
*Oa%7F#
قاتتىق ھەسرەتلەنگەن تۇرۇمتاي ئازىق كەنىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇغداي شارابىنى بولۇشىغا ئىچىپ مەس بولدى چاكارلار بىلەن جېدەللەشتى،ھەتتا بىر تەمبەل قۇل بىلەن ياقا سىقىشىپ جېدەللەشتى، مەھمۇد قەشقەر ۋاڭ_چۇرۇڭنى ئاڭلاپ ئىشىك ئالدىغا چىقتى ۋە چەتتە تۇرغان خىزمەتكارلارغا بۇيرۇق قىلىدى:
psg0)Ugz
_ئۇنى سولاپ قويۇڭلار!ئەتە كەيپى يىشىلگەندىن كېيىن مېنىڭ يىنىمغا كىرسۇن.
e 5"L
ئەتىسى مەستلىكى يىشىلگەندە تۇرۇمتاي مەھمۇد قەشقەرنىڭ ئالدىغا كىرىپ تەزىم قىلىدى.
[?V *Cr.
_تۇرۇمتاي،_دېدى مەھمۇد،_نېمە گېپىڭ بولسا،ماڭا ئېيتساڭ بولمامدۇ،مېنىڭدىن رەنىجىگەن يىرىڭ بارمۇ؟
a?)`tR
_ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس،ھەزرىتىم،_دېدى تۇرۇمتاي ئۇنىڭغا تىك قارىيالماي،مەن باشقا گەپنى ...باشقا بىر قۇل توغىرسىدا ...
Petw v&t
تۇرۇمتاي گاھى ھاياجانلىنىپ،گاھى ئاھ ئۇرۇپ،ئۆزىنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسىنى باشتىن_ئاياغ سۆزلەپ بەردى.
rrA l5fR
_كۈمۈشنى تاشبالىقنىڭ بېگى تۈنۈگۈن سېتىۋېلىپ ئەكېتىپتۇ،_دېدى ئۇ ئاخىرىدا.
3*`&Yq1
_يۈر!_دېدى مەھمۇد،_ھازىرلا تاشبالىققا بارايلى.
_B<<_t
ياۋلاق سارىغ بەگ مەھمۇد قەشقەرىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتى ۋە توققۇز تەزىم قىلىپ،ئۇلارنى ئۆيگە باشلىدى.
B{6k.U}
_سىز تۈنۈگۈن كۈمۈش ئىسىملىك بىر قۇل قىزنى سېتىۋالغانمىدىڭىز؟_دەپ سورىدى مەھمۇد ياۋلاق سارىغىدىن.
jNb]w,l
_شۇنداق ھەزرەتلىرى...،_دەپ دۇدۇقلىدى ياۋلاق سارىغ.
-g\J'qK>t
_شۇ قىزنى بىزگە قايتۇرۇپ بەرگەيسىز،ئۇ قىزنىڭ نىكاھلىنىشقا پۈتۈشكەن يىگىتى بار،_دېدى.مەھمۇد ئىككى قۇلنى سېتىۋالغۇدەك ئالتۇننى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى.
yIZJ)W
ياۋلاغ سارىغ كۈمۈشنى باشلاپ كىردى.
&y _?'
_كۈمۈش!
!Vf[3]O b&
_تۇرۇمتاي!
HHTzb[Q
مەھمۇدنىڭ يىقىن بۇرادەرلىرىدىن نىزامىدىن ئىسراپىل توغان تېگىن ئۇنى يوقلاپ كەلدى.ئىككى دوسىت پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشتى.
_A &:MQ+
_ئاڭلىشىمچە،سەن سەپەرگە چىقماقچى بولۇۋېتىپسەنغۇ؟_دەپ سورىدى توغان تېگىن.
vjb[lUyG
_شۇنداق،_دېدى مەھمۇد_ئاتام قىرىق تۆگىلىك مال تەييارلاپ قويدى.<<بىر تەرەپتىن سودا قىلغاچ،يەنە بىر تەرەپتىن جايلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن بىر كۆرۈپ كەل>>دەيدۇ.مەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،تۈركىي قەبىلىلەر ياشايدىغان ھەممە يۇرتلارنى ئايلىنىپ چىقماقچىمەن.ھەر قايسى قەبىلىلەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقماقچى بولۇۋاتىمەن.
Uru qESgcy
_سەپەرگە قاچان چىقماقچىسەن؟
a5S6lzw}
_تەڭرى بۇيرۇسا،نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپلا ماڭا دەيمەن.
ooc-\K6(*
نورۇز بايرىمى يىتىپ كەلدى.ئەر_ئايال،قېرى_ياش،ھەر ساھە،ھەر كەسىپ كىشلىرى نوروز بۇلاق تۆپىلىكىگە يىغىلىدى.تۈرلۈك ئويۇن_تاماشىلار قىزىپ كەتتى.سايىۋانلىك كەڭرى سۇپا ئۈستىدە مەھمۇد قەشقەر ۋە ئۇنىڭ يىقىنلىرى ئولتۇراتتى.
eThKLJzHS
ساماغا چۈشۈپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كىشلەر توپى ئىچىدىن دوغىلاق كەلگەن بىر كىشى چىقىپ،سۇپا ئالدىغا كەلدى_دە،تەزىم قىلىدى.
) J wA9
_قۇت بولسۇن،مەھمۇد قەشقەرى ھەزرەتلىرى،_دېدى ئۇ،_سىلىنىڭ ئاددىللىقلىرىنى مەن ياۋلاق سارغىنىڭ ھويلىسدا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنىدىم،مەن ئەسلى كارۋانچى،ئۆزلىرىنى سەپەرگە چىقماقچى دەپ ئاڭلىدىم،مېنى كارۋان بېشى قىلىپ ياللىۋالسىلا،سىلىنى رازى قىلىمەن.
R&1N e: $
مەھمۇد رازىلىق بىلدۈردى.
@JwJu`
نورۇز بايرىمىدىن كېيىنكى قۇياشلىق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەھمۇد قەشقەرى سەپەرگە ئاتلاندى.قىرىق تۆگە ۋە ئەللىك نەپەر قوراللىق چەۋەندازلاردىن تەركىب تاپقان كارۋان كۇچا يولىغا چۈشۈپ ئىلگىرىلىدى.
LFZ;#swI
كارۋان يول بويى ئۇچىرىغان كەنىتلەردە بىر_ئىككى كۈندىن توختاپ ئۆتكەچكە،ئىلگىرىلەش سۈرئىتى ئاستا ئىدى.مەھمۇد قەشقەرى سەپەر بىلەن تىل تەكشۈرۈش ئىشىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى.ئۇ ھەر قايسى جايلاردا توختىغاندا ئاھالىلەرنىڭ تىلىدىكى شېۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى سېلىشتۇراتتى.يەر_جاي ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى ھېكايەتلەرنى ئاڭلايتتى،ئۇرۇق_قەبىلىلەر تارىخىنى سۈرۈشتۈرەتتى ۋە بۇلارنى تەپسىلىي خاتىرىلەيتتى.
WHd.~@o{'
ئۇچ(ئۈچتۈرپان)شەھىرىگە كەلگەندە كارۋان دەم ئېلىشقا توختىدى.كەچكە يىقىن مەزگىلىدە مەھمۇد بىلەن تۇرۇمتاي كارۋان سارىينىڭ ئىچكىرىكى بۆلۈمىسىدە ئولتۇراتتى.ھويلىدا قالۇننىڭ مۇڭلۇق ساداسىغا قوشۇلۇپ بىر ئەر كىشى ئاھاڭغا سېلىنغان بىر قەھرىمانلىق داستانىنى ئېيتىۋاتاتتى.مەھمۇد بىلەن تۇرۇمتاي ھويلىغا چىقتى.شاخلىق چىنار تۈۋىدە كارۋان بېشى ئولتۇرۇپ،ئۆزى قالۇق چېلىپ ناخشا ئېيتماقتا ئىدى.نۆكەرلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ ئولتۇراتتى.مەھمۇد بۇ داستاننى باشقا غەزەلخانلاردىنمۇ ئاڭلىغان،لېكىن ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرى بۇنداق تولۇق ئەمەس ئىدى.
~SM:4"W
ئەتىسى مەھمۇد كارۋان بېشىنى ياتىقىغا چاقىرتىپ،داستاننىڭ ئۆزى بىلمەيدىغان قىسىملىرىنى تولۇقلاپ يىزىۋالدى.
Ive9)"#x
كارۋان كۇچاغا كەلدى.ئەتىسى مەھمۇد كارۋان بېشى ۋە تۇرۇمتاي بىلەن پىيادە يۈرۈپ شەھەر كوچىلىرىنى تاماشا قىلدى.بازار مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا قوپۇرۇلغان ئازادە سەھنىدە بىر توپ سەنئەتچىلەر مەشھۇر كۈسەن ئۇسسۇلىنى ئورۇندىماقتا ئىدى.
hVQe. B
تاماشبىنلار زوقلىنىپ سەنئەتچىلەرنى ماختىشاتتى،ساز ۋە ئۇسسۇل ئەۋجىگە چىققان پەيىتلەردە ئۈزلۈكسىز ئالقىش ياڭرىتىپ تۇراتتى.
