بىر مۈشۈكنىڭ خىزمەت ئىزدەش كەچۈرمىشى
Mt|SL2m~
ليۇ ۋەنلى
".}#TTpnV
مېنىڭ ئاتا- ئانام ھەرئىككىلسى يېزىدىكى بىر دېھقاننىڭ ئەرمەك ھايۋىنى بۇلۇپ ،مېنىڭ كېلىپ چىقىشىم تۆۋەنرەك .ئاتا-ئانام ماڭا كېچىكىمدىن قەيسەر بۇلۇشنى ،چوڭ بولغاندا مۈشۈكلەرنىڭ سەرخىلى بۇلۇشنى ئۆگىتەتتى . R3@ )t%
ئاشۇ يىلى ،مەن ھايۋاناتلار ئۇنۋىرسىتىتىغا ئۆتتۈم ،ئاتا-ئانام مەن ئۈچۈن خۇشال بۇلۇشتى. ئاتا- ئانامدىن ئايرىلغان كۇنى، بىز ئۆكسۈپ –ئۆكسۈپ يىغلاشتۇق ،ئەمىليەتتە بۇ خۇشھاللىق يىغىسى ئىدى،چۈنكى مېنىڭ كەلگۈسۈم قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن ئىدى. ]==1yPC@s{
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ،مەن ئۇنۋىرسىتىتىنى پۈتتۇردۈم ،ئەمما مەن يېزىغا قايتماي ،شەھەردە ئۆز كەسپىمنى قىلشىنى ئويلاشتىم . *To=Au
مەن گېزىتتىن بىر داڭلىق شىركەتنىڭ خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ئېلانىنى كۆردۈم، ئۇلار بىر نەچچە چاشقان تۇتۇش مۇتەخەسسىسى قۇبۇل قىلماقچى ئىكەن، ئايلىق مۇئاشى بەشمىڭ يۈەن، مەن خۇشال بۇلۇپ، گېزىتتىكى ئادرېس بۇيىچە ئىزدەپ باردىم . dwu,\Iu
مېنى كۈتۈۋالغىنى چىرايلىق بىر خانقىز بۇلۇپ ، ئۇماڭا :«دىپلۇمىڭىزنى كۆرۈپ باقاي »دىدى. IoBm!m26;
مەن ئىززەت – ئىكرام بىلەن دىپلۇمنى ئۇزاتتىم . iPF6x
خانقىز دىپلومنى ئېچىپ قاراپلا، بىر چەتكە تاشلاپ قۇيۇپ :«كەچۈرۈڭ، ئۇقۇش تارىخىڭىز ئۆلچىمىمىزگە توشمايدىكەن، بىز ئاسپىرانتتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىدىكلەرگە ئېھتىياجلىق، سىزنىڭ ئۇقۇش تارىخىڭىز ئالى تېخنىكوم ئىكەن »دىدى. ?\0c,0E
مەن جىددىيلەشتىم. «مەن گەرچە ئالى تېخنكوم ئۇقۇش تارىخىغا ئىگە بولساممۇ ،ئەمما ئۆگەنگىنىم چاشقان تۇتۇش كەسپى ،مەن كىچىكىمدىن چاشقان تۇتۇشنى بىلىمەن، چاشقان تۇتۇش –مېنىڭ ئارتۇقچىلىقىم » دىدىم . fK.O8C2R1
«كەچۈرۈڭ، كىيىنكىسى كىرىڭ »دىدى مېنى ئىتتىرىپ . @_^1n
نەچچە كۇندىن كىيىن ،تەكلىپ قىلىنىش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، ئىت ، توشقان، كالا قاتارلىقلارنىڭ تىزىملىكتە ئىسمى بار ئىدى ،چۇنكى ئۇلار ئاسپىرانت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تېخى كالا ۋەتەنگە قايىتقان مۇھاجىر دوكتۇر ئىدى. ITM.l`u
مەن ئاچچىقلانغان ھالدا قايىتتىم . Ad,D\M\Mu`
مەن ئۆزۈمنىڭ ئىقتىدارىمغا ئىشىنمەن، مەن چۇقۇم كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالايمەن . &d/B
توردا،بىر خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش ئېلانىنى كۆردۈم،ئىش ھەققى تۆۋەن بولسىمۇ، ئىقتىدارى بولسىلا، ئۇقۇش تارىخى بىلەن ھىسابلاشمايمىز دىگەن گېپى ماڭا بەك ياقتى .مەن ماتېرىيالىمىنى ئەۋەتىپ بەردىم ،ناھايىتى تىزلا جاۋاپقا ئېرىشىپ،ئەتىسى يۈز-تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشدىغان بولدۇم . *x5ES^E!