9'Ph'Gt5
ئويۇن تاماملانغاندىن كېيىن سازەندە يىگىتلەردىن ئىككىسى مىس تاۋاقلارنى كۆتۈرۈپ،تاماشىنىبلارنى ئارىلاپ چىقتى.كىشلەر تاۋاقلارغا تەڭگىلەرنى تاشلايتتى.
tUHS!8:%=
_ئاپىرىن!ئاللا ئۆمرۈڭنى ئۇزۇن قىلسۇن!_دېدى مەھمۇد ئۆزىنىڭ ئالدىغا كەلگەن يىگىتىكە ۋە تاۋاققا بىر قاپچۇق تىللانى تۆكتى.
A@:SQ.b
كارۋان يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ سۈلمى (ھازىرىقى قارا شەھەر ناھىيىسى ئەتراپى)شەھىرىگە يىتىپ كەلدى.بۇ يەردە پاشا كۆپ بولغانلىقتىن كەچ كىرگەندە خىزمەتكارلار ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا گۈلخان يىقىپ،چۆرىدەپ ئولتۇرۇشتى.مەھمۇدمۇ ئۇلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
Y{5cTN$ROF
_ھەزرىتىم،سۈلمى توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرسىڭىز ئىكەن،_دېدى تۇرۇمتاي مەھمۇدقا قاراپ.
U[\K]9X
_ئىسكەندەر زۇلقەرنەين،_دېدى مەھمۇد ئېغىز ئېچىپ،ئۇيغۇر يىرىگە تاجاۋۇز قىلىپ،ئالتۇنقان دېگەن يەردە مەغلۇپ بولدى.شۇندىن كېيىن زۇلقەرنەين ئۇرۇشنى توختىتىپ،مۇشۇ سۈلمى شەھىرىنى سالدۇردى.كېيىن تاجاۋۇزچىلار كەتكەندىن تارتىپ ھازىرغىچە بۇ شەھەردە ئۇيغۇرلار ياشاپ كېلىۋاتىدۇ.
>!E@,)R
ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە مەھمۇد قەشقەرنىڭ كارۋىنى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاستانىسى قوچۇ شەھىرىگە كىرىپ كەلدى ۋە بۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدى.
#r<7!_~3n;
بىر كۈنى مەھمۇد بىر كىتابپۇرۇشلۇق دۇكىنىغا كىردى.كىتابپۇرۇش بوۋاي مەھمۇدقا تەكچىلەرگە تىزىلغان كىتابلارنى تونۇشتۇردى:
)o: Vhqn
_بۇ <<مايتىرى سىمىت>>،مانا بۇ<<ئالتۇن يارۇق>>،<<شۈەنجۇاڭنىڭ تەرجىمھالى>>،مانا بۇ خەنزۇچە_ئۇيغۇرچە لۇغەت...
*[Fr~t2[
مەھمۇد بىرمۇنچە كىتابلارنى تاللاپ سېتىۋالدى ۋە ئۆزى بىلەن كەلگەن خىزمەتكارلارغا كۆتۈرگۈزۈپ،كىتابپۇرۇش بىلەن خوشلاشتى.
&)[W{)82
ئارىدىن ئون كۈن ئۆتكەندە ھېلىقى كىتابپۇرۇش بوۋاي مەھمۇدنى مېھمانغا تەكلىپ قىلىپ كەلدى.
~9hnLre]{
كىتابپۇرۇشنىڭ ئۆيىدە بىر پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى ۋە ئۇنىڭ ئىككى سابىق شاگىرتى ئولتۇرۇشقانىدى.مەھمۇد ئۇلار بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ كەتتى.
5>y:kfId-
_قاراخانىيلار خەلقى مۇسۇلمان،ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغاچقا،قەشقەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر قوچۇنى تولۇق چۈشەنمەيدۇ،_دېدى مەھمۇد،_بۇندىن كېيىن بېرىش_كېلىشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ،چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش زۆرۈر.
GK2fu,_
_ھەزرەتلىرى دانا گەپ قىلدى،_دېدى ئوقۇتقۇچى،_ھازىر دىنىمىز ئوخشىمايدىغان بولۇپ قالدى.لېكىن تېگى_تەكتىدىن ئېيتقاندا،بىز بىر ئۇرۇقتىن تۆرەلگەن قېرىنداشلار ئەمەسمۇ.
63qB4\
مەھمۇد قەشقەرى ئىلى دەرياسى بويىدىكى مىڭلاق شەھىرىگە يىتىپ كەلدى.
@^D9t->
مىڭلاق ھاكىمى دەريا بويىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ،مەھمۇدنى كۈتۈۋالدى.مېھمانلارنىڭ تەلىپى بويىچە مەھمۇد تۈركىي تىل ئالاھىدىلىكىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى:
X|uoFE5
_بارلىق تۈركىي قەبىلىلەر ئۇيغۇر،ئوغۇز،قىپچاقتىن ئىبارەت ئۈچ تۈركۈمگە ئايرىلىدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ساپ تۈركچە،قىرغىز،قىپچاق،ئوغۇز،توخسى،ياغما،چىگىل،ئۇغراق،چارۇق قابىلىلىرىمۇ ساپ تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدۇ.يەمەك ۋە باشقىرت تىللىرى ئۇلارغا يىقىن بۇلغار،سۇۋار،پەچەنەكلەرنىڭ(يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى 11_ئەسىردە بار بولغان تۈركىي قەبىلىلەر )تىللىرى سۆزلەرنىڭ ئاخىرى ئىخچاملاشتۇرۇلغان ئايرىم بىر خىل تۈركچىدۇر.
p)2!R7 {
مەھمۇد قەشقەرىنىڭ كارۋىنى پايانسىز قىپچاق دالاسىدا كېتىۋاتاتتى.گۇگۇم چۈشۈشكە باشلىغان پەيىتتە تۇيۇقسىز بىر توپ قاراقچىلار ھۇجۇم قىلىپ كەلدى.
VNw'do3
_قوغلاڭلار ،تۆگىلەرگە يىقىن كەلتۈرمەڭلار!_دەپ ۋاقىرىدى مەھمۇد ئات ئۈستىدە قىلىچنى يالىڭاچلاپ ۋە شەخسەن ئۆزى چېرىكلەرنى باشلاپ قاراقچىلارغا ئېتىلدى.
4KV&~zw
قاراقچىلار ئانچە_مۇنچە ئېلىشىپ بېقىپلا ئىشنىڭ چاتاقلىقىغا كۆزى يەتتى.ئۇلار بۇ كارۋان ئىگىلىرىنىڭ ئادەتتىكى سودىگەرلەر قېچىشقا يۈزلەندى.چېرىكلەر ئۇلارنى ئىلاجى بار يىراققا سۈرۋېتىش ئۈچۈن قوغلاپ كېتىۋەردى.
MC|)/
بىراق،شۇ ئارىدا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال كېلىپ چىقتى.كارۋانغا ئانچە يىراق بولمىغان يەردە بىر كىچىكىرەك تاغ بار ئىدى.قاراقچىلارنىڭ بىر بۆلۈك ئادەملىرى شۇ تاغنىڭ كەينىدە مۆكۈنۈپ تۇرغانىدى.ئۇلار تۇيۇقسىز تاغ كەينىدىن ئاتلىرىنى ئۇچقاندەك چاپتۇرۇپ چىقىپ،تۆگىلەرگە تېگىش قىلدى.تۆگىچىلەر ۋە بۇ يەردە قالغان ئاز ساندىكى چېرىكلەر ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەي قېچىشقا مەجبۇر بولدى.قاراقچىلار تۇشمۇ_تۇشتىن كېلىپ،تۆگىلەرنى تاغ كەينىگە ھەيدىگىلى تۇردى.
RdYoX5lY
مەھمۇد بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قالدى_دە،ئارقىغا بۇرۇلۇپ،ئېتىنى قۇيۇندەك چاپتۇرغان پېتى تۆگىلەرنى ھەيدەۋاتقان قاراقچىلارغا ئېتىلدى.تۇرۇمتايمڭ بىر توپ چېرىكلەرنى ئەگەشتۈرۈپ ئۈلگۈرۈپ كەلدى.بىر مەيدان قىسقا،لېكىن شىددەتلىك ئۇ_يىقىت باشلىنىپ كەتتى.قالايمىقانچىلىقتا مەھمۇد مىنگەن توروق ئاتنىڭ ئاق قاشقىسى ئۈستىدىن بىر قىلىچ ئۇرىۋالدى .ئەجەللىك يارىلانغان ئات چېپىپ كېتىۋاتقان تېزلىكى بىلەن يەرگە<<گۈپ>>قىلىپ يىقىلدى.مەھمۇد ئىگەردىن قاڭقىپ چىقىپ،قويۇق ئوت_چۆپ ئۆسكەن يۇمشاق تۇپراقتا دومىلاپ كەتتى.ئۇ ئوڭ مۈرىسىنىڭ قاتتىق ئاغىرىغانلىقىنى سەزدى.ئۇنىڭ مۈرىسىگە نەيزە سانجىلغانىدى.
( -a.o`S
شۇ ئەسنادا بوراندەك ئۇچۇپ كەلگەن تۇرۇمتاي جان_جەھلى بىلەن قىلىچىنى ئوڭ ۋە سولغا چېپىپ مەھمۇدنىڭ ئۈسىتگە باستۇرۇپ كېلىپ قالغان ئىككى قاراقچىنى جايلىۋەتتى ۋە ئىگەردىن سەكرەپ چۈشتى_دە،مەھمۇدنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ئۆزىنىڭ جەدە ئېتىغا مىندۈردى ۋە ئۆزىمۇ ئارقىسغا مىنگەشتى.ھورى بېسىلماي تىپىرلاپ تۇرغان ئات يۇلغۇنۇپ چاپقان پېتى ئۇلارنى يىراققا ئېلىپ قاچتى.قاراقچىلار تىرى_پىرەن بولۇپ،قاراڭغۇلۇققا چۆكۈشكە باشلىغان دالاغا تارقىلىپ غايىپ بولۇشتى.چاكار ۋە چېرىكلەر يەنە خېلى ئاۋارە بولۇپ ھەر ياقلارغا چېچىلىپ كەتكەن تۆگىلەرنى يىغىپ كېلىشتى.تۇرۇمتاي بىلەن كارۋان بېشى دورا تەييارلاپ مەھمۇدنىڭ جاراھىتىنى تاڭدى.
& ! C+mP
_ھەزرەتلىرى،ئىككى قاراقچىنى تىرىك تۇتۇۋالدۇق،_دەپ مەلۇمات بەردى قورۇقچىلاردىن بىرى.
Z">I`z JY
_ئەكېلىڭلار،_دېدى مەھمۇد كىگىز ئۈستىدە چازانى قۇرۇپ ئولتۇرۇپ.
"u3 5
تۆت چېرىك ئىككى قاراقچىنى يالاپ ئەكېلىپ تىزلاندۇرۇشتى.مەھمۇد غەزەپلىك چىراي بىلەن ئۇلارغا ھومىيىپ قارىدى.
+ u(j65Vz
_مۇشۇنداق ئاقىۋەتكە قېلىشىڭنى ئويلىمىغانمىدىڭ؟دېدى.ئۇ يىشى چوڭراق بولغان چاڭگا ساقاللىق قاراقچىغا_يىرتقۇچ ھايۋاندەك چۆللەردە قاتراپ گۇناھ قىلغۇچە ،ھالال ئەمگەك بىلەن كۈنۈڭنى ئالساڭ بولمامدۇ.خۇدادىن قورقمامسەن؟
;'[O{%P"?
چاڭگا ساقاللىق قاراقچى بولۇشىچە ۋاقىراپ ،مەھمۇدقا ھاقارەت ياغدۇرغىلى تۇردى.
LyP%jtp
_سەن مېنى گۇناھكار دەيسەن،ئۆزۈڭدە گۇناھ يوقمۇ_دەيتتى ئۇ.
Z)*EK
_ساڭا ئوخشاش بەگلەرنىڭ دەستىدىن كۈن ئالالماي قاراقچى بولدۇم،ئاچكۆز بەگلەر بىر_بىرى بىلەن سوقۇشۇپ ئەلگە تىنىچلىق بەرمىدى.بىزنىڭ بەگ مېنى چېرىكلىككە تۇتتى .باشقا بىر بەگنىڭ چېرىكلىرى بىلەن جەڭ قىلدۇق.بەگلەر ئۆزلىرىنىڭ نەپسى ئۈچۈن بىزنى ئادەم ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇرلىدى.ئاخىرى مەن قېچىپ كەتتىم،يىزامغا قايتىپ كەلسەم ،خوتۇن _بالىلىرىم يوق،بالىلىرىم مالىمانچىلىقتا ئۆلۈپ كېتىپتۇ،خوتۇنۇمنى قۇل قىلىپ سېتىۋېتىپتۇ.ئۇنى ھېچ يەردىن تاپالمىدىم ،ماڭا يەنە قايسى يول قالدى؟مانا ئىككى يىل بولدى،قاراقچىلىق قىلىۋاتىمەن،ساڭا ئوخشاش باي_بەگلەرنىڭ ئەدىپىنى بېرىۋاتىمەن.
XR&|Jm[4
_بۇ مەلئۇنلارنىڭ قۇرۇق گېپىنى ئاڭلاپ ئولتۇرماي،ئۇلارنى چېپىپ تاشلايلى دېدى بىر قورۇقچى.
D.$t)?
مەھمۇد تۇرۇمتاينىڭ يۆلىشى بىلەن ئاستا ئورنىدىن تۇردى.
Pyjy (\)(
_ئۇلارنى قويۇۋېتىڭلار،_دېدى ئۇ ھېچكىمگە قارىماي.
1!}!a)Yj]
قورۇقچىلار ھاڭ_تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قالدى،چاڭگا ساقاللىق پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ شۇئان سەكرەپ قوپتى_دە:
|WaWLA+K
_ئېتىمنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار!_دەپ ۋاقىرىدى.
}{*h^nG
_ئۇنىڭ ئېتىنى بېرىۋېتڭلار،_دېدى مەھمۇد.
{CB
يەنە بىر قاراقچىمۇ مەھمۇدقا يالۋۇردى.
gVa9kuekP
_مەنمۇ كەتسەم بولامدۇ؟بېگىم....
Mjx|hWW|]
_يوقال؟_دېدى مەھمۇد.
B C/Gln T
قاراقچىلار ئاتلىرىغا مىنىپ كەتتى.كارۋان ئېدىل دەرياسى (ھازىرىقى ۋولگا دەرياسى) بويىغا بېرىپ كەينىگە ياندى.مەھمۇد ئوپالغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇزۇندىن بېرى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن ئارزۇسى بويىچە ئىشقا كىرىشىپ كەتتى.ئۇ كۈندۈزلىرى ئوپال مەدىرىستە دەرس ئۆتسە،ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا توپلانغان قوليازمىلىرىنى رەتلەيتتى-تۈزىتەتتى.
&`\9l/#.
ئۇنىڭ رەپىقىسى چولپانئاي ئۇنىڭغا ياردەملەشتى.تەييار بولغان قوليازمىلارنى چىرايلىق خۇشخەت قىلىپ كۆچۈرەتتى،كۆچۈرۈلۈپ بولغانلىرىنى كۆن_مۇقاۋىغا ئېلىپ تۈپلەيتتى.
r/8@4lhk
_بۇ بىر چوڭ بايلىق، چولپان_دەيتتى مەھمۇد قوليازمىلىرىنى كۆرسىتىپ،_بۇلارنى ئىلىمىي ئۇسۇلدا رەتلەپ_يىزىپ چىقسام قامۇس خىلىدىكى كاتتا دىۋان بولۇپ چىقىدۇ.
rJ'{xu=}S9
'1vMw4V+
قانغا بويالغان ئوردا
2%3vl)ey
|^4*b"#{%*
قارا خانىيلارنىڭ خاقانى سۇلايمان ئارسىلانخان بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى مەھمۇد بۇغراخان (مەھمۇد قەشىقىرنىڭ بوۋىسى)ئوتتۇرىسدا ئۇرۇش باشلاندى.
Di?9aEw
مەھمۇد قەشقىرىگە ئۇزۇندىن بۇيان ئاداۋەت ساقلاپ كېلىۋاتقان ياۋلاق سارىخ بەگ پۇرسەت كەلدى دەپ بەش مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن ئوپالغا ھۇجۇم قىلدى.ئازىق قەلئەسىنىڭ قورۇقچىلىرى مىڭغا يەتمەيتتى.مەھمۇد قەشقىرى قەلئە مۇداپىئەسىگە شەخسەن ئۆزى قوماندانلىق قىلدى.چولپانئاي ئايال جەڭچىلەرگە،تۇرۇمتاي قوراللىق قۇللارغا رەھبەرلىك قىلىدى.شىددەتلىك جەڭ بولدى ،ھالبۇكى ،ئىككى تەرەپنىڭ كۈچ پەرقى چوڭ ئىدى.ئازىق قەلئەسىدىكىلەر باتۇرانە جەڭ قىلىغان بولسىمۇ ،ئامالسىز قېلىۋاتاتتى.ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلار كۆپەيدى.
GM?)>5k(:
مەھمۇد قەشقىرىنىڭ يىقىنلىرىدىن بىر قىسىم كىشلەر تەسلىم بولۇش پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشتى.
"W*.M(tU
_ياق _دېدى مەھمۇد_ھازىر قەشقەردە ھەسەن تېگىن (سۇلايمان ئارسىلانخاننىڭ چوڭ ئوغلى)ئىش باشقۇرۋاتىدۇ.ئۇ مەرىپەتپەرۋەرلىك ،بىلىملىك زات ،گۇناھسىز پۇقرالارنى باستۇرۇشتەك بۇنداق ياۋۇزلۇققا ئۇ يول قويمايدۇ.
AYhA,U3
دېگەندەك ،قاش قارايغان مەھەللىدە قەشقەر تەرەپتىن بىر توپ ئاتلىقلار چاڭ توزۇتۇپ چېپىپ كەلدى.
LjN[Z2;t
_ھەزرىتى ھەسەن تېگىنندىن پەرمان_دەپ ۋاقىرىدى ئۇلاردىن بىرى ئېتىدىن چۈشمەي تۇرۇپ.