ئىككىنجى كۇنى، مەن ئىنچىكلىك بىلەن ياسىنىپ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا باردىم .بۇ قېتىم يۈز – تۇرانە ئىمتىھان ئالغىنى خۇجايىن بۇلۇپ،ئۇنىڭ دىيىشچە ئۇ تىجارەت قىلىدىغان بىر سودا سارايدا چاشقانلار ئىنتايىن كۆپ بۇلۇپ، ئۇلار دائىم تاۋارلارنى قىرقىپ بۇزۇپ يىمەكلىكلەرنى ئوغرلىقچە يەۋالدىكەن، شۇڭلاشقا بىر ئامانلىق خادىمىغا مۇھتاج ئىكەن، مەن ئۆزۈمنىڭ ئارتۇقچلىقىمنى ئېيتتىم، خۇجايىن نەقمەيداندا ئەتە ئىشقا چۈششىمنى قارار قىلدى. yRwEgn@ C
مەن ئالدى بىلەن سودا –ساراينىڭ ئومۇمى ئەھۋالى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقتىم، ئاندىن كيىن بىر يۈرۈش چاشقان تۇتۇش پىلانى تۈزۇپ چىقتىم . كۇندۇزى ئۇخلىدىم، كېچىسى ئىشلىدىم، مەن چاشقان كۆپ پەيدا بۇلىدىغان جايلارغا يەمچۈك قۇيۇپ ھىيلە ئىشلەتتىم، تۇنجى كۇنى مەن يىگىرمىدىن ئارتۇق چوڭ چاشقان تۇتتۇم . خۇجايىن خۇشال بولۇپ مېنى ماختىدى ھەمدە ماڭا بىر نەچچە بېلىق ئېنئام قىلىدى. مېنىڭ چاشقان تۇتۇش قىزغىنلىقىم شۇزامات يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بىر كۈن چاشقان تۇتمىسام پۈتۈن بەدىنىم قىچشىدىغان بولۇپ قالدى، مەن بىلەن چاشقان ئارسىىدا ئەشەددى چىقشالمايدىغان بىر ئۆچ – ئاداۋەت باردەك، ھەركۇنى نەچچە ئونلىغان چاشقانلارنى ئۆلتۈردۈم، چاشقانلار خۇددى ئوقيادىن ئۈركىگەن قۇشتەك، بىرەر شەپىنى ئاڭلىسلا، تەرەپ-تەرەپكە قېچىشاتتى . G=l WN"W
بىر ئايدىن كىيىن، چاشقانلار پۈتۈنلەي يۇقتىلدى. Wqi&7Lj
ھەركۇنى ئاۋۋالىقىدەكلا چارلايمەن، ئەمما تىپتىنىچ، بىرەرمۇ چاشقاننى بايقىمايمەن. چاشقان تۈگەپ، كۆڭلۈم بىرقىسما بولۇپ قالدى. :F7H0ZrF
ئۇزۇن ئۆتمەي، خۇجايىن مېنى ئىشخانسىغا چاقىرتىپ، مۇنداق دىدى:«سىز خىزمەتتەۋەزىپىڭىزنىڭ ھۆددىسدىن تولۇق چىقۋاتىسىز، بۇ ھەممەيلەنگە ئايان، مەن سىزگە تەشەككۈر بىلدۈرىمەن.» 6s6_
مەن :« خۇجايىننىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە رەھمەت، مەن بۇندىن كىين تېخىمۇ تىرشىمەن.»دىدىم . 8P?iTt!Q!