F2BK|qKg
ياۋلاق سارىخ پەرمان يىزىلغان قەغەزنى ئېلىپ ئوقۇدى ۋە جىمىپ كەتتى،ئاخىرى تەخىت ۋارىسىنىڭ پەرمانىغا نائىلاج بويسۇنۇپ،روھىي چۈشكەن ھالدا ،قوشۇننى چېكىندۈرۈپ كەتتى.
t:7Mp .
ئارسلانخان قوشۇنى بىلەن بۇغراخان قوشۇنى ئوتتۇرىسدا جەڭ بولدى.مۇھەممەد بۇغراخان غەلىبە قىلدى.سۇلايمان ئارسلانخان يات ئىسىتىلاچىلار تەرىپىدىن ئەمەس ،بەلكى ئۆز قېرىندىشى تەرىپدىن ئەسىرگە ئېلىندى.،
v06eW/>(E
مۇھەممەد بۇغراخان تالاس ۋە ئىسپىجاپ قوشۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ يول بويىدىكى بەگ ۋە تارخانلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ ،مىلادىيە1057_يىلى سوغۇق شامال گۈركىرەپ تۇرغان كەچكۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە قاراخانىيلار سۇلالىسنىڭ ئاساسلىق ئاستانىسى بولغان قەشقەر شەھىرىگە غەلىبە تەنتەنىسى بىلەن كىرىپ كەلدى.ئۇ خانلىق تەختىنى قورال كۈچى بىلەن تارتىۋېلىپ ئۆزىنى<<بۈيۈك خاقان>>،_دەپ ئېلان قىلدى.
.i;8<
مۇھەممەد بۇغراخان ئالتۇن تەخىتتە ئولتۇرۇپ ۋەزىرلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىنى ئاڭلىماقتا ئىدى.غەزىنە ۋەزىرى تەخىت ئالدىغا كېلىپ تەزىم قىلىدى.
)h0; #
_شەۋكەتلىك بۇغراخان ئالىيلىرىغا مەلۇم بولغايكى ،ئوردا خەزىنىسىدىكى ئالتۇن_كۈمۈشلەرنى ھەسەن تېگىن خوتەنگە يۆتكەپ كېتىپتۇ.ئەمەلدرار بىلەن قوشۇنلارنىڭ تەمىناتىنى ھەل قىلىش تەس بولىۋاتىدۇ.كۆل ئېركىن ئۇنىۋانلىق ۋەزىرى مۇنداق دېدى:
%'Z1wDd[
_قوشنا ئەللەر سودىگەرلىرى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا ئىشنەلمەي بىز تەرەپكە مال چىقىرىشنى توختتىپ قويۇشۇپتۇ.
q_y\Vu
ۋەزىر بىردىن بىر كۆڭۈلسىز مەلۇماتلارنى يەتكۈزمەكتە ئىدى.بۇغراخاننىڭ بېشى ساڭگىلاپ كەتتى .مۇھەممەد بۇغراخان ئۆزىنىڭ كونا ئۈلپىتى ساچىيە مەدەررىسىنىڭ باش مۇدەررىسى ھۈسەيىن خەلىپنى چاقىرتتى.ھۈسەيىن خەلىپە كەلدى.بۇغراخان مەدەررىسنىڭ قولىنى ئىككى قولى بىلەن چىڭ قىسىىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۇنى ئايرىمخانىغا باشلاپ كىردى.
vR K::
ئۇلار گىلەم ئۈستىگە سېلىنغان تۆت قات كىمخاپ كۆرپىدە ئولتۇرۇشتى.
M[J]Dq9
بۇغراخان ھۈسەيىن خەلىپنى ئورىدىدا مەنسەپ تۇتۇشقا تەكلىپ قىلدى:
k^d#,Kl3
_ئىلتىپاتلىرىغا تەشەككۈر_دېدى مۇدەررىس لېكىن مەن قېرىدىم ،تەن ساقلىقىم ياخشى ئەمەس،ساراي ئىچىدىكى مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىشىم تەس.
\IYlv&S
بۇغراخان كونا ئۈلپىتىنىڭ ئۆزى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالىمىغانلىقىنى كۆرۈپ تېخىمۇ غېرىپلىق ھېس قىلدى.پەرىشانلىققا چۆمگەن بۇغراخان نەۋرىسى مەھمۇدنى كۆرۈش ئۈچۈن ئوپالغا كەلدى.
#a1
_مۇشۇ كۈنلەردە بىرەر مەنسەپنى ئۈستۈڭگە ئېلىپ _دېدى بۇغراخان بىلىمىڭ بىلەن غەيرىتىڭنى جارى قىلدۇرغان بولساڭ ماڭا تاغدەك يۆلەك بولاتتىڭ .بۇ ھەقتە نەچچە قېتىم ئېغىز ئاچقان بولساممۇ ئۇنىماي كېلىۋاتىسەن،مەھمۇد بوۋىسىنى رەنجىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن مۇمكىن قەدەر سلىق سۆزلەشكە تىرىشىتى.
T){L`|q
_بوۋا،سىز مېنى تەربىيلەپ ئۆستۈردىڭىز،ئۆمرۈم بويى خىزمىتىڭىزنى قىلساممۇ ئەجىرىڭىزنى ياندۇرالمايمەن،مەن ئۆزۈمنى ئىلمىي ئىشلارغا بېغىشلىدىم ،قوليازمىلىرىمنى رەتلەپ بىر دىۋان يىزىشقا تۇتۇش قىلدىم،مەنسەپ تۇتسام بۇ ئىشلىرىمغا تەسىر يىتىدۇ.
zI]
مەھمۇد بوۋىسىنى نورۇز بۇلاق تۆپىلىككىگە باشلاپ چىقتى .بۇ يەردە خېلى چوڭ بىر بىنا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.
?2kVCs&>5
_بۇ يىڭى سېلىنغان مەدەررس،_قىش كىرگۈچە كونا مەدررىستىكى تالىپلارنى مۇشۇ يەرگە يۆتكەپ كەلمەكچىمەن.
PG>d7X{
_كۆركەم ئىمارەت بولۇپتۇ،_دېدى بۇغراخان رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ.ياخشى لايىھىلىنىپتۇ.
P~vqE-iby
قۇرۇلۇشنىڭ چىقىمى ئۈچۈن سېلىق يىغىدىڭمۇ؟سورىدى بۇغراخان .
"X>;3},1
_ياق ،دەپ جاۋاپ بەردى مەھمۇد ئۆز يىنىمىدىن چىقاردىم.بۇغراخان يەنە بېشىنى ئىرغىتتى.
4f B 9D
ساۋابلىق ئىش قىپىسەن بالام
8Tc&C$o#C
ئۇلار مەدىرىسنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى.ئۇلار ئازىق قەلئەسىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،مەھمۇد بوۋىسىغا مۇنداق بىر ئىلتىماسنى ئېيتتى
'R+D*&%,
_<<بوۋا،تۇرۇمتاينى ھۆرلۈككە چىقارسام دەيمەن،مەن ئۇنى قۇلدەك ئەمەس،ئائىلىمىزنىڭ ئەزاسىدەكلا كۆرىمەن.كارۋان بىلەن يۇرت ئارىلىغان سەپىرىمىدە ئۇ قولۇمغا قول ،پۇتۇمغا پۇت بولدى،قىپچاق چۆلىدە قاراقچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىغاندا،ئۇ مېنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى.خان بوۋا،شۇ قۇلنى ھۆرلۈككە چىقىرىش ھەققىدە ھۈججەت يىزىپ بەرسىڭىز تەلىپىم ئىجازەت بولاتتى.
Z3 NJ}K\
بۇغراخان باشتا بۇ پىكىرگە ئانچە قوشۇلمىغان بولسىمۇ،كېيىن مەھمۇدنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن ماقۇل بولدى ۋە تۇرۇمتاينى قۇللۇقتىن ئازاد قىلىش ھەققىدە ھۈججەت يىزىپ بەردى.
abQ{Qw&
ھۈججەت يىزىلىپ بولغاندىن كېيىن بۇغراخان گەپنىڭ ماۋزۇسىنى باشقا تەرەپكە بۇرىدى.
yWpu#^(\!
_بولدى،بۇ گەپنى قويايلى،_دېدى ئۇ،_مەن ئاتاڭنى چاقىرتىپ بارىسغانغا يارلىق ئەۋەتتىم.خاقانلىق تەختىنى ئاتاڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچىمەن.مەن قېرىپتىمەن،بالام،قىيىنچىلىقلار كۈندىن _كۈنگە تاغدەك دۆۋلىنىپ كېتىۋاتىدۇ.مەن بەرداشلىق بېرەلىمىدىم.ئەمدى بۇ ئشلارنى ھۈسەيىن كېلىپ قولىغا ئالسۇن.ئۇ ساغلام ،ئىقتىدارلىق ئادەم.ئۇ مەن قىلالمىغان ئىشلارنى قىلالايدۇ.
w-q,1ru2
_ئاتام خاقان بولغاندىن كېيىن سىز قانداق قىلىسز؟_مەھمۇد ئېھتىيات بىلەن سوراپ باقتى.
': +@n
_مەن يەنە تالاسقا كېتىمەن،بۇ يەرنىڭ ماجراسىدىن جاق تويدۇم،_دېدى بۇغراخان.
cZ>8HeKDx
مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ چوڭ خانىشى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمىگەنىدى.ئۇ ئوغلى ھۈسەيىن تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن چاغدىلا ئالەمدىن ئۆتكەنىدى.ھازىر بۇغراخاننىڭ ئۆزىدىن كىچىك بولغان بىر خانىشى بار ئىدى.
I[ELwFt{W
بۇغراخان ئورۇنباسار خان بولغاندىن كېيىن بۇ خانىش <<ئۇلۇق ئالتۇن تارىم>>دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدىغان بولغانىدى.
RT)oh{0l;w
ئەنە شۇ ئۇلۇغ ئالتۇن تارىم ئاخىرقى كۈنلەردىن بېرى بۇغراخانغا ئارام بەرمەيدىغان بولۇپ قالغانىدى.ئۇ بۇغراخاننىڭ خاقانلىق تەختىنى ھۈسەيىنگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارارىنى ئۇققاندىن كېيىن خۇددى كۆكۈيۈن چاققان بايتالدەك تىپىرلاپ كەتتى.ھۈسەيىن ئۇلۇغ ئالتۇن تارىمغا ئۆگەي.ھالبۇكى،ئۇلۇغ ئالتۇن تارىمنىڭ ئىبىراھىم ئىسىملىك ئۆز ئوغلى بار ئىدى.
'2'$z_{jz
ئۇلۇغ ئالتۇن تارىم ئەنە شۇ ئوغلى ئىبىراھىمنى تەخىت ۋارىسى قىلىش كويىدا بارچە ئامالىنى ئىشقا سېلىپ،جىددىي ھەرىكەتلىنىشكە باشلىدى.
7/q:Or{
_ئىبىراھىم ئۆز ئوغلىڭىزمۇ ،_دەيتتى ئۇ بۇغراخانغا ،_ئۇنىڭمۇ ئىستىقبالىنى ئويلىسىڭىز بولمامدۇ.ھۈسەيىن سىزنىڭ دۆلىتىڭىزدە ئىلىك خان بولدى.لېكىن ئىبىراھىم ھازىرغىچە نام_ئاتاقسىز بوينىنى قىسىپ يۈرىدۇ.
%LHVd^?
بۇغراخان دەرغەزەپ بولۇپ،ئۇنىڭ كوتۇلداشلىرىنى بۆلۈۋەتتى:
o /&ESf
_تولا كاپشىما!بۇ سېنىڭ باش قاتۇرىدىغان ئىشىڭ ئەمەس،ھۈسەيىن بىلەن ئىبىراھىم بىرئاتىدىن بولغان قېرىنداشلار،ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مېنىڭ ئىشىم ھۈسەيىن خاقان بولىدۇ،ئىبىراھىم ۋەزىر بولۇپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىدۇ.
Z9#,uy
ئۇلۇغ ئالتۇن تارىم بۇغراخانغا يەنە بۇ ھەقتە سۆزلىسە دەككىسىنى يەيدىغانلىقىنى چۈشەندى.لېكىن ئۇ نىيىتىدىن يانمىدى.بۇغراخان ئوپالغا كەتكەن كۈنى بۇ تىنىم تاپمايدىغان خانىش ئوغلى ئىبىراھىمنى ھوزۇرىغا چاقىرتتى.ئىبىراھىم كىرىپ ئانىسىغا تزىم قىلدى.ئانا_بالا ئىككەيلەن بىر ئاز پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئۇلۇغ ئالتۇن تارىم مۇنداق دېدى:
`x:Ys^\
_ئىككى_ئۈچ كۈندىن كېيىن ھۈسەيىن كېلىدۇ،بۇنى ئويلاپ قويدۇڭمۇ؟
A_:i\ES
_ئاكام كەلسە كەلمەمدۇ،بۇنىڭ ئويلايدىغان نېمىسى بار؟_دېدى ئىبىراھىم.
lNXvK#m
ئالتۇن تارىمنىڭ ئىچى تىت_تىت بولۇپ كەتتى.
sS>v%`_
_يائاللا،ئىبىراھىم ،قاچانم ئەقلىڭنى تاپارسەن؟دېدى ئۇ ،_بولدى،چىق ،ئىشىڭنى قىل.
T'(MTLg}
ئىبىراھىم ھاپىلا_شاپىلا ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى.
2" c;T7x
قەھىرىتان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ھۈسەيىن قەدىناس خانىشى بۇبى رابىيە بىلەن قەشقەرگە يىتىپ كەلدى.ھۈسەيىن ئاتىسى بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپ،خۇش تەبەسسۇم بىلەن ئۆگەي ئانىسىغا تەزىم قىلدى.
2 z6 IB
_تىنىچ تۇرىدىڭىزمۇ ،ھۆرمەتلىك ئانا؟
N8X!1G
ئۇلۇغ تارىمنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتتى.شۇنداقتىمۇ ،ئۇ دەرھال چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتى.
P$w9fU YS
_خۇش كېلىپسىز...
Dg!i|PeU(
بۇبى رابىيە ئۇنىڭ ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىشقا تەمشەلدى،لېكىن ئۇلۇغ تارىم ئانىلاردەك ئىش قىلمىدى.ئۇنى قۇچاقلىمىدى،سۆيمىدى.
F?4 c6 /Z
ھۈسەيىن ئىبىراھىمنى قۇچاقلىدى.ئىبىراھىم ھودۇققاندەك بىر قىسما بولۇپ ھەرىكەت قىلمىدى،بىرنېمە دېيىشكە ئۆملىتىپ،ئاغىزىنى ئاچقان بولسىمۇ،زۇۋان چىقمىدى.
^Y-B?\1
ھۈسەيىن ئاتسى بىلەن سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئوغلى مەھمۇد قەشقەرىنى يىنىغا چاقىردى.
n5RG&mpQ
_ئەھۋال ئاتام ئويلىغاندىنمۇ مۇرەككەپ ئىكەن،_دېدى ھۈسەيىن ،_ئۇلۇغ ئالتۇن تارىمنىڭ تۇغقانلىرى ۋە بىر قىسىم قوماندانلار ئىسىيان كۆتۈرۈشنى قەستلەۋېتىپتۇ.سەن دەرھال ئاتلىنىپ چىقىپ،ئوپال بىلەن ئاتۇشنىڭ ئارىلىقىدىكى ئۇرۇق_ئايماقلارنى قوراللاندۇرۇپ،سەپەرۋەر قىل.ئاندىن ئاتۇشتىكى مۇنتىزىم قوشۇن بىلەن بىرلىشىپ،شۇ سۇيىقەستچى بەگلەرنىڭ يولىنى توسۇپ تۇر.ئەگەر ،ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا،ئىلاھىم،ئۇنداق كۈنلەرنى ھارام قىلسۇن،ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا بارسىغانغا كەتكىن.ئۇ يەرگە كۈيئوغلىمىز ئىنال تېگىننى ھاكىم قىلىپ قويدۇم.
x_}JRcny^
_ماقۇل،_دېدى مەھمۇد.
[ PW\{
مەھمۇد ئوپالغا قايتتى.ئۇ يول تەييارلىقىنى قىلىپ،قول ئاستىدىكلەرگە بۇيرۇق قىلىپ،ئۇياقتىن_بۇياققا ئالدىراش مېڭىپ يۈرگەندە ئۇشتۇمتۇت ئۆي ئىچىدىن باربىت ساداسى ئاڭلاندى.مەھمۇد ھەيران بولۇپ ئۆيگە كىردى.قارىسا،ئۇنىڭ رەپىقىسى چولپانئاي ھەسىرەتلىك قىياپەتتە ئولتۇرۇپ،بېرىلىپ باربىت چېلىۋاتاتتى.
42SV}2K
_نېمە بولدۇڭ؟_مەھمۇد مۇلايىملىق بىلەن سورىدى.
5`#>^\p9
_بولۇۋاتقان ئىشلارغا قاراپ ئىچىم سىقىلىپ كېتىۋاتىدۇ،_دېدى چولپانئاي،_بۇ ئىشلارنىڭ كەينىدىن قانداقتۇر شۇملۇق پۇراپ تۇرىدۇ،كۆڭلۈم سېزىۋاتىدۇ،خوجام ،ئۆزىڭىزگە پەخەس بولۇڭ....