خۇجايىن كۈلۈپ قويغاندىن كىيىن، بىر خىل سۇنئى رەۋىشتە:«شىركىتىمىزگە قوشقان تۆھپىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن، ئەمما شىركىتىمىز ئەزەلدىن بىكار تەلەپلەرنى باقمايدۇ، ئەتىدىن باشلاپ ئىشقا كەلمىسڭىزمۇ بۇلىدۇ. »دىدى. h&!1/>_
خىزمەتتىكى تىرىشچانلىق، ئىشسىزلقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ قانداق زامان، مەن كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم، ھەتتا جېنىمدىنمۇ تويدۇم. b[3hamm
كۆڭلۈمدىكى تەنھالىقنى چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن، كوچا ئايلاندىم. مەن ئۇنېۋىرسىتتتىكى ساۋاقدىشىم لاۋماۋ بىلەن ئۇچىرشىپ قالدىم، لاۋماۋ ھەشەمەتلىك پىكاپ ھەيدىۋالغان بولۇپ، ئۇستى –بېشى داڭلىق ماركىلىق كيىم –كېچەكلەر، بېلىگە «داگىدا» قىستۇرۋالغان، بىر قاراپلا چوڭ خۇجايىن ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. مەن ئىختىيارسىز بۈگۈن بىلەن ئۆتمۈشنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغانلقىغا ئاھ ئۇردۇم. مەن ئچىمدىكى دەرتلىرىمنى ئۇنىڭغا ئېيتتىم، لاۋماۋ كۈلۈپ تۇرۇپ :«ھەممىنى ئۆزۈڭنىڭ ئىشنىڭ يولىنى بىلمىگەنلىكڭدىن كۆر، نمىدەپ چاشقانلارنىڭ ھەممىنى يۇقىتۋىتىسەن ؟بىر كۈندە بىرنى يۇقتىسەن، بىر كۆزۈڭنى ئېچىپ، بىر كۆزۈڭنى قىسۋالىسەن، بۇنداق بولغاندا ھەركۇنى ئالدىراش ئۆتىسەن، ئىشىڭمۇ تۈگىمەيدۇ، بۇنداق بولغاندا خۇجايىن ساڭا ئېنئام بېرىدۇ، سېنىڭ قىممىتىڭنى بىلىدۇ.......» مەن قاتتىق ھەيران قالدىم . QV"O d6*9
كىيىن، مەن بىر ئامانلىق ساقلايدىغان خىزمەت تاپتىم، ئاساسلىق ۋەزىپەم چاشقان تۇتۇش ئىدى. w4sri=V
تەكشۈرۈشۈمچە، بۇ زاۋۇتتا جەمئى سەكسەن چاشقان بار ئىكەن، ئەگەر بۇرۇنقى سۇرئىتىم بۇيىچە ھىسابلىغاندا، ئۇلار نەچچە كۇنگە پايلىمايتتى، ئەمما مەن ئالدىنقى قېتىملىق ئىشتىن ساۋاق ئېلىپ بىر كۇندە بىر چاشقان تۇتتۇم، ھەتتا بىر نەچچەكۇندە ئاران بىرنى تۇتتۇم، بەزىدە چاشقانلار مېنىڭ ئالدىمدا غادايغىنچە مېڭشىدۇ، مەنمۇ كۆرمىگەن قىياپەتكە كىرۋالىمەن. ئەگەر چىشى چاشقان تۇتۇۋالسام، ئۇنى قۇيۋىتىمەن ھەمدە تەھدىت سېلىپ :«بىر ئاي مۆھلەت ئىچىدە ماڭا ئون نەچچە چاشقان تۇغۇپ بېرىسەن، ئەگەر تۇغالمىساڭ، كىيىنكى قېتىم تۇتۇۋالسام، ئاياپ ئولتۇرمايمەن ! » دەيمەن، چىشى چاشقانلار ئەسەبىيلەرچە چاشقان تۇغىدۇ. Ceg-PRkd
مەن تۇتۇۋالغان چاشقانلارنى بىرمۇ- بىر خۇجايىن ئالدىغا تىزدىم، خۇجايىنىنىڭ گۇلقەقەلىرى ئېچلىپ كەتتى . [xD0|i
يىل ئاخىرىدا، خۇجايىن مېنى چوڭ يىغىندا تەقدىرلىدى، مەن «ئىلغار شەخس»، «چاشقان تۇتۇش ماھىرى»،بولۇپ باھالاندىم، خۇجايىن مېنى چوڭ يىغىندا سۆز قلىشقا تەكلىپ قلىدى، مەن قوللىرىمنى شىلتىپ تۇرۇپ : «داۋاملىق ئىلگىرلەپ ، كېلەر يىلى تېخمىۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرىمەن، ئوغرى چاشقانلارنى، بىرەر شەپنى ئاڭلىسلا يۈرىكىنىڭ قېپىنى چىقىپ كىتىدىغان قلىۋىتىپ ...... »دىدىم .سەھنە ئاستىدا گۇلداراس سادالىرى ياڭراپ كەتتى . lMh0R|ei
ئابلەت مۇھەممەت«فىليەتونلاردىن تاللانمىلار » ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىللىق 5-سانىدىن تەرجىمە قلىدى