7* i":(<
_ھېچ گەپ يوق،بىھۇدە غەم قىلمىغىن،_دېدى مەھمۇد ۋە چولپانئاينىڭ ئىككى قولىنى مەھكەم قىسىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
d6TcNRE
قەشقەر سارىيىدا ۋەزىرلەر ۋە قوماندانلار جەم بولدى.خاقان ئالمىشىدىغان يىغىن ئېچىلدى.مۇھەممەد بۇغراخان يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا نۇتۇق سۆزلەپ،ئاخىرىدا مۇنداق دېدى:
hpO9.9 ~$
_خاقانىيىنىڭ تاج ۋە تەختىنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن چوڭ ئوغلۇم ھۈسەيىنگە تاپشۇردۇم.بۈگۈندىن ئىتىبارەن ئوغلۇم ھۈسەيىن تەخىت ساھىبى بولسۇن.شەۋكەتلىك ۋەزىرلەر ،باھادىر قوماندانلار،ئەمدى ھۈسەيىن بۇغراخاننىڭ ئەمىرىنى ۋاجىپ دەپ بىلگەيسىلەر.
m9F $S3
ھۈسەيىن تەخىتكە ئولتۇردى.مۇراسىم ئىشتىراكچىلىرى تەخىتنىڭ ئالدىغا كېلىپ بەيئەت قىلدى:
`j:#~~W
_ھۈسەيىن بۇغراخانغا مۇبارەك بولغاي!
u< U`'j
ھۈسەيىن ئورنىدىن تۇردى ۋە ئەلنى ئادالەت بىلەن سورايدىغانلىقىن بىلدۈرۈپ،قۇرئان تۇتۇپ قەسەمىيات قىلىدى.
aN l2r
مۇراسىم ئاياغلاشقاندىن كديىن ھەممەيلەن زىياپەت ھازىرلانغان خانىغا كۆچۈپ،داستىخاننى چۆرىدەپ ئولتۇردى.بۇ چاغدا ياندىكى ئىشك قىيا ئېچىلىپ،ئۇلۇغ ئالتۇن تارىم كۆرۈندى .ئۇ ئىبىراھىمنى ئىشارەت بىلەن يىنىغا چاقىرىۋالدى.
q;Ip!+&
_ئەمدى ئۇ ئۆيگە چىقما ،_دېدى ئالتۇن تارىم،_غەيرەتلىك بول،ئىبىراھىم.ھازىر سەن خاقان بولىسەن.
Z FT#o\.6`
شۇ گەپ بىلەن ئۇ قوينىدىن بىر كىچىك قۇتىنى چىقاردى ۋە شىرە ئۈستىدىكى شەربەت قويۇلغان چىنىلەرگە قانداقتۇر سۇيۇقلۇقنى ئاز_ئازدىن قۇيدى.
N+2{n@XBU
_ياق،ئۇنداق قىلماڭ،جېنىم ئانا!_دەپ ۋاقىراپ تاشلىدى قورقۇپ كەتكەن ئىبىراھىم.
p2o Kw5@_J
ئانىسى ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى.ئۇنىڭ ئىشارىتى بىلەن ئىككى قۇل چىنىلەرنى ئىككى لېگەنگە بۆلۈپ تىزدى_دە،زىياپەت سورۇنىغا ئاچىقىپ كەتتى.
wtL8KQ1~
زىياپەت سورۇنىدىكىلەر ئانار شەربىتى قۇيۇلغان چىنىلەرنى ئېلىشىتى ۋە پاراڭ بىلەن ئولتۇرۇپ ئىچىشتى.ئۇشتۇمتۇت مۇھەممەد بۇغراخان ئىككى قولى بىلەن مەيدىسىنى چىڭ بېسىۋېلىپ ئاغىزىنى يوغان ئاچتى_دە،بىر يانغا قىيسىيىپ يىقىلغىنىچە يىتىپ قالدى.ھۈسەيىن ئورنىدىن ئىرغىپ تۇردى ۋە نېمىنىدۇر تۇتماقچى بولغاندەك بىر قولىنى ئالدىغا سوزۇپ:
M9&*A.6
_زەھەر_...دەپ خىرقىرغان ئاۋازدا ۋاقىرىدى ۋە شۇئان داستىخان ئۈستىگە <<گۈپ>>قىلىپ يىقىلىدى.
gb:0D_^KMn
داستىخان ئەتىراپىدا ئولتۇرغانلاردىن يەنە بىر نەچچە كىسىمۇ ئىلگىرى_كېيىن بولۇپ ھەر يانغا يىقىلىشتى.
h&{!OcH
خانىش ياندىكى خانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان نۆكەرلەر قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ،پاجىئە يۈز بەرگەن سورۇنغا ئېتىلىپ كىردى.
xQ7WmvF
ساراي ئىچىدە ئىسيانچىلارنىڭ چېرىكلىرى توشۇپ كەتتى.مۇھەممەد بۇغراخانغا سادىق بولغان نۆكەرلەرنىڭ قارشلىقى ئاسانلا باستۇرۇلدى.
I.u;&DH
خانىش ئۇلۇغ ئالتۇن تارىم قورقۇپ،تېڭىرقاپ قالغان ئىبىراھىمنى قولىدىن تارتىپ سۆرەشتۈرگەن ھالدا تەخىت سۇپىسىغا چىقتى.ئۇ بۇيەردە توپلانغان ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا گوياكى دوزاخ ئوتىنى چېچىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن بىر قۇر قاراپ چىقتى. ئاندىن ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ۋە قورقۇنچلۇق ئاۋازى بىلەن ئېلان قىلدى:
`oM|M8yp7
_ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن ھازىرىدىن باشلاپ ئوغلۇم ئىبىراھىم خاقان بولدى!ئەمدى ئۇ ئىبراھىم بۇغرقاراخان دېگەن ئاتاق بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ.
FQ9*mT7@
ئىبىراھىم تەخىتكە ئولتۇردى.ئىسىيانكارلار تەزىم قىلىپ،ئۇنىڭغا ئىتائەت بىلدۈردى.
_`}2,aK
پاجىئە يۈز بەرگەندە ھۈسەيىنىنىڭ خانىشى بۇبى رابىيە ئالتۇن تارىم ئاياللار ئۈچۈن ھازىرلانغان ئايرىم خانىدا ئىدى.ئۇشتۇمتۇت ،بارىسىغاندىن ئۇلار بىلەن بىللە كەلگەن بىر تارخان (بىر خىل ھەربىي ئۇنۋان)بىر توپ چېرىكلەر بىلەن يۈگۈرۈپ كىردى_دە:
-G]ul0
_تېز بولۇڭ،ئالتۇن تارىم ئىسىيان!_دەپ ۋاقىرىدى ۋە بۇبى رابىيە ئېسىنى يىغىۋالغۇچە ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ تاشقىرىغا ئاچقىتى.زىياپەتتىكى ئاياللار قورقۇپ كەتكەنلىكتىن قالايمىقان چىرقىراپ ئۆينى باشلىرىغا كېيىشىتى.بارسىغانلىق نۆكەرلەر بۇبى رابىيەنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ ،ئىسىيانچى چېرىكلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن چىكىندۈرگەچ ئوردا دەرۋازىسىدىن سىرتقا چىقتى.
?ztq3$G
ئۇلار ئودىدىن چىقىپ بىر ھازا يول يۈرگەندىن كېيىن نىزامىدىن ئىسىراپىل توغان تېگىن باشچىلىقىدىكى قوشۇن بىلەن ئۇچراشتى.
Y(R>.zi
بۇبى رابىيەھېلىقى تارخاننىڭ يارىدىمىدە ئاتتىن چۈشتى ۋەتوغان تېگىنگە ئېسىلىپ،<<مەھمۇد بالامنىڭ جان دوستى سەن>>دەپ يىغلاپ كەتتى.
W`Zn iWP?
_ئەلھۈكمىلىلا،ئالتۇن تارىم،_دېدى توغان تېگىن ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ،_ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلمەكلىك يوق.ئەمدى تىرىكلەرنىڭ غېمىنى قىلايلى،سىلەر دەرھال مۇق يولى ئارقىلىق كۆكئارت تاغلىرىدىن ئۆتۈپ بارسىغانغا كېتىڭلار.
A6Sg)Zgi
_مەھمۇدچۇ؟سىزچۇ؟
zGUZ&Bq
_مەھمۇدقا خەۋەر يوللىدىم،_دېدى توغان تېگىن ،_ئۇمۇ ئاتۇشتىن ئوپالغا كېلىپ،مۇق يولغا چىقىدۇ.مەن قوشۇنۇم بىلەن ئىسىيانچىلارنى توسۇپ تۇرىمەن.
E:Yypq\
نامەلۇم بىر ئاتلىق قوشۇن ئازىق قەلئەسىنىڭ ئالدىغا كەلدى.ئۇلارنىڭ ئۈچ ۋەكىلى قەلئە ئىچىگە كىرىپ تۇرۇمتايغا:
?\/A9r9v
_ئوردا قانغا بويالدى،بۇغراخان بىلەن ھۈسەيىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى.ئەمدى مەھمۇد قەشقەرىنى قۇتۇلدۇرۇش كېرەك.تېز بولۇڭلار!بىزنى مەھمۇد قەشقەرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈڭلار،_دېدى.
\0rv\c_
_راسىت گەپ قىل!
T\)8=~
_راسىت...
%G~ o%;
شۇنىڭ بىلەن ،ئۇ ئۈچ ۋەكىل ئارتۇق گەپ قىلماستىن،ئارقىسىغا بۇرۇلۇشتى_دە،ئالدىراپ چىقىپ كېتىشتى.نامەلۇم قوشۇن ئاتۇش يولىغا چۈشۈپ،ئاتلىرىنى بولۇشىغا چاپتۇرغان پېتى ئۇزاپ كەتتى.
1<# edH
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي شۇ قوشۇن كەتكەن تەرەپتىن بىر ئادەم ئېتىنى چاپتۇرۇپ ئازىق قەلئەسىگە كىردى_دە ،تۇرۇمتايغا ئالدىراپ سۆزلەپ كەتتى:
+}<EdUD
_مەن كارۋان بېشى،ئەھۋال چاتاق.بۇ يۋلاق سارىغنىڭ قوشۇنى ،مەھمۇد قەشقەرىنى تۇتۇش ئۈچۈن ئاتۇشقا كېتىۋاتىدۇ.مەنمۇ شۇ قوشۇندا ئىدىم،مېنى مەجبۇرىي چېرىكلىككە تۇتقانىدى.ئوغرىلىقچە ئۇلاردىن ئايرىلىپ قېچىپ كەلدىم.
ft> Ic
تۇرۇمتاي خۇددى جېنى چىقىپ كېتىۋاتقاندەك بولۇپ،ئىككى مۇشتى بىلەن ئۆزىنىڭ بېشىغا قاتتىق ئۇردى.چىرايىدا قان قالمىدى.
s]4nHE
_يۈر،_دېدى ئۇ كارۋان بېشىنىڭ بىلىكىدىن تارتىپ ،_بۇ گەپلەرنى چولپانئاي ئالتۇن تارىمغا ئېيتمىساق بولمايدۇ.
X ]^am2t]
چولپانئاي كارۋان بېشىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئورنىدىن دەس تۇردى.
K ]7saX
_ماڭايلى!_دەپ خىتاپ قىلىدى ئۇ ،_تۇرۇمتاي بارلىق چېرىكلەرنى،قۇللارنى قورال تۇتالايدىغانلىكى ئادەمنىڭ ھەممىسىنى يىغ،ئاتلىنايلى.ياۋلاغ سارىغنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يىتىش كېرەك .ئۇلارنىڭ ھىيلىسىگە يول قويمايلى.مەھمۇدنى ئەمدى پەقەت بىزلا قۇتۇلدۇرالىشىمىز مۇمكىن.
I, .;tv\Z
ئۇ بۇلغۇن تېرسىدىن تىكىلگەن كالتە جۇۋسىنى كىيىپ،بېلىگە قىلىچ ئاستى.
MRv yS::(
شۇنداق قىلىپ،ئوپال چېرىكلىرىگە چولپانئاي ئالتۇن تارىم ئۆزى قوماندانلىق بولۇپ،سەپ ئالدىغا ئۆتتى.ئۇلار كارۋان بېشىنىڭ يول باشلىشى بىلەن قار باسقان دالىدا شىددەتلىك ئىلگىرىلىدى.
^BWj/Ty'
يىراقتا ياۋلاق سارىغىنى قوشۇنى كۆرۈندى.چولپانئاي قىلىچنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ ،بولۇشىغا قويۇۋەتتى.
> iW.W S
_ئەي_ھەي!_دەپ ۋاقىرىدى ئۇ ياۋلاق سارىغ قوشۇنىغا يىقىنلاپ كەلگەندە ،_توختاڭلار!مەھمۇد قەشقەرى سىلەرنى چاقىرۋاتىدۇ!
y]yP!H
_ھوي!بۇ نېمە گەپ؟مەھمۇد قەشقەرى قېنى؟_دېدى ياۋلاغ سارىغ ئۇلارغا قاراپ.
1p6fL][ H
ئۇنىڭ ئاۋازى تېخى بېسىقماي تۇرۇپلا چولپانئاينىڭ قولىدىكى ئەگرى قىلچ كۆزنى يۇمۇپ_ئاچقۇچە ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرۇلدى.باش يېرىلدى،گۇناھكار تەندىن ئامانەت جان ئۇچۇپ چىقىپ كەتتى.
!r |2
ئوپال چېرىكلىرى قىلىچ،نەيزىلىرنى ئىشقا سالدى.چولپانئاي قىلىچۋازلىق بابىدىكى ماھارىتىنى راسا ۋايىغا يەتكۈزۈپ نامايەن قىلىدى.قالايمىقان گىرەلىشىپ كەتكەن كىشلەرنىڭ ئارىسىدىن بىر چاڭگا ساقاللىق ياۋ چېرىكى چىقىپ كېلىپ،چولپانئاينىڭ كۆكسىگە نەيزە ئۇردى.چولپانئاي ئىگەردىن سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتتى.
ئانچە يىراق بولمىغان جايدا دۈشمەننىڭ ئەدىپىنى بېرىۋاتقان تۇرۇمتاي بۇنى كۆرۈپ،ئېتىدىن سەكرەپ چۈشتى_دە،قىمىر قىلماستىن ياتقان چولپانئاينى كۆتۈرۈپ جەڭگاھتىن ئاچىقتى.
'5 T#1p?k
شۇ ئەسنادا بۇ قىسىقىغىنا جەڭمۇ ئاياغلاشتى.سەركەردىسىدىن ئايرىلغان ياۋ قوشۇنى تەرەپ_تەرەپكە پىتىراپ تارقىلىپ كەتتى.تۇرۇمتاي چولپانئاينى ئات تۇياقلىرى تەگمىگەن ئاپئاق قارنىڭ ئۈستىگە ئاۋايلاپ ياتقۇزۇپ قويدى.
W]]-NWk
تۇرۇمتاي ئوال چېرىكلىرىنى باشلاپ تۈن نىسپىدىن ئاشقاندا ئاتۇشقا يىتىپ كەلدى ۋە بولۇپ ئۆتكەن پاجىئەنى مەھمۇد قەشقەرىگە ئۇقتۇردى.مەھمۇدنىڭ نەقەدەر غەيرەتلىك ،ئىرادىلىك ئەر ئىكەنلىكى كىشلەرنى ھەيرەتتە قالدۇردى.ئۇ بىركۈننىڭ ئىچىدىلا تۆپە_تۆپىلەپ بېشىغا چۈشكەن كۆتۈرگۈسىز دەرد_ھەسىرەتتىن كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ ،سەنتۈرلۈپ كەتتى،يىقىلىپ چۈشمەسلىك ئۈچۈن تۇرۇمتاينىڭ يەلكىسىنى تۇتۇۋالدى.ئاغزىدىن ئەمەس،يۈرەك باغرىدىن يىغلىغانغا ئوخشاش بوغۇق سادا چىقتى.لېكىن ئۇ يىغلىمىدى.ھايال ئۆتمەي ئېسىنى يىغىۋالدى.ئايەت ئوقۇپ،دۇئا قىلدى.ئاندىن تامامەن ئۆزگىرىپ كەتكەن،ئىنسان قەلبىنى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان ئاۋازدا بۇيرۇق بەردى:
LrOc V-
_چېرىكلەر تۇرغۇزۇلسۇن!ئاتلىنايلى!
Q)2-.bpe
مەھمۇد ئازىق قەلئەسىگە قايتىپ كېلىپ،دەرھال ئۆزىنىڭ كۈتۈپخانىسىغا كىردى ۋە قول يازمىلىرى سېلىنغان ساندۇقنىڭ ئاغزى ئوچۇق تۇرغانلىقىنى،قول يازمىلارنىڭ يوقالغانلىقىنى كۆرۈپ تاتىرىپ كەتتى.بۇ چاغدا ئىككى تالىپ ئۇنىڭ ئۇستازى ھۈسەيىن خەلەپنى يۆلەپ كىرىپ كەلدى.
L0\Aw@8a
_قول يازمىلىرىڭنى بۇلاڭچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمىسۇن دەپ مەن ئەكەتكەنىدىم،_دېدى ئۇستازى ،_ئەمدى ئۆزۈڭگە قايتۇرۇپ بېرەي.
zbJ*(p[l
مەھمۇد يوغان قاپنى كۆتۈرۈپ بوسۇغىدا تۇرغان چاكارنى ئەمدىلا كۆردى.چاكار قاپنى مەھمۇدنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ قويدى.قاپقا ئۇنىڭ قول يازمىلىرى رەتلىك تىزىلىپ قاچىلانغانىدى.
S\h"yu4X
_ئەمدى تېزىرەك جابدۇنغىن بالام ،_دېدى ئۇستازى،_قازا قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى مەن ئورۇنلاشتۇرىمەن.
1oeC&se
مەھمۇد قول يازمىلار سېلىنغان قاپنى بىر ئاتقا تاڭدۇردى ۋە ئۆز ئادەملىرىنى باشلاپ مۇق يولىغا راۋان بولدى.ئۇ يول بويى ئانىسى بۇبى رابىيەنىڭ ئىز_دېرىكىنى قىلىپ ماڭدى.ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى بىر توپ ئاتلىقلارنىڭ مۇق يولى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىشىتى.يەنە بەزىلەر شۇ ئاتلىقلار ئىچىدە ياشانغان بىر ئايالنىمۇ كۆرگەنلىكىنى يادىغا ئېلىشتى.
!0Z fNq
مەھمۇد شۇ ئاتلىقلارغا يىتىشۋېلىش ئۈچۈن ئاتلىرىنى ئايىماي چاپتۇردى.ھېچكىم ئۇچىرىمىدى.لېكىن تاغ يوللىرىدا نۇرغۇن ئاتلىقلارنىڭ تۇياق ئىزلىرى كۆرۈنەتتى.شۇنىڭغا قاراپ،ئۇلارنى بۇ يەردىن ئۆتۈپ كەتتى دەپ قىياس قىلشقا بولاتتى.
#} os%r6
مەھمۇد ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تۇياق ئىزلىرىنى يىتتۈرۈپ قويماسلىققا تىرىشپ كېتىۋەردى.
)&*_49bJ
مەھمۇد بارىسىغان شەھىرىگە يىتىپ كەلدى.لېكىن ئۇنىڭ ئانىسى بۇبى رابىيە بۇ يەرگە كەلمىگەنىدى.كېيىن قەشقەردىن قېچىپ كەلگەنلەردىن مەلۇم بولدىكى، بۇبى رابىيە ۋە ئۇنى قوغدىغۇچىلار مۇق يولىدا كېتىۋاتقاندا ئىسىيانچىلار قوغلاپ كېلىپ،ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قەتل قىلغانىدى.
y$?b,6~#
مەھمۇد بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئېغىر كېسەل بولۇپ يىتىپ قالدى.ئۇنىڭ ھامما ئاچىسى بۇبى سەلىمە ۋە ئۇنىڭ ئېرى ،يەنى بارسىغان ھاكىمى ئىنال تېگىن ئۇنى ئۆز ئۆيىدە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ،ئۇستا تېۋىپلارنى چاقىرىپ داۋالاتتى.تۇرۇمتاي ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ،ئۇنىڭ يىنىدىن كەتمەي خىزمىتىنى قىلدى.ئىنال تېگىن بىلەن بۇبى سەلىمەمۇ ھەر كۈنى كېلىپ ئۇنى يوقلاپ تۇردى.
Ooii`
تىۋىپنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى نەتىجىسىدە مەھمۇد ئاستا_ئاستا ساقىيىپ قالدى.
|%P$Bn
مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ كىچىك ئوغلى ئىبىراھىم تەخىتكە چىقىپ ئۆز بەختىنى تاپمىدى.ھە دېسىلا ئاتىسى بىلەن ئاكىسى كۆز ئالدىغا كېلىۋالاتتى،ئۇنى قورقۇنچ باستى.
yulKGcP
ئۇلۇغ ئالتۇن تارىم ئۇنى يەنە قۇتراتقىلى تۇردى:
*_dYj@?h"
_ئەتراپىڭدا دۈشمەنلىرىڭ تولۇپ ياتىدۇ،ئىبىراھىم .
LBcP2~>.
_قايسى دۈشمەنلەر؟_سورىدى ئىبىراھىم.
j s%+ggJW
خۇن دەۋاسىنى قىلىدىغان مەھمۇدچۇ،ھەسەن تېگىنچۇ،ئۇلارنى يوقىتىشىڭ كېرەك!
r\6^-_^f
_ئۇلارنى...
P__/_r{UY
_شۇنداق،ئاۋۋال مەھمۇدنى يوقات.ئاندىن قەشقەر بىلەن بارىسىغان قوشۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇدۇنغا بارىسەن.
g#_hx
ئاخىرى،ئىبىراھىم زور قوشۇننى باشلاپ بارىسغان تەرەپكە ئاتلاندى.
fR>we;Eti:
ئىبىراھمنىڭ قوشۇنى بارسىغان شەھىرىنى قامال قىلدى.ئۇلارنىڭ ئۈچ ئەلچىسى ئاتلىرىنى يورغىلىتىپ،سېپىل دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى.
p^6qlmS
_ئەلچىگە ئۆلۈم يوق!_دەپ ۋاقىردى ئۇلاردىن بىرى،_ئىبىراھىم بۇغراخاننىڭ مەكتۇپىنى ئەكەلدۇق.ئىنال تېگىن بىلەن كۆرۈشىمىز.
I%CjpJNy>2
دەرۋازا ئېچىلدى،ئەلچىلەر كىردى،ئىنال تېگىن ئىبىراھىمنىڭ مەكتۈپىنى ئېلىپ ئوقىدى.ئاندىن مەكتۇپنى يىنىدا تۇرغان مەھمۇد قەشقەرىگە بەردى.<<ئىنال تېگىننىڭ ھاكىملىق مەرتىۋىسىگە دەخلى_تەرۇز يەتمەيدۇ...مەھمۇد قەشقەرىنى ئوردىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرسىلا ،ئىش تامام.>>
P47.{=}
ئىبىراھىمنىڭ ئاساسلىق دېمەكچى بولغىنى ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت ئىدى.
~`fO PQ
ئىنال تېگىن مەكتۇپنى مەھمۇدنىڭ قولىدىن ئېلىپ،تۆت پارچە قىلىپ يىرتىۋەتتى.ئاندىن شۇ يىرتىلىغان مەكتۇپنى ئەلچىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى.
x^ L`5@
_ئىبىراھىم ھايۋان ھەزرەتلىرىگە مېنىڭ بېرىدىغان جاۋابىم شۇ،_دېدى ئۇ چىرايىنى قىلچە ئۆزگەرتمەستىن تەمكىنلىك بىلەن.
~(4(
يىرتىلغان مەكتۇپنى قولىغا ئالغان ئەلچىنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتتى،لېكىن ئۈن_تىن چىقارماي ئېگىلدى.
t$c!Uo:\
ئۈچ ئەلچى سېپىل دەرۋازىسىدىن چىقىپ،يەنە ئاتلىرىغا مىنىشتى ۋە ئىبىراھىمنىڭ بارگاھىغا قايتىپ كەلدى.
#9 ;-]"
ئىبىراھىم قوراللىق قىسىملارنىڭ ئارقا تەرىپىدە قۇرۇلغان زەر گۈللۈك قىزىل كىمخاپ چېدىردا ئۆزىنىڭ ئەلچىلىرىنى كۈتۈپ ئولتۇرغانىدى.
o\ :sh-
ئىبىراھىم ئەلچىلەرنىڭ قولىدىن يىرتىلغان مەكتۇپنى ئالدى_دە،خۇددى چاپاننى تۇتىۋالغاندەك چۆرۈپ تاشلىدى ۋە سوئال نەزەرى بىلەن باش قوماندانغا قارىدى.
Q\>+DE%:
_ئەمدى قەلەمنى قويۇ]،ئەلەمنى ئىشقا سالايلى،_دېدى باش قوماندان.
7?B>uM>
ئۇلار سىرتقا چىقتى .قويۇق ئوت_چۆپ ئۆسۈپ كەتكەن دۆڭگە گىلەم سېلىندى.چۆرىسىگە مەشۇتتىن چۇچىلا تۇتۇلغان قىزىل كىمخاپ كۈنلۈك تىكلەندى.
m 1%Q
ئىبراھىم خاقانلىق ئىززىتىنىڭ سىموۋلى بولغان كۈنلۈكنىڭ تۈۋىگە كېلىپ ئولتۇردى.
$,'xh^,<
_ھۇجۇمنى باشلاڭلار،_دېدى ئۇ يىنىدىكى قوماندانلارغا قولى بىلەن سېپىلىنى كۆرسىتىپ،_ھۇجۇم!_دەپ ۋاقىرىدى باش قوماندان قىلىچىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ.
,AhB !(
پالاقمانچىلار سېپىلغا قارىتىپ تاش ياغدۇرۇشقا باشلىدى.ئاتلىق ۋە پىيادە قىسىملار ئالغا ئىلگىرىلىدى.
@SKjhi
بارسىغانلىقلار سېپىلنىڭ كەينىدە جەڭگە چۈشۈشنى قارار قىلدى.سېپىل دەرۋازلىرى كەڭ ئېچىۋېتلىدى.ئىنال تېگىننىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كەينىدىن پىيادە قوشۇنلىرى دالىغا چىقتى.
tn6$Px
مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئىچىگە پاتماي كەتكەن دەرد ۋە ھەسىرەتلىرى ،ئەمدى غەزەپ ۋە كۈچكە ئايلاندى.ئۇ بىر بۆلۈك ئاتلىق قوشۇننى باشلاپ سېپىل دەرۋازىسىدىن چىقتى ۋە قىلىچىنى يالىڭاچلاپ:
3${~sYr
_ئاللاھۇئەكبەر!_دەپ خىتاپ قىلدى_دە،ئېتىنى ئۇچقاندەك چاپتۇرۇپ ھۇجۇمغا ئۆتتى.
DJv$lK`
تۇرۇمتاي بىلەن ھېلىقى كارۋان بېشىمۇ ئۇنى ئىككى يىنىدىن قورۇقداپ ئات سالدى.
#SimGn=KU
ئىنال تېگىن ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ،جەڭ مەيدانىنى ئېنىق كۆزەتكىلى بولىدىغان ئېگىز تۆپىلىككە چىقتى ۋە شۇ يەردە تۇرۇپ،ھەر قايسى سەپلەردىكى قوشۇنلارنىڭ ھەرىكىتىگە قوماندانلىق قىلىشقا ھازىرىلاندى.
th'g23uBB7
ھالبۇكى،بۇ قېتىمقى جەڭدە بەخىت قۇشى كىمنىڭ بېشىغا قونىدىغانلىقى ناھايىتى تېزلا ئايان بولدى.ئىككى تەرەپنىڭ سەپلىرى توقۇنۇشماي تۇرۇپلا ئىبىراھىمنىڭ بىر نەچچە قوماندانلىرى ئۆز قوشۇنلىرىنى باشلاپ ئىنال تېگىن تەرەپكە قېچىپ ئۆتتى.